سەرگەردانلىقتىن زاۋۇت قۇرۇشقىچە(نۇرمۇھەممەت توختى)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-04 09:40:35

سەرگەردانلىقتىن زاۋۇت قۇرۇشقىچە(ئەدەبىي ئاخبارات)نۇرمۇھەممەت توختى1 . باشلانماموماي مېنى زادىلا ئولتۇرغۇزمىدى . ئۇنىڭ ئىشلىتىۋاتقان مېيىمىزدىن گەپ تاپقىنى تاپقانىدى . ئۇنىڭ كوتۇلدىشىچە: ماي سا...

    سەرگەردانلىقتىن زاۋۇت قۇرۇشقىچە(ئەدەبىي ئاخبارات)
    نۇرمۇھەممەت توختى


    1  . باشلانما
    موماي مېنى زادىلا ئولتۇرغۇزمىدى  . ئۇنىڭ ئىشلىتىۋاتقان مېيىمىزدىن گەپ تاپقىنى تاپقانىدى  . ئۇنىڭ كوتۇلدىشىچە: ماي ساتقۇچىلار ئالدامچىلىق قىلارمىش  . چىگىت مېيىنى قىچا مېيى  ، زېغىر مېيىنى زاغۇن مېيى دەپ ساتارمىش  . زاغۇن مېيىغا چىگىت مېيى ئارىلاشتۇرارمىش  . چىگىت مېيى دېگەن ھەرخىل كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلارمىش...
    چىگىت مېيى ئۈستىدە بولمىغۇر گەپ تاپقىنى مۇشۇلا ئەمەس  . بۇنىڭدىن 7-8 يىل بۇرۇنلا بەزى ئاشخانىلارنىڭ ۋىۋىسكىسىغا «چىگىت مېيىدىن خالىي ئاشخانا» دەپ يېزىپ قويغانلىقى يادىمدا  . چىگىت مېيى توغرىسىدا بولمىغۇر گەپلەر تارقالمىغان بولسا  ، ئۇلار شۇنداق يېزىپ قوياتتىمۇ؟
    چىگىت مېيى توغرىسىدا ئەڭ بۇرۇن گەپ تاپقىنى - يۈز يىللار بۇرۇن ياشىغان تارىخچى موللا مۇسا سايرامى ھەزرەتلىرىمۇ ياكى «تارىخىي ۋەتەن ۋاقىئەتى خوتەن»نىڭ ھۆرمەتلىك مۇئەللىپى مۇھەممەت ئابدۇللا بەگ ھاجىممۇ؟ بۇنىمۇ دەلىللىمەك تەس  . ۋەھالەنكى ، بەگ ھاجىمنىڭ سايرامى ھەزرەتلىرىدىن نەقىللەر ئېلىپ  ، بەدۆۋلەت - ياقۇپبەگنىڭ خوتەن قىرغىنچىلىقى توغرىسىدىكى بايانىدا ، كىملەرنىڭدۇر: «تەخسىر ، بۇ خوتەننىڭ ئادەملىرى ئۆلۈپ تۈگەي دەپ قالدى . پىلىك يېغى (چىگىت مېيى) يەيدىغان  ، جېنى چىڭ  ، بىئەقىل ئادەملەر ئىكەن  . ئۆلۈمدىن قېچىشنى ، ئارقىغا قايتىشنى بىلمەس ئىكەن  ، قىزىل تونىنى سېلىپ  ، يىگىتلەرنى قەتىلئامدىن توختاتسىڭىز...» دەپ ئىلتىماس قىلغانلىقى يېزىلىدۇ  . بۇ يەردە «پىلىك يېغى (چىگىت مېيى) يېگەن ئادەم بىئەقىل بولامدۇ» دېگەن سوئال كېلىپ چىقىدۇ  . چىگىت مېيىغا  گۇمان تۇغۇلىدۇ  . چىگىت مېيى راستتىنلا زىيانلىق بولمىسا  ، ئىككى ئۇلۇغ تارىخچى ھەزرەت شۇنداق يازارمىدى؟
    ئۇزاق ئۆتمۈشتە  ، تېخى 40 - 50 يىللار بۇرۇنمۇ كىشىلەرنىڭ چىگىت مېيىغا پىلىك مىلەپ  ، جىنچىراغ ياندۇرغانلىقى - پېشقەدەملەرنىڭ يادىدا  . ئىمكانىيىتى بارلار چىگىت مېيى يېمەس  ، ئۇنى پەقەتلا چىراغ ياندۇرۇشقا ئىشلىتەر ئىكەن  . كېيىنچە كىرسىن  ، بېنزىنلەر پەيدا بولۇپ  ، شام كەشىپ قىلىندى  . توك - ئېلېكتر ئومۇملىشىپ  چىگىت مېيىنىڭ چىراغ  ياندۇرۇش رولىدىن قالغانلىقىمۇ ئۇلارنىڭ يادىدا  .
    يىراق ئۆتمۈشتە - جاھان تەرەققىي قىلمىغان چاغدا ، نامرات چاغدا يېگەن چىگىت مېيىنى ھزىرمۇ يېسە قانداق بولىدۇ؟ ئۇنىڭ بۆرەك كېسىلى ۋە باشقا كېسەللەرنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ يېسە قانداق بولىدۇ؟ ئەقلىنى بۇلغايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ يېسە قانداق بولىدۇ؟
    موماي توختىماي كوتۇلدايدۇ  . چىگىت مېيى ئۈستىدە گەپ تاپقىنى تاپقان . ئۇنىڭ غەيۋىتىنى قىلغىنى قىلغان . پۇت - قوللىرىنىڭ ، بەل-غوللىرىنىڭ ئاغرىيدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى چىگىت مېيىدىن كۆرىدۇ  . ماي-ياغ ساتقۇچىلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا نېمىلەرنىدۇر ئارىلاشتۇرغانلىقىدىن كۆرىدۇ.
    - قوشنىمىز ئابدۇرەخىم مۇئەللىم «چوقۇر بازار»دىن زاغۇن سېتىۋېلىپ جۇۋازچىنىڭ يېنىدا قاراپ ئولتۇرۇپ ياغ تارتتۇرۇپ چىقارمىش  . چىگىت ئارىلاشتۇرغىلى قەتئىي رۇخسەت قىلماسمىش  . ئۇلار نەچچە يىلدىن بېرى ئاشۇ ئۇسۇلدا پاكىز سۇ مېيى يەپ كەپتۇ ، بىزچۇ؟
    موماي مىساللارنى ، ئۈلگىلەرنى كۆرسىتىدۇ  . نەلەردىدۇر يۈرۈپ ئاڭلىغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى سۆزلەپ توختىمايدۇ  . ئۇنىڭ چىگىت مېيى ئۈستىدىن گەپ تېپىشلىرى ئاشۇ يىللىرى ئۇن ئۈستىدىن  ، ئالدىنقى يىللىرى باسما قۇدۇقىمىزنىڭ سۈيى ئۈستىدىن گەپ تېپىشلىرىغا ئوخشايدۇ  . شۇ چاغدىمۇ قۇلاق ئاغرىپ  ، نېرىپلار زىڭىلداپ كەتكەن...
    ئۇ دۇكانلاردا سېتىلىۋاتقان ئۇن ھەققىدە كوتۇلدايدۇ:
    - نائىنساپلار خالتىلىق ئۇنلارغا ئاقارتقۇچ قوشارمىش  . ئاقارتقۇچ دېگىنى ئاق ئاھاكقا ئوخشايدىغان ئاق تالقانمىش  . ئاھاك چاچسا تام ئاقارغاندەك  ، ئۇنى قوشسا ئۇن تېخىمۇ ئاق بولۇپ كېتەرمىش  . تېخىمۇ يېپىشقاق بولارمىش  . كىمدۇر بىرىنىڭ بالىسى ئاشۇنداق ئۇندا ئېتىلگەن تاماقنى يەپ  ، ئىچى قېتىپ  ، تاھارەت يۈرۈشمەي ئۆلۈپ كەتكەنمىش  . كىشىلەر ئارىسىدا ئاشقازان - ئۈچەي كېسەللىكلىرىنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكىدىكى سەۋەب  ، ئاشۇ خالتىلىق ئۇنلارنى يېگەنلىكتىن ئىمىش  ، شارائىتى بارلار ئۆزلىرى ئۇن تارتىپ يەۋاتقانمىش...
    موماي ھويلىمىزدىكى باسما قۇدۇقنىڭ سۈيى ئۈستىدە كوتۇلدايدۇ:
    - ھەممە يەر ۋودىپورۋوتلىشىپ بولدى  . يىراق-چەت يېزىلارمۇ تۇرۇبا سۈيى ئىچىدىغان بولدى  . بىزلا — بىزنىڭ كەنتلا قالدۇق . بىزنى ئۇنتۇپ قالغىنى نېمىسى؟ «چىراغ تۈۋى قاراڭغۇ» دېگىنى شۇمۇ؟ باسما قۇدۇقنىڭ سۈيى سېسىق پۇرايدۇ  . ئۇنى كۆپ ئىچسە ئۆتتە  ، بۆرەكتە تاش پەيدا بولارمىش  . چاي قاينىتىدىغان چەينەكنىڭ تېگىدە قېلىن بىر قەۋەت قاتتىق تاشسىمان سېغىز ئورناپ قالغانلىقى شۇنىڭدىن  . باسما قۇدۇقنىڭ سۈيىدىن قاچان قۇتۇلارمىز؟ ئامال قىلساق بولاتتى  . باشلىقلارغا ئەھۋال ئېيتىپ ئاڭلىتالمىغاندىكىن ، ئۆزىمىز ئامال قىلساق بولاتتى...
    كوتۇلداشلارغا چىداش مۇمكىنمۇ؟ ھەر سائەت  ، ھەر كۈن  ، ھەر ئاي كوتۇلداۋەرسە قۇلاق ۋە نېرىپلار چىدامدۇ؟ «ئايالى ۋات - ۋات بولسا  ، ئېرى پەيلاسوپ بولىدۇ» دېيىشىدۇ  . ماڭا نېمە ئامال؟ بارلىق پەيلاسوپلارغا ئوخشاش مەنمۇ كوتۇلداشلار ئالدىدا تەسلىم بولدۇم  . ئۇن ئۈستىدە غەلۋە چىققان ئاشۇ چاغدىن باشلاپ تا ھازىرغىچە (بەش يىل) تۇغقانلاردىن بۇغداي سېتىۋېلىپ  ، تۈگمەنگە قاتراپ ئۇن تارتىپ يۈرگىنىم  ، تۈگمەنچى كاززاپلىق قىلىپ ئۇنغا ئاقارتقۇچ ئارىلاشتۇرۇپ يۈرمىسۇن دەپ  ، ئۇن تارتىلىپ بولغۇچە مىت قىلماي قاراپ ئولتۇرىدىغانلىقىم شۇنىڭدىن  . سۇ ئۈستىدە غەلۋە چىققان ئاشۇ چاغدىن باشلاپ  ، ھېلىقى قوينىڭ قوزىسىدەك مۇلايىم قارىمغا يورۇڭقاش دەرياسىدىن ھەپتىدە ئىككى قېتىم باكلاردا سۇ ئەكىرگۈزۈپ يۈرگىنىم شۇنىڭدىن . پەمىدۇرغا دورا چېچىپ قىزارتىدىكەن دەپ ھويلامغا پەمىدۇر تېرىپ يۈرگەنلىكىم  ، كۆكتاتلارغا خىمىيىۋى ئوغۇتنى كۆپ چاچىدىكەن دەپ  ، ئۆزۈم كۆكتات تېرىپ يۈرگەنلىكىم  ، گۆش توخۇسىنىڭ گۆشى تەمسىزكەن دەپ يەرلىك توخۇ باققانلىقىم  ، تۇخۇم جاكەن دەپ  ، ئۆز توخۇيىمىزنىڭ تۇخۇمىدىن باشقا تۇخۇم يېمىگەنلىكىم شۇنىڭدىن  . كوتۇلداشلارغا بەرداشلىق بېرىش مۇمكىن ئەمەس  . يا ئاجرىشىپ كېتىش ، يا تەسلىم بولۇش كېرەك  . «قېرىغاندا قېرى تارتۇق» بولۇپ ئاجرىشىشنىڭ ئورنى يوق  . قالغان يول پەقەتلا تەسلىم بولۇش  . مانا ئەمدى ماينىڭ غەلۋىسى چىقتى  . چىگىت مېيى بولماسمىش  ، زاغۇن مېيى ئېسىل مايمىش  . سوغۇقى ئېشىپ كەتكەنلەر زاراڭزا مېيى يېسە قۇۋۋەت بولارمىش...
    موماي «ئەل رازى يېمەك - ئىچمەك زاۋۇتى»نىڭ تېلېۋىزوردا چىقارغان ئېلانىنى كۆرۈپتۇ  . شۇ كۈندىن باشلاپ يەنە جېنى قوزغالدى:
    — ھوي ئادەم  ، پاڭقايدەك قۇلاق يوپۇرۇپ ئولتۇرۇۋېرەمدىلا  ، سىلىگە ساغلاملىق - جان لازىم ئەمەسمۇ؟ بازاردىكى چىگىت مېيى ئارىلاشتۇرغان ماينى يەۋېرىپ ئالتە كۈن بۇرۇن جاھاننى تاشلاپ بېرەي دەمدىلا  ، سىلىنى «چوقۇر بازار»دىن زىغىر - زاغۇن سېتىۋالسىلا دېمىدىم  . جۇۋازخانىدا قاراپ ئولتۇرۇپ ياغ تارتىپ كەلسىلە دېمىدىم  . ئۆيىمىزنىڭ يېنىدىلا «ئەل رازى يېمەك - ئىچمەك زاۋۇتى» ياغ ئىشلەپ چىقىرىپتۇ  . زاغۇن يېغى  ، زىغىر يېغى  ، زاراڭزا يېغى  ، قىچا يېغى  ، ياڭاق يېغى ئىشلەپ چىقىرىپتۇ  . زىغىر - زاغۇن ئارىلاش يېغى  ، ياڭاق - كۈنجۈت ئارىلاشما يېغىمۇ بار ئىكەن  . چىگىت دېگەن كاساپەتنى زاۋۇت دەرۋازىسىغا يېقىنمۇ كەلتۈرمەسمىش  . ياغلىرى شۇنداق ساپ  ، پاكىز  ، شىپالىق  ، تەملىكمىش  . قوپسىلا  ، شۇ يەرگە بېرىپ  ، بىر باك زاراڭزا يېغى ئەكەلسىلە...
    قۇلاق يوپۇرۇپ ئولتۇرۇۋېرىشنىڭ  ، قۇلاققا پاختا تىقىۋېلىپ ئاڭلىماسلىققا سېلىشنىڭ ئورنى يوق  . ئاڭلاتماي قويامدۇ؟ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ يوغان سىنىپىدا 35 يىل چاڭىلداپ چېنىقىپ كەتكەن ئاشۇ ئاۋاز ئاڭلانماي قالامدۇ؟ قالغىنى پەقەت بىرلا يول: تەسلىم بولۇش  . موماي قولۇمغا ياغ ئالىدىغان پۇلنى تۇتقۇزدى  . پۇلنى ئالدىم-دە ، ئۆيدىن قېچىپ چىقتىم  . ئاشۇ چاڭىلداپ قۇلاق - مېڭەمنى يەپ كېتىۋاتقان سادالاردىن شۇنداق قاچتىمكى  ، جەڭ مەيدانىدىن قاچقان قورقۇنچاقمۇ  ، قاپلاننىڭ قارىسىنى كۆرگەن بۇغا - مارالمۇ بۇنچىلىك تېز يۈگۈرمەس  . 7 - 8 مىنۇتتىن كېيىن ئۆزۈمنى «ئەل رازى يېمەك - ئىچمەك زاۋۇتى»نىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا كۆردۈم.
    موماينىڭ كوتۇلداشلىرىدىن بىرئاز بولسىمۇ  قۇتۇلۇش ئۈچۈنمۇ ۋە ياكى باشقا قىزىقىشلىرىم تۇتۇپ قالدىمۇ  ، «ئەل رازى»دا تۆت سائەت تۇرۇپ قالدىم  . ئىشىكى سىرتقا ئېچىلغان ماي سېتىش دۇكىنىدا ئادەم يوق ئىكەن  . ساتقۇچىنى ئىزدەپ «ئەل رازى»نىڭ 20 مو كۆلەملىك  ، باغ - ۋارانلىق قورۇسىغا كىرىشكە توغرا كەلدى  . ئۇ يەردە ماي ساتقۇچىنى ئەمەس ، زاۋۇت باشلىقىنى ئۇچراتتىم  . ئۇنىڭ سوئال نەزىرىدىكى  قارىشىغا: «بىر باك ماي ئالاتتىم» دەپ ئەمەس «زاۋۇتىڭلارنىڭ ئەھۋالىنى ئوقۇشۇپ باقاي دېگەنىدىم» دەپ جاۋاب بەردىم  . شۇنداق قىلىپ ئۇ يەردە تۆت سائەت تۇرۇپ قالدىم  . تۆت سائەت ئىچىدە بىر دېھقان بالىسىنىڭ  ، يېتىم ئوغۇلنىڭ جاپا - مۇشەققەت  ، ئاچ - يالىڭاچلىق  ، خورلۇق بىلەن تولغان ھايات يولىنى  ، ھايات ۋە تۇرمۇش ئۈچۈن تىرمىشىشلىرىنى  ، ئۇرۇلۇپ - سوقۇلۇشلىرىنى  ، پۇل تېپىپ ئىگىلىك تىكلەشلىرىنى  ، ھەسرەت - نادامەتلىرىنى  ، شاد - خۇراملىقلىرىنى  ، ئارزۇ - ئارمانلىرىنى تىڭشاپ قالدىم  . ھاياتنىڭ سىرلىق مۇئەممالىرىغا  ، قىسمەتنىڭ ئېغىر چاقچاقلىرىغا قۇلاق سالدىم  . تەقدىرنىڭ گۈلزاردىن ئېلىپ جاڭگالغا  ، چۆللەردىن ئېلىپ كۆللەرگە تاشلاشلىرىنى تاسقاپ قالدىم  . نېمە دېگەن جاپا - مۇشەقققەتلىك يول بۇ؟ ئىنسان بالىسى شۇنچە جاپالار  ، كۈلپەتلەر  ، خورلۇقلار ھېسابىغا نېمىگە ئېرىشمەكچى؟ ئېرىشمەكچى بولغانلىرىغا ئېرىشەلەرمۇ؟ ئېرىشكەنلىرى تارتقانلىرىغا بەدەل بولالارمۇ؟
    تۆت سائەتتىن كېيىن «ئەل رازى يېمەك - ئىچمەك زاۋۇتى»دىن قايتتىم  . قولۇمدا سۆھبەت خاتىرىسى يېزىلغان 15 - 20 ۋاراقچە قەغەز ۋە بىر باك (ئون جىڭ) زاراڭزا مېيى بار ئىدىى  . بىر باك زاراڭزا مېيى 75 يۈەن ئىكەن  . ماڭا 70 سومغا بېرىشتى  . تېخى «ئۆزلىرىگە ئەرزان بېرەيلى» دېگەن گەپنىمۇ قوشۇپ قويدى  . شۇنچە قىلغانلىرىم ئاران بەش يۈەنگە يارىغانىدى  . ئۇلارنىڭ كەچمىشلىرى سىقىپ سۈيىنى ئىچىدىغان پىششىقلىقىغا ئىزاھات بولۇپ تۇرسىمۇ  ، كۆڭلۈم يەنىلا سەل غەش بولدى  . ئەمما قەغەزگە يېزىۋالغانلىرىم كۆڭلۈمنى ئاۋۇندۇرۇپ تۇراتتى  . مەن ئىككى ئادەم ۋە بىر زاۋۇت ھەققىدە دەسلەپكى ماتېرىيالغا ئېرىشكەنىدىم.
    2  . «زاۋا»①(زاۋا — قارىقاش ناھىيىسىنڭ بىر يېزىسى.)لىق  يېتىم

    نۇرى مۇھەممەت 13 ياشقا كىرگەن 1982 - يىلى ئاتىسى ياش تۇرۇپلا باقىيغا كەتتى  . ئۇنى نامراتلىق  ، جاپا - مۇشەققەت ۋە كېسەللىك ئېلىپ كەتتى  . چۆچۈرىدەك كىچىك توققۇز ئوغۇل ۋە بىر قىز يېتىم قالدى  . يېتىم چۈجىدەك چوكۇلداپ قالدى  . يېتىم قوزىدەك  ، يېتىم ئوغلاقتەك مەرەپ  ، يېتىم كۈچۈكتەك غىڭشىپ قالدى.. . بويىغا يەتمىگەن  ، قولى ئىشقا تەگمىگەن  ، ئاشقا  ، نانغا تويمىغان بالىلار چوكۇلداپ قالسا  ، ئاتىنىڭ كۆزلىرى يۇمۇلغانمىدۇ؟ ئۇلارغا تارتىشمىغانمىدۇ؟ تارتىشتى . كۆزلەر يۇمۇلمىدى  . ئاخىرقى نەپەستە ئاتىنىڭ كۆزلىرىدىن ھەسىرەت  ، دەرد - ئەلەم  ، نادامەت ئۇچقۇنلىدى  . ئاچچىق بىر تامچە ياش سىرغىپ قالدى.. . توققۇز ئوغۇل ۋە بىر قىز ياش ئانىنىڭ قولىغا قالدى  . بىرىنى ئەمچەكتىن ئايرىماي تۇرۇپ يەنە بىرىگە قورساق كۆتەرگەن ئانا ئۇلارنى بېقىپ كېتەلەرمۇ؟ ئۇلارغا قانات ياپالارمۇ؟ ئۇلارنى تويدۇرۇپ  ، ئۇلارنى ئىللىتالارمۇ؟ قاتارغا قوشالارمۇ؟ ياق  ، ئون يېتىمەكنى قاتارغا قوشۇشنى ئۇنىڭغىلا تاشلاپ قويۇشقا بولمايدۇ  . 15 ياشقا كىرگەن چوڭ ئوغۇل بىلەن 13 ياشقا كىرگەن نۇرى مۇھەممەت ئىشلىشى كېرەك  . ئىنىلىرىنى  ، سىڭىللىرىنى قاتارغا قېتىشى كېرەك  . قائىدە ئەزەلدىن شۇنداق  . ئاتا كەتسە چوڭ ئوغۇللار ئائىلىگە باش بولۇشى  ، ئائىلىنى بېقىشى كېرەك  . باش تارتىشقا بولمايدۇ  . باش تارتىشقا ئىمكانمۇ يوق  . تومۇرلىرىدا بىر ئاتىنىڭ قېنى ئاققان  ، بىر قورساقتىن چۈشكەن ئوماق قېرىنداشلىرىڭ يېتىم كۈچۈكتەك  ، يېتىم ئاسلاندەك ئاچ قالسا باش تارتالامسەن؟ قاراپ تۇرالامسەن؟ كارىڭ بولماسلىققا يۈرىكىڭ چىدامدۇ؟
    شۇنداق قىلىپ كىچىككىنە نۇرى مۇھەممەت ئاتىسىدىن قالغان تاكال كەتمەننى قولىغا ئالدى  . كوممۇنا يېڭىلا تارقىتىۋېتىلگەن  ، يەرلەر ئائىلىلەرگە ھۆددىگە بېرىلىۋاتقان چاغ ئىدى  . ھەممە كىشىنىڭ قەلبى ئۈمىدكە تولغان  ، ھەممە كىشى توقراق يېيىش  ، ياخشىراق كىيىنىش خىياللىرىغا بېرىلگەنىدى  . كىچىك نۇرى مۇھەممەتمۇ شۇ خىيالدا ئىدى  . ئېتىزدىن ئاشلىقنىڭ كۆپرەك چىقىشىنى  ، ئۆزىدىن كىچىك سەككىز ئىنى-سىڭلىسىنىڭ تويۇپ تاماق يېيىشىنى ئارزۇ قىلاتتى  . ئۇ ئاشۇ ئارزۇنىڭ تۈرتكىسىدە توختىماي ئىشلەيتتى  . ئىنى-سىڭىللىرىنى كىيىندۈرۈش ئۈچۈن  ، يىراق جاڭگالدىن ئۇتۇن ئېلىپ چىقىپ ساتاتتى  . ئەترەتنىڭ تۈگىمەس سىرتقى ئەمگەك  ، ھاشارلىرىغا ئىشلەيتتى  . قوللىرى قاپارسىمۇ  ، ئاچ-توق قالسىمۇ  ، سوغۇقتا توڭلاپ  ، ئىسسىقتا كۆيۈپ كەتسىمۇ چىداپ ئىشلەيتتى  . ھاردىم-تالدىم دېمەيتتى  . ئىنسان بالىسى جاپا-مۇشەققەتكە چىدايدۇ  . ئىسسىققا  ، سوغۇققا  ، ئاچارچىلىققا چىدايدۇ  . ئەمما خورلۇققا  ، بوزەك قىلىشقا  ، ئانىي تېپىشقا  ، كەمسىتىشكە چىدىمايدۇ  . يېتىمنى بوزەك قىلمىغان كىم بار بۇ دۇنيادا؟ ئاتىسىزنى  ، ئىگە-چاقىسىزنى بوزەك قىلمىغان كىم بار بۇ دۇنيادا؟ ھاشارغا بارغان جايلاردا ئەڭ ئېغىر ئىش نۇرى مۇھەممەتنىڭ بولدى  . يۈگۈر -يېتىممۇ  ، تىل-ئاھانەتمۇ  ، دەككە-دەشنەممۇ ئۇنىڭ بولدى  . ئۇ ھەممىگە چىدىدى  . «توشقان تېرىسىمۇ ئۈچ كۈن چىدايدۇ»غۇ  . ئانىسى ئۈچۈن  ، چۆچۈرىدەك كىچىك ئىنى-سىڭىللىرى ئۈچۈن چىدىدى  . يەنىمۇ چىدىغان بولاتتى  . ھەتتا ئۆمۈر بويى چىدىغانمۇ بولاتتى  . ئەمما زۇلۇم ۋە خورلۇق چېكىگە يەتتى  . توشقان تېرىسىدە كېرىلگەن دۇمباق ۋاققىدە يېرىلىپ كەتتى...
    شۇ كۈنى ئۇ ئۆستەڭ چاپىدىغان ھاشارغا ئىشلەۋاتاتتى  . ئېرىققا-ئۆستەڭگە تىنىپ كەتكەن لاينى بىر كەتمەن-بىر كەتمەندىن چېپىپ  ، ئېگىز ئۆستەڭ قىرىغا ئاتاتتى  . توختى باقى ئاخۇن سېكرىتار قولىنى ئارقىسىغا تۇتۇپ ئۆستەڭ قىرىدا ئايلىنىپ يۈرەتتى  . ئۇنىڭ ئىشلەمچىلەرنى نازارەت قىلىۋاتقانلىقىنى ياكى ئېرىق-ئۆستەڭلەر ھەققىدە بىرەر يېڭى پىلان تۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى  . كۈن چۈش بولغاندا  ، ئىشلەمچىلەر بەللىرىدىكى قاتتىق زاغرىنى سوغۇق ۋە لاي سۇدا يۇمشىتىپ يېيىشكە تۇتۇنغان چاغدا  ، سېكرىتارنىڭ پىلانى ئاشكارا بولدى: ئۆستەڭنىڭ ئاشۇ بىر يېرىگە — تارماق ئېرىققا سۇ باشلايدىغان يېرىگە نوقوغاچ قويۇش زۆرۈر ئىكەن  ، ئۇ ھەر دائىمقىدەكلا كىچىك نۇرى مۇھەممەتنى  ، يېتىم نۇرى مۇھەممەتنى  ، يېرىم كۈن ئۆستەڭ چېپىپ ھېرىپ كەتكەن نۇرى مۇھەممەتنى چاقىردى  . يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ يېنىدىكى كالتە بازارغا چىقىپ سېمونت نوقۇغاچ بار-يوقلۇقىنى بىلىپ كېلىشكە بۇيرۇدى  . باھاسىنى سوراپ كېلىشكە بۇيرۇدى  . ئۆستەڭ چېپىۋاتقان يەر بىلەن يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئارىلىقى خېلى بار ئىدى  . نۇرى مۇھەممەت سېمونت نوقۇغاچ ئۇقۇشۇپ كېلىشكە يېرىم كۈن ۋاقىت سەرپ قىلدى  . ئەتىسى ئەتىگەندە ھاشار ئىشلەيدىغان يەرگە كېلىپ ئوقۇشقان ئەھۋالنى سېكرىتارغا دوكلات قىلاي دەپ تەمشەلگەندە  ، سېكرىتار تۇيۇقسىز ۋارقىراپ كەتتى.
    - تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن نەگە باردىڭ ئابدال؟ سېنى باشقۇرغىلى بولامدۇ-يوق؟ سەن باشتۇڭنى ئوڭشىيالمايمىزمۇ بىز؟...
    كىچىك نۇرى مۇھەممەت جاۋابقا ئېغىز ئاچقۇچە  ، يۈزىگە چاڭىلداپ ئىككى شاپىلاق تەگدى  . كۆزلىرىدىن ئۇچقۇن چاچرىدى  . ئىككى مەڭزى كۆيگەندەك ئېچىشتى  . چىرايى سېزىمدىن  ، تىلى گەپتىن قالدى.. . نېمە دېيەلەيتتى؟ نېمە قىلالايتتى؟ يېتىم بالا-ئاتىسىز بالا نېمە قىلالايدۇ؟ ئاشۇ تاغدەك يوغان  ، توغراقتەك كۈچلۈك ئادەمنىڭ ياقىسىغا ئېسىلسۇنمۇ؟ قارغاپ تىل سالسۇنمۇ؟ يەنىمۇ كۆپرەك تاياق يېسۇنمۇ؟
    ئىككى شاپىلاقتىن ھوشىغا كەلگەن تۇنجى دەمدە ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا ئاتىسى كەلدى  . تاغدەك تىرەك بولىدىغان  ، تۇمشۇقلۇققا چوقۇتماي  ، قاناتلىققا ئۇردۇرماي  ، تىرناقلىققا تاتىلاتماي ھامىي بولىدىغان ئاتىسى كەلدى  . ئاھ  ، مېھرىبان ئاتا باقىيغا كەتكەن  ، ئۇ يوق  . ئۇرىدىغانلارغا  ، سوقىدىغانلارغا  ، چاقىدىغانلارغا كۆكرەك كېرىپ چىقىدىغان ئاتا يوق  . شۇڭا ئۇرىشىدىكەن-دە  ، شۇڭا خورلىشىدىكەن-دە  ، شۇڭا بوزەك قىلىشىدىكەن-دە  ، يېتىمنىڭ شورى شۇمۇ؟ ئاتىسىزنىڭ شورى شۇمۇ؟ ئاتىسىزنىڭ  ، يۆلەكسىزنىڭ كۈنى شۇ ئىكەن-دە  ، كۆرىدىغىنى شۇ ئىكەن-دە...
    نۇرى مۇھەممەتنىڭ كۆزلىرىدىن ياش ئەمەس ، قان ئاقتى  . يۈرەك-باغرى تۇزدەك ئېرىپ قان-زەردابقا ئايلاندى  . ئۇ ئۆستەڭ قىرىدىكى كۆك توپىغا تىزلىنىپ قالدى  . دەمداردەك بوقۇلداپ  ، ئاھۇدەك ئاھ ئۇرۇپ يىغلىدى  . بوتىلاقتەك سوزۇپ-سوزۇپ بوزلىدى...
    يېتىمغا ئانا يۇرتى ھارام  . يېتىمنىڭ يۇرتى يوق  . شۇ كېچە كىچىك نۇرى مۇھەممەت ئاتا يۇرتىدىن  ، ئانا يۇرتىدىن چىقىپ كەتتى  . ئانىسىغىمۇ  ، ئاكىسىغىمۇ تىنماي چىقىپ كەتتى  . ئۆزى تۇغۇلغان  ، كىندىك قېنى تۆكۈلگەن  ، بالىلىقى ئۆتكەن زاۋا يېزىسىنىڭ ئورچى دېگەن يېرىدىن چىقىپ كەتتى  . ئاشۇ «زاۋا»  ، «ئورچى» دېگەن يەرلەرنى بىلەمسىز؟ ئۇ يەردىن ئۆتۈپ باققانمۇ؟ ئۇ يەر توغرىسىدا ئاڭلاپ باققانمۇ؟ غەربتىن — قەشقەر تەرەپتىن كەلسەك  ، قارىقاش-يورۇڭقاش دەريالىرى ھاۋزىسىدىكى تۇتاش بوستانلىق — قارىقاش  ، خوتەن  ، لوپ مانا شۇ «زاۋا»دىن باشلىنىدۇ  . «زاۋا» مانا شۇ بوستانلىقنىڭ غەربىي دەرۋازىسى ھېسابلىنىدۇ  . «زاۋا»نىڭ يېنىدىكى قۇملۇقتا مەشھۇر ئۆتەڭ — «قۇم رابات» بار  . مەشھۇر «ئىگىز ئېرىق خوجىلىرى»نىڭ نەچچە يۈز يىللىق سۇيۇرغال يەرلىرىمۇ مانا شۇ «زاۋا»دا ئەڭ ئاخىرقى خوجا — مەتتۇرسۇنخان ھاجىمنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئاسارئەتىقىغە ئايلانغان چىرايلىق قورۇقى — «شاھلىق فېئوداللىق قورۇسى»مۇ مۇشۇ «زاۋا»دا  . ئەگەر بىز مەتتۇرسۇنخان خوجىنىڭ يىراق بوۋىسىنىڭ خان ھۇزۇرىدا «بىر كالا تېرىسىچىلىك يەر» تەلەپ قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايىگە قايتىپ بارىدىغان بولساق  ، بەك ئۇزاق ئۆتمۈشلەرگە كېتىپ قالىمىز  . قىسقىسى ، «زاۋا» بەك گۈزەل يۇرت  . ئۇ ھەقتە تەجەللى-مۇجەللى ھەزرىتىم:
    بۇندا دەردلەرگە داۋا بار  ، بۇندا ھاجەتلەر راۋا.
    ياخشىراقتۇر كابۇلى  ، بەلخى  ، بۇخارادىن زاۋا.
    دەپ كۈيلىگەن  . مانا شۇ «زاۋا»دا ئۇزاق ئۆتمۈشلەردە نېمە ئىشلار بولۇپ ئۆتمىگەن دەيسىز؟ ھېجىرىيىنىڭ 1178-يىلى زاۋادىكى «باشاقچى» دېگەن يەرلىك مۇھىدىن ھەزرەت «زاۋا» خەلقىنى باشلاپ زۇلۇمغا قارشى كۆتۈرۈلگەن.كېيىن تولىمۇ سەت كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ  ، پۈتكۈل بەدىنىدىن قان-يىرىڭ ئېقىپ ئۆلگەن يۇنۇسبەگنىڭ ساتقىنلىقى بىلەن مەغلۇپ  بولغان بولسىمۇ  ، لېكىن دۇۋا-سانجۇ تاغلىرىنى ئىگىلەپ ئۈچ يىل تىركەشكەن.. . ھېجىرىيىنىڭ 1281-يىلى  ، قىسسە-داستانلىق ئابدۇراخمان پاششا مانا شۇ «زاۋا»نىڭ يېنىدا ئىسمايىل بەدىرەك تەرىپىدىن خائىنلىق قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن.. . ھېجىرىيىنىڭ 1282-يىلى يورۇڭقاش دەرياسىنىڭ ئايىغىدىكى ئىسلامئابادقا سۈرگۈن قىلىنغان ئالماس ھېكىمبەگ ئۇ يەردىن قېچىپ چىقىپ مانا شۇ «زاۋا»دا توپىلاڭ كۆتۈرۈپ قولدىن كەتكەن جەننىتىنى تىرىلدۈرۈشكە ئۇرۇنغان ۋە مەغلۇپ بولغان...
    ھېجىرىيىنىڭ 1283-يىلى  ، تاجاۋۇزچى ياقۇپبەگ مانا شۇ «زاۋا»نىڭ يېنىدا ھەبىبۇللاخان مۇپتىنى ھىيلە-مىكىر بىلەن ئۆلتۈردى...
    ھېجىرىيىنىڭ 1294-يىلى ياقۇپبەگ ئوغلى بەگ بەچچە بىلەن نىياز زېكىمبەگ مانا شۇ «زاۋا»دا ئۇرۇشتى  . تالاي بىگۇناھ يىگىتلەر ئۆلۈپ  ، تالاي قانلار ئاقتى.. . ھېجىرىيىنىڭ 1352-يىلى يازدا  ، كېرىيىلىك قاسىمبەگ (كېيىن قاسىم ئىسمايىل دەپ ئاتالدى) «ئات كاللىسىچىلىك ئالتۇن»غا ئالدىنىپ پۈتۈن خوتەن ۋىلايىتىنى ئەنە شۇ «زاۋا»دا ماخوسەن باندىتلىرىغا سېتىۋەتتى.. . ھېجىرىيىنىڭ 1353-يىلى  ، مانا شۇ «زاۋا»لىق جالالىدىن خان خوجىنىڭ ئوغلى ئەبەيدۇللاخان ماخوسەن باندىتلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالدى  . جالالىدىن خان خوجا ياش ھەم بىگۇناھ ئوغلىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن تەرەپ-تەرەپكە يول ماڭدى  . ماخوسەن باندىتلىرى «15 چارەك ئالتۇن تاپشۇرساڭ ئوغلۇڭنى قويۇۋېتىمىز» دېدى  . جالالىدىن خان خوجا 15 چارەك ئالتۇن بەردى  . لېكىن ۋەھشى باندىتلار 15 چارەك ئالتۇننى ئېلىپ بولۇپ  ، 23 ياشلىق ئەبەيدۇللاخاننى جالالىدىن خان خوجىنىڭ كۆز ئالدىدىلا چېپىپ تاشلىدى.. . ھېجىرىيىنىڭ 1385-يىلى يازدا  ، سوتسىيالىستىك تەلىم-تەربىيە خىزمەت ئەترىتىنىڭ 18 يۈەن ئايلىق ئالىدىغان ياللانما كادىرى  ، كېيىنكى چاغلارنىڭ داڭلىق شائىرى مەرھۇم روزى سايىت ئەنە شۇ «زاۋا»دا «جىن-شەيتان»  ، «كىچىك دىڭتو» دەپ تارتىپ چىقىرىلدى  . ئۈچ ئاي كېچە-كۈندۈز كۈرەشكە تارتىلدى  . چېچىنى يۇلۇپ بېشىنىڭ بىر پارچە تېرىسىنىمۇ سويۇۋېتىشتى  ، كىيىملىرىنى يىرتىپ ئىت تالىۋالغاندەك قىلىۋېتىشتى  . گۇناھى ئاشۇ «ئورچى» دېگەن كەنتتە خەلق قوشاقلىرىنى يىغقانلىقى ئىدى.. . ئاشۇ «زاۋا» ۋە «ئورچى»دا يەنە نېمە ئىشلار بولمىغان؟ تۆكۈلگەن قان ۋە تۆكۈلگەن ياشلار ئازمۇ؟ «ياشنى ئازراق تۆكۈش ئۈچۈن قاننى كۆپرەك تۆكۈش كېرەك» دېگەن كونىلار  . تۆكۈلگەن قان ئاز بولۇپ قالدىمۇ؟
    باشتا «زاۋا»نى گۈزەل يۇرت  ، تەجەللى-مۇجەللى ھەزرىتىمنىڭ مەدھىيىسىگە ئېرىشكەن يۇرت دېدۇق  . راست  ، ئۇ تولىمۇ گۈزەل يۇرت  . ۋەھالەنكى ، ئۇ ياخشى يۇرت بولۇشى ناتايىن  . شۇ يەردە تۇغۇلغانلارغا  ، شۇ يەردە ئىشلىگەنلەرگە  ، شۇ يەردە ئىش تەۋرەتكەنلەرگە ئامەت بېغىشلىيالايدىغان يۇرت بولۇشى ناتايىن  . يېتىم نۇرى مۇھەممەت «ئورچى»دىن  ، «زاۋا»دىن قاچتى  . بۇ قىلغىنى توغرىمۇ؟ بىز «بۇنداق نەس يۇرتتىن قېچىش كېرەك»دەپ جاۋاب بەرسەك  ، خاتا سۆزلىگەن  ، غەلەت سۆزلىگەن  ، كۇپۇر سۆزلىگەن بولىمىز  . زاۋىدا ياشاپ  ، زاۋىدا توختاپ  ، زاۋىدا ئىشلەپ بەختلىك بولغانلارمۇ ئازمۇ؟ زاۋىنىمۇ ئاللا ئىگەم ياراتقانغۇ  ، گەپ يۇرت-مەھەللىدە ئەمەس  . گۇناھنى يۇرت-مەھەللىگە ئارتساق بولمايدۇ  . نەدە نەس يۇرت  ، ئامەتلىك يۇرت دېگەن گەپ بار ئىكەن؟ لېكىن  ۋەھالەنكى  ، شۇنداقتىمۇ!...
    3 . سەرگەردان

    تالاي ئادەملەرگە ئوڭلۇق ۋە ئامەت ئېلىپ كېلەلمىگەن «زاۋا» كىچىككىنە ، ئاتىسىز نۇرى مۇھەممەتكىمۇ خورلۇق ، بوزەك قىلىنىش ، زورلۇق ، جاپا ۋە  نامراتلىقتىن ئۆزگە ھېچنېمە بېرەلمىگەنىدى . ئاخىرقى ئىككى شاپىلاق چىدامەتنىڭ تەگسىز قاچىسىنى تولدۇردى . دۇمباق يېرىلدى . قانداقتۇر بىر خىل چۈشىنىكسىز تۇيغۇ كىچىككىنە بالىنى زاۋىدىن قوغلىدى . نېمىنىدۇر ئىزدەش ئۈچۈن ناتونۇش يۇرتلارغا ئېلىپ كەتتى...
    1984-يىلى ئەتىيازنىڭ ئاسماندىن توپا يېغىپ تۇرغان ئاشۇ كۈنى كەچتە نۇرى مۇھەممەت «دۇۋا① (دۇۋا — گۇما تەۋەسىدىكى كۈمۈركان رايونى.)»دىن كۆمۈر بېسىپ كەلگەن قارا ماشىنىغا ئېسىلىپ قارىقاشقا كەلدى . ئۇ يەردە ئۇنىڭ نە ئۇرۇق-تۇغقان ، تونۇش-بىلىش ، نە پاناھ بولغۇدەك كىرىدىغان جايى بولسۇن؟ نە تۆشۈك يانچۇقىدا بىر تىيىن؟ كېچىنى تالادا ئۆتكۈزگەن بالا قارىقاشنىڭ توپىلىق كوچىلىرىدا ئۈچ كۈن تېنەپ يۈردى . ئۆيمۇئۆي ، دۇكانمۇدۇكان بېرىپ ئىش ئىزدىدى . ئىش قىلىشنى ، بىر بۇردا نان تېپىپ يېيىشنى خالايتتى . قورساق ئاللىقاچان غەليان كۆتۈرۈشكە باشلىغانىدى . ئاش-نان تەلەپ قىلىپ توختاۋسىز قىينايتتى . ئەمما كىچىككىنە بالىغا ئاش-نان بېرەلەيدىغان تەييار ئىش نەدە تۇرۇپتۇ؟ ئاغزىدىن ئانا سۈتى كەتمىگەن 15 ياشلىق بالىغا ئىشىنىپ ئىش بېرىشكە بولارمۇ؟ «بالىنى ئىشقا بۇيرۇساڭ ، ئارقىسىدىن ئۆزۈڭ بار...» ، «بالا — قىلغان ئىشى چالا» دېگەن تەمسىلنى بىلىدىغۇ قارىقاشلىقلار . ئەمما ئاشۇ قارىقاشلىقلار دەرۋازىسىغا ئىش ئىزدەپ كەلگەن بالىنىڭ ئاچلىقىنى ، ئىككى كۈندىن بېرى ئاغزىغا بىر بۇردا نان سالمىغانلىقىنى پەرەز قىلىشى كېرەك ئىدىغۇ . ئۇنىڭ ئاچلىقتىن يىقىلىپ قالاي دېگەن تۇرقىغا قاراپ بۇنى ئويلاشقا بولاتتىغۇ . قاچاندۇر بىر چاغلاردا قەلەندەرلەر شاھى بابارەھىم مەشرەپنىڭ بىر تەڭگىسىگە ئۆزىگە ئوزۇق ، ئېشىكىگە بوغۇز ، غېزىغا دان ئېلىپ بېرەلىگەن ئەقىللىق قارىقاشلىقلار بۇنچىلىكنى ئويلىشى كېرەك ئىدىغۇ . ئەمما ھازىر ئۇنداق قارىقاشلىقلار قالمىغان ، نەپسىدىن ، ناندىن ، پۇلدىن ئۆزگىنى ئويلىيالايدىغان قارىقاشلىقلار قالمىغانىدى . ئۇلار كىچىككىنە ، ئاچ ، بىچارە بالىنىڭ دەردىگە يېتىشمىدى . ئۇنىڭغا بىر بۇردا نان ، نان تېپىپ يېيەلىگۈدەك ئىش بېرىشمىدى . ياق ، بۇنچىۋالامۇ دەپ كەتمەيلى . 3-كۈنى ئۇنى ئىشقا سالىدىغان ، ئىش بېرىدىغان ئادەم چىقتى . بىر بورداقچى ئۇنى بىر كۈن قىغ چىقارغىلى ، ئېغىل تازىلىغىلى ياللاپ ، ئىش ھەققىگە بىر يۈەن بەردى . ھۇ نائىنساپ...
    نۇرى مۇھەممەت ئۆزى ئۈچۈن قارىقاشنىڭمۇ ھاراملىقىنى ھېس قىلدى . ئاشۇ بىر يۈەن پۇلنىڭ تەڭ يېرىمىغا قورساقنى ئەپلەپ ، خوتەنگە بارىدىغان ئاپتوبۇسقا چىقتى . يانچۇقىدا يەنە بەش موچەن بار ئىدى . لېكىن قارىقاش بىلەن خوتەن ئارىلىقى يەتتە موچەنلىك يول ئىدى . ئاپتوبۇس بېلىتىگە يەتتە موچەن ئېلىشاتتى . بېلەت ساتقۇچى بىرھازا كاسىلداپ نۇرى مۇھەممەت تەڭلىگەن بەش موچەننى ئالدى . لېكىن پاختا توقۇمىچىلىق فابرىكىسىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئۇنى ئاپتوبۇستىن چۈشۈرۈۋەتتى . ئېيتىشىچە ، ئۇ بەش موچەنلىك يولنى مېڭىپ بولغانمىش . ئاپتوبۇستا يەنە ئولتۇرۇۋەرمەكچى بولسا ، يەنە ئىككى موچەن تۆلىشى كېرەكمىش.. . شۇنداق قىلىپ ، كىچىك سەرگەردان قەدىمىي شەھەر خوتەنگە پىيادە كىرىپ كەلدى . شەھەر كوچىلىرىدا چىراغلار چاراقلاپ ئۈچ بۇرجەك بازار ② («ئۈچ بۇرجەك  بازار — 1970-، 1980-يىللاردىكى كەچلىك بازار ، چايخانا مەكتەپنىڭ ئالدىدا.) ئۆز ۋاراڭ-چۇرۇڭلىرى بىلەن ئۇنى كۈتۈۋالدى . كۈتۈۋېلىشنىغۇ كۈتۈۋالدى . ئەمما ئۇ يېڭى كەلگىندىنى ، يېڭى مۇساپىرنى سىغدۇرارمۇ؟
    مۇشۇ «سىغدۇرۇش» ئۇقۇمى توغرىسىدا ئازراق توختىلىش كېرەك . خوتەننىڭ «سىغدۇرۇش» روھى توغرىسىدا بىر قۇر ئەسلەپ ئۆتۈش كېرەك . 2002-يىلى 6-ئايدا ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى مىجىت ناسىر ئەپەندى خوتەنگە قەدەم تەشرىپ قىلغاندا ، ئۆزىگە ھەمراھ بولغان ، تۇرپاندىن كېلىپ خوتەندە مۇئاۋىن ۋالىيلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان مۇھەممەت ئەيسادىن «يات كۆرۈشمىگەندۇ ، باشقا يۇرتلۇق دەپ يەكلەشمىگەندۇ؟» دەپ سوراشتۇردى . مۇھەممەت ئەيسا «يات كۆرۈشمەي ، سىغىپ كەتتىم» دەپ جاۋاب بەردى . نەق مەيدانغا شاھىد بولغان قەلەم تەۋرەتكۈچىمۇ «خوتەندە باشقا يۇرتلۇقلارنى يەكلەيدىغان ئادەت يوق» دەپ چۈشەندۈردى . راست شۇنداق . كىچىككىنە خوتەندە ئاجايىپ زور سىغدۇرۇش روھى بار . ئۇ ئۆز خوتەنلىكلىرىنى سىغدۇرمىسا سىغدۇرمايدۇكى ، باشقا يۇرتتىن كەلگەنلەرگە دائىم قۇچاق ئېچىپ تۇرىدۇ . تېخى ئۇلارنىڭ تەڭدىن تولىسى تۆردە ، ئىشەنمىسىڭىز ئېنىقلاپ كۆرۈڭ . مۇشۇ كىچىككىنە خوتەندە تەڭدىن تولىراق ئىش ئورنى قەشقەر ۋە ئاتۇشلۇقلارنىڭ قولىدا . «مۇساپىرلار زىيارەتگاھلىقى» ۋە «شەمسى تەبرىزىم مازىرى»دىكى قەبرىلەرنىڭ تولىسىغىمۇ قەشقەر ياكى ئاتۇشتا تۇغۇلۇپ خوتەندە ئۆلگەنلىكى يېزىپ قويۇلغان . ئەگەر دېڭىزدەك چوڭقۇر ، سامادەك كەڭ سىغدۇرۇش روھى بولمىسا ، ئۇلار كىچىككىنە خوتەندە كۆلگە چۈشكەن يامغۇردەك سىغىپ كېتەلەيتتىمۇ؟ ئەلۋەتتە قەشقەرلىق ، ئاتۇشلۇقلارلا ئەمەس ئەنجان-كابوللۇقلارمۇ ، دېھلى-لاھۇرلۇقلارمۇ ، ئاقسۇ-كورلىلىقلارمۇ ، تۇرپان-غۇلجىلىقلارمۇ سىغىپ كەتكەن خوتەن بۇ . شۇنچە ياقا يۇرتلۇق مۇساپىرلار سىغىپ كەتكەن خوتەنگە زاۋىدىن ، قارىقاشتىن مۇساپىر بولۇپ كەلگەن نۇرى مۇھەممەت سىغىپ كېتەلەرمۇ؟
    يېتىم ، مۇساپىر ، سەرگەردان ئۈچۈن ياتقىلى ئالىي دەرىجىلىك مېھمانخانا كېرەك ئەمەس . توپا توزۇپ تۇرغان رەستىلەرنىڭ خالىغان بىر يېرىدە تۈنىگەن مۇھەممەت تاڭ بىلەن تەڭ ئويغانغان كوچىلارنى ئارىلاپ ئىش ئىزدەپ يۈردى . كىمدۇر بىرى نۇرى مۇھەممەتكە ئىش قىلماقچى بولسا «قىزىق دەرۋازىسى»غا بېرىشنى ، ئاشۇ يەردە «مەدىكار بازىرى» بارلىقىنى ، ساقلاپ ئولتۇرسا ، ئىشى بار ، ئادەم لازىم بولغانلار ئاشۇ يەرگە كېلىپ مەدىكار ياللايدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى . كىچىك مۇساپىر سوراشتۇرۇپ يۈرۈپ «قىزىق دەرۋازىسى»دىكى «مەدىكار بازىرى»نى تېپىپ كەلدى . ئەمدى ئۇ مانا شۇ «مەدىكار بازىرى»دىكى دائىمىي «خىزمەتچى»گە ئايلاندى . ئىش تېپىلسا ئىشلىدى . قورساقنىمۇ باقتى ، ئىش تېپىلمىسا ، ئىلچى يېزىلىق ئامانەت-قەرز كوپىراتىپىنىڭ ئىككى قەۋەتلىك بىناسىنىڭ تېمىنى يۆلەپ ، ئاچ قورساق ، ئاپتاپ ئىسىنىپ ئولتۇردى . بىر ياللىغۇچى كەلسە ، يۈزلەپ مەدىكار گۈررىدە ئورنىدىن تۇراتتى . ياللىغۇچىنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىشاتتى . ئامىتىڭ كەلگەندە ياللىغۇچىنىڭ ساڭا كۆزى چۈشكەن بولاتتى ، يېرىم كۈن ، بىر كۈن ، تېخى بەزىدە ئىككى-ئۈچ كۈن ئىش تاپقان بولاتتىڭ . ھېرىپ-ئېچىپ ئىشلەيتتىڭ . قولۇڭ پۇلمۇ كۆرەتتى . ئەمما بەزىدە 3-4 كۈن ئىش تېپىلمايدىغان چاغلارمۇ بولۇپ قالاتتى . بۇنداق چاغلاردا بەلۋاغنى يەنىمۇ چىڭراق باغلاشقا ، پات-پات ئەسنەپ قويۇشقا توغرا كېلەتتى.. . بىر ئىش ئېنىق ئىدىكى ، مەدىكار ئىشلەپ تاپقان كۈنلۈك پۇل ، كۈنلۈك قورساق بېقىشقا ئاران يېتەتتى . ئىش تېپىلماي قالغان كۈنلەردە كاڭىلداپ ئەسنىمەكتىن ئۆزگە ئامال يوق ئىدى . كىچىك مۇساپىر قارا كۈچكە قارا ئىش  ئىشلەشكە تايىنىپلا جان باققىلى بولمايدىغانلىقىنى ئاستا-ئاستا ھېس قىلىپ كېلەتتى . شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنىڭ بېشىغا بەخت قۇشى قونغاندەك بولدى . «ئات بازىرى»دا ناۋايخانا ئاچىدىغان ئىمىن ئاخۇن ئۇستامغا نىمكار لازىم بوپتۇ . ئۇنىڭ كۆزى سۈتۈن يۈزلۈك نۇرى مۇھەممەتكە چۈشتى . مەلۇم بولدىكى ، ناۋايخانىغا شاگىرت ھېسابىدا ئىشلەيدىكەن ، ئاش-نان بېرىلىدىكەن . ئىش ھەققى بېرىلمەيدىكەن . شاگىرت بولۇش — بۇ ھۈنەر ئۆگىنىش دېگەن گەپقۇ . ھۈنەر دېگەن تۇرمۇشنىڭ كاپالىتى . تېخى باي بولغىلىمۇ بولىدۇ . كىچىك مۇساپىر خۇش بولۇپ كەتتى ، بېشىغا بەخت قۇشى قونغاندەك ، ئامىتى كەلگەندەك خۇش بولۇپ كەتتى . شاگىرت بولۇشقا جان دەپ ماقۇل بولدى . ۋەھالەنكى ،  شاگىرت دېگەنمۇ باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا بىر خىل مەدىكارچىلىق . ئىش ھەققى ئالمايدىغان مەدىكار . ئۇستا بولغۇچى ئۇنى خالىغانچە ئىشلەتسە بولىدۇ . ناۋايخانىدىكى ئەڭ ئېغىر ئىشنى ئۇ قىلىدۇ . تاڭ يورۇشتىن ئىككى سائەت بۇرۇن ئورنىدىن تۇرۇپ ، خېمىر يۇغۇرىشى ، قايتا-قايتا مۇجۇپ دەستىلىشى ، تونۇرنىڭ كۈلىنى ئېلىشى ، تونۇرغا ئوت يېقىشى كېرەك . نان تاڭ يورۇشىغا ، جامائەتنىڭ مەسچىتتىن يېنىشىغا ئۈلگۈرمىسە بولمايدۇ . ئاشۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى شاگىرت قىلىشى كېرەك . بۇ ئېغىر ئىشمۇ ئەمەس ، ئەترەتنىڭ ھاشارلىرىدا ، مەدىكارچىلىقنىڭ ئېغىر ئەمگەكلىرىدە پىشىپ كەتكەن نۇرى مۇھەممەت ئۈچۈن ناۋايچىلىقنىڭ ئىشى ھېچنېمە ئەمەس ئىدى . ئۇ بار تىرىشچانلىقنى كۆرسەتتى . ھۈنەر ئۆگىنىۋېلىش ئۈچۈن ، ئۇستىسىنى رازى قىلىش ئۈچۈن تىرىشىپ ئىشلىدى . خېمىر يۇغۇرۇشنى ، تۇز تەمىنى تەڭشەشنى ، زۇۋۇلا ئۈزۈشنى ، زۇۋۇلا ئېچىشنى ئۆگەندى . ئۇ ئىمىن ئاخۇن ئۇستامدىن ئىككى دۇنيالىق رازى ئىدى . ئۇنىڭ يېنىدا تولۇق ھۈنەر ئۆگەنگۈچە ، ھۈنەردە كامالەتكە يەتكۈچە ، قۇرامىغا توشۇپ ئۆي-ئوچاقلىق بولغۇچە تۇرۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى . ئەمما ئىنسان خاراكتېرىدىكى تولىمۇ نازۇك بىر تۇيغۇ ئۇنى تۇنجى ئۇستىسى يېنىدىن ئېلىپ كەتتى . تۇنجى ئۇستىسىنىڭ ناۋايخانىسىدىن ھەيدەپ چىقىرىلدى . ئۇستامنىڭ چىرايلىق ، نۇرى مۇھەممەت بىلەن قۇرداش دېگۈدەك بىر سىڭلىسى بار ئىدى . شەھەرلىكلەرچە ھاكاۋۇرلۇقىمۇ ، مۇتتەھەملىكىمۇ بار ئىدى . ئاشۇ ھاكاۋۇر قىز بىر كۈنى نۇرى مۇھەممەتنى بىر چېلەك سۇ ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇدى . سۇنى ئېلىپ كېلىۋىدى ، تونۇرنىڭ سۇپىسىغا قويۇشنى بۇيرۇدى . شاگىرت تونۇر سۇپىسىغا ئالدى . ئارقىدىنلا قىز چېلەكنى يەرگە ئېلىشقا ئەمىر قىلدى . شاگىرت يەرگە ئالدى . قىز يەنە تونۇر سۇپىسىغا ئېلىشنى بۇيرۇدى . نۇرى مۇھەممەت غىڭ قىلماي قىزنىڭ بۇيرۇغانلىرىنى بەجا كەلتۈردى . يەردىن سۇپا ئۈستىگە ، سۇپىدىن يەرگە ئېلىشى ئۈچ-تۆت قېتىم تەكرارلاندى . شاگىرت ئۆزىنىڭ بوزەك قىلىنىۋاتقانلىقىنى چۈشەندى . بوزەك بولۇشنى — ساراڭلاردەك چېلەكنى يەردىن سۇپىغا ، سۇپىدىن  يەرگە ئېلىشنى رەت قىلدى . ئۇستىنىڭ سىڭلىسى گەپكە كىرمىگەن شاگىرتنىڭ يۈزىگە چاڭڭىدە بىر شاپىلاق سالدى . نۇرى مۇھەممەتنىڭ كۆزلىرىدىن ئۇچقۇن چاچرىدى . مەڭزى كۆيگەندەك ئېچىشتى . چەكسىز خورلۇق ئىچىدە ۋۇجۇدى سېزىمىدىن ، تىلى گەپتىن قالدى...
    ئىنسان بالىسى جاپا-مۇشەقەتكە چىدايدۇ . ئىسسىققا ، سوغۇققا ، ئاچلىققا چىدايدۇ . ئەمما خورلۇققا ، كەمسىتىشكە ، ئانىي تېپىشقا ، بوزەك قىلىشقا چىدىمايدۇ . نۇرى مۇھەممەت ئىمىن ئاخۇن ئۇستامنىڭ ناۋايخانىسىدىن كەتتى . ئۆزىنى بوزەك قىلغان ، ئانىي تاپقان ، خورلىغان يەردىن كەتتى...
    نېمە دەيمىز؟ ئاشۇ كىچىككىنە قىزنىڭ مۇساپىر يېتىمنى بوزەك قىلىشىدا نېمە مەقسىتى بار ئىدى؟ چېقىشىپ-ئويناشقانمۇ؟ ئۆزىنى كۆرسىتىپ قويغۇسى بارمىدى؟ نۇرى مۇھەممەتنى ياخشى كۆرەمتى؟ بوزەك قىلىش — مۇھەببەتنىڭ يەنە بىر خىل غالجىرلاشقان ئىپادىسىمۇ؟ مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى بولۇشى مۇمكىن . 10-15 يىللاردىن كېيىن نۇرى مۇھەممەت ئۇنى مەخپىي نىكاھىغا ئالماقچى بولغاندا ، ئەمدى چوكانغا ئايلىنىپ ئەردىن چىققان ئاشۇ قىز ئۈن-تىنسىز قوشۇلدى . مۇشۇ پاكىتتىن قارىغاندا ، ئۇ ئەينى چاغدا ئۆز كۆڭلىدىكى تۇيغۇلىرىنى ئەنە شۇنداق بوزەك قىلىش بىلەن ئىپادىلىگەن بولۇشى مۇمكىن . نۇرى مۇھەممەتنىڭ ئۇنى دەپسەندە قىلماقچى بولۇشى بولسا ، قىساس ئېلىش ئۈچۈن بولۇشى مۇمكىن . نېمىلەر بولمايدۇ ، نېمىلەر يۈز بەرمەيدۇ بۇ جاھاندا؟
    نۇرى مۇھەممەت يەنە ئۈچ كۈن سەرگەردان بولۇپ يۈرگەندىن كېيىن ، باشقا ئۇستا — قەييۇمجان ئۇستامنىڭ ناۋايخانىسىغا نىمكارلىققا كىردى . يەنىلا شاگىرت ھېسابىدا ئىدى . ئوخشىمايدىغان يېرى قەييۇمجان ئۇستا ئۇنىڭغا ھەر كۈنى ئىككى موچەن پۇل بېرىپ تۇراتتى . شاگىرت ئىككى موچەننى بىر ئاي يىغسا ئالتە يۈەن بولاتتى . كىچىككىنە نۇرى مۇھەممەت ھەر كۈنى ئىككى موچەندىن يىغىپ بىر ئايدا جەم بولغان ئالتە يۈەن پۇلنى بازارغا كەلگەن يۇرتلۇقلىرىدىن ئانىسىغا ئەۋەتىپ بەردى . ئويلاپ كۆرۈڭ: مېھرىبان ئانىنى ، ئاكا-ئىنىلارنى ، ئوماق سىڭىلنى ئۇنتۇش مۇمكىنمۇ؟ ئالتە يۈەن پۇلنى تاپشۇرۇۋالغان ئانا چوڭ ئوغلىنى ئىنىسىنى ئىزدەشكە ئەۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن . ئانا ئوغلىنى ئۇنتۇپ كېتەلەمدۇ؟ ئۆزىنىڭ ئىچ-قارنىنى يېرىپ چىققان جىگەر پارىسىنى ئۇنتۇپ كېتەلەمدۇ؟ ئەمما شۇ ئارىدا يۈز بەرگەن بىر ۋەقە سېغىنغان ئانىنى ئوغۇل ۋەسلىگە ، سېغىنغان ئوغۇلنى ئانا ۋەسلىگە يەتكۈزمەي قويدى.
    نۇرى مۇھەممەتنىڭ يېڭى ئۇستىسى قەييۇمجان ئۇستا كۆپلىگەن شەھەر تېجىمەللىرىدەك ھاراق ئىچىدىغان ئۇستا ئىدى . ھەر كۈنى ئىشتىن چۈشكەن ، تونۇرنىڭ تاۋى يانغان چاغدا قوشنا كاۋاپخانىدىن سېتىۋالغان سۆڭەكلەرنى مىس چوگۇنغا سالاتتى-دە ، تونۇردىكى قوقاس ئۈستىگە قويۇپ قوياتتى . سۆڭەك قوقاش ئۈستىدە ئۇزاق قايناپ سۆڭەك شورپىسى ھاسىل بولاتتى . كەچتە ئەلياتقۇ مەھەلدىن ئۆتكەن چاغدا نەلەردىندۇر مەست كەلگەن قەييۇمجان  ئۇستا سۆڭەك شورپىسىنى ئىچىپ ، ئۇزۇنغىچە سۆڭەك غاجايتتى . بۇ ئۇنىڭ دائىملىق ئادىتى ئىدى . ۋەقە يۈز بەرگەن شۇ كۈنى كېچە قەييۇمجان ئۇستا دۇكانغا قايتىپ كەلگەندە تولىمۇ ئېغىر مەست ھالەتتە ئىدى . مەستۇ-مۇستەغراق بولغان ، ئەقلى-ھوشىنى بىلمەيدىغان ھالەتتە ئىدى . دائىمقىدەك سۆڭەك شورپىسىنى ئىچىپ ، ئۇزۇنغىچە سۆڭەك غاجىدى . سۆڭەكلەرنى غاجاپ بولۇپ ، ئوڭدىسىغا چۈشۈپ ئۇخلاپ قالدى . ئەتىسى ۋاقچە قوپقان ئۇستا سۆڭەك شورپىسىنى سۈرۈشتۈردى . شاگىرتلار: «ئاخشام غاجاپ بولدىلا ، ئاشقان سۆڭەكلەرنى ئەخلەت باكىغا تاشلىۋەتتۇق» دەپ جاۋاب بەردى . يېرىم مەست-يېرىم ئوڭ ھالەتتىكى ئۇستا ئىشەنمىدى . «ھەرقايسىڭ غاجاپسەن» دەپ ھۆركىرىدى ، كۆسەينى قولىغا ئېلىپ شاگىرتلارنى دۇمبالاشقا باشلىدى . ئۇستا تولا سۆڭەك غاجاپ ، سۆڭەك غاجايدىغان ئىتنىڭ مىجەزىنى يېتىلدۈرۈۋالغانمۇ ۋە ياكى ھېلىمۇ چالا مەستمۇ ، ئۆچ شاگىرتلىرىنى غالجىرلىق بىلەن دۇمبالاپ كەتتى . شۇ كۈنى بىزنىڭ زاۋىلىق مۇساپىر يېتىممۇ شۇ قاتاردا قاتتىق دۇمبا يېدى...
    ئەي ئاسمان ، ئەي قۇياش ۋە ئاي ، ئېيت ، قېنى گۇۋاھلىق بەر . يېتىمنى ، مۇساپىرنى ، ئاجىزنى بوزەك قىلمىغان كىم بار دۇنيادا؟ يېتىمنى ، مۇساپىرنى ، كىچىكنى ئۇرمىغان ، دۇمبالىمىغان كىم بار دۇنيادا؟ چەرخى پەلەكنىڭ تەتۈر چۆرگىلىگىنى شۇنىڭدىنمۇ؟ ئېيت ، چەرخى پەلىكىڭ يېتىمنىڭ ، مۇساپىرنىڭ ، كىچىكنىڭ ، ئاجىزنىڭ كۆز يېشى بىلەن چۆرگىلەمدۇ؟ ئېيت...
    گۆشسىز سۆڭەك سەۋەبىدىن تۆھمەتكە قالغان ، بىگۇناھ دۇمبا يېگەن نۇرى مۇھەممەتكە خوتەنمۇ ھارام بولغانىدى .  ئۇ باش ئېلىپ قەشقەر تامان چىقىپ كەتتى . قايسىبىر ئىسسىق چىراي شوپۇرغا يالۋۇرۇپ ، قايسىبىر يۈك ماشىنىسىغا تۇيدۇرماي ئېسىلىپ قەشقەرگە يېتىپ باردى . ئىمىن ئاخۇننىڭ ناۋايخانىسىدا سىڭلىسىدىن ، قەييۇم ئاخۇننىڭ ناۋايخانىسىدا ئۇستىسىدىن تاياق يېگەن بولسىمۇ ، ئەمما ئۇلاردىن ئۆگەنگەنلىرى ئەسقېتىپ قالدى . «ناۋايچىلىق ھۈنىرىم بار» دەپ ئاۋات رەستىلەرنىڭ بىرىدىكى ناۋايخانىغا ئىشقا كىردى . ئېيىغا 200 يۈەن ئىش ھەققى بېرىشكە كېلىشتى . بۇ نۇرى مۇھەممەتنىڭ تۇنجى قېتىم ئايلىق ئېلىشى ئىدى . تۇنجى قېتىم كېلىشىم تۈزىشى ئىدى . ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىمى  ئۇ ئاشۇ قەشقەردە ھۈنەردە كامالەت ھاسىل قىلدى . ئىككى قولدا زۇۋۇلا تاللاشنى ، ئىككى قولدا سامسىنىڭ جىلتىسىنى ئېچىشنى ، ھۈنەرگە سەنئەت قوشۇشنى ئۆگەندى . ئەمما ئۇ ھېس قىلاتتى: خوتەندىن قەشقەر ياخشىراقتەك . ئۇ ئويلايتتى ، قەشقەردىنمۇ ئۈرۈمچى ياخشى بولۇشى مۇمكىن . شۇنداق قىلىپ ئۇ ئۈرۈمچى تامان كەتتى . ناۋايخانىدا ئىشلەپ تاپقان پۇلى بار ئىدى . ئاپتوبۇسقا بېلەت ئالدى . ئازراق ئاشتى ، يول خىراجىتىگە يېتەتتى . ئۈرۈمچىگە بېرىۋالسىلا يەنە ئىشلەپ جېنىنى جان ئېتەلەيتتى . ۋەھالەنكى ، يېتىمنىڭ ، مۇساپىرنىڭ بېشىغا كېلىدىغان دەرد-ئەلەملەر تېخى تۈگىمىگەنىكەن . ئۇنىڭ تارتىدىغان خورلۇقلىرى ، بوزەك قىلىنىشلىرى ، تۆھمەتكە ئۇچراشلىرى تېخى تۈگىمىگەنىكەن . ئىش ئاپتوبۇس كۇچاغا يېقىنلا قالغاندا يۈز بەردى . بىر يولداشنىڭ 200 يۈەن پۇلى يوق بولۇپ كېتىپتۇ . داۋراڭ كۆتەردى . دېمىسىمۇ ئاشۇ 1985-يىلدا 200 يۈەن ئاز پۇل ئەمەس ئىدى . ئالىي مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ ئىش ھەققىمۇ ئېيىغا ئاران 200 يۈەندىن ئاشقان چاغلار ئىدى . بۈگۈنكى ئىككى مىڭ يۈەنگە تەڭ كېلىدىغان 200 يۈەن يوقالسا داۋراڭ كۆتەرمەي بولامدۇ؟ شوپۇر ئاپتوبۇسنى توختىتىپ تەپتىش قىلىشقا كىرىشتى . ھەممە يولۇچىلار ئاختۇرۇلدى . ئۇ يىللاردا تېخى ئاختۇرۇش ئۈچۈن ئاختۇرۇش گۇۋاھنامىسى ئالمىسىمۇ بولىۋېرەتتى . سومكىلار ، خورجۇنلار ، يانچۇقلار ، قويۇنلار ئاختۇرۇلدى . چاپان-كۆڭلەكنىڭ ئىچىمۇ ، ئىشتان-كۇسارنىڭ ئىچىمۇ ئاختۇرۇلدى . ئۆتەكلەر ، بەتىنكىلەر ، خەيلەر سالدۇرۇلۇپ ، پايپاقنىڭ ئىچىمۇ ئاختۇرۇلدى . يولداشنىڭ پۇلى تېپىلمىدى . يولداشنىڭ ئۆزىمۇ پۇلىنىڭ قاچان يوقاپ كەتكەنلىكىنى بىلمەيتتى . ئەمما يوقاپ كەتكەنىدى . يوقاپ كەتكەنىكەن ، ئاپتوبۇستا ئوغرى بار دېگەن گەپ . چوڭ ئادەملەرنى ، سالاپەتلىك ئادەملەرنى ، ئىگە-چاقىلىق ئادەملەرنى ئوغرى دېگىلى بولماس . ئوغرى دېگەن كىچىكلەردىن ، چاپىنى كونىلاردىن ، مۇساپىرلاردىن چىقىدۇ . ھەممىنىڭ نەزىرى ئاپتوبۇستىكى ئىككى كىچىك بالىغا مەركەزلەشتى.
    — نەدىن كەلدىڭ؟
    — قەشقەردىن.
    — نەلىكسەن؟
    — خوتەنلىك.
    — نەگە ماڭدىڭ؟
    — ئۈرۈمچىگە.
    — نېمىشقا ماڭدىڭ؟
    — ئىش تېپىپ ئىشلىگىلى.
    — مۇساپىركەنسەن-دە.
    — ھەئە.
    — ئوغرىلىغان پۇل قېنى؟
     نۇرى مۇھەممەت ئاخىرقى سوئالغا جاۋاب بەرمىدى ، جاۋاب بېرەلمىدى . كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلدى . زاۋىدىن چىقىپ كەتكەندىن بېرىمۇ بەش ۋاق نامازنى تاشلىماي ئۆتەپ كەلگەن ، كىچىكىدىن باشلاپ مۇقەددەس ھالال-ھارام تەربىيىسىنى قوبۇل قىلغان نۇرى مۇھەممەت ئوغرىلىق قىلىشنى بىر قېتىممۇ ئويلاپ باقمىغانىدى . ئوغرى دېگەن تۆھمەتكە قېلىشنى بولسا تېخىمۇ ئويلىمىغانىدى . قەييۇمئاخۇن ئۇستىسى «سۆڭەكنى غاجاپ كېتىپسىلەر» دەپ تۆھمەت قىلغان ، ئۇرۇپ-دۇمبالىغانلىقى ھار كېلىپ خوتەندىن چىقىپ كەتكەن نۇرى مەھەممەتكە ناتونۇش ئادەملەرنىڭ ئوچۇقتىن-ئوچۇق ئوغرى تۇتقىنى ھار كەلمەسمۇ؟ ئۇ يىغلىماي كىم يىغلىسۇن؟
    ئىككىنچى بالا ئۈستىدىكى سوراقمۇ ئوخشاش تەرىزدە داۋاملاشتى . جاۋابلارمۇ ئوخشاش ئىدى . پەقەتلا «قەيەرلىكسەن؟» دېگەنگە «قەشقەرلىك» دەپ جاۋاب بېرىلدى . «ئىككىڭ تونۇشمۇ؟» دېگەن سوئالغا «ياق» دەپ جاۋاب بېرىلدى . ئەمما بۇنىڭلىق بىلەنلا ئۇلار شېرىك ئوغرى گۇمانىدىن خالاس قىلغىلى بولمايتتى . كىيىملىرىنىڭ كونىلىقى ، مۇساپىرلىقى ، سالايى-سۈپىتىنىڭ يوقلۇقى ئوغرىغا ئوخشاپ تۇرسا قانداقمۇ گۇماندىن خالاس قىلغىلى بولسۇن؟ «ئىككى ئوغرى» قايتا ئاختۇرۇلدى . ئەمدى تېخى چاپانلىرىنىڭ ئەستەر-ساروشكىلىرىمۇ سۆكۈپ ئاختۇرۇلدى . ئەمما يولداشنىڭ يوقاپ كەتكەن پۇلى چىقمىدى . پۇل-زاڭ مال تېپىلمىسىمۇ ئوخشاشلا «ئوغرى» ئىدى.
    شۇنداق قىلىپ ئەقلى يېرىم شوپۇر ئىككى مۇساپىر بالىنىڭ تاماققا دەپ ساقلىغان ئاخىرقى پارچە پۇللىرىنى ئىلىۋېلىپ توقسۇ بىلەن كۇچانىڭ ئارىلىقىدىكى ھېلىقى تاشلىق سايدا تاشلاپ كەتتى . ئۇ چاغلاردا شوپۇر بولغان ئادەم يولۇچىنى تاشلاپ كەتسە ئۇنىڭ ئانچە سۈرۈشتىسى بولمايتتى . يولۇچى ھۆكۈمەت ماشىنىسىنى ھەيدەيدىغان ئىمتىيازلىق شوپۇر ئۈستىدىن ئەرز قىلالمايتتى . ئەرز قىلسىمۇ ئاقمايتتى . شۇنداق ئەھۋالدا «ئوغرى»غا چىقىرىلغان ئىككى مۇساپىر بالا «بىز ئۈرۈمچىگە بېلەت ئالغانتۇق» دەپ شوپۇر بىلەن زوكۇنلىشالايتتىمۇ؟
    ئوخشاش تەقدىر ، ئوخشاش قىسمەتكە يولۇققانلار دوست بولۇپ كېتىدۇ . دوست ، ئاغىنە بولالايدۇ . ئاپتوبۇستىن تاشلىۋېتىلگەن ئىككى بالا ئۆزلىرى يولۇققان ناھەقچىلىقلاردىن قاقشاپ ، ئۆزلىرىنى خارلىغانلارنى قارغاپ مۇڭ ئېيتىشىپ كەتتى . بىر-بىرىگە تەسەللى ئېيتىشتى . بىر-بىرىنى رىغبەتلەندۈرۈشۈپ تاشلىق يول بىلەن بىر پۇل ، بىر تىيىنسىز ھالدا قەدىمىي شەھەر كۇچاغا كىرىپ كەلدى...
    كۇچا-توقسۇ-شاياردىن ئىبارەت ئاشۇ  رايون توغرىسىدا خوتەنلىكلەرنىڭ ئۆزگىچە تەسىراتى بار . ئۆزگىچە مۇھەببىىتى بار . كۇچا-توقسۇ-شايار دېسە سۆيۈنۈش بىلەن تىلغا ئالىدۇ . سۆيۈنۈش بىلەن ئەسلىشىدۇ . نەچچە يۈز يىللاردىن بېرى ئەنە شۇ يەرلەر خوتەنلىكلەرنىڭ ئەنجانى ، خوتەنلىكلەرنىڭ ئىلى-غۇلجىسى بولۇپ كەلدى . قەشقەرلىكلەر ئاتۇشلۇقلار ئەنجانغا ، ئىلى ، غۇلجىغا چىقىپ كەتكەندەك ، خوتەنلىكلەرمۇ كۇچا ، توقسۇ ، شايارغا چىقىپ كۆنىدۇ . يۇرتتىن ، ئاتا-ئانىسىدىن ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ، بەگ-دوردىلاردىن ئاغرىنغان خوتەنلىكەر ، نامراتلىقتىن ئاغرىنىپ پۇل تاپماقچى بولغان خوتەنلىكلەر ، سودىگەرچىلىك قىلماقچى بولغان خوتەنلىكلەر ، بىر مەھەل جاھان ئايلىنىپ كەلمەكچى بولغان خوتەنلىكلەر ، ئەسكەرلىكتىن ،  زۇلۇمدىن ، نومۇس-ئاھانەتتىن قاچقان خوتەنلىكلەر كۇچا-توقسۇ ، شايارغا چىقىپ كۆنىدۇ . «خوتەن قەدىمىي يولى» دېگەن داڭلىق چۆل يولى ئۇدۇل ئاشۇ يەرلەرگە تۇتىشىدۇ . ھېپىنەك  تونىڭنى غېرىبچە يېپىنىپ ، 17-18 قېتىم گۈلخان ياقساڭلا ئاشۇ يەرلەرگە يېتىپ بارىسەن ، ئاشۇ ئۈچ بۇرجەك بوستانلىق قۇچاق ئېچىپ قارشى ئالىدۇ . ئۇ يەرلەرگە قايسى خوتەن مۇساپىرى قەدەم باسمىغان؟ ئۇ يەرلەردە قايسى خوتەنلىكلەر ماكانلىشىپ قالمىغان؟ چىن ماچىن شاھزادىسى پەرھادقا ، مەشھۇر دارۋاز ھاشىم ھاجىمغا قۇچاق ئاچمىغانمۇ ئۇ يەرلەر؟ نىمشېھىت ئىلى ئارمىيە سايرامى داموللامنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە: خوتەن شاھزادىسى پەرھاد گۈزەل شېرىننىڭ ۋەسلى-جامالىنى ئىزدەپ ئەرمەنىيگە ئەمەس ، شايارغا چىققانمىش . ئۇ يەرنىڭ شەھرىيار (يار شەھىرى) دەپ  ئاتىلىپ قېلىشى شۇنىڭدىن ئىمىش.. . كىشىلەرنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە: توقسۇدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان خوتەنلىكلەر بەك جىقمىش . يەنە بىر خوتەن دېسە ئەرزىگۈدەكمىش . شۇ ۋەجىدىن مانجۇلار قۇرغان چىڭ سۇلالىسىنىڭ تەزكىرەشۇناسلىرى توقسۇغا خەنزۇچە ئىسىم قويىدىغان چاغدا ، ئۇ يەرنى «يېڭى خوتەن» مەنىسىدىكى «شىنخې» دېگەن ئىككى ئىرگىلوف بىلەن ئىپادىلىگەنمىش.. . رىۋايەت دېگەن رىۋايەت . ۋەھالەنكى ، رىۋايەتتىن ئەمەلىيەتنىڭ كۆلەڭگىسى كۆرۈنمەسمۇ؟ ئەمەلىيەتتە ئوخشاشلىق يوقمۇ؟ يىراق ئۆتمۈشتە كۇچا بىلەن خوتەن (كۆسەن بىلەن ئۇدۇن) بۇددا دىنىنىڭ تەكلىماكان قىرغاقلىرىدىكى ئىككى ئاستانىسى بولغان ئىدى . كۇچادىن كومراجۋا ، خوتەندىن ۋىجاۋ چىقىپ ، بۇددا دىنىنى ئوتتۇرا تۈزلەكلىكتە ئومۇملاشتۇرۇشقا ھەسسە قوشقانىدى . كۆسەن نەغمىلىرى بىلەن ئۇدۇن نەغمىلىرى چاڭئەننى چاڭ كەلتۈرگەنىدى . ئىككى يۇرت نەغمە-ناخشىلىرىنىڭ تا ھازىرغىچە قوشكېزەكتەك ئوخشىشىپ كېتىشلىرى ئاشۇ ئۆتمۈش بىردەكلىكىنىڭ بۈگۈنكى ئىپادىسى ئەمەسمۇ؟ بىردەكلىك تۇرسا ، ئوخشاشلىق تۇرسا كۇچا ، توقسۇ ، شايارلار خوتەن مۇساپىرلىرىغا نېمە ئۈچۈن قۇچاق ئاچمىسۇن؟ ئۆز گېپىمىزگە ، ئۆز دەۋرىمىزگە قايتىپ كەلسەك ، بىزنىڭ پۇلسىز ، باشپاناھسىز ، خورلانغان شاھزادىمىز ئۇزاق زامانلار ئىلگىرىكى پەرھادقا ئوخشاش كۇچاغا كىرىپ كەلدى . گۈزەل شېرىننىڭ ۋەسلى-جامالىنى ئىزدەپ ئەمەس ، بەلكى ئاچ قورسىقىنى تويدۇرۇش ئۈچۈن بىر بۇردا نان ئىزدەپ كىرىپ كەلدى . ئىسسىق چىراي بىر قارىيغا ئۆزلىرىنىڭ مۇساپىر ئىكەنلىكىنى ، ئاچ ئىكەنلىكىنى ، ئىش بولسا ئىشلەپ نان تېپىپ يېيىش كويىدا ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى . يولدا ئۇچرىغان خورلۇقلىرىنى ، ئاپتوبۇستىن تاشلىۋېتىشكەنلىرىنى سۆزلەپ بەردى . مۇساپىرنىڭ بېشىنى  سىلاش — ساۋاپ . قارىي ئىچ ئاغرىتىپ بىر ئاشپۇزۇلغا باشلاپ تاماق ئېلىپ بەردى . ھۈنىرى بار-يوقلۇقىنى سوراپ ناۋايخانىلارنىڭ بىرىدىن ئىش تېپىپ بەردى . شۇنداق قىلىپ بىزنىڭ يېتىم ، مۇساپىر ، سەرگەردان شاھزادىمىز ئىسسىق قۇچاق كۇچادا ئىككى ئاي تۇرۇپ قالدى . يەنىمۇ ئۇزۇن تۇرسىمۇ بولاتتى ، ۋەھالەنكى ، ئەمدى ئۇ رەسمىي سەرگەردانغا ، يۇرت كېزىشتىن قورقمايدىغان جاھان كەزدىگە ئايلانغانىدى . بىر يەردە ئۇزاق تۇرۇش ئۇنى زېرىكتۈرەتتى . يېڭى-يېڭى كەچمىشلەرنى ئىزدەپ ، يېڭى-يېڭى مەنزىللەرگە قەدەم قويۇشنى خالايدىغان بولۇپ قالغانىدى . ئۇ نېمە ئىزەيتتى؟ تەڭلىك ، باراۋەرلىك ، باياشاتلىق ئىزدەيتتى . پېشانىسىگە پۈتۈلگەننى ، رىزقىغا قېتىلغاننى ئىزدەيتتى . باي بولۇشنى ، ھۆرمەت تېپىشنى ، قاچاندۇر بىر چاغلاردا ئۆزىنى خورلىغان ، بوزەك قىلغانلارغا ئۆزىنى كۆرسىتىپ قويۇشنى ئىزدەيتتى . ئۇ ئەنە شۇنداق ئىستەكلەرنىڭ تۈرتكىسىدە كۇچادىن كېتىپ ئۈرۈمچىگە چىقتى . ئۈرۈمچى قانداق يەر؟ زاۋىلىق مۇساپىر يېتىم ئۇنىڭ چوڭ شەھەرلىكىنى بىلەتتى . ئەمدى مانا چوڭ شەھەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى . كۆردىكى ، ئۇ پۇلدارلار ئۈچۈن جەننەت ئىكەن . ئۆزىگە ئوخشاش پۇلسىزلار ئۈچۈن دوزاخ ئىكەن . ئۇ «دۆڭكۆۋرۈك»تە «بۇلاقۋېشى»دا ، «نۇرباغ»دا يەنە قانداقتۇر خەنزۇچە ناملار بىلەن ئاتىلىدىغان يەرلەردە چۆرگىلەپ يۈردى . چۆرگىلەپ يۈرگەنگە قورساق تويمايدىكەن ، چۆرگىلەپ يۈرگەنگە ھېچكىم ئاش-تاماق بەرمەيدىكەن . قورساق كورۇلدايتتى ، مەيدە ئېچىشاتتى . شاملاردىن ، بايلاردىن ، كاتتىلاردىن دائىم نېمىنىدۇ تەلەپ قىلىپ تۇرىدىغان قورساق ، كىچىكنىمۇ ، يېتىمنىمۇ ، مۇساپىرنىمۇ ئاياپ قويمايتتى . ئاش-نان دەپ تەلەپ قىلغىنى قىلغانىدى . نۇرى مۇھەممەت قورسىقىنى تويدۇرۇش ، قورساقنىڭ غەلۋىسىنى بېسىش  ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلىشى كېرەك ئىدى . نېمىش قىلىشى كېرەك؟
    دېھقانلار يەرنى ئالتۇن قوزۇق دېيىشىدۇ . ھۈنەرمۇ ئالتۇن قوزۇق . يەرنى ئۆز ئورنىدا ئىشلەتكىلى بولغان بىلەن ھۈنەرنى ھەر جايدا ، ھەر چاغدا ئىشلەتكىلى بولىدۇ . ھۈنەر «ئېچىلىڭ داستىخىنىم»غا ئوخشايدۇ . ئۇنى ئىشلەتسەڭلا ، «ئېچىلىڭ داستىخىنىم» دېسەڭلا ئالدىڭدا نازۇنېمەتلەر تولۇپ تۇرىدۇ . ھۈنەر تىللا تېزەكلەيدىغان سېھىرلىك ئېشەككە ئوخشايدۇ . ئۇنى ئىشلەتسەڭلا تىللا-تەڭگىلەر ئالىقىنىڭغا جىرىڭلاپ چۈشۈپ تۇرىدۇ...
    نۇرى مۇھەممەتنىڭ ئىمىن ئاخۇن ئۇستامدىن ، قەييۇم ئاخۇن ئۇستامدىن ئۆگەنگەن ، قەشقەردە ، كۇچادا پىششىقلىغان ناۋايچىلىق ھۈنىرى بار ئىدى . ئۈرۈمچىنىڭ «نۇرباغ» دېگەن يېرىدە ، قاراماي نېفىتلىكىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ يېنىدىكى بىر ناۋايخانىدا ئىشلەپ قالدى . ئېيىغا 300 يۈەن ئىش ھەققى ئالىدىغانغا ئىشلىدى . بۇ پۇل بىر ئايلىق ئاش-تاماققا ، پارچە خىراجەتكە يېتەتتى . كىيىم يېڭىلاشقا ، ئۈرۈمچىگە لايىق كىيىم كىيىشكە يېتەتتى . ئاچ-توق يۈرىيدىغان مۇساپىر يېتىم ئۈچۈن شۈكۈر قىلغۇدەك كىرىم ئىدى . ئۇ شۇ تۇرغانچە  ئۈرۈمچىدە بىرەر يىلچە تۇرۇپ قالدى . يەنىمۇ ئۇزۇنراق تۇرسىمۇ ، ئاشۇ شەھەردە ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە ئىشلەپ قالسىمۇ بولاتتى . ئەمما ئەمدى يۇرتنى سېغىنىشقا  باشلىغانىدى.

    4 . تاشمۇ چۈشكەن يېرىدە ئەزىز

    تۇغما جاھانكەشتى قېنى بار زاۋىلىق يېتىم بىرەر يەردە ئۇزۇنراق تۇرۇپ قالسا زېرىكىشكە باشلايتتى . ئۈرۈمچىدە ، ئاشۇ «نۇرباغ» دېگەن يەردىكى ناۋايخانىدا ئىشلەپ يۈرگەن نۇرى مۇھەممەت ئەمدى بېيجىڭنى ، شاڭخەينى ، گۇاڭجۇنى خىيال قىلىشقا باشلىغانىدى . سودىگەرلەر ، كاۋاپچىلار ، ئۈزۈم-ياڭاق ساتقۇچىلار ئۇياقلار ھەققىدە ئاجايىپ پاراڭلارنى قىلىشىپ يۈرەتتى . يوللاردا چېچىلىپ ياتقان ئالتۇنلار ، تەڭگىلەر ۋە ئۇلارنى قانداق تېرىۋېلىشقانلىرىنى ھېكايە قىلىشاتتى . بۇنداق ساماۋى چۆچەكلەر 16 ياشلىق بالىنى قانداقمۇ قىزىقتۇرمىسۇن؟ ئەمما ئۇنىڭ قەلبىدە خوتەنگە بولغان ئوتلۇق سېغىنىشمۇ يالقۇنجايتتى . قارىقاش ۋە يۇرۇڭقاشنىڭ لاي سۈيىنى ، توپىلىق يوللارنى ، گۈل-چېچەكلىك باغلارنى ، توپا ياغمىغان كۈنلەردىكى ساپ ھاۋانى ، تەنگە قۇۋۋەت ئىسسىق ئاپتاپنى سېغىنغانىدى . ئانىسىنى ، ئاكا-ئىنىلىرىنى ، سىڭلىسىنى سېغىنغانىدى . خوتەننىڭ ۋاراڭ -چۇرۇڭلۇق كوچىلىرىنى ، كاۋاپلىرىنى ، گۆشگىردە ، سامسىلىرىنى سېغىنغانىدى . يۇرت سېغىنىشى دېگەن ئاجايىپ بىر تۇيغۇ ئىدى . نەدىن پەيدا بولغانلىقىنى ، نېمە سەۋەبتىن ئەزۋەيلەيدىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى . ئەمما تۆمۈرنى تارتقان ماگنىتتەك  مەپتۇن قىلىپ تۇراتتى . «كىم بېشىڭنى سىلىسا ماشايىقىڭ شۇ» ، «نەدە كۈنۈڭ ياخشى ئۆتسە يۇرتۇڭ ئاشۇ» دېگەندەك گەپلەرنى توقۇشقانلاردا ئاشۇ نازۇك تۇيغۇ كەم بولۇشى مۇمكىن . سېغىنىش تۇيغۇسى ، يۇرت تۇيغۇسى دېگەنلەر ئادەمنىڭ ئىختىيارىغا باقمايتتى . پىكىر  ئىدراكقا ، ئەقىل ئويلارغا توختاۋسىز تەسىر قىلىپ تۇراتتى . 16 ياشلىق كىچىك بالىدا ھېسسىيات ئەقىلدىن ئۈستۈن كەلسە ئەجەبلەنگىلى بولمايتتى . شۇنداق قىلىپ بىزنىڭ سەرگەردانىمىز گويا نىشانسىز ئۇچقان يالغۇز قۇشتەك ئۈچ ئايلىق يىراقلارغا كېتىپ بولۇپ بىر بۇرۇلدى-دە ، پەرۋاز ئەيلەپ يەنە خوتەنگە كېلىپ قوندى . قارىقاشقا ، زاۋىغا ، ئورچىغا ئەمەس خوتەنگە قوندى . نېمىشقىدۇر ئاشۇ زاۋىغا ، ئورچىغا بارغۇسى كەلمەيتتى . ئانىسىنى ، ئاكا-ئىنىلىرىنى ، سىڭلىسىنى — توققۇز قېرىندىشىنى سېغىناتتىيۇ ، لېكىن بارغۇسى كەلمەيتتى . بەلكىم يۈزلىرىگە ئىككى شاپىلاق ئۇرغان سېكرىتارنى كۆرەر كۆزى يوقتۇر . بەلكىم ئەترەتتىكىلەرنى يەنە ھاشارغا تۇتۇۋېلىشىدىن ئەنسىرەيدىغاندۇ ۋە بەلكىم پۇل تېپىپ باي بولغاندا پوچىلىق بىلەن گىدىيىپ بېرىشنى ، دوست-دۈشمەنگە ئۆزىنى بىر كۆرسىتىپ قويۇشنى ئويلايدىغاندۇ . ئىشقىلىپ ھازىرچە ئۇ يەرلەرگە بارغۇسى كەلمەيتتى . شۇڭا خوتەندە تۇرۇپ قالدى . ئۆيىدىن تۇنجى قېتىم سەرگەردان بولۇپ چىققاندا ، ئاپتوبۇسنىڭ بېلەت ساتقۇچىسى «ئىككى موچەن پۇلۇڭ كەم ئىكەن» دەپ ئاپتوبۇستىن چۈشۈرۈۋەتكەن پاختا توقۇمىچىلىق فابرىكىسىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ قالدى . سەرگەردانىمىزنىڭ 35 يىللىق ھاياتىدا مۇشۇ پاختا توقۇمىچىلىق فابرىكىسىنىڭ ئالدى — خوتەن قارىقاش يولىدىكى بىر ئاساسىي بېكەت خېلى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ . بىز ئۇ يەرلەرگە قايتا-قايتا كېلىمىز . ھازىرچە نەق گەپنى دېگەچ تۇرايلى . ئۇ شۇ يەردە تۇرۇپ قالدى . بىر ناۋايخانىدا 200 يۈەن ئىش ھەققىگە نىمكار بولدى . ئارىدىن بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ ، بالا خېلى چوڭۇپ قالغاندەك ئىدى . ئەمدى شاگىرت ھېسابىدا بىكارغا ۋە ياكى قورساق ئۈچۈنلا ئىشلىمەيتتى . كۈنىگە ئىككى موچەن بەرگەنگە ئۇنىمايتتى . ئۇنىڭغا ئۇستىغا بەرگەن ئىش ھەققىنى بېرىشى كېرەك ئىدى . شۇنداق قىلىپ پاختا توقۇمىچىلىق فابرىكىسىنىڭ ئالدىدىكى بىر ناۋايخانىدا ئېيىغا 200 يۈەن ئىش ھەققى ئالىدىغان ياردەمچى بولدى . بۇ يەردە ئۇ بىر ئاي ، ئىككى ئاي ، بەلكىم ئۈچ ئاي ئىشلىگەندۇ ، قارىقاشتىن خوتەنگە ، خوتەندىن قارىقاشقا ئۆتكەنلەر ئۇنى كۆرگەندۇ . تونۇپ قالغاندۇ ، خەۋەر زاۋىغا ، ئورچىغا يېتىپ بارغاندۇ ، ئاشۇ ناۋايخانىدا ئىشلەپ يۈرگەن بىر كۈنى ئاكىسى ئىزدەپ كېلىپ قالدى . ئۇنى دەپ -بۇنى دەپ قارىقاشقا ئېلىپ كەتتى . سەرگەردان تۇنجى قېتىم يۇرتىغا قايتىپ باردى . ئانا-بالا ، ئاكا-ئىنىلەر يىغلىشىپ كۆرۈشتى . ئانىنىڭ سېغىنىش يېشىنى بىر دېمەڭ . جىگەر پارىسى ئەمەسمۇ . ئىككى يىل كۆرمىسە ، ئۆلۈك-تىرىكلىكىنى بىلەلمىسە ، يۈرەك-باغرى سۇ بولۇپ كەتمەمدۇ . كۆز ياشلىرى يامغۇردەك تۆكۈلدى . پاراڭلاردىن مەلۇم بولدىكى ، ئۇلار قاچقۇننى كۆپ ئىزدەپتۇ . قارىقاشتىن ، خوتەندىن ئىزدەپتۇ ، تاپالماپتۇ . ساقچىغا مەلۇم قىپتۇ ، ساقچىلارمۇ دېرىكىنى ئالالماپتۇ . شۇ ئارىدا خوتەندە ناۋايخانىدا ئىشلەۋاتقانلىقى مەلۇم بوپتۇ . يەنە ئىزدەپ بېرىشىپتۇ . لېكىن تاپالماپتۇ . قەشقەرگە ، ئۈرۈمچىگە كېتىپتۇ دېگەن مىش-مىشلار ئاڭلىنىپتۇ . ئۇزاققىچە خەۋىرى-دېرىكى بولمىغانلىقتىن كىشىلەر «ئۈرۈمچىدە توڭلاپ ئۆلۈپ قالغانمىش» دېگەن گەپلەرنى تېپىپتۇ . ئانىنىڭ يۈرىكى قوقاسقا چۈشكەندەك پىژىلداپ كۆيۈپتۇ . يېگىنى زەھەر ، كىيگىنى كىپەن بوپتۇ . نېمە ئامال؟ ئارىلىق يىراق تۇرسا ، توققۇز بالىنى تاشلاپ ئىزدەپ بارالايتتىمۇ . يىغلاپتۇ ، قاقشاپتۇ . ئاخىر تەقدىرگە تەن بەرگەن چاغدا قاچقۇن ئوغلىنىڭ خەۋىرى يەنە ئاڭلىنىپتۇ...
    شۇ قېتىم نۇرى مۇھەممەت ئانىسىنىڭ يېنىدا بىر ھەپتىدەك تۇردى . ئانا ئوغلىنىڭ ئۆز يېنىدا تۇرۇپ قېلىشىنى ، ئاتا دېھقانچىلىقىنى داۋاملاشتۇرۇشىنى ، ئاتا ئىشلىگەن ئېتىزلارنى كۆكەرتىشىنى ئارزۇ قىلاتتى . ئەمما ئەمدى ئوغۇل يېزىدىن ئادا-جۇدا بولغانىدى . يۇرت كۆرمىگەنلەر ، سېلىشتۇرمىغانلار پەرقنى بىلمەيدۇ . بىر يىل جاپا تارتىپ ئىشلىسە ، يىللىق كىرىم 500-600 يۈەندىن ئاشمىسا ، يانچۇق پۇل كۆرمىسە ، چاپان تىزدىن ئاشمىسا ، شۇنىمۇ ئىش دېگىلى بولامدۇ؟ شۇنىمۇ تۇرمۇش دېگىلى بولامدۇ؟ نۇرى مۇھەممەت يېزىدا بىر يىل ئىشلەپ تاپىدىغان كىرىمنى شەھەردە ئىككى ئايدىلا تاپىدۇ . شەھەردە ھاشار يوق ، ئۇياققا تۇر ، بۇياققا تۇر دەيدىغان سېكرىتار يوق . ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنىغا بويسۇنساڭ ، جىنايەت ئۆتكۈزمىسەڭ ، سېنىڭ نېمە ھۈنەر قىلىشىڭنى ھېچكىم توسىمايدۇ . ئىشىڭنى قىلىپ پۇلۇڭنى تېپىۋېرىسەن . «سەھرادا بەگ بولغۇچە شەھەردە سەگ بول» دېيىشكەنلىرى ئاشۇ . نۇرى مۇھەممەت بۇلارنى بىلمەيتتىمۇ؟ ئىككى يىللىق سەرگەردانلىق ھاياتىدا بۇلارنى ھېس قىلمىدىمۇ؟ ئاشۇ پەرقلەرنى چۈشەنمەسمۇ؟ ئۇ ئەقىللىق بالا ئىدى . بۇلارنى چۈشىنەلەيتتى . شۇڭا ئانىسىنىڭ گېپىگە كىرمىدى . ئوغۇل چوڭ بولسا ئانىنىڭ گېپىگە كىرەتتىمۇ . نۇرى مەھەممەت يەنە پاختا توقۇمىچىلىق فابرىكىسىنىڭ ئالدىدىكى ناۋايخانىلارغا  قايتىپ كەلدى . دەسلەپتە ئىشلىگەن 200 يۈەن ئىش ھەققى بېرىدىغان ناۋايخانىغا ئەمەس ، ئۇنىڭ يېنىدىكى ناۋايخانىغا قايتىپ كەلدى . ئاشۇ ناۋايخانىدىكىلەر «بىزدە ئىشلە» دەپ قىچىقلاپ يۈرگىنىگە خېلى ئۇزۇن بولغانىدى . ئۇلار بىلەن  250 يۈەن ئىش ھەققى بېرىدىغانغا كېلىشتى . ئەمدى پات-پات ئانىسىنىمۇ يوقلاپ تۇراتتى . تاپقانلىرىنى ئانىسىغا ، چۆچۈرىدەك كىچىك ئۇكىلىرىغا ئاپىرىپ تۇراتتى . ئۆزى مۇستەقىل ناۋايخانا ئېچىشنىمۇ خىيال قىلاتتى . ئەمما بالا تېخى كىچىك ئىدى . بىر ناۋايخانىنى يۈرۈشتۈرەلىگۈدەك ياشتا ئەمەس ئىدى . ياردەمچى بولۇشقىلا يارايتتى . كىم ، قايسى ناۋايخانا ئىش ھەققىنى كۆپرەك بەرسە ، شۇ يەردە ئىشلەيتتى . شۇ ئارىدا ئۇ خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىدا ئىشلەيدىغان ، كېيىن ياش تۇرۇپ ئۆلۈپ كەتكەن مەرھۇم ئالىمجان ئىسمايىل بىلەن تونۇشتى . ئۇ نۇرى مۇھەممەتنىڭ ئورچىلىق يۇرتدىشى ئىدى . مەكتەپنىڭ ئاشخانىسىنى باشقۇراتتى . ئاشۇ ئاق كۆڭۈل ، چىرايلىق يىگىت نۇرى مۇھەممەتنىڭ ئاتىسىنى تونۇيتتى . ئۇنىڭ ئۆلۈپ كېتىپ 10 بالىنىڭ يېتىم قالغانلىقىنىمۇ ئاڭلىغانىدى . نۇرى مۇھەممەتتىن نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى سوراشتۇردى . ناۋايچىلىق ھۈنىرى بارلىقىنى ئاڭلاپ يېنىغا تارتتى . مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن نان ياقىدىغان ناۋايخانىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى . 300 يۈەن ئىش ھەققى بېرىدىغانغا كېلىشتى . نۇرى مۇھەممەت مەكتەپ ناۋايخانىسىدا ئىشلىگەن بىر يىلدەك ۋاقىتتا كىچىك ئىنىلىرىدىنمۇ ئوبدان خەۋەر ئېلىپ تۇردى . ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى دېگەن بىر توپ بەڭۋاش ، ئىسراپخور نېمىلەر ئىدى . شۇنداق ئېسىل ئاشنىڭ يېرىمىنى ئىچىپ قالغىنىنى يۈندە چېلىكىگە تۆكەتتى . شۇنداق مەززىلىك ناننىڭ يېرىمىنى يەپ قالغىنىنى پىرقىرىتىپ تاشلايتتى . ياتاق دېرىزىسىدىن پىرقىرىتىپ نان ئېتىشلىرىنى كۆرسىڭىز ، بىر توپ ساراڭنى كۆرگەندەك بولاتتىڭىز . بىر يىلدىن ، ئىككى يىلدىن ، ئۈچ يىلدىن كېيىن ئوقۇتقۇچى بولىدىغان ئاشۇ نېمىلەرنىڭ ئوڭ ياكى ساراڭ ئىكەنلىكىنى ئايرىيالماي قالاتتىڭىز . يېتىم نۇرى مۇھەممەت ئىشتىن چۈشكەن چاغلاردا ئاشۇ بەڭۋاشلار تاشلىۋەتكەن نانلارنى يىغىپ يۈردى . بىر ھەپتە يىغسا بىر چىپتا توشاتتى . چىپتا توشقاندا ئىنىلىرىغا ئاپىرىپ بېرەتتى . ئاشۇ نانلارنى پۈدىۋەتسە ، يۇيۇۋەتسە ئوخشاشلا يېگىلى بولاتتى . چايغا چىلىسا ، بىدە-سۇ قاينىقى ئېتىپ يېسە ، ھۈپپىدە يۇمشايتتى . نۇرى مۇھەممەت ئىنىلىرىنى ئاشۇ يول بىلەن بېقىپ يۈردى . بۇنىڭدىن ئالىمجانمۇ خۇشال بولدى . نۇرى مۇھەممەت يۇرتدىشى ئالىمجاننىڭ قېشىدا داۋاملىق ئىشلەپ قالغانمۇ بولاتتى . ئەپسۇسكى ، مەكتەپ ۋاقىتلىق ئىشچىلارنى قىسقارتىدىغان بولۇپ قالدى . ئالىمجان يۇرتدىشىغا داۋاملىق ئىگىدارچىلىق قىلىپ ئۇنى مائارىپ ئىنستىتۇتىنىڭ ناۋايخانىسىغا تونۇشتۇرۇپ قويدى . ئەمما نۇرى مۇھەممەت مائارىپ ئىنستىتۇت ناۋايخانىسىدا ئىشلىمىدى . ئۇ يەككە ئىشلەشنىڭ ، مۇستەقىل ناۋايخانا ئېچىشنىڭ تەمىنى تېتىپ قالغانىدى . ئاشۇنىڭ ئالدىدا بىر ھېيت كەلگەنىدى . نۇرى مۇھەممەت ئاشۇ ھېيتنىڭ ئالدىدا كىمدۇر بىرىنىڭ تونۇرىنى ئون كۈنلۈك ئىجارىگە ئېلىپ ھېيتلىق نان يېقىپ ساتتى . ئون كۈندىن كېيىن ھېسابلاپ كۆرسە ، 600 يۈەن پايدا قاپتۇ . پايدىسى شۇنداق ياخشى ئىش تۇرسا ، باشقىلارغا ئىشلەپ يۈرگۈلۈكمۇ؟ ئۇ مۇستەقىل ناۋايخانا ئېچىش قارارىغا كەلدى . ئۇ ناۋايخانا ئاچالىغۇدەك ياشقا يەتكەنىدى . 1988-يىلى ئۆتۈپ نۇرى مۇھەممەت 19 ياشقا كىرگەن ، 20 ياشقا قاراپ كېتىۋاتاتتى . ياراتقۇچى يېتىمدىنمۇ ، مۇساپىردىنمۇ ، سەرگەرداندىنمۇ ئۆز ھىممىتىنى ئايىمايدىكەن . بايلارنىڭ بالىلىرىغا بەرگەن بوي-بەستنى يېتىملارغىمۇ ، نامراتلارغىمۇ بېرىۋېرىدىكەن . نۇرى مۇھەممەت ئوتتۇرا بويدىن ئېگىزرەك ، چېلىشچىلاردەك غوللۇق ، پەھلىۋانلاردەك قامەتلىك يىگىت بولۇپ يېتىشكەنىدى . ھەرقانداق كىيىم يارىشاتتى . بوي-بەستى كىشىلەردە ئىشەنچ پەيدا قىلىپ تۇراتتى . يېقىشلىق تەسىرات بېرەتتى . ياردەم تۇيغۇسى ئويغىتاتتى . نۇرى مۇھەممەت يەنە بېلەت ساتقۇچى ئۆزىنى ئاپتوبۇستىن چۈشۈرۈۋەتكەن يەرگە — پاختا  توقۇمىچىلىق فابرىكىسىنىڭ ئالدىغا قايتىپ باردى . پاختا توقۇمىچىلىق فابرىكىسىدا مەتسەيدى ئاخۇن ئىسىملىك بىر باشقۇرغۇچى بار ئىدى . ياخشى ئادەم ئىدى . نۇرى مۇھەممەتنى تونۇيتتى . شۇ كىشى نۇرى مۇھەممەتكە فابرىكىنىڭ ئىشچىلارغا نان ياقىدىغان ناۋايخانىسىنى ھۆددىگە ئېلىشنى تەكلىپ قىلدى . بۇ بولىدىغان ئىش ئىدى . ناننى بېلەتكە سېتىپ بېلەتنى پۇلغا ئالماشتۇرسىمۇ ، بىۋاسىتە پۇلغا ساتسىمۇ بولاتتى . نۇرى مۇھەممەت ئۇن قەرز ئېلىپ ، ئوتۇن قەرز ئېلىپ ئىش باشلىدى . كاكچا ، گىردە ، گۆشگىردە ، سامسا ، پەرمۇدە ياقتى . تونۇرغا زىخ كاۋاپمۇ ، تونۇر كاۋىپىمۇ سالدى . فابرىكىدا ئىشچى جىق بولغاچقا تىجارەت شۇنداق يۈرۈشۈپ كەتتىكى ، پۇل ئىشىكتىنمۇ ، تۈڭلۈكتىنمۇ كىرگەندەك تۇيۇلدى . دۇكاندا ئادەم يېتىشمەي قالدى . نۇرى مۇھەممەت ئىنىلىرىنىمۇ ياردەمگە ئەكەلدى . ياققان نانلىرىنى ، پىشۇرغان كاۋاپلىرىنى ساتالماي قالىدىغان ئىش يوق ئىدى . ياش يىگىت پۇل تاپسا نېمىگە خەجلەيدۇ؟ ئەمدى ئۇ قىزلارغا كۆز سالىدىغان ياشقا ، ئۇلارغا قاش ئاتىدىغان سالاھىيەتكە ئېرىشكەنىدى . ياش يىگىتلەر دەسلەپ تاپقان پۇللىرىنى قىزلار ئۈچۈن خەجلەيدۇ . نۇرى مۇھەممەتمۇ شۇنداق قىلدى . تىجارەتچى دائىم تىجارەتنى كېڭەيتىش خىيالىدا بولىدۇ . خام ماتېرىيالنى ئەرزان ئېلىش خىيالىدا بولىدۇ . ناۋايخانىدا ئۇن سۇدەك ئېقىپ تۇراتتى . بۈگۈن 20 خالتا ئۇن ئالساڭ شۇ كۈنىلا تۈگەپ كېتەتتى . نۇرى مۇھەممەت قارغىلىق ، يەركەن تەرەپتىن ئەرزانراق ئۇن ئەكەلمەكچى بولدى . دەل شۇ سەپەردە ئازراق پالاكەتكىمۇ ئۇچرىدى . ئەمما ئۇ توختىماي تىجارەتنىڭ ئېپىنى ئىگىلەپ باراتتى . پۇرسەتنى تۇتۇشنى ، پۇرسەت كەلگەندە تۆمۈرنى قىزىقىدا سوقۇشنى ئۆگىنىپ باراتتى . فابرىكىنىڭ ئالدىدا ئۇن-ياغ دۇكىنى ئاچتى . كېيىن چۇقۇر بازاردىمۇ ئۇن-ياغ دۇكىنى ئاچتى . ئىككى دۇكانلىق بولۇپ قالدى . ئۇن-ياغنى يەركەنت تەرەپتىن يۆتكەپ كېلەتتى . ئەرزانراق ئەكېلەلىسە ، پايدىمۇ ئوبدان چىقاتتى . پۇل ناۋايخانىدىنمۇ ، دۇكانلاردىنمۇ كىرىپ تۇراتتى . باشقا سودىدىنمۇ كىرىپ تۇراتتى . ئىسلاھات چوڭقۇرلىشىپ ، ھۆكۈمەت ئىگىلىكىدىكى ئاشلىق دۇكانلىرى تاقىلىۋاتقان يىللاردا بىر قېتىم خوتەندىن 50 مىڭ دانە ئۇن خالتىسى ئېلىپ يەركەنگە ئاپىرىپ سېتىۋىدى ، خالتىنىڭ سانىغا تەڭ پايدا چىقتى . نۇرى مۇھەممەتنىڭ سودىدىن بەختى بار ئىدى . يەنە بىر قېتىم باشقىلار بىلەن شېرىكلىشىپ ، كۇچادىن ئۆزى ئاشۇ بىر يىل ئۈچ ئاي مۇساپىر بولۇپ تۇرغان كۇچادىن ئۇن خالتىسى يۆتكىۋېدى ، شېرىكلىرى زىيان تارتىپ قالدى . ئەمما ئۆزى يەنىلا پايدا ئالدى...
    ئاشۇ بىر يىل «ئورچى» ، «زاۋا»دىن بىر پۇل ، بىر تىيىنسىز چىقىپ كەتكەن ، كوچىلاردا تۈنىگەن ، مەدىكار بازىرىدا ئىش كۈتكەن ، شەھەرمۇشەھەر سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن يېتىم بالا مانا ئەمدى نۇرى مۇھەممەت ئاخۇن بايغا ئايلانغانىدى . ئاۋات «چوقۇر بازار»دىن ئۆي ئالدى . «ئورچى»دىكى ئانىسىنىڭ ئۆيىنىمۇ يېڭىلاپ سالدى . ئۆي-ئوچاقلىق ، خوتۇن-بالىلىق بولدى . يەنىمۇ كېيىنرەك پاكىستان ، دۈبەيلەردە زىيارەتتە بولدى . مەككە مۇكەرەمدە ، مەدىنە مۇنەۋەردە ئاللانىڭ ئۆيىنى ، پەيغەمبەرنىڭ ئىزىنى تاۋاپ ئەيلەپ مۇسۇلماندارچلىقنىڭ ئاخىرقى بىر پەرزىنىمۇ ئادا قىلدى . نۇرى مۇھەممەت ھاجىمغا ئايلاندى . بەخت ۋە مەمنۇنىيەت سېزىملىرىغا چۆمدى . يەنە نېمە دەيمىز؟ ئىنسان بالىسى شۇنىڭدىن ئارتۇق يەنە نېمە ئىزدەيدۇ؟ مۇقەددەس ساماۋى كىتابلاردىن مەلۇمكى ، ئىنسان بالىسى قانائەتسىز يارىتىلغان . بىز نۇرى مۇھەممەت ھاجىمنىڭ يەنە نېمە ئىزدەيدىغانلىقىنى بايان قىلىشتىن ئىلگىرى ئازراق مۇھاكىمىلەرگە ئېغىز ئاچايلى . بىر كۆك نامرات يېتىم بالىنىڭ بۈگۈنكىدەك تۇرمۇشقا ئېرىشىشى نېمىنىڭ مەھسۇلى؟ بۇ نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ بىز بۇ ئىككى سوئالغا شاپائەت ، تىرىشچانلىق ، ئارزۇ-ئۈمىد ، ئەقىل-پاراسەت دېگەندەك گەپلەر بىلەن جاۋاب بېرىدىغان بولساق ، بۇ گېزىت-رادىئولاردىكى تەشۋىقاتقا ئوخشاپ قالىدۇ . ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇكى ، ھەربىر مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىنىڭ ۋۇجۇدىدا  ھەقىقەتەنمۇ ئاشۇ ئامىللار بولۇشى مۇمكىن . ئاشۇ ئامىللار ئۇنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرگەن بولۇشى مۇمكىن . ۋەھالەنكى ، بىز ئەينى چاغدىكى ئاشۇ يېتىم بالىنىڭ ۋۇجۇدىدىن ھاياتنى ، باراۋەرلىكنى ، ئادىللىقنى سۆيىدىغان بىر روھنى بايقايمىز . ئاپتور مۇشۇ قۇرلارغا قەلەم تەۋرىتىشتىن ئون كۈنلەر بۇرۇن ئىككى تونۇش ئائىلىدە بىر ئوغۇل ، بىر قىز ئىككى بالىنىڭ دورا ئىچىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقىدەك  پاجىئە يۈز بەرگەنلىكىنى ئاڭلىدى ۋە پاتىھەگە باردى . ئاشۇ ئائىلىلەر پاراۋان ئائىلىلەر ئىدى . ئاشۇ بالىلارنىڭ ھېچنېمىدىن غېمى يوق ئىدى . زەھەر ئىچىپ ئۆلۈۋالغۇدەك بىرەر ئىشمۇ بولماپتۇ . ھاياتقا شۇنچىۋالا يەڭگىللىك بىلەن مۇئامىلە قىلغان بارمۇ؟ يەنە ئاپتورنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوغلىنىڭ ھېكايە قىلىشىچە ، ئۇلارنىڭ مەكتىپىدە يېقىندا ئارقىمۇئارقا 4-5 ئوقۇغۇچىنىڭ  ئۆلۈۋېلىش غەرىزىدە دورا ئىچىۋېلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپتۇ . قۇتۇلدۇرۇۋېلىنغان بولسىمۇ ، يامان تەسىر پەيدا قىپتۇ . شۇ ۋەجىدىن مەكتەپ ھاياتنى قەدىرلەش ، ئۆلۈۋالماسلىق تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇر بوپتۇ . نېمە دەيمىز؟ بالىلىرىنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتالىغۇدەك ئائىلىلەرنى پاراۋان ئائىلە دېيىشكە بولىدۇ . ئالىي مەكتەپكە كېرەلىگەن ھەربىر ياشنى ئامەتلىك ياش ، زامان ئەركىسى دېيىشكە بولىدۇ . شۇنداقكەن ، ئۆلۈۋالغۇدەك نېمە قىيىنچىلىق بولسۇن؟ يەڭگىلى بولمىغۇدەك نېمە توسقۇنلۇق بولسۇن؟.. . شۇ كۈنى ئاپتور ئوغلى بىلەن «ئۆلۈۋېلىش ئەركىنلىكى» ۋە «ئۆلۈۋېلىش ئەركىنلىكى»نىڭ كىشىلىك ھوقۇق دائىرىسىگە كىرىدىغان-كىرمەيدىغانلىقى توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىپ قالدى . مۇنازىرە ئەۋجىگە كۆتۈرۈلمىدى . ئەۋجىگە كۆتۈرۈلۈشكە سەۋەب بولغۇدەك قارشى پىكىر يوق ئىدى . ئوغۇل ئۇزۇن ئۆتمەيلا شۇم سۆزلەر ئۈچۈن كايىغان ئانىسىغا «مېنىڭ ئۆلۈۋېلىش نىيىتىم يوق» دەپ جاۋاب بەردى ۋە مۇنازىرە ئۈزۈلۈپ قالدى . شۇنداقتىمۇ بۇ يەردە زاۋىلىق  يېتىم بالىنىڭ كەچمىشلىرىنى مىسال كەلتۈرۈپ ئېيتىلغان نەسىھەتلەرنى ئەسكە ئېلىش زۆرۈر: روشەنكى ، ئۆلۈۋېلىش — كۇپۇرلۇق . زامانساز ئاتالغۇ بىلەن ئېيتقاندا ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك ۋە جىنايەت . ئىنسانىيەت دۇنياسىغا تۆرەلگەنىكەنسەن ، ھاياتىڭ ساڭىلا تەئەللۇق ئەمەس . ئۇنى ئۆزۈڭ يارىتالمىغانىكەنسەن ، ئۇنى نابۇت قىلىش ھوقۇقۇڭمۇ بولمايدۇ . سېنىڭ ھاياتىڭ ياراتقۇچىغا ، باققۇچى ، قاتارغا قوشقۇچى بولغان ئاتا-ئاناڭغا ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭغا ، دوست-يارەنلىرىڭغا ، پۈتكۈل جەمئىيەتكە چېتىلىدۇ ۋە  تەئەللۇق بولىدۇ . ئىنسانىيەتنىڭ بۈگۈنى ۋە كەلگۈسىگە  چېتىلىدۇ ۋە تەئەللۇق بولىدۇ . شۇنداق ئىكەن ، ئۇنى نابۇت قىلغىنىڭدا جىنايەتچىگە ئايلىنىسەن . بىرەر قانۇنىي جازاغا تارتىلمىغىنىڭ بىلەن بۇ ئالەمدە كىشىلەرنىڭ نەپرىتىگە قالىسەن ، ئاخىرەتتە بولسا دوزاخ ئازابىغا قالىسەن . كىشىلىك ھوقۇق قانۇنلىرى تۈگۈل ، ئەڭ مۇستەبىت دۆلەتنىڭ قانۇنلىرىمۇ ئۆلۈۋالغۇچىنى قوغدىمايدۇ ۋە قوغدىيالمايدۇ . ھايات ۋە باشقا قەدىرلىك ئىشلارنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە ۋىنگىرىيىلىك شائىر فىتوفىينىڭ دۇنياغا مەشھۇر ھېلىقى بىر كۇپلېت شېئىرى بار.
    ھايات مەن ئۈچۈن ھەممىدىن قىممەت
    ھاياتتىنمۇ قىممەت مۇھەببەت.
    ۋە لېكىن كېچىمەن ھەر ئىككىلىسىدىن
    ئەركىنلىك ، ئازادلىق ئۈچۈنلا پەقەت.
    بۇ يەردە ھايات ، مۇھەببەت ، ئەركىنلىك ، ئازادلىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىش تەكىتلەنگەنلىكى ، ھەرگىزمۇ ئۇلارنى دەپ ئۆلۈپ بېرىش ياكى ئۆزىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىش ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئەمەس . مۇھەببەت ۋە ئەركىنلىك ، ئازادلىق ، ھايات ئۈچۈن زۆرۈركى ، ئەكسىچە ھايات ئۇلار ئۈچۈن ئەمەس ، ھايات بولمىسا ئۇلارنىڭ نېمە قىممىتى؟ شۇنى ئېنىقلىۋېلىش زۆرۈركى ، خەلقنىڭ ، ۋەتەننىڭ ئەركىنلىك ، ئازادلىقى ئۈچۈن بىر شەخس بارلىق مۇھەببىتىنى ، ئىسسىق قېنىنى ، ئەزىز ھاياتىنى تەقدىم قىلىشقا ئەرزىيدۇ . ئەلۋەتتە ، بۇ كۈرەش ئەمەلىيىتى تەلەپ قىلغان چاغدا بۇ ھەرگىزمۇ شەخسنىڭ غىلجىڭ تۇيغۇلىرى ئۈچۈن ، ئەركىنلىك ، ئازادلىقى ئۈچۈن ئۆلۈۋېلىش ئەمەس . بىھۇدە ئىشلار ئۈچۈن ، كىچىككىنە تۇرمۇش قىيىنچىلىقى ئۈچۈن ئۆلۈۋېلىش بولسا ، ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ . ئۇنداق ئۆلۈمنىڭ ھېچقانداق قىممىتى بولمايدۇ . ئاتا-ئانىسىغا ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ئاۋارىچىلىق ۋە يىغا-زار تېپىپ بېرىشتىن ئۆزگە ئەھمىيىتى بولمايدۇ . قاراپ باقايلى ، بىزنىڭ زاۋالىق ئوغلانىمىز كىچىك ، تېخى 15 ياشقا كىرمەي تۇرۇپلا يۆلەك بولىدىغان ، بېقىپ قاتارغا قوشىدىغان ئاتىسىدىن ئايرىلىپ قالدى . مەكتەپتە ئوقۇش ، ئالىي مەكتەپلەرگە چىقىش شارائىتىدىن مەھرۇم بولدى . يەنە تېخى بوزەك قىلىنىشلارغا ، كەمسىتىشلەرگە ، خورلاشلارغا ، تاياق-دۇمبالاشلارغا ئۇچرىدى . ناھەقچىلىك ، ئادالەتسىزلىكنىڭ قۇربانى بولدى . كۈن-كۈنلەپ ئاچ قالدى . ئاي-ئايلاپ تالادا قالدى . يىللاپ-يىللاپ پۇلسىز قالدى . شۇنداقتىمۇ ئۇ بىرەر قېتىممۇ ئۆلۈۋېلىشنى ئويلاپ باقمىدى . ھاياتتىكى ھەربىر قىيىنچىلىق ، توسقۇنلۇققا قەيسەرلىك بىلەن يۈزلەندى ۋە ئۇلار ئۈستىدىن غالىب كەلدى . نېمىدېگەن باتۇرانە روھ-ھە!؟ بىزدە ئۇنىڭ بوزەك قىلىشلارغا ، خورلاشلارغا ، كەمسىتىشلەرگە چىدىغانلىقىنى ئەيىبلەشكە ئاساس يوق . ئۇنىڭ «ئورچى» ۋە «زاۋا»دىن كەتكەنلىكى ، ھۈنەر ئۆگەتكەن ئۇستىلىرىنىڭ يېنىدىنمۇ كەتكەنلىكى ، ئاپتوبۇسلاردىن چۈشۈرۈۋېتىلگەندە چىدىغانلىقى ، تىرىشىپ-تىرمىشىپ ياشىغانلىقى قاتارلىقلارنىڭ ئۆزىلا ئۇنىڭدىكى كۈچلۈك قارشىلىق روھىنى ، باراۋەرلىك ، ئادالەت ئىزلەش روھىنى نامايان قىلىدۇ . نۇرى مۇھەممەت ھاجىم 13 يېشىدىن باشلاپ تا ھازىرغىچە 22 يىل مۇستەقىل ياشىدى . ئۆزىگە زۆرۈر نەرسىلەرنى ئۆزى ئىشلەپ تاپتى . ئۆزىنى ئۆزى باقتى ۋە ئۆزىنى ئۆزى قۇتقۇزدى . 13 يېشىدىلا ئەمەس ، 23 يېشىدىمۇ ئاتا-ئانىسىغا ھومىيىپ يۈرىيدىغان بالىلار ، ئاتا-ئانىسىنىڭ جۇۋىسىدا تەرلەيدىغانلار ساماندەك تولا تۇرغان دەۋرىمىزدە نۇرى مۇھەممەت ھاجىمنىڭ ئاشۇ روھى قەدىرلەشكە ئەرزىمەسمۇ؟ بۇ بىزگە «قىزىل چىراغ» ئوپېراسىدىكى «يوقسۇللارنىڭ بالىلىرى بالدۇر ئىشقا يارايدۇ» دېگەن ھېلىقى مەشھۇر غەزەلنى ئەسلىتىدۇ . ۋەھالەنكى ، گەپ ئۇنىڭ يوقسۇل ئائىلىدە تۇغۇلۇپ قالغانلىقى ، كىچىك تۇرۇپلا ئاتىسىدىن يېتىم قالغانلىقىدىلا ئەمەس ، ئۇنىڭ جاپا-مۇشەققەت ، ئەلەم-كۈلپەت ئالدىدا باش ئەگمەيدىغان روھىدا.
    نامراتلىقتىن زەردارلىققا ، سەگەردانلىقتىن ماكان ۋە ئائىلىگە ، خارلىقتىن ھۆرمەت ۋە ئىززەتكە يېتىپ بارغان نۇرى مۇھەممەت ھاجىمنى تۇنجى قېتىم ئاقتاش سانائەت رايونىدىكى پاختا توقۇمىچىلىق فابرىكىسىنىڭ ئالدىدا ئاپتوبۇستىن چۈشۈرۈۋېتىشكەنىدى . كېيىن ئۇ ئاشۇ يەردە ئىگىلىك تىكلەشكە باشلاپ ئۆي-ئوچاقلىق ، پۇل-بايلىق بولدى . ئەمدى بولسا يەنە شۇ ئاقتاش سانائەت رايونىدا «ئەل رازى» يېمەك-ئىچمەك زاۋۇتىنى قۇرۇپ چىقتى . قارىغاندا نۇرى مۇھەممەت ھاجىم بىلەن پاختا توقۇمىچىلىق فابرىكىسىنىڭ ئالدىدىكى بېكەت ئارىسىدا سىرلىق بىر خىل باغلىنىش مەۋجۇتتەك تۇرىدۇ ۋە بىزنى ھەيرەتكە سالىدۇ . سوئال ئىنساننىڭ ئاپەت ۋە ئامەتكە ئۇچراشلىرى ، مەغلۇپ ۋە غالىب بولۇشلىرى ، نەپرەت ۋە ئىززەت تېپىشلىرى زېمىن ئۈستىدىكى بىرەر نۇقتا ، بىرەر دائىرە ، بىرەر ئارىلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولامدۇ-يوق دېگەندىن ئىبارەت . مۇئەمما خېلىلا چىگىش ، جاۋاب تاپماق بەك مۈشكۈل ، شۇنداقتىمۇ «تاشمۇ چۈشكەن يېرىدە ئېزىز» دېگەن ئەقلىيە سۆزى ھەردەم ئۇنىڭ يادىدا...

    5 . «ئەل رازى» يېمەك-ئىچمەك زاۋۇتى

    نۇرى مۇھەممەت ھاجىم ئاغىنىسى ئەنۋەرجان بىلەن بىرلىشىپ «ئەل رازى» يېمەك-ئىچمەك زاۋۇتىنى قۇرۇپ چىقتى . بىرلىشىپ قۇرغانىكەن ، ئەلۋەتتە ئەنۋەرجان ھەقىقىدىمۇ توختىلىش كېرەك . ۋەھالەنكى ، بارلىق خىزمەتچىلەرنىڭ شەھەردە ئۆسكەن بالىلىرىغا ئوخشاشلا ئۇنىڭ تەرجىمىھالىمۇ بەك ئاددىي . ھېكايىچانلىقى كەم . خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇدى . پاختا توقۇمىچىلىق فابرىكىسىدا ئىشچى بولدى . ئىش ئورنىدىن قالدى . خوتەن ناھىيىلىك تەمىنات سودا كوپىراتىپىغا تەرجىمانلىققا ياللاندى . تەرجىمان ئىشلىتىش توختىغاندىن كېيىن ، ئۇ ئىشتىنمۇ قالدى . ئىش ئورنىدىن قالغانلار نېمىش قىلىدۇ؟ ئەلۋەتتە تىجارەت يولىغا ماڭىدۇ . ھەممىسى مانا شۇنچىلىك . گەرچە خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇغان بولسىمۇ ، سىرتقى كۆرۈنۈشى شەھەرلىك مودا يىگىتلەرگە زادىلا ئوخشىمايدۇ . تۇنجى قاراشتا قارىي سۈپەت ، تەقۋادارلىق تەسىراتى قالدۇرىدۇ . ئىچكى دۇنياسىدىكى پىكىرلەر موللىقى ۋە تۇيغۇلار رەڭدارلىقىنى ئەلۋەتتە كۆرۈش مۇمكىن ئەمەس . ئۆزىمۇ سېزىلدۈرمەيدۇ . گويا يوشۇرۇۋاتقاندەك تەسىرات بېرىدۇ.
    بىرى جاھاندىكى ھەممە كۈلپەتلەرنى تارتىپ كۆرگەن ، بىرى ياغ ئىچىدىكى بۆرەكتەك غەمسىز چوڭ بولۇپ ، ئەمدى ھايات سىناقلىرىغا دۇچ كەلگەن ئىككى يىگىت ھەمكارلىشالارمۇ؟ بۇ يەردە سىنىپىي ئاڭ ، تەبىقە ئېڭى دېگەنلەر مەۋجۇت ئەمەس . شەھەرلىك ، يېزىلىق دېگەن گەپلەرمۇ مەۋجۇت ئەمەس . نۇرى مۇھەممەت ھاجىم ئاللىقاچان شەھەر تەبىقىسىگە قوشۇلۇپ كەتكەن . نېمىشقا ھەمكارلىشالمىغۇدەك؟ ھەمكارلاشمىسا بولمايدۇ . بارلىق ھۆججەت-رەسمىيەتلەر ، ئانكىت-جەدۋەللەر ، ئالاقە ، باردى-كەلدىلەر  دۆلەت تىلىدا بېجىرىلىدىغان زاماندا ئۇيغۇر تىلىنىمۇ تۈزۈكرەك بىلمەيدىغان نۇرى مۇھەممەت ھاجىغا دۆلەت تىلىنى ئانا تىلى قىلغان ھەمكارلاشقۇچى بولمىسا بولامدۇ؟ بازار سودىسىنىڭ ئىچكى قانۇنىيەتلىرىنى ، ئېلىپ-سېتىشتىكى زىر-زىۋەرلەرنى پىششىق بىلمەيدىغان ئەنۋەرجانغا ئون نەچچە يىللىق ئېلىپ-ساتارلىق تەجرىبىسىگە ئىگە ، سودا ئىشلىرىدا ئوبدانلا ئېپى ۋە ئامىتى بار نۇرى مۇھەممەت ھاجىم بولمىسا بولامدۇ؟ ئىككى يىگىت ئوبدانلا ھەمكارلىشىپ كەتتى . ئون نەچچە يىل ئۇن-ياغ ۋە باشقا يېمەكلىكلەرنى ئېلىپ سېتىش بىلەن شۇغۇللانغان نۇرى مۇھەممەت ھاجىم ئۆز تىجارىتىدە قانداقمۇ بىر بۇرۇلۇش ياساش زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلاتتى . شۇنچە يىل باشقىلارنىڭ ئىشلەپ چىقارغان مەھسۇلاتلىرىنى سېتىپ بېرىپ كەپتۇ . ئارىدىن ئازراق نەپ ئېلىش بىلەن شۇغۇللىنىپ كەپتۇ . ئەمدى ئۆزى ئىشلەپ چىقىرىپ ، ئۆزى ساتسا نېمىسى بولمىغۇدەك؟ خەق ئىشلەپ چىقارغان ئۇنغا ، ياغقا ، ئاچچىقسۇغا ، كەسكەن چۆپكە ، مۇچ قىيامى ۋە شوخلا قىيامىغا نېمىلەرنى ئارىلاشتۇرغانلىقىنى كىم بىلىدۇ؟ جىڭ-جا ئىكەنلىكىنى ، پاكىز-پاكىز ئەمەسلىكىنى ، مۇسۇلمانچە ، ياكى ئەمەسلىكىنى كىم بىلىدۇ؟ ھەج قىلغان ، مۇقەددەس پەرىزنى ئادا قىلىپ پاكلانغان  ئادەم جا ئىش قىلماسلىقى ، خەقنىڭ ئەقلىنى ، نەپسىنى بۇلغايدىغان ئىشنى قەتئىي قىلماسلىقى كېرەك . خەقنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان سالىدىغان نەرسىلەرنى ساتماسلىقى كېرەك . ئادىل ، توغرا ، ھالال ، ھەققانىي ئىش قىلىشى كېرەك.. . مانا مۇشۇنداق ئىدىيىنىڭ تۈرتكىسىدە ئۇ «يېمەك-ئىچمەك زاۋۇتى» قۇرۇش ئىشىغا تۇتۇش قىلدى . جاسارەت ، غەيرەتلىرى ، پۇل-مەبلەغلىرى ، پىلان-تەسەۋۋۇرلىرى بار ئىدى . 2002-يىلى 10-ئايدىن 2003-يىلى 3-ئايغىچە ھەپىلىشىپ يېمەك-ئىچمەك زاۋۇتىنى قۇرۇپ چىقتى . دەسلەپ ئىشلەپ چىقارغان مەھسۇلات زېغىر يېغى ئىدى . تارتىش ، تىندۇرۇش ، چۈچۈتۈش ، سۈزۈش ، يەنە تىندۇرۇش باسقۇچلىرى تاماملاندى . ئەمدى قاچىلاش ، بازارغا ئېلىپ چىقىپ سېتىش باسقۇچى قالغانىدى . نېمىگە قاچىلايدۇ؟ ئەنۋەرجاننىڭ ئۈرۈمچىدە ئىشلەيدىغان ئىنىسى ياردەملىشىپ 200-300 دانە سۇلياۋ باك ئەۋەتىپ بەردى . ئۇلار تۇنجى مەھسۇلاتلىرىنى ۋېلىسىپىتنىڭ ، موتونىڭ كەينىگە ئېلىپ بازارغا ئېلىپ چىقتى . تۇنجى ئىككى باك ماي سېتىلغاندىكى خۇشاللىقنى بىر دېمەڭ . ئۇنى ئاچ قالغاندا ئېرىشكەن ناننىڭ خۇشاللىقىغا ، تۇنجى پۇل تاپقاندىكى خۇشاللىققا ، تۇنجى توي قىلغاندىكى خۇشاللىققا تەققاسلاش مۇمكىن . ئىككى باك ماينى سېتىۋالغان تونۇشلار تۇنجى قېتىم «ئەل رازى» ماركىسىنى كۆردى . ئەمما چاتاق دەل مانا شۇ ماركىدىن چىقتى . «ئەل رازى» ماركىسىنى ئەنۋەرجان بىلەن نۇرى مۇھەممەت ھاجىم ئۆزلىرى لايىھىلىگەنىدى . چىرايلىق لايىھىەنگەنىدى . چۈشەندۈرۈش ، ئۆلچەملىرىنىمۇ ئۆزلىرى تۈزۈپ چىققان . ماركا سۇلياۋ باك ئۈستىگە چاپلانغاندا  بەكلا ياراشقانىدى . ئەمما چاتاق ئاشۇ يەردىن چىقتى . سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى «ئىجازەتسىز مەھسۇلات ئىشلەپ چىقىرىپسىلەر ، بازارغا ساپسىلەر ، ماركىسىنى تىزىملاتماپسىلەر» دەپ 1800 يۈەن جەرىمانە قويغاننى ئاز دەپ يەنە «ئۆلچەم تارماقلىرىغا بېرىپ مەھسۇلات سۈپىتىنى تەكشۈرتمەپسىلەر» دەپ 1500 يۈەن جەرىمانە قويدى . سەھىيە-كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش تارماقلىرى يېتىپ كەلدى . دۆلەت ۋە يەرلىك  باج تارماقلىرى يېتىپ كەلدى . بازار باشقۇرۇش تارماقلىرى يېتىپ كەلدى ، ياغ ساتقان پۇل 70 يۈەن ، تۆلىگەن جەرىمانە 3300 يۈەن ، توقۇمى ئېشىكىدىن قىممەت بولۇپ كەتكەنىدى . ئۇلار ئېچىشقان يەرنى ئۇۋۇلاپلا قالدى . كىم ئۇلارنى رۇخسەتسىز مەھسۇلات ئىشلەپ چىقارسۇن ، ماركىنى تىزىملاتمىسۇن دەپتۇ؟ مەھسۇلات سۈپىتىنى تەكشۈرتۈپ ئىجازەت ئالمىسۇن دەپتۇ؟ ئورگانلارنىڭ قىلغىنى توغرا . ھەممە ئادەم باشباشتاق بولۇپ كەتسە ئالەم نېمە بولۇپ كېتەر؟ مەھسۇلات سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان ئورگان بولمىسا ، كىشىلەرگە يېگۈزەلمەيدىغان ، ئىچۈرەلمەيدىغان نېمە قالىدۇ؟ نۇرى مۇھەممەت ھاجىم بىلەن ئەنۋەرجانغۇ ئۆز ۋىجدان-ئەقىدىلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە جىڭ مال ئىشلەپ چىقىرار ، باشقا كاززاپلارچۇ؟ پۇل دېسە ئانىسىنىمۇ  ، ئاتىسىنىمۇ سېتىشتىن يانمايدىغانلار نېمىلەرنى قىلماس؟
    تەجرىبە ئاستا-ئاستا توپلىنىدۇ . بىر قېتىم بۇرنىغا سۇ كىرگەن ئادەم قارىسىغا شۇڭغۇۋەرمەيدىغان بولىدۇ . ئۇلار ھەممە رەسمىيەتلەرنى بېجىردى . كۆپ يول ماڭغان ، ھېسابسىز ئىشىكلەرگە تالاي دوقۇرىغان بولسىمۇ ئاخىر رەسمىيەتلەر تەل بولدى . ماركا تىزىملىنىپ «ئەل رازى» قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان بولدى . سۈپەت تەكشۈرۈش تارمىقى بىر يىل ئىچىدىكى بارلىق تەكشۈرۈشلەرنى ۋاقتىدا بېجىرىپ بېرىدىغان بولدى . ئەلۋەتتە ، تەكشۈرۈش ھەققى ئۈچۈن 20 مىڭ يۈەن ئېلىناتتى . باج تارماقلىرى بىلەنمۇ كېلىشىلدى . سەھىيە تارماقلىرى ، سۈپەت ئاسراش  تارماقلىرى بىلەنمۇ كېلىشىلدى . ئەمدى مانا خوتەن «ئەل رازى» يېمەك-ئىچمەك زاۋۇتى بىمالال ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللانماقتا . 1000 كۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى ياغ ئىشلەپچىقىرىش سېخى ، ئاچچىقسۇ ئىشلەپچىقىرىش سېخى ، كەسمە چۆپ ئىشلەپچىقىرىش سېخى ، مۇچ قىيامى ئىشلەپچىقىرىش سېخى  توسقۇنسىز ئىشلىنىۋاتىدۇ . 20 نەچچە نەپەر نامرات دېھقان پەرزەنتلىرى تىرىشىپ ئىشلەۋاتىدۇ . يەنە نېمىلەرنى دەيمىز؟ ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش جەريانلىرىنى ، سېتىش يوللىرىنى ، پايدا-زىيانلىرىنى ، كېيىنكى پىلان-تەسەۋۋۇرلىرىنى بايان قىلىپ يۈرۈشنىڭ زۆرۈرىيىتى  بارمۇ؟ «ئەل رازى» ماركىسىدىكى 20 نەچچە خىل مەھسۇلاتنىڭ نامىنى بىرمۇبىر ئاتاپ يۈرۈشنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ؟ زاۋۇتتىكى ئۈسكۈنىلەرنى ، تۈزۈملەرنى بايان قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ؟ «ئەل رازى»مۇ بارلىق مىللىي كارخانىلار دۇچ كېلىۋاتقان مۈشكۈلاتلارغا ، قىيىنچىلىقلارغا ، رىقابەتلەرگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ . رىقابەتلەرگە دادىللىق بىلەن يۈزلىنىپ مۈشكۈلاتلارنى ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىۋاتىدۇ . ياغلارنى ، ئاچچىقسۇ-كەسمە چۆپلەرنى بازارغا سېلىپ ، ھەر مىللەت ئىستېمالچىلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا سۈپەت قوشۇۋاتىدۇ . مۇشۇلارنىڭ ئۆزىلا بارىكاللا ئېيتىشىمىزغا ئەرزىمەسمۇ؟ ئەلۋەتتە ، بارىكاللىمىز «ئەل رازى» ئۈچۈنلا ئەمەس ، بىر گۈل ئېچىلغانغا باھار بولغان نەدە بار؟ «ئېھسان» ، «قەدىمىي چىنار»لارغىمۇ ، «گۈلدىيار» ، «كامىل» ، «يېشىل ئارپا» ، «ئەل ھۇزۇر» قاتارلىق ماركىدىكى يېمەك-ئىچمەكلىرىمىزنىمۇ قوللىشىمىز كېرەك . قوللاش  ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئالدىدىن سېتىۋېلىش دېگەن گەپ . كۈندىلىك تۇرمۇشىمىز ئاشۇ يېمەك-ئىچمەكلەرسىز ئۆتۈشى مۇمكىن ئەمەس . ئەڭ ياخشىسى بىز ئۆزىمىزگە تونۇش بولغانلىرىنى ، ئىشەنچلىك بولغانلىرىنى ، جىسمانىيىتىمىزگە پايدىلىق بولغانلىرىنى سېتىۋالايلى . ئاقىلانە تاللاش دېگەن مانا شۇ.

    6 . تۈگەللىمە

    ئاشۇ كۈنى ھەقىقەتەنمۇ «ئەل رازى» يېمەك-ئىچمەك زاۋۇتىدىن بىر باك 10 جىڭ زاراڭزا يېغىنى 70 يۈەنگە سېتىۋېلىپ چىقتىم . موماي خۇش بولۇپ كەتتى . تېخى مېنى تەقدىرلىگەنمۇ بولدى . موماينىڭ بەك زىرىپ بولۇپ كەتكەنلىكىنى ، بازاردا سېتىلىۋاتقان يېمەكلىكلەر ئۈستىدىن گەپ تاپىدىغان بولۇپ كەتكەنلىكىنى ، ئۇن ، ياغ ، ئاچچىقسۇ ، گۆش ، سەي-كۆكتات ، ھەتتا سۇنىمۇ تاللايدىغان بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئەيىبلەشكە ئاساس يوق . ساختا ، يالغان ، سۈپەتسىز مەھسۇلاتلارنىڭ ، پاكىز بولمىغان مەھسۇلاتلارنىڭ ، تەركىبىگە ھەر خىل زىيانلىق خىمىيىۋى نەرسىلەر قوشۇلغان مەھسۇلاتلارنىڭ داۋرىڭى جاھاننى بىر ئالغان تۇرسا ، ئۇ نېمىشقىمۇ تاللايدىغان بولۇپ كەتمىسۇن!؟ بۇنىڭغا سەۋەب بولغىنى يەنىلا ئۆزۈم . دەم ئېلىشقا چىققان مەندەك ئادەم كۈن بويى تېلېۋىزور كۆرۈش كېرەك . قىزىقىپ كۆرىدىغان  پروگراممىلىرىم بەك كۆپ . مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەرلەر قانىلىنىڭ ھەر يەكشەنبە كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 30:12 دا ۋە  30:22 دا كۆرسىتىلىدىغان  «سۈپەت دوكلاتى» پروگراممىسى ئەنە شۇلار ئىچىدىكى بىرى . مەن ئاشۇ پروگراممىدىن ئۇنغا نېمە قېتىشىدىغانلىقىنى ، تۇزلىغان سەي ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرىدىكى مەينەتچىلىكلەرنى ، ئادەمنىڭ چېچىدىن تېتىتقۇ ئىشلەپچىقىرىشقانلىقىنى ، گۆشكە سۇنى ئوكۇل قىلىشقانلىرىنى ، يالغان قىزىل ھاراق ئىشلەشكەنلىرىنى ۋە تالاي ئالدامچىلىقلارنى كۆرگەن ۋە مومايغا سۆزلەپ بەرگەنمەن . ھەتتا كونا ، كۆكۈرۈپ قالغان گۈرۈچنى قازاندا پاقىراتقۇچ بىلەن بىللە قورۇپ يېڭى گۈرۈچكە ئايلاندۇرغانلىقىنىمۇ كۆرگەنمەن ۋە سۆزلەپ يۈرگەنمەن . شۇنچىۋالا گەپلەرنى ئاڭلىغان موماي نەپسىنىڭ ، ئەقلىنىڭ بۇلغىنىشىدىن ، جىسمانىيىتىگە ، سالامەتلىكىگە زىيان يېتىشىدىن ئەنسىرىمەي قالامدۇ؟ «يىلان چېقىۋالغان ئادەم ئارغامچىدىنمۇ قورقىدۇ» . «سۈت ئىچىپ ئاغزى كۆيگەن ، قېتىقنىمۇ پۈۋلەپ ئىچەر» دېگىنىمىز ئەنە شۇ . يېمەك-ئىچمەكلەرنىڭ ھەممىسىلا ساختا ، سۈپەتسىز بولۇپ كەتكىنىغۇ يوق . كاززاپلار ئاز ، ئىنساپلىقلار كۆپ دۇنيا بۇ . شۇنداقتىمۇ ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە ، ئۆزۈڭگە پايدىلىق ، پاكىز ، سۈپەتلىك نەرسىلەرنى تاللىغىنىڭ تۈزۈك.
    قەلەم تەۋرەتكۈچى «ئەل رازى» يېمەك-ئىچمەك زاۋۇتىدىن يېنىپ چىققاندىن كېيىن ، ياغلار ھەققىدىكى بىلىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن كىتابلارنى ئاختۇرۇپ كۆردى . ئۆزى ساقلاۋاتقان نىمتۇللاخاننىڭ «بىزنىڭ ئوزۇقلۇقلىرىمىز» دېگەن كىتابىدىكى قۇربان قاسىمنىڭ «يېمەك-ئىچمەك ۋە سالامەتلىك» دېگەن كىتابىدىكى خالىدە ئابدۇكېرىمنىڭ «ئائىلىدە قوشۇمچە يېمەكلىكەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش» دېگەن كىتابىدىكى ، ئەخمەت مەخسۇت ، ئەركىن ئەخمەتلەرنىڭ «ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان مايلارنىڭ شىپالىق رولى» دېگەن كىتابىدىكى مايلارغا دائىر بايانلارنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقتى . مەلۇم بولدىكى ، ئىنسان ئورگانىزمىغا زۆرۈر بولغان ئاقسىل ، ماي ، كراخمال (قەنتلەر) ، ۋىتامىن ، سۇ ۋە باشقا مىكرو ئورگانىزملار ئىچىدە ماي ھەقىقەتەنمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىكەن . ئۇنىڭ ئىنسان ئورگانىزمىنى ئىسسىقلىق كالۇرىيىسى بىلەن تەمىنلەش رولىدىن باشقا يېمەكلىككە تەم كىرگۈزۈش ، باشقا يېمەكلىكەرنى ئېرىتىپ بېرىش ، پارچىلاپ بېرىش ، بەدەنگە قۇۋۋەت بولۇش ، سالامەتلىكنى ئاسراش ، بەزى كېسەللىكلەرگە شىپا بولۇش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلىرى بار ئىكەن . ياغسىز ئىنسان جىسمانىيىتى ئۆزى ئېھتىياجلىق ئوزۇق ۋە قۇۋۋەتكە ئىگە بولالمايدىكەن . 1960-يىلىنىڭ ۋە 1970-يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئىشلار بۈگۈنكى ئوتتۇرا ياشلىقلارنىڭمۇ ئېسىدە . ياغسىز ، گۆشسىز قالغان خەلقىمىز نېمىلەر بولۇپ كەتمىگەن ئۇ يىللاردا؟ قايسى كېسەللەرگە گىرىپتار بولمىغان؟ ئورۇقلاپ بىر تېرە-بىر ئۇستىخانلىق ئىسكىلىتقا ئوخشاپ قالمىغانمۇ؟ ماغدۇرسىزلىقتىن شامال سوققان قومۇشتەك لەلەڭلەپ قالغانغۇ؟ تالاي بەردەم ئاتىلار يىقىلىپ قالمىغانمۇ؟.. . دېمەككى ، سۇ مېيى  بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ . «ئەل رازى» يېمەك-ئىچمەك زاۋۇتى ياغ ئىشلەپ چىقارغانلىقى بىلەن بىزنىڭ قەدىرلىشىمىزگە ئېرىشىشى كېرەك . بۇ يەردە گەرچە «ئەل رازى» يېمەك-ئىچمەك زاۋۇتى چىگىت مېيى ئىشلەپ چىقارمىغان ، چىگىتنى زاۋۇت دەرۋازىسىغا يېقىن كەلتۈرمىگەن بولسىمۇ ، يەنىلا چىگىت مېيى  توغرىسىدا ئىككى ئېغىز لىللا گەپ قىلىپ قويۇشقا ، ئۇنىڭ «ئۇۋاللىق دېلوسى»نى ئاقلاپ قويۇشقا توغرا كېلىدىغاندەك تۇرىدۇ . باشتا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك چىگىت مېيى توغرىسىدىكى ئەيىبنامىلەر بەكمۇ تولا . چىگىت مېيىنى مومايمۇ ئەيىبلەيدۇ . ئەل-جامائەتمۇ ئەيىبلەيدۇ . تارىخچىلارمۇ ئۇنىڭ ئۈستىدە گۇمانلىق گەپلەرنى قىلغان . ۋەھالەنكى ، پەقىر كۆرگەن كىتابلاردا چىگىت مېيىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبىنىڭ سەل تۆۋەنلىكىنى تىلغا ئېلىشقانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ، ئىنسان جىسمانىيىتىگە ، ئىنسان ئەقلىگە زىيان كەلتۈرىدىغان بىرەر تەرىپىنى ھېچكىم تىلغا ئالمىغان . ئەكسىچە ، ئۇنىڭ قۇۋۋەتلىك ، دورىلىق رولىغا خېلىلا ئىجابىي باھا بېرىلگەن . ئۇيغۇر تېبابەت ئالىي تېخنىكومىنىڭ دەرسلىك كىتابىدىمۇ «ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان مايلارنىڭ شىپالىق رولى» دېگەن كىتابتىمۇ چىگىت مېيىنىڭ 2-دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق ئىكەنلىكى ، «يۇمشىتىش» ، بەدەننى سەمرىتىش ، بەلغەم چىقىرىش ، يۆتەل پەسەيتىش ، ئوزۇق بولۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكى ، باش ئاغرىقى ، سۈت كەملىك ، بالا ئاجىزلىقى ، يۈزدىكى داغلارنى يوقىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان . داڭلىق تېۋىپلارمۇ ئۇنىڭ رولىنى ئېتىراپ قىلىدۇ . ئەھۋال شۇنداق ئىكەن ، چىگىت مېيى ئۈستىدىكى ئەيىبلەشلەر نەدىن پەيدا بولدى؟ «ئەل رازى» يېمەك-ئىچمەك زاۋۇتىدىكى ئەنۋەرجاننىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە ، چىگىت تارتىلىپ چىقىرىلغان بىلەن ئوڭاي سۈزۈلگىلى ئۇنىمايدىكەن . قانچە تىنتىپ ، سۈزۈلدۈرۈپ باقسىمۇ يەنىلا دۇغ ، قويۇق ھالەتتە تۇرۇۋالىدىكەن . ئىلگىرىكى ياغ زاۋۇتلىرى چىگىت مېيىنى سۈزۈلدۈرۈش ئۈچۈن «شياۋجەن» دېگەن بىر خىل خۇرۇچنى ئىشلىتىدىكەنمىش . ئالىي مەكتەپنىڭ خىمىيە كەسپىنى تاماملىغان كىچىك ئىمىندىن سوراپ كۆرسەم «شياۋجەن» دېگەننىڭ ئۇيغۇر تىلىدا «شاخار» ، «كۆيدۈرگۈچى ئىشقار» ، «ئاساس» ، «ئويغۇچى ناترى» ، «ناترى ھىدرو ئوكسىدى (NaoH)» دېگەن ناملىرى بار ئىكەن . ئۇ نەرسە سانائەتتە سوپۇن ياساش ، دېزىنفىكسىيىلىگۈچىلەرنى ياساشتا ئىشلىتىلىدىكەن . يېمەكلىكلەرگە قېتىشقا بولمايدىكەن . يېمەكلىككە قاتسا جىنسىي ئۇرۇقنى كۆيدۈرۈش ، ئىشقارلىق زەھەرلىنىش قاتارلىق يامان تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدىكەن.. . ئەسلىدە چىگىت مېيىدا يوق زىيانلىق تەركىبلەرنى ئاشۇ ناترى ھىدرو ئوكسىدى پەيدا قىلدىمىكىنە؟ بەلكىم مەسىلە دەل شۇ يەردە بولۇشى مۇمكىن . ئەڭ ياخشىسى بىز ئاشۇ نەرسە قېتىلمىغان چىگىت مېيىدىن ئارتۇقچە گۇمانلىنىپ يۈرمەيلى . بۇ بىزنىڭ چىگىت مېيىنىڭ تارىخىي ئۇۋاللىق ئەنزىسىنى ئازراق بولسىمۇ ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ، ئاقلىغانلىقىمىز بولۇپ قالسۇن.
    ئەمدىكى گەپكە كەلسەك ، ئاللا ماي ، ئاچچىقسۇ ۋە باشقا يېمەكلىكلەرنى ، ئىچىملىكلەرنى ئىشلەپ چىقارغان كارخانىچىلىرىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن . «ئەل رازى» يېمەك-ئىچمەك زاۋۇتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا كەلسەك ، نۇرى مۇھەممەت ھاجىم قايتا-قايتا ئەلنى رازى قىلىشتىن ئۆزگە نىيىتى يوقلۇقىنى ئىزھار قىلدى . ئۇلار ئاللا ئالدىدىمۇ ، خەلقى ئالەم ئالدىدىمۇ ئۆز مەھسۇلاتلىرىغا ساختىلىق ئارىلاشتۇرۇشقا جۈرئەت قىلماس . بىزدە «يالغانچىنىڭ قۇيرۇقى بىر تۇتام» دېگەن ئىدىيۇم بار . ئەگەر ساختىلىق ئارىلاشتۇرۇلسا ، بەرىبىر چېنىپ قالىدۇ . چۈنكى سۈپەت تەكشۈرۈش تارماقلىرى قەرەللىك ۋە قەرەلسىز تەكشۈرۈپ تۇرىدۇ . ساختىلىق ئارىلاشتۇرغان بولسا ، دەرھال چارە كۆرىدۇ . مەھسۇلاتلىرىنى پېچەتلەيدۇ . شۇنداق ئىكەن ، بىز ئەڭ ياخشىسى  سۈپەت تەكشۈرۈش تارماقلىرى تەكشۈرۈپ بېكىتكەن ، قانۇنىي ماركىسى بار ، ئەنگە ئالدۇرۇلغان ، ئىشەنچلىك مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالايلى ۋە ئىستېمال قىلايلى . ئەگەر ئۇنىڭغىمۇ ئىشەنمىسە ماڭا ئوخشاش ئۆزى تۈگمەنگە قاتراپ ئۇن تارتىدىغان ، ئابدۇرېھىم مۇئەللىمدەك ئۆزى جۇۋازچىنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ ياغ تارتىدىغان ئەھۋالغا قالىدىغان گەپ . ئەلۋەتتە ، ئەمدى ئۆزى ئىشلەپ چىقىرىپ ئۆزىلا ئىستېمال قىلغان ناتۇرال ئىگىلىككە قايتىشقا ئىمكان يوق...

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.