تەقدىرسىز قىل تەۋرىمەيدۇ.

يوللىغۇچى : ilchi يوللىغان ۋاقىت : 2007-04-06 17:13:00

تەقدىرسىز قىل تەۋرىمەيدۇ كونىلارنىڭ تەقدىرسىز قىل تەۋرىمەيدۇ دېگەن سۆزى ھەرگىزمۇ ئورۇنسىز ئەمەس. ئەلبەتتە قاراپ ئولتۇرۇشقىمۇ بولمايدۇ، تەلەي بىلەن تەقدىر ئوتتۇرىسىدا زىددىيەتلىك مۇناسىۋەت م...

    تەقدىرسىز قىل تەۋرىمەيدۇ

              كونىلارنىڭ تەقدىرسىز قىل تەۋرىمەيدۇ دېگەن سۆزى ھەرگىزمۇ ئورۇنسىز ئەمەس.
         ئەلبەتتە قاراپ ئولتۇرۇشقىمۇ بولمايدۇ، تەلەي بىلەن تەقدىر ئوتتۇرىسىدا زىددىيەتلىك مۇناسىۋەت مەۋجۇتمىكىن دەيمەن، گەپ ئۇنى بىزنىڭ قانداق ئىزاھلىشىمىزدا، بەزىلەر «بۈگۈن مېنىڭ ئامىتىم كەلدى» دېسە، يەنە بەزىلەر «بۇ مېنىڭ تىرىشچانلىقىمدىن بولدى» دېگەن سۆزنى ئىشلىتىدۇ.
        بىر ئادەمنىڭ تەقدىر-تەلىيى ئۇنىڭ خاراكتېرى يەنى ئۇنىڭ كىچىكىدىن يېتىلدۈرگەن خاراكتېرى تەرىپىدىن بەلگىلىنىشى مۇمكىن. ئەينى دەۋردىكى «باقى»نىڭ ئۆسۈلۈپ يېتىلىش شارائىتى ئۇنىڭ ھورۇن ۋە تەلەيسىزلىكىنى بەلگىلىگەن، ئۇنىڭغا بىرلەشتۈرۈپ ئەينى دەۋر جاھالىتى ۋە زۇلمى ئۇنىڭ بۇ تەلەيسىزلىكىگە يەنە بىر تەلەيسىزلىكنى قوشقان، دەپ قارايمەن.
        بىر ئادەم ئۆزىنىڭ قانداق ئائىلىدە تۇغۇلۇشىنى بەلگىلىيەلمىگەندەك، قانداق ئۆلۈشىنىمۇ بەلگىلىيەلمەيدۇ. شۇ نۇقتىدىن تەقدىر مەسىلىسىدە ئارتۇقچە ئىزاھ بېرىش ياكى بۇنى يۇقىرىدىكى ئۇلۇغۋار ياكى ئىنقىلابىي سۆزلەر بىلەن سۈپەتلەش مېنىڭچە بىھاجەت. ئەڭ مۇھىمى ئەھمىيەتلىك ياشاش كېرەك.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق