قەقنۇس جاڭگىلىدىكى كۈزلۈك دىئالوگ(يۈسۈپ ھۈسەيىن بىلەن سۆھبەت)

يوللىغۇچى : Enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-04-25 12:44:03

قەقنۇس جاڭگىلىدىكى كۈزلۈك دىئالوگ - شائىر، تەتقىقاتچى يۈسۈپ ھۈسەيىن قەقنۇس بىلەن سۆھبەت قۇربان ئەمەت قۇربان ئەمەت: يۈسۈپ ھۈسەيىن ئاكا، ياخشىمۇسىز؟ ھازىرغا قەدەر مەتبۇئاتلىرىمىزدا ئابدۇقادىر جا...

    قەقنۇس جاڭگىلىدىكى كۈزلۈك دىئالوگ

    - شائىر، تەتقىقاتچى يۈسۈپ ھۈسەيىن قەقنۇس بىلەن سۆھبەت

    قۇربان ئەمەت

     

    قۇربان ئەمەت: يۈسۈپ ھۈسەيىن ئاكا، ياخشىمۇسىز؟ ھازىرغا قەدەر مەتبۇئاتلىرىمىزدا ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىدا «يۈسۈپ ھۈسەيىن» ناملىق ماقالىسى ۋە «مۇنبەر» ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى ئىسلامجان شېرىپ بەشكېرەمنىڭ مەزكۇر ژۇرنالنىڭ 2004-يىللىق 4-سانىدىكى ماقالىڭىزغا بەرگەن ئىلاۋىسىدىن باشقا، ھاياتىڭىز، ئىجادىيەت پائالىيىتىڭىز ۋە تەپەككۇر خاسلىقىڭىز خۇسۇسىدا ماتېرىيال ئېلان قىلىنمىدى. شۇڭا، بۇ قېتىمقى سۆھبەت مۇناسىۋىتى بىلەن ھاياتىڭىزدىن دېرەك بېرىپ باقسىڭىز؟
    يۈسۈپ ھۈسەيىن قەقنۇس: مەن 1946-يىلى 9-فېۋرال قېلىن قار ياغقان بىر كۈندە قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ بارىن تەۋەسىدىكى قىچىچى كەنتىدىكى مومامنىڭ ئۆيىدە تېخى ئىسسىقى كەتمىگەن ئوچاق كۈلىڭىدىكى كۈلگە چۈشكەنىكەنمەن. 1954-يىلىغىچە بولغان بالىلىق چاغلىرىم ئىككى قىچىچى، يەنى ئاتا-ئانام بىلەن بوۋام-موماملارنىڭ ئۆيى ئارىسىدىكى دەريا بويلىغان يوللاردا ئۆتتى. 1949-يىلىدىن بۇرۇن دادام مالاي، رەۋەندىلىك يوللىرىدا يۈرسە، ئانام باشلانغۇچ مەكتەپتە يۈرەتتى. مەن كۈنلىرىمنى بوۋام، موماملار بىلەن ئۆتكۈزەتتىم. ئۇلار ئاددىي دېھقان ئىدى. ئاخشاملىرى نۇرغۇن چۆچەكلەرنى سۆزلەپ بېرەتتى. يادىمدىن چىقمايدىغانلىرى «تاھىر-زۆھرە»، «تۇلپار»، «يەتتە پالۋان ۋە بۆرە» قاتارلىقلار. بۇ چۆچەكلەر كېيىن نەسەبىم يىلتىزىنى بىلىشتە مۇھىم ماتېرىيال بولدى. 1951-يىلى دادام قىچىچى يېزىسىدا دېھقانلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇدىرى، ئانام ئاياللار مۇدىرى بولدى. 1952-يىلى دىنىي مەكتەپتىن خەلپەتنىڭ تايىقىغا چىدىماي قېچىپ چىقتىم. مېنى ئالتە يېشىمدا باشلانغۇچ مەكتەپكە بەردى. 1953-يىلى ئانام قەشقەر كېرەمباغدا دوختۇرلۇق مەكتىپىدە ئوقۇپ، يېڭىشەھەر ناھىيىسىدە تۇغۇت دوختۇرى بولدى. ئۆيىمىزنى ناھىيە بازىرىغا كۆچۈردۇق. دادام كىچىك دۇكان ئاچتى. 1954-يىلىدىن باشلاپ ناھىيە بازىرىدا ئوقۇشنى داۋاملاشتۇردۇم. 1962-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا باردىم. 1968-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كېرىيە ناھىيىسىنىڭ قارقى يېزىسىغا قايتا تەربىيىگە چۈشتۈم. 1970-يىلى شۇ يېزىدىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپى ئاچقان تەرجىمانلىق كۇرسىغا كىرىپ ئوقۇدۇم. 1972-يىلى كېرىيە ناھىيىلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولدۇم. 1974-يىلى قەشقەر يېڭىشەھەرگە يۆتكىلىپ كېلىپ، ناھىيىلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىدە تەرجىمانلىق قىلدىم. 1975-يىلى ناھىيىلىك ئورمان مەيدانىدا تەرجىمان بولدۇم. 1979-يىلى يېڭىشەھەر ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولدۇم. 1980-يىلى شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇرۇلۇپ، تەتقىقاتچى قوبۇل قىلىدىغان ئۇقتۇرۇش روھى بىلەن ئۈرۈمچىگە بېرىپ ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقات ئىنستىتۇتىدا ئىشلىدىم. 1985-يىلى قەشقەر ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدە ئىشلىدىم.  1996-يىلى كېسەللىك سەۋەبى بىلەن 50 يېشىمدا پېنسىيىگە چىقتىم.
    قۇربان ئەمەت: سىز ئەدەبىيات، مەدەنىيەت، پەلسەپە، تارىخ ساھەسىدە ئۆز ئىختىيارىڭىز بويىچە تەتقىقات بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتىسىز ۋە زامانداش، كەسپىي تەتقىقات خادىملىرىدىن پەرقلىنىپ تۇرىسىز. ھازىرغا قەدەر بىر تۈركۈم «نەپەس ۋەزنى»لىك شېئىرلىرىڭىز ۋە تەتقىقات ماقالىلىرىڭىز ئېلان قىلىندى. بىراق، بىرەر كىمنىڭ تەنقىد ياكى تەقرىز دىققىتىگە چۈشمىدىڭىز. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئوقۇرمەنلەرگە دەيدىغان قانداق يۈرەك سۆزلىرىڭىز بار؟
    يۈسۈپ ھۈسەيىن قەقنۇس: بالىلىق چاغلىرىمدىلا بوۋام-مومامنىڭ چۆچەكلىرىنى ئاڭلىدىم. بولۇپمۇ مومام چىرايلىق غەزەل، بېيىتلارنى ئوقۇيتتى. كېيىن بىلسەم، بۇ غەزەللەرنى مەشرەپ، زەلىلى، شەۋقى... دىۋانلىرىدىن كۆردۈم. باشلانغۇچ مەكتەپتىكى يىللىرىمدا مومامدىن قالغان غەزەل، بېيىتلەرنى يوغان بىر خاتىرە قىلغانىدىم، كېيىن ئۇنى كىنوخانا تېمىدىن ئارتىلىپ چۈشكەندە يوقاتقانىدىم. تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە نۇرغۇن رومانلارنى ئوقۇيتتىم. تەبىئەت باغرىغا چىقىپ كېتەتتىم. بۇ چاغدا مۇزىكىلىق خىياللار ئاجايىپ قوشاقلارنى پەيدا قىلاتتى. بالىلىق چاغلىرىمدا ناخشا ئاڭلىسام نېمىشقىدۇر كۆيۈپ يىغلايتتىم. نۇرغۇن شېئىرلارنى، ھېكايىلەرنى، پوۋېستلارنى يازدىم. ھەممىسى مەشىق ئەسەر بولۇپ، كېيىنكى يىللاردا يوقالدى. 50 يىللىق ئىجادىمنى يەكۈنلىسەم، 1986-يىلىدىن بۇرۇنقى 40 يىل بىلەن كېيىنكى 20 يىل ئالاھىدە پەرقلىنىدۇ. 40 يىللىق ھاياتىم سىزگە ۋە سىزدەك ياشلارغا ئوخشاش رومانتىك ئىدى. تۇتۇق شېئىر يېزىش مەندە 1960-يىللاردىلا بار ئىدى. لېكىن، بىرەر پارچىسىمۇ ژۇرنالدا ئېلان قىلىنمىدى. 50 يىل جەريانىدا نۇرغۇن كىتابلارنى ئوقۇدۇم. ئالدىنقى 40 يىللىق ھاياتىمدىن ئۇنتۇلماي قالغانلىرى «خوجا نەسىردىن ھەققىدە قىسسە»، «شۇنداق بىر كۈن كېلىدۇ»، «نېمە قىلىش كېرەك»، «چىڭگىزخان» قاتارلىقلار. مەن قاچان، قانداق كىتاب ئوقۇسام، خېلى بىر مەزگىل شۇ كىتاب ئەرۋاھلىرى بىلەن مۇڭدىشاتتىم. ئومۇمەن ئالغاندا، ئەگەر 50 يىللىق يازمىشلىرىمنى ئون نىسبەت قىلسام، ئۇنىڭ توققۇز نىسبىتى خۇددى ئۆرۈك چېچەكلىرى توزۇپ كەتكەندەك چېچىلىپ كەتتى. پەقەت بىر نىسبەت گۈلە بولغاندەك قىلدى دېسەم بولار. ھازىر رادارسىمان تەسەۋۋۇر بىلەن ماكانىمىزدىكى بارلىق ئەدەبىي، ئىلمىي ژۇرنال تەھرىراتىغا قارىسام، نۇرغۇن «گۈلە-قاق» ئەسەرلىرىمنى ۋە ئۇلارنى ساقلىغان غايىۋانە دوست-خېرىدارلىرىمنى كۆرىمەن. بىرقىسىم ئەدىبلەر ئەسەرلىرىدىن پۇل تاپقان بولسا، مەن غايىۋانە دوست تاپتىم. ئۇ «گۈلە-قاق»لار جەملەنمىدى، ئېھتىمال جەملەنسە قانداق رادىئاتسىيە تارقىلىشىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن.
    قۇربان ئەمەت: سىزنىڭ شېئىرىي ئىجادىيىتىڭىزدە «نەپەس ۋەزنى» ئاساسىي سالماقنى تەشكىل قىلغان. لېكىن، بىرەر ئوبزورچى بۇ ھەقتە ئىزدىنىپ باقمىدى. سىزنىڭ «نەپەس ۋەزنى»نى ئىختىرا قىلىشىڭىزنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى، سەۋەبلىرى نېمە؟
    يۈسۈپ ھۈسەيىن قەقنۇس: 80-يىللاردا كلاسسىكلارنى تەتقىق قىلدىم. بولۇپمۇ ئارۇز ۋەزىنلىك غەزەللەرنى كۆپ ئوقۇدۇم. قارىسام، ئەسلىي مەزمۇن تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلى ئىخچام، لېكىن تۇتۇق ئىدى. ئەمما شەرھى بولسا ئېنىق ئىدى. شەرھى مىسرالار خاتىرەمدە ئېنىق تەسەۋۋۇر قوزغايتتى. ھېس قىلدىمكى، ھېسسىياتنى سىقماي ئەركىن قويۇپ بېرىش لازىم. بۇنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى نەزمىي شەكىل بىلەن نەسرىي جەمىل. شەكىل بىلەن جەمىل قانچىكى تەپسىلىي بولسا، ھالەتنىڭ شېئىر بولۇپ قېلىش ئۈنۈمى كۈچلۈك بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مەندە ھېچكىمگە ئوخشىمايدىغان دېكلاماتسىيە رىتىمى بار ئىدى. خاسلىقىمنى جارى قىلاي دېدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە، 1986- 1988-يىللىرى جۇڭگونىڭ نەپەس گۇمپىسى، ھىندىستاننىڭ «گۇفتا» دېگەن گۇمپا ماتېرىياللىرىنى ئوقۇپ تەتقىق قىلدىم. تەپەككۇر، تەسەۋۋۇر، تەلەپپۇز، تەيەممۇل، تەنەققۇس (نەپەس رىتىملىرى) سىرلىرىنى تەتقىق قىلدىم. تەسەۋۋۇر تەنەققۇس ئىچىدە قانچە كۆپرەك سىغدالسا، سوزۇلسا، نەپەس رىتىمىدىكى سوزۇلۇش نەپەس رىتىمى ۋە نېرىپ كۈچى سەۋەبى بولىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئەرەبچە «ئەرۇز»نىڭ ئەسلىي مەنىسىمۇ نەپەس ئىچىدىكى پەۋەس رىتىم بولۇپ، ئەرەبچە ئاتالغۇدىن كۆرە، ئۇيغۇرچە ئاتالغۇ لازىم دەپ قارىدىم.
    قۇربان ئەمەت: سىزدە ھازىرغا قەدەر ئېلان قىلىنغان، ئېلان قىلىنمىغان مۇھىم ئەسەرلەر خاتىرىسى بارمۇ؟
    يۈسۈپ ھۈسەيىن قەقنۇس: 1962-يىلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا «يېزا دوختۇرى» دېگەن بىر ئوچېرك يازغانىدىم. تاھىر تالىپ بىلەن بىرلىشىپ «قەشقەر گېزىتى»دە ئېلان قىلغان. 1973-يىلى كېرىيىدە ئۆلۈپ قالغان ئامراق تورۇلغۇ قۇشۇم ئۈچۈن يېزىلغان «ماتەمنامە» دېگەن نەسر «تارىم» ژۇرنىلىدا  ئېلان قىلىنغان. 1979-ۋە 1984-يىللىرى «‹كۆكۈيۈن›گە باھا»، «شەيخ سەئىدىنىڭ ‹گۈلىستان› كىتابىغا باھا» دېگەن ماقالىلىرىم «كىتابلارغا باھا» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان. «يۈسۈپ خاس ھاجىپ» ناملىق كىنو سېنارىيەم ئېلان قىلىنغان. 1984-يىلىدىن 1987-يىلىغىچە «قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتوتى ئىلمىي ژۇرنىلى»دا «مەنىۋى دۇنيا ھەققىدە بايان»، «مەنىۋى دۇنيا قانۇنى»، «ئەقىل توغرىسىدا»، «يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلەن يۈسۈپ قادىرخاننىڭ بىرلىكى ھەققىدە»... ئېلان قىلىنغان. 1986- 1996-يىللىرى «قەشقەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىدا بىر تۈركۈم «نەپەس ۋەزنى»لىك شېئىرلىرىم ئېلان قىلىنغان. 1997- 1998-يىللىرى «يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلىدا «تاسادىپ ئىلھام»، «زىمىستاندىكى قۇش» دېگەن ماقالەم ئېلان قىلىنغان. 2000-يىلىدىن باشلاپ «مۇنبەر» ژۇرنىلىدا «قۇربان ھېيت تەتقىقاتى»، «مەدەنىيەتتىكى ھەقىقەت»، «تەسەۋۋۇپ ۋە ھەقىقەت»، «ئەخمەد يەسىۋى ھەققىدە»، «مەخدۇم ئەزەم ھەققىدە»، «ئەدەبىيات ۋە ئالگېبرا»، «ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مەنبەسى ۋە ماھىيىتى ھەققىدە»، «ئۇيغۇر پەلسەپە نەزەرىيىسى ۋە تارىخى ھەققىدە قاراشلىرىم»، «بىلىنگەن ئەينەن» قاتارلىق تەتقىقات ماقالىلىرىم ئېلان قىلىندى. «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىدا «بۇلاقتىكى چەمبەرلەر»، «ۋەھدەت ۋە سەنئەت» ئېلان قىلىندى. «شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى»دا «ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە»، «شىنجاڭ مائارىپى» ژۇرنىلىدا «ئۇيغۇر خەتتاتلىق سەنئىتى ھەققىدە» دېگەن ماقالەم ئېلان قىلىندى. «قەشقەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىدا «شېئىرىيەت بۇلىقى»، «ئەدەبىياتنىڭ ئەھمىيىتى» دېگەن ماقالەم، «تارىم»، «ئىلى دەرياسى» ژۇرناللىرىدا يەنە بىرقىسىم ئەسەرلىرىم ئېلان قىلىنغان. ئېلان قىلىنماي يوقالغان ئەسەرلىرىم- «كۆز گۆھىرىدە چاقنىغان يۇلتۇز» (شېئىرىي رومان)، «ھىدايەت مەشئىلى»، «كىمياي زىبا» (كىنو سېنارىيىسى)، «‹خەزانىئۇل مەئانى›تەتقىقاتى»، « ‹مەنتىقۇتتەيىر› تەتقىقاتى»، «‹مەھرى ۋە مەسىھ› دىئالوگلىرى»، «قۇرئەندازلىق ھەققىدە»، «كىرپىكتىكى ئۇچقۇن»... ۋەھاكازالار.
    قۇربان ئەمەت: خېلى كۆپ تەتقىقاتچىلار سىزنىڭ تارىخىي تەتقىقاتقا دائىر ئەسەرلىرىڭىزدە نەقىل ۋە ئاساسلارنىڭ كېلىش مەنبەسى ئېنىق ئەمەس، دەپ قارايدىكەن. بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟
    يۈسۈپ ھۈسەيىن قەقنۇس: خەلقىمىزدە مەن ھازىرغىچە تارىخ ۋە باشقا ئىلمىي تېمىلاردا تەتقىقات ئەسەرلىرىنى ئەمەس، بەلكى پەقەت تونۇشتۇرۇش ئەسەرلىرىنى كۆردۈم. مەندىن بۇرۇنقى ئەربابلار ئوبيېكتىپ ۋە سۇبيېكتىپ شارائىتلاردىن كۆرە، كۆرگەن مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەردىن نەقىل ۋە بايانلارنى تونۇشتۇردى. ماڭا بولسا ئۇزۇن يىللارغىچە شۇلارنى كۆرۈش، سېلىشتۇرۇش پۇرسىتى تۇغۇلدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە، مەن شۇ يىللاردا پەلسەپە ۋە باشقا تەبىئەت ئىلىملىرى، ئاسترونومىيە، ئاسترولوگىيە (مۇنەججىملىك ۋە قۇرئەندازلىق) جەمئىيەت ئىلىملىرىگە دائىر ئاساسلىق پەنلەرنى تەتقىق ۋە تەجرىبە قىلىش ئىمكانىغا، ۋىجدانىغا ئىگە بولدۇم. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مەن بىرەر كەسپىي مەسئۇلىيەت بىلەن ئەمەس، بەلكى ۋەسلى مەمنۇنىيەت بىلەن ماڭا خۇددى ئەجدادىمدەك تۇيۇلغان تارىخىي شەخسلەرنى تاللاپ، قەبرە ئالدىدا ئىستىغبار قىلغاندەك سەمىمىي ئىشق بىلەن ئىزدەندىم. نەقىل، سىتات مەسىلىلىرىگە كەلسەك، مەن كېيىنكى يىللاردا خۇددى بازاردا مال كۆرۈپ، ئالماي ئۆتۈپ كەتكەندەك كۆرگەنلىرىمنى تاشلاپ كېتىۋەردىم. پەقەت دىققەتلىك تىندۇرمىلارنى (مىسال، خىيال، يەنى شولا-سايە) تەرىقىسىدە يازدىم. مېنىڭچە، ئالىم بولغاندىن كۆرە، ئادىل بولغان ياخشىراق. مۇۋەپپەق ئۈمىدىدىن كۆرە، مۇھەببەت ئۆكسۈشلىرى خوپراق. چۈنكى، بۇ بىئوزەرەتلىنىش قانۇنى بويىچە ئەسلىيەتنى بىلىش شەرتلىرىنىڭ بىرى. بولۇپمۇ پېنسىيىگە چىققىنىمدىن كېيىن، تەتقىقات ۋەزىپەم ۋە ماتېرىيال غەزىنەم بولمىغانلىقى ئۈچۈن قىرائەتخانىدىكى ياكى كىتابپۇرۇشلار ئالدىدىكى قىزىققان ماتېرىياللارنى ۋاراقلاپ، دىققەت قوزغىغان قۇرلارنى، مەزمۇنلارنى ئوقۇغاندا، بىرەر تولۇقلىما يازاي دېگەن خىيال كەلمەيدۇ. كۈنلەر ئۆتۈپ، ماتېرىيال مىساللىرى توپلىنىپ، خىيال سېلىشتۇرمىسى پەيدا بولغاندا، خۇددى بىر ئەرۋاھ مەندىن ئادۋوكاتلىق تەلەپ قىلىپ، شىجائىتىمنى تەلەپ قىلغاندەك بولغاندىلا، ئۆزۈمگە تەسەللى بولسۇن ئۈچۈن يېزىپ تاشلاپ قويۇپ، بۇنىڭدىن باشقىچە بولۇشى مۇمكىن ئەمەس دەپ قارىغان چاغدىلا يازدىم. شۇڭا، نەقىل، سىتات مەنبەلىرى ئەسلىي بولسىمۇ، ئەمما ئۆزۈمدىكى تىندۇرما خىيال بولۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئالمىدىم.
    قۇربان ئەمەت: سىزنىڭ تەتقىقات ماقالىلىرىڭىزنى ئوقۇغان كىشى بارغانسېرى قانداقتۇر بىر خىل غايىۋى تۇيغۇنى بويلاپ كېتىۋاتقاندەك ھېسسىياتقا كېلىپ قالىدۇ. ئاشۇ ھېسلىرىڭىزنىڭ ئەسلىيەتلىرى ۋە ھەقىقەتلىرىنى بايان قىلىپ بېرەمسىز؟
    يۈسۈپ ھۈسەيىن قەقنۇس: قەقنۇس تەسۋىرىنى ئوقۇپ كۆرۈڭ، ئۇ ئۆزىنى كۆيدۈرۈش بەدىلىگە يالقۇن چىقىرىدۇ. نەپەس ۋەزنىدىكى پەلسەپىۋى پىكىرلەرنىڭ نەزمىي ئېقىمى، مەنتىقىي ئەسەرلىرىمنىڭ نەسرىي ئېقىمى بىر-بىرىگە ئارىلىشىپ كېتىدۇ. ئىلمىي تاناسىپ ئۇقۇملىرىنى قاپىيە قىلىشقا تىرىشىمەن. مەسىلەن، پايدا ۋە زىيان دېمەي، ئىنان ۋە زىيان دېگەندەك.
    نەپەس ۋەزنى نەپەستىكى كىرىم-چىقىم بېسىملىرىنىڭ تەڭلىمىسىنى ئاساس قىلغاندەك، مەن ئۆز ئەسەرلىرىمدە مەنتىقىي قەۋەتلەرنىڭ ئون بولۇشىنى، ئاخىرقى بالانىس پىكىرلەرنى، شۇنداقلا يېزىق ۋەسلىدىكى تەنەققۇس بىلەن تەپەككۇرنىڭ زامان، ماكان تەڭلىمىسىنى ئىزدەيمەن. شۇڭا، مەن ماركسنىڭ «مەن ھەقىقەتنى ئىگىلىگەن ئەمەس، بەلكى ھەقىقەت مېنى ئىگىلىۋالغان» دېگەن سۆزىنى قىبلىنەما قىلىمەن. بالىلىق ۋاقتىمدىن باشلاپ چىرايلىق ئەقلىيە سۆزلىرىنى خاتىرىلەپ يېزىپ دوراپ كەلدىم. بولۇپمۇ دەرۋىش دانىشمەنلىرىمىزنىڭ تەسەۋۋۇپچە ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىنى زامانىۋى پەلسەپىۋى مېتود بىلەن تەتبىقلاشقا تىرىشتىم. يېزىق ۋەسلىدە قېنىق دەملەنگەن ناۋاتلىق چاي ۋە موخۇركىدىن ئايرىلالمايمەن. شۇڭا، يېزىق تەمى مۇسەللەسكە ئوخشاپ كېتىدۇ. ئۆزۈممۇ يازغانلىرىمنى ياندۇرمىلاپ ئوقۇپ، بۈگۈنكى قېرىلىق بىلەن تۈنۈگۈنكى ياشلىق قالدۇقلىرىدىن ھۇزۇرلىنىمەن.
    قۇربان ئەمەت: سىزنىڭ 1984-يىلى يازغان «مەنىۋى دۇنيانىڭ قانۇنىيىتى» دېگەن ماقالىڭىزنىڭ ئاخىرىدا بىر رەقەمگە قوشۇلغان نۇرغۇن نۆللەرنى بايان قىلغانىكەنسىز. بۇنى ئىزاھلاپ بەرسىڭىز؟
    يۈسۈپ ھۈسەيىن قەقنۇس: ئاشۇ ماقالە يېزىلغان مەزگىل ياشلىقىم ئۇرغۇپ تۇرغان رومانتىك دەۋرىم ئىدى. «قۇتادغۇبىلىك»تە «تەڭرى ساندىن تاشقىرى ۋە بارلىق سانلار ئىچىدە» دېيىلگەن. بۇنى تەتقىق قىلىپ قارىسام، ئاسترونومىك نەزەردە ئالەملىك بوشلۇق بىلەن شىپىرلىق ئەقىلنىڭ ئىككى مەزمۇنى بولغان زېھىن (سۈكۈت ھال) ئىدراك (مەقسەت ھال) بىلەن مىكرو-ماكرو تاناسىپ كېلىدۇ ۋە ياكى نۆلگە توغرا كېلىدۇ. مەلۇمكى، بۇ ماتېماتىكىدىكى ئىنتىگرال ۋە دىففېرېنسىئال رەقەملەر نۆللەرنىڭ كۆپىيىشى بىلەن چەكسىز مىقدار سۈپەتنى ئىپادە قىلىدۇ. بۇ مەشرەپ غەزىلىدىكى «بىر دانە ئەردىم، مىڭ دانە بولدۇم» دېگەندەك، جىن (گېنلار)نىڭ زەرەتلىنىش مىقدارىنى كۆرسىتىدۇ.
    قۇربان ئەمەت: بىر قېتىم سىز مېنى يوقلاپ ئىشخانامغا كىرگەنىدىڭىز. بىر ئىش ئەسلا يادىمدىن چىقمايدۇ. قولىڭىزدا بىر پارچە خەنزۇچە گېزىت، پۈتۈن دىققىتىڭىز بىلەن بېرىلىپ كۆرۈپ كەتتىڭىز. ئاشۇ پەيتتە مەن قارشى يېقىمدا ئولتۇرغان خىزمەتدىشىمنىڭ بىر پارچە گېزىتنىڭ دالدىسىغا مۆكۈنۈۋېلىپ، ئۆزىنى تۇتۇۋالالمىغان ھالدا پىخىلداپ كۈلۈۋاتقانلىقىنى بايقاپ قالدىم. كېيىن ئۇنىڭ كۈلكىسىنىڭ سەۋەبىنى سورىسام: «بىر ئادەم ئۆزى بىلمەيدىغان نەرسىگە شۇنچە ئۇزۇن سىنچىلاپ قاراپ ئولتۇرسا، تولىمۇ كۈلكىلىك ئىش بولىدىكەن» دەپ جاۋاب بەردى. مەن شۇ چاغدا ئۇنىڭ جاۋابىدىن بەكلا ھەيران قالغانىدىم. ئاشۇ ئەستىلىكلەر ئېسىمدىن كېچىپ، سىزنىڭ قانداق تىللارنى بىلىدىغانلىقىڭىزنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشقۇم كېلىۋاتىدۇ.
    يۈسۈپ ھۈسەيىن قەقنۇس: سىزنىڭ خىزمەتدىشىڭىزلا ئەمەس، بەلكى بىلمەيدىغان ھەرقانداق كىشى مېنى بىر دېھقان كادىر ياكى ھۈنەرۋەن، ئىشچى، ھەتتا كونا شوپۇر ئۇستام دەپ قالىدۇ. بەزى تونۇماسلارمۇ ئۇستام دەپ ئاتايدۇ. توغرا، مەن ئۆمرۈمدە ئوقۇش پۈتتۈرۈپلا ئاساسەن يېزا-سەھرالاردا يۈردۈم. ھېلىمۇ كوچىلاردا، ساماۋەرخانىلاردا ھەر خىل كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىپ ياشايمەن. ھەتتا «مەنتىقۇتتەيىر»دىكى ماشايىقلارنىڭ تەسەۋۋۇپ ئىلھامى بىلەن پەقىرلەر، خارلانغانلار كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، تېرە كېسەللىكىم تۈپەيلىدىن تېخىمۇ كۆركەمسىز كۆرۈنىمەن. ھەتتا بەزى بالىلار ئەيمىنىپ قالىدۇ. مانا بۇنى چۆچەكلەردىكى تېشى دىۋە، ئىچى پەرى دېگەن ئەپسانىلەرگە مىسال قىلىش مۇمكىن.
    تىل مەسىلىسىگە كەلسەك، مەن ئانا تىلىمدىن باشقا، خەنزۇ تىلىنى پۇختا بىلىمەن. ئۇزۇن يىل تەرجىمانلىق قىلدىم. نۇرغۇن مۇھىم ئەسەرلەرنى خەنزۇچىدىن ئوقۇدۇم. كلاسسىك ئەسەرلەرنى، يەنى چاغاتاي دېگەن ئوتتۇرا ئەسىر تۈركىي تىل تەتقىقاتى ئارقىلىق ئەرەب، پارس، ئوردۇ تىللىرىدىن ئىلمىي ئاتالغۇ ۋە گرامماتىكىلىق قۇرۇلمىلارنى ھېس قىلالايمەن. قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تىلىنى تولۇق ئاڭلايمەن. يېزىق تەتقىقاتىدا چېكىت باش، سىزىق تەن بولۇپ كۆرۈنىدىغان قەدىمكى مەنبەلەرنى تەسەۋۋۇر قىلىپ، لاتىن، خەنزۇ يېزىقلىرىدىكى بەزى شەكلى مەنىلەرنى تەسەۋۋۇر قىلالايمەن.
    قۇربان ئەمەت: سىز 80-يىللاردا شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە ئىشلەۋاتقان تۇرۇقلۇق، قانداق سەۋەبلەر بىلەن قەشقەرگە يۆتكىلىپ كەتكەن؟
    يۈسۈپ ھۈسەيىن قەقنۇس: ئۆمرۈم كىتابىنى مەنتىقلەپ كۆرسەم، ئۆمرۈم ۋە ئەقلىم سۈپەتلىرىدە مۇھىم رول ئوينىغان ئىككى دەۋر بار. بىرى 1962- 1968-يىللار بولۇپ، ئۇنىۋېرسىتېت دەۋرىم. بولۇپمۇ «مەدەنىيەت ئىنقىلابى»دا «پولات»تەك تاۋلاندىم. بۇ مەزگىلدە سىياسىي ساھەدىكى بىرقىسىم نوپۇزلۇقلارنى كۆردۈم، بىلدىم، چۈشەندىم. بىرقىسىم سىرلارنىڭ تېگىگە يەتتىم. بۇ مېنىڭ ھوقۇق ۋە غۇرۇردىن ۋاز كېچىپ، دەرۋىش مىجەز بولۇشۇمدىكى بىرىنچى ئامىل. ئىككىنچىسى، 1980- 1985-يىللار بولۇپ، ئاكادېمىيە دەۋرىم. بۇ چاغدا مىللىتىمىزنىڭ مەشھۇر دېگەن زىيالىيلىرىنى كۆرۈش، كۆزىتىش دەۋرىم. بۇ مەزگىلدە «ئالتۇن»دەك تاۋلاندىم. ئاقۇش داغلار بىلەن نەزەردىن يىراق يۈرەتتىم. بۇ مېنىڭ نوپۇز ۋە ھوسۇلدىن ۋاز كېچىش سىرىمدىكى بىرىنچى ئامىل.
    بىز ئىنسان يەر باغرىدىكى تۆت تادۇ ئىچىدە ياشاپ تۇرۇپ، تەبىئەت سىرلىرىنى تونۇماي، كۈندىلىك ھېرىسلىرى بىلەن ئاۋارە. تەبىئەت تەپەككۇر قىلىدۇ. نۇرغۇن سىرلىق ۋە قۇدرەتلىك ئىشلار بولىدۇ. بىز بۇنى ئادەتتە تەقدىر دەيمىز. بۇرۇن «تەقدىر دولقۇنلىرىدا...» دەيدىغان خاتىرەم بولىدىغان. سىرلارنى يېزىپ ئۈلگۈرەلمەسلىكىمنى بىلىپ يازمايدىغان بولغانىدىم. بىر كىشى كېسەل بولسا، سەۋەب گېنىنى بىلەلمىگەندەك، سىز ھەيۋەتلىك، سەلتەنەتلىك نەرسىلەرگە تېۋىنىپ قالىسىز. ئەسلىدە بۇ ئەكسىرىيەت تەقدىر سەۋەبلىرى بولىدۇ دېمەكچىمەن. بۇ دىئالوگدا تەپسىلاتىنى بايان قىلىپ بولماق مۇمكىن ئەمەس.
    قۇربان ئەمەت: سىز نەزمىي ۋە نەسرىي تىلدىكى ئەسەرلىرىڭىزگە قانداق ئىشلەيسىز؟
    يۈسۈپ ھۈسەيىن قەقنۇس: كلاسسىكلاردا «پەرىشتىلەر بېشارىتى» دەيدىغان بىر گەپ بار. بۇنى ئىلمىي تىلدا تەبىئەت روھى دېيىش مۇمكىن. تەبىئەتتىكى ئۇلۇغ گارمونىيە-شەپەقلىق ئاسمان، سالقىن شامال، قۇشلارنىڭ سايراشلىرى، قۇرتلارنىڭ مىدىرلاشلىرى، يېقىملىق ئىشقارىي ئېلېمېنتلارنىڭ بەدەندە ھاسىل قىلغان لەززەتلىك زىمىلداشلىرى بەدەندە توپلىنىپ  گاھ نەزمىي، گاھ نەسرىي تەپەككۇر قوزغايدۇ. ئەگەر بۇلارنىڭ ھەممىسىنى دەرھال ئىزھار قىلغىلى بولسا ئىدى، ئاجايىپ ئىش بولاتتى. ئادەتتە «كەسىپ» دېگەن ئىبارە بىلەن «قەلب» دېگەن ئىبارە تاناسىپ-بالانىس ئۇقۇم. بەدىئىي تەپەككۇر كەسپى بىلەن قەلبى شۇنداق ئالاھىدە بەدەن سەۋەبى. ئاشپەز بىراقلا ناۋاي بولالمايدۇ. سىز بۇ سىرنى خىزمەت بىلەن ئىسمەت دېگەن ئۆمۈر تەجرىبىڭىزدە تېخىمۇ تەپسىلىي ھېس قىلىسىز.
    قۇربان ئەمەت: ھاياتىڭىزدا ئەڭ سۆيۈپ ئوقۇغان كىتابلىرىڭىز قايسى؟ ئەڭ چوڭ سۆيۈنۈشىڭىز نېمە؟ ئەڭ چوڭقۇر رەنجىشلىرىڭىزچۇ؟
    يۈسۈپ ھۈسەيىن قەقنۇس: نۇرغۇن رومانلارنى، دىنىي ئەسەرلەرنى، ئىلمىي، شېئىرىي ئەسەرلەرنى ئوقۇدۇم. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىلىم ئېھتىياجىدىن ئىدى. پەقەت «خوجا نەسىردىن ھەققىدە قىسسە» بىلەن، «شۇنداق بىر كۈن كېلىدۇ» ئىشق ئېھتىياجىدىن ساقلاندى.
    جىسمىي كەمتۈكلۈكۈم تۈپەيلىدىن ھەر خىل نەزەرلەردىن رەنجىشلىرىم بۇرۇن كۆپ ئىدى. كېيىن سىرلىرىم سەۋەبى ئېنىقلانغاندىن كېيىن رەنجىمەس بولدۇم. مۇنداق قارىسام، ئازاب ۋە رەنجۇ مالامەتلەر دائىم نەپەس ۋە قەدەم ھالىتىدە ئۇچراپ تۇرسىمۇ، ئاچچىق شارابقا ئوخشاش خۇمارلىق نەرسىلەر ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالدىم.
    بەزى شېئىرلاردا ماس كەلمىگەن تۇپراققا چۈشكەن ئۇرۇق دەيدىغان پەريادلار بار. بەزىدە ئەتراپىمدىكى ھەتتا ئاسىيادىكى نادانلىققا قاراپ مېنىڭ روھىم ماس كەلمىگەن ئۇرۇق بولسا كېرەك دەپ ئىڭراپ قويۇپ، ئارقىدىن بۇ خاتالىقنى ھېس قىلىمەن. ئۇرۇق بىلەن تۇپراق مۇناسىۋىتىدە ئۇرۇقنىڭ تۇپراقنى ئۆزگەرتىش قىسمەتلىرىمۇ مەۋجۇت. مىسال ئۈچۈن ياۋا گىياھ ئۇرۇقلىرىنى ئالايلى، ئۆستەڭ بويىدا ئولتۇرغىنىمدا «ئۆستەڭدىكى بۇ سۇ بىر چاغدا ئاسماندىكى پار ئىدى، بىر چاغدا تاغ چوققىسىدىكى قار ئىدى» دەپ قالىمەن. قىرلاردىكى گىياھلارغا قاراپ «بۇ ئەسلىي تاغ باغرىدىكى گىياھلار ئىدى» دەيمەن. پەرۋىشكە موھتاج بولماي، مەتانەت بىلەن ئۆسكەن ياۋا گىياھلار ھەۋىسىمنى قوزغايدۇ. شۇڭا، ھازىر قاقاسلىقتىن يانتاق، قامغاق ئېلىپ كېلىپ دەملەپ چاي قىلىپ ئىچىمەن. ئەڭ قەدىمكى پىرمانىيەت دەۋرى، شىر ئوۋلايدىغان ئالىپ ئەر تۇڭا دەۋرى ۋە ئاندىن شۇ ئەرۋاھلار بەرگەن «ئون خۇمايى مۇتلەق» دۇرۇتلىرىنى مەۋجۇدىي سەۋەبلىرىم قىلىمەن. مۇشۇنداق ئالىي ئىنسانلىقىمنى چۈشەنگۈچى يوق دەپ ئېچىنىمەن. شۇنداقلا بۇ ئالاھىدە قىممىتىمدىن سۆيۈنىمەن.
    قۇربان ئەمەت: نۆۋەتتىكى كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتىغا قانداق قارايسىز؟
    يۈسۈپ ھۈسەيىن قەقنۇس: تېمىنى سەل كېڭەيتەي. بىر كۈنى يولدا بىر بايۋەچچە يىگىتنىڭ موتسىكلىتى بۇزۇلۇپ قېلىپ، ئىتتىرىپ مېڭىش جاپاسىنى چېكىپ، تەرلەپ-پىشىپ ھەرەج تارتىۋاتقانىكەن. تەلۋە بايۋەچچە بىغەملىك ۋە قاراملىق بىلەن مىنگەچكە، موتسىكلىتى بۇزۇلۇپ قالغان بولۇپ، ئەمدىلىكتە موتسىكلىتى قىساس ئېلىپ ئىگىسىنى ھالسىرىتىپ قويۇپتۇ دەپ قالدىم. خەلق بىلەن رەھبەر، ئەدىل بىلەن ئەقىل ئىشلىرىمۇ شۇنداق. ناتۇرال دەۋرىدە دېھقان ئېشىكىنى ئۇرۇپ-دۇمبالاپ بولۇپ، ئارقىدىن بىر باغ بېدە تاشلاپ بەرسە كۇپايە بولاتتى. ھازىرقى سانائەت دەۋرىدە ماشىنا سايمىنىنى ئىنچىكە رېمونت قىلمىسا بولمايدۇ.
    بىزدە نوپۇزلۇق رەھبەرلەر خىتاب، بۇيرۇق قىلسا، شۇنى ئەينەن تەكرارلاپ قويۇش بىلەن كۇپايىلىنىدىغان رەھبەرلەر تاكى ئەڭ تۆۋەن قاتلاملارغا قەدەر كۆپلەپ تېپىلىدۇ. ئەمما، كونكرېت ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەقلىنى تەپەككۇر قىلمايدۇ. بۇنداق ئەنئەنە بۇزۇلغان موتسىكلىت، ماشىنىلارغا ئوخشايدۇ.
    ئەمدى گەپكە كېلەي: مەن مىللەت نامىدىكى بۇ ئىشلارغا كۆرسەتمە ياكى تەشەببۇس ئوتتۇرىغا قويغۇدەك سالاھىيەتكە ئىگە ئەمەس. ئىلگىرى ئۇنداق بولسا، بۇنداق بولسا دەپ ئارزۇ قىلاتتىم. بۇ سۇبيېكتىۋىزم ئوبيېكتىپقا كۆرە ئاۋارىگەرچىلىك ئىكەن. ماشىنا ئۈسكۈنىلىرى بۇزۇلغان ئىگىسى رېمونتچىنى ئىزدەشنى خالىسا ئۈمىد پەيدا بولۇپ قالار. خالايدىغانلا بولسا نۇرغۇن رېمونتچى چىقىدۇ. شۇنداق قىلىپ زامانلار ئۆتۈۋېرىدۇ.
    قۇربان ئەمەت: ھازىر كۈنلىرىڭىزنىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك شاھماتچىلار ئارىسىدا ئولتۇرۇپ ئۆتكۈزۈۋاتىسىز، ئىجادىي خىياللىرىڭىز تىنىپ قالدىمۇ؟
    يۈسۈپ ھۈسەيىن قەقنۇس: يېقىنقى يىللاردىن بېرى ماكانىمىزدىكى ھەممە ژۇرنال تەھرىراتىدا بىردىن رىسالە بولغۇدەك «نەپەس ۋەزنى»لىك ئەسەرلەر ياتىدۇ. كۈتمەكتىمەن. «مۇنبەر» ژۇرنىلىغا «خىيالىمدىكى مۇقامشۇناسلىق»، «تېۋىپلىق بىلەن ھېكىملىقنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە»، «ئىقتىساد بىلەن ھېسسىياتنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە»، «سەنئەتكارنىڭ مەنىۋىيىتى ھەققىدە» قاتارلىق ئەسەرلەرنى ئەۋەتكەنىدىم. كۈتمەكتىمەن. قەلبىم كارخانىسىدا يەنە «دېموكراتىيىگە لاياقەت مەسىلىسى»، «‹بىلىنگەن ئەينەن›نىڭ داۋامى» پىششىقلانماقتا. شاھمات مەيدانىدا بىرەر يول خاتالىقى ماتلىق سەۋەبى بولىدۇ. رەقىب خاتالاشتۇرماقچى بولىدۇ. مېنىڭ نەزىرىمدە، شاھمات تاختىسى ئەمەس، مېڭەمدىكى مىكرو ماكان-زامانلارنىڭ كۋادراتىنى ئېتىش مەشغۇلاتى تۇرىدۇ. شاھماتچىلار يەتتە ئويلاپ، بىر ماڭ، دەيدىكەن. ئەسلىدە يەتتە ئويلاشنىڭ ھەربىرىمۇ بىردىن ماڭماق دېمەكتۇر. خاتالاشماق پاخشى بولماق شەۋقى، راۋانلاشماق ياخشى بولماق تەجرىبىسىدۇر. بۇنىڭ شادلىقى ئۇتماق شادلىقىدىن ياخشى. ئۇمۇ بىر خىل تېما. بىراق، ئىختىرا قىلماق بىلەن ئىختىرا قىلىنغۇچى ماتېرىيال ئارىسىدىكى رىقابەتمۇ شۇنداق. تاش قاتتىقلىقى بىلەن جىم تۇرۇۋالىدۇ، باش ئۇنى مەلۇم شەكىلگە كەلتۈرمەك ئۈچۈن قىم قىلىدۇ. تاشنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن باشمۇ شۇنداق ئۆزگىرىدۇ. شۇڭا، ئىجادىي تەپەككۇر ئەسەرنى ئەمەس، بەلكى ئۆزۈڭدىكى شەجەرىنى پەرۋىش قىلماق، دېمەكتۇر. شۇڭا، مەن ئىجادىمدىكى ئەڭ مۇشەققەتلىك ۋە مۇرەككەپلىك سىناقلىرىدا، ئىختىيارلىق دولقۇنلىرىدا دېسەم بولىدۇ.
    كىشىلەر ئالىي غىزا، ھاراق، نازىنىن ئىشرەتلىرى بەخت مەزمۇنى دەيدۇ. بىراق، بۇنى بەدەن سېزىشى لازىم. بەدەن دېگەن بۇ جىسىمدا ئون نەچچە خانىلىق تەڭلىمىلەر قەۋىتى بار. خىيال ۋە ھېسسىيات دېگەن بىئو ئېنېرگىيىدە ئوبيېكتىپ ھەقىقەت توغرىسىدىكى ئەقىدەت بولىدىكەن، خۇددى «تېرىقنىڭ زاغرىسى بولسا، كۆڭۈل تاغدەك ئۆسمەمدۇ» دېگەندەك بولىدۇ.
    رىقابەتنى ھەل قىلىش ھەرگىزمۇ رەقىبىنى يوقىتىش دېگەنلىك ئەمەس. بەلكى تالىشىش يوللىرىدىن چىقىپ، يارىتىش يوللىرىنى ئىزدەش دېمەكتۇر.
    قۇربان ئەمەت: تارىخىمىزدا غەيرىي رەسمىي مەكتەپلەر، جۈملىدىن مەشرەپ سورۇنلىرى، ساماۋەرخانىلارمۇ مەدەنىيەتنى قوبۇل قىلىش ۋە ئالماشتۇرۇشتىكى مۇھىم سورۇن بولۇپ كەلگەن. ئەمدىلىكتە مەشرەپلەر سەھنىلەرگە، ساماۋەرخانىلار رېستورانلارغا كۆچۈۋاتقان ئەھۋالدا، تەدرىجىي يوقىلىۋاتقان ساماۋەر مەدەنىيىتىمىز ھەققىدە ئويلىنىپ كۆرۈش زۆرۈر بولۇپ قالدى. بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىڭىزنى سۆزلەپ بەرسىڭىز؟
    يۈسۈپ ھۈسەيىن قەقنۇس: ساماۋەر خۇمارى مەندە بالىلىق چاغلىرىمدىن تارتىپ شەكىللەنگەن. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدىغان يىللىرىمدا قوشنىمىز ئىمىن لوزۇڭ دېگەن تېۋىپ ۋە داستانچى ئۆينىڭ يېنىدا ساماۋەرخانا ئاچقانىدى. ئۆزى دۇتار بىلەن داستان ئوقۇيتتى. پات-پات ئولتۇرۇپ ئاڭلايتتىم. كېيىن «خوجا نەسىردىن ھەققىدە قىسسە» رومانىدىكى تەسۋىرلەر تەسىرىدىن 70-يىللاردا خوتەندە ۋە سەپەر ئۈستىدە يەكەندە ساماۋەرخانىلارغا كىرىپ يۈردۈم . قەشقەردىكى كۈنلىرىمدىمۇ پات-پات ساماۋەرخانىغا كىرەتتىم. خىيالىمدا خوجا نەسىردىن ئوبرازى ئەتراپنى كۆزىتەتتى. 1980- 1985-يىللىرى ئۈرۈمچىدىكى چېغىمدىمۇ ئىدارىدىن تېببىي ئۇنىۋېرسىتېت ئالدىدىكى ناۋايخانىغا بېرىپ، قېرى ناۋاي بىلەن چايخورلۇق قىلاتتۇق. 90-يىللارنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا قەشقەردە چۈشلۈك ئارام ئېلىش پەيتلىرىدە ئىككى جايدىكى ساماۋەرخانىدا چاي ئىچەتتىم. 1996-يىلىدىن كېيىن يېڭىشەھەر بازىرىدىكى ئاتام كۆرگەن، ئانام كۆرگەن مويسىپىتلار بىلەن ساماۋەردە سۆھبەت قۇرۇپ يۈرۈپ ئۈلپەتلىشىپ قالدىم.
    ساماۋەرخانىدا كاللام «ۋىجدان سودىسى»غا ئايلىنىپ قالىدۇ. تۈرلۈك ھايات تەسىرلىرىگە چىدامىم قانچىلىك، قىزىقارلىق مىساللار ۋە خىياللارغا كۆرە، ماتېرىيالىستىك ئېنىقلاشلىرىم قانچىلىك، تەبىئەت سىرلىرىغا سەمىمىيەتلىرىم قانچىلىك دەپ ئويلايمەن.
    ساماۋەرخانىدا بەش موچەنلىك بىر گىردە، بەش موچەنلىك بىر چەينەك چاي بىلەن بىرنەچچە سائەتنى ئۆتكۈزۈش مۇمكىن. رېستوراندا بولسا بىرەر سائەت ئىچىدە يۈز يۈەنلەپ ياكى نەچچە يۈز يۈەنلەپ پۇل ئىسراپ بولىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، پۇل قانچە چېچىلغانسېرى ھېرىسمەنلىك ۋە رىقابەتكە قۇللۇق شۇنچە مەھكەملىشىدۇ.
    مەن ساماۋەرخانىدىن كلاسسىك ۋە قەدىمكى ناتورال ماكانىمىزنىڭ ئۆتمۈش خاتىرىلىرىنى تونۇسام، رېستوراندىن سانائەتلىشىۋاتقان تۇرمۇش خاتىرىلىرىنى ئوقۇيمەن، مەن ئۈچۈن ساماۋەر كىتابىنى ئوقۇش بىرقەدەر قىزىقارلىق.
    قۇربان ئەمەت: ھازىرغا قەدەر ئاز بولمىغان ئەسەرلەرنى يازدىڭىز. بۇنىڭ ئىچىدە ئېلان قىلىنغانلىرىدىن يوقالغانلىرى كۆپ ئىكەن. سۆھبىتىمىز مۇناسىۋىتى بىلەن ئەسەرلىرىڭىزنىڭ يورۇقلۇققا چىقىشىغا ئەجىر سىڭدۈرگەن مۇھەررىرلەرگە دەيدىغان قانداق يۈرەك سۆزلىرىڭىز بار؟
    يۈسۈپ ھۈسەيىن قەقنۇس: پوچتىدىن ئەسەر سېلىپ قايتىش يولۇمدا، ئىچىمدە: «غايىۋانە باغۋەنگە خىزمەت قىلۇرمەن، ئۇچاردىم مەن شۇڭقارىمنى، ھېچبىر يەردە دېرىكى يوق» دەپ قوياتتىم.
    بۇ جاۋاب مۇناسىۋىتى بىلەن يادىمغا مۇنداق فورماتىكا كېلىۋاتىدۇ. ئىككى بىر ئارىسىغا بىر چېكىت قويايلى. «1.1» ئىككى سىزىق يىراق ئاپتور بىلەن مۇھەررىر. ئارىسىدىكى چېكىت ئەسەر. ھەر ئىككى سىزىقتا پۇل ۋە ئۇل دېگەن ئىككى چېكىت بار، بۇ ئىككى چېكىت ئارىسىدىكى چېكىت بىلەن تۇتىشىپ ÷ شەكلىنى ھاسىل قىلىدۇ. ئاپتور مۇھەررىرگە پۇل ئەۋەتسە ئەسەر پۇل ئۈچۈن بولىدۇ. ئاپتور ئەسەرنى ئۇل بىلەن ئەۋەتسە مۇھەررىردە ئۇل پەيدا بولىدۇ، دېمەكچى. ئاپتور بولغان مەن ئەسەرگە ئۇل سىڭدۈرگەن ئىخلاسىمنى ئۆزلەشتۈرگەن خىلداش بولسا شىجائەت بىلەن ئەسەرنى ئېلان قىلدى. مەن ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئويلىدىم. دېمەك، شۇ مۇھەررىرلەرمۇ ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئويلايدىغان روھ ئىدى. ئەگەر «ئالتۇن قەدرىنى زەرگەر بىلۇر» دېگەن بېيىت مەنىسى بىلەن قارىساق، ئىككى زەرگەردىن تونۇغۇچى زەرگەر قىممەتلىك بولىدۇ.
    قۇربان ئەمەت: سىز ھازىر 60 قا كىردىڭىز. ئۆتكەن ئۆمرىڭىزنى يەكۈنلەپ باقتىڭىزمۇ؟
    يۈسۈپ ھۈسەيىن قەقنۇس: ئۆمرۈمنى بەش-ئون يىلدىن قاتلاپ كۆرگەنىدىم. بەش-ئون يىل قەرنەسىدە كۆچۈپ يۆتكىلىپ يۈرگەندەك، جىسمى سۈپەتلىرىممۇ پەرقلىق بولۇپ تۇرۇپتۇ. ئەقلىي باسقۇچ دېسەم، 1952- 1972-يىللاردىن 1978- 1998-يىللارنى ئالاھىدە كۆرۈش مۇمكىن. يەنى ئالدىنقى 20 يىل خۇددى ياش زىيالىيلاردەك رومانتىك ئىدىم. كېيىنكى 20 يىل تەسەۋۋۇپ تەتقىقاتىدا بولدۇم. ھازىرغىچە بولسا ئۆزۈمنىڭ خاس يولۇمنى تاپتىم. بۇ مېنىڭ ئەسەرلىرىمدە ئىپادىلەندى. يەنە بىر جەھەتتىن «قۇتادغۇبىلىك»تىكى فورما- 30 ياش بىلەن 50 ياش، 40 ياش بىلەن 60 ياش قاتلانمىسى بويىچە ئىككى يىگىرمە يىلنى تاسقاپ قويىمەن. ماڭا نەۋائىي ھەزرەتنىڭ: «ئىنانۇ ئىختىيارىمنى پازا ئىلكىگە قويغايمەن» دېگەن مىسراسى ياقىدۇ.
    ئۆمرۈمنى يەكۈنلەپ ئەسلەپ باقسام، مۇھىم بىر ئالاھىدىلىك ئۈچۈن ئۆز-ئۆزۈمگە ھەيران. بوۋاقلىقىمدىن تارتىپ بوۋاي-موماي قوينىدا ئۆستۈم. بالىلىق ۋاقتىمدا قېرى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىم يۈسۈپخان دەپ ئامراقلىق قىلاتتى. بازار باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئوقۇش يىللىرىمدا بازار كۈنلىرى تونۇش مەدداھ ئالدىدا ئولتۇراتتىم. ئۇ مەخسۇس غەۋسۇل ئەزەم، ئىمام ئەزەم، بالا گەردان، مەخدۇم ئەزەم، مەشرەپ ئەۋلىيا توغرىسىدا ۋاھىزلىق قىلاتتى (بۇلار كېيىنكى «بىلىنگەن ئەينەن» خىيالەتلىرىمدە ماتېرىيال بولدى). تۇغۇلۇشۇمغا سەۋەب بولغان مەمەت موللام دېگەن تېۋىپ تارىختا يېزىلمىغان ۋەلىخان تۆرەم بىلەن ئەلىخان تۆرەم توغرىسىدا «ھېچكىمگە تىنما» دەپ سۆزلەپ بېرەتتى. 1974-يىللىرى كېرىيە ئوتتۇرا مەكتەپتە زاپخوز، ئامبارچى، ئاشپەز بۇرادەرلىرىم بار ئىدى. ئۇلار بىلەن تاختا كۆۋرۈك ئاستىدىكى كونا بازار ئۆيلىرىدە مۇسەللەس ئىچىشىپ، كونا خوتەن پەدىلىرىدە ناخشا ئاڭلايتتىم. ئۇلاردىن «جاھاننەما» چۆچىكىنى ئاڭلىدىم (بۇ ئەلىشىر نەۋائىينىڭ خوتەن ھاياتىنى يورۇتقۇچى ماتېرىيال ئاساسىم بولغان). 1975- 1976-يىللىرى يېڭىشەھەردە ئىدارە دەرۋازىسىنى ساقلايدىغان، 1960-يىللاردا مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ خاتالاشقان بىر قېرى كىشى بار ئىدى. ئۇ ماڭا بىر پىيالە چاي، ئۆزىگە بىر بوتۇلكا ھاراق قۇيۇۋېلىپ، 30- 40-يىللاردىكى تارىخقا يېزىلمىغان ۋەقەلەرنى، 20-يىللاردا قازاندىن قەشقەرگە كەلگەن مۇسا جارىللايوف ۋە مۇرات، بورھان ئەپەندىلەر توغرىسىدا سۆزلەپ بېرەتتى. 90-يىللاردا قەشقەردىكى چاغدا ئوردام شەيخلىرى بىلەن، ئىشان ۋە خەلپەم دېگەن سىرلىق كىشىلەرنىڭ سوپىلىرى بىلەن ئۈلپەت بولۇپ قالاتتىم. بۇلار مېنىڭ كلاسسىك ئەدەبىيات، مۇقام، تەسەۋۋۇپ تەتقىقاتىدا ئۆزگىچە قاراش ئىختىرا قىلىشىمدىكى مىسالى سەۋەبلەر بولدى.
    نۇرغۇن زىيالىيلار ھەيران بولۇپ «100 يىل، 200 يىل، 500 يىل، ھەتتا 1000 يىل بۇرۇنقى مەۋھۇمىيەت قانداق بولۇپ سىزدە ھېكايەتتەك تىزىلىپ قالىدۇ» دەپ سوراشقانىدى. تارىخىي ماتېرىيالىزم ئېتىراپ قىلىدۇكى، قانداق گىياھ ئۇرۇقى بولسا، شۇنداق گىياھ كۆكلەيدۇ. گەرچە ئىنسان جەمئىيەت تەسىرىدىن يېڭى شەكىل ۋە يېڭى جەمىل بولۇپ، زامان-ماكان خاسلىقىغا ئىگە بولسىمۇ، خۇددى گىياھلارنىڭ چېچەك، ياپراق سانى، قۇرۇلمىسى پەرقلىق بولسىمۇ، ھەتتا چېچەكلىرىدىكى ئۇرۇق خىلمۇخىل بولسىمۇ، ئەمما بىرلا ماھىيەتنى يوقاتمايدۇ. زەرەتلىنىش قانۇنى بويىچە تۆمۈر ئۇۋاقلىرى بىلەن ماگنىت ئۇۋاقلىرىنى دەلىل قىلىش مۇمكىن. مەسىلەن، يولدا سىز ئاتا-ئانىڭىزغا ئوخشاش بىرەرسىنى كۆرسىڭىز، دەرھال ئاتا-ئانىڭىز يادىڭىزغا كېلىدۇ. ئەقىللىق بولسىڭىز، پەرقلەر سېلىشتۇرمىسىدىن گېنلار كۆچۈش سىرلىرىدىن ئىلھام ئېلىشىڭىز مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ماڭا كلاسسىك قۇرئى ئەندازلىق رىۋايەتلىرىنى ئېينىشتېيىننىڭ ئاتوم تەلىماتى «تاناسىپلىق نىسبەتلىرى» (E=mc2) بويىچە تەجرىبە قىلىش ئىمكانىيەتلىرى ئېچىلدى. يەر شارىنى قويۇپ، مەلۇم ئىقلىمدىكى زامان-ماكان كاتەكچىسىنى (پاراللېل، مېردىئان نەقلى) ئېلىپ، مىليونلىغان ئىنسانلارنىڭ تىنىمسىز مىدىرلاشلىرىنى، خىياللىرىنىڭ نەھرۇل (ھەسەل ھەرىسى)لاردەك ئۇچۇشلىرىنى تەسەۋۋۇر قىلساق ھەم خىياللارنىڭ رادارسىمان نىشانلىرىنى، تۇيغۇلارنىڭ پائالىيەت بولۇپ ئۇچراشتۇرۇش تاسادىپلىرىنى كۆرىمىز. بۇ بەكمۇ زور بايان. نەچچە كىتاب قىلىپ يېزىپ تۈگەتكىلى، چۈشەندۈرۈپ بولغىلى بولمايدۇ. بولۇپمۇ چۈشلەرنىڭ سىرى ۋە چۈش دېگەن «بىئو ئىنتېرنېت» توغرىسىدا يازغانلىرىم نەلەردىدۇر سەرگەردان.
    قۇربان ئەمەت: بۇ قېتىمقى سۆھبىتىمىز ئىلگىرى ئۆتكۈزگەن تالايلىغان سۆھبەتلىرىمىزنىڭ داۋامى ھەم بۇ سۆھبىتىمىز يەنە ئۆز نۆۋىتىدە داۋاملىشىدۇ دەپ ئىشىنىمەن. سەھىپە ئېتىبارى بىلەن تۈگەللىمە سۈپىتىدە دەيدىغان قانداق يۈرەك سۆزلىرىڭىز بار؟
    يۈسۈپ ھۈسەيىن قەقنۇس: ئەمدى مۇجەسسىمە ئورنىدا تۆۋەندىكىلەرنى يېزىپ قويارسىز. تروپىك بەلۋاغدەك باھار قۇشى بولغان سىز يۇقىرى كۈزگى جاڭگالغا كېلىپ، مالامەتلىك قەقنۇس چاۋار-چاتقاللىرىنى كۆرۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇ يەنە غازاڭلار شىلدىرلاپ چۈشۈپ تۇرغان، قەدىمكى بىر مۇقام گىڭىلداپ تۇرغان بوشلۇق ئىچىدە قېلىۋېرىدۇ. ئەگەر ئارزۇ قىلىش مۇمكىن بولسا، بارلىق تەھرىر بۆلۈملىرىدىكى «نەپەس ۋەزنى»لىك ئەسەرلىرىم جەملىنىپ قالسا دەيمەن.

     

       تەھرىرلىگۈچى: ئەركىن نۇر
    تەڭرىتاغ ژورنىلىنىڭ 2006-يىللىق2-سانىدىن ئېلىندى

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.