ئەدەبىياتنىڭ ئەسلىنى ئىزدەش(ئەسئەت ئەمەتنى زىيارەت)

يوللىغۇچى : Asatamat يوللىغان ۋاقىت : 2010-06-02 11:55:37

@font-face {font-family: UKIJ Tuz Tom; font-style: normal; font-weight: normal; src: url(UKIJTUZ0.eot); } * { font-family:UKIJ Tuz Tom;} ئەدەبىياتنىڭ ئەسلىنى ئىزدەشيازغۇچى ئەسئەت ئەمەتنى زىيارەتغالىپ مۇھەممەت قارلۇق(بۇ زى

    ئەدەبىياتنىڭ ئەسلىنى ئىزدەش
    يازغۇچى ئەسئەت ئەمەتنى زىيارەت
    غالىپ مۇھەممەت قارلۇق

    (بۇ زىيارەت 2005-يىلى 12-ئاينىڭ 4- كۈنى ئېلىپ بېرىلغان. «تەڭرىتاغ» ژورنىلىنىڭ 2006- يىلى 4- سانىدا ئېلان قىلىنغان)

    قارلۇق: ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ھازىرقى تەرەققىيات ئەھۋالىغا قانداق قارايسىز؟

    ئەسئەت ئەمەت: ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھازىر يېزىقچىلىقنىڭ قاينام- تاشقىنلىق پەيتىدە تۇرۇۋاتىدۇ. ھازىرقى نەتىجىلەرنى يىگىرمە ياكى ئوتتۇز يىل بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرساق ئىلگىرىلەش ئىنتايىن زور بولدى. ئومۇمىي نۇقتىدىن ئېيتقاندا شۇنداق، ئەمدى بىز كونكرېت ئەسەرلەرگە كېلەيلى. بىز بۇ ئەسەرلەرنى زۇنۇن قادىرنىڭ «ئىككى بارمىقىم بىلەن»، «چېنىقىش»، «ماغدۇر كەتكەندە» قاتارلىق ھېكايىلىرىدىكى بەدىئىي ئۈنۈم، يۇقىرى سىغىمچانلىق، سەنئەتكارغا خاس ئىجادچانلىق ۋە سالماقلىق بىلەن سېلىشتۇرساق ھازىرقى نەتىجىلىرىمىزنى يۇقىرى دىگىلى بولمايدۇ. زۇنۇن قادىر بولسا 50 يىل بۇرۇنقى يازغۇچى. بىزنىڭ نەتىجىلىرىمىز مانا شۇنداق سېلىشتۇرۇش جەريانىدا ئايدىڭلىشىدۇ. بىز بۇ سېلىشتۇرۇشنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، خەنزۇ ئەدەبىياتى ياكى دۇنيانىڭ ئەقەللىي يېزىقچىلىق ئۆلچەملىرىگە، نامايەندە ئەسەرلىرىگە ئەمەس، ئادەتتىكى ئەسەرلىرىگە سېلىشتۇرۇپ باقايلى. بۇنىڭ نەتىجىسى قانداق بولار.
    80- يىللاردىن باشلاپ خەنزۇ ئەدەبىياتى يېڭى بىر تەرەققىيات دەۋرىنى باشلىدى. بۇ گۈللىنىشكە دۇنيانىڭ ئىلغار ئەدەبىيات- سەنئەت نەتىجىلىرىنى كۆپلەپ تونۇشتۇرۇش بىۋاسىتە تۈرتكە بولدى. خەنزۇ يازغۇچىلىرى ۋە ئوقۇرمەنلىرى دۇنيانىڭ قەدىمدىن ھازىرغىچە ئەدەبىيات- سەنئەت، ئىدىيە نەتىجىلىرى بىلەن كەڭ كۆلەملىك ئۇچرىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. ئەدەبىياتنىڭ داۋاملىق تەرەققىي قىلىشىغا پۇختا ئاساس ھازىرلاندى. نۇرغۇن دۇنياۋى سەۋىيىگە ئىگە يازغۇچى، شائىرلار، مۇتەپەككۇرلار يېتىشىپ چىقتى. بۇنى بۇرۇنقى بېكىنمە جۇڭگودا تەسەۋۋۇر قىلىشمۇ قىيىن ئىدى. بىز بولساق دۆلىتىمىزنىڭ بۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىياسىتىنىڭ پۇرسىتىدىن قانچىلىك پايدىلاندۇق؟ بىزدىمۇ مەلۇم تونۇشتۇرۇشلار بولدى. لېكىن، بۇ پۈتۈنلەي 19- ئەسىر ياكى ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى ئەسەرلەر بىلەن چەكلەندى. 19-ئەسىر ياكى ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى ھازىرمۇ دۇنيا ئەدەبىياتى ساھەسىدە يۇقىرى تەسىرگە ئىگە كۆپلىگەن يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرى تونۇشتۇرۇش دائىرىمىزگە كىرەلمىدى. ھازىرقى دۇنيانىڭ ئەڭ ئىلغار يېزىقچىلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان 20 - ئەسىر ئەدەبىيات نەتىجىلىرى (گارسىيە ماركوز ئەسەرلىرىنى دېمىگەندە) تېخىمۇ كىرەلمىدى. شۇنداق ئىكەن، مەيلى يازغۇچىلىرىمىزدا، مەيلى ئوقۇرمەنلەردە بولسۇن، دۇنيانىڭ ئىلغار يېزىقچىلىقىغا ئەقەللىي چۈشەنچە ھازىرلانمىدى. 1995 _ يىلىغا كەلگەندە ئىلغار ئەللەرنىڭ ئەدەبىيات نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇرۇش پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئاخىرلاشتى. ئۇيغۇر مەتبۇئاتچىلىقى دۇنيانىڭ ئىلغار ئەسەرلىرىنى تونۇشتۇرۇشتا بەك پاسسىپ بولغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئېنىق پىلان _ مەقسىتى بولمىغانلىقى، تونۇشتۇرۇلغان ئەسەرلەرگە نىسبەتەن ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا ماسلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدىغان تەتقىقاتچىلار بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئۇسلۇب جەھەتتىكى چەكلىمىلىكى، ئىدىيە جەھەتتىكى بېكىنمىلىكى، بىر تەرەپلىمىلىكى ئاقارتىشقا ئېرىشەلمىدى. مۇشۇ خىل شارائىتتا خەنزۇتىلى ئارقىلىق دۇنيانىڭ ئىلغار ئەسەرلىرى بىلەن ئۇچراشقان، ئۇلارنىڭ تەجرىبىلىرى ئاساسىدا يېزىقچىلىق قىلغانلارنىڭ ئىجتىمائىي ئاساسى بولماي يېتىم قالدى. پۇختا يېزىقچىلىق ئاساسى ھازىرلاپ بولالمىغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى رومان يېزىش دەۋرىگە ئومۇميۈزلۈك كىرىشىپ كەتتى. مۇشۇنداق مۇرەككەپ پەيتتە، ئەدەبىيات ئەھۋالىمىزغا سەمىمىي يۈزلەنگەن، ئەتراپلىق بىلىم ئاساسىغا ئىگە خالىس بىرەر ئوبزورچىمۇ يېتىشىپ چىقالمىدى. مەۋجۇت ئوبزورچىلار ياكى نوپۇزى، ئورنى بارلارنى ماختاپ كۈنىنى ئېلىپ يۈرۈۋەردى. ياكى ئۆزىنىڭ ھاياجىنىنى ئۆلچەم قىلىپ، ئەدەبىياتنىڭ قانۇنىيىتىدىن بىخەۋەر ھالدا بۇ ساھەنى تېخىمۇ قالايمىقان قىلىۋەتتى. بىزدە نامايەندە دەپ قارالغان ئەسەرلەر ئىلمىي، بەدىئىي قىممەت نۇقتىسىدىن زادى قانچىلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە، يېتەرسىزلىكى پەقەت يوقمۇ؟، ئۇ ئەسەر دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ ئەقەللىي يېزىقچىلىق سەۋىيەسى، ئىدىيە ئۆلچەملىرىگە زادى قانچىلىك چۈشىدۇ، بۇ توغرىدا دادىل، ئىلمىي تەھلىل بولمىدى. ئەسەرلەرنى مۇئەييەنلەشتۇرۇش دائىم خوشامەتكە، تەنقىد كۆپ ھالدا ھاقارەتلەش، تۆھمەت قىلىش، پىپەن قىلىشقا ئايلىنىپ كەتتى. ئومۇملاشتۇرغاندا ئەسەرلەرگە ئىلمىي تەھلىل ئىزچىل كەم بولۇپ كەلدى. ئۇيغۇر ئەدەبىياتى مانا مۇشۇنداق يېتەرسىزلىكلىرى بىلەن 21_ ئەسىرگە قەدەم قويدى. ئەدەبىيات نەتىجىمىز رومانلارنىڭ سانىغا قاراپ توختىماي كۆپتۈرۈلدى. لېكىن، نەتىجىلەرنى دەڭسەيدىغان دۇرۇس تارازا _ ئۆلچەم يەنىلا بارلىققا كەلمىدى. شۇڭا، بىز چەت ئەلدە ئەمەس، دۆلىتىمىز ئىچىدىمۇ ئازراق نوپۇز تىكلىيەلىگەن بىرەر ئەسەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرالمىدۇق. بىز بىر _ بىرىمىزنى قانچىلىك ماختايلى، بۇلار ئۆزىمىزنىڭلا گېپى، خالاس. بىزنىڭ مەھسۇلاتىمىز باشقىلار ئارىسىدا ماختاشقا ئېرىشەلىسە ئاندىن ھېساب. (بولۇپمۇ نوپۇزلۇق ئەدەبىياتشۇناسلارنىڭ). بىزنىڭ ئۆز نەتىجىلىرىمىزنى ئىلغاپ چىقالىغۇدەك، بايقىغۇدەك، كىبىر ۋە ئۇششاق غۇم، دەتالاشلاردىن ھەتتا ئۆز نەپسىمىزدىن ھالقىغۇدەك ئىقتىدارىمىز بولمىغاچقا، ئەدەبىياتىمىزنى ئەگرى _ توقاي يولغا باشلاپ قويدۇق.
    ھېچقانداق مىللەت ئەدەبىياتى سىرتقى تەسىرنى چەتكە قاقمايدۇ. مەيلى ئۇ دۇنيانىڭ ئەڭ ئىلغار ئەدەبىيات _ سەنئەت نەتىجىسىنى ياراتقان خەلق بولسۇن. ئەمما، بىز بۇنى قىلىۋاتىمىز. بىزنىڭ ئەدەبىيات تەرەققىياتىمىزغا توسالغۇلار بەك كۆپ. بۇنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىمىزدىن ئىزدەش كېرەك. بىز ئوڭۇشسىزلىقلىرىمىزنى خەقتىن كۆرۈشكە ئادەتلەنگەن. قولىمىزدىن كەلگەندە بولسا دوست تارتىشىپ نەپسانىيەتچىلىك قىلىشتىن باشقىغا چولىمىز تەگمەي قالىدۇ. يەنە بىلمەي قارىسىغا سۆزلەيدىغان خېلى زور يازغۇچى، تەقرىزچى، ئوقۇرمەنلەر قوشۇنىمىز بار. ئۇلار ئەدەبىياتىمىز ۋە مەدەنىيىتىمىزنىڭ نورمال تەرەققىي قىلىشىغا ئادەم ئىشەنگۈسىز دەرىجىدە كالتە پەملىك بىلەن كاشىلا قىلىپ تۇرىدۇ.

    قارلۇق: بىز ئەدەبىياتتا سىرتقى تەسىرنى قوبۇل قىلغاندا ساقلاپ قېلىشقا تېگىشلىك ئەنئەنىلىرىمىز بارمۇ _ يوق؟ بولسا قايسىلار؟

    ئەسئەت ئەمەت: بىز ھازىر ئەدەبىياتتا دۇچ كەلگەن نۇرغۇن مەسىلىلەرگە باشقا ئىلغار ئەللەرمۇ دۇچ كەلگەن. بىز بەزى مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىش ھەققىدە مېڭە ئۇپرىتىۋاتقاندا، بۇ مەسىلە ئىلغار ئەللەردە ئاللىقاچان ھەل بولۇپ بولغان بولۇشى تەبىئىي. چۈنكى، بۇ ساھەدە ئۇلارنىڭ ئىلمىيلاشقىنىغا ناھايىتى ئۇزۇن بولدى. ئالدىغا ئىككى مىڭ يىلدىن ئاشتى دېسەكمۇ بولىدۇ. ھېچقانداق مىللەت مەلۇم يېزىقچىلىق ئۇسۇلىغا بىزنىڭ ئەنئەنىمىز دەپ باشتىن _ ئاخىر مەھكەم يېپىشىۋالغان ئەمەس، ئىلغارلىق بولسىلا قوبۇل قىلغان، بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزدا ۋارىسلىق قىلىشقا تېگىشلىك ياخشى ئۈلگىلەر بار. خەلقنىڭ «سىيىت نوچى» داستانى، «مەنسۇر داستانى» (بۇ داستاننىڭ تىمىسى ئەگەر راستىنلا شۇ شائىرنىڭ ئۆزىنىڭ بولسا. چۇنكى بىزنىڭ بۇرۇنقى بەزى شائىرلىرىمىز باشقىلارنىڭكىنى قايتا يېزىشنى ئادەت قىلغان) قاتارلىقلار. («سىيىت نوچى» داستانىنى ئوبزورچى، يازغۇچىلىرىمىز ئەيىپلەشكە باشلىغاندا ئەدەبىيات چۈشەنچىمىزنىڭ شۇ دەرىجىگە چۈشۈپ قالغىنىدىن ھاڭتاڭ قالغان ئىدىم). بۇ ئەسەرلەردىكى ئالاھىدىلىكلەرنى ئەدەبىياتى تەرەققىي قىلغان ئەللەرنىڭ ئەسەرلىرىدىنمۇ ئۇچرىتىمىز. ئىنسانىيەت مەڭگۈ ئۆزىنىڭ ھەقىقىتى ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ. مۇتلەق كۆپ نەرسىلەر ئىنسانىيەتكە ئورتاق. باشقىلار ئاياغنى پۇتىغا كىيسە، بىز ئۇلارغا ئوخشاپ قالماسلىق ئۈچۈن ياكى ئۇلارنىڭ توغرا قىلغىنىغىدىن گۇمانلىنىپ ئاياغنى قولىمىزغا كىيەمدۇق؟ بۇرۇنقى چاغلاردا كېسەل بولغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپى داخان- پېرىخونلارنى ئىزدەيتتى (بىزدە بۇنداق كىشىلەر ھېلىمۇ كۆپ)، ھازىر كېسىلىنى دوختورخانىغا كۆرسەتكەنلەر ئاتا- بوۋىلىرىدىن يۈز ئۆرۈگەنلەر بولۇپ قالامدۇ؟ بىز ئىزلەنمە ھېكايىچىلىق دەپ ئاتىغان يېزىقچىلىقمۇ قانداقتۇر ئۇيغۇر ھېكايىچىلىقىدىن ئۈزۈل- كېسىل ئايرىلغان، چەتكە باغلانغان يېزىقچىلىق ئەمەس. ئۇلار چەت ئەلنىڭ ئىلغار يېزىقچىلىقىدىن ئوزۇق ئالغان دېسەكمۇ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئۇنداق ئەسەرلەر بۇرۇنمۇ يېزىلغان ئىدى. مەسىلەن، زۇنۇن قادىرنىڭ «ئىككى بارمىقىم بىلەن»، «چېنىقىش»، تۇردى سامساقنىڭ «سىرلىق ساندۇق» دېگەندەك. ئەمما، بۇ ئەسەرلەرنىڭ شەكلىدىن مەزمۇنىغىچە روسىيە يازغۇچىلىرىنىڭ تەسىرىنى يوق دەپ كىم ئېيتالايدۇ؟ بۇ ئەسەرلەر يېزىلىشتىن بۇرۇن بىزدە مۇشۇخىل ھىكايىچىلىق ئەنئەنىسى بارمىتى؟. ئەنئەنە ئۆزئارا تەسىر جەريانىدا شەكىللىنىدۇ ھەم ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. ئىشلارغا ئوبيېكتىپ، ئاقىلانە نەزەردە قارىغىنىمىز ياخشى.

    قارلۇق: مەتبۇئاتلىرىمىزدا ئىلگىرى بىر مەزگىل خېلىلا بازار تاپقان «ئىزلەنمە ھېكايىلەر» نىڭ بۈگۈنكى كۈندە زور دەرىجىدە ئازلاپ كېتىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

    ئەسئەت ئەمەت: «ئىزلەنمە ھېكايىلەر» دېگەن بۇ ئاتالغۇ بىزدە قېلىپلىشىپ قالغان يېزىقچىلىقتىن ئۆزگىچە يول تۇتقان ئەسەرلەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئەسەرلەر بىزدىكى ياخشى ئەسەرلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە چەت ئەلنىڭ ئىلغار يېزىقچىلىق نەتىجىلىرىنى جانلىق قوللىنىش ئاساسىغا قۇرۇلغان. گەرچە بىزدە ياخشى ئەسەرلەر بۇرۇن بولغان بولسىمۇ، بۇلار شۇ يازغۇچىلارنىڭ كۆپلىگەن ئەسەرلىرى ئىچىدىكى ساناقلىق بىرقانچىسى بىلەنلا چەكلىنەتتى. ئۇ ئەسەرلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ھەم دېگەندەك ئېنىق تونۇش يوق ئىدى. ۋارىسلىق تېخىمۇ كەم ئىدى. «ئىزلەنمە ھېكايىچىلىق» بۇ ئەسەرلەردىكى ئالاھىدىلىكنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇشقا تىرىشتى. يەنە بىرى، مۇكەممەللىككە ئىنتىلىش ئېھتىمال ھېچكىمنى ئەجەبلەندۈرمەس. بۇ يازغۇچىلار چەت ئەلنىڭ ئىلغار نەتىجىلىرىنى ئۆگىنىپ، ئەسەرلىرىنى تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈمگە ئېرىشتۈرۈشكە تىرىشتى. بۇ ئەلۋەتتە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۈچۈنلا ئەمەس، ھەتتا ئۇيغۇر مەدەنىيەت ساھەسى ئۈچۈنمۇ بىر چوڭ ئىش ئىدى. «ئىزلەنمە ھېكايىچىلىق» قېلىپلىشىپ قالغان ھېكايىچىلىقنىڭ سىرتىدىكى بارلىق يېزىقچىلىق ئىمكانىيەتلىرىنى كۆرسەتكەچكە ئۇنىڭ دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ. شۇڭا، مۇشۇ خىل يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغۇچى دەپ قارالغانلارنىڭ ئۇسلۇبى ۋە يېزىقچىلىققا تۇتقان پوزىتسىيىسىمۇ بىر-بىرىدىن كۆپ پەرقلىنىدۇ. ئۇلاردا ھەقىقەتەن كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقانلارمۇ، يارىتالمىغانلارمۇ، يېزىقچىلىقنى پۇچەكلەشتۈرۈۋەتكەنلەرمۇ بار. شۇڭا، ئۇلاردىكى بىرەر يازغۇچىنىڭ سەۋەنلىكى سەۋەبتىن باشقىلارغىمۇ ئوخشاش كۆزدە قاراش توغرا ئەمەس. بۇ خىل يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغۇچى دەپ قارالغان ھەر قانداق يازغۇچى بۇ خىل يېزىقچىلىققا ئەمەس، بەلكى ئۆزىگىلا ۋەكىللىك قىلىدۇ. «ئىزلەنمە ھېكايىچىلىق» دەسلەپ ئوقۇرمەنلەرگە چېلىققاندا مەلۇم ئىلغارلىق، يېڭىلىق، ئەدەبىيات ساھەسىدىكى ھاياتىي كۈچ سۈپىتىدە تونۇلغان ھەم شۇنداق تەسىر بەرگەن. ئوقۇرمەنلەر ئۇنىڭدىن زور ئۈمىد كۈتكەن. ئۇلارنىڭ ئەدەبىياتتىكى مەلۇم بوشلۇقنى تولدۇرغىنىنى ھىچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا خېلى زور نەتىجىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇ ھەم دەۋرنىڭ تەقەززاسى ئىدى. ئەمما، ھەرقانداق ئىشتا، ھەر قانداق ساھەدە ساختىلىق قىلىدىغانلار چىقىپ تۇرىدۇ. بۇ ساھەدىمۇ ئىلغارلىق شوئارىنى توۋلاپ، ئۆزىنىڭ ساختا ماللىرىنى بازارغا سالىدىغانلار بىمالال پەيدا بولدى ھەم ئەدەبىيات ساھەسىدە «ئىزلەنمە ھېكايىچىلىق» دېگەن غەلىتە، ئەخمىقانە، ئەخلاق قارىشى يوقالغان، ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلۈسە بولۇۋېرىدىغان يېزىقچىلىق ئوخشايدۇ دېگەن تونۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ئەدەبىياتىمىزدىكى ياخشى بىر يۈزلىنىشكە ئېغىر زىيانكەشلىك ئېلىپ كەلدى. بۇ يېزىقچىلىقنىڭ ئاخىرىنىڭ قانداق چۈشكىنىدىن قەتئىينەزەر، باشلىنىشىدا بەرگەن تەسىرى توغرا ئىدى. بۇ يېزىقچىلىق ئومۇمىي جەھەتتىن كىشىلەر ئۇلاردىن كۈتكەن يۇقىرى ئەستايىدىللىق، يۈكسەك ئەخلاق قارىشى، پۇختا يېزىقچىلىق سەۋىيىسى ھازىرلاش ئۈمىدىنى تېزلا يەردە قويدى. ئەمما، بۇ ئۈمىدنى ئاخىرغىچە ئاقلاپ كەلگەن يازغۇچىلارمۇ بار. ئومۇمىي ئەدەبىيات ئەھۋالىمىز ئۇلارنى تولۇق بايقاشقا ئىمكان بەرمىدى. يەنە شۇ گەپ-دۇنيانىڭ ئىلغار ئەدەبىيات- سەنئەت نەتىجىلىرى جانلىق تونۇشتۇرۇلمىغانلىقى، ئەدەبىياتىمىزدىكى قولغا كەلگەن نەتىجە، سادىر بولۇۋاتقان يېتەرسىزلىكلەر ئىلمىي خۇلاسىلەنمىگەنلىكى، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئەسەرلەردىن زوق ئېلىش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئەدەبىياتىمىزدا ئالاھىدىلىك يېتەرسىزلىككە، يېتەرسىزلىك ئالاھىدىلىككە ئايلىنىپ قالىدىغان ئەھۋاللار دائىم بولۇپ تۇردى. ھەقىقىي ئىزلەنمە ھېكايىچىلىق يازغۇچىدىن ئۆتكۈر كۆزىتىش ئىقتىدارى، پىشىپ يېتىلگەن ماھارەت، ئەتراپلىق بىلىم ئاساسى، ئۆز ساھەسىنىڭ نەتىجىلىرىدىن خېلى تولۇق خەۋەردار بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا، بۇ خىل يېزىقچىلىق ناھايىتى مۇشەققەتلىك جەريان ئارقىلىق مەيدانغا كېلىدۇ ھەم ئۇ ھەممىمىزگە چوقۇملا بىز ئادەتلەنمىگەن، ناتونۇش بىر ئەسەر بولۇپ تۇيۇلىدۇ. بۇ ناتونۇش ئەسەرلەرنىڭ مەتبۇئات ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشمىكىمۇ بەك تەس. شۇڭا، بۇ ئەھۋاللار بۇنىڭ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ قىزغىنلىقىغا ئېغىر تەسىر قىلدى. ئۇلارنىڭ ئوڭۇشسىزلىقلىرى ھەۋەسكارلارغا ئوبدان ساۋاق بېرىپ، ئۇلارنى بۇ خىل ئاۋارىچىلىقتىن ئۆزىنى تارتىشقا ئۈندەيدۇ. شۇنداق ئىكەن، ئىزلەنمە ھېكايىچىلىقنىڭ يوقىلىپ كېتىشىدىن ھەيران قالمىساقمۇ بولىدۇ.

    قارلۇق: سىز يۇقىرىدا دۇنيانىڭ ئىلغار مەدەنىيەت، ئەدەبىيات _ سەنئەت نەتىجىلىرىگە بىزنىڭ پاسسىپ ئىنكاسىمىز ھەققىدە زۆرۈر تېپىلغان دائىرىدە سۆزلەپ ئۆتتىڭىز. ئەمدى كونكرېتراق بىر نەرسە دەپ بېرەلەمسىز؟

    ئەسئەت ئەمەت: بىزنىڭ نەشرىيات، مەتبۇئات ساھەلىرىمىزدە ژۇرناللارنىڭ ئەمگەكلىرىنى خېلىلا ئۈنۈملۈك دېيىشكە بولىدۇ. «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2000 _ يىلدىن باشلاپ بازار قوغلىشىشنى توختىتىپ، دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى نامايەندىلەرگە يۈزلەندى ھەم خېلى زور نەتىجىلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلى ھەم ئۇزۇندىن بۇيان دۇنيا نامايەندىلىرىگە سەھىپە ئېچىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭمۇ ئەدەبىياتىمىزغا بولغان تەسىرى خېلى زور بولدى. «تارىم» ژۇرنىلىمۇ يېقىندىن بۇيان ئەسەر سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بىلەن بىرگە نەزىرىنى دۇنيانىڭ ئالاقىدار نەتىجىلىرىگە ئاغدۇرۇۋاتىدۇ. بۇلار بىزنىڭ مەتبۇئاتچىلىقىمىزنىڭ ھەقىقىي ھاياتىي كۈچى. ئەمما بۇ ژۇرناللار ئۆزىنىڭ چەكلىك سەھىپىسىدە ئۇيغۇر يېزىقى ئارقىلىق دۇنياغا يۈزلەنگەن ئوقۇرمەنلەر قوشۇنىنىڭ ئېھتىياجىدىن ٪2مۇ چىقالمايدۇ، بۇ مەسئۇلىيەتنىڭ زور قىسمى بىزنىڭ نەشرىيات ساھەلىرىمىزنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن. نەشرىيات زاۋۇتقا ئوخشىمايدۇ. ئۇلار ئۆز تىرىكچىلىكى، پايدىسى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى مىللىي مەدەنىيەتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئېھتىياجى ئۈچۈن مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. بىز مۇشۇ جەھەتتىن بىزنىڭ نەشرىياتلىرىمىز رولىنى بەك ياخشى جارى قىلدۇرۇۋاتىدۇ دېيەلمەيمىز. خەنزۇلاردا نۇرغۇن نەشرىياتلارنىڭ رولى ئىنتايىن چوڭ. سودا (商务印书馆) نەشرىياتىنى ئالايلى. بۇ نەشرىيات ئۆزىنىڭ بىر ئەسىرگە يېقىن تارىخىدا دۇنيانىڭ ئەڭ ئىلغار نامايەندە ئەسەرلىرىنى -- مەيلى قايسى ساھەنىڭ بولسۇن، بازىرىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر -- نەشر قىلىپ كەلدى. بۇ نەشرىيات جۇڭگو مەدەنىيىتى ساھەسىدىكى بارلىق مۇتەخەسسىسلەرگە يۈزلەنگەن بولۇپ، ئۇلار دۇنيادىكى بىرەر يېڭى، ئىلمىي نەتىجىنى خەنزۇ مەتبۇئاتىغا ئېلىپ كىرىشنىڭ سۈرئىتىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرگەن. دۇنيادىكى نامايەندە ئەسەرلەرنى بايقاش، ئىزاھلاش جەھەتتە زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. بىز كىتابخانىلاردا ئۇلارنىڭ كىتابلىرىنىڭ يىل بويى بېسىلىپ ياتسىمۇ يەنىلا شۇ خىل كىتابلارنى توختىماي نەشر قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرىمىز. ئۇلار قانداق جان باقىدۇ؟ ئۇلار خىزمەتلىرىنى قانداق يۈرۈشتۈرىدۇ؟ بىزنىڭ نەشرىياتلىرىمىز ئۇلارنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئوبدان ئۆرنەك قىلىشى، ئالاقىلىشىپ ئۇلاردىن ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتلەرنى قانداق ئۈستىگە ئېلىشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك. بۇنداق نەشرىياتلار خەنزۇلاردا يەنە كۆپ. شاڭخەي تەرجىمە (上海译文)نەشرىياتى، تەرجىمىلەر نەشرىياتى(译林)، خەلق ئەدەبىياتى(人民文学) نەشرىياتى قاتارلىق نەشرىياتلارمۇ 80 _ يىللاردا ئۆز كەسىپ دائىرىسى ئىچىدە بىز ئۇچۇن مۆجىزە دىگۇدەك نۇرغۇن نەتىجىلەرنى بىمالال ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن. نەشرىياتلار زىيالىيلارنىڭ ئەمگىكىگە ئىنتايىن دانا پۇرسەت بەرگەچكە، زىيالىيلارنىڭ رولى ئەڭ زور ئىمكانىيەتتە جارى بولغان. ئىلىم ساھەسىدە ئەقىل ئىسراپچىلىقىنىڭ ئالدى ئېلىنىپ، ھەربىر بىلىم ئىگىسىنىڭ تىرىشچانلىقى ھەربىر پۇقراغىچە يېتىپ بارغان. خەنزۇلارنىڭ مەتبۇئات ساھەسىدىكى ئۈنۈملۈك ئەمگەكلىرى خەنزۇلارنىڭ ئىلمىيلىكىنى، ئەقلىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرگەن. جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مۆلچەرلىگۈسىز ئىلگىرىلەش ئېلىپ كەلگەن. بىزنىڭ ئەھۋالىمىز بولسا بۇنىڭ ئەكسىچە. خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارغا زۆرۈر ئوقۇشلۇق قىلىپ نەشر قىلىنغان نۇرغۇن كىتابلار بىزنىڭ زىيالىيلىرىمىز، يازغۇچىلىرىمىز ئۈچۈنمۇ چۈشىنىش قىيىن كىتابلاردۇر. دۇنيا مەدەنىيىتى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، ئۇلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى دانا تەڭشەيدىغان زىيالىيلىرىمىزنىڭ ئازلىقى بىزنىڭ بەخىتسىزلىكىمىزدۇر. دۇنيا ئىلىم نەتىجىلىرىنى ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىگە كەڭ تونۇشتۇرۇش نەشرىياتلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى. دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىگە كىرگەن كىتابلار، نامايەندە ئەسەرلەر بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىز ئۈچۈن زىيانلىق دېگۈچىلەر ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنى ئۆزلىرىنىڭ تۆۋەن سەۋىيىلىك ئەسەرلىرىنىڭ خېرىدارىغا ئايلاندۇرۇۋېلىشتىن ئىبارەت يامان نىيەتنى كۆڭلىگە پۈككەنلەردۇر. نامايەندىلەر بىزنىڭ ھازىرقى دۇنياغا نورمال تەپەككۇر بىلەن يۈزلىنىشىمىزگە زور ياردەم بېرىدۇ. ھاياتىي كۈچىمىزنى، ئىززەت ھۆرمىتىمىزنى، رەزىللىكنى چەكلەش ئىقتىدارىمىزنى ئاشۇرىدۇ. لاياقەتسىز كىتابلارنى تىزگىنلەپ، ئۇ كىتابلارغا كەتكەن ئىقتىساد ۋە ۋاقىتنى ئەكسىچە، بىز نەچچە ئون يىللاپ مۇنازىرە قىلىپمۇ ھەل قىلالمىغان، ھەتتا بىزنى قايمۇقتۇرۇپ ئېلىشىپ قېلىش دەرىجىسىگە يەتكۈزگەن، بىزنى بىر- بىرىمىزدىن بەزدۈرۈۋەتكەن نۇرغۇن مۇرەككەپ تۇيۇلغان مەسىلىلەرنى بىر- ئىككى جۈملە بىلەنلا ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىدىغان دۇنيانىڭ نامايەندە ئەسەرلىرىنى ئوقۇشقا تېجەپ قېلىش كېرەك. نەشرىياتلىرىمىزنىڭ دۇنيانىڭ مەدەنىيەت خەزىنىسىگە قارىتا سەزگۈرلۈكى، مىللىي مەدەنىيەتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئېنىق پىلانى بولۇشى زۆرۈر. زىيالىيلىرىمىز دۇنيانىڭ نامايەندە ئەسەرلىرى بىلەن خەلقىمىزنى ئەڭ مۇۋاپىق ئۇسۇلدا، ئەڭ زور ئىمكانىيەتتە ئۇچراشتۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى، بۇنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىشى كېرەك. دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىدە گۆھەر دەپ تەرىپلەنگەن نۇرغۇن ئەسەرلەرنىڭ خەنزۇچە تەرجىمە نۇسخىسىنى بىز بىمالال تاپالايمىز. بىزنىڭ بۇ گۆھەرلەرنى ئۆز خەزىنىمىزگە ئېلىپ كىرىشكە ھېچقانداق بەدەل كەتمەيدۇ. نەشرىياتلىرىمىز كىتاپ ئوقۇغۇچىلار كۈندىن كۈنگە ئازلاپ كىتىۋاتقان رىئاللىقىمىزدا يەنىلا كىتاپتىن ئۈمىدىنى ئۈزمىگەن ئوقۇرمەنلىرىمىزنى لاياقەتسىز، ياكى زۆرۇرىيەتسىز كىتاپلار دۆۋىسىدىن قۇتقۇزۇۋېلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك.
    80- يىللار ۋە 90- يىللارنىڭ باشلىرى ئۇيغۇر نەشرىيات ساھەسى، بولۇپمۇ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، مىللەتلەر نەشرىياتى دۇنيا ئەدەبىيات نامايەندىلىرىدىن شېكىسپىر، سېرۋانتىس، گىيوتى، فىلوبىر، ل. تولستوي، دوستويىۋىسكى، ئا. تولستوي، گوگول، دانىل دىفو، مارك تىۋىن، مۇپاسسان، ۋىكتور ھىيوگو، پۇشكىن، لىرمونتوف، چىخوپ، ئوستىن، ئىملى بىرانتى، بالزاك، سىتندال، ئالفىرد دود، شولوخوپ، تۇرگىنىپ قاتارلىقلارنىڭ نۇرغۇن كىتابلىرىنى نەشر قىلغان. بۇ خىزمەتنى ئىشلىگەن خادىملارنىڭ تۆھپىسىنى كونكرېت باھالاپ چىقىش كېرەك. چۇنكى ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى كېيىنكى ئون يىلغا سېلىشتۇرساق، ھەقىقەتەن مۆجىزە ياراتقان دېيىشكە ئەرزىيدۇ. بۇ ئەسەرلەرنى سىستېمىلىق ھالدا ئومۇميۈزلۈك قايتا نەشر قىلىپ ھازىرقى كىتابخانىلاردا ياخشى ئەسەر ئازلاپ كېتىش بوشلۇقىنى تولۇقلاش كېرەك. گەرچە بۇ ئەسەرلەر 19- ئەسىر ياكى ئۇنىڭدىن بۇرۇن يېزىلغان ئەسەرلەر بولسىمۇ ئۇ كىتابلار تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە تاكى ھازىرغىچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى زۆرۈر ئوقۇشلۇقى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئەۋلادلارنىڭ ساغلام تەپەككۇر ئىقتىدارى يېتىلدۈرۈشى زۆرۈرىيىتىدىن بۇ كىتابلارنىڭ كىتابخانىدىن ئۆكسۈپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. 90- يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىن بىزدە تەرجىمىنىڭ پارلاق دەۋرى ئاخىرلاشتى. بۇ كىشىنى ئىنتايىن ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. 20- ئەسىر ئەدەبىياتىنى تونۇشتۇرۇشقا نۆۋەت كەلمەي، بۇ پارلاق دەۋر ئاخىرلاشتى. ئىدىيە، نەزەرىيە ساھەسىدىكى تەرجىمىچىلىك بولسا تېخىچە باشلانمىدى. ئىشقىلىپ، نەشرىيات ئورۇنلىرى ئۆزلىرىنىڭ نەشرىيات پىلانىنى مىللىي مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئېھتىياجىغا ماسلاشتۇرۇپ تۇرۇشى كېرەك.

    قارلۇق: ئەسەر بازىرىنىڭ ياخشى بولغىنى سۈپىتىنىڭمۇ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرەمدۇ؟

    ئەسئەت ئەمەت: بىر كىتاب بازىرىنىڭ ياخشى ياكى يامان بولۇشى كىتابنىڭ سۈپىتىدىن باشقا، يەنە ئوقۇرمەنلەرنىڭ سەۋىيىسىگىمۇ باغلىق بولۇپ قالىدىغان ئەھۋاللار دائىم بولۇپ تۇرىدۇ. بىز ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ۋە ئوقۇرمەنلىرىنىڭ ئېغىزىدىن بازار بىلەن سۈپەتنى بىر ئورۇنغا قويغان گەپلەرنى كۆپ ئۇچرىتىمىز. دۇنيا ئەدەبىياتى تارىخىدا ئەڭ گىگانت ئەسەر دەپ قارالغان «يولشىس» رومانى كۆپ يىل كاسات بازارغا ئۇچرىغان. نەچچە يىلغىچە مىڭ نۇسخىمۇ سېتىلمىغان. كافكا ئۆز دەۋرىدە ھېچقانچە نوپۇزغا ئېرىشەلمىگەن. ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدىكى يۇقىرى بەدىئىي قىممەت ئۇ دەۋردىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ چۈشىنىشىگە ئېرىشەلمىگەن. دۇنيادىكى نوپۇزلۇق ئوبزورچىلار تەرىپىدىن «ئەدەبىياتقا يېڭى ھاياتىي كۈچ ئېلىپ كەلگەن، ئەدەبىياتنى يۈكسەك پەللىگە كۆتۈرگەن» دەپ تەرىپلەنگەن گارسىيە ماركوز ئەسەرلىرى نۇرغۇن دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئىقتىساد ئاجرىتىپ دۆلىتىگە تونۇشتۇرىدىغان نىشانلىق ئەسەرلەر بولۇپ تۇرۇپمۇ، ھەرقايسى دۆلەت يازغۇچىلىرى، تەتقىقاتچىلىرىنىڭ شۇ قەدەر كۆپ تەشۋىقاتى نەتىجىسىدىمۇ، ئۇ ئەسەرلەرنىڭ 90- يىلىغىچە ئومۇمىي تىراژى 10 مىليونغا ئاران يەتكەن. لېكىن، ئامېرىكىلىق بازارلىق ئەسەر يازغۇچى سىتفىنكىنغا ھېچكىم ئۇنداق ياردەم قىلمىغان. ئەمما، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئومۇمىي تىراژى 200 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن. ئامېرىكىلىق نوپۇزلۇق ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى خارولد بىلوم «سىتفىنكىن ئەسەرلىرى بىلەن <خاررى پوتتىر> نىڭ دۇنياغا يامرىشى دۇنيا مەدەنىيىتى ئۈچۈن زور زەربە» دەيدۇ. ئامېرىكىلىق ئوبزورچى ئانتونىي «بازارلىق ئەسەرلەرنى بەدىئىي ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەش بىر دۆڭنى ھەيكەلتىراچلىق ئۆلچىمى بىلەن ئۆلچىگەندەك ئەخمىقانە ئىش» دەيدۇ. بىزدە ئەسەرنىڭ بەدىئىي قىممىتىگە ۋە بازارلىق ئەسەر بىلەن بەدىئي ئەسەرنىڭ پەرقىگە تېخىچە ئېنىق تونۇش شەكىللەنمىگەچكە، بازار بىلەن سۈپەتنى بىردەك دەپ قارىشىمىز تەبىئىي.

    قارلۇق: ئەدەبىياتىمىزنى بازارغا يۈزلەندۈرۈشتە بىز چەت ئەللەرنىڭ قانداق ئۇسۇل _ چارىلىرىنى ئۆرنەك قىلساق بولىدۇ؟

    ئەسئەت ئەمەت: ئەدەبىياتنى بازارغا يۈزلەندۈرۈش مۇھىم. ئەمما، بازار قوغلىشىش ئەدەبىيات _ سەنئەتنىڭ سۈپىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. چەت ئەل ئەدەبىياتىنىڭ تەجرىبىلىرى نۇقتىسىدىن ياۋروپا، ئامېرىكا كېيىنكى مۇدېرنىزم ئەدەبىياتى مۇدېرنىزم ئەدەبىياتىدىكى ئامما بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان ھالەتنى بۇزۇشقا تىرىشقان ھەم نۇرغۇن مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر بازارلىق بولغان. مەسىلەن: ۋوننىگوتنىڭ «چىمپىيونلارنىڭ ئەتىگەنلىك تامىقى» دىگەندەك. بۇنىڭدا ئاساسەن ئاممىباپ ئەسەرلەرنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلىرىنى قوبۇل قىلىپ ئەسەرنىڭ ئوقۇشچانلىقىنى ئۆستۇرۇش، مۇدىرنىزىملىق ئەسەرلەرنىڭ زىيادە ئابىستىراكىتلىقىدىن ساقلىنىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. بۇ تەجرىبىلەر بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ. بۇ يەردە يازغۇچىلار ئوقۇرمەنلەرنى كۆزدە تۇتقان. لىكىن ئۇلارنى قولغا كەلتۇرۇشنى بىۋاسىتە مەقسەت قىلمىغان. جامائەتنىڭ ئەسەرلەرگە بولغان چۈشەنچىسىنى ئاشۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ ئېستېتىكىسىغا تەسىر كۆرسۇتۇش ھەر ئىككى تەرەپ ئۇچۇن موھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇنىڭدا يازغۇچى چوقۇم تەشەببۇسكار ئورۇندا تۇرۇشى كېرەك.

     

                                  «تەڭرىتاغ»  2006- يىل 4- سان.

    [yultuzay تەستىقلىدى . 2010-6-8 19:51:59]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.