مۇنداقمۇ قىزلىرىمىز بار

يوللىغۇچى : nepret يوللىغان ۋاقىت : 2013-11-03 19:51:14

بەزىلىرى چەت ئەللەرگە چىقىپ ئوقۇش ئارزۇسىدا بېيجىڭدا ھەر قايسى دۆلەتلەرگە پاسپورت ئېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىخانىلىرىدا ۋىزا ئالالمايۋاتقان ھالىتىنى كۆرسەم بەكمۇ ئۆرتىنىپ كېتىمەن.

    مۇنداقمۇ قىزلىرىمىز بار

    سۆھبەت ئۇيۇشتۇرغۇچى: ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىم        
              
    شەھەرنىڭ قانچە چوڭىدا ياشىغان ئادەم رىقابەتنىڭ شۇنچىلىك كەسكىن ، تۇرمۇش رېتىمىنىڭ شۇنچىلىك تېز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدىغانلىقى ئېنىق. بېيجىڭ دۇنياغا داڭلىق خەلقئارالىق چوڭ شەھەر، ئېلىمىزنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت مەركىزى. يېقىنىقى يىللاردىن بۇيان، مانا مۇشۇنداق بىر چوڭ شەھەردە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىن باشقا، دۇنياغا داڭلىق زامانىۋى كارخانىلاردا ئىشلەۋاتقان ، ئۆزى كارخانا قۇرۇپ، رىقابەتكە تولغان بازار ئىگىلىكى شارائىتىدا سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى ناھايىتى تېز كۆپەيدى. ئۇلارنىڭ بۇ نەتىجىسى ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ تىرىشچانلىقىدىن كەلگەن. بېيجىڭ لەنرۇي خەلقئارا كۆرگەزمە چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى، بېيجىڭ ‹‹ ئائىلە گۆھىرى ›› مۇلازىمەتچىلىك شىركىتى خەلقئارا بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى رەشىدە خەمىتنى مۇشەققەتلەرگە تىز پۈكمەي تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق نەتىجە قازنغان ئۈلگىلىك ياشلىرىمىزنىڭ بىرى دېيىشكە بولىدۇ. مەن 2012- يىلى نويابىرنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى رەشىدە خەمىتنى زىيارەت قىلدىم.                                                                    
    ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىم :  ئالدى بىلەن زىيارىتىمنى قۇبۇل قىلغانلىقىڭىزغا رەھمەت ئېيتىمەن. سىزنىڭ باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ بېيجىڭدا لەنرۇي خەلقئارا كۆرگەزمە چەكلىك شىركىتى يەنە ‹‹ ئائىلە گۆھىرى ›› ناملىق شىركەت قۇرۇپ ، ئېلىمىزنىڭ چەت ئەللەردە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا خادىملىرى ۋە باشقا مىللەتلەرگە يۇقىرى كەسپىي سەۋىيەدىكى ئائىلە مۇلازىمەتچىلىكى سەھنىسى ھازىرلاپ كېلىۋاتقانلىقىڭىزنى ئاڭلاپ ، ئۆگىنىش ۋە خىزمەت ھاياتىڭىزنى ئوقۇرمەنلەرگە تۇنۇشتۇرۇش مەقسىتىدە پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپتىمىز . ئۆزىڭىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىڭىز ۋە قانداق بولۇپ بېيجىڭدا خىزمەت قىلغانلىقىڭىز ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز .            
    رەشىدە خەمىت:  بولىدۇ، رەھمەت. مەن قورغاس ناھىيەسىدە بىر زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان . دادام ناھىيەلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىدە، ئانام ناھىيەلىك پوچتىخانىدا ئىشلەيتتى. مەن باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى قورغاس نەھىيەسىدە تاماملىغاندىن كېيىن، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد كەسپىدە ئوقۇدۇم.  ئىقتىساد كەسپىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، دەسلىپىدە فىرانسىيەنىڭ جۇڭگوغا مەبلەغ سالغان بىر چوڭ خەلقئارالىق شىركىتىدە مۇئاۋىن باش دىرېكتورى بولۇپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولدۇم. ھازىر بېيجىڭدا ‹‹ ئائىلە گۆھىرى ›› ناملىق شىركەتنىڭ خەلقئارا بۆلۈمىدە دىرېكتور بولۇپ ئىشلەۋاتىمەن.                                                                                       
    ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىم : ‹‹ ئائىلە گۆھىرى ›› ناملىق بۇ شىركەت قاچان قۇرۇلدى، سىز نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر شىركەت قۇرۇش خىيالىغا كېلىپ قالدىڭىز ؟ بۇ شىركەت ئاساسلىقى قانداق مۇلازىمەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ ؟                                                                                      
    رەشىدە خەمىت:  ‹‹ ئائىلە گۆھىرى ›› دېگەن بۇ شىركەت 2011- يىلى 7- ئايدا قۇرۇلدى. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى مەن باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ لەنرۇي خەلقئارا كۆرگەزمە شىركىتى ئاچقان، ئۇنىڭغىمۇ نەچچە يىللار بولۇپ قالدى. ‹‹ ئائىلە گۆھىرى ›› ناملىق شىركەتكە كەلسەك شىركىتىمىز مۇلازىمەتنى ئاساس قىلغان، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر تۈزۈمىدىكى ئائىلە مۇلازىمەتچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر كەسپىي شىركەت. مېنىڭ ۋەزىپەم چەت ئەللەرگە ئوقۇغۇچى ئەۋەتىش ۋە چەت ئەلگە چىقىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيىلەش ، ھەر قايسى ئەللەرنىڭ ئېلىمىزدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرى ۋە چەت ئەل كارخانىلىرىغا مۇلازىمەتچى خادىملارنى تەربىيىلەپ بېرىش ۋە ئۇلارغا تەقسىملەپ بېرىشتىن ئىبارەت. ئۇنىڭدىن باشقا دۆلەت ئىچىگە يۇقىرى سەۋىيەدىكى مۇلازىمەتچى خادىملارنى تەربىيىلەپ بېرىشتىن ئىبارەت. شىركەتنىڭ باش لىدىرى ۋاڭ جىڭبو ئەپەندى مېنىڭ سەككىز يىللىق شېرىكىم ھەم مېنىڭ خىزمەتلىرىمنى تولۇق چۈشىنىدىغان دوستۇم. ئۇنىڭ ماڭا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىغا مۇنداق ئىككى نەرسە سەۋەبچى بولدى دەپ قارايمەن . بىرسى مېنىڭ ئارتۇقچىلىقىم، يەنە بىرسى مېنىڭ مۇناسىۋەت چەمبىرىكىم. ھازىر بۇ شىركەتنىڭ خەلقئارا بۆلۈمىگە مەن مەسئۇل. ۋاڭ جىڭبو ئەپەندى مېنىڭ شىركەتنىڭ ئىشلىرىنى يۈرۈشتۈرۈش ، چەت ئەللىكلەر بىلەن مۇناسىۋەت قىلىش جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن ئارتۇقچىلىقىمنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈن شىركەتنىڭ %10 پاي چېكىنى ماڭا سوۋغا قىلدى. بۇ شىركەتتە %30 پاي چېكىم بار، بۇنىڭ %10 ىنى ۋاڭ جىڭبو ئەپەندى ماڭا سوۋغا قىلغان.                                                                
    مەن مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن چەت ئەل شىركەتلىرىدە ئۇزاق مەزگىل ئىشلەش ۋە ئۇلارنىڭ خىزمەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىش شۇنىڭدەك چەت ئەلنىڭ نۇرغۇن كارخانىلىرىنىڭ ئىقتىساسلىقلىرى بىلەن كەسپىي جەھەتتە ھەمكارلىشىش نەتىجىسىدە ئۆزۈم بىر شىركەت ئېچىپ باقايچۇ، دېگەن ئويغا كېلىپ قالدىم. چۈنكى، مېنىڭ فىرانسىيە، ئاۋسترىيە ، گېرمانىيە، تۈركىيە، ماراكەش، تۇنىس، پورتۇگالىيە، ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى چوڭ خەلقئارالىق شىركەتلەر بىلەن سودا ئالاقەم بار، مۇناسىۋىتىم ياخشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كارخانا باشقۇرۇش جەھەتلەردە خېلى تەجرىبىگە ئىگە ئىدىم. يەنە بىر جەھەتتىن ئىنگلز تىلى سەۋىيەم ياخشى بولغانلىقتىن خىزمەتلىرىمگە نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى، چەت ئەل كارخانىلىرىدا چوڭ پائالىيەتلەرگە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئېلىمىزدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى، كونسۇل، دىپلوماتلىرى، كارخانىچىلىرى كېلىپ قاتناشتى. مانا مۇشۇنداق بىر سەھنە مېنىڭ كەسپىي ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە جەھەتتىكى ئىقتىدارىمنى يەنىمۇ ئۆستۈردى، دېسەم ھەرگىز ئارتۇق كەتمەيدۇ. ئاخىرىدا ‹‹ مۇشۇنداق بىر بايلىق، مۇشۇنداق بىر سەھنە يېنىمدا تۇرسا مەن نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭدىن پايدىلانمايمەن، نېمە ئۈچۈن ئۆزۈمنى تەرەققىي قىلدۇرمايمەن ›› دېگەن ئويغا كەلدىم. شۇنىڭ بىلەن سىز كۆرۈپ تۇرغان بۇ شىركەتنى باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ قۇردۇم. ھازىر مەن باشقۇرىۋاتقان ‹‹ ئائىلە گۆھىرى ›› دېگەن بۇ شىركەتتە 200 نەچچە ئادەم ئىشلەيدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە 34 باشقۇرغۇچى خادىم بار. ئۇنىڭدىن باشقا ئالدىنقى سەپتە 200 دىن ئارتۇق ئادەم خىزمەت قىلىدۇ. خەنزۇلاردىن باشقا يەنە 16 چەت ئەللىكمۇ بار. ھەممىسى ياۋروپالىق. ھەممىسى ئىقتىساد پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغانلار.                                             
    ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىم :   سىز يۇقىرىدا شىركىتىمىز يۇقىرى دەرىجىدىكى ئائىلە مۇلازىمەتچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىركەت، دېدىڭىز. سىز دەۋاتقان بۇ خىل ئائىلە مۇلازىمەتچىلىكى قانداق مۇلازىمەتنى كۆرسىتىدۇ؟  بۇنى تەپسىلىي سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز.                                                                                      
    رەشىدە خەمىت :  بولىدۇ. بىز دەۋاتقان ئائىلە مۇلازىمەتچىلىكى قانداقتۇر بالا بېقىش، چوڭلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، ئۆي تازىلاش قاتارلىق ئادەتتىكى مۇلازىمەتچىلىكنى كۆرسەتمەيدۇ. بىزنىڭ شىركەت ئائىلە كەسپىگە مۇناسىۋەتلىك خادىملارنى سىستېمىلىق تەربىيەلەيدىغان، چەت ئەلنىڭ ئەلچىخانىلىرىدا، كارخانىلىرىدا ئىشلەۋاتقانلارنىڭ ئائىلىسىگە كېرەكلىك ئائىلە مۇلازىمەتچىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ بېرىدىغان ھەم ئائىلە مۇلازىمەتچىلىكى بىلەن تەمىنلەيدىغان شىركەت ھېسابلىنىدۇ. ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت دائىرىسى، مەزمۇنى ئەنئەنىۋى ئائىلە مۇلازىمەتچىلىكىدىن ھالقىپ كەتكەن. ئۇلار يۇقىرى دەرىجىلىك مۇلازىمەتچى خادىملار، شىركىتىمىزدە چەت ئەللىك خادىملارمۇ مۇئەييەن سالماقنى ئىگىلەيدۇ. شىركەتنىڭ ئىشچى ـ خىزمەتچىلىرى كەسپىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن. تولۇق كۇرس كەسپىنى، بالىلار پېداگوگىكا كەسپىنى پۈتكۈزگەنلەرمۇ بار. ئىش ئورنىدىن قېلىپ قايتا ئىشقا ئورۇنلاشقانلارمۇ بار. مەن مۇشۇ شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ھەم بۇ شىركەتنىڭ پايچىكى. ئىشچى ـ خىزمەتلەرنىڭ مائاشى 5000  يۈەندىن ئاشىدۇ، بەزىلىرىنىڭ ھەتتا 6000 يۈەندىن ئاشىدۇ. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئالىي مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرس كەسپىنى پۈتكۈزگەنلەر. بېيجىڭدا خىزمەت ۋە تۇرمۇش تۈپەيلىدىن تۇرۇۋاتقان چەت ئەللىكلەر خېلى بار. مۇشۇنداق چەت ئەللىكلەرنىڭ ئائىلىسىگە چەت ئەل تىلىدىن خەۋىرى بار ئائىلە مۇلازىمەت خادىملىرىنى يېتىشتۈرۈپ بېرىمىز. بىز ئالدى بىلەن ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەر بىلەن توختاملىشىمىز، توختاملىشىپ بولغاندىن كېيىن ئۇلارنى چەت ئەللىكلەرنىڭ ئائىلىسىگە ئائىلە مۇلازىمەتچىلىكىگە ئەۋەتىمىز.
    بېيجىڭدا ئائىلە مۇلازىمىتى كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىركەتلەر كۆپ بولغان بىلەن ئىشچى ـ خىزمەتچى تۈزۈمىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئائىلە مۇلازىمەتچىلىكى كەسپى ھېسابلانمايدۇ. بىزنىڭ بۇ شىركەت بېيجىڭدا قۇرۇلغان ئائىلە مۇلازىمەتچىلىكى بويىچە تۇنجى ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر تۈزۈمىدىكى بىر ئاپپارات ھېسابلىنىدۇ. ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر تۈزۈمىدىكى ئاپپارات دېگىنىمىز، خادىملارنىڭ مۇقىم مائاشى بار، تۈرلۈك سۇغۇرتىلارغا قاتناشتۇرۇلغان.                            
    ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىم:  سىز جۇڭگوغا ۋە خەلقئاراغا داڭلىق بىر ئالىي بىلىم يۇرتىدا ئوقۇپسىز، يۇرتقا قايتقان بولسىڭىزمۇ چوقۇم ياخشى يەرلەردە ئىشلەپ قېلىشىڭىز ئېنىڭ ئىدى. سىز نېمىشقا بېيجىڭدا داۋاملىق تۇرۇپ قېلىش ، بۇ يەردە شىركەت ئېچىش ئويىغا كېلىپ قالدىڭىز؟ بۇنىڭغا نېمە سەۋەبچى بولدى؟                                         
    رەشىدە خەمىت : توغرا دېدىڭىز، بېيجىڭ رىقابەت كەسكىن بىر جاي، مېنىڭ مۇشۇنداق رىقابەت كەسكىن جايدا تۇرۇشۇم ئۆزۈمنى تاۋلاش، رىقابەت ئارقىلىق يەنە نۇرغۇن ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشتىن ئىبارەت. مەن گەرچە خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن يۇرتۇمدىن ئايرىلغان بولساممۇ كەلگۈسىدە يۇرتۇم ئۈچۈن كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ھەقىقىي ئىشلارنى قىلىشنى خالايمەن. مەن بېيجىڭدا تۇرۇۋاتقىلى خېلى بولۇپ قالدى. مېنىڭچە ئادەم قايسى يەردە نەتىجە قازانسا، قايسى يەردە ئۆزىنىڭ مۇۋاپىق ئورنىنى تېپىپ تەرەققىي قىلالىسا شۇ يەردە داۋاملىق تەرەققىي قىلغىنى ياخشى. مەن گەرچە بېيجىڭدا ئىشلەۋاتقان بولساممۇ، لېكىن كۆڭلۈم ھامان يۇرتۇمدا. كېيىن يۇرتۇم ئۈچۈن ئازدۇر ـ كۆپتۇر ئىش قىلىشنى ئويلايمەن. يۇرت ماكانىدىن ئايرىلىپ يىراق جايلاردا ياشايدىغانلارنىڭ يۇرت سۆيگۈسى تولىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. بۇ يەردە شىركەت ئېچىش، داۋاملىق ئىگىلىك تىكلەش بۇ تىرىشچانلىقىمنىڭ نەتىجىسى، دەپ قارايمەن. تىرىشىش نەتىجىسىدە جەمىئىيەتتە مۇشۇنداق ئورۇنغا ئىگە بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن ھەم تولىمۇ خۇشال بولىمەن. مەن ئۆزۈمگە ئىشىنىمەن. ھەر قانداق بىر ئىشنىڭ بېشى ئىشەنچتىن باشلىنىدۇ.                                                             
    ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىم:  ئىشەنچ توغرىسىدا گەپ تېشىلىپ قالدى، سىز ئىشەنچكە قاندق قارايسىز؟ ئەتراپىمىزدىكى ياشلار ياخشى نەتىجە قازىنىش ئۈچۈن يەنە قانداق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىشى لازىم، دەپ ھېسابلايسىز؟                                                                                     
    رەشىدە خەمىت:    ھەر قانداق ئىشنىڭ بېشى ئىشەنچتىن باشلىنىدۇ. بىزنىڭ ئائىلىدىكەرنىڭ ھەممىسى خەنزۇتىلى مەكتەپتە ئوقۇغان. رەھمەتلىك دادام قازا قىلغاندىن كېيىن ، ئاپام ۋە ئۆيدىكىلەر پۈتۈن كۈچى بىلەن ئوقۇشۇنغا ياردەم بېرىپ، مېنى ئوقۇتتى. ئاپامنىڭ مېنىڭ ۋە قېرىنداشلىرىمنىڭ ئۆرلەپ ئوقۇشى ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىنى، ماڭا بەرگەن چەكسىز مېھىر ـ مۇھەببىتىنى ئويلىسام ھازىرمۇ كۆزلىرىمگە ياش كېلىدۇ. ئانامنىڭ ياخشى تەربىيەلىشى بۈگۈنكى نەتىجەمنىڭ ئاساسى دەپ قارايمەن. بالىلارنىڭ ياخشى نەتىجىگە ئىگە بولۇشى ئائىلىنىڭ بولۇپمۇ ئانىنىڭ تىرىشچانلىقىدىن ئايرىلالمايدۇ. مەن قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ تىرىشىپ ئۆگەندىم. ۋاقتىمنى بوش ئۆتكۈزۈۋەتمىدىم. يۇرتقا قايتماي بۇ يەردە داۋاملىق تۇرۇپ قېلىش مەسىلىسى ئۆزۈمنىڭ تاللىشى ئىدى. ئەگەر ياخشى ئوقۇمىغان ، نەتىجە قازىنالمىغان بولسام، ئۇلارنىڭ قىلغان ئەجرىگە تۇشلۇق بىر ئىش قىلالمىغان بولسام چوقۇم قايتىپ كەتكەن بولاتتىم. پەخىرلىنىپ تۇرۇپ شۇنداق دېيەلەيمەنكى ، ئۇلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرمىدىم. مېنىڭ بۇنداق بولالىشىمدا ئىشەنچ ئاجايىپ كۈچلۈك رول ئوينىدى.                                                                       
    فىرانسىيەدىكى دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانىنىڭ بىرى ھېسابلانغان بىر كارخانىدا ئىشلىدىم. بۇ داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى تەتقىق قىلىپ ياسايدىغان ھەم ساتىدىغان بىر كارخانا ئىدى. بۇ كارخانىدا مەن جۇڭگو تەرەپنىڭ ۋاكالەتچىسى بولۇپ ئىشلىگەن يىللىرى ھەممىسى ماڭا قايىل بولغان ھەم خىزمىتىمگە يۇقىرى باھا بەرگەن ئىدى. ئىككى يىل ئىشلىگەندىن كېيىن ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدىم. ئامالسىز شىركەتتىن ئىستېپا بېرىپ چىقىپ كەتتىم. ئىستېپا بېرىشىم قانداقتۇر قابىلىيىتىمنىڭ تۆۋەنلىكىدىن ئەمەس، بەلكى مۇناسىۋەت دائىرەم يېتەرلىك بولمىغانلىقتىن ئىدى. مۇناسىۋەت دائىرەم يېتەرلىك بولمىغاچقا ئولتۇرىۋاتقان ئورنۇمدا پەرق بولۇپ قالدى. ئامال يوق ئىستېپانامە يېزىپ شىركەتتىن چىقىپ كەتتىم. شۇ چاغلاردا رەھبەرلىك خىزمىتى ئىشلەۋاتقان بولغاچقا تۇيۇقسىز رەھبەرلىك ئورنىدىن چۈشۈپ كېتىش ماڭا ئېغىر كەلدى. رەھبەر ۋاقتىڭىزدا پۈتۈن تەدبىر، پۈتۈن كۈچ سىزنىڭ زىممىڭىزدە بولىدىكەن. ھەممىسى سىزگە دىققەت قىلىدىكەن ، سىز ھەممىنى باشقۇرىدىكەنسىز . نۇرغۇن ئادەم سىزگە ھەۋەس قىلىدىكەن. سىزگە ناھايىتى ھۆرمەت بىلەن قارايدىكەن. ئايرىلغاندىن كېيىنچۇ؟ ئەھۋال باشقىچە بولىدىكەن. بۇ ئىشلار ماڭا ئىنتايىن ئېغىر كەلدى. مەن بۇ زەربىدىن ئۆزۈمنى ئىككى يىل ئالالماي قالدىم. ئىككى يىل جىمىپ كەتتىم. بۇ ئىككى يىل كۈنلىرىم مەنىسىز ئۆتتى. مەن ئوقۇغۇچى  ۋاقتىمدىن تارتىپ ياخشى ئوقۇغاچقا ھېچقانداق زەربىگە ئۇچىراپ باقمىغان ئىدىم. شۇڭا ، بۇ ئىش ماڭا بەك ئېغىر كەلدى. ئۆزۈمنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىمنى ئويلىدىم، ئۆزۈمگە ئۆزۈم مەدەت بەردىم. ئۆزۈمنىڭ بۇرۇنقى رەشىدەگە قايتىپ كېلەلەيدىغانلىقىمغا ئىشەندىم. پۈتۈن زېھنىمنى ۋە ئىقتىسادنى، مۇناسىۋەتنى ياخشى تەتقىق قىلىش ۋە توپلاشقا قاراتتىم. جەمئىيەت ئۈچۈن بىلىم ـ ئىقتىدار قانچىلىك مۇھىم بولسا مۇناسىۋەتنىڭمۇ شۇنچىلىك زۆرۈر ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر چوڭقۇر ھېس قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن قايتىدىن غەيرەتكە كېلىپ، زور ئۈمىد ۋە ئىشەنچ بىلەن ئىككىنچى جەڭ مەيدانىغا ئايلاندىم. سىز دەل ئىككىنچى جەڭ مەيدانىدىن زەپەر قۇچقان ھەدىڭىز بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپسىز.    ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ياشلار ئالدى بىلەن رىقابەت دېگەن بۇ ئۇقۇمنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشى كېرەك، دەپ ھېسابلايمەن. جەمئىيەت دېگەن تولىمۇ كەڭرى بىر پائالىيەت سەھنىسى. ھازىر ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا ئىشلەۋاتقان ياشلار خېلى بار . ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ خىزمەت ۋە پاراۋانلىق جەھەتتىكى ئەۋزەللىكى ياخشى.  لېكىن بۇ ئورۇن تولىمۇ چەكلىك بولغاچقا جەمئىيەت ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش ئۈمىدىدە بولۇۋاتقان نۇرغۇن ياشلارنى ئۆزىگە سىغدۇرۇپ بولالمايدۇ. ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىن باشقا يەردە خىزمەت قىلىمەن، نەتىجە قازىنىمەن، ئىگىلىك تىكلەيمەن دېگەن ئادەمگە جەمئىيەتنىڭ قوينى شۇنچىلىك كەڭ. گەپ رىقابەت بىلەن تولغان قاينامغا قانداق تەرىزدە كىرىش، رىقابەتكە قانداق بەرداشلىق بېرىش ۋە يېڭىش، نەتىجە قازىنىش مەسىلىسى. بىز چوقۇم ئىقتىدارىمىز ئارقىلىق ئىش ئورنى تېپىشىمىز، ئىش ئورنى يارىتىشىمىز كېرەك. ئادەمدە رىقابەت تۇيغۇسى بولسىلا بولمايدۇ، يەنە ئۆزىگە ئىشىنىش كېرەك. مەن بۇ ئىشنى چوقۇم قىلالايمەن، دېگەن بىر ئىدىيە بولۇشى كېرەك. ئىقتىدارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئىشەنچنى ئۆزى ھازىرلاش كېرەك. بۇنى بىر ئادەم ئۆگىتىپ قويمايدۇ. مەن ھازىر مەكتەپ پۈتكۈزۈش ۋە خىزمەتكە  چىقىش ئالدىدا تۇرغان ياشلارنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.                                                                             
    ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىم : خىزمەتداشلىرىڭىز ۋە چەت ئەللىكلەر بىلەن ھەمكارلىشىش، باردى ـ كەلدى قىلىش جەريانىدا ئۇلارنىڭ قايسى ئارتۇقچىلىقلىرى سىزنىڭ قايىللىقىڭىزنى قوزغىدى. ياشلار يەنە ھازىرقى ئارتۇقچىلىقلىرىنى جارى قىلدۇرۇش بىلەن بىللە قانداق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتسە بولىدىكەن؟                                       
    رەشىدە خەمىت : ھازىر چەت ئەللەر بىلەن بولغان ئالاقىمىز كۈچىيىپ كەتتى. بىر ئادەم ئۆزىنى خەلقئاراغا يۈزلەندۈرىمەن، دەيدىكەن، چوقۇم ئالدى بىلەن تىل مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشى كېرەك، دەپ ھېسابلايمەن. چۈنكى، تىل قورال. قورال مەسىلىسى ھەل بولغاندا قورال ئارقىلىق بىلىم ئېلىشقا، قورال ئارقىلىق تىرىكچىلىك قىلىش مەسىلىسىگە يول ئېچىلغان بولىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق كەسپىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈش مەسىلىسى كېلىدۇ. مەن ئادەتتە خىزمەتداشلارنىڭ كەسپىي ئىقتىدارىغا دىققەت قىلىشتىن باشقا يەنە تولىمۇ مۇھىم بولغان پىسخىك ساپاسىغا، بولۇپمۇ ئۆزىگە ئىشىنىش ياكى ئىشەنمەسلىك ئەھۋالىغا تولىمۇ دىققەت قىلىمەن. مەن خىزمەتتە كەسكىن. شىركەتكە خىزمەتچى خادىم تاللىغاندىمۇ ئۆزۈمنىڭ خاراكتېرىگە ئاساسەن ئادەم تاللايمەن. دىيارىمىزدا ياخشى ئوقۇۋاتقان، ئۆزىنىڭ غايىسى ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان ياشلار ئاز ئەمەس. ئۇلار ۋاقىتنى قەدىرلەيدۇ. ئىشلارغا تولىمۇ ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدۇ. مېنىڭچە، ئىنچىكە بولۇشنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق ياخشى تەرەپلىرى بار. مەيلى خىزمەت، مەيلى تۇرمۇش، مەيلى ئۆگىنىشتە بولسۇن، ئادەم سەل زىل بولغىنى ياخشى. سەگەكلىك ، ئىشلارنى ئىنچىكە پىلانلاش، ئۆزىنىڭ قولىدىكى ئىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش تولىمۇ مۇھىم. چەت ئەللىكلەر خىزمەتكە تولىمۇ ئەستايىدىل كېلىدىكەن. مەسئۇلىيەتچان، بولۇپمۇ ۋاقىت قارىشى تولىمۇ كۈچلۈك ئىكەن. خوجايىن، رەھبەرگە، خىزمەتكە نىسبەتەن تولىمۇ ساداقەتمەن كېلىدىكەن. مانا مۇشۇلار بىر كارخانا رەھبىرى ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان ئۈچ نەرسە ھېسابلىنىدۇ. بەزىدە ئەتراپىمدىكى دوستلار بىلەن پاراڭلىشىپ قالىمەن. ئۇلارنىڭ بەزى ئىشلارغا باھانە ـ سەۋەب كۆرسىتىشى كۆڭلۈمنى غەش قىلىدۇ. ئۇلار نۇرغۇن ئىشلارغا سەۋەب كۆرسىتىدۇ. مۇنداق سەۋەبتىن خىزمەتكە ئورۇنلىشالمىدىم، ياخشى ئۆگىنەلمىدىم، مۇنداق سەۋەبتىن تىل ئۆگىنەلمىدىم، مۇنداق سەۋەبتىن ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىدىم، دېگەندەك. ئۆزۈمنى مىسالغا ئالسام، مەن بېيجىڭدا يېڭى ئوقۇشقا كەلگەن يىللىرى ئۇيغۇر ئاشخانىلىرى تولىمۇ ئاز ئىدى. بىز ئۈچۈن تاماق مەسىلىسى چوڭ مەسىلە ئىدى. شۇنىڭ بىلەن تاماقنى ئۆزىمىز ئېتىپ يېيىشنى ئۆگەندۇق. تاماق ئەتمىسەك تاماق يېيىش ئۈچۈن بىر مۇنچە يول يۈرۈشكە، يولغىلا بىر مۇنچە ۋاقىت سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بېيجىڭدا ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىنىڭ كەم بولىشى تاماق ئېتىشنى ئۆگىنىشىمگە تۈرتكە بولدى. خىزمىتىمنى ياخشى كۆرىمەن. قول ئاستىمدىكى خىزمەتداشلار مېنىڭ بالىلىرىم، ئۇلارنى قانداق قىلىپ تەربىيەلەشتىن ئىبارەت مۇشۇ مەسىلىگە ناھايىتى دىققەت قىلىمەن. كارخانىغا نىسبەتەن مۇشۇ كارخانىنى قانداق قىلىپ ياخشى ئېلىپ بېرىش كارخانىنىڭ ئەڭ مۇھىم ھاياتىي كۈچى ھېسابلىنىدۇ.
    ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىم : ‹‹ ئائىلە گۆھىرى ›› ناملىق شىركەتنىڭ بۇندىن كېيىنكى پىلانلىرى ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟
    رەشىدە خەمىت :  بولىدۇ، بىزنىڭ كارخانىنىڭ بېيجىڭدىن ئىبارەت بۇ شەھەردە رىقابەتچىسى كۆپ ئەلۋەتتە. ئەمدى بۇ شىركەتنى داۋاملىق گۈللەندۈرۈش بىزنىڭ ئالدىمىزغا قويۇلغان زىل مەسىلە بولۇپ قالدى.  شۇڭا، ھەر قانداق بىر كەسىپنىڭ ئۆزىنىڭ رىقابەت ئوبىيكتى بولىدۇ. رىقابەتتىن قورقسا كارخانا قۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. رىقابەت داۋاملىق تەرەققىي قىلىشىمىزدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ. كەسىپ تۈرلىرى يىلدىن يىلغا كۆپۈيۈۋاتىدۇ. ھازىر شۇنداق دەپ قارايمەنكى، بىر كارخانىنىڭ رەھبىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن چوقۇم رېئاللىققا يۈزلىنىشىم كېرەك. بىز جۇڭگودىكى ئەڭ ياخشى بىر ئائىلە مۇلازىمەتچىلىكى كارخانىسى بولۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز. ھازىر ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە كارخانىنىڭ پېيىنى بازارغا سېلىشنى ئويلىشىۋاتىمىز.                                                        
    ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىم:  ئاخىرىدا ياشلارغا دەيدىغان يەنە قانداق گەپلىرىڭىز بار، ئاڭلاپ باقساق...                                                   
    رەشىدە خەمىت:  ھازىر بېيجىڭ قاتارلىق ئېلىمىزدىكى چوڭ شەھەرلەردە ۋە يۇرتىمىزدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار نۇرغۇن. بەزىلىرى چەت ئەللەرگە چىقىپ ئوقۇش ئارزۇسىدا بېيجىڭدا ھەر قايسى دۆلەتلەرگە پاسپورت ئېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىخانىلىرىدا ۋىزا ئالالمايۋاتقان ھالىتىنى كۆرسەم بەكمۇ ئۆرتىنىپ كېتىمەن. چەت ئەلدە يۇقىرىلاپ ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلار چەت ئەل تىلى سەۋىيەسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك. بىز جۇڭگو پۇقراسى بولغاندىن كېيىن خەنزۇتىلى سەۋىيەسىنىمۇ كۈچەيتىشىمىز كېرەك، ئەلۋەتتە بۇ ئانا تىلىنى پۇختا بىلىش ئالدىنقى شەرتىدە بولىدۇ. بىر بالىنى ئوقۇتماق ئاسان ئەمەس، بالىلىرىنى چەت ئەلگە چىقىرىپ ئوقۇتۇش ئۈچۈن ئاتا ـ ئانىلار كۆپ جاپا چېكىدۇ. نۇرغۇن پۇل خەجلەيدۇ. چەت ئەلگە چىقماقچى بولغان بەزى ئوقۇغۇچىلار پۇلنى ئۆز ئورنىغا ئىشلەتمەي ئاخىرى چەت ئەلگە چىقماي قايتىپ كېلىدۇ. بۇلارنىڭ تىل سەۋىيەسى يۇقىرى بولغان بىلەن پىسخىك ساپاسى ۋە باشقا ئىقتىدارىدا، ئۆزىنى باشقىلارغا ئىپادىلىشىدە مەسىلە بار،  دەپ قارايمەن.                          
    ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىم : رەشىدە ھەدە، بۈگۈن تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بىر سۆھبەت بولدى، سىزنىڭ شىركىتىڭىزنىڭ تېخىمۇ گۈللەپ ياشنىشىنى، ئىشلىرىڭىزنىڭ تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن، سىزگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت.          
    رەشىدە خەمىت:  سىزگىمۇ رەھمەت.                                                    
    مۇھەررىر : نۇرگۈل روزى 
    مەنبەسى: شىنجاڭ ياشلىرى2013-يىللىق 3-سانىدىن ئېلىندى



ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر رەشىدە