دېڭىزدىكى چۈش(باجىن)

يوللىغۇچى : yusufahmad يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-27 01:07:36

دېڭىزدىڭى چۈش(پوۋېست)باجىنمەزكۇر ئەسەر چەتئەل مۇتەخەسسىسلىرى تەرىپىدىن جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدىكى ئەڭ نادىر ئەسەر دەپ ئېتىراپ قىلىنغان ئەسەرلەرنىڭ بىرى، شۇنداقلا باجىننىڭ ئىجادى ھاي...

    دېڭىزدىڭى چۈش(پوۋېست)
    باجىن
    مەزكۇر ئەسەر چەتئەل مۇتەخەسسىسلىرى تەرىپىدىن جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدىكى ئەڭ نادىر ئەسەر دەپ ئېتىراپ قىلىنغان ئەسەرلەرنىڭ بىرى، شۇنداقلا باجىننىڭ ئىجادى ھاياتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى ھىساپلىنىدۇ.
     
       بىرىنچى: بىر ئايال


      مەن ئۇنى يەنە پاراخوت سەھنىسىدە ئۇچراتتىم، ئۇ پاراخوت گىرۋىگىدە تۆمۈر رىشاتكىغا يۆلىنىپ تۇرۇپ دېڭىزغا قاراۋاتقان ئىكەن.
       بىزنىڭ قۇرۇقلۇقنى ئۇچراتمىغىنىمىزغا ئۈچ كۈن بولۇپ قالدى. ئەتراپىمىزدا زەڭگەر، بىپايان سۇلا بار ئىدى. سۇ شۇ قەدەر پايانسىز ئىدىكى، ھەتتا ئۇپۇقتىكى تاغۇ تاشلارنىڭ قارسىىمۇ كۆرۈنمەيتتى. قۇرۇقلۇقتىكى ھەممە نەرسە مەن ئۈچۈن ئىلگىرى كۆرگەن چۈش بولۇپ قالدى. زەڭگەر دېڭىز سۈيى كۆز ئالدىمدا بارا ـ بارا كېڭىيىپ باراتتى. دېڭىز سۈيى ھەر كۈنى بىر قېتىم رەڭ  ئېلىپ، سۈزۈك زەڭگەر رەڭدىن تۇم قارا رەڭگە ئۆزگىرىپ تۇراتتى، بۇ بىزگە كەپ كىرگەنلىگىدىن دېرەك بەرگەنلىگى ئىدى.
      دېڭىزدا سەپەر قىلىۋاتقان بىز ئۈچۈن ئېيتقاندا، دېڭىز بىلەن ئاسماننىڭ رەڭگىدىكى ئۆزگىرىشلەردىن باشقا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ئانچە پەرقى يوق ئىدى. كېچىلىرى ھاۋا بىرئاز سالقىن بولسىمۇ ، لېكىن پاراخوت ئۆيلىرى يەنىلا ناھايىتى ئىسسىق. ئۇنىڭ ئۈستىگە قەلبىمدە بىرخىل تەشنالىق ئوتى كۆيۈپ تۇراتتى، شۇڭا مەن بالدۇر ئۇخلىيالمايتتى. ئۇمۇ مۇشۇنداق بولغاندەك قىلاتتى. مەن ئۇنى مۇشۇ ھالەتتە ئۈچ قېتىم چېلىقتۇردۇم.
       شۇ ئاخشىمى ئالدىنقى ئىككى ئاخشامقىدىن تېخىمۇ كېچىكىپ ئۇخلاشقا توغرا كەلدى، ماتروسلامۇ ئۇخلاپ بولۇشقان ئىدى. پاراخوتنىڭ داۋالغۇغان، شامالنىڭ ماچتىغا ئۇرۇلغان ئاۋازىدىن باشقا ئاۋاز ئاڭلانمايتتى. ياق باشقا ئاۋاز ئاڭلانمىدى دېيىشكە بولمايتتى، چۈنكى دېڭىز سۈيى پاراخوت ئاستىدا تېخىچە شىۋىرلايتتى، پاراخوت ئۆيىدىن تېخى ئاندا ـ ساندا يېنىك ئاياق تىۋىشىمۇ ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
        ئۇ گەپ قىلمايتتى، مەنمۇ گەپ قىلمايتتى، ئۇ رىشاتكىغا يۆلىنىپ دېڭىزغا قارايتتى، مەن بولسام پاراخوت سەھنىسىدە تۇرۇپ يۇلتۇزلارغا قارايتتى، يۇلتۇزلارغا قاراپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ چاچلىرىغا قارايتتىم.
        دېڭىز ئادەم قورققۇدەك دەرىجىدە قاراڭغۇلىشىپ كەتتى، ئاق كۆپۈكلەرمۇ قاراڭغۇچىلىق ئىلكىدە پۈتۈنلەي كۆرۈنمەي قالدى. مەن كۆزۈمنى ئاسماندىن يۆتكىگىنىمدە، كۆزۈمگە قاپ ـ قاراڭغۇچىلىق كۆرۈندى. ئۇنىڭ كىيىمى دېڭىز سۈيىنىڭ رەڭگى بىلەن ئوپ ـ ئوخشاش ئىدى. پەقەت بېشىدىكى ئالتۇنرەڭ چېچىلا پارقىراپ تۇراتتى. بۇ ھال ماڭا يۇلتۇزنى ئەسلىتەتتى. مەن يەنە بېشىمنى كۆتىرىپ يۇلتۇزلارغا باقتىم.
       زۇمرەتتەك كۆپ ـ كۆپ ئاسمان يۈزىنى يۇلتۇزلار تورى قاپلىغان ئىدى. بۇ تور پەسلەپ ـ پەسلەپ بېشىمىزغا يېپىلىپ چۈشتى. يۇلتۇزلار تورنىڭ كۆزلىرىدىن گويا ھازىرلا چۈشۈپ كېتىدىغاندەك لىغىلدايتتى. مەن بىرنەچچە مەرتىۋە قولۇمنى ئۇزىتىپ يۇلتۇزدىن بىرنەچچىنى ئۇزۇۋېلىشقا تەمشەلدىم. چۈنكى ئۇلار ماڭ بەكمۇ يېقىن ئىدى. مەن يۇلتۇزلارغا قاراۋېتىپ ئۇنىڭ چېچىنى يەنە ئەسلەپ قالدىم ـ دە، كۆزۈمنى يۇلتۇزلاردىن ئۈزۈپ ئۇنىڭ چېچىغا تىكتىم.
       ئۇ يەنىلا گەپ ـ سۆز قىلمايتتى. ھەتتا مىدىرلاپمۇ قويمايتتى. ئۇ پەقەت دېڭىزغىلا قارايتتى. مەن دېڭىزدا ئۇنى شۇنچە ئۇزۇن تەلمۈرتكۈدەك نېمە سىر بارلىقىنى بىلمەيتتىم.
       بارا ـ بارا مەنمۇ پاراخوت گىرۋىگىگە كەلدىم. مەن ئاستا ـ ئاستا ماڭغىنىمچە ئۇنىڭ ھەركىتىگە دىققەت قىلىۋاتاتتىم. مەن ئۇنى ئاياق تىۋىشىمنى ئاڭلىسا بەلكىم ماڭا بۇرۇلۇپ قاراپ قالار، شۇ چاغدا، ئۇنىڭ يۈزى ۋە كۆزلىرىنى كۆرۈۋېلىشىم مۇمكىن، دەپ ئويلىدىم. مېنىڭ ئۇنىڭ يۈزى ۋە كۆزلىرىنى كۆرۈۋالماقچى بولغانلىغىم، يۇلتۇزلارنى كۆرمەكچى بولغانلىغىمدىن ئەمەس، بەلكى يەنە دېڭىزنىڭ سىرى ۋە ئۇنىڭ سىرىنى بىلمەكچى بولغانلىغىمدىن ئىدى.
       مۇشۇنداق قاراڭغۇ كېچىدە، دېڭىزنىڭ رەڭگى بىلەن ئوخشاش كىيىم كىيگەن بۇ ئايال بېشىنى كەينىگە بۇرۇلۇپمۇ قويماي دېڭىزغىلا قارايتتى. بۇ ھەرگىز ئادەتتىكى بىر ئىش ئەمەس ئىدى.
       مەن پاراخوتنىڭ گىرۋىگىگە كەلدىم. رىشاتكىغا يۆلىنىپمۇ تۇردۇم، ئارىلىغىم ئۇنىڭ بىلەن يېقىنمۇ ئەمەس، لېكىن يىراقمۇ ئەمەس ئىدى، مەن ئۇنىڭ ھەركىتىگە دىققەت قىلغان بولساممۇ، بىراق بۇ ئۇنىڭغا ھېچقانداق كار قىلمىدى. چۈنكى ئۇ يەنىلا ئۆز جايىدا تۇرۇپ مىدىر ـ سىدىرمۇ قىلىپ قويمايتتى.
         ۋاھ، نىمە دېگەن جىمغۇر ئايال ـ ھە! ئۇنىڭ مۇشۇ تۇرقىدىن قارىغاندا، دۇنيادا گويا پەقەت ئۇنىڭ ئۆزى ۋە دېڭىزلا باردەك، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچنىمە مەۋجۇت ئەمەستەك ئىدى.
       مەن ئۈمىتسىزلەندىم، مەن ئۇنىڭ سىرىنى بىلگۈدەك يەنە باشقا چارەمنىڭ يوقلۇغىنى بىلەتتىم ـ يۇ، لېكىن يەنىلا كۆز قىرىم بىلەن ئۇنىڭغا قارايتتىم. مەن ئۇنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن يۆتىلىپمۇ قويدۇم. بىراق بۇمۇ كار قىلمىدى. ئۇ ئۆلۈپ كەتكەندەك ۋە ياكى تاشقا ئايلىنىپ كەتكەندەك تۇراتتى.
       مەن ئۇنىڭغا بىرنەچچە قەدەم يېقىنلاشتىم، ئۇ يەنىلا مىدىرلىمايتتى، ئەمدى مەندە يەنە يېقىنلاپ بېرىشقا جۈرئەت قالمىدى.
       مەن بىردىنلا سوغاق ھاۋا تەككەندەك ھىس قىلدىم . ئۇنىڭ بەدىنى سوغاق ھاۋا بىلەن قاپلانغاندەك ياكى سوغاق ھاۋا ئۇنىڭ بەدىنىدىن چىقىۋاتقاندەك قىلاتتى. مەن بىردىنلا ئەجەپلىنىپ: «ئۇ زادى ئادەممۇ نېمە؟» دەپ ئويلىدىم، ھەتتا ئۇنى بىر دېڭىز ئالۋاستىسى  ئوخشايدۇ، دەپ قالدىم. گەرچە مەن ئىلگىرى دېڭىز ئالۋاستىسى كۆرۈپ باقمىغان بولساممۇ، لېكىن سەل ئۆتكەندىن كېيىن ، مەن يەنە ئۆزۈمنىڭ خاتا ئويلىغانلىغىمنى بىلدىم. چۈنكى كۈندۈزى مەن ئۇنى تاماقخانىدا كۆرگەن ئىدىم، ئۇنىڭ يۈزى ۋە كۆزىنى ئېنىق كۆرۈۋالالمىغان بولساممۇ، لېكىن بوي ـ تۇرقى ۋە كىيىم ـ كېچەكلىرى يادىمدا ئېنىق ئىدى. چوقۇم شۇ، ئۇ بەلكىم تۇل ئايال بولۇشى مۈمكىن، شۇڭا ئۇنىڭدا مۇشۇنداق غەلىتە قىلىق بولغاندۇ، مەن ياشراق تۇل ئاياللاردا ھەمىشە غەلىتە قىلىق بولىدىغانلىغىنى بىلەتتىم.
       ئۇنىڭ دېڭىزغا مۇشۇنداق قاراپ كېتىشى ئادەتتىكى ئىش ئەمەس ئىدى. مەن دېڭىزدا تولا سەپەر قىلىپ پېشىپ كەتكەن ئادەم بولساممۇ، بىراق بىر ئايالنىڭ دېڭىزغا شۇ قەدەر خۇشتار بولۇپ كېتىشىنى ئەزەلدىن چېلىقتۇرۇپ باقمىغان ئىدىم. شۇنداق، بىر ياش ئايالنىڭ ئۈن ـ تىن چىقارماستىن دېڭىزغا شۇنچە ئۇزۇن قاراپ كېتىشى ھەقىقەتەن مېنىڭ تەسەۋۇرۇمغا سىغمايتتى. لېكىن شۇنىسى ناھايىتى ئىنىقكى، ئۇنىڭ بىلەن دېڭىز ئوتتۇرىسىدا چوقۇم بىرەر مۇناسىۋەت بولغان، ئۇنىڭ سىرى بىلەن دېڭىزنىڭ سىرى بەلكىم بىردۇر.
      مەن ھەر قانچە قىلىمۇ ئۇنىڭدىن سىر ئالالمىدىم ـ دە، بېشىمنى تۆۋەن سېلى دېڭىزغا قارىۋالدىم. ئۇنىڭ سىرى يەنە كېلىپ دېڭىزنىڭ سىرى بىلەن ئالاقىدار بولغاچقا، مەن كۆڭلۈمدە: دېڭىزنىڭ سىرىنى بولسىمۇ ئېلىۋالغىنىم تۈزۈك، دەپ ئويلايتتىم.
       مەن بېشىمنى تۆۋەن سېلىۋەردىم. كۆز ئالدىمدىكى مەنزىرە شۇئان ئۆزگەردى. دېڭىز ـ ئەزەلدىن ماڭا تونۇشلۇق بولغان دېڭىز شۇ تاپتا ماڭا تونۇشلۇق بولماي قالدى. كۆزۈمگە تۇم قارا نەرسىلەر كۆرۈنەتتى، لېكىن بۇ كۆرۈنۈشتىكى تۈس بولۇپ، بۇ تاس بارا ـ بارا ناھايىتى مۇرەككەپلىشىپ كەتتى. قارامتۇل كۆرۈنۈش ئاستىغا ھەرخىل نەرسىلەر ـ ھەركەتلىنىدىغان خىلمۇ ـ خىل نەرسىلەر يوشۇرۇنغان ئىدى. قارا كۆرۈنۈش مىدىرلايتتى، ئۇنىڭدىكى بىر خىل كۈچ گويا مېنىڭ بېشىمنىمۇ ئۆزىگە ئەگىشىپ مىدىرلاشقا مەجبۇرلايتتى. مەن كۆزۈمنى ئۈزمەي بىر يەرگە قاراي دېسەممۇ، لېكىن كۆزۈم تۇم قارا كۆرۈنۈشنىڭ ئۈستىگە چۈشكەندە ئىمىر ـ چىمىر بولۇپ كېتەتتى ـ دە، مۇرەككەپ نەرسىلەر كۆز ئالدىمدا ئۈزلۈكسىز چۆرگىلەيتتى، شۇنداقتىمۇ ئۇلار تۇم قارا كۆرۈنۈشنى مەڭگۈ بۆسەلمەيتتى، شۇ تۈپەيلى ئۇمۇ مېنىڭ كۆزۈمگە مەڭگۈ تۇتۇق بەرمەيتتى.
       مېنىڭ كۆزۈم مۇشۇ كۆرۈنۈش ئۈستىدە داۋاملىق ئايلىنىپ يۈرمەكتە ئىدى، مەن گويا ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغاندەك قىلدىم. بۇ كۆرۈنۈش بىردىنلا سەكرەپ، ئاغزىنى ئېچىپ كۆز ـ نەزىرىمنى يۇتۇۋەتتى. ئارقىدىن ئۇ ئاق كۆپۈكلەرنى توساپ چىقاردى، مەن سەل ـ پەل ھودۇقتۇم ـ دە، يېڭىۋاشتىن يەنە نەزەر تاشلىدىم.
       دېڭىز ئەمدى ئىلگىرىكىدەك شىۋىرلىمايتتى. ئۇ ھازىر ھۆكىرەشكە باشلىدى. ئۇنىڭ ئىچكى قىسىمىدا گويا بىرەر پاراكەندىچىلىك بولغاندەك ئۇنىڭ پۈتكۈل يۈزى داۋالغۇيتتى. قاچاندىن تارتىپ كۆزۈمنىڭ ئۇنىڭ ئۈستىدە ئايلىنىپ يۈرەلمەيدىغان بولۇپ قالغانلىغىنى بىلەلمىدىم. دېڭىزنىڭ ھەممىلا يېرى ئاغزىنى ئېچىپ ئۆزىگە تاشلانغان نەزەرنى يۇتۇۋېتەتتى، بىرەر قېتىممۇ كېلىپ ماڭا ئۆز سىرىنى ئېيتىپ بەرمەيتتى.
       دېڭىز ھۆكىرىمەكتە ئىدى. ئۇ ئۆز ئەسىرلىرىنى سەۋىرلىك بىلەن كۈتۈپ تۇرالمايتتى. مېنىڭ كۆز ـ نەزىرىم تەبىئىكى، ئۇنىڭ نەپسىنى قاندۇرالمايتتى. ئۇ شۇنچە ھاياجان، شۇنچە ئاچ ئىدى. ئۇ گويا خېلى ئۇزۇندىن بېرى قۇربانلىق نەرسە تاپالمىغانلىغىنى بىلدۈرگەندەك قىلاتتى. ئۇ سەكرەتتى، ئاغزىدىن ئاقۇش كۆپۈك پۈركۈيتتى. ئۇ ئەمدى سەۋى ـ تاقەت قىلىپ خاتىرجەم تۇرالمايدىغاندەك كۆرۈنەتتى.
       مەن توساتتىن، بىر خىل ۋەھىمە ھىس قىلدىم. مەن ئۇنىڭ ئاغزىنىڭ بارغانسېرى چوڭ ئېچىلىۋاتقانلىقىنى بىزنى ئېلىپ مېڭىۋاتقان پاراخوتنىڭ بولسا بارغانسېرى كىچىكلەپ كېتىۋاتقانلىغىنى كۆردۈم. ئەمىلىيەتتە، شۇنداق بولۇشى مۇمكىن ئىدى. پاراخوتىمىزنى ئۇ ھەر قاچان يۇتۇۋېتەلمەيتتى. مېنىڭ يۈرىگىم قاتتىق سوقۇپ كەتتى. گويا بىراۋ بېشىمغا ئۇشتۇمتۇت سوغاق سۇ قۇيۇۋەتكەندەك لاغىلداپ تىترەشكە باشلىدىم ۋە دېڭىز مېنى ئالدىن يۇتۇۋېتەرمىكىن دەپ ئەنسىرەپ، پاراخوت رىشاتكىسىنى مەھكەم تۇتۇۋالدىم. مەن ئەيمىنگەن ھالدا كۆزۈمنى ئايالغا تىكتىم، ئۇ يەنىلا قىمىرلىمايتتى، ئۇ ئازراق بولسىمۇ قورققاندەك ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن دېڭىز گويا بىر ـ بىرىنى بەكمۇ چۈشىنىدىغاندەك بىلىنەتتى. ئېغىر ـ بېسىق، تەمكىن بۇ ئايال بىلەن چوڭقۇر ھەيۋەتلىك ئۇ دېڭىز چوڭقۇم ياخشى دوستلاردىن بولسا كېرەك. لېكىن، ئەجەپلىنەرلىك بولغىنى شۇكى، دېڭىز شىۋىرلاشتىن ھۆكىرەپ نەرە تارتىشقا ئۆتتى، ئەمما ئايال بولسا، تېخىچە ئۆز جىمغۇرلۇغىنى ساقلاپ تۇراتتى. ئەگەر دېڭىزنىڭ سىرى ئۆزىگە قۇربانلىق نەرسە ئىزلەۋاتىدۇ، دىسەم، ئەجەبا ئايالنىڭ سىرىمۇ شۇنداقمىدۇ؟ ئۇمۇ ئۆز ئەسىرلىرىنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتامدىغاندۇ؟
       مەن ئۆزەمگە شۇنداق سوئال قوياتتىم ـ يۇ، لېكىن ھەل قىلغۇچ جاۋاپ بېرەلمەيتتىم. بەزىدە مەن ھەتتا قورقۇپمۇ كېتەتتىم، ئۇنىڭمۇ دېڭىزغا ئوخشاش ئاشۇنداق ئوي ـ خىيالىدا بولۇشىدىن ئەنسىرەيتتىم. لېكىن كېيىن مەن يەنە: بىر ئايال شۇنچە تەمكىن، شۇنچە دادىل تۇرغان يەردە ئەجەبا مەن بىر ئەركىشى تۇرۇقلۇق ئۇياتماسمەنمۇ؟ دەپ ئويلىدىم ـ دە، مۇشۇ ئوي بىلەن يۈرىگىمنى ئاران ئۆز ئىزىغا چۈشۈرۈۋالدىم.
       بىز يەنىلا ئاشۇ يەردە تۇرىۋېرەتتۇق، ھىچقايسىمىز لام ـ جىم دىمەيتتۇق. ئۇ پەقەت مىدىرلىمايتتى، ئەمما مەن بولسام پات ـ پات بېشىمنى بۇراپ ئۇنىڭغا ياكى ئۇنىڭ بېشىدىكى يۇلتۇزلارغا قاراپ قوياتتىم.
       يۇلتۇزلار بارا ـ بارا مۆكۈنۈشكە باشلىدى، بۇ چاغدا ئاسمان بىلەن دېڭىز ئوخشاش تۈسكە كىردى. ئاسمان بېشىمدا ناھايىتى ئىگىز كۆرۈنۈپ تۇراتتى. پاراخوت داۋالغۇۋاتقان دېڭىزدا تىنماي ئىككى تەرەپكە تەۋرەيتتى، دېڭىز بولسا مەۋج ئۇرۇپ، تەرەپ تەرەپكە بۇژغۇن پۈركۈشكە باشلىدى.
       «كىرىپ ئۇخلاي، بۈگۈن ئاخشام چوقۇم قاتتىق بوران چىقىشى مۇمكىن.» مەن شۇنداق پىچىرلىدىم ھەم بۇرۇلۇپ ئۇنىڭغا قارىدىم.
       مەندىن قىزىقسىنىش مېنى ئىلھاملاندۇردى، يۈرىگىممۇ بارا ـ بارا چوڭايدى. مەن يەنە پىچىرلاشقا باشلىدىم:
        «بەلكىم روسىيىلىك ئايال ئوخشايدۇ، غەربىي ياۋروپالىق ئاياللار بۇنداق جىمغۇر كەلمەيتتى.»
       تەبىئىكى مەن بۇ گەپنى ئۇنى ئاڭلىسۇن، دەپ قىلغان ئىدىم. مەن سۆزلەۋېتىپ ئۇنىڭغا تېخىمۇ يېقىنراق سىلجىدىم.
       ئۇ ماڭا پىسەنت قىلمىدى. مەن ئۈمىتسىزلىنىپ، بېشىمنى تۆۋەن سېلىپ دېڭىزغا قارىۋالدىم. ئىچىمدە  ئۇنىڭ جىمغۇرلۇغىنى قانداق قىلىپ بۇزۇشنى ئويلايتتىم.
       ـ ھەي ئەپەندىم. يېنىمدىن نېرى  كەتمەيۋاتىسىز، بۇ سىزنىڭ نېمە قىلغىنىڭىز؟ ـ قۇلغىمنىڭ تۈۋىدە بىر ئايالنىڭ ئاۋازى جاراڭلىدى. بۇنى مەن ئويلىمىغان ئىدىم. مەن ھەيران بولغان ھالدا ئۇنىڭغا قارىدىم.
       مانا ئەمدى مەن ئۇنىڭ پۈتكۈل رەڭگى ـ رۇخسارىنى كۆرۈۋالدىم، ئىككىمىز بىر بىرىمىزگە قارىشىپ تۇراتتۇق. پاراخوت سەھنىسىدىكى ئېلېكتىر چىراقنىڭ غۇۋا نۇرى يان تەرەپتىن ئۇدۇل ئۇنىڭ يۈزىگە چۈشۈپ، ئۇنىڭ يۈزىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەگىنى يورۇتتى. ئۇنىڭ رەڭگى ـ رۇخسارى گۈزەل ئىدى، كۆزلىرى دېڭىزدىنمۇ چوڭقۇر كۆرۈنەتتى، پىشانىسىدىكى بىرقانچە قورۇقلار ئۇنىڭ چىرايىنى تېخىمۇ سەلتەنەتلىك كۆرسىتەتتى. بۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭدا ھىچقانداق  ئالاھىدىلىك يوق ئىدى، ياش قۇرامىغا كەلسەك، ئۇنىڭ يېشى ئوتتۇزلاردىن ئاشمىغاندەك كۆرۈنەتتى.
       ـ مەن دېڭىزنىڭ سىرىنى بىلمەكچى بولۇپ، دېڭىزغا قاراۋاتىمەن، ـ مەن خۇددى ئۆزۈمگە ـ ئۆزۈم گەپ قىلغاندەك، پەس ئاۋاز بىلەن ئۇنىڭغا جاۋاب بەردىم.
       ـ دېڭىزنىڭ سىرى؟ سىز دېڭىزنىڭ سىرىنى بىلمەكچىمۇ؟ ـ ئۇ ھەيرانۇ ھەس بولغان ھالدا سورىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرى بىردىنلا نۇرلىنىپ كەتتى، شۈبھىسىزكى، ئاللىقانداق بىر نەرسە ئۇنىڭ قەلبىگە ئىلھام بېشىلاپ، ئۇنىڭ كۆزلىرىدە مۇشۇنداق تېز ئۆزگىرىش پەيدا قىلغان ئىدى. لېكىن بۇنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىگىنى ھەم بىلمەيتتىم. ئۇ يۈزىنى يەنە بىر قېتىم بۇراپ دېڭىزغا قارىدى ـ دە، ئاندىن ماڭا بۇرۇلۇپ دىدى:
      ـ بۇ دۇنيادىمۇ دېڭىزنىڭ سىرىنى بىلسەم دەيدىغان كىشى بار ئىكەن ـ دە! قېنى، سىزدىن سوراپ باقاي، سىز نىمە ئۈچۈن دېڭىزنىڭ سىرىنى بىلمەكچى بولىسىز؟ ئۇ توغرىلىق سىز نىمىلەرنى بىلىۋالدىڭىز؟ ـ  ئۇ تاقەتسىزلىك بىلەن جاۋاۋىمنى كۈتمەكتە ئىدى.
       مەن ئۆز ـ ئۆزەمگە شۇنداق سوئال قويدۇم: ئۇنىڭغا قانداق جاۋاب بېرىشىم كېرەك؟ دېڭىزنىڭ سىرى توغرىسىدا مەن ھىچنىمە بىلمەيمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنىڭ دېڭىزنىڭ سىرىنى بىلمەكچى بولغانلىغىم، ناھايىتى كەلسە مۇشۇ ئايالنىڭ سىرىنى بىلەي دىگەندىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. بۇنى توغرىدىن ـ توغرا ئېيتىش مۇمكىنمۇ؟
       مەن دەل مۇشۇ ئىش ئۈستىدە ئىككىلىنىپ قالدىم. ئايال يەنە ئېغىز ئاچتى:
       ـ ھەي سىز ئەسلىدە باشقا ئەرلەر بىلەن ئوخشاش. سىلەر ئەرلەر ھەممىڭلار ئاددى، ئىتائەتمەن قۇللار، دېڭىزنىڭ سىرىنى بىلىشكە مۇناسىپ ئەمەس! ـ ئۇنىڭ چىرايى ئۆزگىرىپ كەتتى. روشەنكى، ئۇ مەندىن ئۈمىتسىزلەنگەن ئىدى، ئۈمىتسىزلىك ئۇنىڭ غەزىۋىنى كەلتۈرۈپ چىقادى. ئۇ گويا مېنى: «سىلەر ئەرلەر  ئىچىدىن بىرەر ئۇلۇغ ئادەمنى تاپقىلى بولمايدۇ، پەقەت قەدىردانىم ياڭ ۋە ئاشۇ بالام شۇنىڭدەك باشقا بىرقانچە دوستلارغا بۇنىڭ سىرتىدا، ۋاھالەنكى، ئۇلار ئۆلۈپ كەتتى دەيتتى.
       ئۇنىڭ  جىددىي چىرايى ۋە ئاۋازىغا چىداپ تۇرالمىغان بولساممۇ، لېكىن ئۇنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى گويا بىر خىل كۈچ بىلەن تولغاندەك، مېنى ناھايىتى تېز بويسۇندۇردى. بۇنىڭ زادى قانداق سەۋەپتىن بولغانلىغىنى ئۆزەممۇ بىلمەي قالدىم. مەن تەشۋىشلەنگەن ھالدا ئۇنىڭغا ئۆزۈمنى «ئىتائەتمەن قۇل ئەمەس» دەپ ئاقلىدىم.
       ـ شۇنداق ، سىلەر ئەلەنرىڭ ھەممىڭلار قۇل! دۇرۇس، بىرەر ۋاقىت ئۇنداق بولمىغان بولۇشۇڭلەرمۇ مۇمكىن، لېكىن باشقىلار پىلىموت ۋە توپ ـ زەمبىرەكلەر بىلەن سىلەرگە تاقابىل تۇرغان چاغدا بولسا، سىلەر يەرگە تىزلىنىپ ئولتۇرىسىلەر، ـ سۆزلەۋېتىپ، ئۇنىڭ كۆزىدىن ئوت چاقنىدى، ئىككى مەڭزى قىزىرىپ كەتتى، ئېلېكتىر چىرىغىنىڭ غۇۋا يورۇغىدىمۇ بۇنى كۆرۈۋالغىلى بولاتتى. مەن ئۇنىڭ نېمىشقىدۇر مۇشۇنداق ئاچچىقلايدىغانلىغىنى بىلمەيتتىم. مەن بۇرۇن ئۇنى تونۇمايتتىم. لېكىن بۇ چاغدا مەن بىر نىمىنى، يەنى ئۇنىڭ قەلبىدە چوقۇم كىشىنىڭ يۈرىگىنى لەختە ـ لەختە قان قىلىدىغان بىر خىل ئۆچ ـ غەزەپ ئەسلىمىسى بارلىغىنى بايقىۋالدىم. مەن ئۇنىڭ سۆزلىرىدىكى كەمسىتىشلەرنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ، ئۇنىڭ سىرىنىلا بىلمەكچى بولدۇم.
       ـ مەن كۆپ ئەرلەرنى كۆرگەنمەن، ـ دىدى ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، مەن سىلەر ئەرلەرنىڭ ئارىسىدىن تېخى قەدىردانىم ياڭدەك، بالامدەك ئاشۇنداق كىشىلەرنى تاپقىلى بولىدۇ دىگەن ئۈمىتتە ئىدىم، بىراق نەتىجىدە ماڭ  تېپىلغىنى قۇللار، بىر ـ بىرىدىن پەس ۋە ئۆز مەنپەئەتىنى كۆزلەشنىلا بىلىدىغانلار بولدى. مۇشۇ مەنپەئەت ئۈچۈن ئۇلار ھەتتا ئۆز ئېتىقادى ۋە ئاتا ـ ئانىسىنىمۇ ساتىدۇ. مەن ئۆز ھېكايەمنى، ياڭ ھەققىدىكى ھىكايىنى ۋە ئاشۇ بالا توغرىسىدىكى ھىكايىنى ئۇلارغا ئېيتىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ تەبەسسۇمىغىلا ئېرىشتىم. شۇنداق، مەن ھەر قېتىم بىرەر ئەرنى كۆرسەم، بۇ ھىكايىنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ بەردىم، بىراق مەن ئەزەلدىن ئۇلارنىڭ تېگىشلىك جاۋاۋىغا ئېرىشەلمىدىم. مەن ھەمىشە ئۆزەمگە: «ئەجەبا ئەرلەرنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ تۈگەشكەنمىدۇ؟ بۇ جاھاندىن ئاز ـ تولا ئۈمىت يوقىمدۇ؟» دەپ سوئال قوياتتىم.
       ئۇ سۆزلەۋېتىپ بىر قولىدا رىشاتكىنى چىڭ تۇتتى ـ دە، كۈچەپ مىدىرلاتتى. لېكىن تۆمۈر رىشاتكا بىر ئازمۇ مىدىرلاپ قويمىدى. ئۇ تېخىمۇ غەزەپلەندى، مانا شۇ تاپتا ئۇنىڭ ئېغىر ـ بېسىق ئايال ئەمەس ئىكەنلىگى بىلىنىپلا قالدى. ئۇ ئەسلىدە شۇنچە قىزغىن ئىكەن!
       مېنىڭ ھىسسىياتىم بىردىنلا ئۆزگەردى. مەن بىرەر گەپ تېپىپ ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىشنى ئويلىدىم، بەلكىم مەن ئۆزۈمنىڭ ئىتائەتمەن قۇل ئەمەسلىگىمنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، بىر ئاز ئىش قىلىپ بېرىش  ئۈستىدىمۇ ئويلىغاندىمەن. ئەمما مەن زادى نىمە ئىش قىلىپ بېرىشىم كېرەك؟
       ـ بۇ جاھاندا ماڭا بىرەر باتۇر كىشى تېپىلمايدۇ، باتۇر كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ تۈگەشتى! ـ ئۇ مېنىڭ ئىزاھلاپ بېرىشىمنىى كۈتمەستىن، ئوغىسى قاينىغان ھالدا سۆزلەپ كەتتى، ـ مەن كۆپ قېتىم تىرىشىپ كۆردۈم، كۆپ قېتىم ئۈمىتسىزلىنىپمۇ كەتتىم. ھەر قېتىمقى تىرىشچانلىقلىرىم تېخىمۇ زور دەرت ـ ئەلەم ئېلىپ كېلىش بىلەنلا ۋە تېخىمۇ زور قۇربان بېرىش بىلەنلا نەتىجىلەندى. قەدىردانىم ياڭنى دەپنە قىلىپ بولغاندىن  كېيىن مەن يەنە ئاشۇ بالىنىڭ ھاياتىدىنمۇ ئايرىلدىم. يەنە نۇرغۇن ھىسداشچىلىرىم ھازىرغىچە تۈرمىلەردە جۈدەپ ـ سارغىيىپ ئۆتمەكتە. دەرۋەقە مەن تېخى ھايات، مېنىڭ ھاياتىم سەرسانلىق ئىچىدە ئۆتمەكتە: ئاشۇ جاللاتلار، ئىشغالىيەتچىلەر، ئېكىسپىلاتاتۇرلار بولسا، شاتلىق ئىچىدە ياشىماقتا. قۇللارمۇ تېخىچە ئازاپ ـ كۈلپەت ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ. ئىشلىرىمىزدىن بارانسېرى ئۈمىت يوق. ئىلگىرى ياڭ مېنىڭ قۇچىغىمدا جان ئۈزگەندە، مەن ئۇنىڭغا: «سىزنىڭ ئورۇنلاپ بولالمىغان ئارزۇ ـ ئارمانلىرىڭىزنى مەن داۋاملىق ئورۇنلايمەن!» دەپ قەسەم بەرگەن ئىدىم. ئاشۇ بالا مېنىڭ قۇچىغىمدا جان ئۈزگەن چاغدىمۇ، ئۇنىڭ ئورۇنلاپ بولالمىغان ئىشلىرىنى ئورۇنلاشقا قەسەم بەرگەن ئىدىم. مەن ئۇ بالىنىڭ جەسىدىنى تاپالمىدىم. ۋاھالەنكى، دېڭىز ئاخىرقى ھىساپتا ياڭنىڭ ئارام ئالىدىغان يېرى بولۇپ قالدى. مېنىڭ قەسىمىممۇ دېڭىزغا قارىتىپ ئېيتىلغان ئىدى. دېڭىز بۇنىڭ گۇۋاچىسى. ئەمما شۇ چاغدىن تارتىپ مەن يەنە دېڭىز بىلەن بىرنەچچە قېتىم كۆرۈشتۈم. ئۇ مەڭگۈ بىھۇدە سەرپ قىلىپ ئۆتىمەن، ـ ئۇ سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئۇلۇغ ـ كىچىك تىنىپ قويدى. ئاۋازى غەزەپ ـ نەپرەت بىلەن تولغان ئىدى. ئۇ كۆزۈىنى يۆتكەپ يەنە دېڭىزغا قارىدى ـ دە، دېڭىزغا قارىتىپ دىدى:
      ـ ئى دېڭىز! سەن گۇۋاچى، سەن مەن ئۈچۈن ياڭغا ئېيتىپ  قويغىنكى، مەن تېخى ھايات، مەن تېخى ئۇنى ئېسىمدىن چىقىرىپ قويمىدىم. مەن تېخى ھىچنىمىگە قارىماي تاكى ئۆلگەنگە قەدەر ئۆز قەسىمىمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىمەن! ـ ئۇ ئەمدى بېشىنى مەن تەرەپكە بۇرىمىدى.
      
    ئىككىنچى: بىر مىللەتنىڭ چوڭ پاجىئەسى
      مان بارا ـ بارا ئۇنىڭ سىرى ۋە غەزەپ ـ نەپرەتلىرىنىڭ سەۋەپلىرىنى چۈشىنىپ قالغان بولساممۇ، لېكىن مەن ئۇنىڭ قەدىردانى ياڭنىڭ قانداق ئادەم  ئىكەنلىگىنى بىلمەيتتىم. مەن ياڭ دىگەن بۇ ئادەم ۋە ئۇنىڭ ھەركىتى توغرىسىدا بىرەر خەۋەر ئاڭلاپ باقمىغان ئىدىم، ۋەھالەنكى، مەن پەقەت بۇ ئايالنىڭ ئۇ توغرىلىق قىلغان گەپلىرىگە ھىسداشلىق قىلىش تۇيغۇسىدىلا بولدۇم. مەن مۇۋاپىق سۆز تېپىپ، بۇ ھىسداشلىغىمنى بىلدۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشمەكچى بولدۇم. مەن خىيال سۈرۈشكە باشلىدىم. مەن بارا ـ بارا ۋۇجۇدۇمدا ئۆزگىرىش  بولۇۋاتقانلىغىنى ھىس قىلدىم. مەن گويا ئىلگىرىكى ئۆز ئەسلىمگە ئوخشىمىغاندەك بولۇپ قالدىم. مەن ئاستا ـ ئاستا چوڭقۇر ئەسلىمە قاينىمىغا چۆكۈپ كەتتىم ـ دە، ئېسىمدىن كۆتىرىلىپ كەتكەن ئىشلار بىردىن كاللامغا كىرىۋالدى. مەن ئۇنىڭغا:
       ـ مەن سىزدىن مېنىڭ خورلانغان قۇل ئەمەسلىگىمگە ئىشنىشىڭىزنى خالايمەن. مەن بىر سىۋاسىباد. بىلىشىمڭىز كېرەككى، يەھۇدىلار ئىچىدە سىۋاسىباد ئائىلىسىدىن قۇللار چىققان ئەمەس، ـ دىدىم. 
       دەرۋەقە، بۇ سۆزۈم ئۈنۈم بەردى. مەن ئۇنىڭ دەررۇ ماڭا بۇرۇلۇپ قارىغانلىغىنى كۆردۈم.ئۇ يۈزلىرىدىن خوشاللىق نۇر ياغدۇرۇپ، ھەم شاتلانغان، ھەم ھوقۇققان ئاۋاز بىلەن سورىدى:
       ـ سىۋاسىباد، يېقىندا پارىژدا باندىت پىتليورانى ئۆلتۈرگەن ئاشۇ يەھۇدىما؟
       ـ ھەئە، ـ دەپ جاۋاب بەردىم مەن جىددى ئاۋازدا، ـ ئىلگىرى سىۋاسىباد دىگەن بىر شائىر پولشانىڭ مۇستەقىل بولۇشىغا ياردەملىشىپ، جەڭ مەيدانىدا ئۆلۈپ كەتكەن. يەنە بىر قىز روسىيە ئىنقىلاۋى پارتىيىسىگە قاتناشقانلىغى  ئۈچۈن دارغا ئېسىلغان. سىۋاسىباد دەيدىغان يەنە بىرى پېتىربۇرگدا  يۈز بەرگەن چوڭ ئوت كېتىش ۋەقەسىدە بىر كىچىك بالىنى قۇتقۇزىمەن، دەپ ئوت ئىچىدە كۆيۈپ ئۆلگەن. بۇنداق ئىشلار ناھايىتى كۆپ.
       ـ بۇلارنىڭ چىقايسىدىن مېنىڭ خەۋرىم يوق. گەرچە مېنىڭ ئانام بىر يەھۇدى بولسىمۇ، لېكىن يەدۇدىلارنىڭ ئىشلىرىدىن مېنىڭ بىلىدىغانلىرىم ناھايىتى ئاز. سىۋاسىبادنىڭ باندىت پىتليورانى ئۆلتۈرگەن ئىشلىرى توغرىسىدا ئۇشتۇمتۇت گېزىتتىكى بىر قىسقا خاتىرىلار كۆرگەنمەن. سىزنىڭ بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلارنى ماڭ ئاېيتىپ بېرىشىڭىز مۇمكىنمۇ؟ ـ ئۇ تەقەززارلق بىلەن سورىدى.
       مەن ئىچىمدە: مۇشۇنداق قىلغاندا ئۆز خوشال ھەم قىزغىن ھالدا جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دىدى:
       ـ تەبىئىكى، بىزنىڭ ئىدىيە جەھەتتە سىۋاسىباد بىلەن بىر ئىرادىدە بولۇش ـ بولماسلىغىمىزدىن قەتئىينەزەر ھەر بىر يەھۇدى كىشىسى ئۇنىڭ ئىشلىرىنى خوشال بايان قىلىشىدۇ. بىز ئۇنى بىر قەھرىمان دەپ ھىساپلايمىز، چۈنكى ئۇ يەھۇدىلىرىمىزنىڭ كۆپتىن بۇيانقى چوڭ پاجىئەسىنى پۈتۈن دۇنيا ئالدىغا يېيىپ، پۈتۈن دۇنيادىكى كىشىلەرنى بىزنىڭ قانداق كۈلپەت چېكىۋاتقانلىغىمىز، قانداق جان تالىشىۋاتقانلىغىمىز ۋە قانداق تۈگەپ كېتىۋاتقانلىغىمىزدىن خەۋەردار قىلىپ، ئۇلارنى بىزنىڭ ئېچىنىلىق سەزگۈرەشتىمىز ۋە باتۇرانە تىرىشچانلىغىمىز ئۈچۈن بىر تامچە ھىسداشلىق كۆز يېشىنى ئاققۇزىدىغان قىلدى. توغرا، سىۋاسىباد پارىژ تۈرمىسىدىكى چاغدا، گېزىتلەر ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشىدىن نەقەدەر جاراڭلىق توۋلاشقان ئىدى ـ ھە! ئۇ گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم قىلىنىپ تۈرمىدىن چىققاندىمۇ، ھەرقايسى ئەللەر خەلقلىرىنىڭ قارشى ئېلىشىغا نەقەدەر سازاۋەر بولغان ئىدى ـ ھە! توغرا، ھەرقايسى ئەل خەلقلىرى، يالغۇز يەھۇدىلارلا ئەمەس...، ـ مەندىكى قىزغىنلىق كارنىيىمنى توسىۋالدى، مەن سەل ـ پال دېمىمنى ئېلىۋېلىپ، سۆزۈمنى يەنە داۋاملاشتۇردۇم. ـ بۇنى سىزگە سۆزلەپ ئولتۇرۇشۇمنىڭ ھاجىتى يوق، بەزى دۆلەتلەردە زامان ـ زاماندىن تارتىپ يەھۇدىلاركەمسىتىشكە ۋە زۇلۇمغا ئۇچراپ كېلىۋاتىدۇ. جاھانگىر روسىيە دەۋردىكى «بوگرون»سىزگە مەلۇم. ھەممەيلەن شۇنداق دىيىشىدۇ، چار پادىشاسى ھۆكۈمىتى مەخسۇس يەھۇدىلارنى قىرىش ھەركىتى قوزغاش ئارقىلىق خەلقنىڭ مۇستەبىتلىك سىياسەتكە بولغان نارازىلىغىنى پەسەيتكەن. چار پادىشاسى ھۆكۈمىتىنىڭ مۇكاپاتى ئارقىسىدا، ھەربى ـ ساقچىلار، ژاندارمىلار، ئەكسىيەتچىلەر، ئاق ئوفىتسېرلار مەخسۇس يەھۇدىلەرنى قىرغىن قىلىشنىلا ئۆز ۋەزىپىسى قىلىۋالغان. بىزنىڭ تۇرار ـ جايلىرىمىز ئۇلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايتتى، مال ـ مۈلۈكلىرىمىز تالان ـ تاراچ قىلىناتتى. ئەرلەر ئۆلتۈرۈلۈپ، خوتۇن ـ قىزلار ئاياق ـ ئاستى قىلىناتتى. جەنۇبىي قىسىمدىكى يېزا ـ قىشلاقلاردا ھەربىلەر ھەمىشە ئۆلتۈرۈلگەن يەھۇدىلارنىڭ كاللىسىنى كۆتىرىپ كوچىلاردا تەنتەنە قىلىشاتتى. مەلۇم بىر يېزا ـ قىشلاقتا ئۆلتۈرۈلگەن يەھۇدىلارنىڭ كاللىسىنىڭ ئاز ـ كۆپلۈگىنى سېلىشتۇرۇش يۈزىسىدىن تېخى مۇسابىقىمۇ ئۆتكۈزۈلگەن . بۇ چاغلاردا بىز ئۆيگىلا كىرىۋېلىپ ئازاپلىنىپ يىغلايتتۇق. بىز ھەمىشە ئۆز ت ئۆزىمىزدىن شۇنداق سورايتتۇق: نىمە ئۈچۈن بىز يەھۇدىلار مۇشۇنداق سەزگۈزەشتىلەرگە ئۇچرايمىز؟ نىمە ئۈچۈن بىزنىڭ پەرزەنتلىرىمىز ئازراق بولسىمۇ كۈن كۆرۈشكە ۋە شاتلىققا ئېرىشەلمەيدۇ؟ نىمە ئۈچۈن بىز كىشىلەرنىڭ قىرغىن قىلىشىغا ئۇچرايمىز. مەن بىر قېتىم ئىككى ئاق ئوفىتسېرنىڭ سۆزلىشىۋاتقانلىغىنى ئۆز قۇلىغىم بىلەن ئاڭلىدىم. بىرى، ئۆزىنىڭ يىگىرمە يەتتە يەھۇدى ئايالغا باسقۇنچىلىق قىلغانلىغىنى ئېيتسا؛ يەنە بىرى، بىر كۈندىلا ئون بەش ئەر يەھۇدىنى ئۆلتۈرگەنلىگىنى ئېيتتى. ۋاھالەنكى ئۇ كۈنلەردە مېنىڭ يېشىم كىچىك بولغاچقا، ئۇلار بىلەن جەڭ قىلغۇدەك كۈچۈم يوق ئىدى. بىراق بىز سىۋاسىباد ئائىلىسىدىكىلەرمۇ باش ئەگمەيتتۇق. مېنىڭ چوڭ دادام بىر قېتىملىق قارشىلىق كۆرسىتىش داۋامىدا ئۆلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇمۇ ئاۋال ئاق ئوفىتسېردىن بىرنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن، بەلكى تېخى ئانامنى قۇتقۇزۇپ قالغان ... ئوكرائىندىكى باندىت پىتليورا «بوگرون»نىڭ ئاساسىي كاتتىۋاشلىرىدىن بىرى. ئۇ يەھۇدىلارنى ئۆلتۈرۈش بىلەن نام چىقارغان، ئۇ دېنىكىندىن كېيىنكى ئەڭ ۋەھشى جاللات. نۇرغۇن يەھۇدىلار دائىم ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن ئۆز بالىلىرىنى قورقۇتىدۇ. بالىلار «پىتليورا كەلدى» دېگەن گەپنى ئاڭلىغان ھامان يىغسىنى توختىتىشىدۇ. پېتليورا يەھۇدىلارنىڭ نەزىرىدە ئەڭ قورقۇنچلىق ئالۋاستىغا ئايلانغان. ئۇنىڭ قوماندانلىغى بىلەن قانچىلىك يەھۇدىلارنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىگىنى بىلگىلى بولمايدۇ.
       ـ نىمە ئۈچۈن بۇ ئىشلارنى ئىلگىرى مەن ئاڭلىمىغان بولغىيتتىم؟ ـ ئۇ ھاياجانلانغان ھەم تەئەججۈپلەنگەن ھالدا سۆزۈمگە لوقما سېلىپ سورىدى.
       ئۇ قاتناش ئورگانلىرىنى ئىگەللىۋالغان، ئۇلار تەشۋىقات قوراللىرىغا ئىگە، بىزنىڭ ھىچنەرسىمىز يوق ئىدى، بىز تېچ ئاھالىلەر، خۇددى بىر تەخسە قۇم ئىدۇق. شۇڭلاشقا، بىزنىڭ چوڭ ـ چوڭ پاجىئەمىزنى دۇنيادىكى كىشىلەر بىلەلمەيتتى. ئۇلار ئۇستىلىق بىلەن پۈتۈن دۇنيادىكى كىشىلەرنى ئالداپ  كېتەلىدى. ھالبۇكى، بىزمۇ ئاخىرى بىر پۇرسەتكە ئېرىشتۇق، سىۋاسىباد قەۋمىدىكى بىر كىشى كيېىن پارىژدا باندىت پېتليورانى ئۇچراتقان. بىر قەھۋىخانىدا ئۇ ئاق گېنرال بىلەن ئۇدۇلمۇ ـ ئۇدۇل تۇرۇپ تاپانچىسىدىكى بەش تال ئوقنىڭ ھەممىسىنى پېتليورانىڭ بەدىنىگە ئېتىپ تەككۈزۈۋەتكەن. ئۇ پېتليورانىڭ يەرگە يىقىلغانلىغىنى كۆرگەندىلا، ئاندىن تاپانچىسىنى تاشلاپ كىشىلەرگە تۇتۇق بەرگەن. ئۇ پارىژ تۈرمىسىدە بىر يىلدىن كۆپرەكتۇرمۇش ئۆتكۈزگەن ۋە يەنە بىرنەچچە ھەپتە سوت قىلىنغان. بۇ مەزگىلدە ئۇبارلىق يەھۇدىلارنىڭ مەدەتكارلىغىغا ئېرىشكەن. نۇرغۇن يەھۇدى ئاياللىرى بالىلىرىنى ئېلىپ تۈرمىگە بېرىپ ئۇنىڭغا بەخت ـ سائادەت تىلەشكەن. ئۇنىڭ بىلەن پارىژ كەمبەغەللەر مەھەلىسىدە بىللە ئۆتكەن نۇرغۇن يەھۇدى تېچ ئاھالىلىرى سوتقا بېرىپ، ئاشۇ ئېچىنىشلىق پاكىتلارنى بايان قىلىشقان.جەنۇبىي روسىيە يېزىلىرىنىڭ ئۆتكەنكى پاجىئەلىك مەنزىرىسى پارىژ خەلقى ئالدىدا، ياق، ھەرقايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا قايتىدىن پەيدا بولغان. چېچى ئاقارغان بىر بوۋاي: ئىككى ئوغلىدىن قانداق ئايرىلغانلىغى، دۇكىنىنىڭ قانداق كۆيدۈرۈلگەنلىگى، نەرسە كېرەكلىرىنىڭ قانداق بۇلاڭ ـ تالاڭ قىلىنغانلىغى ۋە ئۆزىنىڭ پىچاقتا زەخمىلىنىپ ئوت ئىچىدىن قانداق قېچىپ چىققانلىغىنى بايان قىلغان. بىر ياش: بىر كۈنى ئاخشىمى كەنتتىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇخلاپ قالغان چاغدا، ئۇشتۇمتۇت  بىرقانچە ئوفىتسېرنىڭ بىر تالاي ئادەملەرنى باشلاپ كېلىپ. تەلۋىلەرچە پەسكەس ناخشىلارنى بولۇشىغا توۋلاپ، ئۆيمۇ ـ ئۆي كىرىپ، قىممەت باھالىق نەرسىلەرنى بۇلاڭ ـ تالاڭ قىلىپەرلەرنى ئۆلتۈرۈپ، ئاياللارغا باسقۇنچىلىق قىلىپ، ئۆيلەرنى كۆيدۈرۈپ خاراپ قىلغانلىغىنى: ئانىسىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن بۇلاپ كېتىلىپ، دادىسىنىڭ يولدا ئۆلتۈرۈلگەنلىگىنى؛ ئۆزىنىڭ بولسا بىر خوشنىسى تەرىپىدىن قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىغىنى... بايان قىلىپ بەرگەن. ئۇلار شۇنچە تەپسىلى باياق قىلغان. ھەي، سىز سوت ئۈستىدە مۇشۇ پاجىئەلىك ئەھۋاللارنىڭ بايان قىلىنغانلىغىنى ئاڭلىيالىغان بولسىڭىز ئىدى ـ ھە! شۇ چاغدا چەتتىن ئاڭلىغان  كىشىلەرنىڭ ھەممىسى يىغلاپ كېتىشكەن. شۇنداق، ھەممە كىشى، يەھۇدىلار ۋە باشقا دۆلەت كىشىلىرى پارىژ گېزىتلىرىدە ھەر كۈنى تېخى «بوگرون» ھەققىدىكى خاتىرە ۋە سۈرەتلەرمۇ ئېلان قىلىنىپ تۇرغان. بۇ جەنۇبىي روسىيە ئادەم ئەۋەتىپ تەكشۈرۈپ ئېلىپ بېرىشتىن قولغا كەلگەن نەتىجە. پېتليورانىڭ جىنايى نامى ئىسپاتلاندى. بۇنىڭ بىلەن ئاياق ـ ئاستى قىلىنغان بىر مىللەتنىڭ چوڭ پاجىئەسى دۇنياغا ئاشكارا بولۇپ ھەرقايسى  ئەل خەلقلىرىنىڭ ھىسداشلىغىنى قوزغىدى، سىۋاسىبادمۇ گۇناھسىز دەپ قىلىنغان ھۆكۈم ئاستىدا ئەركىنلىككە ئېرىشتى. شۇنداق، ئۇ ئەركىنلىككە ئېرىشتى. خۇددى ئۇنى ئاقلىغان ئادۋوكات ئېيتقاندەك: «ئۆتمەشتىكى >بوگرون< نىڭ جىنايىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، كەلگۈسىدە يەنە مۇشۇنداق قىرغىنچىلىق ئۆمىگىنىڭ پەيدا بولۇشىنى مەنئى قىلىش ئۈچۈن، پۈتۈن مىللەتنىڭ پاجىئەسىنى مۇشۇ ئادەم ئۆزىلا ئۈستىگە ئالدى، ھازىر ئۇ ئەركىن ھالدا سوتتىن چىقىپ كېتىشى كېرەك.» مانا بۇ پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن سىۋاسىباد ۋەقەسىنىڭ تەپسىلاتى.
       مەن ئەمدى گەپ قىلماي جىم تۇردۇم. ئۆتمۈشتىكى مۇدھىش چۈشلەر مېنى چىرمىۋالدى ت دە، ئېسىمدىن  كۆتىرىلىپ كەتكەن پاجىئەلىك مەنزىرىلەر يەنە كۆز ئالدىمغا كېلىۋالدى. «بوگرون» يوقىتىلغان بۈگۈنكى كۈندە مەن يەنە بىر قېتىم نۇرغۇن پاجىئەلىك ئەھۋاللارنى كۆز ئالدىمدىن بىر ـ بىرلەپ ئۆتكۈزدۈم. مەن جان تالاشماقتىمەن، مەن ئەسلىمەكتىمەن.

    ئۈچىنچى: قۇللارنىڭ ھىكايىلىرى
      ئۇ سكزلىگەنلرىمنى جىمجىت ھالدا ئاڭلىدى. ئۇ گەپ ـ سۆز قىلماستىن، يەنە بۇرۇلۇپ دېڭىزغا قارىۋالغان پېتى خېلى ئۇزۇنغىچە مەن تەرەپكە ئۆرۈلمىدى.
       مەن بۇرۇلۇپ دېڭىزغا قارىدىم. چۈنكى مېنىڭ كۆڭلۈم بۇزۇلۇپ بىئارام بولۇۋاتاتتىم، مەن ئۇنى جىمىتىشقا ئامالسىز ئىدىم. مەن دېڭىزغا دىققەت بىلەن قارايتتىم، دېڭىز نەرە تارتىپ ھۆكىرەتتى، سەكرەتتى ۋە يوغان ئاغزىنى ئېچىپ ھەممىنى يۇتۇۋېتىمەن دەيتتى. ئۇ قاپقارا، يوغان ئاغزىدىن توختىماي ئاق كۆپۈك پۈركۈپ، كەينى ـ كەينىدىن گۈلدۈرمامىدەك ئاۋاز چىقىراتتى.
       ـ ئەي دېڭىز، سەن بۇ جاھاندىكى ئادالەتسىزلىكنى سۈمۈرۈۋالغانمىدىڭ؟ سەن كىشىلەنرىڭ يۈرەك ـ باغرىنى پارە ـ پارە قىلىۋېتدىغان پاجىئەلىك ئىشلارنىڭ ھەننىۋاسىنى يۇتۇۋەتكەن ئەمەسمىدىڭ؟ نىمە ئۈچۈن بۇ شىلار يەنە مېنىڭ كۆز ئالدىمدا تۇرۇۋالىدۇ؟ ئاشۇ يىغا ـ زارە، قىيا ـ چىيا ئاۋازلىرى نىمە ئۈچۈن تېخىچە مېنىڭ قۇلىغىم تۈۋىدىن كەتمەيدۇ. ئى دېڭىز، تېخىمۇ دەھشەتلىك نەرە تارتىپ، ھەممىنى غەرق قىلىۋەتسەڭچۇ! ـ مەن ئۆككسۈمنى تۇتۇپ تۇرۇپ دېڭىزغا شۇنداق دىدىم. دېڭىز پەقەت گۈلدۈرمامىدەك گۈلدۈرلىگەن ئاۋازى بىلەنلا جاۋاپ قايتۇردى.
       مەن بىردىنلا بۇرۇلۇشمغا، ماڭا دىققەت بىلەن قاراپ تۇرغان ئۇنىڭغا كۆزۈم چۈشتى، ئۇنىڭ كۆز نۇرى پۈتكۈل ئەزايىمنى يورۇتۇپ، قەلبىمنى ئىللىتىۋەتتى. مانا ئەمدى مەندىمۇ سىر بولدى. بەلكى مەندىكى سىرمۇ  دېڭىزنىڭ سىرى بىلەن باغلىنىپ كەتتى، شۇ تاپتا ماڭا ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن غەلىتە ئايالدەك ئالامەت چېلىقاتتى، ئۇ ماڭا خېلى ئۇزۇندىن بېرى تونۇشتەك تويۇلدى. بىز ئالاھىزەل بىر بىرىمىزنى چۈشىنىدىغان دوستلاردىن بولۇپ كەتتۇق: مەن بىر سىۋاسىباد، ئۇنىڭ ئانىسىمۇ بىر يەھۇدى ئايال، ئۇنىڭ قەدىردانى ياڭ ۋە بالىسى ئۇلۇغ ئىشلار يولىدا ئۆلۈپ كەتكەن.
       ـ مەن ئەمدى ئاخىرى بىر ئادەمنى تاپتىم، ـ دىدى ئۇ جاراڭلىق ئاۋازدا، ـ قۇل ئەمەس بىر ئادەمنى تاپتىم، ئەمدى سىرىمنى ئۇنىڭغا ئېيتسام بولار. بوپتۇ، مەن ھازىر سىزگە ئۆزۈمنىڭ ھىكايىسى ۋە قەدىردانىم ياڭ ھەققىدىكى ھىكايىنى ئېيتىپ بېرەي.
      تېچ ئوكياندا لىبولو دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئارال دۆلىتى بار، ياڭ ئەنە شۇ يەردە تۇغۇلغان، مەن كىچىك چېغىمدىلا ئاتا ـ ئانام بىلەن بىللە مۇشۇ يەرگە كەلگەن. بۇ ئارال دۆلىتىدىمۇ باشقا نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭكىدەك ئوردىدا ئولتۇرۇپ بۇيرۇق چۈشۈرۈش ئارقىلىق خەلققە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان بىرقانچە ئاقساقاللار، كۈنبويى ھىچقانداق ئىش قىلماي نەغمە ـ ناۋا بىلەنلا ئۆتىدىغان ئاقسۆڭەكلەر، ئەتىگەندىن ـ كەچكىچە ئەمگەك بىلەنلا بەنت بولىدىغان قۇللار بار ئىكەن. مېنىڭ دادام بۇ ئارال دۆلتىدىن ئەمەس، ئۇ بۇ ئارالغا سودىگەرچىلىك قىلىشقا كەلگەن، ئۇنى بۇ ئۈچ خىل كىشىلەر قاتارىدا ھىساپلىغىلى بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. بىراق، ئۇ ئاقسۆڭەكلەر بىلەن ئادەملەرنىڭكىدىنمۇ ئۈستۈن. ئۇ ھەمىشە ئانامنى ۋە مېنى ئاقسۆڭەكلەر سارايلىرىدىكى زىياپەت ياكى تانسىلارغا بىللە ئېلىپ باراتتى. ئاقسۆڭەكلەرنىڭ بۇ سارايلىرى ناھايىتى ياسىداق، ھەشەمەت ئىدى، تەكلىپ قىلىنغانلار تاسادىپى كېلىپ قالغان ئاقساقاللارنى ھىساپقا ئالمىغاندا، تولىسى مۇشۇ يەرلىك ئاقسۆڭەڭلەر ياكى چەتئەللەردىن كەلگەن ئالىجاناپلار ئىدى. چەتئەللەردىن كەلگەنلەر بۇ دۆلەتتە ئالىجاناپلار دەپ قارالغاچقا، ھۆرمەتلىنەتتى. ئاقسۆڭەكلەر چەتئەللىك ئالىجاناپلار بىلەن باردى ـ كەلدى قىلىشنى شەرەپ دەپ بىلىشەتتى، شۇڭا ئاقسۆڭەكلەرنىڭ زىياپىتىگە ھامان چەتئەللىك ئالىجاناپلار تەكلىپ بىلەن قاتناشتۇرۇلاتتى. ئاقسۆڭەكلەرنىڭ خان قىزلىرى ئاشۇ ئالىجاناپلار بىلەن باردى كەلدى قىلىشقىنىغا خوشال بولۇشاتتى، بىز چەتئەل ئايالىرىمۇ ھەردائىم ئاقسۆڭەك بەگزادىلىرىنىڭ قورشاۋىدىلا تۇراتتۇق. مەن ھەمىشە بەزى ئاقسۆڭەك بەگزادىلەر بىلەن بىللە يۈرۈپ كۆڭلۈمنى ئاچاتتىم. ئۇ چاغدا مەن ناھايىتى شوخ ئىدىم.
       ھەر كۈنى كەچتە مەن ھامان ئاتا  ـ ئانام بىلەن بىللە ئاقسۆڭەكلەرنىڭ زىياپىتى ياكى تانسىلىرىغا قاتنىشاتتىم. بۇ يەلەردە قۇللار بىزگە  خوشامەت قىلىپ،  پايپىتەك بولۇشۇپ خىزمەت قىلىشاتتى. ھەشەمەتلىك زاللاردا ئوكىستېرلار كەڭ تارقالغان ئاھاڭلارغا چالاتتى، بىر بىرىگە جۈپ بولۇشۇپ تانسىغا  چۈشكەن ئەر ـ ئاياللار ھارغىنىنى تۇيماي پۇخادىن چىققۈدەك تانسا ئوينايتتى ياكى خوشال پاراڭلىشاتتى. بەزىدە ئاقسۆڭەك بەگزادىلەر ماڭا تولا چىرمىشىۋېلىپ بېشىمنى قايدۇرۇۋەتكەچكە، مەن غىپپىدىلا باغچىغا چىقىۋېلىپ بىردەم جىم  ئولتۇرۇۋالاتتىم. بۇنداق چاغلاردا سۈنئى تاغ كەينىدە يىغلاۋاتقان بىرەر قىز ياكى تاش ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ كۆزىدىن ياش تۆكۈۋاتقان بىرەر بوۋاي كۆزۈمگە چېلىقىپ قالاتتى. ئۇلار مېنى كۆرۈپلا ئۆزىنى بىر چەتكە ئېلىشاتتى، مەنمۇ ئۇلارنىڭ رەڭگىگە سەپسېلىپ يۈرمەيتتىم. چۈنكى ئۇ چاغدا مەنمۇ قۇللارنى كۆزۈمگە ئىلمايتتىم. بەزى ئادەملەر ئەيش ـ ئىشرەت قىلىپ كۆڭۈل ئاچاتتى، بەزى ئادەملەر كۆز يېشى قىلىپ قايغۇراتتى، بۇنداق ئىشلار بۇ يەردە بەكمۇ كۆپ ئۇچرايتتى، غەلىتە تۇيۇلمايتتى. كۆپىنچە كۈنلىرى مەن قېلىن جۇۋا كىيىۋالاتتىم، ئاقسۆڭەك بەگزادىلەر مېنى قوغداپ ئۇزىتىپ چىقىشاتتى. ساراينىڭ ئالدىغا ماشىنىغا چىقاي دەپ تۇرغان چاغلىرىمدا، ئۇچىسىغا جۇل ـ جۇل بولۇپ كەتكەن، يېلىڭ چاپان كىيىۋالغان بالىنىڭ مۇزدەك تاشقا تىزلىنىپ تۇرۇپ ھەم تىترىگەن، ھەم يىغلىغان ھالدا پۇل تىلىگەنلىگىنى چېلىقتۇراتتىم. ئۇ مېنىڭ يولۇمنى توسىۋالاتتى. شۇ تۈپەيلى، ئاقسۆڭەك بەگزادىلەر ئىچ ئاغرىتماستىن ئۇنى تېپىۋېتەتتى.
       ھەربىر ئاقسۆڭەكنىڭ سارىيىدا قۇللارنىڭ يىغلىغان ئاۋازى ماڭا ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ئىشىك ئالدىدا بالىلارنىڭ پۇل تىلىگەنلىگى ماڭا چېلىقىپ تۇراتتى. بىز ئاشۇنداق خوشاللىقتا تۇرۇپ، باشقىلارنىڭ ئازاپ چېكىۋاتقانلىغىنى كۆرگىنىمىزدە بىرئازمۇ ئىچ ئاغرىتىمايتتۇق.
       كۈنلەر مۇشۇنداق ئۆتىۋەردى. مەلۇم بىر ئاخشىمى مەن ئاجايىپ بىر سەرگۈزەشتىگە دۇچكەلدىم. بۇ سەرگۈزەشتە دەل مېنىڭ ھازىرقى ھالەتكە كېلىشىمنىڭ  مۇھىم بىر سەۋىۋى بولۇپ قالدى، شۇ كۈنى ئاخشىمى مەن ئاشۇ ئاقسۆڭەك بەگزادىلەرنىڭ چىرمىشىۋېلىشىغا چىدىيالمىدىم ـ دە، تانسىنى تۈگەتمەي تۇرۇپلا بىر بانا تېپىپ، غىپپىدىلا قېچىپ كەتتىم.  بىراق ماشىنامنىڭ قېشىدا شوپۇرنى تاپالمىدىم، قارىسام ئاي سۈتتەك يورۇق ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن ماشىنىنى ئۆزۈم ھەيدەپ ماڭدىم، مېنىڭ ماشىنا ھەيدەش تېخنىكام ئەزەلدىن ياخشى ئەمەس ئىدى. بىر كوچىنىڭ دوقمۇشىدىن بۇرۇلىدىغان چاغدا ئازراق بىخەستەلىك قىلىپ قويغانلىغىم ئۈچۈن، ماشىنا ئالدىمدىنكېلىۋاتقان بىر رىكشىغا ئۇرۇلدى، رىكشا ئاغدۇرۇپ، خېلى يىراققا بېرىپ چۈشتى، ئۈستىدىكى ئادەممۇ يىقىلدى، ماشىنا ئۇ ئادەمنى بېسىپ ئۆتۈپ كەتتى. ئەتراپىمدا بىرنەچچە ئادەم چۇقان ـ سۈرەن سېلىشتى. مەن بۇ بالاغا يولۇققاندىن كېيىن، گەرچە ساقچىنىڭ ئارىلاشمايدىغانلىغىنى بىلسەممۇ . لېكىن ھەر ھالدا بىر ئاز ھۇدۇقتۇم. مەن ماشىنامنى ھەيدەپ قاچاي دەپ تۇرۇشۇمغا ماشىنامنىڭ ئىشىگى ئۇشتۇمتۇت ئېچىلدى. كۈچلۈك بىر قول بىلىگىمدىن تۇتۇۋالدى: «سىز چۈشۈڭ!» قۇلىغىمنىڭ تۈۋىدە مەن چۈشىنەلەيدىغان مۇشۇنداق بىر جۈملە سۆز جاراڭلىدى. مەن ئەزەلدىن بۇنداق ئىشنى بېشىمدىن كەچۈرمىگەچكە، نىمە قىلارىمنى بىلەلمەيلا قالدىم. مەن بۇ ئادەمگە بىر قارىدىم ـ دە، ماشىنىدىن چۈشتىم. بۇ ئورۇق، زىلۋا كەلگەن بىر ياش بولۇپ ، تەقى ـ تۇرقى ۋە ھەركىتى ئاقسۆڭەك بەگزادىلەرگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايتتى. ماڭا ئۇ ئانچە يامان تۇيۇلمىدى. ئۇ مېنى باشلاپ يارلانغۇچى كىشىنى كۆرۈشكە ئېلىپ باردى، كوچا چىرىغىنىڭ يورۇغىدا مەن يەردىكى قان ئىزلىرىنى ۋە ئېچىنىشلىق ھالەتتە ياتقان جەسەتنى كۆردۈم. ئۇ بىر ئايال بولۇپ تۈگۈلۈپلا قالغان ئىدى، پۈتۈن ئەزايى قانغا مىلەنگەن ئىدى.
       ھىلىقى ياش رىكشىچى بىلەن سۆزلىشىۋاتاتتى. رىكشىچى زەخمىلەنگەن يېرىنى سىلىغان پېتى يىغلاپ ئۇنىڭغا نىمىلەرنىدۇر داتلاۋاتاتتى. رىكشىچى سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن، ھىلىقى ياش مەن چۈشىنەلەيدىغان سۆزلەر بىلەن مېنى ئەيىبلەپ، بۇنىڭ  پۈتۈنلەي مېنىڭ خاتالىغىم ئىكەنلىگىنى، مېنىڭ ساقچىنىڭ قوماندانلىغىغا رىئايە قىلماي، دوقمۇشتىن بۇرۇلۇش ۋاقتىدا ماشىنىنى تېز ھەيدىگەنلىگىمدىن بولغانلىغىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە ماڭا: ئۆلگۈچى ئايال بىر كېسەلمەن خوتۇن بولۇپ، رىكشىچى ئۇنى دوختۇرغا كۆرسىتىش ئۈچۈن ئېلىپ ماڭغان ئىكەن، دىدى. ئۇ ئايالنىڭ قول ئەمگىگىگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن. رىكشىچى بۇ ئايالنى تونۇغاچقا، ئەھۋالنى شۇنچە تەپسىلى سۆزلەپ بەردى.
       ھىلىقى ياش جىددى ھالدا ماڭا بىرمۇنچە گەپ ـ سۆزلەرنى قىلدى. ئۇ قولى بىلەن قانغا مىلىنىپ ياتقان جەسەتنى ئۈزلۈكسىز كۆرسەتتى. بۇ ياشنىڭ كۆزلىرى شۇنچە قورقۇنچلۇق بولۇپ، چوڭقۇر نەپرەت بىلەن تولغان ئىدى.  مەن ئادەتتىكى مەغرۇرلۇغۇمنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ قويدۇم. مەن ھەتتا بۇ ياشقا تىكىلىپمۇ قارىيالمىدىم. مەن ھودۇقۇپ يىغلىۋەتكىلى تاسلا قالدىم، نەتىجىدە مەن ئۆز خاتالىغىمغا ئىقرار بولدۇم، ئۇنىڭغا ئۆزۈمنى ئاقلاپ بىرمۇنچە سۆزلەپ كەتتىم، مەن يەنە ئاشۇ ئايالنىڭ بالىلىرىنىڭ تۇرمۇش راسخوتى ۋە ئوقۇش راسخوتىنى ئۈستۈمگە ئېلىشقا ماقۇل بولدۇم. مەن ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ ياڭ ئىكەنلىگىنى بىلدىم. ئۇ ھەمىشە ئاشۇ بالىلانرىڭ ئىشلىرى ئۈستىدە مېنىڭ ئائىلەمگە كېلىپ تۇراتتى، بىز بارا ـ بارا دوست بولۇپ قېلىشتۇق.
      ئۇنىڭ بىلەن دوست بولۇپ قېلىش مېنىڭ خىيالىمغىمۇ كەلمىگەن ئىش ئىدى. ئۇ بىر كەمبەغەل ئوقۇغۇچى ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھىلىقى ئاقسۆڭەك بەگزادىلەرگە ئوخشىمايتتى، ئۇ بىرەر ئايالنىڭ كۆڭلىنى قانداق ئېلىشنى زادىلا بىلمەيتتى. ئۇنىڭ مېنىڭ ئالدىمدا گەپ ـ سۆز قىلىشلىرى خۇددى مېنى تامامەن ئۆزىگە ئوخشاش بىر ئادەم سۈپىتىدە كۆرگەنگە ئوخشايتتى.
      مەن ئاقسۆڭەك بەگزادىلەرنىڭ قورشاۋىدا ئىسىلزادە خېنىملارنىڭ تۇرمۇشىغا كۆنۈپ قالغان ئىدىم. قۇلىغىممۇ خوشامەت ـ تەكەللۇپ سۆزلىرىگە كۆنۈپ قالغان ئىدى. ۋەھالەنكى، بۇنىڭغا تامامەن ئوخشىمايدىغان بىر ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا بولسا، مەن زادىلا خوشسىز چىقمىدىم، مەن ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن مەن ئۇقمايدىغان نۇرغۇن ئىشلارنى ئۇقۇۋالدىم. مەن يىپ ـ يېڭى بىر دۇنيانى بىلىشكە باشلىدىم. ئۇنىڭ گەپلىرى دەسلەپتە بەلكىم قۇلىغىمغا ياقمىغاندەك قىلسىمۇ، لېكىن بارا ـ بارا بۇ گەپلەرنىڭ قۇرۇق ـ پۈچۈك گەپ ئەمەسلىگىنى بايقىۋالدىم. ئۇنىڭ ھەر بىر جۈملە سۆزى چىن ھىسسىياتلىق چىقاتتى. غەزەپ ـ نەپرەتمۇ، قايغۇ ـ ھەسرەتمۇ ۋە خوشاللىقمۇ بار ئىدى، بىراق روشەنكى ، خوشاللىغى ناھايىتى ئاز ئىدى. چۈنكى ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ دۆلەتتە ئېچىنىشلىق ۋە يىرگىنىشلىك ئىشلار بەك كۆپ ئىكەن.
       مەن بۇ ياش بىلەن تونۇشقىنىمدىن كېيىن، تۇرمۇشۇمدىمۇ بارا ـ بارا بەزى ئۆزگىرىشلەر بولدى. مەن ھىلىقى ئاقسۆڭەك بەگزادىلەر بىلەن باردى كەلدى قىلىشنى تازا ياقتۇرمايدىغان بولدۇم. ئەمدى بۇرۇنقىدەك ۋاقتىمنى زىياپەتتە، تانسىدا بىھۇدە ئۆتكۈزمەيدىغان بولدۇم، بۇ ئىشلارغا قىزىقمايدىغان بولدۇم ياڭ گويا مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدىن بىرخىل كچۈنى ئويغاتقاندەك ئىدى، مەن ۋۇجۇدۇمدا بىرنەرسە تولۇپ تاشقانلىغىنى ۋە ئۇنى چىقىرىش لازىملىغىنى ھىس قىلاتتىم. مەن ھەمىشە قەلبىمنىڭ چاقىرىۋاتقانلىغىنى، مېنى پايدىلىق بىرەر خىزمەت ئىشلەشكە چاقىراۋاتقانلىغىنى ئاڭلايتتىم.
       مەن ياڭ ماڭا ئارىيەت بەرگەن كىتاپلارنى ئوقۇشقا ۋە ياڭنىڭ ماڭا دېگەن گەپلىرىنى ئويلاشقا باشلىدىم، بەزىدە مەن تېخى ئۇنىڭ بلەن بىرگە قۇللارنىڭ ئولتۇرۇشلۇق جايلىرىغا بېرىپ ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى كۈزىتەتتىم. مەن ماشىنام بېسىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن ھىلىقى كېسەلمەن ئايالنىڭ بالىلىرىنى ھەمىشە بېرىپ يوقلاپ تۇراتتىم، ئۇلارمۇ قۇللار ئولتۇراقلاشقان يەردە ئولتۇراقلاشقان بولۇپ،  بىر تۇققىنى ئۇلاردىن خەۋەر ئېلىپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ۋە ئوقۇش راسخوتىنى مەن ئۈستۈمگە ئالغان بولساممۇ، لېكىن سان جەھەتتە بۇ راسخوت چەكلىك بولۇپ، ئۇلارنى قۇللۇق شارائىتتىن قۇتۇلدۇرۇشقا يەتمەيتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنىڭ ئاتا ـ ئانام بۇ راسخوتنى داۋاملىق ئۈستۈمگە ئالغۇزمايدىغانلىغىنى بىلدۈرۈشكەن ئىدى.
       مەن ئاتا ـ ئانامغا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتىم، ئۇلار مېنىڭ ھەرقانچە پۇل خەجلەپ كىيىم ـ كېچەك، زىببۇ زىننەت بۇيۇملىرى سېتىۋېلىشىمغا رازى ئىدىكى، يارىلانغۇچىنىڭ بالىلىرىغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن ئازغىنا پۇل چىقىم قىلىپ قويۇشۇمغا رازى ئەمەس ئىدى. مېنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇللىرىمدىكى بۇ ئۆزگىرىشلەرگە ۋە مېنىڭ ياڭ بىلەن يېقىن باردى ـ كەلدى قىلىشىمغا ئاتا ـ ئانامنىڭ رازىلىغى يوق ئىدى. ئۇلار مېنىڭ ھىلىقى ئاقسۆڭەك بەگزادىلەر بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشۈمگە تېخىمۇ نارازى ئىدى. شۇڭا مەن ئاتا ـ ئانام بىلەن ھەمىشە جاڭجال قىلىشىپ قالاتتىم. كېيىن بىر قېتىم ئۇلار بىلەن بەك قاتتىق جاڭجال قىلىشىپ قالدىم ـ دە، چىداپ تۇرالماي ئائىلىدىن قېچىپ كەتتىم.
       مەن ياڭغا مۇھەببەت باغلاپ قالدىم، ئەمدى ئىككىمىز بىر  ـ بىرىمىزنى بەكمۇ چۈشىنەتتۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككىمىز ئىدىيە جەھەتتە ئورتاقلىققا ئىگە بولدۇق. مېنىڭ ئىدىيەم كىتاپتىنلا ھاسىل بولغان ئەمەس. ئۇنىڭ يېرىمى يەنىلا مېنىڭ ياڭ بىلەن بىللە ئەمىلىي تۇرمۇشنى كۈزەتكەن ۋە چۈشەنگەنلىگىمنىڭ نەتىجىسى.
       مەن بىرنەچچە قېتىم ئىككىلىنىش ئارقىلىق ئاندىن ئائىلەمدىن ئايرىلىش قارارىغا كەلدىم. شۇ كۈنلەردە ئىچىمدە چوڭ كۈرەشلەر بولۇپ ئۆتكەن ئىدى. ھەر كۈنى ئاخشىمى ماشىنامنىڭ ئاسىتىدا ئۆلۈپ كەتكەن ھىلىقى كېسەلمەن ئايالنىڭ قانغا مىلەنگەن تېنى ۋە قۇللار مەھەللىسىدىكى كىشىلەرنىڭ سۇلغۇن چىرايلىرى مېنىڭ كۆز ئالدىمدىن كەتمەيتتى، نالە ـ پەريات، يىغا ـ زارە قۇلىغىمدىن نېرى كەتمەيتتى. مەن مۇدھىش، قورقۇنچلۇق چۈشلەرنى بەك كۆپ كۆرەتتىم. ھەر دائىم چۈشتىن قورقۇپ ئويغىنىپ كېتەتتىم، ئاتا ـ ئانام ماڭا تەسەللى بېرەلمەيتتى، پەقەت ياڭ كەلگەندىلا ۋە مەن ئۇنى كۆرگەندىلا ۋەھىمىدىن خالاس بولاتتىم. مەن ئۇنىڭ ۋۇجۇدىمدىن قوغدايدىغان بىر كۈچ ـ قۇدرەتنى كۆرۈۋالدىم. شۇڭا مېنىڭ ئاتا ـ ئانام مەندىن يا ئۆزلىرىنى، يا بولمىسا ياڭنى تاللاش قارارىغا كېلىشنى تەلەپ قىلغان چاغدا، مەن ياڭ بىلەن بىللە قاچتىم.
      ياڭنىڭ كەچۈرمىشلىرى ماڭا پۈتۈنلەي ئايان ئىدى، ئۇ بىر قۇلنىڭ ئەۋلادى، شۇنداقلا ئاتا ـ ئانىسى يوق يىتىم ئوغۇل، ئۇ كىچىك چېغىدىلا خىلمۇ ـ خىل كۈلپەتلىك تۇرمۇشنى بېشىدىن كەچۈرگەن. كېيىن ئۇ بىردىنلا ياخشى نىيەتلىك بىر ئاقسۆڭەكنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ مەكتەپتە ئوقۇپ تەربىيە ئالغان. كېيىن بۇ  ئاقسۆكەڭ ئۆلۈپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن ياڭ ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىغىغا تايىنىپ سېرىقتال كۈن كەچۈرگەن. ئۇ كۆپىنچە چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپتە بېرىپ دەرس ئوقۇغان، چۈشتىن كېيىن قۇل بولۇپ ئىشلىگەن، ئۇ ناھايىتى غۇربەتچىلىكتە جان تالىشىپ يۈرۈپ، ئاخىرى مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. ئۇنىڭ يېتىپ ـ قوپۇشى قۇللار ئارىسدا بولغان. ئۆزىمۇ قۇللارغا ئوخشاش تۇرمۇش كەچۈرگەن. شۇڭا ئۇ قۇللارنىڭ ھۆرمىتى ۋە ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن.
       مەن ئائىلىدىن قېچىپ چىققاندىن كېيىن، ياڭ بىلەن بىللە قۇللار مەھەلىسىدە تۇردۇم. مەن ئەمدى ئۇنىڭ خوتۇنى ئىدىم. مەن ئىسىلزادە خېنىملارنىڭ ئۈستى ـ بېشىنى سېلىپ تاشلاپ، قۇللارنىڭ كىيىمىنى كىيدىم، مەن قۇللارغا ئوخشاپ يڭېى ئائىلىمىزدە مەشغۇلات قىلىشقا باشلىدىم. مەن ياڭنىڭ ۋە ئاشۇ قۇللارنىڭ غەم ـ قايغۇ، ئازاب ـ كۈلپەت ۋە غۇربەتچىلىكلىرىگە شېرىك بولاتتىم، مەن قۇللارنى چۈشىنىشكە باشلىدىم، ئۇلارنىڭ تىلىنى بىلىۋالدىم.
      تەبىئىكى. مەن بۇنداق مەشغۇلاتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايتتىم. ئەگەر ياڭ دائىم ماڭا ئىلھام ۋە تەسەللى بېرىپ تۇرمىغان بولسا، ئەگەر ئاشۇ قۇللار ماڭا چىن ھىسداشلىق قىلمىغان ۋە ياردەم بەرمىگەن بولسا، مەن ئاللىبۇرۇن ئۆز ئائىلەمگە قېچىپ كەتكەن بولاتتىم. ئانام مۇشۇ ئەھۋالنى ئالدىن تەسەۋۇر قىلىپ مۇنداق دېگەن ئىدى: «مەن سېنىڭ ئائىلە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتىن ئايرىلىپ كېتىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغانلىغىڭغا، ئۆيدىن چىقىپ بىر ھەپتىگە قالمايلا قايتىپ كېلىپ ماڭا يالۋۇرۇپ ئەپۇ  سورايدىغانلىغىڭغا ئىشىنىمەن».
       لېكىن، مەن ئاخىرى سەۋرى قىلىپ بەرداشلىق بەردىم   ـ دە، بارا ـ بارا بۇنداق تۇرمۇشقا كۆنۈپ قالدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق تۇرمۇشتىن، ياڭنىڭ مۇھەببىتى ۋە ئىشەنچىسىدىن، كۆپچىلىكنىڭ ھىسداشلىغى ۋە ياردىمىدىن مەن غايەت زور خوشاللىق ھىس قىلدىم. ئىلگىرى مېنىڭ ئىسىلزادە خېنىملاردىن بولغان چاغلىرىممۇ ماڭا ئۇنداق تۇيۇلغان ئەمەس.
       مەن ياڭ بىلەن بىرگە قۇللارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا تىرىشتۇق: بىز ئۇلارنىڭ بىلىم ئېلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ئازايتتۇق؛ بىز ئۇلارنى بىر ـ بىرىگە مېھرىۋان بولىدىغان، بىر بىرىنى چۈشىنىدىغان قىلدۇق. بىزنىڭ غايىمىز ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇيۇقداشلىق جەمەتىگە ئايلاندۇرۇپ، ھەممەيلەننىڭ كۈچى ئارقىلىق كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق بەخت ـ سائادىتىنى ئىزلەشتىن ئىبارەت ئىدى.
       شۇنىڭ بىلەن يېڭى بىر خىل ئېتىقات باش كۆتەردى، مەن ۋە ياڭ يېڭى ئېتىقاتنىڭ ئىجاتچىلىرىدىن ئەمەس ئىدۇق، بىز پەقەت ئۇنىڭغا ئىخلاس قىلاتتۇق، خالاس . بىز ساداقەتمەن ياردەمچىلەرگە ئىگە ئىدۇق، بۇلار ياڭنىڭ دوستلىرى ۋە ساۋاقداشلىرى ئىدى.
       يېڭى ئېتىقات بارا ـ بارا قۇللار ئارىسىدا تارقىلىپ نۇرغۇنلىغان ئىخلاسمەنلەرنى جەلپ قىلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ تىرىشچانلىغىمىزمۇ ئۈنۈملۈك بولدى. قۇللارنىڭ تۇرمۇشىدا سەل ـ پەل ياخشىلىنىش بولۇپ، غۇربەتچىلىك بىر ئاز ئازايدى، بىز ۋاقتىمىز ھەم زېھنىمىزنىڭ بىھۇدە سەرپ بولمىغانلىغىغا تازا خوشال بولۇپ تۇراتتۇق.
       ۋاھالەنكى يەنە بىر خىل تىرىشچانلىق پەيدا بولدى، ئاقساقاللار، ئاقسۆكەڭلەر، ئالىجاناپلار يېڭى ئېتىقاتمۇ مەۋجۇت بولۇشى ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىغىغا پايدىسىز ئىكەنلىگىنى بايقىۋالدى؛ ئۇلار قۇللارنىڭ بىلىمى كۆپەيسە، قۇللارنىڭ تۇرمۇشى ياىشىلانسا، ئۆزلىرى ئۈچۈن ناھايىتى زىيانلىق ئىكەنلىگىنى بىلەتتى. شۇڭا، ئۇلار يڭى ئېتىقاتنىڭ تارقىلىشىنى توساشقا ئۇرۇناتتى. بەلكى قۇللارنى بېسىشنى كۈچەيتەتتى. بۇنداق ئۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلغۇچىلارنىڭ بىرى مېنىڭ دادام ئىدى.
       بىزنىڭ تىرىشچانلىغىمىز قوپاللىق بىلەن ئاياق ـ ئاستى قىلىندى. قۇللارنىڭ ئەھۋالى ئىلگىرىكىدىنمۇ بەتتەر ھالغا چۈشۈپ، ئۇلار ھازىرمۇ چوڭقۇر زۇلمەت ئىچىدە، كۆپلىگەن كىشىلەر غۇربەتچىلىككە چىداش بېرەلمەي ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئېغىر ئىش ـ ئەمگەك دەستىدىن كېسەل بولۇپ كاردىن چىقتى. پۈتكۈل ئارال قۇللارنىڭ يىغلىغان ئاۋازى بىلەن غەرق بولۇپ كەتتى. قۇللارنىڭ ئاۋازلىرى پەقەت ئوردىدىكى ئاقساقاللار، ھەشەمەتلىك سارايلاردىكى ئاقسۆڭەكلەر، داچىلاردىكى ئالىجاناپلارنىڭلا قۇلىغىغا كىرمەيتتى، ھەر بىر قۇل بىر كۈنلۈك ئېغىر ئىش ـ ئەمگىگىنى تۈگىتىپ بولغاندىن كېيىن، تەقۋادارلىق بىلەن دۇئا تەگبىر قىلىپ قۇتقۇزغۇچى خۇدادىن ئازاتلىق تىلەيتتى.
       شۇ كۈنلەردە بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز ئەڭ قىيىن ئىدى. ھەركۈنى كەچتە ياڭ ھارغىن ۋە غەمكىن قىياپەتتە ئۆيگە قايتىپ كېلىپ، ھامان مۇشتۇمى بىلەن ئۆزىنىڭ كۆكسىگە مۇشلايتتى. بىز ئۇنچىقماستىن بىر ـ بىرىمىزگە قارىشاتتۇق، ئىككىمىزنىڭ كۆزلىرىدىن ياش ئەگىيتتى.  بۇ چاغدا ئەتراپتىكى قۇللارنىڭ دۇئا ـ تەگبىر قىلغان ۋە يىغلىغان ـ قاخشىغان ئاۋازى تېخىمۇ ئۇلغىياتتى، بىز گويا قان ـ ياش بىلەن تولغان كۈلپەت دېڭىزىغا غەرق بولۇپ كەتكەن ئىدۇق. يەنە بىردىنلا ئۆتكۈر يىغا ئاۋازى ئاڭلىنىپ قالدى. بىز يەنە بىر ياكى بىرقانچە قۇل ئۆلۈپ كېتىپتۇ، دەپ بىلدۇق.
       مۇشۇنداق چاغدا، قەدىردانىم ياڭ قولىغا ھامان بىرەر قىڭراق ياكى بىرەر تاپانچا ئېلىۋېلىپ تۈن كېچىلەردە سىرتقا  چىقىشقا تەمشىلەتتى. ئۇ گەپ ـ سۆز قىلمايتتى، لېكىن مەن ئۇنىڭ چىرايىدىن ئۇنىڭ سىرتقا چىقىپ نىمە ئىش قىلىدىغانلىغىنى بىلەتتىم. مەن ئۇنىڭغا مەھكەم ئېسىلىۋېلىپ توسايتتىم. مەن يەنە ئۇنىڭغا ئۈستىمىزدىكى مەسئولىيەتنى چۈشەندۈرەتتىم، ئۇنىڭ ئاچچىغى ئاستا ـ ئاستا ياناتتى ـ دە، ئۇلۇغ كىچىك  تىنىپ قويۇپلا قورالنى تاشلايتتى.
       ۋاھالەنكى بىز ئۈمىتسىزلەنمىدۇق، بەلكى قىيىن شارائىتتا يەنىلا ئۇزاق مۇددەت كۈرەش قىلدۇق ۋە ئىشلىدۇق، بۇنىڭدا بىز ـ مەن ۋە ياڭ، شۇنىڭدەك يەنە ياڭنىڭ دوستلىرى ھەم ساۋاقداشلىرى بار ئىدى.
       لېكىن يەنە بىر چوڭ ۋەقە پارتلىدى بۇنى بىر پۈتۈنلەي ئويلىمىغان ئىدۇق. ئەسلىدە ئاشۇ ئالىجاناپلار ئارىسىدا جىدەك ـ ماجرا بولغان ئىكەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۆزلىرىنى گاۋ جەمەتى دەپ ئاتىشىۋالغان بىر خىل كىشىلەر ئارال دۆلىتىدىكى قۇللارنىڭ ئازاپ ـ كۈلپەت دېڭىزىغا چۈشۈپ كەتكەنلىگىدىن پايدىلىنىپ، ئارال دۆلىتىدىكى ئاقساقاللار ۋە ئاقسۆڭەكلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ئەسكەر چىقىرىپ، بۇ ئارال دۆلىتىدىكى قۇللار رايونىنى ئىشغال قىلدى. گاۋ دۆلىتى ئارال دۆلىتىگە ناھايىتى يېقىن ئىدى. شۇڭا ئۇلار ھەش ـ پەش دېگۈچە پاراخوت ئەۋەتىپ ئارال دۆلىتىنى قورشىۋالدى. ئۇلارنىڭ ئارمىيىلىرى ئارال دۆلىتىنىڭ قىرغىغىغا چىقتى.
       ئارال دۆلتىدىكى ئاقساقاللار ۋە ئاقسۆڭەكلەر ئىلگىرى بۇ ئىشلارنى كۆرمىگەندەك بولۇۋېلىپ، گاۋ دۆلىتىدىكى ئالىجاناپلارنىڭ زورلۇق ھەركەتلىرىگە غىڭ ـ پىڭ قىلمىدى، چۈنكى قۇللار رايونى ئىشغال قىلىنسا، قۇللارنىڭ سېلىغى ئېغىرلىشاتتى، قۇللار قاتمۇ ـ قات زۇلۇم ئاسىتىدا كۈن ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولاتتى، بۇنىڭ ئارال دۆلىتىدىكى ئاقساقاللار ۋە ئاقسۆڭەكلەر ئۈچۈن ھىچقانداق زىيىنى يوق ئىدى.
      ۋاھالەنكى، قۇللارنىڭ ئۆزلىرىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا گاۋ دۆلىتىنىڭ ئىشغالىيىتى ئۇلار ئۈچۈن ئەجەللىك زەربە ئىدى، ئۇلارنىڭ ئادەتتە قانداق تىز پۈكۈشىدىن، يىغا ـ زارە قىلىش ۋە دۇئا ـ تەگبىر قىلىشنى بىلىشىدىن قەتئىي نەزەر، ئۇلار بۇ چاغدا ياڭ ۋە ئۇنىڭ دوستلىرىنىڭ ئىلھام بېرىشى ئارقىسىدا، ھەممىسى، قوزغىلىپ ئۆزىنى قوغدىغۇچىلاردىن ۋە چەتتىن كەلگەن تاجاۋۇزچىلىققا قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەردىن بولۇپ قالدى.
       دەرۋەقە، دەسلەپتە ئۇلامرۇ باشقا دۆلەتلەردىكى قۇللارغا ئوخشاش قورقۇپ ـ تىترەپ ئاقساقاللار ۋە ئاقسۆڭەكلەرگە يېلىنىپ، ئۇلاردىن پانا تىلەيتتى. كېيىن بۇنداق يېلىنىشنىڭ تامامەن بىھۇدە كەتكەنلىگىنى كۆرگەندىن كېيىنلا ئۇلار ئاندىن ئۆزىنى قوغداشتىن ئىبارەت بىر يولنى تاپتى، ئەگەر بۇ چاغدا يۈەنجيې كوچىسىدىكى چوڭ قىرغىنچىلىق ئۇلارغا تەسىر قىلمىغان بولسا، ئۇلار شۇنچە باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلمىغان بولاتتى.
       يۈەنجيې كوچىسىدىكى چوڭ قىرغىنچىلىقنى ئېيتىپ كەلسەم، بۇ ئىش مېنىڭ قەلبىمدە تا بۈگۈنگىچە غەزەپ ـ نەپرەت ۋە ئۆچمەنلىك ئوتىنى لاۋۇلدىتىدۇ. گاۋ دۆلىتىنىڭ چوڭ قىسىملىرى يۈەنجيې كوچىسىغا باستۇرۇپ كىرىپ، كوچىنى بىردەمدىلا ئىشغال قىلىۋالىدۇ. ئاندىن ئۇلار ھەر بىر ئۆينىڭ ئىشىگىنى چېقىپ كىرىپ ھەممە ئەرلەرنى تۇتۇپ چىقىپ، ئۇلارنى كوچىنىڭ بىر مەيدانىغا توپلاپ پلىموتقا تۇتىدۇ، قاتار تۇرۇشقان كىشىلەر ئۆلىدۇ، ئۆلگەنلەر جەسەتلەرنىڭ ئۈستىگە يىقىلىپ دۆۋىلىشىپ كېتىدۇ، قېرىلارمۇ ، كىچىك بالىلارمۇ شۇ قاتاردا بىللە ئۆلىدۇ. ئۈچ ـ تۆت بالا قېچىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئىشغالىيەتچىلەر بۇ بالىلاردىن بىرنى تۇتۇۋېلىپ ئۇنىڭغا قالايمىغان سىداۋ تىقىدۇ، بالا چىقىراپ، ۋاي ـ داتلىغانچە ئۆلىدۇ.
       مانا ئەمدى ئاياللارنىمۇ قارا باستى. يۈەنجيې كوچىسىدىكى بارلىق ئاياللار، مەيلى قېرى، مەيلى ياش بولسۇن، ھەممىسى ئاياق ئاستى قىلىندى ياكى نۆۋەت بىلەن باسقۇنچىلىق قىلىشقا ئۇچرىدى، يا بولمىسا، پاجىئەلىك ھالدا ئۆلتۈرۈۋېتىلدى. ئىشغالىيەتچىلەر شەھۋانە نەپسىنى قاندۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئاياق ـ ئاستى قىلىنغان ئاياللارغا پىچاق سېلىشاتتى، ئاندىن ئوت قويۇپ ئۆيىنى كۆيدۈرۈۋېتەتتى، تېخى جېنى چىقىپ بولالمىغان ئاياللار بىئەجەل ئوت ئىچىدە كۆيۈپ ئۆلەتتى.
      شۇ كېچىسى بىز تېخى ئۇخلىماي بىر قىسىم قۇللار بىلەن سۆزلىشىۋاتاتتۇق، شۇ ئەسنادا ئىككى بالا يۈگۈرۈپ كىرىپ زار ـ زار يىغلىغان ھالدا:  «يۈەنچيې  كوچىسى تۈگەشتى! گاۋ دۆلتىتىنىڭ ئارمىيىسى يېتىپ كەلدى! دادام بىلەن ئاكام پىلىموت بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى. ئانامنىمۇ ئۇلار تۇتۇپ كېتشىتى» قاخشىدى، ئۇلارنىڭ گەپلىرى تۈگىشىگىلا يەنە بىر نەچچەيلەن يۈگۈرۈپ كىرىپ يۈەنجيې  كوچىسى توغرىسىدىكى خەۋەرنى يەتكۈزدى. ئارقىدىنلا بىز ئاسماندا ئوت يورۇغىنى كۆردۇق، شىمال تەرەپتىكى بىر قىسىم ئاسماننىڭ رەڭگى ئۆزگىرىپ كەتكەن ئىدى، «ئوت ! ۋاي ئوت! قىلىشىۋاتاتتى، ياڭ ھىلىقى ئىككى بالىنىڭ ئېيتقان تەپسىلاتلىرىنى دىققەت بىلەن تىڭشىماقتا ئىدى.
        مەن ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە تولۇق ئىشەنمىدىم، ئەمما ئاسماندا بارا ـ بارا ئۇلغىيىۋاتقان ئوت كۈچى بولسا ئۇلار مەلۇم قىلغان پاكىتنىڭ  راستلىرىغى ئىسپاتلايتتى، مېنىڭ يۈرىگىم جىغىلداشقا باشلىدى، يۈەنجيې كوچىسى بىلەن بىز تۇرغان يەرنىڭ ئارىلىغىدا مەيلى قانچىلىك كوچىلار بولسۇن ۋە مەيلى كۆز ئالدىمدا يەنە قانداق تېچلىق ياكى قايغۇ ـ ئەلەملىك مەنزىرە پەيدا بولسۇن، تىپ ـ تىنچ جايدىكى ئاھالىلەرنى پىلىموتقا تۇتۇپ قىرغىن قىلىش، ئاياللارنىڭ نومۇسىغا تېگىش، ئۆيلەرنى كۆيدۈرۈپ خاراپ قىلىشەك بۇنداق چوڭ قىرغىنچىلىق توغرىسىدىكى خەۋەر مېنىڭ قاانلىرىمنى ئۇرغۇتاتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەش ـ پەش دىگۈچە يۈەنجيې كوچىسىدىكى بۇ قىرغىنچىلىق پاجەئەسى بۇ يەردە قايتا تەكرارلىنىپ قېلىشىمۇ مۈمكىن!
       مەن ئوت يورۇغىغا قاراپ، گويا نۇرغۇن ئاياللارنىڭ زار يىغلاپ نالە قىلىۋاتقان ئاۋازىنى ئاڭلىغاندەك بولدۇم، كۆز ئالدىمدا ئۇلارنىڭ جان تالىشىۋاتقان ھالىتى پەيدا بولدى، مەن ئۆزۈمنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھىلىلا ياتىدىغاندەك ھىس قىلدىم.  مەن دەسلەپتە سەل ـ پەل قورقتۇم، كېيىن غەزەپ ـ نەپرەت مېنىڭ كۆزۈمنى باغلىۋالدى، مەن ئىچىمدە ئاشۇ لەنىتى جاللارتلارنى ھازىرلا يەر يۇتقاي! دەپ قاتتىق قاغىدىم .
      بىزنىڭ بۇ ئەتراپتىمۇ تېزلا چوڭ پاراكەندىچىلىك بولدى. ياڭ بىرنەچچە قېتىم تالاغا چىقىپ يەنە قايتىپ كىردى، ئۇ نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن سۆزلەشتى. بىز بىر جىددى يىغىن ئاچتۇق. كۆپچىلىك ھەركەت پىلانىنى بەلگىلىۋالدى.
       ئاردىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا، يەنە ئادەم كېلىپ يۈەنجيې كوچىسىغا تۇتاش يۈنجيې كوچىسىغىمۇ ئوتكەتكەنلىگىنى، قىرغىنچىلار ئارمىيىسىنىڭ كوچىسىغا باستۇرۇپ كىگەنلىگىنى ئېيتتى. ئۇ كوچىلاردىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ بۇ تەرەپكە قېچىپ كېلىشتى. بىردىمدىلا يىغا زارە ئالەمنى بىر ئالدى، بىز گويا پارتلايمەن دەپ تۇرۇۋاتقان ۋېزۇۋىي يانار تېغى ئۈستىگە بېرىپ قالغاندەك بولۇپ قالدۇق.
       ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا شىڭجيې كوچىسىغىمۇ ئوت كەتتى. گاۋ دۆلىتى ئەسكەرلىرى تەنتەنە قىلىشىپ يۈنجيې كوچىسىغا قاراپ ئاتلاندى. بىز تەشۋىشلەنگەن ھالدا بۇ شۇم خەۋەرنى ئاڭلىدۇق، بىز تېخى تەييارلىق كۆرۈپ بولالمىغان ئىدۇق، بىز ئۇلارنىڭ ئاشۇ  تېچ قېرىدانلارنى ئاياق ـ ئاستى قىلىشىنى  كۈتۈپ تۇرۇشقىلا مەجبۇر بولدۇق.
       كېيىن ياڭ قايتىپ كەلدى. ئۇ كېلىپ ماڭا چىجيې كوچىسىدا تەييارلىق قىلىپ قويغانلىغىمىزنى ئېيتتى. چىجيې كوچىسى يۈنجيې كوچىسىغا تۇتىشاتتى. ئۇلار چىجيې كوچىسىغا كىرگەنە، بىزنىڭ مۆكۈنۈپ بەرگەن زەربىمىزگە دۇچكەپتۇ. بۇ يۈەنجيې كوچىسىدا بالا ـ قازاغا ئۇچرىغانلار ئۈچۈن ئېلىنغان ئىنتىقام ئىدى: بىزنىڭ قوشۇنىمىزدىكىلەر ئۆتكۈر قورال ـ ياراق بولمىسىمۇ، لېكىن بىز تۇيۇقسىز زەربە بېرىپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى جايلىۋەتتۇق. ئۇلار ئېلىپ كەلگەن يېڭى تىپتىكى قورال ـ ياراقلار بىز تەرەپتىن غەنىمەت ئېلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ ۋاقتىلىق توپلانغان قوشۇنىمىز يۈنجيې ھەتتا يۆجيې كوچىلىرىغا قەدەر ئىلگىرىلەپ، شىڭجيې ۋە يۆجيې كوچىلىرىدىكى ئوتنى ئۆچۈردى.
       بۇ غەلبىلىك خەۋەر ئارقا سەپكە ئاڭلانغاندىن كېيىن، بارلىق قۇللار، ھەتتا ئۆيلىرىدىن ۋە ئائىلە كىشىلىرىدىن ئايرىلغان قۇللارمۇ بىردەك تەنتەنە قىلىشتى. ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدە ئەركىنلىككە ئىنتىلىش ئىستىگى ھىچقاچان مۇشۇنداق چىرايلىق ئەكس ئەتكەن ئەمەس. غەم ـ قايغۇ بىلەن تولغان قۇللار رايونىدا ئەزەلدىن كۈلكە ـ چاخچاق ۋە شات خوراملىق كۆزگە چېلىقمايتتى. مانا ئەمدى بولسا، ھەممە قۇللار بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، چەتتىن كەلگەن قىرغىنچىلارغا قارشىلىق كۆرسەتتى.
        بۇ قېتىمقى غەلىبە مىسلىسىز غەلىبە ئىدى. بۇ ئاشۇ قىرغىنچىلار ۋە گاۋ دۆلىتىنىڭ ئالىجاناپلىرى ئۈچۈن كۈتۈلمىگەن ۋەقە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئارال دۆلىتىنىڭاق ساقاللىرى ۋە ئاقسۆڭەكلىرى ئۈچۈنمۇ زادىلا كۈتۈلمىگەن بىر ۋەقە بولدى. ۋاھالەنكى، غەلىبە  نەتىجىسى بىر تەرەپتىن ئارال دۆلىتىدىكى ئاقساقاللار ۋە ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ھەسەتخورلۇغىنى قوزغىدى، يەنە بىر تەرەپتىن گاۋ دۆلىتى ئارمىيىسىنىڭ تېخىمۇ دەھشەتلىك قىرغىنچىلىغىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
       قىرغىنچىلارنىڭ ئارمىيىسى يەنە قىرغاققا چىقتى. ئۇلار ئەڭ يېڭى تىپتىكى قورال ـ ياراقلار بىلەن قۇللار رايونىغا ھۇجۇم قىلدى. قۇللار ياڭنىڭ رەھبەرلىگىدە كۈچنىڭبېرىچە قارشىلىق كۆرسىتەتتى. ئۇلار بەدىنى بىلەن توپ ئوقلىرىغا تاقابىل تۇرۇپ، چىسنىمىگە پىسەنت قىلماي، كزلىرىنىڭ ئەركىنلىگى ئۈچۈن جەڭ قىلدى. بىر تۈركۈمى ئۆلسە، يەنە بىر تۈكۈمى كېلىپ تاقابىل تۇردى. بىر قەدەممۇ كەينىگە چېكىنمىدى. ئۇلار ھازىر ئىتائەتمەن قۇل ئەمەس، بەلكى باتۇر قەھرىمانلار ئىدى.
       مۇشۇنداق قەيسەرلىك بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىش ئارقىسىدا، قىرغىنچىلارنىڭ مىلتىق ۋە توپ ـ زەمبىرىكلىرى كارغا كەلمەي قالدى. قىرغىنچىلار ئۇدا ئۈچ كۈن ھۇجۇم قىلىپمۇ بىر خېرىچ يەرنى ئىشغال قىلالمىدى. ئۇلار گۈڭگۈرتتىن ياسالغان توپ ئوقىنى ئىشقا سېلىپ، قۇللار رايونىدىكى ئۆيلەرنى كۆيدۈردى، يەنە ئايروپىلانلىرىنىمۇ ئىشقا سېلىپ غالجىرلىق بىلەن بومباردىمان قىلىپ، قۇللارنىڭ ئائىلە ـ تەۋەلىرىنى ئۆلتۈردى، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى بولسا، بىخەتەر ھاۋا بوشلۇغىدا ياكى يىراق جايدا ترۇۋېلىپ، ئۆتكۈر قورال ـ ياراقلار ئارقىلىق قارشىلىقسىز تۇرغان ئاياللار ۋە بالىلارنى قىردى، بۇ خۇمپەرلەر شۇنچە ئىپلاس، شۇنچە ۋەھشى ئىدى.
      قۇللار رايونىنىڭ ھەممىلا يېرىدە ئوت كۆتىرىلىشكە باشلىدى. بىز ئوت ئۆچۈرۈش ئۈچۈن شۇنچە تىرىشقان بولساقمۇ، لېكىن ھىچنىمىگە دال بولمىدى. گۈڭگۈرتتىن ياسالغان توپ ئوقى ئۈزلۈكسىز كېلىپ چۈشىۋەردى. ئايروپىلانلارمۇ پات ـ پات بىرنەچچە يۈز قاداق ئېغىرلىقتىكى بومبىنى تاشلاپ تۇردى. ھەر كۈنى بىرقانچە ئون جايدا ئوت كۆتىرىلىپ نۇرغۇن ئۆيلەر كۆيۈپ ۋەيران بولىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر بومبا ئاستىدا ئۆلۈپ كەتتى. ھەممىلا يەر ئۆلۈكلەرنىڭ جەسەتلىرى بىلەن قاپلىنىپ، ئۇلارنى دەپنە قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرگىلى بولمىدى. ئالدىنقى سەپتىكىلەرمۇ كۆپلەپ تالاپەتكە ئۇچرىدى.
       ئىستىھكاممىمىزنى ساقلاپ قېلىشقا ھەقىقەتەن ئامالىمىز بولمىدى. قوشۇنىمىزدا ئۆلۈش ۋە ياردار بولۇش ئەھۋالى بەك ئېغىرلىشىپ كەتتى. دۈشمەنلەر بىز بىلەن يۈزمۇ ـ يۈز جەڭ قىلىشقا پېتىنالماي، ئايروپىلان بىلەن بومباردىمان قىلىش، گۈڭگۈرتتىن ياسالغان توپ ئوقلىرى ئېتىش ئارقىلىقلا بىزنى قىراتتى. بىز ئۇلارغا بەرىبىر تەڭ كېلەلمىدۇق. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر كوچىدىن ئوت كۆتىرىلدى، ھەر بىر كوچىدا جەسەتلەر دۆۋىلەشتى. ئوزۇق ـ تۈلۈكلىرىمىزمۇ ئۈزۈلۈپ قالدى. ئىچىدىغان سۈيىمىز قىسلاشتى. پۈتكۈل قۇللار رايونىدا تەرتىپ قالايمىقانلىشىپ كەتتى. قوشۇنىمىز نائىلاج چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى. شۇنىڭ بىلەن دۈشمەنلەر توپ ـ زەمبىرەكلىرىنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا قوغلاپ كېلىپ، قۇللار رايونىنىڭ كۆپ قىسىمىنى ناھايىتى تېزلا ئىشغال قىلىۋېلىپ ئۆزلىرىنىڭ قىرغىنچىلىغىنى داۋاملاشتۇرىۋەردى.
       بىز نائىلاج يەنە بىر كۈن بەرداشلىق بەردۇق. ئۇلار ئاخىرى پۈتۈن قۇللار رايونىنى ئىشغال قىلىۋالدى. ئىنتايىن ئاز ساندىكى تەسلىمچىلەرنى ھىساپقا ئالمىغاندا، جەڭگە قاتناشقانلاردىن بىرىمۇ تىرىك قالمىدى.
       بىزنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشىمىز پۈتۈنلەي مەغلۇپ بولدى. مەن ياڭغا ۋە بىرقانچە دوستلارغا ئەگىشىپ ئەڭ ئاخىرقى بىر كوچىغا چېكىندىم. ياڭ يەنە قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈشنى پىلانلاۋاتاتتى، لېكىن ھىچقانداق چارىسى يوق ئىدى. ئالدىمىزدا قاپقارا ئىس ـ تۈتەك ئۆرلەيتتى، ئاستىمىزدا پارچە ـ پۇرات خىش ـ كېسەك ۋە جەسەتلەر تۇراتتى. ھەممىلا يەر قىرغىنچىلىقلارنىڭ تەنتەنىسى ۋە ئاچا ـ سىڭىللىرىمىزنىڭ ئاھۇ پەرياتلىرى بىلەن تولغان ئىدى.
       مەن ۋەھىمە چەككەن ۋە ھاياجانلانغان ھالدا ياڭنى تاتىپ، ئۇنىڭدىن مەن بىلەن بىللە قېچىپ كېتىشنى تەلەپ قىلدىم، ئۇ قەتئى ئۇنمىدى. مۇشۇ دە ـ تالاش ئىچىدە مەن ئۇنىڭ كۆكسىدنىڭ جاراھەتلەنگەنلىگىنى سەزدىم. مەن ئۇنى تارتىپ ئىگىسى يوق بىر ئۆيگە ئەكىردىم. ئۇنىڭ بىرقانچە دوستلىرى تالادا قېپقېلىپ ئاختۇرۇش ئۈچۈن قوغلاپ كەلگەن گاۋ دۆلىتىنىڭ ئەسكەرلىرىنى توسىماقتا ئىدى. مەن ياڭنى كارۋات ئۈستىدە ياتقۇزۇپ، ئۇنىڭ كىيىملىرىنى يەشتىم. ئۇ ئۇنىڭ كىيىمى قانغا مىلەنگەن ئىدى. مەن ئاز ـ پاز سۇ تېپىپ ئۇنىڭ جاراھىتىنى تازىلىۋېتىشكە تەمشەلگەن بولساممۇ، لېكىن ئۇ بىلىنەر بىلىنمەس تىترەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن ماڭا ئېسىلىۋېلىپ ماڭغىلى قويمىدى. ئۇ جىددىيلەشكەن ئاۋازدا ماڭا مۇنداق دىدى: «لىنا، قېشىمدىن نېرى كەتمەڭ، شۇنىسى مەغلۇپ بولۇپ ئۆلۈۋاتىمەن. مەن بۇنىڭغا زادىلا تەن بەرمەيمەن... سىز مېنى ئويلىماڭ مەن ئۈچۈن يىغلىماڭ. ئەگەر يىغلىسىڭىز ئاشۇ كۆپلىگەن كىشىلەر ئۈچۈن يىغلاڭ، ئاشۇ كۆپلىگەن كىشىلەر، ئۆلۈپ كەتكەنلەر ۋە كېيىن تېخىمۇ خورلۇق شارائىتتا ياشايدىغان كىشىلەر ئۈچۈن يىغلاڭ... سىز مېنىڭ تېخى ئورۇنلاپ بولالمىغان ئىشلىرىمنى ئورۇنلىشىڭىز كېرەك... ياش باھارىڭىزنى قايغۇ ـ ئەلەم، يىغا ـ زارە بىلەن بىھۇدە ئۆتكۈزۈۋەتمەڭ... بولدى تۈگەشتۇق، بىز مەغلۇپ بولدۇق، ئۇلار بولسا غەلىبە قىلدى. يەنە كېلىپ بىز شۇنچە كۆپ قۇربان بەرگەندىن كېيىن  تېخى !... بۇنداق ئوي ـ پىكىرگە مەن چىداپ تۇرالمايمەن! مەن سىزگە ئىشىنىمەن. سىز ماڭا جاۋاپ بېرىڭ: سىز مەن ئۈچۈن قىساس ئالالايسىز! ئاشۇ كۆپلىگەن كىشىلەر ئۈچۈن قىساس ئالالايسىز، سىز مېنىڭ غايەمنى ئەمەلگە ئاشۇرالايسىز!... ئۇلار كېلىپ قالاي دەپ قالدى، سىز تېزرەك مېڭىڭ! مەن بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن!... مەن سىزدىن يەنە بىر ئىشنى تەلەپ قىلىمەن: ئەگەر كېيىنكى كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىز جەسىدىمنى تاپالىسىڭىز، سىزدىن جەسىدىمنى دېڭىزغا تاشلىۋېتىشنى سورايمەن. جەسىدىمنى دېڭىزغا يەم قىلىۋېتىڭ! مېنىڭ غەزەپ ـ نەپرىتىم يوقالمايدۇ، مەن دېڭىزدىنمۇ قاتتىق نەرە تارتىمەن ۋە تېخىمۇ شىددەتلىك داۋاللغۇيمەن!... مۇبادا سىز مەن ئۈچۈن قىساس ئالالمىسىڭىز، قىرغىنچىلارنى ھەيدەپ ـ چىقىرالمىسىڭىز، ئەركىن دۆلىتىمىزنى بەرپا قىلالمىسىڭىز ۋە يېڭى ئېتىقاتىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىسىڭىز... مەن دېڭىزنىڭ  كۈچ ـ قۇدرىتىگە تايىنىپ بولسىمۇ بۇ قۇللار رايونىنى پۈتۈنەلي غەرق قىلىۋېتىمەن.»
       مەن تەسىرلەنگەن ھالدا بۇ گەپلەرنى ئاڭلاۋېتىپ ئۇنى سەل ـ پەل يۆلىدىم ـ دە، ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپ ئۇنىڭ ئارزۇ ـ ئىستەكلىرى بويىچە ئىشلەيدىغانلىغىمغا قەسەم بەردىم. ئۇنىڭ يۈزلىرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلەندى ـ يۇ، بىراق يىقىلىپلا مەڭگۈگە كۆز يۇمدى. مەن جان ـ پېنىم چىقىپ كەتكۈدەك دەرىجىدە شۇنچە چاقىرىپ يىغلاپمۇ ئۇنى ئەسلىگە كەلتۇرەلمىدىم. قەدىردانىم ياڭ ئەنە شۇنداق ئۆلۈپ كەتتى.
       مەن ئىڭىشىپ ئۇنىڭ جەسىدىنى قۇچاقلىدىم ـ دە، تېخى ئىسسققىنا تۇرغا يۈزىگە سۆيۈپ كەتتىم. مەن ئۇنى يىغلاپ تۇرۇپ توۋلايتتىم. مېنىڭ كۆزلىرىمدىن ئاققان نۇرغۇن ياشلار ئۇنىڭ يۈزلىرىگە تۆكۈلدى. مەن تۇغۇلغاندىن بېرى مۇشۇنداق يىغا ـ زارە قىلىپ باقمىغان ئىدىم. بۇ چاغدا مەن تالادىكى ھەممىنى ـ مىلتىق ئاۋازى، چۇقان ـ سۈرەن، تەنتەنە ئاۋازى، يىغا ـ زارە، دات ـ پەريات ئاۋازلىرىنى ئېسىمدىن چىقىرىپ قويدۇم.
       كۈن كەچ بولۇپ بارا ـ بارا قاراڭغۇ چۈشتى. مەن بىردىنلا ياڭنىڭ جەسىدىدىن ئايرىلىپ ئورنۇمدىن تۇردۇم، ئەمدى مەن كۆزۈمنى ياشلمىمىدىم. مەن ئىشىكنى ئېچىپ، بېشىمىنى چىقىرىپ تالاغا قارىدىم. كۆز ئالدىمدىكى قىزغۇچ ئوت يورۇغىدا بىرنەچچە ئادەمنىڭ كۆلەڭگىسى غىل ـ پال كۆرۈندى. بۇلار قۇللار ئىدى. گاۋ دۆلىتى ئارمىيىسى بېقىنلاپ كېلەلمىگەن ئىدى. گەرچە ئۇلارنىڭ تەنتەنە قىلىشقان ئاۋازىلىرى قۇلىغىمغا ئۈزلۈكسىز كىرىپ تۇرسىمۇ ياڭنىڭ بىرقانچە دوستلىرى كۆرۈنمەيتتى. مەن يۈرەكلىك ھالدا ئىككى، ئۈچ قېتىم توۋلىدىم. ھىچكىمدىن ئاۋاز كەلمىدى. توساتتىنلا بىرنەچچە تال ئوق ياكى كاھىش پارچىلىرى ئاسماندىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ كەتتى. مەن ئىشىكنى يېپىۋالدىم. مەن يىرتىلىپ كەتكەن يورقان كۆرپىگە ياڭنىڭ جەسىدىنى ئورىدىم. ئاندىن تالاغا چىقىپ بىر قۇلنى چاقىدىم. ئۇ دەسلەپتە جەسەت ئورالغان يوتقان ـ كۆرپىنى كۆتىرىپ ماڭغىلى ئۇنىمىدى. لېكىن ئۇ بۇنىڭ ياڭنىڭ جەسىدى ئىكەنلىگىنى بىلگەندە ھىچنىمىگە قارىماستىنلا جەسەتنى كۆتۈرگەن پېتى مېنىڭ كەينىمدىن ماڭدى.
       بىز كاھىش ـ خىش پارچىلىرىغا دەسسەپ گاۋ دۆلىتى ئارمىيىسىنىڭ ئاڭلاپ قېلىشىدىن ئېھتىيات قىلىپ يول ئۈستىدە لام ـ جىم دېيىشمەي ماڭدۇق. بىز ھامان ئوت يالقۇنى ئازراق كوچىلاردىلا ماڭاتتۇق، شۇنداقتىمۇ يەنە ئوت تازا يالقۇنلاپ كۆيۈۋاتقان ئۈچ كوچىدىن ئۆتۈشكە توغرا كەلدى. ئالدىمىزدا ئوت لاۋۇلدايتتى ، مەن ئالدىمىزدىكى يولنى پەرق ئېتەلمىدىم. كوچىنىڭ ھەممىلا يېرىدە جەسەتلەر تۇراتتى. ھاۋا بەكمۇ تىنجىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە سېسىق ۋە بەتبۇي  ئىدى. تېخىمۇ قورقۇنچلۇق بولغىنى، ئوت ئىچىدە قاپسىلىپ قالغانلارنىڭ ئېچىنىشلىق نالە ـ پەرياتلىرى ئىدى. بىز مىڭ تەسلىكتە بىر بوش ئارىلىقنى تېپىپ ئۆتۈپ كەتمەكچى بولغان بولساقمۇ، لېكىن ئاخىرى ئوت يالقۇنىغا توسىلىپ يەنە كەينىمىزگە قايتتۇق.كەينىمىز تەرەپتىن «ئۆلتۈر، ھۇررا» دىگەن ئاۋاز ئاڭلاندى. بىزگە ياڭنىڭ جەسىدى بىلەن بىللە ئوت ئىچىدە كۆيۈپ ئۆلۈش، يا بولمىسا گاۋ دۆلىتى ئارمىيىسىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىشتىن باشقا ماڭغۇدەك يول تېپىلمىدى. بۇ ئەڭ جىددى پەيت ئىدى. ياڭنىڭ تۈپەيلىدىن، ياڭنىڭ غايىسى تۈپەيلىدىن، بىز چوقۇم بۆسۈپ ئۆتۈپ كېتىشىمىز كېرەك ئىدى. ئۇ ماڭا : سىز كەينىمىزدىن چىڭ ئەگىشىپ مېڭىڭ، قېنى مەن سىناپ كۆرۈپ باقاي ، دىدى.
       بىز يالقۇن ئىچىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ كەتتۇق. پۈتۈن ئەزايىمغا ئوت يېپىشىۋالدى، بىزاق جاراھەتلەنمىدىم . پەقەت چېچىملا ئازراق كۆيۈپ كەتتى، خالاس، ھىلىقى قۇلنىڭ پۈتۈن ئەھايى ئوتقا مىلەندى. ئۇ شۇ پېتى يۈگۈرگىنىچە بىر خىلۋەت كوچىغا بېرىپ يەردە يۇمىلاپ، بەدەنىدىكى ئوتنى ئۆچۈرىۋالدى. جەسەت ئورالغان يوقان ـ كۆرپىگىمۇ ئوت توتاشقان ئىدى، بىز يوتقان ـ كۆرپىنى تاشلىۋەتتۇق. ھىلىقى قۇل جەسەتنى كۆتىرىپ داۋاملىق ئالغا قاراپ مېڭىۋەردى.
       مېنىڭ بېشىم قېيىپ كەتتى، ئۆزۈممۇ بەك چارچاپ كەتكەن ئىدىم ئەگەر بىر غايە ـ ئىستەك ماڭا مەدەتكار بولمىغان بولسا، ئاللىقاچان يەرگە يىقىلغان بولاتتىم. مەن ھەممىگە تاقەت قىلىپ داۋاملىق ئالدىمغا قاراپ كېتىۋەردىم. يولدا بىر قانچە جەسەت كۆزۈمگە چېلىقتى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ياڭنىڭ دوستلىرى ئىدى. ئۇلار قان ئىچىدە ياتاتتى، ئۇلار ھىلىلا ئۆلتۈرگەن ئىدى. قۇللار ئىچىدىكى قەھرىمانلار مانا مۇشۇنداق ھالاك بولدى.
       يولدا بىز يەنە گاۋ دۆلىتىنىڭ بىرقانچە ئەسكىرىنى ئۇچراتتۇق، لېكىن بىز بىر ئىلاج قىلىپ ئۇلاردىن ئۆزىمىزنى قاچۇردۇق. بىزگە يەنە ئىككى، ئۈچ قۇلمۇ ئۇچرىدى، ئۇلار مەندىن ياڭنىڭ قەيەردە ئىكەنلىگىنى سورىدى. ئۇلار ياڭنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىگى توغرىسىدىكى خەۋەرنى بىلگەندە، يىغا ـ زارە قىلىپ مۇنداق دىدى: «بىزنىڭ ئۆيلىرىمىز كۆيۈپ تۈگىدى! بىز بۇندىن كېيىن نىمە بىلەن تۇرمۇش كەچۈرەرمىز؟ ياڭ ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، ئەمدى كىم بىزگە ياردەم قىلار؟ گاۋ دۆلىتىنىڭ ئارمىيىسى كەلدى، بىز ئەمدى مەڭگۈ باش كۆتىرەلمەيدىغان بولدۇق!»
       مەن ئۇلارغا جاۋاپ بەرمىدىم. پەقەت ئۇلارنىڭ كۆز يېشىغىلا جۆر بولدۇم. مەن ئۇلارنىڭ ساماندەك سارغىيىپ كەتكەن ئورۇق يۈزلىرىگە قاراپ تېخىمۇ بەك ئېچىندىم. مەن ئېچىمدە: «بىزدە پەقەت يىغلاش ھوقۇقىلا بارمىدۇ؟» دەپ ئويلىدىم، ئاندىن بېشىمنى كۆتىرىپ ئاسمانغا قارىدىم. ئاسماننى ئوت يورۇغى قاپلاپ كەتكەچكە، ئادەتتىكى زۇمرەت ئاسمان كۆرۈنمەيتتى. يېقى ئەتراپتىن گاۋ دۆلىتىدىكى كىشىلەرنىڭ تەنتەنىسى، قۇللار ۋە ئاياللارنىڭ دات ـ پەرياتلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. مېنىڭ يۈرەك ـ باغرىم غەزەپ ـ نەپرەت دەستىدىن يېرىلىپ كەتكۈدەك بولۇپ كەتتى. مەن ئۆزۈمگە قايتا ـ قايتا «ئادالەت قەيەردە؟» دەپ سوئال قوياتتىم ـ يۇ، لېكىن جاۋاپ ئالالمايتتىم. كۆزۈم بىردىنلا كوچىنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدا تۇرغان جەسەتلەرگە چۈشتى. بىر ـ نەچچە جەسەت كۆيۈپ ئادەمگە ئوخشىمايدىغان بىرنىمىگە ئايلىنىپ قاپتۇ. تەنلىرى قورۇلۇپ بىر دۆۋە سۆڭەكلا بولۇپ قاپتۇ. بېشى تېنىدىن جۇدا بولۇپ، ناھايىتى كىچىكلەپ كېتىپتۇ. مەن بۇ جەسەتلەرگە قاراپ تۇرغىنىمدا، گويا قۇلىغىمنىڭ تۈۋىدە كۆيۈك ئاۋازى ئاڭلانغاندەك بولدى. مەن يەنە بۇ ئادەملەرنىڭ ھايات ۋاقتىنى ئەسلىدىم. مەن ئۇلار بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرگەن، سۆزلەشكەن ۋە باردى ـ كەلدى قىلىشقان ئىدىم، ئۇ چاغدا ئۇلارمۇ ماڭا ئوخشاش ساپ ـ ساق ئادەملەر ئىدى. مۇشۇ خىياللار بىلەن يۈرىگىم تېخىمۇ قاتتىق جىغىلداپ كەتتى. كۆزلىرىمنى يەنە غەزەپ ـ نەپرەت پەردىسى قاپلىۋالدى. مەن  ئۆز ـ ئۆزۈمگە قەسەم بېرىپ شۇنداق دىدىم: «ئەگەر بۇ دۇنيا ئوڭتەي ـ توڭتەي قىلىنمايدىكەن، ئەگەر پاجىئەلىك تەقدىرگە يولۇققان ۋە بۇ كىشىلەرنىڭ تارتقان زىيىنى تولدۇرۇۋېلىنمايدىكەن، ئۇلارنىڭ قۇربانلىرىغا بەدەل تۆلەنمەيدىكەن، ئۇنداقتا، بۇ دۇنيادا مەڭگۈ ئادالەت بولمايدۇ. ۋاھالەنكى، مەن مۇشۇ ئادالەتنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن. مەن ياشايمەن، مەن ياڭنىڭ ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرىمەن، ياڭنىڭ تىرىشچانلىقلىرىنى بىكارغا كەتكۈزۈۋەتمەيمەن. مەن ئۆز قەسىمىمنى باتۇرلۇق بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرىمەن.»
       مەن يەنە ئۆزۈمنى گويا ئۆلۈم ئىچىدىن جان تالىشىپ چىققاندەك ھىس قىلدىم، ۋۇجۇدۇمدا تەڭداشسىز غەيرەت ـ شىجائەت  پەيدا بولدى. ئۆزۈمنى پۈتۈن دۇيادىكى مۇدھىش كۈچلەرگە قارشىلىق كۆرسىتەلەيمەن دەپ ئويلىدىم ـ دە، ھىلىقى قۇلنى چاپسان مېڭىشقا ئۇندىدىم. مەن ئەمدى گاۋ دۆلىتى ئەسكەرلىرىنى ئۇچراپ قالارمىكىن، دەپ قورقمايدىغان بولدۇم.
       بىز يەنە نۇرغۇن كوچىلاردىن ئۆتۈپ، ئاخىرى قۇللار رايونىدىن چىقىپ كەتتۇق. بىز دېڭىز بويىغا يېتىپ كەلدۇق. بىز يەنە دېڭىزنى بويلاپ مېڭىۋەردۇق، كۆزلىگەن يەرگە يېتىپ كەلگەندە، تۈن ھەسسىسىدىن ئۆتۈپ كەتتى. ھىلىقى قۇل ياڭنىڭ جەسىدىنى ماڭ تاپشۇرۇپ بەردى. ئۇ ماڭا مۇنداق دىدى: «بۇ ياڭنىڭ تېنى، مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاز ـ پاز كۈچ چىقىرىپ قويدۇم، بۇ مېنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن چىقىرىشقا تېگىشلىك كۈچۈم! ئۇ مېنىڭ ھاياتىمدا ئەڭ ھۆرمەتلىك كىشى، مەن...» ئۇنىڭ ئاۋازى بىردىنلا ئۆزگىرىپ كەتتى ـ دە، شۇئان قوملۇققا يىقىلىپ، بىرقانچە يۇمىلاپلا مىدىرلىمىدى. مەن بۇ كىشىنىڭ ئۆز ھاياتىنى ياڭ ئۈچۈن تەقدىم قىلغانلىغىنى بىلدىم. مەن تەسىرلەنگەنلىگىمدىن كۆپ سۆزلىيەلمىدىم. كۆزۈمگە لىق ياش ئېلىپ ئۇنىڭغا قارىدىم ۋە مۇنداق دىدىم: «مەنمىننەتدارلىقنى بىلىمەن، مەن سىزنىڭ بەرگەن بۇ قۇربانىڭىزنى ھەرگىز بىكارغا كەتكۈزۈۋەتمەيمەن!»
       ۋاھالەنكى، ئەمدىلىكتە، ھەقىقەتەن ئۇنىڭ بەرگەن قۇربانىنى بىكارغا كەتكۈزۈۋەتتىم! ئۇ ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىنكى بۇ بىرقانچە يىلدا، ياڭ ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىنكى بۇ بىرقانچە يىلدا مەن بىرەر ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرالمىدىم، بۇنى دەپ كەلسەم بەكمۇ ئېچىنىمەن!
      شۇنداق قىلىپ، مەن دېڭىزغا قارىدىم. دېڭىز يۈزى قاپ ـ قاراڭغۇ بولۇپ، ئۇنىڭ چېتى پەقەت كۆرۈنمەيتتى. دېڭىزنىڭ شەرق شىمال بۇرجىگىدە گاۋ دۆلىتىنىڭ ھەربى پاراخڭتلىرى ئۆتكۈر كۈزىتىش چىرىغىنىڭ نۇرىنى چۈشۈرۈپ تۇراتتى. مەۋج ئۇرۇۋاتقان دېڭىز دولقۇنى غايەت زو شاۋقۇن پەيدا قىلىپ تىنىمسىز ھالدا قىرغاققا ۋە سازلىققا ئۇرۇلاتتى. سايازلىقنىڭ كۆپ قىسىمى  سۇ ئاستىدا قالغان بولسىمۇ، لېكىن دېڭىز دولقۇنى يەنە ئالغا ئىلگىرىلەيتتى. مەن نەرە تارتىشقا باشلىغان دېڭىزغا قارىغىنىمچە ياڭنىڭ ئاخىرقى ۋەسىيەتلىرىنى ئەسلىدىم. مەن ھازىر ياڭنى تېنىنى دېڭىزغا يەم قىلماقچى بولۇپ، ئۇنى مەھكەم قۇچاقلاپ، يۈزلىرىگە ئۇزۇنغىچە سۆيۈپ كەتتىم ـ دە، ئاخىرى كۆزۈمنى يۇمۇپلا ئۇنىڭ تېنىنى دېڭىزغا تاشلىۋەتتىم. مەن ئۇنىڭ تېنىنىڭ دېڭىز يۈزىدە لەيلەپ تۇرغانلىغىنى كۆردۈم، بىردىنلا ناھايىتى زور دولقۇن ئۆركەشلەپ كېلىپ، ئۇنى يالماپ ئېلىپ كەتتى ـ دە، كۆزدىن غايىپ بولدى. ئارقىدىن مەن يەنە ھىلىقى قۇلنىڭ جەسىدىنىمۇ دېڭىزغا تاشلىۋەتتىم. كۆز يۇمۇپ ئاچقىچە ئەركىنلىك ئۈچۈن قۇربان بولغان بۇ ئىككى جەڭچىنىڭ تېنى دېڭىزدا غايىپ بولدى.
       مەن دېڭىزدىن بىرەر ئۆزگىرىشنى كۆرۈپ قالارمەنمىكىن، دەپ دېڭىزغا ئۇزۇنغىچە تەلمۈرۈپ قاراپ تۇردۇم. ۋاھالەنكى، ماڭا كۆرۈنگىنى قاپ ـ قاراڭغۇچىلىقلا بولدى. دېڭىز ھىلىمۇ نەرە تارتىپ داۋالغۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنچىلا دەھشەتلىك ئەمەس ئىدى. ئۇ قۇللار رايونىنى ھەرگىزمۇ غەرق قىلىۋېتەلمەيتتى. دېڭىز ئەركىنلىك ئۈچۈن قۇربان بولغان بۇ ئىككى جەڭچىنى يۇتۇۋەتكەندىن كېيىن يەنىلا بۇرۇنقىدەك ئۆز ھالىتىدە تۇراتتى.
       مەن ئۇزۇنغىچە تۇردۇم. دېڭىزنىڭ رەڭگى بارا ـ بارا ئۆزگىرىپ، تاڭ سۈزۈلەي دەپ قالدى. مەن دېڭىز بويىدا ئۆرە تۇرۇپ گويا بىر چۈش كۆرگەندەك بولدۇم. ياڭنىڭ تېنى غايىپ بولدى. ھىلىقى قۇلنىڭ تېنىمۇ غايىپ بولدى. قولۇمدا تېخىچە قان ئىزلىرى تۇراتتى. مەن ياڭنىڭ قېنىنى تېخىچە ئاشۇ يەردە كۆتۈۋاتىدۇ، دەپ ئويلايتتىم. بۇنى چۈش دىگىلى بولمايتتى. مەن بېشىمنى كەينىمگە بۇراپ قۇللار رايونىغا قارىدىم. ئۇ يەر يەنىلا قارا ئىس تۈتەك بىلەن قاپلىنىپ تۇراتتى. شۇ تۈپەيلى، پاجىئەلىك ئەھۋاللار يەنە مېنىڭ كۆز ئالدىمدا خۇددى ئېكراندەك بىر ـ بىرلەپ پەيدا بولدى.
      ياڭنىڭ ھاياتى ئەنە شۇنداق تۈگىدى. قەلبىمدىن ۋە قوللىرىدىمدىن باشقا، مەن ئەمدى ئۇنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن ئىزلىىنى تاپالمايتتىم. مەن يەنە دىققەت بىلەن دېڭىزغا قارىدىم. دېڭىز يۈزى تېخىمۇ تىنجىغاندەك ئىدى. مەن دېڭىزنىڭ سىرىنى بىلەلمەيتتىم يۈرىگىم تېخىمۇ قاتتىق ئېچىشتى، مېنىڭ زېھنىي كۈچۈم نا ئۈمىتلىك تۈپەيلى، يوقاپ كېتەي دەپلا قالغان ئىدى.
       ۋاقىت تېخى بالدۇر بولسىمۇ، بىراق مەن ئەمدى دېڭىز بويىدا تۇرۇۋېرەلمەيتتىم. مەن كەينىمگە بۇرۇلۇپ، دەسلەپتە پائالىيەت ئېلىپ بارغان ئاشۇ كوچىغا قارايتتىم. مەن ئالدى بىلەن ئاقسۆڭەكلەر رايونىغا باردىم. ئىككى تەرىپى قىزىل ياغاچ بىلەن ياساپ چىقىلغان يولدا رەت ـ رەت بولۇپ تىزىلىنىپ تۇرغان قۇللار دۇئا ـ تەگبىر قىلىشىۋاتاتتى، مۇراجەت قىلىشىۋاتاتتى. مېنىڭ كۆز ئالدىمدا كۆرۈنگىنى ساپلا غەمكىن چىرايلا ئىدى. مەن ئۇلارنىڭ يېنىدىن ئۆتتۈم. بىرنەچچە ئادەم كۆينىگىمنىڭ پېشىدىن تارتىپ يىغلاپ: «تۈگەشتۇق! ھەممىدىن قۇرۇق قالدۇق. ئائىلىرىمىز، سۆيۈملۈك كىشىلىرىمىز، بارلىغىمىز پۈتۈنلەي يوقالدى! بىز بۇندىن كېيىن قانداق قىلىمىز؟ كىم بىزنى قۇتقۇزىدۇ؟ ياڭ قېنى؟ بىزنىڭ ياڭ قېنى؟ ئۇ ھاياتمۇ؟ ئۇلار ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولغان ئەمەسمىدى؟» دەپ دات ـ ئەھۋال تۆكتى. ئۇلارنىڭ ئاۋازىدىن، چىرايلىرىدىن كېچىچە ئۇخلىمىغانلىغى بىلىنىپ تۇراتتى. ئۇلار بۇ يەردە توپ ـ توغرا بىر كېچە تىزلىنىپ تۇرغان بولسا كېرەك.
      مەن لېۋىمنى مەھكەم چىشلەپ تۇردۇم، خېلى ئۇزۇن ئۆتكەندىن كېيىنلا ئاندىن ئاغزىمدىن: «ياڭ ئۆلدى!» دىگەن بىر ئېغىز گەپنىلا چىقاردىم. مەن ئۇلار بىلەن جىقراق سۆزلەشمەكچى بولغان دىىم. بىراق ساقچى كېلىپ قالدى ـ دە، ئۇلارنى ئاقسۆڭەكلەر ۋە ئالىجاناپلارغا خىزمەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن ھەيدەپ ماڭدى. ئۇلار مېنىڭ باشقا گەپلىرىمنى ئاڭلىيالمىدى، مەن ئۇلارنى ئۈمىتسىزلەندۈرۈپ قويدۇم.
       ئۇلاردىن بىرنەچچەيلەن تېخى كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالدا بېشىنى كەينىگە بۇراپ ماڭا قاراپ، مەن بىلەن قانداقتۇ سۆزلىشىدىغاندەك قىلىشاتتى ـ يۇ، لېكىن گېپىنى ئاغزىدىن چىقىرالمايتتى. مېنىڭ كۆزۈم ئۇلارنىڭ كۆزلىرى بىلەن ئۇچراشماقتا ئىدى. مەن بىردىنلا ئۇلارنىڭ مەقسىدىنى چۈشەندىم. ئۇلار گويا: «ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىز ياڭنىڭ ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇردىغان بولسىڭىز، قېنى قاراپ تۇرۇڭ، بىزمۇ بارلىغىمىزدىن كېچىپ سىزگە ئەگىشىمىز» دەپ سۆزلەۋاتقاندەك قىلاتتى. لېكىن بۇنداق كىشىلەر بەك ئازلاپ كەتكەن ئىدى. ئۇلارنىڭ تولىسى بېشىنى تۆۋەن تۇتۇپ ئۇنچىقماي، شۈك ماڭغان پېتى ساقچىنىڭ ئالدىدا كېتىپ باراتتى. ساقچى ئۇلارنى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ سارايلىرى، ئالىجاناپلارنىڭ داچىسى ۋە ئاقساقاللارنىڭ ئوردىسىغا ھەيدەپ كىرىشەتتى.
       مەن بۇنىڭغا قاراپ تۇراتتىم، قەلبىم غەزەپ ـ نەپرەتكە تولدى. مەن قوللىرىمغا قارىدىم، ئەپسۇسكى، ئىككى قولۇم قۇپ ـ قۇرۇق ئىدى. مەن قورال ئېلىۋالمىغان ئىدىم. مەن پەقەت ساقچىنىڭ ئۇلارنى ھەيدەپ ئېلىۋالمىغان ئىدىم. مەن پەقەت ساقچىنىڭ ئۇلارنى ھەيدەپ ماڭغانلىغىغا كۆزۈمنى چەكچەيتىپ قاراشقا مەجبۇر ئىدىم. ساقچىغا كەلسەم، ئۇ ماڭا قاراشقا جۈرئەت قىلالمايتتى. چۈنكى مەن نىمىلا بولمىسۇن ئالىجاناپلاردىن ئىدىم.
        مەن ئىككى تەرىپى قىزىل ياغاچ بىلەن ياسالغان يولدا سۆزلەشكۈدەك بىرەر ئادەم تېپىش ئۈچۈن ئايلىنىپ يۈردۈم. بىراق يول ئادەتتىن تاشقىرى تىمتاسچىلىق ئىدى. ھەربىر ساراي ۋە داچىنىڭ ھەيۋەتلىك دەرۋازىسى تاقاقلىق ئىدى. ھەربىر دەرۋازا ئالدىدا بىر ساقچى پوستتا تۇراتتى. كوچىنىڭ دوقمۇشىدا ئالىجاناپلار دۆلىتىنىڭ ئەسكەرلىرىدىن ئىككىسى مىلتىق تۇتقان ھالدا تىك تۇرۇشاتتى. ناگان ـ ناگاندا گاۋ دۆلىتىنىڭ بىرەر بىرونىگى يولنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتەتتى ياكى گاۋ دۆلىتىنىڭ بىرەر ئىسكىرى مۈرىسىگە مىلتىق ئارتقان ھالدا پىيادىلەر يولىدا بىكار مېڭىپ يۈرەتتى. كەيپىيات ناھايىتى جىمجىت ئىدى، مەن مۇشۇ يېقىن ئەتراپتىكى جايدا بىرنەچچە كۈندىن بېرى داۋام قىلغان چوڭ قىرغىنچىلىقنىڭ يۈز بېرىشىنى ئەسلا خىياللىمغا كەلتۈرمىگەن ئىكەنمەن. مەن ئۆزۈمنىڭ چۈش كۆرۈۋاتقانلىغىمدىن شۈبھىلىنەتتىم. مەن بۇندىن بىر كۈن ئىلگىرى قۇللار رايونىنىڭ ئەھۋالىنى تەسەۋۇر قىلدىم. مەن قۇللار رايونىغا قاراپ يول ئالدىم. مەن ئادەتتە تونۇشىدىغان كىشىلەرنى ۋە ماڭا تونۇش جايلارنى كۆرۈشۈم مۇمكىن، دەپ ئويلىدىم.
       مەن ئىككى تەرىپى قىزىل ياغاچ بىلەن ياسالغان يولنى تۈگىتىپ بولۇپ، قۇللار رايونىغا كىرىدىم. كوچىنىڭ تۇتىشىپ تۇرىدىغان پاسلىنى گاۋ دۆلىتى قوشۇنلىرىنىڭ بىر كىچىك ئەترىدى ساقلاۋاتقان ئىكەن، مەن ئۇلار تەرىپىدىن توسالمايلا ئۆتۈپ كەتتىم. چۈنكى مەن ئالىقاناپلاردىن ئىدىم. بىرنەچچە قۇل نىمە بولغان، ئۇلارنىڭ چىشىغا تېگىپ قويۇپتۇ. ئۇلار بۇ قۇللارنى ستولبىغا باغلاپ قاتتىق ئۇرۇۋاتاتتى.
       مەن كوچىغا كىرىپ كەتتىم. مەن دادىل قەدەم تاشلاپ ماڭاتتىم. چۈنكى مەن كوچىنى تونۇيالماي قالغان ئىدىم. ئالدىمدا كۆيۈپ سۇنغان ياغاچلار، پارچىلىنىپ كەتكەن خىش كاھىشلار ئىگىز دۆۋلىنىپ تۇراتتى. مەن كاھىش ـ خىش دۆۋىلىرىنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ،  تۆت ئەتراپقا نەزەر تاشلىدىم. كۆزۈمنى توسىۋالغۇدەك ھىچنەرسە كۆرۈنمەيتتى. شۇنچە مەزمۇت ئۆيلەرنىڭ ھەممىسىدىن ئەسەر قالماپتۇ، ھەمىلا يەرنى پارچە ـ پۇرات خىش ـ كاھىشلار دۆۋىسى قاپلاپ كېتىپتۇ. بىرقانچە ئېغىز ئۆينىڭ قۇرۇق جازىسىلا ئېشىپ قاپتۇ، ئۇنىڭ ئىچى قۇپ ـ قۇرۇق تۇراتتى: بەزى ئۆيلەرنىڭ ئۆزى ۋەيران بولۇپ تېمىلا قاپتۇ. بىرقانچە كوچىدا تېخى يالغۇز بىرقانچە ئۆيلا قېپقاپتۇ.
       مەن قايسىنىڭ يۈەنجيې كوچىسى، قايسىنىڭ يۆجيې، يۈنجيې ۋە چىجيې كوچىلىرى ئىكەنلىگىنى پەرق ئېتەلمىدىم. مەن تەۋەككۈلىسىگە مېڭىۋاتاتتىم. مەن دەسسىگەن كاھىش ـ خىشلار دۆۋىسىنىڭ بەزى يېرى پۇتۇمغا تېخى قىزىق ئۇرۇنىناتتى. مەن ناھايىتى ئېھتىيات قىلاتتىم، پارتلىماي قالغان توپ ئوقىغا دەسسەپ قېلىشتىن ئەنسىرەتتىم. بىر تامنىڭ تۈۋىدە غەرق قانغان مىلىنىپ ياتقان  بىر جەسەت تۇراتتى، قارىغاندا يېڭى ئۆلتۈرۈلگەندەك ئىدى. بۇ جەسەتنىڭ سەل نېرىراقىدا بىر ئايالنىڭ جەسىدى چېلىقتى، بۇ ئايال ئوڭدىسىغا ياتقان بولۇپ، مەن ئۇنىڭ يۈزىنى كۆردۈم. مەن ئۇنى ـ بۇ ياش ئايالنى تونۇۋالدىم. ئۇنىڭ ئۆيى بىزنىڭ ئۆيگە ناھايىتى يېقىن ئىدى. ئۇ ھەمىشە سىۋەت كۆتىرىپ بازارغا بېرىپ ماڭا سەي ئەپكېلىپ بېرەتتى. چىلەكنى كۆتىرىپ مەيداندىن سۇ توشۇپ بېرەتتى. بۇ شوخ، ئوماق چوكاننىڭ ياتلىق قىلىنغىنىغا ئىككى يىلمۇ بولمىغان ئىدى. مانا ئەمدى ئۇ بۇ يەردە ياتاتتى. ئۇنىڭ يۈزى قەغەزدەك ئاقىرىپ كەتكەن، كۆزلىرى يۇقۇملۇق ئىدى. بىلىنەر ـ بىلىنمەس ئېچىلغان ئاغزىدىن قان چىقىۋاتاتتى. ئۇنىڭ بەدىنى قىپ ـ يالىڭاچ بولۇپ، تۆۋەن تەرىپى غەرق قان ئىدى.  مېنىڭ ئۇنىڭ ئىسمىنى چاقىرغۇم كېلەتتى. بىز ئادەتتە بەك تونۇش ئىدۇق. ئۇنىڭ شوخ ـ تېتىك سىياقى خاتىرەمدە ھىلىمۇ ئېنىق ئىدى. لېكىن كۆز ئالدىمدىكى بۇ كۆرۈنۈشلەر منىڭ خىيالىمنى بۇزۇۋەتتى. ئۇ ياتقان يېرىدە مىدىرلاپمۇ قويمايتتى. مەن ئۇنىڭغا يەنە قارىيالمايتتىم. ياش ئۈنچىلىرى كۆزۈمدە ئەگىپ قالدى. مەن قولۇمنى كۆسۈمگە قويۇپ مەردانىلەرچە ئالدىمغا قاراپ ماڭدىم.
      يولدا مەن گويا تونۇش بىر ئايالنىڭ ئاۋازى ئاڭلىغاندەك بولدۇم، «لىنا» ـ ھىلىقى ئايال گويا كەينىمدىن مېنى چاقىرىۋاتقاندەك قىلاتتى. مەن كەينىمگە قارىدىم، ئەمما ھىچنىمە كۆرۈنمىدى. ئۇنىڭ جەسىدى يەنە ئاشۇ يەردە جىمجىت ياتاتتى. بىردىنلا يۈرىگىمنى بىرنەرسە مۇجۇۋالدى. مەن بەكمۇ پۇشايمان قىلاتتىم. كېچىكىپ كەلگەنلىگىمگە ئۆكۈنەتتىم. مەن بالدۇراق كەلگەن بولسام ئۇنى قۇتقۇزۇپ قالالىغان ۋە ئۇنى بۇ پاجىئەلىك تەقدىردىن ساقلاپ قالالمىغان بولاتتىم، دەپ ئويلىدىم. ۋاھالەنكى، ھازىر بەكمۇ كېچىكىپ كەتكەن ئىدىم .   ئەمدىلىكتە مېنىڭ كۆزۈمگە چېلىققىنى ئۇنىڭ شوخ، تېتىك سىياقى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ قان چىقىپ تۇرغان ئاغزى ئىدى. ئۇنىڭ ئاغزى گويا قىساس ئېلىڭلار، دەپ تولاۋاتقاندەك ئېچىقلىق تۇراتتى.
       مەن يولدا كېتىۋاتىمەن، مېنىڭ كاللام قىساس ئېلىش خىيالى بىلەن تولدى. بۇ ئايالنىڭ ئۆلۈمى مېنى تېخىمۇ بەك ھاياجانغا سالدى. ياڭ ئۆلۈپ كەتتى، لېكىن ئۇ ئورۇنلاپ بولالمىغان ئىشلىرىنى ماڭا تاپشۇردى، مەندە تېخى ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىش پۇرسىتى بار. ئەمما بۇ ئايالغا كەلسەم، مەن ئۇنىڭغا نىمە بىلەن تەسەللى بېرىشىم كېرەك؟ ئۇ ئۆلدى! مەن ئۇنىڭغا ياردەم بېرەلمەيمەن، ئۇنىڭ قولدىن تارتىپ ئورنىدىن تۇرغۇزۇپ، يېڭى ئېتىقادىمىزنى تەشۋىق قىلالمايمەن، ئۇنىڭغا كەلگۈسىدە ھەممە ئوڭشىلىدۇ، خارلانغانلار راھەت ـ پاراغەت كۆرىدۇ، قۇللار ئەركىنلىككە ئېرىشىدۇ، دەپ چۈشەندۈرەلمەيمەن. بۇ گەپلەر ئەمدى ئىشلىمەيتتى. مەن ئەمدى ھەرقانچە قىلغان بىلەنمۇ، سۆزلىگەن بىلەنمۇ ئۇنىڭغا تەسەللى بېرەلمەيتتىم! مەن غەزەپلىنەتتىم ۋە قايغۇراتتىم. مەن ھەممىنى، پۈتكۈل قۇللار رايونىنى ۋەيران قىلىپ، گاۋ دۆلىتى ئىشغالىيەتچىلىرىنىڭ بىرىنىمۇ قالدۇرماي يوقىتىۋېتىشنى ئويلايتتىم. لېكىن مەن نەدىن قورال ـ ياراق تېپىشىم كېرەك؟
       مەن يولدا كېتىۋېتىپ، ئەتراپتىكى ھەممە نەرسىگە نەپرەت كۆزۈم بىلەن قارايتتىم. بۇ چاغدا  گاۋ دۆلىتىنىڭ بىر بۆلۈك ئەسكەرلىرى كاھىش ـ خىش دۆۋىلىرى ئۈستىدىن چىقىپ كەلدى. بىرقانچە قۇل ئېڭىشقان ھالدا كاھىش ـ خىش دۆۋىلىرىنى قېزىۋاتاتتى. بىر موماي ۋەيران بولغان ئۆينىڭ ئىشىگىدە ئولتۇرۇپ پەس ئاۋاز بىلەن يىغلاۋاتاتتى. يەنە بىر ئايال ئىككى بالىسىنى يېتىلەپ يوقىلىپ كەتكەن ئېرىنى ئىزلەيتتى. بىرقانچە بوۋايلار باشلىرىنى چايقاپ ھەسرەت ـ نادامەت چېكىۋاتاتتى. ئەڭ ئېچىنىشلىق بولغىنى، ئون نەچچە ياشلىق بىر بالا كۆيۈپ ئۆلۈپ كەتكەن بىر جەسەتنىڭ قېشىدا قاتتىق يىغلاپ تۇراتتى. بىراق بۇ چاغدا گاۋ دۆلىتىنىڭ بىر ئەسكىرى ئۇ بالىنىڭ قولىغا سىداۋ بىلەن بىرنى تىقتى.
       مەن كېتىۋېتىپ يول ئۈسىتدە بىرمۇنچە قۇللارنى ئۇچراتتىم، ئۇلار باشلىرىنى تۆۋەن سېلىۋېرىپ گويا ئادەمنىڭ سايىسىگە ئوخشاش لام ـ جىم دىمەيتتى. بىر قۇل كۈلۈمسىرەپ ئىززەت ـ ئىكرام بىلدۈرگەن ھالدا بىر گاۋ دۆلىتى ئەسكىرىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىۋاتاتتى، گاۋ دۆلىتىنىڭ يەنە بىر ئەسكىرى بەش ـ ئالتە قۇلنى ئەگەشتۈرۈپ نەرسە ـ كېرەك توشۇۋاتاتتى.
       مەن بىر قەدەر ساق ـ مۇكەممەل بىر كوچىغا كىردىم. بۇ يەرگە گاۋ دۆلىتى قىسىملىرىنىڭ ئەسكەرلىرى جايلاشقان ئىدى. ئۇلاردا سىداۋ، تاپانچا، پىلىموت ۋە توپ ـ زەمبىرەكلەر بار ئىدى. مەن بەزى قۇللارنىڭ ئۇلارغا خىزمەت قىلىۋاتقانلىغىنى كۆردۈم ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىرمۇ ئايال يوق ئىدى.
      مەن يەنە ئالدىمغا قاراپ مېڭىپ، ئاخىرقى بىر كوچىغا كىردىم. كوچىنىڭ ھەممىلا يېرىدە قارىداپ كەكەنقان ئىزلىرى تۇراتتى. بۇ يەردىكى ھەرر بى ئۆيلەردە گاۋ دۆلىتىنىڭ ئەسكەرلىرى ئولتۇرغان بولۇپ، ئىشىك ـ دەرۋازىلار ئېچىقلىق تۇراتتى. بەزى ئەسكەرلەر تېخى ئۇنىڭ ئىچىدە غەزەل ئوقۇشۇۋاتاتتى. مەن بىر ئۆينىڭ ئالدىدىن ئۆتتۈم. مەن بۇ ئۆينىڭ ياڭ جان ئۈزگەن ئۆي ئىكەنلىگىنى تونۇدۇم. لېكىن بۇ يەنىمۇ گاۋ دۆلىتى ئەسكەرلىرى ئىشغال قىلىۋالغان ئىدى. پۈتكۈل قۇللار رايونىدا بىرمۇ پارچە پاكىز يەردىنمۇ ئەسەر قىلمىغان ئىدى. بويسۇنغان قۇللارمۇ خارابىلەردە يېتىشقا مەجبۇر ئىدى. ئۇلارنىڭ ئازغىنا نەرسە ـ كېرەكلىرىمۇ گاۋ دۆلىتى ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەن ئىدى. بۇنىڭدىنمۇ پاجىئەلىك تەقدىر تېخى ئۇلارنىڭ ئالدىدا كۈتۈپ تۇراتتى. ئۇلارغا مەن پەقەت ئىچىمنىلا ئاغرىتاتتىم، خالاس.
       مەن كوچىدىن چىقتىم، يولدا ئالىجاناپ دۆلتنىڭ بىر قانچە ئوفىتسېرىنى ئۇچراتتىم. ئۇلار گۈلقەقەلىرى ئېچىلغن ھالدا سۆزلىشىۋاتاتتى، ھەر بىر پاجىئەلىك كۆرۈنۈشلەر ھامان ئۇلارنىڭ كۈلكە ـ پاراڭلىرىنى قوزغاپ تۇراتتى. ئۇلار ھىسداشلىق قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە ئويۇن كۆرۈۋاتقاندەك  بولۇپ كېتىشەتتى. بىر قۇل بېشىنى ساڭگىلىتىپ مېڭىپ ئېھتىياتسىزلىقتىن ئىگىز بويلۇق بىر ئوفىتسېرغا دوقۇرۇپ كەتتى ـ دە، دەررۇ ئوفىتسېردىن كەچۈرۈم سورىدى، لېكىن ئوفىتسېر ئېغىر قاتتىق ئۆتۈگى بىلەن ئۇ قۇلنى تېپىپ يىقىتىۋەتتى. مەن ئۇ قۇلنىڭ زەخمىلەنگەن يېرىنى تۇتقىنىچە ئۈن ـ تىن چىقىرالماي قاتتىق قىينىلىپ بىر ھازاغىچە ئورنىدىن تۇرالمىغانلىغىنى كۆردۈم. ۋاھالەنكى ھىلىقى ئوفىتسېر كۆرۈڭلىگەن ھالدا ئۆز شىرىكلىرىگە:«گاۋ دۆلىتىلىك كىشىلەر بۇنداق قۇللارنى خۇددى چوشقىنى بوغۇزلىغاندەك ئۆلتۈرۈۋېتىشى كېرەك!» دەپ غادايغان پېتى كەتتى.
       مەن بىر چەتتە تۇرۇپ ھەممىنى كۆرۈۋاتاتتىم. مېنىڭ يۈرىگىم تېخىمۇ بەك ئېچىشىپ كەتتى. مەن ھىلىقى قۇلغا تەسەللى بەرمىدىم. چۈنكى بۇ چاغدا گەپ قىلغاننىڭ پايدىسى يوق ئىدى، مەن بىر ساختا خەيرى ـ ساخاۋەتچى بولالمايمەن. مەن ئىلگىرى ئۇلار بىلەن تۇرمۇشتا بىللە بولغان ئىدىم، بىراق ئەمدىلىكتە ئۇلارنىڭ زۇلمەتلىك ھاڭغا چۈشۈپ كېتىۋاتقانلىغىنى كۆرۈپ تۇرساممۇ ئۇلارنى قۇتقۇزۇۋالالمايتتىم. مەن بەكمۇ ئاجىز كەلدىم.
       شۇنداق، مەن بەك ئاجىز! مەن ئاشۇ قۇللارغا ياردەم قىلالمايتتىم. مەن ئاشۇ قىرغىنچىلار، ئىشغالىيەتچىلەرنىڭ ئەدىۋىنى بېرەلمەيتتىم. قارشىلىق كۆرسىتىش ھەركىتى مەغلۇپ بولغان، نۇرغۇن قۇللار ئۆلتۈرۈلگەن ۋە ياڭ قازا تاپقاندىن كېيىن، مەن ئىسىلزادە خېنىملىق سالاھىيىتىمگە تايىنىپ ئىشغال قىلىنغان قۇللار رايونىغا قايتىپ كېلىپ، مەغلۇپ بولغان قۇللارنىڭ پاجىئەلىك تۇرمۇشى ۋە غالىپ كەلگەن ئىشغالىيەتچىلەرنىڭ دەھشەتلىك قىلمىشلىرىنى بىر چەتتە تۇرۇپ كۈزەتتىم. مەن بەك ئاجىز كەلدىم.
       مەن قۇللار رايونىدىن چىقىپ گويا دوزاقتىن ئازات بولغاندەك بولدۇم. مەن يەنە ئىككى تەرىپى قىزىل ياغاچتىن ياسالغان يولغا كىردىم. بۇ چاغدا يول قايناپ ـ تاشقان ئىدى. نۇرغۇن ماشىنىلار كەينى ـ كەينىدىن ئۇچقاندەك ئۆتۈشۈپ خۇددى ئۈزۈلمەس ئىككى سىزىق ھاسىل قىلغان ئىدى. ماشىنىلار ئولتۇرغانلار پۈتۈنلەي ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئېسىلزادە خېنىملىرى ۋە ئالىجاناپ كىشىلەر ياكى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ خېنىملىرى ۋە ئاقسۆڭەك بەگزادىلەر ئىدى. ھەر بىر ئوردا، ساراي ۋە داچىلاردىن مۇزىكا ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپ تۇرتتى. ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئىشىگىدە ئىككى رەت قۇللار تۇرۇپ كىرىپ ـ چىقىۋاتقان مېھمانلارغا ھۆرمەت بىلەن خىزمەت قىلىۋاتاتتى. ھەممىلا يەرنى ئەرلەرنىڭ كۈلكە ئاۋازى ۋە ئاياللارنىڭ شوخ نازلىرى قاپلاپ كەتكەن ئىدى. ھازىر مەن باشقا بىر دۇنياغا كىرىپ قالغان ئىدىم.
       شۇنداق، بۇ يەر ئىككى دۇنياغا ئايرىلاتتى. كىشىلەر ئۆز ـ ئارا بىر  ـ بىرىگە باغلانمايتتى. قۇللار ئۇ يەردە قان تۆتمەكتە، يىغا ـ زارە قىلماقتا ۋە خورلانماقتا ئىدى: ئاقساقاللار، ئاقسۆڭەكلەر، ئالىجاناپلار بولسا بۇ يەردە خوشال ـ خورام كۈلۈپ ئوينىماقتا. مەن دەسلەپتە بۇنى تازا چۈشىنەلمىدىم، كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا مەن ئىلگىرى ئاڭلىغان «گاۋ دۆلىتىنىڭ كىشىلىرى بۇنداق قۇللارنى خۇددى چوشقىنى بوغۇزلىغاندەك ئۆلتۈرۈۋېتىشى كېرەك!» دىگەن بىر جۈملە سۆزىنى ئويلاپ مەنمۇ چۈشىنىپ قالدىم. قۇللارغا قارىتا ھىسداشلىق ۋە ئادالەتلىك مەۋجۇت ئەمەس. بۇ «نەرسىلەر» مەخسۇس باشقا كىشىلەرگىلا قارىتىلغان. بارلىق ئۈمىت پۈتۈنلەي ئۈزۈلدى. بۇ ئادەملەر ئارىسىدا قېلىشنىڭ قىلچە پايدىسى يوق ئىدى. ئۇلار قۇللار تەرەپتە تۇرۇپ گاۋ دۆلىتىنىڭ ئىشخالىيەتچىلىرىگە قارشى كۈرەش قىلالمايتتى. قۇللارنىڭ تەقدىرى قۇللارنىڭ ئۆزلىرىگىلا باغلىق ئىدى. ۋاھالەنكى، بۇ قېتىمقى قارشىلىق كۆرسىتىش ھەركىتى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، قۇللار ئىچىدىكى قەھرىمانلار ئۆلۈپ تۈگىدى. ئېشىپ قالغان كىشىلەردە كۈرەشنى داۋاملاشتۇرغۇدەك كۈچ يوق ئىدى.
       تۈگەشتى، بىزنىڭ ئۈمىتلىرىمىز مانا مۇشۇنداق ئاياقلاشتى. مەن ئۆز قەسىمىمنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەكلىگىنى بىلمەيتتىم، مەن ياڭنىڭ ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئامالسىز قالدىم.
       ئۇ ئۇزۇنغىچە مۇشۇنداق سۆزلەپ توختىدى ـ دە، ھەسرەتلەنگەن ھالدا ئۇلۇغ ـ كىچىك تىنىپ قويدى.
       ئۇنىڭ سۆزلەپ بەرگنەلرى مەندە قايغۇ ـ ھەسرەت غەزەپ ـ نەپرەت، ھىسداشلىق ۋە كۆز يېشى قوزغىدى. مەن بىردىنلا ئۆزۈمنى ئېسىمدىن  چىقىرىپ قويۇپ، گويا ئۇنىڭ ئۆزىلا بولۇپ قالغان ئىدىم، ئۇ سۆزىنى توختاتقاندىلا، مەن ئاندىن باشقا بىر دۇنيادىن ئويغىنىپ كەلگەندەك، ئۆزەمنىڭ يەنىلا پاراخوتتا ئىكەنلىگىمنى بىلدىم، مېنىڭ كۆز ئالدىمدىكىسى قاپ ـ قاراڭغۇ دېڭىز ئىدى. بۇ يەردە نە گاۋ دۆلىتىنىڭ ئەسكەرلىرىمۇ يوق ئىدى، نە قۇللارمۇ يوق ئىدى، پەقەت ئۇلا، بىر ئىسىلزادە خېنىملا تۇراتتى، لېكىن ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇغى ماڭا ئۇ بايان قىلغان ئەھۋالنىڭ ھەممىسىنى ئىسپاتلاپ بەردى.
       مەن ئۇنىڭ ھىكايىسىنىڭ ئاخىرىسىنى بىلىشنى بەكمۇ خالايتتىم، مەن ئاشۇ قۇللارنىڭ تەقدىرىگە بەكمۇ كۆڭۈل بۆلەتتىم. مەن ئۇنىڭ ئۆز سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇشىنى بەكمۇ ئۈمىت قىلاتتىم. مەن پەقەت ئۇنىڭ گېپىنى توختىتىپ سۆزلىمەيلا قېلىشىدىن ئەنسىرەتتىم. ئۇنىڭ يۈزلىرى گويا بىر قەۋەت نېپىز تۇمان بىلەن قاپلانغاندەك كۆرۈنەتتى، مەن ئۇنىڭ ھازىرقى ھىسسىياتىنى بىلەلمەيتتىم.
         ئۇ بېشىنى دېڭىز تەرەپكە بۇراپ ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن دېڭىزغا دىدى:
        ئەي دېڭىز، سەن شۇنچە قاتتىق نەرە تارتىپ، شۇنچە دەھشەتلىك داۋالغۇيسەنۇ، نىمە ئۈچۈن ئارال دۆلىتىدىكى قۇللار رايونىنى غەرق قىلىۋەتمەيسەن؟ ئەي دېڭىز، سەن قەدىردانىم ياڭنىڭ تېنىنى قانداق قىلىۋەتتىڭ؟ نىمە ئۈچۈن ئۇنى ئۆز ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى قويمايسەن؟  ھازىر مەن جىمى كۈچۈمنى ئىشلىتىپ بولدۇم!  مەن بۇ جاھاندا ئادالەتكە ئېرىشەلمەيمەن!
       بۇ گەپلەر خۇددى بىر داس سوغاق   سۇنى بېشىمغا قۇيغاندەك تۇيۇلدى. مەنمۇ بۇرۇلۇپ دېڭىزغا قارىدىم، دېڭىز ئەنە شۇنداق چوڭقۇر ئىدىكى، مەن ئۇنىڭ سىرلىرىنى بىلەلمەيتتىم. مەن يەنە قۇللار توغرىسىدىكى ئاشۇ ھىكايىلەرنى ئويلىماي تۇرالمايتتىم. مەن بىر خىل ئۈمىتسىزلىكنىڭ غەزىۋىنىمۇ ھىس قىلدىم. مەن دېڭىز دولقۇنىنىڭ كۆتىرىلىپ، بىزنىڭ پاراخودىمىزنى، بۇ ئادالەتسىز دۇنيانى يۇتۇۋېتىشىنى كۈتمەكتە ئىدىم.

       تۆتىنچى: «ئەي قۇللار، غەزەپ بىلەن نەرە تارتىڭلار!»

        ـ كېيىنكى ئىشلار قانداق بولدى؟ قۇللارنىڭ تەقدىرىنى قۇتقۇزۇشقا ھەقىقەتەن ئامال بولمىدىمۇ؟ ـ دە سورىدىم مەن.
      ئۇ دەسلەپتە گويا مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلىمىغاندەك سۆزۈمگە جاۋاپ بەرمىدى، كېيىن ئۇ يۈزىنى مەن تەرەپكە بۇرىدى، ئۇنىڭ يۈزىدە ئاجايىپ بىرخىل نۇر چاقنايتتى. ئۇ سۆزىنىڭ ئورامىنى كۈچەيتكەن ھالدا:
       ـ مەن ئىشلىدىم. مەن مۇۋەپپەقىيەت قازاندىم. مەن ئۆز ۋەدەمنى ئەمەلگە ئاشۇردۇم. ـ دىدى ئۇ،
       ـ سىز مۇۋەپپەقىيەت قازاندىڭىزمۇ؟ ـ مەن ھەم ھەيران بولغان، ھەم خوشال بولغان ھالدا سورىدىم. مەن ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەنمەيتتىم، ئۇنىڭ سۆزى بەك تاسادىپى تۇيۇلدى، مەن بۇنى زادىلا تەسەۋۋۇر قىلمىغان ئىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ يۈزىدە قىلچە كۈلگە ئالامىتىمۇ كۆرۈنمەيتتى، چىرايى شۇنچە تۇتۇق ئىدى. بۇ مەندە شۇبھە پەيدا قىلدى.
       ـ شۇنداق، مەن مۇۋەپپەقىيەت قازاندىم. مەن گاۋ دۆلىتىنىڭ ئىشغالىيەتچىلىرىنى پۈتۈنلەي يوقاتتىم. ـ دىدى ئۇ غەزەپلەنگەن ھالدا ، ـ  بىرنەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى. قۇللار رايونى ئاستا ـ ئاستا بۇرۇنقى ھالىتىگە كەلدى. ياق، بۇرۇنقىدىنمۇ ئاۋاتلىشىپ كەتتى. چۈنكى ئۇ گاۋ دۆلىتىنىڭ ئىشغالىيەت رايونى بولۇپ قالغان ئىدى، ھەيۋەتلىك بىنالارغا گاۋ دۆلىتىنىڭ كىشىلىرى ئورۇنلاشتى. بىنالارنىڭ كەينىدە بىر قانچە تار ئۆيلەر بولۇپ، ئۇ يەردە قۇللار يەنىلا بۇرۇنقىدەك ئۆزلىرىنىڭ پاجىئەلىك تەقدىرىدىن قاخشاپ يۈرمەكتە. مەن ئۇ يەرگە باردىم. مەن ئۇلارنى ئويغاتتىم، خۇددى ياڭ ئىلگىرى تەشكىللەنگەندەك مەن ئۇلارنى يەنە بىر قېتىم تەشكىللىدىم. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئەركىنلىك ئۈچۈن قۇربان بولۇشنى خالايتتى. ئۇلار قوزغىلى ئىشغالىيەتچىلەر بىلەن ئېلىششىقا بەل باغلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر كوچىسى...
       ئۇ توختاپ شامالدا كۆتىرىلىپ تۇرغان چېچىنى قولى بىلەن بېسىپ قويدى، ئارقىدىن سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:
      ـ شۇنداق ، بىر كېچىسى، قۇللارنىڭ ھەممىسى قوزغالدى. بىز گاۋ دۆلىتى ئىشغالىيەتچىلىرىگە خۇددى ئىلگىرى ئۇلار بىزگە ھۇجۇم قىلغاندەك ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىشقا باشلىدۇق. ئۇلار مۇداپىئەسىز تۇرغان ئىدى، بۇ دورام ئۇلارنىڭ ئۆتكۈر قورال ـ ياراقلىرى ئىشلىمەي قالدى. ئۇلار بىزنىڭ ھۇجۇمىمىزغا تاقابىل تۇرالمىدى. نۇرغۇن ئۆيلەرگە ئوت قويۇلدى، بۇنى بىز ئۆزىمىز كۆيدۈرگەن ئىدۇق. بىز ئۆزىمىزنىڭ ئۆيلىرىنى كۆيدۈرۈپ قايتىش يولىمىزنى ئۈزۈۋېتىپ، ئىشغالىيەتچىلەر بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىدىغانلىغىمىزنى بىلدۈرگەن ئىدۇق. بىز غەلبە قىلدۇق. گاۋ دۆلىتىنىڭ ئەسكەرلىرى پۈتۈنلەي تارماق بولدى. ئۇلار توخو يۈرەك قورقۇنچاقلارغا ئايلىنىپ يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ بىزدىن كەڭچىلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى. بىز ئۇلارنى تونۇيتتۇق، ئۇلار بۇنىڭدىن بىرقانچە يىل ئىلگىرى بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىزنى قىرغىن قىلغان ئاشۇ خۇمپەرلەر ئىدى. ھەممىسى دەل شۇلارنىڭ ئۆزى ئىدى! بىز يارىلانغۇچىلارنىڭ قېنىنىڭ تېخىچە بەدىنىمىزدە كۆيۈۋاتقانلىغىنى ئېسىمىزدىن چىقىرالمايتتۇق. بىز بۇ خۇمپەرلەرنى قويۇپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىمكان تېپىپ ئىككىنچى قېتىم چوڭ قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشىگە يول قويالمايتتۇق. شۇڭا بىز يەنە بىر قېتىم جەڭ قىلىش ئارقىلىق ئارخىرقى غەلىبىگە ئېرىشتۇق. بىز ئىشغالىيەتچىلەرنى پۈتۈنلەي يوقاتتۇق!
       ئۇنىڭ يۈزلىرى بىرىنلا يورۇپ كەتتى ـ دە، سۆزىنى يەنە داۋاملاشتۇردى:
       ـ بۇ چاغدا ئارال دۆلىتىدە قۇللار قالمىدى! قۇل بولۇپ ئىشلىگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئىككى تەرىپى قىزىل ياغاچتىن ياسالغان يولدىن ئۆزلىرىنىڭ رايونلىرىغا كېتىپ، ئىشغالىيەتچىلەرنىڭ بىناسىغا ئولتۇراقلاشتى، ئۇلاردىن ھىكىممۇ ئاقساقاللار، ئاقسۆڭەكلەر ۋە ئالىجاناپلارغا خىزمە قىلىشنى راۋا كۆرمىدى، ئەمدى چىكىممۇ قۇل بولۇشنى خالىمىدى!
       ـ راستمۇ؟ ـ مەن يەنە ھەيران بولغان ۋە خوشال بولغان ھالدا سورىدىم، ـ ئۇلار يەنە قانداق ؟ ئۇلار كېلىپ ئارىلاشمىدىمۇ؟ چۈنكى ئۇلار قۇل بولمىسا ھايات كەچۈرەلمەيتتى.
       ـ ئۇلار كېلىپ ئارىلاشسىمۇ، ھۇجۇم قىلسىمۇ بەرىبىر كارغا كەلمەيتتى، چۈنكى بۇ چاغدا قۇللار قۇدرەتلەنگەن ئىدى. قۇللار گاۋ دۆلىتىنىڭ ئىغالىيەتچىلىرى ئۈستىدىن غالىپ كەلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇللار يەنە بارلىق تاجاۋۇزچىلار ئۈستىدىن غالىپ كەلدى.
       ـ ئۇنداقتا ھىلىقى ئالى دۆلەتچۇ؟ ئۇ گاۋ دۆلىتىگە ئوخشاش ئارمىيە ئەۋەتمىدىمۇ؟ سىلەر يەنە شۇنچە كۆپ قوشۇنلارغا قانداق تاقابىل تۇرالىدىڭلار؟ ـ مەن كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا سورىدىمئ
       ـ لېكىن بىز ئاخىرى غەلىبە قىلدۇق. بىز بارلىق دۈشمەنلەرنى يوقاتتۇق، چۈنكى بىز قۇدرەتلەنگەن ئىدۇق، بىز ئۆزىمىزنىڭ قېنى ئارقىلىق ئەركىنلىكنى قولغا كەلتۈردۇق. شۇندىن تارتىپ ئارال دۆلىتىدە ئاقساقاللار، ئاقسۆڭەكلەر ۋە ئالىجاناپلار تۈگىدى، قۇللارمۇ تۈگىدى. ھەممىسى ئوخشاشلا ئەركىن كىشىلەر بولدى! ياڭنىڭ ئىشلىرى ئورۇنلاندى. ئۇنىڭ غايە ـ ئىسەكلىرى ئەمەلگە ئاشتى! ـ ئۇ سۆزلەپ شۇ يەرگە كەلگەندە ھەسرەتلەنگەن ھالدا يەنە بىر ئۇلۇغ ـ كىچىك تىنىپ قويدى.
       ـ بۇ ياخشى بوپتۇ! نىمە ئۈچۈن مەن بۇ گەپنى زادىلا ئاڭلاپ باقمىغاندىمەن! ـ مەن شاتلىنىپ سەكرەپ كەتكىلى تاسلا قالدىم.
      ئۇ  ماڭا جاۋاپ بەرمىدىيۇ، يەنە دېڭىزغا قارىۋالدى.
       ـ ئىلگىرى مەن مۇشۇنداق زور خەۋەردىن نىمە ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ خەۋەر تاپمىغان بولغىيىتتىم؟ ئاشۇ يېڭى دۆلەت ھازىرمۇ بارمۇ؟ ـ مەن خوشال ھالدا سورىدىم ۋە ئۇنىڭ جاۋاپ بېرىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتتۈم.
      ئۇ ئۇزۇنغىچە لام ـ جىم دىمىدى، بىردىنلا بېشىنى مەن تەرەپكە بۇرۇپ ئاسمانغا قارىغان ھالدا خۇرسىنىپ قويدى، ئاندىن ئالدىرىماي جاۋاپ
    بەردى:
      ـ بايا مېنىڭ ئېيتقانلىرىم ئارزۇ ـ ئىستەكلەردىنلا ئىبارەت. ھەقىقى ھىكايە تۈگىمىدى، چۈنكى بىز ھازىر خەلىبە قىلمىدۇق. ئارال دۆلىتىدىكى قۇللار رايونى يەنىلا گاۋ دۆلىتى ئەسكەرلىرىنىڭ ئىشغالىيىتىدە تۇرماقتا.  قۇللار يەنىلا ئاقساقللار، ئاقسۆڭەكلەر ۋە ئالىجاناپلارنىڭ قاتمۇ ـ قات ئېكسپىلاتاتسىيىسى ئاستىدا كۈن كەچۈرمەكتە، يەنىلا گاۋ دۆلىتى ئەسكەرلىرىنىڭ مىلتىق،  سىداۋلىرى ئاستىدا زار ـ زار قاخشاپ ئۆتمەكتە.
      ـ نىمە ـ نىمە؟ بۇ خەۋەر يالغانمىدى؟ بۇ سىزنىڭ ئارزۇ ـ ئەستەكلىرىڭىزمىدى؟ ۋاي، سىز مېنى ئالداپ قويۇپسىز ـ دە! ـ مەن ئۈمىتىسزلىكتە غەزەپلەندىم ـ دە، چىدىيالماستىن ئۇنى شۇنداق دەپ ئەيىپلىدىم.
      ـ سىزنى نىمىشقا ئالدايتتىم؟ ـ دىدى ئۇ ئېغىر بېسىقلىق بىلەن. لېكىن مەن ئۇنىڭدىكى ئېغىر ـ بېسىقلىقنىڭ شەكلەن ئېغىر بېسىقلىق ئىكەنلىگىنىلا بايقىۋالدىم، ئۇنىڭ قەلبىدە قانداقتۇ كۆيۈۋاتقان بىر نەرسە باردەك قىلاتتى، ـ بۇنداق ئىشلارنى ئەسلىدە ۋۇجۇتقا چىقىرىش مۇمكىن، قۇللار قەتئى نىيەتكە كېلىپ، بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ قوزغىلىپ زوراۋان كۈچلەرگە قارشى تۇرسىلا، ئۇلار چوقۇم ئاخىرقى غەلىبىگە ئېرىشەلەيدۇ. شۇنداق، مەن ئۇلارنىڭ چوقۇم غەلىبە قىلىدىغانلىغىغا ئىشىنىمەن.
       ئۇ بىردەم تۇرۇۋالدى، ئاندىن يەنە بىر خىل ئاھاڭدا سۆزىنى داۋاملاشتۇردى.
        ۋاھالەنكى، پاكىت بولسا بۇنداق ئەمەس. قۇللار توپ ـ زەمبىرەكلەردىن ۋە پىلىموتلاردىن قورقۇپ بېشىنى كۆتىرىشكە جۈرئەت قىلالمىغاندەك تۇرىدۇ. يا بولمىسا، ئۇلار كۈرەش قىلىشتىن يالتىيىپ قالغان بولسا كېرەك. مېنىڭ ئۇلارنى ئويغىتىشقا ئامالىم يوق... مەن كۆپتىن بۇيان ئۆز ئىشلىرىمغا بوشاڭلىق قىلمىدىم، ۋاقتىمنى بىكارغا ئۆتكۈزۈۋەتمىدىم، مەن قىلىشقا قۇربىتىم يەتكەنلىكى ئىشلارنى كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە قىلىپ كەلدىم. مەن داۋاملىق ئۇلار ئىچىدە ياشىدىن ۋە ئۇلار بىلەن يېقىنلاشتىم، ئۇلارنى ئىمكانىيىتىمنىڭ بېرىچە ھەركەتلەندۈردۈم. مەن ئۇلارغا ياڭ توغرىسىدىكى ھىكايىنى، چوڭ قىرغىنچىلىق توغرىسىدىكى ھىكايىنى، گاۋ دۆلىتى ئەسكەرلىرىنىڭ قۇللار رايونىنى قانداق ئىشغال قىلغانلىغى توغرىسىدىكى ھىكايىنى سۆزلەپ بەردىم. مەن يەنە ئۇلارغا ياڭنىڭ ئېتىقادىنى، شۇنىڭدەك قۇللارنىڭ قانداق قىلىپ كۈچلۈكلەرگە ئايلانغانلىغى توغرىسىدىكى ھېكايىنى سۆزلەپ بەردىم. مەن ئۇلارغا ناھايىتى كۆپ سۆزلەپ بەردىم. لېكىن ئۇلاردىن جاۋاپ ئالالمىدىم. ئۇلار ماڭا يېقىنلىشىشقا بارا ـ بارا جۈرئەت قىلالمىدى. ماڭا ئىشنىشكىمۇ جۈرئەت قىلالمىدى. ئۇلار منى ئۆزلىرىگە بەخت ئېلىپ كەلمەيدىغان، پەقەت بالايى ـ ئاپەتلا ئېلىپ كېلىدىغان شۇم ئايال دەپ چاغلىدى.
      مەن بارغانسېرى يىتىم قالدىم. قۇللار ئىچىدە مەن يەككە ـ يىگانە بىر ئەركىن ئادەمگە ئايلاندىم. ئەركىنما؟ تۈفى! ئەتراپىمدىكى ھەممەيلەن قۇل بولۇپ ئىشلەۋاتقان يەردە مەن قانداقمۇ ئەركىنلىككە ئېرىشەلەي! شۇنداق دەپ ئېتىشىم كېرەككى، مەن بارغانسېرى ئەركىن ئەمەسلىگىمنى ھىس قىلاتتىم. مەن ھەتتا سۆزلەشكۈدەك ئادەممۇ تاپالمىدىم. ئەتراپىمدا ھەقىقەتەن بەزى قۇللار، جىسمانى ۋە روھى جەھەتتە تىز پۈتككەن قۇللار بار ئىدى.
       ئۆتكەنكى دەۋر ئەمدى كەلمەيدۇ. ئەركىنلىكنى چۈشىنىدىغان قۇللار ئىچىدىكى قەھرىمانلار پۈتۈنلەي دىگۈدەك قۇربان بولۇپ كەتتى، ئۇلار ئاشۇ قېتىمقى چوڭ قىرغىنچىلىقتا ئۆلدى. قېپقالغان بەزى كىشىلەر گاۋ دۆلىتى ئەسكەرلىرى بىلەن ئارال دۆلىتىدىكى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىغى ئاستىدا باش ئېگىشنى خالىغان كىشىلەردۇر. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ شەخسى ھاياتىنى دەپ، خارىزار، ئېچىنىشلىق ھاياتىنى دەپ، دۈشمەنگە ھەممىنى سېتىۋېتىشى مۇمكىن. «قارشىلىق كۆرسىتىش» دىگەن بۇ ئاتالغۇ شۇملۇقتىن دېرەك بېرىدىغان ئەپسۇنغا ئايلىنىپ قالدى. ئەمدى ئورنىدىن دەس تۇرۇپ ئەركىن كىشى بولۇشقا جۈرئەت قىلالىغۇدەك ھىچكىم قالمىغان ئىدى.
       مەن ئەنە شۇ شارائىتتا ئىككى يىل ئىشلىدىم. نەتىجىدە ئاران  ئون نەچچە ھىسداشچىلارغىلا ئېرىشەلىدىم. شۇنداق، ئون نەچچە ھىسداشچىلار. ئۇلار ناھايىتى  باتۇرلاردىن بولۇپ، مېنى چۈشىنەتتى، شۇنداقلا ئەركىنلىكنىمۇ چۈشىنەتتى، ئەركىنلىك ئۈچۈن قۇربان بولۇشنى خالايتتى، لېكىن ئارانلا ئون نەچچە ئادەم بىلەن نىمە ئىش ھاسىل بولسۇن؟
       ئۈمىت بارغانسېرى سۇسلىشىپ كەتتى. ئاشۇ كۈنلەردە مەن ھەركۈنى ئاخشىمى دېڭىز بويىغا بېرى تۇراتتىم. مەن بېرىپ دېڭىزغا قارايتتىم، قەدىردانىم ياڭغا ئۆز ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرارمىكىن، دەپ تەلمۈرەتتىم.
       ھەر كۈنى ئاخشىمى مەن دېڭىز بويىدا بىر خىللا مەنزىرىنى چېلىقتۇراتتىم: دېڭىز يۈزى قاپ ـ قاراڭغۇچىلىق ئىچىدە ئىدى، دېڭىز تىنماي نەرە تارتىپ، داۋالغۇپ ـ چايقىلىپ تۇراتتى، بەزىدە ناھايىتى قورقۇنچلۇق كۆرۈنەتتى. لېكىن بۇ ھالەت كىشىنى ئۇنىڭ كۈنلەرنىڭ بىرىدە قەھرىلىك نەرە تارتىپ، پۈتكۈل قۇللار رايونىنى غەرق قىلىۋېتىدىغانلىغىغا ھەرگىزمۇ ئىشەندۈرەلمەيتتى.
       ھەر كۈنى ئاخشىمى مەن دېڭىز بويىدىن قايتىپ كەلگىنىمدە، گويا مۇز گەمىسىگە چۈشۈپ كەتكەندەك بولۇپ قالاتتىم. تۇرۇپ ـ تۇرۇپ مەندە يول ماڭغۇدەكمۇ غەيرەت قالمايتتى. مەن گاۋ دۆلىتى ئەسكەرلىرىنىڭ گازارمىلىرىغا بارغان ئىدىم، ئۇ يەردە ھامان خوشال، شەھۋانە ناخشىلار ئاڭلىنىپلا تۇراتتى. كوچىلاردا گاۋ دۆلىتى ئادەملىرىنىڭ قۇللارنى قامچىلاۋاتقانلىغى دائىم ئۇچراپ تۇراتتى. قۇللارنىڭ كۇنبويى خارلىنىشى، دەپسەندە قىلىنىشى، ئاچ ـ يالىڭاچ يۈرۈشى، قامچىلىنىشى ۋە باشقىلارغا ئىشلىشى ئىلگىرىكىدىنمۇ ئېچىنىشلىق بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلاردا ھازىر بۇنى داتلىغۇدەك جۈرئەتمۇ يوق. ئۇلار يول ماڭا بوينىنى ئىچىگە تۈگۈۋالاتتى ياكى بېشىنى تۆۋەن سېلىۋالاتتى، زۇۋان سۈرمەيتتى ياكى ھارغىن، سۈنئى كۈلكە ئىپادىلەيتتى. ئۇلار ئادەمگە ئەمەس، پەقەت سايىگىلا ئوخشايتتى.
       بۇنداق ئەھۋالغا مەن زادىلا چىداپ تۇرالمىدىم. مەن ھەر قېتىم ئۆزەمگە: «توختاپ تۇر، كەلگۈسىدە ھامان ھەممە نىمە ئوڭتەي ـ توڭتەي بولۇپ كېتىدىغان كۈنلەرمۇ كېلىشى مۇمكىن» دەيتتىم. لېكىن مەن بۇنى بىرنەچچە يىل كۈتتۈم، بىراق ئۈمىت يەنىلا ئاشۇنداق غۇۋا، ئەھۋال ھەتتا ئىلگىرىكىدىنمۇ بەتتەر بولىۋەردى.
       بىزنىڭ، مېنىڭ ۋە ئاشۇ نەچچە ھىسداشچىلىرىمنىڭ ئەمدى كۈتىۋېرىشكە زادىلا تاقىتىمىز قالمىدى. مەن ئەمدى قۇللارنى ئويغىتىشتەك ئاشۇنداق بىھۇدە ئىشلار بىلەن شۇغۇللانماسلىق قارارىغا كەلدىم. بىز جېنىمىزنى تىكىپ بولسىمۇ بىر قېتىم تۈزۈكرەك ئېلىشىپ كۆرۈشنى خالىمىدۇق. بىز مۇشۇ ئون نەچچە كىشىنىڭ كۈچى بىلەن ياڭنىڭ ئارزۇ ـ ئىستەكلىرىنى ئورۇنلىماقچى ۋە گاۋ دۆلىتىنىڭ ئىشغالىيەتچىلىرى بىلەن جان تىكىپ ئېلىشماقچى بولدۇق.
       بىزنىڭ تەييارلىغىمىز ئاساسەن پۈتۈپ قالاي دەپ قالدى. ۋاھالەنكى، بىر كۈنى كېچىدە، يەنە شۇنداق بىر كېچىدە! مەن ئون نەچچە ھىسداشچىلىرىمنىڭ پۈتۈنلەي تۇتقۇن قىلىنغانلىغىدىن خەۋەر تاپتىم. شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا، گاۋ دۆلىتىنىڭ بەش ـ ئالتە ئەسكىرى ئۆيۈمگە كىرىپ ئاختۇرۇشقا باشلىدى. ئۇلار كىتاپ، گېزىت ۋە ھۆججەتلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ۋاراقلاپ كۆرۈپمۇ بىرەر ئىسپات تاپالمىدى. بىر ئوفىتسېر تەكەللۇپ ئارىلاش بۇيرۇق قىلغان ھالدا ماڭا قۇللار رايونىدىن دەرھال كېتىشنى ئېيتتى.
       مەن ئۇلاردىن نىمە ئۈچۈن كېتىدىغانلىغىمنى سورىدىم. ئۇلار سەۋىۋىنى دىمىدى. مەن ئۇلار بىلەن تاكاللاشتىم، لېكىن پايدىسى بولمىدى. مەن ئۇلارنى تىللىدىم. ئۇلار بۇنى ئاڭلىماسقا سالدى.
       كېيىن ئۇلار مېنى «مۇھاپىزەت قىلىپ» ئۆيۈمدىن ئېلىپ ماڭدى. ئۇلار تېخى ماڭا «ھەمراھ» بولۇپ مېنى كېمىگىمۇ چىقاردى. ئۇلار مېنى ئارال دۆلىتىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر قىلدى، ئۇلار مېنى مۇھاپىزەت قىلىپ ماڭىدىغانلىغى ۋە ھەمرا بولۇپ ماڭىدىغانلىغىنى ئاغزىدىن چۈشۈرمىسىمۇ، بىراق ئەمەلىيەتتە مەن ئۇلار تەرىپىدىن سۈرگۈن قىلىنغان ئىدىم.
       مەن ئارال دۆلىتىدىن ئايرىلىپ، نۇرغۇن يەرلەرگە باردىم، ئۇ يەرلەردىمۇ مەن ئىشلىگۈدەك خىزمەتلەر بار ئىكەن، ئۇ يەرلەردىمۇ زۇلۇم ۋە ئېچىنىشلىق ئىشلار ناھايىتى كۆپ ئىكەن. ئۇ يەرلەردىمۇ قۇللارغا ئوخشاش كىشىلەر بار ئىكەن. ۋاھالەنكى، مەيلى قانداق چاغ بولسۇن، مەن ئاشۇ ئارال دۆلىتىنى ۋە ئارال دۆلىتىدىكى قۇللار رايونىنى ئېسىمدىن چىقىرالمايمەن. مېنىڭ ئېسىمدىن تېخخمۇ چىقمايدىغىنى قولغا ئېلىنغان ئاشۇ ئون نەچچە ھىسداشچىلىرىمنىڭ تەقدىرى ۋە قاتمۇ ـ قات ھۆكۈمرانلىق ئاستىدا تىمىسقىلاپ يۈرگەن، ھەتتا دەرت ـ ئەھۋالىنى تۆكۈشكىمۇ جۈرئەت قىلالمايدىغان ئاشۇ كۈرمىڭ قۇللارنىڭ تەقدىرى ئىدى. بۇ ئىشلار يادىمغا كەلسىلا، ئارال دۆلىتىگە ھازىرلا قايتىپ بارغۇن كېلىدۇ. ۋاھالەنكى، مەن بىلەن ئارال دۆلىتىنى بىرقانچە دېڭىز ـ ئوكيان ئايرىپلا قالماستىن، بەلكى خىلمۇ ـ خىل كىشىلەرنىڭ توساقلىرىمۇ ئايرىپ تۇراتتى. ئۇ يەردە مەن پۇت تىرەپ تۇرغۇدەك يەر قالمىدى.
       مەن پات ـ پات ئۆزەمگە:«بولدى، ئېسىڭدىن كۆتىرىۋەت، ئارال دۆلىتىدىكى ئىشلارنى ئۇنتۇپ قال! نىمە ئۈچۈن  ئۇ يەرگە بېرىپ ۋەدەڭنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولىسەن؟ دۇنيا شۇنچە چوڭ، سەن خىزمەت قىلغۇدەك جايلارمۇ كۆپ، ساڭا ئارال دۆلىتىگە بېرىپ ياڭنىڭ ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش نە ھاجەت؟» دىسەممۇ، بۇنىڭ قىلچە پايدىسى بولمىدى. ئاياللارنىڭ قەلبىدىن بىر نەرسە ئاسانلىقچە كۆتىرىلىپ كەتمەيدۇ. ئاشۇ غەزەپ ـ نەپرەتلەر مېنىڭ قەلبىمدە يىلتىز تارتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆتكەنكى ئىشلارنى ئېسىمدىن كۆتىرىۋېتەي دېيىشىمگىلا ئاشۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى، ياڭنىڭ قىياپىتى، نۇرغۇن قۇللارنىڭ قىياپىتى، بىر ـ بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن كاھىش ـ خىشلار دۆۋىسى، كۆيۈپ چۇچىلا بولۇپ قالغان جەسەتلار، دوستلارنىڭ قانلرىى، قىز ـ چوكانلارنىڭ يالىڭاچ بەدەنلىرى ۋە قىساس ئېلىڭلار دەپ توۋلىغاندەك ئېچىلىپ قالغان ئېغىزلار، مانا شۇلارنىڭ ھەممىسى كۆز ئالدىمدا ناھايىتى روشەن پەيدا بولاتتى ـ دە، مەن بۇلارنى ئېسىمدىن چىقىرالمايتتىم.
       مەن گېزىتلەردىن ئارال دۆلىتى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى ئوقۇغىنىمدا، ھامان بەختسىزلىك، دەردۇ ئەلەم ۋە قانۇن ياش قاتمۇ ـ قات دېڭىز ئوكيانلاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ مېنى چىرمىۋالايتتى، مەيلى نەگىلا بارماي، مەن ئارال دۆلىتى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى بىلەتتىم، ئالاھەزەل ھەر كۈنلۈك گېزىت ماڭا يېڭىدىن قان ـ ياش ئېلىپ كېلەتتى. گاۋ دۆلىتى ئەسكەرلىرىنىڭ زۇلمى، ئارال دۆلىتىدىكى ئاقساقللار ، ئاقسۆڭەكلەر شۇنىڭدەك ئالىجاناپ  كىشىلەرنىڭ ئېكىسپىلاتاتسىيىسى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋېتىپتۇ. قۇللارنىڭ سېلىغى ھەر قانداق چاغدىكىدىنمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىپتۇ. بۇ چاغدا پۈتكۈل ئارال دۆلىتىنى قۇللارنىڭ قان ـ ياشلىرى غەرق قىلىۋېتىپتۇ، ئاشۇ قان ـ ياش دېڭىزدا پات ـ پات ئىشغالىيەتچىلەرنىڭ ۋە ئېكىسپىلاتاتۇرلارنىڭ كۈلكە ئاۋازىمۇ ئاڭلىنىپ تۇرىدىكەن تېخى.
       مېنىڭ ھەقىقەتەن سەۋرى ـ تاقەت قىلغۇچىلىگىم قالمىدى. مەن شۇ يەرگە قايتىپ كېتىش، ھىچنىمىگە قارىماي ئاشۇ يەرگە كېتىش قارارىغا كەلدىم. ئۇ يەردە مېنى ئۆلۈم كۈتۈپ تۇرغان تەقدىردىمۇ، مەن قايتىپ كېتىشىم كېرەك.
       دەرۋەقە، مەن ئارال دۆلىتىگە قايتىپ باردىم. مەن دېڭىز بويىدا يېڭىدىن سېلىنغان بىنالارنى ۋە بۇ بىنالارنىڭ ئۈستىگە قاداپ قويۇلغان گاۋ دۆلىتىنىڭ دۆلەت بايرىغىنى كۆرگىنىمدە قەلبىم ناھايىتى ھاياجانلىنىپ كەتتى، مېنىڭ ھازىرلا قىرغاققا چىققۇم ۋە ھازىرلا بىرەر ئىش چىقارغۇم كېلىپ كەتتى. ۋاھالەنكى، مېنىڭ پىلانلىرىم پۈتۈنلەي كۆپۈككە ئايلاندى، مەن قىرغاققا چىقىشىمغىلا گاۋ دۆلىتى ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلدۈم، ئۇلار مېنى بىرنەچچە كۈن تۇتۇپ  تۇرغاندىن كېيىن ئەسلىدە ئولتۇرۇپ كەلگەن كېمە بىلەن مېنى يەنە قايتۇرۇۋەتتى. ئىككىنچى قېتىم مەن يەنە قايتىپ بارغاندا، قىرغاققا چىققۇدەك پۇرسەتكىمۇ ئېرىشەلمىدىم. لېكىن مەن مەيۈسلەنمىدىم . ئۈچۈنچى قېتىم مەن ئاخىر مۇۋەپپەقىيەت قازاندىم، مەن ئارال دۆلىتىگە باردىم، قىرغاققىمۇ چىقتىم، بۇنى ھىچكىم بىلمىدى.
       قۇللار رايونىدا مەن بىر تونۇش ئادەمنى تاپتىم. ئۆتكەن قېتىم مەن ئارال دۆلىتىدىن كەتكەن چاغدا، ئۇ تېخى بالا ئىدى، ھازىر ئۇ چوپ ـ چوڭلا بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇ مېنىڭ ھىسداشچىم ئىدى. ئۆتكەندە بىزنىڭ پىلانىمىز مەغلۇپ بولغاندا، ئۇنىڭ يېشى كىچىك بولغاچقا، بىركىم ئۇنىڭدىن گۇمانلانمىغان ئىدى. شۇڭا ئۇ ھازىر ناھايىتى بىخەتەر تۇرۇاۋاتاتتى. ئۇ كۆزىگە لىق ياش ئالغان ھالدا قولغا ئېلىنغان ئون نەچچە ھىسداشچىلىرىنىڭ تەقدىرىنى سۆزلەپ بەردى، ئۇلار تۈرمىدە گاۋ دۆلىتى ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن پاجىئەلىك ئۆلتۈرۈلۈپتۇ، بىرىمۇ تىرىك قالماپتۇ. ئۇ يەنە ماڭا مۇشۇ بىر يىلدىن بۇيان بېشىدىن كەچۈرگەن سەرگۈزەشتىلىرىنى ۋە ئارال دۆلىتىنىڭ ھەممە ئەھۋالىنى تەپسىلى بايان قىلىپ بەردى، ئۇ يەنە ماڭا ئۆزىنىڭ قانداق كۈرەش قىلغانلىغىنى، قۇللار ئىچىدە ياڭنىڭ ئېتىقادىنى قانداق تەۋىق قىلغانلىغىنى ئېيتىپ بەردى. ئۇ مېنىڭ قايتىپ كېلىپ ئىلگىرىكى ئىشلارنى داۋاملاشتۇرۇشۇمنى نەقەدەر تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتكەنلىگىنىمۇ ئېيتىپ بەردى. ئۇ شۇنچە خوش ئىدى. ئۇنىڭ سۆزلىرى ۋە ھەركىتىدىن مەن ئىسسىق مۇھەببەتنىڭ تولۇپ تاشقانلىغىنى كۆرۈۋالدىم. مەن ئۇنى چۈشەندىم.
       بۇ «بالا»، مەن ئۇنى «بالا»دپلا چاقىراتتىم، بۇ «بالا»نىڭ ۋۇجۇدىدىن بىر باتۇر ئادەمنى، خۇددى ياڭغا ئوخشاش بىر باتۇر ئادەمنى كۆرۈۋالدىم. مېنىڭ ئۈمىدىم يەنە تىرىلدى، مەن: بۇ قېتىم بىز بەزى ئىشلارنى چوقۇم ۋۇجۇتقا چىقىرالايمىز، دەپ ئويلىدىم ـ دە، شۇنىڭ بىلەن بىز يەنە ئىشنى باشلىۋەتتۇق.
       ئىشىمىز دەسلەپتە ناھايىتى ئۈمىتلىك ۋە ئوڭۇشلۇق بولدى. بىز دەسلەپتە قۇللار رايونىدىكى جىمغۇرلۇقنى بۇزدۇق. بىز بەزى يېڭى ھىسداشچىلارغا ئېرىشتۇق. كېيىن يەنە تېخىمۇ كۆپ ھىسداشچىلارغا ئېرىشتۇق، ئۇلار بۇ «بالا» غا خۇددى ئىلگىرى بىر قىسىم كىشىلەر ياڭغا ئىشەنچ باغلىغاندەك ئىشەنچ باغلىدى. بىز ئىشنى ناھايىتى مەخپى قىلدۇق. سىرتتىكىلەرگە ئۇقتۇرمىدۇق. مەن بىر تەرەپتىن ئىشلەيتتىم، قەلبىم شاتلىققا چۆمگەن ئىدى. مەن: بۇ دورام ئىشلىرىمىز چوقۇم غەلىبە قىلىدۇ، دەپ ئويلايتتىم.
      شۇن كۈنلەردە، ئاخشىمى مەن پات ـ پات دېڭىز بويىغا بېرىپ ياڭنىڭ تېنىنى يۇتۇۋەتكەن دېڭىزغا قارايتتىم، ئەلۋەتتە مەن گرىملىنىپ باراتتىم. گاۋ دۆلىتىنىڭ ئەسكەرلىرى مېنى تونۇيالمايتتى.
       ئەمدىلىكتە دېڭىز بويىدا ماڭا چېلىققىنى قاپ ـ قاراڭغۇ دېڭىز يۈزى ئەمەس ئىدى. ئۇ يەردە سان ـ ساناقسىز ماتورلۇق كېمىلەر ئۈزۈپ يۈرەتتى، ھەربىر كېمىدىكى چىراقلار يالت ـ يۇلت قىلىپ، ئەتراپنى خۇددى كۈندۈزدەك يورۇتۇۋەتكەن ئىدى؛ ھەربىر كېمىدە كۈلكە ـ پاراڭ ۋە مۇزىكا ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى، ئۇزۇن بىر رەت يېڭى بىنا قەد كۆتەرگەن بولۇپ، بۇ بىنالارنىڭ دەرىزىسى يوغان ئېچىۋېتىلگەن ئىدى. مېنىڭ كۆزۈم دەرىزە ئارقىلىق گاۋ دۆلىتى ئىغالىيەتچىلىرىنىڭ كەچلىك تۇرمۇشىغا چۈشتى. مەن قىمارخانا، تانسىخانا ۋە ھاراق ـ شاراپ ئىچىدىغان سورۇننى كۆردۈم. ئاشۇ بىنالاردا، ئاشۇ ماتورلۇق كېمىلەردە گاۋ دۆلىتىدىكى ئەر ـ ئاياللار خۇددى ئارال دۆلىتىدىكى ئاقساقاللار، ئاقسۆكەڭلەر ۋە ئالىجاناپ كىشىلەر ئوردىلاردا، سارايلاردا ۋە داچىلاردا يۈرگەندەك بىر بىرى بىلەن ئىرمىشىپ ـ چىرمىشىپ كۆڭۈل ئېچىشماقتا ئىدى. ئۇلارنىڭ يېنىدا خىزمەت قىلىۋاتقانلار ئارال دۆلىتىدىكى قۇللار ئىدى.
       بۇرۇنقى ئەھۋاللار ئەمدى پۈتۈنلەي كۆزگە چېلىقمايتتى. دېڭىزمۇ نەرە تارتىپ داۋالغۇمايتتى. ئۇ گويا دۆلىتىدىكى ئەيش ـ ئىشرەتچىلەرنىڭ كۆڭۈل ئېچىشىغا ئىلھام بېرىۋاتقاندەك ناھايىتى جىمغۇر بولۇپ قالغان ئىدى.
       مەن بۇ ئەھۋاللارنى كۆرۈپ ئېچىناتتىم، ھەر قېتىم دېڭىز بويىدىن قايتىپ كەلگەنىمدە ھامان بەزى كۆڭۈلسىزلار ماندىكى خوشالللىقنى، ئارزۇ ئۈمىتنى قوغلىۋېتەتتى، پەقەت ھىلىقى «بالا» كېلىپ ماڭا تەسەللىي بەرگەندىلا، مېنىڭ غەيرىتىم ئاندىن ئۆز ئەسلىگە كېلەتتى.
       مەن يەنىلا پات ـ پات دېڭىز بويىغا بېرىپ دېڭىزغا قارايتتىم، ئەمما مېنىڭ ھىسسىياتىم بۇرۇنقىغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايتتى، مەن ئەمدى ئۆز ئۈمىدىمنى دېڭىزغا بېغىشلىمايدىغان بولدۇم، مەن ئەمدى ئۇنىڭ ئاشۇنداق دەھشەتلىك نەرە تارتىپ قۇللار رايونىنى غەرق قىلىۋېتىشىگە ئىشەنمەيدىغان بولدۇم! مېنىڭ كېلىشىم ئۇنىڭدىنياڭنىڭ جەسىدىنى زادى قانداق بىر تەرەپ قىلغانلىغىنى سوراپ بېقىش ئۈچۈن ئىدى. ۋاھالەنكى مەن بۇ جاۋاپقا مەڭگۈ ئېرىشەلمەيمەن.
       بۇلاردىن قەتئى نەزەر، بىزنىڭ ئىشلىرىمىزدا بارا ـ بارا زور ئىلگىرىلەش بولدى. كېيىن ماڭا دېڭىز بويىغا بېرىشىقىمۇ چولا تەگمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە سىرتتا گاۋ دۆلىتى ئەسكەرلىرىنىڭ مېنىڭ قايتىپ كەلگەنلىگىمنى بىلىپ قېلىپ، پېيىمگە چۈشۈۋاتقانلىغى توغرىسىدا مىش ـ مىش گەپلەر تارقىلىپ يۈرمەكتە ئىدى. شۇڭا، مەن ئېھتىيات قىلماي تۇرالمايتتىم.
       ئىشلىرىمىزنى بالدۇرراق مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرۈش گاۋ دۆلىتى ئەسكەرلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىغىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بىز خىزمىتىمىزنى ھەسسىلەپ تىرىشىپ ئىشلىدۇق، لېكىن بىزدە ئۇنچە كۆپ ۋاقىت يوق ئىدى، چۈنكى بالايى ئاپەت يېقىنلىشىپ قالغان ئىدى.
       بىر كۈنى ھىلىقى «بالا» ئۇشتۇمتۇت كېسەل بولۇپ يىقىلدى، ئارقىدىنلا ھىسداشچىلىرىم ئارىسىدا ماجرا تۈز بەردى، بۇ ماجرا ئۇلار ئوتتۇرىسىدا ئارازلىق پەيدا قىلدى. مەن يەنىلا ئاشۇنداق بوشاشماي تىرىشىپ داۋاملىق تۈردە خىزمەت ئىشلىسەممۇ، بەلكى ئۇلارنى مۇرەسسە قىلىپ ياراشتۇرساممۇ، لېكىن بۇ كارغا كەلمىدى، دەل شۇ پەيتتە، بىر كېچىدە، يەنە شۇنداق بىر كېچىدە ـ گاۋ دۆلىتى ئەسكەرلىرىنىڭ ياۋۇزلۇق قىلىش ۋاقتى ھامان كېچىدە بولاتتى ـ مەن تۇرغان مەخپى ئۆي مۇھاسىرىگە ئېلىندى. گاۋ دۆلىتىنىڭ بىرنەچچە ئەسكىرى كىرىپ مېنى تۇتۇپ كەتتى.
       بۇ قېتىم ئۇلار مېنى ئەمدى قويۇپ بەرمەيدىغانلىغىنى ئوچۇق ئېيتتى. ئۇلار مېنى «قورقۇنچلۇق ئايال » دەپ ئاتاشتى. ئۇلار تېخى ماڭا: ئەگەر بىرى مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ قويمىغان بولسا، مېنى تۇتالمايدىغانلىغىنى ئېيتىشتى. ئۇلار مېنى بىر مەخپى سوتخانىغا ئېلىپ بېرىپ سوت قىلدى. مەن ئۇ يەردە بىر ئېغىز گەپمۇ قىلمىدىم. ئۇلار ماڭا ھىچ چارە قىلالمىدى. چۈنكى مەن بەرىبىر ئىسىلزادە خېنىملاردىن ئىدىم. ئۇلار مەندىن خېلى ئەيمىندى ۋە جازا قوراللىرىنى ئىشلىتىپ مېنى قىيىن ـ قىستاققىمۇ ئالمىدى.
       سوت قىلىش نەتىجىسىدە، مەن ئۆمۈرۋايەت تۈرمىدە نەزەربەنت قىلىنشقا ھۆكۈم قىلىندىم. مەن ئۆزۈمنىمۇ ئاقلىمىدىم. چۈنكى شۇ تاپتا مەن پۈتۈنلەي ئۇلارنىڭ چاڭگىلىدا ئىدىم، مەيلى ئۆلتۈرەمدۇ ۋە ياكى قاماپدۇ، بۇ ئۇلارغا باغلىق ئىدى.
       شۇندىن ئېتىۋارەن مېنىڭ ئۈمىتلىرىم پۈتۈنلەي ئۈزۈلدى. ئىنتايىن تار بىر ئۆي مېنىڭ يېڭى دۇنيايىم بولدى. مەن بۇ تار ئۆيدە مەڭگۈ قامىلىپ ياتىدىغان ئوخشايمەن، تىرىك چىقىپ كېتىشكە كۆزۈم يەتمىدى. ئەتىگەندىن ـ كەچكىچە كۆزۈمگە چېلىقىدىغىنى بىر خىللا نەرسە ئىدى: قاپقارا تام، قول يەتكۈسىز رۇجەك، كىچىككىنە چاسا جوزا، بىر كارۋات ۋە يۇيۇنۇش سايمانلىرى. نى ھاۋانى، نە كۈن نۇرىنى كۆرگىلى، ئادەملەرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ بولمايتتى.
       مېنىڭ يۈرىگىمنى ئۆتكەنكى دەرت ـ ئەلەملەر مۇجۇيتتى. مەغلۇبىيەتنىڭ قايغۇسى مېنى ئازاپلايتتى، ھىسداشچىلىرىم توغرىسىدىكى ئوي ـ خىياللار مېنى تېخىمۇ پەرىشان قىلاتتى. مەن گاھ قايغۇراتتىم، گاھ غەزەپلىنەتتىم، گاھ غەم ـ ئەندىشە ئىچىدە قالاتتىم، گاھ قىساس ئېلىش پىلانى ئۈستىدە خىيال سۈرەتتىم. مەن بىرەر كىچىمۇ كىرپىك قېقىپ ئۇخلىيالمىدىم. شۇڭا ئارىدىن بىرەر ھەپتە ئۆتە ـ ئۆتمەيلا مەن كېسەل بولۇپ يىقىلدىم. مەن بۇ دورام ھاياتىم ئاخىرلىشىدىغان بولدى، دەپ ئويلىدىم.
       لېكىن گاۋ دۆلىتىنىڭ ئىشغالىيەتچىلىرى مېنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىمنى خالىمايتتى. ئۇلار كېسىلىمنى داۋالاشقا دوختۇر تەكلىپ قىلىپ كەلدى ھەم مېنى باشقا بىر يەرگە يۆتكىدى، مېنىڭ بۇ يېڭى تۇرار جايىمنىڭ ئالدى تەرىپى باغچا ئىدى، ئۆي ئىچىدىكى جازىلارمۇ خېلى جايىدا ئىدى. ھازىر مېنىڭ توققۇزۇم تەل بولدى. پەقەت ئەركىنلىگىملا يوق ئىدى، خالاس.
       مەن دەسلەپتە ئۇلانرى ماڭا نىمە ئۈچۈن مۇشۇنداق ياخشى مۇئامىلە قىلغانلىغىدىن بەكمۇ ئەجەپلەنگەن ئىدىم. كېيىن ئۇقسام بۇ دادامنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن بولغان ئىش ئىكەن. مېنىڭ قولغا ئېلىنغانلىغىم توغرىسىدىكى خەۋەر دادامغا ئاڭلانغاندىن كېيىن، دادام گاۋ دۆلىتىنىڭ ئىشغالىيەتچىلىرى قېشىغا كېلىپ مېنى قۇتقۇزۇۋېلىشقا ئامال قىلالمايدۇ، ئۇ ئەسلىدە مېنى قۇتقۇزۇپ قالالايتتى. بىراق مەن توۋەنامە يېزىپ، ئۇنىڭ بىلەنبىللە ئائىلىگە قايتىپ بۇرۇنقىدەك ئاشۇنداق تۇرمۇش كەچۈرۈشكە كۆنمىگەنلىگىم ئۈچۈن، ئۇ ئاخىرى مەغلۇپ بولغان ئىدى. بىز يۈز كۆرۈشتۇق، ئاتا ـ بالىلىق مېھىر ـ مۇھەببەتنىمۇ ئەسلىگە كەلتۈردۇق. لېكىن مەن ئۇنى دەپ ئۆز ئېتىقادىمنى قۇربان قىلىشنى خالىمىدىم.
       ئۇنىڭسىزمۇ مەن يەنىلا چىقىپ كېتىپ ھەركەت قىلىۋاتقان كىشىلەر ئارىسىغا قايتىپ بارالىدىم. مەن ئاشۇ «بالا» قۇتقۇزۇپ چىقتى. ئۇ مېنىڭ قولغا ئېلىنغانلىغىمنى ئاڭلاش بىلەنلا كېسەل كارۋىتىدىن تۇرۇپ، مېنى قۇتقۇزۇشنىڭ خىلمۇ ـ خىل ئۇسۇللىرىنى ئويلىغان. ئۇ خىرى مۇۋەپپەقىيەت قازانغان.
      بىر قاراڭغۇ كېچىدە،يەنە ئۇنداق بىر قاراڭغۇ كېچىدە! ئۇ بىردىنلا مېنى قۇتۇزۇپ چىقتى. ئۇ مېنى ئۆز ئۆيىگە ئاپىرىپ بىر كېچە قۇندۇرۇپ، مېنى ئارال دۆلىتىدىن يولغا سېلىپ قويماقچى بولدى. شۇ ئاخشىمى ئۇ ماڭا نۇرغۇن ئىشلارنى سۆزلەپ بەردى. بۇ چاغدا مەن دەۋەقە ھىسداشچىلىرىم ئىچىدىن بەزىلەرنىڭ بىزگە ساتقىنلىق قىلغانلىغىنى بىلدىم. شۇڭا ئىككى ـ ئۈچ تەسلىمچىنى ھىساپقا ئالمىغاندا، قالغانلارنىڭ تولىسى قولغا ئېلىنغان. بىزنىڭ تىرىشچانلىغىمىز پۈتۈنلەي بىكارغا كەتتى. ماڭا ئەمدى بۇ يەردىن كېتىشتىن باشقا يول يوق ئىدى.
       ئەتىسى مەن يولغا چىقماقچى بولغان ئىدىم، بىراق بىر ئىش ماڭا كاشىلا بولدى. ھىلىقى «بالا» ئۇشتۇمتۇت يەنە كېسەل بولۇپ يىقىلدى ـ دە، ناھايىتى كۆپ قان سەپرا قىلدى. شۇ كۈنلەردە  ئۇ مېنى قۇتقۇزىمەن دەپ ئۆز سالامەتلىگىدىن ئايرىلغان ئىدى، شۇڭا مەنمۇ ئۇنى تاشلاپ كەتمەسلىك قارارىغا كەلدىم. ئۇ مېنى كېتىشكە شۇنچە كۆپ زورلىغان بولسىمۇ، لېكىن مەن ئاخىر قېپقالدىم. مەن بۇ يەردە تۇرۇپ ئۇنىڭ كېسىلىدىن خەۋەر ئېلىشنى نىيەت قىلدىم. بۇ چاغدا بىر خىل نەرسە مېنى ئۇنىڭ يېنىغا تارتىپ تۇراتتى. بۇ مۇھەببەت ئىدى. مەن تۈرمىدىكى چېغىمدىلا ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىغىمنى سەزگەن ئىدىم. مەن ئۇنىڭدىن ئايرىلىشنى خالىمايتتىم.
        مەن ئۇنىڭ ئائىلىسىدە بىر ھەپتە تۇردۇم. ئۇنىڭ كېسىلىدە يەنىلا ياخشىلىنىش بولمىدى. سىرتتا ئەنسىزلىك كۆپەيگىلى تۇردى. گاۋ دۆلىتىنىڭ ئەسكەرلىرى پۈتكۈل قۇللار رايونىنى ئاختۇرىدىكەن، دىگەن مىش ـ مىش گەپلەر پات ـ پات تارقىلىپ يۈرەتتى. ئۇ يەنە مېنى ئارال دۆلىتىدىن دەرھال كېتىشكە دالالەت قىلدى. مەن ئۇنىڭغا قەتئى ھالدا: «مەن بۇ يەردە تۇرۇپ سېنىڭ كېسىلىڭدىن خەۋەر ئالىمەن، مەن كەتمەيمەن» دىدىم. ئۇ مېنىڭ پوزىتسىيەمنىڭ قەتئىلىگىنى كۆرۈپ، قايتا دالالەت قىلىپ يۈرمىدى.
       شۇ كۈنى ئاخىشىمى مەن قاتتىق ئۇيقۇدا ئۇخلاۋاتاتتىم، بىردىن ئېتىلغان مىلتىق ئاۋازىدىن چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتىم. كۆزۈمنى ئېچىپ قارىسام، ھىلىقى «بالا» يەرگە يىقىلىپ خىقىراپ يېتىپتۇ. مەن دەررۇ كارۋىتىمدىن چۈشۈپ ئۇنىڭغا قارىدىم، ئۇنىڭ بەدەنلىرى قان بولۇپ كەتكەن ئىدى، تاختايلىق يەردە بىر دانە قەلەمتۇراچ تۇراتتى. مەن قاراپلا چۈشەندىم ـ دە، سۇ ئەپكېلىپ ئۇنىڭ جاراھىتىنى تازلىدىم، ئاندىن كىيىمىمنىڭ بىر پېشىنى يىرتىپ ئۇنىڭ جاراھىتىنىڭ ئاغزىغا قاپلىدىم، مەن ئۇنى يۆلەپ كارۋىتىغا ئاپىرىپ قويماقچى بولۇۋىدىم، بىراق ئۇ قولىنى پۇلاڭلىتىپ مېنى توستى، ئارقىدىن كۈلۈمسىرىگەن ھالدا: «ئەمدى سىز مېڭىڭ!» دىدى.
       مەن ھىچنىمىگە قارىمايلا يەرگە تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ بېشىنى كۆتەردىم ـ دە، يۈزلىرىگە يېنىشلاپ ـ يېنىشلاپ سۆيۈپ كەتتىم ۋە قاتتىق ئاۋاز بىلەن :«كۆزۈڭنى ئاچ، كۆزۈڭنى ئاچقىنا!» دەپ توۋلىدىم.
       ئۇ كۆزىنى يوغان ئاچتى، ئۇ كۈلۈمسىرەيتتى. ئۇ مۇنداق دىدى:«مەن ئۆلۈپ كېتىدىغان بولدۇم، ئەمدى مەن سىزگە بىر ئېغىز گەپنى ئېيتىپ قوياي، مەن سىزنى سۆيىمەن، ئۆلسەممۇ سىزنى سۆيىمەن.»
       مەن بۇ گەپكە ئۇزۇندىن بۇيان تەشنا بولغان بولساممۇ، ئۇ بۇ گەپنى ئەمدىلا ئاغزىدىن چىقاردى، بىراق بەكمۇ كېچىككەن ئىدى. بۇ بىر قانچە يىلدا بىرلا باتۇر ئادەمنى تاپتىم، ئۇ مېنى تۈرمىدىن قۇتقۇزۇپ چىقاردى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ مېنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىغى تۈپەيلى، ئۆز ھاياتىدىن ئايرىلدى. مەن ياڭنى دەپنە قىلغاندىن كېيىن ھازىر يەنە باشقا بىر سۆيگىنىمنى دەپنە قىلىدىغان بولدۇم. مېنىڭ قايغۇ ـ ھەسرىتىم بەك ئېشىپ كەتتى. مەن ئۇنىڭغا چاپلىشىپ قايغۇرۇپ يىغلاپ كەتتىم.
       ئۇ چېچىمنى سىلاپ تۇرۇپ، ئېنىق ئاۋاز  بىلەن مۇنداق دىدى:«لىنا ، يىغلىماڭ ، قايغۇرماڭ ، كېرەك يوق سىز ياشىشىڭىز كېرەك، سىز ياشىشىڭىز كېرەك! بىزنىڭ ئىشلىرىمىز ئەمدىلا باشلاندى! مەن سىزنىڭ قۇچىغىڭىزدا جان ئۈزسەم بەكمۇ خوش بولىمەن... مەن سىزنى سۆيىمەن، ئۆلسەممۇ سىزنى سۆيىمەن. سىز ھاياتلا بولۇپ بىزنىڭ ئىشلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرسىڭىزلا ئۆلۈپ كەتسەممۇ ئارمىنىم يوق... كۆپتىن بېرى مەندە بىرلا ئوي بولۇپ كەلدى، ئۇ بولسىمۇ سىزنىڭ بىخەتەرلىگىڭىز ئىدى. مانا ئەمدى سىز چىقتىڭىز، مەنمۇ خاتىرجەم بولدۇم... سىز بۇ يەردىن تېز كېتىڭ! ئۇلار ھەرقاچان كېلىپ سىزنى تۇتۇپ كېتىشى مۇمكىن... يەنە نىمىگە يىغلايسىز؟ ئىشقىلىپ مەن ساقىيالمايمەن، بالدۇراق ئۆلۈپ كەتسەممۇ مەيلىتى... مەيۈسلەنمەڭ، مەغلۇپ بولدۇق، دەپ مەيۈسلەنمەڭ. سىز ئىشىڭىزنى داۋاملاشتۇرۇپ قۇللارنى ئويغىتىڭ، ئۇلارنى غەزەپكە كەلتۈرۈڭ. قۇللارنىڭ غەزىۋى ئىشغالىيەتچىلەرنىڭ ۋە ئېكىسپىلاتاتۇرلارنىڭ خوشال كۈلكىسىنى غەرق قىلىۋېتىدۇ... ئاھ، قۇللار غەزەپكە كەلسۇن...»
       بۇ «بالا» مانا مۇشۇنداق جان ئۈزدى، مېنىڭ يىغلىغان ئاۋازىم ئۇنى تىرىلدۈرەلمىدى. بۇ يوقىتىش مېنى ئەڭ باتۇر بىر ھەمرايىمدىنلا ئەمەس، بەلكى مېنى يەنە بىر سۆيگىنىمدىن ئايرىدى. شۇنچە ئۇزۇندىن بېرى، مەن ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغان بولساممۇ، بىراق ئۇ پەقەت جان ئۈزىدىغان چاغدىلا ئۆز مۇھەببىتىنى ئاشكارىلىدى. ماڭا بولسا ئۆز مۇھەبىتىمنى ئىزھار قىلغۇدەكمۇ پۇرسەت بەرمىدى. بىز مانا شۇ تەرىقىدە ۋىدالاشتۇق.
       مەن ھازىر مېڭىشىم كېرەك. ئۇنىڭ ئېيتقانلىرى توغرا، مەن ياشىشىم كېرەك، قۇللارنى غەزەپكە كەلتۈرۈپ، ئاشۇ ئىشغالىيەتچىلەرنىڭ ۋە ئېكىسپىلاتاتۇرلارنىڭ خوشال كۈلكىسىنى غەرق قىلىۋېتىشىم كېرەك.
       مەن ئورنۇمدىن دەس تۇرۇپ كۆزۈمدىكى ياش يۇقىنى سۈرتۈۋەتتىم. مەن بىر ھازاغىچە ئۇنىڭ دىدارىغا قارىدىم ئارقىدىن ئېڭىشىپ  بېرىپ ئۇنى ئەڭ ئاخىرىقى بىر سۆيۈپلا كەسكىن ھالدا چىقىپ كەتتىم. مەن ئۇنىڭ جەسىدىنى باشقىلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشى ئۈچۈن ئۆيدە قالدۇرۇپ قويدۇم. مەن ئۇنى ياڭنى دەپنە قىلغاندەك دەپنە قىلالمايتتىم شۇڭا تا بۈگۈنگىچە مەن تېخى ئۇنىڭ جەسىدىنىڭ نەدە ئىكەنلىگىنى بىلمەيمەن.
       مەيلى بۇنىڭ خاتىمە بولۇپ قېلىش ـ قالماسلىغىدىن قەتئىينەزەر، مېنىڭ ھىكايەم مانا شۇنداق ياقلاشتى. بۇنى مەن ئويلاپمۇ باقمىغان ۋاھالەنكى، ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت يەنە ئۆتۈپ كەتتى. ئۇ سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە جىم بولدى ـ دە، قولىنى چىقىرىپ كۆزىنى سۈرتۈپ قويدى. ئۇنىڭ يۈزى زۇلمەتلىك يىراققا تاشلانغان ئىدى. ئۇ گويا ئەينى چاغدىكى ئەھۋللارنى ئەسلەۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇنىڭ چاچلىرى شامالدا لەپىلدەپ خۇددى شىرنىڭ يالىدەك تىڭ تۇراتتى. ئۇنىڭ بېشى بىردىنلا ناھايىتى يوغان كۆرۈندى. ئۇنىڭ يۈزى مەن تەرەپكە بۇرالغاندا ماڭا قىزىرىپ كەتكەن بىر جۈپ كۆز كۆرۈنگەندەك بولدى.
       ـ بۇ ئىككى يىلدىن بېرى، مەن گويا كىشى قەلبىنىڭ چۆل ـ باياۋانلىرىنى كەزگەندەك بىرمۇنچە يەرلەرنى كەزدىم، مەن مەڭگۈ يەككە ـ يىگانە ئادەم، ـ دىدى ئۇ ئىڭرىغان ھالدا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ـ ھەممىلا يەردە قۇللارنى ئۇچراتتىم. لېكىن ياڭ ۋە ھىلىقى «بالا»غا ئوخشاش بىرەر باتۇر ئەرنى تاپالمىدىم. بارچە ئادەم ئۆلۈپتۇ، ۋاھالەنكى قانلىق قەسەم ئۆلمەيدۇ، ئۇ مېنىڭ قەلبىمدە ئەبىدى ـ ساقلىنىپ قالىدۇ، مۇشۇ بىرقانچە يىللاردىن بۇيان، مەن ئۇنى ئېسىمدىن چىقىرىپ قويمىدىم. ئۇ ھەر كۈنلۈگى قەلبىمنى ئۆرتەپ، مېنى بىردەم ئارام تاپقۇزمۋاتىدۇ. مەن بىرنەچچە قېتىم نىمە ئۈچۈن تولا ئويلاۋېرىسەن؟ سەنمۇ نۇرغۇنلىغان ئەرلەردەك، ھەممىنى سالىۋات قىلىۋېتىپ، ئاز ـ پاز بولسىمۇ خاتىرجەمرەك تۇرمۇش ئۆتكۈزمەمسەن» دىگەن ئىدىم. بىراق مەن مۇنداق قىلالمىدىم، چۈنكى ئايال بولغۇچى ئۆز قەسىمىنى يادىدىن چىقىرىۋېتەلمەيدۇ، شۇڭا مەن يەنە ئۆز ـ قەسىمىنى يادىدىن چىقىرىۋېتەلمەيدۇ. شۇڭا مەن يەنە ئۆز ـ ئۆزەمگە شۇنداق دىدىم: «سەن ئۆز قەسىمىڭگە ئەمەل قىلىشىڭ كېرەك، سەن قەتئى داۋاملاشتۇرۇشۇڭ كېرەك، سەن ئاخىرقى كۈچۈڭنى تولۇق ئىشقا سېلىپ ئىشلىرىڭنى ئورۇنلىشىڭ كېرەك...
       ئۇ تازا بىر ئۇلۇغ ـ كىچىك تىنىپ قويدى. ئاندىن يەنە ئۆز ـ ئۆزىگە پىچىرلىغاندەك سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:
      ھازىر يەنە ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى. مەن يەنىلا ھەمە يەردە يەككە ـ يىگانە سەرسان بولۇپ يۈرۈپ، ئارال دۆلىتىگە قايتىپ كېتەلمەيۋاتىمەن. مەن يەنىلا قۇللارنىڭ قەھىرىلىك نەرىسىنى ئاڭلىيالمايۋاتىمەن. قاچانغا بارغاندا قۇللار ئاندىن غەزەپكە كېلىدۇ؟... مەن ھەقىقەتەن سەۋرى قىلالمايمەن. مەن نەرە ئاۋازىنى ئاڭلايمەن. ئەي ئارال دۆلىتىدىكى قۇللار، غەزەپكە كېلىڭلار! سىلەر خۇددى دېڭىزدەك قەھرىلىك نەرە تارتىڭلار، شاۋقۇن ـ سۈرەن سېلىڭلار!
       ئۇ ئاغزىنى يۇمدى، ئاندىن قولى بىلەن پاراخوتنىڭ تۆمۈر رىشاتكىسىنى تەۋرەتتى. تۆمۈر رىشاتكىدىن يېنىك غىچىلدىغان ئاۋاز ئاڭلاندى. بۇ روشەنكى قەھرىلىك نەرە ئاۋازىدىن ناھايىتى كۆپ پەرق قىلاتتى. مەن گەپ قىلالمايتتىم. چۈنكى مەن بىر خىل ۋەھىمىلىك ئوي ـ خىياللار ئىلكىدە قالغان ئىدىم، مەن ئۇنىڭغا قارىماي، دېڭىزغىلا قارىدىم. قۇلىغىمغا بوراننىڭ ھۆكۈرەشلىرى، دېڭىزنىڭ نەرىسى ئاڭلىناتتى. كۆز ئالدىم قاباھەت لەپەڭشىۋاتقان قاپ ـ قاراڭغۇ دېڭىز ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا ھىچ نەرسە كۆرۈنمەيتتى. گويا راستىنلا ئارال دۆلىتىدىكى قۇللار غەزەپكە كەلگەندەك ۋە ياكى ئۇلارنىڭ نەرىسى دېڭىز ـ ئوكيانلاردىن ئۆتۈپ مېنىڭ قۇلىغىمغا ئاڭلىنىۋاتقاندەك قىلاتتى. ئاقساقاللارمۇ ئاقسۆڭەكلەرمۇ ، ئالىجاناپلارمۇ، ۋە گاۋ دۆلىتىنىڭ ئىشغالىيەتچىلىرىمۇ ئەمدى يوقتەك قىلاتتى. مېنىڭ كۆزۈمگە ئۇلارنىڭ قارىسى كۆرۈنمەيتتى، مېنىڭ قۇلىغىمغا ئۇلارنىڭ كۈلكە ـ پاراڭلىرىمۇ ئاڭلانمايتتى. كۆز ئالدىم پەقەت قاپ ـ قاراڭغۇ دېڭىزلا ئىدى، قۇلىغىمغا دېڭىزدىن باش كۆتىرىپ چىقىۋاتقان قۇللارنىڭ قەھرىلىك نەرىسىلا ئاڭلىناتتى. دېڭىز يۈزى توختىماي ئۆرلەپ ۋە داۋالغۇپ، گويا ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا پاراخوتنىڭ بېشىنى  بېسىۋالىدىغاندەك ، بىزنىڭ پاراخوتىمىزنى ۋە ياكى پۈتۈن جاھاننى غەرق قىلىۋېتىدىغاندەك بىلىنەتتى.
       ـ قاراڭا! ـ دىدى مەن ئۇنىڭغا قورققان ۋە ھاياجانلانغان ھالدا دېڭىز يۈزىنى كۆرسىتىپ ، ـ ئەنە قۇللار قەھرىلىك نەرە تارتىۋاتمامدۇ؟
       ـ ياق ، ـ سوغاققىنا بىر ئاۋاز ماڭا جاۋاپ بولدى، ـ ئۇ دېڭىزنىڭ ھۆكۈرىشى. دېڭىز مەڭگۈ مۇشۇنداق ھۆكۈرەپ تۇرىدۇ ، ئۇ نۇرغۇن يىللار، تالاي يىللاردىن بېرى ئاشۇنداق ھۆكۈرەپلا كېلىۋاتىدۇ، بىراق ئۇ بەزى كېمە ، پاراخوتلاردىن باشقا ھىچنىمىنى غەرق قىلىۋەتكىنى يوق!
       ـ ئەي دېڭىز! سەن قەدىردانىم ياڭنى زادى قانداق بىر تەرەپ قىلدىڭ؟ نىمە ئۈچۈن ئۇنى نەرە تارتقىلى قويمايسەن؟ ـ ئۇ دېڭىزغا شۇنداق دىدى.
       ـ مەن قايتىپ كېتىمەن، مەن ئارال دۆلىتىگە قايتىپ كېتىمەن، مەن ئەمدى سەرسان بولۇپ يۈرىۋەرمەيمەن. ئۇ يەردە مېنى ئۆلۈم كۈتۈپ تۇرغان تەقدىردىمۇ مەن قايتىپ كېتىمەن، ـ ئۇشۇنداق دىگىنىچە گويا شىر يالىنى سىلكىگەندەك بېشىنى بىرنەچچە قېتىم چاقىدى.
       ـ يۈرۈڭ ، مەن بىلەن مېڭىڭ، ياتىغىمغا كىرىڭ. مەندە سىزگە كۆرسىتىدىغان بىر نەرسە بار، ئۇ ئىلگىرى مەن گاۋ دۆلىتى ئىشغالىيەتچىلىرىنىڭ تۈرمىسىدە ياتقان چاغدا يازغان نەرسە! ـ دىدى ئۇ بىردىنلا قولىنى چىقىرىپ بىلىگىمنى تۇتۇپ بۇيرۇق قىلغاندەك بىر خىل ئاۋازدا، ئاندىن قولىنى چۈشۈرۈۋېتىپ ئۆزىچىلا مېڭىپ كەتتى.
       مەن تەكەللۇپ قىلمىدىم ھەم تەكەللۇپ قىلماقچىمۇ ئەمەس ئىدىم. مەن ئۈن ـ تىنسىز ھالدا ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدىم. چۈنكى مېنىڭ قەلبىم پۈتۈنلەي ئۇنىڭ ھىكايىسى بىلەن جۇلغىۋېلىنغان ئىدى.
     
      خاتىمە
      بىرىنچى: لىنانىڭ خاتىرىسى
       8 ـ مارت
       بۇ مەن كېسەل بولۇپ قالغاندىن كېيىن قولۇمغا قەلەم ئېلىپ خەت يازغان تۇنجى كۈن ئىدى. مەن زېھنى كۈچۈمنى بارا ـ بارا ئەسلىگە كېلىۋاتقانلىغىنى ھىس قىلىپ قالىدم. مەن يەنە ياشىشىم كېرەك، مەن تېخى ئۆلمەيمەن . شۇنداق، مېنىڭ ئىشلىرىم ئورۇنلانىمىدى، مەن ئۆلمەيمەن.
      مەن ماڭا تاماق ئېلىپ كىرگەن ھىلىقى قۇلنىڭ ئاغزىدىن دوختۇرخانىدا تېخى ئون نەچچە كۈن ئۇخلىغانلىغىمنى بىلدىم. دوختۇرخانىنىڭ تۇرمۇشى مەندە ھىچقانداق تەسىرات قالدۇرمىغان ئىدى. پەقەت قارا ساقاللىق بىر دوىتۇرنىڭ ھەر كۈنى ماڭا ئوكۇل سلېىپ تۇردىغانلىغى ئوتتۇرا ياشلىق بىر سېستىرانىڭ ھەمىشە كارۋىتىم ئالدىدا  ئولتۇرىدىغانلىغى، گاۋ دۆلىتىنىڭ بىر ئوفىتسېرىنىڭ مېنى كۆرۈش ئۈچۈن پات ـ پات كېلىپ تۇرىدىغانلىغىلا مېنىڭ ئېسىمدە ئىدى. بىر كۈنى مەن ماشىنىدا ئولتۇرىدغانلىغۇدەك بولدۇم، ئىككى سېستىرا مېنى يۆلەپ ماشىنىغا چىقاردى. گاۋ دۆلىتىنىڭ ئىككى ئەسكىرى مېنى يالاپ مۇشۇ يەرگە ئېلىپ كەلدى. مەن بۇ يەردە ئىككى كۈن يېتىپ ئاران ماڭغۇدەك بولدۇم.
       بۇ يېڭى جاي ھەقىقەتەن ئىلەىرىكى تۈرمىدىن كۆپ ئازادە ئىدى. تاشقى تەرىپى بىر باغچا، ئىچىدە ئۈچ ئېغىزلىق ئۆي بار ئىدى. بۇ ئۆيلەرنىڭ بىرىدە مەن تۇراتتىم ، بىرىدە بىر قۇل تۇراتتى، يەنە بىرىدە بولسا مېنى ساقلايدىغان ھىلىقى ئىككى ئەسكەر تۇراتتى.
       مەن دادامنىڭ داچىسىدىن ئايرىلغاندىن بۇيان بۇنداق ھوزۇرلۇق تۇرمۇش كەچۈرۈپ باقمىغان ئىدىم: ئۆزەم قول تەۋرەتمىسەممۇ، باشقىلار ماڭا خىزمەت قىلاتتى، ھىچنەرسىگە ھاجىتىم چۈشمەيتتى، شۇنداقتىمۇ مەن قۇللار رايونىغا كېتىشنى خالايتتىم، چۈنكى بۇ يەردە ماڭا بىر نەرسە، بەلكى ئەڭ قىممەتلىك بىر نەرسە كەمدەك تۇيۇلاتتى، ئۇ بولسىمۇ ئەركىنلىك ئىدى.
       مەن ئۆز ھاياتىمدا ئەركىنلىككە ھىچقاچان ھازىرقىدەك مۇشۇنداق خۇشتار بولغان ئەمەس، ۋاھالەنكى، مەن ئەركىنلىككە خۇشتار بولغانسېرى باشقىلارنىڭ مېنى ئەركىنىكتىن مەھرۇم قالدۇرۇۋاتقانلىغىنى شۇنچە قاتتىق ھىس قىلاتتىم. مەن ئۆز ئۆيۈمدە ھەرقانداق ئىشنى قىلالىساممۇ، لېكىن گاۋ دۆلىتىنىڭ ھىلىقى ئىككى ئەسكرىنىڭ يۆتىلىۋاقتنالىغى ۋە كۈلۈشۈپ پاراڭ قىلىشىۋاتقانلىغى مېنىڭ قۇلىغىمغا كىرمەي قالمايتتى: بۇ ھال ماڭا ئەركىنلىگىمدىن مەھرۇم ئىكەنلىگىمنى ئاگاھلاندۇراتتى، مەن باغچىدا ئەركىن مېڭىپ يۈرسەممۇ، لېكىن باشتىن ـ ئاياق گاۋ دۆلىتىنىڭ ھىلىقى ئىككى ئەسكىرىنىڭ نازارىتىدە بولاتتىم. بۇ  ھالمۇ ماڭا ئەركىنلىگىمدىن مەھرۇم ئىكەنلىگىمنى ئاگاھلاندۇرۇاتتى.
       باغىچىنىڭ تۆمۈر رىشاتكىلىق دەرۋازىسى تاقاقلىق بوۇپ، دەرۋازىغا يوغان قۇلۇپ سلېىقلىق ئىدى، ھەر قاېتىم قۇلۇپنى كۆرگىنىمدە بېشىمنى چۆكۈرۈپ قولۇمغا قارايتتىم ۋە ئاشۇ قۇلۇپنى قايرىپ بۇزۇۋېتەلەيدىغان ياكى بۇزۇۋېتەلمەيدىغانلغىم ئۈستىدە ئويلىناتتىم. ھالبۇكى، مەن بىر ئايال ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېسەلدىن ئەمدىلا قوپتۇم، مەندە بۇنداق كۈچ ـ قۇدرەت يوق ئىدى. مەن: ئۇلار ئەگەر مېنى تۈرمىگە يۆتكىمەيدىغان بولسا، مەن ئۆمۈر بويى بۇ باغچىدىن چىقىپ كېتەلمىگۈدەكمەن، دەپ ئويلايتتىم.
      تۈرمىدە مەن ئۈمىت ـ ئارزۇلىرىمنىڭ ھەممىسىنى دەپنە قىلىۋەتكەن ئىدىم. بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن مەن يېڭى ئۈمىت ـ ئارزۇلىرىمنى يەنە بىر قېتىم دەپنە قىلدىم. بىراق يېڭى ئۈمىت ـ ئارزۇلار ھەر ۋاقىت مېنى ئۈندىمەكتە ئىدى.
       باغچىنىڭ سىرتى توپا يول بولۇپ باغچىدىكى ياپ ـ يېشىل باراقسال دەرەخ شاخلىرى تاشقىرىغا ئىگىلىپ تۇراتتى. بىر نەچچە خىل گۈللەر غۇچەن باغلاپ ئېچىلاي دەپلا قالغان ئىدى. مەيلى مەن دەرىزە ئالدىدا ئولتۇراي ياكى باغىچىنى تاماشا قىلاي، تۆمۈر رىشاتكىلىق درۋازا سىرتىدا يۈرگەن قۇللارنىڭ بالىلىرى كۆزۈمگە چېلىقاتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئوغۇللارمۇ، قىزلارمۇ بار ئىدى. ئۇلارنىڭ قوللىرىدا سىۋەت ياكى چىلەك بار ئىدى. ئۇلار بۇ يەرگە كەلگەندە ھامان تۆمۈر رىشاتكىنىڭ ئالدىدا بىردەم تۇرۇشاتتى. ئۇلار سۆزلىشەتتى، بەزىدە مېنىڭ ئىسىمىمنى چاقىرىپ قويۇشاتتى. مەن ئۇلارنى تونۇمايتتىم، ئەمما ئۇلار بولسا مېنى بىلەتتى. مەن ئۇلار بىلەن سۆزلىشەلمىسەممۇ، لېكىن ئۇلانرىڭ ساددا سەبىھ يۈزلىرىنى كۆرۈشۈممۇ مەن ئۈچۈن تەسەللى بولاتتى. مەن بۇ ئەۋلاتلارنى ئۇلانىڭ ئاتا ـ ئانىسىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئۈمىتلىك دەپ ئويلايتتىم، ئۇلار كەلگۈسىدە چوقۇم باش ئەگمەيدىغان، تىز پۈكمەيدىغان قۇللار بولىدۇ. باراق مەن كېيىن ئۇلار بىلەن كۆرۈشەلمەيدىغانلىغىمدىن ئەنسىرەيتتىم، چنكى بۈگۈن ئەتىگەن گاۋ دۆلىتىنىڭ ئىككى ئەسكىرى ئۇلارغا پوپوزا قىلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەمدىلا يەتتە ـ سەككىز ياشقا كىرگەن، ئالمىدەك راڭدار يۈزلۈك بىر قىزچاقنى ئۇردى.
       بۇ ئارال دۆلىتىدە ناھەق ئىشلار بەكمۇ كۆپ ئىدى. بۇنداق ئىشلارنى مۇشۇنداق خالى جايدىمۇ چېلىقتۇرغىلى بولاتتى. مەن بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ قاتتىق غەزەپلەندىم ـ دە، چىداپ تۇرالماي گاۋ دۆلىتىنىڭ ھىلىقى ئىككى ئەسكىرىنى قاتتىق تىللىدىم، بىراق ئۇلار گويا ئاڭلىمىغاندەك، يەنىلا يۈزىنى قېلىن قىلىپ، باغچا ئىچىدە ئۇياقتىن بۇياققا مېڭىپ يۈرۈشەتتى.
     
      10 ـ مارت
      ھىلىقى قۇل ماڭا چۈشلۈك ئىزا ئېلىپ كەلدى. مەن ئۇنىڭدىن سىرتتىكى ئەھۋالنى ئۇقۇشتۇم، ئۇ ماڭا ئېيتىپ بېرىشكە جۈرئەت قىلالمىدى، ئۇ ماڭا گاۋ دۆلىتىنىڭ ھىلىقى ئىككى ئەسكىرىدىن قورقىدىغانلىغىنى ئېيتتى. دەرۋەقە، نۇرغۇنلىغان ئەرلەر پىلىموت ئاستىدا باش ئەككەن يەردە، يېشى بىر يەرگە بېرىپ قالغان بىر ئايالنىڭ قورقۇشى تۇرغانلا گەپ ئىدى. ۋاھالەنكى، مەن ئىچىمدە: ئاشۇ يىلنىسى يۈز بەرگەن چوڭ قىرغىنچىلىق چوقۇم ئۇنىڭ ئېسىدە بولسا كېرەك، مەن بىر ئامال قىلىپ ئۇنى قوزغاي، دەپ ئويلىدىم.
       لېكىن ئۇمۇ ماڭا بىر خەۋەرنى يەتكۈزدى: مېنىڭ قولغا ئېلىنىشىم ھىسداشچىلىرىمنىڭ ئارىسىدىن بىرىنىڭ مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ قويغانلىغىدىن بولغان ئىكەن. مەن بۇنداق گەپنى ئىشەنمىدىم. مەن ئۆز ـ ئۆزەمدىن: «شۇنچە كۆپ ھىسداشچىلىرىم ئىچىدىن قايسى ماڭا ئاسىلىق، قىلار؟» دەپ سورايتتىم. مېىڭ ئېسىمدە بەزى ئازاپلانغان ساددا چىرايلار قېپقالغان ئىدى. ئۇلار ماڭا ھەرگىز ئاسىلىق قىلمايتتى.
       بۇ خەۋەر مېنى نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئەسلەشكە مەجبۇر قىلدى. نۇرغۇن خىياللار، نۇرغۇن ئەھۋاللار مېنىڭ كۆز ئالدىمدىن بىر ـ بىرىلەپ ئۆتەتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدىن بىر چىراي مېنىڭ كاللامنى ئۇزاققىچە ئىگەللىۋالدى. مەن بۇ چىراينىڭ ھىلىقى «بالا»نىڭ چىرايى ئىكەنلىگىنى تونۇدۇم.
       شۇ چاغلاردا ئۇ «بالا» ھەركۈنى ئاخشىمى دىگۈدەك مېنىڭ ئۆيۈمگە كېلىپ تۇراتتى. ئۇ مېنىڭ بېشىمنى تۆۋەن سېلىۋېلىپ ئۆي ئىچىدە ئۇ ياقتىن ـ بۇياققا مېڭىپ يۈرۈۋاتقانلىغىمنى ياكى ئىككى قولۇم بىلەن يۈزۈمنى تۇتۇۋېلىپ كارىۋتقا ئۆزۈمنى تاشلاپ ياتقانلىغىمنى كۆرۈپ، مېنىڭ دېڭىز بويدىن غەمكىن ھالدا قايتىپ كەلگەنلىگىمنى بىلەتتى ـ دە، مېنى كارۋاتتىن تۇرغۇزاتتى. يېنىدا ئولتۇرغۇزاتتى، ئۇ كەلگۈسىدىكى ھەرخىل پىلانلار ئۈستىدە مەن بىلەن ئېچىلىپ ـ يېيىلىپ سۆزلىشەتتى. بەزىدە ئۇ تېخى ئۆزىنىڭ بالىلىق دەۋرىدىكى خىلمۇ ـ خىل قىزقارلىق ئىشلارنىمۇ سۆزلەپ بېرەتتى. ئۇ ئىمكانىيىتىنىڭ بېرىچە ماڭا تەسەللى بېرەتتى ياكى مەن بىلەن چاخچاق قىلىشاتتى، ئۇ بەزىدە مېنى «ھەدە» دەپ، بەزىدە بولسا «ئانا» دەپ چاقىراتتى. ئۇ ياڭغا ئوخشىمايتتى، ئۇ جىددى كىشى ئەمەس ئىدى، بەلكى ئاق كۆڭۈل ، مەسۇم چوپ ـ چوڭ بالا ئىدى. ئۇ تاكى مېنىڭ خوشاللىغىم ۋە غەيرىتىم ئەسلىگە كەلگۈچە ئۈزلۈكسىز كۈلۈپ پاراڭ سېلىپ بېرەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىز يەنە ئىشقا كىرىشىپ كېتەتتۇق.
      ئۇنىڭ  يۇپ ـ يۇمۇلاق يۈزى، ئويناپ تۇرىدىغان كۆزلىرى. قەتئىلىكتىن دېرەك بېرىدىغان ئاغزى، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ قىزغىن مۇھەببىتى ۋە چىن ـ سەمىمى پوزىتسىيىسى مانا بۇلار ھەرقانچە ئويلىماي دىسەممۇ يەنە خىيالىمدىن نېرى كەتمەيتتى. كۆزۈمنى يۇمساملا، ئۇ ئالدىمدا ئۆرە تۇرغاندەك كۆرۈنەتتى، كۆزۈمنى ئاچسام، گويا ئۇنىڭ يېنىمدا تۇرغاندەك، مېنى «لىنا» ، «ھەدە» ياكى «ئانا» دەپ چاقىرىۋاتقانلىغىنى ئاڭلىغاندەك بولاتتىم. مەنمۇ ئاستاغىنا «بالام» دەپ چاقىرىپ قوياتتىم.
      مەن ئۇنى چاقىرغاندام ئۇنىڭ جاۋاۋىنى ئاڭلىيالمايتتىم. مەن كۆزۈمنى ئېچىپ ئەتراپقا قارىسام ئۆي ئىچىدە كۆرۈنمەيتتى، پەقەت ئاپپاق تام ۋە ئاددى ئۆي جازىلىرىلا كۆرۈنەتتى. بىردىنلا «بالام» نىڭ كېسەل بولۇپ قالغانلىغى ئېسىمەە كەلدى.
       مەن قولغا ئېلىنغان چاغدا ، ئۇ كېسەل بولۇپ قېلىپ ئۆيدە ئۇخلاۋاتاتتى . مەن ھىسداشچىلىرىمنىڭ ماجراسىنى مۈرەسسە قىلىش ۋە باشقا خىزمەتلەرنى ئىشلەش بىلەن بەنت بولۇپ كېتىپ، ئۇنىڭدىن  خەۋەر ئالالمىغان ئىدىم. مەن ھەر كۈنى ئۇنىڭ ئۆيىگە پەقەت بىر قېتىملا باراتتىم ـ يۇ، لېكىن تېزلا كېتىپ قالاتتىم. شۇ چاغلاردا ئۇ كارۋاتتا يېتىپ تۇرۇپ دائىم بىر كىتاپنى كۆرەتتى. ياشانغان بىر ئايال ئۇنىڭ يېنىدا تۇرۇپ خەۋەر ئالاتتى. ئۇنىڭ چىرايى تولىمۇ سۇنۇق ئىدى، پەقەت ئىككى كۆزىدىنلا نۇر چاقنايتتى.
      ۋاھ، مانا ئېسىمگە كەلدى. نۇغۇن ئىشلار مانا ئەمدى ئېسىمگە كەلدى. بىر قېتىم مەن ئۇنىڭ قېشىغا باردىم. ھىلىقى ياشانغان ئايال سىرتقا چىقىپ كەتكەن ئىەكن. ئۇ كارۋىتىدا يالغۇز ئولتۇرغان ئىكەن. ئۇ مېنىڭ كىرىپ كەلگەنلىرىگىمنى كۆرۈپ، كارۋىتىمدىن چۈشۈشكە تەمشەلدى. بىراق مەن دەررۇ توسىدىم.
      ـ سىز كەپسىز، مەن بۈگۈن كەچكىچە سىزنى ئويلىدىم. ـ دىدى ئۇ ئۇنلۈك ھالدا، ئۇنىڭ تەبەسسۇمى سۇنۇق چىرايىنى گۈزەللەشتۈرۈۋەتكەن ئىدى . ئۇ ماڭا كېسىلىنىڭ كۆپ ياخشىلىنىپ قالغانلىغىنى، ھەر ھالدا ئولتۇرالىغۇدەك بولۇپ قالغانلىغىنى ئېيتتى. ئۇ مېنى كارىۋىتىنىڭ گىرۋىگىدە ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى ۋە مەندىن كۆپرەك ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ ماڭا بىر ئادەم كارۋاتتا يېتىۋەرسە بەكمۇ زېرىكىپ قالىدىغانلىغىنى، ئەگەر مەن دا.ئىم بېرىپ ھەمرا بولۇپ تۇرمىسام، كېسىلىگە قارىماي قېچىپ چىقىپ كېتىشى مۈمكىنلىگىى ئېيتتى.
      مەن ئۇنىڭ بىلەن كۆپ سۆزلەشتىم، مەن ئۇنىڭغا ئۆزەمنىڭ خىزمەت ئەھۋالىمنى ئېيتتىم، ئۇمۇ بەزى قاراشلىرىنى دىدى.
      ـ ھەدە، ماڭا ئېيتىڭا، بىزدەك مۇشۇنداق ئادەملەرنىڭمۇ، ماڭا ئوخشاش ئۆز ھاياتىنى ھەققانى ئىشلارغا بېشىلىغان ئادەمنىڭمۇ مۇھەببەت باغلاش ھوقۇقى بولامدۇ؟ ـ ئۇ توساتتىنلا مۇشۇنداق سوراپ قالدى ـ دە، يۈزى قىزىرىپ كەتتى.
       مەن ئۇنىڭغا ھاڭ ـ تاڭ بولۇپ قاراپ قالدىم، مەن ئۇنىڭ نىمە ئۈچۈن بۇ مەسىلىنى سورايدىغانلىغىنى چۈشەنمىدىم. مەن تەبەسسۇم بىلەن ئۇنىڭغا دېدىم:
       ـ ئەلۋەتتە بار. لېكىن، بالام، سەن نىمە ئۈچۈن بىردىنلا بۇ ئىشنى ئويلاپ قالدىڭ؟
       ـ لېكىن ماۋۇ كىتاپتا «بىز بىر ـ بىرىمىز بىلەن مۇھەببەت باغلىساق جىنايەت بولىدىغانلىغى» دىيىلىپتۇ ئەمەسمۇ؟ مېنىڭچە، بىر ئادەم ئۆز ھاياتىنى ھەققانى ئىشلارغا بېغىشلىغان ئىكەن، ئۇنداقتا، ئۇنىڭ ئازراقمۇ ھوقۇقى بولمايدۇ، ـ ئۇ قولنىڭ قېشىدا تۇرغان بىر كىتاپنى كۆرسەتتى، بۇ كىتاپ زولانىڭ رومانى ئىدى.
       ـ ئۇنداق بولسە، سەن نىمە ئۈچۈن مەندىن بۇنى سورايسەن؟ ـ مەن دىمغىمدا كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن ياندۇرۇپ سورىدىم.
       ئۇ ئۆپكىدەك قىزىرىپ، ئىككىلەنگەن ھالدا جاۋاپ بىردىنلا سۆزىنى توختىتىۋالدى.
      مېنىڭچە، ئەھۋال ماڭا چۈشىنىشلىك بولدى ـ دە، ئاغزىمنى تۇتۇۋېلىپ كۈلۈپ كەتتىم. بىر ھازىردىن كېيىن مەن ئۇنىڭغا:
       ـ سەن چوقۇم بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قاپسەن، شۇنداقمۇ؟ ماڭا دىگىنە، ئۇ كىم؟ ـ دىدىم.
       ئۇ ئۇنچىقمىدى. ئارقىدىنلا مەن ئۇنىڭغا:
       ـ بالام، سەن ھوقۇقلۇق. سەن ماڭا ئوخشىمايسەن، سەن تېخى ياش. سېنى بۇ ھوقۇقتىن ھىچكىم مەھرۇم قالدۇرالمايدۇ. «بىز بىر بىرىمىزگە مۇھەببەت باغلىسساق جىنايەت بولىدۇ» دىگەن گەپ ئەخمىقانە سۆز، ئۇنىڭغا ئىشەنمە! ـ دىدىم.
       ـ لېكىن مەن ياخشى كۆرگەن كىشىنىڭمۇ ھوقۇقى بارمۇ؟ ـ ئۇ ئىككىلەنگەن ھالدا سورىدى. ئاندىن بېشىنى سېلىپ ماڭا قاراشقا پېتىنالمىدى.
       ـ نىمە ئۈچۈن ھوقۇقى بولمايدىكەن؟ ئايالمۇ ئەرلەر بىلەن ئوخشاش، ـ دەپ جاۋاپ بەردىم مەن كۈلۈپ تۇرۇپ مەن بۇ ئايال زادى كىمدۇ، دەپ ئويلايتتىم. بىزنىڭ ھىسداشچىلىرىمىز ئىچىدىمۇ بىر قانچە ئايال بار. مېنىڭچە ئۇنىڭ بىلەن مۇھەببەت باغلىغانلار كەم دىگەندە ئۈچكە يېتىشى مۇمكىن، شۇڭا مەن ئۇنىڭدىن.
       ـ جاڭمۇ؟ ـ دەپ سورىدىم. ئۇ بېشىنى چاقىدى.
       ـ ۋاڭمۇ؟
      ئۇ يەنىلا بېشىنى چاقىدى.
       ـ جاۋمۇ؟
       ئۇ ئوخشاشلا بېشىنى چايقىدى.
      ـ مەن ھازىر سىزگە ئېيتمايمەن، ـ ئۇ كەپسىزلىك بىلەن شۇنداق دەپلا بۇ جەھەتتىكى سۆھبىتىنى ئاياقلاشتۇردى.
      ئۇ چاغلاردا ماڭا بۇ ئىشلارنى ئويلىغۇدەك ۋاقىت يوق ئىدى. لېكىن ھازىر مەن بۇنى بارا ـ بارا بىلىپ قالدىم.
      توغرا، يەنە مۇنداق ئىشمۇ ئېسىمگە كەلدى. بىر قېتىم مەن ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرگەن ئىدىم. ئۇ كۆزىنى يۇمۇۋالغان ھالدا بىر كۇبلىت شېئىرنى يادلاۋاتقان ئىكەن. ئۇ مېنىڭ ئاياق تىۋىشىمنى ئاڭلاپ توختىۋالدى. مەن بىر مىسراسىنىلا ئېنىق ئاڭلىيالىدىم.

       ئۇنى كۆيدۈرگەن يارنىڭ زادى كىم ئىكەنلىگىنى مەن ئەمدى بىلىشكە باشلىدىم.
       ھە يەنە بار، ئۇ بىر قېتىملىق سۆھبەتتە بىردىنلا مەندىن:
      ـ ياش ـ قورام جەھەتتىكى پەرق مۇھەببەتكە توسالغۇ بولماس؟ ـ دەپ سورىغان ئىدى. مەن باشقا مۇھىم مەسىلىلەر ئۈستىدە جىددى سۆزلىشىدىغانلىغىم ئۈچۈن، ئۇنىڭ سوئالىغا جاۋاپ بەرمىگەن ئىدىم. ۋاھالەنكى، مەن ئەمدى بۇنى پۈتۈنلەي بىلدىم.
      بالام، قەلبىڭنى مەن پۈتۈنلەي چۆشەندىم. مەن مۇشۇ چاغدىلا سېنىڭ مۇھەببىتىڭنى بىلدىم، لېكىن بەكمۇ كېچىكىپ قالدىم. بىزنىڭ يۈز كۆرۈشۈش پۇرسىتىمىزمۇ كىشىلەر تەرىپىدىن مەھرۇم قىلىندى.
      12 ـ مارت
      بۈگۈن ھىلىقى قۇل بىلەن بىر ئاز سۆزلەشتىم. ئۇ بۇنىڭدىن بىرقانچە يىل  بۇرۇنلا ياڭ بىلەن مېنىڭ ئىسمىمنى بىلىدىغانلىغىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، قۇللار ئارىسىدا ھازىرمۇ ياڭنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنغان ھامان بەزىلەر كۆز يېشى قىلىشىدىكەن. ئۇ ماڭا ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىتىكى قىيىنچىلىغىنى سۆزلەۋېتىپ كۆزىدىن ياشنى سۈرتۈپ تۇردى. مەن ئۇنىڭ ئېرىنىڭ داچىلاردا قۇل بولۇپ ئىشلەۋاتقانلىغىنى بىلەتتىم، ئۇنىڭ بېقىۋالغان يالغۇز ئوغلى گاۋ دۆلىتى ئىشغالىيەتچىلىرىنىڭ بىناسىدا چاكار بولۇپ ئىشلەيتتى، لېكى يېقىندا ئۇشتۇمتۇت ئۆلۈپ كېتىپدۇ.
       ـ بۇ جاھاننىڭ دەردۇ ئەلەملىرىنى تارتقاندىن كۆرە ئۇنىڭ ئۆلۈپ كەتكىنىمۇ  ياخشى بولدى، ـ دىدى ئايال قۇل.
       ـ چوڭ قىرغىنچىلىق بولغان ئاشۇ چاغدا سەن قەيەردە ئىدىڭ؟ ـ مەن ئۇنىڭدىن سورىدىم.
       بۇ گەپنى ئاڭلاش بىلەنلا ئۇنىڭ چىرايىدا ھودۇقۇش پەيدا بولدى. دەل شۇ ئەسنادا گاۋ دۆلىتىنىڭ ئەسكەرلىرى تالادا يۆتىلىۋاتاتتى، ئۇ دەررۇ تالا تەرەپكە قاراپ قويدى ـ دە، مېنى ئۆيدە يالغۇز قالدۇرۇپ، ئۆزى چاپسان چىقىپ كەتتى.
      مېنىڭ خىيالىمدا بىر چىراي ئەكس ئەتتى. بۇ يەنە ئاشۇ «بالا» ئىدى.
      «مەن قارشىلىق كۆرسىتىمەن. قارشىلىق كۆرسىتىشنىڭ نەتىجىسى بىزنى جازا مەيدانىغا بېرىش، ئوققا تۇتۇلۇش، تۈرمىگە تاشلىنىش ئاقىۋىتىگە دۇچار قىلسىمۇ، بىز ئاخىرغىچە قارشىلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك.» مۇشۇنداق مەردانە سۆز ئۇنىڭ ئوماق ئاغزىدىن چىقاتتى. ئۇ بىر جوزىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ نۇرغۇن ھىسداشچىلارنىڭ كۈلپەتلىك، ساددا يۈزلىرىگە قارايتتى. ئۇنىڭ ئۆز يۈزى بولسا ئىسسىق مۇھەببەت يالقۇنىدا پارقىرايتتى. ئۇ ھەقىقەتەن قالتىس، ئوماق ئىدى! نۇرغۇن ئادەملەر ئۇنىڭ سۆزلىرى بىلەن كۆزلىرىدىن ياش ئاققۇزاتتى. ئۇنىڭ سۆزلىرى بىر ـ بىرلەپ كىشىلەرنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر سىڭەتتى.
      ـ ماڭا قۇللۇقنىڭ كىشەن ـ زەنجىرى لازىم ئەمەس! سىلەر كۆپچىلىكنىڭ ئويۇڭلار قانداقكىن ـ تاڭ. ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىتائەتمەن بىر قۇل بولۇپ ياشىغاندىن كۆرە، ئەركىن بىر جەڭچى بولۇپ قالغانلىغىم ياخشى. يوقىلىش قورقۇنچلۇق تەقدىر ئەمەس. ئۇ زۇلۇم ئاستىدا باش ئەككەندىن، قانۇ ياش دېڭىزىدا ئىڭراپ يۈرگەندىن كۆپ ئەۋزەل!
      بۇنداق گۈزەل سۆزلەر ھىلىمۇ مېنىڭ قۇلىغىم تۈۋىدە جاراڭلايدۇ. مېنىڭ ھازىرلا يولغا چىقىپ، ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنىڭ تېخىمۇ كۆپلىگەن گۈزەل سۆزلىرىنى ئاڭلىغۇم كېلەتتى، ۋاھالەنكى، بىر خىيال مېنىڭ كاللامنى يۇنۇيتتى، مەن ئۇنىڭ بىلەن ئەمدى مەڭگۈ كۆرۈشەلمەيدىغانلىغىمنى بىلەتتىم. ئۇ مەڭگۈلۈك تۈرمىدە ئىدى!
       مەن كۈن بويى سېغىنىش ۋە ئەسلەش بىلەن بەنت ئىدىم، مەن ئۇنىلا سېغىناتتىم، مەن ئۇنىڭغا دائىر ھەممە ئىشلارنى ئەسلەيتتىم.
       ئىخ ياڭ، مېنى كەچۈرۈڭ، قارىڭا، مەن ئۇنى ئويلاپ سىزنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. ئۇ مېنىڭ مۇھەببىتىمگە مۇناسىپ كەلمەسمۇ؟ «بىز بىر بىرىمىز بىلەن مۇھەببەت بارغلىساق جىنايەت بولار» مۇ؟
       13ـ مارت
      تۈنۈگۈن كېچە مەن چۈشۈمدە ياڭنى كۆردۈم.
      ئۇنىڭ يۈزى يەنىلا ئاشۇنداق ئورۇق، كۆزلىرى يەنىلا ئاشۇنداق نۇرلۇق، چىرايى يەنىلا ئاشۇنداق جىددى ئىدى.
      ـ ياڭ ، سىز تېخى ھايات ئىكەنسىز ـ دە؟ ـ مەن يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۇنى قوچاقلىدىم، خوشاللىغىمىدىن كۆزۈمدىن ياش چىقىپ كەتكۈدەك بولۇپ كەتتى.
      ـ لىنا، بۇنداق قىلماڭ، ـ دىدى ئۇ كەينىگە ئىككى قەدەم داجىپ قولى بىلەن مېنى توساپ، ھازىر ئارمىزنى بىر دۇنيا ئايرىپ تۇرىدۇ، بىز ئەمدى بىر دۇنيانىڭ كىشىلىرى ئەمەس،
      ـ نىمە ئۈچۈن؟ ـ مەن ئۈمىتلەنگەن ۋە ھەيران بولغان ھالدا سورىدىم، ـ ئەجەبا، بۇ ئۇنىڭ سەۋىۋىدىنمۇ؟ سىز راستلا مەندە گۇنا بار دەپ قارامسىز؟ ـ مەن ئاچچىغىمدا ئۇن تارتىپ يىغلىغۇدەك بولۇپ كەتتىم.
       ـ ياق، بۇنداق دېگەنلىك ئەمەس. سىز مېنى ئۆز قولىڭىز بىلەن دېڭىزغا دەپنە قىلغان ئىشنى ئېسڭىزدىن چىقىرىپ قويدىڭىزمۇ؟ مېنىڭ كېلىشىم، سىزگە ئۆز قەسىمىمنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويماسلىققا ۋە ئۆز خىزمىتىنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇشتىن ئىبارەت.
       ـ مەن ئېسىمدىن چىقىرىپ قويغىنىم يوق! ـ دىدىم مەن ئۆزەمنى ئاقلاپ، ـ قارىڭا، مەن شۇنچە يىللاردىن بېرى تىرىشىپ كېلىۋاتمايمەنمۇ؟ ھازىر مېنىڭ ئىشلىمىگەنلىگىم ئۆزەمنىڭ سەۋىنلىگىمدىن ئەمەس، بەلكى باشقىلارنىڭ مېنى ئەركىنلىگىمدىن مەھرۇم قىلىپ قويغانلىغىدىن.
      ـ بۇنداق گەپلەر بىلەن ئوزىڭىزنى ئاقلىماڭ! مەن سىزنىڭ مۇشۇ كۈنلەردە ھەممىنى ئېسڭىزدىن چىقىرىپ قويغانلىغىڭىزنى بىلىمەن! سىز مېنى ئالدىماڭ!
       ئۆكۈنۈش، نۇمۇش، غەزەپ ۋە دەرت ـ ئەلەم بىرلىشىپ يۈرىگىمنى قاتتىق مۇجۇدى. مەن يىغلاپ تۇرۇپ:
       ـ سىز بۇيەرگە مۇشۇ گەپنى قىلىش ئۈچۈنلا كەلگەنمىدىڭىز؟ بۇنىڭدىن ئۆزگە ماڭا تەسەللى بەرگۈدەك گېپىڭىز يوقمىدى؟
       ئۇ جاۋاپ بەرمىدى، چۈنكى ئۇ غايىپ بولغان ئىدى.
       مەن ئويغىنىپ ئۆزەمنىڭ قاراڭغۇ ئۆيدە ئىكەنلىگىمنى سەزدىم. گاۋ دۆلىتىنىڭ ھىلىقى ئىككى ئەسكىرىنىڭ خورەك تارتقان ئاۋازىدىن باشقا، ئەتراپ تىمتاس ئىدى. كۆزۈم نەملەشكەن بولۇپ، ياشلىرىم ياستۇققا تۆكۈلۈپ قالغان ئىدى. مەن نائۈمىتلەنگەن ھالدا ئىچىمدە «قەدىردانىم ياڭ» دەپ شۇنچە قاتتىق توۋلىساممۇ، يەنە ئۇنىڭ جاۋاۋىنى ئاڭلىيالمايتتىم.
       مەن ئىنچىكە ئويلاندىم، ياڭنىڭ ئېيتقىنى توغرا، مەن ھىلىقى «بالا» بىلەن بولۇپ كېتىپ ھەممىنى ئېسىمدىن چىقىرىپ قويغىلى تاسلا قاپتىمەن!
       مەن مەدى ئۇخلىيالمىدىم. زىددىيەتلىك ئوي ـ خىياللار مىڭەمنى چۇلغىۋالدى. مەن مۇھەببىتىمنى توختىتىشقا، ھىلىقى «بالا»نى ئېسىمدىن چىقىرىۋېتىشكە قەسەميات قىلماقچى بولدۇم ـ يۇ، لېكىن يەنە ئىختىيارسىز ھالدا ئۆزەمدىن: «بىز مۇھەببەت باغلىساق، دەرۋەقە گۇناھكار بولارمۇ؟» دەپ سورىدىم.
       ماڭا جاۋاپ بەرگىلى ئادەم چىقمىدى. قەلبىمدىكى سادا بۇ قاراڭغۇ ئۆيدە تاكى تاڭ سۈزۈلگەنگە قەدەر تىترىدى.
       بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق ئىدى. قۇشقاچلار دەل ـ دەرەخلەرە سايرىشاتتى. مەن باغچىغا كىرىپ ئايلاندىم، ئوت ـ چۆپلەر ئۈستىدە پارلاپ تۇرغان شەبنەملەر ئايغىمنى ھۆل قىلىۋەتتى. قۇياش نۇرى يۈزۈمنى چايقىدى، ساپ ھاۋا چاچلىرىمنى تارىدى. قوللىرىم ھالرەڭ غۇنچىلار ۋە ياپ ـ يېشىل يوپۇرماقلارنى سىلايتتى. مەن ھاياتلىقنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقانلىغىنى ھىس قىلدىم.
       مەن چۆپلۈكنى ئۈن ـ تىنسىز ئۇزۇنغىچە ئايلىنىپ يۈردۈم. مەن خىيال سۈرمىدىم، پەقەت جىمجىت ھالدا ساپ ھاۋادىن نەپەس ئېلىپ، ھاياتلىقنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقانلىغىنى ۋە گۈللىنىۋاتقانلىغىنىلا مەزە قىلاتتىم. ئۆزەمنىڭ قانداق بىر ئادەم ئىكەنلىگىم ۋە قانداق شارائىتتا تۇرۇۋاتقانلىغىمنى ھە دىگەندىلا ئېسىمدىن چىقىرىپ قويدۇم.
      ۋاھالەنكى، كېيىن مەن بىر ئىشى ـ بالىلىق دەۋرىمنى ئېسىمگە ئالدىم. مېنىڭ بالىلىق دەۋرىم باغچا  ئىچىدە ئۆتكەن ئىدى. مەن دادامنىڭ داچىسىدىكى ئەنە شۇ باغچىنى ـ چۆپلۈك ، ئىگىز بىنا، سۈنئى تاغ، ئېرىق ، كۆۋرۈك، ئاجايىپ ـ غارايىپ گۈللەر، يىل بويى ياپ ـ يېشىل تۇرىدىغان دەرەخلەر، تەنھەركەت سايمانلىرى، كۈتكۈچى قۇللار، بىللە سۇ ئۈزۈپ ئوينايدىغان كىچىك ھەمرالارنى ئەسلىدىم.
       بالىلىق دەۋرىمنى ئاللىقاچان دەپنە قىلىۋەكتەن ئىدىم.  بىراق ئۇ ھازىر كۆز ئالدىمدا ئېنىق پەيدا بولدى. مەن يەنە بالىلىق دەۋرىمدىى قايغۇلىرىم ۋە خوشاللىغىم بىلەن تەسىرلەندىم. ئۇ چاغدا بىر ئوغۇل بالا مېنىڭ ئەڭ ياخشى دوستۇم ئىدى. بىزنىڭ بۇ يەردە تۇرغىنىمىز ئىككى يىل بولا ـ بولمايلا، ئۇ ئۇشتۇمتۇت جىددى كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كەتتى. مەن ئۇنىڭغا كۆپ قېتىم يىغلىدىم. لېكىن ئارىدىن بىرنەچچە ئاي ئۆتە ـ ئۆتمەيلا ئۇنى ئۇنتۇپ كەتتىم. ئۇ مېنىڭ قەلبىمدە مەۋجۇت ئەمەس. كۆپ يىللاردىن بېرى ئۇنى ئويلاپمۇ باقمىدىم. بىراق ھازىر ئۇنىڭ سىياقى شۇنچە يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۆزىچىلا مېنىڭ خىيالىمدا پەيدا بولدى.
       نىمە ئۈچۈن ئۇ پەيدا بولىدۇ؟ نىمە ئۈچۈن دەپنە قىلىنغان ئاشۇ بالىلىق دەۋرىمگە قايتىمەن؟ مەن بۇ مەسىلىلەرنى ئۆزەمدىن سورىماي تۇرالمايتتىم. مەن شۇنداق ئويلىدىم: مەن ھاياتلىقنىڭ ئەڭ چېكىگە كېلىپ قالغاندىمەنمۇ؟ مېنىڭ پىشانەمگە پۈتۈلگەن تەقدىر دەپتىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بېتى ئۆرۈلگەچكە، مەن يەنە ئۇنىڭ باش تەرىپىگە قايتىمەنمۇ؟
      مەن بىردىن ـ بىر ۋەھىمىلىك خىيال بىلەن جىمىدىم. «تىرىك كىرىپ ئۆلۈك چىقىسەن» گاۋ دۆلىتىنىڭ ئەسكەرلىرى ماڭا شۇنداق دىگەن ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ گەپنى قىلغان كىشى مېنىڭ نەزەر دائىرەمدە تۇراتتى، ئۇ تېخى پات ـ پات مەن تەرەپكە قاراپ قوياتتى. مەن چۈشەندىم. پىشانمەگە پۈتۈلگەن تەقدىر دەپتىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بېتى ئۆرۈلۈپتۇ. مەن ھاياتلىقنىڭ ئەڭ چېكىگە كېلىپ قاپتىمەن. ئەركىنلىكتىن مەھرۇم بولغان تۇرمۇش ئۆلگەن بىلەن باراۋەر ئەمەسمۇ؟
       مەن ھەقىقەتەن بەك ئاجىز ئىكەنمەن، ئەتراپىمىز مۇشۇنداق، ھاياتلىق بىلەن تولغان چاغدا، مەن ئۆلۈشنى ئويلىدىم، ئاشۇ كۆڭۈلسىز ئىشلارنى ئويلىدىم، قايغۇ ـ ئەلەم ۋە پەرىشانلىق بىلەن ئۆزەمنى ئازاپلىدىم. بۇنداق كېتىۋېرىدىغان بولسام ، تېىىمۇ ئۇزۇن كۈنلەرنى بېشىمدىن كەچۈرۈشكە مەن قانداقمۇ بەرداشلىق بېرەلەي؟ شۇنداق، تېخىمۇ ئۇزۇن كۈنلەر، مېنىڭ قولغا ئېلىنغىنىمغا تېخى ئىككى ئاي بولمىدى، مېنىڭ بۇ يەردە بولۇپ قالغىنىمغىمۇ تېخى ئىككى ھەپتىمۇ بولمىدى، بىراق مەن ئۆزەمنىڭ ئاجىزلىغىنى كۆرۈۋالدىم.
      ئوي ـ خىياللىرىم بەك كۆپىيىپ كەتتى . مەن ئۆزەمنى تۇتۇۋېلىشىم كېرەك، مەن ئۆتكەنكى بارلىق ئىشلىرىمنى ۋاقتىنچە ئۇنتۇپ، بۇ ئاجىز روھىي ھالىتىمنى بىر مەھەل تەبىئەت دۇنياسىدا تاۋلىشىم كېرەك. لېكىن مەن تۆمۈر رىشاتكىلىق دەرۋازىدا ساڭگىلاپ تۇرغان ئاشۇ ئىغىر قۇلۇپنى كۆرگەن ھامان مەڭگۈ مەھرۇم بولغان ئەركىنلىگىمنى ئىختىيارسىز ئويلىماي تۇرالمىدىم. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەركىنلىكتىن مەھرۇم بولغان ئاشۇ نۇرغۇن قۇللارنىڭ تەقدىرىمۇ مېنىڭ ئوي ـ خىياللىرىمنى ئىگەلىۋالدى.
       مەن ھەرقانچە ئاجىز بولساممۇ، لېكىن تۆمۈر رىشاتكىلىق دەرۋازا يەنىلا ئوي ـ خىياللىرىمنى توسىۋالالمىدى. مەن قانداقمۇ ھەممىنى ئېسىمدىن چىقىرالاي؟ بولۇپمۇ مۇشۇ باھار كىشىگە ھاياتلىق بېغىشلاۋاتقان چاغدا، مەن ۋە شۇ قۇللار ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قالدۇق. ھىقاچان ئەركىنلىك مېنىڭ كۆز ئالدىمدا مۇشۇنداق كونكىرىتلاشقان ئەمەس. لېكىن بۇنىڭ نىمە پايدىسى بولسۇن؟ بۇ ئاشۇ ئوتتەك قىزغىن ئارزۇ بىلەن مېنى ئازاپلاشتىنلا ئىبارەت، خالاس. ئۆمۈرلۈك تۈرمە، مەڭگۈ ئېسىمدىن چىمايدىغان ئۆمۈرلۈك تۈرمە.

    14 ـ مارت
       چۈشتىن بۇرۇن كۈتۈلمىگەن بىر مېھمان كەلدى. بۇ مېنىڭ دادام ئىدى، شۇنداق، ئون نەچچە يىلدىن بېرى ئېسىمدىن كۆتۈرۈلىپ كەتكەن دادام.
       مەنائىلىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن دادام بىلەن بىرەر قېتىممۇ يۈز كۆرۈشمىگەن ئىدىم. بىز ھەتتا بىرەر قېتىممۇ خەتلەشمىگەن ئىدۇق. ئائىلىدىكى ئىشلار ئۈستىدە مەن ئانامنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىگىنىلا بىلەتتىم. ئانام مەن سەرسان بولۇپ يۈرگەن چاغلاردا ئۆلۈپ كەتكەن ئىدى. مەن خەت يېزىپ ئانامنىڭ كېسەل بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەنلىگى توغرىسىدىكى تەپسىلى ئەھۋالللارنى ئۇقۇشمىدىم. ئۇنىڭ نەگە دەپنە قىلىنغانلىغىنىمۇ بىلمەيمەن. مەن ھىلىقى «بالا» بىلەن تۇنجى قېتىم ئۇچرىشىپ، ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئانامنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىگى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغاندا، كۆز يېشى قىلغان بولساممۇ، لېكىن ئۇ ئوبرازىنى تېزلا ئۇنتۇپ كەتكەن ئىدىم، خىزمەتلىرىم ئالدىراش، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆز قەسىمىم تۈپەيلىدىن، ئانامنىڭ ئوبرازىنى ئەپسۇسلانمايلا دەپنە قىلىۋەتكەن ئىدىم، ياشاندا قەدىناس جۈپتىدىن ئايرىلىپ كەتكەن دادامنىمۇ قايتا سېغىنىپ يۈرمىدىم.
       ۋاھالەنكى ئەمدىلىكتە دادام كەپتۇ، ئۇ ماڭا نۇرغۇن خەۋەرلەرنى ئېلىپ كەتپۇ. ئۇنىڭ تۇنجى ئىشى ماڭا گۆردىن ئانامنىڭ ئوبرازىنى قازدۇرۇپ چىقىش ئىدى.
       دادام ھەقىقەتەن باشلىنىپ قالغان ئىدى. ئون نەچچە يىل ئايرىلىپ كەتكەچكە، مەن ئۇنى دىگۈدەك تونۇيالمايلا قالدىم، ئۇنىڭ ئاۋازى تېخى ئۇنچىلا ئۆزگىرىپ كەتمەپتۇ. ئەمما ۋازى سەل تىترەيدىغان بولۇپ قاپتۇ. بۇنىڭدىن ئون نەچچە يىل بۇرۇن مەن دادامنىن ئايرىلغان ئىدى ئۇ چاغدا ماڭا كۆرۈنگىنى غەزەپلىك يۈز، ئوت ئۇچقۇنداپ تۇرىدىغان ئۇنىڭ ماڭا بولغان بارلىق غەمخورلۇغىنى ۋە مېنىڭ ئۇنىڭغا بولغان مېھىر ـ مۇھەببىتىمنى يوققا چىقىرىۋەتكەن ئىدى. شۇڭا مەن ئۇنىڭدىن ئايرىلغاندا، گويا ئەشەددى ددۈشمىنىمدىن ئايرىلغاندەك بولغان ئىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە بگۈن، ھىلىقى قۇل كىرىپ ماڭا گاۋ دۆلىتى ئەسكەرلىرىنىڭ مېنىڭ دادام بىلەن كۆرۈشۈشنى خالايدىغان ياكى خالىمايدىغانلىغىم توغرىسىدا سورىغان گەپلىرىنى يەتكۈزگەندىمۇ، مەن بىر ھازاغىچە ئىككىلىنىپ ئاندىن بىر قارارغا كەلگەن ئىدىم. مەن دادام ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدا بىرەر جەڭگە ـ جېدەل بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيتتىم. مەن ئۇنى ئەپۇ قىلىشنى بىلمەيدىغان تاش يۈرەش بىر ئادەم، دەپ ھىسابلايتتىم.
      ۋاھالەنكى، كۈتۈلمىگەندە، مەن بۈگۈن دادامنىڭ ۋۇجۇدىدا پۈتۈنلەي باشقا ئادەمنى كۆردۈم.ئۇ ئۇدۇلۇمدىكى بىر ساپادا ئولتۇردى. ئۇنىڭ چاچلىرى ئارقىرىپ كەتكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە چېچى چۈشۈپ تاقىر بولۇپ كەتكەن يېرىمۇ كۆرۈنۈپ تۇراتتى. يۈزلىرى قۇرۇق بېسىپ، كۆزلىرىنىڭ نۇرى قاچقان ئىدى. گەپ قىلغاندا چۈشۈپ كەتكەن چىشلىرى كۆرۈنۈپ قالاتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بېشى بىلىنەر ـ بىلىنمەس تىترەيتتى. ئۇ بەزىدە ساپاغا يۆلىنىپ تۇرغان ئوڭ قولى بىلەن ساقال ـ بۇرۇتلىرىغا چاپلىشىپ قالغان تۈپرۈكلەرنى سۈرتۈۋېتەتتى، مەن ئۇنىڭ قولىنىڭ ئورۇقلاپ بىر تېرە، بىر سۆڭەك بولۇپ قالغانلىغىنى سەزدىم. بۇ ئەمدى ئىلگىرى قامچا تۇتۇپ قۇللانرى ئۇران ھىلىقى قولغا ئوخشىغايتتى.
       دادام سۆزىنىڭ بېشىدىلا ماڭا ئانامنىڭ ئۆلۈمى ئۈستىدە، سۆزلەپ بەردى. ئۇ، مەن ئائىلىدە ئايرىلغاندىن كېيىن، ئانامنىڭ دائىم مېنى سوغانغانلىغىنى ئېيتتى. دەسلەپتە، ئانام تېخى مەن بىلەن ياڭنىڭ بىللە بولۇشىنى بىر ھەپتىگە قالمايلا ئادا ـ جۇدا بولىدۇ، مېنى قىيىنچىلىققا چىدىماي ئائىلىگە قايتىپ كېلىپ ئەپۇ سوراشقا مەجبۇر بولىدۇ، دەپ ئىشەنگەن ئىكەن. ئانام شۇ بويىچە كۈتىۋېرىپتۇ. ئانام تېخى مەن ئائىلىگە قايتىپ بارغاندا قانداق مۇئامىلە قىلىش توغرىلىق پات ـ پات دادام بىلەن خوشال پاراڭلىشىپتۇ، ئۇ ھەر كۈنى ئاخشىمى دېگۈدەك دادامدىن: «لىنا بەلكىم ئەتە قايتىپ كېلىپ قالار، ئۇ ھازىر قانداقراق بولۇپ قالدىكىنە؟» دەپ سوراپ تۇرۇپتۇ. بىر ھەپتە ئۆتۈپ كېتىپتۇ، مەن ئائىلىگە قايتمىدىم. ئۇ بۇرۇنقىدەكلا ماڭا ئىنتىزار بولىۋېرىپتۇ. كېيىن بىر قانچە ئاي ئۆتتى. مەن يەنىلا ئائىلىگە قايتمىدىم، ئۇ دادامنىڭ ئاغزىدىن مەن بىلەن ياڭنىڭ ناھايىتى ياخشى ئۆتۈۋاتقانلىغىمىزنى، ھەتتا ئىككىمىزنىڭ قۇللار رايونىدا يېڭى ئېتىقاتنى تەشۋىق قىلىۋاتقانلىغىمىزنى بىلىپتۇ، دادام مۇشۇنداق دېسە ئانامنىڭ ئۈمىدىنى ئۈزگىلى بولىدۇ، دەپ قارىغان ئىكەن. لېكىن ئەمىلىيەتتە ئانام دادام ئارقىلىق مېنىڭ «چۈشكۈنلەشكەن» لىگىمنى بىلىپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئانام مەندىن تېخىمۇ ئەنسىرەپتۇ. ئانام بىر نەچچە قېتىم ماڭا خەت ئەۋەتىپتۇ، ھەتتا قۇللار رايونىغا كېلىپ مېنى ئائىلىگە قايتىشقا ئۈندىمەكچىمۇ بوپتۇ، لېكىن دادام ئۇنى توساپتۇ، دادام ئۆزىنىڭ بېقىپ ئۆستۈرگەنلىگىگە بىۋاپالىق قىلدى، ئىپتىخارىمغا دەخلى يەتكۈزدى، دەپ قارىغاچقا، مېنى كەچۈرمەيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا ، ئۇ ئاقساقاللار، ئاقسۆڭەكلەرنىڭ يېڭى ئېتىقادىنىڭ تارقىلىشىنى توساشقا ياردەملەشكەن، ئۇنىڭ قۇللارغا زۇلۇم سېلىشىغا ياردەملەشكەن، دادام ئۆزىنىڭ ماڭا بولغان نەپرىتىنى قۇللار ئۈستىگە ئىشلەتكەن. ئۇ مۇشۇنداق قىلغاندا، مېنى قورقۇتۇپ بويسۇندۇرغىلى بولىدۇ، دەپ قارىغان. لېكىن بۇ چارىمۇ كارغا كەلمىدى. مەن يەنىلا ئائىلىگە قايتىمىدىم، ئانامنىڭ سېغىنىشى ئوخشاشلا كۈچىيىۋەرگەن. ئارىدىن كۆپ ئۆتمەي گاۋ دۆلىتى ئىشغالىيەتچىلىرىنىڭ قىرغىنچىلىغى باشلاندى، دادامنىڭ بۇ قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرماسلىغى تۇرغانلا گەپ ئىدى، ئۇ قۇللار رايونىدىكى ئوت يالقۇنىنى كۆرگەندە خوش بولۇپ كەتكەن، ئۇ ئىنتىقام ئالدىم دەپ قارىغان، ئوت قويۇلغاندىن كېيىن، ئۇ ياڭنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىگىدىن خەۋەر تاپقان بولسىمۇ، بىراق مېنىڭ نەگە كەتكەنلىگىمنى بىلەلمىگەن. ئۇ قەدىمى يەتكەنلا يەردە مېنى سۈرۈشتە قىلغان، لېكىن ھىچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن. مېنىڭ ئىز ـ دېرەكسىز يوقىلى كەتكەن ياكى ئۆلۈپ كەتكەنلىگىم توغرىسىدىكى بۇ خەۋەرنى ئانامدىن يوشۇرغىلى بولمايتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئانام قۇللاردىن مەن توغرىلىق ئېنىق بولمىغان، ئەمما شۇم خەۋەرنى بىلگەن، شۇنىڭ بىلەن ئانام كېسەل بولۇپ قالغان، دادام ئانامنىڭ كېسەل بولۇپ قالغانلىغىدىكى سەۋەپلەرنى بىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئانامغا تەسەللى بېرىشلىرى ھىچقانداق كارغا كەلمىگەن. ئانامنىڭ كېسىلى گاھ ياخشىلىنىپ، گاھ يامانلىشىپ كېتىۋەرگەن. ئانام مۇشۇ ھالەتتە بىرنەچچە يىل چىداش بەرگەن، ئاخىرى مېنىڭ گاۋ دۆلىتى ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ مەخپى ئۆلتۈرۈلگەنلىگىمدىن خەۋەر تاپقان. بۇ خەۋەرنى ئۇنىڭغا قۇللار يەتكۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن ئانام بۇنىڭغا ئىشەنمىگەن. ئانام بىرنەچچە قېتىم مېنىڭ قانلىق كىيىم كىيىپ ئائىلىگە قايتىپ كەلگەنلىگىمنى چۈشىدە كۆرۈپ قالغان، ئاندىن ئويغىنىپ ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتكەن ۋە مېنى چوقۇم ئۆلۈپ كەتتى دېگەن. بۇ ئىش ئۇنىڭغا قاتتىق زەربە بولغان، بۇ ئىشنى ئۇنىڭ ئاجىز بەدىنى كۆتىرەلمىگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر ئايدىن كۆپرەك كېسەل بولۇپ يېتىپ  «ئۆز قىزىغا ئەگىشىپ كېتىپ قالغان» ، ئانامنىڭ ئازاۋى ناھايىتى چوڭ ئىدى. شۇ كۈنلەردە قانداقتۇ بىر خىل ئىخيال ئۇنى ئازاپلىغان. ئۇ ھەمىشە مېنى ئەسلىدە ئائىلىدىن كېتىشكە قويمىسام بوپتىكەن، دەپ پۇشايمان يىگەن. ئۇ ھەتتا ئۆزىدىن ـ ئۆزىگە ماڭا ناماقۇل بولىدىغان سۆزلەرنىمۇ قىلغان.
       دادام بىرمۇنچە ۋاقىت سەرپ قىلىپ سۆزىنى مۇشۇ يەرگىچە قىلدى. بۇنداق بايان قىلىش ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى. بايان قىلىش ۋاقتىدا ئۇ بىرنەچچە قېتىم توختاپ كۆز يېشىنى سۈرتتى. ئاخىر ئۇ سەۋىر قىلالمىدى، مۇنداقتەك كۆز ياشلىرى ئورۇققىنا كەلگەن يۈزى ئارقىلىق تېمىشقا باشلىدى. ئۇ كۆزلىرىنى بىلىنەر ـ بىلىنمەس يۇمۇپ ئىڭرىغاندەك ھاسىراشقا باشلىدى.
     ئۇ ئەھۋالنى بايان قىلىۋاتقاندا، مەن كۆز يېشىمنى ئېقىتماسلىق، يىغا ئاۋازىمنى چىقارماسلىق ئۈچۈن، لېۋىمنى مەھكەم چىشلىۋالغان بولساممۇ، لېكىن بولمىدى، ئاخىر ئۆكسۈپ يىغلىۋەتتىم.
      ئانام مەن ئۈچۈن شۇنچە قاتتىق ئازاپ تارتىپتۇ، ئۇ بىخەتەرلىگىمگە شۇنچە كۆڭۈل بۆلۈپتۇ ۋە ماڭا شۇنچە مېھىر ـ شەپقەت بېشىلاپتۇ، ۋاھالەنكى، بۇ ئىشلارنى مەن زادىلا بىلمەپتىمەن، مەن تاھازىرغىچە ئۇنى ئەشەددى دۈشمىنىم، دەپ يۈرۈپتىمەن. ئەمدى ئۇ ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىىن، بىرەر ئىش قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا بولسا ھىسسىياتىمنى ئىپادىلىيەلمەيۋاتقان مۇشۇ شارائىتتا، ئۇنىڭ ھەقىقى قىياپىتى مېنىڭ كۆز ئالدىمدا ئېنىق نامايەن بولدى. بىراق ۋاقىت بەكمۇ كېچىكىكەن ئىدى. ئۇ بىر قەۋرىستانلىققا دەپنە قىلىنىپتۇ. مەن بولسام بىر باغىچىغا دەپنە قىلىنىپتىمەن. بىزدە ئۆز ـ ئارا ئەھۋال ئۇقۇشقۇدەك پۇرسەتمۇ بولماپتۇ.
       مېنىڭ ئىشلىرىم پۈتۈنلەي بەرپات بولدى. مېنىڭ ھىسداشچىلىرىم ھەتتا ماڭا ئاسىلىق قىلدى. قۇللار نالە ـ پەريات چېكىۋاتىدۇ، ئىشغالىيەتچىلەر ۋە ئېكىسپىلاتاتۇرلار شاتلىنىۋاتىدۇ. ئانام مەڭگۈگە كۆز يۇمدى، دادام مادارىدىن كەتكەن ھالدا ساپادا ھاسىراپ ياتىدۇ. مەنچۇ، مەن ھەممە ئۈمىتتىن قۇرق قالغاندىن كېيىن، ھۆڭرەپ يىغلاپلا تۇرۇپتىمەن!
      شۇنداق، مېنىڭ ھازىر ھىچنىمەممۇ يوق، قايغۇ ـ ئەلەمنىڭ زەربىسىگە نىمە بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىشىم كېرەك؟ غايەم بىلەنمۇ؟ ئېتىقات بىلەنمۇ؟ قىساس ئېلىش ئىدىيىسى بىلەنمۇ؟ بۇ ھاياتنىڭ خارابىسىدە پەقەت پۇچۇق تاملا قالدى، بۇ ماڭا دالدا بولالمايدۇ. شۇڭا بۇ قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە ماڭا كۆز يېشىمنى دەريادەك ئاققۇزۇشتىن باشقا ئامال يوق.
        مەن ۋە دادام ئىككىمىز بىر ـ بىرىمىزگە قاراپ بىردەم  يىغا ـ زارە قىلىشتۇق، ھازىر بىز يەنە ئاتا ـ بالا بولدۇق. ئىلگىرىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى كونا ئىز بولۇپ قالدى. مەن ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن يەنە مېنى سۆيىدىغان دادامنى تېپىۋالدىم، دادام مۇلايىم ئاھاڭدا سۆزىنى داۋام قىلدىد. ئۇ ئانام ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن تۇرمۇشنىڭ ناھايىتى زېرىكەرلىك بولۇپ قالغانلىغىنى ئېيتتى. ئۇ بىر ئايال بىلەن تۇرمۇش قۇرۇپتۇ. لېكىن ئىككى يىل بولار ـ بولمايلا ئۇ خوتۇن بىرىنى ئاشنا تۇتۇۋېلىپ، دادامدىن ئاجىرىشىپ يىراققا تىكىۋېتىپتۇ. شۇندىن بېرى دادام يەككە ـ يىگانە قاپتۇ ـ دە، ئۆتكەنكى دەرت ـ ئەلەملەر ئۇنىڭ يۈرىگىنى مۇجۇشقا باشلاپتۇ. ئۇنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى زېرىكەرلىك بولۇپتۇ. سالامەتلىگىمۇ بىردىن ناھارلىشىپ، بىر يىل ئىچىدىلا گويا ئون يىل بالدۇر قېرىپ كەتكەندەك بولۇپ قاپتۇ. روھىي جەھەتتىكى ئازاپلىنىش تېخىمۇ بەتتەر بولۇپتۇ. ماددى جەھەتتىكى مەئىشلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن ھىچنىمىگە دال بولماپتۇ. ئۇ كۈندىن ـ كۈنگە بىئاراملىق ئىچىدە كۈن كەچۈرۈپ، مۇشۇ يىللارنى ئۆتكۈزۈپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئاخىرى ئۇنىڭدا بىر ئۈمىت پەيدا بولۇپتۇ. ئۇ مېنىڭ قايتىپ كەلگەنلىگىمنى، بەلكى قولغا ئېلىنغانلىغىمنى بىلىپتۇ.
       ئۇ ئۆز ـ ئۆزىگە : «ئۆمۈرلۈك ھەسرەت ـ نادامەتتىن خالى بولۇش ئۈچۈن، ئەمدى ۋاقىتنى كېچىكتۈرمە!» دەپتۇ. مەن ئەسلىدە ئۈمىتسىزلەنگەن ئىدىم، ئۇنىڭ كۈچىگە تايانغاندىن كېيىن، مەن بىردىنلا ئاز ـ پاز ئۈمىت پەيدا بولدى. ئۇ بىر ئامال قىلىپ مېنى تار ئۆيدىن دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىدى، ئاندىن يەنە بۇ يەرگە يۈتكۈزۈپ قويدى. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى گاۋ دۆلىتىنىڭ ئىشغالىيەتچىلىرى ئىجرا قىلدى، لېكىن بۇ ئۇنىڭ پايپىتەك بولۇپ يول ماڭغانلىغىنىڭ نەتىجىسى ئىدى.
       ئۇ يەنە ماڭا: سەن بىر ۋاراق قەغەزگە توۋا نامە يېزىپ بۇندىن كېيىن گاۋ دۆلىتىنىڭ ئىشغالىيەتچىلىرىگە ئەمدى قارشىلىق كۆرسىتىدىغان ھەركەتلەردە بولماسلىققا كېپىللىك قىلىشقا ماقۇل بولساڭلا، مەن بىلەن بىللە ئائىلىگە قايتىپ داۋاملىق ئىلگىرىكىدە ياشاشقا ماقۇل بولساڭلا، مەن سېنى ھازىرلا قۇتقۇزۇپ چىقىپ، سېنىڭ قايتىدىن ئەركىن كىشىلەر ئارىسىدا قايتىپ بېرىشىڭغا، قەدىردان ئائىلىگە قايتىپ بېرىشىڭغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرەيلەيمەن، دىدى. ئۇ مەندىن مۇشۇنداق قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ ئۆمرىنىڭ ئانچە ئۇزۇن قالمىغانلىغىنى، ئاخخرقى ئۆمرىنىڭ كۆڭۈللۈك ئۆتۈشى ئۈچۈن، مېنىڭ ھەمرا بولۇشۇمنى تەلەپ قىلدى. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى خاتالىقلىرىنى تونۇغانلىغىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خاتالىق تۈپەيلى، كۆپ ئازاپ چەككەنلىگىنى ئېيتتى. ئۇ مەندىن ئەپۇ قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ مەندىن ئاتا ـ بالىلىق مېھىر ـ مۇھەببىبەتنى نەزەردە تۇتۇپ، ۋاقتىنچە ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ، مېنىڭ ئېتىقاتتىم ۋاز كېچىشىمنى ئۈمىت قىلدى. ئۇ يەنە: ئۆزىنىڭ ئۆمۈر بويى جاپا چېكىپ، ھازىرقى مال ـ مۈلۈكنى توپلىغانلىغىنى؛ ھازىر ئۆزىنىڭ ياشىنىپ قالغانلىغىنى؛ ئۇزۇنغا قالماي بۇ نەرسىلەردىن پۈتۈنلەي ۋاز كېچىدىغانلىغىنى ئېيتتى. ئۇ مەندىن قايتىپ بېرىپ، ئۇنىڭ بارلىق مال ـ مۈلۈكلىرىگە ۋارىسلىق قىلىشىمنى تەلەپ قىلدى. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ يېتەرلىك جاپا چەككەنلىگىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممىلا يەردە شۇنچە كۆپ يىللار قاتراپ يۈرگەندىن كېيىن، ئومۇمەن ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ بولغانلىغىنى، ئەمدى دەم ئېلىشقا تېگىشلىك ئىكەنلىگىنىمۇ ئېيتتى.
       ئۇ يۇقۇرى خىلمۇ خىل گەپلەرنى قىلدى، ئۇنڭى پوزىتسىيىسى ناھايىتى سەمىمى ئىدى ئۇنىڭ مەن بىلەن سۆزلىشىشى ئاتا ـ بالىلار ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتكە ئەمەس، ئەكسىچە يېقىن دوستلار ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتكە ئوخشايتتى.  ئۇنىڭ ھەر بىر ئېغىز گېپىگە مەن قۇلاق سالدىم ، ۋاھالەنكى ، مەن دەرھال جاۋاپ بېرەلمەيتتىم. مەن تەمتىرەپلا قالدىم.
       ئۆۆپ يىللىق ئايرىلىشتىش كېيىن، ئۇ قېشىمغا تۇنجى قېتىپ كېلىپ، مەندىن ئەپۇ قىلىشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. ئۇ كۆڭۈلسىز ھالەتتە مېنىڭ قېشىمغا كېلىپ ئۆزىگە ئازراق بولسىمۇ تەسەللى ئىزلەشنى ئويلاپتۇ. مەيلى نىمىلا بولسۇن. مەن ئۇنىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلماسلىغىم، مەن ئۇنىڭغا قاتتىق پوزىتسىيىدە: «ماڭ، مەن سېنى ئىككىنچى كۆرگۈچى بولماي، مېنىڭ سەندەك دادام يوق» دىگەن گەپنى قىلماسلىغىم كېرەك. بۇ چاغدا مەندە بىرلا ئوي بولدى. مەن شۇنچە يىللاردىن بۇيان ئۇنىڭ تارتقان ئازاپ ـ كۈلپەتلىرىنىلا ئويلايتتىم ۋە ئۇنىڭغا ھىسداشلىق قىلىش ھىسسىياتىدىلا بولاتتىم .
       ـ لىنا، قايتىپ كەتكىن، داداڭ سېنى ئاسرايدۇ، داداڭمۇ سېنىڭ خەۋەر ئېلىشىڭغا مۇھتاج، قايتىپ كەتكەن، قارىغىنا، سەنمۇ بۇرۇنقىدىن كۆپ ياداپ كېتىپسەن، سەن ئائىلىدە ئوبدان دەپ ئېلىشىڭ كېرەك! ـ دادام كۆزىگە ياش ئېلىپ ھاياجانلانغان ئاۋازدا دىدى، ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ چېچىمنى ئاستا سىلىدى، ـ ئەمدى سەن ئاشۇ ھىسداشچىلىرىڭغا ئىشەنمىگىن، ئۇلار ئىشەنچىلىك ئەمەس، سېنىڭ قولغا ئېلىنىشىڭ ئۇلانرىڭ ئارسىدىكى بەزىلەرنىڭ مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ قويغانلىغىدىن بولغان ئەمەسمىدى؟ قايتىپ كەتكىن. پەقەت داداڭلا سېنى ئاسرايدۇ... ئىلگىرىكى ئىشلار تېخى ئېسىڭدىمۇ؟ بولدى ئۇنى ئاغزىڭغا ئالما، مەن ھازىر پۇشايمان قىلىۋاتىمەن.
        ئۇنىڭ سۆزى ناھايىتى مۇلايىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەكمۇ ئېچىنارلىق بولسىمۇ، لېكىن ماڭا نىسبەتەن گويا يىڭنە سانچىغاندەك تۇيۇلاتتى. مەن بۇ سۆزلەردىن مۇداپىئەلەنگەندەك بىر نەرسە تاپالمىدىم. مەن ئۇنىڭ خاتىرجەم ئولتۇرۇپ بۇنداق سۆزلەرنى ئەمدى داۋاملاشتۇرۋەرمەسلىكىنى ئۈمىت قىلاتتىم؛ مەن ئۇنىڭ مەن بىلەن باشقا ئىشلار ئۈستىگە سۆزلىشىشىنى ئۈمىت قىلاتتىم؛ مەن ئۇنىڭ باشقا بىر خىل پوزىتسىيىدە بولۇپ، مەندىن ئەپۇ قىلىشنى تەلەپ قىلماي، مېنى ئەيىپلىشىنى ياكى ئەشەددى دۈشمىنىگە ئوخشاش ماڭا جەڭ ئېلىن قىلىشنى ئۈمىت قىلاتتىم. چۈنكى بۇنداق بولغاندا، مەن دىلىغۇل بولماي، كەسكىن ھەركەت قوللىنىپ ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرالايتتىم. لېكىن شۇ تاپتا مەن تۆت يولنىڭ دوقمۇشىدا تۇرۇپ قالدىم، مەندە ئىككىلا يول بار: يا ماقۇل دىيىش، يا بولمىسا رەت قىلىش.
       ماقۇل دەيمۇ؟ مەن بۇنداق قىلالمايمەن. مەيلى تىرىك چىقىپ كېتىش ئۈمىدىمنىڭ قانداق بولۇشىدىن، مەيلى بۇ يەردە نەقەدەر تەنھا يېتىپ ئۆلۈمنى كۈتۈپ تۇرۇشۇمدىن، مەيلى ئىشلرىمنىڭ نەقەدەر ئورۇنلانماي قېلىشىدىن، تىرىشچانلىقلىرىمنىڭ نەقەدەر بىكار بولۇپ كېتىشىدىن ۋە مەيلى ھىسداشچىلىرىمنىڭ نەقەدەر ئىشەنچسىز بولۇپ كېتىشىدىن قەتئىنەزەر، مەن ئۆزەمنىڭ قانلىق قەسىمىمنى ئېسىمدىن چىقىرىۋېتەلمەيتتىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاشۇنداق قەسەم بېرىپ تۇرۇپ يەنە گاۋ دۆلىتىنىڭ ئىشغالىيەتچىلىرىگە باش ئېگىپ، توۋانامە يېزىپ، ئۆتكەنكى ھەركەتلىرىمگە پۇشايمان قىلالمايتتىم. ئىشلىرىم بەربات بولدى؛ ئېتىقادىم يىمىرىلدى؛ قىساس ئېلىش خىياللىرىم غۇۋا چۈشكە ئايلىنىپ قالدى. لېكىن مەن بۇ نىيەتتىن قايتالمايتتىم. ئەگەر مەن چىقىپ كېتىپ، ئەركىن كىشىلەر ئارىسىغا قايتىپ بارالىغىنىمدا، مېنىڭ تۇنجى ھەركىتىم قارشىلىق كۆرسىتىش توغرىسىدىكى يېڭى ئېتىقاتنى تەشۋىق قىلىشتىن ئىبارەت بولغان بولاتتى. ئۆزەمنىڭ بىخەتەرلىگىمنى، مەن بۇ ئېتىقاتنى قۇربان قىلىۋېتىدىغان ئىشنى قىلالمايتتىم. مەن بۇ مەقسىدىمنى دادامغا ئېيتتىم. مەن يەنە مۇنداق دىدىم:
       ـ دادا، بۇ ئىشلارنى ئەمدى ئېغىزغا ئالماڭ. بىز ئون نەچچە يىل ئايرىلغاندىن كېيىن، بۇ قېتىم يۈز كۆرۈشكۈدەك مۇشۇنداق ياخشى پۇرسەتكە ئاران ئېرىشتۇق. بىز كۆڭۈللۈك ئىشلار ئۈستىدە سۆزلىشىشىمىز كېرەك، نىمە ئۈچۈن كىشىنى بىئارام قىلىپ يىغلىتىدىغان سۆزنىلا قىلىمىز؟
       ـ لىنا، ـ دىدى دادام تىترىگەن ئاۋازدا، ـ ئاخىرقى بۇ تەلىۋىمنى رەت قىلمىغىن. بىلىشىڭ كېرەككى، مەن بۇ پۇرسەتكە ناھايىتى تەستە ئېرىشتىم. ئەگەر بۇ پۇرسەت قولدىن كەتسە، بۇندىن كېيىن بىزگە مەڭگۈ يۈز كۆرۈشۈش پۇرسىتى بولمايدۇئ سەن بۇ يەردە جۈدەپ قىينىلىپ ئۆلۈپ كەتسەڭمۇ خەۋەر ئالغىلى ئادەم چىقمايدۇ؛ مەن ئائىلىدە كېسەل بولۇپ ئىڭراپ ياتساممۇ، ماڭا تەسەللى بەرگىلى ئادەم چىقمايدۇ. مەن سېنى سېغىنىمەن، تاكى ئۆلۈپ كەتكىچە ئىسمىڭنى چاقىرىپ تۇرىمەن، سەنمۇ مېنى سېغىڭنساڭمۇ، تەنھاچىلىقتا لېكىن چاقىرغان ئاۋازىمنى مەڭگۈ ئاڭلىيالمايسەن. بىز نىمە ئۈچۈن ئۆزىمىزنى مۇشۇنداق قىينايمىز؟ لىنا، كۆپرەك ئويلىنىپ باققىن، چۈنكى سېنىڭ بىر جۈملە سۆزۈڭ بىز ئىككىمىزنىڭ بەختىگە ئولتۇرىدۇ... لىنا، ئائىلىگە قايتىپ كەتسەڭچۇ، داداڭ ئىسسىق مۇھەببەتلىك قەلبى بىلەن سېنى قارشى ئالىدۇ. مەن پۈتكۈل ھاياتىمدا سەندىن پەقەت مۇشۇ بىر ئىشنىلا تەلەپ قىلىمەن. سەن مېنى رەت قىلمىغىن... قارىغىنا، ھازىر مېنىڭ بۇرۇنقىدەك ئەپتىم قالمىدى، مەن كېسەلمەن بولۇپ قالدىم، قېرىپ قالدىم!...
       بۇنداق گەپلەرگە مەن نىمە دەپ جاۋاپ بېرىشىم كېرەك؟ دادامنىڭ بىر ئېغىزمۇ يالغان گەپ قىلمىغانلىغى ماڭا مەلۇم ئىدى. مەن شۇتاپتا ئۇنىڭ پۈتۈن يۈرىگىنى يېرىپ ماڭا كۆرسەتكۈدەك بولۇپ كېتىۋاتقانلىغىنى بىلدىم، مەن ئۇنى پۈتۈنلەي چۈشەنگەنلىگىمنى ھىس قىلدىم. دادام بىلەن ئانام ئوتتۇرىسىدا مەن يالغۇز بىر بالا ئىدىم. ئۇلار بارلىق ئۈمىدىنى ماڭا بېغىشلايتتى، ئۇلار ئۆز ئېتىقادى بويىچە مېنى تەربىيىلەيتتى، ئۇلار مېنىڭ ئۆزلىرىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك بەختلىك قىز بولۇپ قېلىشىمغا ئىنتىزار بولۇشاتتى. ۋاھالەنكى، نەتىجىدە مەن ئۇلارنى تاشلىۋەتتىم، ھىچقانداق تارتىشماستىن، ئۇلارنىڭ ئون نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئۈمىدىنى پۈتۈنلەي تارمار قىلىپ، ئۇلارنى يالغۇزلۇقتا ۋە سېغىنىش ئازاۋىدا قالدۇردۇم. ئانام مۇشۇ يالغۇزلۇق ۋە سېغىنىش ئازاۋى دەستىدىن ئۆلۈپ كەتتى. داداممۇ مۇشۇ يالغۇزلۇق ۋە سېغىنىش ئازاۋى دەستىدىن كېسەلمەن بولۇپ، قېرىپ ھازىرقى ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى! مېنىڭ ئۇلارغا كەلتۈرگەن ئازاۋىم بەكمۇ ئېشىپ كەتتى. بۈگۈنكى كۈندە مەن يەنە دادامنىڭ قايغۇ ـ ئەلىمى ئۈستىگە يەنە ئەڭ ئاخىرقى قايغۇ ـ ئەلەم قوشىمەنمۇ؟ مەن ئۆزەم بىلەن ئۆزەم جان تالىشاتتىم، مەن گاڭگىرىغاندەك قىلىپ: «مەن ئۇنداق قىلالمايمەن، مەن ئۇنداق قىلالمايمەن» دەيتتىم. مەن دېمەكچىمەنكى، مەن دادامنىڭ ئارزۇسىغا يەنە خىلاپلىق قىلماسلىغىم كېرەك.
      بىراق دادام مېنى رەت قىلدى، دەپ ئويلاپ قايغۇلۇق ھالدا دىدى:
       ـ لىنا، نىمە ئۈچۈن شۇنداق قىلمايسەن؟ بۇ مېنىڭ ساڭا قويغان ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق تەلىۋىم. سەن داداڭنى چۈشىنىشىڭ كېرەك. سەن داداڭنىڭ  سېنى قاندقا ياخشى كۆرىدىغانلىغىنى، بەلكى ئۇنىڭ سەن ئۈچۈن ناھايىتى زور قۇربان بەرگەنلىگىنى چۈشىنىشىڭ كېرەك. ئەجەبا. سەن بىر نۇسخا توۋانەمە يېزىپ بېېرىشكىمۇ ئۇنىمامسەن؟ سەن نىمە ئۈچۈن ئۆز ئېتىقادىڭدىن ۋاقتىنچە ۋاز كېچىشنى خالىمايسەن؟ سەن تېخى ياش، سېنىڭ تېخى ئۆز ئېتىقادىڭ ئۈچۈن تىرىشىدىغان ۋاقتىڭ ناھايىتى كۆپ، ئەمما سەن ئۇزۇنغا قالماي داداڭدىن ئايرىلىپ كېتىشىڭ مۇمكىن...
       ـ دادا، دادا، ـ مېنىڭ ئۇشتۇمتۇت چىققان قايغۇلۇق ئاۋازىم ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلدى، ـ بۇ گەپلەرنى قىلماڭ سىز مەندىن باشقا ھەرقانداق ئىشنى قىلىشنى تەلەپ قىلسىڭىز مەيلى، پەقەت ماڭا توۋانامە ياز دىمىسىڭىزلا، ماڭا ئېتىقادىڭنى قۇربان قىل دىمىسىڭىزلا بولدى. بۇنىڭدىن باشقا ھەممىنى مەن قۇربان قىلاللايمەن. مېنى كەچۈرۈڭ، مەنپەقەت مۇشۇنىلا قۇربان قىلالمايمەن، چۈنكى مەن شۇنىڭغا تايىنىپ ياشىماقتىمەن...
       ـ لىنا...ـ دادام ئەمدىلا ئاغزىنى ئېچىۋىدى، مەن ئۇنىڭ سۆزىنى يەنە بۆلۈۋەتتىم.
       ـ شۇنداق، مەن ئائىلىگە قېيتىپ بېرىپ، سىز بىلەن بىللە ياشاشنى، سىزدىن خەۋەر ئېلىشنى ۋە سىزنىڭ ئاسىرىشىڭىزنى خالايمەن، ـ دىدىم مەن سۆزۈمنى داۋاملاشتۇرۇپ، ـ شۇنداق، مەن مۇشۇنداق قىلىشنى بەكمۇ خالايمەن. لېكىن مۇشۇ سەۋەب تۈپەيلىدىن، شەخسىنىڭ بىخەتەرلىگىنى دەپ، ماڭا ئۆز ئېتىقادىمنى قۇربان قىلدۇرماقچى بولىدىكەنسىز، بۇنى مەن قىلالمايمەن. مەن پەسكەش ئادەملەردىن ئەمەسمەن.
       ـ لىنا، ـ دادام ئۈمىتسىزلىنىپ توۋلىدى، ـ سەن مېنىڭ ئەھۋالىمنى ئازراق بولسىمۇ نەزەردە تۇتمامسەن؟
       ـ دادا، ـ مەن بىردىنلا تەلەپپۇزۇمنى ئۆزگەرتتىم، ـ مەن ئۇنداق پەسكەش ئىشلارنى قىلالمايمەن. باشقىلار ماڭا ساتقىنلىق قىلغان تەقدىردىمۇ، مەن ئۆزەمگە ـ ئۆزەم ساتقىنلىق قىلالمايمەن! مەن ئۆز ئەركىنلىگىمنىڭ بەدىلىگە توۋانامە يازالمايمەن.
       ـ مەن ئۈچۈن بولسىمۇ شۇنداق قىلشىقا ئۇنىمامسەن؟
       ـ ئۇنداق قىلالمايمەن،  ـ دىدىم مەن بىردىنلا غەيرەتىمگە كېلىپ، ـ مەن گاۋ دۆلىتىنىڭ ئىشغالىيەتچىلىرى ئالدىدا باش ئەگمەيمەن، مەن ئۇنىڭ ئۈستىگە مەندە توۋا قىلغۇدەك گۇنا يوق، چۈنكى مەن خاتا يولدا ماڭمىدىم.
       ـ لىنا، ئادىرىماي ئويلاپ باققىن، سېنىڭ ئالدىڭدا ئولتۇرغان داداڭ، ئۇ ھازىر ئۆلەمجان ھالەتتە قېشىڭغا كېلىپ، چوڭقۇر مېھىر بىلەن سەندىن كەچۈرۈم سوراۋاتىدۇ، سەندىن ئائىلىگە قايتىپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە خاتىرجەم ياشاشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. سەن ئۇنىڭ گېپىگە ماقۇل بولماي،  ئۇنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىپ تەنھا كەتكۈزۈۋېتىپ، ئۇنىڭ ئۆكۈنۈش ۋە ئازاپلىنىش ئىچىدە ئۆلۈپ كېتىشىگە چىداپ تۇرارسەنمۇ؟... ئۇنچىلا تاش يۈرەكلىك قىلمىغىن.
       ـ بنى مەن قىلالمايمەن، مەن شۇنداق قارارغا كەلدىم، ـ مەن شۇدناق دەپ سۆزلىمەكچى بولۇۋىدىم، بىراق قايغۇ ـ ئەلەملىرىم كانىيىمغا قاپلىشىۋالدى. كۆز ياشلىرىمنى چىقارماسلىققا تىرىشتىم،مەن ئۆز غەيرىتىمنىڭ يەنە يوقاپ كېتىۋاتقانلىغىنى ھىس قىلدىم مەن يۈزۈمنى توسىۋېلى، قايغۇلۇق ھالىتىمنى دادامغا كۆرسەتمىدىم، شۇنىڭ بىلەن بىللە دادامنىڭمۇ قايغۇلۇق چىرايىنى كۆرمەي، دىدىم.
       ـ لىنا، بۇ يالغۇز مېنىڭ ئەمەس، بەلكى سېنىڭمۇ كۆزلىگەنلىك. مەن ساڭا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىمەن. ماڭا قارىغاندا سەن بەختكە تېخىمۇ موھتاج، ئەركىنلىككە تېخىمۇ موھتاج. سەن ئۆزەڭنىڭ ياشلىق باھارىڭنى بۇ يەردە دەپنە قىلىۋەتمىگىن، ئۆزەڭنى بۇ ئۆيدە خاراپ قىلمىغىن. سەن قايتىپ كېتىشىڭ، تۇرمۇش قوينىغا قارتىپ كېتىشىڭ كېرەك.
       مەن دادامنىڭ گەپلىرىگە جاۋاپ بېرەلمەيتتىم. مەن چىداپ تۇرالمىغىلى تاسلا قالدىم.
       ـ يۈر، مەن بىلەن قايتقىن، بولدى ئەمدى ئىككىلەنمە، ـ دادام ئورنىدىن تۇرۇپ يېنىمغا كېلىپ، مېھرىۋانلىق بىلەن چېچىمنى سىلىدى.  مەن ھىچنىمىگە قارىماي بىرىدنلا ياشقا تولغان كۆزۈم بىلەندادامغا قارىدىم. تىل بىلەن ئىپادىلىگىلى بولمايدىغان نۇرغۇن گەپ ـ سۆزلەر يۈزۈمدىن ئىپادىلىدى. مەن دادامىڭ مەقسىدىمگە چۈشەنگەن ـ چۈشەنمىگەنلىگىنى بىلمىدىم. مەن پەقەت ئىككى ـ ئۈچ تامچە ياشنىڭ ئۇنىڭ يۈزىدىن ئېقىپ مېنىڭ مەڭزىمگە چۈشكەنلىگىنىلا ھېس قىلدىم. ئۇ بېشىنى چايقاپ ئارقا ـ ئارقىدىن نەچچە قېتىم ئۇلۇغ ـ كىچىك تىنىپ قويدى.
       مەن يەنىلا گەپ ـ سۆز قىلماستىن، قولۇم بىلەن كۆكسۈمنىلا بېسىپ تۇراتتىم، چۈنكى يۈرىگىمنى نىمىدۇ مۇجۇپ ئاغرىتاتتى. بۇ چاغدا تالادىن ناخشا ئاۋازى ۋە كۈلەك ـ پاراڭ ئاڭلاندى. بۇ گاۋ دۆلىتى ئەسكەرلىرىنىڭ ناخشىسى ئىدى.
       ـ ياق مەن قايتىپ كېتەلمەيمەن! ـ مەن بىردىنلا ئاغزىمدىن مۇشۇ گەپنى چىقاردىم. ئارقىدىن بېشىمنى سىلكىپ دادامنىڭ قولىدىن ئاجراتتىم مەن ئورنۇمدىن دەپ تۇرۇپ، كارۋىتىنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۆزەمنى كارۋاتقا تاشلىدىم ـ دە، ئۈچ چىقارماي ياتتىم .
       دادام ئۆي ئىچىدە ئۇياقتىن ـ بۇياققا بىرنەچچە قەدەم ماڭدى. ئارقىدىن ئاستا مېڭىپ كارۋات ئالدىغا كېلىپ سۆزلىدى:
       ـ ئائىلىدە مەن ساڭا ياتىدىغان ياتىغىڭدىن تارتىپ، كىيىم ـ كېچەك قاتارلىق نەرسىلىرىڭنى ھەممىسىنى تەييارلاپ قويدۇم. بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى خۇددى ئىلگىرىكىدەكلا ئۆز پېتىچە ناھايىتى ئوبدان ساقلاپ قويدۇم.، ئۇ نەرسىلەر سېنىڭ قايتىپ كېتىشىڭنى قارشى ئالىدۇ. يەنە ئاشۇ قۇللار بار، ئىلگىرى سەن ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلاتتىڭ، ئۇلارمۇ سېنى سېغىنماقتا.
       مەن يۈزۈمنى ئىچىمگە تىقىۋېلىپ دادامغا كۆرسەتمىدىم. مەن ئۇنىڭ سۆزلىرىنى گويا ئاڭلىمىغاندەك ئۇنىڭغا خاۋاپ بەرمىدىم، دادام يەنە ئۆي ئىچىدە ئۇياق ـ بۇياق مېڭىشقا باشلىدى، ئۇنىڭ ئاستىلاپ كەكتەن جانسىز ئاياق تىۋىشى يۈرىگىمگە تېگىپلا تۇراتتى.
       «لىنا!» ئۇ توساتتىن قەدىمىنى توختىتىپ مېنى توۋلىدى، مەن چېشىمنى مەھكەم چىشلەپ بىر ئېغىزمۇ جاۋاپ بەرمىدىم.
       ـ سەن قايتىپ كەتمەسلىك قارارىغا كەلدىڭمۇ؟ بۇ ئىشنى ئوڭشاشقا ئامال بولماسمۇ؟
       ـ قايتىپ كەتمەيمەن، دىدىم مەن تۇتۇق ئاھاڭدا،
       ـ ئۇنداقتا، مەن قايتاي. بۇنىڭدىن كېيىن ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا يۈز كۆرۈشۈش پۇرسىتى بولمايدۇ، ـ دىدى ئۇ قايغۇلۇق ۋە ئەلەملىك ئاھاڭدا، ـ ئەگەر كېيىنچە نىيىتىڭدە ئۆزگىرىش بولۇپ قالسا، بىر ئىلاج قىلىپ ماڭا ئۇقتۇرۇۋەتكىن. مەن سېنى يەنە ئوخشاشلا قارشى ئالىمەن. ئوخشاشلا ئاسرايمەن، ـ ئۇ ئاخىرىدا يەنە بىر جۈملە قوشۇپ قويدى، ـ بەلكىم ئۇ چاققىچە ئۆمۈر كۆرەلمەسمەن.
       مەن يەنىلا جاۋاپ بەرمىدىم، مەن ئىچىمدىكى قايغۇ ـ ئەلەملىرىمنى كۈچۈمنىڭ بېرىچە بېسىۋالدىم. ۋاقىت ناھايىتى ئاستا ئۆتمەكتە ئىدى.
      ـ مەن كەتتىم، ـ دىدى دادام ئاخىر، ـ سەن بۇندىن كېيىن ئۆزەڭنى ياخشى ئاسرىغىن، ئەگەر سەن نىيىتڭنى ئۆزگەرمىسەڭ ئەمدى مېنىڭ كېلىپ سېنى كۆرۈشكە پۇرسىتىم يوق.
       مەن «ھىم» دەپ قويدۇم ـ يۇ، كارۋاتتىن قوپمىدىم.
      ـ لىنا، مەن كەتتىم، ـ ئۇ بۇ گەپنى يەنە بىر تەكرارلىدى، ئاۋازى تېخىمۇ جانسىز چىقاتتى، لېكىن ئۇ ماڭمايتتى.
       يەنە بىر ئاز كۆڭۈلسىز ۋاقىت ئۆتتى، ئۇ ئۈچىنچى قېتىم: «مەن كەتتىم» دىدى ـ يۇ، لېكىن كارۋىتىمنىڭ ئالدىدىغا كېلىپ، قولىنى چىقىرىپ چېچىمنى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىم سىلىدى، بۇ دورام ناھايىتى ئۇزۇن سىلىدى. مەن بىردىنلا ئۇنىڭ چېچىمنى بۇنداق سىلىشىنىڭ بىرىنچى قېتىم بولمىغانلىغىنى ئېسىمگە ئالدىم. ئىلگىرى مەن كىچىك ۋاقتىمدا، ئۇ ھەمىشە مېنى تىزىدا ئولتۇرغۇزۇپ چېچىمنى شۇنداق سىلىغاچ ھەر خىل قىزىقارلىق ھىكايىلەرنى ئېيتىپ بېرەتتى. ئۇ چاغدا ئانامدىن قالسىلا، دادام مېنىڭ بىردىن ـ بىر مېھرىۋانىم ئىدى. مېھرىۋانىملا ئەمەس، ئۇ تېخى مېنىڭ بىردىن ـ بىر مەبۇتۇممۇ ئىدى. شۇنچە يىللار قورقۇنچلۇق چۈشتە ئۆتۈپ كەتتى. ھازىر مەن ۋە دادام ئىككىمىز يەنە ئاشۇ چاغىدىكى مۇھىتقا قايتتۇق. ئۇ يەنىلا بۇرۇنقى ئۇ ئىدى. مەن يەنىلا بۇرۇنقى مەن ئىدىم، ۋاھالەنكى، مەن ئۇنىڭ تەلەپلىرىگە ماقۇل بولماي، ئۇنى گويا ئەشەددى بىر دۈشمەننى رەت قىلغاندەكلا رەت قىلىۋەتتىم.!
       دادام بىردىنلا ئورنىدىن تۇردى، لېكىن دادام تاشقىرىغا قاراپ ماڭغان ئىدى.
       ـ دادا! چاقىردىم مەن كۈچەپ كۆز يېشىمنى توختىتىۋېلىپ. مەن ئىشىك تەرەپكە يۈگۈردۈم.
       دادام يەنە ئۆي ئىچىدە پەيدا بولدى، ئۇنىڭ يۈزى تاتىرىپ بېشى بىلىنەر ـ بىلىنمەس چايقىلىۋاتاتتى، كۆزلىرىنىڭ بۇرجىگىدە ۋە ساقىلىدا بىرنىمە پارقىرايتتى.
      ـ لىنا، سېنىڭ يەنە دەيدىغان گەپ ـ سۆزلىرىڭ بارمىدى؟ نىيىتڭنى ئۆزگەرتىپ مەن بىلەن قايتىپ كېتىشنى خالامسەن ـ قانداق؟ ـ ئۇنىڭ ئاۋازىدا تىترەش، شاتلىنىش ۋە ھاياجانلىنىش ئەكس ئېتىپ تۇراتتى.  ئۇ مېنى قارشى ئالغاندەك، ماڭا ئىككى قولىنى ئۇزاتتى.
       مەن داڭقېتىپ مىدىر ـ سىدىر قىلماي تۇرۇپلا قالدىم. مەن ئارىسالدا بولۇپ قانداق قىلىشىمنى بىلەلمىدىم. مەن ئۇنىڭ مەقسىدىمنى خاتا چۈشىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيتتىم. بىردىنل ئابىر خىل ھىسسىيات مېنى چۇلغىۋالدى ـ دە، مەن ئەمدى ئويلاپ يۈرمەستىن، دادامنىڭ ئالدىغا ئېتىلىپ بېرىپ، ئۇنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ پاچاقلىرىنى قۇچاقلىۋالدىم، كۆز ياشلىرىم ئۇنىڭ شىمىنىڭ پۇشقاقلىرىغا ئاقتى. مەن پىچىرلىغاندەك:
       ـ مېنى كەچۈرۈڭ، مېنى كەچۈرگەيسىز، ـ دىدىم.
       بۇ چاغدا مەن ئۈچۈن ھەممە مەۋجۇد ئەمەس ئىدى، دادامنىڭ نىمە دىگەنلىگىنى ياكى نىمە قىلىۋاتقانلىغىنى بىلمەيلا قالدىم. مەن پەقەت كۆز يېشىم قۇرغۇغاندىلا ئاندىن ئورنۇمدىن تۇرغانلغىمنى بىلدىم. مەن كۈچۈمنىڭ بېرىچە ئۆزەمنى تۈمكىن قىياپەتتە كۆرسىتىپ ئۇنىڭغا: «ئەمدى مېنىڭ سۆزۈم تۈگىدى» دىگەن بىر جۈملە سۆزنى قىلدىم. مەن ئارقامغا ئۆرۈلۈپ دېۋىدىم، بىراق ئۇ مېنىڭ بىلىگىمنى تۇتۇۋالدى. ئۇ مۇلايىملىق بىلەن چۇۋۇلۇپ كەتكەن چاچلىرىمنى رەتلەپ، يۈزۈمدىكى كۆز ياشلىرىمنى سۈرتۈۋەتتى. ئاندىن ئۇ مەندىن:
        ـ سەن مۇشۇنداق قىلغىنىڭغا كەلگۈسىدە بىر ئاز بولسىمۇ ئۆكۈنەرسەنمۇ؟
       ـ بۇ يولنى مەن ئۆزەم تاللىدىم، بۇ ئاچچىق مىۋىنى مەن ئۆزەم ئۈزدۈم. ئەلۋەتتە بىر ئاز بولسىمۇ ئۆكۈنمەيمەن، پەقەت... ـ مەن بىردىنلا گېپىمنىڭ ئاخىرىنى يۇتۇۋەتتىم، چۈنكى مەن بۇنى ئۇنىڭغا يەنە تەپسىلى سۆزلەشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، دەپ قارىدىم. بىز ئىككى ئەۋلات كىشىلەر، گەرچە بىر بىرىمىززەە مېھىر ـ مۇھەبىتىمىز بولسىمۇ، بىراق ئۆز ـ ئارا چۈشىنىشكە ئامالسىز ئىدۇق. مەن ئۇنىڭ بۇ يەردە كۆپرەك تۇرۇشىنى ئۈمىت قىلاتتىم. چۈنكى ئۇنىڭ زەئىپ ۋە قايغۇ ـ ئەلەملىك چىرايىنى كۆرسەمللا ئىچىم ئاغرىپ بىئارام بولاتتىم.
       ئۇ ئاخىرى كەتتى. مەن ئۇنى ئۇزىتىپ قويدۇم. ماڭا گويا دەرت ـ ئەلەم ۋە گۈزەل ـ شېرىن ئەسلىمە بىلەن تولغان بىر دەۋر دەپنە قىلىنغاندەك تۇيۇلدى. بۇ دەۋر ھىلىلا ئېچىلغان ئىدى، بىراق ئەمدىلىكتە بولسام بۇنىڭ ئورنىنى ئۇزۇندىن بۇيان داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان قايغۇ ـ ئەلەم باسى.
       مەن ئۇنىڭ ئاياق تىۋىشىنى تىڭشاۋېتىپ، گويا ئىلگخرىكى كونا چۈشنى تەكرارلىغاندەك بولدۇم. كېيىن بۇ ئاۋاز يوقاپ، ئۇنىڭ ئورنىغا گاۋ دۆلىتى ئەسكەرلىرىنىڭ ئۆتۈگىنىڭ تىۋىشى ئاڭلاندى. شۇندىلا مەن ئويغاندىم. مەن كارۋىتىمنىڭ قېشىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ ئەدىيال ئۈستىدە دۈم يېتىۋېلىپ، يىغلاپ ياستۇغۇمنى نەم قىلىۋەتتىم.
       كەچقۇرۇن ھىلىقى قۇل تاماق ئېلىپ كىرگەندەك ئاندىن مېنى ئويغاتتى. مەن ئۇنىڭغا قاچا ـ قۇچا ۋە تاماقنى ئېلىپ چىقىپ كېىشنى، بۈگۈن ئاخشام ھىنەرسىگە زورقۇم يوق ئىكەنلىگىنى ئېيتتىم.
       مەن ناھايىتى چارچىغان بولساممۇ، لېكىن كۆڭلۈم ئازادە ئىدى. شۇنچە كۆپ كۆز يېشى قىلغاندىن كېيىن، ئۇزۇندىن بۇيانقى غەمكىن ئوي ـ خىياللىرىم بىرىدىنلا يوقاپ كەتتتى. دادام ماڭا قايغۇ ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن مەن ئۇنىڭغا ئېتقان شۇنچە كۆپ سۆزلىرىمگە پۇشايمەن قىلمىدىم. مۇشۇ قېتىمقى ئۇچرىشىش بولغاندىلا، مەن قىلچە ئەپسۇسلانماستىن ئۆتمۈشنى چوڭقۇر دەپنە قىلالايتتىم. مۇشۇدناق چوڭ پاراكەندىچىلىكتىن كېيىن مېنىڭ كۆڭلۈم گويا مۆلدۈردىن كېيىنكى ھاۋادەك جىمىپ قالدى.
       مەن شۇ كۈنى ئاخشىمى چوقۇم چۈش كۆرمەيمەن دەپ ئويلىدىم .
      
    16 ـ مارت
      مەن ئەمدى دادامنى ئويلىمايمەن دەپ ئېيتقان ئىدىم. لېكىن ئۇنىڭ ئوبرازى يەنە مېنىڭ كۆز ئالدىمغا كېلىۋالدى. ئۇ كېسەلمەن بولۇپ، قېرىپ قالغان ئىدى، ئۇ ھەقىقەتەن بىرەر كىشىنىڭ خەۋەر ئېلىشىغا موھتاج.
       ـ سەن نىمە ئۈچۈن ئۆزەڭنى بۇ غايەڭگە چوقۇم بېغىلىشىڭ كېرەك ئىكەن؟ نىمە ئۈچۈن بىر ئادەمدە چوقۇم ئېتىقات بولۇشى كېرەك ئىكەن؟ قارىغىنا سەن ئۇنىڭدىن نىمە تاپتىڭ؟ ـ گويا دادامنىڭ ئاغزىدىن مۇشۇنداق گەپلەر چىقىۋاتقاندەك تۇيۇلاتتى.
       مەن ئېتىقاتتىن نىمە تاپتىم؟ مەن كۆپ نەرسە، ناھايىتى كۆپ نەرسىلەرنى تاپتىم. مەن برى ئاجىز ئايال بولساممۇ، بارلىق قىيىنچىلىقلارغا تېخخ بەرداشلىق بەرگۈدەك كۈچۈم بار، بارلىق مەغلۇبىيەتلەرگە بەرداشلىق بەرگۈدەك كۈچۈم بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۈگۈنكى كۈندە مەن بۇ يەردە يېتىپ ھاياتىمنىڭ خارابىسىنى يىغا ـ زارە بىلەن ساقلاۋاتقان چېغىمدىمۇ، تېخى دادامنىڭ تەلەپلرىنى رەت قىلغۇدەك كۈچۈم بار. ئېتىقات ماڭا زادى نىمىنى ئاتا قىلدى؟ توغرا، ئۇ ماڭا ئازاپ ـ ئوقۇبەت ئاتا قىلدى. لېكىن بۇ ئازاپ ـ ئوقۇبەتنىڭ ئۆزى كۈچ. مۇش ئازاپ ـ ئوقۇبەت ئىچىدە مەن ئۆزەمنى ئۆزگەرتتىم. ھازىر مەن باشقىچە بىر ئادەم، گاۋ دۆلىتىنىڭ ئىشغالىيەتچىلىرىنى تىترىتىدىغان ئادەم بولۇپ چىقتىم. مەن يېتەرلىك يۈكسەكلىككە يەتتىم. مەن غايە ئۈچۈن ئۆزەمنى بېغىشلىدىم، مەن بۇ غايىدىن مول ھاياتىي كۈچ تاپتىم. ئائىدلىن ئايرىلغان مۇشۇ ئون نەچچە يىلدىن بۇيانقى تۇرمۇشۇمنى ئېلىپ ئېيتسام، شەك ـ شۈبھىسىزكى مەن دادامغا قارىغاندا يەنىلا كۆپ ياخشى.
       لېكىن مەن يەنە دادامنىڭ تۇرمۇشىنى  ئويلىماي تۇرالمايمەن، ئانامنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىگىنىمۇ ئويلىماي تۇرالمايمەن. توغرا، مېنىڭ ئۇلارغا كەلتۈرگەن دەرت ئەلەملىرىم ھەقىقەتەن بەكمۇ كۆپ. لېكىن مېنىڭمۇ باقشا ئامالىم يوق. مەن ئۆز غايەم بىلەن ئاتا ـ ئانامنى سېلىشتۇرۇپ ئۆز غايەمنى تاللىۋالدىم. مەن كۆپچىلىكنىڭ ئازاپ ـ ئوقۇبىتىنى بىر ـ ئىككى ئادەمنىڭ ئازاپ ـ ئوقۇبىتىنىڭ ئۈستىگە قويدۇم. شۇڭا مەن ئاتا ـ ئانامدىن ۋاز كەچتىم. قىلچىمۇ پۇشايمان قىلمىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆز ئازاپ ـ ئوقۇبەتلىرىم ئارقىلىق ئۇلارغا ياخشىلىق قىلدىم. مەن بار كۈچۈمنى ئىشلەتتىم. مېنىڭ تۇرمۇشۇمدىكى كۈرەش ھەقىقەتەن مېنى يۈرەك باغرىمنى سەرپ قىلىشقا مەجبۇر قىلدى. دادا مېنىڭ كەچۈرۈڭ، مەن بۇ يەردە سىزدىن يەنە بىر قېتىم كەڭچىلىك قىلىشنى سورايمەن.
     
      20 ـ مارت
       تۈنۈگۈن كېچە ھىلىقى «بالا» چۈشۈمگە كىرىپ قالدى. ئۇ مېنىڭ يېنىمدا تۇرۇپ ئاشۇ شېئىرنى ئوقۇدى:
          «مېنى كۆيدۈرگەن شۇ يار مەڭگۈ بىلمەس كۆيگىنىمنى...»
      ـ بالام، مەن سېنىڭ كىمنى كۆزە تۇتۇۋاتقانلىغىڭنى بىلىمەن، ـ دىدىم مەن كۈلۈپ تۇرۇپ.
      ـ ئۇنىڭ يۈزى شۇئان قىزىرىپ كەتتى ـ دە، ھاياجانلانغان ھالدا:
      ـ سىز بىلمەيسىز، مەڭگۈ بىلمەيسىز، ـ دىدى.
      ـ سەن نىمە ئۈچۈن يوشۇرىسەن؟ سەن دىگەن ئادەم ئالدىڭدا تۇرمامدۇ؟ ـ دىدىم مەن ئاغزىمنى تۇتۇۋالغان ھالدا كۈلۈپ.
      ـ ئۇنىڭ يۈزلىرى بىردىنلا نۇرلاندى. ئۇنىڭ يۈزلىرى تېخىمۇ گۈزەل تۈس ئەلدى.
      ـ كەل، ئۇ سېنى كۈتمەكتە، ـ دىدىم مەن قۇللارىمنى ئېچىپ، ئۇ ئالدىمغا يۈگۈرۈپ كېلىپ ماڭا تاشلاندى. مەن ئۇنى باغرىمغا باستىم، ئۇمۇ مېنى قۇچاقلىدى. بىز بىر بىرىمىزنى ئەتراپىمىزدىكى ھەممە نەرسىنى ئۇنتۇپ يەپ كېتىدىغاندەك سۆيۈشۈپ، شېرىن مۇھەببەت ئېلىكىگە كىرىپ كەتتۇق.
       خېلى بىر ھازادىن كېيىن، ئۇ قولىنى بوشىتىپ مېنى قويۇپ بەردى. مەن ئۇنىڭ يۈزىگە دىققەت بىلەن سەپسالدىم. مەن بىردىنلا ئۇنىڭدىن ياڭنىڭ قىياپىتىنى سەزدىم.
       ـ ياڭ، ھە ، سىزمىدىڭىز؟ ـ مەن، ھەم شاتلانغان، ھەم ھايران بولغان ھالدا توۋلىۋەتتىم. مەن ھاڭۋېقىپ تۇرغان ھالدا بۇنىڭ قانداق ئىش ئىكەنلىگىنى چۈشىنەلمىدىم.
       ـ ئەلۋەتتە مەن، ـ دىدىم ياڭ جىددى ھالدا، ـ لىنا، سىز مېنى ئۇنتۇماڭ، مەن مەڭگۈ سىز بىلەن بىللە.
       ـ ھىلىقى«بالا» قېنى؟ بايا تېخى مۇشۇ يەردە ئىدىغۇ! دىدىم مەن قايغۇلۇق ھالدا، ـ سىز نىمە ئۈچۈن ماڭا شۇنداق دەيسىز؟ مەن گۇنا ئۆتكۈزدۈممۇ؟
       ـ سىلەر بىر بىرىڭلارنى سۆيىسىلەر، سىلەردە گۇنا يوق. لېكىن ئۇ «بالا» ئۆلۈپ كەتتى، مېنىڭ سىز بىلەن بىللە بولشۇم. سىزنى ئۆز قەسىمىمنى ئۇنتۇپ قالمىسۇن دىگەندىن ئىبارەت.
       ـ ئۇ «بالا» ئۆلۈپ كەتتى؟ ـ مەن ئۈمىتسىزلىنىپ ۋاقىرىدىم.
       ـ شۇنداق ، ئۇ ئۆلۈپ كەتتى. ئۇلار ئۇنى كلتۈرۈۋەتتى. بۇ يەنىلا ئىشغالىيەتچىلەرنىڭ قىلغان ئىشى! بىز بەك كېچىكىپ قالدۇق! سىز بەك كېچىكىپ قالدىڭىز! ـ دىدى ياڭ رەھىمسزلىك بىلەن.
       مېنىڭ «بالام» ئۆلۈپ كەتتى! ئۈمىتلىرىم پۈتۈنلەي بەربات بولدى! كۆزۈمگە پۈتكۈل جاھان زۇلمەت ئىچىدە قالغاندەك كۆرۈندى.
       ـ سىز ھەسسىلەپ تىرىشىپ ئىشلىشىڭىز كېرەك، ـ دىدى ياڭ ئېغىر ـ بېسىقلىق بىلەن سكزىنى داۋاملاشتۇرۇپ،
       ـ ھەسسىلەپ تىرىشىپ ئىشلىسىشىڭىز؟ مەن تۈرمىدە يېتىپ نىمىنى قىلالايمەن؟ مەن كۈچۈمنىڭ بارىنى ئىشلىتىپ بولدۇم، ـ مەن قايغۇلۇق ھالدا جاۋاپ بەردىم، ـ مەن ئۆز قەسىمىمنى مەڭگۈ ئەمەلگە ئاشۇرالمايدىغان بولدۇم. مەن ئەركىن دۆلەت قۇرالمايدىغان بولدۇم. مەن يېڭى ئېتىقاتنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدىغان بولدۇم. ئۇنداقتا، مەن يەنىلا سىزنىڭ كېلىپ ئۆز ۋەدىڭىزنى ئاشۇرۇشىڭىزنى تەكلىپ قىلىمەن. سىز دەرھال كېلىپ دېڭىزنى ھەركەتلەندۈرۈپ ۋە ئۇنى قەھرىلىك نەرە تارتقۇزۇپ، پۈتكۈل قۇللار رايونىنى، پۈتكۈل ئارال دۆلىتىنى غەرق قىلىۋەتسىڭىزچۇ، ئۇ «بالا» ئۆلۈپ كەتتى، بارلىق ئۆمىتلىرىم تۈگەشتى. مەن ئەمدى ياشىيالمايمەن.
       ـ لىنا، سىز نىمىلەرنى دەۋاتىسىز؟ ـ ياڭ مۇلايىم كۈلدى، ـ ئەجەبا سىز ئاشۇ «بالا» ڭىز بولمىسا ياشىيالمامسىز؟ لېكىن سىز ئۇنىڭسىزمۇ كۆپ يىللارنى ئۆتكۈزگەنغۇ. بىلىشىڭىز كېرەككى، ئادەم يالغۇز مۇھەببەتكىلا تايىنىپ ياشىمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۈگۈنكى كۈندە نۇرۇغن ئادەملەر غۇربەتچىلىك ۋە خورلىنىش ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ، ئۇلار ئۆمۈر بويى مۇھەببەتكە ئېرىشەلمەيدۇ. بۇنداق ئادەملەر كۈرمىڭ.
       ـ  ئۇلارنىڭ مەن بىلەن نىمە مۇناسىۋىتى؟ مەن بۇ يەردە يېتىپ ھىچقانداق ئىش قىلالمايمەن، ھازىر ماڭا كېرىگى مۇھەببەت.
       ـ مۇھەببەت؟ مەن ئۇنى سىزگە بەرگەن ئەمەسمىدىم؟ ـ ئۇنىڭ تۈرۈلگەن يۈزى بىردىنلا ئېچىلدى. خۇددى تۇنجى قېتىم ماڭا مۇھەببەت ئىزھار قىلغان چاغىكىدەك، ئۇنىڭ چىرايى نۇرلىنىپ ئاۋازىدىن ئىسسىق مۇھەببەت ئۇرغۇدى. مەن قەدىردانىم ياڭنى ـ مېنى داچىدىكى ئاشۇ چۈشكۈن تۇرمۇشتىن قۇتۇزۇپ چىققان ياڭنى يەنە تاپتىم. ـ ئۇنداق بولسان، سىز بۇ مۇھەببەتنى قانداق قىلىۋەتتىڭىز؟ سىزگە نىمە ئۈچۈن يەن يېڭى مۇھەببەت كېرەك بولۇپ قالدى؟ سىز ئىلگخرىكى ئاشۇ كۈنلەرنى ئېسىڭىزدىن چىقىرىۋەتتىڭىزمۇ؟ سىزنىڭ قەلبىڭىزدە مۇھەببەت ئۆلۈپتۇ! چۈنكى سىزگە ھازىر ئۇنىڭ كېرىگى يوق. سىزگە ھازىر كېرەك بولغىنى غەيرەت ـ شىجائەت.
       ـ مەن گەپ ـ سۆز قىلمىدىم. كۆز ئالدىمدا گويا بىر ئىكران پەيدا بولغاندەك تۇيۇلدى. ئىكراندا مەن ۋە ياڭ ئىككىمىزنىڭ خىلمۇ ـ خىل ئىشلىرىمىز بىر ـ بىرلەپ كۆرۈنۈشكە باشلىدى. مەن ئۆزەمنى يەنىلا ئۇنىڭ مۇھەببەلتىك قوينىدا تۇرغاندەك ھىس قىلدىم.
       ـ سىز يەنە ياشىشىڭىز كېرەك، دەپ سۆز ئالدى ياڭ، ـ مەن يەنە سىزنى يەنە بىر قېتىم سىناپ بېقىڭ دىمەكچىمەن، بۇ بەلكىم ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىمقى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، مۇبادا سىز يەنە مەغلۇپ بولسىڭىز، ئۇ چاغدا مەن سىزنىڭ ئورنىڭىزنى بېسىپ، دېڭىزنى قەھرىلىك نەرە تارتقۇزۇپ ، پۈتكۈل ئارالنى غەرق قىلدۇرۇۋېتىمەن. لېكىن سىز يەنە بىر قېتىم سىناپ بېقىڭ.
      ـ مەندىن يەنە سىناپ كۆرۈشنى تەلەپ قىلماڭ، مېنى قېشىڭىزغا ئېلىپ كېتىڭ، ـ مەن ئۇنى مەھكۇم قۇچاقلاپ يالۋۇردۇم. مەن ئۇنى يەنە يوقىتىپ قويۇشتىن ۋە ئۇنىڭ مېنى يەنە تاشلىۋېتىپ، بۇ زېرىكەرلىك تۈرمە ئىچىدە تەنھا قالدۇرۇپ نابۇت قىلىشىدىن ئەنسىرەيتتىم، ـ مەن مۇھەببەتنى ئۆلتۈرۈۋېتەلەيمەن. ئۇ بولمىسا ياشىيالمايمەن. مەن سىز بىلەن بىللە كېتىشنى، دېڭىزدىكى قەۋرىستانلىققا بېرىشنى خالايمەن.
       ـ لىنا، سىز مەن بىلەن بىللە كەتمەڭ، سىز يەنە بىر قېتىم سىناپ كۆرۈڭ، بۇ ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىمقىسى بولسۇن! بەلكىم سىز مۇۋەپپەقىيەت قازىنپ قالارسىز... ـ ئۇ مېنىڭ قۇچىغىمدىن ئۆزىنى ئاجرىتىپ كەتتى.
       مەن ئويغىنىپ ئەدىيالىمنىڭ بىر بۆرجىگىنى قۇچاقلاپ ياتقانلىغىمنى كۆردۈم. ئەتراپىم گورۇستانلىقتەك تىمتاسلىق ئىدى. ئۆي ئىچىدە كۈلرەڭ نۇر ۋالىلداپ تۇراتتى. يا ئادەمزاتنىڭ ئاۋازى ئاڭلانمايتتى. يا ئادەمزاتنىڭ قارىسى كۆرۈنمەيتتى. گاۋ دۆلىتىنىڭ ئەسكەرلىرىمۇ ۋاراڭ ـ چۇرۇڭ قىلىشمايتتى. ھەممە ئۆلۈپ، پەقەت مەنلا تىرىك قالغاندكە ئىدىم.
       توغرا، مەن تېخخ تىرىك ئىدىم، مەن تىرىك تۇرۇپ ئاشۇ ئاخىرقى سىناقنى ئېلىپ بارماقچى بولۇۋاتاتتىم. بۇ قېتىم مەن ھاياتىمنى بىراقلا دو تىكەي دەپ ئويلايتتىم.لېكىن كۆزلىرىم نىمە ئۈچۈن نەملىشىدىغاندۇ؟ ئەجەبا، مەن ئۆزەمگە يىغلاۋاتامدىمەن، ياڭغا ياكى ئاشۇ «بالا»غا يىغلاۋاتامدىمەن؟
       ياڭ ئۆلۈپ كەتتى، ھىلىقى «بالا»مۇ ئۆلۈپ كەتتى. مەنمۇ ئۆلەي دەپ قالدىم.
       لېكىن ئوماق بىر يۈز كۆزۈمگە كۆرۈنگەندەك بولدى. ئۇ : «مېنى ئۆلمىدى» دەۋاتاتتى.
       تاڭ يورۇدى، ھىلىقى ئايال قۇل ماڭا ئەتىگەنلىك تاماق ئېلىپ كىردى. مەن ئۇنىڭدىن ھىلىقى «بالا» توغرىسىدىكى ئىشلارنى سورىدىم. ئۇ بۇنى بىلمەيدىكەن. كېيىن مەن ئۇنىڭدىن سوراۋەردىم، ئۇ ماڭا :  ئۆتكەن ھەپتە گاۋ دۆلىتى ئەسكەرلىرىنىڭ قۇللار رايونىدا مېنىڭ بىر قانچە ھىسداشچىلىرمنى ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىگىنى ۋە شۇلارنىڭ ئارسىدا ھىلىقى «بالا»نىڭ بار ـ يوقلۇغىنى بىلمەيدىغانلىغىنى ئېيتىپ بەردى.
       ھەقىقەتەن ئۇنىڭ گېپى يالغان ئەمەس ئىدى. ھىلىقى «بالا»نىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىگىدە شەك يوق ئىدى. ئۇ ئاشۇ ھىسداشچىلىرىم ئارىسىدا ئەڭ تىرىشچانللارنىڭ بىرى ئىدى. شۇڭلاشقىمۇ ئۇ مۇنداق بالايى ـ ئاپەتتىن خالى بولالمايتتى. ئەلۋەتتە.
       ئۆلدى! بىر قىلىچ بىلەن نۇرغۇن قان ئېقىپ سۆيۈملۈك بىر ھايات تۈگەپتۇ.
       ھەر بىر ئادەم ھامان ئۆلىدۇ. لېكىن ئۇلار ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆزى ياخشى كۆرگەن كىشىنى قۇچاقلاپ سۆيەلمەيدۇ. قان ھايات كىشىلەرنىڭ كۆزىنى قاپلىۋالسا، كۆزدىن ئوت چاقنىتىۋېتىدۇ.
       ئۇ «بالا» ئەمدى يېنىمدا ئولتۇرۇپ « مېنى كۆيدۈرگەن شۇ يار مەڭگۈ بىلمەس كۆيگىنىمنى» دىگەن شېئىرنى قايتا ئوقۇيالمايدۇ. مەنمۇ ئەمدى ئۇنىڭ ئوماق يۈزىنى قايتا كۆرەلمەيمەن. قان مېنىڭ كۆزۈمنى قاپلىۋالدى. مەن پەقەت لاپپىدا قىلغان ئوت ئۇچقۇنىنىلا كۆردۈم. بۇ قىساس ئۇچقۇنى ئىدى.
       دەرۋەقە، ياڭنىڭ دىگىنى توغرا، مېنىڭ مۇھەببىتىم ئۆلدى. مەن ئۇنىڭغا ئېھتىياج ئەمەس. ماڭا ئېھتىياج بولغىنى غەيرەت ـ شىجائەت، قىساس ئېلىش غەيرىتى.
       مەن ياشاپ ئاشۇ ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق سىناقنى ئېلىپ بېرىشىم لازىم. بۇ قېتىمقىسىدا مەن مۇھەپپەقىيەت قازىنىشىم كېرەك. چۈنكى ئومۇمى ھىساۋات ئېلىش ۋاقتى بولۇپ قالدى.
       مەن گويا بىر ھىساۋات دەپتىرىنى ۋاراقلىغاندەك قىلدىم. ئۇنىڭ ۋاراقلرىىغا: نۇرغۇن مىلتۇق، نۇرغۇن توپ ـ زەمبىرەك، نۇرغۇن ئايروپىلان، نۇرغۇن پارتلاتقۇچ دورا، نۇرغۇن ئوت ئۇچقۇنى، نۇرغۇن قىلىچ، نۇرغۇن قامچا، نۇرغۇن ئادەم تېنى، نۇرغۇن ھايات، نۇرۇغن قان ۋە نۇرغۇن خارابىلەر خاتىرىلەنگەن ئىدى. ھازىر ئومۇمى ھىساۋات ئالدىىغان پەيىت ئىدى.
       مەن غەيرەت ـ شىجائەتكە ئېھتىياج بولغان ھالدا ئەڭ ئاخىرقى ھۆكۈمنى كۈتمەكتىمەن.
       مەن ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويالمايتتىم.
     
       22 ـ مارت
       باغىچا تېخىمۇ مول ھاياتلىق ئەكس ئېتەتتى. ئەمما مەن تۇرغان ئۆيدە بولسا مىسكىننىڭ غېرىپسىنىشلا بار ئىدى. مەن گويا بىر پۇتۇمنى گۆرگە تىقىپ تۇرۇپ، تېخى قايناپ ـ تاشقان ئاشۇ ئاۋات دۇنياغا ئۆرۈلۈپ قاراۋاتقاندەك قىلاتتىم. بۇ نىمە دىگەن كۈلپەتلىك ۋە ئۈمىتسىز جان تالىشىش ـ ھە!
        ئەركىنلىك غۇۋا ھۈشكەن ئايلىنىپ قالدى. مېنىڭ ياشلىق باھارىم بىكاردىن ـ بىكار كېتىدىغان بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئومۇمى ھىساۋات ئېلىش ۋاقتى تېخى يېتىپ ك ئەلمىدى.
       بۇ ۋاقىت قاچان كېلەر؟ مەن ئۆز ـ ئۆزەمگە: «كۈتۈپ تۇر، سەن تېخى سەۋىر ـ تاقەت قىلىشڭ كېرەك» دەپ تەسەللى بېرەتتىم.
       لېكىن مەن يەنە ئۆزەمنى باسالماستىن شۇنداق سوئال قوياتتىم: «سەن سەۋىر  ـ تاقەت دىگەن گەپ ـ بىلەن ئۆزەڭنى ئالدامسەن؟»
       كۆز ئالدىمدا جىددى يۈز پەيدا بولدى. ئارقىدىنلا يەنە قىزغىن يۈز پەيدا بولدى. مەن دەررۇ كۆڭسۈمنى تۇتۇپ ئارقا ـ ئارقىدىن: «سەن تېخى سەۋىر ـ تاقەت قىلىشىڭ كېرەك» دىدىم. چۈنكى ئەمىلىيەتتە مەن سەۋىر ـ تاقەت قىلىپ تۇرالمايدىغان ھالدا كېلىپ قالغان ئىدىم.
       مەندە تېخى غەيرەت ـ شىجائەت كەم بولسا كېرەك. لېكىن مەندە تەن، قان ۋە ھىسسىيات بار. مەن ھەممە نەرسە گۈللىنىشكە باشلىغان پەسىلدە ھىقانداق ئىش قىلماي، ئۆزۈمنى بۇ يەردە نابۇت قىلىپ تۇرماسلىغىم كېرەك.
       24 ـ مات
     دادامدىن بىر پارچە خەت كەلدى. دادام خەتتە ئۆزىنىڭ كېسەل كارۋىتىدا مىدىرلىيالماي يېتىپ قالغانلىغىنى ئېيتىپتۇ.
       ئۇنىڭ ئېتقانلىرى ئەلۋەتتە راست ئىدى، چۈنكى خەتتە ئىمزادىن باشقا، ئۇنىڭ ئۆز قەلىمى يوق ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىمزاسىنى تونۇش تەس ئىدى.
      ئۇ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇنغا بارمايدىغانلىغىنى ئېيتىپتۇ. شۇ تۈپەيلى، ئۇ چوقۇم ماڭا بۇ خەتنى يېزىپ ئەۋەتەي دەپ ئويلاپتۇ. ئۇ مېنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پۇرسىتىمنى قولدىن بېرەلمەيتتى. چۈنكى ئۇ ئۆلۈپ كەتكەن ھامان مېنى يەنە قۇتقۇزۇشقا ئادەم چىقمايتتى.
       ئۇ مەن بىلەن يەنە بىر قېتىم كۆرۈشۈشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلغان. ئۇ مەندىن ئۆتكەن نۆۋەت قىلغان نەسىھەتلىرىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىنى ئۈمىت قىلغان. ئۇ مەندىن ئائىلىگە قايتىپ بېرىپ ئۆزىنى كۆرۈشنى ئاخىرقى بىرنەچچە كۈنلۈك ئۆمرىنى ئۆتكۈزۈشىگە ھەمرا بولۇشىنى، مەندىن ئۆزىنىڭ كىچىككىنە تەلىۋىنى رەت قىلماسلىغىنىمنى تەلەپ قىپتۇ.
       ئۇ يەنە مۇنداق دەپتۇ: ئۇ مەندىن ئايرىلغاندىن كېيىن، بۇ ئون نەچچە يىلدىن بېرى، ئۇنىڭ تۇرمۇشى ناھايىتى ئازاپلىنىش ئىچىدە ئۆتۈپتۇ. ئەگەر مەن تېخى ئۇنىڭغا ئاز پاز ھىسداشلىق قىلغىنىمدا، ئۇ ماڭا دەرھال توۋانامە يازدۇرۇپ، ئۇنىڭ بەدىلىگە گاۋ دۆلىتىنىڭ ئىشغالىيەتچىلىرىدىن ماڭا ئەركىنلىك ئېلىپ بېرىپ، مېنىڭ ئائىلىگە قايتىپ بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن يۈز كۆرۈشۈشمگە ئاسانچىلىق تۇغدۇرۇپ بەرمەكچى بوپتۇ.
        ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ ھەر قاچان ئۆلۈپ كېتىدىغانلىغىنى، بۇ خەت مېنىڭ قېشىمغا يېتىپ كەلگىچە ساپ ھاۋادىن نەپەس ئېلىشنىڭ توختايدىغانلىغىنى ئېيتىپتۇ. لېكىن ئۇنىڭ ئۆمىدى يەنىلا مەندە ئىدى. ئۇ مېنىڭ ئەركىنلىكىكى ۋە بەختلىككە ئېرىشكەنلىگىمنى بىلگەندىنلا ئاندىن كۆزى يۇمۇلاتتى. شۇڭا ئۇ مەندىن نىمىلا بولمىسۇن ئۆز تەلىۋىنى رەت قىلماسلىقنى ئۈمىت قىلاتتى.
         دادامنىڭ خېتى شۇنداق ئاياقلاشقان ئىدى. مەن ئۇنىڭ خېتىنى ئوقۇپ گويا كونا چۈشنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلىغاندەك بولدۇم.
       لېكىن نۇرغۇن ئىشلار تېزلا ئۆتۈپ كەتتى. بىراق مەن بۇ يالغۇز ئۆيدە تېخىچە تۇرۇۋاتاتتىم. جوزا ئۈستىدە دادامدىن كەلگەن خەت تۇراتتى. خەتتە گويا ئۇنىڭ ياشانغان، زەئىپ ۋە سۇلغۇن چىرايى كۆرۈنگەندەك قىلاتتى.
       بىز گويا شۇنچە يېقىن تۇرغاندەك قىلىشساقمۇ، ئارىمىزنى گويا كۆرۈنمەس بىر تام ئايرىپ تۇرغاندەك بىلىنەتتى. مەن ئۇنى قۇچاقلاپ سۆيەي دىسەممۇ، لېكىن قانداقتۇ بىر نەرسە مېنى توسىۋالغاندەك قىلاتتى. مەن ئۇنىڭ بىلەن جان تالىشىۋاتاتتىم. مەن ئاخىر ئۇنىڭدىن ئۈمىدىمنى ئۈزدۈم.
         توغرا مەن ئۆمىدىمنى ئۈزدۈم، ئۈمىدىمنى ئۈزگەن ھالدا چۈشەندىم، بىز مەڭگۈ يرىلىپ كېتىشكە ھۆكۈم قىلىنغان ئىدۇق. مەن ئۆزەمنى غايەمگە بېشىلاپ، دادامنىڭ تاشلىۋېتىپ، ئۆزەم تاللىغان يولغا مېڭىپ، ئازاپ ـ ئوقۇبەت ئىلكىدە ھاياتلىق ئىزلىدىم. ھەتتا بۈگۈنكى كۈندە، ھەممە ئۈمىتلىرىم يوقالغاندىن كېيىن، مەن يەنىلا پۇشايمەن قىلمىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن مۇشۇنداق قىلغۇچىلارنىڭ تۇنجىسى ئەمەس. مۇشۇنداق چاغدا، ئارال دۆلىتىدە، قۇللار رايونىدا، قانچىلىغان كىشىنىڭ ئۆز ئاتا ـ ئانىسىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغانلىغىنى بىلگىلى بولمايدۇ. قانچىلىك ئەر ـ ئاياللارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئەركىنلىكتىن مەھرۇم بولغان سۆيۈملۈك كىشىلىرىدىن ئايرىلغانلىغىنى بىلگىلى بولمايدۇ. ئۇنداقتا، مەندە بۇنداق تەقدىرگە ئاغرىنغۇدەك نىمە ھوقۇق بولسۇن؟
       ـ دادا، قىزىڭنى كەچۈرۈڭ، ئۇ ئائىلىگە قايتىپ بېرىپ سىزنى كۆرەلمەيدۇ. ئۇ سىزگە بولغان مېھىر ـ مۇھەببەت ۋە سېغىنىشنىڭ ئازاۋىدىن ئۆلۈشكە، بۇنىڭدىن كېيىن يەنە تېخىمۇ ئېچىنىشلىق كۈنلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈشكە رازىكى، ئەركىنلىككە ئېرىشىش بەدىلىگە ئۆز ئېتىقادىغا ئاسىلىق قىلىشقا، ئىلگخرىكى ئاشۇنداق ئىسىلزادە خېنىملاردەك تۇرمۇش كەچۈرۈش بەدىلىگە توۋانامە يېزىپ بېرىشكە رازى ئەمەس، ـ مەن جاۋاپ خېتىمنىڭ بېشىدا مۇشۇنداق دىدىم.
        ئارقىدىنلا، مەن ئائىلىگە قايتىپ بارالمايدىغانلىغىمنىڭ سەۋىۋىنى چۈشەندۈردۈم، مەن ئىلگىرى كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىمنىڭ ئەھمىيىتىنىمۇ چۈشەندۈردۈم. مەن يەنىلا قۇللار غۇبەتچىلىكتە ئۆتكەنلىكتىن، ئاتا بولغۇچىلاردىن ئۆزلىرىنىڭ بىردىن ـ بىر قىزىنى تەلەپ قىلشىقا مۇھتاج ئىكەنلىگىنمۇ چۈشەندۈردۈم. مەن يەنە ئۆز تەقدىرىمنىڭ ئېتىقادىم بىلەن بىللە نەتىجىلىنىدىغانلىغىنىمۇ مۇئەييەنلەشتۈردۈم.
        ئاخىرىدا مەن سۇفىيە نىڭ ئادر ئالدىدا ئانىسىغا يازغان خېتىدىكى مۇنۇ سۆزنى نەقىل كەلتۈردۈم: «مەن ئۆزىڭىزنى خاتىرجەم تۇتۇشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن، سىز قىزىڭنىڭ قىلغان بۇ ئەجرىنى چۈشىنىسىز، مەن سىزنىڭ مېنىڭ بۇ تەقدىرىم ئۈچۈن قايغۇرماسلىغىڭىزنى سورايمەن. سىزنى قايغۇغا سلىدىغان ئىشلارنى قىلىپ قويغانلغىمنى كەچۈرگەيسىز، مېنى كۆپ ئەيىپلىمەسلىگىڭىزنى ئۆتۈنىمەن.»
       خەت ئەۋەتىلدى، مەن دادامنىڭ خەتنى ئوقۇپ قانداق ھېسسىياتقا كېلىشىنى تەسەۋۇر قىلالمايتتىم. لېكىن مەن ئۇنىڭ خەتنى ئوقۇپ كۆز يېشى قىلىدىغانلىغىغا ئىشىنەتتىم. چۈنكى مەن مۇنچاقتەك كۆز ياشلىرىمنى خەت قەغىزىگە تامدۇرغان ئىدىم.
        مەن ياڭنىڭ چۈشۈمدە ماڭا دىگەن گەپلىرىنى يەنە بىر قېتىم ئەسلىدقم. ئۇ توغرا ئېيتقان ئىدى. ماڭا مۇھەببەت كېرەك ئەمەس. مۇھەببەت مېنى پەقەت ئازاپلايدۇ، خالاس.
        25 ـ مارت
       ئاسماندىن يامغۇر چۈشۈۋاتاتتى. مەن دېرىزىنى ئېچىپ قارىدىم.باغچا گويا بىر خىل قايغۇ ـ ئەلەملىك تور بىلەن قاپلانغاندەك كۆرۈنەتتى. ئالدىمدىن شامال تەگدى، مەن توڭلاپ كەتكەندەك بولدۇم. ئەتراپتىكى ھەممە نەرسە غۇۋا تۇس ئالغان ئىدى. ھياتلىق خاۋاپبوۇشقا باشلاۋاتاتتى .
        مەن ئۆيدە دەرىزە ئالدىدا تۇراتتىم، ھالىم بەكمۇ خاراپ ئىدى، ھىچقانداق ئىشنى قىلىشقا خۇشياقمايتتى. مەن: «ئاغرىپ قالدىممۇ ـ نىمە؟ نىمە ئۈچۈن مەندە مۇشۇدناق ئەھۋال بولىدۇ؟» دەپ ئويلايتتىم.
       مەن ئۆيدە بەك ئاجىزلىق قىلدىم. ئەگەر مەن ئاخىرقى ھىساپتا ئەركىنلىككە ئېرىشەلمەي، مەڭگۈ مۇشۇ يەردە چىرىپ تۈگەپ كەتسەم، ئۇنداقتا، مەن ھەقىقەتەن بەكمۇ ئاجىزلىق قىلغان بولىمەن!
       دادامدىن خەۋەر كەلدى.
       بۇ دادامنىڭ خېتى ئەمەس ئىدى. بۇنى داچىدىكى خوجىلىق ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى كىشىيازغناىدى، خەتنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى مۇنداق: «سىزنىڭ داداڭىز 24 ـ مارت كۈنى چۈشتىنكېيىن سائەت بەشتە ۋاپات بولدى.»
       بۇ ماڭا چوڭ زەربە بولدى. دادام ئۆلۈپتۇ! ئۇنىڭغا ئاخىرقى خېتىمنى ئوقۇغۇدەك پۇرسەتمۇ بولماپتۇ!
       ئۆلدى! بۇ چاغدا مەن ئۈچۈن ھەممە نەرسە ئۆلگەن ئىدى. مەن بۇ قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە ئۆزەمنى گۆرگە كىرىپ قالغاندەك ھىس قىلدىم. مەن ئۆتمۈشتىكى دەۋرنى دەپنە قىلىۋەكتەن ئىدىم، يېقىندا مەن يەنە ئۇنى گۆردىن قېزىپ چىقتىم. لېكىن ھازىر مەن ئۇنى يەنە پۈتۈنلەي دەپنە قىلىۋەتتىم، مەڭگۈگە دەپنە قىلىۋەتتىم.
       مەڭ بۇ قېتىم كۆز يېشىمنى ئايىمىدىم، چۈنكى مەن بۇنى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق يىغا بولىدۇ، دەپ ئويلايتتىم. مەن كۆز ياشلىرىم ئارقىلىق دەپنە قىلدىم، مەن ئانامنى ۋە دادامنى دەپنە قىلدىم، شۇنىڭ بىلەن بىللە ياڭ بىلەن ھىلىقى «بالا»نىمۇ دەپنە قىلدىم، ھىسداشچىلىرىمنىمۇ دەپنە قىلدىم.
        ئەمدى مەن دۇنيادا يەككە ـ يىگانە بولۇپ قالدىم. مېنىڭ ئاناممۇ، داداممۇ، سۆيگىنىممۇ ۋە ھىسداشچىلىرممۇ يوق. ئەمدى مەندە پەقەت غايە، خىزمەت ۋە قىساس ئېلىش ئىشىلا قالدى.
        30 ـ مارت
      مەن غەمكىن ھالەتتە ئىككى كۈننى ئۆتكۈزدۈم. بۇ ئىككى كۈن داۋامدىا بىرەر قېتىممۇ كۈلمىدىم. باشقا گەپ ـ سۆزمۇ قىلمىدىم، مەن پەقەت «قىساس ئېلىش» دېگەن گەپنىلا ئۈزلۈكسىز پىچىرلايتتىم. مەن قىساس ئېلىش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئويلاۋاتاتتىم. ئېغىر قۇلۇپ ھىلىمۇ دەرۋازىغا سېلىقلىق ئىدى. ئۇ مېنىڭ پۈتكۈل پىلانلرىمغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتاتتى. شۇنداقتىمۇ مەن مەيۈسلەنمەيتتىم.
       مەن ئۆزەمگە شۇنداق پىچىرلايتتىم: « سەن يەنە نىمە غەم بولسۇن؟ سەن خىلمۇ ـ خىل تۇرمۇشنى بېشىڭدىن كەچۈردۈڭ، پەقەت ئۆلۈمنىلا بېشىڭدىن كەچۈرمىدىڭ، ئۇنداق بولسا، سەن ئۆلۈنىڭ تەمىنى بىر قېتىم تېتىپ باق. بۇنداق قىلىش بۇ يەردە يېتىپ چىرىپ تۈگەپ كەتكەندىن ياخشىراق!»
       ۋاھالەنكى، مەن ئۇنى قانداق تېتىپ بېقىشىم كېرەك؟
        2 ـ ئاپرېل
       مەن قانداق سىناپ بېقىشىم كېرەك؟ مۇشۇ بىرنەچچە كۈندىن بۇيان مەن ئۆزەمگە قايتا ـ قايتا مۇشۇنداق سوئاللارنى قويۇپ ئېنىق جاۋاپ ئالالمايتتىم.
        لېكىن ئۈمىت پەيدا بولىدى.
       ھىلىقى قۇل ماڭا خۇپىيانە ھالدا بىر پارچە خەت ئېلىپ كەلدى. بۇ «بالام»يازغان خەت ئىدى.
      « ھەدە، مەن تېخى ھايات. مەن ياخشى بىر چارىنى ئويلاپ تاپتىم. مۇشۇ بىرنەچچە كۈن ئىچىدە سىزگە ئەركىنلىك بېغىشلايمەن، سىز كۈتۈپ تۇرۇڭ، سىز ئىشىنىڭكى، مەن سىزگە بۇرۇنقىدەكلا ـ بالىڭىزدىن.»
       قىسقىغىنا يېزىلغان بۇ خەت ماڭا زور خوشاللىق ئېلىپ كەلدى، خوشاللىقلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئۈمىت ۋە ھاياتمۇ ئېلىپ كەلدى.
       «بالا» تېخى ھايات ئىكەن ـ دە! مەن ئۇنى ئاللىقاچان ئۆلتۈرۈلگەن دەپ ئىشەنگەن ئىكەنمەن. ئۇ تېخى كېلىپ مېنى قۇتقۇزماقچى ئىكەن! ئۇ ياخشى بىر چارىنى ئويلاپ تاپتىم دەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تېخى مۇشۇ بىرنەچچە كۈن ئىچىدە ئىكەن...
        بۇ خەتنى ھەقىقەتەن ئاشۇ «بالا» يازغان ئىدى. مەن ئۇنىڭ قەلىمىنى تونۇدۇم. ئۇ ماڭا ئەركىنلىك بېغىشلايدىكەن. توغرا، مەن ئۇنىڭ ماڭا ئىلگىرىكىدەكلا ئىكەنلىگىگە ئىشىنىمەن.
      لېكىن ئۇ قانداق قىلىپ ماڭا خەت ئەۋەتەلىگەندۇ؟
       ئۇ قانداق ئۇسۇل بىلەن ھىلىقى قۇلنى ئۆزىنىڭ خېتىنى يەتكۈزۈپ بېرىشكە ماقۇل كەلتۈرگەندۇ؟ مەن بۇنى ھىلىقى  قۇلدىن سورىسام، ئۇ زادىلا دىگىلى ئۇنمىدى.
      ئەتراپتىكى ھەممە مەنزىرە قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدىلا ئۆز قىياپىتىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتتى. بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، باغچىنىڭ ھەممىلا يېرى كۈن نۇرىغا چۆمۈلگەن ئىدى. ھەممىلا يېرى ھاياتلىق بىلەن تولۇپ تاشقان ئىدى. دەرىزە ئېچىقلىق تۇراتتى. مەن دەرىزىگە يۆلىنىپ سىرتقا قاراۋاتاتتىم، مەيىن شامال يۈزۈمگە ئۇرۇلاتتى.
       مەن دەرىزە ئالدىدا ئۆرە تۇردۇم. كۆزلىرىم يىراقتا، ئاشۇ خىيالىي مەنزىرىلەردە ئىدى. مەن ئۆزەمنىڭ ئەكرىنلىكتىن خالى بۇ جايدا ئىكەنلىگىمنى ئۇنتۇپ قالغىلى تاسلا قالغان ئىدىم.
       مەن ئۆزەمنىڭ يەڭگىپ كۆڭلۈمنىڭ خېلىلا كۆتىرىلىپ قالغانلىغىنى ھىس قىلدىم. ئىلگىرىكى داغ ـ ئەلەملەر بارا ـ بارا مەندىن كۆتىرىلىپ كەتتى. مەن ئۆز ۋۇجۇدۇمدا يېڭى ھاياتلىق سەزدىم.
        مەندە قايغۇ ـ ھەسرەتمۇ، ئوي ـ خىياللارمۇ يوق. پەقەت خوشاللىقلا، ئۈمىتلا بار.
        4 ـ ئاپرېل
    «بالا»دىن ھىچ خەۋەر كەلمىدى. مەن يەنىلا شۇ ئۆيدە ئىدىم ئېغىر قۇلۇپ تۆمۈر رىشاتكىلىق دەرۋازىغا بۇرۇنقىدەكلا سېلىقلىق تۇراتتى. لېكىن مەن ئۈمىتسىزلىنىپ كەتمىدىم.
       شۇنداق، مەن ئۈمىتسىزلىنپ كەتمىتىم. گەرچە مېنىڭ ئەركىنلىككە بولغان تەشنالىغىم قەلبىمدە يالقۇنلاپ، مېنى سەۋىر ـ تاقەت قىلىپ تۇرالمايدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ قويغان بولسىمۇ، لېكىن مەن يەنىلا خاتىرجەم ئىدىم. چۈنكى مەن ئاشۇ «بالا»غا ئىشىنەتتىم.
        ئۇنىڭ يۈزى يۇپ ـ يۇمۇلاق بولۇپ، كۆزىدىن ئوت چاقناپ تۇراتتى. ئاغزىدىن قەتئىي ئىرادە ئىپادىلىنىپ تۇراتتى. ئۇ ئەنە شۇ ئاغزى بىلەن: «سىز كۈتۈپ تۇرۇڭ، سىز ئىشىنىڭكى مەن سىزگە بۇرۇنقىدەكلا» دەپتۇ.
        شۇنداق، «بالا»، مەن كۈتۈپ تۇرىمەن، مەن سېنىڭ ماڭا ئەركىنلىك ئېلىپ كېلىشىڭنى كۈتىمەن. مەن ساڭا ئىشىنىمەن.
        مەندە قايغۇ ـ ھەسرەتمۇ، ئوي ـ خىياللارمۇ يوق. پەقەت خوشاللىقلا، ئۈمىتلا بار.
        مەن كۈتۈپ تۇرماقتىمەن. مەن تولۇپ تاشقان ئۈمىت ۋە ئىشەنچكە ئىگە بولدۇم.
       ئىلگىرىكى داغ ـ ئەلەملەر تۈگىدى. بارلىق ئازاپ كۈلپەلەرمۇ تۈگىدى. مەن تېخخ ھايات، مەن ھاياتىمنىڭ يېڭى بىر سەھپىسىنى ئېچىپ ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىگە يېتىمەن!
      5 ـ ئاپرېل
     ئەركىنلىك، دۇنيادا سەندىنمۇ گۈزەل نەرسە بارمىدۇ؟...
       ئىككىنچى : ئاخىرقى سۆز
      پاراخوتنىڭىككىنچى دەرىجىلىك ئۆيىدە مەن بۇ ئايالنىڭ خاتىرىسىنى ئوقۇۋاتاتتىم. بۇ گەرچە قىسقا خاتىرىلەر بولسىمۇ، لېكىن مەن ئۇنىڭدىن بىر ئايالنىڭ روھىنى كۆرۈۋالدىم.
       مەن ئۇنى ئوقۇپ بولۇپ، گويا تۇرمۇشنىڭ بىر مەيىدان مۇھەققەتلىك كۈرىشىنى كۆرگەندەك بولدۇم. بۇنىڭدا نالە ـ پارياتمۇ، نائۈمىتلىكمۇ، كۆز يېشىمۇ، زىددىيەتمۇ ۋە جان تالىشىشمۇ بار ئىدى، لېكىن ئۇ ئەكسىچە ماڭا بىر ئۈمىت بېغىشلىدى.
       مەن بۇ خاتىرىنىڭ بەتلىرىنى بىر ـ بىرلەپ ئوقۇۋېتىپ، ئۆزەممۇ پۈتۈنلەي ئۇنىڭ بۇ خاتىرىسى ئىچىگە غەرق بولۇپ كەتتىم ـ دە، شۇنىڭ بىلەن كۆز يېشى قىلدىم. ئۇنىڭ بىلەن بىللە شاتلاندىم. بۇ كىتاپچىنى بېسىپ قويۇۋىدىم، مەن گويا بىر دۇنيادىن ـ ئايرىلىشقا قىيمايدىغان بىر دۇنيادىن، ئۈمىتكە تولغان بىر دۇنيادىن ئايرىلغاندەك بولدۇم؛ مەن گويا بىر ئايالدىن ـ كۆڭۈل ـ كۆكسىنى شۇ قەدەر سەمىمى ھالدا ئېچىپ كۆرسەتكەن بىر ئايالدىن ۋە شۇ قەدەر باتۇر، شۇ قەدەر ساپدىل ئايالدىن ئايرىلغاندەك بولدۇم.
       مەن تەسىرلىنىش ۋە ھۆرمەتلەش ھېسسىياتىدا بۇ كىتاپچىنى ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بەردىم. ئۇ كىتاپچىنى قولىغا ئېلىپ، خۇددى ياخشى كۆرگەن بىر بالىنى ئاۋايلاپ سىلىغاندەك بۇ كىتاپچىنى قولى بىلەن سىلىدى.
        مەن ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ يۈكسەك كىشىلىك پەزىلىتىدىن تەسىرلەندىم. مەن گەپ ـ سۆز قىلمىدىم. پەقەت جىمجىت ئۇرۇپ ئۇنىڭ ماڭا بەرگەن بارلىق تەسىراتلىرىنىلا ئەسلىدىم.
       ئۇ بىردىنلا كىتاپچىنىڭ بېتىنى ئاچتى ـ دە، جاراڭلىق ئاۋاز بىلەن ئوقۇپ كەتتى:
       «ئىلگىرىكى دەرت ـ ئەلەملەر تۈگىدى، بارلىق ئازاپ ـ كۈلپەتلەرمۇ تۈگىدى. مەن تېخى ھايات، مەن ھاياتىمنىڭ يېڭى بىر سەھپىسىنى ئېچىپ، ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىگە يېتىمەن!»
       مەن بېشىمنى كۆتەردىم. ئۇنىڭ چىرايى پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ، شۇنچە گۈزەللىنىپ كەتكەن ئىدى: ئۇنىڭ سۈزۈك يۈزى خۇددى يامغۇردىن كېيىنكى بۇلۇتسىز ئاسمانغا ئوخشايتتى. ئۇنىڭ كۆزىدە قىلچە شۈبھى ـ گۇمان سېزىلمەيتتى.
       بۇ ئۆزگىرىشلەر ماڭا پەقەت تېخىمۇ زور ھاياجانلىشنىلا ئېلىپ كەلدى. مەندە قىلچە ئەجەپلىنىش بولمىدى. مەن ئۇنى پۈتۈنلەي چۈشەنگەنلىگخمنى ھىس قىلدىم. مەن ئۆمرۈمدە بۇنداق بىر ئايالنى زادىلا ئۇچرىتىپ باقمىغان بولساممۇ، لېكىن مەن ئۇنى كۆرگەندە ئۇنى يات كىشىدەك ھىس قىلمىدىم. ئۇنىڭ بىلەن تونۇشتەك بولۇپ كەتتىم. توغرا، بۇ بەلكىم ئۇنىڭ مەندىكى بىر خىل تەشنالىقنى گەپدىلەندۈرۈپ بەرگەنلىگىدىن بولسا كېرەك. بۇ  يەردە ئېيتىلىۋاتقان تەشنالىق قىلچە ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس، سىۋاسىباد ئائىلىسىدىكىلەردىن مۇشۇنداق بىر خىل تەشنالىقتا بولمىغانلىرى يوق، بۇ تەشنالىقنى ئىزاھلىغاندا، ئۇ بەلكىم ئەركىنلىككە، ھەققانىيەتكە ۋە بارلىق ئەقىلغا مۇۋاپىق نەرسىلەرگە بولغان تەشنالىق بولسا كېرەك.
       ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ مەن بىەلن قول ئېلىشىۋېتىپ: «خەير ـ خوش» دىدى ھەم مېنىڭ بىر ئېغىز گەپ قىلىشىمغىمۇ توختىماي مېنى ئۇزىتىپ چىقتى.
       مەن ئۆز ياتىغىمغا قايتتىم، ياتاقتىكى ئىككى يولۇچى خۇددى ئۆلۈكتەك تىمتاس ئۇيقۇدا ئىدى. دەرىزىدىن سىرتقا قاردىم. ئاسمان ۋە دېڭىز قاپ ـ قاراڭغۇ كۆرۈنەتتى. مەن سائىتىمنى ئېلىپ قارىدىم، سائەتنىڭ ئىستىرىلكىسى توختاپ قالغان ئىدى. مەن شۇ تاپتا قايسى چاغ بولغانلىغىنى بىلمىدىم، لېكىن مەن كېچىنىڭ شۇ قەدەر ئۇزۇن ئىكەنلىگىگە ئەجەپلەندىم.
       ئەتىسى، مەن ئورنۇمدىن كېچىكىپ تۇردۇم. بۇ چاغدا سائەت ئون ئىككى بولاي دەپ قالغان ئىدى. پاراخوت ئاللىبۇرۇن پىرسىتانغا يېتىپ كەلگەن ئىدى. نۇرغۇن كىشىلەر پاراخوتقا چىقىپ ـ چۈشۈۋاتاتتى، كىراننىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازى قۇلىغىمغا كىردى،
       مەن پاراخوت سەھنىسىگە چىقتىم. كۆزۈمگە تىپ ـ تىنچ دېڭىز ۋە بىرمۇنچە پاراخوت، كېمىلەرلا كۆرۈنەتتى؛ خىلمۇ ـ خىل ئادەملەر ۋە ئالدىراۋاتقانلار، خاتىرجەم يۈز ـ چىرايلارلا كۆرۈنەتتى. مەن ئاخشامقى ئىشلارنى ئەسلىدىم ـ دە ، دەررۇ بېرىپ ھىلىقى ئايالنى ئىزلىدىم. لېكىن ئۇنى تاپالمىدىم. مەن ئۇنىڭ ياتىغىغا كىرىدىم، ياتاق قۇپ ـ قۇرۇق ئىدى، ئۇ يەردە نە يولۇچى، نە يۈك ـ تاق كۆرۈنمەيتتى.
        روشەنكى، ئۇ قىرغاققا چىققان بولسا كېرەك.
       شۇندىن ئېتىۋارەن، مەن ئۇنى قايتا ئۇچرىتالمىدىم. ئۇ توغرىلىق بىر ئاز خەۋەرگىمۇ ئېرىشەلمىدىم . ئۇنىڭ ئۈستىگە ھىچقانداق يىپ ئۇچىمۇ تاپالمىدىم. تېچ ئوكياندا لىبوبو دەپ ئاتىلىدىغان رال دۆلىتى يوق. گاۋ دۆلىتى دەيدىغان دۆلەتمۇ يوق، ئۇ يەردىكى بىر دۆلەتنىڭ ئىسمى گاۋ دۆلىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسىمۇ ۋە ئۇ دۆلەت تاجاۋۇزچىلىق بىلەن نام چىقارغان بولسىمۇ، لېكىن مەن ئۇ يەرگە بېرىپ باققان ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ئۇ دۆلەتنىڭ ئارال دۆلىتى ئىكەنلىگىنى، ھىلىقى ئايالنىڭ ھىكايىسىدە ئېيتىلغانلىرى بىلەن ئوخشىمايدىغانلىغىنى  بىلىمەن.
       ئاشۇ ئايال مەن تەشنا بولغان ئاشۇ ئايال مانا مۇشۇنداق ھىچبىر ئىز قالدۇرمايلا غايىپ بولدى. مەن بارغانلا  يېرىمدە ئۇنى شۇنچە ئىزلەپمۇ ئۇنىڭ ئىز ـ دېرىگىنى ئالالمىدىم.
       مەن پات ـ پات دوستلىرىمغا ئۇ توغرىلىق سۆزلەپ بېرەتتىم. دوستلىرىم: بۇنداق ئايال ۋە بۇنداق ھىكايىنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، بۇ چوقۇم ئۆزىڭىزنىڭ كۆرگەن چۈشى بولسا كېرەك. دىيىشەتتى. ئۇلار يەنە: دېڭىزدا كىشىلەر ئاسانلا غەلىتە چۈش كۆرىدۇ، دەپ چۈشىنەتتى.
       لېكىن مەن ئۆزەمنىڭ ئۇچراتقانلىرىمنىڭ بىر قېتىم كۆرگەن چۈش ئىكەنلىگىگە ھەرگىز ئىشەنمەيمەن. مەن ئۆزىنى غايە ئۈچۈن بېغىشلاپ، ئېتىقات ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ بارلىق بەختىنى قۇربان قىلغان ۋە كۆپچىلىكنىڭ بەختىنى ئىزلىگەن، ئازاپ ـ كۈلپەت ـ كۈچ دىمەكتۇر، دەپ ئېيتقان ھەم بىر يالنى چۈشۈمدىكى پىرسۇناژ دەپ ئىشەنمەيمەن؛ مەن نالە ـ پەرياتمۇ، نائۈمىتلىكمۇ، كۆز يېشىمۇ، زىددىيەتمۇ، جان تالىشىشمۇ تولۇپ تاشقان، بىراق ئاخىرقى ھىساپتا بىر ئۈمىت بىلەن پۈتۈنلەي يىپىلغان ئاشۇ خاتىرىنىڭ ئۆز مېڭەمدىن توقۇپ چىقىرىلغان نەرسە ئىكەنلىگىگىمۇ ھەرگىز ئىشەنمەيمەن.
       مەن ئۇنىڭ چوقۇم مەۋجۇد ئىكەنلىگىگە ئىشىنىمەن. مەن ئۇنى داۋاملىق ئىزلەيمەن. مەن ئۇنى تاكى ئۆلگەنگە قەدەر جاھاننىڭ ئۇ چېتىگە بېرىپ بولسىمۇ ئىزلەپ تاپىمەن! 


     

    [yusufahmad تەستىقلىدى . 2010-9-27 14:57:20]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر دېڭىزدىڭى چۈش باجىن