ئابىدە تىكلەنگەن چىۋىن (ئەزىز نەسىن)

يوللىغۇچى : Hechkim يوللىغان ۋاقىت : 2011-04-16 23:48:35

ئابىدە تىكلەنگەن چىۋىنئەزىز نەسىنتۈركچىدىن Hechkim تەرجىمىسىچىۋىن ھەققىدىكى بۇ ۋەقە، چوڭ بىر شەھەرنىڭ ئېگىز بىنالار زىچ بىر مەھەللىسىدە يۈز بەرگەن. شۇ ئېگىز بىنالارنىڭ بىرىنىڭ يەر ئاستى قەۋىتى...

     


     

    ئابىدە تىكلەنگەن چىۋىن
     
     
    ئەزىز نەسىن
     
     
    تۈركچىدىن Hechkim تەرجىمىسى
     
     
    چىۋىن ھەققىدىكى بۇ ۋەقە، چوڭ بىر شەھەرنىڭ ئېگىز بىنالار زىچ بىر مەھەللىسىدە يۈز بەرگەن. شۇ ئېگىز بىنالارنىڭ بىرىنىڭ يەر ئاستى قەۋىتىدە بىر ئۆي بار. بۇ ئۆيگە كۈن چۈشمەيدۇ. كوچىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئېگىز قۇرۇلۇشلار بۇ ئۆيگە كۈن نۇرىنىڭ كىرىشىنى توسۇۋالغاچقا، بۇ ئۆيگە سەھەر يورۇقى ئەڭ كېيىن، كېچە قاراڭغۇلۇقى ئەڭ بۇرۇن كىرىدۇ.
     
     
    يەر ئاستىدىكى بۇ ئۆيدە ئۈچ كىشىلىك بىر ئائىلە ئولتۇرىدۇ: ئاتا، ئانا ۋە ئوغۇل. ئاتا-ئانا ئىككىيلەن ئىشقا، ئوغۇل مەكتەپكە بارىدۇ.
     
     
    ھازىر سۆزلىمەكچى بولغان ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى، ئاتا ۋە ئانا ھەر ئىككىسى تېخى ئىشىدىن قايتمىغان، بالا بولسا مەكتەپتىن قايتىپ كېلىپ، تاپشۇرۇق ئىشلەۋاتاتتى. بىر چاغدا ئۇ ھېرىپ كەتتى ۋە كىتابىنى ئوچۇق پېتى قويۇپ، ئاتا-ئانىسى كەلگىچە ئويناش ئۈچۈن سىرتقا چىقىپ كەتتى.
     
     
    دېمەك، ھازىر ئۆيدە ھېچكىم يوق. ئەمما بىر قانچە چىۋىنمۇ يوق ئەمەس.
     
     
    قاش قارايغان ۋاقىت، سىرت تېخى يورۇق، ئۆي بولسا قاراڭغۇ. چىۋىنلەر قاراڭغۇدا ئۇچالمايدۇ. ھاۋا يورۇغۇچە مىدىرلىماي تۇرغان يېرىدە تۇرۇشىدۇ. ھەر كۈنكىدەك بالدۇرلا قاراڭغۇلۇق بېسىپ كەتكەن بۇ ئۆيدىكى چىۋىنلەرمۇ ئۇچالمىغانلىقتىن جىممىدە تۇرۇشاتتى. يالغۇز ياش بىر چىۋىن ئوخشىمايتتى. ئۇ توختىماي سىرتتىكى يورۇقلۇققا چىقىش ئۈچۈن ئۇچاتتى، ئۇچاتتى. ئەمما دېرىزە ئەينىكى ئۇنى توسۇۋالاتتى. دېرىزىنىڭ ئۇ تەرىپىگە ئۆتۈش ئۈچۈن تىرىشاتتى. دېرىزىگە ئۆزىنى ئۇراتتى. ئۇچۇپ، ئۇچۇپ ئەينەككە ئۈسۈپ، ئەينەكنىڭ ئۈستىدە ئايلىنىپ، تەكشۈرەتتى ۋە سىرتقا چىقىش يوللىرىنى ئىزدەيتتى.
     
     
    باشقا چىۋىنلەر بىلىملىك، تەجرىبىلىك، قېرى چىۋىنلەر ئىدى. توختىماي دېرىزىگە ئۈسۈۋاتقان ياش چىۋىنغا:
    - بىكار ئاۋارە بولما، چىقالمايسەن... دېيىشتى.
     
     
    ياش چىۋىن:
    - لېكىن، مەن بۇ قاراڭغۇلۇقتا تۇرالمايمەن. قاراڭلارچۇ، سىرت نېمىدىگەن يورۇق. مەن شۇ يەرگە بارىمەن... - دەيتتى.
     
     
    قېرى بىر چىۋىن نەسىھەت قىلدى:
    - شۇ سەن ئۈسۈۋاتقان نەرسىنىڭ نېمىلىكىنى تېخى بىلەلمىدىڭمۇ؟ ئۇ دېگەن ئەينەك. يورۇقلۇق ئۆتكۈزىدۇ. بىر تەرەپتىن يەنە بىر تەرەپنى كۆرگىلى بولغىنى ئۈچۈن سېنىڭدەك ياش چىۋىنلەر ئۇنى يوق ھېسابلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىكار ئاۋارە بولۇشىدۇ... بولدى، قوي، ئۇنىڭدىن ئۆتكىلى بولمايدۇ...
     
     
    ياش چىۋىن قايىل بولمايتتى:
    - بۇرۇن بىلمەيتتىم بۇ ئەينەكنىڭ نېمىلىكىنى. ئۈسىۋېرىپ خېلى بىلىپ قالدىم. 
     
     
    ئاندىن قاراڭغۇ ئۆي ئىچىدە ھاۋادا بىر قانچە قېتىم ئايلىنىپ سۈرئىتىنى تەڭشىگەندىن كېيىن، ئوقتەك ئېتىلىپ بېرىپ دېرىزىگە ئۆزىنى ئۇردى.
     
     
    قېرى چىۋىنلەردىن بىرى شۇنداق دېدى:
    - ئەينەكنىڭ نېمىلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، نېمىشقا يەنە ئۈسىۋېرىسەن؟ بەرىبىر چىقالمايسەن. بىكار ئۆزۈڭنى نابۇت قىلىسىەن، باشقا ئىش يوق.
     
     
    باشقا چىۋىنلەرمۇ بۇ ياش چىۋىنغا ئۇنىڭ قانداق قىلسىمۇ ئەينەكنى تېشەلمەيدىغىنىنى چۈشەندۈرۈشكە تىرىشاتتى:
    - ئۆزۈڭگە ئىچىڭ ئاغرىسۇن... بولدى قىلغىن، ئۈسىۋەرمە، بىر يېرىڭنى سۇندۇرۇۋالىسەن. كەل. ھەممىمىز ئوخشاش. بۇ يەرگە كېلىپ ئولتۇرۇپ ئارام ئالغاچ، سەھەرنى ساقلا.
     
     
    ياش چىۋىن يەنە: 
    - سىرت يورۇقلا بولىدىكەن. مەن بۇ قاراڭغۇلۇقتا تۇرالمايمەن... دېدى.
     
    - سەل تۇرۇپ سىرتمۇ قاراڭغۇ بولۇپ كېتىدۇ... 
     
    - ھەممە يەر قاراڭغۇ بولسا باشقا گېپىم يوق. ئەمما ھازىر سىرت يورۇق...
     
     
    ياش چىۋىن يەنە بىر قېتىم دېرىزىگە قاتتىق ئۈستى.
     
     
    ھازىرغىچە زۇۋان سۈرمىگەن بىر قېرى چىۋىن ئۇنىڭغا ئېچىندى:
    - ساڭا ئىچىم ئاغرىۋاتىدۇ، - دېدى ئۇ، - ئەينەكتىن ئۆتەلمەيدىغىنىڭنى بىلىپ تۇرۇپ، نېمىشقا يەنە ئۆزۈڭنى ئۇرىسەن؟
     
     
    ياش چىۋىن:
    - لېكىن ئۈمىدىم بار، - دېدى، - بىر ئۈمىدىم بار... سىرت يورۇقلا بولىدىكەن، بۇ ئۈمىدتىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيمەن.
    - قانچە ئۈمىد قىلساڭمۇ، تىركەشسەڭمۇ، ئۇ تەرەپكە ئۆتەلمەيسەن. بۇ مۇمكىن ئەمەس.
    - بىلىمەن، ئۆتكىلى بولمايدۇ... ئەمما بىر يولىنى تېپىپ ئۆتۈپ كېتەلىسەمچۇ؟
     
     
    قاتتىق ئاچچىقى كەلگەن قېرى:
    - مۇمكىن ئەمەس دەۋاتىمەن، ھۇ ئەخمەق!- دەپ ۋارقىرىدى. 
     
     
    ياش چىۋىن:
    - ئەمسىە، نۇر قانداق ئۆتتى ئەينەكتىن؟ - دەپ سورىدى.
    ئۇ قېرى چىۋىن:
    - كالۋا! چىۋىن دېگەن چىۋىن، نۇر دېگەن نۇر... ئۆزۈڭنى نۇر دەپ قالدىڭمۇ!...- دەپ ۋارقىرىدى.
     
     
    باشقا بىر مۇنچە تەجرىبىلىك چىۋىنلەرمۇ:
    - توغرا، نۇر ئۆتەلەيدۇ، ئەمما باشقا ھېچنەرسە ئۆتەلمەيدۇ، ئاۋازمۇ...- دېيىشتى. 
    - كارىم يوق... مەن قانداقلا بولمىسۇن شۇ يورۇقلۇققا بارىمەن.
     
     
    ئۇچۇپ كېتىۋېتىپ بۇلارنى ئېيتقاندىن كېيىن، شۇنداق تېز سۈرئەت بىلەن ئۆزىنى ئەينەككە ئۇردىكى، دېرىزە تەكچىسىگە چۈشۈپ كەتتى. ئۇ يەردە ئىنچىكە پۇتلىرى بىلەن بەدىنى ئۇۋۇلاپ، قاناتلىرىنى تۈزەشتۈرۈپ بىر ئاز ئەسلىگە كەلدى.
     
     
    ئاندىن يەنە ئۇچتى، يەنە ئۆزىنى ئۇردى.
     
     
    بىر قېرى چىۋىن:
    - ئاخىرقى قېتىم دەپ قوياي، - دېدى، - چىقالمايسەن. بىكار ئۆزۈڭنى نابۇت قىلما.
     
     
    ياش چىۋىن:
    - سىلەردەك مۇشۇ يەردە، مۇشۇ قاراڭغۇلۇقتا قاچان تاڭ ئاتاركىن دەپ مۈگىدەپ ئولتۇرايمۇ ئەمىسە؟ بۇنداق ھېچ ئىش قىلماي بىكار ئولتۇرغاندىن شۇ يورۇققا چىقىشنىڭ بىر يولىنى ئىزدەۋاتىمەن. ماڭا ئارىلاشماڭلار...
     
     
    قېرى چىۋىنلەر، بۇ مەغرۇر، جاھىل، گەپ ئاڭلىمايدىغان چىۋىنغا تەربىيە ئىشلەشتىن ۋاز كېچىشتى. بەزىلەر ئۇنى ئەخمەققە، يەنە بەزىلىرى ساراڭغا چىقىرىشتى. ئۈسسە ئۈسىۋەرسۇن، ئۆزىنىڭ بېشى ئاغرىيدۇ. ئۆزىگە ئۆزىنىڭ ئىچى ئاغرىمىسا بىز قانداق قىلايلى؟ بەرىبىر سەل تۇرۇپ قاراڭغۇ چۈشىدۇ، ئاندىن ئۇمۇ تىنچلىنىپ قالىدۇ...
     
     
    ياش، ئۈمىدۋار چىۋىن توختىماي دېرىزە سىرتىدىكى يورۇقلۇققا بېرىشنىڭ يولىنى ئىزدەيتتى. زېرىكمەيتتى، ئۈمىدسىزلەنمەيتتى. بىر چاغدا بايىقى بالا ئوچۇق قويۇپ قويغان كىتابقا قوندى. ھەممە نەرسىگە قىزىقىدىغان بۇ چىۋىن بۇرۇنلا خەت ئوقۇشنى ئۆگىنىۋالغانىدى. كىتابنىڭ ئوچۇق تۇرغان بېتىنى ئوقۇشقا باشلىدى. ئۇنىڭدا دەل نۇرنى چۈشەندۈرىۋاتاتتى. ئەمما بۇ كىتابتا نۇرنى باشقىچىرەك، قىزىقارلىق قىلىپ چۈشەندۈرگەنىدى: 
     
     
    «بىر مۈشۈكنىڭ قۇيرۇقىغا قاپاق باغلاپ قويۇلسا، مۈشۈك ئۆزىنىڭ قۇيرۇقىدىكى بۇ نەرسىنىڭ ئاۋازىدىن قورقۇپ قېچىشقا باشلايدۇ. بۇ مۈشۈك قېچىپ كېتىۋاتقاندا ئالدىنى بىر ئەينەك تام توسۇۋالدى دەيلى، بۇ ئەينەكنى چېقىۋەتمەي تۇرۇپ ئۆتۈپ كېتىشى ئۈچۈن بۇ مۈشۈك قانداق قىلىشى كېرەك؟»
     
     
    ئۇ بەتتە بۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بېرىلگەن ئىدى:
     
     
    ... مۈشۈك سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، تېزلىتىپ، نۇر تېزلىكىگە يەتكۈزەلىسە ئاندىن دېرىزىنى چاقماي ئۆتۈپ كېتەلەيدۇ. چۈنكى نۇر سېكۇنتىغا ئۈچ يۈز مىڭ كىلومېتىر سۈرئەتتە كەلگىنى ئۈچۈن ئەينەكتىن ئۆتۈپ كېتەلەيدۇ. ئەمما بىر مۈشۈكنىڭ دېرىزىنى چاقماي ئۆتۈپ كېتەلىشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ئۇ قانچە قىلسىمۇ نۇر تېزلىكىدە يۈگۈرەلمەيدۇ. بۇ پەقەتلا بىر خىيال...
     
     
    ياش چىۋىن تولىمۇ ھاياجانلاندى: دېمەك، نۇر تېزلىكىدە ئۇچالىسام ئۆتۈپ كېتەلەيمەن... ئۇ سىناشقا كىرىشتى.
     
     
    ئۇ تېز ئۇچۇش ئۈچۈن كەينىگە يېنىپ، يېنىپ، تا قارشى تامغا كەلدى، ۋە سۈرئىتىنى ئاشۇرۇپ ئۇچتى. ئۆزىنى ئۇردى. ئۆتەلمىدى. تېزلىك يېتەرلىك بولمىدى، دەپ ئويلىدى. قايتا تېخىمۇ تېز ئۇچۇپ ئۆزىنى ئۇردى... نۇرغۇن قېتىم سىنىدى. بىر قېتىم، ئاجايىب تېز سۈرئەت بىلەن ئۇچۇپ كېلىپ، ئۆزىنى ئەينەككە شۇنداق قاتتىق ئۇردىكى، دېرىزىگە چاپلىشىپلا قالدى. پۈتۈن بەدىنى ئېزىلىپ كەتتى. ئەينەك قان بىلەن بويالدى... ياش چىۋىن ئۆلدى.
     
     
    باشقا چىۋىنلەر ياش چىۋىننىڭ ئۆلۈكى ئەتراپىغا توپلاندى. ھازا تۇتۇشقا باشلىدى. بۇرۇنمۇ نۇرغۇن نۇرغۇن چىۋىنلەر ئۆلگەن، ئەمما ھېچقايسىسىغا بۇنىڭدەك قايغۇرۇشمىغان، بۇنىڭدەك يىغلاشمىغانىدى. بۇ چىۋىن باشقا ئىدى.
     
     
    چىۋىنلەر، ياش چىۋىننىڭ جەسىدى بېشىدا ئولتۇرۇپ، نۇتۇقلار سۆزلەشكە باشلىدى:
     
     
    - ئۇ، چىۋىنلەرنىڭ ئەڭ نوچىسى ئىدى. ھەممىمىز ئۈچۈن بىر چىقىش يولى ئىزدەش يولىدا قۇربان بولدى...
    - ئۇ، ئۈمدىۋارلىقنىڭ سىمۋولى ئىدى. بىزگە ئۈمد بېغىشلىغانىدى...
    - نېمىدىگەن بۈيۈك قۇربان بېرىش روھى! بىز ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىدى...
    - مۇمكىن بولمايدىغان ئىش يوقلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئۆلۈمنى بوينىغا ئالدى...
    - سەن بىزنىڭ قەلبىمىزدە مەڭگۈ ھايات...
    - سەن بىز چىۋىنلەرنىڭ تارىخىغا ئالتۇن قەلەم بىلەن يېزىلىسەن...
    - ...
     
     
    چىۋىنلەر يىغلىشاتتى، ياش چىۋىننىڭ جەسىدى بېشىدا ھۆرمەت بىلدۈرۈشۈپ سۈكۈتتە تۇرۇشتى.
     
     
    چىۋىنلەرنىڭ ئەڭ قېرىسى ۋە ئەڭ بىلىملىكى:
    - قەھرىمانىمىزنىڭ دېرىزىدىكى ئۆلۈكى شۇ يەردە بىر ئابىدە بولۇپ قالسۇن. چۈنكى ئۇ يورۇقلۇققا چىقىش ئۈچۈن جېنىنى بەردى... دېدى.
     
     
    باشقا بىر چىۋىنمۇ بۇ پىكىرنى تەكىتلىدى. نېمىدىگەن ياخشى پىكىر! چىۋىننىڭ ئۆلۈكى دېرىزىدە تۇرۇپ بىر دەمدىلا قۇرۇيدۇ، ئاندىن ئابىدە تەييار بولىدۇ...
     
    ئەڭ قېرى چىۋىن:
    - ئۇ بۇ يەردە مەڭگۈ ياشايدۇ، چىۋىنلەر ئۇنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايدۇ... دېدى.
     
     
    سىرتمۇ قاراڭغۇلۇققا چۆمدى. كېچە بولغانىدى. چىۋىنلەر مىدىرلىيالماي قېلىشىتى. بىر دەمدىن كېيىن ئۆينىڭ ئىگىلىرى ئىشتىن قايتىشتى. چىراقنى ياقتى. دېرىزىنىڭ پەردىلىرىنى يېپىۋاتقاندا ئۆلۈك چىۋىننى كۆرۈپ قالدى، ۋە ئۇنى ئېلىۋېتىپ، دېرىزىنى پاكىز سۈرتۈۋەتتى.
     
     
    چىۋىننىڭ ئۆلۈكىمۇ قالمىدى.
     
     
    قېرى چىۋىن توغرا ئېيتىدۇ: ياش چىۋىننىڭ ئابىدىسى مەڭگۈلۈك قالدى. "مەڭگۈ" دېگەن بۇ نەرسە جانلىقلارغا قاراپ ئوخشىاش بولمايدۇ: كېپىنەك ئۈچۈن ئۈچ سائەت بولسا ئىنسان ئۈچۈن ئوتتۇز مىڭ يىل. بىر چىۋىن ئۈچۈن بىر قانچە سائەت بولۇپ تۇرسۇن، نېمە يامىنى بار؟...
     
     
    ئابىدە تىكلەنگەن چىۋىن، چىۋىنلارنىڭ تارىخىغا بىر قەھرىمان بولۇپ يېزىلدى. ئەمما چىۋىنلەرنىڭ بەزىلىرى تېخىچە ئۇنى مۇمكىن بولمايدىغان بىر ئىش ئۈچۈن ئۆلگىنى ئۈچۈن، ئۇنىڭ يا بىر ساراڭ، ياكى بىر ئەخمەق ئىكەنلىكىنى سۆزلىشىدۇ.
     
     
    قايسىسى توغرا؟ بۇنىڭغا چىۋىنلەر ئۆزلىرى چۈشەنگىنى بويىچە قارار بېرىشىدۇ. ھازىرمۇ ئۇنىڭدەك تامدىن ئۆتۈپ كېتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلار، بۇ يولدا جېنىنى سېلىپ بېرىۋاتقانلارمۇ، بۇنىڭ بىر ئەخمەقلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى سۆزلەيدىغان، قاراڭغۇلۇقتا مۈگىدەپ ئولتۇرىدىغانلارمۇ بار. قايسى يولنى تاللاپ مېڭىشنى ھەر بىر چىۋىن ئۆزى تاللايدۇ. ئەمما شۇنىسى ئېنىق: چىۋىنلەرنىڭ تارىخىدا قاراڭغۇلۇققا رازى بولۇپ، مۈگىدەپ ئولتۇرغان ھېچبىر چىۋىنغا ئابىدە تىكلەنگەنلىكى يېزىلمىغان.
     
     
     
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.