كاشمودونىڭ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى قوبۇل قىلىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن سۆزى

يوللىغۇچى : dilraba يوللىغان ۋاقىت : 2015-12-02 12:17:45

ھازىر مەن ئۆزۈمنى شىمالنىڭ ئۇزاق زامان مەدەنىيتىنىڭ ۋەكىللىرى ئارىسىغا قويدۇم. بۇ مەدەنىيەت ئۆزىنىڭ مۇشەققەتلىك، ئەگرى-توقاي تەرەققىياتى جەريانىدا ئىنسانىيەتنىڭ ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا جانپىدا قىلغان مېھرىبان پىداكارلار بىلەن مۈرىنى-مۈرىگە

    كاشمودونىڭ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى قوبۇل قىلىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن سۆزى

    مۇختەر مەخسۇت تەرجىمىسى

    مېنىڭ نەزىرىمدە شۋېتسىيە ھەر بىر نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىنىڭ ئىككىنچى ۋەتىنىدۇر. بۇ مۇكاپاتقا نائىل بولۇش ھازىرقى زامان مەدەنىيتىنىڭ بىردىنبىر ۋە پارلاق شەرىپىگە ئىگە بولۇشتىن دېرەك بېرىدۇ. دەرۋەقە، شۋېتسىيە پەقەت نەچچە مىليون نوپۇسقىلا ئىگە دۆلەت بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغىچىلىك باشقا بىرەر دۆلەت كەڭ ئەھمىيەتلىك نەمۇنە دەپ قارىلىدىغان ۋە غايەت زور مەنىۋى، ئەمەلىي كۈچ قۇدرەتنى، ئۆزىدە مۇجەسسەملەشتۈرگەن بۇ مۇكاپاتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تەسىس قىلالمىدى ۋە يولغا قويالمىدى.
    نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىش ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس، ئۇ ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى تۈرلۈك سىياسىي كۈچلەرنىڭ قىزغىنلىقىنى ئۇرغىتىدۇ، يازغۇچىلار، شائىرلار ۋە پەيلاسوپلار ئۇنىڭدىن ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ۋە قۇدرىتىنىڭ سىموۋولىنى بىلىدۇ. ۋەھشىيلىك، قاتىللىق قورالى ۋە مالىمانچىلىق ئىدىيسى بىلەن ئۆزىنى قوراللاندۇرسىمۇ، لېكىن مەدەنىيەت ئۇنىڭ ھەر قېتىملىق ھۇجۇمىنى بىتچىت قىلىشقا تامامەن قادىر.
    ھازىر مەن ئۆزۈمنى شىمالنىڭ ئۇزاق زامان مەدەنىيتىنىڭ ۋەكىللىرى ئارىسىغا قويدۇم. بۇ مەدەنىيەت ئۆزىنىڭ مۇشەققەتلىك، ئەگرى-توقاي تەرەققىياتى جەريانىدا ئىنسانىيەتنىڭ ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا جانپىدا قىلغان مېھرىبان پىداكارلار بىلەن مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ بىرلىكتە جەڭ قىلدى؛ مانا مۇشۇ مەدەنىيەت ئىنسانپەرۋەرلىك روھىغا باي بولغان پادىشاھنى، خانىشنى يېتىشتۈردى، بۈيۈك شائىر، يازغۇچىلارنى مەيدانغا چىقاردى.
    قەدىمكى ۋە ھازىرقى بۇ بۈيۈك شائىرلار ئۆزىنىڭ ھېس-تۇيغۇ ئالىمىدىكى شىددەتلىك ئېقىنلارنى، ئۇلارنى ئىزتىراپ ۋە ئەندىشىگە سالغان ھەر خىل مەسىلىلەرنى ئەكىس ئەتتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ھازىرقى كۈندە كەڭ ئىتالىيە كىشىلىرىگە تونۇشلۇق بولۇپ كەتتى. گەرچە بىز سىكاندىناۋىيە مىللىتىنىڭ ئاجايىپ مەزمۇنلارغا باي، سىرلىق تۇپرىقىدا يىلتىز تارتقان بۇ شائىرلارنىڭ ئىسمىنى توغرا تەلەپپۇز قىلىشقا ئاجىزلىق قىلساقمۇ، لېكىن بۇ تاۋۇشلار يەنىلا شۇ قەدەر جاراڭلىق ۋە يېقىملىقتۇر. ئەمدىلىكتە ئۇلارنىڭ نامى بىزنىڭ روھىي دۇنيايىمىزغا چوڭقۇر نەقىش بولۇپ ئويۇلۇپ قالدى. ئۇلارنىڭ شېئىرلىرىدىن بىزگە ئاڭلىنىۋاتقان لىرىك سادالار خارابلاشقان ياكى ئەدەبىي ئويغىنىش دەۋرىدىكى ئىستىلىستىكىنىڭ چاڭ-توزانلىرىغا كۆمۈلۈپ قالغان مەدەنىيەت ئاڭلاتقان سادالارغا قارىغاندا ئاجايىپ كەسكىنن ۋە روشەندۇر.
    مېنىڭ بۇ سۆزۈم قەسىدە ئەمەس، ئۇنىڭغا ساھىبخاننى ئۇستاتلىق بىلەن كۆككە كۆتۈرۈش غەرىزىمۇ يوق. بەلكى ئۇ ياۋروپانىڭ روھىي خاراكتېرىگە ئېلان قىلىنغان ئوبزورىدۇر. مېنىڭ بىلىشىمچە، شۋېتسىيە ۋە شۋېتسىيە خەلقى ئۆزلىرىنىڭ توغرا تاللىشى ئارقىلىق قەتئىي ئېغشماستىن دۇنيا مەدەنىيتىگە رىقابەت ئېلان قىلىۋاتىدۇ. دۇنيا مەدەنىيتىنى ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ.
    مەن بۇرۇن شائىر ۋە يازغۇچىلار دۇنيانى ئۆزگەرتىشنى ئۆزىنىڭ بۇرچى دەپ بىلىشى كېرەك، دەپ ئېيتقانىدىم. كىشىلەر بەلكىم بۇ كۆز قاراشنى پەقەت مۇئەييەن شارائىتتىلا ھەقىقەتكە ئايلىنالايدۇ دەپ ھېسابلىشى، ھەتتا ئۇنى كۆرەڭلەرچە چىقىرىلغان ئەقلىي يەكۈن دەپ كەسكىن ئېيتىشى مۇمكىن. ۋاھالەنكى، بىز شائىرلارنىڭ ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئىيەتتە ۋە باشقا رايونلاردا قوزغىغان غايەت زور تەسىرىگە نەزەر سالىدىغانلار بولساق، كىشىلەرنىڭ بۇ كۆز قارىشىغا نىسبەتەن تەشۋىشلىنىشى ياكى چىن دىلدىن قايىل بولۇشتەك روھىي ھالەتلىرىنى چۈشىنىشىمىز قىيىنغا توختىمايدۇ.
    كۆپچىلىككە ئايان بولغىنىدەك، شېئىر تەنشالىقتىن تۇغۇلىدۇ، شۇنداقلا تەنھالىقتىن چىقىپ ھەر قايسى تەرەپلەرگە ئۆزىنىڭ نۇرىنى چاچىدۇ. مونولوگدىن ئىجتىمائىيلىققا قاراپ يۈزلىنىدۇ. لېكىن سوتسىئولوگىيە ياكى سىياسەتنىڭ بېقىندىسىغا ئايلىنىپ كەتمەيدۇ. شېئىر يەنى لىرىك شېئىر بولغان تەقدىردىمۇ، ھەممىسى «سۆزلىشىش» دېمەكتۇر. ئاڭلىغۇچىلارنى شائىرلارنىڭ تېنى ياكى تەجرىبىسىدىن تاشقىرى قەلبى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. ئۇ بىر كىشى بولۇشىمۇ، يۈز مىڭلىغان كىشى بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئەكسىچە، ھېسياتنىڭ ئۆز-ئۆزىگە مەستانە بولۇپ كېتىشى پەقەت بىر دائىرىگە سولىنىپ قالغان مەنگىلا ئوخشايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ ئۆز رەڭگىنى يوقاتقان تارىخىي دەۋىرلەردىكى باشقا كىشىلەر ئاللىقاچان قۇراشتۇرۇپ بولغان ئەپسانىلەرنى چىرايلىق قاپىيە ۋە ئاھاڭدارلىق ۋاستىسى ئارقىلىق قايتا تەكرارلاپ، خىيالغا كەلگەنچە ئويۇن چىقىرىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
    مانا بۈگۈن بىز بۇ دۇنيادىكى يېڭى ئىنسانپەرۋەرلىكنىڭ ماھىيەتلىك مېغىزى ئۈستىدە سۆزلىشىش ئىمكانىيتىگە ئىگە بولدۇق. مۇبادا بىز شائىرلارنى ماددىدىن تۈزۈلگەن بۇ دۇنيانىڭ مەركىزىگە ئۆزىنى قويدى ھەمدە ئۇنىڭ ئىگىسى بولدى دەپ قارىساق، ئۇلار ئەقىل ۋە قەلبى ئارقىلىق بۇ دۇنيانى تاكامۇللاشتۇرۇۋېتىدۇ دېسەك ئۇلار يەنە خەتەرلىك كىشىلەر دەپ قارىلارمۇ؟ گۇمان مۇنازىرىنىڭ سىموۋولى ئەمەس، بەلكى ھەقىقەتنىڭ قىسقارتىلغان ئىپادىسى. بۈگۈنكى دۇنيا شېئىرىيەتنىڭ قارىشى تەرىپىدە بىر تەرتىپ ئورناتقاندەك قىلىدۇ. شۇڭلاشقا شائىرلار ئاشۇ تەرتىپ ئۈچۈن جەزمەن بۇزۇپ تاشلىنىدىغان، يوقاتمىسا بولمايدىغان رەقىبكە ئايلىنىپ قالىدى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي شائىرلارنىڭ كۈچ-قۇدرىتى خۇددى سىمابنىڭ ئۇپۇققا قۇيۇلغىنىغا ئوخشاش جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە سىڭىپ، كېڭىيىپ بارماقتا. مۇبادا ئەدەبىياتتا ئوينىلىۋاتقان ئويۇنلارنى ھەر قانداق ئىنسانىيەتنىڭ ھېسياتىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش دەپ قارىساق، ئىنسانپەرۋەرلىك روھىنى جەۋلان قىلدۇرۇۋاتقان شېئىرىيەتتە بولسا، زىنھاركى، بۇنداق ئەھۋال ھەرگىزمۇ يۈز بەرمەيدۇ.
    مەن باشتىن-ئاخىر ئۆز شېئىرلىرىمنى شىمالىي يېرىم شاردىكى كىشىلەر ئۈچۈن ھەمدە ئافرىقا نېگىرلىرى ۋە شەرقلىقلەر ئۈچۈن يېزىلغان دەپ ئويلايمەن. شېئىرنىڭ ئومۇميۈزلۈك قىممىتى ئالدى بىلەن ئۇنىڭ شەكلىدە، ئۇسلۇبىدا ياكى شېئىردىكى مۇپەسسەللىك كۈچىدە ئىپادىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىككىنجى بىر تەرەپتىن، يەنى بىر ئادەمنىڭ ئۆزى بىلەن دەۋرداش بولغان باشقا كىشىلەر ئۈچۈن قوشقان ھەسسىسى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. شېئىرنىڭ ئومۇميۈزلۈك قىممىتى مەلۇم كۆز قاراش ياكى بىر تەرەپلىمە ئېتكا ئاساسىغا قۇرۇلمايدۇ، ئەخلاقىي ۋەز-نەسىھەتلەرنى تېخىمۇ ئاساس قىلمايدۇ، بەلكى بىۋاستە، كونكرېت بولغان ئۆزىگە خاس مۇستەقىل مەنىۋى مەيدانى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ.
    مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا، گۈزەللىك قارىشى ماس كېلىشتىلا ئەمەس، بەلكى ماس كەلمەسلىكتىمۇ بولىدۇ. چۈنكى ماس كەلمەسلىكمۇ ئوخشاشلا گۈزەللىكنى بەدىئىي يۈكسەكلىككە ئېلىپ چىقالايدۇ. ئويلاپ باقايلى، رەسساملىق، ھەيكەلتاراشلىق ۋە مۇزىكىدىن ئىبارەت بۇ سەنئەت تۈرلىرىنىڭ ئىستېتىكا، ئېتىكا ۋە تەنقىد قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسىلىلىرى بىر-بىرىگە تامامەن ئوخشىشىدۇ، گۈزەللىككە بولغان زوقلىنىش، ئۇنى ئىنكار قىلىشتىكى ئاساسنىڭ مىزانلىرىمۇ بىر-بىرىگە يېقىن كېلىدىغۇ؟ گرېتسىينىڭ گۈزەللىكى ھازىرقى زامان كىشىلىرى تەرىپىدىن نابۇت قىلىندى. ھازىرقى زامان كىشىلىرى بىر خىل شەكىلنى بۇزۇش داۋامىدا يەنە بىر خىل شەكىلگە ئىنتىلىدۇ. تۇرمۇشقا تەقلىد قىلىدۇ، ھالبۇكى، بۇ خىل تەقلىد پەقەت تەبىئىي ھەرىكەت ھالىتىدىن ئىبارەت، خالاس.
    شائىرغا كەلسەك، ئۇ تەبىئەتنىڭ بىردىنبىر ئاجايىپ گۈزەللىكلىرىنى بەرپا قىلغۇچىسى، ئۇ ئىنسانلارنىڭ تىلى ئارقىلىق، يەنى ئىنتايىن نازۇك ۋە يارقىن تىلى ئارقىلىق ئۆزى ئۈچۈن قەدەممۇ-قەدەم رېئال مەۋجۇتلۇق بەرپا قىلىدۇ. كىشىلىك ھايات تەجرىبىلىرى (ھېسسىي ۋە ماددىي تۇرمۇشتىن ئىبارەت ئىككى جەھەتتىكى تەجرىبىلىرى)گە دەسلەپتە كۆپ ھاللاردا ناتونۇش روھىي ئېزىقىشلار، ئاجايىپ گۈزەل كۆڭۈل تەڭپۇڭسىزلىقلىرى شۇنداقلا خارابلاشقان مەنىۋى مۇھىت ئىچىدە بىخ سۈرگەن تېڭىر قاش ۋە پەرىشانلىقلار ئارىلاشقانىدى، ئالىملار ۋە تەنقىتچىلەر شائىرلارغا ھۇجۇم قوزغاپ، ئۇلارنى ئەزەلدىن تارتىپ « ئۆز قەلبىگە مەنسۇب بولمىغان خاتىرىلەرنى يازدى »، بىدئەت ئىلاھىيەت ئۈستىدە گەپ ئويناتتى دەپ ئەيىپلەشتى، تەنقىدچىلەر يەنە ئۇ شېئىرلارنى «يېڭى ھۈنەر» بىلەن كۆڭۈل قويۇپ ياساپ چىقىلغان بۇيۇملاردۇر؛ بۇ « يېڭى ھۈنەر » يېڭى تىللار پەقەتلا مودا قوغلىشىدىغان يېڭى نەرسىلەردىنلا ئىبارەت؛ شائىرلارمۇ ئالاھەزەل مانا مۇشۇ ئۇسۇلنى ۋاستە قىلىپ، تەنھالىق قورشاپ تۇرغان مۇزدەك شەيئىلەرنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، كىشىلەرنى بۇ تەنھالىقنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلىدى، دەپ كەسكىن ئېيتتى. بۇنداق قارىلىدىغان بولسا، شائىرلار ئىنتايىن رەزىل تەسىر پەيدا قىلغان بولۇپ قالمامدۇ؟ بەلكىم شۇنداقتۇر. چۈنكى سەن يېڭى شائىرنىڭ بىر پارچە شېئىرىنى ئوقۇش بىلەنلا ئالەم كىشىلىرىنىڭ چۈشىنىشى ۋە ئورتاق ساداسىغا مۇيەسسەر بولالامتىڭ؟ ۋەھالەنكى نېرۋىلىرى زەئىپلەشكەن تەنقىدچىلەر ئون بەش پارچە ياكى يىگىرمە پارچە شېئىرنىڭ ھەقىقىيلىقىدىن قاتتىق ساراسىمىغا چۈشىدۇ.
    «ساپ بولۇش» دېگەن بۇ قاراشنى يەنىلا تەتقىق قىلىش كېرەك، بولۇپمۇ سىياسى جەھەتتە قاتتىق پارچىلىنىش بولۇۋاتقان بۇ ئەسىردە شائىرلار ئېغىر كۈلپەت ۋە غەيرىي ئىنسانىي تەقدىرگە دۇچار بولماقتا. ئۇلارنىڭ قەلبىدىن ئېقىپ چىققان ئەسەرلەر دائىم دېگۈدەك خىيالىي داپسودىيە دەپ قارىلىپ، گۇمانلار بىلەن كۆمۈلمەكتە.
    مېنىڭ بۇ سۆزۈمنىڭ مەقسىتى بىر خىل شېئىرىيەت نەزەرىيسىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، ياكى مەلۇم بىر خىل ئىستېتىك ئۆلچەمنى تۇرغۇزۇش ئۈچۈنمۇ ئەمەس، بەلكى بۇ دۆلەتتىكى ئەڭ سۇباتلىق، بىزنىڭ مەدەنىيتىمىز ئۈچۈن ئالىيجاناب تۆھپىلەرنى قوشقان زاتلارغا، ھەمدە باياتىن مەن تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن، مانا ھازىر مەن ئۇنىڭ قوينىدا تۇرۇۋاتقان ئىككىنچى ۋەتەنگە چوڭقۇر سەمىمىي سالىمىمنى ئىپادىلەش ئۈچۈندۇر.
    مەن بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ شۋېتسىيە پادىشاھى ۋە خانىش ئالىيلىرىغا، ۋلىئەھد جانابلىرىغا، شۇنداقلا شۋېتسىيە خانلىق پەنلەر ئاكادېمىيسىگە سالام ۋە تەشەككۇر بىلدۈرىمەن. خانلىق پەنلەر ئاكادېمىيسىدىكى ئىلىم بابىدا كامالەتكە يەتكەن ئون سەككىز نەپەر باھالىغۇچىلار مېنىڭ شېئىرىمنى مۇكاپاتلاشنى قارار قىلىپ، ئىتالىيىگە يۈكسەك شۆھرەت ئاتا قىلدى. مۇشۇ ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىن تارتىپ تاكى يېقىنقى ئەڭ يېڭى دەۋىرلەرگىچە ئىتالىيەدە ئاجايىپ باي، رەڭگارەڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە تەپەككۇر ئەسەرلىرى مەيدانغا كەلدى، دەل مانا مۇشۇلارنىڭ ئۆزى بىزنىڭ مەدەنىيتىمىزنىڭ ئۇل تېشىدىن ئىبارەتتۇر.
     
     
    مەنبەسى: دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ 1990-يىللىق 5-سانىدىن ئېلىندى
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئەدەبىيات