ھەممە ژانىرغا قول تىققان ئەدىب( ئېزىزجان خۇدابەردى)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-05 05:44:22

ھەممە ژانىرغا قول تىققان ئەدىبئەخمەتجان قۇربان سابىرى بىلەن سۆھبەتئېزىزجان خۇدابەردىئېزىزجان خۇدابەردى: سىز ئەدەبىي ئىجادىيەتكە قاچاندىن باشلاپ ئىشتىياق باغلىغان، تۇنجى ئەسىرىڭىز قايسى، ئىج...

    ھەممە ژانىرغا قول تىققان ئەدىب
    ئەخمەتجان قۇربان سابىرى بىلەن سۆھبەت
    ئېزىزجان خۇدابەردى


    ئېزىزجان خۇدابەردى: سىز ئەدەبىي ئىجادىيەتكە قاچاندىن باشلاپ ئىشتىياق باغلىغان، تۇنجى ئەسىرىڭىز قايسى، ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشىڭىزغا نېمىلەر تۈرتكە بولغان؟ بۇ توغرىسىدا تەپسىلىي سۆزلەپ بەرسىڭىز.
    ئەخمەتجان قۇربان سابىرى: مەن باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدىلا ئەدەبىياتقا ھەۋەس قىلاتتىم . «يازغۇچى، شائىرلار ھېكايە، شېئىرلارنى قانداق يازىدىغاندۇ، ئۇلارمۇ بىزگە ئوخشاش ئادەملەرمىدۇ» دەپ ئويلايتتىم . ئۆزۈم خىلۋەت دېھقانچىلىق مەيدانىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغاچقا، بىزنىڭ يۇرتتا شېئىر، ھېكايە يازىدىغانلار يوق ئىدى . ئانچە-مۇنچە خەۋەر يازىدىغانلار بار ئىدى . مەن ئۇلارنىڭ قىسقا خەۋەرلىرىنى گېزىتتە ئېلان قىلىنغانلىقىدىن بەكمۇ ھەۋەس قىلاتتىم . شۇڭا مەنمۇ ئۇلارنى دوراپ يۈرۈپ قىسقا-قىسقا خەۋەرلەرنى يېزىپ باقتىم . كېيىنچە مەكتەپتىكى تۈرلۈك پائالىيەتلەردە ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى بولۇپ، ئۆزۈم يازغان ماقالىلەرنى ئوقۇيدىغان بولدۇم. ئەنە ئاشۇلار مېنىڭ تۇنجى «ئەسەرلىرىم» ئىدى . كېيىن مەن قىسقا-قىسقا قوشاقلارنى يېزىپ، بىر دەپتەرنى تولدۇرغانىدىم ئاشۇ دەپتىرىمدىكى قوشاقلارنى ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىم كۆرۈپ، مېنى ئىلھاملاندۇرغانىدى . شۇنىڭدىن كېيىن مەن توختىماي ئۇنى-بۇنى يازىدىغان ئادەتنى يېتىلدۈردۈم . «ئىلى گېزىتى»گە توختىماي شېئىر، قوشاقلارنى ئەۋەتكەن بولساممۇ خېلى ئۇزۇنغىچە بىرەرسىمۇ ئېلان قىلىنمىدى . 1978-يىلى «ئىلى گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان «كۆك دالا» ناملىق شېئىرىم مېنىڭ مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنغان تۇنجى ئەسىرىم ئىدى . مەن ئاشۇ شېئىرىمنى گېزىت يۈزىدە كۆرگەن چېغىمدا خۇشاللىقىمدىن نېمە قىلارىمنى بىلەلمەي قالغانىدىم . ئويلاپ باقسام باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدىلا «شائىر بولىمەن»، «يازغۇچى بولىمەن» دەپ يۈرەتتىم . ئەنە شۇ چاغدىلا مېنىڭ قەلبىمگە ئەدەبىي ئىجادىيەتكە بولغان ئوتتەك ئىشتىياق تۇتاشقان بولسا كېرەك.
    ئېزىزجان خۇدابەردى: ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتى پۈتكۈل ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولسىمۇ، لېكىن بۇ ساھەدە ئىزدىنىۋاتقانلار بارماق بىلەن سانىغىچىلىكلا . مۇشۇنداق ئەھۋالدا سىز يېقىندىن بۇيان ئۆزگىچە ئۇسۇلدا يېزىلغان بالىلار چۆچەكلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتىغا بەلگىلىك تۆھپىلەرنى قوشتىڭىز . سىزنىڭ بالىلار ئەدەبىياتى ئىجادىيىتىگە ئىشتىياق باغلىشىڭىزغا نېمە سەۋەبچى بولدى؟
    ئەخمەتجان قۇربان سابىرى: گەرچە بىزدە بالىلار ئەدەبىياتى دېگەن ئاتالغۇ بولسىمۇ، ھەتتا ئۇ ئايرىم ئىلىم سۈپىتىدە مەۋجۇت بولسىمۇ، مېنىڭچە ئەدەبىياتنى بالىلار ئەدەبىياتى، ياشلار ئەدەبىياتى، ياشانغانلار ئەدەبىياتى دەپ ئايرىپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق . مەن ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغاندىمۇ بۇ ئەسەرلىرىمنى پەقەت بالىلار ئۈچۈن يېزىۋاتىمەن دەپ ئويلىمايمەن . مېنىڭچە، ياخشى يېزىلغان بىر ئەسەردىن بالىلارمۇ، چوڭلارمۇ ئورتاق بەھرە ئالالايدۇ . «بالىلار ئەدەبىياتى» دېگەن قالپاق ئاستىدا ئەدەبىيات ئىجادىيىتىنى ئاددىيلاشتۇرۇشقا، شەكىل ۋە مەزمۇن جەھەتتىن قاتماللاشتۇرۇشقا بولمايدۇ . دانىيە يازغۇچىسى ئاندىرسوننى داڭلىق بالىلار يازغۇچىسى دەپ ئاتاپ كېلىۋاتقان بولساقمۇ، ئۇنىڭ «پادىشاھنىڭ يېڭى كىيىمى» قاتارلىق ئەسەرلىرىدە پەقەت بالىلارغىلا مەنسۇپ نەرسە بار دەپ كىم ئېيتالايدۇ؟ دېمەكچى بولغىنىم، بالىلار ئۈچۈن يېزىلغان ئەسەرلەرگىمۇ «بالىلار ئەدەبىياتى» نۇقتىسىدىنلا مۇئامىلە قىلساق بولمايدۇ.
    مېنىڭ بالىلار ئەدەبىياتى ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىش قىلمىشىغا باشقا ئالاھىدە سەۋەب يوق، سەۋەب بار دېيىلسە، مەن كىچىكىمدىنلا ئۇكىلىرىمغا، دوستلىرىمغا كەلسە-كەلمەس نەرسىلەرنى توقۇپ چۆچەك دەپ ئېيتىپ بېرەتتىم . 90-يىللاردىن كېيىن ئاشۇ ئالاھىدىلىكىم بويىچە «يالغانچى تۇسۇق» قاتارلىق بىر مۇنچە چۆچەكنى يېزىپ، مەتبۇئاتقا سۇنۇپ باقتىم . نەتىجىدە چۆچەكلىرىم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، يامان ئەمەس قارشى ئېلىشقا ئېرىشتى . شۇڭا مۇشۇ جەھەتتە ئاز-تولا ئارتۇقچىلىقىم بار ئوخشايدۇ دەپ ئىزدەندىم . بىراق  سىز دېگەندەك تۆھپە دەپ كەتكۈدەك ئىش يوق . قولۇمدىن كېلىشىچە تىرىشىمەن.
    ئېزىز خۇدابەردى: سىزنىڭ «يالغانچى تۇسۇق»، «قۇلىقى قېچىپ كەتكەن بالا»، «ئاق قۇشقاچنىڭ ھېكايىسى» ناملىق كىتابىڭىزدىكى چۆچەكلەرنى ئوقۇپ، خۇددى قىزىقارلىق ئىشلەنگەن كۆپ قىسىملىق كارتون فىلىمنى كۆرگەندەك ھېسسياتقا كېلىپ قالدىم . بۇنداق ئۇزۇن ھەم زەنجىرسىمان يېزىشنى ئىجادىيىتىڭىزدىكى يېڭىلىق يارىتىش دەپ قارامسىز ياكى ۋەقەلىكنىڭ ئېھتىياجى دەپ قارامسىز؟
    ئەخمەتجان قۇربان سابىرى: مەن ھەرقانداق بىرنەرسە يازغاندا يېڭىلىق ياراتسامكەن دەپ ئويلايمەن، بىراق يازغان نەرسىلىرىڭىزنىڭ ھەممىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ كەتكىلى بولمايدىكەن، سىز يېڭىلىق ياراتتىم دەپ يازغان نەرسىلىرىڭىزمۇ بىلىپ - بىلمەي باشقىلارنىڭكىگە شەكىل ۋە باشقا جەھەتلەردىن ئوخشاپ قالىدىغان گەپكەن . سىز ئىسمىنى ئاتىغان يۇقىرىقى چۆچەكلىرىمدە قانچىلىك يېڭىلىق يارىتالىدىم، بۇنىڭغا ئۆزۈم بىرنەرسە دېيەلمەيمەن . بەزى كەسىپداشلار يامان ئەمەس باھا بەردى . ئەلۋەتتە، مەنمۇ بۇ چۆچەكلىرىمگە مەن كۆرگەن چەت ئەل كارتون فىلىملىرىنىڭ تەسىرى يوق دېيەلمەيمەن . ئۆزۈم تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا ئىشلىگەچكە، بۇ چۆچەكلىرىم كەلگۈسىدە كارتون فىلىمى بولۇپ ئىشلىنىپ قالسىكەن، دەيدىغان ئارزۇمۇ بار . مېنىڭ بۇ چۆچەكلىرىمنى ئۇزۇن ھەم چاتما قىلىپ يېزىشتىكى مەقسەت مۇشۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنى ئويلىغان بولۇشۇممۇ مۇمكىن.
    چەت ئەل بالىلار چۆچەكلىرى ۋە ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىنىڭ ئىپادىلەش ئۇسلۇبىنى ئۆگىنىۋاتىمەن . مەن ئاندىرسوننىڭ چۆچەكلىرىنى، ئىزوپ، كىرۇلۇبنىڭ مەسەللىرىنى ئوقۇغان، سېلما لاگەلوفنىڭ «نىلىسنىڭ غاز ئۈستىدىكى ساياھىتى» ناملىق كىتابى مېنىڭ چۆچەك ئىجادىيىتىمگە ئەڭ زور تەسىر كۆرسەتكەن ئەسەرلەرنىڭ بىرى.
    ئېزىزجان خۇدابەردى: ھازىرقى زامان ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا قانداق قارايسىز؟
    ئەخمەتجان قۇربان سابىرى: ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئالدىن بىرنەرسە دېيىش ناھايىتى مۈشكۈل ئىش . ھازىرغىچە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا بىرەرمۇ بالىلار رومانىنىڭ بولمىغانلىقى كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ . ھەرقايسى ژۇرناللارنىڭ 6-ئايلىق سانى ياكى گېزىتلەرنىڭ 1-ئىيۇندىكى سانىغا بېسىلغان بىرنەچچە ئەسەر بىلەنلا قانائەتلىنىپ قالساق، ئۇيغۇر بالىلارنىڭ تەرەققىياتى ئەمەس مەۋجۇتلۇقىدىنمۇ سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. ھەرقانداق ئەدەبىياتنىڭ جان تومۇرى تىل. مېنىڭچە بالىلىرىمىز خەنزۇچە، ئىنگلىزچە ئۆگىنىش بىلەن بىرگە ئانا تىلنى ياخشى ئۆگىنىش كېرەك . باشقا تىلنى ئۆگىنىش ئانا تىلنى ئۇنتۇپ كېتىش، ياكى ئانا تىلدا چالا ساۋات بولۇپ قېلىشتەك يامان ئاقىۋەتنى ئېلىپ كەلسە، ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتى ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى يوقىتىدۇ.
    ئېزىزجان خۇدابەردى: سىزنىڭ چۆچەكلىرىڭىزدىكى پېرسوناژلارنىڭ پوتىرىتى تۇرمۇشتىن ئېلىنغانمۇ؟
    ئەخمەتجان قۇربان سابىرى: شۇنداق، مېنىڭ چۆچەكلىرىمدىكى پېرسوناژلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك تۇرمۇشتا ئۆرنەكلىرى بار . گەرچە ئۇ بەدىئىي ۋە ئەركىن تەسەۋۋۇر بىلەن فانتازىيىلەشتۈرۈلگەن بولسىمۇ، مەسىلەن، «يالغانچى تۇسۇق»دىكى تۇسۇق مېنىڭ ئەڭ يېقىن دوستۇمنىڭ ئۆزگەرتىلگەن ئىسمى (ئەسلى تۇرسۇنجان) «چوغلۇق ۋە ئۇنىڭ ئويۇنچۇقلىرى»دىكى چوغلۇق مېنىڭ قىزىمنىڭ ئىسمى، باشقا چۆچەكلىرىمدىكى تۈرلۈك ھايۋان ۋە جانۇ-جانىۋارلارنىڭمۇ تۇرمۇشتا مۇناسىپ ئۆرنەكلىرى بار.
    ئېزىزجان خۇدابەردى: سىزنىڭ بالىلار چۆچەكلىرى ئىجادىيىتى جەريانىدا توپلىغان ئاساسلىق تەجرىبىڭىز قايسىلار؟
    ئەخمەتجان قۇربان سابىرى: مېنىڭچە، چۆچەك يازغاندا ئۇنى «بالىلار ئەدەبىياتى» دېگەن رامكىغا سېلىۋالماسلىقىمىز كېرەك . ئەگەر بۇنداق بولۇپ قالسا ئاسانلا ئاددىيلاشتۇرۇش، قاتماللاشتۇرۇش كېلىپ چىقىدۇ . ئەركىن تەسەۋۋۇر — چۆچەكچىلىك ئىجادىيىتىدە ئىنتايىن مۇھىم . يازغۇچىدا ئەركىن تەسەۋۋۇر ئىقتىدارى بولمىسا چۆچەك يازىمەن دەپ ئاۋارە بولمىسىمۇ بولىدۇ.
    چۆچەك يازغان چاغدا پېرسوناژلارنىڭ خاراكتېرىنى ئالدىن بەلگىلىۋالىدىغان ئىشنى قىلساق ئوبدان بولمايدىكەن . كۆپلىگەن چۆچەكلەردە، مېنىڭ چۆچەكلىرىمدىمۇ شۇنداق . بۆرە ياۋۇز، تۈلكە ھىيلىگەر، ئېيىق كالاڭپاي، بۈركۈت باتۇر، توشقان قورقۇنچاق، بۇغا، بۆجەن ئاق كۆڭۈل قىلىپ تەسۋىرلىنىۋاتىدۇ . مېنىڭچە مانا مۇشۇ شەكىلۋازلىق قاتماللىقنىڭ ئىپادىسى . شۇڭا چۆچەكلەردە ئەركىن ۋە يېڭى ئۇسلۇبنى بارلىققا كەلتۈرۈش ناھايىتى مۇھىم . بۇنىڭدىن باشقا، چۆچەكلەر كەچكىچە بۇرۇنقى زاماندىكى بىر مەلىكە بىلەن شاھزادىنىڭ كەچۈرمىشى ياكى بىر دېھقاننىڭ ئۈچ ئوغلىنىڭ كەچۈرمىشى بولۇپ قالسا بولمايدۇ . بىزنىڭ يازىدىغان چۆچىكىمىز ھازىرقى زاماننىڭ ھازىرقى بالىلىرىنىڭ تۇرمۇشى، ئىنتىلىشى، تەسەۋۋۇرى، ئارزۇ-ئارمانلىرىغا ماس كېلىدىغان بولۇشى كېرەك . چۆچەكلەردىكى مۇھىت، ۋەقەلىك، دىئالوگ ۋە مونولوگلارمۇ بالىلارنى جەلپ  قىلالايدىغان بولۇشى كېرەك.
    ئېزىزجان خۇدابەردى: سىز ئەدەبىياتنىڭ ھەممىلا ژانىرىدا دېگۈدەك ئەسەر ئېلان قىلدىڭىز، بۇنداق قىلغاندا زېھىن كۈچى چېچىلىپ كېتىدۇ، دەپ قارىمامسىز؟
    ئەخمەتجان قۇربان سابىرى: راست، سىز دېگەندەك ئەدەبىياتنىڭ ھەممىلا ژانىرىدا دېگۈدەك ئەسەر يېزىپ كېلىۋاتىمەن . مېنىڭچە، بۇنى ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ ئېھتىياجى بەلگىلىگەن . چۈنكى شېئىر قىلىپ يېزىشقا بولىدىغان نەرسىنى شېئىر قىلىپ يېزىشقىلا بولىدۇكى، ھېكايە قىلىپ يازغىلى بولمايدۇ . ھېكايە قىلىپ يازىدىغان نەرسىنى ئەدەبىي تەنقىد ياكى ئىلمىي ماقالە قىلىپ يازغىلى بولمايدۇ . مەن ئەمەلىيەت جەريانىدا ھېس قىلغانلىرىمنى شېئىر قىلىپ يازغىلى بولسا شېئىر قىلىپ يازدىم . ھېكايە، نەسر قىلىپ يازغىلى بولسا ھېكايە، نەسر قىلىپ يازدىم . باشقا ژانىرلاردا يازغان ئەسەرلىرىممۇ خۇددى شۇنداق . مېنىڭچە، ئەدەبىياتنىڭ ھەرقايسى ژانىرلىرى بويىچە ئەسەر يېزىش زېھىن كۈچىنى چېچىۋەتكەنلىك بولۇپ ھېسابلانمايدۇ . بۇ بىزدىن ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ ھەرقايسى ژانىرلىرى بويىچە ئەمەلىي بىلىمگە ئىگە قىلىدۇ.
    ئېزىزجان خۇدابەردى: ئاڭلىشىمچە، سىز ھەر كۈنى ئەتىگەندە، كەسىپداشلىرىڭىز ئىشقا چىقىشتىن بۇرۇن يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىكەنسىز . بۇنداق بولۇش ئادەتتىنمۇ، خىزمەت ۋە ئائىلىنىڭ تەسىرىدىنمۇ؟
    ئەخمەتجان قۇربان سابىرى: سىز دېگەندەك مەن ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئىشخانىغا چىقىپ خىزمەتداشلىرىم ئىشخانىغا كىرىپ بولغىچە بىر يېرىم سائەتتىن ئىككى سائەتكىچە يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىمەن . بۇ مېنىڭ كۆپ يىللىق ئادىتىمدىن شەكىللەنگەن . ئەلۋەتتە بۇنىڭدا ئائىلىنىڭ تەسىرىمۇ بار . بالىلارنىڭ ئاپىسى سەھەر قوپىدۇ . شۇڭا مەنمۇ سەھەر قوپۇشقا ئادەتلەنگەن . شۇڭا مەن ئەتىگەندىكى مۇشۇ قىممەتلىك ۋاقىتنى ئۆزۈمنىڭ يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مۇقىم ۋاقتىمغا ئايلاندۇرۇۋالغان . بۇ ۋاقىتنىڭ ئارتۇقچىلىق يېرى . شۇڭا  ئۇ چاي، ئولتۇرۇش، مېھماندارچىلىق، خىزمەت ۋە باشقا پائالىيەتلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ . مەن بۇ ئادىتىمنى قەتئىي داۋاملاشتۇرماقچىمەن.
    ئېزىزجان خۇدابەردى: سىز مۇشۇ بىرنەچچە يىل ئىچىدە «بالىلار يۇمۇرلىرى»، «بالىلار چاقچاقلىرى»، «كۈندە بىر كۈلكە» دېگەن چاقچاق-يۇمۇرلار توپلاملىرىنى تەرجىمە قىلىپ ۋە تۈزۈپ نەشر قىلدۇردىڭىز . مۇشۇ ھەقتە بىرنەچچە ئېغىز سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز.
    ئەخمەتجان قۇربان سابىرى: مەن بۇرۇندىنلا كۈلكە - چاقچاققا ھېرىسمەن . ئۆزۈمنىڭمۇ توي، ئولتۇرۇشلاردا چاقچاق قىلىپ قويىدىغان ئادىتىم بار . مەن ئۆزۈمنىڭ مۇشۇ جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىم بويىچە بۇنىڭدىن يىگىرمە نەچچە يىل ئىلگىرىلا «ئىلى خەلق چاقچاقلىرى ھەققىدە دەسلەپكى مۇلاھىزە» دېگەن ماقالەمنى يېزىپ ئېلان قىلغانىدىم . مەن بۇ كىتابلارنىڭمۇ دۇنيادىكى مەشھۇر يۇمۇر-چاقچاقلارنى ئۆگىنىش مەقسىتىدە بارلىققا كەلتۈردۈم.
    ئەلۋەتتە، بۇنى نەشرىياتتىكى مۇناسىۋەتلىك يولداشلارنىڭ تەشەببۇسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ . بۇ كىتابلارنى تۈزۈش-تەرجىمە قىلىش جەريانىدا يۇمۇر-چاقچاقلارنى تەرجىمە قىلىشمۇ خۇددى شېئىر تەرجىمە قىلىشقا ئوخشاش مۈشكۈل ئىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم . چۈنكى يۇمۇر-چاقچاقلارنىڭ پۇرىقىنى چىقارماي تەرجىمە قىلىپ قويسا، لاۋزا بىرنەرسىگە ئايلىنىپ قالىدىكەن . شۇڭا مەن ھەر بىر يۇمۇر - چاقچاقنىڭ تەم، پۇرىقىنى چىقىرىش ئۈچۈن خېلى كۈچەپ باقتىم . شۇنداقتىمۇ بەزى يۇمۇر - چاقچاقلارنى ئەسلىدىكىدەك بولدى دەپ ئېيتالمايمەن.
    ئېزىزجان خۇدابەردى: سىزنىڭ «ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە رەسىملىك بالىلار تېپىشماقلىرى» ناملىق بەش قىسىملىق كىتابىڭىز نەشر قىلىندى . تېپىشماق ھەققىدىكى كۆزقاراشلىرىڭىزنى سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز.
    ئەخمەتجان قۇربان سابىرى: تېپىشماق ئەسلى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم بىر تۈرى . شۇنداقلا ئۇ پۈتكۈل بىر ئەدەبىياتتا كەم بولسا بولمايدىغان ژانىرى . بولۇپمۇ بالىلىرىمىزنىڭ زېھنىنى ئېچىش، ئۇلارنى تۈرلۈك شەيئىلەر بىلەن ئەتراپلىق تۇنۇشتۇرۇشتا تېپىشماقنىڭ رولى ئىنتايىن مۇھىم . شۇڭا مەن بالىلار ئۈچۈن تېپىشماق يېزىشنىمۇ ئەدەبىي ئىجدىيىتىمنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى دەپ قاراپ كەلدىم . مەن تېپىشماق يېزىش جەريانىدا تېپىشماقلار تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولسا بولىدىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم . تېپىشماقلار ئالدى بىلەن ئىخچام بولۇش كېرەك . شېئىرىي تېپىشماقلار بىر كۇپلېتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك . چۈنكى تېپىشماق ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچىدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە . تېپىشماق پەقەت تاپقىلى بولمايدىغان نەرسىگە ئايلىنىپ قالسا بولمايدۇ . يەنە بىرگە، ئۇ شەيئىمۇ جاۋاب بولالايدىغان ژانىر . ئۇنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.
    ئېزىز خۇدابەردى: بىر قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنىدا: «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ نەزەرىيىسىنى ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئەمەلىيىتىدىن ئىزدەش كېرەك» دەپسىز. مۇشۇ ھەقتىكى كۆزقارىشىڭىزنى قىسقىچە سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز.
    ئەخمەتجان قۇربان سابىرى: مېنىڭ ئۇنداق دېيىشتىكى مەقسىتىم، بىزنىڭ بەزى ئەدەبىي ئوبزور ۋە ئىلمىي ماقالىلىرىمىزدە بىزنىڭ يازغۇچىلىرىمىزنىڭ بەزى ئەسەرلىرى يازغۇچىلىرىمىز ئۆزىمۇ بىلمەيدىغان بەزى چەت ئەل ئېقىملىرىغا سېلىنىپ مۇلاھىزە قىلىنىۋاتىدۇ . بۇ كىشىگە خۇددى تاشنى تاياققا تاڭغاندەك تۇيغۇ بېرىدىكەن . مېنىڭچە، ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ ئەدەبىياتىنىڭ ئۆزىنىڭ نەزەرىيىسى بولۇشى كېرەك . چۈنكى نەزەرىيە ئەمەلىيەتتىن كېلىدۇ . مەسىلەن، مەمتىمىن ھوشۇر ھېكايىلىرىنىڭ نەزەرىيىسى ئۇنىڭ ئىجادىيەت ئەمەلىيىتىدىن كېلىدۇ دەپ قارايمەن.
    ئېزىزجان خۇدابەردى: ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا سىز يازغان «قىممەتلىك ھايات»، «سىڭلىمغا»، قۇياشقا تۇتاشقان يول»، «چۈمپەردە»، «يوقلاپ تۇرغىن ئاتا-ئاناڭنى»، «كارۋان ھېكمىتى» قاتارلىق ناخشا تېكىستلىرىڭىز ناخشا قىلىپ ئېيتىلىپ، خەلقنىڭ سۆيۈپ ئاڭلىشىغا مۇيەسسەر بولدى . شۇ چاغدا خېلى كۆپ شېئىرلىرىڭىز ئېلان قىلىنغانىدى . لېكىن ھازىر مەتبۇئاتتا شېئىرلىرىڭىزنى كۆرگىلى بولمايدىغان بولۇپ قالدى، بۇنىڭدا...
    ئەخمەتجان قۇربان سابىرى: مەن ئەدەبىي ئىجادىيەتكە شېئىر ئارقىلىق كىرىپ كەلگەن . مەن خېلى كۆپ شېئىرلارنى يازغان بولساممۇ ئۆزۈمگە يارايدىغانلىرى ناھايىتى ئاز، ناخشا قىلىپ ئېيتىلغان بەزى شېئىرلىرىم يامان ئەمەس باھاغا ئېرىشتى . سىز ئېيتقاندەك 80 -، 90-يىللاردا شېئىر ۋە ناخشا تېكىستلىرىنى خېلى كۆپ يازغانىدىم . ھازىرمۇ يېزىۋاتىمەن . بىراق  بۇرۇنقىدەك كۆپ ئەمەس، بۇنىڭغا باشقا ژانىردىكى ئەسەرلەرنى كۆپرەك يازغانلىقىم سەۋەب بولغان بولسا كېرەك.
    ئېزىزجان خۇدابەردى: ئەدەبىي تەنقىدچىلىك ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى بىر ئاجىز ھالقا . سىز «ھېكايىدىكى شېئىر ۋە مۇزىكا»، «شېئىرىي مۇھىت، شېئىرىي كەڭلىك، شېئىرىي تىل ھەققىدە ئويلىغانلىرىم» قاتارلىق ئوبزورلارنى ئېلان قىلىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ۋە ئوبزورچىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەنىدىڭىز . سىز مۇشۇ ساھەدە يەنە قەلەم تەۋرەتمەكچىمۇ، ياكى؟
    ئەخمەتجان قۇربان سابىرى: مېنىڭ ئەدەبىي تەنقىدچىلىك ۋە ئەدەبىي ئوبزورچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشتىكى مەقسىتىم، ئەدەبىيات نەزەرىيىسى ھەققىدە ئاز-تولا بىرنەرسە ئۆگىنىشنى مەقسەت قىلغان. باشقىلار يازغان ئەسەرلەردىكى ئارتۇقچىلىق، كەمچىلىكلەرنى تەتقىق قىلىپ تۇرغاندا، قانداق يېزىش ھەققىدە ئاز-تولا چۈشەنچىگە ئىگە بولغىلى بولىدىكەن . مەن ئوقۇغان ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ باھا بېرىشقا تېگىشلىككەن دېگەنلىرى ئۈستىدە ئاز-تولا پىكىر يۈرگۈزۈپ قويىدىغان ئادىتىم بار . بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بۇ ئادىتىمنى تاشلىمايمەن . مۇشۇ جەرياندا بەزى ئەدەبىي ئوبزورلارنى يېزىپ قېلىشىم مۇمكىن.
    ئېزىزجان خۇدابەردى: ئاڭلىسام، يېقىندا «ياتلىق بولالمىغان قىزلار» ناملىق روماننى يېزىپ نەشرگە تاپشۇرۇپسىز، بۇ رومانىڭىز قايسى تېمىغا بېغىشلانغان؟
    ئەخمەتجان قۇربان سابىرى: مەن يېقىندا «ياتلىق بولالمىغان قىزلار» ناملىق رومانىمنى يېزىپ پۈتتۈرۈپ نەشرگە تاپشۇردۇم . بۇ مېنىڭ تۇنجى رومانىم . بۇ روماننى يېزىپ پۈتتۈرۈشۈم مەن ئۈچۈن بىر قېتىملىق چوڭ سىناق بولدى . بىر روماننى ياخشى-ناچار يېزىلىشىدىن قەتئىينەزەر، روماندىن ئىبارەت بۇنداق يىرىك ئەسەرنى يېزىپ پۈتتۈرۈش بىر مۈشكۈلات ئىكەن . راست گەپنى قىلسام، مەن بۇ روماننى يېزىپ پۈتتۈرگەن كۈنۈم خۇددى تاغنى ئۆرۈۋەتكەن ئادەمدەك خۇشاللىقىمدىن خېلى ئۇزۇنغىچە ھاياجانلاندىم . مېنىڭ بۇ رومانىمدا ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرى ئۇچرىغان ۋە ئۇچراۋاتقان بەزى ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ئەكس ئەتتۈرۈلدى . روماننىڭ بەدىئىي ئالاھىدىلىكى ھەققىدە بىرنەرسە دېيەلمەيمەن . بۇنىڭغا ئوقۇرمەنلەر ئەڭ ئادىل باھا بەرگۈچىدۇر.
    ئېزىزجان خۇدابەردى: يازغان ئەسەرلىرىڭىزنىڭ تىلى چۈچۈك ھەم ئاممىباب، سىز ئەسەر تىلىغا قانداق ئىشلەيسىز؟
    ئەخمەتجان قۇربان سابىرى: مەن ئەسەرلىرىمنىڭ تىلىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە خەلق تىلىغا يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىمەن. مەن ئادەتتە تىلنى ئەدەبىي ئەسەرلەردىن ۋە خەلقتىن ئۆگىنىمەن . مەن ئەدەبىي ئەسەرلىرىمدە يالتىراق، سۈنئىي، ياسالما سۆزلەرنىڭ بولۇپ قېلىشىدىن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ساقلىنىمەن . مەندە ئەدەبىي ئەسەرلىرىمنىڭ تىلىغا قايتا-قايتا ئىشلەيدىغان ئادەت يوق . بەزى ئەسەرلىرىم تۇنجى ئورىگىنال بويىچىلا ئېلان قىلىنىپ كېتىپ بارىدۇ . شۇڭا ئەسەرلىرىمدە خام-خوتا تەرەپلەرمۇ خېلىلا كۆپ.
    ئېزىزجان خۇدابەردى: سىز يېقىنقى يىللاردا بەزى تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى يېزىپ ئېلان قىلدىڭىز . مۇشۇ ھەقتە قىسقىچە سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز.
    ئەخمەتجان قۇربان سابىرى: مەن مۇشۇ ئىككى - ئۈچ يىل ئىچىدە «سۆيگۈ گۈلى»، «سىرلىق ئۆڭكۈر»، «چاقىرغۇلۇق قىزلار»، «خاسىيەتلىك ئانا تاش»، «ئورۇق-سېمىز ئەر-خوتۇنلار»، «ئەقىللىق مۇستاپا» قاتارلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى يازدىم . بۇ مەن ئۈچۈن يەنە بىر قېتىملىق ئۆگىنىش بولدى . يۇقىرىقى ئەسەرلىرىم ئاساسىي جەھەتتىن تېلېۋىزىيە تىياتىرى قىلىنىپ ئىشلەندى . بەزىلىرى خېلى ياخشى ئىشلەنگەن بولسىمۇ، بەزىلىرى ئالدىراپ-تېنەپ سۈرەتكە ئېلىنغان بولغاچقىمىكىن تازا ياخشى چىقمىدى . ھازىر بىزدە VCD پلاستىنكىسى قىلىپ ئىشلىنىۋاتقان تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى خېلى كۆپ بولسىمۇ، كۆپىنچىسىنىڭ بەدىئىي سەۋىيىسى تۆۋەن . بەزى نەرسىلەر ئادەمنىڭ غىدىقىنى كەلتۈرىدۇ . بۇ جەھەتتە ئۈن-سىن نەشرىياتلىرىنىڭ كونكرېت ئۆلچەملىرى يوقمىدۇ، دەپ ئويلاپ قالىمەن . مېنىڭچە، بۇ ساھەدىكى كۆپلىگەن ئىشلارنى ئىشتىن سىرتقى خادىملار پۇل تېپىش مەقسىتىدە ئىشلەۋاتىدۇ. بۇ جەھەتتىكى كەسپىي خادىملار بارلىققا كەلمىگىچە، ياخشى ئىشلەنگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى بارلىققا كەلمەيدىغان ئوخشايدۇ . مېنىڭچە بۇ بازارنىڭمۇ ھەر ھالدا توختاپ قالماي قايناپ تۇرغىنى ياخشى.
    ئېزىزجان خۇدابەردى: سىز ھازىرغىچە قانچىلىك ئەسەر يازدىڭىز، ئېلان قىلىنغىنى قانچىلىك؟
    ئەخمەتجان قۇربان سابىرى: مەن ھازىرغىچە «كۆكدالا قىسسى»، «ھەجەپ سېخىي ئىدى تەبىئەت»، «ئۇيغۇر ھەققىدە مۇخەممەس»، «قىممەتلىك ھايات»، «كارۋان ھېكمىتى»، «چۈمپەردە» قاتارلىق 800گە يېقىن شېئىر ۋە ناخشا تېكىستى يازدىم . ئۇنىڭ 500دىن ئارتۇقى ئېلان قىلىندى . ئۇنىڭدىن باشقا 30غا يېقىن ھېكايە، پوۋېست، «سەھەردە كۆرگەن چۈشلەر»، «تېڭىرقىغان ئەپسانىلەر» قاتارلىق 20 نەچچە پارچە نەسر، 30 پارچىگە يېقىن ئەدەبىي ئوبزور ئېلان قىلدىم . ھازىرغىچە مەن يازغان، تەرجىمە قىلغان، تۈزگەن كىتابلىرىمدىن تۆۋەندىكىلەر بار . «كالتە قۇيرۇق چاشقان» چۆچەكلەر توپلىمى، «تونۇر بېشىدىكى چۆچەكلەر» دېگەن چوڭ ماۋزۇ ئاستىدىكى «يالغانچى تۇسۇق»، «قۇلىقى قېچىپ كەتكەن بالا»، «ئاق قۇشقاچنىڭ ھېكايىسى» ئۈچ كىتاب، «بالىلار يۇمۇرلىرى»، «بالىلار تېپىشماقلىرى» بەش قىسىم، «قىزىقارلىق سوئال-جاۋابلار» 10 قىسىم قاتارلىقلار نەشردىن چىقتى.
    ئېزىز خۇدا بەردى: بۇنىڭدىن كېيىن قانداق ئەسەرلەرنى يېزىش پىلانىڭىز بار؟
    ئەخمەتجان قۇربان سابىرى: ھازىر مەن «قاناتلىق بالا» ناملىق بالىلار رومانىنى يېزىۋاتىمەن . «ئۇيغۇر بالىلار تېپىشماقلىرى» ماۋزۇلۇق 10 قىسىملىق كىتابىمنى نەشرگە تاپشۇردۇم . يەنە بەزى ئەسەرلەرنى يېزىش خىيالىم بار . ئەمەلىيلەشمىگەن ئۇ ئەسەرلەر ھەققىدە ھازىرچە بىرنەرسە دېمەي تۇراي.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.