يىلتىزىمنى ئۇنتۇپ قالمىدىم

يوللىغۇچى : aixa يوللىغان ۋاقىت : 2009-04-03 18:47:00

يىلتىزىمنى ئۇنتۇپ قالمىدىمئەدھەم ئىبراھىم (شائىر ئادىل تۇنىياز، ئابلىكىم ھەسەن قاتارلىقلار بىلەن شئېرىيەت ھەققىدە سۆھبەت)ۋاقتى: 2006-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى كېچە ئورنى: قەدىمىي يۇرت غۇلجا ئەدىھەم ئىب...

    يىلتىزىمنى ئۇنتۇپ قالمىدىم
    ئەدھەم ئىبراھىم


    (شائىر ئادىل تۇنىياز، ئابلىكىم ھەسەن قاتارلىقلار بىلەن شئېرىيەت ھەققىدە سۆھبەت)
    ۋاقتى: 2006-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى كېچە
    ئورنى: قەدىمىي يۇرت غۇلجا ئەدىھەم ئىبراھىم خانىسى
    قاتناشقۇچىلار: ئادىل تۇنىياز، ئابلىكىم ھەسەن، ئەسەت ئابدۇرىشىت، ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم، خالمۇرات قېيۇمبەگ، ئەدىھەم ئىبراھىم، مەمەتجان ساۋۇت، سۇلتانمۇرات قۇربان

        توققۇزتارا ناھىيىسىدىكى قەلەمدىشىم ئەنۋەر نەسىردىن، ئابلىكىم ھەسەن قاتارلىق مېھمانلارنىڭ غۇلجىدىن «قاينۇق قەدىمىي شەھىرىگە سەپەر» قىلغانلىقىدىن خەۋەر تاپشۇرىۋالدىم، مېھمانلار 5-ماي چۈشتىن كىيىن سائەت 4لەر ئەتراپىدا يېتىپ چىقتى. بىز سالاملىشىپ بىر پىيالىدىن چاي ئىچكەندىن كىيىن، قەدىمىي يۇرت قاينۇقنىڭ كوچا-كويلىرىنى ئايلانماقچى بولۇپ ئۆيدىن سىرتقا چىقتۇق. بىز قىزغىن پاراڭلار بىلەن يېشىللىققا پۈركەنگەن قەدىمىي باغ ۋى كوچىلارغا قاراپ يول ئالدۇق، يازغۇچى ئەسئەت ئابدۇرىشىت بىلەن ئابلىكىم ھەسەنلەرنىڭ بىزنى كۈلدۈرۈپ قىلغان پاراڭ-چاقچاقلىرى قىزىقارلىق ھەم يېقىشلىق ئىدى. فوتوگراف خالمۇرات قېيۇمبەگ بولسا ئۇلارنىڭ پاراڭلىرىغا ئارىلاپ قوشۇق سېلىپ بۇ ئىككى تونۇرنى قوچوپ تېخىمۇ يالقۇنجىتىۋىتەتتى. شائىر ئادىل تۇنىيازنىڭ چوڭقۇر مەنىلىك پارڭلىرى بىزنى تۈگىمەس ئوي خىياللار قوينىغا باشلايتتى، بىز ئۆز-ئارا تۇتىشىپ كەتكەن باغلاردىن قەدىمىي كوچىلارغا، ئەگرى كوچىلاردىن دۆڭلىكتىكى بېنەملىككە چىقىپ قەدىمىي ئىزلارغا نەزەر تاشلىدۇق.
    ئالدىمىزدىكى ھەيۋەت دىلمۇك تاغلىرى بىزنى چىللاۋاتقاندەك قۇچىقىنى كەڭ ئېچىپ بۈركۈتتەك قەددىنى كەرگەن ھالدا بىزگە قاراپ كۈلۈمسىرىمەكتە ئىدى، كۈ پېتىش تەرەپتە دەرەخلەر ئارىسىدا پېتىش ئالدىدا تۇرغان ئوتقاش قۇياش خۇددى ئۇياتچان قىزدەك قىزارغىنىچە نازلىق جىلۋىلىنىپ تۇراتتى. بېنەملىك قىرلىرىدا غۇچچىدە ئېچىلىپ كەتكەن كاككۇك گۈللىرى مەيىن شامالدا يېنىك يەلپۈنۈپ، بىزگە سالام بېرىۋاتقاندەك قىلسا، قاياقتىندۇر كەلگەن مۇڭلۇق كاككۇك كۈيى بىزنى جۇنۇنلۇق كۈي قوينىغا باشلاۋاتاتتى. بېنەملىك ۋە پەستىكى باغلاردا زوق-شوخى بىلەن سايراۋاتقان تورغاي ۋە خۇشناۋا بۇلبۇل كۈيلىرى جانغا-جان قوشۇلغاندەك قانلىرىمىزنى ئۇرغۇتۇپ، شائېرلارغا بولۇپمۇ ئېلى دىيارىغا تۇنجى كەلگەن ياش شائىر ئادىل تۇنىياز قەلبىگە پۈتمەس-تۈگىمەس ئىلھام بۇلاقلىرىنى چەچمە قىلىپ چېچىۋاتقاندەك ئىدى. قىسقىسى بۈگۈنكى تەبىئەت شائېرلار ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئېسىل نېمەتلىرىنى سېخىيلىك بىلەن قوش قوللاپ سۇنماقتا ئىدى.
    بىز دۆڭدىن يىلان باغىر يوللار ئارقىلىق پەسكە چۈشۈپ يەنە بىر قىسىم ئائىلىلەرنى زىيارەت قىلغاچ كۈن ئولتۇرۇشى بىلەن قايتىپ كەلدۇق.
    ئادىل تۇنىيازنىڭ ئىلى دىيارىغا كېلىپ قالغىنىغا ھەپتە بولۇپ قالغانىدى، غۇلجا شەھىرى، تېكەس، توققۇزتارا، جىلىليۈزى، چاپچال قاتارلىق شەھەر-ناھىيەلەرنىڭ يېزا-قىشلاقلاردىكى قەدىمىي ئىزلارغا ئايلىنىش، زىيارەت قىلىش جەريانىدا ئۇنىڭغا ھاردۇق يەتكەنلىكى بەرھەق بولسىمۇ ئەمما ئۇ يەنىلا شۇنچە تېتىك كۆرۈنەتتى، بىز تاماقتىن كىيىن چاي ئىچكەچ شئېرىيەت ھەققىدىكى سۆھبىتىمىزنى رەسمىي باشلىۋەتتۇق.
    ئەدھەم ئىبراھىم:
    ئالدى بىلەن ئېزىز دوستلارنىڭ قەدىمىي دىيار قاينۇققا قەدەم باسقىنىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. ئابلىكىم ئاداش، مېنى يېقىن كۆرۈپ چاقىرىپمۇ ئېلىپ چىقالمايدىغان ئۆيۈمگە ئېلىپ چىققىنىڭغا رەھمەت. بۇ مەن ئۈچۈن كاتتا خاتىرە ۋە ئىلھام. ئەسلى مىھمانلارنىڭ شەرىپىگە يەرلىك پاراڭچى، قىزىقچىلارنى، سازەندە-ناخشىچىلارنى يىغىپ سورۇن راستلاپ بېرەي دېگەنىدىم، بىراق ئايرىم مۇڭدىشايلى دەپ پىكىرىمگە قوشۇلمىدىڭلار، شۇنداق بولسىمۇ بۇ ئاددىي سورۇندا چاي ئىچكەچ يۈرەكتىكى پارڭلىرىمىزنى قىلىشىۋالايلى. شۇڭا گەپنى ئابلىكىم سەن باشلاپ بەرگىن.
    ئابلىكىم ھەسەن: نەچچە كۈندىن بېرى شەھەر ناھىيىلەرنى ئايلاندۇق. ئادىلنىڭ غۇلجىغا تۇنجى قېتىم كېلىشى بولغاچقا كۆپرەك قەدىمىي يۇرت-مەھەللىلەردە بولدۇق. بۈگۈن قەدىمىي يۇرت قاينۇققا چىقىشىمىزدىكى مەقسەت: بىرىنچىدىن يۇرتۇڭنىڭ قەدىمىي ئىزلىرىنى كۆرۈپ ئۆتۈ بولسا، ئىككىنچىدىن موبارەك ئائىلەڭنى يوقلاپ بىر پىيالىدىن چېيىڭنى ئىچىپ قايتماقچى بولدۇق. بىراق يۇرتۇڭنىڭ ئۆزگىچە پۇرۇقى، ساپ ھاۋالىق باغلىرى، چاڭىلداپ سايراۋاتقان بۇلبۇللىرى، خۇشپۇراق گۈللىرى، مېھرىبان ئادەملىرى، قىسقىسى، ئىسسىق مېھرى بىزنى بىر كېچە قونۇپ قېلىشقا مەجبۇر قىلدى. شۇڭا ئازادە ئولتۇرۇپ، كۆڭۈلدىكى گەپلەرنى دېيىشىۋالايلى، سورايدىغىنىڭلار بولسا ئادىلدىن كۆپرەك سوراۋىرىڭلار.
    ئەدىھەم ئىبراھىم:
    ئادىل «چۈمبەلدىكى كۆز»، «پەيغەمبەر دىيارىدا كېچىلەر» ناملىق ئىككى كىتابنى شەخسىي مەبلىغىڭىز بىلەن چىقىرىپسىز، بۇ كىتاپلارنىڭ جەمئىيەتتىكى تەسىرى ۋە بازىرى قانداق بولدى؟
    ئادىل تۇنىياز:
    شۇنداق، بۇ توپلاملارنى ئۆزۈم مەبلەغ سېلىپ نەشىر قىلدۇردۇم. توپلاملارنىڭ جەمئىيەتتىكى تەسىرىمۇ ياخشى، بازىرىمۇ ئىتتىك بولدى. بىراق ئۆزۈمگە ئاز-تولا ئاۋارىچىلىقمۇ تېپىپ ئالدىم. كىتاپ پۇلى نەقلەشمىگەن ئەھۋاللارمۇ بولدى، ھازىر بۇ تەرەپتە ئاز-تولا پىشىپمۇ قالدىم. يەنى بازارغا، سودىغا ئەھمىيەت بېرىدىغان بولدۇم. شۇڭا بۇ قېتىم نەشىر قىلىنغان 400بەتلىك «دېڭىزدىكى كوچا» ناملىق شئېرلار توپلىمىمنى چىقىرىشتا كىتاپ سودىگەرلىرى بىلەن بېۋاستە كېلىشتىم، بۇنىڭدا ئۆزۈم ساتىدىغان، ئۇياق-بۇياققا يۈگۈرەيدىغان ئىش يوق.
    ئەدىھەم ئىبراھىم:
    ئادىل  شئېر ھەققىدىكى قاراشلىرىڭىزنى ئاڭلاپ باقساق؟
    مەن شئېرنى شۇنداق ئۇلۇغ بىلىمەن. بۇ مېنىڭ شئىرغا بولغان چەكسىز مۇھەببەت ۋە ھۆرمىتىمدىن بولسا كېرەك، ئادەتتە مەن شئىرنى بەكلا ياخشى دىكلىماتسىيە قىلالايمەن، بىراق شئېرنىڭ ئۇلۇغلىقىدىن سورۇن ئولتۇرۇشلاردا ئۇنى ئوقۇشتىن قورقىمەن. ھاراق سورۇنلىرىدا تېخىمۇ شۇنداق. ئادەتتە بۇنداق سورۇنلاردا ئۆزۈممۇ ئولتۇرمايمەن، شئېر يېزىش تەڭرى شائېرغا بەرگەن يۈرۈش. شۇڭا شائېر ھەۋەسكارلارنى سورۇنمۇ-سورۇن شئېر ئوقۇپ، شئېرنىڭ كۇرسىنى چۈشۈرىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىققا دەۋەت قىلىمەن. بەزى كالتە پەم يازغۇچىلىرىمىز ئەسەرلىرىدە شائىر ۋە شئېرنى كەمسىتىدىغان، شئېرنىڭ شەنىگە داغ كەلتۈرىدىغان نەرسىلەرنى يېزىپ قويدى، بۇ شئېرغا قىلىنغان ھاقارەت. شئېر ئۇ پاكىز قەلىبتىن تۇغۇلغان پاك نەرسە. شۇڭا ئۇنى ئالدى بىلەن ئۆزىمىز قەدىرلىشىمىز، سۆيۈشىمىز كېرەك. مەن شئېر ئۈچۈن ئۆزۈمنى بېغىشلىغان. شئېرلىرىمنىڭ يىلتىزى خەلقىم.
    مەن شئېر سۆيگۈچى، ھەممە شئېرلىرىم ئۆزۈمگە سۆيۈملۈك، ھەممە شئېرىمنى ياخشى كۆرىمەن. يەنە بىر گەپ، بىزنىڭ ئالدىنقى بىر ئەۋلاد شائېر، يازغۇچىلىرىمىز يۇرتۋازلىق،مەنمەنچىلىك، بىر-بىرىنى كۆرەلمەسلىكتەك ئىللەتلەردىن خالىي بولالماي بىر-بىرىنى سېسىتىپ كەلدى. ھازىرمۇ بۇ ئەھۋال قىسمەن مەۋجۈت، بۇنداق ئىشلار ئۇلار بىلەنلا كەتسۇن، بۇ شائىر-يازغۇچىلارنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەس، شۇڭا ياشلارغا دەيدىغىنىم ئەدەبىيات-سەنئەت قوشۇنىمىزدا ئۆز-ئارا ئۇيۇشقاق، ئىناق-ئىتتىپاق بولغان ياخشى مۇھىت شەكىللەندۈرۈشنى بۇرچ ۋە ئەقىدە قىلساق.
    ئەدىھەم ئىبراھىم:
    ئادىل، ھازىر جەمئىيەتتە بىر قىسىم ئوقۇرمەنلەر ئادىل تۇنىياز ئىلگىرىكى ئادىل تۇنىياز بولماي قالدى. «سۆيۈپ قالسام سېنى ناۋادا»،«بويتاق شائېرنىڭ مەخپىيىتى» دېگەن توپلاملىرىدىكىدەك تۈز لىنىيىدىكى ساددا شئېرلار يوقاپ، ھازىر يېزىۋاتقان شئېرلىرى سىرلىقلىشىپ، گۇڭگالىشىپ كېتىۋاتىدۇ. قارىغاندا بشقىچە يول تۇتتىمۇ قانداق؟ دېيىشىۋاتىدۇ. بۇ توغرىسىدا ئاز-تولا بىر نېمە دەپ بەرسىڭىز؟
    ئادىل تۇنىياز:
    بولىدۇ، جەمئىيەتتە ئادىل تۇنىيازلار كۆپىيىپ كەتكەنلىكتىن، ھەقىقىي ئادىل تۇنىيازنىڭ كىيىم يەڭگۈشلىشىگە، شەكلىنى ئۆزگەرتىشىگە توغرا كەلدى. شائىر بولغانىكەن ئىزدىنىشى، ئىزدىنىش ئىچىدە يېڭىلىق يارىتىشى كېرەك. مېنىڭ دەسلەپكى شئېرلىرىم ئوماق بوۋاققا ئوخشايدۇ. ئوماق بوۋاققا ھەممە كىشىنىڭ ئامراقلىقى كېلىدۇ. بىراق بوۋاق، بوۋاق پېتى تۇرىۋەرمەيدۇ. ئۇ بالا بولۇشى، چوڭ بولۇشى، ئەقىل تېپىشى يەنە ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولۇشى كېرەك. بوۋاق چوڭايغاندا ئۇنى ھەممە كىشىنىڭ سۆيۈشى ناتايىن. مېنىڭ شئېرلىرىممۇ ئۆز مەۋجۇتلىقىمغا، ھاياتىمغا ئوخشايدۇ. دەسلەپكى شئېرلىرىم بىر پارچە رەسىمنىڭ تاشقى كۆرۈنىشى بولسا، ھازىر مەن ئۇ رەسىمنىڭ ئىچىدىكىسىنى، ئىچكى ماھىيىتىنى يېزىۋاتىمەن. ئۇ مەنا سەپىرى، شۇڭا شائىر ئۆزىنى توختىماي يېڭىلاپ تۇرۇشى، شئېر ئىشىكلىرىنى توختىماي ئېچىپ كىرەلىشى كېرەك. شئېر ئىشىكلىرى ئېچىلغانسىرى شائىر شۇنچە پىشىپ يېتىلىشى ۋە يازغانلىرىمۇ شۇنچە پۇت دەسسەپ تۇرالىشى مۇمكىن. دەسلەپكى شئېرلىرىم شۇ چاغدا ئوقۇرمەنلەرگە يېڭىچە، سىرلىق تۇيۇلغان ئىدى. ھازىر بولسا سىر يېشىلىپ كونا نەرسىگە ئايلاندى،ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ھازىرقى شېئرلىرىممۇ ئوقۇرمەنلەرگە شۇنداق تۇيۇلۇشى مۇمكىن. ھېچقانداق سىرلىق ئەمەس، ئوقۇرمەنلەر ئۇنىڭغا سىرلىق نەزەردە قاراپ ئۆزى سىرلىقلاشتۇرىۋالغان گەپ. ئاددي كۆزى بىلەن رىئاللىق بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، مىسرامۇ مىسرا ئوقۇسا، ھوزۇرلىنالىسا مەن ئۈچۈن شۇنىڭ ئۆزى كۇپايە.
    ئەدىھەم ئىبراھىم:
    ئادىل، ئادەتتە ھازىرقى يازغۇچى، شائىرلىرىمىزنىڭ نېمىنى يېزىشى، قانداق يېزىشى ھەققىدە ئويلىنامسىز؟
    ئادىل تۇنىياز:
    بىزنىڭ يازغۇچى شائىرلىرىمىز توختىماي داۋاملىق يېزىپ تۇرۇشى كېرەك. داۋاملىق ئىزچىل ھالدا يېزىقچىلىق  بىلەن شۇغۇللانغاندا نېمىنى يېزىش، قانداق يېزىش كېرەكلىكى ئۆزلىكىدىن ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. شئېرىيەت سىياسىغا، پەلسەپەگە ئارلىشىۋالماسلىقى كېرەك. بىراق شئېر پەلسەپە يارىتالايدۇ، ئىلى ئاپتورلىرىدا يېزىقچىلىقتا ھورۇنلۇق قىلىش ئەھۋالى ئېغىرراق ئىكەن. بۇ تارانچىلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى بولسا كېرەك (چاقچاق). بىر نەچچە پارچە ئەسەرنى ئېلان قىلىپ قويۇپ، بىر مەزگىل يوقاپ كېتىدىكەنسىلەر، بىراق ياخشى يازىدىكەنسىلەر، جەنۇبتىكى شائىر-يازغۇچىلارغا سېلىشتۇرغاندا سىلەرنىڭ يازغىنىڭلار بەك ئاز، ئۈرۈمچىدىكى ھەرقايسى گېزىت-ژۇرناللارغا كېلىدىغان ئەسەرلەر ئىچىدە جەنۇپنىڭ %80-%90 نى ئىگەللەيدىكەن، بەزى شائېر ھەۋەسكارلار ھەپتىسىگە 10نەچچە پارچىدىن شئېرنى ئەۋەتىپ تۇرىدىكەن، سىلەر بولساڭلار ئاي يىللاردا بىر ئىككى قېتىم ئەۋەتىپ قويىدىكەنسىلەر، بىراق ئەۋەتكەن ئەسىرىڭلار پارقىراپ تۇرغاچقا ئىشلىتىلىشى يەنىلا ياخشى ئىكان، بۇ جەھەتتە سىلەردىن شاۋكەت ئىبراھىمنىڭ تىرىشچانلىق روھى ياخشى ئىكەن. ئۇ ئىزچىل تۈردە كۆپ يازىدىكەن، بەزى كۈنلىرى ئون نەچچە شئېر يېزىۋىتەلەيدىكەن، ئىزچىل يېزىپ تۇرغاندا قەلەم پىشىپ يېتىلىدۇ، شۇنداقلا ياخشى نەرسىلەر چىقىشى مۇمكىن.
    ئەدىھەم ئىبراھىم: ئادىل، بىر قىسىم ئاپتۇرلار سىزنى ئەرەپ دۆلەتلىرىگە چىقىپ كەلگەندىن كىيىن شائېرنىڭ ئەدەبىي مۇھىتىدا ئۆزگىرىش بولدى، يەنى، «ئەرەبلەرنىڭ سۆڭىكى» دېگەندەك ئەرەب تۇرمۇشى سۈرەتلەنگەن شئېرلارنى كۆپلەپ يېزىپ كەتتى، شائىرنىڭ قەلىمى ئۇيغۇر تۇرمۇشىدىن يىراقلاپ كەتتىمۇ-قانداق؟ دېيىشىۋاتىدۇ. يەنە سىزگە ئاتاپ ئەكرەم ئابدۇمىجىت:
    قولۇلە ئوينىدىڭ بىر چاغ، قولۇڭدىن سەدەپ چىقتى،
    قاراپ قەشقەرگە ئۇھ تارتتىڭ، شېئرلار ھەسسىلەپ چىقتى.
    ئەجەپ ئاشكارىلىغان بويتاقلىقىڭدا مەخپىيەتلىكنى،
    بېشىڭنى ئوڭلىماق بىرلە شېئىرڭدىن ئەرەب چىقتى.
    دېگەندەك روبائىيلارنىمۇ يازدى. سىز بۇنىڭغا قانداق قاريسىز؟
    ئادىل تۇنىياز:
    ئۆزۈم چەتئەلدە بولساممۇ، مېنىڭ يىلتىزىم يەنىلا ۋەتىنىمدە، ئۆزۈم ئەرەب دۆلەتلىرىدە يۈرسەممۇ يۈرىكىمدىن خەلقىم، ۋە ۋەتىنىم ھەر چاغ ئايرىلمىدى. خەلقىمنىڭ خوشاللىقى ۋە مۇڭلىرى ماڭا ھەمراھ بولۇپ كەلدى. ئۇ ۋاقىتتا يازغان شېئىرلىرىمدا بۇ تەرەپنى يوق دەپ ھېچكىم ئېيتالمايدۇ، ئەرەبلەر تۇمۇشىنى يازساممۇ ئۆزۈمنىڭ يىلتىزىنى ئۇنتۇپ قالمىدىم. بەلكى بۇ يىلتىزىمنى شئېرلىرىمغا سىڭدۈرۈپ كەلدىم، ئۇنداق دېگۈچىلەر شئېرلىرىم ئىچىگە چوڭقۇر كىرەلمەپتۇ، ئۇلار ياخشىراق ئوقۇپ باقسا مېنىڭ كىم ئۈچۈن، نېمە ئۈچۈن شئېر يېزىۋاتقانلىقىمنى بىلگەن بولاتتى. مېنىڭ ئۇلارغا دەيدىغىنىم: شائىر ئۆزىگە ئۆز كۆزىدە، شۇنداقلا باشقىلارنىڭ كۆزىدىمۇ قاراشنى بىلىشى كېرەك.
    ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم:
    ئادىلكا، ھازىر جەمئىيەتتە بىر قىسىملار بىزدە شائىر كۆپ، يېزىلىۋاتقان شئېرلارمۇ كۆپ، بىراق تىرناقتا توختىغۇدەك، ئاچقان يەرگە بارىدىغان شئېرلار ئازلاپ كەتتى دېيىشىۋاتىدۇ. شۇنىڭغا قارىغاندا جەمئىيىتىمىزدە شئېر سىراش ئەھۋالى يۈز بېرىۋاتامدۇ-قانداق؟
    ئادىل تۇنىياز:
    ھازىر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە شائېر كۆپ دېگەنگە ئىشەنمەيمەن. نوپۇسىمىزغا نىسبەتلەشتۈرگەندە ھازىرقى سانىمىز بەكلا ئاز، مېنىڭچە شائىرلىرىمىز تېخىمۇ كۆپىيىشى، شئېرلىرىمىز كۆپلەپ يېزىلىشى كېرەك. بىزدە ياخشى شئېرلار يەنىلا بازار تېپىۋاتىدۇ، ياخشى يازىدىغانلار يەنىلا ئالقىشلىنىۋاتىدۇ، بىراق بىر قىسىم تەھرىر، مۇھەررىرلەر تەھرىرلىك ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتماي، يىقىن يورۇقلىرىغا، يۇرتلىقلىرىغا ئېغىپ كېتىۋاتقانلىقتىن ياخشى ئەسەرلەر بېسىلىپ قېلىۋاتىدۇ، بەزى شائىر ھەۋەسكارلاردا تەنقىدچىلىك، شۇئارۋازلىق، ئۇقۇملاشتۇرۇش ئەھۋاللىرى ئېغىر. ئۇلار يۈزەكى ھالدا ئەھمىيەتسىز نەرسىلەرگە قەلەم تەۋرىتىپ، شئېر ئىچىگە چوڭقۇر كىرەلمەيۋاتىدۇ. قىسقىسى ئۇقۇرمەننى ئالداۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن ئوقۇرمەنلەرمۇ قايمۇقۇپ شئېرغا گۇمانىي نەزەردە قارايدىغان بولۇپ قالدى، يۇقارقى ئەھۋاللارنىڭ جەمئىيەتتە شئېر سىراش ھادىسىسىنى پەيدا قىلىشى تەبئىي ئەھۋال، يەنە جەمئىيىتىمىزدە شائېرلىرىمىزغا قارىتا: شئېر يېزىشتىن باشقا ئىش قولىدىن كەلمەيدۇ. بىر ۋېنتىسى كەم دېگەندەك توغرا بولمىغان قاراشلارمۇ مەجۈت، شۇڭا مەن شئېر ئارقىلىق ھەم ئىجتىمائىي ھەم ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمەن.
    ئەدىھەم ئىراھىم: ئادىل، ئۇيغۇر شئېرىيىتىمىزنىڭ ھازىرقى سەۋىيىسى كىشىنى سۆيۈندۈرىدۇ. ياخشى شئېرلار كۆپلەپ يېزىلىۋاتىدۇ، بىراق بىر قىسىم شائىر ھەۋەسكارلاردا تەنقىدچىلىك، مەدھىيۋازلىق ئەھۋاللىرى ئېغىر بولماقتا. مەن شئېرىيىتىمىزنى ئومۇمىي سەۋىيىسى جەھەتتە ھازىرقى دۇنيا شئېرىيىتى بىلەن قېلىشمايدۇ دەپ قارايمەن. چەتئەل تىپىك شائېرلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا بىزنىڭ شئېرىيىتىمىز دۇنيانىڭ ھازىرقى سەۋىيىسىدىن ئۈستۈن. ھازىرقى ئامىرىكا شئېرىيىتىنى مىسالغا ئالساق، ئۇلارنىڭ يېزىۋاتقىنى ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمىغان شەخىسنىڭ سىدام تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن ۋاي دەپ كەتكۈچىلىكى يوق ئەسەرلەر، ئەگەر بىزنىڭ شئېرلىرىمىز كۆپلەپ چەتئەل ئەدەبىيات مۇنبىرىدە ئېلان قىلىنسا، دۇنيانىڭ دېققىتىنى قوزغىيالايدۇ دەپ قارايمەن.
    ئابلىكىم ھەسەن:
    تەقلىدىي شئېرلارنى كۆرسەم بەكلا ئېچىم پۇشىدۇ، بۇ ئەھۋال ئىجتىمائىي تېمىدىكى شئېرلاردىلا ئەمەس، بەلكى بالىلار شېئرلىرىدىمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ. بەزىلەر تەقلىد قىلىپلا قالماي، مېنىڭ ۋە زامادىننىڭ بەزىبىر مىسرالىرىمىزنى قىلچە تەپتارتماي شۇ پېتى كۆچۈرۈپ، ئۆزىنىڭ قىلىشىۋاتىدۇ. بۇ توغرا يول ئەمەس، شائېرنى ئۆلتۈرىدىغىنى دەل تەنقىدچىلىك.
    ئەدىھەم ئىبراھىم:
    ئابلىكىم، سەن شئېرىيەت ھەققىدە چوڭقۇر نەزەرىيىۋى بىلىمگە ۋە تەجرىبىگە ئىگە شائىر. شۇڭا شئېرىيەت ھەققىدە چوڭراق ھەجىمدىكى نەزەرىيىۋى ماقالە يېزىپ بېقىشنى ئويلىشىپ باقتىڭمۇ؟
     ئابلىكىم ھەسەن:
    ياق بۇ ھەقتە ئالدىراپ بىر نېمە دېگۈم يوق، ئالدىراپ يېزىپ قويغان بىلەن ۋاقتى كەلگەندە ئۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالىساڭ، يازغانلىرىڭغا مەسئول بولالىساڭ بولىدۇ. بىز ئۆزىمىزگە شۇنداقلا شئېرىمىزغا قاتتىق مەسئول بولىشىمىز كېرەك.
    ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم: ئابلىكىمكا، ھازىر ئىجادىيىتىڭىزنى سىنايدىغان بىر باسقۇچ بولۇپ قالدى. شئېرلار توپلىمىڭىزدىن بىرنى چىقارسىڭىز ياخشى بولاتتى. بۇ ئۆزىڭىزگىمۇ بىر ئەينەك، ھەۋەسكارلارغىمۇ بىر ئۆرنەك بولاتتىمىكىن؟
    ئابلىكىم ھەسەن:
    دېگەنلىرىڭنىڭ ئاساسى بار. ئۆزۈممۇ شۇنداق قارايمەن، ھازىر قولۇمدا بىر نەچچە ئىشلار بار، ئۆزۈممۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتىم، كېلەر يىللىرى بىر گەپ بولۇپ قالار.
    ئەدىھەم ئىبراھىم:
    ئابلىكىم، سېنىڭ ئېلى دەرياسى ژورنىلىنىڭ 97-يىللىق3-سانىدا ئېلان قىلىنغان «تېنىم ئاۋازىم» ناملىق شئېرىڭ ياخشى يېزىلغان شئېر. بۇ شئېرىڭنىڭ يېزىلىش جەريانىنى سۆزلەپ بەرسەڭ؟
    ئابلىكىم ھەسەن:
    مەن ئۆزۈمنى شئېرىيەت جەھەتتە بالدۇر يېتىلدىممىكىن دەپ قارايمەن. شئېرلىرىم باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدىلا ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان. شئېرلىرىمنى ئۆيدىكىلەرگە، قولۇم-قوشنىلارغا ئوقۇپ بەرسەم، دادامنىڭ بۇرادەرلىرى ماڭا كەمتەر بول، كۆيۈمچان بول دەپ، ياخشى ئادەم بولۇش ھەققىدە ساۋاتلارنى بېرىپ كېتىدىغان، قەلەم ھەققىمگە ئۆيگە قوغۇن-تاۋۇز ئېلىپ كىرسەم دادا-ئاپاملار خوشال بولۇپ، داۋاملىق ياز بالام، شئېر يازساڭ پۇل بېرىدىكەن، بۇمۇ ياخشى ئىش ئىكەن ئەمەسمۇ دېيىشىپ، شئېرىمنى ئەمەس بەلكى مېنى ماختاپ كېتىدىغان. مەن ئۇ چاغلاردا ئۇلارنى شئېرنى بىلمەيدۇ، چۈشەنمەيدۇ دېگەن قاراشتا ئىدىم. 97-يىلى چوڭ ھەدەم كېسەل سەۋەبىدىن ئۈرۈمچىدە بالنىستا يېتىپ قالدى. ئۇ ئانىمىزغا ياندىشىپ كىچىكىدىنلا ئانىلىق رولىنى ئالغان، جاپايىمىزنى كۆپ تارتقان پەرىشتە سۈپەت ھەدە ئىدى. ھەدەم دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كىيىن ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈپ بەرمەكچى بولدۇق. تۇغۇلغان كۈن ئولتۇرۇشى سائەت 4 تە باشلىناتتى. ئاپام ھەدەمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە ئاتاپ بىر شئېر يېزىپ بېرىشىمنى ئېيتتى. ئۇ چاغدا ئولتۇرۇش باشلىنىدىغاندا ئىككى سائەتلا ۋاقىت قالغان بولۇپ، بۇ توغۇرلۇق مەندە ھېچقانداق تەييارلىق يوق ئىدى. نېمىنى يازىمەن، قانداق يازىمەن، دېگەن خىيال بىلەن بىر ھازا ئولتۇرۇپ كەتتىم، كىيىن ھەدەمنىڭ بىزنى بېقىش داۋامىدا تارتقان جاپالىرى بىر-بىرلەپ كۆز ئالدىمغا كېلىپ، شئېر مىسرالىرى ككز ياشلىرىم بىلەن قوشۇلۇپ قەغەز يۈزىگە خۇددى مارجاندەك تىزىلىشقا باشلىدى، خىيالىمغا نېمە كەلسە شۇنى يېزىۋەردىم، شۇنداق قىلىپ «تېنىم ئاۋازىم» پۈتۈپ چىقتى.
    تۇغۇلغان كۈن ئولتۇرۇشى باشلاندى، ئالدى بىلەن چوڭلار بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى تەبرىك سۆزى قىلدى. ئۆچىرەت ماڭا كەلگەندە شئېرىمنى ئوقۇدۇم. قېرىنداشلىرىم يىغلاپ تۆكۈلۈپ كېتىشتى. شئېرىمنىڭ ئۇلارغا بۇنداق چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىغىنىنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن. ئۆزۈممۇ بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتىم، ئەسلى ئۇلارمۇ شئېرنى بىلىدىكەن، چۈشىنىدىكەن ئەمەسمۇ. شئېرىم «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلىدا ئىلان قىلىنغاندىن كىيىن ياخشى ئىنكاسلارنى ئاڭلىدىم، شائېر ئابدۇقادىر جالالىدىن بىلەن بىر قېتىم ھەمسۆھبەت بولۇپ قالغاندا ئۇمۇ بۇ شئېرىمغا ياخشى باھالارنى بېرىپ كەتتى. شۇ چاغدا ئۇ «كىشىلەر مېنى پەيلاسوپ ياكى تەتقىقاتچى دېمەي، شائېر دېسىكەن دېگۈم كېلىدۇ» دېگەنىدى.
    ئادىل تۇنىياز:
    ئابدۇقادىركام بۇ گەپنى ساڭا قاچان قىلغان؟
    ئابلىكىم ھەسەن:
    «تېنىم ئاۋازى» ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن 97-يىلىغۇ دەيمەن.
    ئادىل تۇنىياز:
    يېقىندا ماڭىمۇ شۇنداق دېگەن. ئۇ يەنىلا شۇ قاراشتا ئىكەن-دە، شۇنداق، شئېر ئۇلۇغ نەرسە، شۇڭا ھەممىمىز شئېرنى سۆيىمىز ۋە سۆيىشىمىز كېرەك.
    ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم:
    ئابلىكىمكا، سىز بالىلار ئەسەرلىرى بولامدۇ ياكى ئىجتىمائىي تېمىدىكى ئەسەرلەر بولامدۇ خېلىلا كۈچەۋاتىسىز، بىراق يازغانلىرىڭىز بولۇپمۇ شئېرلىرىڭىز ھەجىم جەھەتتىن قىسقىراق تۇيۇلىدۇ. بۇ جەھەتتە چوڭراق ھەجىمدىكى شئېر ياكى داستاندەك بىر نېمە يېزىشنى ئويلاشتىڭىزمۇ؟
    ئابلىكىم ھەسەن:
    ئۆتكەندىمۇ مۇشۇ ھەقتە دېگەن ئىدىڭ، مېنىڭمۇ شۇنداقراق بىرنېمە يېزىش ئويۇم بار. ھازىر «ئىلى دەرياسىدىن ئۆتۈش» ناملىق شئېرىم ئۈستىدە ئىشلەۋاتىمەن. سەن دېگەندەك بۇ بىر داستان بولۇپ قالىدىغاندەك تۇرىدۇ.
    سورۇندا يەنە ئادىل تۇنىيازنىڭ «قەشقەردىكى يەر شارى» ناملىق داستانىنىڭ بىر بۆلىكى، ئابلىكىم ھەسەننىڭ «تېنىم ئاۋازىم»، زامانىدىن پاكزاتنىڭ «يىڭناغۇچ قانىتى»، «مۇناجەت»، غوجىمۇھەممەت مۇھەممەتنىڭ «دۇتارچى ئايال»، دولقۇن روزىنىڭ «سۈزۈك-سۈزۈك تاڭلىرىمنىڭ پەرىشتىسى سىز»، ئالىمجان ئوبۇلقاسىمنىڭ«ئىشقىم»، ئەيبۇ ياقۇپنىڭ«ئۇ بىر ئايدىڭ كېچە ئىدى»، ئەدىھەم ئىبراھىمنىڭ« ئاققان يەر» قاتارلىق شېئىرلىرى ئۇقۇلۇپ، بۇلار توغرىسىدا قىزغىن مۇلاھىزىلەر بولۇندى.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.