پەن-تېخنىكا بىلەن قوراللانغان «ھايۋان جاسۇس» لارنى بوش چاغلىماڭ

يوللىغۇچى : dilraba يوللىغان ۋاقىت : 2015-12-02 13:17:15

ئامېرىكا ھەربىي تەرەپ تەتقىقاتچىلىرى ئوخشاش پىرىنسىپتىن پايدىلىنىپ، يەنە «كەپتەر جاسۇس» ۋە «ئاكۇلا جاسۇس»نى تەتقىق قىلىپ چىققان بولۇپ، DARPA مەبلەغ جەھەتتىن ياردەم قىلغان تەتقىقات گۇرۇپىسى ئۆزەك كىرگۈزۈش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، ئاكۇلانىڭ مېڭە پائالىيە

    پەن-تېخنىكا بىلەن قوراللانغان «ھايۋان جاسۇس» لارنى بوش چاغلىماڭ
     
     
    سۇلايمان ئىمىن تەرجىمىسى
     
     «يېڭى ئالىملار» ژۇرنىلى ئىلگىرى ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى كۆپلىگەن پەن-تەتقىقات گۇرۇپپىلىرىنىڭ پەرۋانە، قوڭغۇز، چاشقان، كەپتەر ۋە ئاكۇلا قاتارلىقلارنىڭ چوڭ مېڭىسىگە ئېلېكتىرونلۇق ئۆزەك، باتارېيە، ھەتتا تېلېكامېرا قاتارلىقلارنى كىرگۈزۈپ، ئۇلارنى ئاسان بايقىغىلى بولمايدىغان «مۇكەممەل جاسۇس» قا ئايلاندۇرىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغانىدى.
       ماشىنا ئادەمگە سېلىشتۇرغاندا، بۇ خىل «ئېلېكتىرونلۇق ھايۋان جاسۇس»لار نۇرغۇن ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە. ئالايلۇق، ئاكۇلا، پەرۋانە ۋە چاشقانلارنىڭ پۇراش سېزىمى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغاچقا، ئۇلار ناھايىتى كىچىك خىمىيىلىك ماددىلارنىمۇ بايقىيالايدۇ. يەنە كېلىپ، تېنىگە يىراقتىن كونترول قىلىش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىلغان ھايۋانلارنى ئادەتتىكى ھايۋانلاردىن پەرقلەندۈرۈشمۇ ناھايىتى قىيىن. « يېڭى ئالىملار» ژۇرنىلىدا:«كېيىن، ناۋادا بىر دانە پەرۋانە دېرىزىڭىزگە قونسا، گەپ قىلغاندا چوقۇم ئېھتىيات قىلىڭ». چۈنكى، ئەمەلىيەتتە ئۇ بىر جاسۇس-يېڭى بىر ئەۋلاد ئېلېكتىرونلۇق ھاشارەت بولۇشى مۇمكىن. ئۇلارنىڭ نېرۋا سىستېمىسىغا كىرىستال ياپراقچە ئورامى ئورنىتىلغان بولغاچقا، ئۇلارنى يىراقتىن كونترول قىلغىلى بولىدۇ دېيىلگەن.
     چىۋىن: 100 مېتىر يىراقلىقتىن «جاسۇسلۇق ۋەزىپىسى»نى ئىجرا قىلالايدۇ
    « ئېلېكتىرونلۇق ھايۋان جاسۇس» تەتقىقات تۈرىگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بەرگۈچىلەر ئىچىدە ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرى، بەش بۇرجەكلىك بىنا ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقات پىلان ئىدارىسى (DARPA)  مۇ بار. دۆلەت مۇداپىئەسى يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقات پىلان ئىدارىسى بىر خىل جۇغى تېخىمۇ كىچىك ھەم ئەپچىل «ھاشارەت جاسۇس»نى تەتقىق قىلىپ چىققان. «ھاشارەت جاسۇس» ئاساسلىقى پەرۋانە، چىۋىن، قوڭغۇز قاتارلىق ئۇچالايدىغان ياكى ئۆمىلەيدىغان ھاشارەتلەرنى ئوبيېكت قىلغان  DARP. بۇ خىل ھاشاراتلار لىچىنكا مەزگىلى ياكى قورچاق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقاندا، مىكرو كىرىستال پىلاستىنكىسىنى ئۇلارنىڭ تېنىگە كىرگۈزۈپ، بۇنى ئۇلارنىڭ تېنىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇشنى پىلانلىغان. بۇ خىل ھاشاراتلار يېتىلگەندىن كېيىن، يېرىم ھاشارەت، يېرىم ماشىنا ھالىتىدىكى «ئېلېكتىرونلۇق ھاشارات»كە ئايلىنىدىكەن.
      DARPA نىڭ ئاخىرقى نىشانى ئۇچۇش مۇساپىسى 100 مېتىردىن ئاشىدىغان «جاسۇس چىۋىن»نى ياساپ چىقىپ، ئېلېكتىر ئىمپۇلسى ئارقىلىق ئۇنىڭ ئۇچۇش يۆنىلىشىنى تىزگىنلەش بولۇپ، يېڭى بۇيرۇق بەرمىگەن ئەھۋال ئاستىدا «ھاشارات جاسۇس» باشتىن-ئاخىر جىمجىت ياكى ئۇچۇش ھالىتىدە تۇرىدۇ. نىشانغا يەتكەندىن كېيىن ئۆز جايىدا بۇيرۇق كۈتىدۇ. يېڭى بۇيرۇقنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئاندىن ئۇ يەردىن ئايرىلىدۇ. نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا، «ھاشارەت جاسۇسى»غا يىراقتىن قوماندانلىق قىلىپ، بومبا ئىزدىگىلى ياكى دۈشمەننىڭ ھەرىكىتىنى تىڭتىڭلىغىلى، دۈشمەن قىلچە سەزمىگەن ئەھۋالدا تۈرلۈك خەتەرلىك «جاسۇسلۇق ۋەزىپىلىرى»نى تاماملىغىلى بولىدۇ.
    تېنىگە تېلېكامېرا تېڭىلغان چاشقان بومبا ئىزدىيەلەيدۇ
    «ھاشارات جاسۇس»نى تەتقىق قىلىشتىن ئىلگىرى، DARPA يەنە بىر تەتقىقات تۈرىگە غايەت زور مەبلەغ سېلىپ، باتارېيە بىلەن ھەركەتلىنىدىغان «قوڭغۇز جاسۇس» ۋە يىراقتىن تىزگىنلىگىلى بولىدىغان «چاشقان جاسۇس»نى  ئۇتۇقلۇق ياساپ چىققان.
     بۇ «چاشقان جاسۇس»لار مەشىقلەندۈرۈلگەندىن كېيىن ئادەم بەدىنى ياكى پارتلاتقۇچ دېگەندەك مۇئەييەن شەيئىلەرنىڭ پۇرىقىنى پۇراپ، شۇ ئارقىلىق بومبا ياكى تۇتقۇنلارنى ئىزدىيەلەيدۇ. ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى چوڭ مېڭىسىگە كىرگۈزۈلگەن ئېلېكتىرونلۇق ئۆزەك ئارقىلىق تىزگىنلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، «چاشقان جاسۇس»نىڭ تېنىگە تېلېكامېرامۇ ئورنىتىلغان بولۇپ، ۋەزىپە ئىجرا قىلىش جەريانىدىكى سۈرەتلەر ۋاقتىدا باشقۇرغۇچىغا يوللىنىپ تۇرىدۇ.
       بىراق، ئامېرىكا ھەربىي تەرەپ ھازىر «چاشقان جاسۇس» تەتقىقاتىغا بېرىلىدىغان ئىقتىسادىي ياردەمنى توختاتقان. چۈنكى، گەرچە ئۇلارنىڭ جۇغى مىكرو تېلېكامېرا ياكى باشقا ئۈسكۈنىلەرنى ئېلىپ يۈرەلىگۈدەك دەرىجىدە چوڭ بولسىمۇ، يوشۇرۇنۇشى يەنىلا قىيىنغا توختايدىغان بولغاچقا، ئاسانلا ئاشكارىلىنىپ قالىدىكەن.
    ئاكۇلا: چوڭقۇر دېڭىزدا دۈشمەن پاراخوتلىرىغا مەخپىي ئەگىشىدۇ
         ئامېرىكا ھەربىي تەرەپ تەتقىقاتچىلىرى ئوخشاش پىرىنسىپتىن پايدىلىنىپ، يەنە «كەپتەر جاسۇس» ۋە «ئاكۇلا جاسۇس»نى تەتقىق قىلىپ چىققان بولۇپ، DARPA مەبلەغ جەھەتتىن ياردەم قىلغان تەتقىقات گۇرۇپىسى ئۆزەك كىرگۈزۈش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، ئاكۇلانىڭ مېڭە پائالىيەتلىرىنى خاتىرىلەپ، پۇراق، ئېلېكتىر ماگىنىت مەيدانى قاتارلىقلارنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئاكۇلانىڭ مېڭە قىسمىدىكى نېرۋا پائالىيەتلىرىنىڭ ماسلىق مۇناسىۋىتىنى كۆزەتكەن.
         نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تاپقاندىن كېيىن، ئاكۇلانى تىزگىنلەپ، كۆزىتىش خىزمەتلىرىنى باشلاپ، ۋەھشىيلىكى ۋە ھىيلىگەرلىكى بىلەن تونۇلغان ئاكۇلانى «ئېلېكتىرونلۇق جاسۇس»قا ئايلاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ چوڭقۇر دېڭىز ئاستىدا دۈشمەن پاراخوتلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشىگە يىراقتىن قوماندانلىق قىلغىلى بولىدۇ. ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرى يەنە ئاكۇلانىڭ سۇدىكى ئېلېكتىر ئېقىمى سىگنالىغا بولغان تەبىئىي سەزگۈرلۈكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، دېڭىزدىكى يۈك پاراخوتلىرىدىن ئېقىپ قالغان خىمىيىلىك ماددىلارنى تېپىشنى ئۈمىد قىلغان.
     
    مەنبەسى: تەرمىلەر ژۇرنىلىنىڭ 2015-يىللىق 8-سانىدىن ئېلىندى
     
     
     
     
     
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر پەن-تېخنىكا