چەتئەل كۆرگەنلەر بىلەن سۆھبەت(1)

يوللىغۇچى : Hellolife يوللىغان ۋاقىت : 2009-06-01 18:33:00

چەتئەل كۆرگەنلەر بىلەن سۆھبەت(1)(بۇ تېما ئەسلىدە ئىزدىنىش مۇنبىرىدە ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. مەن قىممىتى بار دەپ قاراپ كۆچۈرۈپ كەلدىم.) HelloLife :ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى دىئالوگلارنىڭ بار...

    چەتئەل كۆرگەنلەر بىلەن سۆھبەت(1)
    (بۇ تېما ئەسلىدە ئىزدىنىش مۇنبىرىدە ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. مەن قىممىتى بار دەپ قاراپ كۆچۈرۈپ كەلدىم.)

    HelloLife    :
    ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى دىئالوگلارنىڭ بارچە ئىنسانلارغا، بولۇپمۇ بىر قەدەر ئاجىز توپقا پايدىلىق دەپ قارايمەن. شۇنداقلا ئوخشىمىغان مەدەنىيەت مۇھىتىدا ياشىغۇچى كىشىلەرنىڭ دىئالوگلىرى، بولۇپمۇ سىزدەك بىرنەچچە خىل مەدەنىيەت مۇھىتىنى باشتىن كەچۈرگەن كىشىلەر بىلەن بولغان دىئالوگلار تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك بولىدۇ، دەپ ئويلايمەن. سىز مانا دۇنيانىڭ ئاز بىر قىسمىنى بولسىمۇ كۆرگەن ئادەم، بۇ جەريانلاردا سىزنىڭ كاللىڭىزدا نۇرغۇنلىغان سۇئال ۋە خۇلاسىلەر چىقىرىلدى.
    بىز دائىم مۇنداق سېلىشتۇرۇشلارنى كۆرۈپ تۇرىمىز. مەسىلەن، بىر ئىشقا ئامېرىكىلىق، ياپون، نېمىس، جۇڭگولۇق تەڭلا دۇچ كەپتۇ، ئامېرىكىلىق مۇنداق قىپتۇ، جۇڭگولۇق مۇنداق دەپتۇ.... دېگەندەك. ئۆز كەچمىشلىرىڭىز ئاساسىدا ئۇيغۇر، خەنزۇ ۋە غەربلىكلەرنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلى ھەققىدە توختىلىپ باقامسىز؟

    مەمتىمىن ئەلا :
    ھۆرمەتلىك HelloLife ئەپەندى،

    ماڭا بۇ قېتىم چىقارغان ئىندىۋىدۇئال سوئاللىرىڭىز مېنى ئۆزۈمگە يېڭىۋاشتىن قايتۇردى. مەن بەزىدە سوئال سوراشنى جاۋاب بېرىشتىن مۇھىم دەپ قارايمەن. بىر ئېسىل سوئالنىڭ ۋەزنى ئۇنىڭ جاۋابىنىڭ ۋەزنىدىن ئاللىبۇرۇنلا ھالقىپ كەتكەن بولىدۇ. چۈنكى بىر تەرەپتىن ئالغاندا بۇ خىلدىكى سوئال ئادەمنى ئۈزلۈكسىز يېتەكلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن نەزىرىمىزنى ھامان ئۆز ئىزدىنىشىمىزنىڭ سىرتىدا قېلىۋاتقان ھەم كۆپ ھاللاردا قالىدىغان بوشلۇققا ئۈزلۈكسىز تىكتۈرىدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇ ئىزدىنىشىمىزنىڭ ئاخىرلاشمىغانلىقىنى ئېسىمىزگە ھەر ۋاقىت سېلىپ تۇرىدۇ-خۇددى فرانسىيە يازغۇچىسى فلوبېرنىڭ بىزنى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىدىغان مۇنۇ سۆزىدەك: "دۆتلۈك دەل خۇلاسە چىقىرىشقا بولغان ھېرىسمەنلىكتىن كېلىپ چىقىدۇ." دەرھەقىقەت، گەرچە بۇ سۆھبەت ئارقىلىق سوئاللىرىمىزدا كۈتكەن ئاخىرقى نەتىجىگە ئېرىشەلمىسەكمۇ، لېكىن بىز ئېھتىمال جاۋابىنى مەڭگۈ بېرىپ بولالمايدىغان تېڭىرقاشلارغا، تەئەججۈپلەرگە، نىدالارغا ۋە تىلەكلەرگە ئورتاقلىقىمىزنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلالايمىز. تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ئېيتقاندا، بۇ سوئاللارنى بىز يەنە كەلگۈسىدىمۇ ئۇچرىتىمىز، ئويلايمىز ۋە ئۇلارغا جاۋاب ئىزدەيمىز. بۇ سوئاللار بەزىدە بىزنى بىرلەشتۈرىدۇ، بەزىدە بىزنى ئۆزىمىزگە تاشلايدۇ. ئەنە شۇ چاغدا، ئۆزىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئەڭ نېگىزلىك سوئالغا ئايلىنىدۇ.
    كىملىك، ۋەتەن، ئاقارتىش، ئىدىيە، ئۇخلاش، سېغىنىش، ئىزتىراپ، كىنو، پارچە-پۇرات ئەسلىمىلەر، زېرىكىش، دۇئا-تىلاۋەت، ئۆچمەنلىك، شېئىر ئوقۇش، دېلىغۇللۇق، مۆرۈۋەت، سۈكۈت، غېرىبلىق، پەلسەپە ۋە نىگاھ قاتارلىقلارنىڭ ئىچ-ئىچىگە سىڭىپ ھەم پۈتۈلۈپ كەتكەن مەۋجۇتلۇقۇم دائىم سوئاللارنىڭ مەركىزىدە لەيلەپ تۇرىدۇ. مەۋجۇتلۇقۇمنى مۇشۇلارنىڭ ئارىسىغا خۇددى سەدىقىچىگە تاشلاپ بېرىلگەن سەدىقىدەك ھېس قىلغان ۋاقىتلىرىمدا، سوئاللار-پەقەت ئايىغى چىقماس سوئاللارلا-مېنى ھەممىدىن ئايرىپ، ئۆزۈمگە روبىرو قويىدۇ. مەن ئۆزۈمگە سوئاللار ئارقىلىق قارايمەن، ئۇنى سۆزلەيمەن، ئۇنى سېزىمەن، خۇددى ئۆزۈم بىلەن بولىدىغان بىردىنبىر ھەم ھەقىقىي مۇناسىۋەت پەقەت سوئاللار ئارقىلىقلا بولىدىغاندەك. يەنە بەزىدە ئۆزۈمنى ئېپ قاچقۇسىز سوئاللارنىڭ قارىقىدا تىپىرلاۋاتقاندەك ھېس قىلىمەن، خۇددى ئۇلار مېنى قىيامەتلىك قەرزنى قايتۇرۇشقا سۆرەۋاتقاندەك. ئەنە شۇ مىنۇتتا ۋۇجۇت تىترەيدۇ، لەۋ پىچىرلايدۇ. مانا بۇ مەۋجۇتلۇقنىڭ تېگى-تېگىدىن كېلىدىغان سوراقلاشتۇر.
    پانىيلىقتا سورىلىدىغان سوئال شۈبھىلىنىشتىن باشلىنىدۇ. ئادەم شۈبھىلەنگەندە، ئۆزى ئىلگىرى توغرا دەپ قارىغان ئىشىنىشكە يېڭىۋاشتىن قاراپ چىقىدۇ. شۈبھە ئادەمنى ئۆزى ھېس قىلغان ھەم چۈشەنگەن ئوبيېكت بىلەن تەنقىدىي ئارىلىق ساقلاشقا يېتەكلەيدۇ. بۇ ئارقىلىق ئادەم ئۆزى بىلەن ئارىلىق ھاسىل قىلىدۇ. سوئال سوراش ئىنساننىڭ ئەقلىنىڭ ئەركىنلىكىنىڭ نامايەندىسىدۇر، شۇبھىلىنىش بولسا ئەقىلىنىڭ ئۆزىنىڭ ۋە ئۆزگىنىڭ ئىلگىرى قوبۇل قىلىنغان ئەقلىيلىقىگە ۋە ھەقىقىيلىقىغا بولغان ئىنكارلاشنىڭ باشلىنىىدۇر. بۇ دەل ئەقىلنىڭ ئۆزى توغرا دەپ قارىغان ئىشىنىشلەرنى، ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزىنى توختاۋسىز ئىنكار قىلىپ تۇرۇشى ۋە شۇ ئارقىلىق ئېنىقلىققا ۋە توغرىلىققا ئېرىشىشكە ئىنتىلىشىدۇر. بۇ يەردە مۇنداق سوئال تۇغۇلىدۇ: ئەگەر ئىنسان سوئال ئارقىلىق ئەمەس بەلكى سوئالنىڭ ئۆزىدىن شۈبھىلەنسىچۇ؟
    قەدىمكى يۇناندا ياشىغان بىر مۇتەپەككۇردىن بىرى: "ئۇستاز، سىز ئۈچۈن بۇ دۇنيادىكى ئەڭ قىيىن سوئال قايسى؟” دەپ سورىغاندا، ئۇ كۆزلىرىنى كۆككە غەمكىن تىككىنىچە: "مەن ئۆچۈن ئەڭ قىيىن سوئال دەل سوئالنىڭ نېمىلىكىدۇر” دەپ جاۋاب بەرگەنىكەن. ئۇ پۈتكۈل سوئاللارنىڭ ئېھتىمال ھەم ئىپتىداسى ھەم ئىنتىھاسى بولغان سوئالنىڭ تەگسىز سىرلىرى ئالدىدا لال بولغۇچى، ئۇنىڭدا ئېزىققۇچى، ۋە ئىنساننىڭ بۇ سوئال ئالدىدىكى تىرەن سۈكۈتىنى ھېس قىلغۇچىدۇر. ياكى ئۇ ئادەمنىڭ ئۆزى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ مانا مۇشۇ سوئال بىلەن بولىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغۇچىدۇر. ئۇنىڭ سوئالغا سوئال قويۇشى-يەنى مېتا-سوئاللىشى (سوئال-ھەققىدىكى-سوئاللىشى)-شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، بارلىق مەۋجۇدات ھەققىدىكى ئىزدىنىش سوئالدىن باشلىنىدۇ. ئەگەر گېرمان پەيلاسوپى لائىبنىز مەۋجۇدات ھەققىدىكى ئىزدىنىشىنى "بۇ يەردە نېمە ئۈچۈن ھېچنېمە بولماي، مەلۇم نەرسە بولىدۇ؟" دېگەن سوئالدىن باشلىغان بولسا، يۇقىرىدىكى مۇتەپەككۇر ئۆز ئىزدىنىشىنى "بۇ يەردە نېمە ئۈچۈن جاۋاب بولماي، يەنە سوئال بولىدۇ؟" دېگەن سوئالغا تۈگەللەيدۇ. لېكىن ھەر ئىككىسى مۇنداق بىر ئورتاقلىقتا بىر-بىرى بىلەن ئۇچرىشىدۇ: سوئالنىڭ مەۋجۇتلۇقى بىلەن مەۋجۇداتنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئوخشاش مەنبەلىك ۋە ئورتاق نىشانلىقتۇر. دېمەك مەۋجۇتلۇقنىڭ سىرىغا قارىتا ئادەمدە تەبىئىي قوزغىلىدىغان ھەيرانلىق، قىزىقىش ۋە ھەتتاكى مەپتۇنلۇق دەل سوئالنىڭ مەۋجۇت بولۇشىدىن باشلىنىدۇ؛ ھەر بىرشەيئىنىڭ مەۋجۇتلۇقى تېگى-تېگىدىن ئالغاندا سوئالنىڭ مەۋجۇتلۇقى ياكى سوئال شەكلىدىكى مەۋجۇتلۇقتۇر. ئەمىسە بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان سوئالنىڭ سۇبيېكتى كىم؟ كىم بۇ سوئالنى سوراۋاتىدۇ؟
    دۇنيا ئادەمدىن بىۋاسىتە سوئال سورىمايدۇ، شۇنداقلا ئۇ ئادەمنىڭ جاۋابىغىمۇ موھتاج ئەمەس. بلائىس پاسكال ئالەمنىڭ سىرلىق، پەرۋاسىز ۋە چەكسىز سۈكۈتىدىن چوڭقۇر ئىزتىراپقا چۆمگەن ۋە ۋەھىمە ھېس قىلغانىدى. ئۇنىڭچە ھەرقانداق سوئاللارنىڭ سورىلىشى ۋە ھەر قانداق جاۋابلارنىڭ بېرىلىشى ئالەمنىڭ تەۋەررۈك سۈكۈتىنى بۇزالمايدىغاندەك ئىدى. قەدىمدىن يەر يۈزىدە تايانچسىزلىق ۋە تەنھالىققا مەھكۇم بولغان ئادەم ئالدى بىلەن ئالەمنىڭ سۈكۈتىنى سوئال سوراش ئارقىلىق بۇزغان؛ بۇ ئارقىلىق لائىبنىزنىڭ يۇقارقى سوئالىدا ئەكس ئەتكەن يوقلۇقنىڭ ۋەھىمىسىنى يەڭمەكچى ۋە مەۋجۇداتقا يېقىنلاشماقچى بولغان. ئادەم سوئالنىڭ ھەم ئوبيېكتى ھەم سۇبيېكتىدۇر: ئۇ دۇنياغا سوئال ئارقىلىق يۈزلىنىدۇ، شۇنداقلا ئۆزىنى سوئال ئارقىلىق ئىزدەيدۇ. ئۆز بىلەن ئۆزگە ئوتتۇرىسىدىكى يېقىنلىقتا ئۇزۇنغا سوزۇلغان سوئاللار تاشلىنىپ ياتىدۇ. ئۆزلۈك بەزىدە سوئاللار ئارقىلىق ئۆزىنى ئېنىقراق تۇيسا، ھېس قىلسا ۋە چۈشەنسە، يەنە بەزىدە ئەنە شۇ سوئاللار بىلەن ئۆزىدىن يىراقلىشىدۇ، ئۆزىدىن خىرەلىشىدۇ ۋە ئۆزىنى يىتتۈرىدۇ. سوئال ئادەمنى ئارامسىزلاندۇرىدۇ، ئويلاندۇرىدۇ ۋە بەزىدە باش-ئاخىرى چىقماس سۈكۈتكە غەرق قىلىدۇ. ئەنە شۇ ئالاھىدە مىنۇتتا سوئاللىغۇچى بىلەن سوئاللانغۇچى ئورتاق بىر مەۋجۇتلۇق ھالىتىگە قايتىپ، بىر بىرىگە يۈزمۇ يۈزلىشىدۇ: سۈكۈت. بۇ سۈكۈت ئىنسان سۇبيېكتى بىلەن دۇنيانىڭ ئەڭ ئىپتىدائىي ئۆز ئارا يۈزلىنىش ھالىتىنىڭ قايتىلىنىشىدۇر. ئادەم دۇنيانىڭ سۈكۈتىنى سوئال بىلەن بۇزۇشقا ئۇرۇنسا، دۇنيا ئىنساننىڭ قىزىقىشىنى سۈكۈت بىلەن بۇزىدۇ.
    ئادەم مۇتلەق ئۆزگىگە، يەنى خۇداغا سوئال بىلەن يېقىنلىشىدۇ-لېكىن بۇ ۋاقىتتىكى سوئاللاش شۈبھىگە تولغان قەلب بىلەن ئەمەس، بەلكى دەل پۈتكۈل شۇبھىلىنىشتىن ئازاد بولغان قەلبتىن سورىلىدۇ. خۇدادىن سورالغان ھەم سورىلىدىغان سوئاللار ئىنساننىڭ قەلبىنى خۇداغا يۈزلەندۈرىدۇ، ئۇنىڭ بەندىلىك پۈتۈلمىشىنى تېخىمۇ تىرەنلىكتە نامايان قىلىدۇ. شۇ چاغدا، قەلبتىن ئىلاھىي مەرھەمەتكە ئىشىنىش ۋە ئىلاھىي كەچۈرۈمگە بولغان چوڭقۇر تىلەكداشلىق ئاستا سۈرىلىدۇ. ئىنسان خۇداغا بەزىدە ئۆز توۋىنامىسىنى سوئال شەكلىدە بايان قىلىدۇ: "ئى كەرەملىك خۇدا، مەن بىر گۇناھكار بەندەڭمەن، بىلىپ بىلمەي ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىمنى كەچۈرەرسەنمۇ؟" تۆۋە قىلغۇچى خۇدادىن سورىغان سوئاللىغا شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە جاۋاب ئالالمايدۇ-ئۇنىڭ ئېرىشىدىغىنى كەلگۇسىنىڭ مۇتلەق ۋەدىسى بولمىش ئىلاھىي سۈكۈتتۇر. چۈنكى، توۋا قىلغۇچى خۇدانىڭ جاۋابىنى بىلىشنى ئىستىمەستىن، بەلكى ئېتىقادىنىڭ خۇدا تەرىپىدىن قوبۇل ئېتىلىشىنى ئىستەيدۇ. ئىلاھىي سۈكۈتتە ئىنسان ئۆزىنى خۇدانىڭ چەكسىز مېھرىبانلىقىدا تۇرۇۋاتقاندەك، قەلبىدىن خۇداغا بۇرۇنقىدىنمۇ بەك تەلپۈنىۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ. ئىلاھىي سۈكۈت ۋە جاۋابسىزلىقتا، ئېتىقاد ئىلاھىي ئۇلۇغۋارلىقنى جىممىدە قوبۇل قىلىدۇ. ئىلاھىي سۈكۈتنىڭ ئەڭ تىرەنلىرىدىن كېلىدىغان سادالارغا پەقەت ئېتىقادتىلا قۇلاق سالغىلى بولىدۇ. سوئاللار قايتا-قايتا سورىلىدۇ ۋە يەنە ئىلاھىي سۈكۈتكە سىڭىپ كېتىدۇ. ھەممە سوئاللارنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى بولغان قىيامەتتىكى سوراقتا ئىنسان ئۆزىنى خۇدانىڭ سورىقىدا كۆرىدۇ: خۇدادىن سورالغان سوئاللار خۇدانىڭ سوئالىدا ئاخىرلىشىدۇ. ئۆزىگە بېرىلگەن ئەركىن ئىرادە بىلەن سوئال سورىغان ئىنسان خۇدانىڭ مۇتلەق ئىرادىسى بويىچە بەندىلىكنىڭ سورىقىغا تارتىلىدۇ.
    سوئاللار ھەقىقەتكە باشلايدىغان يولدۇر. بۇ ھۆكۈمنىڭ ئەكسىچە ئېيتىلىشىمۇ توغرا: ئىنسان ئىزدىمەكچى بولغان ھەقىقەت ئىنساننى ئۆزىگە سوئال ئارقىلىق يېقىنلىشىشقا بۇيرۇيدۇ. ئەگەر نيۇتون ئەينى ۋاقىتتا ئالمىنىڭ دەرەختىن يەرگە تۆكۈلۈش ھادىسىسىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ سوئاللىمىغان بولسا، ئېھتىمال ئىنسانلارنىڭ ئالەملىك تارتىشىش كۈچى قانۇنىنى بايقىشى خېلى ۋاقىتقىچە كېچىكەرىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەزكۇر قانۇنىيەت ئۆزىنى توغرا مېتودتا ۋە يېتۈك تەپەككۇردا سورالغان سىستېمىلىق سوئاللارنىڭ ئارقىسىدا ئايان قىلدى ۋە قىلىدۇ.
    لېكىن شۇنىمۇ ئەستىن چىقارماسلىق كېرەككى، بەزى ھەقىقەتلەر سوئاللاردىن ھالقىغان بولىدۇ. بۇ ھەقىقەتنىڭ ئاجىزلىقىنى ئەمەس، بەلكى ئىنسان تەرىپىدىن سورىلىدىغان بارلىق سوئاللارنىڭ ئۇنى سوراشقا-سوراقلاشقا-قۇربى يەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇلار ئىلاھىي ئىرادىدىن بەرپا قىلىنغان تەبىئەت قانۇنىيەتلىرى ھەققىدىكى ئاكسىئوملۇق ھەقىقەتلەردۇر. بىزنىڭ تەبىئەت ھەققىدىكى ئىزدىنىشىمىز ئەڭ ئېنىقلىققا ئىگە مانا مۇشۇ ئاساستىن باشلىنىدۇ، سوئاللىرىمىز ئۇ تەرىپىدىن يېتەكلىنىدۇ.
    مېنىڭ HelloLife ئەپەندىنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشتىن ئاۋۋال "سوئال" نىڭ نېمىلىكى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىشىم ھەرگىزمۇ سوئالنى يەنە كۆپەيتىپ سوئالنى ھەم ئۇنىڭ جاۋابىنى مۇرەككەپلەشتۈرۈش ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ سوئال سوراش ئارقىلىق بايقىيالايدىغان ئەڭ ئاساسىي مۇمكىنچىلىكلىرىمىزگە بىر قۇر قاراپ چىقىشتۇر. شۇڭلاشقا، مېنىڭ نۆۋەتتىكى قىزىقىشىم سوئاللار ئارقىلىق ھەقىقەتكە ئېرىشىش ئەمەس، بەلكى ھەقىقەت ھەققىدە ئىزدىنىشتۇر؛ سوئاللارنى يېشىم بىلەن بوي سۇندۇرۇش ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ساداسىغا جىمجىت قۇلاق سېلىشتۇر؛ سوئاللارنى ئۆتمۈشكە ئېلىپ كېتىش ئەمەس، بەلكى ئۇلاردىن كەلگۇسىنىڭ شەپىسىنى ھېس قىلىشتۇر.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر مەمتىمىن ئەلا