ئۆڭكۈرلۈكلەر ھەققىدە ھىكايە(مونتىسكىيۇ)

يوللىغۇچى : YusufAhmad يوللىغان ۋاقىت : 2010-03-11 17:38:19

ئۆڭكۈرلۈكلەر ھەققىدە ھىكايە(مونتىسكىيۇ) بۇرۇنىسىدا ئەرەپلەردە «ئۆڭكۈرلۈكلەر» دەپ ئاتالغان كىچىككىنە بىر قەبىلە بولغان ئىكەن. تارىخچىلارنىڭ گېپىگە ئىشەنسەڭ، ئۇلارنىڭ ئەجداتلىرى بولغان قەدىمق...

    ئۆڭكۈرلۈكلەر ھەققىدە ھىكايە
    (مونتىسكىيۇ)
     
       بۇرۇنىسىدا ئەرەپلەردە «ئۆڭكۈرلۈكلەر» دەپ ئاتالغان كىچىككىنە بىر قەبىلە بولغان ئىكەن. تارىخچىلارنىڭ گېپىگە ئىشەنسەڭ، ئۇلارنىڭ ئەجداتلىرى بولغان قەدىمقى ئوڭكۈرلۈكلەرنىڭ ئۈچ ئۆلۈشى ئادەمگە، يەتتە ئۆلۈشى ھايۋانغا ئوخشايدىكەن. ئەمما، مېنىڭ ساڭا سۆزلەپ بەكمەكچى بولغىنىم، ئېيىققا ئوخشاش ھەممە ئەزايى ئۇزۇن يۇڭلار بىلەن قاپلانغان، چىقىراپ، ھۇۋلاپ يۇرىدىغان ئۇنداق بەتبەشىرە ئوڭكۈرلۈكلەر بولماستىن، ئۆزى بىزگە ئوخشاشلا ئادەم لېكىن قەبىھلىك ۋە ياۋۇزلۇقتا چېكىگە يەتكەن، ئۆز ـ ئارا قىلچىمۇ ئادالەت ۋە ھەققانىيەت دىگەننى بىلمەيدىغان ئوڭكۈرلۈكلەردۇر.
        ئۇلارنىڭ پادىشاسى ئۇلارنىڭ  قەبىھلىگىنى تۇپ يىلتىزىدىن ئوڭشاشنى ئويلاپ، باشقا قەبىلىلەر بىلەن ئالاقە باغلاپ، ئۇلارغا ناھايىتى قاتتىق مۇئامىلە قىپتۇ. ئەمما ئۇلار توپىلاڭ كۆتىرىپ، پادىشانى ئۆلتۈرۈپ ئوردىنى يەكسان قىپتۇ.
        توپىلاڭدىن كېيىن، ئۇلار يەنە بىر يەرگە توپلىنىپ ھۆكۈمەت سايلاپتۇ. نۇرغۇن تالاش ـ تارتىشتىن ۋە ئىختىلاپلاردىن كېيىن، بىرمۇنچە ئەمەللەرنى ئورنىتىپتۇ. بىراق ئەمەلدارلار ئەمدىلا سايلىنىپ بولغاندىن كېيىن، كۆپچىلىكۇلارنىڭ بۇيرۇقلىرىغا چىدىغىلى بولمايدۇ دەپ ئويلاپتۇ ـ دە، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى دەرھال ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ.
       خەلق يېڭى بويۇنتۇرۇقلاردىن قۇرۇلۇپ ئۆزلىرىنىڭ ياۋۇز تەبىئىتى بىلەن ياشاۋېرىپتۇ. ھەركىمگە ئۆزىنىڭ دىگىنى ھىساپ ئىكەن، ھېچكىم ھىچكىمگە بوي سۇنمايدىكەن، ھەركىم پەقەت ئۆز پايدىسىنىلا ئويلايدىكەن، باشقىلارنىڭ مەنپەئەتى بىلەن كارى يوق ئىكەن.
       كۆپچىلىك بىرلىكتە مۇنداق بەلگىلىمە چىقىرىپ بەكمۇ خوشال بولۇشۇپرۇ. ئۇلار: «مەن نېمە ئۈچۈن، ماڭا ھىچ ئالاقىسى بولمىغان كىشىگە جانپىدا قىلىپ ئىشلەپ بېرىدىكەنمەن؟ مەن پەقەت ئۆزەمنىلا ئويلىشىم كېرەك، شۇنداق قىلساملا بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرەلەيمەن. باشقىلارنىڭ بەختلىك بولۇش ـ بولماسلىغى بىلەن مېنىڭ نېمە چاتىغىم؟ مەن ئۆزەم ئۈچۈن لازىم بولغانلىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئامال قىلىپ قولغا كىرگۈزۈشۈم، مەندە بولۇشى زورۇر بولغانلىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى مەندە ھازىر بولۇشى، باشقا ئۆڭكۈرلۈكلەرنىڭ جەۋرى ـ جاپالىرىنى مەن قىلچىمۇ ئويلىماسلىغىم كېرەك» دىيىشىدىكەن.
       ئۇ چاغدا دەل تېرىم مەزگىلى ئىكەن. ھەممە: «مەن پەقەت ئۆزەمگە تېگىشلىك يەرگىلا ئوبدان تېرىقچىلىق قىلىپ، ئۆزەمگە يەتكۈدەكلا ھوسۇل ئالسام بولدى، ئوشۇق مەھسۇلاتنىڭ ماڭا كېرىگى يوق. ئۆزەمگە پايدىسىز ئارتۇقچە ئەمگەك قىلىمەن دەپ جېنىمغا جاپا قىلماسلىغىم كېرەك» دىيىشىدۇ.
       كىچىككىنە بۇ پادىشالىقنىڭ يەرلىرى بىردەك سۈپەتلىك ئەمەس ئىكەن. بەزى جايلار ئويمانلىق بولۇپ سۇغۇرۇشقا ئوڭاي بولسا، بەزى جايلار ئىدىرلىق تۇپرىغى ئۈنۈمسىز ئىكەن. شۇ يىلى پەسىل بەكمۇ قۇرغاق كەپتۇ. شۇڭا ئىدىرلىقلارغا تېرىلغان بۇغدايلاردىن قىلچىمۇ ھوسۇل چىقماپتۇ. ئويمانلىقلاردىكى دىخانچىلىقتىن ئەكسىچە نۇرغۇن ھوسۇل ئېلىنىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىدىرلارغا ئولتۇراقلاشقان ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسى دىگىدەك قەھەتچىلىكتىن قىرىلىپتۇ. چۈنكى ئويمانلىقتىكى ئاھالىلەر تاش يۈرەكلىك قىلىپ ئۇلارغا ھىچقانداق ئاش بەرمىگەن ئىكەن.
       ئىككىنچى يىلى يامغۇر ناھايىتى كۆپ يېغىپ، ئىدىرلىقلاردىكى ئاھالىلەر ئادەتتىن تاشقىرى مول ھوسۇلغا ئىگە بوپتۇ. ئويمانلىقلاردىكى ئاھالىلەرنىڭ زىرائەتلىرى كەلكۈندە نابۇت بولۇپ كېتىپتۇ. بۇنىڭ بىلەنمۇ يەنە يېرىم ئاھالە قەھەتچىلكتە قاپتۇ. بىراق پالاكەت باسقان بۇ كىشىلەر باشقىلارنىڭ ئۆزلىرىگە، ئىلگىرى ئۆزلىرى قىلغاندەك تاش يۈرەكلىك قىلىۋاتقانلىغىنى كۆرۈپ تۇرۇپتۇ.
         ئاساسلىق ئاھالىلەرنىڭ ئىچىدە بىر ئادەمنىڭ خوتۇنى بەكمۇ چىرايلىق ئىكەن. خوشنىسى ئۇنىڭغا ئاشىق بولۇپ ئۇنى بۇلاپ كېتىپتۇ. نەتىجىدە، بۇ ئىككىيلەن ئۆز ئارا تازىمۇ قاتتىق سوقۇشۇپ، ئاخىرىدا ئۈچىنچى ئۆڭكۈرلۈككە ماجرانى بىر تەرەپ قىلدۇرماق بۇلۇشۇپتۇ ـ دە، باشقا بىر ئادەمنىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ. بۇ ئادەم ئىلگىرى ھۆكۈمەت بار ۋاقتىدا خېلى نوپۇزى بار ئادەم ئىكەن. ھىلىقى ئىككىيلەن بۇ ئادەمگە ئۆزلىرىنىڭ ھەق گېپىنى ئېيتىپ ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈپتۇ. ئۇ ئادەم بۇلارغا: «بۇ خوتۇن ساڭا تېگىشلىكمۇ ياكى ئۇنىڭغىمۇ مېنىڭ نىمە كارىم؟ مەن ئۆزەمنىڭ تېرىقچىلىغىنى قىلىشىم كېرەك، مېنىڭ سىلەر ئۈچۈن كەتمەن چېپىپ دەۋايىڭلارنى سوراپ ئولتۇرۇشقا ۋاقتىم يوق، مېنى ئاۋارە قىلماڭلار» دەپتۇ ـ دە، ھېلىقى ئىككى دەۋاگەرنى تاشلاپ ئۆز يېرىگە تېرىقچىلىق قىلغىلى كېتىپتۇ. ئىككىيلەنننىڭ ئىچىدىكى خوتۇن بۇلاپ كەتكىنى ئۆز كۈچىگە ئىشىنىپ خوتۇننى قايتۇرۇپ بەرمەسلىككە قەسەم قىپتۇ. يەنە بىرسى بولسا، خوشنىسىنىڭ بۇنداق ۋاپاسىزلىغىغا ھەم قازىنىڭ رەھىمسىزلىگىگە تىت ـ تىت بولۇپ، پەرىشان ھالدا قايتىپتۇ. ئۇ كېلىۋېتىپ ياش ھەم چىرايلىق بىر ئايالنىڭ بۇلاقتىن سۇ ئېلىپ كېلىۋاتقانلىغىنى كۆرۈپتۇ. بۇ خوتۇن ھىلىقى خوتۇنسىز قالغان ئادەمگە بەك يېقىن كېتىپتۇ، ئۇنىڭ ئۇستىگە بۇ دەل ئۆزى قازىلىققا تەكلىپ قىلغان، لېكىن ئۇنىڭ بەختسىزلىگىگە قىلچە پىسەنت قىلمىغان ھىلىقى ئادەمنىڭ خوتۇنى ئىكەنلىگىنى بىلگەندىن كېيىن، تېخىمۇ يايراپ كېتىپتۇ ـ دە، بۇ خوتۇننى بۇلاپ ئۆيىگە ئېلىپ كېتىپتۇ.
        يەنە بىر ئادەم بار ئىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ مۇنبەت يېرىگە بەكمۇ تۈجۈپىلەپ تېرىقچىلىق قىلىدىكەن. ئۇنىڭ ئىككى خوشنىسى ئۆز ـ ئارا تىل بىرىكتۇرۇپ، بۇ ئادەمنى ئۇ يەردىن  قوغلاپ چىقىرىپ يەرگە ئىگە بولۇۋاپتۇ. بۇ ئىككى ئادەمدە ئىتتىپاقلىق پەيدا بوپتۇ. كىمكى ئۇلارنىڭ يېرىگە كۆز ئالايتسا ئىككىسى بىرلىكتە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشقا پۈتۈشۈپتۇ. بۇلار ئاشۇنداق ھەمكارلىشىپ ئۇزۇن ۋاقىتلار ياشاپتۇ. بىراق بۇلارنىڭ بىرسى ھەر بىر نەرسىنى تەڭ بۆلۈشۈشتىن بىراز بولۇپ، بارلىق يەر ـ مۈلۈككە ئۆزى تەنھا ئىگە بولۇشنى ئويلاپتۇ ـ دە، ئىككىنچىسىنى ئۆلتۈرۈپلا يەر ـ مۈلۈككە ئۆزى ئىگە بولۇۋاپتۇ.
       يەنە بىر ئۆڭكۈرلۈكنىڭ ئۇچىسىغا يېپىنغىدەك بىر نەرسە بولمىغانلىقتىن قوي تېرىسىنىڭ باھاسى قانچە  تۇرىدىغانلىغىنى ئۇقۇپ باقماقچى بوپتۇ، سودىگەر بۇنى بىلىپ ئۆزىچە چوت سوقۇپتۇ: «مەن قوي تېرىسىنى ئىككى كۈرە بۇغداينىڭ پۇلىغىلا ساتالايتتىم، ئەمدى پۇرسەتتىن پادىلىنىپ، باھانى تورت ھەسسە ئاشۇرۇپ سەككىز كۈرە بۇغداينىڭ پۇلىنى قولغا كىرگۈزىدىغان بولدۇم.» خېرىدار  ئىلاجىسىز ئۇنىڭ دىگىنى بويىچە  پۇل تۆلەپتۇ.
       ـ مەن بەك خوشالمەن، مەن ئەمدى بۇغداي ئېلىشىم كېرەك، ـ دەپتۇ سودىگەر.
       ـ نىمە دىدىڭ؟ ـ دەپتۇ خېرىدار، ـ ئەگەر ساڭا بۇغداي لازىم بولسا مەندە ساتىدىغان بۇغداي بار، بىراق باھاسىنى ئاڭلاپ ھەيران قېلىشىڭ مۇمكىن، چۈنكى ئۆزەڭمۇ بىلىسەن ھازىر ھەممە يەرنى قەھەتچىلىك قاپلاپ بۇغداي باھاسى بەكمۇ ئۆرلەپ كەتتى، شۇڭا سەن پۇلۇمنى قايتۇرۇپ بەرسەڭ مەن ساڭا بىر كۈرە بۇغداي بېرىمەن، ئۇنداق قىلمىساڭ ئۆلسەڭمۇ ھىچنىمە بەرمەيمەن.
        شۇ يىللاردا ئۇ يەردە بىر خىل مۇدھىش كېسەللىك تارقىلىپتۇ. خوشنا دۆلەتتىن ناھايىتى ماھارەتلىك بىر تېۋىپ كەپتۇ.  ئۇنىڭ قولىدا داۋالانغانلىكى كىشىلەر شىپالىق تېپىپتۇ. كېسەللىك تۈگىتىلگەندىن كېيىن، تېۋىپ ئۆزى داۋالاپ ساقايتقان ئادەملەرنىڭ قېشىغا بېرىپ ھەققىنى سوراپتۇ. لېكىن ئۇ ھەممىلا يەردە ئەدىۋىنى يەپ دۆلىتىگە قايتىپتۇ. دۆلىتىگە قايتىپ كەلگىچە ئۇزۇن يولنىڭ ھاردۇغى يېتىپتۇ. بىراق ئۇزاق ئۆتمەي ھىلىقى يەردە ئۆتكەنكى كېسەلنىڭ قايتا تارقالغانلىغىنى ئاڭلاپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ كېسەللىك تېخىمۇ دەھشەت سېلىپ بۇ بىۋاپا زىمىننى ۋەھىمە قاپلاپ كېتىپتۇ. بۇ قېتىم ئۇ يەرگە تېۋىپ بارمىسىمۇ ئۇ يەرنىڭ ئاھالىلىرى تېۋىپنى ئىزلەپ كەپتۇ. بۇ چاغدا ئۇ تېۋىپ:« ھۇ نائىنساپ مەلئۇنلار، يوقال كۆزۈمدىن! سەنلەرنىڭ ۋۇجۇدىڭدا، جىسمىڭغا يۇقتۇرۇۋالغان كېسەلىكتىنمۇ ئەجەللىك زەھەر بار ئىكەن، سەنلەر بۇ زىمىندا تۇرۇشقا نالايىق بىر نىمىلەركەنسەن، چۈنكى سەنلەردە قىلچىمۇ ئىنسانى خىسلەت يوق ئىكەن، سەنلەر ئادالەتنىڭ مىزانى نىمە ئىكەنلىگىنى بىلىشمەيدىكەنسەن. مانا ئەمدى ئاللا تائالا سەنلەرنى جازالىدى، مەن ئاللانىڭ ھەققانى غەزىۋىگە قارشىلىق قىلسام، ئۇ چاغدا مەن ئاللا تائالانىڭ ئالدىدا گۇناكار بولىمەن» دەپتۇ.
         قەدىرلىك مىرزا، سەن ئۆڭكۈرلۈكلەرنىڭ قاباھەتلىگى قانداق قىلىپ ئۆز بېشىغا چىققانلىغىنى، ئۇلارنىڭ قانداقلارچە ۋاپاسىزلىقنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتكەنلىگىنى چۈشەنگەنسەن. ئاشۇ ئاھالىلەرنىڭ ئىچىدە پەقەت ئىككىلا ئائىلە مىللەتكە كەلگەن بالايى ـ ئاپەتلەردىن ئامان قاپتۇ. ئەسلىدە ئۇ يەردە ئۆزگىچە ئىستىقامەت قىلىدىغان ئىككى ئادەم بار ئىكەن؛ ئۇلارغا ئىنسانپەرۋەرلىك يار ئىكەن، ئادالەتنى بىلىدىكەن، ئەخلاقى ـ پەزىلەتنى قەدىرلەيدىكەن. ئاق كۆڭۈللۈك ئۇلارنى بىر بىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپتۇ. بۇ ئىككىيلەن باشقىلارنىڭ نىيەت ـ ئىقبالىنىڭ بەكمۇ بۇزۇلۇپ كېتىۋاتقانلىغىنى سېزىۋالالايدىكەن، بۇ خىسلەت ئۇلارنى تېخىمۇ ئىناقلاشتۇرۇپتۇ. ئۇلار كۆز ئالدىدىكى ئېچىنىشلىق مەنزىرىدىن بەكمۇ ئۆكۈنىدىكەن، بۇ ئەھۋال ئۆز نۆۋىتىدە، ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقلىغىنى مۇستەھكەملەشنىڭ سەۋىۋى بوپتۇ. ئۇلار ئوخشاشلا تىرىشچانلىق بىلەن ئورتاق مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن ئەمگەك قىلىشىدىكەن، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپلار بولسىمۇ، ئەمما ئۇ مېھرىۋانلىق، ئىناقلىق ۋە دوستلۇقتىن كېلىپ چىققان ئىختىلاپلار ئىكەن. شۇڭا ئۇلار ئۆزلىرى بىلەن سىغىشالمايدىغان يۇرتداشلىرىدىن ئايرىلىپ زىمىننىڭ ئەڭ چېتىدىكى بۇلۇڭلارنىڭ بىرىدە تىنچ، بەختىيار تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلاپتۇ. ئېتىز ـ ئېرىق ئىشلىرى، يۈكسەك پەزىلەتلىك بولغان بۇ ئىككىيلەننىڭ قولى بىلەن ئىشلەنگەچكە، زىرائەتلەر ئاجايىپ ئوخشايدىكەن.
       ئۇلار خوتۇنلىرىنى ياخشى كۆرىدىكەن، خوتۇنلىرىمۇ ئۇلارنى مۇلايىملىق بىلەن قىزغىن كۈتىدىكەن. ئۇلار بارلىق زېھنىنى بالىلىرىنى ئەدەپ ـ ئەخلاقلىق قىلىپ تەربىيىلەشكە سەرپ قىلىدىكەن. بالىلىرىغا يۇرتداشلىرىنىڭ قاتمۇ ـ قات ئازاپلىرىنى ئەسلىتىپ ئۇلارنىڭ قاباھەتلىگىدىن ھەزەر ئەيلەش لازىملىغىنى، شەخسلەر مەنپەئەتى مەڭگۈگە كۆپچىلىك مەنپەئەتى ئىچىدە بولىدىغانلىغىنى ئالاھىدە چۈشەندۈرۈپ، كۆپچىلىكنىڭ مەنپەئەتىنى پارچىلاش ئۆزىنى ھالاك قىلىشقا ئېلىپ كېلىدىغانلىغىنى، ئەخلاقى پەزىلەتنى بىر خىل مۈشكۈلات ياكى يۈك دەپ قارىماسلىق لازىملىغىنى تەكىتلەپ، ئۆزگىگە ئادالەت بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىق ـ ئۆزىگە رەھىمدىللىك  بىلەن كۆڭۈل بۆلگەنلىك بولىدىغانلىغىنى ئۇقتۇرىدىكەن.
        ئۇزاققا قالماي، ئۇلار پەزىلەتلىك ئاتا ـ سازاۋەر بولۇشقا تېگىشلىك خوشاللىققا مۇيەسسەر بوپتۇ، يەنى پەرزەنتلىرىمۇ ئۆزلىرىگە ئوخشاش بولۇپ يېتىشىپتۇ. ئۇلارنىڭ دىققەت ـ ئېتىۋارىدا ئۆسۈپ بالاغەتكە يەتكەن پەرزەنتلەر بەختلىك توي قىلىشقاندىن كېيىن، كۆپىيىشكە باشلاپتۇ. ئۇلارنىڭ سانى ئاۋۇغان بولسىمۇ، لېكىن ئاۋالقىدەكلا  ئىناق ـ ئىتتىپاق ئىكەن. ئەخلاقى ـ پەزىلەت ئادەم سانىنىڭ كۆپىيىپ بېرىشى بىلەن ئاجىزلىشىپ قالمايتۇ، ئەكسىنچە تېخىمۇ كۆپلىگەن نىزام ـ قائىدىلەرنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن يەنىمۇ كۈچىيىپتۇ.
       ئوڭكۈرلۈكلەرگە بۇنداق سائادەتنى كىم ئاتا قىلغان؟ ئادالەتلىك بۇ خەلق خۇداغا سېغىنىشىپتۇ ۋە كۆز ئېچىپ خۇدانى تونۇپ، ئۇنى  قەرەرلىك زىيارەت قىلىپ تۇرۇشنى بەلگىلەپتۇ ھەم خۇداغا ئېھتىرام بىلدۈرۈشنى ئۆگىنىپتۇ. بۇنىڭ بىلەن ئادەمنىڭ مىجەز ـ خۇلقىدا «يارىلىشىدىلا» بولىدىغان بىرمۇنچە قوپال مەرىكىلەر ئۆتكۈزىدىكەن.
       ئۇلار خۇدا يولىدا مۇراسىملار، خوشال مەرىكىلەر ئۆتكۈزىدىكەن. مەرەملەردە قىز ـ ئوغۇللار يېڭى گۈللەرنى قىسىپ شات ـ خوراملىق ئىچىدە خۇداغا تەشەككۈر ئىزھار قىلىدىكەن. بۇنداق سورۇنلاردىكى نازۇ نېمەتلەر ئاددى بولسىمۇ، شات ـ خوراملىق ئەۋجىگە چىقىدىكەن. بۇنداق مەرىكىلەردە ئاق كۆڭۈل «تەبىئەت» سۆز قىلىشقا باشلىغاچقا، كىشىلەر بۇنداق سورۇنلاردا سەمىمى، چىن مۇھەببەتتىن تەلىم ئالىدىكەن. بۇنداق سورۇنلاردا مەسۈمە ياشلار خىجىللىقتىن قىزىرىشىپ پاك مۇھەببىتىنى باشقىلارغا ئۇقتۇرۇپ ئۆتىدىكەن ۋە شۇ ھامان ماقۇل جاۋاپلارغا ئىگە بولىدىكەن. بۇنداق سورۇنلاردا مېھرىبان ئانىلار كەلگۈسىدىكى ئەر ـ خوتۇنلارنىڭ نەقەدەر ھېرىسمەنلىك ۋە ساداقەتمەنلىك بىلەن ياشايدىغانلىغىنى خوشاللىق بىلەن پەملەيدىكەن.
       كۆپچىلىك ئىبادەتخانىلارغا بېرىپ ئاللادىن بەخت تىلەيدىكەن. ئۇلارنىڭ سورايدىغىنى ئەينى زاماندىكى ئۆڭكۈرلۈكلەرگە ئوخشاش بايلىق ۋە سۆلەتكە ئىگە بولۇش ئەمەس، بەلكى باشقا يۇرتداشلىرىنىڭ بەخت ـ سائادىتى ۋە پاراۋانلىغى ئىكەن. ئۇلار ئاللاغا سەجدە قىلىپ ساقلىق، ئۇزۇن ئۆمۈر، قېرىنداشلار ئارىسىدا ئىتتىپاقلىق، ئاياللارغا مېھرىۋانلىق، پەرزەنتلەرگە ئىنساپ ـ سورايدىكەن. قىزلارمۇ بۇنداق مەزگىللەردە ئۆز مېھرىنىڭ مىزانى بولغان يۈرىگىنى ئاللاغا بايان قىلىدىكەن. ئەمما ئۇلارنىڭ تەلەپ قىلىدىغىنى مېھرىۋانلىق، يەنى مەلۇم بىر ئۆڭكۈرلۈك يىگىتكە بەخت كەلتۈرۈپ بېرىش ئارزۇسى ئىكەن.
       كەچقۇرۇن قوي پادىلىرى يايلاقتىن ئايرىلىپ، قوشقا قېتىلغان كالىلار ساپانلارنى سۆرەپ قايتىپ كېلىدىكەن؛ بۇ چاغدا كىشىلەر بىر يەرگە جەم بولۇپ تاماق يەپ، زىكىر ـ سۆھبەت ئۆتكۈزىدىكەن. بۇنداق سۆھبەتلەردە بىر تۇرۇپ  ئەينى زاماندىكى ئۆڭكۈرلۈكلەرنىڭ قەبىھلىگى تۈپەيلىدىن دۇچار بولغان ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتلىرى سۆزلەنسە، بىر تۇرۇپ گۈزەل ئەخلاقى ـ پەزىلەتنىڭ يېڭى ئەۋلاتلارنى گۈللەندۈرۈپ بەختىيارلىققا ئىگە قىلىۋاتقانلىغى ناخشىلارغا قوشۇپ كۈيلىنىدىكەن. ئۇلار خۇدانىڭ ئۇلۇغلىغىنى مەدھىيىلەيدىكەن؛ كىمىكى خۇداغا ئىززەت ـ ئېھتىرام بىلدۈرمىسە، چوقۇم ئۇنىڭ غەزىۋىگە دۇچار بولىدىغانلىغىنى، خۇدانىڭ مۆمىن بەندىلەرگە مەرىپەت ئاتا قىلىدىغانلىغىنى قەيىت قىلىشىدىكەن؛ ئۇلار يەنە دالا تۇرمۇشىنىڭ خوشاللىقلىرىنى، مەڭگۈلۈك پاك ھاياتنىڭ نەقەدەر بەختلىك بولىدىغانلىغىنى بايان قىلىشىدىكەن، ئاندىن ئۇلار شىرىن ئۇيقۇغا غەرق بولىشىدىكەن. ئەمما ئۇلارنىڭ ئۇيقۇسى ئەزەلدىن غەلۋە ياكى پاراكەندىچىلىك تۈپەيلىدىن بۇزۇلغان ئەمەس ئىكەن.
       كائىنات ئۇلارنىڭ ھەممە زورۇرىيەتلىرىنى قانائەتلەندۈرۈپلا قالماي، بەلكى ئۇلارنىڭ ئارزۇ ئارمانلىرىنىمۇ بىجا كەلتۈرۈپ تۇرىدىكەن. بۇ بەختىيار جايدا ئەزەلدىن نەپسانىيەتلىك كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىكەن. كشىلەر سودا ئىشلىرىدىمۇ ھەرگىز ئۆزىنىڭلا مەنپەئەتىنى كۆزلىمەيدىكەن. ئوڭكۈرلۈكلەر ئۆزلىرىنى بىر ئائىلە كىشىلىرى دەپ بىلگەچكە كالا ـ قويلار بىر بىرىگە قوشۇۋېتىلگەن ئىكەن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قوي كالىلىرىنى ئايرىۋېلىشنى ئوشۇق ئاۋارىچىلىق دەپ قارايدىكەن.
         ئۆڭكۈرلۈكلەرنىڭ پەزىلەتلىرىنى سۆلىسەم تۈگىمەيدۇ. بىر كۈنى بىر ئۆڭكۈرلۈك؛ «ئاتام ئەتە تېرىلغۇ يېرىنى ھەيدىمەكچى. مەن ئۇنىڭدىن ئىككى سائەت بالدۇر تۇرۇپ، ئۇ ئېتىزغا بارغىچە يېرىنى ھەيدەپ تەييارلاپ قوياي» دەپتۇ. يەنە بىر ئۆڭكۈرلۈك مۇنداق ئويلاپتۇ: «پەرىزىمچە سىڭلىم ئۇرۇق ـ تۇققانلىرىمىز ئارىسىدىكى مەلۇم بىر ياشنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندەك قىلىدۇ، مەن بۇنى ئاتامغا ئېيتىپ ئۇنىڭ ئىشىنى ھەل قىلىشىپ بېرەي.»
       بىر كۈنى بىرسى باشقا بىر كڭكۈرلۈكنىڭ قېشىغا تۈگىرەپ بېرىپ، سېنىڭ قوي ـ كالىلىرىڭنى بىر توپ ئوغرىلار ھەيدەپ كەتتى، دەپ خەۋەر يەتكۈزگەن ئىكەن ئۇ :«ھىچقىسى يوق! مەن ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئاق غونجىنى خۇدا يولىدا نەزىر قىلماقچى ئىدىم» دەپتۇ.
       باشقا بىرسى «مەن ئىبادەتخانىغا بېرىپ خۇداغا شۈكرى سانا ئەيلەيمەن، چۈنكى مېنىڭ ئىنىمنىڭ سالامەتلىگى ئەسلىگە كەلدىم، ئاتام ئۇنى بەك ياخشى كۆرەتتى، مەنمۇ بەك ياخشى كۆرىمەن؛ ياكى ئاتامنىڭ يېرىگە خوشنا بىر پارچە يەر بار، ئۇ يەرگە ئىككى تۈپ كۆچەت تىكىپ قوياي، ئۇلار چارچىغاندا شۇ يەردە دەم ئالسۇن» دەپتۇ.
       بىر كۈنى بىرنەچچە ئۆڭكۈرلۈك بىر يەرگە  جەم بولغاندا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر مويسىپ مەلۇم بىر ياشنى ئەسكى ئىش قىلغانلىغىدىن گۇمانلىنىپ ئۇنى كايىپتۇ. باشقا ياشلار: «بىز ئۇنىڭ ئەسكى ئىش قىلغانلىغىغا ئىشەنمەيمىز، شۇنداقتىمۇ ئۇ راستىنلا ئاشۇنداق ناچار ئىش قىلغان بولسا ئۇ ھەممىدىن كېيىن ئۆلسۈن!» دىيشىپتۇ.
       بىر ئادەم مەلۇم بىر ئۆڭكۈرلۈككە بىر توپ بۇلاڭچىلارنىڭ ئۇنىڭ ئۆيىدىكى بارلىق بىساتىنى قالدۇرماي بۇلاپ كەتكەنلىگىنى ئېيتقان ئىكەن، بۇ ئادەم ئۇنىڭغا: «ئەگەر ئۇلار ئادالەتكە مۇۋاپىق ئىش قىلغان بولسا خۇدايىتائالا ئۇلارنى بۇلاپ كەتكەن ئاشۇ ماللاردىن مەندىنمۇ ئۇزۇنراق بەھرىمەن قىلسۇن» دەپ ئېيتىپتۇ.
       ئۆڭكۈرلۈكلەرنىڭ بۇنداق گۈللىنىپ كېتىشى يات قەبىلىلەرنىڭ كۆزىنى قىزارتماي قالمايدۇ. ئۇلارغا خوشنا بولغان ھەرقايسى قەبىلىلەر توپلىنىپ، يوقىلاڭ باھانە تېپىپ، ئۇلارنىڭ مال ـ ۋارانلىرىنى بۇلاپ كېتىشنى قەستلەپتۇ. بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان ئۆڭكۈرلۈكلەر  ئۇلارغا ئەلچى ئەۋەتىپتۇ ۋە شۇنداق دەپتۇ: «ئۆڭكۈرلۈكلەر سىلەرگە نىمە گۇنا قىلدى؟ سىلەرنىڭ ئاياللىرىڭلارنى بۇلاپ، مال ـ مۈلكىڭلارنى ئوغۇرلاپ، زىرائەتلىرىڭلارنى نابۇت قىلدىمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس، بىز ئادىلمىز، خۇدا بىزگە يار يۆلەك. سىلەردىن بىزگە زادى نىمە كېرەك؟ كىيىم ـ كېچەك ئۈچۈن قوي تېرىسى لازىممۇ؟ كالا سۈتى، قوي ـ قوزا، غونىجۈن لازىممۇ؟ ياكى بىزنىڭ يېرىمىزدىن چىقىدىغان مىۋىلەر كېرەكمۇ؟ سىلەر قوراللىرىڭلارنى تاشلاپ بىزگە كېلىڭلار، بىز بۇلارنىڭ سىلەردىن ئايىمايمىز. ئەمما سىلەر كۆڭلۈڭلاردا دۈشمەنلىك ساقلاپ زىمىنىمىزغا باستۇرۇپ كىرىشكە پېتىندىكەنسىلەر، ئۇ چاغدا بىزمۇ ھەق تائالا ئالدىدا قەسەميات قىلىمىزكى، سىەلرنى نائىنساپ مەلئۇنلار قاتارىدا كۆرۈپ، يىرتقۇچ ھايۋانلارغا تاقابىل تۇرغاندەك سىلەرگە تاقابىل تۇرىمىز.»
        قارشى تەرەپ بۇ سۆزلەرنى نەزەرگە ئىلماي رەت قىپتۇ ۋە بۇ يىرتقۇچ قەبىلە تولۇق قوراللىنىپ ئۆڭكۈرلۈكلەرنىڭ زىمىنىغا باستۇرۇپ كىرىپتۇ. ئۇلار ئۆڭكۈرلۈكلەر ئاق كۆڭۈل ۋە ساددىلىقتىن ئۆزگە ھىچقانداق تەدبىرگە ئىگە ئەمەس، دەپ ئويلىغان ئىكەن.
       بىراق ئۆڭكۈرلۈكلەر ئۆزىنى قوغداشقا قەتئى نىيەت قىپتۇ ۋە ئاياللار ھەم بالىلارنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ تەق تۇرۇپتۇ، ئۇلار دۈشمەننىڭ ھەددىدىن تاشقىرى كۆپلۈگىدىن ئەمەس، ئۇلارنىڭ نىيىتىنىڭ نەقەدەر ياۋۇزلۇغىدىن ھەيران قاپتۇ ـ دە، ۋۇجۇدىدا باشقىدىن ئىسسىق قان ئۇرغۇپتۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئاتىسى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ قېنىنى پىدا قىلىشقا ئاتلانسا، بەزىلىرى ئۆزىنىڭ خوتۇن بالا ـ چاقىلىرى ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىشقا تەييار تۇرۇپتۇ؛ يەنە بەزىلىرى قېرىنداشلىرى ۋە يارو ـ دوستلىرى ئۈچۈن جەڭگە ئاتلىنىپتۇ. قىسقىسى، ھەممەيلەن ئۆڭكۈر خەلقى ئۈچۈن ئۆزىنى تەقدىم قىپتۇ. بىرسى قۇربان بولسا، ئۇنىڭ ئورنىنى ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئەڭ يېقىنلىرى ئېلىپ، كۆپچىلىكنىڭ مەنپەئەتى ھەم شەخسى ئىنتىقامىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇرۇش قىپتۇ.
       ئادالەتسىزلىك بىەلن ئادالەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش مانا شۇنداق بوپتۇ.
       باتۇر ئۆڭكۈرلۈكلەرنىڭ قەھرى ـ غەزىۋى ئالدىدا ھىلىقى نومۇسسىز قابىلىنىڭ ئاقىۋەت ئېرىشكىنى شەرمەندىلەرچە قېچىش ۋە ئۈزۈل ـ كېسىل مەغلۇبىيەت بوپتۇ.
       ئۆڭكۈرلۈكلەرنىڭ ئۇرۇقلىرى كۈندىن كۈنگە كۆپىيىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار دۆلەت پادىشاسىنى سايلاش ۋاقتى كەلگەنلىگىنى ھىس قىلىشىپتۇ. ئۇلار بىردەك خانلىق تاجىنى ئەڭ ئادىل كىشىگە كىيدۈرۈش لازىم، دەپ قاراپتۇ. كۆپچىلىكنىڭ دىققەت ئېتىۋارى ئارىدىكى ئابرويلۇق ۋە مويسىپ بىر كىشىگە مەركەزلىشىپتۇ، ئۇ ئادەم خالايىقنىڭ بۇ يىغىلىشىغا قاتنىشىشنى خالىماي، غەم قىلىپ ئۆيىگە مۈكۈنۈۋالغان ئىكەن، كۆپچىلىك ۋەكىل ئەۋەتىپ ئۇنىڭ پادىشالىققا سايلانغانلىغىنى ئۇقتۇرۇپتۇ. ئۇ: «كۆپچىلىك مېنى ئارىمىزدىكى ھەممىدىن ئادىل كىشى دەپ تونۇپ خۇدانىڭ ئىرادىسىگە خىلاپلىق قىلدى، مەن ئۆڭكۈرلۈكلەرنىڭ زور خاتالىق سادىر قىلىشىغا سەۋەپكار بولۇپ قالدىم! سىلەر خانلىق تاجىنى مەندىن باشقا ئادەمگە بېرىشكە تېگىشلىك ئەمەس دەپ قاتتىق تۇرۇۋالساڭلار مېنىڭ ئۇنى قوبۇل قىلماي ئىلاجىم يوق. بىراق، سىلەر شۇنى بىلىڭلاركى، مەن چوقۇم ھەسرەت ئىچىدە ئۆلۈپ كېتىمەن؛ چۈنكى مەن دۇنياغا ككز ئاچقىنىمدىن بۇيان ئۆڭكۈرلۈكلەرنىڭ ئەركىن ياشاپ كەلگەنلىگىنى كۆرۈپ كەلگەن ئىدىم. ئەمدىلىكتە بولسا قاراپ تۇرۇپ ئۇلارنى مەھكۇم قىلىدىغان بولدۇم» دەپتۇ. ئۇ سۆزلەپ شۇ يەرگە كەلگەندە، كۆز ياشلىرى بۇلاقتەك ئېتىلىپ چىقىپتۇ ۋە ئۇنلۈك ئاۋازدا سۆزىنى داۋام قىپتۇ: «مەن نىمىشكىمۇ مۇشۇ نەس باشقان كۈنگىچە ياشاپ قالغاندىمەن؟ ئاھ،  ئۆڭكۈلرۈكلىرىم! مەن نېمە ئىش بولۇۋاتقانلىغىنى چۈشەندىم، سىلەرنىڭ ئەخلاقىي ـ پەزىلىتىڭلار سىلەرگە ئېغىر يۈك بولۇپ قېلىۋېتىپتۇ. شۇ كەمگىچە سىلەرنىڭ باشچىلىرىڭلار يوق ئىدى. پەقەت گۈزەل ئەخلاقىي ـ پەزىلەتكىلا تايىنناتتىڭلار، بۇلار بولمىغاندا ئەجداتلارنىڭ كونا يولىغا مېڭىپ قېلىش مۇمكىن ئىدى ۋە ياشاشقا ئىمكانىيەت قالمايتتى. بىراق ئەخلاقنىڭ ئىسكەنجىسى سىلەرنى بەكمۇ قاتتىق چىرمىۋالغان بولسا كېرەك، سىلەر پادىشانىڭ دەرگاھىغا يېقىلىپ ئۇنىڭ ئەمىر ـ پەرمانلىرىغا ئىتائەت قىلىشنى  خالاپ قالدىڭلار. بۇ سىلەرنىڭ قاتتىق ئۆرپ ـ ئادەتلىرىڭلارغا قارىغاندا جانلىقراق، ئەلۋەتتە. سىلەر بۇنى بىلگەن ھامان تاماگەرلىككە بېرىلىپ، بېيىش كويىغا چۈشۈپ، راھەت ـ پاراغەتتە بىخىرامان ياشاش ئىستىگىگە چۆكۈسىلەر؛ ئۇ چاغدا سىلەر يەنە چوڭ سەۋەنلىك ئوتكۈزۈپ قويمىساقلا بولدى دەپ قانائەتلىنىپ قالىسىلەر ـ دە، گۈزەل ئەخلاقىي ـ پەزىلەتنى چەتكە قايرىپ قويۇسىلەر.» بۇ مويسىپ سۆزدىن بىر پەس توختىغان ئىكەن، كۆزىدىن قۇيۇلۇۋاتقان ياش تېخىمۇ ئۇلغۇيىپتۇ. ئۇ يەنە: «ئاھ! سىلەر مېنى نىمە قىلسۇن دەيسىلەر؟ مەن قانداقمۇ بىر ئۆڭكۈرلۈككە ئىش قىلىپ بەرگىن دەپ بۇيرۇق چۈشۈرەلەيمەن؟ ئەجەبا سىلەر ئۇنى مېنىڭ بۇيرۇغۇم بويىچە يۈكسەك پەزىلەتلىك ئىشلارنى قىلىدۇ، دەپ ئويلامسىلەر؟ ئەگەر ئۇ شۇنداق ئىشلارنى قىلىشىنى خالىغىنىدا، مەن بولمىغۈان تەقدىردىمۇ ئۆزلۈگىدىن شۇنداق قىلالايتتىغۇ، ئىخ! ئۆڭكۈرلۈكلەر مېنىڭ يېشىم ئاللىقاچان خېلى يەرگە بېرىپ، تومۇرلىرىمدىكى قانلار ئۇيۇپ قالاي دەپ قالدى. ئۇزۇن ئۆتمەي مەن سىلەرنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىڭلار بىلەن قايتا دىدار كۆرۈشكىلى كېتىمەن. سىلەر نىمە ئۈچۈن مېنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىڭلارنى ئۆكۈندۈرىدىغان ئىشلارنى قىلىشىمنى ئىزلەپ قالدىڭلار؟ نىمە ئۈچۈن مېنىڭ ئۇلارغا، سىلەرنىڭ پىشانەڭلەرگە پۈتۈلدۈرگىنىم گۈزەل ئەخلاق ئەمەس، بەلكى باشقا نەرسە ئىكەنلىگىنى يەتكۈزۈشۈمنى خالاپ قالدىڭلار؟»

         1711 ـ يىلى جامادىيەلئاخىر ئېيىنىڭ 10 ـ كۈنى، ئىجىرۇن.
       
      

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.