تارىختىكى ئەڭ غەلىتە خىزمەتلەر

يوللىغۇچى : ranagul يوللىغان ۋاقىت : 2015-12-15 12:03:56

ئېيتىشلارغا قارىغاندا، شۇ ۋاقىتلاردا ۋاكالىتەن جازالانغۇچىلارنىڭ چوڭ بولغاندىن كېيىن پادىشاھ ئۇلارنى ئەمەلگە تەيىنلەپ، يەر بۆلۈپ بەرگەن.


    تارىختىكى ئەڭ غەلىتە خىزمەتلەر
     
    گۈلبار ھۈسەيىدىن  تەرجىمىسى
     
    پادىشاھقا ۋاكالىتەن جازالانغۇچى، دەپنە مۇراسىمى قىززىقچىسى دىگەندەك غەلىتە ۋە ئاجايىپ خىزمەتلەرنى ئاڭلاپ باققانمۇ سىز؟
    ئۆتمۈشتە يۇقىردا تىلغا ئېلىنغاندەك نۇرغۇن غەلىتە، خەتەرلىك، ئاجايىپ كەسىپلەر بار بولۇپ، بۇ كەسىپلەرنىڭ مەزمۇنى، تەلەپلىرى ئادەمنى ھەيران قالدۇراتتى. ئۇنداقتا بىز شۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر قىسىم غەلىتە ئىشلار بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.
     
    پادىشاھقا ۋاكالىتەن جازالانغۇچى
     
    بۇنىڭدىن 1600يىل بۇرۇنقى ئېنگىلاندتا پادىشاھنى تەربىيەلەش زىل مەسىلە ئىدى. چۈنكى، پادىشاھ كىشلەرنىڭ نەزىرىدە «مۇقەددەس» ئىنسان بولغاچقا، ئۇنى تەربىيلەيدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇلارنى جازالىشىغا يول قويۇلماي، پەقەت تەربىيە ئارقىلىق قايىل قىلىش تەلەپ قىلىناتتى. بۇ خىل ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، ئەينى چاغدا پادىشاھ ئۇنىڭ باللىرى ئۈچۈن «ۋاكالىتەن جازالانغۇچى» دەيدىغان يېڭى كەسىپ مەيدانغا كەلگەن. ئۇلارنىڭ خىزمىتى خاتالىق ئۆتكۈزگەن پادشاھ ۋە ئۇنىڭ باللىرى ئۈچۈن جازالىنىش ئىدى. بۇلار ئاق سۆڭەكنىڭ باللىرى ئىچىدىن تاللىنىپ، پادىشاھنىڭ باللىرى بىلەن بىلەن ئوقۇيتتى ھەم بىللە ئوينايتتى. بۇلار نوقۇل «ۋاكالىتەن»جازالىنىپلا قالماستىن،  يەنە دائىم شاھزادىلەرگە ھەمراھ بولۇپ، ئۇلارنىڭ خاتا ئىش قىلىپ قۇيۇشنىڭ ئالدىنى ئالاتتى .
    تاپاۋەت: ئېيتىشلارغا قارىغاندا، شۇ ۋاقىتلاردا ۋاكالىتەن جازالانغۇچىلارنىڭ چوڭ بولغاندىن كېيىن پادىشاھ ئۇلارنى ئەمەلگە تەيىنلەپ، يەر بۆلۈپ بەرگەن.
     
    ئىت ئۇرغۇچى
     
    بۇمۇ بۇنىڭدىن 1600 يىل بۇرۇن مەيدانغا كەلگەن كەسىپ بولۇپ ، ئۇنى دىننى جەمئىيەت تەسىس قىلغان. ئىت ئۇرغۇچىلارنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى چېركاۋ ئەتراپىدىكى لالما ئىتلارنى قوغلىۋېتىپ، ئۇلارنىڭ چېركاۋ ئەتراپىدا ھاۋىشىشىنىڭ ياكى يولدىن ئۆتكەن ئاياللارغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدى.
    تاپاۋەت: ئەينى چاغدا بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا ئازىراقتىن يەر بۆلۈپ بېرىلگەن، بۇ خىل يەرلەر يەنە «ئىت مەيدانى »دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
     
    قەدىمكى ئافىنادىكى تەنتەربىيە سارىيىنىڭ خىزمەتچىلىرى
     
    قەدىمكى گرېتسىيەدە تەنھەركەتچىلىك ئەۋج ئالغان. بۇ چاغلاردا ئافىنادىكى تەنتەربىيە خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى تەنھەركەتچىلەرنىڭ بەدىنىدىن چىققان تەرلەرنى تازىلاش ئىدى.ئۇلار ئاممىۋى مۇنچىدىكى باشقىلارنىڭ بەدىنىنى ئىشقىلاپ قويىدىغانلارغا ئەسلا ئوخشىمايتتى. ئۇلار تەنھەركەتچىلەرنىڭ بەدىنىگە ماينى تۆكۈپ، ئاندىن ئۇنى لۆڭگە بىلەن سۈرۈتۈپ، بەدەندىكى ماي ۋە ماينى پاك-پاكىز چىقىرۋېتەتتى.
    تاپاۋەت: ھازىرغا قەھەر بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغانلارغا قانداق ھەق بېرىلگەنلكى ھەققىدە مەلۇمات يوق.
    غەۋۋاسلار
     
    غەۋۋاسلىق قەدىمكى رىم ئارمىيەسىدىكى بىر خىل كەسىپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ئۇرۇش ۋاقتىدا سۇ ئاستىغا چۈشۈپ، دۈشمەننىڭ پاراخوت، كېمىلىرىنى بۇزۇۋېتىش ئىدى. ئۇلار باشقا چاغلاردا سۇ ئاستىنى تازىلايتتى، بۇ مەينەت ھەم جاپالىق ئىش بولسىمۇ، سۇ ئاستىغا چۈكۈپ كەتكەن كېمە ۋە بايلىقلارنىڭ ۋەسۋەسىىدە نۇرغۇن ئادەملەر تالىشىپ قىلاتتى.
    تاپاۋەت: سۇ ئاستىدىن تېپىۋالغان نەرسىلەرنى ھەممىسى غەۋۋاسلارنىڭ ئىدى.
     
    دەپنە مۇراسىمى قىززىقچىسى
     
    قەدىمكى رىمدا بەزىدە دەپنە مۇراسىمىغىمۇ قىززىقچىلار تەكلىپ قىلىناتتى. ئۇلار ئۆلگۈچىنىڭ ھايات چېغىدىكى كىيىملىرىنى كىيىۋېلىپ، يۈزىگە نىقاپ تاقاپ، دەپنە مۇراسىمىدا قىززىقچىلق قىلاتتى ياكى يۇمۇر سۆزلەپ، باشقىلارنى كۈلدۈرەتتى. رىملىقلار مۇشۇنداق قىلغاندا ئۆلگۈچىنىڭ روھى ئۇ دۇنيادا خوش بولىدۇ، قايغۇ خۇشاللىققا ئايلىنىدۇ، دەپ قارايتتى.
    تاپاۋەت: دەپنە مۇراسىمىدىكى قىززىقچىلارغا مۇناسىپ ھەق بېرىلگەن.
     
    دېرىزە چەككۈچىكەر
     
    بۇ كەسىپ ئېرلاندىيەنىڭ سانائەت ئىنقىلابى دەۋرىدە بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئۇ چاغدا تېخى قوڭغۇراقلىق سائەت ئېلان قىلىنمىغاچقا، ئىشچىلارنىڭ دەل ۋاقتىدا ئورنىدىن تۇرۇپ ئىشقا بېرىشى ئۈچۈن دېرىزە چەككۈچىگە ئېھتىياجلىق بولغان، ئۇلارنىڭ  خىزمىتى ھەر كۈنى ئەتىگەندە كوچا بويىدىكى ئۆيلەرنىڭ دېرىزىسىنى چىكىپ، ئىشقا بارىدىغانلارنى ئويغىتىپ قويۇش ئىدى.
    تاپاۋەت: ئويغانغان ھەر بىر ئادەم چەككۈچىگە بىر نەچچە يارماق بېرەتتى.
     
    قوي يۇڭى
     
    بۇ خىزمەت قوي يۇڭى ئەڭ ئاساسي ماتىريال قىلىنىۋاتقان چاغلاردا بارىلىققا كەلگەن.قوي يۇڭىنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن  چوقۇم ئۇنىڭدىكى ماي ۋە ئارلاشما ماددىلارنى يۇيۇپ چىقىرۋېتىش زۆرۈر ئىدى. قوي يۇڭى يۇغۇچىلار ئادەم ۋە باشقا ھايۋانلارنىڭ سۈيدۈكىگە چىلانغان قوي يۇڭى تەركىبىدىكى ئارلاشما ماددا ۋە ماينى چىقىرۋېتىشكە مەسئۇل بولۇپ، ئۇلار سۈيدۈككە چىلانغان قوي تېرىلىرىنى بىر نەچچە سائەت دەسسەپ يۇياتتى.
    تاپاۋەت: بۇ ئىنتايىن جاپالىق ھەم مەينەت خىزمەت بولغاچقا، ئەينى چاغدا بۇ خىزمەتنى ئاساسەن قۇللار قىلغان. ئۇلارغا ھېچقانداق ھەق بېرىلمىگەن.

    شىنجاڭ تەرمىلەر ژۇرنىلىنىڭ 2015-يىللىق 9-سانىدىن ئېلىندى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئېنگىلاند