كوتزېنىڭ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى بېرىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتقى

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-13 02:33:40

روبىنزون ۋە ئۇنىڭ پېرسوناژىجون ماكسۋېل كوتزې(جەنۇبىي ئافرىقا)توختى مەھمۇت ئەلائى تەرجىمىسى مۇھەررىردىن: كوتزې مەڭگۈ چۈشىنىپ بولماس سىرلىق يازغۇچى. ئۇ 1983- يىلى ۋە 1999- يىلى بولۇپ ئىككى قېتىم ئەن...

    روبىنزون ۋە ئۇنىڭ پېرسوناژى
    جون ماكسۋېل كوتزې(جەنۇبىي ئافرىقا)
    توختى مەھمۇت ئەلائى تەرجىمىسى




    مۇھەررىردىن: كوتزې مەڭگۈ چۈشىنىپ بولماس سىرلىق يازغۇچى. ئۇ 1983- يىلى ۋە 1999- يىلى بولۇپ ئىككى قېتىم ئەنگلىيە ئەدەبىياتى بويىچە ئەڭ كاتتا مۇكاپات— بۇك مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، بۇك مۇكاپاتى تارىخىدا بۇنداق شۆھرەتكە ئېرىشكەن تۇنجى يازغۇچى بولۇپ قالغان ئىدى. بىراق كوتزې ھېچقاچان مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلمىغان، ھەتتا بۇك مۇكاپاتى بېرىش مۇراسىمىغىمۇ قاتناشمىغان ئىدى. شۇ ۋەجىدىن ئۇنىڭ 2003- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەر يېتىپ كەلگەندىمۇ نۇرغۇن كىشى ئۇنىڭ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى بېرىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغان- قاتنىشالمايدىغانلىقىنى پەرەز قىلىپ يېتەلمىگەن ئىدى. كوتزېنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا بۇ كاتتا مۇراسىمغا قاتناشقانلىقى بەزىلەرنى ھەرھالدا نائۈمىد قويغان بولسىمۇ، كۆپىنچەيلەننىڭ مۆلچەرىدىكىدەك ئىش بولدى. چۈنكى، ھېچكىممۇ نوبېل مۇكاپاتىغا پەرۋاسىز قارىمايدۇ.

    نوبېل مۇكاپاتى بېرىش مۇراسىمىدا مۇكاپات ساھىبى لېكسىيە ياكى نۇتۇق سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىنىدىغان تەرتىپ بولىدۇ. ئادەتتىكى ساھىبلار ئۆز لېكسىيىسى ياكى نۇتقىدا ئۆزلىرىنىڭ ئەدەبىيات قارىشى دېگەندەك مەسىلىلەر ئۈستىدە توختىلىدۇ، بۇ نۇتۇقلارنىڭ كۆپىنچىسى تىرەن مەنا ئالغان بولسىمۇ، يەنە بىرمۇنچىسى قۇرۇق تەكەللۇپ سۆزلەر بىلەن تولغان بولىدۇ. كوتزې دېگەن ھامان كوتزې- دة، ئۇنىڭ مۇراسىمدا سۆزلىگەن نۇتقىمۇ شۇ قەدەر ئۆزگىچە بولۇپ، ھېكايىغىمۇ، نەسىرگىمۇ، شېئىرغىمۇ ئوخشاپ كېتىدۇ؛ ھەتتا مۇكاپات زىياپىتىدە قىلغان سۆزىمۇ شۇنداق جانلىق، ئوبرازلىق ۋە تەسىرلىك بولۇپ، كىشىنى تولىمۇ تەسىرلەندۈرىدۇ. ھېكايىدىكىدەك پېرسوناژلار، نەسىردىكىدەك لېرىك ھېسسىيات، شېئىردىكىدەك جەزبىدارلىق مۇجەسسەملەنگەن بۇ نۇتۇق تىلىنىڭ پاساھەتلىكى ۋە راۋانلىقى بىلەن كىشىنى مەھلىيا قىلىدۇ.

    كوتزېنىڭ بۇ نۇتقى 18- ئەسىردە ئۆتكەن رىئالىستىك ئەنگلىيە يازغۇچىسى دانىئېل دېفونىڭ مەشھۇر ئەسىرى «دېڭىز سەرگەردانى روبىنزون كروزو» دىن شاخلىتىپ يېزىپ 1986- يىلى نەشر قىلدۇرغان 4- رومانى «دېفو» نى ئەسكە سالىدۇ، كوتزېنىڭ  بۇ رومانىدىكى ۋەقەلىك روبىنزون ۋە «دېڭىز سەرگەردانى روبىنزون كروزو» دىكى يەنە بىر مۇھىم پېرسوناژ  جۈمە پاتتون ئۆزلىرى بېرىپ قالغان خىلۋەت قاقاس ئارالدىن قۇتقۇزۇۋېلىنغاندىن كېيىنكى ئىشلارغا مەركەزلىشىدۇ. كوتزې بۇ نۇتقىدا دېفو ۋە ئۇنىڭ ئەسىرىدىكى پېرسوناژ روبىنزون، جۈمەلەرنى يەنە بىر قېتىم شاخلىتىپ، رىئاللىققىمۇ، فانتازىيىگىمۇ ئوخشاپ كېتىدىغان، نەسرىي ئەسەرگىمۇ، نەزمىي ئەسەرگىمۇ ئوخشاپ كېتىدىغان مەنزىرىنى سۈرەتلەپ بېرىدۇ، پۈتۈن ئەسەردە غېرىبانىلىق، پىنھانىلىقتىن ئىبارەت ھەسرەتلىك كەيپىيات بالقىپ تۇرىدۇ. كوتزېنىڭ تەسۋىرلىگىنى يەنىلا دېفو دەۋرىدىكى كەيپىيات بولسىمۇ، ئەسەرنىڭ ھەممە يېرى كىشىنى ھازىرقى زاماندىكى مەدەنىي كىشىلەرگە خاس گاراڭ ۋە غېرىبانە تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ.

     

    ئەمدى يېڭى ھەمرىيىم توغرىسىدىكى پاراڭغا كېلەيلى. مەن ئۇنىڭدىن ئىنتايىن رازى ئىدىم، ئۇنىڭغا خىلمۇ- خىل ئىشلارنى ئۆگىتىپ، كارغا كېلىدىغان ياردەمچى قىلىۋېلىشىم، بولۇپمۇ گەپ قىلىشنى ئۆگىتىپ، مەقسىدىمنى چۈشىنىدىغان قىلىشىم كېرەك، دەپ ئويلايتتىم. ئۇ ھەر قانداق ئادەمدىنمۇ تېز ئۆگىنەتتى.

     
    — دانىئېل دېفو «دېڭىز سەرگەردانى روبىنزون كروزو»دىن
     
    لىنكولن ۋىلايىتىدىكى دېڭىز بويىغا جايلاشقان بوستون چىرايلىققىنە بىر شەھەرچە ئىدى، دەپ يازىدۇ روبىنزوننىڭ پېرسوناژى. ئۇ يەردە ئەنگلىيە بويىچە ئەڭ ئېگىز چېركاۋ مۇنارى بولۇپ، دېڭىزدا يول باشلىغۇچىلار شۇ مۇنارغا قاراپ كېمىلەرنى باشلاپ ماڭىدۇ. بوستوننىڭ ئەتراپى ساسلىق ئىدى، بۇ ساسلىق تادورنا ئۆردىكىنىڭ ماكانى بولۇپ، بۇ شۇم ئۆردەكلەرنىڭ مىلتىق ئاۋازىدەك كۈچلۈك چىقىدىغان ئېچىنىشلىق چۇقىراشلىرى ئىككى مىل يەرگىچە ئوقتەك ئاڭلىنىدۇ.
    بۇ ساسلىقتا ئۆردەك، ياۋا ئۆردەك، يېشىل ئۆردەك ۋە قىزىل بويۇن ئۆردەك قاتارلىق ئوۋلىغىدەك باشقا خىلدىكى يەنە نۇرغۇن قۇشلارمۇ ياشايدۇ، دەپ يازىدۇ روبىنزوننىڭ پېرسوناژى. ساسلىقتا تۇرۇشلۇق كىشىلەر ئۆزلىرى ياۋا ئۆردەكبايلار ياكى ياۋا ئۆردەكجانلار دەپ ئاتىۋالغان غاز، ئۆردەكلەرنى باقىدۇ.

    بۇ ساسلىق پارچە- پارچە بىپايان سۇلۇق ماكان ئىدى. ياۋروپا ئەللىرىدە، شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە تۇتاش كەتكەن سۇلۇق ماكانلارغۇ بار، ئەمما بۇلار ساسلىق دەپ ئاتالمايدۇ. بۇ يەردە ئېيتىلىۋاتقان ساسلىق (fen) ئىنگلىزچە سۆز بولۇپ، بۇ سۆز چەت ئەل تىللىرىغا تارقالمايدۇ.

    لىنكولن ۋىلايىتىدىكى بۇ ياۋا ئۆردەكجانلار ياۋا ئۆردەكبايلارنىڭ كۆلچىكىدە قولدا بېقىلىپ كۆندۈرۈلىدۇ، دەپ يازىدۇ روبىنزوننىڭ پېرسوناژى. ئاندىن ئۇلار كەچ كۈز مەۋسۈمىدە قويۇۋېتىلەتتى- دة، شۇ ئۇچقىنىچە چېگرىدىن چىقىپ گوللاندىيە ۋە گېرمانىيىلەرگە بارىدۇ. ئۇلار گوللاندىيە ۋە گېرمانىيىدە ئۆز خىلىدىكى باشقا ئۆدەكلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ. گوللاندىيىلىك ۋە گېرمانىيىلىك بۇ ئۆردەكلەرنىڭ شۇ قەدەر ئېچىنىشلىق تۇرمۇشىنى، ئۇلار ياشايدىغان دەريا- ئېقىنلارنىڭ قىش كۈنلىرى مۇز تۇتۇپ كېتىدىغانلىقىنى، زېمىنىنىڭ ئاپئاق قار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدىغانلىقىنى كۆرگەن بۇ ئۆردەكجانلار ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ ئەنگلىيىدىن كەلگەنلىكىنى، ئۇ يەردە ئەھۋالنىڭ بۇ يەردىكى بىلەن ئانچە ئوخشىشىپ كەتمەيدىغانلىقىنى: ئەنگلىيە ئۆردەكلىرىنىڭ دېڭىز ساھىلى، ئېشىپ- تېشىپ تۇرىدىغان قۇۋۋەتلىك يىمەكلىكلىرى بارلىقىنى، دېڭىز تاشمىسىنىڭ ئېقىنغا قارشى ئەركىن ئويناقشىپ ئېقىپ ئۇششاق ئېقىنلارغا قۇيۇلىدىغانلىقىنى؛ ئۆزلىرىنىڭ كۆللىرى، بۇلاقلىرى، ئوچۇق ۋە لەمپىلىك كۆلچەكلىرى بارلىقىنى؛ ئېتىزلاردا قوناق ئۈزگۈچىلەر تاشلاپ كەتكەن قوناقلارنىڭ تولا ئىكەنلىكىنى؛ يەنە كېلىپ ئۈششۈك، قار دېگەنلەرنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ ئىنتايىن بەخۇدۈك ياشايدىغانلىقىنى ئۇلار چۈشىنەلەيدىغان بىر خىل تىل شەكلىدە پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ ئېيتىپ بېرىدۇ.

    ئۇلار— ياۋا ئۆردەكبايلار ياكى ياۋا ئۆردەكجانلار ئۆردەك تىلىدىكى ئەنە شۇنداق ياغلىما سۆزلىرى ئارقىلىق ئۇ ئەللەردىكى نۇرغۇن ئۆردەكلەرنى بىر يەرگە توپلايدۇ، دەپ يازىدۇ روبىنزوننىڭ پېرسوناژى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇلارنى ئالداپ ئېلىپ ماڭىدۇ. ياۋا ئۆردەكجانلار ئۇلارنى باشلاپ گوللاندىيە ۋە گېرمانىيىدىن يولغا چىقىپ، دېڭىزلاردىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ، لىنكولن ۋىلايىتىنىڭ ساسلىقلىرىدىكى ئۆردەك بېقىلىدىغان كۆلچەكلەرگە كېلىپ قونىدۇ- دة، ئۆز تىلىدا تىنماي غاقىلداپ، ئۇلارغا بۇ يەرنىڭ ئۆزلىرى ئېيتىپ بەرگەن كۆلچەك ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئەمدى بۇ يەردە بەخۇدۈك ياشايدىغانلىقىنى ئاغزى بېسىقماي ئېيتىپ بېرىدۇ.

    ئۇلار شۇ ھەلەكچىلىكتە تۇرغىنىدا ئۆردەك ئوۋچىلىرى، يەنى ئەشۇ ياۋا ئۆردەكجانلارنىڭ ئىگىلىرى ساسلىقتا قۇمۇش بىلەن ياسىۋالغان كەپىلىرى ياكى مۆكۈملىرىگە غىپپىدە كىرىۋالىدۇ- دة، تۇيدۇرماستىن سۇغا تۇتاملاپ- تۇتاملاپ دان چېچىپ قويىدۇ، ياۋا ئۆردەكبايلار ياكى ياۋا ئۆردەكجانلار چەت ئەللىك مېھمانلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ ئىگىلىرىنىڭ ئارقىسىدىن ماڭىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئۇدا ئىككى- ئۈچ كۈن مېھمانلىرىنى باشلاپ سۇ يولى بىلەن ئېقىنغا قارشى ئۈزۈپ كېتىۋېرىدۇ، سۇ يولى بولسا باغانسېرى تارىيىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەنگلىيىدە نەقەدەر ئازادە ياشايدىغانلىقىنى كۆز- كۆز قىلىپ تىنماي غاقىلدىشىدۇ، ئاخىرىدا تور يېيىقلىق بىر يەرگە يېتىپ كېلىدۇ.

    بۇ چاغدا ئۆردەك ئوۋچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئۆردەك ئوۋلىغۇچى تايغانلىرىنى قويۇپ بېرىدۇ، مەشىق ئارقىلىق سۇ ئىچىدە ئۈزۈپ يۈرۈپ ئۆردەك قوغلاشقا ئۆگىتىلگەن بۇ تايغانلار سۇ ئۈزگەچ قاۋاپ ماڭىدۇ. قورقۇنچلىق بۇ مەخلۇقلاردىن قورقۇپ كەتكەن ئۆردەكلەر قانات قېقىپ ئۇچۇپ كەتمەكچى بولۇپ قانات قېقىپ كۆتۈرۈلىدۇ- يذ، ئۈستى تەرىپىدىن لەيلەپ چۈشكەن تورغا قاپسىلىپ، يەنە سۇغا چۈشۈپ كېتىدۇ، ئۇلار پەقەت تور ئاستىدا سۇ ئۈزۈشكىلا مەجبۇر ئىدى، بولمىسا ئۆلىدىغان گەپ. ھالبۇكى، تور خۇددى تۆمۈر قىسماقتەك يىغىلغانسېرى تارىيىدۇ، ئوۋچىلار تورنىڭ بىر ئۇچىدا تۇرۇۋېلىپ ئولجىلىرىنى بىر- بىرلەپ تۇتىدۇ. ياۋا ئۆردەكبايلار بۇنىڭ شاپائىتىدە ئىنتايىن ئەتىۋارلىنىدۇ، مېھمانلىرى بولسا شۇ جاينىڭ ئۆزىدىلا كالتەك يەپ تىك موللاق چۈشىدۇ- دة، يۇڭۇزلانغاندىن كېيىن يۈزلەپ- مىڭلاپ سېتىۋېتىلىدۇ.

    روبىنزوننىڭ پېرسوناژى لىنكولن ۋىلايىتىدىكى بۇ ئەھۋالاتنى پەر قەلەمدە شارتىلدىتىپ رەتلىك يازىدۇ. ئۇ ھەر كۈنى يېڭى بىر بابىنى يېزىشتىن ئىلگىرى پەر قەلىمىنى ئەپچىلگىنە قەلەمتۇرىچى بىلەن ئۇچلىۋالىدۇ.
    ھالىفاكستا ھەيۋەت بىر مويتۇڭزا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، بۇ مويتۇڭزا پادىشاھ جامۇسⅠنىڭ زامانىغا كەلگەندىلا ئاندىن چۇۋۇۋېتىلگەنىدى. بۇ مويتۇڭزىنىڭ خىزمىتىمۇ ئەنە شۇنداق بولۇپ، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇس مويتۇڭزىغا جايلاشتۇرۇلۇپ، كاللىسى مويتۇڭزا ئېغىزىغا كىرگۈزۈلىدۇ، ئاندىن جاللات ئېغىر تىغنى توسۇپ تۇرىدىغان تاقاقنى توقماق بىلەن ئۇرۇپ چىقىرىۋېتىدۇ، قاسساپنىڭ پىچىقىدەك ئۆتكۈر تىغ چېركاۋنىڭ ئىشىكىدەك ئېگىز رامكىغا چۈشىدۇ- دة، مەھبۇسنىڭ كاللىسىنى شارتتىدە ئۈزۈپ تاشلايدۇ.

    ھالىفاكستا مۇنداق بىر ئادەت بار ئىكەن: ئەگەر مەھبۇس تاقاقنىڭ چىقىرىۋېتىلىشى بىلەن تىغنىڭ چۈشىشى ئارلىقىدىكى شۇ دەقىقىدە چاققانلىق بىلەن شاققىدە ئورنىدىن تۇرۇپ، تاغدىن چۈشۈپ، جاللاتنىڭ قولىغا يەنە بىر قېتىم چۈشمەي دەريادىن ئۈزۈپ ئۆتۈپ كېتەلىسە قويۇۋېتىلىدىكەن. بىراق، بۇ مويتۇڭزا ھالىفاكستا ياسىلىپ شۇنچە كۆپ يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، بۇنداق ئەھۋال ھېچقاچان كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىكەن.

    روبىنزون (ئەمدى ئۇنىڭ پېرسوناژى ئەمەس، ئۆزى) برىستولدىكى دېڭىز بويىغا جايلاشقان ئۆيىدە بۇ نەرسىلەرنى ئوقۇپ ئولتۇراتتى. پالما يۇپۇرمىقىدىن كۈنلۈك ياساپ، ئۆزىنى ئاپتاپتىن دالدا قىلىشتىن ئىلگىرى ئىسسىق بەلۋاغ ئاپتىپىدا كۆيۈپ كۆمۈردەك قارىداپ كەتكەن بۇ ئادەم ھازىر ياشىنىپ قالغان بولۇپ، پۇتى گۆرگە ساڭگىلىدى دىيەرلىك ھالدا قېرىپ كەتكەن ئىدى. چىرايى تاتىراڭغۇ بولسىمۇ، يۈزى يەنىلا تېرە قەغەزدەك ئەۋرىشىم ئىدى؛ بۇرنىدا ئاپتاپ كۆيدۈرىۋەتكەن يەنە بىر كۆيۈك يارىسىمۇ بولۇپ، ئېھتىمال مەڭگۈ ساقايماسلىقى مۈمكىن.

    روبىنزون ھېلىقى كۈنلىكىنى ئۆيىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا ھازىرغىچە ساقلاپ كەلگەن، ئەمما ئۆزى بىلەن بىللە قايتىپ كەلگەن شاتۇتى بولسا ئۆلۈپ كەتكەن ئىدى. بىچارە روبىنزون! ئۇ شاتۇت ھەمىشە دەرەخ شېخىدىن ئۇچۇپ مۈرىسىگە قونۇۋېلىپ شۇنداق دەپ سايرايتتى، ۋاي بىچارە روبىنزون كروزو! بۇ بىچارە روبىنزوننى كىم قۇتقىزار. ئايالى ئۇ شاتۇتنىڭ كېچە- كۈندۈز دېمەي بىچارە روبىنزون دەپ زارلىنىپ سايراشلىرىدىن جاق تويۇپ كېتەتتى. بوينىنى ئۈزۈۋېتىمەن بۇ جانىۋارنىڭ، دەيتتى- يذ، قول سېلىشقا جۈرئەت قىلالمايتتى.

    روبىنزون شاتۇتىنى، كۈنلىكىنى، شۇنداقلا لىق بىر ساندۇق دەپى دۇنياسىنى ئېلىپ ئەنگلىيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن خۇنتىنگتوندا بىر قورۇق سېتىۋېلىپ، ياشىنىپ قالغان ئايالى بىلەن بىللە بىر مەھەل تېنچقىنە ياشىدى، چۈنكى ئۇ ئەمدى بايلاردىن بولۇپ قالغان ئىدى. خەتەرلىك سەرگۈزەشتىلىرى تەسۋىرلەنگەن كىتابى بېسىلىپ چىققاندىن كېيىن تېخىمۇ بېيىپ تىقىلىپ كەتتى. ھالبۇكى، ھېلىقى ئارالدا شۇنچە كۆپ يىل تۇرغانلىقى، ئارقىدىنلا يەنە چاكىرى جۈمە بىلەن بىر قانچە يىل سەپەر قىلغانلىقى (بىچارە جۈمە شاتۇتىنىڭ ھېچقاچان «جۈمە» دېگەن ئىسمىنى چاقىرماي، پەقەت روبىنزوننىڭ ئىسمىنىلا چاقىرىشنىلا بىلىدىغانلىقىدىن ھەسرەت چېكىپ خۇپىيانە گۇڭۇرلاپ كېتەتتى) تۈپەيلىدىن قۇرۇقلۇقتىكى مۆتىۋەرلەرچە تۇرمۇشىدىن زېرىككەن ئىدى. يەنە كېلىپ، راستىنى ئېيتقاندا، نىكاھلىق تۇرمۇشىدىنمۇ بەزگەن ئىدى. ئۇ بارغانسېرى كۆپ چاغلاردا ئېغىلغا كىرىۋېلىپ، ئېتىنى ئۆزىگە ھەمراھ تۇتۇشنى خالايدىغان بولۇپ قالدى، پەرۋەردىگاھقا مىڭ شۈكرى، ئات زۇۋاندارلىق قىلمايتتى، ئېغىلغا كىرگىنىدە ئاتلار ئۇنىڭ كىملىكىنى بىلگەنلىكىنى ئىپادە قىلماقچى بولغاندەك يېنىككىنە خورتۇلداپ قويۇشاتتى- دة، شۇنىڭدىن كېيىن جىمىپ كېتەتتى.

    روبىنزون قاقاس ئارالدا جۈمە كېلىشتىن ئىلگىرى ئۈن- تىنسىز ياشاپ كەلگەن ئىدى. ئارالدىن قايتىپ كەلگىنىدىن كېيىن بۇ دۇنيادا ئۆزىنى بەك كۆپ گەپ قىلىپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدى. كارىۋاتقا چىقىپ ئايالىنىڭ يېنىدا ياتقىنىدا ئايالىنىڭ قۇشقاچتەك چۇلدۇرلاپ تۈگىمەس كوتۇلداشلىرىدىن ئۆزىنى خۇددى قارا يامغۇردەك يېغىپ كېتىۋاتقان شېغىل تاش ئاستىدا قېلىۋاتقاندەك ھېس قىلاتتى، ۋاھالەنكى بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئۇيقىدىن باشقىسىغا رايى بارمايتتى.

    شۇڭا ئايالى ئالەمدىن ئۆتكەندە قايغۇرۇشنىغۇ قايغۇرغان، ئەمما كۆڭلى يېرىم بولمىغان ئىدى. ئايالىنى دەپنە قىلىۋېتىپ ئازراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن برىستولدىكى دېڭىز بويىغا جايلاشقان ئۆيىگە كۆچۈپ باردى، خۇنتىنگتوندىكى قورۇقىنى بولسا ئوغلىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا قالدۇردى. ئۇ پەقەت نامىنى تەرەپ- تەرەپكە تاراتقان ھېلىقى ئارالدا ياسىغان كۈنلىكىنى ۋە شاخقا بېكىتىۋالغان ئۆلۈك شاتۇتىنى، شۇنداقلا بىر قانچە لازىمەتلىكىنىلا ئېلىپ بارغان ئىدى، شۇنىڭدىن كېيىن بۇ يەردە ئۆزى يالغۇزلا تۇردى. روبىنزون كۈن بويى دوك ۋە پرىستاندا ئايلىنىپ يۈرەتتى، غەرب تەرەپتىكى دېڭىزغا ئۇزاقتىن- ئۇزاق كۆز ئۈزمەي قاراپ تۇرۇپ كېتەتتى، ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ كۆزىدىن كەتمىگەن ئىدى، ھېلىمۇ غاڭزىدا تاماكا چېكەتتى. ئۈچ ۋاق تامىقىنى ئۆيىگە ئەكەلدۈرۈپ غىزالىناتتى. قاقاس ئارالدا يىگانە تۇرمۇشقا ئادەتلىنىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئىجتىمائىي ئالاقىدىن خوشلۇق تاپالمايتتى.

    روبىنزون كىتاب ئوقۇمايتتى. چۈنكى ئەمدى كىتابقا قىزىقماس بولۇپ قالغان ئىدى. بىراق، ئۆزىنىڭ خەتەرلىك سەرگۈزەشتىلىرىنى يېزىپ يۈرۈپ يېزىقچىلىققا ئادەتلەنگەن ئىدى، بۇ ئىش كۆڭلىنى ئاجايىپ شادلاندۇرىدىغان بىر خىل ئەمەك ئىدى. ئاخشاملىرى چىراق نۇرىدا قەغەز تەييارلاپ، پەر قەلىمىنى ئۇچلاپ، ئۆزىنىڭ پېرسوناژى توغرىسىدىكى ھېكايەتلەردىن بىر- ئىككى بەت يازاتتى. بۇ ھېكايەتلەردە ئۇ پېرسوناژى لىنكولن ۋىلايىتىدىكى ياۋا ئۆردەكجانلار ھەققىدە مەلۇمات بېرەتتى؛ ھالىفاكستىكى ھېلىقى زور مويتۇڭزا توغرىسىدا يازغان مەلۇماتىنىمۇ يەتكۈزۈپ بەرگەن بولۇپ، بۇ مەلۇماتتا ئەگەر ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇس تىغ بوينىغا چۈشۈپ بولغىچە شاققىدە ئورنىدىن تۇرۇپ تاغدىن ئېتىلىپ چۈشىۋالالىسىلا ئۆلۈمدىن خالاس بولىدۇ، دېيىلگەن ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن ئىشلار توغرىسىدىكى مەلۇماتمۇ بولاتتى. ئۇ ھەر بىر جايغا بارغىنىدا ئۆزىنىڭ ئەشۇ تىنىم تاپماس پېرسوناژى يەتكۈزۈپ بەرگەن مەلۇماتنى باسمىغا ئەۋەتەتتى، بۇ ئۇنىڭ قىلىدىغان بىرىنچى ئىشى ئىدى.

    روبىنزون پورتتىكى قاش ئۈستىدە ھالىفاكستىكى مويتۇڭزىنى ئەسلىگەچ سەيلە قىلىپ كېتىۋاتاتتى، قولىغا بىر تال تاش ئېلىپ، سۇدىن چىققان ئاۋازنى ئاڭلىماقچى بولۇپ سۇغا ئاتتى. تاش بىر سېكۇنت ئۆتە- ئۆتمەيلا سۇغا ئۇرۇلدى. پەرۋەردىگارنىڭ ئىلتىپاتى شۇ قەدەر تېز ئىكەن، ھالبۇكى ھېلىقى زور ئۆتكۈر پولات تىغ بۇنىڭدىنمۇ تېز كېلەلمەسمۇ؟ ئۇ تىغ شېغىلدىن كۆپ ئېغىر، يەنە كېلىپ كالا يېغى سۈرتۈپ قويۇلغان- دة. بىز قانداقمۇ قېچىپ بولالايتتۇق؟ ئادەم دېگەن قانداق نېمە ظذ؟ كۈن بويى پالاقشىپ (كالتەك بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرىدىغان، كاللىنى ئالىدىغان) بىر ھالاكەت مەيدانىدىن يەنە بىر ھالاكەت مەيدانىغىچە  مەملىكەتنىڭ ھەممىلا يېرىدە دوقۇرۇپ يۈرگەن، ھېلىدىن- ھېلىغا مەلۇمات كېلىپ تۇرغان!

    بىر تىجارەتچى،— دەپ ئويلايتتى روبىنزون ئۆز كۆڭلىدە، بوپتۇلا تىجارەتچى بولسىمۇ بولسۇن، ئالايلى ئاشلىق ياكى كۆن- خۇرۇم ئېلىپ ساتىدىغان ۋە ياكى مەلۇم لېيى مول جايدا، مەسىلەن ۋورپىندا كاھىش پىشۇرىدىغان ھەم ساتىدىغان بىر تىجارەتچى دەيلى، پايدا ئېلىش ئۈچۈن تەرەپ- تەرەپكە چاپمىسا بولمايدۇ. سودىسى بەرىكەتلىك بولغان، خوتۇنلۇقمۇ بولغان، خوتۇنى جان كۆيەر ھەمدە ئانچە ۋاتىلداق ئەمەس بولسۇن؛ بالا، ئاساسەن قىز تۇغۇپ بەرگەن بولسۇن، يەنە كېلىپ ئۇنىڭغا ئەقىلغە مۇۋاپىق بەخت- سائادەت ئاتا قىلغان بولسۇن؛ ئاندىن ئۇنىڭ بەختى بىردىنلا يوققا چىققان بولسۇن. قىش كۈنلىرى تايمس دەرياسىنىڭ سۈيى ئۇلغىيىپ، كاھىش خۇمدىنىنى ياكى ئاشلىق ئامبىرىنى ۋە ياكى كۆن- خۇرۇم كارخانىسىنى تاشقىن ئېقىتىپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن بۇ تىجارەتچى— روبىنزوننىڭ پېرسوناژى ۋەيران بولغان بولسۇن؛ ھەقدارلىرى بولسا چىۋىنلاردەك ياكى قاغا- قۇزغۇنلاردەك ئولىشىپ قەرز سۈيلەپ كۆزىگە كىرىۋالغان، ئۇ شۇنىڭ بىلەن خوتۇن- بالىلىرىنى تاشلاپ، يۇرت- ماكانىدىن قېچىپ چىقىپ، ۋەيرانە تىلەمچىلەر كوچىسىدا ئىسمى- زاتىنى يوشۇرۇپ، باشقىچە ياسىنىۋېلىپ، پىنھانە تۇرمۇش كەچۈرگەن بولسۇن. مانا بۇلار— سۇ ئاپىتى، ۋەيرانىچىلىق، قاچقۇنلۇق، گادايلىق، جۇل- جۇل كىيىم، غېرىبانىلىق دېگەنلەر ئۇنى پاراخوت ھادىسىسىگە دۇچار بولغان ۋە قاقاس ئارالدا تۇرۇپ قالغان پېرسوناژغا ئايلاندۇرۇپ قويغان بولسۇن، شۇنىڭ بىلەن ظذ— بىچارە روبىنزون قاقاس ئارالدا تاكى ئېلىشىپ قېلىش گىردابىغا بېرىپ يەتكەنگە قەدەر (مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، كىممۇ ئۇنى ئېلىشىپ قالمىغان دېيەلەيدۇ؟) جاھاندىن مۇستەسنا يىگىرمە ئالتە يىلنى ئۆتكۈزگەن بولسۇن.
    ياكى ئۇ ئۆيى ، دۇكىنى ، بېرچاپولدا ئامبىرى، ئىڭىكىدە مېڭى بار ئىگەرچى بولسۇن؛ ئۆزىگە بېغىر باسقان ھەمدە ئانچە كوت- كوت ئەمەس خوتۇنى بولۇپ، بالا، ئاساسلىقى قىز تۇغۇپ بەرگەن ھەمدە بۇ شەھەرگە ۋابا ئاپىتى يېتىپ كەلگەنگە قەدەر كۆپ بەخت- سائادەت ئاتا قىلغان بولسۇن. شۇ يىلى، يەنى لوندون يانغىنى تېخى يۈز بەرمىگەن 1665- يىلى لوندونغا ۋابا ئاپىتى ئاپىرىدە بولغان، بۇ ئاپەت مەھەللىمۇ- مەھەللە يامراپ، پۇلدار بولۇشىدىن ياكى يوقسۇل بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇدۇل كەلگەنلىكى كىشىنى يالماپ ماڭغان، ئۆلۈم- يېتىم سانى كۈنسايىن كۆپۈيىپ بارغان بولسۇن، بۇ ئىگەرچىنىڭ بارلىق مال- دۇنياسىمۇ جېنىغا دالدا بولالمىغاچقا، خوتۇن- بالىلىرىنى سەھراغا ئاپىرىۋەتكەن ھەمدە ئۆزى ئۈچۈن قېچىش پىلانى تۈزگەن، ئەمما ئاخىرقى ھېسابتا قېچىپ كېتەلمىگەن بولسۇن. «كېچىدە كەلگەن ۋەھىمىدىنمۇ قورقما» دەپ ئوقىسۇن ئۇ «ئىنجىل» نى شۇنداقلا ۋاراقلاپ، «كۈندۈزى كەلگەن ئوقتىنمۇ قورقما؛ تۈن نىسپىدە كەلگەن ۋابادىنمۇ، چۈش مەھەلدە كەلگەن ئاپەتتىنمۇ قورقما. مىڭلاپ كىشى سول تەرىپىڭدە، تۈمەنلەپ كىشى ئوڭ تەرىپىڭدە يىقىلار، ئەمما بالا- قازا ساڭا يېقىن يولىماس».

    ئىگەرچى بۇ بىشارەتتىن— شۇملىقنىڭ خەيرىيەتكە، مۈشكۈلاتنىڭ ئاسايىشلىققا ئايلىنىدىغانلىقى توغرىسىدىكى بىشارەتتىن ئىشەنچ تاپقان، شۇنىڭ بىلەن ۋابا ئەدەپ كەتكەن لوندون شەھىرىدە قېلىۋەرگەن ھەمدە مەلۇمات يېزىشقا كىرىشكەن بولسۇن. كوچىدا بىر توپ كىشىنى ئۇچراتتىم،— دەپ يازسۇن ظذ،— توپنىڭ ئىچىدىكى بىر ئايال ئاسماننى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: قاراڭلار، ئاسماندا ئاۋۇ ئاق خالاتلىق پەرىشتە ئوت پۈركۈپ تۇرغان قىلىچىنى ئوينىتىۋاتىدۇ! دەپ توۋلىدى. كىشىلەر بەس- بەستە باش لىڭشىتىپ، راستلا بىر پەرىشتە قىلىچ ئوينىتىۋاتىدۇ! دېيىشتى. ۋاھالەنكى، مەن نە پەرىشتىنى، نە شەمشەرنى كۆرمىدىم، پەقەت بىر تەرىپى قۇياش نۇرى چۈشۈپ تۇرغاچقا يەنە بىر تەرىپىدىن يورۇقراق بىر پارچە غەلىتە بۇلۇتنىلا كۆردۈم.
    بۇ دېگەن بىر مەسەل! ھېلىقى ئايال كوچىدا شۇنداق دەپ توۋلىغان، ئىگەرچى بولسا ھاياتىدىن بىشارەت بېرىدىغان ئۇ مەسەلدىكىدەك ئالامەتنى كۆرمىگەن. ئىگەرچى مەلۇماتىدا شۇنداق دەپ يازغان بولسۇن.

    ئىلگىرى ئىگەرچى، ھازىر بىكارچى بولۇپ يۈرىۋاتقان ئۇ پېرسوناژى يەنە بىر كۈنى ۋورپىندىكى دەريا بويىدا سەيلە قىلىۋاتقىنىدا بىر ئايالنى ئۇچراتسۇن، ئۇ ئايال ئۆيىدە تۇرۇپ، دەريادا قولۋاق ھەيدەپ كېتىۋاتقان بىر ئەر كىشىگە قاراپ: روبېرت! ھەي روبېرت! دەپ توۋلىغان؛ بۇ ئەر بولسا قولۋىقىنى قىرغاققا ھەيدەپ كېلىپ، قولۋاقتىن بىر خالتا نەرسىنى ئېلىپ، قىرغاقتىكى تاشقا قويۇپ قويۇپ، ئاندىن كېمىسىنى ھەيدەپ كېتىپ قالغان بولسۇن؛ ھېلىقى ئايال مىسكىن بىر ھالدا دەريا بويىغا كېلىپ، خالتىنى يۈدۈپ ئۆيىگە ئېلىپ كەتكەن بولسۇن.

    ئىگەرچى ھېلىقى ئادەم بىلەن پاراڭلىشىپ قالسۇن. روبېرت ھېلىقى ئايالنىڭ ئۆز ئايالى ئىكەنلىكىنى، خالتىدىكى نەرسىنىڭ ئايالى ۋە بالىلىرى بىر ھەپتە يەيدىغان گۆش، غىزا ۋە پىشلاق دېگەندەك تۇرمۇش بۇيۇمى ئىكەنلىكىنى؛ خوتۇن- بالىلىرىغا ۋابا يۇققان بولغاچقا ئۆزىنىڭ ئۇلارغا يېقىنلىشىشقا جۈرئەت قىلالمىغانلىقىنى، بۇ ھالدىن كۆڭلى يېرىم بولۇپ يۈرىكىنىڭ پارە- پارە بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ بەرسۇن. مانا بۇلار— روبېرت ئاتلىق بۇ ئەرنىڭ ئايالى بىلەن دەريادا تۇرۇپ توۋلىشىپ پىكىرلىشىدىغانلىقى، يەنە دەريا بويىدا قالدۇرۇلغان ئوزۇقلۇق پەقەت ئۆزىگىلا ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئەلبەتتە. بىراق ئۇنىڭ، يەنى روبىنزوننىڭ ئارالدىكى غېرىبانە ھالىغىمۇ ۋەكىللىك قىلىدۇ. روبىنزون ئارالدىكى ئۈمىدسىز قالغان ئەڭ زۇلمەتلىك پەيتلىرىدە دېڭىز دولقۇنلىرى ئايرىپ تۇرغان يىراق ئەنگلىيىدىكى ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- يارەنلىرىگە بۇياققا كېلىپ ئۆزىنى قۇتقۇزۇۋېلىشىنى ئىلتىجا قىلاتتى؛ يەنە بەزى چاغلاردا خادىغا ئۇرۇلۇپ ۋەيران بولغان كېمىسىگە ئۈزۈپ بېرىپ كۈندۈلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئىزدەيتتى.

    ئەشۇ ھەسرەتلىك پەيتلەردىن كەلگەن يەنە بىر مەلۇماتتا يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ خەۋەر بېرىلسۇن: بىر ئەرنىڭ يىرىق بېزى ۋە قولتۇقى ئىششىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ ۋابا بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنىڭ ئالامىتى بولسۇن. ئاغرىق ئازابىغا چىدىماي كەتكەن ئۇ كىشى قىپ يالىڭاچ بولۇپ، ۋارقىرىغىنىچە رەستىگە چىقىۋالغان، بېرچاپولدىكى ئالو كوچىسىغا ئۆزىنى ئاتقان بولسۇن؛ ئۇ خالتا كوچىدا ھېلىقى ئىگەرچى ئۇنىڭ قوللىرىنى كەلسە- كەلمەس غەيرى- غەلىتە پۇلاڭشىتقىنىچە سەكرەپ- تاقلاپ چېپىپ يۈرگىنىنى؛ خوتۇن- بالىلىرىنىڭ قايتىپ كېلىڭ، دەپ توۋلىغىنىچە ئارقىسىدىن قوغلىشىپ كېتىۋاتقىنىنى كۆرگەن بولسۇن.

    ئۇ ئادەمنىڭ سەكرەپ- تاقلاپ چېپىپ يۈرگەن ئەشۇ ھالىتى روبىنزوننىڭ ئەينى يىللىرىدىكى سەكرەپ- تاقلاپ چېپىپ يۈرگەن چاغلىرىدىكى مەنزىرىدىن بىشارەت ئىدى. روبىنزون كېمىسى خادىغا ئۇرۇلۇپ ۋەيران بولغاندىن كېيىن ئۆز ھەمرىيىنى ئىزدەپ پۈتۈن كېمىنى ئاختۇرۇپ چىققان بولسىمۇ يەكپاي ئىككى ئاياقتىن باشقا ھېچنېمىنىمۇ تاپالمىغان، شۇندىلا ئۆزىنىڭ ياۋايىلار ئارىلىغا تاشلىۋېتىلگەنلىكىنى، ئۆلۈپ كېتىشىنىڭ ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن ئىكەنلىكىنى، قۇتۇلۇپ قېلىشىدىن ئۈمىد يوق ئىكەنلىكىنى چۈشۈنۈپ يەتكەن ئىدى (ھالبۇكى ئۇ ۋابا بىلەن يۇقۇملانغان ھېلىقى ئادەم توغرىسىدىكى ھېكايەتنى ئوقۇپ ھەسرەت ئۈستىگە ھەسرەت چېكىپ ئۇھ تارتىشتىن باشقا نېمىمۇ قىلالايتتى؟ ئۆز كۆڭلىدە ئۆزىدىن: بىپايان دېڭىزدىن ئۆتۈپتىمەن، شۇنچە ئۇزاق يىللارنى ئۆتكۈزۈپتىمەن، شۇ تاپتا ئەمدى ئۆز گۈلخانىمنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ نېمىنىمۇ ئىلتىجا قىلارمەن، دەپ سورايتتى)

    روبىنزون بۇنىڭدىن بىر يىل مۇقەددەم بىر ماتروسقا ئىككى گۋىنېيە (تىللا) بېرىپ بىر شاتۇت ئالغان ئىدى. ئۇ ماتروسنىڭ ئېيتىشىچە، ماتروس بۇ شاتۇتنى برازىلىيىدىن ئالغاچ كەلگەنمىش— بۇ شاتۇت ئۆزىنىڭ ھېلىقى ئوماق جانۋىرىغا يەتمىسىمۇ ھەرھالدا چىرايلىق ئىدى، پەيلىرى ياپيېشىل، تاجى قىپقىزىل، تۇمشۇقىمۇ شۇنداق ئەپچىل ئىدى. دەرۋەقە، بۇ شاتۇت ھەمىشە روبىنزون چۈشكەن مېھمانخانا ياتىقىدىكى شاخقا قونۇۋېلىپ ئولتۇراتتى، ئۇچۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن پۇتىدىن زەنجىر بىلەن باغلاپ قويۇلغان بۇ جانۋار ھە دېگەندە يېنىش- يېنىشلاپ: بىچارە پوئور! بىچارە پوئور! دەيتتى ۋە روبىنزون ئامالنىڭ يوقىدىن قەپىزىگە سولاپ ئېسىپ قويغىچە توختىمايتتى. بىراق روبىنزون بۇ شاتۇتقا باشقا گەپ قىلىشنى، مەسىلەن، «بىچارە روبىنزون!» دېيىشنى ئۆگىتەلمىدى. ئېھتىمال، بۇ گەپلەرنى ئۆگىنىشكە قېرى كېلىپ قالغاندۇ.

    ۋاي بىچارە پوئور. ئۇ تارغىنە دەرىزىدىن سىرتتىكى ئورمان كەبى ماچتىلارنىڭ ئۇچىغا نەزەر تاشلايتتى، نەزىرىنى ماچتىلارنىڭ ئۇچىدىن ھالقىتىپ، ئاتلانتىك ئوكياننىڭ خىرە- شىرە كۆرۈنۈپ تۇرغان ھەيۋەتلىك دولقۇنلىرىغا ئاغدۇراتتى. «بۇ قاقاس ئارالغا تاشلاندىم، نەقەدەر سوغۇق، نەقەدەر خىلۋەت ئارال بذ» دەپ سورايتتى بىچارە پوئور، «بۇ قايسى ئارالدۇ؟ ساڭا ئەڭ مۇھتاج چېغىمدا نەدىدۇر سەن، ئېھ پەرۋەردىگارىم؟»

    بىر كۈنى تۈن نىسپىدە بىر مەست (روبىنزوننىڭ پېرسوناژى يەتكۈزگەن يەنە بىر مەلۇماتتا ئېيتىلىشىچە) توكۇرلار ئۆڭكۈرىدە ئۇخلاپ قالغان ئىكەن. مېيىت ھارۋىسى كەپتۇ (بۇ ھېلىمۇ ۋابا ھۆكۈم سۈرىۋاتقان زامان ئىدى)، ئۇنى ئۆلۈپ قالغان ئوخشايدۇ دەپ قالغان قوشنىلىرى مېيىت ھارۋىسىدىكى ئۆلۈكلەر دۆۋىسىگە ياتقۇزۇپ قويۇپتۇ. مېيىت ھارۋىسى بارا- بارا تۈگمەن تاغدىكى ئۆلۈكلەر ئورىسىغا يېتىپ كەپتۇ، جەسەتلەردىن كېلىۋاتقان سېسىمچىلىقنى توسۇش ئۈچۈن يۈزىگە لاتا تارتىۋالغان ھارۋىكەش ئۇ مەستنى ئورىغا تاشلىماقچى بولۇپ شۇنداق تۇتىشىغا، ئۇ مەست ئويغىنىپتۇ- دة، گاراڭلىق ئىچىدە تىركىشىپتۇ. «مەن نەدە» دەپ سوراپتۇ ظذ. «سېنى ئۆلۈكلەر ئىچىگە كۆمۈۋەتمەكچى بولىۋاتىمەن» دەپتۇ ھارۋىكەش. «مەن ئۆلدۈمما» دەپ سوراپتۇ ئۇ ئادەم. بۇمۇ روبىنزوننىڭ ھېلىقى قاقاس ئارالدىكى پېرسوناژلىرىدىن بىرىنىڭ ئوبرازى ئىدى.

    بەزى لوندونلۇقلار كۆڭلىدە تېنىمىز ساق، بۇ بالا- قازادىن ئۆتۈپ كېتەلەيمىز، نېمە قىلغىمىز كەلسە شۇنى قىلىۋېرىمىز، دەپ ئويلىشىۋاتىدۇ. ۋاھالەنكى، ۋابا ئۇلارنىڭ قېنىغا تۇيدۇرماستىن سىڭىپ كىرىۋالغان: يۈرىكىگە يۇققىنىدا خۇددى بېشىغا چاقماق چۈشكەندەكلا شۇئان جان بېرىدۇ— دەپ يازىدۇ روبىنزوننىڭ پېرسوناژى مەلۇماتىدا. كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ ئۆزى شذ، ئېھتىمال بۇ پۈتكۈل كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ بىر كارتىنىسىدۇ. ئاز- تولا تەييارلىق كۆرۈپ قويايلى— ئۆلۈمگە لايىقىدا تەييارلىق كۆرۈپ قويايلى، بولمىسا تۇرغان يېرىمىزدىلا تىن تارتماي جان بېرىپ قالىمىز.

    روبىنزون ئەينى يىللىرى ئۇشتۇمتۇتلا ئۆزىنىڭ قاقاس ئارىلىغا كېلىپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن كۆزىنى يوغان ئېچىپ سەپسېلىپ قاراشقا مەجبۇر بولغان؛ بىر كۈنى قۇملۇقتا تاساددىپەن ئادەمنىڭ ئاياق ئىزىنى بايقىغان. ئۇ دېگەن بىر ئەن— ئادەمىزاد ئايىقىدىن نىشانە ئىدى. بىراق ئۇ يەنە باشقا نۇرغۇن ئىشلارنىڭمۇ— سېنىڭ ھەرگىز يىگانە ئەمەسلىكىڭنىڭمۇ ئالامىتى ئىدى، يەنە كېلىپ دېڭىزدا ھەرقانچە ئۇزاپ كەتكەن، شۇنداقلا قەيەرگە مۆكۈنىۋالغان بولۇشىڭدىن قەتئىينەزەر، ھامان ئاختۇرۇپ تېپىلماي قالمايدىغانلىقىڭدىن دېرەك بېرەتتى.

    ۋابا ئاپىتى يۈز بەرگەن ھېلىقى يىلى،— دەپ يازىدۇ روبىنزوننىڭ پېرسوناژى، باشقىلار قورقۇپ ھەممە نەرسىسىنى، يۇرت- ماكانىنى، خوتۇن- بالىلىرىنى تاشلاپ قېچىپ، لوندوندىن يىراق- يىراق جايلارغا كەتتى. ۋابا ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن جامائەت ئۇلارنى قېچىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن توخۇ يۈرەك دەپ ئەيىبلەشتى. بىراق بىزمۇ ۋاباغا قانداق جاسارەت بىلەن تاقابىل تۇرشىمىز كېرەكلىكىنى ئۇنتۇپ قالدۇق،— دەپ يازىدۇ روبىنزوننىڭ پېرسوناژى. بۇ پەقەت پالۋانغا خاس قارام باتۇرلۇق بىلەن قولىغا قورال ئېلىپ، جاھىل دۈشمەنگە قارشى باتۇرانە جەڭ قىلىدىغان ئىش بولۇپلا قالماستىن، داڭگىر ئاق ئاتقا مىنىۋالغان ئەزرائىل بىلەن ئېلىشقاندەك بىر ئىش ئىدى.

    روبىنزوننىڭ ئارالدىكى ھېلىقى شاتۇتىسى روبىنزون قىران چاغلىرىدىمۇ بىر ئېغىز گەپ ئۆگەتسە، شۇ بىر ئېغىز سۆزنى ئۆگىنىۋالاتتى، ئىگىسى ئۆگەتمىگەن سۆزنى بىلمەيتتى، شۇنداقتىمۇ كىشىنىڭ تېخىمۇ ئامراقلىقىنى كەلتۈرەتتى. روبىنزوننىڭ بۇ پېرسوناژىمۇ بىر شاتۇت، يەنە كېلىپ كىشىنىڭ كۆزىگە ئانچە ئىسسىقمۇ كۆرۈنمەيدۇ. شۇنداق ئىكەن، قانداقمۇ خوجىسىنىڭ قەلىمىدەك چىرايلىق، ھەتتا خوجىسىنىڭ قەلىمىدىنمۇ ئۆتە يازالىغان؟ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇ خۇددى داڭگىر ئاق ئات مىنىۋالغان ئەزرائىل بىلەن ئېلىشقاندەكلا مەردانىلىق بىلەن قەلەم ئويناتقان، بۇنىسى شۈبھىسىزدۇر. روبىنزون بولسا ئۆزىنىڭ شۇنچىكى ماھارىتىنى چېدىرىدا يېتىلدۈرگەن، قەلەمكەشلىك قىلىپ يۈرۈپ ئەمەس، ئاساسەن ھېساب خاتىرىلەش ئۈچۈن ياغاچقا بەلگە ئۇيۇپ يۈرۈپ يېتىلدۈرگەن. ئەزرائىل داڭگىر ئاق ئېتىغا مىنىۋالدى، دېگەن بۇ جۈملىنى مەڭگۈ ئويلاپ تاپالمىغان بولار ئىدى، پەقەت بۇ پېرسوناژىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن تەسۋىرلەشكە تۇتۇنغىنىدا خىيالىغا شۇنداقلا كېلىپ قالغان.

    ھېلىقى ياۋا ئۆردەكبايلار ياكى ياۋا ئۆدەكجانلار، ھالىفاكستىكى بەھەيۋەت مويتۇڭزا ھەققىدىكى گەپلەرگە كەلسەك، روبىنزون بۇ پېرسوناژىنى پۈتكۈل ئەنگلىيە ئاراللىرىنى پۈتۈنلەي دېگىدەك ئايلانغۇزۇپ چىقىپ، شۇ قېتىمقى ئۇلۇغ سەپىرىدىن دوكلات يازغۇزغان. بۇ روبىنزوننىڭ ئەينى يىلى ئۆزى ياسىغان قولۋاقتا ئولتۇرۇپ، قاقاس ئارىلىنى ئايلىنىپ چىقىش جەريانىنىڭ ئەينەن تەسۋىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ قېتىمقى سەپەر بۇ ئارالنىڭ تىك قىيالاردىن پاسىل تاپقان، زۇلمەت بىلەن تولغان، ھاياتلىق خېيىم- خەتەرلەر بىلەن ئورالغان تېخىمۇ يىراق بىر تەرىپىنىڭ بار ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، روبىنزون كېيىن ئۇ يەرگە قايتا بارمىغان، گەرچە  كېلىچەكتە مۇستەملىكىچىلەر بۇ ئارالغا كېلىپ چارلاپ تەكشۈرەر ھەمدە شۇ يەردە ماكانلىشار بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇ تەسۋىر بەرىبىر ئىنسان روھىيىتىدىكى قاراڭغۇلۇق ۋە يورۇقلۇق ھەققىدىكى بىر خىل تەسۋىر بولۇپ قېلىۋېرىدۇ.

    كۆچۈرمىكەشلەر ۋە دورامچىلار تۇنجى قېتىم ئۇنىڭ قاقاس ئارالدىكى سەرگۈزەشتىلىرىنى كۆچۈرۈۋالغان ھەمدە ئۆزلىرى توقۇپ چىققان دېڭىزدىكى سەرگەردانلىق تۇرمۇشىغا دائىر ھېكايەتلەرنى جامائەتكە ساتقىلى تۇرغاندا، ئۇلار روبىنزوننىڭ نەزىرىدە ئۆزىنىڭ تېنىگە، مۇنداقچە ئېيتقاندا ھاياتىغا چاڭ سالماقچى بولغان ياۋا ئادەملەردىن باشقىچە كۆرۈنمىگەن، يەنە كېلىپ روبىنزونمۇ قىلچە ئىككىلەنمەستىن شۇنداق دېگەن، — ياۋا ئادەملەر مېنى كاۋاپ تارتىپ يالماپ يۇتۇۋېتىش ئۈچۈن يەرگە يىقىتىشقا ئۇرۇنغاندا، ئۆزۈمنى قوغداش ئۈچۈن ياۋا ئادەملەر بىلەن ئېلىشتىم،- دەپ يازىدۇ ظذ. مەن شۇ چاغدا ئۆزۈمنى قوغداش ئۈچۈن شەيئىلەرنىڭ ئۆزى بىلەن ئېلىشىۋاتىمەن، دەپ ئويلىغان ئىدىم، بۇ ياۋا ئادەملەرنىڭ يالماۋۇزدەك ئاچكۆز نېمىلەر ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ھەقىقەتنى غاجىلاۋاتقانلىقىدەك ماھىيىتىنى ئوبدانراق پەرەز قىلىپ يېتەلمەپتىمەن.

    ئەمدىلىكتە ئىچكىرىلەپراق ئويلانغىنىدا ئۆزىنى دورىغۇچىلارغا نىسبەتەن ئىچ- ئىچىدىن بىر خىل كېسەلداشلارچە ھېسداشلىق تۇيغۇسى ئۇرغۇپ چىققان ئىدى. چۈنكى، شۇ تاپتا ئۇنىڭ قارىشىچە دۇنيادا پەقەت ئەشۇ بىر قانچە ھېكايەتلەرلا قالغان. ئەگەر ئەۋلاتلارنى ئەجداتلارنىڭ نەرسىلىرىنى تالان- تاراج قىلىشتىن چەكلەيدىغان بولساق، ئەۋلاتلارنىڭ ئېيتقىدەك ھېكايە قالماي قۇرۇقتىن- قۇرۇق ئولتۇرۇشىغا توغرا كېلىدۇ.

    شۇڭا، روبىنزون ئۆزى يازغان قاقاس ئارالدىكى خەتەرلىك سەرگۈزەشتىلىرى توغرىسىدىكى ھېكايىتىدە قەيت قىلىشىچە، بىر كۈنى كېچىسى ئالۋاستى يوغان بىر ئىت سۈرىتىدە كېلىپ چاپلاشتى، دەپ قالغانلىقتىن قورقۇپ ئويغىنىپ كەتكەن-دة، چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۆزىنى قوغدىماق بولۇپ شەمشىرىنى قولىغا ئېلىپ ئۇياق- بۇياققا شىلتىغان؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كارۋىتى يېنىدا ئۇخلاپ ياتقان ھېلىقى بىچارە شاتۇتىمۇ قورققىنىدىن چىقىراپ كەتكەن. روبىنزون خېلى كۈنلەردىن كېيىن ئاندىن ئۆزىگە كېلىپ، شۇ چاغدا ئىت دېگەن نەرسىنىڭمۇ يوق ئىكەنلىكىنى، ئالۋاستىنىڭمۇ ئۆزىگە چاپلاشمىغانلىقىنى، بەلكى بەدىنىنىڭ تارتىشىپ قالغانلىقىنى چۈشۈنۈپ يەتكەن. ئۇ بۇنىڭدىن شۇنداقراق ساۋاققا ئېرىشكەنكى، تارتىشىپ قېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جىمى كېسەل ئالۋاستىدىن كېلىدۇ، ئالۋاستى ئاپىرىدە قىلغان بۇ كېسەللىكلەر كىشىلەرگە كۆرگىلىكىنى كۆرسىتىدۇ، بۇنى ئالۋاستى تېرىغان بالايى ئاپەتنىڭ كونكرېت تەسۋىرى ياكى ئالۋاستىنىڭ ئىت سۈرىتىدە كۆرۈنگەنلىكىنىڭ كونكرېت تەسۋىرى دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئەكسىچە ئېيتقاندىمۇ ئەھۋال شۇنداق بولىدۇ، خۇددى ۋابا تارقالغان مەزگىلدە ھېلىقى ئىگەرچىنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن سەرگۈزەشتىسىگە ئوخشاشلا تەڭرى پانىيغا كېسەل شەكلىدە ئاپەت ياغدۇرىدۇ. شۇڭا، مەيلى ئاۋاستىغا دائىر ھېكايەتلەرنى يازغان كىشى بولۇشىدىن ياكى ۋابا توغرىسىدىكى ھېكايەتلەرنى يازغان كىشى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھېچقايسىسىنى ئالدىراپلا ساختىپەز ياكى ئوغرى دەپ سۆكمەسلىك كېرەك.

    روبىنزون بىر قانچە يىل ئىلگىرى ئۆزىنىڭ قاقاس ئارالدىكى سەرگۈزەشتىسىنى قەلىمىگە مۇراجەت قىلىپ قەغەز يۈزىگە چۈشۈرۈش قارارىغا كەلگىنىدە قەلەم تەككۈزۈپ يازغىدەك گەپ تاپالماي تازا قىينالغان، بارماقلىرى قېتىۋېلىپ ئىرادىسىگە بويسۇنمىغان. ئەمما كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ يېزىقچىلىقنىڭ ئېپىنىمۇ بارا- بارا بىلىۋالغان، ئۆزى بىلەن جۈمەنىڭ قەھرىتان سوغۇق شىمالدىكى خەتەرلىك سەرگۈزەشتىسىنى يېزىشقا كىرىشكىنىدە بەتلەرنى كەينى- كەينىدىن شۇ قەدەر يېنىك ۋە بىمالال شارتىلدىتىپ يېزىپ توشقۇزىۋەرگەن، ھەتتا ئويلانماي تۇرۇپلا يېزىۋەرگەن.

    ۋادەرىخا، ئۆتكەندە يېزىقچىلىق قىلغان چاغلىرىدىكى قەلەمنى يېنىك ۋە پىششىق تەۋرىتىشىگە تۈرتكە بولغان تۇيغۇلار ئەمدى ئۇنى تاشلاپ كەتكەن ئىدى. ئۇ دەرىزە تۈۋىدىكى كىچىككىنە يېزىقچىلىق ئۈستىلى ئالدىدا برىستول پورتىغا كۆز ئۈزمەي تىكىلىپ قارىغىنىچە ئولتۇراتتى، قوللىرى ھېچقاچان بۇنداق كالۋالاشقان، قولىدىكى قەلىمىمۇ ھېچقاچان بۇ قەدەر يات تۇيۇلۇپ باقمىغان ئىدى.

    يەنە بىرەيلەن— روبىنزوننىڭ پېرسوناژى يېزىقچىلىقنىڭ شۇ قەدەر ئاسان ئىش ئىكەنلىكىنى بايقىغانمىدۇ؟ ئۇ ئۆردەك ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى، مويتۇڭزا ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى ۋە لوندوندا تارقالغان ۋابا ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى، شۇنداقلا ئۆزى ھەققىدىكى ھېكايىلەرنىمۇ ئىنتايىن قاملاشتۇرۇپ يازغان. ئېھتىمال، چاققان- چاققان قەدەم تاشلاپ ماڭىدىغان، ئېڭىكىدە قارا مېڭى بار ھېلىقى بويى پاكار زېرەك ئادەم توغرىسىدىكى ھۆكۈمى خاتا بولغاندۇ؛ ئېھتىمال، شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە، بۇ بىپايان پادىشاھلىقنىڭ مەلۇم بىر يېرىدىكى ئىجارە ئالغان ئۆيىدە قەلىمىنى ھېلىدىن ھېلىغا سىياھقا تۈگۈرۈپ، شۈبھىلىك تىڭىرقاش ئىچىدە ئۆزى يالغۇز ئويغا پېتىپ ئولتۇرغاندۇ.

    بۇ پېرسوناژ ۋە روبىنزون ئۆزلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قانداق تەسۋىرلىسە بولار؟ خۇجايىن بىلەن چاكار مۇناسىۋىتىدە تەسۋىرلىسۇنمۇ؟ ئاكا- ئىنى مۇناسىۋىتىدە، ھەتتا قوشكېزەك ئاكا- ئىنى مۇناسىۋىتىدە تەسۋىرلىسۇنمىكىن؟ سەبداشلىق مۇناسىۋىتىدە ياكى ئەشەددىي رەقىبلەر مۇناسىۋىتىدە تەسۋىرلىسىچۇ؟ روبىنزون ئىسمى- زاتىمۇ يوق بۇ پېرسوناژغا نېمە دەپ ئىسىم قويسا بولار؟ بۇ پېرسوناژ ھەر كۈنى ئاخشىمى، بەزىدە تۈن نىسپىگىچە روبىنزون بىلەن بىللە بولىدۇ، پەقەت كۈندىزىلا روبىنزون پرستاندا سەيلە قىلغاچ يېڭى كەلگەن پاراخوتلارنى تاماششا قىلىدۇ، ئۇنىڭ پېرسوناژى بولسا چارلايمەن دەپ پۈتكۈل پادىشاھلىقنى بويلاپ تەرەپ- تەرەپتە چېپىپ يۈرىدۇ، پەقەت شۇ چاغدىلا روبىنزوننىڭ يېنىدا بولمايدۇ.

    روبىنزوننىڭ بۇ پېرسوناژى سەپىرى داۋامىدا برىستولغا كېلىپمۇ قالارمۇ؟ روبىنزون بۇ پېرسوناژى بىلەن يۈزتۇرانە كۆرۈشۈپ، قول ئېلىشىشقا، بۇ پېرسوناژى بىلەن بىرگە پرستاننى ئايلىنىپ سەيلە قىلىشقاچ، ئۇنىڭ ئەشۇ ئارالغا— ئەشۇ قاراڭغۇ شىمالغا بېرىپ تەكشۈرۈش داۋامىدىكى كەچۈرمىشلىرىنى ياكى يېزىقچىلىقتىن ئىبارەت بۇ ئوقەتنىڭ جەبرى- زۇلمى ھەققىدە دەرت تۆكۈپ ئېيتقان پاراڭلىرىنى ئاڭلاشقا ئىنتىزار ئىدى. ھالبۇكى بۇ ئۆمرىدە يۈز كۆرۈشىدىغان بۇ كۈنىنىڭ نىسىپ بولماسلىقىدىن قورقىدۇ. ئەگەر روبىنزوننىڭ چوقۇم ئۆزى بىلەن بۇ پېرسوناژىنىڭ ئوبرازىنى  تەسۋىرلەپ ئۆتىشىگە توغرا كەلگىنىدە : ئۇلار خۇددى دېڭىزدا بىر- بىرىگە تەتۈر يۆنىلىشتە كېتىۋاتقان— بىرى شەرققە، بىرى غەربكە قاراپ كېتىۋاتقان ئىككى كېمىگە ئوخشايتتى، دەپ تەسۋىرلىگەن بولار ئىدى ياكى مۇنداق يازسا تېخىمۇ ياخشى بولار ئىدى: ئۇلار تاكېلاژغا ئورۇنىۋېلىپ جېنىنىڭ بارىچە كېمە ئارغامچىسىنى تارتىۋاتقان ماتروسلاردىن بولۇپ، بىرى غەربكە قاراپ كېتىۋاتقان كېمىدە، يەنە بىرى شەرققە قاراپ كېتىۋاتقان كېمىدە ئىدى. ئۇلار چۈشكەن كېمىلەر بىر- بىرىگە سالام بېرىشەلىگۈدەك يېقىن ئارىلىقتا سۈركىشىپ دېگۈدەك ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. ھالبۇكى دېڭىزدا دەھشەتلىك دولقۇنلار كۆتۈرۈلۈپ، قارا بوران ئەزۋەيلەپ، قارا يامغۇر چېلەكلەپ سۇ قۇيۇلغاندەك يېغىپ تۇراتتى، شۇڭا ئۇلار سۇ ۋە تۇمان دەستىدە كۆزىنىمۇ ئاچالمايتتى، ئارغامچا تارتىۋاتقان قوللىرى كۆيۈشۈپ ئاغرىيتتى، ئۇلار شۇ ھەلەكچىلىكتە قاراپ تۇرۇپ بىر- بىرى بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويدى، ھەتتا قول ئىشارىسى قىلىشىپ قويۇشقىمۇ يېتىشەلمىدى.


    (خەنزۇچە «تەرجىمىلەر» ژۇرنىلىنىڭ 2004- يىللىق 2- سانىدىن)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.