ھاياتنىڭ ھەقىقى قىياپىتى

يوللىغۇچى : dilraba يوللىغان ۋاقىت : 2015-12-01 12:43:00

ئادەمنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا «ئۆمرۈم بىھۇدە ئۆتمىدى» دېگەننى ھېس قىلىش-قىلالماسلىقى پۈتۈنلەي ئۆزىگە باغلىق. كۈرەش ئىرادىسىدىن ئايرىلىپ قالغان ۋە ۋاز كەچكەنلەر ئەڭ يارىماس كىشىلەردۇر. چۈنكى، مۇھەببەتلىشىشتە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، ئۈمىدسىزلىنىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان

    ھاياتنىڭ ھەقىقى قىياپىتى

    شېناندا [ئامېرىكا]

    ئەخمەت ئابدۇۋەلى تەرجىمىسى

    ئاسماندا بىر خىل كۆك رەڭلىك قۇش بار، ئۇنىڭ تېنى پارقىراق قوڭغۇزدەك كىچىك، پەيلىرى كۆك ئاسمان رەڭگىدە بولغاچقا، يەر يۈزىدىكى كىشىلەر ئۇنى كۆرەلمەيدۇ، ئەمما ئۇنىڭ يېقىملىق ۋە تەسىرلىك ناخشىسىنى غۇۋا ئاڭلىيالايدۇ. ئۇ تۇغۇلغاندىن باشلاپلا كۆك ئاسماندا پەرۋاز قىلىدۇ، توختىماستىن ناخشا ئېيتىدۇ. ئۇ ئەزەلدىن يەرگە، دەرەخ شېخىغا قونمايدۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنىڭ ھېرىپ ھالىدىن كېتىپ يەرگە چۈشكەن ۋاقتى، ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرلاشقان ۋاقتى بولىدۇ.
    - شيا ليې «كۆك قۇش»
    ھاياتنىڭ مەنىسى ۋە ماھىيىتى
    ھاياتنىڭ مەنىسى ۋە ماھىيىتىنى ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن كۆزۈتۈشكە توغرا كېلىدۇ.
    بىئولوگىيە ئىلمىدە، مەۋجۇتلۇقنىڭ مەنىسى ئەۋلاد قالدۇرۇش، ھاياتلىق ئاپىرىدە قىلىشتۇر. بىئولوگىيە بىر ئىلىم بولغاچقا، روھقا ئېتىبار بەرمەيدۇ، شۇڭا بىيولوگىيە ئىلمىدە ئىنسانلار بىلەن باشقا ھايۋانلار ئوخشاش دەپ قارىلىدۇ.
    بۇددا دىنىدا ئادەم سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتىدىن بۇ دۇنياغا كېلىدۇ، تاللاش ئىمكانىيىتى بولمايدۇ، دەپ قارىلىدۇ. خىرىستىيان دىنى تەشەببۇس قىلغان ھاياتلىق قارىشى بولسا ئادەم پەرۋەردىگارنىڭ شاھىتى سۈپىتىدە بۇ دۇنياغا كېلىدۇ، پەرۋەردىگارغا ئىشىنىش ئارقىلىق گۇناھتىن ساقىت بولۇش، جەننەتكە كىرىش تەلەپ قىلىنىدۇ.
    خىرىستىيان دىنى مۇرىتلىرى كۈندىلىك تۇرمۇشتا سۆيگۈنى تەشەببۇس قىلىدۇ. «تەۋرات»تا، «تەڭرى ئىنساننى ئۆزىنىڭ قىياپىتىگە ئوخشىتىپ ياراتقان» دېيىلگەن. ئەمما ئات، ئىت، شىر، يولۋاس قاتارلىق باشقا مەۋجۇداتلارنى پەرۋەردىگار ئۆز قىياپىتىگە ئوخشاتماي ياراتقان، شۇڭا ئىنسان مەخلۇقاتلارنىڭ غوجىسى بولۇپ، بارلىق مەخلۇقاتلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى بولىدۇ، بۇ ئارقىلىق پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسىنى نامايان قىلىدۇ. خىرىستىيان دىنى باقىي ئالەمگە ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىنسان چوقۇم پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا بېرىشى، جەننەت تۇرمۇشىنىڭ پەيزىنى سۈرۈش كېرەك، دەپ قارىلىدۇ. يۇنان مەنىۋىيىتىدە دەل بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، پانىي ئالەمدىكى تۇرمۇشنى ۋاستە قىلىپ جەننەتكە كىرىش كۆزلەنمەي، بەلكى پانىي ئالەمدىكى تۇرمۇش نىشان قىلىنىدۇ، پانىي ئالەمدىكى تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلىنىش، ئۇنىڭغا ئېرىشىش مەقسەت قىلىنىدۇ. بىر-بىرىگە قارىمۇقارشى بولغان بۇ ئىككى خىل پەلسەپە قارىشى غەرب ئەدەبىياتىنىڭ ئىككى چوڭ مەنبەسى بولۇپ، 15-ئەسىردە يۇغۇرۇلۇپ بىر مەنبەگە ئايلاندۇرۇلۇپ، ياۋروپانىڭ «ئەدەبىيات-سەنئەت گۈللىنىشى»نى شەكىللەندۈرگەن.
    مەۋجۇدىيەتچىلىك ئېقىمىدىكىلەر ئىنسان دۇنياغا كېلىپ ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى تاللاشتا نۇرغۇن ئىمكانىيەتلەر بولىدۇ، بۇنى ئۆزى قارار قىلىدۇ ھەم كەلگۈسى ئۈچۈن ياشايدۇ، دەپ قارايدۇ. چۈنكى، ئۇلار «مەۋجۇتلۇق ماھىيەتتىن كېلىدۇ» دېگەننى تەشەببۇس قىلغاچقا، ئىنساننى تەڭرى ياراتقان بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، ئۇنداق بولمىسا تەڭرى ئىنساننى ياراتقاندا ئىنسانغا بەزى ماھىيەتلەرنى ئاتا قىلىشى مۇقەررەر، دەپ قارايدۇ. ئىنسان تەڭرى ئەمەس، شۇڭا ئۇ يىگانە-تايانچسىز، ھاياتى ئازاپقا تولغان بولۇپ، پەقەت ئۆزىگىلا تايىنىپ كۈرەش قىلىدۇ. ئەكسىچە ئېيتقاندا، ئازاپمۇ بىر خىل خۇشاللىق ئەمەسمۇ؟ ھېيدېگگېر: «ئىنسان ئۆلۈمگە قاراپ چېپىۋاتقان بىر خىل مەۋجۇدىيەت» دېگەن.
    ئامېرىكا «مۇستەقىللىق خىتابنامىسى»دا: «<شاد-خۇراملىققا ئىنتىلىش> تەڭرى ئادەمگە ئاتا قىلغان، تارتىۋالغىلى بولمايدىغان ھوقۇقلارنىڭ بىرسى» دەپ يېزىلغان. «شاد-خۇراملىققا ئىنتىلىش» دېگەن زادى نېمە؟ راھەت كۆرۈش ئادەمگە خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ، ئەمما كىتاب ئوقۇش، خىزمەت قىلىش، نام-مەنپەئەت قوغلىشىش... قاتارلىقلارمۇ ئادەمگە خۇشاللىق بېغىشلايدۇ، ھەتتا ئۆزىنى قۇربان قىلىپ، باشقىلارغا يورۇقلۇق ئاتا قىلىشمۇ ئادەمگە خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ.
    كونىلاردا: «ئەسلى جاھاندا ھېچ ئىش يوق، ئەخمەقلەر ئۆزىگە باش ئاغرىقى تېپىۋالىدۇ» دېگەن سۆز بار. ئۇنداقتا، ھايات ياكى ھاياتنىڭ مەنىسى ھەققىدە ئويلىنىشنىڭ ھاجىتى بارمۇ-يوق؟
    ساۋاقدىشىم يىندى ماڭا: «ئادەم ئۆمرىنىڭ ھەر بىر باسقۇچىدا گاڭگىراپلا يۈرىدىكەن، قېرىسا قېرىلىقنىڭ دەردى پەيدا بولىدىكەن، تىرىكلا بولسا چاتاق چىقىپلا تۇرىدىكەن، ئادەمنىڭ ئۆزى ئەسلىدىنلا چاتاقچى ئىكەن، باشقىلارغا چاتاق تېپىپ بەرمىدى دېگەندىمۇ، باشقىلار سىزگە چاتاق تېپىپ بېرىدىكەن» دېدى، ئارقىدىن يەنە: «دۇنيادا ياخشىلىق ۋە رەزىللىكە ئوخشاش قىزىقارلىق ئىشلار بولغاچقا ئادەم ياشاشقا ئىنتىلىدىكەن، مۇبادا ئەسەبىي قىزغىنلىققا تولغان مۇھەببەت يۈز بەرسە، ھايات تېخىمۇ مەنىلىك تۇيۇلىدىكەن» دېدى.
    ياشلاردىكى گاڭگىراش
    كىشىلەر ياش ۋاقىتتا ھاياتنىڭ مەنىسى ياكى مەۋجۇتلۇقىنىڭ قىممىتىنى چۈشىنەلمەي گاڭگىراپ قالىدۇ. يېشى چوڭايغاندا ئاندىن چۈشىنىدۇ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ھېچكىمدىن قورقماس بولۇپ قالىدۇ، ئۇ چاغدا گاڭگىراش مەۋجۇت بولمايدۇ.
    شۇڭا ياشانغانلار ھەر خىل ئويۇن-تاماشا سورۇنلىرى، تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى، تۈرلۈك يېمەك-ئىچمەككە مەپتۇن بولۇپ كېتىدۇ، بۇلار ئۇلارنى خۇماردىن چىقىرىدىغان ئەپيۈن. ئەلۋەتتە، ياشانغانلار يىندى ئېيتقاندەك: «چاتاققا ئۇچراپ تۇرىدۇ»، بۇ «چاتاقلار» ئۇلارنىڭ ياش ۋاقىتلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ.
    تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى توختىماي ئىمتىھان بېرىدۇ، ھەر تەرەپتىن كېلىۋاتقان مەدەت بېرىش سادالىرىنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ، ئەمما ئۆزلىرىنىڭ باشقىلار ئۈچۈن ياشاۋاتقانلىقىدىن گاڭگىراپ قالىدۇ. «مەن پۈتۈنلەي ئۆزۈم ئۈچۈن ياشايمەن» دېيىش جۆيلۈگەنلىك، سىز باشقىلار ئۈچۈن ياشايسىز. سىزنىڭ ئۆزىڭىز ئۈچۈنلا ياشىشىڭىز مۇمكىن ئەمەس، چوڭ گەپ قىلىش، نەزەرىيىۋىلەشكەن شوئارلار رېئال تۇرمۇشتا ھېچنىمىگە ئەسقاتمايدۇ. ھاياتتا نامۇۋاپىق ئىشلار قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ، بۇلارنىڭ بەزىلىرىگە قارشىلىق كۆرسىتىشىڭىز، بەزىلىرىدىن ئۆزىڭىزنى چەتكە ئېلىشىڭىز ياكى كېيىن پۇرسەت كەلگەندە ئۇنىڭ بىلەن ئېلىشىشىڭىز، ئۇنىڭدىن ھېساب ئېلىشىڭىز كېرەك. ھاياتنىڭ مەنىسى يېشىڭىزنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، بۇنى ئۆزىڭىز ئىزدىشىڭىز ھەم ھېس قىلىشىڭىز كېرەك، چۈنكى ھەر بىر ئادەم ئوخشاش بولمايدۇ، بۇنىڭ بەلگىلىك جاۋابىمۇ يوق.
    كىتاب سىزگە خۇشاللىق بېغىشلىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ئوقۇيسىز، ئېگىلىگەن بىلىمىڭىز بىلەن ئۆزىڭىزنى بېزەيسىز، ئېگىلىگەن بىلىمىڭىزنى جان بېقىش قورالى قىلىسىز. سىزنىڭ ھايات ياشىشىڭىز، تۇرمۇشتا نۇرغۇن قىزىقارلىق ئىشلار، ئالايلۇق، سەيلە-ساياھەت، مۇزىكا، سەنئەت، ئۇسسۇل، كىنو، يېڭى بىلىملەرنى ئۆگىنىش، يېڭى ئۇسۇللارنى ئېگىلەش، رەقىبىڭىزنى ياكى كۈشەندىڭىزنى مەغلۇب قىلىش... قاتارلىقلار بولغانلىقى ئۈچۈن ياشاشقا ئىنتىلىسىز. قىسقىسى، ھاياتتا ئىلگىرىلەش بولۇشى كېرەك، ئۆزىڭىزنى چېكىنىش مۇھىتىغا دۇچار قىلسىڭىز، ئۇ چاغدا سىز ئۆزىڭىزنى بىر ياشانغان ئادەمگە، بىمارغا ئايلاندۇرۇپ قويغان بولىسىز، ياشلار «ئۇلۇغۋار ئارزۇ-ئۈمىدلەرگە تولغان» بولۇشى كېرەك.
    ياشانغاندا كىشىلەر ھايات ۋە ئۆلۈمنى مۇھاكىمە قىلىشقا باشلايدۇ، ئۇلارنىڭ مۈكچەيگەن قىياپىتىگە ۋاقىتنىڭ تامغىلىرى بېسىلغان بولىدۇ، گۈزەل ياشلىقنىڭ ئۇپراپ تۈگىشىنى ھېچكىم توسۇيالمايدۇ، پەقەت يازغۇچىلار سالغان ئەدەبىيات زالى، ئالىملار ياسىغان ئىلىم سارىيىدىلا ئۆتۈپ كەتكەن گۈزەل ياشلىقنى تاپقىلى بولىدۇ. ئۇلار ئۆلۈمگە ئۈن-تىۋىشسىز يۈزلىنىدۇ، ئەسەرلىرىنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىدىن شادلىنىدۇ، ئاخىر پۈتۈن ۋۇجۇدى مەڭگۈلۈككە غەرق بولىدۇ.
    ئادەمنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا «ئۆمرۈم بىھۇدە ئۆتمىدى» دېگەننى ھېس قىلىش-قىلالماسلىقى پۈتۈنلەي ئۆزىگە باغلىق. كۈرەش ئىرادىسىدىن ئايرىلىپ قالغان ۋە ۋاز كەچكەنلەر ئەڭ يارىماس كىشىلەردۇر. چۈنكى، مۇھەببەتلىشىشتە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، ئۈمىدسىزلىنىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلار پەقەت باشقىلارنىڭ قۇرۇق پاراڭ تېمىسى بولىدۇ، بۇنداق كىشىلەرگە ھەقىقى ھېسداشلىق قىلىدىغانلارنىڭ سانى تولىمۇ چەكلىك. ئەمەلدارلار ساھەسىدىكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش قىلمىشلىرى تېخىمۇ كۈلكىلىك ئىش، ئۇ باشقىلارنىڭ يۇقىرىغا يامىشىشىدىكى بىر پەلەمپەي بولۇپ قالىدۇ، خالاس.
    سىز تىرىشىپ جەڭ قىلىشىڭىز، رەقىبىڭىزنى مەغلۇب قىلىپ غالىبلارغا ئايلىنىشىڭىز لازىم. چۈنكى، پەرۋەردىگار ھامان غالىبلارغا ئامراق ھەم مەڭگۈ غالىبلار تەرەپتە تۇرىدۇ.
     
    مەنبە:«تەرمىلەر» ژۇرنىلىنىڭ 2014-يىللىق 11-سانىدىن ئېلىندى.
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر شېناندا [ئامېرىكا]