بىر سۆزگە مىڭ دوللاردىن

يوللىغۇچى : Hechkim يوللىغان ۋاقىت : 2011-02-05 14:52:39

بىر سۆزگە مىڭ دوللاردىنلاۋرېنس بلوك (ئامېرىكا)مۇھەررىرنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ئۇۋارىس جۇكس بولۇپ، بويى ئېگىز، بارماقلىرى ئۇزۇن، چېكە چاچلىرى ئاقىرىشقا باشلىغان، بېقىشلىرى جىددىي كىشى ئىدى. ئۇ ئاد...

     

     

    بىر سۆزگە مىڭ دوللاردىن

    لاۋرېنس بلوك (ئامېرىكا)

     

    مۇھەررىرنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ئۇۋارىس جۇكس بولۇپ، بويى ئېگىز، بارماقلىرى ئۇزۇن، چېكە چاچلىرى ئاقىرىشقا باشلىغان، بېقىشلىرى جىددىي كىشى ئىدى. ئۇ ئادەتتىكىدەك كاستۇم-بۇرۇلكا كىيگەن ھالدا ئۈستەل كەينىدە ئولتۇراتتى. ترېۋاتېن ئۇنىڭ ئالدىدا خۇددى ھازىرلا ئۇۋىسىدىن چىققان ئېيىقتەك پەيدا بولدى.

     

    - ئولتۇر. - دېدى جۇكس، - سېنى پات-پات كۆرۈپ تۇرغىنىمدىن خۇرسەنمەن. ئەمدى «يېڭى ھېكايە ئېلىپ كەلدىم» دېمە. ساڭا ھەيران قالىمەن. ھېكايىنى خۇددى دەرەخنى سىلكىپ تېرىۋالغاندەك ناھايىتى تېز ئېلىپ كېلىسەن. ئىلھامنى قەيەردىن ئالىسەن؟ مېنىڭچە بۇنداق سوئاللارغا جاۋاب بېرىۋېرىپ، چارچىغان بولساڭ كېرەك.

     

    ترېۋاتېن ھەقىقەتەن چارچىغانىدى. ئەمما، بۇ چارچاش بىر خىل سوئالغا جاۋاب بېرىۋېرىش سەۋەبىدىن ئەمەس ئىدى.

    - ياق، يېڭى ھېكايە يازمىدىم.

    - ئەجەبا...؟

    - سەن بىلەن ئاخىرقىسى ھەققىدە سۆزلەشكىلى كەلدىم.

    - تۈنۈگۈن كەچ بۇ ھەقتە تېلىفوندا سۆزلەشكەنىدۇققۇ، - جۇكسنىڭ چىرايىدا ھەيرانلىق ئىپادىسى پەيدا بولدى، - ھېكايەڭنىڭ ياققانلىقىنى، ژۇرنىلىمىزدا ئېلان قىلىدىغىنىمنى ئېيتقانىدىم. نامى نېمىدى؟ قانداقتۇر سۆز ئويۇنى ئىدى، ئېسىمدىن چىقىپ قاپتۇ...

    - «سىرتماقتىكى جىنايەتچى» - ئەسلەتتى ترېۋاتېن.

    - ھە، ھە... ئاجايىب سەرلەۋھە، ياخشى سۇژىت ۋە ماھىرانە ئىپادە. مەسىلە نېمىدە؟

    - پۇلدا، - دېدى ترېۋاتېن.

    - پۇل كېرەك بولۇپ قالدىمۇ؟ - جىلمايدى مۇھەررىر، - ياخشى، بۈگۈنلا يېزىپ بېرىمەن، كېلەر ھەپتىنىڭ بېشىدا قەلەم ھەققىڭنى ئالىسەن. ئەپسۇسكى، بۇندىن ئارتۇق ياردەم بېرەلمەيمەن.

    - مەن پۇلنىڭ قاچان تېگىدىغانلىقىنى دېمىدىم، - دېدى ترېۋاتېن، - مىقدارىنى دەۋاتىمەن. ھېكايەم ئۈچۈن قانچىلىك ھەق بېرىدىكەن؟

    - ھەر دائىمقىدەك. ھەجىمى قانچىلىك ئىدى؟ ئۈچ مىڭ خەت كېلەرمۇ؟

    - ئۈچ يېرىم مىڭ.

    - دېمەك، بىر خېتىگە بەش سېنتتىن ئۈچ يېرىم مىڭ خەت دېگەن... بىر يۈز يەتمىش بەش دوللار بولىدۇ، شۇنداقمۇ؟

    - ھەئە.

    - كېلەر ھەپتىنىڭ بېشىدا شۇ پۇلنىڭ چېكىنى ئالىسەن. ئەگەر خالىساڭ، چەك مېنىڭ قولۇمغا تېگىشى بىلەن ساڭا تېلىفون قىلىپ قويىمەن. پوچتىخانا ئارقىلىق ئۆيۈڭگە بارغىچە ئىكى، ئۈچ كۈن كۈتۈپ ئولتۇرمايسەن.

    - بۇ بەك ئاز...

    - چۈشەنمىدىم.

    - ھەقنى دەۋاتىمەن، - بۇ سۆز ترېۋاتېننىڭ ئاغزىدىن تەستە چىقتى. شۇڭا كېيىنكى سۆزلەر ئاغزىدىن ئاسانلىق بىلەن چىقتى، - ماڭا كۆپرەك بېرىشىڭ كېرەك. بىر خەت ئۈچۈن بەش سېنت... ئاخىر، بۇ ئېغىزغا ئالغۇسىز پۇلغۇ...

    - بىزنىڭ بېرەلەيدىغىنىمىز شۇنچىلىك. دائىم شۇنداق بېرىپ كەلگەنمىز.

    - توغرا.

    - ئۇنداقتا نېمىدىن نارازى بولۇۋاتىسەن؟

    - سىلەرگە قاچاندىن بېرى ھېكايە يېزىپ بېرىۋاتىمەن؟

    - بىر نەچچە يىلدىن بېرى.

    - يىگىرمە يىلدىن بېرى.

    - ئەجەبا؟

    - ئۆتكەن ئايدا ساڭا بىرىنچى ھېكايەمنى بەرگەن ۋاقتىمغا قەدەر يىگىرمە يىل بولدى. ئۇ ھېكايەم ئىككى مىڭ ئىككى يۈز خەتلىك ئىدى. ماڭا بىر يۈز ئون دوللار بەرگەنىدىڭ.

    - نېمە، يامانمۇ؟

    - مەن يىگىرمە يىلدىن بېرى يېزىپ كېلىۋاتىمەن ھەم يىگىرمە يىل ئىلگىرى قانچىلىك ئالغان بولسام، ھازىرمۇ شۇنچىلىك ئېلىۋاتىمەن. ھەممە نەرسىنىڭ باھاسى ئۆسۈپ كەتتى. مېنىڭ ھەققىم ئۆزگەرمەي كېلىۋاتىدۇ. بىرىنچى ھېكايەمنى يازغىنىمدا بىر خەت ئۈچۈن ئالغان بەش سېنتقا شاكىلات سېتىۋېلىشىم مۇمكىن ئىدى. سەن شاكىلات سېتىۋالمىغىلى قانچىلىك ۋاقىت بولدى؟

    - ئەگەر شاكىلات يېسەم سەمىرىپ كېتىمەن.

    - قارىسام، ھازىر شاكىلات قىرىق سېنت تۇرىدۇ. ئوتتۇز بەش سېنتلىقلىرىمۇ بار. مەن بولسام ھېلىمۇ بىر خېتىمگە بەش سېنت ئېلىۋاتىمەن. شاكىلاتنى قويۇپ تۇرايلىمۇ؟...

    - مەيلى.

    - ئەمدى ژۇرنال ھەققىدە گەپلىشىمىز. يىگىرمە يىل بۇرۇن ژۇرنال كىتاپ دۇكانلىرىدا قانچە پۇل ئىدى؟

    - ئاداشمىسام، ئوتتۇز بەش سېنت ئىدى.

    - ئادىشىۋاتىسەن. يىگىرمە ئىككى سېنت. ئوتتۇز بەش سېنتقا ئالتە ئايدىن كېيىن چىققان. كېيىن ئەللىك، ئاتمىش، يەتمىش بەش بولدى. ھازىر قانچە پۇل؟

    - بىر دوللار.

    - سەن بولساڭ ئاپتورلارغا ھېلىھەم بىر خەت ئۈچۈن بەش سېنتتىن بېرىۋاتىسەن. سەندە ۋىجدان بارمۇ؟

     

    جۇكس ئېغىر ئۇھ تارتتى. ئۈستەلگە جەينىكىنى تىرەپ، ئالىقانلىرىنى جۈپلىدى.

    - جىم، سەن بىر ئىشنى ئۇنتۇپ كېلىۋاتىسەن. ژۇرنال ھازىر بۇنىڭدىن يىگىرمە يىل بۇرۇنقىچىلىك پايدا كەلتۈرمەيۋاتىدۇ. ساڭا دېسەم، شۇ ۋاقىتتىكىدىنمۇ ئاز. قەغەز باھاسىنىڭ قانچىلىك ئۆسۈپ كەتكىنىنى بىلەمسەن؟ قەغەز بىلەن شاكىلاتنى سېلىشتۇرىدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ نەرخى ئۆزگەرمىگەن دېيىش مۇمكىن. باسما ھەققى، تارقىتىش خىراجەتلىرىچۇ تېخى؟ ساڭا ئاڭلاشقا خۇشياقمايدىغان باشقا چىقىملار... سەن بىر ژۇرنالنىڭ بىر دوللار ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ بىزنى پۇلغا كۆمۈلۈپ كېتىۋاتىدۇ، دەپ ئويلايسەن. ئەسلىدە ئۇنداق ئەمەس. يىگىرمە يىل بۇرۇن ياخشىراق ئىدى. كىرىم كۆپ ئىدى...

    - لېكىن بىر نەرسىنىڭ، ئەڭ ئاساسلىق نەرسىنىڭ نەرخى ئۆزگەرمىدى.

    - نېمىنىڭ؟

    - ژۇرنالنىڭ مەزمۇنى ئۈچۈن سەن بېرىۋاتقان پۇللارنىڭ. ئوقۇرمەنلەر سەندىن سېتىۋالغان نەرسىنىڭ - ھېكايىلەرنىڭ، سۇژىت ۋە پېرسوناژلارنىڭ، دىئالوگلارنىڭ، سۆزلەرنىڭ. ئۇلار ئۈچۈن سەن بۇنىڭدىن يىگىرمە يىل بۇرۇن قانچىلىك ھەق بەرگەن بولساڭ، ھازىرمۇ شۇنچىلىك بېرىۋاتىسەن. بۇ ساھەدىكى خىراجەتلىرىڭ بىر سېنتمۇ ئاشقىنى يوق.

     

    جۇكس قەلەمنى ئېلىپ ئايلاندۇرۇشقا باشلىدى. ترېۋاتېن ئۆزىنىڭ ئائىلە خىراجەتلىرى -- كىيىم-كېچەك، ئوزۇق-تۈلۈك... ھەققىدە سۆزلەپ كەتتى. بىر چاغدا ئۇ جىم بولغاندىن كېيىن، جۇكس سۆز ئالدى.

    - تەلەپ ھەم تەكلىپ، جىم...

    - نېمە، نېمە؟

    - تەلەپ ۋە تەكلىپ دەۋاتىمەن. مەن ئۈچۈن ژۇرنالغا ئەسەر تېپىش قىيىن دەپ ئويلامسەن؟ مانا بۇ قول يازمىلارنى كۆرۈۋاتامسەن؟ بۇلارنىڭ ھەممىسى بۈگۈن كەلگەن. ئوندىن تۇققۇزى ھېكايە ھەۋەسكارلىرى تەرىپىدىن يېزىلغان. ئۇلار ئىجادىيەت مېۋىسىنىڭ ژۇرنالدا چىقىشى ئۈچۈن قەلەم ھەققىدىن ۋاز كېچىشكە، ھەتتا ھەق تۆلەشكە تەييار. قالغان ئون پىرسەنت ھېكايە ماھارەتلىك قەلەمكەشلەرنىڭ، ئەمما ئۇلار ھەر بىر سۆزى ئۈچۈن بەش سېنتتىن بەرگىنىمگىمۇ خۇرسەن بولۇشىدۇ. قول يازمىلىرىنى قولىغا قايتۇرمىغىنىمغا شۈكۈر قىلشىدۇ. سەن بولساڭ، جىم... نېمىلا ئېلىپ كەلسەڭ ئېلىۋاتىمەن. ماڭا ھېكايىلىرىڭ ياقىدۇ، ئەمما، بۇ ئاساسلىق سەۋەب ئەمەس. سەن بىز بىلەن يىگىرمە يىلدىن بۇيان ھەمكارلىشىۋاتىسەن. بىز قەدىردانلىرىمىزنى ئەزىزلەيمىز. سەن قەلەم ھەققىنى ئاشۇرۇشۇمنى ئۈمىد قىلىۋاتىسەن، ئەمما بۇنىڭ ئىلاجى يوق. بىز ھېچكىمگە ھەر بىر خەت ئۈچۈن بەش سېنتتىن ئارتۇق تۆلىمەيمىز. بىرىنچىدىن، خىراجەتنى كۆپەيتىشكە يول قويالمايمىز. ئىككىنچىدىن، ئاپتورلارغا كۆپ پۇل تۆلەشكە زۆرۈرىيەتمۇ يوق. قەلەم ھەققىنى كۆپەيتىشكە قارىغاندا، ھېكايەڭنى قايتۇرۇپ بەرگىنىم ئاسانراق، باشقا ئىلاجىم يوق.

     

    ترېۋاتېن جىم بولۇپ قالدى. ئۇ يەنە سوئال سوراشنى ئويلىدى. مەسىلەن، مۇھەررىرنىڭ ئايلىقى قانچە ھەسسە ئاشتى... دېگەندەك. ئەمما پايدىسى يوق ئىدى. ئۇنىڭ ئالدىدا ئىككى يول بار ئىدى: يەنە بۇرۇنقىدەك ھەر بىر خەت ئۈچۈن بەش سېنتتىن يېزىش ياكى پۈتۈنلەي يازماسلىق. جۇكس تالاش-تارتىشقا چېكىت قويدى:

    - جىم، بوغالتىرغا قەلەم ھەققىڭنى يازدۇرۇۋېتەيمۇ ياكى «سىرتماقتىكى جىنايەتچى»نى قايتۇرۇپ ئېلىپ كېتەمسەن؟

    - ئېلىپ كېتىپ نېمە قىلارمەن... مەيلى، ھەر بىر خەت ئۈچۈن بەش سېنتتىن ئالىمەن.

    - ئەگەر كۆپرەك بېرىشكە ئىمكان بولغىنىدا ئىدى...

    - چۈشىنىمەن.

    - مالىيە ئەھۋالىمىز تازا ياخشى ئەمەس. ئەگەر ئاپتورلارغا قەلەم ھەققىنى كۆپرەك بېرىدىغان بولساق، ژۇرنال ئاللىقاچان توختاپ كەتكەن بولاتتى. كۆپرەك پۇل تاپقىلى بولىدىغان باشقا ژانېرلارمۇ بارغۇ؟...

    - مەن يىگىرمە يىلدىن بۇيان قىسقا ھېكايە يېزىۋاتىمەن. باشقىسى قولۇمدىن كەلمەيدۇ. مېنىڭمۇ بۇ ساھەدە ئۆزۈمگە يارىشا ئابرويۇم بار...

    - ئەلۋەتتە. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قېتىم ھېكايە ئېلىپ كەلگىنىڭدە سۆيۈنىمەن. بۇ ژۇرنالنىڭ باش مۇھەررىرى مەنلا بولىدىكەنمەن، سېنىڭ ھەر بىر ھېكايەڭنى ئىشلىتىمەن.

    - ھەر بىر خەتكە بەش سېنتتىن بېرىپمۇ؟

    - ئەمدى...

    - بىلىمەن، ھەممىسى ساڭا باغلىق ئەمەس. پەقەت قەدرىمگە ئېچىنىمەن.

    - سەن ئېيتتىڭ، مەن چۈشەندۈردۈم، - جۇكس ئورنىدىن تۇردى، - قالغىنىنى ئۆزۈڭ بىلىسەن. ئۆيۈڭگە بېرىپ بىرەر نەرسە ياز. مەن ساڭا چەك يېزىپ بېرىمەن. كىرىمنى كۆپەيتىشنىڭ يولى بار. مەھسۇلاتىڭنى ئاشۇر، كۆپرەك ئىجاد قىل.

    - ياخشى پىكىر، - بېشىنى لىڭشىتتى ترېۋاتېن.

     

    ترېۋاتېن ئۆيىگە قايتىپ ماشىنكا ئالدىدا ئولتۇردى ۋە ئاپئاق ۋاراققا قارىدى. بىر ئورام قەغەزنىڭ نەرخى يىلىغا بىر دوللاردىن ئېشىپ بارماقتا، ئەمما يازغان ھەر بىر خېتى ئۈچۈن پەقەت بەش سېنتتىن بېرىشىدۇ...

     

    جۇكس يېزىقچىلىق دائىرىسىنى كېڭەيتىش ھەققىدە مەسلىھەت بەردى. بۇ ئېيتىشقا ئاسان. ئۇ ئىلگىرىمۇ بۇنىڭغا ھەرىكەت قىلىپ كۆرگەنىدى. ئەمما پەقەت قىسقا ھېكايە يېزىش قولىدىن كېلەتتى، خالاس. ئۇ رومان يېزىشقا ئۇرۇنۇپ كۆردى، ئەمما يېرىمىغا كەلگەندە پىغانى ئۆرلىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىر خەت ئۈچۈن بەش سېنتتىن ئارتۇق پۇل ئالالمايدىغانلىقى ھەققىدىكى پىكىردىن ئۇنىڭ كۆڭلى ئاينىيتتى.

     

    ئۇنىڭغا قانچىلىك ھەق بېرىشى كېرەك؟

     

    ئەگەر بىر خېتىمگە يىگىرمە سېنتتىن بەرگەن بولسا، ئۇ بۇندىن يىگىرمە يىل بۇرۇن قەلەم ھەققىگە قانچە شاكىلات سېتىۋالغان بولسا، ھازىرمۇ شۇنچىلىك سېتىۋالغان بولاتتى. يىگىرمە يىللىق ئىجادكار سۈپىتىدە ئۇ بۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك پۇل ئېلىشقا ئەرزىيدۇ. ئېيتايلى، بىر دوللاردىن، ئەمما مىقدارى ئالتە خانىلىق رەقەم بىلەن يېزىلىدىغان قەلەم ھەققى ئالىدىغان يازغۇچىلارمۇ بار.

     

    «بىر خەتكە مىڭ دوللاردىن...»

     

    بۇ پىكىر ئۇنىڭ مېڭىسىدە چاقماقتەك چېقىلدى ۋە بارماقلىرى ئىختىيارسىز شۇ سۆزلەرنى يازدى. ئاندىن ئۇ ۋاراقتىكى سۆزلەرگە تىكىلىپ قارىدى.

     

    «بىر خەتكە مىڭ دوللاردىن...»

     

    نېمە دەپ ئۇ بىر خەت ئۈچۈن مىڭ دوللاردىن ئالالمايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئۆزىنى باشقا ساھەدە سىناپ كۆرمەيدۇ؟

     

    نېمە ئۈچۈن؟

     

    ئۇ ۋاراقنى ماشىنكىدىن چىقىرىۋالدى. پۈرلەپ ئەخلەت چېلىكىگە تاشلىدى. ئاپئاق ۋاراقنى ئالدىغا قويۇپ، ئۇنىڭغا ئۇزۇن تىكىلىپ تۇردى، ئويلاندى. ئاخىرى يېزىشنى باشلىدى.

     

    ترېۋاتېن ھېكايىلىرىنى كەمدىن-كەم ھاللاردا قايتا يازاتتى. بىر خەتكە بەش سېنتتىن ھەق ئالغىنى ئۈچۈن بۇنىڭغا ئۈلگۈرمەيتتى. بۇنىڭدىن باشقا مۇھەررىر بىلەن بولغان سۆھبەتمۇ ئۇنى چارچاتتى. ئەمما ھازىر ئۇ باشقىچە ھالەتتە ئىدى. بىر نەچچە سۆز يېزىلغان ۋاراقلار ئارقا-ئارقىدىن ئەخلەت چېلىكىگە تاشلاندى.

     

    تۆتىنچى ياكى بەشىنچى قېتىم يازغىنى بولسا كېرەك، ئۇنى ئوقۇپ كۆرگەندىن كېيىن، قەغەزنى ماشىنكىدىن چىقىرىپ، يەنە بىر قېتىم ئوقۇدى. «ناھايىتى ياخشى، - دېدى ئۇ ئىچىدە، - بىرمۇ ئارتۇقچە سۆز يوق.»

     

    ئۇ تېلىفوننى ئېلىپ جۇكسنىڭ نومۇرىنى باستى.

    - ئۇۋارىن، مەسلىھەتىڭگە ئەمەل قىلدىم.

    - يەنە بىر ھېكايە يازدىڭمۇ؟ خۇشالمەن.

    - ياق. ئۆزۈمنى باشقا ساھەدە سىناپ كۆرمەكچىمەن.

    - بارىكاللا. مېنىڭچە، بۇ سېنىڭ قولۇڭدىن كېلىدۇ. چوڭراق نەرسىگە كىرىشتىڭمۇ؟ رومانمۇ؟

    - ياق، ئىنتايىن قىسقا.

    - ياخشى چىقتىمۇ؟

    - ئەلۋەتتە. ھەر بىر خەتكە مىڭ دوللاردىن ئېلىشنى نىشانلاۋاتىمەن.

    - مىڭ... - ئۇۋارىن قاقاقلاپ كۈلدى، - نېمە دېمەكچى بولغىنىڭنى چۈشەنمىدىم، لېكىن ئامەت تىلەيمەن. ھەزىل تۇيغۇسىنى يوقاتمىغىنىڭدىن خۇرسەنمەن.

     

    ترېۋاتېن يەنە قەغەزدىكى خەتكە قارىدى.

     

    «يېنىمدا تاپانچا بار. مەرھەمەت قىلىپ، مانا بۇ خالتىغا ئون، يىگىرمە ۋە ئەللىك دوللارلىق پۇللاردىن جەمئىي ئوتتۇز مىڭ دوللارنى قاچىلاڭ. ئەكسىچە بولسا پېشانىڭىزدىن تۆشۈك ئېچىپ قويۇشۇمغا توغرا كېلىدۇ. مەن چاقچاق قىلىۋاتقىنىم يوق.»

     

    - ھەئە، مەن ھەزىل تۇيغۇسىنى يوقاتقىنىم يوق، - دېدى ئۇ ئۆزىگە ئۆزى، - قانداق يازما ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن، ئۇۋارېن؟ ئىشخاناڭغا يېتىپ بارغۇچە كۈلىمەن.

     

    شىنجاڭ  ياشلىرى  2010.11

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.