ئەدەبىي ئاخبارات(نۇربىيە ياسىن)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-02 09:09:39

ئەدەبىي ئاخباراتنۇربىيە ياسىنئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى دەۋرنىڭ، مىللەتنىڭ ئۈمىدى. بىزنىڭ زىممىمىزدە ناھايىتى ئېغىر يۈك بار، لېكىن بۇ نۇقتىنى تولۇق چۈشىنىپ يېتەلمىگەنلەرمۇ يوق ئەمەس. ئۇلار ي...

    ئەدەبىي ئاخبارات
    نۇربىيە ياسىن


    ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى دەۋرنىڭ، مىللەتنىڭ ئۈمىدى. بىزنىڭ زىممىمىزدە ناھايىتى ئېغىر يۈك بار، لېكىن بۇ نۇقتىنى تولۇق چۈشىنىپ يېتەلمىگەنلەرمۇ يوق ئەمەس. ئۇلار يەنىلا ئەپلەپ - سەپلەپ كۈن ئۆتكۈزۈش بىلەن بەش يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى ئىسراپ قىلىۋاتىدۇ. يەنە بىرقىسىم ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بولسا  تىرىشچانلىق بىلەن رىقابەتكە تولغان بۇ دەۋردە ھەممىمىزنىڭ ئالدىدا ئۈزۈپ مىڭىپ بىزنى، پۈتۈن جەمئىيەتنى قايىل قىلماقتا، بىز ئاتا - ئانىمىزغا تېلېفون قلىپ ئايلىق پۇل سۈيلەۋاتقان مىنۇتلاردا ئۇلار جاپالىق ئەمگىكى بىلەن «يۈز مىڭ، ئونمىڭ» يۈەن پۇللارنىڭ ئىگىسى بولماقتا. بىز دەرسلىرىمىزنى ئاران ئېلىپ مېڭىۋاتقاندا ئۇلار يەنە باشقا ساھەلەرگە يۈرۈش قىلىپ نەتىجە قازانماقتا.
    بۇ ماقالىدا يازغانلىرىم ئەتراپىمىزدىكى رېئال شەخسلەر، ئىشلىرىمۇ ئازراقمۇ كۆپتۈرۈلمەي ئەينى پېتى يىزىلدى. بارلىق ياشلارغا شۇنداقلا ھەربىر ئوقۇرمەنگە ئىلھام بېغىشلىيالار دېگەن ئۈمىدتىمەن!

    «قولى گۈل» سىتودىنت

    1979 - يىلى 8 - ئاي، قۇمۇل شەھەر ئىچى يېزىسىدىكى دېھقانچىلىق ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىنساپ - دىيانەتلىك بىر جۈپ ئەر - ئايالنىڭ ئائىلىسىگە يەنە بىر ئوغۇل پەرزنت قوشۇلدى. ئاتا چوڭ ئوغلىغا ھەمراھ، ئۆزلىرىگە قانات دەپ ھېسالىغان بۇ بۇدرۇق بوۋاققا يۈسۈپجان دەپ ئىسىم قويدى... گەرچە ئۆزلىرى تولۇق ئوقۇيالىغان بولسىمۇ بالىلارنى ئاخىرىغىچە ئوقۇتۇش بۇ بىر جۈپ ئەر - ئايالنىڭ ئارزۇ - ئارمىنى ئىدى. شۇنىڭغا يارىشا بۇ ئائىلىدىكى پەرزەنتلەرمۇ كىچىكىدىنلا تىرىشچان بولۇپ چىقتى. بالىلارنىڭ ئەقىللىقلىقىدىن، چۈچۈك گەپلىرىدىن ئاتىنىڭ خۇشاللىقى چەكسىز ئىدى. لېكىن بىر قېتىملىق تاسادىپى قاتناش ھادىسىسىدە ئاتا ئېغىر يارىلىنىپ ئەمگەك قىلىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ قالدى. ئەسلىدىلا ئىقتىسادى ئانچە ياخشى بولمىغان بۇ ئائىلىگە نىسبەتەن بۇ ئەھۋال تېخىمۇ زور قىيىنچىلىق ۋە بىسىم ئېلىپ كەلدى. شۇنداقلا ئكز نۆۋىتىدە پەرزەنتلەرگە نېمىنىڭ جاپا - مۇشەققەت، نېمىنىڭ جاپانى يېڭىش روھى، نېمىنىڭ چىدامچانلىق ئىكەنلىكىنى ئۆگەتتى. ئەمدىلا 8 ياشقا كىرگەن يۈسۈپجان دادىسىدىن ئۆگىنىۋالغانلىرى بويىچە كىچىك ئورۇندۇقلارنى ياساپ سىرتقا ئېلىپ چىقىپ ساتماقچى بولدى. ئۇ سەبىي كۆڭلىدە ئويلايتتى «ئورۇندۇقلارنى سىتىپ بۇ پۇل بىلەن ئوقۇش پۇلىنى تۆلىسەن، يەنە...» شۇنداق، ئۇنىڭ ئويلىغانلىرى كۆپ ئىدى. يوغان، قاپقارا كۆزلىرىدىن ئەقىل نۇرلىرى چاقناپ تۇرغان، گەپلىرى تاتلىق بۇ بالىنىڭ غەيرىتى، ئىرادىسى كىشىلەرنى تەسىرلەندۈردى. ئۇنىڭ ئورۇندۇقلىرى گەرچە پۇتلىرى ئۇنچە تۈز بولمىسىمۇ، گەرچە ئۇنچە سۈپەتلىك بولمىسىمۇ تىزلا يۇقىرى باھادا سىتىلىپ تۈگىدى. بۇ كىچىك يۈسۈپجانغا غايەت زور ئىلھام بولدى. كېيىن ئۇ مەكتىپىدە ھۆسنخەت يېزىش، رەسىم سىزىشقا قىزىقىپ قالدى. بارا - بارا بۇ قىزىقىش كۈچلۈك ئىشتىياققا ئايلاندى. بۇ ھەۋەسنىڭ تۈرتكىسىدە ئۇ دەرسلىرىنى ياخشى ئوقۇش بىلەن بىرگە كۆركەم ھەسنخەتلەرنى يېزىپ شەھەر، ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىلەردە كۆپ قېتىم مۇكاپاتلاندى. ئەلۋەتتە بۇ جەرياندا ئۇنىڭ جاپانى يىڭىشتەك روھى ئۇنىڭ يوللىرىغا پارلاق نۇر چېچىپ تۇردى. 1997 - يىلى ئۇنىڭ ئۈچۈن تېخىمۇ خۇشاللىق ئىشلار يۈز بەردى.  يەنى يۈسۈپجاننىڭ بىر پارچە ھۆسنخەت ئەسىرى شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ياش - ئۆسمۈرلەر گۈزەل - سەنئەت مۇسابىقىسىدە نەچچە مىڭلىغان ئەسەرنىڭ ئارىسىدىن تاللىنىپ 1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. شۇنداق تاتلىق بىلەن ئاچچىق ئارىلاشقان نۇرغۇن كۈنلەر، ئاي - يىللار ئۆتۈپ كەتتى. يۈسۈپجان ياشلىق دەۋرىگە قەدەم قويدى. شۇنداقلا ئاجايىپ ئېسىل پۇرسەت ۋە چىنىقىش مەيدانى بولغان ئالىي مەكتەپ قوينىغا كىردى. ئۇ ئۆز كەسپىنى قىزىقىشىغا ئاساسەن تاللىغان بولۇپ، ئاخبارات ئىشلىرىدا يېڭىلىق يارىتىش ئۇنىڭ نۇرغۇن يۈكسەك نىشانلىرىنى بىرى ئىدى. ياشلىق - ئۇ قايناق ھېسلارغا تولغان، ئاجايىپ گۈزەلم چېقىنغا مىسال قىلىنىدىغان بىر ئالتۇن دەۋر. ياشلىقنىڭ قىممىتى ئىزدىنىشتە خالاس. بۇ نۇقتىنى توكۇق چۈشەنگەن يۈسۈپجان باشقا بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاش كۈندىلىك دەرسلەرنى تەكرارلاش، خەنزۇ تىلى ئۆتكىلىدىنئۆتۈش، قاتارلىق ئىشلاردىن سىرت يەنە قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن ئىشلىرى بار ئىدى. يەنى ئانچە ياخشى بولمىغان ئائىلە ئىقتىسادى ئۇنى باشقا ساۋاقداشلىرىدەك شەنبە، يەكشەنبىلەردىكى يۇرتلۇقلار، ساۋاقداشلار ئولتۇرۇشىغا بېرىشتىن، باغچىلاردا قىزلار بىلەن يىتىلىشىپ يۈرۈشتىن توساتتى. ئۇمۇ بۇنى خالىمايتتى. شۇڭا ئۇ بۇ پۇرسەتلەردە ئاكىسى كېرەم ياقۇپنىڭ رەسىمخانىسىدا ياردەملىشىپ ئىشلەش بىلەن بىرگە فىلىم ئىلىش مەركەزلىرىدە توي، ئولتۇرۇشلارنى سۈرەتكە ئېلىپ ئۆزىنىڭ ئوقۇش ۇلى، ترمۇش خىراجىتىنى ھەل قىلغاندىن سىرت ئۆزى يېڭىدىن ئۆگەنگەن ھەم ناھايىتى قىزىقىۋاتقان فوتوگرافلىق كەسپى ئۈچۈن مەبلەغ جۇغلىدى. بۇ بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئۈچۈن ئاسەن ئەمەس ئىدى.  چۈنكى ئۇ كەسپىنى ياخشى ئىگىلىشى، ھەر خىل ئىقتىدار يىتىلدۈرۈشى  كېرەك دە! ئۇ ئۆزىنىڭ  تىرىشچانلىقى بىلەن ھەممىنى تەڭ ئىلىپ ماڭالىدى. يەنى ئۇ ھەر يىلى ئەلا نەتىجە بىلەن يۇقىرى سوممىلىق ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئىرىشتى. ئۇ ھەممە ئوقۇغۇچىلار تەلمۈرۈپ كۈتىدىغان، ياخشىراق ئارام ئېلىۋېلىشنى ئويلايدىغان تەتىل ۋاقىتلىرىدىمۇ ئۆيىگە قايتماي ئىشلىدى ۋە فوتوگرافىيە جەھەتتە ئىزدەندى. يەنە ئۆز خىراجىتى بىلەن كۇچا، تۇرپان، قۇمۇل، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلارنىڭ ساياھەت ئورۇنلىرىغا، مەنزىرىلىك جايلىرىغا بېرىپ مەنزىرە سۈرەتلىرىنى تارتسا، دېھقانلار ئارىسىغا بېرىپ ئۇلارنىڭ جاپاسى، ئۇلارنىڭ خۇشاللىقى، ئۇلارنىڭ مىھنىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان، ئاجايىپ تەبىئىي، كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان ھېسسىيات ئىپادىلىرى يۇغۇرۇلغان سۈرەتلەرنى تارتتى. كۆيۈمچان ئاتا، مېھرىبان ئانا پەرزەنتىدىن سۆيۈندى، ساۋاقداشلىرى، دوستلىرى ئۇنىڭ غەيرىتىگە قايىل بولدى. ئۇستازلار ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىدىن گۈزەل ئىستىقبالىنى ھېس قىلدى.
    ھايات يەنىلا سۆيگەنلەر ئۈچۈن گۈزەل ئىكەن. يۈسۈپجاننىڭ ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ يازغان  ھۆسنخەتلىرى، تارتقان فوتو سۈرەتلىرى بارغانسىرى مۇكەممەللىككە قاراپ يۈزلەندى. بىر - بىرىدىن سۈپەتلىك ئەسەرلەر مەيدانغا كېلىشكە باشلىدى.
    مېھرىبان ئاتا - ئانا گەرچە  بۇ تىرىشچان ئوغلىغا ماددىي جەھەتتىن ھېچقانچە ياردەم بېرەلمىسىمۇ مەنىۋى جەھەتتىن ئاجايىپ زور ئىلھام بەردى. ئۇلى ياخشى سېلىنغان ئىمارەت پۇختا بولغىنىدەك كىچىكىدىن تارتىپ ئېغىر ئىشتىن باش تارتماي، ئاتا - ئانا يۈكىنى يەڭگىللىتىپ كەلگەن بۇ يىگىت دەرستىن سىرتقى ئاشۇ ئازغىنا ۋاقتىدا ئىشلەپ تاپقان پۇللىرى بىلەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان سىڭلىسىنىڭ ئوقۇش، تۇرمۇش پۇلىنى ئاكىسى بىلەن برلىشىپ ئۈستىگە ئالدى. 2003 - يىلى 3 - ئايدىن 8 - ئايغىچە كەسىپ ئېھتىياجى بىلەن «شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى»دە پراكتىكا قىلدى. بۇ مەزگىلدە ئۇ ئۆزىنىڭ تالانتىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇپ 50 پارچىدىن ئارتۇق سۈرەتلىك خەۋەر ماقالىلەرنى ئېلان قىلدى. ئوقۇش پۈتتۈرىدىغانغا بىر يىل قالغان بۇ كۈنلەردە يۈسۈپجاننىڭ كۆڭلىگە پۈكۈلگەن بىر گۈزەل ئارزۇ  ئۇنى جىم ئولتۇرغۇزمىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ گۈزەل نەقىش، يۇقىرى ماھارەت بىلەن يېزىلغان ئىسىل شېئىرلىرىنى، كىشىگە ھەقىقىي تەبىئەت مەنزىرىسىنى، تەبىئەتنىڭ نەقەدەر گۈزەللىكىنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان فوتو سۈرەت ئەسەرلىرىنى يەنى «ئالتۇنرەڭ زېمىن»، «قۇياش سۆيگەن چوققا»لىرىنى خەلق بىلەن ئورتاقلاشسام، ئۆز ئەمگىكىمنىڭ نەتىجىسىدىن خەلقنى ھوزۇرلاندۇرسام دەپ ئويلاتتى. بۇ ئۆزىنىڭ مېھنىتى، ئىجتىمائىي بىلەن پارلاق ئىستىقبالىغا يول ئىچىۋاتقان ئىرادىلىك ئۇيغۇر يىگىتنىڭ ئارزۇسى ئىدى. بۇ ئارزۇ يۈكسەك لېكىن ئەمەلگە ئاشۇرۇش قىيىن بولغان ئارزۇ ئىدى. چۈنكى ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى ئۇنىڭغا ئارقا تېرەك بولالمايتتى، ئىقتىساد ھەل قىلىپ بېرەلمەيتتى. 23 ياشلىق بۇ يىگىت تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆز ئەسەرلىرىنى خەلققە تونۇشتۇرۇش يەنى كۆرگەزمە ئۇيۇشتۇرۇش ئۈچۈن كېتىدىغان خېلى زور مەبلەغنى ئۆزى ھەل قىلىشى كېرەك ئىدى. ئورۇن تېپىش، تەشۋىقاتنى ياخشى ئېلىپ بېرىش كېرەك ئىدى... لېكىن بۇ قىيىنچىلىقلار ئۇنى توسۇپ قالالمىدى. يولىدىن قايتۇرالمىدى. ئىزلىنىش نەتىجىسىدە ئۇ ئۇستازلىرىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشتى. سەنئەت ئىنستىتۇتى كۆرگەزمە زالىنى ھەقسىز ئېچىپ بەردى. قالغان ھەممە ئىقتىسادنى ئۇ ئۆزىگە تايىنىپ ھەل قىلدى. بۇ كۆرگەزمە ئۈچۈن ئاز دېگەندىمۇ 10 مىڭ يۈەن پۇل كېتەتتى. بۇ بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئىككى يىللىق ئقۇش، تۇرمۇش پۇلىدە! پەقەت بىر پارچە مەنزىرە رەسىى يەنى قۇمۇل بوغاز يېزىسىنىڭ مەنزىرىسى چۈشۈرۈلگەن فوتۇ سۈرەت ئەسىرىنى رامكىغا ئېلىش ئۈچۈنلا 600 يۈەن پۇل لازىم بولاتتى. يەنە باشقا رەسىملەرچۇ؟ ھۆسنخەتلەرچۇ؟ بۇلارنىڭ ھەممىسىگە پۇل، تەشۋىقاتقىمۇ پۇل، پۇلا كېتەتتى. شۇنداق، ئۇ پۇلنى ھەل قىلدى. تامچە - تامچە تەرى بەدىلىگە كەلگەن پۇلنى ئايانماي، ۋايسىماي خەجلىدى. چۈنكى ئۇ پۇلنى تېپىشنى ھەم جايىدا خەجلەشنى بېلەتتى.
    غەلىبە  تىرىشچانلارغا مەنسۇپ ئىكەن. 2003 - يىل 12 - ئاينىڭ 13 - كۈنى يۈسۈپ ياقۇپنىڭ (شىنجاڭ ئونىۋېرسىتېتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقىغا سوۋغا سۈپىتىدە) فوتو سۈرەت - ھۆسنخەت  كۆرگەزمىسى شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىدا ئېچىلدى. بۇ بىر قېتىملىق مۇۋەپپەقىيەتلىك كۆرگەزمە بولۇپلا قالماي ئۇنىڭ ياشلىقىدا ئېچىلدۇرغان خۇشپۇراق گۈل ئىدى. بۇ يۈسۈپجاننىڭ ئىجادىيەت ھاياتىدىكى يېڭى بىر قەدەم يەنە كېلىپ مۇۋەپپەقىيەتلىك باشلىنىش ئىدى.
    3 - دىكابىر ئەتىگەندىلا جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كىشىلەر، رەھبەرلەر، ئوقۇغۇچىلار، ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ ئادەملىرى زالغا لىق توشتى. چىرايىدىن رازىمەنلىق، مەمنۇنىيەت تۆكۈلۈپ تۇرغان ئاتا بىلەن ئانا، ئۇرۇق تۇغقانلار، ساپ كۈلكىسى، كەمتەر تۇرقى بىلەن ھۆرمەتتە بېقىلىۋاتقان نەزەرلەرگە قاۋاب قايتۇرۇۋاتقان يۈسۈپجان، ئۇنى چىن كۆڭلىدىن تەبرىكلەۋاتقان دوست - بۇرادەر، ئۇستازلار، ئاجايىپ يۇقىرى ماھارەتتە يېزىلغان 18 پارچە ھۆسنخەت، ئېسىل دەقىقىلەردە تارتىلغان 67 پارچە فوتو سۈرەت ئەسىرى. مانا بۇ ئۇنىڭ جاپالىق ئەمگىكىنىڭ نەتىجىسى ئىدى. كۆرگەزمىگە 3 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى.
    ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بەرپاچىلىرى بولغان دېھقاننىڭ كۈلكىسى، دېھقاننىڭ تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ھۆسنخەتلەر ۋە «ئۆيگە قايتىش»، «مېھنەت ھۇزۇرى»، «ھاياتلىق بۇلىقى» قاتارلىق  فوتو سۈرەتلەر، تەبىئەتنىڭ ئاجايىپ مۆجىزىسى بولغان گىگانت قاراۋۇل»، «تاغ جىلغىسى» بىزگە ھايات گۈزەللىكىنى بىلدۈرسە، «ئالتۇنرەڭ زېمىن» بىزنى ئاشۇ مۇقەددەس زېمىندا تۇرۇپ كۆپكۆك ئاسمانغا قارا تۇرغاندەك تۇيغۇغا ئېلىپ كېلىدۇ. «تەكلىماكان بويلىرى»دا پادا بېقىۋاتقان بالىلار سىزگە غەمسىز بالىلىقىڭىزنى ئەسلەتسە، تاغ چوققىسىدا يىگانە تۇرغان «قارىغاي قامىتى» ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان چاغدا نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى ئۆگىتىدۇ. گەرچە پاكار - پاكار بولسىمۇ باراقسان ئۆسكەن، ياپيىشىل دەرەخلەر ئارىسىدىكى ئاسمانغا تاقاشقان لېكىن قۇرۇپ قاقشال بولغان تىرەك بىزگە «ھايات دېگەن ئەنە شۇ»لىقنى تونىتىدۇ.
    شۇنداق، ئۇنىڭ ئىجادىيىتىگە خەلق لىللا باھا بەردى. ئۇنىڭغا بارىكاللا ئېيتتى. ئۇنىڭ بۇ روھى چوڭلارنى قايىل قىلىپ، تەسىرلەندۈرسە، ياشلارغا ئىلھام بولدى، ئۆرنەك بولدى. ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىدىن تەسىرلەنگەن دوستلار «مۇبارەك بولسۇن يۈسۈپ ياقۇپ، ئەجرىڭىزدىن تۆكۈلۈپتۇ ئۈنچە - ياقۇت، قەدىناسلار تىلەيمىز بەخت ۋە ئۇتۇق، غەلىبىگە ئىرىشىڭ بۇندىنمۇ ئارتۇق» دەپ ياسا، مەكتەپ رەھبىرى ياسىن مۇئەللىم «خىزمەت قىلىۋاتقان 18 يىلدىن بېرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىن چىققان ئۆز خىراجىتى بىلەن ئۆز ئەمگىكىنى ئىپادىلىگەن، مىۋىسىنى خەلققە قوش قوللاپ تۇتالىغان تۇنجى ئوقۇغۇچى» دېدى قايىللىق بىلەن.
    يۈسۈپجان ئېچىلىش مۇراسىمىدا ياشانغان ئاتا - ئانىسىغا چوغدەك قىپقىزىل ئىككى دەستە گۈل تۇتقان ۋاقىتتا ئۇلار ھاياجاندىن كۆزى ياشلانغان ھالدا ئۆزىنىڭ ئوغۇل باققىنىدىن يەنە بىر رەت ئالەمچە رازىمەنلىك ھېس قىلدى. دۇنيادا ئىنسان ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ھالال ئەمگىكى، مېھنىتى بىلەن ئاتا - ئانىسىنى خۇشال قىلىش، ئۇلارنىڭ رازىلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش، خەلقنىڭ قايىللىقىغا ئىرىشىش دېگەن نەقەدەر چوڭ ئۇتۇق ۋە بەخت ھە؟! بۇنداق بەخت پەقەت  ئەستايىدىللىق، چىنلىق، تىرىشچانلىق يار بولغان ئادەمگىلا نىسىپ بولىدۇ ئەلۋەتتە!
    ھارماڭ، قولى گۈل ئىنسان، ئىجتىھات، ئىزدىنىش روھىڭىزغا تەشەككۈر!

    «تالانتلىق ئوقۇتقۇچى» سىتودىنت

    ھەربىرىمىزگە مەلۇم. ئېنگلىز تىلى ئۆزىنىڭ دۇنياۋىي تىللىق ئورنىنى ئاللىبۇرۇن تىكلەپ بولدى. ئېنگلىز تىلى ئۆگىنىش بۇرۇن قىزىقىش سەۋەبىدىنلا بولغان بولۇشى مۇمكىن. لېكىن ھازىر بۇ رەسمىي ھالدا زۆرۈرىيەتكە ئايلاندى. شۇنىڭغا ماس ھالدا جەمئىيەتتە يەنە بىر قېتىملىق ئېنگلىز تىلى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى. ھەتتا يۇقىرى پەللىگە چىقتى. ئەگەر سىز ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن «ئېنگلىز تىلى ئۆگىنىپ باققانمۇ؟» دەپ سورىسىڭىز زور كۆپچىلىكى «ھەئە» دەپلا جاۋاب بېرىدۇ، ئەگەر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا كېلىپ (مىللىي) ئوقۇغۇچىلاردىن «ئېنگلىز تىلىنى نەدە ئۆگەنگەن؟» دەپ سورىسىڭىز خېلى (كۆپلىرى) نۇرغۇن ئوقۇغۇچى «قاسىمقان مۇئەللىمنىڭ كۇرسىدا» دېيىشى مۇمكىن. ئاشۇ ۋاقىتتا كۆز ئالدىڭىزغا كاستيومنى قاتۇرۇپ كىيگەن، چوڭ سۈپەت، پىشقان بىر ئېنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسى كېلىشى مۇمكىن. لېكىن سىز ئاشۇ ئوقۇغۇچىلار پەخىرلىنىپ تۇرۇپ ئاغزىغا ئېلىۋاتقان قاسىمجان مۇئەللىم بىلەن كۆرۈشسىڭىز كۆز ئالدىڭىزدا ئازادە كىيىنگەن مۇلايىم، ياشلا بىر يىگىت پەيدا بولىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ بەزى ئوقۇغۇچىلىرىدىن كىچىك، بەزىلىرى بىلەن تەڭتۇش، لېكىن ئۇنىڭ ھۆرمىتى بەكلا چوڭ. ئۇ چىقىشقاق، يۇمۇرىستىك مىجەزى بىلەن بىزنىڭ يىقىن دوستىمىز، ئېنگلىز تىلىدىكى يۇقىرى سەۋىيىسى، ئاجايىپ تالانتى بىلەن بىزنىڭ ھۆرمەتلىك ئوقۇتقۇچىمىز. ئۇ يەنە (شۇنداقلا) شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتى ئىجتىمائىي پەنلەر كەسپىنىڭ 2001 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى. 24 ياشلىق بۇ يىگىت قانداقلارچە شۇنچە جىق نامغا، شۇنداق ھۆرمەتكە ئىگە بولۇپ قالدى؟
    1979 - يىلى قەدىمى شەھەر قەشقەردىكى بىر ئىشچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن قاسىمقاننىڭ 92 - يىلى تولۇقسىز ئوتتۇرىنىڭ 1 - يىللىقىغا چىققان يىلى چەرچەن مال ساتىدىغان تاغىسى تۈگەپ كېتىدۇ. تاغىسىنىڭ دۇكىنىدىكى نۇرغۇن مال ئېگىسىز ساتىدىغان ئادەم يوق تۇرۇپ قالغانلىقتىن ئوقۇشتىن زىرىكىپ تۇرغان، سودا ئىشلىرىغا ناھايىتى قىزىقىدىغان 14 ياشلىق قاسىمجانغا نىسبەتەن بۇ ياخشى پۇرسەت بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھېكچىمگە، ھېچنېمىگە پەرۋا قىلماستىن مەرھۇم تاغىسىنىڭ ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ سودىغا كىرىشىپلا كەتتى. سودىنىڭ ئېھتىياجى بىلەن 1994 - يىلى ئۇ ئەرەب تىلى ئۆگىنىشنى باشلىدى. بۇ تىلنى خېلى ياخشى ئىگىلىيەلىگەن قاسىمجان ئۆزىنىڭ تىل جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىنى بايقاپ ھەم قەشقەرگە چەت ئەللىكلەر بولۇپمۇ ئېنگلىز تىلىدا  سۆزلىشىۋاتقانلارنىڭ جىق كېلىدىغانلىقىدەك پۇرسەت نۇقتىسىدىن 96 - يىلى 5 - ئايدا ئېنگلىز تىلى ئۆگىنىشكە باشلىدى. ئۇنىڭ ئېنگلىز تىلى ئۆگىنىشى بىر خىل قىزىقىشتىن يەنى بىر فىنلاندىيىلىك كاردى ئىسىملىك ئادەم بىلەن تونۇشۇش سەۋەبىدىن باشلاندى دېسىمۇ بولىدۇ. مەيلى نېمىلا بولسۇن ئۇنىڭ ئېنگلىز تىلى ئۆگىنىش جەريانى ئكزىنى بىغىشلاپ ئۆگىنىش بولدى.
    سودا ساھەسىدە خىلمۇ خىل ئىشلارغا، خىلمۇ خىل ئادەملەرگە ئۇچراش نەتىجىسىدە جەمئىيەتنى بىرقەدەر مۇكەممەل چۈشەنگەن ۋە ئېنگلىز دوستلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان قاسىمقان ئىنسان ئۈچۈن بىلىمنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى، مائارىپ تەربىيىسىنىڭ قانچىلىك زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلىپ يەتتى. يەنى بەش يىل بۇرۇن چىقىپ كەتكەن «قورغان»غا يېنىپ كىرىشنى قارار قىلدى.
    ئۇنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى قارار قىلىشىنى قوللاپ كەلگەن ئاتا - ئانا ئۇنىڭ بۇ پىكرىنىمۇ قوللىدى. 1998 - يىلى 3 - ئايدا ئۇ تولۇق 1 - يىللىققا كىردى. بۇ جەرياندا ئۇ ئېنگلىز تىلىنى داۋاملىق ئۆگەندى. تەتىللەردە، شەنبە - يەكشەنبىلەردە قەشقەرنىڭ ساياھەت مەركىزى بولۇشتەك ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرگە يول باشلىغۇچى بولدى. بۇ جەرياندا ئۇ ئېنگلىز تىلىنى بولۇپمۇ ئېغىز تىلىنى ياخشىلاش پۇرسىتىگە ئېرىشىپلا قالماي ئىقتىسادىي جەھەتتىمۇ پايدىلىق ئەۋزەللىكلەرگە ئېرىشتى.
    ئۇنىڭ ئېنگلىز تىلىدىكى سەۋىيىسىنى بىلگەن، بەىلىدىغان دوستلىرى ئۇنى ئوقۇتقۇچى بولۇپ باشقىلارغا ئېنگلىز تىلى ئكگىتىشنى سىناپ بىقىش تەكلىپىنى قويدى. بۇ چاغدا ئۇ «دۇنيادا مەن قىلالمايدىغان ئىش ئوقۇتقۇچى بولۇش، ئۇنداق خىيالنىمۇ قىلالمايمەن» دېدى. لېكىن ئۇ ياشلاردىكى بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىكى ئېنگلىز تىلى ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى نەزەرگە ئېلىپ ھەم ئۆزىدىكى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ قايتا - قايتا ئويلىنىش نەتىجىسىدە 2000 - يىلى قەشقەر شەھەرلىك پىداگوگىكا ئىنستىتۇتىدا تۇنجى قارار ئېنگلىز تىلى كۇرسىنى ئاچتى. تۇنجى سائەتلىك دەرستە قاسىمجان  ھەقىقەتەن جىددىيلەشتى. لېكىن ئۇنىڭ جىددىيلىكىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ككزىدىكى ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچ، ئۇلاردىكى ئېنگلىز تىلىغا بولغان قىزىقىش پۈتۈنلەي يوققا چىقىرىۋەتتى. بۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك دەرس ئۇنىڭ ھاياتىدا يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلىشنىڭ تۇنجى قەدىمى بولۇپ الدى.
    2000 - يىلى 7 - ئايدا قاسىمقان زور ئۈمىدلەر بىلەن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشتى. ئومۇمى نومۇر يۇقىرى بولسىمۇ لېكىن ئېلگبرا نەتىجىسى نومۇر سىزىقىدىن بىر نومۇر كەملەپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنالمىدى. «ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپ مۇنتىزىم تەربىيىگە ئىگە بولغاندىن كېيىن چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇيمەن...» دەپ ئويلاپ يۈرگەن قاسىمجانغا بۇ بىر ئېغىر زەربە بولدى. بىر مەزگىل چۈشكۈنلىشىپمۇ يۈردى. دەل شۇ كۈنلەردە ئۇ «دۆلەت ھالقىغان دوختۇرلار تەشكىلاتى» نامىدىكى چەت ئەلدىن كەلگەن دوختۇرلارغا يول باشلىغۇچى بولۇشقا تەكلىپ قىلىندى. بۇ جەرياندا ئۇ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، 2001 - يىلى 7 - ئايۇيدا يەنە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشتى. بۇ قېتىم ئۇ يۇقىرى نومۇر بىلەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىجتىمائىي پەنلەر كەسپىگە قوبۇل قىلىندى. بۇ تىپىلماس ئېسىل پۇرسەت ئۇنى ھەقىقەتەن خۇشال قىلدى. ئۈمىدسىزلىكتىن كېيىنكى ئۈمىد ئۇنىڭغا تېخىمۇ زور ھاياتىي كۈچ بېغىشلىدى. 1999 - يىلى دۆلەتلىك 4 - دەرىجە (ئېنگلىز تىلى)، 2000 - يىلى 6 - دەرىجە ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ بولغان قاسىمجان ئەمدى خەلقئارا ئىناۋەتلىك TOFEL ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلدى. ئالىي مەكتەپكە كەلگەن تۇنجى يىلى ئ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى شىمالىي ئوقۇتۇش رايونىدا ھەقسىز ئېنگلىز تىلى تەربىيىلەش سىنىپى ئىچىپ ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. شۇ تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش ئاساسىدا ئۇ 2001 - يىلى 2 - ئايدا يىقىن دوستى پەرھات بىلەن بىرلىكتە «Mosaic ئېنگلىز تىلى تەربىيىلەش مەركىزى»نى رەسمى قۇردى. بۇ مەركەزدە ھەرخىل سەۋىيىدىكى  سىنىپلارنى تەسىس قىلىپ، ئۆزگىچە دەرس ئۆتۈش ئۇسۇلى بىلەن تېزلا ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ياخشى تەسىر قوزغاپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇ قوللىشىغا ئېرىشتى. ئوقۇغۇچىلار 120 كىشىلىك بىرلەشمە زاللاردا ئورۇندۇق يىتىشمەي ئۆرە تۇرۇپ ئاڭلىدى.
    بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇمۇ بىزگە ئوخشاشلا قېيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان كەسپىي دەرسلەرنى ئۆگىنىش كېرەك ئىدى. ئۇ يەنە ئوقۇغۇچىلىرىغا  ئەتراپلىق بىلىم بېرىش، ئۇلارنى ئېنگلىز تىلىدا مەلۇم سەۋىيىگە ئىگە قىلىشقا يىتەكلەش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى يەردە قويماسلىق ئۈچۈن ئېنگلىز تىلىنى تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ ئۆگەندى، ئىزدەندى. يەنە مەكتەپ بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئېنگلىز تىلىدىكى نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىلىرىدە 1 - بولۇپ كەلدى.
    ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەرىپنىمۇ بىلمەي كىرىپ، ئېنگلىز تىلىدا بىمالال سۆزلىشەلەيدىغان ھالەتكە يىتىشى، ئۆزىگە بولغان ھۆرمىتى، يەنە توختىماي قولغا كېلىۋاتقان نەتىجىلەر ئۇنى «ئەجىر قىلسىلا تەر تۆكسىلا بىر ئىش ھاسىل بولىدىكەن، مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدىكەن» دېگۈزدى. ئۇ يەنە TOFEL ئىمتىھانىدىن 534 نومۇر ئېلىپ يېڭى زىللاندىيىدىكىى «ئوكلەند ئۇنىۋېرسىتېتى»، ئاۋسترالىيىدىكى «بوند ئونىۋېرسىتېتى»دىن چاقىرىق تاپشۇرۇۋالدى. «مەن ئاۋال دۆلەت ئىچىدە چوقۇم مەلۇم سەۋىيىگە يېتىپ ئاندىن چەت ئەلگە چىقىشىم كېرەك» دېدى ئۇ چاقىرىق قەغەزلىرىنى چامادانغا سىلىۋېتىپ. بۇ قارار ئۇنىڭ ئۆزىگخمۇ پايدىلىق بولۇپمۇ قالماي يەنە «قاسىمجان مۇئەللىم چەت ئەلگە چىقىپ كېتىدىكەن» دەپ ئاغرىنىپ، ئەنسىرەپ ئولتۇرغان ئوقۇغۇچىلارغىمۇ خۇشاللىق ئېلىپ كەلدى. ھەقىقەتەنمۇ قاسىمقان ئۈچ - تۆت يىللىق دەرس ئۆتۈش جەريانىدا ئېنگلىز تىلى ئۆگەنگۈچىلەر تەس دەپ قارايدىغان گرامماتىكا قىسمىنى ئۇيغۇر بالىلارنىڭ پسىخىكىسىغا ماسلاشتۇرغان ھالدا ئۆتۈپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن ئىدى. يەنە ئۇنىڭ ئېغىز تىلى (تەلەپپۇزى) ناھايىتى ئۆلچەملىك بولغاچقا ئۇنىڭ قولىدا تەربىيىلەنگەن ئوقۇغۇچىلار بۇ جەھەتتىمۇ لاياقەتلىك تەربىيىلىنەتتى. ئۇ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا كۆپ قېتىم «ئېنگلىز تىلى ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن قولايلىق ئۇسۇللار» توغرىسىدا ھەقسىز لېكسىيە ئۇيۇشتۇرۇپ ياخشى باھاغا ئېرىشتى.
    ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئىككىنچى يىللىقىغا چىققان قاسىمجان ئۆزى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم نەرسىنىڭ بولۇپمۇ مۇشۇ يېقىنقى ۋاقىتلاردا ئەڭ مۇھىم نەرسىنىڭ ئېنگلىز تىلى بىلىمىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى. چۈنكى ھەر قېتىملىق (قارارلىق) كۇرستا 5 سىنىپ ئوقۇغۇچى تەربىيىلىنىۋاتاتتى. ئەگەر ئۇنىڭ ئۆزىدە شۇلارغا بېرەلىگۈدەك مۇكەممەل بىلىم بولمىسا نۇرغۇن ئادەلەرنى ئېنگلىز تىلى جەھەتتە نابۇت قىلىۋېتەتتى. شۇ ئويلاردا قاسىمجان مەكتەپ رەھبەرلىكىگە «بىر يىل ئوقۇشتىن توختاش» ئىلتىماسىنى سۇندى. مەكتەپ رەھبەرلىكىمۇ ئۇنى ئىزچىل قوللاپ ئىلتىماسىنى تەستىقلىدى. بۇ بىر يىل جەريانىدا ئۇ دەرس ئۆتۈش جەھەتتە تېخىمۇ مۇكەممەللىشىش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ ئېنگلىز تىلى سەۋىيىسىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ يەنە بىر قېتىم TOFEL ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ 603 نومۇر ئالدى. بۇ نومۇر بىلەن چەت ئەلدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارغا چىقىپ ئوقۇغاندا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئېلىشقا ئىلتىماس سۇنسا تەستىقلىناتتى ھەم  ئوقۇغۇچىلىق ھەم ئوقۇتقۇچىلىق ۋەزىپىسىنى تەڭ ئورۇنداۋاتقان بۇ ئۇيغۇر يىگىتى ئۈچۈن بۇ كىچىك نەتىجە ئەمەس ئەلۋەتتە! ھازىر ئۇنىڭغا يەنە ئامېرىكىدىكى «ئايدىھو ئۇنىۋېرسىتېتى» ۋە «ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتى»، كانادارىكى «كارلىتون ئۇنىۋېرسىتېتى»دىن چاقىرىق كەلدى. 7 قارار كۇرس ئېچىپ، 200 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى تەربىيىلىگەن، 5 دۆلەتنىڭ داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىن چاقىرىق قەغىزى تاپشۇرۇۋالغان، 2 - 3 يۈز مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغقە ئىگە بولغان (پۇل تاپقان) چەت ئەلگە چىقسا ئېنگلىز ئاسپىراتنلار بىلەن دەرس ئاڭلىسا بىمالال چۈشىنەلەيدىغان سەۋىيىدىكى بۇ يىگىتنىڭ كەلگۈسى پىلانى كىمنى قىزىقتۇرمايدۇ دەيسىز؟ ئۇنىڭ پىلانىمۇ ئۆزىگە ئوخشاش  ھەقىقىي، ساپ كىشىنى قايىل قىلىدۇ. ئۇ چەت ئەل ئۇنىۋېرسىتېتىدا سودا كەسپىدە ئوقۇپ مۇكەممەل تەربىيىگە ئىگە بولغاندىن كېيىن بىر خەلقئارا شىركەت قۇرماقچى. بۇ ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ نوقۇل پۇلنى كۆزلىگەنلىكى ئەمەس، چۈنكى ئۇ ئىككى يۈز مىڭ يۈەنلىك سىتودىنت، ئاتا - ئانىمىزنىڭ پۇلىغا تايىنىپ كۈن كەچۈرىۋاتقان نۇرغۇن - نۇرغۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىىرىغا سېلىشتۇرساق بۇ پۇل غايەت زور پۇل ئەلۋەتتە! ئۇنداقتا كارخانا قۇرۇشتىكى، «تېخىمۇ جىق پۇل تاپىمەن» دېيىشتىكى مەقسەت نېمىدۇ؟ بۇ سوئالغا  ئۇ دادىللىق بىلەن مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ «شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى تېخى ناھايىتى تۆۋەن (ئىچكىرى ئۆلكە ۋە چەت ئەللەرگە سېلىشتۇرغاندا) بولۇپمۇ مائارىپ قالاق، نامرات، چەت يېزىلاردا يەنە نۇرغۇن بالىلار ئوقۇشسىز قالغان. مەن كارخانا ئېچىپ تاپقان پۇللىرىمنى مەكتەپ سېلىشقا يەنە كېلىپ ھەقسىز مەكتەپ سېلىشقا ئىشلەتمەكچىمەن. ئاشۇ بالىلارنى ھەقسىز ئوقۇتۇپ، ئاشۇلارنىڭ چىرايىدىكى خۇشاللىقنى، ئاشۇلارنىڭ گۈزەل ئىستىقبالىنى كۆرۈش مېنىڭ ئارزۇيۇم شۇنداقلا توختاۋسىز تىرىشىدىغان چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان كۆرەش نىشانىم!»
    بۇ يىگىتنىڭ، بىزنىڭ قىرىندىشىمىز، بىزنىڭ ساۋاقدىشىمىز ھەم دوستىمىز ھەم ئوقۇتقۇچىمىز، پەخىرلىك ئۇيغۇر ئوغلانىمىزنىڭ كەڭ ئېنگلىز تىلى ئۆگەنگۈچىلەرگە، ئۆگىنىۋاتقانلارغا دەيدىغان كۆڭۈل سۆزلىرى بار ئىكەن. قېنى بىرلىكتە ئاڭلايلى!
    «ئېنگلىز تىلى - ئۆگىنىش كېرەك بولغان تىل، ئۆگىنىش كېرەك، لېكىن ئالدى بىلەن نېمە ئۈچۈن ئۆگىنىدىغانلىقىمىزنى ئېنىق تونىۋېلىشىمىز كېرەك. دۇنيادا يولنىڭ قىسقىسى بولمايدۇ. بولۇپمۇ بىلىم ئالىدىغان يول تېخىمۇ ئۇزاق. بەك تېز ئۆگىنىمەن، دەپ زورۇقۇپ كىتىشنىڭ ھاجىتى يوق. ھەممە ئىشنىڭ قىيىنلىق نۇقتىسى بولىدۇ. جەريان ناھايىتى مۇھىم، ئېنگلىز تىلى ئۆگەنگۈچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن چوقۇم ھەر كۈنى كەم دېگەندىمۇ يېرىم سائەت ئېنگلىز تىلى بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇرۇڭ، بىراقلا تاشلىۋېتىش سىزنىڭ نەچچە ئاي، ھەتتا نەچچە يىللىق جاپايىڭىزنى يوققا چىقىرىۋېتىشى مۇمكىن. قىسقىسى مەقسەت ناھايىتى مۇھىم، مەن ھەممىڭلارغا  ئۇتۇق تىلەيمەن. ئۇتۇق جاپا چەككەنلەرگە، تىرىشچانلارغا مەنسۇپ.
    مانا بۇ بىر ھەپتىدە 26 سائەت دەس ئوقۇپ، 30 سائەت دەرس ئۆتۈپ، ئۆزىنىڭ ئەجرى، مېھنىتى، ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى بىلەن ھۆرمەتكە، ئىشەنچكە ئىرىشكەن قۇردىشىمىز، دوستىمىزنىڭ بىزگە دېمەكچى بولغانلىرى، بىزدىن كۈتكەن ئۈمىدلىرى!

    «بۇ خۇشاللىقنى ئانامغا بىلدۈرسەم - ھە؟»

     «مەرپۇئاي ئاسپرانلىق ئىمتىھانىدىن شىنجاڭ شويىچە 1 - بولۇپ ئۆتۈتۇ!»
    بۇ خەۋەر چاقماق تىزلىكىدە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا تارقالدى. ئۇستازلار، ساۋاقداشلار ئۇنى ھاياجان ئىلكىدە تەبرىكلەشتى. ھاياتىدا ئاجايىپ ئېغىر ئازابقا دۇچار بولۇپ تېخىچە  شۇ سەۋەبتە يۈرىكى قان بولۇپ يۈرگەن مەرپۇئاي بۇ خەۋەرنى ئاڭپ ئاغزىدىن چىققان تۇنجى ئېغىز سۆزى «ئانا، جېنىم ئانا، مەن ئاسپرانتلىققا ئۆتۈپتىمەن. مەن سىزنىڭ ئارزۇيىڭىزدىكىدەك تېخىمۇ كۆپ بىلىم ئالىدىغان بولدۇم. ئاڭلىدىڭىزمۇ ئانا!» ئۇ ئىچ - ئىچىدىن ئېزىلىپ يىغلايتتى. توختىماي سۆزلەيتتى. «نېمىشقا شۇنچە بالدۇر كېتىپ قالىسىز ئانا، قىزىڭىزنىڭ بىرەر خۇشاللىقى بىلەن ئورتاقلاشمايلا، بىرەر كۈن راھىتىنى كۆرمەيلا كېتىپ قالدىڭىزغۇ جېنىم ئانا!» ئۇ تەقدىرىدىن ئاغرىناتتى. بۇ خۇشاللىق ئۇنىڭ يۈرەك يارىسىنى قوزغىۋەتتى.
    ئاسپرانتلىق ئىمتىھانىدىن يۇقىرى نومۇر بىلەن ئۆتكەن، لېكىن چىرايىدا خۇشاللىقتىن بەكرەك ئازاب ئىپادىلىنىپ تۇرغان بۇ قىز شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتى جۇڭگو تىلى فاكۇلتېتى 99 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى مەرپۇئاي ئوسمان ئىدى.
    تالانت تىرىشچانلىق مەھسۇلى ئىكەن. ئۇنىڭ ياخشى شارائىت بەك زىچ مۇناسىۋەتلىك ئەمەس ئىكەن. ئەقلىنى بىلگەندىن تارتىپ مەرپۇئاينىڭ ئانىسى دىئابىت كېسىلى ئىكەن.  شۇڭا ئۇ كىچىكىدىنلا ئۆي ئىشلىرىغا پىششىق بولۇپ يىتىشىپ چىقتى. چۈنكى ئۆي تازىلاش، تاماق ئېتىش، ئانىنىڭ پۇت - قولىنى تۇتۇش، دورىلىرىنى قاينىتىش، دادىسى، ئاكىلىرىنىڭ كىيىم - كېچەكلىرىنى يۇيۇش، كىچىك سودىلىقلارنى قىلىش قاتارلىق نۇرغۇن ئىشلار كىچىككىنە مەرپۇئاي ئۈچۈن مەكتەپتىن قايتقاندىكى چوقۇم قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ كۈندۈزدە دەرس تەكرارلىغۇدەك ۋاقتى يوق ئىدى. شۇڭا ئۇ كىچىدە ھەممە ئادەم تاتلىق ئۇخلاۋاتقان سائەتلەردە تەكرار قىلدى. ساۋاقداشلىرى ئۇنىڭغا «ئۆگىنىش ئۇسۇلى تولىمۇ سىرلىق تالانت ئىگىسى» دەپ نام قويدى. «ئانا، پەرزەنتنىڭ تۇنجى تەربىيىچىسى» يۇقىرى مائارىپ تەربىيىسى ئالغان (شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان) بىلىملىك، ساپالىق ئانا يالغۇز قىزىغا داۋاملىق دەرسلەرنى دەرس ۋاقتىدىلا %80 ئۆزلەشتۈرۈش، ھەرقانداق ۋاقىتتا «بىرىنچى»لىكنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەكلىكى، نەتىجىگە ئىرىشىش ئۈچۈن چوقۇم بەدەل تۆلىمەي بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا قايتا - قايتا  تەربىيە قىلاتتى. ئانىسىنىڭ ھەربىر ئېغىز گىپىنى مۇقەددەس پەرمان دەپ بىلىدىغان بۇ قىز ئۈچۈن بۇ تەربىيىلەر قان قىنىغا سىڭىپ كەتتى. نەتىجىدە ئۇ باشلانغۇچتىن  تارتىپ سىنىپ بويىچە 1 - لىكنى قولدىن بەرمەي ئوقىدى. ئەرەب ۋە چاغاتاي تىلىغا ناھايىتى پىششىق بولغان ئانا قىزىغا كىچىكىدىنلا چاغاتاي تىلىنى ئۆگەتتى. ئۇ تولۇقسىز ئوتتۇرىغا چىققان يىلىدىن تارتىپ ئانىسىنىڭ سالامەتلىكى داۋلاتقانسىرى ناچارلىشىپ كەتتى. ھەتتا دوختۇرلار «ساقىيالمايدۇ» دەپ ھۆكۈم چىقاردى. مەرپۇئاي ناھايىتى ئەنسىرىدى. دەرسلىرىنى تاشلاپ دېگۈدەك ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى. بەختكە يارىشا ئانىنىڭ كېسىلىمۇ خېلى ياخشىلىنىپ قالدى. ئۇ بالدۇرراق  خىزمەتكە چىقىپ ئانىسىنى بېقىش مەقسىدىدە ئوتتۇرا تېخنىكوم ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ 2 ئايدەك ۋاقىت قەشقەردىكى يېزا ئىگخلىك مەكتىپىدە ئوقىدى. لېكىن ئاتا - ئانا قايتا - قايتا مەسلىھەتلىشىپ بۇ ئۆتكۈر كاللىلىق قىزنى قەشقەر شەھەرلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇق 1 - يىللىقىغا قايتۇرۇپ كەلدى. بۇ ۋاقىتتا دەرسلەر ئاساسىي جەھەتتىن ئاخىرلىشىپ قالغان، مەۋسۇملۇق ئىمتىھانغا ئاز قالغان ئىدى. ئۇ يەنە كىچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئۆگىنىپ يۈرۈپ سىنىپتا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا ماڭدى.
    ئالىي مەكتەپتە ئوقۇساق بەش يىلدا 50 - 60 مىڭ يۈەن پۇلنىڭ بىشىغا سۇ قۇيىدىكەنمىز، يا ھازىر ھۆكۈمەت خىزمەتكە تەقسىم قىلمىسا، بىكار جاپا چەككىنىمىزلا قالىدىغان ئوخشايدۇ، ئۇنىڭدىن كۆرە ھازىرلا بىرلىشىپ «كارخانا» قۇرايلى. دورا دۇكىنى ياكى قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنى ئاچايلى. بۇ مەرپۇئاينىڭ تولۇق 3 - يىللىقىنىڭ 2 - مەۋسۇمىدا  بىرنەچچە قىز ساۋاقدىشى بىلەن تۈزگەن پىلانى. ئۇ كەچتە ئۆيىگە بېرىپلا ئانىسىغا بۇ پىلاننى ئېيتىپ مۇشۇ كۈنگىچە بىر ئېغىز قاتتىق گەپ ئاڭلاپ باقمىغان ئانىسىدىن تەنبىھ ئاڭلىۋالدى. خېلىدىن كېيىن «بىلىم ئالمىغان ئادەم ئۇ ئىشلارنىمۇ تۈزۈك قاملاشتۇرالمايدۇ، سەن چوقۇم ئالدى بىلەن مۇكەممەل بىلىم ئىلىشىڭ كېرەك» دېدى ئانا قىزىنىڭ بىشىنى سىيلاپ. ئۇ يەنە بىر مەزگىل تىڭىرقاپ يۈردى. 7 - ئاينىڭ 2 - كۈنى يەنى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا 5 كۈن قالغان ۋاقىتتا مەرپۇئاي ئانىسىغا «ئانا، ئېغىر ئالماي مۇشۇ بىرنەچچە كۈن ئۆينىڭ ئىشلىرىنى قىلىشىپ بەرسىڭىز» دېدى. چۈنكى باشقا ساۋاقداشلىرى ئۆي ئىشى تۈگۈل ئۆزىنىڭ ئىشلىرىنىمۇ ئائىلىسىدىكىلەرگە تاشلاپ قويۇپ بىشىنى كۆتۈرمەي تەكرار قىلىۋاتقىلى خېلى ئۇزاق بولغان ئىدى. لېكىن ئۇنىڭ ئاغرىقچان ئانىسىغا تاشلاپ قويۇشقا كۆڭلى ئۇنىمايتتى.
    1999 - يىلى 8 - ئايدا ئۇنىڭغا ئۆز ئارزۇسى بويىچە شىنجاڭ  ئۇنىۋرسىتېتى جۇڭگو تىللىرى كەسپىدىن چاقىرىق كەلدى. يەنە كېلىپ ئۇ 386 نومۇر بىلەن مەكتىپىدە 1 - بولۇپ ئۆتكەنىدى.
    مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىن ئۇ بىۋاسىتە خەنزۇ تىلىدا يەنە كېلىپ خەنزۇ ئوقۇتقۇچىلار ئۆتكەن دەرسنى ئاڭلاشتەك ئەھۋالغا دۇچ كەلدى. بۇ ئۇنىڭدەك تېخى بىرەر ئېغىز ىەنزۇچە پاراڭلىشىپ باقمىغان، پەقەت كىتابىي بىلىملەر بىلەنلا كەلگەن قىز ئۈچۈن تولىمۇ تەس كېلەتتى، ئەلۋەتتە! ئۇ ھەتتا بىر قېتىملىق دەرستە ئۆزىنى خەنزۇچە تونۇشتۇرالمىدى. پۈتۈن ۋۇجۇدىغا «رىقابەت» ئۇقۇمى سىڭىپ كەتكەن بۇ قىز يەنە سىنىپىدىكى خەنزۇ تىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانىدىن 8 - دەرىجە تولغان، تەلەپپۇزى ناھايىتى ياخشى ساۋاقداشلىرى بىلەن رىقابەتلىشىپ ئۆگەندى. ھەتتا 1 - لىكنى تالاشتى.  بۇنىڭ ئۈچۈن  ئۇ ئۆزلۈگىدىن ئۆگىنىش يولىنى تاللىۋالدى. ئەمەلىيەتتىمۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مۇكەممەل بىلىمى %30 ئوقۇتقۇچىنىڭ يىتەكلىشىدىن كەلسە، %70 ئۆز كۈچىگە تايىنىشتىن كېلىدۇ. مەرپۇئاي بۇ نۇقتىنى تولۇق چۈشىنەتتى. شۇڭا ئۇ بىر كۈننىمۇ بىكار قويماي تىرىشتى. ئۇنىڭ دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلىرى، شەنبە - يەكشەنبىلىرى، ھېيت - بايراملىرى سىنىپتا، كۇتۇپخانىدا ئۆتتى. شۇنداق قىلىپ ئۇ تېزلا خەنزۇ تىلى سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ قالماي، كومپيۇتېردىمۇ بەلگىلىك سەۋىيىگە يەتتى. يەنە قانۇن كەسپىنى ئۆزلۈگىدىن ئۆگىنىپ «قوش دىپلوم» ئىلىش ئۈچۈن تىرىشتى.
    تىرىشچانلىق ئۆز مىۋىسىنى كۆرسىتىپ ئۇ بىرىنچى يىلىلا مەكتەپ بويىچە «مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى» بولۇپ سايلىنىپ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشتى.
    2000 - يىلى 10 - ئايدىكى 7 كۈنلۈك دەم ئېلىشتا ئۇ ئۆيىگە قايتتى. خېلىلا ئاجىزلاپ قالغان ئانا ئۇنىڭغا نۇرغۇن تەربىيىلەرنى بەردى. ئۇ 7 كۈن ئۆيىدىكىلىرى بىلەن قانغۇچە مۇڭدىشىپ يەنە مەكتەپ قوينىغا قايتتى. ئۇ بۇ جەرياندا يەنە بىرنەچچە ئائىلىدە فېزىكا، خىمىيە پەنلىرىدىن ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەپ تۇرمۇش خىراجىتىنى ئۆزى ھەل قىلدى. 2001 - يىلى 1 - ئايدا ئىمتىھاننى تۈگىتىپلا يۇرتىغا ماڭغان مەرپۇئاينىڭ ئالدىغا مېھرىبان ئانىسى ھەر قېتىمقىدەك چىقمىغان ئىدى. مەرپۇئاي پويىزدىن چۈشۈپلا دادىسى بىلەن كۆرۈشۈپ ئۆيگە، ئانىسى بىلەن كۆرۈشۈشكە ئالدىرىدى. چۈنكى ئۇ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئاشۇ ئانىنىڭ ئۆزىنى پەپىلەپ چوڭ قىلغان قولىغا ئاتاپ بىر جۈپ ئۈزۈك، كېسىلىگە پايدا قىلىدىغان ھەر خىل يېڭى دورا چە يېمەكلىكلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئۇ يەنە مەكتەپ تارقاتقان قىپقىزىل «شەرەپ گۇۋاھنامىسىنى» ئانىغا ئۆز قولى بىلەن بەرمەكچى ئىدى. لېكىن... رېئاللىق رەھىمسىز ئىكەن! ئۇنىڭ بۇ ئارمانلىرى ئارمان پېتىچە قالدى. ئانا يالغۇز قىزىنىڭ دىدارىنىمۇ كۆرەلمەي ئۇ دۇنياغا كەتكەنىدى. يەنە كېلىپ 2 ئاي بۇرۇنلا! مەرپۇئاي، ئەزەلدىنلا ئىچى كۈچلۈك بۇ قىز ئەقلى - ھۇشىنى يوقاتتى. پۈتۈن ئالەمدىكى ھەممە ئادەم، ھەممە نەرسە ئۇنىڭ ئۈچۈن ئارتۇقچە تۇيۇلدى. چۈنكى بۇ مېھرىبان ئانا ئۇنىڭ ھەم ئاچىسى ھەم سىڭلىسى ھەم سىرداش دوستى، ھەممە - ھەممە نېمىسى ئىدى. ئاتىسىنىڭ، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ تەسەللىيلىرى ئۇنىڭغا كار قىلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. ئاشۇنداق روھىي ھالەت بىلەن مەكتەپكە قايتىپ كەلگەن مەرپۇئاي بىر كۈنى مەكتەپتىكى چوڭ كۆلنىڭ لىۋىدە تۇرۇپ ئۆز ئۆزىگە پىچىرلىدى. «مېنىڭ ياخشى ئوقۇشۇم ئەمەلىيەتتە ئۆزۈمدىنمۇ بەك ياخشى كۆرىدىغان ئانام ئۈچۈن ئىدىغۇ؟! ئانام بولمىغان دۇنيادا مەن ياشاپ نېمە قىلاي! كىتىشىم كېرەك!»
    دەل شۇ چاغدا ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا دادىسىنىڭ بىچارە قىياپىتى نامايەن بولدى. ئۇ ئۆزىنىڭ تاللىغان مۇشۇ يولىدا ماڭسا دادىسىنىمۇ تەڭلا تۈگەشتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى شۇنداقلا پۈتۈن ئائىلىنى ۋەيران قىلىۋېتىدىغانلىقىنى ئاشۇ مىنۇتتا ھېس قىلىپ يەتتى.
    20 نەچچە يىل بالا بىقىپ ئاخىرىدا شۇ ئازابلارغا دۇچار بولۇش بىر ئاتا ئۈچۈن قانچىلىك ئېغىر كېلەر؟! ياق، بۇ يولدا ماڭماسلىقىم كېرەك ئىكەن! ئۇ قايتا سىنىپقا كىردى. لېكىن ئازراقلا بىكار قالسا ئازابلىق ھېسلار ئۇنىڭ يۈرىكىنى مۇجۇيتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنى جىددىي ياشاشقا يەنى بىردەممۇ بىكار تۇرماسلىققا ئۈندىدى. ئۇ شەنبە - يەكشەنبىلەردە 8 ئائىلىدە ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىقى قىلىپ ئەتىگەن سائەت 6 دىن كەچ سائەت 9 گىچە «ئۇھ» دېگۈدەكمۇ ۋاقىت چىقىرالمىدى. يەنە مەكتەپنىڭ تۈرلۈك ئوقۇغۇچىلار خىزمىتىنى ئىشلىدى. باشقىلار تاتلىق ئۇخلاۋاتقان كىچىلەردە ئۇ كىرپىك قاقماي كىتاب كۆردى. بۇ ئۇنىڭ ئىرادىسىنى تېخىمۇ تاۋلاپ ئازابلار ئىچىدىن قۇتۇلۇپ چىقىشىغا ياردەم بەردى.
    ئوقۇش پۈتىدىغان يىلى ئۇ «كومپيۇتېردىمۇ، خەنزۇ تىلىدىمۇ خېلى سەۋىيىگە يەتتىم، ئەمدى ئېنگلىز تىلى ئۆگىنەيمۇ - يا؟!» دېگەنلەرنى ئويلىدى - دە،  ئېنگلىز تىلى كۇرس تاللىغىلى تۇردى. دەل شۇ كۈنلەردە مەكتەپ ئۇنى ئاسپرانتلىق ئىمتىھانىغا تاللاپ تەۋسىيە قىلغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىدى. ئۇ ھاياجانلاندى، جاپالىق ئۆگەنگىنىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈپ خۇشاللاندى، لېكىن بۇ ئېسىل پۇرسەت يەنە ئۇنى جىددىيلەشتۈردى. چۈنكى ئاسپرانتلىق ئىمتىھانىنىڭ ئېنگلىز تىلى جەھەتتىكى تەلىپى ناھايىتى يۇقىرى ئىدى. لېكىن مەرپۇئاي ئېنگلىز تىلىغا ئاساسىي جەھەتتىن خام. ئىمتىھانغا بولسا پەقەت ئىككى ئايلا ۋاقىت قالغان. «قانداق قىلىش كېرەك؟! تىرىشىش، توىتىماي تىرىشىش كېرەك!»
    ھەتتا ئاسپرانتلىق ئىمتىھانى توغرىلىقمۇ چۈشەنچىسى تولۇق بولمىغان بۇ قىز ئۇستازلىرىدىن، يۇقىرى يىللىقتىكى ئاسپرانتلىقلاردىن، ئېنگلىز تىلى مۇئەللىملىرىدىن ھارماي - تالماي، زىرىكمەي سوراپ ئۆگەندى. كىچىكىدىن باشلاپ يىتىشتۈرگەن كېچىنى - كۈندۈزگە ئۇلاپ ئۆگىنىش ئادىتى ئۇنىڭغا بۇ قېتىم تېخىمۇ ئەسقاتتى. ئەمەلىيەتتە كېچە پەقەت ئۇيقۇ ئۈچۈنلا يارىتىلمىغان بولسا كېرەك. ئۇ غايەت زور بېسىم، ئاجايىپ چوڭ ئۈمىد ۋە جىددىيلىك ئىچىدە ئۆگەندى. ئۇ تاللاپ تەۋسىيە قىلىنغان ئوقۇغۇچى بولغاچقا سىياسەت ئىمتىھانى بىلەن بىر كەسپىي ئىمتىھان ئېلىنمايتتى. چاغاتاي تىلى بولسا ئانىسى ئۇنىڭغا كىچىكىدە ئۆگەنگەن تىل ئىدى. شۇڭا ئۇ پۈتۈن ۋاقتىنى ئىنگلىز تىلىغا ئاجراتتى. ھەتتا بەزىدە كۈندە  22 سائەت ، ئاز دېگەندىمۇ 12 سائەت ئۆگىنەتتى. 
    ئۇخلاۋەرسە ئۇيغۇسى كېلىۋەرگەندەك ئۇخلىماي يۈرۈپ، ئۇيقۇسىزلىققا مەرپۇئايمۇ كۆنۈپ قالدى. بەزى كۈنلىرى بەك چارچاش ھېس قىلغاندا 2 ياكى 3 سائەتلا كۆزىنى يۇمۇۋالدى. ئەنە شۇنداق تىرىشى نەتىجىسىدە ئۇ ئىمتىھاننى كۆڭۈلدىكىدەك بەردى ۋە ئۆيىگە قايتتى. ئۇ يەردە دادىسى ئېغىر كېسەل بولۇپ ياتاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەنە كېچىلىرى ئۇخلىماي دادىسىغا قارىدى. ئۇ بۇنى بىر پۇرسەت دەپ بىلەتتى. چۈنكى ھازىر ئۇ پۈتۈن ئۆمۈرىنى بەدەل قىلىپ تۆلىسىمۇ مېھرىبان ئانىسىنىڭ ھالىدىن 5 مىنۇت ھەتتا بىر مىنۇت خەۋەر ئالالمايتتى. مەكتەپكە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇ بىراقلا يىقىلدى. نەچچە ئاي ئۇيقۇسىزلىق ئۇنىڭ سالامەتلىكىنى ناچارلىتىۋەتكەننىڭ ئۈستىگە كۆزىمۇ كىتاب كۆرسىلا ياش ئاقىدىغان، تىقىلىپ ئاغرىيدىغان بولۇۋالدى.
    ئىمتىھاندىن ئۆتكەنلىك خۇشاللىقىدىن تېخى تولۇق بەھىرلىنىپ بولالمايلا ئۇنىڭ بېشىغا يەنە بىر مۇسىبەت كەلدى. ئۇنىڭ قېرىندىشى، جان - جېگەر ئاكىسى قىرغىزىستاندا يۈز بەرگەن ماشىنا پارتلاش ھادىسىسىدە قازا قىلغانىدى.
    قايتىدىن مۇسىبەت پاتقىقىغا پاتقان بۇ قىز ئۆزىنى بىراقلا تاشلىۋەتتى. نەچچە كۈن يىغىلىدى. لېكىن «كەتكەننىڭ كەينىدىن كەتكىلى بولمىدى» ئۇ يەنە ياشىشى، تۇرمۇشتىن ئىبارەت بۇ «تۇر  مۇشت»قا دادىللىق بىلەن جەڭ ئېلان قىلىشى كېرەك ئىدى. شۇنداق بولغاندىلا ئۇ مەرھۇم ئانىسىنىڭ ۋە تاغىسىنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلىيالايتتى. دىلى سۇنۇق دادىسىغا ئازراق بولسىمۇ تەسەللىي بېرەلەيتتى.
    ئۇ يەنە زور چىدام بىلەن ئوقۇش پۈتتۈرۈش دىسىرتاتسىسيىسىنى مۇۋەپپەققىيەتلىك ياقلاپ 2003 - يىلى 9 - ئايدا ئاسپرانتلىق ئوقۇش ھاياتىنى باشلىۋەتتى.
    ھېكامەت خەزىنىسىگە يۈرۈش قىلىۋاتقان بۇ قىزنىڭ خەنزۇ تىلىدىن كەسىپ ئالماشتۇرۇپ چاغاتاي تىلىدا ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇشى چاغاتاي تىلى تەتقىقاتىدىكى ھازىر بوش قېلىۋاتقان يەرلەرنى تولۇقلاش، مۇشۇ قەدىمىي تىلنى مەدەنىيەت ساھەسىدە تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇش مەقسىدىدىن .... بۇ ئۇنىڭ ئارزۇسى، ئۇ يەنە توختىماي تىرىشىپ مۇشۇ كەسىپ بويىچە دوكتورلۇقتا ئوقۇماقچى.
    رىقابەت ئاجايىپ كەسكىن بولۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ئاسپرانتلىقتا ئوقۇش بىردىنبىر چىقىش يولى بولمىسىمۇ لېكىن ئەڭ ياخشى چىقىش يوللىرىنىڭ بىرى.
    ئۆزىنىڭ جاسارىتى، چىدام - غەيرىتى بىلەن گۈزەل كەلگۈسىنى ياراتقان بۇ قىز مەڭگۈ بىز ياشلارنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىمىز. ئۇنىڭ روھى دەۋر ياشلىرىدا بولۇشقا تېگىشلىك روھ ئەلۋەتتە!
    ھەممىمىز بۇ كەلگۈسىدىكى تەتقىقاتچىمىزنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى تىلەيمىز!

    ئۇ «سىرلىق تالانت ئىگىسى»مۇ؟

    سىز ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىپ باققانمۇ؟ ناۋادا ئۆگىنىپ باققان ياكى ئۆگىنىۋاتقان بولسىڭىز، بۇ تىلنىڭ قىيىنلىقىنى ھېس قىلغان چاغلىرىڭىزدا ئۆگىنىشتىن ۋاز كېچىشنىمۇ ئويلىغانمىدىڭىز؟ سىز ئىنگلىز تىلى ئۆگەنمەكچى بولىۋاتقان بولسىڭىز باشقىلارنىڭ ئاغزىدىن بۇ تىلنىڭ قىيىنلىقىنى ئاڭلاپ ئىختىيارسىز «قاچانمۇ ئۆگىنىپ ئاخىرىغا چىقىرىپ بولارمەن؟» دېگەن بولغىيدىڭىز؟ ئەگەر سىز ئىنگلىز تىلىدا خېلى يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكەن بولسىڭىز بۇ تىلنى ئىگىلەش ئۈچۈن قانچىلىك زور چىدام ۋە غەيرەت لازىم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان بولۇشىڭىز مۇمكىن...
    ئەمدى سىزدىن بىر سوئال سوراپ باقاي: ئىنگلىز تىلىدىكى دۆلەتلىك 4 - دەرىجىلىك ئىمتىھادىن قانچىلىك ۋاقىتتا ئۆتۈشنى پىلانلىدىڭىز؟ 6 - دەرىجىدىنچۇ؟ يەنە قانچىلىك ۋاقىتتا دۇنياۋىي تىلدا ئۆز ئانا تىلىڭىزدىكىدەك بىمالال سۆزلەشنى پىلانلىدىڭىز؟
    مۇشۇ سوئالغا قايسىبىرىمىز ئىنگلىز تىلىنى بىر يىل ئۆگىنىپلا 4 - ، 6 - دەرىجە ئىمتىھانىنى بەرمەي، بىراقلا TOFEL ئىمتىھانى بېرىپ يۇقىرى نومۇر بىلەن 5 - 6 دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن كەلگەن چاقىرىقنى تاپشۇرىۋالىمەن، دەپ جاۋاب بېرەلەرمىز؟!
    گەرچە بىز پەرەز قىلىۋاتقان بولساقمۇ ھەتتا پەرىزىمىزدىمۇ مۇشۇنداق ئويلاشقا جۈرئەت قىلالماسلىقىمىز مۇمكىن. چۈنكى بىز ۋە بىز تونۇيدىغان نۇرغۇن كىشىلەر نەچچە يىل ئۆگىنىپمۇ 4 - دەرىجە ئىمتىھانىدا ياخشى نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن ھالەتتە يۈرگەن بولۇشى مۇمكىن، ئېھتىمال. لېكىن ئارىمىزدا ئىنگلىز تىلىنى 0 دىن باشلاپ ئۆگىنىپ 11 ئايدىلا توفېل ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ (4-، 6- دەرىجە ئىمتىھانى بەرمىگەن) 560 نومۇر بىلەن كانادا، ئامېرىكىلاردىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ چاقىرىقىنى قولىغا ئالغان بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بار. يەنە كېلىپ ئۇ ئالىي مەكتەپنىڭ 2 - يىللىقىدىلا مۇشۇ نەتىجىگە ئېرىشتى. بۇ گەپنى دەسلەپ ئاڭلىغان ئادەمدە ئىشەنمەسلىك تۇيغۇسى پەيدا بولۇشى مۇمكىن. لېكى بۇ رېئاللىق. تىرىشچانلىق، ئەجىر بەدىلىگە كەلگەن رېئاللىق  شېرىن مېۋە! بەزىلەر بۇ يىگىتنى «تالانت ئىگىسى» دەيدۇ. ئۇنداقتا بۇ تالانت ئىگىسى زادى كىم؟ ئۇ شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى كېلىنكىلىق داۋالاش كەسپىنىڭ 2001 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئەلى.
    ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن تاشلىق زېمىننىڭ تېشىدەك قاتتىق ئىرادىلىك بۇ يىگىت كىچىكىدىنلا ماتېماتىكا قاتارلىق تەبىئىي پەن دەرسلىرىگە قىزىقاتتى. ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن ئۇ گېئومېتىرىيە، ئالگېبرا، خېمىيە، فىزىكا دەرسلىرىدە كاللىسىنىڭ ئۆتكۈرلىكى بىلەن سىنىپنىڭ ئالدى بولۇپ ماڭدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ھەر يىلى مەكتەپ بويىچە «3 تە ياخشى ئوقۇغۇچى» بولۇپ مۇكاپاتلىنىپ تۇردى. شۇ ۋاقىتتىلا بۇ بالا ساۋاقداشلىرىنىڭ ئارىسىدا «تۇغما تالانت ئىگىسى»، «تاشقى پىلانت ئادىمى» دەپ ئاتىلاتتى. ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ئۇنىڭ ئۆتكۈرلىكىدىن ئۇنى «بەكلا ئەقىللىق بالا جۇمۇ بۇ !» دەپ ماختىشاتتى. لېكىن ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كىشىدە تالانت بىر پىرسەنت، تىرىشچانلىق 99 پىرسەنت بولىدۇ.ئۇنىڭمۇ بۇنداق ئۆتكۈرلىكىدە توختىماي تىرىشىشى، مېڭىسىنى ئىشلىتىشى سەۋەب بولغان. مېڭە دېگەن ئىشلەتكەنسېرى ئېچىلىدۇ ئەمەسمۇ؟!
    ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىۋاتقان كۈنلەردە ساۋاقداشلىرى ئۇنىڭغا «ئەلى ئازراق ئۆگەنگىن جۇمۇ، بىلىدىغانلىرىڭنىڭ ھەممىسىنى چىقىرىۋەتسەڭ نومۇر چېكى يۇقىرىلاپ كېتىپ بىزگە زىيان سالىسەن» دەپ چاخچاق قىلىشاتتى. بۇنداق گەپلەرنى ئاڭلىغان ئەلى كۈلۈپلا قوياتتى. 2000 - يىلى 7 - ئايدا ئۇ 486 نومۇر بىلەن شىنجاڭ بويىچە تەبىئىي پەنلەر كەسپىدە 1 - بولۇپ (مىللىي ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىندى. ئۇنىڭ بۇ نەتىجىسى پۈتۈن يۇرتتىكىلەرنى خۇشال قىلىۋەتتى. ئۇستازلىرى پەخىرلەنگەن ھالدا «مەن ئوقۇتقان بالىتى، زادى كاللىسى ئىشلەيتتى!» دېسە، ساۋاقداشلىرى «بىزنى دەپ ئازراقلا نومۇر  ئېلىۋاپسەن - ھە؟» دېيىشەتتى.
    ئەلى مەكتىپىگە كېلىپ 2 ھەپتىلەر ئۆتكەندىنكېيىن شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىدىكى سىڭلىسىنى يوقلاپ بارغاندا ئۇنىڭ بىر چەت ئەللىك قىز بىلەن يېرىم يارتا  پاراڭلىشىپ ئولتۇرغىنىنى كۆرىدۇ. ئىنگلىز تىلىدا «ئىسمىڭىز نېمە؟» دېيىشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان ئەلى بۇ تاساددىپىي پۇرسەتتە گەرچە تىلنى بىلىشمىسىمۇ ئۇ قىز ۋە ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى بىلەن دوست بولۇپ قالىدۇ. بۇ دوستلۇق ئەسلىدىن ئىنگلىز تىلىغا قىزىقىپ تۇرغان ئەلى ئۈچۈن تېخىمۇ ھەيدەكچىلىك رولىنى ئوينايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ «ئەسەبىيلەرچە ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش جەريانىنى باشلىۋېتىدۇ. لېكىن ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش ئۈچۈن ئۇ نۇرغۇن ماتېرىيال سېتىۋېلىشى كېرەك ئىدى. ئۆيىدىن كېلىدىغان 300 يۇەن پۇل بۇنىڭغا يەتمەيتتى. شۇڭا بۇ ئار - نومۇسى كۈچلۈك يىگىت خىجىللىق ئىلكىدە دادىسىدىن جىقراق پۇل سېلىشىنى ئۆتۈندى. ئىقتىساد ھەل بولدى. ئەمدى ئۇ تىرىشىپ ئۆگەنسىلا بولاتتى. ئۇ پۈتۈن جان - جەھلى بىلەن ئىنگلىز تىلىغا كىرىشىپلا كەتتى. كۈنىگە ئاز دېگەندىمۇ 14 سائەتلەپ ئۆگىنىش ئامېرىكا تەلەپپۇزىدىكى كىنو فىلىملىرىنى DCVگە سېلىپ قويۇپ تېلېۋىزورغا ئارقىسىنى قىلىپ ئولتۇرۇپ ئاڭلاش، چەت ئەللىكلەر بىلەن داۋاملىق قويۇق ئارلىشىش قاتارلىق جانلىق، ئۈنۈملۈك ئۇسۇللار نەتىجىسىدە ئۇ قىسقىلا ۋاقىت ئىچىدە خېلى يۇقىرى سەۋىيىگە يەتتى. بىرىنچى قېتىملىق قىشلىق تەتىلدىلا ئۇ ئاتۇش شەھىرىدە «يېڭى ئۇقۇم ئىنگلىز تىلى» دەرسلىكىدىن تەربىيىلەش كۇرسى ئېچىپ، دەرس ئۆتۈش تەجرىبىسىنى توپلىدى. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ تىل ئۆگىنىش جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىنى بايقاپ پەقەت ئىنگلىز تىلى بىلەنلا قالماي يەنە فىرانسوز تىلى ۋە نېمىس تىلىنى ئۆگىنىشنى باشلىۋەتتى. پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن تىرىشىش نەتىجىسىدە ئۇ پەقەت 11 ئايلا ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىپ توفېل ئىمتىھانىدىن يۇقىرى نومۇر ئېلىش بىلەن بىرگە فرانسوز ۋە نېمىس تىلىدىنمۇ ئۆز ئانا تىلىدەك سەۋىيىگە يەتتى. دېمەك ئۇ 20 يېشىدىلا 5 تىلنىڭ ئىگىسى بولۇپ قالدى.
    ئۇ ئۆزىنىڭ بىلىمىنى دەڭسەپ باقتى. يەنە دادىسىغا تېلېفون قىلىپ پۇل ئەۋەتىش توغرىسىدا ئېغىز ئېچىش ئۇنىڭ ئۈچۈن نومۇس ئىدى. شۇڭا ئۇ تېزلىكتە «ئەلى تىل تەربىيىلەش مەركىزى»نى قۇرۇپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا باشلىدى. ئىنگىلىز تىلى گرامماتىكىسىغا مۇكەممەللىكى،  ئېغىز تىلىنىڭمۇ چەت ئەللىكلەرنىڭكىدەكلا ئۆلچەملىك بولۇشى ئۇنىڭ داڭقىنى ئاللىبۇرۇن ئىنگلىز تىلى قاينىمىدىكىلەر ئارىسىدا پۇر كەتكۈزىۋەتكەن تۇرسا، ئۇ ئاچقان تەربىيىلەش مەركىزى قارشى ئېلىنماي قالاتتىمۇ؟ ھەر قايسى ئالىي، ئوتتۇرا مەكتەپلەردىن خىزمەت ئورۇنلىدىن كەلگەن تىل ھەۋەسكارلىرى ئۇنىڭ سىنىپىغا لىق تولدى. ئۇنىڭ سىنىپىدا تەربىيىلەنگەن ئوقۇغۇچىلار كوللىكتىپ ھالدا 4 - دەرىجە ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ ئۆتۈش نىسبىتى خېلىلا يۇقىرى بولدى. 3 خىل چەت ئەل تىلىدا ئۆز ئانا تىلىدەك سۆزلىشەلەيدىغان بۇ يىگىت يەنە تىل ئۆگىنىۋېرىشنىڭ ئورنىغا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بوشلۇق بولۇپ تۇرغان پسىخولوگىيە ساھەسىگە يۈرۈش قىلىشنى پىلانلىدى. مۇنداقلا قىزىقىشتىن ئەمەس بەلكى ھەقىقىي ئىشتىياق بىلەن مەلۇم مۇددىئا بىلەن ئۆگىنىلگەن بۇ پەن ئۇنىڭ ئىدىيىسىنى، كىشىلىك كۆز قارىشىنى، دۇنيا قارىشىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋەتتى ياكى ئۆز تەڭتۇشلىرىدىن بىراقلا بۇ جەھەتلەردە ھالقىپ كەتتى. چۈنكى ئۇ پىسىخولوگىيىە ئىلمىنىى ئۆگىنىش جەريانىدا (چەت ئەللىك داڭلىق پسىخولوگلارنىڭ 360 پارچىدىن ئارتۇق مەشھۇر كىتابلىرىنى ئوقۇپ تۈگەتتى. (ئىنگلىز تىلىدىكى كىتابلار). نەچچە ئون يىل ياشاپ تېخى ئۆز ئانا تىلىدىكى كىتابتىنمۇ 360 پارچە ئوقۇپ باقمىغان ئادەملىرىمىز ئاز بولمىسا كېرەك. لېكىن بۇ يىگىت پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن تىرىشىۋاتقان بۇ يىگىت شۇنداق قىلالىدى!!
    تىرىشىش جەريانىدا تېخىمۇ كاللىسى ئېچىلىپ كەتكەن ئەلى ئىنگلىز تىلىنى تېز ئۇسۇلدا ئۈنۈملۈك ئۆگىنىش توغرىسىدا ھەقلىق لېكسىيىلەرنى ئۇيۇشتۇردى. گەرچە بۇ پۇل ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ئاز پۇل بولمىسىمۇ بۇ سىرلىق يىگىت تېپىپ چىققان ئۆگىنىش ئۈنۈمىگە ئىشەنگەن ئوقۇغۇچىلار سىنىپقا پاتماي قالدى. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ 360 پارچىدىن ئارتۇق كىتابىدىن ئۆگەنگەن بىلىملىرى بويىچە «مۇۋەپپەقىيەت ئىلمى»دېگەن نامدا ھەقسىز لېكسىيە ئۇيۇشتۇردى. بۇ نۇتۇقتا ئۇ روھىي بېسىمنى تۈگىتىش، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىكى روھىي ھالەتلەر قاتارلىقلار توغرىسىدا سۆزلىگەندىن سىرت ئادەمنى 3 مىنۇت ئىچىدە ئۇخلىتىش، پۈتۈن بەدىنىنى قاتۇرۇپ ئۈستىگە چىقىپ دەسسەش قاتارلىق ماھارەتلەرنى كۆرسەتتى.
    4 ئالىي مەكتەپتە سۆزلەنگەن نۇتۇقلاردا ئاڭلىغۇچىلارغا مۇنداق دەيدۇ:
    «ئىنسان بولغان ئىكەنسىز، سىز ئالدى بىلەن مەن ھەممە ئىشنى قىلالايمەن، دېگەننى ئېسىڭىزدىن چىقارماڭ. چۈنكى سىز قىلىشنى خالىسىڭىزلا كۆزلىگەن مەقسىتىڭىزگە يېتەلەيسىز. سىز ھەيرانلىق قايىللىق ئىچىدە قاراۋاتقان ، تەرىپلەيدىغان ھەر قانچە ئۇلۇغ ئىنسانمۇ ئەمەلىيەتتە كۈچلۈك ئىرادە، ساغلام روھىي كەيپىيات بولغاچقا غەلىبە قىلغان. نەتىجىنى بەك ئويلىۋالماڭ. ئەڭ مۇھىم جەريان، ئوڭۇشلۇق جەريان سىزنى كۆزلىگەن مەقسىتىڭىزگە يەتكۈزەلەيدۇ. ئىشنى بەك كىچىك ئىشتىن باشلايمەن، دەپ تۇرۇۋالماڭ. چۈنكى ئون مىڭ يۇەن تېپىشتىن 100 مىڭ يۇەن تېپىش ئاسان. بۈگۈنكى دەۋردە ياشاۋاتقان ئىكەنسىز، سىزدە چوقۇم سەگەك ئىقتىسادىي كاللا بولۇشى كېرەك». مانا بۇ 22 ياشلىق ئۇيغۇر يىگىتىنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولغان دۇنيا قارىشى.
    بەزىلەر ئۇنىڭ ئادەمنى ئۇخلىتىشى، بەدىنىنى قاتۇرۇشتەك ماھارەتلىرىنى سېھرىگەرلىك دەپ قاراشتى. لېكىن ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ھەممە ئادەمنىڭ نېرۋا ھۈجەيرىلىرى تەڭ بولىدۇ. گەپ بۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا. مېنىڭ بۇ قىلغانلىرىم پەقەت پىسىخولوگىيە جەھەتتىكى يەنى ئادەمنىڭ روھىيىتىدىكى ئىشلارغا، مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك. ھەرگىزمۇ سېھرىگەرلىك ئىشلەتكەنلىكىمدىن ئەمەس.
    ئەلى ھازىر بەش خىل تىلنىڭ، نۇرغۇن پۇلنىڭ ئىگىسى. «كېلەر يىلى پۇلۇمنى مىليونغا يەتكۈزىمەن! يېڭى شەرق新东方»دەك داڭلىك چەت ئەل تىلى مەكتىپى قۇرىمەن» دەيدۇ ئۇ ئىشەنچ بىلەن.  ئۇ يەنەپىسىخولوگىيە ئالىمى بولۇپ، بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقلارنى تولدۇرماقچى. ئۇ ئىنگلىز تىلىنى تېز ئۆگىنىش توغرىسىدىكى ھەر خىل ئۇسۇللار ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ئۇ يەنە ئۆز كەسپىدە ئاسپىرانتلىقتا، دوكتورلۇقتا ئوقۇماقچى. بىر قېتىملىق نۇتۇقتا ئۇنىڭدىن كەلگۈسى توغرىسىدا سوئال سورىغىنىمدا ئۇ ئىشەنچ بىلەن «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش ئەلچىسى بولۇپ قېلىشىم مۇمكىن» دەپ جاۋاب بەردى. 
    شۇنداق ئۇنىڭ نۇرغۇن پىلانلىرى بار. ئۇ بىر - بىرلەپ ئەمەلگە ئاشۇرماقچى. ئىشنى كىچىكىدىن ئەمەس، بىراقلا كۈچىنى يىغىپ چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشتىن باشلايدىغان بۇ يىگىت چوقۇم دېگەنلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. چۈنكى ئەلى «ھەرقانداق ئىشنىڭ تۇنجىسى بولالمىسا، بىرىنچىسى بولۇش كېرەك» دېگەن سۆزنى ياشاش پرىنسىپى قىلغان.
    كىم ئۇيغۇرنى ب د ت غا باش ئەلچى بولالمايدۇ دەيدۇ؟ كىم 23 ياشلىق يىگىتنى مىليونېر بولالمايدۇ دەيدۇ؟ كىم ياشلا بالىنى مەلۇم سەھەدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇشقا كۈچ چىقىرالمايدۇ دەيدۇ؟ كىشى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدىكى غەيرەت - شىجائەتلىك، چىدامچان بۇ ستۇدېنت چوقۇم ھەممىنى قىلالايدۇ. ئەلىلا ئەمەس پەقەت ئەجىر قىلساقلا جاپالىق يوللاردا قورقماي ماڭالىساقلا بىزمۇ قىلمەن دېگىنىمىزنى قىلالايمىز.
    ب د ت گە باش ئەلچى بولماقچى بولغان بۇ «مىليونېر» ستۇدېنتقا ئۇنىڭ ھەر بىر قەدىمىگە مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمىز. قېنى دەۋرداشلار بىزمۇ ھاياتىمىزدا مۆجىزە يارىتىپ ياشايلى!!!

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.