چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشنىڭ شەرتى

يوللىغۇچى : Gulnar يوللىغان ۋاقىت : 2007-04-03 15:09:00

گۈلنار: سىز مالىيە ئىنىستوتىدىن چىقىپ كېتىپ غەربى ۋە شىمالى-جەنۇبى ياۋروپالاردا ئون يىلغا يېقىن تۇردىڭىز. سىزنىڭچە چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئۇقۇش، ئالدى بىلەن قانداق شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك؟ر...

      

       گۈلنار: سىز مالىيە ئىنىستوتىدىن چىقىپ كېتىپ غەربى ۋە شىمالى-جەنۇبى ياۋروپالاردا ئون يىلغا يېقىن تۇردىڭىز. سىزنىڭچە چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئۇقۇش، ئالدى بىلەن قانداق شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك؟

    رەپقەت : ئىقتىساد،   مۇئەييەن كەسپىي قابىلىيەت، بىلىم، تىل.
             ناۋادا بىراۋ چىقماقچى بولغان دۆلەتتىكى مەكتەپ ياكى دۆلەت ئىچى سىرتىدىكى بىرەر ئورگاننىڭ ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئىرىشكەن بولسا، بۇ ۋاقىتتا ئىقتىسادىي غەم بولمايدۇ. لېكىن چەتكە چىقىپ ئوقۇۋاتقانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئوز ئىقتىسادىغا تايىنىپ چىققانلار. بۇلار ئۇچۇن چەتكە چىقىپ ئوقۇش مۈمكىنلىكىگە ئىگە بولۇشتىكى زۆرۈر ئالدىنقى شەرت مۇئەييەن ئىقتىسادىي كۈچى بولۇش. مەسلەن گېرمانىيىگە چىقىپ ئوقۇش ئۇچۇن ۋىزىغا ئىلتىماس قىلىشتىكى زۆرۈر ئۇچ شەرتنىڭ بىرى بىر يىللىق تۇرمۇش كاپالىتى ئۇچۇن 7000 ياۋرونى ( 70000 يۈەن)گېرمانىيە بانكىسىدىن ھىساپ ئېچىپ قويۇش كېرەك. ئەنگىلىيىدە چىقىپ ئوقۇش ئۇچۇن خەلق پۇلىدا 300 مىڭ يۈەننىڭ مۇقىم ئۈچ ئايلىق بانكىغا قويۇلغان ئىسپاتىنى كۆرسىتىش كېرەك. ھەرقايسى ئەلچىخانىلار شۇ دۆلەتكە چىقىپ ئوقۇماقچى بولغانلاردىن ئوز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئويغۇن بولغان يېتەرلىك ئىقتىسادىي ئاساسىي بولۇشنى تەلەپ قىلىپ شۇنداق بەلگىلىملەرنى چىقارغان. گېرمانىيىدە ئوقۇش ھازىرغا قەدەر ھەقسىز. لېكىن ھەرقانداق ئادەم سالامەتلىك سۇغۇرتىسى سېتىۋېلىشى كېرەك. ( سالامەتلىك سوغۇرتىسىغا قاتناشماسلىق قانۇنسىزلىك.) سالامەتلىك سۇغۇرتىسى ئېيىغا تەخمىنەن 30-50 ياۋرو ئەتراپىدا. ياتاق پۇلى ئېيىغا تەخمىنەن 200-250 ياۋرو ئەتراپىدا.(رايونلار ۋە ياتاق شارائىتىغا بېقىپ ئوخشىمايدۇ.) بېرلىن شەھىرىنىڭ ئاممىۋى قاتناش ئايلىق بېلىتى 40 ياۋرو. ئەنگلىيە ئۇنىۋېرسىتلىرىنىڭ يىللىق ئوقۇش پۇلى تەخمىنەن 8000-10000 پوند ( بىر پوئۇند تەخمىنەن 14 يۈەن )،ياتاق ئىجارىسى ھەپتىلىكى تەخمىنەن 60-80 پوند(ئەگەر يالغۇز تۇرۇشقا توغرا كەلسە.) ئىككى ئادەم بىر ياتاقتا تۇرسا 40-55 پوند ئەتراپىدا. لوندوننىڭ ئاپتوبۇس بېلىتى تاق يۆلۈنۈشلىكى 1.5 پوند، كۈنلۈك بېلىتى 3 پوند. مېترو كۈندىلىك بېلىتى 1-2 رايوننىڭ(لوندون شەھرى مەركەزدىن سىرتىغا قاراپ ۋىكتورسىمان 6 رايونغا بۆلۈنگەن.) ئەتىگەن 9:00 دىن بۇرۇنقىسى 6.20 پوند. سائەت 9:00 دىن كېيىنكىسى 4.90 پوند. 1-2 رايوننىڭ ئايلىق بېلىتى 85.30 پوند، 1-4 رايوننىڭ ئايلىق بېلىتى 121.40 پوند.(ئۇ كوچىلار قاتناشتا ئېتىبار قىلىدىغان كارتىغا ئىلتىماس قىلغان بولسا  كۈندىلىك بېلەتتىن باشقىسى 30% ئېتىبار باھادا بېرىلىدۇ.)
    گېرمانىيىدىكى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمى 5.25 ياۋرو. ئوقۇغۇچىلار سائەتلىكىگە 5.25 -7 ياۋرو ئەتراپىدا ئىشلىيەلىشى مۇمكىن. لېكىن ئوقۇغۇچىلار ئۇنۋېرسىتلارغا رەسمىي تىزىمغا ئالدۇرغىچە قوشۇمچە ئىشلەشكە رۇخسەت قىلىنمايدۇ.( دېمەكچى تىل مەكتەپلىرىدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە.) ئۇنۋېرسىتقا كىرگەندىن كېيىن باج تۆلەپ 90 كۇن ئىشلەشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ. ياكى ھەپتىسىگە 20 سائەتتىن ئىشلەشكە بولىدۇ. ( ئايلىق كىرىمى 325 ياۋرودىن ئاشمىسا باج تولىمەيدۇ. ھەم بۇ ئىشلىگەن ۋاقتى 90 كۈنلۈك ئىشلەش ۋاقتىدىن قىسقارتىلمايدۇ.) لېكىن قانۇنسىز ئىشلەشكە ئىمكانىيەت يوق. ئەنگلىيەدىمۇ ئوخشاش ئوقۇغۇچىلارغا قانۇن بويىچە ھەپتىسىگە 20 سائەتلىك ئىش رۇخسىتى بېرىلگەن. ئەنگىلىيىدە ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمى بولسا 4.75 پوند. لېكىن كۆپىنچە ئەھۋاللاردا ئوقۇغۇچىلار باج تۆلىمەي كارا ئىشلەيدۇ. بۇ ئەھۋالدا ئۇلار سائەتلىكىگە 4-5 پوند ھەق ئالىدۇ.

    مۇئەييەن كەسپىي قابىلىيەت دىگەندە، چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇماقچى بولغان كەسىپ دائىرسىدە بەلگىلىك ئەمەلىي ئىقتىدار ۋە بىلىم قۇرۇلمىسىغا ئىگە بولىشى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. كەسپىي ئاساس بولمىغاندا چەتئەلدە بۇنىڭ ئۈچۈن سەرپ كىلىدىغان ئىقتىساد، ۋاقىت ۋە زېھىن سەرپىياتى جوڭگۇدىكىدىن كوپ يۇقىرى بولىدۇ. بۇنى تۆۋەندە 3-سوئالغا جاۋاپ بەرگەندە ئىزاھلايمەن.

    گېرمانىيە ياكى ئەنگلىيىدىكى مۇنتىزىم مەكتەپلەرگە كىرىپ ئوقۇشتا، ئۇلار بەلگىلىگەن دۆلەتلىك ياكى خەلقئارالىق تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. گېرمانىيە ئالىي مەكتەپلىرىگە ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلغاندا ئۇلار كامىدا 800 سائەتلىك گېرمان تىلى كۇرسىغا قاتناشقانلىق ئىسپاتى تەلەپ قىلىدۇ. ھازىرقى كۈندە گېرمانىيە ئەلچىخانىسى گېرمانىيىگە چىقىپ ئوقۇيدىغانلاردىن مۇمكىن قەدەر جوڭگودا گېرمان تىلى ئۆتكىلىدىن ئۆتكەن بولىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئەنگلىيە ئەلچىخانىسى بۇنى كەسكىن شەرت قىلمىسىمۇ لېكىن، ئەنگلىيە  ئۇنۋېرسىتلىرىغا  كىرىپ ئوقۇش ئۇچۇن جەزمەن توفېل ياكى ئىئەلتس ئىمتىھانلىرىدىن بەلگىلىك نومۇر ئېلىش كېرەك.
     نۇرغۇن كىشىلەر تىلنى بىراقلا چەتئەلگە چىقىپ ئۆگەنگەن ياخشى. شۇنىڭدا تىل ئۆتكىلىدىن تېز ئۆتكىلى بولىدۇ دەپ قارايدۇ. ئۇلار بۇ نۇقتىدا چەتئەلنىڭ ئەۋزەل تىل مۇھىتىنى كۆزدە تۇتىدۇ. لېكىن بۇ مېنىڭچە مەسلىنىڭ مۇھىم تەرىپى ئەمەس. تىل ئۆگنىش ئۇچۇن ئادەملەر ئۈنۈملۈك، ئاسان ئۇسۇلنى ئىزدىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنداق يول يۈك. مەيلى نەدىلا ئۆگەنمىسۇن شەخسەن ئۆزى بىر باشتىن قول تىقىشقا، ئوخشاش كۈچ، ۋاقىت سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بىر گرامماتىكىلىق قائىدىنى، بىر سۆزنى ياكى بىر تېكىستنى چۈشىنىش، ئەستە تۇتۇش، يادلاشقا كېتىدىغان ۋاقىت مەيلى گېرمانىيە، ئەنگلىيە ياكى جوڭگودا بولسۇن ئوخشاش. تىل ئۆگنىش نورمال دەرسخانىدا ئۆگىنىش بىلەن ئۆزى تەكرارلاشنى ئاساس قىلىدۇ. ( ئەگەر سىز 4-5 سائەتتىن دەرسخانىدا باشقا چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئولتۇرۇپ، دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن ياتىقىڭىزغا قايتىپ يەنە 4-6 سائەتتىن مىختەك ئولتۇرۇپ ئۆتكەن دەرسلەرنى تەكرارلاش، تاپشۇرۇق ئىشلەشكە كەتسە، ئۇ چاغدا ئادەم چەتئەلنىڭ ئەۋزەل تىل مۇھىتى نەدە قالدى دەپ ئويلىنىپ قالىدۇ. سودا-سېتىققا چىققاندا چەتئەللىكلەر بىلەن سالاملىشىپ تىلنى چىقىرىش كۇپايە ئەمەس، تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتۈش لازىم.)چەتئەلدىكى تىل مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى جۇڭگوغا سېلىشتۇرغاندا كۆپىنچە ئەھۋالدا ئۇلارنىڭ جۇڭگۇدىكىگە يەتمەيدىغانلىقىنى چەتكە چىققانلار ياخشى بىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۇستىگە بىز ئۇلارنىڭ تىل ئوقۇتۇش ئۇسۇلىغا ئاسان كۆنمەيمىز. شۇنىڭغا قارىماي چەتئەلدىكى تىل كۇرسلىرى قىممەت. گېرمانىيىدە گېرمان تىلى مەكتەپلىرىنىڭ سائەتلىك ھەققى تەخمىنەن 4 ياۋرو. چەتئەلدە تۇرۇپ تور ئارقىلىق تاپقىلى بولىدىغان ئەنگلىيە ئەلچىخانىسى ئېتىراپ قىلىدىغان ئەنگلىيىدىكى نەچچە يۈزلىگەن تىل مەكتەپلىرىنىڭ سائەتلىك ئوقۇتۇش ھەققى ئەڭ تۆۋەن مەكتەپنىڭ 2 پوند. ئۇنىڭدىن باشقىسىنىڭ 4 پوند.( ئەلۋەتتە لوندوندا سائەتلىكى ئىككى پونددىن ئەرزان بولغان تىل مەكتەپلىرى نۇرغۇن. لېكىن ئۇلارنىڭ ئوقۇتۇش سۇپىتى ناچار، بەزىلىرى پەقەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇ تىل كۇرسلىرىغا تىزىمغا ئالدۇرۇپ ، بۇ ئارقىلىق ۋىزا ئۇزارتىشى ئۈچۈنلا شەكلەن مەۋجۇت بولوپ تۇرىدۇ، ئەمەلىي دەرس ئۆتمەيدۇ.)ئەنە شۇنداق پۇل تۆلەپ  ئۈنۈمسىز بىر دەرسخانىدا ئولتۇرغاندا  ئادەم تىلنى چەتئەلگە چىقىشتىن بۇرۇن ئۆگۈنۈپ قويۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ھەم چەتئەلگە چىقىپ يات تۇرمۇش مۇھىتىدا، يۇقىرى ئىقتىسادىي كىرزىس تۇيغۇسى ئىچىدە، سۈپەتسىز دەرسخانىدا ئولتۇرۇپ ئۆگەنمەيمۇ ئۆگەنگىلى بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ.

    بۇلار مىنىڭ نىمە ئۇچۇن تىل ئاساسىي بولۇشنى چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشنىڭ بىر شەرتى ھىساپلىغىنىم.

    گۈلنار:  چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن سىز دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىق نىما بولدى؟ سىز بۇ قىيىنچىلىق ئالدىدا قانداق ھېسسىياتتا بولدىڭىز؟

    چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىق  - يېڭى مۇھىتقا ئۇيغۇنلىشىش مەسىلىسى بولدى. گېرمانىيىگە كېلىپ 4-كۈنى چۈشتىن كېيىن مارتىن-لۇتھېر ئۇنىۋېرسىتىى پەلسەپە فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى پروفېسسور ستولزېنبېرگنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ 10 مىنۇتلۇق سۆھبەتتىن يېنىپ چىققاندا پايتىما سۇغا چىلاشقاندەك تۇيغۇغا كەلگەن. چۈنكى يىللاپ چەتئەلگە تەلپۈنۈپ، بىر كۈنى تۇيۇقسىز ئۆزىنى چەتئەلدە كۆرۈپ ئارزۇلىغان ئىشى ئوڭغا تارتمىسا ئادەم ئۆزىنى شۇنداق سىزىدىكەن. بەلكى بىزنىڭ كاللىمىزدا چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى جۇڭگونىڭ ئالىي مەكتەپلىرىدە قانداق كۇتىۋالدىغانلىقى بولغاچقا ،چەتئەللىكلەردىنمۇ شۇنى تاما قىلساق كېرەك. ئۇ پروفېسسور« تىلىڭ يوقكەن. ئاۋال بىر يىل تىل ئۆگنىپ كەل، قالدى گەپنى شۇ چاغدا سۆزلىشەيلى» دېدى، ۋەسسالام. تىل مەكتىپى نەدە، مەن نەدە ياتىمەن، مەكتەپكە قانداق ئىلتىماس قىلىمەن بۇ توغرىلىق ھېچنىمە دېمىدى. شۇ كۈنى خالتىلىرىمنى ئۆشنەمگە ئارتىپ كانتنى تەتقىق قىلغۇچى پروففېسورنىڭ ئالدىدىن سالپىيىپ چىققاندىن تارتىپ خېلى بىر مەزگىل ئۆزەمنى خۇددى تامغا سوقۇلۇپ قاڭقىپ كەتكەن توپتەك ھېس قىلغان.
    دەسلەپكى كۈنلەردىكى قىيىنچىلىقلارنى ئېنىق بىر نۇقتىغا يىغىنچاقلاش قىيىن. ھەرھالدا مەن دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارنى كونكرىتراق قىلىپ ئېيتقاندا تۆۋەندىكىدەك:
    1.ياتاق ئىزدەش (4 ئاي توختىماي ئەرزان، قىسقا مۇددەتلىك ياتاق  ئىزدىگەن.كىشلەر جوڭگۇلۇقلارغا ئاسانلىقچە ياتاق بەرمەيدىكەن.)
    2.سالامەتلىك سۇغۇرتىسى ئېلىش (بۇنى قانداق ئېلىشنى بىلمەي ھەتتا دونەر ساتىدىغان تۇرك ئەھمەتنىڭ ئالدىغا ئۈچ قېتىم بارغان.)
    3.ۋىزا ئۇزارتىش(ئەلچىخانا گېرمانىيىگە تۇنجى چىققۇچىغا پەقەت 90 كۈنلۈكلا ۋىزا بېرىدۇ. بۇ 90 كۈن ئىچىدە ئوقۇغۇچى بىرەر ئېتىراپ قىلىنغان تىل مەكتىۋىگە كىرىشى ياكى ئۇنۋېرسىتقا تىزىمغا ئالدۇرۇشىى، سالامەتلىك سۇغۇرتىسى سېتىۋېلىشى، توختاملىشىپ ئۆي ئىجارە ئېلىپ، توختامنى ئاپىرىپ نوپۇس تىزىملاش ئورنىدا تىزىمغا ئالدۇرۇشى، ئاندىن مۇشۇ ئىسپاتلارنى ھەم بانكا ھېسابات ئىسپاتىنى كۆرسىتىپ ۋىزىنى ئۇزارتىش كېرەك.)
    4.جوڭگۇلۇقلارنى تاپالماسلىق (جوڭگۇلۇقلارمىكىن دەپ سەي ساتىدىغان ۋىېتناملىقلارغا گەپ قىلىپ ئاۋارە بولغان.)
    5.تىل ئۇقماسلىق ( ھەتتا ئۆي ئىزدەپ ئۆي ئىگىسىگە تېلېفون قىلدىم دەپ ئۆي ئىزدەيدىغانلارغا تېلېفون قىلغان.)
    6.قىممەتچىلىك ( ئالدى دىگەن سۇپېرماركەتقا بىر كۈندە ئۈچ قېتىم كىرىپ ھېچنىمە ئالماي چىقىپ كەتكەن.)
    7.مەكتەپكە ئىلتىماس قىلىش
    8.ھالال گۆش تېپىش

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق