چەتئەل كۆرگەنلەر بىلەن سۆھبەت(41)

يوللىغۇچى : Hellolife يوللىغان ۋاقىت : 2008-07-12 12:24:00

Hello life سوئال: شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، مۇشۇ تاپتا سىز ۋەتەننى سېغىنىپ تۇرۇپسىز. ھەرقانچە جەننەتتەك ماكاندا ياشىساقمۇ يەنىلا ۋەتەنگە بولغان ئىنتىلىشىمىز بىزنى ھوزۇرسىز قويىدۇ. شەخسەن ماڭا ۋەتەن د...

    Hello life سوئال: شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، مۇشۇ تاپتا سىز ۋەتەننى سېغىنىپ تۇرۇپسىز. ھەرقانچە جەننەتتەك ماكاندا ياشىساقمۇ يەنىلا ۋەتەنگە بولغان ئىنتىلىشىمىز بىزنى ھوزۇرسىز قويىدۇ. شەخسەن ماڭا ۋەتەن دېگەن بۇ ئۇقۇم - ئاتا-ئانا ، قېرىنداش، دوست- يارەن، دوپپا، ياغلىق، توپىلىق زېمىن، باغلىق ھويلا... سۈپىتىدە گەۋدىلىنىدۇ. سىز "ۋەتەن" دېگەن بۇ ئۇقۇمنى ھەر بىر ئەسلىگىنىڭىزدە كاللىڭىزدا قانداق ئوبرازلار، قانداق تۇيغۇلار گەۋدىلىنىدۇ؟


          جاۋاپ- مەمتىمىن ئەلا:
       ۋەتەن ئادەمگە تۇنجى خاتىرجەملىك تۇيغۇسى بېرىدۇ. ئاندىن ئادەم ئۆزىدە خاتىرجەم بولىدۇ. خاتىرجەملىك تۇيغۇسىدا ئادەم ئۆزىنى ئۆز ئەتراپىدىكى ئادەملەر، يەر، كۆك ۋە قۇشلار بىلەن بىرلىشىپ كەتكەندەك ھېس قىلىدۇ، خۇددى ئۇلار بىردەك، بىللىدەك، بىرلەشكەندەك. خاتىرجەملىك ئېلىپ كەلگەن شادىمانلىقتا ئادەم بىرلىشىشنىڭ مۇقەددەسلىكىدە ئۆزىنى ئۆزگىدەك كۆرەلەيدۇ، سېزەلەيدۇ ۋە بىلەلەيدۇ. مۇقەددەسلىك روھتۇر، ئۇ ھېچكىمگە تەۋە ئەمەس لېكىن ھەركىم ئۇنىڭغا تەۋەدۇر. تەۋەلىك تۇيغۇسى بىرلىشىپ كېتىشتىن ئىبارەت مۇقەددەسلىكتە. ۋەتەن مۇقەددەسلىكنىڭ تاشقىلىشىشى، يەنى گەۋدىلىشىدۇر، چۈنكى ئۇ ئاشۇ ئىپتىدا روھنىڭ ئۆزىنى بوشلۇقتا ئىپادە قىلىشىدۇر. بىزمۇ مۇشۇ روھنىڭ تاشقىلىشىشدا ئۆز تاشقىلىشىشىمىزنى نامايان قىلىمىز.
    ۋەتەندىن ئايرىلغاندا، مۇساپىر بولۇپ يات ئەللەردە يۈرگەندە ۋە سەرسانلىقتا ئادەم ۋەتەندىن ئىبارەت بوشلۇق بىلەن مۇناسىۋەتلىشىشتىن مەھرۇم قالغاندەك ھېس قىلىدۇ، لېكىن ئۆزىنى يەنە ئەشۇ روھنىڭ ئىلكىدە كۆرىدۇ. ئادەم ھەر ۋاقىت تەۋەلىك تۇيغۇسىنىڭ ئىلكىدە بولۇشقا ئىنتىلىدۇ. تەۋەسىزلىك ئادەمنى بۇ دۇنياغا جايلاشتۇرىدىغان قەيەردىن ۋە قەيەرگە دېگەن سوئاللار ھەققىدە ئىزدىنىشنىڭ ۋە شۇ ئارقىلىق ئۆزىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ خاسىيىتىدىن مەھرۇم قالدۇرىدۇ. ئۇنى تىغدەك يېگانىلىققا تاشلايدۇ. تىغدەكلىك-ئىتتىك، لېكىن خەتەرلىكتۇر. نىشانسىزلىق ۋە مەنبەسىزلىق ئېنىقسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ-ئېنىقسىزلىق ۋەھىمىنىڭ باشلىنىشىدۇر. تەۋەسىزلىك ۋەھىمىگە تولغان. تەۋەسىزلىكتە ئادەم ئۆزىنى كىملىكسىز ھېس قىلىدۇ-مەن بۇ يەردە قانۇن تەرىپىدىن بېرىلىدىغان پۇقرالىق كىملىكىنى دېمەيۋاتىمەن. مەن دەۋاتقان كىملىك قەلبنىڭ ئىچىدە، پۇقرالىق كىملىكىنىڭ تېگىدە، ھەممىنىڭ يۈرىكىدە.
    كىشىلەر ۋەتەننى ئانىغا ئۆخشىتىدۇ. ئانا ئادەمگە تۇنجى ۋە ئاخىرقى خاتىرجەملىك بېرەلەيدۇ. بوۋاق ئۆزىنى ئانىسى بىلەن بىرلىشىپ كەتكەندەك، شۇڭا ئانىسىغا تەۋەدەك ھېس قىلىدۇ. بۇ ئىپتىدائىي بىرلىك تۇيغۇسىدۇر. ئۇنىڭدىن تەۋەلىك تۇيغۇسى كۆكلەپ چىقىدۇ. بوۋاق ئۆزىنى ئانىسىدا كۆرىدۇ. ئىپتىدائىي تەۋەلىك تۇيغۇسىدا ئادەم ئۆزىنىڭ كىملىكىنىڭ ئەڭ تۇتۇق نۇقتىسىدا تۇرىدۇ، چۈنكى كىملىك ئۆز بىلەن ئۆزگىنى پەرقلەندۈرۈشكە، يەنى بوۋاقنىڭ ئۆزىنى ئانىسىدىن پەرقلەندۈرەلىشىگە باغلىقتۇر. ۋەھالەنكى، كىملىك دەل ئادەمدە تەۋەلىك كرىزىسى كۆرۈلگەندە يەنى بوۋاق ئۆزىنى ئانىسىنىڭ بىر قىسمى، ئۇنىڭ بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن دەپ قارىمايدىغان ۋاقتىدا باشلىنىدۇ. كىملىك بوۋاقنىڭ ئانىدىن ئايرىلىشىنى شەرت قىلىدۇ. شۇ چاغدا ئۆز بىلەن ئۆزگە ئوتتۇرىسىدىكى پەرق روشەنلىشىدۇ. "مەن" "ئۇ" دىن پەرقلەندۈرىلىدۇ. "مەن" ئۆزىنىڭ ئۆزلۈك-كىملىكىگە ئېرىشىدۇ. دېمەك كىملىك ئېڭى ئىپتىدائىي تەۋەلىكتىن ئايرىلىپ تەۋەسىزلىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ-يۇ، لېكىن، زىتلىق مەنىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، كىملىك تەۋەلىك تۇيغۇسىدىن ئايرىلدىلا تېخىمۇ روشەنلىشىدۇ. تەۋەلىك كىملىكنىڭ ئانىسى بولسا، تەۋەسىزلىك ئاشۇ ئانىنى پاناھ تارتىشقا بولغان سېغىنىشتۇر. كىملىك ئەسلى تەۋەلىككە قايتىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنىڭ قۇتۇلغۇسىز ئاقىۋىتىدۇر.
    تەۋەسىزلىكتە روشەنلىشىدىغان كىملىك دەل كىملىكنىڭ ئەسلىگە-ئەسلى كىملىككە قايتىشقا بولغان ئىستەكتۇر. ئايرىلىپ قېلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ۋەھىمىدىن قۇتۇلۇشقا بولغان ئىنتىلىشتۇر، سەرسانلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئۆيگە-ئانىنىڭ مېھرىبان باغرىغا قايتىشقا بولغان ناتىۋان خىيالدۇر. بۇ يەردە بىرلا كىملىك بار-ئۇ دەل ئەسلى كىملىكتۇر، ئۇنى ئۇنتۇغىلى بولمايدۇ، چۈنكى پۈتكۈل ئەسلىمە ئۇنىڭدىن باشلىنىدۇ؛ ئۇنىڭدىن كەچكىلى بولمايدۇ، چۈنكى ئەسلى كىملىكنى تاللىماسلىق ئۇنىڭدىن تۈرلىنىپ چىقىدىغان ھەرقانداق تاللاشنىڭ مەۋجۇت بولالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ؛ ئۇنى باشقا كىملىككە ئالماشتۇرۇۋەتكىلى بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ بىردىنبىردۇر، ئۇنىڭ شېرىكى يوقتۇر. بىز ئەسلى كىملىكتىن كەلگەن، ھازىر ئۇنىڭدا ۋە ئۇنىڭغا قايتىمىز. ئەسلى كىملىك قەلبىمىزگە يوشۇرۇنغان، ئۇ سۆزلەيدۇ، بىزنى ئارامسىزلاندۇرىدۇ، بىزنى جۆيلۈتىدۇ.
    يېقىندا ئۆغلۇم قاتتىق قىزىپ، پۈتۈن بىر كۈن يېرىم ھوشسىز دېگۈدەك ياتتى. ئانىسى ئىككىمىز ئۇنىڭ ئەتراپىدا پەرۋانىدەك يۈردۇق. ئۇ تۇرۇپ-تۇرۇپ جۆيلۈيتتى. تۈن نىسپى ئىدى. ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ ئۇنىڭغا قاراپ ئولتۇراتتىم. بىر چاغدا ئۇ كۆزىنى قىيا ئېچىپ، "دادا، سۇ دېدى." ئۇنىڭغا سۇ بەردىم. ئۇ سۇنى قېنىپ ئىچىۋالغاندىن كېيىن، بىردەم كۆزىنى يۇمۇپ ياتتى. ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنىدىن ئوت يېنىپ تۇراتتى. ئېغىر تىناتتى، پات-پات غەلىتە ئاۋازلارنى چىقىرىپ قوياتتى. بىردەمدىن كېيىن ئۇ كۆزىنى تۇيۇقسىز ئېچىپ، بىردە ماڭا، بىردە ئۆيگە قارىۋەتكەندىن كېيىن، خۇددى جۆيلۈگەندەكلا: "دادا، بىز نېمىشقا بۇ يەرگە كەلگەن، بىز نېمىشقا بۇ يەردە تۇرىمىز، بىز زادى قاچان كېتىمىز" دەپ كەتتى. ئۇ ئوتتەك يېنىپ تۇرغان كۆزلىرىنى ماڭا تىكىپ تۇراتتى. مەن تۇرۇپ كەتتىم. ئەمدى ئاغزىمنى ئۆمەللەپ تۇرىشىمغا ئۇ ئۆرۈلۈپلا ئاۋۋالقىدەكلا ئۇيقۇغا كەتتى. ئۇ جۆيلۈگەندۇ ياكى ئۇ مەندىن بۇلارنى كەسكىن تەرىزدە سورىغاندۇ-بۇلارنى بىلمەيتتىم. كېيىنمۇ سورىمىدىم.
    مەن ئۆزۈمنى ئويلاپ قالدىم. مەنمۇ تالاي قېتىم ئۇنىڭدەك جۆيلۈپ كەتكەنىدىم. قارا باسقاندا، مەن نەدە دېگەن خىيال بىلەن ئويغىنىپ كېتەتتىم ۋە ئەتراپىمغا قاراپ جىممىدە تۇرۇپ قالاتتىم. قارا باسقاندا ئادەم ئۆزىنىڭ نەدە نېمىش قىلىۋاتقانلىقىنى ئەڭ بىلىشنى خالايدۇ، لېكىن بىلەلمەي قىينىلىپ كېتىدۇ. شۇ قىينىلىشتا قارا بېسىش ئېغىرلىشىدۇ، ئادەم تەگسىزلىككە سىڭىپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ. خۇددى ئانىنىڭ خىيالىي باغرىغا ئاستا يىقىلىۋاتقاندەك. قارا باسقاندا ئادەم ئۆزىنى ئىزلەشتۈرىدۇ، ئۆزىنىڭ ئىزلەشتۈرۈشىنى ئىزلەشتۈرىدۇ. ئۆزىنى ئۆزى قۇتۇلالمايدىغان گىرداپتا كۆرىدۇ-چىقىپ كەتمەكچى بولغان، لېكىن چىقىپ كېتەلمەيدىغان. ئۆزىنى سەرسانلىقتا كۆرىدۇ، مەنزىلسىز، قاراڭغۇ ۋە قورقۇنچلۇق. قارا بېسىش نەدىن كېلىپ نەگە كېتىۋاتقانلىقنى بىلىشكە بولغان تىركىشىشتۇر. ئوتتۇرىغا چىقمايۋاتقان ئۆزىنى قايتا بايقاشقا بولغان ئەسەبىي ئۇرۇنۇشتۇر.
    ۋەتەندىن ئايرىلغان ئادەم جۆيلۈشلىرىدە يىراقتا ئۆزى تەۋە ۋە ئۆزىگە تەۋە بوشلۇقنى سورايدۇ. ۋەتەندىن ئايرىلغۇچى ۋەتىنىنى يىراقتىن سورىغىنىدەك، ۋەتىنىمۇ ئۇنى يىراقتىن سورايدۇ. بەزىدە ۋەتەننى ۋەتەندە تۇرۇپ سورىغاندەك، ۋەتەننى بەزىدە ۋەتەندىن يىراق يەردە سورايمىز. ۋەتەننىڭ سورىشى ئۇنىڭ بىزنى ئايانچلىق ۋە لەزىز ئاۋازدا چاقىرىشىدۇر. ۋەتەن چاقىرىدۇ. ئاۋاز يىراق يىراقتىن كېلىدۇ، بىز جىمجىتلىقتا ئاڭلايمىز. بىز بۇ ئاۋازغا تەۋە بولغانلىقىمىزنى يېڭىۋاشتىن ھېس قىلىمىز، خۇددى ئەللەي ناخشىسىنى ئاڭلىغاندەك. بۇ بىر مەڭگۈلۈك ئەللەي ناخشىسىدۇر. بۇ ناخشا بىزنى ئۇيقۇغا سۆرەيدۇ. قاتتىق ئۇيقۇدا، بىزنى ئېھتىمال قارا بېسىشى مۇمكىن-ئەنە شۇ چاغدا تىپىرلايمىز، ئارامسىزلىنىمىز، جان جەھلىمىز بىلەن قېچىپ كەتمەكچى بولىمىز.
       قارا بېسىشتا ئادەم ھەممىنىڭ ئاخىرلىشىپ ئويغاقلىقنىڭ كېلىشىگە تەشنا بولىدۇ. بۇ بىر قاراڭغۇ تۈندىكى خىيال، كېچىنىڭ قەلبكە تىقىلىپ كىرىشى. ئادەمنىڭ يىراقتىكى جىمجىتلىقتا ئاستا، لېكىن ئەلەملىك يۈرۈشى. يىراقتىن يىراقنى سورىشى. ئەسلى تەۋەلىككە قايتىشقا ھەر كۈنى تەرەددۇتلىنىشى، خۇددى ئۇلۇغ بىر مۇراسىمغا تەييارلىنىۋاتقاندەك. ئەسلى تەۋەلىككە قايتىپ، شەخسىيىتىنىڭ يوق قىلىنىشىغا، قوشۇلۇپ كېتىشكە بولغان ئىپتىدائىي ئىستەك. كونا قىسمەتنىڭ تەكرارلىنىشى. ئوغلۇمنىڭ قىزىشى ۋە جۆيلۈشى. مېنىڭ ئۆيدىن جىممىدە چىقىپ كېتىپ، يىراققا بىر كۈنى قايتىشنى ئورمانلىقتا كۈتۈشۈم. مېنىڭ كۈتۈشۈم-بىزنىڭ كۈتۈشىمىز.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.