ئۇلار ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا نېمىلەرنى دېدى

يوللىغۇچى : ranagul يوللىغان ۋاقىت : 2015-12-15 12:14:51

ئۇ يەنە شۇنىڭغا ئوخشاش بىر قاتار سۆزلەر بىلەن ئاڭلىغۇچىلارنى مەدھىيلەپ، ئاخىردا ئۇلارغا بەخىت تىلەپ دۇئا قىلدى.

    ئۇلار ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا نېمىلەرنى دېدى
     
    جاڭ لىجۈن
    سۇلايمان ئىمىن تەرجىمىسى
    ئامېرىكىدا 2014 – يىللىق ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىملىرىدا سۆزلەنگەن بىر قاتار نۇتۇق ۋىدېئولىرىنى كۆردۈم، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۈچى مەنىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.
    بۇنىڭ بىرىنچىسى بىر جۈپ ئەر – ئايالنىڭ نۇتىقى بولۇپ، ئەرنىڭ نۇتۇق قابىلىيىتى ئايالنىڭكىگە يەتمەيتتى. لېكىن، ئېرى بىر كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويسا، ئايالى مېلىندا ئۇنىڭ كۆز قارىشىنى ئەستايىدىللىق بىلەن دەلىللەيتتى. مېلىندا ھېكايە سۆزلەشكە ماھىر ئايال ئىدى. ئۇ مۇنداق بىر ھېكايىنى سۆزلىدى:
    -مەن ھىندىستانغا بارغاندا پاھىشە ئاياللار بىلەن ئۇچراشتىم. مەن ئۇلارنىڭ مۇشۇنداق تۇيۇق يولدا مېڭىۋەرسە، ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىشىدىن، شۇنداقلا  تېخىمۇ نۇرغۇن ئادەمنى نابۇت قىلىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىمنى ئېيتسام، ئۇلار ماڭا ئۆزلىرىگە ھەممىدىن ئېغىر كېلىدىغىنى ئەيدىز ۋەھىمىسى ئەمەس، بەلكى «سېسىق نام» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇلار مەن بىلەن قول ئېلىپ كۆرۈشكۈسى بارلىقىنى ئېيتقاندى، مەن ئۇلارنىڭ قولىنى ئۇزۇنغىچە چىڭ سىقىپ تۇردۇم. كېيىن، «ھالاكەتكە يۈز تۇتقانلار ئائىلىسى»گە بېرىپ ھال سورىغاندا، كېسەلخانىنىڭ بۇلۇڭىدا ياتقان 30 نەچچە ياشلار چامىسىدىكى بىر ئايال بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى بولمىغانلىقىنى بايقاپ، سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭمۇ ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى بىلدىم.
    - مەن ئۆلۈمگە يۈز تۇتقان بۇ ئايالنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرساممۇ، ئەمما ئۇنىڭ بىلە تىل ئارقىلىق ئالاقا قىلىشقا ئامالسىز ئىدىم. بىراق، قەلبىمىز سىردىشۋاتاتتى. بىر تېرە – بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغان بۇ ئايال بىنانىڭ ئۆگزىسنى كۆرسىتىپ، مەن ئاڭلاپ چۈشىنەلمەيدىغان بىر نەرسىلەرنى ئېيتتى. بىراق، مەن ئۇ ئايالنىڭ ئۆگزىگە چىقىپ كۈن چىققانلىقىنى كۆرگۈسى بارلىقىنى قىياس قىلدىم.
    - شۇنىڭ بىلەن، مەن بىر پىدائىينى چاقىرىپ، ئۇ ئايالنى بىرلىكتە ئۆگزىگە ئاچىقىشنى ئېيتتىم، لېكىن پىدائىي بۇنى رەت قىلدى. مەن ئامالسىز ئۇ ئايالنى ئۆزۈم كۆتۈرۈپ ئۆگزىگە ئاچىقىپ، ئۇنىڭغا كۈننىڭ چىققانلىقىنى كۆرسەتتىم. شۇنىڭدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇ ئايال ئۆلۈپ كەتتى..... بەزى ھاللاردا ئۆزىڭىز ئانچە كۆپ ياردەم قىلالمىغان ئادەملەر قەلبىڭىزگە شۇنچىلىك تەسىر كۆرسىتىدىكەن....
    نۇتقىنىڭ ئاخىرىدا، مېلىندا جەمئىيەتكە چىقىش ئالدىدا تۇرغان ئىستۇدېنىتلارنى ياردەمگە موھتاج كىشلەرگە ياردەم قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشلەرنى قەدىر - قىممىتى بىلەن ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشقا دەۋەت قىلدى. ئىستۇدېنتلار بۇنىڭدىن ئىنتايىن تەسىرلىنىپ، ھاياجان ئىلكىدە چاۋاك چېلىشتى.
    ئىككىنچى قېتىمدا نۇتۇق سۆزلىگۈچى ئۇتۇق قازانغان بىر ئايال ئىدى. ئۇ «سەمىمىيلىكنى ساقلاش» تېمىسىدا توختالغاندا، يېقىن دوستى مېتسىينىڭ ھېكايىسىنى تىلغا ئالدى:
    -دوستۇم مېتسىي ئىككىنچى قېتىم ھامىلدار بولغاندا تۇنجى بالىسى سام بەش ياشقا كىرگەنىدى. سام قىزىقىپ ئاپىسىدىن: «ئاپا، قورسىقىڭىزدىكى بالىنىڭ بىلىكى سىزنىڭ بىلىكىڭىزنىڭ ئىچىدىمۇ؟» دەپ سوراپتۇ. مېتسىي ئۇنىڭغا: «ياق ئۇنىڭ بىلىكى مېنىڭ قورسىقىمدا» دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. سام يەنە ئاپىسىدىن:«ئۇنداقتا، ئۇنىڭ پۇتى سىزنىڭ پۇتىڭىزنىڭ ئىچىدىمۇ؟» دەپ سوراپتۇ. مېتسىي يەنە جاۋابەن: «ئۇنداق ئەمەس، ئۇنىڭ پۇتىمۇ، باشقا يەرلىرىمۇ مىنىڭ قورسىقىمدا» دەپتۇ.
    -كىچىك بالىلار ئويلىغىنىنى يوشۇرمايدۇ، ئۇلارنىڭ سۇئاللىرىنىڭ ھەممىسى چىن. بىراق، چوڭلار ئوخشىمايدۇ. بىر يىلغىمۇ يەتمىگەن ئوڭۇشسىز نىكاھنى ئاخىرلاشتۇرغىنىمدىن كېيىن، نۇرغۇن دوستلىرىم ماڭا: «ئىككىڭلارنىڭ بىر – بىرىڭلارغا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى بۇرۇنلا ھېس قىلغاندىم. ئۆز ۋاقتىدا نىمىشقا ئۇنى تاللىغان بولغىيدىڭىز» دىيىشتى. مەن ئۇلارنىڭ بۇ گېپىدىن بەكلا ئازابلاندىم. ئۇلار بۇ گەپنى نېمە دەپ مەن توي قىلىشتىن بۇرۇن دېمەيدۇ؟ نېمە دەپ (ئۇرۇشتىن كېيىنكى قەھىرمان) بولۇۋالىدۇ؟
    - بۇلارنى دېيىشتىكى مەقسىتىم، مەن سىلەرنىڭ مەڭگۈ ئاشۇ بەش ياشلىق سامدەك، چىن، سەمىمىي ياشىشىڭلارنى، يېشىڭلارنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، تۈرلۈك ئىجتىمائىي ئىللەتلەرنى يۇقتۇرۇپ، ياسالما، بىلەرمەن ئادەملەردىن بۇلۇپ قالماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.....
    ئارقىدىن، ئۇ يەنە ئىستۇدېنتلار نەزەردىن ساقىت قىلىۋاتقان نۇرغۇن ھەقىقەتلەرنى تىلغا ئېلىپ، كۆپچىلىكنى ئادەمنىڭ كۆڭلىگە ياقمايدىغان بۇ ھالەتلەرنى ئۆزگەرتىشكە ئىلھاملاندۇرغاندا، گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى.
    ئۈچىنچى قېتىمدا نۇتۇق سۆزلىگۈچى داڭدار بىر شەخىس ئىدى. ئۇ بىر تېخنىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىمىغا قاتناشقان بولۇپ، تۆۋەندە ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسى «موتۇر چۇۋۇپ قۇراشتۇرۇش، تاماقخانا باشقۇرۇش، ئۆي سېلىش، كومپىيۇتىر رېمونت قىلىش» قاتارلىق كەسپى ماھارەتلەرنى ئۆگىنىپ، كەسپى ھاياتىنى باشلاش ئالدىدا تۇرغان ئوقۇغۇچىلار ئىدى. ئۇ سەمىمي ئاھاڭدا سۆز باشلىدى:
    -تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈش مۇراسىمىدا كىمنىڭ نۇتۇق سۆزلىگەنلىكىمۇ ئېسىمدە قالماپتۇ، چۈنكى، ئەينى چاغدا ئوقۇش پۈتكۈزۈش كېچىلىكىنىڭ ئىشىغا باش قاتۇرۋاتاتتىم. ئەپسۇسلىنارلىقى، ھازىر ئوقۇش پۈتكۈزۈش كېچىلىكى توغرىسىدىكى ئىشلارمۇ ئېسىمدە يوق. (كۆپچىلىك كۈلۈشىدۇ)
    - سىلەر بۈگۈنكى ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىمىدىكى نۇتۇق سۆزلىگۈچىنى ئېسىڭلاردا تۇتالايسىلەر، بۇنىڭ سەۋەبى ھەرگىز نۇتۇقۇمنىڭ سىلەرگە ئىلھام بېرەلىگەنلىكىدىن ئەمەس، بەلكى يىغىن مەيدانىغا شۇنچە كۆپ «ئالاھىدە ۋەزىپە ئىدارىسى» خادىملىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىدىندۇر (كۆپچىلىك كۈلۈشىدۇ).
    -سىلەر ھەممىڭلار شۇنچە قالتىس، سىلەرنىڭ ھايۋنلارنى داۋالاش ئورنىڭلار ئايدا تەخمىنەن  250 ئەرمەك ھايۋاننى داۋالايدۇ. مەن ئەسلى بۇ يەرگە سونني بىلەن بوبى (ئەرمەك ئىتنىڭ ئىسمى)نى ئالغاچ كەلسەم، سىلەر ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ قۇياتتىڭلار.
    سىلەر ئۆگەنگەن سۇۋارىكچىلىق تېخنىكاڭلاردىن  پايدىلىنىپ، قۇياش ئېنىرگىيەلىك ئۆي ياسايسىلەر، جۇڭگودىن كەلگەن باسمىچىلىق خىرىسىغا تاقابىل تۇرىسىلەر. (چاۋاك ساداسى).
      -سىلەر ئۆگەنگەن سۇۋاركچىلىق تېخنىكاڭلاردىن پايدىلىنىپ، قۇياش ئېنىرگىيەلىك ئۆي ياسايسىلەر، جۇڭگودىن كەلگەن باسمىچىلىق خىرىسىغا تاقابىل تۇرىسىلەر.(چاۋاك ساداسى).
      -«تۇغما قابىليەت» كە «تىرىشچانلىق» قوشۇلسا، ئاندىن تېخىمۇ يۈكسىلەلەيسىلەر.
       ئۇ يەنە شۇنىڭغا ئوخشاش بىر قاتار سۆزلەر بىلەن ئاڭلىغۇچىلارنى مەدھىيلەپ، ئاخىردا ئۇلارغا بەخىت تىلەپ دۇئا قىلدى.
     مەن كۆرگەن بۇ ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىمىلىرىدىكى نۇتۇقلارنىڭ بىر ئورتاقلىقى شۇكى، ئۇلار يالغان گەپ، چوڭ گەپ، قۇرۇق گەپ، تەكەللۇپ ۋە ئەپسانە گەپلەردىن خالىي؛ تەبىئەتكە، ھاياتقا، كىشى قەلبىگە يىقىن.
    ئەمدى سىزلەرگە يۇقىرقى نۇتۇق سۆزلىگۈچىلەرنىڭ كىملىكىنى ئېيتىپ بېرەي.
    - باشتىكى نۇتۇق سۆزلىگۈچىلەر دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى باي – بىل گەيتىس ۋە ئۇنىڭ ئايالى، بۇ ئۇلارنىڭ سىتانفورد ئۇنىۋېرستېتىدا سۆزلىگەن نۇتۇقى.
    -ئىككىنچى قېتىمدا نۇتۇق سۆزلىگەن ئايال Facebook شىركىتىنىڭ باش باشقۇرغۇچىسى سىيدنېي ساندىبېرك، بۇ ئۇنىڭ خارۋارد ئۇنۋېرستىېتىدا سۆزلىگەن نۇتۇقى.
    -ئۈچىنچىسى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ھۈسەيىن ئوباما، بۇ ئۇنىڭ ۋۇستېر تېخنىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدە سۆزلىگەن نۇتۇقى.
     
    تەرمىلەر ژۇرنىلىنىڭ 2015 – يىللىق 9 – سانىدىن ئېلىندى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ھالاكەت