ئەگەر يەر شارى 100 كىشىلىك مەھەللە بولغان بولسا

يوللىغۇچى : Siddiq يوللىغان ۋاقىت : 2007-04-20 12:53:00

يوقارقى تېما يېقىندا ياپونىيىدە نەشر قىلىنغان كىتابنىڭ ئىسمى بولۇپ، بۇنىڭدا يەر شارى ناھايىتى چۈشىنىشلىك تونۇشتۇرۇلغان. بۇ جايدا كىتابنىڭ بىر قىسمىنى تەرجىمە قىلىپ قويدۇم. ئاخىرىنى داۋاملى...

       يوقارقى تېما يېقىندا ياپونىيىدە نەشر قىلىنغان كىتابنىڭ ئىسمى بولۇپ، بۇنىڭدا يەر شارى ناھايىتى چۈشىنىشلىك تونۇشتۇرۇلغان. بۇ جايدا كىتابنىڭ بىر قىسمىنى تەرجىمە قىلىپ قويدۇم. ئاخىرىنى داۋاملىق تولۇقلاپ تۇرماقچىمەن.
       دۇنيادا 6 مىليارد 300 مىليون ئادەم بار بولۇپ، ناۋادا بۇنى كىچىكلىتىلگەن 100 نوپۇسلۇق بىر مەھەللە دەپ قارىساق قانداق بولىشى مۇمكىن؟
    100 ئادەمنىڭ ئىچىدە:
    52 ئادەم ئايال، 48 ئادەم ئەر
    بالىلارنىڭ سانى 30، چوڭلارنىڭ سانى 70، بۇنىڭ ئىچىدە ياشانغانلار 7
    90 ئادەم يات جىنىس بىلەن مۇھەببەتلەشكەن.10 ئادەم ئوخشاش جىنىس بىلەن مۇھەببەتلەشكەن.
    70 ئادەم رەڭلىك ئىرقتىكى كىشىلەر بولۇپ، 30 ئادەم ئاق تەنلىك.61 ئادەم ئاسىيالىق، 13 ئادەم ئافرىقىلىق، 13 ئادەم شىمالى ۋە جەنۇبى ئامېرىكىلىق، 12 ئادەم ياۋروپالىق، قالغانلار جەنۇبى تىنچ ئوكيان رايونىدىكى كىشىلەردۇر.

    33 ئادەم خرىستىيان دىنىغا، 19 ئادەم ئىسلام دىنىغا، 13 ئادەم ھىندى دىنىغا، 6 ئادەم بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ
    5 ئادەم دەرەخ ياكى تاش قاتارلىق تەبىئەت دۇنياسىدىكى ھەممە نەرسىلەردە روھ(ئىلاھ) بولىدۇ دەپ شۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
    24 ئادەم يوقارقىلاردىن باشقا خىلمۇ خىل دىنغا ئېتىقاد قىلىدۇ ياكى ھىچقانداق دىنغا ئېتىقاد قىلمايدۇ.
    17 ئادەم خەنزۇ تىلىدا، 9 ئادەم ئىنگلىز تىلىدا، 8 ئادەم ھىندى ۋە ئوردو تىللىرىدا، 6 ئادەم ئىسپان تىلىدا، 6 ئادەم روس تىلىدا4 ئادەم ئەرەب تىلىدا سۆزلىشىدىغان بولۇپ،بۇلار مەھەللە نوپۇسىنىڭ يېرىمىنى تەشكىل قىلىدۇ.
    قالغان يېرىمى
    بېنگال تىلى،پورتۇگال تىلى،ھىندونېزىيە تىلى، ياپون تىلى، گېرمان تىلى،فرانسۇز تىلى قاتارلىق تىللاردا سۆزلىشىدۇ.
    خىلمۇ خىل ئادەملەر توپلانغان بۇ مەھەللىدە ئۆزىڭىز بىلەن ئوخشىمايدىغان ئادەملەرنى چۈشىنىش ، قارشى تەرەپنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى ئىتىراپ قىلىش، بولۇپمۇ ئالدى بىلەن مۇشۇنداق قىلىشنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىمدۇر.

    يەنە مۇنداق نۇقتىدىنمۇ ئويلىشىپ بېقىڭ!
    مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق 100 ئادەمنىڭ ئىچىدە:
    20 ئادەم ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكتىن قىينىلىپ، بىر ئادەم سەكراتتا ياتقان بولسا ، 15 ئادەم سەمىرىپ تىقىلىپ كەتكەن.
    بارلىق بايلىقلارنىڭ ئىچىدە:
    6 ئادەم 59% بايلىقنى ئىشلىتىۋاتقان بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ئادەملىرىدۇر. قالغان74 ئادەم 39% بايلىقنى، 20 ئادەم بولسا ئاران 2 % نى ئىشلىتىۋاتقان بولىدۇ.
    بارلىق ئىنىرگىيەلەرنىڭ ئىچىدە:
    20 ئادەم ئۇنىڭ 80%نى ئىگىلىۋالغان. قالغان80 ئادەمگە 20%تى ئايرىپ بىرىلگەن.
    75 ئادەمنىڭ زاپاس يەمەك-ئىچمىكى بار بولۇپ، ئاپەتلىك يىللارغىمۇ بەرداشلىق بېرەلەيدۇ. ئەمما قالغان25 ئادەم ئۇنداق ئەمەس. بولۇپمۇ بۇنىڭ ئىچىدىكى17 ئادەم پاكىز ۋە بىخەتەر سۇ ئىچەلمەيدۇ.
    بانكىدا ئامانەت پۇلى بار بولغان، ھەميان(پورتمال)ىدا پۇلى بار بولغان، ئويىنىڭ بۇلۇڭ پۇشقاقلىرىدا پارچە پۇللار چېچىلىپ تۇرىدىغان ئادەم، بۇ مەھەللىدىكى ئەڭ باي دەپ قارالغان 8 ئادەمنىڭ ئىچىدىكى بىر ئادەمدۇر.
    ئەگەر سىزنىڭ شەخسى ماشىنىڭىز بار بولسا، سىز بۇ مەھەللىدىكى ماشىنىسى بار 7 ئادەمنىڭ ئىچىدىكى بىرىدۇرسىز.
    توڭلاتقۇدا يىمەك-ئىچمەكلىرىڭىز بار بولسا كىيىم ئىشكاپلىرىدا كىيىملىرىڭىز، بېشىڭىزنىڭ ئۇستىدە ئۆگزىڭىز بار بولسا يېتىپ ئۇخلايدىغانغا كارۋىتىڭىز بار بولسا ، سىز بۇ مەھەللىدىكى ئەشۇنداق نەرسىلىرى يوق 75 ئادەمگە قارىغاندا بەختلىكتۇرسىز.
    مەھەللىدە
    1 ئادەم ئالى مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە بولۇپ، 2 ئادەمنىڭ ئۆيىدە كومپۇتېر قويۇقلۇق. لېكىن14 ئادەم ساۋاتسىز بولغاچقا ئوز ئاسمىنىمۇ يازالمايدۇ.
        ئەگەردە سىز بوزەك قىلىنىش، قولغا ئېلىنىش، قىيىن-قىستاققا ئۇچراش ۋە ئۆلۇم خەۋپىگە ئۇچراشتىن خالى ھالدا، ئۆزىڭىزنىڭ ئېتىقادى، ئەركىنلىكى ۋە ۋىجدانىڭىز بىلەن ياشاۋاتقان، بولۇپمۇ بېشىڭىزنى تىك تۇتۇپ دېمەكچى بولغان گەپلىرىڭىزنى دىيەلەيدىغان بولسىڭىز، مۇشۇنداق ئىمتىيازغا ئەگە بولالمايۋاتقان 48 ئادەمگە قارىغاندا سىزنى ناھايىتى بەختلىك دىيىشكە بولىدۇ.

    ئەگەردە سىز ئەتىگىنى كۆزىڭىزنى ئېچىپ ئورنىڭىزدىن تۇرغان ۋاقىتتا، "خۇداغا شۈكرى سالامەت ئىكەنمەن" دىيەلىسىڭىز، ھەپتە ئاخىرىغىچە بۇ دۇنيادىن كۆز يۇمۇش ئالدىدا تۇرغانلارغا قارىغاندا بەختلىكتۇرسىز.
    ئەگەردە سىز ، ھاۋادىن بومباردىمان قىلىنىش، ئوققا تۇتۇلۇش، مىناغا دەسسىۋېلىپ ئۆلۈپ كېتىش، قوراللىق كۈچلەرنىڭ ھۇجۇمى ياكى تەھدىتىگە ئۇچراش، گۆرۈگە ئېلىنىشلاردىن خالى ھالدا خاتىرجەم ياشاۋاتقان بولسىڭىز، مۇشۇنداق خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئىنتىزار بولىۋاتقان 20 ئادەمگە قارىغاندا بەختلىك دىيىشكە بولىدۇ.
    بۇ مەھەللىدە بىر يىل ئىچىدە بىر ئادەم ۋاپات بولىدۇ. لېكىن بىر يىلدا ئىككى بوۋاق تۇغۇلىدىغان بولغاچقا كېلەر يىلى بۇ مەھەللىنىڭ نوپۇسى 101 بولىدۇ.
    ئەگەر سىز مۇشۇ خەتلەرنى ئوقۇيالىغان بولسىڭىز دەل مۇشۇ دەقىقىدە، سىزنى 2 ھەتتا 3 ھەسسە بەختلىك ئادەم دىيىشكە بولىدۇ.
    نىمە ئۈچۈن دىگەندە دۇنيانىڭ قايسى بىر جايىدا سىز ئۇچۇن باش قاتۇرۇپ، سىزگە مۇشۇ خەتلەرنى يوللاۋاتقان بىرەيلەننىڭ بار بولغانلىقىلا ئەمەس، بەلكى سىزنىڭ ساۋادىڭىزنىڭ، ھەم كومپۇتېرىڭىزنىڭ بار بولغانلىقى تېخىمۇ مۇھىمى، دەل مۇشۇ دەقىقىدە سىزنىڭ تېخى ھايات ئىكەنلىكىڭىزدىندۇر.

    قەدىمكىلەر مۇنداق دەپتىكەن:
    "ئايلىنىپ يېنىڭدىن كەتىپ قالغان نەرسە، يەنە ئايلىنىپ يېنىڭغا قايتىپ كېلىدۇ." دەپ

    شۇڭا سىز
    خىجىل بولماستىن كارنىيىڭىز يىرتىلغۇچە ۋارقىراپ ناخشا ئېيتىڭ!
    خىجىل بولماستىن چارچاپ يىقىلىپ قالغىچە ئۇسۇل ئويناڭ!
    خۇددى جەننەتتە ياشاۋاتقاندەك پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىز بىلەن ياشاڭ!
    گەرچە، كۆڭلىڭىز رەنجىگەن بولسىمۇ، ھىچقانداق ئىش بولمىغاندەك، ئۆزىڭىزنى قەدىرلەڭ! سۆيۈڭ!

    ئەڭ ئاۋال سىز سۆيۈڭ!!
    ئوز-ئۆزىڭىزنى! ھەمدە ئادەملەر ياشاۋاتقان مۇشۇ مەھەللىنى!

    ئەگەردە كۆپلىگەن "مەن"،"مەنلەر" بۇ مەھەللىنى سويۇشنى بىلسە، ھازىرمۇ ئۈلگۈرەلەيدۇ. ئادەملەرنى بولاۋاتقان، پارچىلاۋاتقان قارا قوللاردىن بۇ مەھەللىنى قۇتقۇزۇشقا. چوقۇم كىتابنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنىنى مۇشۇنچىلىك تەرجىمە قىلىپ قويدۇم. يەر شارىنى چۈشۈنۈشتە كىچىككىنە بولسىمۇ پايدىسى بولۇپ قالار دىگەن ئۈمىتتەمەن! 

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق