قەشقەردىكى يەر شارى ھەققىدە سۆھبەت

يوللىغۇچى : qudratqurban يوللىغان ۋاقىت : 2008-02-05 17:41:00

«قەشقەردىكى يەر شارى » ھەققىدە (سۆھبەت خاتىرىسى) قۇدرەت قۇربان «قەشقەردىكى يەر شارى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى ۋە ئۇنىڭ خەنزۇچە نۇسخىسى «سالغا تېشى» بىرلا ۋاقىتتا نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلىش بىل...

           «قەشقەردىكى يەر شارى » ھەققىدە
    (سۆھبەت خاتىرىسى)
    قۇدرەت قۇربان

     «قەشقەردىكى يەر شارى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى ۋە ئۇنىڭ خەنزۇچە نۇسخىسى «سالغا تېشى» بىرلا ۋاقىتتا نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلىش بىلەن ئوقۇرمەنلەر ۋە شېئىرىيەت ھېرىسمەنلەرنىڭ ئارىسىدا غۇلغۇلا پەيدا بولدى. دەرۋەقە ، توپلامدىكى بىر قىسىم شائىرلار ئىجادىيەتتە ئۆزگىچەرەك يول تۇتۇپ ، يېڭىلىققا ئىنتىلىش ۋە ئۇنى قوبۇل قىلىش ، ئىجادىي سىناق قىلىش جەھەتلەردە جۈرئەتلىكرەك بولغانلىقى سەۋەپلىك يىگىرمە يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بىرى پات – پات مۇنازىرلەرگە سەۋەپ بولۇپ كەلدى. بۇ بەزىلەرنى يېڭى ھادىسە بۇلۇش سۈپىتى بىلەن سۆيۈندۈرۈپ جەلىپ قىلسا، بەزىلەرنى بىزار قىلىپ گاڭگىرتىپ قويدى. بەزىلەرنى تېغمۇ – تىغ ئىككى لاگىرغا ئايرىپ قويسا ، بەزىلەرنى سوغۇققانلىق بىلەن بۇ شېئىرلارنىڭ ئارتۇقچىلىق ۋە يېتەرسىزلىكلىرى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈشكە ، ئىلمى باھا بېرىشكە دەۋەت قىلدى. بۇ توپلامدىكى شېئىرلار نىمىلا بولمىسۇن شېئىرىيەت سەپىرىمىزدە بەلگىلىك تەسىر پەيدا قىلغان مەلۇم مەزگىللىك شېئىرىيەت ھادىسىنىڭ ئومۇمى ھالىتى سۈپىتىدە يەنە بىر قېتىم سېستىملىق ھالدا دىققەت مەركىزىمىزگە قويۇلدى.
    «قەشقەردىكى يەر شارى» ھەققىدە ئوبزورچى شائىر ئوقۇرمەنلەر بىلەن پىكىرلەشكىنىمدە ئۇلار ئوخشاشمىغان كۆز قاراش ، مۇلاھىزىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. پىكىرلەرنى توپلاپ رەتلەش ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرنىڭ مۇلاھىزىسىگە سۇندۇم . پىكىرلىشىشكە تېگىشلىك يەنە نۇرغۇن كىشلەر بىلەن كۆرۈشۈش ئىمكانىيىتى بولماي قالدى. شۇنداقتىمۇ ۋاقىتلىق توپلانغان پىكىرلەر توپلام ھەققىدە جەمئىيەتتە بولىۋاتقان غۇلغۇلىلارنى مەلۇم دەرىجىدە بولسىمۇ كۆرسىتىپ بېرەلىشى مۈمكىن . توپلامدىكى شېئىرلارنىڭ كۆپىنچىسىدە مەنىۋىيەتنىڭ ئىچكى قاتلاملىرىغا ، پايانسىز قەلب دۇنياسىغا چوڭقۇرلاپ ، شېئىرىي مۇھىت ، ئىچكى ئاھاڭدارلىق ۋە شېئىرىي قاتلام ھاسىل قىلىنغاچقا ، كىشىگە يېڭىلىق ۋە زامانىيۋىيلىق تۇيغۇسى بېغىشلايدۇ.
        بۇ توغرۇلۇق مۇھەممەت پولات مۇنداق قارىشىنى ئوتتۇرغا قويدى : «توپلامنىڭ ماڭا بولغان تەسىرى ئالاھىدە بولدى ، مەن ئەدەبىياتىمىزدا يېڭىچە بىر خىل بەدىئي ئىزدىنىش كەيپىياتىنىڭ ئومۇملىشىشقا باشلىغانلىقىنى ، يېڭى بىر شېئىرىيەت ئېقىمىنى يارىتىشقا قادىر بولغان ئىقتىدارلىق ياش شائىرلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدىم . توپلامدىكى شېئىرلارنىڭ پىكىر ۋە تەپەككۇر يوللىرى ئۆزگىچە ، بەدىئى مەزمونى يېڭى ، شەكىل قۇرۇلمىسى رەڭدار بولۇپ، كىتاپخانغا بىر خىل شېئىرىي كەڭلىك ۋە مەنىۋىي ئازادىلىك تۇيغۇسى بېرىدۇ. ئۇلاردا ھايات ۋە كىشىلەر مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئومۇمى ھالەتلىرى ، ئادەتتىكى تاشقى ھادىسلىرى ئەمەس ، بەلكى ئۇلارنىڭ ئەسلى ماھىيىتى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن ، باشقىچە قىلىپ ئېيتساق بۇ شېئىرلاردا ئىنسان روھىيىتى ، ئۇنىڭ ئەڭ نازۇك ، ئەڭ پىنھان ئىچكى ھىس تۇيغۇلىرى ئوبرازلىق ، لىرىك شېرىئىيەتكە چۈشۈرۈلگەن . بۇ مېنىڭچە شېئىرىتىمىز ئۈچۈن بەكمۇ زۆرۈر بولغان قىممەتلىك مەنىۋى پەزىلەت ».
        «قەشقەردىكى يەر شارى» ئاتالغۇسى زور سالماقتىكى لىرىك سېغىمچانلىق بىلەن تۇيۇندۇرۇلغان ۋە مەنە قاتلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشچانلىققا ئىگە قىلىنغان شېئىرىي ئىماگ بولۇپ ، ئۇ بەزىلەرنىڭ قارىشىدەك فورمال لوگىكىغا، جۇغراپىيلىك ئوقۇمغا ئۇيغۇن كەلمىگەن بىلەن شېئىرىيەت ۋە ھېسىيات لوگىكىسغا ئۇيغۇن بولغان جىلۋىدار ، پاساھەتلىك شېئىرىي بىرىكمە. شائىر نەزەرىدىكى قەشقەرگە يەر شارىدەك سالماقتىكى لىرىك ھېسسيات مۇجەسسەملەنگەن. خۇددى ئوسمانجان ساۋۇت ئېتيقاندەك : « يەر شارىدىكى قەشقەر دېيىلسە ، بۇ جۇغراپىيىۋى ئۇقۇم بولاتتى. شېئىرىي پۇراق ياراتقىلى بولمايتتى. «قەشقەردىكى يەر شارى» دېيىلگەنلىكى ئۈچۈن قۇيۇق شېئىرىي پۇراق ھاسىل قىلىنغان. دېمەك ، شائىر نەزىرىدە پۈتكۈل دۇنيا قەشقەردە ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئانا قەشقىرىنى پۈتۈن دۇنياغا تەڭ قىلمايدۇ. مانا بۇ مىڭ توننا سالماقتىكى قەسەملەر بىلەن ‹كۆيدۈم›، ‹سۆيدۈم› دېگەن قۇرۇق گەپلەردىن ئۈنۈملۈك بىرىكمە» .
        بۇ ھەقتە ھېزىم قاسىمنىڭ قارشى بۇنىڭ ئەكىسچە :«جۇغراپىيىلىك ئاتالغۇ بولغان يەر شارى دۇنيانىڭ مۇتلەق تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاپ تۇرىدىغان 9 پىلانتنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم بىر پىلانت بولۇپ ، ئۇ پەقەت بىرلا . ئۇ ئامىرىكىدىكى يەر شارى ، شىنجاڭدىكى يەر شارى، ياپۇنيىدىكى يەر شارى ، قەشقەردىكى يەر شارى ، گۈزەر خامبازىرى ، ھاراپ ھاڭگىيىدىكى يەر شارى ئەمەس. ھەر قانداق بەدىئىي ھادىسنى چۈشەندۈرمەكچى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر يەر شارىنى پالانى يەردىكى يەر شارى ، پۇستانى يەردىكى يەر شارى دەپ ئاتاش جۇغراپىيىدىن ئىبارەت بۇ پەننىڭ قائىدە - قانۇنيىتىگە خىلاپلىقى بىلەن رەت قىلىنىشى كېرەك».
        توپلامدىكى شېئىرلار ئەنئەنىۋى شېئىرىيىتىمىزگە ئىجادى ۋارسلىق قىلىش - دۇنيا شېئىرىيەت ئېقىملىرىدىكى تۈرلۈك ئىپادىلەش مىتودلىرىنى ئۆرنەك قىلىش ئارقىلىق ئۆزىگە خاس يېڭىچە يول تۇتۇپ ، ئۇيغۇر روھىيىتى ۋە خاسلىقىنى قېزىشتىكى ئىجادىيەت قىزغىنلىقىنىڭ سەمەرىسى بولغاچقا ، جۇتاۋ قاتارلىق خەنزۇ شائىرلارنىڭمۇ يۇقۇرى باھاسىغا ئېرىشكەنىدى . بۇ توغرىسىدا ئىمىن ئەخمىدى مۇنداق دېدى : «توپلامنىڭ خەنزۇچە نۇسخسىنى كۆرگەن ئوقۇرمەنلەر ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنى ھازىرغىچە تولۇق تۇنۇيالمىغانلىقتىن ئەپسۇسلاندى. ئۇلار ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ دۇنياغا ، كەلگۈسىگە ، دۇنياۋى سەۋىيەنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ يۈزلىنىۋاتقانلىقىغا ، ئۇنىڭ ئۆزىدىكى مىللىيەتلىكىنى ، مىللىي روھ ۋە مىللىى غورورنى دۇنياۋى سەۋىيىدە تۇرۇپ نامايەن قىلىۋاتقانلىقىغا ، بۇ شېئىرىلارنىڭ ھەقىقى ئۇيغۇر شېئىرىيىتى ئىكەنلىكىگە بارىكاللا ئېيتىشتى . دەرۋەقە توپلامدىكى زور تۈركۈم ياشلارنىڭ يۈرەك قېنى بىلەن پۈتۈپ چىققان شېئىرىي مىسرالار گەرچە شەكىل جەھەتتىن ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى ئەنئەنىۋى خاسلىقىنى بۇزغان بولسىمۇ ، بىراق مەزمون ۋە ئۇنى ئىپادىلەش ۋاستىلىرى جەھەتتە 21- ئەسىرنىڭ ئىجادىيەت ئېقىمىغا يېقىندىن يانداشتى. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا قېرىنداش مىللەت ئۇقۇرمەنلىرىنى ھەيران قالدۇردى. بۇنىڭدىكى ئاساسى سەۋەپ ، ئۇلارنىڭ بۇ ئانا زىمىننى ھەقىقى يوسۇندا چۈشەنگەنلىكتىن ، بۇ دىيارىدىكى ئۆزىنىڭ قان تەرى بىلەن ھىساپلاشماي پەقەت ئاخىرقى بەخت - سائادەت ۋە كەلگۈسى مۆجىزە بىلەن ئۆزىنى ئاۋۇندۇرىلىغانلىقتىن، ئادەملەرنىڭ قەلبىنى ئۆز روھىدىن ئۆتكۈزەلىگەنكىدىن ئىبارەت بولدى، توپلامدىكى شېئىرىي ساپا ۋە شېئىرىي گۈزەللىك ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ساپاسىدىن ۋە بۇ مىللەتتىكى گۈزەللىكتىن كەلدى ، ئۇنىڭدىكى ھاياتىي كۈچ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىشچان ۋە باتۇر خىسلىتىدىن تەۋەللۇت بولدى. شۇنىڭغا كۆرە توپلامغا شىئىرى كىرگۈزۈلگەن شائىرلار مىللەتنىڭ ھەقىقى پەرزەنتىگە ئايلاندى.
        ئەلشىر نەۋايى ھەزرەتلىرى ئۆز مىسرالىرىدا ‹ ئادىمى ئېرسەڭ دېمەگىل ئادىمى، ئانىكىم خەلق غېمىدىن يوق غەمى› دېگەن بىر سۆزىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. مەن بۇ يەردە ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە توپلامنى ئوقۇش جەريانىدا مېنى ۋەسۋەسىگە سالغان بارلىق قاراشلىرىمنى خەلقنىڭ غېمىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، شۇ يولدا جاپالىق ئىزدەنگەن ياش قەلەمكەشلەرگە ئاپىرىن ئوقۇيمەن.» سۆھبەت بولغانىكەن، خېلمۇ خىل، ھەتتا قارىمۇ- قارشى پىكىرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىشى نورمال ئەھۋال. ھەقىقەتنىڭ ھامان مۇنازىرە ئارقىلىق ئايدىڭلىشىدىغانلىقى تارىخ ئىسپاتلىغان جەريان. ئەدەبىيات تارىخىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس.
        پەرھات تۇرسۇن توپلامغا بېرىلگەن باھالارغا قارىتا مۇنداق قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى: «قەشقەردىكى يەر شارى  نەشىر قىلىنماي تۇرۇپلا، جۇتاۋنىڭ يېزىپ بەرگەن كىرىش سۆزى ئۇيغۇرچە مەتبۇئاتلاردا ئارقا-ئارقىدىن تەكرار بېسىلىپ كەتتى. بۇنىڭدىن بەزىلەرنىڭ خوشاللىقىدىن ئۆزىنى قويالماي قالغانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ. بولۇپمۇ گۇڭگا شېئىرچىلار بۇنىڭدىن بەك خوشال بولۇپ كەتكەن بولسا كېرەك، ئۇلارمۇ كىرىش سۆزى يېزىپ، ‹تەڭرىتاغ› ژورنىلىدا ئېلان قىلىپ كەتتى. خۇددى جۇتاۋ بەرگەن باھا ھېچكىم تىل تەككۈزگىلى بولمايدىغان ئاخىرقى ھۆكۈمدەك ، پۈتۈن دۇنيانىڭ ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان باھاسىدەك گۇڭگا شېئىرچىلارغا دەستەك بولۇپ بەرگەنلىكى ئۇلارنىڭ جۇتاۋغا بولغان ئالقىشلىرىدىن چىقىپ تۇرىدۇ. لېكىن شۇ نەرسىگە كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇكى ، جۇتاۋ بىرلا ئادەمگە يەنى ئۆزىگىلا ۋەكىللىك قىلالايدۇ. ئۇنىڭ باھاسى ئۆزگەرمەس پىرىنسىپ ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ توپلامدا گۇڭگا شېئىرلاردىن باشقا شېئىرلارمۇ كۆپ ، شۇڭا بۇ باھانى گۇڭگا شېئىرلارغا بېرىلگەن باھا ، ئۇلارنىڭ ئورنى جۇتاۋ تەرىپىدىن قانۇنلىشىپ كەتتى دېيىشكە بولمايدۇ، جۇتاۋدەك ئادەتتىكى بىر شائىرنىڭ بېرىپ قويغان باھاسىدىن ھاياجانلىنىپ ئۆزىنى تۇتىۋالماي قالغان ‹ئۇيغۇر ياش شائىرلىرى› غا قاراپ ، ئۇلارنىڭ ھالىغا ئىچىم ئاغرىدى. بىر ئادەمنىڭ مۇنداقلا ماقالە يېزىپ قويۇشى ئۇنچىلا كارامەت ئىش ئەمەس. بۇ ھاياجاندىن بىزدىكى بالىلارچە تەنتەكلىك ھەۋەسكارلاردا بولىدىغان بىرەر كىم ماختاپ قويسا ، ئۇچۇپ كېتىدىغان ھالەت كۆرىنىپلا تۇرىدۇ . مانا مۇشۇنىڭدىنلا ياشلىرىمىزنىڭ شېئىرىيەتتە تېخى قانچىلىك سەۋىيىدە ئىكەنلىكىنى بىلىش قىيىن ئەمەس » .
        يەنە بۇ تۇغرىلىق ئەسقەر داۋۇت مۇنداق قوشۇمچە قىلدى : «ئاللىقايسى بىر خەنزۇ ئەدىبنىڭ سەمىمىي ۋىجدانى بىلەن بۇ توپلامغا ياكى ئۇيغۇر يېڭى شېئىرىيىتىگە باھا بېرىپ ، ‹بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتى خەنزۇ شېئىرىيىتىدىن ھالقىپ كەتتى› دەپ جاكارلاپ قۇيۇشىنى قانداقتۇر تاڭ سۇلاسىدىن كېيىنكى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ئېتراپ قىلىنىشى دەپ چۈشىنىپ قالماڭ . ئۇ بەدىئىي تەپەككۇرىمىزدىكى ۋە پىكىر قىلىش ئۇسۇلىمىزدىكى ئىلگىرلەش ، لېكىن بۇ تېخى غەلبە ئەمەس ، مېنىڭچە بۇ پەقەت ئۇرۇنۇش ۋە سىناق، ھەقىقى غەلبە ئالدىمىزدا». شېئىرىيىتىمىزدە ئومۇمى جەھەتتىن ئالغاندا ئىنساننى مەركەز قىلغان تاشقى يۈزلىنىش ۋە ئىچكى يۈزلىنىش تەڭ مەۋجوت بولۇپ، تاشقى يۈزلىنىش ئاساسى لىنىيە قىلىنغان شېئىرلاردا دىداكتىكا ، ئىجتىمائىي زىددىيەت ، ئەخلاقى مىزان قاتارلىقلار ئەكىس ئەتتۈرۈش نىشانى قىلىندى. ئىچكى يۈزلىنىش لىنىيە قىلىنغان شېئىرلاردا ئىنساننىڭ خاس ماھىيىتى ، قەلب چوڭقۇرلىقى ، يوشۇرۇن ئاڭ قاتلاملىرى ، روھى چاڭقاقلىقى ، پىنھان تىۋىشلىرى قېزىش نىشانى قىلىندى . توپلامدىكى شېئىرلارنىڭ كۆپىنچىسى كېيىنكى لىنىيىگە تەئەللۇق بۇلۇپ، ئۇنىڭدىن بەھىرلىنىش جەريانى ئوقۇرمەنلەرنىڭ مۇئەييەن باغلانما تەسەۋۋۇرى ،زوقلىنىش ئىقتىدارى ۋە شائىرانە سەزگۈرلۈكى بۇلۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ توغرۇلۇق ئابدۇقادىر جالالدىننىڭ قارشى مۇنداق : «ياش شائىرلار ئالدى بىلەن شېئىرنى ساختا بۇرچكارلىقتىن ئازاد قىلدى، ئۇلار شېئىرنى پاك ، ئادىمىي خاسلىق سۈپىتىدە تۇنۇدى . شېئىر بىر قاتار قائىدە - مىزانلارنىڭ يىغىندىسى ياكى قانداقتۇر بىر ئىجتىمائىي نوپۇزنىڭ بېقىندىسى ئەمەس. بەلكى ئىنساننىڭ ئۆز - ئۆزىنى سېزىش قۇدرىتى » .يېڭى شېئېرىيەتتىكى ئىچىكى يۈزلىنىشنىڭ ئامىللىرى توغرىسىدا توختىلىپ ئۇ يەنە مۇنداق دېدى : «شېئىر بۈگۈنكى شارائىتتا كىشلەرنىڭ قېنى ۋە مىجەزدىكى جەۋھەر ئەمەس ، ئەكىسىچە ماھارەتكە ئايلاندى . شۇڭلاشقا دۇنيا بۇ خەلقنى سەزمىدى . ئېغىر تەنھالىق بۇ خەلقنى شېئىرنى ، مۇزىكىنى ، شاراپنى ، خۇدانى سۆيۈشكە ئۆگەتتى . بارغانسېرى ئىچ مىجەز بولۇپ كەتكەن بۇ خەلق ئالەمنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ئۆز زىددىيىتىنىڭ ئىچكى تاناسىپلىقى ئارقىلىق چۈشىندىغان بولدى . ئۇلار پاكىز قەلبنىڭ ئەڭ خىلۋەت ئىچىگە چېكىنىۋەرگەچكە ، ئۆزىنىڭ پايانىنى ئالەمگە باراۋەر ھىس قىلىدىغان بولدى ». شۇڭا بۇ شېئىرلاردا رىئاللىققا باغلانغان ئىچكى يۈزلىنىشنى ئىپادىلەشنىڭ يېڭىچە بەدىئىي ۋاستىلىرىگە بولغان ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن شېئېرىي تىل ۋە شېئىرىي شەكىلدە ئىجادىيلىق بارلىققا كەلدى .
        توپلامدىكى شېئىرلارنىڭ ئىجادىي ئالاھىدىلىكلىرى توغرىسىدا ئوسمانجان ساۋۇت مۇنداق دېدى : «راستنى ئېيتسام، بىر نۇقتا ئېنىقكى شېئىرلاردا يېڭىلىق يارىتىشتەك بىر خىل روھ جۇش ئۇرۇپ تۇرۇپتۇ،بىر مۇنچە شائىرلارنىڭ ئىزدىنىش جاسارىتى تولىمۇ يۇقۇرى . شېئىرىي پىكىردىن ئىلگىرى شېئىرىي پىكىرنى ئىپادىلەش جەھەتتە خېلىلا ئىنقىلاپ بارلىقى مانا مەن دەپ تۇرۇپتۇ ». شېئىرىيەتتىكى مۇھىم مەسىللەرنىڭ بىرى نېمىنى يېزىش مەسلىسىلا ئەمەس، يەنە قانداق يېزىش مەسلىسىدۇر.بۇ ، شائىرلاردىن يېڭى مىتۇد ، يېڭى سىناق ، يېڭى تەجرىبىلەرنى تەلەپ قىلدى.
       بۇ نۇقتىنى چوڭقۇر تۇنۇپ يەتكەن شائىرلىرىمىزدىن بىرى بولغان مۇختەر مەخسۇت ئېيتقاندەك :«تەبىئەت ۋە تۇرمۇشنى قىسمەنلىكتىن تاللاپ ،ئۇنىڭ مەنتىقى تەرتىپى ، ھەرىكەت ئادىتىنى ئۆزگەرتىپ ۋە قايتا قۇراشتۇرۇپ ، ئوبېكتىپ چىنلىقنى قەلب چىنلىقىغا كۆتۈرۈش ، ھىسسىياتنى ماددى تۈسكە ، شەيئىنى ئادىمىي تۈسكە ئىگە قىلىشتەك بەدىئىي ماھارەت ۋە ئىستىتىك غايە سىناقلىرىنى دادىل يۈرگۈزدى. بۇ توپلامدىكى نۇرغۇن شېئىرلاردا بىر پۈتۈن يەككە سىمۋۇل ئىزچىللىق ئەنئەنىسى ھېسسىي ئوبرازلار بىرىكمىسى بىلەن سەكرەتمىلىك تىپتىكى شېئىرىي مۇنتاژغا ئورۇن بەرگەن . بىز بۇ شېئىرلاردىن قاپىيە ، تۇراق ، ۋەزىن قاتارلىق تاشقى ئامىلغا قارىغاندا شېئىردىكى ئىچكى رېتىمنىڭ تېخىمۇ يۈكسەك ئېتىبارغا ئېرىشكەنلىكىنى كۆرىمىز». ھەر قانداق يېڭىلىق بولغان ئىكەن ئۈزلۈكسىز تاكامۇللۇققا يۈزلىنىش ئۈچۈن ئۆزىدىكى نۇقسانلارنى بايقاش ، ئويلۇنۇش ، ئۆزگەرتىش ، ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش جەريانىدا ئېتراپ قىلىشقا ئەرزىيدىغان بىر قىسىم ئۇتۇقلارغا ئېرىشىپ ، كىشىگە تېخىمۇ يۈكسەك ئۈمىد بېغىشلاش بىلەن بىرگە ، زوقلانغۇچىلار نەزىرىدە يەنە قىسمەن نۇقسانلارنىمۇ سادىر قىلغان بولىدۇ.شائىرلىرىمىزنىڭ ئىلىم ئەھلىگە خاس سالماقلىق بىلەن خىلمۇ - خىل سادالارغا قۇلاق سېلىپ بېقىشى ، سەمىمىي نىيەت ، تەنقىدى نەزەردە بېرىلگەن پىكىرلەرنى ئەستايىدىل ئويلۇنۇپ بېقىشى ئارتۇقچە ئەمەس.
        توپلام توغرىسىدا ھېزىم قاسىم مۇنداق تەنقىدى قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويدى : «ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك شۇ قەدەر كۆپ ئاپتورلار يېزىۋاتقان بۇ خىل ‹شېئىرلار› 20 يىلدىن بۇيان دادىسى ئەزان چىللاپ قويغان ئىسمىنى تاپالمايۋاتقان ، بىردەم ‹مىكرو شېئىر› دەپ مىقدارلىق ئۆلچەم بىلەن، بىردەم ‹گۇڭگا شېئىر› ، ‹تۇتۇق شېئىر› دەپ مىترولوگىيە ئاتالغۇسى بىلەن ، بىردەم ‹ياشلار شېئىرىيىتى› دەپ ياش - قۇرام ئاتالغۇسى بىلەن ، ‹يېڭى شېئىر›دەپ گىرامماتىكىلىق سۈپەتلەش بىلەن ياڭزىمۇ - ياڭزا ئاتىلىپ كېلىۋاتقان ‹شېئىرلار› بولۇپ ، مېنىڭچە ئالدى بىلەن بۇ ‹شېئىرلار›نىڭ ئاتا - ئانىسى ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىك دائىرسىنى ئېنىقلاپ بېكىتىپ چىقىش كېرەك. شېئىرنى يۇقارقىدەك خىلمۇ- خىل تۈرلەرگە بۆلۈپ ، خىلمۇ -خىل ئاتاشنىڭ مۇتلەق خاتالىقى شۇ يەردىكى ، قانداق يېزىلىشتىن قەتئىينەزەر شېئىر دېگەن شېئىر ، شېئىرنى ئۇنداق شېئىر ، مۇنداق شېئىر دەپ ئاتاشنىڭ ئۆزى شېئىرغا قىلىنغان ھاقارەت . ھالبۇكى شېئىرنى مۇشۇنداق دەپ ئاتاپ ‹ئەزان› ئېيتىپ يۈرگەن بۇ خىل ‹شېئىرلار›نىڭ ‹ئىختىرا›چىلىرى قولىغا قەلەمنى ئالا-ئالمايلا ئۆزلىرىگە ‹نەزەرىيەنىڭ كېرەك ئەمەس› لىكىنى ، ‹نەزەرىيەنىڭ ئىجادىيەتنىڭ كۈشەندىسى › ئىكەنلىكىنى ، ئۆزلىرىدە ‹ئېقىم يارىتىش مەسلىكىنىڭ يوق › لىقىنى ۋە ‹ھەر قانداق ئېقىمغا تەۋە ئەمەس›لىكىنى ، ‹ئېقىم دېگەننى يۈرىكى يارىتىدۇ›غانلىقىنى، ‹ھەر قانداق چاكىنا ئېقىملارنى دورىمايدىغان › ، ‹رۇستىمى داستان› لار ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان ئىدى.ھالبۇكى ئەدەبىيات تارىخىدا ‹نەزەرىيە ئىجادىيەتنىڭ كۈشەندىسى› دەپ ، ‹نەزەرىيەنى كېرەك قىلمايدۇ› غان ، قىلغان-ئەتكىنى ھەر قانداق ‹ئېقىمغا تەۋە بولمىغان› ، ‹ئېقىم دېگەننى يۈرىكى ياراتقان› ، ‹ھەكىم› ئەدىبلەر بولغان ئەمەس . شۇنداق ئىكەن ‹مىللىي ئاڭ بىلەن زامانىۋى ئۇسلۇپنى بىرلەشتۈرۈپ ئېلىپ بارغان دادىل سىناق ئىزدىنىشلىرى › نىڭ نەتىجىسى بولغان بۇ توپلامدىكى ‹شېئىرلار›نىڭ بىرەر ‹ئېقىم›ۋە ‹ئېزم›غا تەۋە بولماسلىقى مۈمكىنمۇ؟ ھالبۇكى ئەدەبىيات تارىخىدا بىرەر ‹ئېقىم›ۋە ‹ئېزم›غا تەۋە بولمىغان ‹زامانىۋى ئۇسلۇپ› ۋە ‹ئىزدىنىش – سىناق › مۇ بۇلۇپ باققان ئەمەس.ئۇنداق بولسا ‹قەدىمى شېئىر مىللىتىدىن چىققان بۇ بىر تۈركۈم ياش شائىرلار › 20 يىلدىن بۇيان ئېلىپ بارغان ‹ئىزدىنىش – سىناق › تۆۋەندىكى ‹ئېقىم ›، ‹ئېزم› لار ، مەسىلەن : تەنقىدى رىئالىزم ، سىمۋولىزم ،ھالقىما رېئالىزم ، دادائىزم ، مەۋجوديەتچىلىك ، ئىپادىلىچىلىك، ئىكىسپىرىسئونىزم ، ئىمپىرىسئونىزم ، قار يۇمۇرچىلىق ، موۋىزم ،كوبىزم ،سېھرىي رىئالىزم قاتارلىق ‹ئېقىم›،‹ئېزم›لارنىڭ قايسى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان ‹سىناق ئىزدىنىش›؟ ،‹مەۋجۇد شېئىرىي تەرتىپلەرگە نىسبەتەن كۈچلۈك ئاسىيلىق روھىنى ئىپادىلىگەن › يەنى رىئالىستىك ئېستېتىكىنىڭ ‹مەۋجود تەرتىپ› پىرىنسىپلىرىغا ‹كۈچلۈك ئاسىيلىق روھىنى ئىپادىلىگەن بۇ ‹شېئىر›لار رىئالىزمغا ‹كۈچلۈك ئاسىيلىق› قىلغان ئىكەن ھەر ھالدا ئۆز ساداقەتمەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، پەرمانبەردارلىق كۆرسەتكەن باشقا ‹ئېقىم › ۋە ‹ئېزم ›نىڭ بولماسلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۈمكىنمۇ؟
        يوشۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوقكى بۇ توپلامدىكى ئايرىم بىر قانچە شېئىرنى ھېسابقا ئالمىغاندا مۇتلەق زور بىر قىسىم ‹شېئىرلار›دىكى مەزمون جەھەتتە بىمەنىلەشتۈرۈش ، ئىدىيەسىزلەشتۈرش ، چۈشىنىكسىزلەشتۈرۈش (چۈشىنىدىغان مەزمون بولماسلىق) ، ئوبرازسىزلاشتۇرۇش ، ھىسسىياتسىزلاشتۇرۇش ، بارلىق ئاڭ ،ئەقىل ئامىللىرىنى چۆرۈپ تاشلاش ، تېماتىك ئىدىيەنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىماسلىق ، يىپ ئاتلاش ، خىيالغا كەلگەننى تىزىش ، قۇرۇلما جەھەتتە شېئىرىيەتنىڭ مۇئەييەنلەشكەن قائىدە – پىرىنسىپلىرىنى چۆرۈپ تاشلاش ،گىرامماتىكىلىق قائىدە -پىرىنسىپلارغا بويسۇنماسلىق ، سۆز بىلەن سۆز ، جۈملە بىلەن جۈملە ئوتتۇرسىدىكى ئورگانىك باغلىنىشنى چۆرۈپ تاشلاش ، ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر ئويۇنى ، ھەتتا تىنىش بەلگىسىزلەشتۈرۈش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ‹زامانىۋى ئۇسلۇپ› ھەر بىر قەدەمدە پۇتلۇشۇپ تۇردىغان بۇ خىل ئالامەتلەر بۇ توپلامدىكى ‹شېئىرلار›نىڭ ‹ھەر قانداق چاكىنا ئېقىملارنى دورىمىغان › لىقىنى دەلىلليەلمەيدۇ.
        1980- يىلىنى ئۆزىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى قىلغان مۇدىرنىزم ئەدەبىياتى ئېقىمى رىئالىزمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ‹ئېقىم›، ‹ئېزم›لارنىڭ ئىجتىمائىلاشقان ، مۇددىئالاشقان يېزىقچىلىق ئۇسۇلىنىڭ ئەينى دەۋىردىكى ئۆتكۈر ئىجتىمائىي زىدديەت ۋە مەنىۋى ھادىسلەرنى ، رىئال ئەمەلىيەتنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ ئېچىپ بېرەلمەيۋاتقان ، دەيدىغاننى دىيەلمەيۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ، ‹ئۇنى بىز ئېچىپ بېرىمىز، بىز دەيمىز› دەپ ئوتتۇرغا چىققان بىر ئېقىم بولۇپ، بۇ ئېقىملارنىڭ ھەر قايسىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىجادىيەت پىرىنسىپى ، خىتاپنامىسى ، قائىدە – قانۇنيەتلىرى بار . گەرچە بۇ ئېقىملارنىڭ ھەممىسى رىئالىزىمغا قارشى مەيداندا ئوتتۇرغا چىققان بولسىمۇ ،رىئاللىق ، ھەرىكەت ، سۈرئەت ، زىددىيەت ، تەرەققىيات ئۇقۇملىرىنى ھەرگىز بىكار قىلىۋەتمىگەن. ئۇلار ‹ئەدەبىيات ئىجتىمائىي رىئاللىقنىڭ يازغۇچى مېڭىسىدىكى ئىنكاسى› دېگەن قائىدىنى چۆرىۋەتكەن بولسىمۇ ، ئەمما ئۆز ئەسەرلىرىدە يازغۇچىنىڭ رىئاللىقتىكى ئۆتكۈر ئىجتىمائىي زىددىيەتلەردىن ھېس قىلغان تۇيغۇ،سەزگۈ ۋە تەجرىبىلەرنى ئىپادىلىگەن . ئىجتىمائىي رىئاللىقنى ئىپادىلەشنىڭ(تەسۋىرلەشنىڭ ئەمەس) ۋاستىچسى قىلىپ، ئاڭ، ئەقىل، روھ ساھەسىدىكى دېلخۇللىق، گۇمان،ئەندىشە، ياتسىراش، ۋەھىمە، بىزارلىق، تىركىشىش، ھەل قىلغىلى بولمايدىغان مەسلە، سۇئال، ھېس تۇيغۇلارنى چوڭقۇر قازغان، مۇشۇ ئاددى بىر نوقتىدىن ئالغاندا قايسى بىر ‹شېئىر›نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر جەميىتىدىكى پۇستانى ئۆتكۈر زىددىيەت ئاپتۇرنىڭ شۇ زىددىيەتتىن ھېس قىلغان تۇيغۇ ۋە تەجرىبىسى ئىپادىلەنگەن شېئىرى دېگىلى بولىدۇ؟ نىمە دەۋاتقانلىقىنى، نىمە دېمەكچى بولىۋاتقانلىقىنى شۇ شېئىرنى يازغان ‹زامانىۋى شائىر›لارنىڭ ئۆزىمۇ بىلمەيۋاتسا، ئوقۇرمەنلەر ئۇنى نەدىن بىلسۇن! » مېنىڭچە بۇ خىل شېئىرلارنى يازىدىغانلار‹شېئىرنى نىمە ئۈچۈن يازىمىز ۋە قانداق يازىمىز› دېگەن مەسىلىنى ھەل قىلىش كېرەك. مۇشۇنداق شېئىرنى يېزىۋاتقان ، مۇشۇ توپلامغا شېئىر كىرگۈزۈلگەنلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ياش ئاپتورلار .ئۇلاردا بىلىم، ماھارەت يوق دېگىلى بولمايدۇ. گەپ بىلىم، ماھارەتنى نېمىگە قانداق ئىشلىتىشتە. ئالتۇننى جايىغا ئىشلىتىش كېرەككى ئۇنى ھاجەتخانا سېلىش، ئەخلەت تۇڭى ياساشقا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ . بۇ توپلامدىكى ‹شېئىرلار› توغۇرسىدا كونكرىت ئوبزور ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن بۇ شېئىرلارنىڭ تەۋەلىك دائىرسىنى يەنى بۇ شېئىرلارنىڭ دادىسىنىڭ بار-يوقلۇقىنى بەلگىلەش، ئاندىن شېئىرمۇ ئەمەس ، شېئىر بولسا ياخشى شېئىرمۇ، ناچار شېئىرمۇ ؟ نىمىنى قانداق يازغان شېئىر ، ‹ئۇسسىغان›ۋە ‹ئاچقان› يەرگە بارامدۇ؟ دېگەن مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر بايان قىلىشنى ئويلىشىپ بېقىشقا بولىدۇ ».
       توپلامدىكى شېئىرلارنى توپلاش ، رەتلەش ،تەھرىرلەش، خەنزۇچە تەرجىمىسىنى ئىشلەش قاتارلىق مەسىلەر توغۇرسىدا ئەخمەت ئىمىن مۇنداق دېدى : «توپلامدىكى ئەسەرلەرنى توپلاش ، تاللاش، تەھرىرلەش ئىشلىرىغا باشتىن-ئاخىر قاتناشتىم . ئەسەر تاللاشتا ناھايىتى ئەستايىل، ئېھتىياتچان ، ئادىل پوزىتسىيە تۇتتۇق . ئېلان قىلىنغان ئەسىرىنىڭ ئاز-كۆپلىكىگە ياكى نوپوزىغا ئەمەس ، ئەسەرنىڭ قانداقلىقىغا قارىدۇق . شېئىريەتتە بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە، تەھرىرلىك كەسپىدە پىشقان ، شېئىرىيەت نەزەرىيەسىدىن ئەتراپلىق خەۋىرى بارلارنى تەھرىرلىككە تەكلىپ قىلدۇق . ئىمكانىيەت دائىرىسىدە بىر قىسىم ئاپتورلار بىلەنمۇ ئالاقىلىشىپ پىكىر ئالدۇق. توپلامنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسىنىڭ تەھرىرلىكىنى تەجرىبىلىك خەنزو تەرجىمانلار ۋە شائىرلارغا ئىشلەتكۈزدۇق. ئۇيغۇر يېڭى شېئىرىيەت ھادىسىسى شېئىر ئىجادىيىتىگە قارىتا ئىنتايىن زور، ئېغىر ھەم قاتتىق تەلەپنى دادىل ئوتتۇرغا قويۇپ، ئۆز دائىرىسىدە كىچىكرەك بولسىمۇ كۆلەم يارىتالىدى. بۇ توپلام ئەنە شۇنداق ئىزدىنىش روھىغا باي، ئۆزىگە خاس كۆلەمگە ئىگە بولغان بىر تۈركۈم ياش ئەدىبلەر قوشۇنىنىڭ ھازىرقى ئومومىي ھالىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ، دەپ قارايمەن » . ئەسەر تاللىغۇچىلارنىڭ زوقلىنىش ئىندىۋىدۇئاللىقىدىكى ئوخشاشماسلىقلار تۈپەيلىدىن تاللانغان ئەسەرلەرنىڭ ئوقۇرمەنلەرگە بىردەك يېقىپ كەتمەسلىكى تەبىئىي .شۇڭا بۇ جەرياندا بەزى شائىر ھەۋەسكارلارنىڭ ياخشى ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلمەي ئۇلارنىڭ نارازىلىقى قوزغاپ قويۇلغان بولۇشى مۇمكىن . ئۇنىڭ ئۈستىگە توپلام چىقىرىشتىكى كۈتۈلمىگەن قىيىنچىلىق، توسالغۇلارنىڭ كۆپ ھەم مۇرەككەپلىكى تۈپەيلىدىن ھەممىسىنى تولۇق رازى قىلىشمۇ ئاسان ئەمەس.
        ئەسەر تاللاش ھەم تاللانغان ئەسەرلەرنىڭ سۈپىتى ھەققىدە دولقۇن روزى مۇنداق دېدى: «گەرچە توپلام ئىلاۋىسىدا دېيىلگەندەك قالپاققا ئەمەس ئادەمگە قارالغاندەك قىلسىمۇ ، ئەمەلىيەتتە ئەسەر كىرگۈزۈشتە ‹شاكال› بىلەن ‹مېغىز› ئارىلىشىپ قېلىش سەۋەنلىكى كېلىپ چىققان ،نەتىجىدە ئۇيغۇر شېئىرىيىتى ئۈچۈن تىنماي تەر ئاققۇزىۋاتقان بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە بىر قىسىم شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرىگە لىللا ئورۇن بېرىلمىگەن. ئەمدىلا ئىجادىيەت يولىغا كىرگەن، ئەسەرلىرىنىڭ بەدىئى ۋە ئېستېتىك جەلىپكارلىقى ئاجىز ئاپتورلارنىڭ خام-خۇتا ئەسەرلىرىنىڭ قوشۇلۇپ قېلىشى بىلەن توپلامنىڭ لاتاپىتىگە خېلىلا تەسىر يەتكەن. دېمەك،ئەسەر تاللاشتا بىر تەرەپلىمىلىكتىن خالىي بولالمىغان بولۇپ، ‹تەڭرىتاغ› ژورنىلى مەركەزچىلىكى خاھىشى تۈپەيلىدىن، ‹تەڭرىتاغ› ژورنىلىدا ئەسەر ئېلان قىلغان ئاپتورلارنىڭ ئەسەرلىرىنىلا ئاساس قىلىپ تاللاپ، باشقا مەتبۇئاتلاردا ئەسەر ئېلان قىلغانلارنىڭ ئەسەرلىرى نەزەردىن ساقىت قىلىش سەۋەنلىكىگە يول قويۇلغان. بەلكىم بۇ ، ئەسەر تاللىغۇچىلارنىڭ ‹تەڭرىتاغ› ژورنىلى ئەتراپىغا ئۇيۇشقان ئاپتورلارنىلا شائىر، باشقىلىرىنى شائىر ئەمەس،دېگەندىن ئىبارەت يۈزە كۆز قارىشىنىڭ ھاسىلاتى بولسا كېرەك. تاللانغان شېئىرلارنىڭ ئاساسلىق سالمىقىنى تەشكىل قىلغان ئەسەرلەردە زامانىۋى مىللى ئاڭ بىلەن ئىتنىك مەدەنىيەتنىڭ مەنىۋى يىلتىزى ئۇتۇقلۇق يوسۇنىدا بىرلەشتۈرۈلگەچكە كىشىگە ھەم يېڭىلىق ھەم قەدىمىلىك تۇيغۇسى بېغىشلايدۇ، بىراق، ئەپسۇسلىنارلىقى بەزى شېئىرلاردا تۇراقلاشقان سۆز، قاتمال تىل ئېلىمىنىتلىرى ئېغىر سالماقنى ئىگەللىگەن بولۇپ، تىل گۈزەللىكى، ھېسىيات چىنلىقى ۋە ئىزچىللىقىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ .بەزى شېئىرلاردىكى مەنتىقى مۇمكىنسىزلىك، قۇرغاق ھېسىيات ۋە قۇراق تىللار ئادەمگە تولىمۇ ئۈنۈمسىز تۇيغۇ ۋە ئېستىتىك ئەكىس تەسىر بېرىدۇ.»
       بۇ توغۇرلۇق يەنە ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت مۇنداق دېدى:«گەرچە توپلامنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسى ئادەمگە ئانچە يېڭىلىق تۇيغۇسى ئاتا قىلالمىسىمۇ، لېكىن خەنزۇچە نۇسخىسى يەنىلا ئادەمنى سۆيۈندۈرىدۇ. ئەگەر جۇتاۋ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنى كۆرگەن بولسا بەلكىم ئۇنچىلىك يۇقىرى باھا بەرمىگەن بولار ئىدى. توپلام ئۇيغۇر ياش شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىغا ۋەكىل بۇلۇش سۈپىتى بىلەن نەشىر قىلىنغان بولسىمۇ، توپلامنىڭ ئۆزى شۇ تەلەپكە يېتەلمىگەن. بىرىنچى، ۋەكىل قىلىپ تاللىغان شائىرلارنىڭ سانى كۆپ بولۇپ كەتكەن. نامى چىققان، چىقمىغان بولسۇن ئىشقىلىپ بىر قانچە پارچە شېئىر يازغانلارمۇ ۋەكىل قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. ئىككىنچى، ۋەكىللىك شائىرلارنىڭ ئىجادىيىتىگە ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا ۋەكىل بولالايدىغان شېئىرلار تاللانمىغان. ئۈچىنچى، نامى چىققان، ھەقىقى ۋەكىل بولالايدىغان شائىرلارنىڭ شېئىرلىرى كۆپرەك تاللانماي بەلكى نامى چىقمىغان بەزى ھەۋەسكارلارنىڭ شېئىرلىرى كۆپرەك تاللانغان. تۆتىنچى، تەڭرىتاغ مەركەزچىلىگى ئىدىيىسى بىر قەدەر كۈچلۈك گەۋدىلەنگەن. دىمەك توپلام تەشۋىقان جەھەتتە ناھايىتى چوڭ داغدۇغا قوزغىغان بولسىمۇ، لېكىن تارقىتىلغاندا ئۇنچىلىك داغدۇغىسى بولمىدى.»
       مۇھەممەت پولاتمۇ مۇنداق دېدى: «توپلامغا بەدىئى تۈسى سۇيۇق، مەزمونى ئاددى بەزى شېئىرلارمۇ كىرىپ قالغاندەك تۇرىدۇ. مىنىڭچە بۇ ھال ‹قەشقەردىكى يەر شارى› نىڭ بەدىئى سەلتەنتىگە تازا مۇناسىپ كەلمەيدۇ.»
       سۆھبەتلىشىش جەريانىدا بەزى شائىرلار توپلامدىكى شېئىرلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى يۇقۇرىدا بېرىلگەن پىكىرلەردىكى ئىجابىي جەھەتتىن تەرىپلەشلەرگە ماس ھالدا مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ئۆتكەندىن كېيىن، ساقلانغان مەسىلىلەر ھەققىدە كونكىرىت، نۇقتىلىق توختالدى.
        ئەخمەتجان قۇربان ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەر تۆۋەندىكىدەك:«ياش شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىدا دەسلەپكى چاغلاردا ئۇيغۇرنىڭ روھى ۋە يىلتىزىدىن قاڭقىش ھادىسىلىرى كۆرۈندى. بەزى شېئىرلاردا چىركاۋ، كىرسىت، ئەيسا بۈۋى مەريەم تىلغا ئېلىنىپ تۇردى. بۇ شېئىرىيىتىمىزنىڭ ياۋرۇپالاشقىنىمۇ؟ ياكى روھىيىتىمىزنىڭ خىرىستيانلاشقىنىمۇ؟! مېنىڭچە ھەر بىر مىللەتنىڭ شېئىرىتى ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ يىلتىزىدىن ،روھىدىن ئايرىماسلىقى كېرەك. توپلامدىكى بەزى شېئىرلاردا شېئىرى تىل جەھەتتە بىر مۇنچە يېڭى شېئىرىي سۆز بىرىكمىلىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن بولسىمۇ ئۇلاردا بىر خىل شەكىلۋازلىق بارلىققا كەلگەن. مەسىلەن: ‹تىترىگەن تىۋىش›، ‹جىمجىت ئاۋاز›،‹يېشىل چۈش› دېگەنگە ئوخشاش سۆز بىرىكمىلىرى كۆپلەپ ئىجاد قىلىنغان بولسىمۇ، بۇلار بىر-بىرىنى شەكىل ۋە مەزمون جەھەتتىن تەكرارلاپ، بىلىپ-بىلمەي يېڭى بىر شەكىلۋازلىقىنى بارلىققا كەلتۈردى. يەنە نۇرغۇن شېئىرىي تىلغا مەنسۇپ بولمىغان سۆز پەيدا بولۇپ قالدى. مەسىلەن: ‹مەن جىنسى ئاجىزلارنىڭ ساپما كەشكە بولغان ئۆچمەنلىكىنى ئۆگەنگەن› ‹تۈكۈرۈكلىرىنى چاچرىتىپ›، ‹ھەر تەرەپكە مىكروبلارنى تارقىتىدۇ›، ‹چىنلىقتا پوققا ۋە سەنئەتكە ئوخشايسەن›دېگەندەك سۆزلەرگە بەلكىم مەن چۈشەنمەيۋاتقان ئاجايىپ مەزمونلار يوشۇرۇنغان بولۇشىمۇ مومكىن ياكى بۇ شائىرنىڭ كارامەت ئىجادىيىتى بولۇشىمۇ مومكىن ياكى مەن مۇتەئەسسىپلەرچە پىكىر قىلىۋاتقان بولۇشۇممۇ مۇمكىن، لېكىن ‹جىنسى ئاجىزلىق› ‹تۈكۈرۈك›،‹پوق› دېگەن گەپلەرنى يېڭىچە شېئىرلاردا پەيدا بولىۋاتقان ئالامەت يېڭىلىق دېيەلمەيمەن. توپلامدىكى مەلۇم بىر شېئىردا ‹ئوغۇزرەڭ› دېگەن بىر سۆز 9يەردا تەكرارلانغان. .‹ئوغۇزرەڭ›دېگەن بۇ سۆز ھەقىقەتەنمۇ شېئىرىي پۇراققا ئىگە. چۈنكى ئۇ ئادەمگە ئانىنى ،ئانا سۈتىنى، چەكسىز بىر پاكلىقنى ئەسلىتىپ تۇرىدۇ . لېكىن ئۇ، شېئىردا ئورۇنسىز تەكرارلىنىپ لاۋزىلاشتۈرۈلغان. ‹قەشقەردىكى يەر شارى› ناملىق داستاننىڭ مىسرالىرىدىن ئەنئەنىۋى شېئىريىتىمىزنىڭ ئۇسلۇبىغا ۋارىسلىق قىلغان ئاساستا بارلىققا كەلگەن ۋەتەن ھەققىدىكى ياڭراق بىر ناخشىنى ئاڭلىغاندەك بولدۇم، ئۇنىڭدىن نەق ئەنئەنىۋى شېئىرىيىتىمىزنىڭ نۇرلۇق سىماسىنى كۆرىمىز. ئۇنىڭدا قانداقتۇر گۇڭگالىق ، تۇتۇقلۇق مەۋجۇت ئەمەس. توپلامدىكى شېئىرلاردىن يەن نۇرغۇن ئارتۇقچىلىق، كەمچىلىكلەرنى كۆرسىتىپ بېرىشكە بولاتتى. بۇ ھەقتە ئايرىم ماقالا يېزىش مەقسىتىم بولغاچقا مۇشۇنچىلىك توختىلىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم».
        مۇھەممەتجان ئەمەت مۇنداق دېدى: «ساختا ھېسىيات، زورۇقما ئىلھام بىلەن يېزىلغان، غەيرىلەشتۈرۈلگەن ياسالما سۆزلەر تېزمىسىنى كاتتا مودېرنىزمچە شېئىر قىلىۋالماسلىق لازىم. مەسىلەن: بۇ توپلامدىكى كۆپلىگەن نادىر شېئىرلار ئارسىدا ‹ئايسىز ئايدىڭ› دېگەن بىر شېئىر دەل مۇشۇنداق قەستەن غەيرىلەشتۈرۈلگەن. بۇ شېئىردىكى ‹ئايسىز ئايدىڭ› ، ‹ئەمچەكسىمان ئايدىڭ› دېگەنلەرنى كىم چۈشىنىدۇ؟ يەنە ‹ھېچكىم يوق›، تۈز قەسىدىسى› قەيەردىكى تەسرات؟ ئۇيغۇر شېئىريىتىگە ئۆز ئىشتىياقىنى سەرپ ئېتىۋاتقان سۆيۈملۈك ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ توپلامدىكى شېئىرلارنى ياخشى ئوقۇپ، چوڭقۇر ئانالىز قىلىپ كۆرۈپ، ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلغۇچىلار بىلەن ئىنكار قىلغۇچىلارنى، جىمجىت ھالدا ئىجاد قىلىۋاتقانلار بىلەن داۋراڭ سېلىپ بازار تاپماقچى بولىۋاتقانلارنى پەرقلەندۈرۈۋېلىشنى ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى يېڭىچە شېئىرلارنى خەلققە ياقماس قىلىپ قويۇۋاتقانلار دەل ئاشۇ ‹قالتىسلار›».
       توپلامدىكى يېتەرسىزلىكلەر ھەققىدە يەنە ئەسقەر داۋۇت مۇنداق دېدى: «بىرىنچىدىن، توپلامدىكى شېئىرلاردا ساختا ھاياجان ، بىھۇدە نېزىرقاش ، سۈنئىي چىڭقىلىش ، سىقىلىش ئامىللىرى مۇئەييەن نىسبەتتە ساقلانغان بولۇپ ، شېئىرنىڭ ۋە شېئىرىي ئوبرازلارنىڭ ساپلىقى ۋە شېئىرىي تىلنىڭ تەبئىلىكىگە بىۋاستە تەسىر يەتكەن. مەسىلەن : ‹...ئاپلىسىن رەڭگى › ،‹...ماندارىن جىلۋىسى› دېگەندەك يوچۇن قۇرلارنى ئۇچرىتىپ كۆڭلۈم ھەقىقەتەن ئەسكى بولدى. شېئىر بىر يىگانە سەنئەت، يەنە كېلىپ تولىمۇ ساپ ۋە تەبىئىي نەرسە . مەيلى بۇنى تەسەۋۋۇر كەڭلىكى ۋە ئىپادىلەشتىكى ھالقىش دەپمۇ چۈشىنىپ تۇرايلى ، ئۇ تەبىئىيلىك ، ساپلىق ۋە چىنلىقتىن ئايرىلىپ قالىدىكەن ، بۇنداق شىئىرنىڭ تەمى بولمايدۇ ، بەلكى كۆڭۈلنى ئىلەشتۈرىدۇ. ئىككنچىدىن ، مۇجىمەللەشتۈرۈش، ئەتەي ئابىستىراكىتلاشتۇرۇش ، بىھۇدە تەكرارلاش ۋە قالايمىقان سۆز ياساش ئىللەتلىرىنىڭ سالمىقى خېلى ئېغىر. ئۈچىنچىدىن ئاياللارچە لاتاپەت ، مەزلۇملارچە نېزىرقاش ، ناجىنىسلارچە گاڭگىراش ۋە ۋايساش ئالامەتلىرى مۇئەييەن سالماقنى ئىگەللىگەن بولۇپ ، ئەرلىك ھىد ۋە ئەركەك پۇراق نىسبەتەن ئاجىز . شېئىرىيەتتە ئۆزىگە خاس نەپسلىك ، لىۋەنلىك بولىدۇ. شئىرىي تىلنىڭ نەپىس ۋە لىۋەنلىكى شېئىرىي ئامىللارنىڭ نازۇك ۋە يۇمرانلىقى قەلەم ئىگىسىنىڭ بىۋاستە ئىستىداتىقا مۇناسىۋەتلىك ، بىراق ھەر قانچە نەپسىلىك ۋە نازۇكلۇق دېگەن ھالەتتىمۇ جىنسى پەرق، جىنسى ئايرىما ۋە ئۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ھېسسىيات ، تۇيغۇ ئوخشاش بولمايدۇ . ناۋادا قەلەم ئىگىسى ناجىنس ، بەچچە ياكى كۈتۈلمىگەن جىنسىي پاراكەندىچىلىككە يۇلۇققان بىتەلەي بايقۇش بولغان تەقدىردىمۇ ، ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇ ئەركەك زاتىدىن ئۆزگەرگەن ئىكەن ، يەنىلا مەلۇم جەھەتتىن ئايالچە ھېسسىيات ۋە تۇيغۇ زورۇقۇشلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ ھەم پەرقلىنىش كېرەك. ئەرلىكنىڭ ئۆزى بىر گۈزەللىك ، ئەرلىكنىڭ ئۆزى بىر ئېستېتىك نەتىجە ، ئەرلىك قوپاللىق ، ئەرلىك خاراكتىر ۋە ئەرلىك تۇيغۇنىڭ ئۆزى بىر شېئىر . تۆتىنچىدىن ، كېلەڭسىز ئىستىلىستىك ۋاستە ئويۇنى ۋە ئەرەپ - پارس تىلى ئاتالغۇلارنىڭ سالمىقى خېلى ئېغىر. بىز ساپ ئۇيغۇر تىلىدا ياكى ساپ دېگىلى بولمىغان تەقدىردىمۇ ساپراق ئۇيغۇر تىلىدا شېئىر يازساق نىمىشقا غەلبىلىك بولمايدىكەن ؟
        قۇربان بارات ۋە ئۇنىڭ يولنى تۇتقان ئارىمىزدىكى بىر نەچچە ياشنىڭ شېئىرلىرى بۇ جەھەتتىكى غەلبىلىك تەجرىبە ئەمەسمۇ ، مېنىڭچە ئىستىلىستىك ۋاستە ۋە ئەرەپ- پارس تىلى ئىبارىلىرى شېئىرىيىتىمىزدىكى تىپىك ئاجىزلىق بولۇپلا قالماي ساختىپەزلىكنى يوشۇرۇپ كېلىۋاتقان شەرمەندە نىقاپ».
       توپلامدىكى يېتەرسىزلىكلەر ھەققىدە ئوسمانجان ساۋۇتمۇ قىسقىچە مىسال كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى : «كىتاپتىكى بەزى شېئىرلاردا ‹ئەمچەكرەك ئايدىڭ ›دېگەندەك لاۋزا بىرىكمىلەر بىلەن ‹كەلگۈ› دېگەندەك بۇزۇلغان سۆزلەر ئۇچرايدۇ . بۇنداق ئېۋەنلەر بىلەن مەيدانغا چىققان نەرسىلەرنى ھەرگىزمۇ شېئىر دېگىلى بولمايدۇ ، ئۇلاردىن لەرزەتلىنىش توغرىسىدا بولسا ئېغىز ئېچىش مۈمكىن ئەمەس». ئاخىردا ئۇ يەنە شېئىرىيىتىمىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىيات يۈزلىنىشى ۋە كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك نۇقتىلار ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق خۇلاسە قىلدى :«شېئىرىيىتىمىز يېڭى ، ساپالىق ، ئىجادى بۇلۇشى كېرەك ، بۇنىڭ ئۈچۈن شائىرلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ شېئىرىي تەربىيلىنىشنى تىرىشىپ يۇقۇرى كۆتىرىشى ، شېئىرلىرىدا ھىسسيات گۈزەللىكى ، شەكىل گۈزەللىكى ، قاپىيە گۈزەللىكى ، پىكىر گۈزەللىكى ، تىل گۈزەللىكى ، شېئىرىي مۇھىت گۈزەللىكى قاتارلىق گۈزەللىكلەر قاتارىنى بەرپا قىلىشقا دىققەت قىلىشى كېرەك. بۇلۇپمۇ شېئىرىي تىل گۈزەللىكى بىلەن شەكىل گۈزەللىكى شېئىرنى ئۆرە قىلىپ تۇرىدىغان ئاساسىي تۈۋرۈك، شېئىر ئوبرازلىق تەپەككۇرنىڭ مەھسۇلى . شائىرلىرىمىزنىڭ ۋەزىپسى شەيئىلەر تارىخىنى بايان قىلىش ئەمەس. بەلكى شەيئىيلەر توغرىسىدىكى ئۇلارنىڭ ھاياجىنىنى سۈرەتلەش ، شېئىرىيىتىمىز ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى شائىر يېڭى - يېڭى ئوبرازلار بىلەن يېڭى- يېڭى ئىماگلارنىڭ ياردىمىدە يېڭى شېئىرىي قاتلام يارىتىشى كېرەك. ئانا شېئىرىيتىمىزنى تېخىمۇ زامانىۋى ، تېخىمۇ ئېسىل ، تېخىمۇ خېرىدارلىق ، تېخىمۇ ئابرويلۇق بىر مەملىكەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش بىز ھەممىمىزنىڭ ۋىجدانى بۇرچى ».

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-3-1 10:53:10]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.