ھاياتلىقنىڭ مەنىسى

يوللىغۇچى : mardana يوللىغان ۋاقىت : 2014-02-15 19:08:49

​نۇرغۇن كىشىلەر مەندىن : «نېمىشقا خارۋاردتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپچىلىكى پۇل ـ مۇئامىلە، مەسلىھەتچىلىك ۋە ئېلېكتورۇنلۇق بانكا ساھەسىنى تاللايدۇ» دەپ سوراپ كەلدى.

     
    ھاياتلىقنىڭ مەنىسى
     
     (خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى فائۇسنىڭ 2008-يىللىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ پۈتكۈزۈش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتقى)

    نۇرغۇن كىشىلەر مەندىن : «نېمىشقا خارۋاردتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپچىلىكى پۇل ـ مۇئامىلە، مەسلىھەتچىلىك ۋە ئېلېكتورۇنلۇق بانكا ساھەسىنى تاللايدۇ» دەپ سوراپ كەلدى.                                             
    بۈگۈن سىلەرگە بۇ سوئال ھەققىدە مۇنداق جاۋاب بېرەي، بىر بۇلاڭچىدىن: «نېمىشقا بانكىنى بۇلايسەن؟» دەپ سورالغاندا ئۇ مۇنداق دېگەنىكەن: «بانكىدا پۇل بار»         
    بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىشتىن بۇرۇن نېمىشقا بۇنداق سورايدىغانلىقىڭلارنى بىلگۈم كېلىدۇ، نېمە ئۈچۈن بۇ مەسىلە شۇنچە كۆپ ئادەمنى ئويلاندۇرىدۇ؟                          
    مېنىڭچە بۇنىڭ سەۋەبى سىلەر ئەنئەنىۋى مەنىدىكى ئۇتۇققا ئېرىشىش بىلەن بىللە ھاياتنى تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزمەكچى. بىراق سىلەر بۇ ئىككى نىشاننى بىرلەشتۈرۈشنى بىلەلمەي قىينىلىسىلەر. داڭلىق كارخانىدىن ئېرىشكەن يۇقىرى مائاشىڭلارنىڭ، ئىستىقباللىق خىزمىتىڭلارنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىغان ياكى قاندۇرالمايدىغانلىقىنى بىلمەيسىلەر.                                                   
    ئەمەلىيەتتە سىلەر ئىزچىل ھالدا قىممەت ھەققىدە، شەيئىلەرنى قانداق تەڭشەش ھەققىدە، ئىككى خىل ئىشنى بىرلا ۋاقىتتا قىلغىلى بولۇش ـ بولماسلىق ھەققىدە سورىدىڭلار. سىلەر ھازىر تاللاش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىسىلەر، مەسىلەن خىزمەت، كەسىپ، ئاسپىرانتلىقتا داۋاملىق ئوقۇش قاتارلىقلارنى تاللايسىلەر، بۇلاردىن بىرىنى تاللاش دېگەنلىك باشقىسىدىن ۋاز كېچىشتىن دېرەك بېرىدۇ.                                           
    ھەر بىر تاللاش تاللىۋېلىش ھەم ۋاز كېچىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ. مەلۇم ئىمكانىيەتكە ئېرىشكەندە يەنە بىر خىل ئىمكانىيەتتىن ۋاز كېچىشكە توغرا كېلىدۇ. سىلەردىكى مەسىلە دەل سىلەر ۋاز كەچكەن نەرسىلەرگە بولغان قىيماسلىق تۇيغۇسىدۇر.        
    تەشۋىشلىنىشىڭلاردىكى بىر سەۋەب شۇكى، سىلەر ھاياتىڭلارنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈش بىلەن بىللە يەنە ئۇتۇق قازانماقچى، تەربىيىلىنىپ بىلىم ئېلىش پەقەت ئۆزۈڭلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىش، تېخىمۇ راھەتتە ياشاش، قانائەت ھاسىل قىلىش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئەتراپىڭلاردىكىلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈندۇر، ئەمدى سىلەرنىڭ مۇشۇ ئىشنى قىلىدىغان ۋاقتىڭلار كەلدى. تەشۋىشلىنىشىڭلاردىكى ئىككىنچى سەۋەب : سىلەر بەخىتلىك ئۆتمەكچى. ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا بەختنى تاپقىلى بولىدۇ ؟ سىلەرگە جاۋاب بېرەي: «تەدرىجىي پىشىپ يېتىلگەندە»                                
    تەكشۈرۈشتىن قارىغاندا ئادەمنىڭ يېشى چوڭايغانسېرى بەخت تۇيغۇسىمۇ كۈچىيىپ بارىدۇ، مەسىلەن، مېنىڭدىكى بەخت تۇيغۇسى سىلەرنىڭكىدىن كۈچلۈك.                                
    مۇنازىرەڭلەردىن قارىسام سىلەر ئۇتۇق بىلەن بەختنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالماسلىقتىن ئەندىشە قىلىدىكەنسىلەر. ئۇنداقتا ئۇتۇقنىڭ نام ـ ئاتاق، پۇل ـ مالدىن باشقا يەنە ھەقىقىي بەخت ئېلىپ كېلەلەيدىغانلىقىغا قانداق ئېنىقلىما بېرىش كېرەك؟                         
    سىلەر مائاشى يۇقىرى خىزمەتنىڭ ئەھمىيىتى بولماسلىقىدىن، كىشىنى قانائەتلەندۈرمەسلىكىدىن ئەنسىرەيسىلەر. بۇنىڭغا جاۋاب شۇكى، سىناپ باققاندا ئاندىن بىلگىلى بولىدۇ. ياخشى كۆرگەن ئىشنى سىناپ باقمىسىڭىز، ئۆزىڭىز ئەھمىيەتلىك دەپ قارىغان نەرسىنى قوغلاشمىسىڭىز پۇشايماندا قالىسىز. ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئارزۇنى تاللاش پۇرسىتى كۆپ بولىدۇ، بىراق ئۇنى ھەرگىز بىرىنچى قىلىپ تاللىۋالماڭ.                
    مەن كەسىپ تاللاشنى ماشىنا توختىتىش نەزەرىيەسى دەپ ئاتىدىم : «ماشىنا توختىتىدىغان ئورۇن يوق بولۇشتىن ئەنسىرەپ ماشىنىڭىزنى بارماقچى بولغان نىشاندىن 20 نەچچە كوچا يىرقلىقتىكى جايدا توختىتىپ يۈرمەڭ.»                                           
    ھاياتىڭلارنىڭ مەنىسى زادى نېمە ؟ بۇ سىلەرنىڭ نېمىنى بەكرەك ئارزۇلىشىڭلارغا باغلىق.                                      
    ئۇتۇقلىرىڭلارنى كۆرۈشنى بىتاقەتلىك بىلەن كۈتىمەن، گېزى كەلسە ئۇتۇقلىرىڭلارغا مېنىمۇ ئورتاقلاشتۇرغايسىلەر.                                     
    (ئارزۇگۈل ئابلەم تەرجىمىسى)
     
    مەنبە: شىنجاڭ ياشلىرى ژۇرنىلى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.