غەرب دۆلەتلىرى ئېلىمىزنىڭ ئولىمپىك مۇناسى

يوللىغۇچى : Biliwal يوللىغان ۋاقىت : 2008-01-07 12:38:00

جۇڭگونىڭ بېيجىڭ شەھىرى 2008-يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگو توغرىسىدىكى بىر تەرەپلىمە قارىشى بىردىنلا كۈچەيدى. شۋېتسارىيىنى...

        جۇڭگونىڭ بېيجىڭ شەھىرى 2008-يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگو توغرىسىدىكى بىر تەرەپلىمە قارىشى بىردىنلا كۈچەيدى. شۋېتسارىيىنىڭ جەنۋە شەھىرىگە جايلاشقان، دۇنيا « ئولتۇراق ئۆي ھوقۇقى ۋە ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىلغانلار مەسىلىسى مەركىزى» دەپ ئاتالغان بىر تەشكىلات يېقىندا« 2008-يىللىق ئولتۇراق ئۆي ھوقۇقىغا دەخلى تەرۇز قىلىش مۇكاپاتى» قالپىقىنى جۇڭگوغا كىيدۈردى. بۇ تەشكىلات بېيجىڭدا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈش سەۋەبلىك 1 مىليون 250 مىڭ كىشى ئۆيىدىن ئايرىلدى، دېگەننى باھانە قىلدى. بۇ ئىش ئەنگلىيە رادىئو شىركىتى، ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى ۋە ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقى قاتارلىق غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، كەڭ ئىنكاس قوزغىدى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىمىزنىڭ باياناتچىسى جياڭ يۈ بۇنىڭغا نىسبەتەن مۇنداق بايانات ئېلان قىلدى: 2002 – يىلىدىن ھازىرغىچە بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەيدان قۇرۇلۇشى تۈپەيلىدىن 6037 ئائىلە ئۆيى چېقىلىپ كۆچۈرۈلدى، كۆچۈرۈلگەن ئامما نەق پۇل تۆلىمىگە ئېرىشتى ۋە مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلدى، بىرمۇ ئائىلىلىك بېيجىڭدىن كۆچۈشكە مەجبۇرلانمىدى.
        «ئولتۇراق ئۆي ھوقۇقى ۋە ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىلغانلار مەسىلىسى مەركىزى» دىكىلەر مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش، بېيجىڭنى خەلقئارالىق چوڭ شەھەر قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن، 2008- يىلى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگىچە مەجبۇرىي كۆچۈرىدىغان نوپۇس 1 مىليون 250مىڭغا يېتىشى مۇمكىن، ھازىر ئېيىغا 13مىڭ كىشىلىك سۈرئەت بىلەن سىرتقا كۆچۈرۈۋاتىدۇ. بۇ سۆز بىلەن بېيجىڭ ئاھالىسىنىڭ ئەمەلىي تەسىراتى ئارىسىدا زور پەرق بار. بېيجىڭ شەھەرلىك قۇرۇلۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى سۈي جېنجياڭ بۇ يىل 8-ئايدا مۇنداق دېدى: بېيجىڭدا كۆچۈرۈلۈۋاتقان ئومۇمىي نوپۇس يىلىغا تەخمىنەن 40مىڭغا يېتىدۇ، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەيدانى ياساش تۈپەيلىدىن ئۆيى چېقىلىپ كۆچۈرۈلگەنلەر 2000 كىشى ئەتراپىدا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار يېتەرلىك تۆلەمگە ئېرىشتى. 
        «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى»نىڭ شۋېتسارىيىدە تۇرۇشلۇق مۇخبىرى ھە دېسىلا باشقىلارغا قالپاق كىيدۈرىدىغان بۇ «ئولتۇراق ئۆي ھوقۇقى ۋە ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىلغانلار مەسىلىسى مەركىزى» نى نۇرغۇن كىشىدىن سۈرۈشتۈرگەن بولسىمۇ، بىلىدىغان بىرمۇ كىشى چىقمىدى. مۇخبىر بۇ تەشكىلاتنىڭ تور پونكىتىدىن ئۇنىڭ ئىلگىرى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەن نۇرغۇن شەھەرگە تىغ ئۇچىنى قارىتىپ، بۇ شەھەرلەرنى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مەيدانى ياساش ئۈچۈن ئاھالىنىڭ ئۆيىنى چاققان، دەپ ئەيىبلىگەنلىكىنى ئىگىلىدى. بۇنىڭدىن بۇ مەركەزنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشكە باشقىچە قارايدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
        جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ شەھەر تەرەققىياتى ۋە مۇھىت تەتقىقات مەركىزىدىكى لو جىڭ «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيان، جۇڭگودا كونا شەھەرلەرنى ئۆزگەرتىشتىكى 2-قېتىملىق دولقۇن كۆتۈرۈلدى، بېيجىڭلا ئەمەس، بەلكى مەملىكەت بويىچە كونا شەھەرلەرنىڭ قىياپىتى ئۆزگەرتىلىۋاتىدۇ. شەخسلەر تۇرالغۇ قەرز پۇل سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، مەملىكەت بويىچە ئۆي-زېمىن بازىرى تېز تەرەققىي قىلدى، خەينەن ئارىلىدىن ئۈرۈمچىگىچە شەھەر تەرەققىيات قۇرۇلۇشى ۋە ئۆي-زېمىن تەرەققىياتى قىزىپ كەتتى، شۇڭا چېقىش كۆچۈرۈشكە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى چېتىۋېلىش ئادىل بولمايدۇ. جۇڭگونىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشى ھەقىقەتەن مەملىكەت بويىچە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كەڭ دائىرىلىك شەھەر قۇرۇلۇشى دولقۇنىغا توغرا كەلدى. ئەمەلىيەتتە، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزمىسەكمۇ جۇڭگودىكى شەھەرلەر ئوخشاشلا ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى قىلىپ، چېقىشقا تېگىشلىكلىرىنى چېقىۋېرەتتى. لو جىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى، ئامېرىكىنىڭ شەھەر ۋە تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى ئارىسىدا نۇرغۇن ئوخشاشماسلىق مەۋجۇت. مەسىلەن: جۇڭگولۇقلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ كۆلىمى ئىنتايىن ئاز، جۇڭگونىڭ شەھەر قۇرۇلۇشىدا كونا شەھەرنى تاشلاپ يېڭى شەھەر قۇرۇۋالغىلى بولمايدۇ. كونا شەھەرنى ئۆزگەرتىش زۆرۈر بولۇپ قالدى. 
        غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىدىكى جۇڭگو مەجبۇرىي كۆچۈرۈۋاتىدۇ، دېگەن زىيادە تەسۋىر جۇڭگونىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.

    ئەسلى مەنبە: http://www.xjtsnews.com/normal/content/bak/news/content/2007-12/17/content_41212.htm

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق