«مەن تەييارلىقسىزلا سۆزلەيمەن»(غالىپ مۇھەممەت)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-04 04:44:42

«مەن تەييارلىقسىزلا سۆزلەيمەن»غالىپ مۇھەممەت (قارلۇق)نەسرچى ئەخمەت ئىمىن بىلەن سۆھبەتسوئال: سىز ئەدەبىياتتىن ئىبارەت «روھ قەسىرى»گە قاچان، قايسى ئەسىرىڭىز بىلەن كىرىپ كەلگەن؟ نېمە ئۈچۈن بۇ «...

    «مەن تەييارلىقسىزلا سۆزلەيمەن»
    غالىپ مۇھەممەت (قارلۇق)
    نەسرچى ئەخمەت ئىمىن بىلەن سۆھبەت


    سوئال: سىز ئەدەبىياتتىن ئىبارەت «روھ قەسىرى»گە قاچان، قايسى ئەسىرىڭىز بىلەن كىرىپ كەلگەن؟ نېمە ئۈچۈن بۇ «كوچا»غا كىرىپ قالدىڭىز؟
    ئەخمەت ئىمىن: «ئەدەبىياتقا كىرىش»، بۇ ھەرگىزمۇ تومتاق گەپ ئەمەس . ھاياتتىكى بۇرۇلۇشلارنىڭ ھامان مەلۇم دەرىجىدە سەۋەب-نەتىجىلىك باغلىنىشى بولىدۇ . ئوقۇغۇچىلىق ۋاقتىمدا مەكتەپتە ياخشى ئوقۇيتتىم . ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققىنىمدا تاپشۇرۇق شېئىرلارنى يازغىنىمنى ھېسابقا ئالمىغاندا، «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» مەزگىللىرىگىچە ئېسىمدە قالغۇدەك بىرەر شېئىر يېزىپ باقماپتىكەنمەن . قارىغاندا شۇ ۋاقىتقىچە «ئەدەبىيات»نى ئانچە چۈشەنمىسەم كېرەك، «شېئىر»نى چۈشەنمىسەم كېرەك . ئەمما «بوران-چاپقۇن» لۇق مەزگىللەردىكى بىر ئىش ئېسىمدىن چىقمايدۇ.
    بىر قېتىم بىر مۇشائىرەگە ئىشتىراك قىلىپ قالدىم . كىشىلەر مۇشائىرىدە شائىرانە ھېس-تۇيغۇلار بىلەن شېئىر-نەزمە ئوقۇشتى . شېئىر ئوقۇشتەك بۇ ئويۇننىڭ نۆۋىتى ئايلىنىپ ماڭا كەلگەندە، سەل تەمتىرەپ قالدىم . نېمە قىلىشىم كېرەك؟ ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ، قايسىبىر چاغلاردا تولا ئاڭلاپ كاللامغا ياد بولۇپ قالغان بىر شېئىرنى ئوقۇپ بېرىش نىيىتىگە كەلدىم . ئۇ قايسىبىر مەشھۇر شائىرنىڭ شېئىرىغۇ دەيمەن . شېئىر يادلاشقا خۇشى يوق مەندەك كىشىنىڭ يادىدا قالغىنىغا قارىغاندا، ئۇ شېئىرنى كۆپ ئادەم بىلسە كېرەك . شۇنداقتىمۇ نېمە ئامال؟ ئوقۇي، دېدىم-دە، ئاخىر ئاشۇ شېئىرنى ئوقۇۋەتتىم . شېئىرنى ئوقۇپ بولغىنىمدىن كېيىن، كۈتۈلمىگەندە ئەتراپنى جىمجىتلىق باستى . بۇ جىمجىتلىق جىق بولسا بىرنەچچە سېكۇنت داۋام قىلغاندۇ، لېكىن ماڭا بىرەر كۈندەك تۇيۇلۇپ كېتىپ، ئىچىم شۇنداق سىقىلىپ كەتتى . نىھايەت جىمجىتلىق بۇزۇلدى، بىرەيلەن بېشىنىمۇ كۆتۈرمەستىن پەس ئاۋازدا: «بىز ھەر بىرىمىز ئۆز شېئىرىمىزنى ئوقۇشىمىز كېرەك» دېدى . راست، ئۇ بېشىنى كۆتۈرمىدى . لېكىن مەن شۇ چاغدا ئۇنى كۆزلىرىمنىڭ ئىچىگە، ياق، كۆزلىرىمنىڭ ئىچىگىلا ئەمەس، يۈرىكىمنىڭمۇ چوڭقۇر-چوڭقۇر يەرلىرىگە قادىلىپ قارىغاندەك ھېس قىلدىم . راست، ئۇ پەس ئاۋازدا سۆزلىدى، لېكىن ئۇ سۆز كاللامدا گۈلدۈرمامىدەك ئەكس سادا پەيدا قىلدى . مانا شۇ گەپنىڭ تەسىرى بىلەن كېيىنكى كۈنلەردە قولۇمغا قەلەم ئالدىم . ئۆز شېئىرىمنى — ئۆز ئەسەرلىرىمنى يېزىشقا باشلىدىم . دەسلەپتە ئىجادىيىتىم شېئىردىن باشلاندى . ئارىلىقتا ناۋائىينىڭ «پەرھاد-شېرىن» داستانى قاتارلىق كلاسسىك ئەسەرلىرىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم . شۇنداق قىلىپ 5-6 يىل ئۆتۈپ كەتتى . ھاياتىمنىڭ 27-باھارىدا «قەلب سادالىرى» دېگەن نەسرىمنى يازدىم، يازغاندىمۇ يۈرىكىمدىكى سۆزلەرنى يازدىم . ئەينى يىللىرى يېزىلغان «قەلب سادالىرى» ناملىق نەسرىمنى يارۇ-بۇرادەرلىرىم كۆرۈپ: «بەك ياخشىكەن، مۇھەممەت پولاتقا كۆرسىتىپ باقايلى» دېيىشتى . شۇنىڭ بىلەن مۇھەممەت پولاتنىڭ يېنىغا باردۇق . مۇھەممەت پولات «ئەسەر» نى كۆرۈپ «بىزنىڭ نەسر دېگىنىمىز مۇشۇ شۇ» دېدى . شۇنداق قىلىپ «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ 1981-يىللىق 1-سانىدا بۇ «نەسر» ئېلان قىلىندى . مەتبۇئات قەدىمىمنىڭ تۇنجى سەھىپىسى شۇنداق ئېچىلدى . ئۇنىڭ ئالدىدا 1979-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىشتىن سىرت ئوقۇۋاتقىنىمدا «يېڭى يىل» دېگەن بىر شېئىرنى يېزىپ ئېلان قىلغانىدىم . ئەسەرلىرىمنى ھازىرغىچە ئۈچ توپلام قىلىپ ئىشلىدىم.
    سوئال: نەسر يېزىش ئىجادىيەت مۇساپىڭىزنىڭ ئاساسىي يۆنىلىشى بولۇپ كەلدىمۇ قانداق؟
    ئەخمەت ئىمىن: شۇنداق، ئىجادىيىتىمنىڭ ئاساسىي يۆنىلىشىنى نەسر دېسەممۇ بولىدۇ . ئۇنىڭدىن قالغاندا تەھرىرلىك بولدى . ئارىلىقتا ھېكايە، شېئىر، پوۋېستمۇ يېزىپ باقتىم . ئەمما بۇلاردا نەسرچىلىك مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىدىم . ئويلىمىغان يەردىن «كۈندۈز ئاسمىنىدىكى ئاي» دېگەن پوۋېستىم مۇكاپاتقا ئېرىشتى . «پوۋېست»تا مەن «بىر ئايالنىڭ ئەر كىشىگە ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكى نېمە بولىدۇ» دېگەن مەسىلىنى چۆرىدىگەن ھالدا «ھەقىقىي ئەركەكچىلىك قانداق بولىدۇ؟» دېگەن تېمىنى كۆتۈرۈپ چىققانىدىم . بەلكىم، شۇ نۇقتىدىن «نەتىجە»گە ئېرىشىپ قالغان بولسام كېرەك . راستىنى ئېيتقاندا، ئەدەبىياتىمىزدا نەسرچىلىك ئاجىز ھالقا بولغاچقا شۇنى تۇتتۇم.
    سوئال: بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى نەسر ئىجادىيىتى ئۈستىدە توختىلىپ باققان بولسىڭىز؟
    ئەخمەت ئىمىن: ئەقلىمنى بىلسەم، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا نەسرچىلىك ھازىرغىچە ئاجىز ھالقا . ئىلگىرى لۇتپۇللا مۇتەللىپ، سەيپىدىن ئەزىزى، ئۆتكۈر ئەپەندىلەرنىڭ نەسرىي شېئىرلىرى بار ئىدى . كېيىنكى ۋاقىتلاردا نەسر ئېلان قىلىندى . بىراق بەزىلىرى «ئوچېرك» شەكلىنى، بەزىلىرى زورلاپ يېزىلغانلىقتىن «نەسرىي شېئىر» شەكلىنى ئالدى . 80-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئاندىن نەسرچىلىكىمىزدە گۈللىنىش بولدى . نۇرمۇھەممەت توختى، تۇرسۇنبەگ ئىبىراھىم(تايماس)، ئەنۋەر ئابدۇرېھىم، ئەنەيتۇللا قۇربان، ئابدۇقادىر جالالىدىن، مۇختار مەخسۇت، ئەركىن روزى، ئەنۋەر تاشتۆمۈر، قۇربان ئەمەت، ئوسمان قاۋۇل، ئابدۇرېشىت بارات(ئويغاق) قاتارلىق كۈچلەرمۇ بۇ سەپكە قېتىلدى ۋە بىرمۇنچە ياشلارمۇ نەسر يېزىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ . ھازىر بۇ ژانېر پەلسەپىۋى چوڭقۇرلۇق، تېماتىك مەزمۇن نۇقتىسىدىن بولسۇن تەرەققىياتى يۇقىرى.
    سوئال: ئەمەلىيەتتە نەسر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۈچۈن ئەنئەنىۋىلىكى يوق ژانېرمۇ؟
    ئەخمەت ئىمىن: مېنىڭچە، ئەنئەنىۋىلىكى بار . ھەرقانداق نەرسە توككىدە پەيدا بولۇپ قالمايدۇ . بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىز ژانېرلار بويىچە بۇرۇنلا تەرەققىي قىلغان . «ئورخۇن مەڭگۈتاش تېكىستلىرى» نى نەسر ئەمەس دېيەلمەيمىز . ئۆتكەندە «كەلىلە ۋە دېمىنە» نىڭ چاغاتاي تىلىدىكى نۇسخىسىنى ئوقۇپ نەسر تىلىنىڭ ۋايىغا يەتكەنلىك بەلگىسىنى كۆرگەندەك بولدۇم . ناۋائىينىڭ «لىسانۇت تەييىر»ى ئاجايىپ بىر ئۈلگە . قىسقىسى، كلاسسىك ئەدەبىيات مىراسلىرىمىزدىن نەسرنىڭ ئىزنالىرىنى يېتەرلىك تاپالايمىز.
    سوئال: ئەدەبىياتىمىزدا نەسرنىڭ ئورنى ۋە قىممىتىگە بولغان مۇئامىلىدىن رازىمۇسىز؟
    ئەخمەت ئىمىن: 90-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئەدەبىياتىمىزدا «نەسر قىزغىنلىقى» قوزغالدى . باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ يۇقىرى يىللىقىدىن تارتىپ ئالىي مەكتەپ دەرسلىكلىرىگىچە نەسر ئوقۇتۇشقا ئائىت مەزمۇنلار كىرگۈزۈلدى . «قەشقەر ئەدەبىياتى» ۋە «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژۇرناللىرىدا مەخسۇس سەھىپىلەر ئېچىلىپ مۇكاپاتلاش ئېلىپ بېرىلدى . ھەقىقەتەن نەسر ئۆزى كىچىك بولغىنى بىلەن، قىممىتى بار ژانېر، ئۆتكەندە ماڭا «تون كىيدۈرۈلگەن»دە مەن: «كىچىكنىڭ ۋۇجۇدىدىكى چوڭ قىممەتنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئۆز ئىزھارىنى تاپتى» دېدىم . بىزدىكى ئىجادىيەت ئەختەم ئۆمەر باشلاپ بەرگەن ئىجتىمائىي تېمىدىكى ماقالىلەر ۋە ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ پەلسەپىۋى ماقالىلىرى بىلەن قوشۇلغاندىن كېيىن، يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلدى . مېنىڭچە، بۇ قىممەتنى ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ . لېكىن شۇنداقتىمۇ نەسرچىلىكتە ئىزچىل شۇغۇللىنىدىغان قوشۇن بەكلا ئاز، سەۋەبى كۆلەملىشەلمىدى، ساپاسى يۇقىرى ئەمەس . مەن «تارىم غۇنچىلىرى» ۋە «دۇنيا ئەدەبىياتى»دا ئىشلىگەن چاغلىرىمدىمۇ بۇ نۇقتىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەنىدىم . دېمەكچىمەنكى، نەسرچىلىكنى قوللاش كېرەك . شۇنداق دېيەلەيمىزكى، ياخشى يېزىلغان نەسرنىڭ ئورنى، قىممىتى يەنىلا بار!
    سوئال: بەزىلەر سىزنى ئەدەبىياتىمىزدىكى «جىبران» دەپ سۈپەتلىدى . بۇ باھا سىزگە قانداق تۇيغۇلارنى ئېلىپ كەلدى؟
     ئەخمەت ئىمىن: مەن بۇنى «مېنىڭ نەسرچىلىك بىلەن ئىزچىل شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىمدىن بېرىلگەن باھا» بولسا كېرەك، دەپ ئويلىدىم . ئەمما مەن جىبرانغا ئۆزۈمنى ئوخشىتالمايمەن، پەقەت بۇ ماڭا بېرىلگەن ئىلھامدۇر.
    سوئال: ئىجادىيەت جەريانىڭىزدىكى «ئىلھام مەنبەلىرى» نى ئاڭلاپ باقساق بولامدۇ؟
    ئەخمەت ئىمىن: مەن ئىلھامنى ئىككى نۇقتىدىن، يەنى تەبىئەت بىلەن جەمئىيەتتىن ئالىمەن . جەمئىيەتتە ئىچىمنى تاتىلاپ ئېچىشتۇرىدىغان نەرسىلەر ھەم خۇشاللاندۇرىدىغان نەرسىلەر دىققىتىمنى تارتىپ تۇرىدۇ . شۇنداقتىمۇ مەن تولاراق تەبىئەتتىكى ساددا، گۈزەل نەرسىلەر بىلەن ئۇنىڭغا يانداش ھالدا ياشاۋاتقان ئىنسانىيەت ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلارنى بەكرەك كۆزىتىمەن . تۇرمۇشتىكى ئۇششاق نەرسىلەرمۇ ئېتىبارنىڭ سىرتىدا قالمايدۇ.
    سوئال: ئىجادىيىتىڭىزگە تەسر كۆرسەتكەن يازغۇچى-شائىرلارنى ئېيتىپ بېرەلەمسىز؟
     ئەخمەت ئىمىن: نەسرچىگە پەقەت نەسرچىنىڭلا تەسر كۆرسىتىشى مۇمكىن ئەمەس . شۇڭا دەيمەن، ماڭا ھەممىدىن ئاۋۋال تەسر كۆرسەتكىنى يەنىلا دادام . دادام گەرچە ساۋاتسىز بولسىمۇ، بىراق «قۇلاق موللىسى» ئىدى ھەم بىر ئۆي لىقمۇلىق كىتابى بولىدىغان . دائىم ئوقۇمۇشلۇق ئادەملەرنى چاقىرىپ كېلىپ ئوقۇتۇپ ئاڭلايتتى . بىراق مەندەك بىر زىيالىينىڭ ئۇنچىلىك كىتابىم ھېلىھەممۇ يوق . كىچىك ۋاقىتلىرىمدا دادام تەبىئەتتىكى مەسەل سۆزلەش شەكلى بىلەن ماڭا بىرنەرسىلەرنى چۈشەندۈرەتتى . ئەينى چاغدا سەئىدىنىڭ «گۈلىستان»، ناۋائىينىڭ «خەمىسە»لىرى دادامغا تەسىر قىپتىكەن . دادامدىكى تەسىر مانا مۇشۇنىڭدىن كەپتىكەن . دادامنىڭ زامانداشلىرى: «ئىمىنكام ناھايىتى چوڭقۇر پىكىرلىك ئادەم ئىدى» دەيتتى . دېمىسىمۇ، بىر مىسرا شېئىر يازمىغان ئادەمنىڭ شائىر بولماسلىقى ناتايىن . ئويلىسام، دادامنىڭ قەلبى «شېئىرىيەت دېڭىزى» ئىكەن.
    كېيىنكى ۋاقىتلاردا شەرق كلاسسىكلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدىن، ھەمدە «دۇنيا ئەدەبىياتى»دا ئىشلىگەن چاغلىرىمدا غەرب ئەسەرلىرىدىن ئىلھام ئالدىم . خەلق ئىچىگە چۆكۈپ پىكىرلەشتىم . خەلق ئاددىي سۆزلەر بىلەن چوڭقۇر مەنىلەرنى ئىپادىلىيەلەيدۇ ئەمەسمۇ . بۇ نۇقتىدىن «ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى»نىمۇ ئىجادىيىتىمنىڭ بىر ئېنېرگىيىسى، دېسەم بولىدۇ، بۇ خەلقىمدىن كەلگەن بىر مەنبە.
    سوئال: بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىدە «نەسر تەنقىدچىلىكى» بارمۇ؟
    ئەخمەت ئىمىن: تەنقىدچىلىك دېگەن سۆزنى «مۇھاكىمە» دەپ ئىشلەتسەكمۇ بولىدۇ . بۇ يەردە ئېيتىلىۋاتقىنى — سستېمىلىق نەزەرىيىنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك ئىدى . نەسر ئىجادىيەتچىلىكى ھەققىدە يېزىلغان يىرىك بىرەر پارچە تەتقىقات كىتابىنى ھازىرغىچە كۆرمىدىم، شۇنداقلا بۇنى ئىچ-ئىچىدىن چۇۋۇپ تەتقىق قىلىدىغانلارمۇ چىقمىدى . ھازىرغا قەدەر نەسر توغرۇلۇق مۇھاكىمە يىغىنلىرىدىن ئىككى قېتىمدەك ئېچىلغان بولسىمۇ، مەسىلە ھەل بولمىدى . يېقىندا ئازات سۇلتان بىلەن كېرىمجان ئابدۇرېھىم يازغان «بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» دېگەن كىتابتىكى نەسر بابىنى كۆرۈپ خېلىلا خۇشاللاندىم . ئەمما نېمىلا دېگەنبىلەن نەسر ساھەسىدىكى مۇھاكىمە ۋە تەنقىد بىزدە يەنىلا ئاق . مېنىڭچە، بۇ ساھەدە گەپ قىلىدىغان پەيت كېلىپ قالدى، يەنە كېلىپ بۇ تەخىرسىز مەسىلە.
    سوئال: سىز نەسر ئىجادىيىتىدە ئۆزۈمگە خاس ئۇسلۇب شەكىللەندى، دەپ ئېيتالامسىز؟
    ئەخمەت ئىمىن: مەن ئۇسلۇب دېگەننى ئۆزۈمنىڭ دىتىم، ئۆزۈمنىڭ كۆڭلۈم، ئۆزۈمنىڭ ۋىجدانىم، دەپ چۈشىنىمەن . مۇشۇنداق ئۆزۈمگە خاس «نەرسىلەر»گە زىت كېلىدىغان نەرسىلەرنى يازمىدىم، ئۆزۈمنى تەكرارلىماسلىققا تىرىشتىم . ئاز يازساممۇ ساز بولسۇن دەپ بۇ نەرسىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدىم . يىغىپ ئېيتقاندا، باشقىلارنى دورىماي، باشقىلارنىڭ پىكىر رامكىسىغا كىرمەي، ئۆزۈمگە خاس مەلۇم بىر پىكرىي قىممەتنى (مەيلى، ئۇ ناھايىتى ئاددىي بولسىمۇ) كىتابخانلارغا سۇنۇشقا تىرىشتىم . مەن «ئۆزۈمگە خاس نەرسە»، يەنى ئۇسلۇبنى مۇشۇنداق دەپ قارايمەن.
    سوئال: سىزنىڭچە، ئەدەبىيات مائارىپىدا نەسر ئوقۇتۇشى قانداق بولۇشى كېرەك؟
    ئەخمەت ئىمىن: بۇنىڭدا كۆزقارىشىم مۇنداق: مائارىپنىڭ ۋەزىپىسى ئوقۇغۇچىلارغا ئۆز نۆۋىتىدە پاك، ئېسىل تۇيغۇلارنى سىڭدۈرۈشنى مەقسەت قىلىشى كېرەك . بۇ ئەلۋەتتە سۈنئىيلىك ۋە رەڭۋازلىقتىن مۇستەسنا بولۇشى لازىم . مائارىپتىكى نەسرنىڭ رولى مەسىلىسىدە كۆزدە تۇتىدىغىنىمىز ئىككى نەرسە: بىرى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلەردىن ھەقىقىي زورقلىنىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش؛ يەنە بىرى، ئوقۇغۇچىلارغا قىسقا-قىسقا ئەسەرلەرنى قانداق يېزىش كېرەكلىكىنى مۇشۇ ئارقىلىق چۈشەندۈرۈش . ئەگەر بالىلىق، ياشلىق ھېسسىياتلىرى مۇشۇ نۇقتىدىن ئوقۇغۇچىلارنى يېتىشتۈرەلىسە، كەلگۈسى ئىجادىيەت قوشۇنىمىز تېخىمۇ زورايغان بولاتتى . بۇنىڭدىن باشقا نەسر ئوقۇتۇشىنىڭ تىلنى قانداق ئىشلىتىش، تىلنى قانداق گۈزەللەشتۈرۈش، مەلۇم بىر پىكىرنى ئىپادىلىگەن چاغدىكى ئىخچاملىق ۋە مېغىزلىق، شۇنداقلا ھېسسىياتلىق بولۇشنى قانداق ئىپادىلەش قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ ئاز بولمىغان رولى بار . مېنىڭچە، «نەسر ئىككى نەرسە چىقىش ئېھتىماللىقى بار نەرسە»، يەنى نەسر مەشىقىنى كۆپ قىلغان بالىلاردىن ياخشى بىر شائىر چىقىشى ياكى ياخشى بىر يازغۇچى چىقىش ئېھتىماللىقى بار.
    دەرۋەقە، ئانا تىلىنى بىلمىگەن ئادەمنى شۇ مىللەتنىڭ ئەزاسى دېگىلى بولمايدۇ . پاساھەتلىك بىر تىلنى ئىگىلەش ھەر بىر مەدەنىيەتلىك ئادەم ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم . سەن ئۆزۈڭنىڭ تەسىرلىك تىلىڭ بىلەن دوستۇڭنى تەسىرلەندۈرىسەن، ئەتراپىڭدىكى ئادەملەرنى تەسىرلەندۈرىسەن، ئۇلاردا ئۆزۈڭگە بولغان دوستلۇقنى قوزغايسەن . ئەلۋەتتە، بۇ تىل ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ . يەنە كېلىپ تىلدىكى پاساھەت، پىكىردىكى چوڭقۇرلۇق، ھېسسىياتتىكى سەمىمىيلىك ئاندىن ئەمەلگە ئاشىدۇ، بۇلار نەسردە ھازىرلانغان بولىدۇ.
    سوئال: ئوتتۇرا مەكتەپ ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىگە «مېنىڭ بىر كۈنۈم»، «ئەقىدىنىڭ يىلتىزى»، «دوستلۇق ئالبومى»، «غەپلەت ئۇيقۇسىدا» قاتارلىق نەسرلىرىڭىز كىرگۈزۈلۈپ بالىلارنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشىغا مۇيەسسەر بولدى . مېنىڭچە، «سادا» ناملىق نەسرىڭىز كىرگۈزۈلسە تېخىمۇ ياخشى بولاتتى . ئەمدى سىز دەپ باقسىڭىز، «دەرسلىك»كە كىرگۈزۈلگەن نەسرلىرىڭىز ياكى نەسر ئوقۇتۇشى ئارقىلىق بالىلىرىمىزغا قايسى نۇقتىلاردىن تەربىيە بېرىش كېرەك؟
    ئەخمەت ئىمىن: تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ 3-يىللىقلارنىڭ ئەدەبىيات دەرسلىكىگە «غەپلەت ئۇيقۇسىدا» دېگەن نەسرىم كىرگۈزۈلگەنىدى . بۇ ھېلىھەممۇ زۆرۈر دەپ ئويلايمەن . بۇ نەسر «ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ئەمگەكلىرىدىن قانائەتلىنىپ قېلىپ، ياستۇقنى قىرلاپ يېتىپ، غەپلەت ئۇيقۇسىغا كېتىۋاتقانلار»نى ئۇيغىتىش يۈزىسىدىن يېزىلغان . مېنىڭچە، بۇ «نەسر»نىڭ ئىجتىمائىي ئۈنۈمى تۆۋەن بولمىدى . بۇ ھەقتە مەن ئوقۇغۇچىلاردىن 200 پارچىدىن ئارتۇق خەت تاپشۇرۇۋالدىم . «سادا»نى دەرسلىككە كىرگۈزۈشنىڭ ھېلىھەم زۆرۈرىيىتى بار، سەۋەبى، تەبىئەت ئېكولوگىيىسىنىڭ بۇزۇلۇشى كىشىلەرگە بالايىئاپەت ئېلىپ كەلدى . زامانىۋىلىشىش تەبىئەت ئېكولوگىيىسىدىن ئىبارەت بۇ مەسىلىگە سەل قارايدىكەن، ئىنسانىيەتنىڭ ھالاكىتى يېتىپ كېلىدىغانلىقىدەك ھەقىقەتنى بىزگە تونۇتتى.
    سوئال: ئەنئەنە بىلەن يېڭىلىقنىڭ مۇناسىۋىتىگە قانداق قارايسىز؟
    ئەخمەت ئىمىن: يېڭىلىقنى قوبۇل قىلغان ۋاقىتتا ئەنئەنىنى ئۇنتۇساق بولمايدۇ . ئۆزىنىڭ ئەسلى كىملىكىنى ئۇنتۇمىغان ئەۋلادلار ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدە كىم بولالايدىغانلىقنى ھەم بولۇشى لازىملىقىنى ئۇنتۇمايدۇ . باراۋەرلىك ئۇقۇمى بولغان جەمئىيەتتە ھەممە نەرسە تەڭ ماڭىدۇ، «ئۆزىنى مەركەز قىلىش»تىن ئىبارەت شەخسىيەتچىلىك، مەنپەئەتپەرەسلىكنى چەتكە قاقىدۇ . ئۆزىنىڭ ئەتراپىغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگەنگەن ئادەم باشقىلارغىمۇ باراۋەر مۇئامىلە قىلالايدۇ.
    سوئال: نەسر ئىجادىيىتىدىكى شەكىل ۋە مەزمۇن، ھېسسىيات ۋە پەلسەپىۋىلىك ھەققىدە توختىلىپ باقامسىز؟
    ئەخمەت ئىمىن: نەسردە قېلىپلىشىپ قالغان بىر شەكىل بولمايدۇ . مەلۇم بىر مەزمۇننى ئىپادىلەشتە يازغۇچى ئۆزى تاللايدۇ . ياخشى بىر شەكىل بىلەن ئويلىغان نەرسىنى ئۇتۇقلۇق ئىپادىلەپ بەرگىلى بولىدۇ . بەزى ئەسەرلىرىمنى 5-6 قېتىم يېزىپ باققان، شەكلىنى ياخشى باشلىيالىغان ۋاقتىمدا ئەسىرىم ئۇتۇقلۇق چىقتى، ئەكسىچە بولغاندا ئىچىمدىكىنى تولۇق دېيەلمىدىم، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدىن ۋاز كەچتىم . «بۆرىلەر ھۇۋلىماقتا» دېگەن ئەسەرنى باشلىغىلى ئالتە ئاي بولدى . ئىشەنسىڭىز، ھازىرغىچە سەككىز قېتىم يازدىم، ئەمما مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىدىم . لېكىن سىز سورىغان مەزمۇن بەك تولا ئىدى . خۇدايىم بۇيرۇسا 9-قېتىم يازارمەن، بۇ يەنىلا شەكىلنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسىتىۋاتقان نەرسە، ئەلۋەتتە!
    نەسردىكى ھېسسىيات دېگەندە چىن، سەمىمىي، پاك ھېسسىياتنى نەزەردە تۇتىمىز . بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، ھېسسىيات دېگەن نەرسىنى «يۈرەكنىڭ سۆزى» دېگۈم كېلىدۇ . يۈرەكتىن ئۇرغۇپ چىققان سۆز بولمىغۇچە كىشىنىڭ يۈرىكىگە تەسىر كۆرسەتكىلى بولمايدۇ . شۇنىڭدىن قارىغاندا كۆڭۈلنى كۆڭۈل بىلەن ئۇچراشتۇرغۇچى، يېقىنلاشتۇرغۇچى، ھەتتا قۇچاقلاتقۇزغۇچى ھېسسىيات، يەنىلا ھەقىقىي ھېسسىيات، دەپ قارايمەن . بىراق ھېسسىياتلا بولۇپ ئەقلىڭ بولمىسا خۇددى قۇشنىڭ بىر قانىتى بولۇپ، يەنە بىر قانىتى بولمىغاندەكلا ئىش بولۇپ قالىدۇ . مەنىۋى قىممەتتىن ماددىي قىممەت بارغانسېرى ئۆزىنى كۆرسىتىپ كېتىۋاتقان بۈگۈنكىدەك جەمئىيەتتە، بىز ئەقىلگە تېخىمۇ بەكرەك موھتاج بولۇپ كېتىۋاتىمىز . شۇنداق ئىكەن، ئەدەبىياتىمىز بۇ تېمىدىن چەتنەپ كەتمەسلىكى كېرەك . بۇ، ئوقۇرمەنلىرىمىزگە ئۆز ئەسەرلىرىمىزدە پەلسەپىۋى ھېكمەتنى چوڭقۇر تونۇشۇش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ، دەپ ئويلايمەن.
    سوئال: بۈگۈنكى ئۇيغۇر نەسرچىلىكىدە قانداق مەسىلىلەر ساقلىنىۋاتىدۇ؟
    ئەخمەت ئىمىن: نەسر ئىجادىيىتىمىزدە شەكىلۋازلىق يوق ئەمەس . «نەسرنى يېزىش ئاسان» دېگۈچىلەرنىڭمۇ كۆزدە تۇتقىنى مۇشۇ بولسا كېرەك . يالغۇز نەسرلا ئەمەس، ھەرقانداق ئەدەبىي ئەسەر مەلۇم پىكرىي قىممەتكە ئىگە بولالمايدىكەن، ئۇ يەنىلا مۇكەممەل ئەسەر بولالمايدۇ.
    سوئال: سىز تالانتلىق نەسرچى بولۇپلا قالماي، نۆۋىتىدە يەنە پىشقان ئەدەبىي تەرجىمان . سىز ئەدەبىي تەرجىمىنىڭ رولى ۋە ئەھمىيىتىگە قانداق قارايسىز؟
    ئەخمەت ئىمىن: مەن ئەدەبىي تەرجىمە بىلەن شۇغۇللانغىلى 30 يىلدەك بولدى . بۇ جەرياندا ھىندىستانلىق تاگورنىڭ، ئەنگلىيىلىك شىكىسپىرنىڭ رومان، تراگېدىيىلىرىنى، كرىلوفنىڭ مەسەللىرىنى ئۇيغۇر كىتابخانلىرىغا تونۇشتۇرغان بولدۇم . غەربنىڭ ھەر خىل ئۇسلۇبتىكى ئەسەرلىرىدىن تەرجىمە قىلغانلىرىممۇ ئاز ئەمەس . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزۈم تەرجىمە قىلىش بىلەن بىللە، تەھرىر بولۇش سالاھىيىتىم بىلەن باشقىلارنىمۇ تەرجىمىگە ئۇيۇشتۇردۇم ۋە تەشكىللىدىم . تەرجىمە جەريانىدا نەسر تەرجىمىچىلىكىنىمۇ مۇھىم ھالقا قىلدىم . 80-يىللارنىڭ ئاخىرىدا شەكىللەنگەن نەسرچىلىك ئىجادىيىتىنىڭ چوڭ-كىچىك دولقۇنلىرىغا بۇنى تەسىر كۆرسەتمىدى، دەپ ئېيتالمايمەن . ئۇيغۇر نەسرچىلىكىدە بەزىبىر تەقلىدىي ئەسەرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بۇنىڭ بىر دەلىلى . بىزدە دەسلەپتە ھېكايە ئىجادىيەتچىلىكى ئاجىز ھالقا ئىدى . ئۇ چاغلاردا «دۇنيا ئەدەبىياتى»دا ئىشلەيتتىم . شۇ چاغدا بىز مۇشۇ خىل ئەھۋالنى نەزەردە تۇتۇپ، چەت ئەلنىڭ ھەر خىل ئېقىمدىكى ھېكايىلىرىنى سىستېمىلىق تونۇشتۇردۇق . 80-يىللارنىڭ بېشىدا «جاراھەت ئەدەبىياتى» ھېكايىچىلىقى جانلاندى . بۇ جەرياندا بەزىلەر پىششىپ يېتىلىپ پوۋېستچىلىققا يۈزلەندى . 85-يىللاردىن كېيىن پوۋېستچىلىق ۋە رومانچىلىق ئىجادىيىتىگە يېقىندىن ياردەمدە بولسۇن ئۈچۈن، چەت ئەلنىڭ مۇنەۋۋەر پوۋېستلىرىدىن يېقىنقى زامان، ھازىرقى زامان، بۈگۈنكى زامان پوۋېستلىرىغا ئالاقىدار نەمۇنىلىك ئەسەرلىرىدىن بىر قىسمىنى تۇنۇشتۇردۇق . 86-يىلى «چەت ئەل پوۋېستلىرىدىن مەجمۇئە»نى تونۇشتۇرۇشقا باشلىدۇق . 1986-يىلىدىن 1999-يىلىغىچە غەرب ۋە شەرقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەشھۇر يازغۇچىلارنىڭ پوۋېستلىرىدىن تاللاپ 30 توپلام چىقاردىم . بۇنىڭدىن باشقا كەسىپداشلىرىم بىلەن بىرلىكتە چەت ئەلنىڭ دۇنياۋى مەشھۇر رومانلىرىدىن خېلى بىر تالاينى كەڭ ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈشتە ئاكتىپ ھەمكارلاشتىم . بۇ جەھەتتىكى ئەمگەكلىرىمىز ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ 90-يىللاردىكى گۈللەپ ياشنىشىدا مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتتى، دەپ قارايمەن . ئۆزگىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن خەۋەردار بولۇش — ئىجادىيەت ئۈچۈن نەقەدەر زۆرۈرلۈكىنى ھەر بىر ئىجادىيەتچى ھېس قىلىپ يېتەلەيدۇ . شۇڭا ئەدەبىي تەرجىمىچىلىك بىزنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىمىزنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى دەپ قارىلىشى كېرەك.
    سوئال: ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئەدەبىي تەرجىمىچىلىكنىڭ تەرەققىياتى ئۈستىدە قىسقىچە سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟ 
    ئەخمەت ئىمىن: ئەدەبىياتىمىزدا ئەدەبىي تەرجىمە 90-يىللارنىڭ بېشىدىن 2000-يىللارغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە ئىنتايىن گۈللەپ ياشنىغان بىر مەزگىلنى كۈتۈۋالدى . نۇرغۇن رومان، پوۋېستلار تەرجىمە قىلىندى . 2000-يىللاردىن كېيىن، بولۇپمۇ مۇشۇ 3-4 يىل ئىچىدە نەشرىياتچىلىقىمىز ھەقىقىي بازار ئىگىلىكىگە يۈزلەنگەندىن كېيىن، ئەدەبىي تەرجىمچىلىك پەسكويغا چۈشۈشكە يۈزلەندى، دەپ قارايمەن . بۇ يالغۇز بىزدىكىلا ئىش ئەمەس، مەملىكىتىمىزنىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ بۇ خىل يۈزلىنىش بار . بۇنىڭ سەۋەبىنى مۇنداق ئىككى نۇقتىدىن چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ: بىرى، سىرتقى ئامىلدىن ئالغاندا، تېلېۋىزىيىدىن ئىبارەت ۋاسىتىنىڭ بۇ ساھەگە بولغان زەربىسى قاتتىق بولدى . تۇرمۇش رىتىمىنىڭ تېزلىشىشى، ھەر خىل رىقابەت، ماددىي تۇرمۇشنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجنىڭ ھۆددىسىدىن تولۇق چىقىپ كېتەلمىگەنلىكى بۇنىڭغا سىرتتىن كۆرسەتكەن تەسىر بولۇشى مۇمكىن . يەنە بىرى، ئىچكى ئامىل، يەنى خەلق سۆيۈپ ئوقۇيدىغان ئەسەرلەرنىڭ ھەقىقەتەن كەمچىل بولغانلىقىدا . مەدەنىيەت جەھەتتىكى ساپاسى تۆۋەن كىشىلەرمۇ بىر ئامىل، بۇنى نەزەردىن ساقىت قىلالمايمەن . شۇنداقتىمۇ ئىجادىيەتچىنىڭ، جۈملىدىن ئەدەبىي تەرجىماننىڭمۇ خەلقنىڭ قىزىقىشىنى يېتەكلەيدىغان ۋە يېتىلدۈرىدىغان مەجبۇرىيىتى بار . بىز ھازىر ھېسسىي تەلەپتىن كۆرە ئەقلىي تەلەپ كۈچىيىپ كېتىۋاتقان زاماندا ياشاۋاتىمىز . بەزىبىر نامۇۋاپىق نەرسىلەر، شەھۋانىيلىق، چاكىنىلىقنى تەرغىپ قىلىدىغان نەرسىلەر خەنزۇ ياكى غەرب مەتبۇئاتلىرىدا ئازدۇر-كۆپتۇر چىقىۋاتىدۇ . بىز بۇلارغا بازار قوغلىشىپ مۇراجىئەت قىلساق بولمايدۇ . ئەدەبىياتنى پاكىز ھالدا خەلققە يەتكۈزۈش كېرەك.
    نۆۋەتتىكى قوش تىللىق ئوقۇتۇش ئۇيغۇر ئەدەبىي تەجىمىچىلىكنىڭ كەلگۈسىنى خىرەلەشتۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن، دەيدىغان بىر مۆلچەر بار . لېكىن مەن ئىشىنىمەنكى، بۇ نوقۇل خەنزۇ تىلىدىن تەرجىمە قىلىدىغان يۈزلىنىشنى مەلۇم دەرىجىدە ئازايتىپ، ئەسلىدىكى تىلدىن تەرجىمە قىلىدىغان يېڭى بىر يۈزلىنىشنى چوقۇم شەكىللەندۈرەلەيدۇ . مەن ئەدەبىي تەرجىمىچىلىكنىڭ كەلگۈسىگە يەنىلا ئۈمىدۋار!
    سوئال: ئەدەبىي تەرجىمىچىلىكىمىزدە قانداق مەسىلىلەر ساقلىنىۋاتىدۇ؟
    ئەخمەت ئىمىن: بىزدە خەنزۇ تىلىنى بىلىدىغانلار كۆپ . لېكىن ئۇنى ئانا تىلىمىزغا ۋايىغا يەتكۈزۈپ تەرجىمە قىلالايدىغانلار يەنىلا ئاز . مەلۇم بىر تىلنى چۈشىنىش بىلەن ئۇنى ئىپادىلەش جەھەتتىكى پەرق بىزنىڭ دىققىتىمىزنى تارتمىسا بولمايدۇ . ئىپادىلەش دېگەندە ئۇنى پەقەت سۆز-ئىبارىلىرى ئۇدۇلمۇئۇدۇل ئىپادىلەپ تەرجىمە قىلىشلا كۇپايە قىلمايدۇ . مەن ئەدەبىي تەرجىمىچىلىكتە شۇ تىلنىڭ ئوبرازىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىپادىلەشنىڭ يېتەرسىز بولۇۋاتقانلىقى، بىزنىڭ ئەدەبىي تەرجىمە قوشۇنىدا ئومۇميۈزلۈك ساقلىنىۋاتقان مەسىلە، دەپ قارايمەن . يەنە بىر مەسىلە، چەت ئەل ئەدەبىياتىنى تونۇشتۇرۇشتا ئاساسەن خەنزۇ تىلىنى كۆۋرۈك قىلىۋاتىمىز . ئۆز ئانا تىلىدا ئەتراپلىق يېتىلگەن ھەم بىر چەت ئەل تىلىنى ئىگىلىگەن ۋە ئىگىلەش ئالدىدا تۇرغان بىر ئەۋلادنىڭ كەلگۈسىدە بۇ جەھەتتە نى-نى كارامەتلەرنى كۆرسىتىشى چوقۇم . نۆۋەتتىكى قوش تىللىق ئوقۇتۇشتا پەرزەنتلىرىمىزنى ئۆز ئانا تىلىدا تېخىمۇ ئېتىبار بىلەن تەربىيىلەشنىڭ زۆرۈرلۈكى ۋە تەخىرسىزلىكىنى مائارىپىمىز چۈشىنىشى كېرەك . بىزنىڭ مىللىي مائارىپ دەۋاتقىنىمىزنىڭمۇ جېنى دەل مۇشۇ يەردە!
    سوئال: ئەدەبىي تەرجىمىچىلىكىمىزدە تەرجىمە ئوبزورچىلىقى شەكىللەندىمۇ؟
    ئەخمەت ئىمىن: بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئەدەبىي تەرجىمىچىلىكىدە تەرجىمە ئوبزورچىلىقى يوقنىڭ ئورنىدا . بۇنىڭدىكى مۇھىم ئامىل — ئومۇم ئېتىراپ قىلىدىغان تەرجىمە نەزەرىيسىنىڭ تېخى مۇكەممەللىشىپ كېتەلمىگەنلىكىدە . ئەدەبىي تەرجىمە تىلى خەلق تىلىدىن بارغانچە يىراقلىشىپ كېتىۋاتىدۇ، بۇ بىزنىڭ يۈكسەك دىققەت-ئېتىبارىمىزنى قوزغىشى كېرەك . مېنىڭچە، تەرجىمە ئوبزورچىلىقى شەكىللەنمىسە بولمايدۇ، بۇ تەرجىمە نەزەرىيىسى ۋە تەرجىمە ئەمەلىيىتىنىڭ راۋاج تېپىشىدا ئەھمىيىتى زور . مەن بۇ بىر بوشلۇقنىڭ پات پۇرسەتتە زامانداشلىرىمىز تەرىپىدىن تولۇقلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
    سوئال: نۆۋەتتە قوزغىلىۋاتقان فېليەتون تەرجىمىچىلىكىگە قانداق قارايسىز؟
    ئەخمەت ئىمىن: فېليەتوندا نۆۋەتتىكى كىشىلەر كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان نەرسىلەر سۆزلىنىدۇ، ئۇنىڭدا پۈتۈن ئەدەبىي ئەسەرلەردە بولۇشقا تېگىشلىك ئامىللاردىن باشقا مۇشۇنداق بىر تەرەپ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ . بۇ ئەدەبىياتقا، ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە قىزىقمىغان ئادەملەرنىمۇ جەلپ قىلالايدۇ، ئەگەر ئۇ گاس ياكى قارىغۇ بولۇۋېلىشنى خالىمىسىلا، زامانىۋىلاشتۇرۇش ئېقىمى ۋە تەرەققىيات يېڭىدىن-يېڭى زىددىيەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ . بۇنى ئىچكىرىدىكى فېليەتونچىلار ۋاقتىدا سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىپ، ئۆزلىرىنىڭ كۆزقاراشلىرىنى چىن ۋىجدانىدىن ئوتتۇرىغا قويدى . ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ۋاقتىدا مۇۋاپىق ئىنكاس قايتۇرۇپ، نامۇۋاپىق مەسىلىلەرنى ئاز-ئازدىن ھەل قىلىۋاتىدۇ . بۇ مەلۇم جەھەتتىن ئالغاندا، نۆۋەتتىكى ئىسلاھاتتا ئەدەبىياتچىلارنىڭمۇ خېلى زور رولى بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ . كىشىلەرنىڭ ساپ ئەدەبىياتقا بولغان قىزىقىشى سۇسلىشىۋاتقان بازار ئىگىلىكى مۇھىتىدا ئەدەبىياتنىڭ فېليەتوندىن ئىبارەت مۇشۇ بىر ژانېرنى قوبۇل قىلىپ خەلقنىڭ قىزىقىشىنى يېتەكلەش، ئۇلارنى مەلۇم بىر تەربىيىۋى ئامىلغا ئىگە قىلىش، ئۇلارنى ئويغىتىش جەھەتلەردە زور ئەھمىيەتكە ئىگە . بۇنىڭدا مۇشۇ خىل ژانېرنى خەلقىمىزگە تونۇشتۇرۇشتا جۇڭگونىڭ ھازىرقى زامان داڭلىق فېليەتونچىسى لۇشۈننى تونۇشتۇرۇشنى ئۆزىنىڭ ئەدەبىي تەرجىمىچىلىكىدىكى مۇھىم نىشانى قىلغان ئۇستاز ئەدەبىي تەرجىمان توختى باقى ئارتىشى ئاكىنىڭ بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىدىكى بۇ يېڭى يۈزلىنىشنى ۋاقتىدا بايقاپ، خەلققە ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بېرەلىگەنلىكى ئۇنى تېخىمۇ ئۆلمەس قىممەتكە ئىگە قىلدى، دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.
    سوئال: بەزىلەر «ساپ ئەدەبىيات»نى تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ . بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟
    ئەخمەت ئىمىن: ساپ ئەدەبىيات دېگەندە ئاممىباب ئەدەبىياتقا ئېيتىلغان . ئىنساننى ئىنسان سۈپىتىدە تەسۋىرلەشنى ئۈستىگە ئالغان ئەدەبىيات ھەرگىزمۇ ۋەقەلىك تىزمىسى ئەمەس . ياخشى يېزىلغان ئەسەرلەرنىڭ ھېلىھەممۇ زۆرۈرىيىتى بار، يەنى ئەدەبىيات مۇكەممەللىشىشى كېرەك.
    سوئال: ئەدەبىيات بىلەن ئەخلاقنىڭ مۇناسىۋىتىگە قانداق قارايسىز؟
    ئەخمەت ئىمىن: ئەگەر ئەخلاق ئىنساندىكى ئەڭ ياخشى پەزىلەتلەرنى ئەڭ چوڭ دائىرىدە گەۋدىلەندۈرىدىغان نەرسە دەپ قارالسا، ئەدەبىيات بۇنداق ئەخلاقنى تەشەببۇس قىلىدۇ ھەم تەشەببۇس قىلىشى كېرەك . ئەگەر ئەخلاق ئىنساندىكى ئەڭ تەبىئىي، زۆرۈر ھەم ئېسىل ئارزۇ-ئىستەكلەرنى چەكلىمىگە ئۇچرىتىدىغان رولنى ئويناپ قالسا، ئەدەبىيات بۇنداق ئەخلاقنى رەت قىلىدۇ ھەم ئەخلاقنى ئۆزىنىڭ ئەسلى قىياپىتى بىلەن تونۇتۇشقا ھەرىكەت قىلىدۇ . بۇ ئۇنىڭ قەرزى ھەم پەرزى . گەپ ئەخلاقنى قانداق چۈشىنىشتە.
    سوئال: ھازىر ئەدەبىياتىمىزدا ياشلار بىلەن چوڭلار ئوتتۇرىسىدا مۇئەييەن «ئارىلىق» مەۋجۇتمۇ قانداق؟
    ئەخمەت ئىمىن: پەرق بار ھەم بولۇشى كېرەك . جەمئىيەت تەرەققىياتىمۇ مۇشۇنداق پەرقنى كەلتۈرىدۇ . كېيىنكى ئەۋلادلار ئالدىنقى ئەۋلادلارنىڭ پۈتكۈل نەرسىلىرىنى بىراقلا قوبۇل قىلىۋالسا بولمايدۇ . بۇنىڭدا ئۆلۈك ئەنئەنىگىمۇ ئېسىۋېلىش توغرا ئەمەس، ئىنكارچىلىقمۇ توغرا ئەمەس . ئالدىنقىلارنىڭ ئېسىل مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى چوقۇم قوبۇل قىلماي بولمايدۇ . ئالدىنقىلارنى تەتقىق قىلغاندا ئۇنىڭدىن ياخشى نەرسىلەر يۇقۇشى مۇمكىن . ئەگەر ئۇنىڭ ئازلىقىنى ھېس قىلغان بولساڭ، ئۇنى تولۇقلىساڭ، شۇ ئەجدادنىڭ پەرزەنتى بولۇشقا لايىق ئىش قىلغان بولىسەن . ئۇيغۇر ئەدەبىي ئىجادىيەتچىلىكىنى مەلۇم بىر ئىمارەتكە ئوخشاتساق، ئۇ نۇرغۇن خىشلارنىڭ جىپسىلىشىشىدىن قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ . تامنىڭ ئەڭ ئۈستىدىكى خىش ئاستىدىكى خىشقا قاراپ: «ئۇ يەرگە چاپلىشىپ ياتىدۇ» دەپ مەسخىرە قىلماسلىقى كېرەك . تامنىڭ ئەڭ ئۈستىدىكى خىش ئاستىدىكى نۇرغۇن خىشلارنىڭ مۈرىسىگە دەسسەپ، ئاندىن ئېگىزلىككە كۆتۈرۈلەلىگەن . ھەرقانداق ئىجادىيەتچىنىڭ ئۆزى ياشىغان شۇ تارىخىي شارائىتقا نىسبەتەن ئۆزىگە يارىشا قالدۇرغان قىممىتى بولىدۇ . ھەرقانداق نەرسىنى زامان ۋە ماكاندىن ئايرىپ قاراش ئەقىل جەھەتتىن پىشمىغانلىقنىڭ بىر ئالامىتى، دەپ قارايمەن.
    سوئال: بازار ئىگىلىكى ئەدەبىياتىمىز ۋە نەشرىياتچىلىققا قانداق تەسىرلەرنى كۆرسىتىۋاتىدۇ؟
    ئەخمەت ئىمىن: بازار ئىگىلىكى ئەدەبىي ئىجادىيەتچىلەرگە ھەم پايدىلىق، ھەم پايدىسىزتەسىرلەرنى كۆرسىتىۋاتىدۇ . ياخشى يېزىلغان رومانلارغا نىسبەتەن مەلۇم بىر بازار شەكىللىنىپ، بىر قىسىم شەخسىي كىتاب چىقارغۇچىلار رومانلارنى سېتىۋېلىپ نەشر قىلىش قىزغىنلىقىنى قوزغاپ، بىر قىسىم يازغۇچىلىرىمىزنى بۇرۇن كۆرۈلۈپ باقمىغان ماددىي نەپلەرگە ئىگە قىلدى . لېكىن بۇ نەرسىلەر رىقابەت ئاساسىدا بەس-بەستە بولۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۆز نۆۋىتىدە رومانلار كۆپ، سۈپىتى بىر قەدەر تۆۋەن بولغان بىر خىل ھالەتنى شەكىللەندۈرۈپ قويدى . شۇنىڭ بىلەن ھازىر كىشىلەرنىڭ رومانغا بولغان قىزىقىشىمۇ سەل تۆۋەنلەپ قالدى . دەلىلىم شۇكى، 80-يىللاردا ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان ھەرقانداق رومان 10 مىڭ نۇسخا ئەتراپىدا تارقىلاتتى، ھازىر 3 مىڭ نۇسخىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك تارقىتىلىپ كېتەلمەيۋاتىدۇ . نەشرىياتچىلىقمۇ بازار ئىگىلىكىگە ھەقىقىي كىرگەندىن كېيىن، تەھرىرلەرمۇ ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچىنى ئورۇنداش ئۈچۈن «بازىرى ئىتتىك» كىتابلارنى قوغلىشىدىغان بولدى . ئەمما بۇ يەردە بىر قاتار مەسىلىلەر ياتىدۇ . ئەدەبىيات بازىرى ئىتتىك كىتابلار قاتارىغا قانداق كىرىشى كېرەك، قانداق سالاھىيەت بىلەن كىرىشى كېرەك.. . دېگەندەك . بۇ، ھەممىمىز سوغۇققانلىق بىلەن باش قاتۇرىدىغان تېما.
    سوئال: ئەدەبىياتىمىزدا بىر مەزگىل دولقۇن قوزغىغان ئاتالمىش «گۇڭگا شېئىر» ھادىسىگە قانداق قارايسىز؟
    ئەخمەت ئىمىن: شېئىرنىڭ ئۇنچىلىك ئاددىي ئەمەسلىكىنى، نوقۇل قاپىيىلەر تىزمىسى ئەمەسلىكىنى، مۇنداقچە ئېيتقاندا، شېئىرنىڭ مۇقەددەسلىكىنى تونۇتتى.
    سوئال: نەسر تىلىڭىزدا بۇرۇنقىغا قارىغاندا سەل «پەرق»لەر بارمۇ قانداق؟
    ئەخمەت ئىمىن: تىلنى ئىپادىلەشتە بۇرۇن شېئىرىي تىل ئىشلەتكەن، كېيىن ئاممىباب تىل بىلەن ئىپادىلەشكە تىرىشتىم.
    سۇئال: نۆۋەتتىكى ئىجادىيەت ئەھۋالىڭىز ۋە كېيىنكى ئىجادىيەت پىلانلىرىڭىزدىن ئۇچۇر بېرىپ باقامسىز؟
    ئەخمەت ئىمىن: ھازىر مەنمۇ بازار قاينىمى چۆرگىلىتىۋاتقان بىر ئادەم بولۇپ قالدىم . نۇرغۇن ۋاقتىم ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچنى ئورۇنداش بىلەن ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ . شۇنداقتىمۇ مەن ئۆزۈمنىڭ ئەدەبىياتقا بولغان ئەقىدەمنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمەن . مەن يەنىلا مەن بولۇپ ياشايمەن . مۇشۇ ئالدىراش مەزگىللەردىمۇ ئانچىلىك بازىرى بولمىسمۇ يەنىلا ئۆز ئەقىدەمگە سادىق بولغان ھالدا ئۆزۈمنى ئىپادىلەيمەن . بۇندىن كېيىنكى ئەسەرلىرىم ئاز بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ساز بولىدۇ . نەسرچىلىك مېنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى داۋاملىق ئىزدىنىۋاتقان ساھەيىم بولىدۇ ۋە بولۇپ قالغۇسى!

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.