بوۋام يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلەن سۆھبەت

يوللىغۇچى : Nazaket يوللىغان ۋاقىت : 2007-06-16 12:10:00

بوۋام يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلەن سۆھبەت يوللىغۇچى: Wolqanكۆرۈلىشى: 146يوللىغان ۋاقىت: 2007/6/9 13:24 «بىلىك كۇلۇبىدا كۆرۈش» كەچ سائەت 11-دىن ئالتە مىنۇت...ئىلىكتىر لامىپىسى بىلەن كۈندۈزدەك يورىتىلغان ياتاق بىناسى...

    بوۋام يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلەن سۆھبەت

     

    يوللىغۇچى:  Wolqan   كۆرۈلىشى:  146   يوللىغان ۋاقىت:  2007/6/9 13:24   «بىلىك كۇلۇبىدا كۆرۈش»

    كەچ سائەت 11-دىن ئالتە مىنۇت...

    ئىلىكتىر لامىپىسى بىلەن كۈندۈزدەك يورىتىلغان ياتاق بىناسى بىردىنلا جاھالەتكە مەھكۇم بولدى. نۇر، جاھالەت. يەنە نۇر، يەنە جاھالەت بۇئىككى ئاتالغۇ بەلىكىم كىشىلەر تەرىپىدىن مەڭگۈ ئېنىق ئىزاھاتقا ئېرىشىەلمەي ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن.

    دەرەخ شاخلىرىدا تاقلاپ ئويناۋاتقان ھىلال ئاي خياللىرىمغا جۆر بولماقتا ئىدى.

    _ خې يىبىي با(بىر رومكا ئىچىپ قويمامسەن)

    _ ۋو بۇخى( مەن ئىچمەيمەن)

    _ ۋىي شىنما( نىمىشقا)

    _ مۇسىلىڭ رېن بۇخىجىيۇ( مۇسۇلمان ھاراق ئىچمەيدۇ)

    ئۇلار ھەيران قالدى، نېمە ئۈچۈن دەمسىز؟

    _ سىلەر ھاراق ئىچمەمسىلەر؟! دەپ سورىدى ياتاقداشلىرىم.

    _ مۇسۇلمانلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن مەسقىلغۇچى ئىچىملىك ۋە ئىنسان ساغلاملىقىغا زىيانىلىق بولغان ھەرقانداق ئىچىملىك ھارام قىلىنغان دەپ جاۋاپ بەردىم. ئۇنداقتا بىز بۇرۇن كۆرگەن شىنجاڭلىقلارنىڭ ھەممىسى ھاراق ئىچەتتى، تاماكا چېكەتتى ئۇلار مۇسۇلمان ئەمەسمۇ؟ دەپ سوراپ قالدى. ئۇلار ئۆزلىرىنى مۇسۇلمان دەيدۇ، لېكىن تەقۋادار مۇسۇلمانلاردىن ئەمەس دەپ جاۋاپ بەردىم.

     چۈنكى ئاشۇ ھاراق خۇمار قېرىنداشلارنى مۇسۇلمان ئەمەس دىيشىكە مەندە ئاساس يوق ئىدى. ئۇلارنى ھاراق ئىچىش بىلەن مۇسۇلمانلار قاتارىدىن چىقىرىپ تاشلاپ ئۇلارنى يىتىم قالدۇرۇش ئەمەس ، بەلكى ئاشۇ قېرىنداشلىرىمغا ئاللاھتىن ھىدايەت تىلەپ توغرا يولغا قايتۇرۇپ كېلىش مېنىڭ باشتىن ئاخىر تۇتۇپ كېلىۋاتقان يولۇم ئىدى.

    مانا شۇنىڭدىن كېيىن ياتاقداشلىرىممۇ ماڭا ھاراق، تاماكا تەڭلىمەيدىغان ھەمدە بەزى ئىشلاردا تېخىمۇ دىققەت قىلىدىغان بولدى. لېكىن بۇ قىتىمقى قىسىقىغىنا دىئالوگ مېنى ھەردائىم خىياللار قوينىغا باشلاپ كېتەتتى. بۈگۈنمۇ ماتىرىيال ئىزدەۋېتىپ قولۇمغا يۇرتۇمدىن ئالغاچ كەلگەن << قۇتادغۇبىلىك>>نىڭ خەنزۇچىسى چىقىپ قالدى، مۇقاۋدىكى يۈسۈپ بوۋام ماڭا قاراۋاتقاندەك، مەندىن قانداقتۇر سۇئاللارنى سورىماقچىدەك قىلاتتى، ئۇنىڭ كۆزلىردىن بىرخىل ئەپسۇسلىنش ئەكىس ئېتىپ تۇراتتى، مەن ئۇنىڭغا يەنە قاراۋېرىشىتىن خىجىل بولۇپ قالدىم.

    كۆزىتىش، بىلىش، تەھلىل قىلىش، يەكۈن چىقىرىش تەپەككۇرنىڭ ئوخشاش بولمىغان باسقۇچلىرى بولۇپ، بەلكىم بۈگۈن نەچچە ۋاقتتىن بېرى ئويلىغانلىرىم، تەھلىلاتلىرىم، يەكۈنلىرىمنى جەمىلەيدىغان كۈندۇ. ئادەم مېڭىسى ئاللاھنىڭ پۈتكۈل كائىناتقا بەرگەن ئەڭ ئىلغار، ئەڭ مۈكەممەل بولغان نىئىمىتىدۇ.

    ئالىدىمدا تۇرغۇنى ئاپئاق ساقاللىق، ئاپئاق تون كىيگەن، ئاپئاق سەللىسىنى يارشىملىق ئورىۋالغان، نۇرانە سىمالىق بۇ بوۋاي؟؟؟ ھە مەن تونىۋالدىم بۇ بوۋام يۈسۈپ ئىدى.

    _ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم يۈسۈپ بوۋا ،-دەپ چوڭقۇرئىھتىرام بىلدۈردۈم . لېكىن سالىمىم جاۋاپسىز قالدى، بوۋام يۈسۈپ مەندىن يۈزىنى ئۆرىۋالدى، مەن ئايلىنىپ يەنە ئۇنىڭ ئالدىغا باردىم. ئۇ يەنە يۈزىنى ئۆرۋالدى، ئۈچ نەۋبەت مۇشۇنداق تەكرارلاندى، ئاقىبەت بوۋام يۈسۈپتىن سورىدىم .

    _ ئى يۈسۈپ بوۋا نەسەۋەب مەندىن يۈزىڭىزنى ئېلىپ قاچىسىز؟

    _ سەندىن جاھالەتنىڭ مودھىشلىرىنى كۆردۈم، شۇڭلاشقا سەندىن يۈزۈمنى ئۆرىدىم.

    _ نېمە؟ بۇۋا مەن 21- ئەسىردىكى ئۇچۇر دەۋىرىدە، ئىلىم - پەن يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققى قىلغان بىر ئىرادا، يەنە تېخى جوڭگۇنىڭ مەدەنىيەت بۆشىكى بولغان بىيجىڭ شەھرىدە ئىلىم تەھسىل قىلىۋات زىيالىمەن، قانداقسىگە مەندىن جاھالەت مۇدھىشى كەلسۇن؟

    _ ئۇنداقتا ئېيتىپ باق جاھالەت دىگەن نىمە؟

    _ مەرىپەتسىزلىك، ئىلىمسىزلىك، نادانلىق دەپ جاۋاپ بەردىم.

    بوۋام يۈسۈپ قولۇمنى تۇتۇپ؛ خاتالاشتىڭ ئوغلۇم . جاھالەت دېمەك ھەقىقەتسىزلىك . ئىبلىسقا قارا ، ئۇ پۈتكۈل پەرىشتىلەرگە مۇددەرسى بولغان، ئىلىم مەرىپەتتە ئۇنىڭ ئىلىمى دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر ئالىمنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ ئىدى، ئۇ ئاشۇ بىلىمىگە تەمەننە قويۇپ ھەقتىن يۈز ئۆرىدى، شۇنداقلا جاھالەتكە يولىنى تاللدى. ئەگەر ئىنساندىكى ئىلىم ھەقىقەت ئۈستىگە قۇرۇلمايدىكەن، سەندىكى ئۇ ئىلىم ھەرگىزمۇ سېنى جاھالەتتىن قۇتقۇزالمايدۇ، ئەكىسچە سىنى جاھالەت پاتقىقىغا تېخىمۇ پاتقۇزىۋىتىدۇ.

    بوۋام يۈسۈپ مەندىن يەنە سورىدى.

    _ سەن ئۆزۈڭنى 21- ئەسىردىكى ئۇچۇر دەۋىردىكى زىيالي دەپ تەرىپلىدىڭ، ئۇنداقتا ئىيتىپ باق زىيالى ئۇقۇمىنى قانداق چۈشۈنەرمىز، ئۇنىڭ جەمىيەتتە توتقان ئورنى قانداق بولىدۇ، ھەمدە رولىچۇ؟

    - زىيالى دىمەك ئىلىم ئەھلىلىرى دىمەك، ئۇلارنىڭ جەمىيەتتىكى ئورنى ئادەتتىكى ئاممىدىن يۇقىرى بولۇپ ئاممىغا باشلامچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ئۆز دائىرسىدىكى ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن ياخشى چىقىش ، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ باشلامچىلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش،- دەپ جاۋاب بەردىم.

    ئۇنداقتا سەن زىيالىلارنىڭ ۋەزىپىسنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بايان ئەيلە؟

    _ مەن سەل ئىككىلىنىپ قالدىم، چۈنكى مەن بۇتوغۇرلۇق ئويلانغان بولساممۇ ھازىرقى جەمىيەتتىكى زىيالى قاتلىمى مىنىڭ نەزىرىمدىكى ھېلىقى ۋەزىپىنى ئۆتەش ئۇقىمىدىن خېلى يىراقتا ئىدى، بوۋام يۈسۈپكە قارىدىم، ھەمدە ،-ئى بوۋا يول كۆرسەتكەيسز دىدىم - ،مەن.

    _ زىيالىي دىمەك ئالدى بىلەن ھەقىقەت ئەھلىلىرى بولۇشى كىرەك،( بۇ دەۋىردە تېخىمۇ شۇنداق) ئاشۇ ھەقىقەت ئۈستىگە قۇرۇلغان مول بىلىمگە، ئىلىم - مەرىپەتكە، ئۇچۇرلىشىش دەۋىردە تەرەققىياتقا ماسلىشىش ئىددىيسىگە ئىگە ئىلىم ئەھلىلىرى دىمەكتۇر . ئۇلارنىڭ مىللەت ئىچىدىكى ۋەزىپىسى ئۈممەتكە باش بولۇش، ئۇلارنى يىتەكلەش، توغرا يولغا باشلاش ، جاھالەت قوينىدىن تارتىپ چىقىرىش. ئۈممەتنىڭ دەردىگە داۋا ئىزدەش، ھەمدە ئۇنى مۇۋاپىق ئۇسۇل بويىچە داۋالاش ، شۇنداقلا نادانلىق، خوراپاتلىق، بىدئەت كۆز قاراشلاردىن قۇتۇلۇش ، ھەمدە مىللەتنى شۇ قاراشلاردىن قۇتقۇزۇش. قىسقىسى مىللەتنى جاھالەتتىن قۇتقۇزۇش. ئاراڭلاردىن نۇرغۇن ئالىم، پەيلاسوپلار، يازغۇچى، شائىرلار، جەميىەتشوناسلار، مائارىپ شوناسلار، كارخانچىلار چىقتى، بۇ بىر مىللەت ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى باشلىنىش. لېكىن ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى خەلىققە باش بولۇپ ئۇلارنىڭ دەردىگە داۋائىزدىمەكتە يوق، جاھالەتكە باشچىلاپ كىرىپ كىتىپ بارىدۇ، ياكى ھەقىقەتتىن يىراقلاپ كىتىپ بارىدۇ.

    _ نېمە ئارىمىزدىكى شۇنچە دوكتۇر، ئالىملىرىمىزمۇ جاھالەت ئىچىدىمۇ؟

    _ دوكتۇر دىمەك پەقەت ئوقوشۇڭغا بېرىلگەن دەرىجە ئۇنۋانى، سېنىڭ مەلۇم ساھەدە خېلى يۇقىرى دەرىجىدە ئىلىم تەلەپ قىلغانلىقىڭنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ، ھەرگىزمۇ سېنىڭ ھەقىقەتكە ئىگە ئىكەنلىكىڭنى ئىپادىلەپ بەرمەيدۇ.

    _ ئۇنداقتا ئالىم دىگەن نىمە؟- دەپ سورىدى بوۋام يۈسۈپ.

    _ ئالىم دىمەكلىك مەلۇم ساھەدە پىشىپ يېتىلگەن ، شۇ كەسپتە تۈرۈتكىلىك رول ئوينىغان ئىلىم ئەھلىلىرى.

    _ خاتالاشتىڭ ئوغلۇم، ئالىم دىمەك بىلگەن ھەربىر ھەققەتكە ئەمەل قىلماغلىق.

    ماڭا چۈشەندۇردى: ھازىر ئەتراپڭغا نەزەر سال، ئانا يۇرتۇڭنى كۈزەت سەن زىيالي دىگەن شۇ بىر تۈركۈم ئۈممەتنىڭ ھالىغا قارا! ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھەقىقەتنى چۈشۈنۈپ ئۆز ھەركىتى، تۇرمۇشى، ئىش پائالىيەتلىرى، تەتقىقاتلىرى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرگەنلىرىمۇ خېلى بار، لىكىن ئومۇمىيلىققتا يەنىلا ناھايىتى ئازسالماقىنى ئىگەللەيدۇ. قالغان ئاشۇ بىر تۈركۈم ئۈممەت ھەرخىل سورۇنلاردا، ئۆز تەتقىقاتلىرىدا، دەرىس مۇنبەرلىرىدە بىزنىڭ ئارىمىزدىن يۈسۈپ خاس ھاجىپتەك ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر، ئالىم چىققان دەپ پەخىرلىنىدۇ. ھەتتا كىتابىم << قۇتادغۇبىلىك>> تىن نەقىللەر كەلتۈرشىدۇ. لىكىن ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۇلارنىڭ ئىچىدە زادى قانداق مەزمۇننىڭ بارلىقىنى، ھەتتا ئۇنىڭ نىمە ئۈچۈن يېزىلغانلىقىنى بىلەيدۇ، ھەم ئۇ توغرىسىدا ئويلانمايدۇ. ئې ئوغلۇم مەن ئۇشبۇ كىتابىنى سىلەرنىڭ ماختىنىشڭلار ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئەمەلىي تۇرمۇشۇڭلاردا ئەمەل قىلىشڭىلار ئۈچۈن قالدۇرغان ئىدىم.

    ئۇلارنىڭ ئەھۋالىغا قارا :ھەقتىن يىراقلىشىش، ئىنسان بىلەن ياراتقۇچى، ئىنسان بىلەن جەمىئيەت، ئىنسان بىلەن كائىنات ئوتتورسىدىكى مۇناسىۋەتتە چىرىكلىشىش، ئۇلاردا ئېغىر دەرىجدىكى ئەخلاقى بۇزۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ھازىر يۈز بېرىۋاتقان ئاشۇ كىرزىسلارنىڭ تۈپ سەۋەبىياتى دەل مۇشۇ مۇناسىۋەتلەرنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالمىغانلىقڭلاردا ، ھەمدە مۇشۇ مۇناسىۋەتلەر بەلگىلەنگەن ھەق يولدىن چەتنىگەنلىكىدە.

    ئۇلارنىڭ ئەھۋالىغا قارا: ھاراق ئىچىش، تاماكا چىكىش، ئەيشى - ئىشرەتكە بىرلىش، ناخشا - ئۇسسۇلغا مەستۇ مۇغەررەق بولۇش، مال دۇنيانى دوسىت تۇتۇش، ئەمەل مەنسەپكە بېرىلىش قاتارلىق چۈشكۈن ئىددىيەلەر ئۇلار ئارسىدا كەڭ ئالقىشقا ئېرىشتى. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسىملىرى بۇخىل چىركىندىلەرگە قارشى تۇردىغانلىقى، مىللەتنىڭ بۇخىل ئەھۋالدىن قۇتۇلۇش كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتسىمۇ ، لېكىن قانداق قۇتۇلشنڭ يولىنى تاپالمىدى، ياكى قۇتۇلۇشنى ھەق يولدىن ئىزلىمدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ بۇ قۇتۇلۇش يوللىرى ئۈنۈمسىز قالدى. ياكى كىشىلەرنىڭ ئۇخىل چۈشكۈن روھىغا ھىچ تەسىرسىتىپ ھەركەتكە ئايلاندۇرالمدى. ئۇلار بەزىلىرى مىنىڭ كىتاۋىم ئارقىلىق قۇتۇلۇش يوللىرىنى ئىزدەشكە ئۇرۇندى، لىكىن ئۇلارمىنىڭ ئۇكىتاپنى قانداق ئۇسلۇپتا، نىمە مەقسەتتە ، نىمە ئاساسىدا يازغانلىقىمنى چۈشەنمىگەنلىكى، ياكى چۈشەنگەن بولسىمۇ ئۆزلىرىنىڭ رەزىل مەخسەتلىرىگە خىزمەت قىلدۇرماقىچى بولغانلىقى ئۈچۈن بۇمۇ ئۈنۈمىنى كۆرسىتەلمدى.

    ئۇلارنىڭ ئەھۋالىغا قارا: ھاراق ئىچىپ ئولتۇرۇپ مىنىڭ كىتابىم ھەققىدە ماخىتىنىشىدۇ، بىزنىڭ مىللەتتىن مۇنداق ئالىم چىققانھەي دەپ ئۆزلىرىچە مىنىڭ ئۇشبۇ كىتاۋىنى تاردائىردە چەكلەپ قويىشىدۇ. مەن ئۇكىتاپنى قانداقتۇر مەلۇم مىللەت ئۈچۈن ئەمەس، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ھەق يولغا توغرائەگىشىشى ئۈچۈن يازغان ئىدىم. ھەتتا ئۇلار ئۆزلىرى كۆككە كۆتۈرگەن مىنىڭ كىتاۋىم < قۇتادغۇبىلىك> ككىمۇ ھەقىقى ئەمەل قىلمايدۇ. چۈنكى مەن كىتاۋىمدا ھاراقنى مىڭ خىل گۇناھنىڭ ئانىسى دەپ يازغان ئىدىم، ھەمدە بۇ ئىشتىن چەكىلىگەن ئىدىم. نىمە ئۈچۈن ئۇلارغا ئەمەل قىلمايسىلەر؟

    ئۇلارنىڭ ھالىغا قارا: نۇرغۇن يازغۇچى، پەيلاسوپلار، ئالىملىرىڭلار ھەقىقەتنىڭ نىمىلكىنى بىلىدۇ، ھەتتا ئۇلار ئۆز ئەسەرلىرىدە سىلەرنىڭ بىر كىرزىس ئىچىدە تۇرىۋاتقانلىقىنىمۇ قەيىت قىلدى. سىلەردىكى ئالىي مەكتەپ ئوقوغۇچىلاردىن تاكى جەمىيەتتىكى ئەڭ يۇقىرى قاتلامدىكى زىيالىلىرىڭلارغىچە مىللەت توغرىسىدا بەسبەستە مۇنازىرلەر قىلىشىسىلەر، مىللەتنىڭ كىيىنلىكى ھەققىدە ئىچىڭلارنى ئاچچىق قىلىسىلەر، ئاراڭلاردىكى نۇرغۇن ئىللەتلەرنى تارتىپ چىقىرىپ ئۇلارنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى ھەققىدە تەلقىنلەرنى قىلىسلەر، ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن بۇ كىرزىسىتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئەمەلىي ھەركەتكە ئۆتمەيسىلەر؟ سىلەرنىڭ كۈنلەپ تەلقىنلەرنى قىلغىنىڭلاردىن ئۆزىڭدىكى ئەڭ كىچىك بىركەمچىللىكىنى، مىللىتىنىڭ يۈزىگە داغ كەلتۈردىغان ھەرقاندق بىر كىچىك ئىشنى تەرىك ئىتىشىڭ ئەڭ ئاقىلانىلىق ئىدى.

    ئەي ئوغلۇم نەسىيھىتىمگە قۇلاق سال! مەن ساڭا ھەق يولنى كۆرسىتەي ، سەن كىتاۋىم << قۇتادغۇبىلىك>> نى ھەققى چۈشەن، ئۇنى تەتقىق قىلىپلا قالماي ئۇنىڭغا ئەمەل قىل! ئۇنىڭدا سىلەر ماڭماقچى بولغان يول بار. سىلەرنىڭ ، مېنىڭ شۇنداقلا پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ھىدايەتچىسىگە، بۇۋاڭلار سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ئەگەشكەن، بوۋاڭلار يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەگەشكەن، بۇۋاڭلار مەھمۇد قەشقىرى ئەگەشكەن، بوۋاڭلار ئابدۇقادىر داموللا ئەگەشكەن، ئەجدادىڭلار ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ، مەمتىئىلى ئەپەندى ئەگەشكەن يولغا مېڭىڭلار شۇندا يولۇڭلاردىن ئازمايسىلەر. بو يول سىلەرنىڭ بىردىن بىر چىقىش يولىڭلار!

    ئي ئوغلۇم بۇ يول شۇنداق بىر يول. بۇ سىلەرنىڭلا ئەمەس، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ چىقىش يولى، ئەمىنلىك يولى. بۇ يولدا مېڭىش ئۈنچىلىك ئاسان ئەمەس، ھەقىقەت بەئەينى لاۋىلداپ تۇرغان ۋولقان، يالقۇنجاپ تۇرغان ئوت. پەقەت ئۇنى كۆيۈشتىن قورىقمىغانلارلا تۇتالايدۇ، سەن بۇئارقىلىق ئۆز روھىڭنى پاكلىغىن، روھىڭ ناباب ھالەتتە 100 مىڭ پارچە كىتاپ يازغان تەقدىردىمۇ ، ئۇ باشقىلارنى توغرا يولغا باشلىيالمايدۇ. بۇنىڭدىن كىيىنكى ۋەزىپەڭ ھەرگىزمۇ قەغەز يۈزىدە يىزىپ قويۇش بىلەن كامالەت تاپمايدۇ، ئۆزۈڭدىن باشلاپ تۈزەت ، ئۆزۈڭنى ھەقىقەتكە ماسلاشتۇر، ئەگەر ھەقىقەت ئىنسانلارنىڭ نەپسى خاھىشىغا بويسۇنسا ئىدى، دۇنيا پىتنى - پاساتقا توشۇپ كەتكەن بولاتتى. ئى ئوغلۇم سەن قەۋمىڭدىكى ئاشۇ زىيالىلىرىغا ئېيىت ئەمدى ئۇلار ئۆز نەپسىنى ( ھوقوق - مەنپەت، نام -ئابروي، يىمە -ئىچمەك ، ئەيشى- ئىشرەت) تۈزەتسۇن، بىدئەت، خوراپاتلىقنى تاشلىسۇن، جاھالەت بىلەن خوشلاسسۇن، يىزىش، سۆزلەش ، بەس مۇنازىرلەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن ئۆزى، ئۆز ئائىلىسى، ئۇرۇق تۇققانلىرى، يارۇ دوس بۇرادەرلىرىنى ئەمەلىي ھەركىتى ئارقىلىق تۈزەتسۇن. ئەگەر كىتاپ ئارقىلىق ئىنسان تۈزىلىدىغان ئىش بولسا ئىدى، سىلەر يولدىن ئازمىغان بولاتتىڭلار، بۇ كىرزىسقا مۇپتىلا بولمىغان بولاتتىڭلار. چۈنكى سىلەرگە مىڭ يىللار ئىلگىرى ھەق يول كۆرسىتىلگەن كىتاپ بېرىلگەن ئىدى. ئەگەر كىتاپ ئارقىلىق ئىنسانلار ئۆزگىرىدىغان بولسا ئىدى دىيارىمىزدىكى يازغۇچىلار، پەيلاسوپلار، ئەدىبلەر يازغان كىتاپ ئارقىلق سىلەر دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار قەۋىملەردىن بولار ئىدىڭلار. ئەگەر ھەقىقەت قەغەز يۈزىدىلا ئېيتىلىپ قەلىپتىن ئۇرۇن ئالمىسا، ئىنسان ھەركىتىگە تەسىر كۆرسەتمىسە ئۇنداقتا ئۇلارنى قانداقمۇ ھەقىقەت ھەقدارلىرى دىيەلەيمىز؟ شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر قەلىبىڭلار، تىلىڭلار، ئەمەلىي ھەركىتىڭلار ئارقىلىق ھەقىقەتنىڭ ھەقىقى ھەقدارلىرى، سەمەرلىردىن بولۇڭلار. ئەگەر مۇشۇ ئۈچتىن بىرى كەم بولىدىكەن سىلەر بۇ كىرزىسىتىن مەڭگۈ، مەڭگۈ، مەڭگۈ قۇتۇلالمايسىلەر، بۇ سىلەرنىڭ كىرزىستىن قۇتۇلۇشىڭلاردىكى بىردىن بىر يول.

    ئىي ئوغلۇم بار قەۋىمىڭغا ئېيىت، بۇلارنى قەۋىمىڭغا يەتكۈز! ئەگەر سەن بۇلارنى قەۋىمىڭگە يەتكۈزمەيدىكەنسەن سەن بىر نابان ئىنسانسەن. قەۋىمىڭغا ئېيىت ئۇلار ھەر بىر ئىشنى ئۆزىدىن ئەڭ كىچىك ئىشلاردىن ، ئەتراپىدىكىلەردىن باشلىسۇن! بۇيولدا چۈشەنگۈچىلەر ئۈچۈن قىلچىلىكمۇ ( قىلنىڭ ئىغىرلىقىدا) ئىغرچىلىق، جاپا يوق. سىلەر دەل شۇ ۋاقىتتا يولباشچىمىزغا، بوۋاڭلار سۇلتان سۇتۇققا، مەن بولمىش يۈسۈپ خاس ھاجىپقا، مەھمۇد قەشقىرىگە، ئابدۇقادىر داموللىغا، مۇھەممەدئىلى ئەپەندىگە، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرغا يۈزكېلەلەيسىلەر.

    بار ئوغلۇم بۇلارنى قەۋىمڭغا يەتكۈز، ئەگەر بۇ ئامانەتكە خىيانەت قىلىدىكەنسەن سەن بىر نابان ئىسانسەن. بار ئوغلۇم بار، قەۋىمىڭغا يەتكۇز! !!بارئوغلۇم قەۋىمىڭغا يەتكۈز، بار ئوغلۇم بار قەۋىمىڭغايەتكۈز !!بار ئوغلۇم بار قەۋىمىڭغا يەتكۈز !!! بوۋام يۈسۈپنىڭ ئاۋازى ئاستا ئاستا پەسىيىشكە باشلىدى، جۇلالىنىپ تۇرغان سىماسىمۇ ئاستا سۇسلىماقتا ئىدى، ئۇنىڭ ئاۋازى ئاڭلانمىدى، سىماسىمۇ ئاستا - ئاستا يوقدى.

    چۆچۈپ ئويغۇنۇپ كەتتىم يىنىمىدا ئاخشامكى قۇتادغۇبىلىك تۇراتتى. دەرەخ شاخلىرىدا خەندان ئۇرىۋاتقان قۇشلارنىڭ يېقىملىق سايراشلىرى قاراڭغۇ زۇلمەتتىن ئايرىلىپ چىققان تاڭ سۈبھىسىدىن دالالەت بېرىۋاتاتتى. بوۋام يۈسۈپ ئەمدىلىكتە ماڭا كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ماڭا بولغان زور ئىشەنچنى كۆرگەنتىم.

    _ خاتىرجەم بولۇڭ بوۋا مەن چوقۇم يەتكۈزىمەن ، دېدىم ئۆز ئۆزۈمگە. ھەمدە كارۋاتتىن ئاستا چۈشۈپ چۈگۈننى قولۇمغا ئالدىم....

    شەھىرى بىيجىڭ 1- ئىيون

     

    مەنبە: بىلىك تورى

    ئىزاھات : بۇ ھەر بىر كىشى ئوقۇپ قويۇشقا تېگىشلىك بىر تېما ئىكەن ، شۇ سەۋەبتىن بۇ تېمىنى ئەينى يوللىغۇچى ۋە يوللىغان ۋاقىتلىرى بىلەن مۇنبەرگە يوللاپ قويدۇم .   

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق