گۆدەكنىڭ قۇدرىتى(لېۋ تولىستوي)

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-04 14:03:40

گۆدەكنىڭ قۇدرىتى لېۋى تولىستوي(روسىيە) تەلئەت ئىمىن تەرجىمىسى - ئۇنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈش كېرەك!....ئېتىۋېتىش كېرەك!... بۇ ئەبلەخنى ھازىرلا ئېتىۋېتىش كېرەك! بۇ قاتىلنى ئۆلتۈرۈش كېرەك!.. بوغۇزلاپ تاشلاش كېر...

     گۆدەكنىڭ قۇدرىتى

    لېۋى تولىستوي(روسىيە)

     تەلئەت ئىمىن تەرجىمىسى  


     

    - ئۇنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈش كېرەك!....ئېتىۋېتىش كېرەك!... بۇ ئەبلەخنى ھازىرلا ئېتىۋېتىش كېرەك!

    بۇ قاتىلنى ئۆلتۈرۈش كېرەك!.. بوغۇزلاپ تاشلاش كېرەك! ئۇر ئۇنى!...- كىشىلەر توپى ئىچىدىكى ئەر – ئاياللار تەڭ ۋارقىراشتى.

       بىر توپ كىشلەر قولى باغلانغان بىر كىشىنى كوچىدا ھەيدەپ كېلىۋاتاتتى. بۇ ئېگىز بويلۇق، تەمبەل كىشى بولۇپ، كۆكرىكىنى كېرىپ تېتىك قەدەملەر بىلەن كېتىپ باراتتى. ئۇنىڭ كېلىشلكەن ھەم جەسۇرلۇقى چىقىپ تۇرغان چىرايىدىن ئەتراپتىكىلەرگە قارىتا مەنسىتمەسلىك ھەم نەپرەت كۆرۈنۈپ تۇراتتى.

    بۇ، خەلق ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بىلەن ئۇرۇشقاندا ھۆكۈمەت تەرەپتە تۇرۇپ ئۇرۇشقا قاتناشقان بىر كىشى ئىدى. مانا ئۇ قولغا چۈشتى، كشىلەر ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بەرگىلى ئەپكېتىۋاتىدۇ.

    «ئامال يوق! ئۈستۈنلۈك دائىم بىز تەرەپتە بولىۋەرمەيدۇ. نېمە ئامال بار دەيسز؟ ھازىر ھوقۇق ئۇلارنىڭ قولىدا  تۇرسا، ئۆلسەم ئۆلەرمەن، قارىغاندا شۇنداق بولىدىغان ئوخشايدۇ» دەپ ئويلايتتى بۇ كىشى. ئۇ ھەدەپ مۈرىسىنى قىسىپ كىشىلەر توپى ئىچىدىن چىقىۋاتقان چوقان – سۆرەنلەرگە سوغۇق كۈلۈمسىرەش بىلەن جاۋاب قايتۇراتتى.

     - بۇ ئادەم ساقچى، تېخى بۈگۈن ئەتىگەنلا بىزگە قارىتىپ ئوق ئاتقان،- توپ ئىچىدىن بىرەيلەن ۋارقىرىدى.

       لېكىن كىشلەر توپى توختىماي، ئۇنى ھەيدىگىنىچە ئالغا مېڭىشتى. چوڭ كوچىغا يېتىپ كېلىپ، تۈنۈگۈن ئەسكەرلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن كىشىلەرنىڭ قالايمىقان ياتقان ئۆلۈكلىرىنى كۆرگەندە، كىشىلەرنىڭ غەزىپى تېخىمۇ كۈچەيدى. 

       ئارقىغا تارتىپ نېمە قىلىمىز! بۇ ئەبلەخنى دەرھال ئېتىۋېتىپلا ئىشنى تۈگەتمەمدۇق، يەنە نەگىچە سۆرەپ يۈرىمىز؟- دەپ ۋارقىراشتى كىشىلەر.   

       تۇتقۇننىڭ قوشۇمىسى تۈرۈلدى. ئەمما بېشىنى تېخىمۇ ئېگىز كۆتۈردى. قارىغاندا ئۇنىڭ كىشىلەرگە بولغان ئۆچمەنلىكى كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئۆچمەنلىكىدىن ئېشىپ چۈشەتتى.  

        ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈش كېرەك! بارلىق پايلاقچىلارنى! چار پادىشاھلارنى! روھانىلارنى! يەنە مانىڭغا ئوخشاش ئەبلەخلەر بار! ئۇجۇقتۇرۇۋېتىش كېرەك! ئۇنى دەرھال ئۇجۇقتۇرىۋېتىش كېرەك!  دەپ چىرقىراق ئاۋاز بىلەن توۋلىشاتتى ئاياللار. 

        لېكىن توپ باشلىقى تۇتقۇننى مەيدانغا ئاپىرىپ شۇ يەردە ئۇنىڭ بىلەن ھېسابلاشماقچى بولدى.

        مەيدانغا ئاز قالغاندا، توپنىڭ ئارقىسىدىن بىر كىچىك بالىنىڭ يىغا ئارىلاش ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى:

       - دادا! دادا! – ئالتە ياشلار چامىسىدىكى بىر ئوغۇل بالا ۋارقىراپ يىغلىغىنىچە توپنىڭ ئىچىگە قىستىلىپ ، تۇتقۇننىڭ ئالدىغا ئۆتمەكچى بولاتتى،- دادا، ئۇلار سېنى نېمە قىلماقچى؟ توختاپتۇر، مېنىمۇ ئېلىۋال، مېنىمۇ ئېلىۋال دەيمەن...

       بالىنىڭ ئاۋازى كەلگەن تەرەپتىكى كىشىلەرنىڭ چوقان - سۈرەنلىرى بېسىلدى. كىشىلەر خۇددى قۇدرەتلىك بىر كۈچكە يولۇققاندەك بالىغا دەرھال يول بېرىشتى. بالا دادىسىغا يېقىنلاپ كېلىشكە باشلىدى.

     -ۋىيەي نېمىدىگەن ئوماق بالا! – دېدى بىر ئايال.

        - سەن كىمنى ئىزلەيسەن! – يەنە بىر ئايال بالىغا ئېڭىشىپ تۇرۇپ سورىدى.

        - دادامنى ئىزلەيمەن! مېنى دادامنىڭ يېنىغا قويۇۋېتىڭلار،- دەپ ئىنچىكە ئاۋاز بىلەن ۋارقىرىدى بالا.

        - ھەي بالا قانچە ياشقا كىردىڭ؟

       - سىلەر مېنىڭ دادامنى نېمە قىلماقچى؟- قايتۇرۇپ سورىدى بالا.

       - ئۆيۈڭگە كەتكىن، بېرىپ ئاپاڭنى تاپ،-دېدى بىر ئەر كىشى بالىغا.

       تۇتقۇن بالىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان، باشقىلارنىڭمۇ بالىغا قىلغان گەپلىرىنى ئاڭلىغانىدى. ئۇنىڭ چىرايى تېخىمۇ تۇتۇلدى.  

       -ئۇنىڭ ئاپىسى يوق!- دەپ ۋارقىرىدى تۇتقۇن، بالىغا ئاپاڭنى تاپ، دېگەن ھېلىقى كىشىگە قاراپ.

       بالا توپنىڭ ئىچىدە قىستىلىپ يۈرۈپ تەسلىكتە دادىسىنىڭ قېشىغا كەلدى- دە، دادىسىنىڭ قولىدىن تۇتۇپ قېچىشقا دەۋەت قىلدى.

       كىشىلەر بولسا يەنىلا توۋلاشماقتا ئىدى:

       -ئۇنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈش كېرەك! دارغا ئېسىش كېرەك! ئېتىۋېتىش كېرەك بۇ ئەبلەخنى!...

       - سەن نېمىشقا ئۆيدىن قېچىپ چىقتىڭ؟- دېدى دادا بالىسىغا قاراپ.

       - ئۇلار سېنى نېمە قىلماقچى؟ - دېدى بالا.

       - ھەي سەن مۇنداق قىلغىن،- دېدى دادىسى.

       - قانداق قىلىمەن؟

       - سەن كاتيۇشانى تونۇمسەن؟

       - بىز بىلەن بىر مەھەللىدىكىمۇ؟ نېمىشقا تونۇمايدىكەنمەن.

       - ئۇنداقتا سەن شۇنى تېپىپ يېنىدا بىردەم تۇرۇپ تۇرغىن. مەن... مەن ئارقاڭدىنلا بارىمەن.

       - سەن بىللە بارمىساڭ مەن بارمايمەن،- دېدى بالا يەنە يىغلاپ.

       - نېمىشقا بارمايسەن؟

       - ئۇلار سېنى ئۇرىدۇ.

       ياقەي، ھېچنىمە قىلمايدۇ.

       دادىسى بالىنى يەرگە قويۇپ توپ باشلىقى تەرەپكە قاراپ ماڭدى.

    -ھەي، - ھەي دېدى ئۇ،- مېنى قانداق ئۆلتۈرىسەن، قەيەردە ئۆلتۈرىسەن، خالىغىنىڭنى قىل، پەقەتلا ئۇنىڭ ئالدىدا بولمىسۇن،- ئۇ بالىنى كۆرسەتتى، - مېنىڭ قولۇمنى ئىككى مىنۇتقا بوشىتىۋېتىڭلار، ئاندىن بالام بىلەن قول تۇتۇشۇپ تۇرۇپ سېنى ئۇنىڭغا مېنىڭ ئاغىنەم، ئىككىمىز كوچا ئايلىنىپ يۈرىمىز، دەپ ئېيتاي. شۇ چاغدا ئۇ كېتىدۇ. شۇ چاغدا... شۇ چاغدا ئۆلتۈرسەڭمۇ مەيلى.

       توپ باشلىقى قوشۇلدى.

       شۇندىن كېيىن ھېلىقى تۇتقۇن بالىنى كۆتۈرۈپ:

    -ئوبدان بالام كاتىيەنىڭ قېشىغا بارغىن، - دېدى.

       سەنچۇ؟

      -قارىغىنا، مەن بۇ ئاغىنەم بىلەن كوچا ئايلىنىپ كېتىۋاتىمەن. سەن ئاۋال كېتىپ تۇرغىن، مەن ھازىرلا بارىمەن، ماڭە، ئوبدان بالام.

       بالا كۆزىنى پارقىراتقىنىچە دادىسىغا تىكىلدى، كىچىككىنە بېشىنى ئاۋال بىر تەرەپكە ئاندىن يەنە بىر تەرەپكە قىيسايتتى – دە، ئويلىنىپ قالدى.

       -ماڭە، ئوبدان بالام، مەن ئارقاڭدىنلا بارىمەن.

       -سەن چوقۇم كېلەمسەن؟

       بالا دادىسىنىڭ گېپىگە كۆندى. بىر ئايال ئۇنى توپ ئىچىدىن ئېلىپ چىقتى.

       بالىنىڭ قارىسى كۆزىدىن يۈتكەندىن كېيىن:

       -ئەمدى مەن تەييار، قېنى مېنى ئۆلتۈرۈڭلار، - دېدى تۇتقۇن.

       بۇ چاغدا چۈشەنگىلى بولمايدىغان ھەم كىشىنڭ خىيالىغىمۇ كەلمەيدىغان بىر ۋەقە يۈز بەردى. سەل بۇرۇنلا كىشىلەرنىڭ رەھىمسىز، باغرى تاش ھەم تەپرەتكە تولغان قەلبىدە ئىنسانلارغا ئورتاق بولغان بىر خىل تۈپكى ماھىيەت ئويغاندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ئايال گەپ باشلىدى.

       - مېنىڭچە ئۇنى قويۇۋەتكىنىمىز تۈزۈكتەك قىلىدۇ.

       - توغرا، ئۇنىڭ بىلەن كارىمىز بولمىسۇن! – دېدى يەنە بېرەيلەن،- بولدى، - قويۇۋېتەيلى.

       - قويۇۋېتەيلى، قويۇۋېتەيلى،- توپنىڭ ئىچىدىن ۋارقىرىغان ئاۋازلار ئاڭلاندى.

       شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى تەكەببۇر ھەم شەپقەتسىز، تېخى بىر مىنۇت ئىلگىرىلا كىشىلەرگە ئىنتايىب نەپرەت بىلەن قاراۋاتقان كىشى قولى بىلەن يۈزىنى توساپ ھۆڭرەپ يىغلىغىنىچە، قاتتىق پۇشايمان ئىچىدە توپ ئىچىدىن ئوقتەك ئېتىلىپ چىقىپ كەتتى، ھىچكىممۇ ئۇنى توسمىدى.

     

      («دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىننىڭ 1986 – يىل 4- سانىدىن ئېلىندى)

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.