مەركىزى شەھەردىكى يېڭى گەپلەر

يوللىغۇچى : qunduz يوللىغان ۋاقىت : 2007-04-12 01:10:00

مەركىزى شەھەردىكى يېڭى گەپلەر 1 21-ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە جۇڭگۇدا كەسىپ قانۇنىيتى مۇنداق: ساۋاتسىز ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىدىكىلەر خوجايىن بۇلۇۋاتىدۇ. تولۇقسىز مەدەنىيەت سەۋىيسىدىكى...

    مەركىزى  شەھەردىكى يېڭى  گەپلەر    

                                                                                          1

          21-ئەسىرنىڭ  دەسلىپىدە  جۇڭگۇدا كەسىپ قانۇنىيتى  مۇنداق: ساۋاتسىز  ۋە باشلانغۇچ  مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىدىكىلەر  خوجايىن بۇلۇۋاتىدۇ.
            تولۇقسىز مەدەنىيەت  سەۋىيسىدىكىلەر  بالا ئىشچى بۇلۋاتىدۇ.
           ئالى مەكتەپ  مەدەنىيەت سەۋىيسىدىكىلەر  ھەرتەرەپكە قاتراپ  <خىزمەت ئىزدەش جەدۋىلى>نى تولدۇرۋاتىدۇ.
           دوكتۇرلۇق ئۈنۋانىغا ئىگە بولغانلار  چەتئەلدە قاچا يۇيىۋاتىدۇ!
    2   ئالى مەكتەپ ئىمتاھان  ئارقىلىق  ئوقۇغۇچىلارنى  ئۈچ خلغا ئايرىش مۇمكىن:
        بىرىنچى خىلدىكىلەر:كۆز بويامچىلار.
        ئىككىنچى خىلدىكىلەر:ھەرقانداق ئوقۇتقۇچى بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىدىغانلار.
        ئۈچۇنچى  خىلدىكىلەر: ئىجتىھات بىلەن ئۆگنىدىغانلار.
       ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن  بىرىنچى تۈردىكىلەر قابىل سودىگەر،ئىككىنچى تۈردىكىلەر سىياسى ئەرباپ،ئۈچۇنچى تۈردىكىلەر  ئوقۇتقۇچى بولىدۇ.
    3   يىغىن ئارقىلىق يىغىننى ئەمەلىيلەشتۈرمىز؛ ھۆججەت ئارقىلىق ھۆججەتنى ئىجرا  قىلىمىز؛ شوئار  ئارقىلىق شوئارغا  ئاۋاز  قوشىمىز؛ ئۇقتۇرۇش  ئارقىلىق  ئۇقتۇرۇشنى  يەتكۈزىمىز؛         بۇيرۇق  چۈشۈرۈش  ئارقىلىق   بۇيرۇققا  بويسۇنىمىز؛ قۇرۇق گەپ  بىلەن  قۇرۇق گەپكە ماسلىشىمىز؛ مەسلىسى بار  كادىرلار  مەسلىسى  بار  رەھبەرلەرنىڭ   رايىغا باقىمىز؛ مەسلىسى بار  رەھبەرلەر  مەسلىسى بار  كادىر لارنى  ئۆستۈرىمىز.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.