ئابدۇرېھىم سابىت بىلەن سۆھبەت

يوللىغۇچى : musabaitax يوللىغان ۋاقىت : 2008-01-06 15:41:00

تۈنۆگۈن 2008-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى بىز قەشقەر دىكى بىردىنبىر ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئاسپىرانتلار بىر قتىملىق ئەھمىيەتلىك ئىلمى يىغىم قىلدۇق. بەلكىم تورداشلارغا ئايان بولۇشى مۇمكىن ئۇيغۇر كىلاس...

    تۈنۆگۈن 2008-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى بىز قەشقەر دىكى بىردىنبىر ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئاسپىرانتلار بىر قتىملىق ئەھمىيەتلىك ئىلمى يىغىم قىلدۇق. بەلكىم تورداشلارغا ئايان بولۇشى مۇمكىن ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى ھەققىدە تونجى قېتىم سېستىمىلىق گەپ قىلغان ۋە بۇ ھەقتە 4قىسىملىق ئۇيغۇركىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى ناملىق كىتابنى تۈزگەن ئابدۇرېھىم سابىتنى بىلىشى مۇمكىن.
       بىزنىڭ بۇ قېتىملىك سۆھبىتىمىز شۇ زاتنى تۈۋرۈك قىلدى. ئۇ زاتنىڭ تولىمۇ كەمتەر، خۇشخۇي ۋە ھەقىقى بىلگىنگە خاس سالاپىتى بار ئىكەن. ئۇزايىدىن نۇرغۇن مەسىلىلەرگە نىسبەتەن قايتا ئويلىنىش ئېلىپ بېرىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى. ئالدىدا ئولتۇرغان بىر توپ ياشلارغا ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن نۇرغۇن ئىلمىي يوچۇقلار ھەققىدە توختىماي سۆزلەيتتى. قارىماققا ۋاقىتىنىڭ رەھىمسىز چاپقۇنىدىن ھەسرەتلىنىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى. مەن ئەدىبنىڭ شۇ قىياپىتىدىن گويا ئۆزۈمنىڭ كەلگۈسىگە نەزەر سالدىم. قانچە -قانچە ئىشلارنى ئويلاپتىمەن، ماتىرىياللاردىن ئىلمىي ئوزۇقلارنى ئاپتىمەن. ئەمما ئۇدۇلىسى ئىلمىي گىرافىيەمگە تېخى تۇتامغا چىققۇدەك بىر نەرسە ۋۇجۇدقا كەلمەپتۇ. ھالا ياشلىقنىڭ قىران ھاۋاسىدىن نەپەسلىنىپ تۇرۇقلۇق خەلقىمغە ئىرادەمنى بىلدۈرەلمەي يۈرسەم ئەلۋەتتە شۇ زاتنىڭ تەڭتۇشىغا بارغاندا خۇرسىنىش ۋە پۇشايمەندىن باشقىسى ماڭا ھەمرا بولمايدۇدە...
        گېپىمىزگە كەلسەك، ئابدۇرېھىم ئەپەندى بايانلىرىدىن يېڭىلىقلار تۆۋەندىكىچە: .
        1. ئۇيغۇر ئەدەبىيات نەزىرىيىسى ھەققىدىكى تونجى قوللانما خاراكتىرلىك ئەسەرنى 1975-يىلى شۇ زات تۇزگەن ئىكەن.(كېيىنچە بۇ ئەسەرنىڭ يۈتۈپ كېتىشىدە مەرھۇم خەلق(دېھقان) شائىرىمىز روزى سايىت ئەپەندىنىڭ مەسئولىيىتى بار ئىكەن. چۈنكى شائىر ئەينى ۋاقىتتا ئابدۇرېھىم ئەپەندىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بوپتىكەن. ۋەقە كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى كىنوغا چىقىپ كەتكەن ئەھۋالدا باشقىلارنىڭ پۇرسەتپەرەسلىك قىلىشى بىلەن يۈزبەرگەن ئىكەن.) [admin تەستىقلىدى . 2010-2-13 23:11:09]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.