بېرلىننى مۇھاسىرىگە ئېلىش-(فرانسىيە) داۋدېت

يوللىغۇچى : mehrigul يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-19 15:47:20

بېرلىننى مۇھاسىرىگە ئېلىش داۋدېت(فرانسىيە) ئالىمجان تاھىر تەرجىمىسىۋېخ دوختۇر ئىككىمىز قويۇق دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇرغان چامپې -ئېلسېس كوچىسىدا كېتىۋاتاتتۇق. توپ ئوقىدا ئۆتمىتۆشۈك بولۇپ كەت...



     


                          بېرلىننى مۇھاسىرىگە ئېلىش
                                داۋدېت(فرانسىيە)
                             ئالىمجان تاھىر تەرجىمىسى 
    ۋېخ دوختۇر ئىككىمىز قويۇق دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇرغان چامپې -ئېلسېس كوچىسىدا كېتىۋاتاتتۇق. توپ ئوقىدا ئۆتمىتۆشۈك بولۇپ كەتكەن ئىمارەەتلەر، ئوڭغۇل -دوڭغۇل پىيادىلەر يولى پارىژنىڭ مۇھاسىرىدە قالغان چاغلىرىنى ئەسلىتىپ تۇراتتى. بىز چولپانلار يولىغا كەلگەندە دوختۇر توختاپ :
    -ئاۋۇ ئۆينى كۆردىڭىزمۇ؟-دېدى زەپەر دەرۋازىسى ئۆپچۆرىسىگە سېلىنغان ھەشەمەتلىك بىنالارنىڭ بىرىنى كۆرسىتىپ، -ئكتكەن يىلقى ئاۋغۇست ئېيىنىڭ بېشىدا سەكتە بولۇپ قالغان بىر كېسەلنى داۋالىدىم. كېسەل ناپولېئون ئىمپېرىيىسى دەۋرىدىكى پولكوۋنىك روف بولۇپ، شەرەپ ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك قارىشى تولىمۇ قاتمال ئادەم ئىكەن. ئۇرۇش باشلىنىش بىلەنلا ئۇ چامپې -ئېلسېس كوچىسىدىكى ئاشۇ بالكونلۇق ئۆيگە كۆچۈپ كىرىۋاپتۇ. نېمىشقا دېمەمسىز؟ئەسلىدە ئۇ قوشۇنىمىزنىڭ زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرمەكچىكەن... بىچارە بوۋاي! ۋېسسېمبۇرگ○1قەلئەسىنىڭ قولدىن كەتكەنلىك خەۋرى كەلگەندە تاماق ئۈستىلىدىن قوپۇشقا تەمشىلىۋاتقانىكەن. ئۇ ئۇرۇش خەۋەرلىرى بېرىلگەن گېزىتتىن ناپولېئوننىڭ نامىنى كۆرۈپ چاقماق سوققاندەكلا ئارقىسىغا ئۇچۇپ كېتىپتۇ.
    مەن يېتىپ بارغاندا بۇ قېرى پولكوۋنىك گىلەمدە ئوڭدىسىغا يېتىپتىكەن، يۈزى قىپقىزىل، چىراي ئىپادىسىنى بىلگەىلى بولمايتتى. بوۋات ناھايىتى بەستلىك، بەش ئەزاسى بېجىرىم، سەدەپتەك چىرايلىق ئىدى، بۈدۈر چاچلىرى ئۇچتەك ئاقارغان، يېشى سەكسەنگە ئۇلاشقىنى بىلەن ئاتمىش ياشتەك كۆرۈنەتتى... قىز نەۋرىسى يېنىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ يىغلاپ ئېقىپ كېتىپتۇ. قىز بوۋىسىغا بەك ئوىشايتتى. ناۋادا، ئۇلارنى بىر قېلىپتىن چىققان ئىككى دانە گرېتسىيە تىللاسى دېسەك، بىرى پارقىراقلىقىنى يوقاتقان كونا تەڭگە، يەنە بىرى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان يېڭى تەڭگە ئىدى.
    قىزنىڭ يىغىسى ماڭىمۇ تەسىر قىلدى. قىزنىڭ دادىسى مارشال ماك ماخوننىڭ ○2باش شىتانىدا ۋەزىپە ئۆتەيدىكەن، كۆز ئالدىدا ياتقان بوۋىسىنىڭ ھالىتى ئۇنىڭغا ئالدىنقى سەپكە كەتكەن دادىسىنى ئەسلەتكەن چېغى. مەن ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىش بىلەن ئاۋارە، ئەمما كۆڭلۇمدە سان يوق ئىدى. يېشى سەكسەنگە ئۇلاشقان كىشىنىڭ پارالىچ كېسىلىنى داۋالاپ ساقايتىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى... ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق بولدى. بوۋاي ئۈچ كۈن ھوشسىز ياتتى... مۇشۇ بىر قانچە كۈندە بىز رېيشخوففن○3 ئۇرۇشىدا يېڭلىلدۇق. خەۋەرنىڭ قانداق تارقالغانلىقى  ئېسىڭىزدە... ئاشۇ كۈنى كەچقۇرۇنغا قەدەر ئۇرۇشتا غەلبە قازاندۇق، پرۇسسىيىنىڭ يىگىرمە مىڭ ئەسكىرىنى يوقاتتۇق، ۋەلىئەھدىسىنى ئەسىر ئالدۇق دەپ يۈردۇق... مۆجىزىمكىنتاڭ، بىلەلمىدىم، غەلبە تەنتەنىسى بۇ بىچارە بوۋاينىڭمۇ نېرۋىسىنى غىدىقلىغان بولسا كېرەك، شۇ كۈنى كارىۋات يېنىغا كېلىپ كۆزۈمگە ئىشەنمەي قالدىم، بوۋاينىڭ كۆزلىرى نۇرلىنىپ، تىلى گەپكە كەلگەنىدى. ئۇ ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرىدى، ھەتتا دۇدۇقلاپ :
    -غە... غەلبە قىلدۇق!-دېدى.
    -شۇنداق، پولكوۋنىك، بىز غەلبە قىلدۇق!
    مەن مارشال ماك ماخوننىڭ غەلبىسىنى توختىماي سۆزلەپ بېررىۋاتقىنىمدا، ئۇنىڭ قاپىقى ئېچىلىپ، چىرايىغا كۈلكە يۈگۈردى.
    ئۆيدىن چىقسام قىز ئىشىك ئالدىدا مېنى ساقلاپ تۇرغانىكەن، چىرايى سۇلغۇن، ئۆكسۈپ يىغلاۋاتاتتى. مەن ئۇنىڭ قوللىرىنى مەھكەم سىقىپ تۇرۇپ، تەسەللىي ئارىلاش:
    -بوۋىڭىز خەتەرلىك باسقۇچتىن ئۆتۈپ كەتتى، -دېدىم.
    بىچارە قىز ئۈندىمىدى. شۇ ئارىدا رېيشخوففىن ئۇرۇشىنىڭ ھەققىي ئەھۋالى ئېلان قىلىندى. مارشال ماك ماخون قېچىپ كەتكەن، قوشۇنىمىز تارمار بولغانىدى. ئىككىمىز بىر -بىرىمىزگە ھاڭۋېقىپ قاراپ قالدۇق. چۈنكى، قىز دادىدىن ئەندىشە قىلسا، مەن بوۋاينىڭ كېسىلىدىن غەم يەۋاتاتتىم. شۈبىھسىزكى، بوۋاي بۇ زەربىگە بەرداشلىق بېرەلمەيتتى... ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق؟ئۇنى خۇش قىلىش، ئۇنىڭغا ھاياتلىق بەخش ئېتىدىغان غەلبە خەۋىرىنىلا يەتكۈزۈش كېرەك... ئەمما، بۇنىڭ ئۈچۈن يالغانچىلىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ...
    -ياخشىسى، يالغان خەۋەرنى ئۇنىڭغا مەن ئېيتاي، -قىز شۇنداق دېدى ۋە كۆز يېشىنى سۈرتۈپ، چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ بوۋاينىڭ خانىسىغا كىرىپ كەتتى.
    ئۇنىڭ زىممىسىدىكى يۈك ئېغىر ئىدى. دەسلەپكى بىر قانچە كۈن ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ئۆتتى. چۈنكى، بوۋاينىڭ كاللىسى دېگەندەك سەگەك ئەمەس ئىدى، ھەر ھالدا ئالدىغىلى بولاتتى. لېكىن، ئەسلىگە كېلىشىگە ئەگىشىپ زېھنىمۇ بارا-بارا ئېچىلدى. ئەمدى ئىككى تەرەپنىڭ قوشۇننىڭ پائالىيتىنى ئېنىق بايان قىلىشقا، ھەر كۈنلۈك ئەھۋالىنى ئويدۇرۇپ چىقىشقا توغرا كەلدى. بوۋاينىڭ نەۋرىسىگە ئادەمنىڭ ئىچى ئاغرىيتتى، ئۇ كېچە-كۈندۈز گېرمانىيە ئاتلىسى ئالدىدا مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ، كىچىك بايراقلارنى ئۇياندىن بۇياندىن يۆتكەپ زور بىر ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلاتتى، تۇرۇپ مارشال بازاين○4 قوشۇنىنى بېرلىنغا يۈرۈش قىدۇرسا، تۇرۇپ گېنرال فروشا○5 قوشۇنىنى باۋارىيىگ○6 ئاتلاندۇراتتى. يەنە بىردەم مارشال ماك ماخون قوشۇنىنى بالتىق دېڭىزى رايونىغا يولغا سالاتتى. چاندۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن ھەر ۋاقىت، مەندىن مەسلىھەت ئالاتتى، چاممىنىڭ يېتىشىچە ياردەم قىلاتتىم. ئويدۇرما ئۇرۇشتا يەنىلا بوۋاينىڭ بىزگە كۆپ ياردىمى تېگەتتى. بىلەمسىزكىن، پولكوۋنىك روف ناپولېئون ئىمپېرىيىسى دەۋرىدە گېرمانىيىدە كۆپ يىل ئۇرۇش قىلغاچقا، دۈشمەننىڭ ھەر قېتىملىق ھەربىي ھەرىكىتىنى ئالدىن بىلۋالاتتى... دەرۋەقە، ئۇنىڭ مۆلچىرى پۈتۈنلەي توغرا چىقاتتى، بۇ غەلبىلەردىن ئۇنىڭ بىر ئاز كۆرەڭلىشى ئېنىق ئىدى.
    ئەپسۇس، بىز نۇرغۇن شەھەرلەرنى ئىشغال قىلغان، كۆپ قېتىم غەلبىلىك ئۇرۇشلارنى قىلغان بولساقمۇ، ئۇ يەنىلا قانائەت قىلمايتتى...
    -دوختۇر، بىز ماينتزنى○7 قولغا ئالدۇق!-دەيتتى قىز چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرۈتۈپ. ئۇنىڭ سۆزىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيلا ئۆي ئىچىدىن بوۋاينىڭ شادلىققا تولغان ئاۋازى كېلەتتى:
    -ناھايىتى ياخشى، ناھايىتى ياخشى... سەككىز كۈندە بېرلىنغا يېتىپ بارىمىز!
    ئەمەلىيەتتە پرۇسسىيە قوشۇننىڭ پارىژغا يېتىپ كېلىشىگە سەككىز كۈنلا قالغانىدى... دەسلەپتە بىز بوۋاينى چەت ئۆلكىگە يۆتكەشنى ئويلاشقانىدۇق. بىراق، بوسۇغىدىن چىقساقلا ھەممە مانا مەن دەپلا مەلۇم بولاتتى، شۇڭا ئۇ نىيىتىمىزدىن ياندۇق.
    پارىژ قورشاۋدا قالغان كۈنى ئاۋۋالقىدەكلا بوۋاينىڭ قېشىغا باردىم. ئېسىمدە قېلىشچە، شۇ كۈنى ئىچىمنى بىر خىل ئەنسىزلىك چۇلغىۋالغانىدى. ئەينى چاغدا پارىژنىڭ ھەممە دەرۋازىلىرى تاقالغان، دۈشمەن قىستاپ كەلگەن بولۇپ، كىشلەر ساراسىمگە چۈشكەنىدى. ئۆيگە كىرىشىمگىلا كارىۋاتتا ئولتۇرغان بوۋاي ئېغىز ئاچتى:
    -ئويلىغىنىمدەك شەھەر ئاخىر مۇھەسسىرىگە ئېلىندى.
    -نېمە، پولكوۋنىك سىزمۇ خەۋەر تاپتىڭىزمۇ؟-سورىدىم قۇلىقىمغا ئىشەنمەي.
    -شۇنداق، دۇختۇر... بۇ خوش خەۋەر!بېرلىننى مۇھاسىرىگە ئېلىش باشلاندى!-قىز شۇنداق دېگىنىچە يىڭنە ئىشىنى قىلىۋەردى، ھەركىتى شۇنداق تەمكىن ئىدى... بۇۋاي قانداقمۇ گۇمانلانسۇن؟ئۇ توپ ئوقلىرىنىڭ قۇلاقنى يارغۇدەك ئاۋازىنى ئاڭلىيالمايتتى، پاراكەندىچىلىك قاپلىغان بەخىتسىز پارىژ شەھرىنىڭ ھازىرقى قىياپىتىنى كۆرەلمەيتتى. ئۇ كارىۋىتىدا ئولتۇرۇپ زەپەر دەرۋازىسىنىڭ بىر بۇرجىكىنىلا كۆرەلەيتتى. بوۋاي ئۆينىڭ ھەممىلا يېرىدە كۆز چىلىقىدىغان ناپولىئون دەۋرىدىكى بۇيۇملارغا قاراپ شېرىن خىياللارغا غەرق بولاتتى. ناپولېئون دەۋرىدىكى ماشاللارنىڭ رەسىملىرىنى، ئۇرۇش تەسۋىرلەنگەن ياغاچ ئويمىلار، رىم پادىشاھىنىڭ○8 بالىلىق چېغىدىكى رەسىمى:مىستىن نەقىشلەنگەن كات ئۈستىگە ئىمپېرىيىنىڭ تەۋەررۈكلىرى -ئىزناك، مىس ھەيكەل، تېگىگە ساينت خېلېن ئارىلىدىن○9كەلتۈرۈلگەن تاش قويۇلغان يۇمىلاق سائەت، يەنە تېخى بىر ئايالنىڭ رەسىملىرى تىزىلغانىدى. رەسىمدىكى خانىمنىڭ چاچلىرى بۈدۈر، قاش-كۆزلىرى تولىمۇ كېلىشكەن، مەرتىۋىلىكلىكى چىقىپ تۇراتتى. ئايالنىڭ ئۇچىسىدا يېڭى كەڭ، يېڭىنىڭ ئۇچى تار كۆڭلەك بار ئىدى، دېمەك كات، رىم پادىشاھى، مارشاللار، ھېلىقى بەللىرى بىر تۇتام نازۇك خانىم... قاتارلىقلار بوۋاينىڭ غەلبە ئىشەنچىسى ۋە بويسۇندۇرۇش ئىرادىسىنى چىڭىتقانىدى، بۇلار بىزنىڭ ئاق كۆڭۈل پولكوۋنىكقا ئېيتقان يالغان سۆزلىرىمىزدىن زىيادە قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە ئىدى.
      شۇ كۈندىن باشلاپ ھەربىي ھەركىتىمىز زور كۈلەمدە ئازايدى، بېرلىننى ئېلىش ۋاقىت مەسىلىسىلا ئىدى. ئارىدىن خېلى كۈنلەر ئۆتكەندە، ئېنىقراقى، بوۋاينىڭ تاقىتىتاق بولغاندا، ئۇنىڭغا ئوغلىدىن كەلگەن خەتنىئوقۇپ بېرەتتۇق، ئەلۋەتتە، خەتنى ئۆزىمىز يازاتتۇق. چۈنكى، پارىژمۇھاسىرىدە، سېداندىكى ○10مەغلۇبىيەتتىن كېيىن مارشال ماكماخوننىڭ شىتابى ئەسىرگە چۈشۈپ    ، گېرمانىيەدىكى مەلۇم ئارالغا قامالغانىدى. قىز دادىسىنىڭ ئەسىرىگە چۈشۈپ قالغانلىقىدىن باشقا ھېچ نەرسىدىن خەۋەرسىز ئىدى.  بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن نېمىدېگەن ئازاپ ھە!دادىسى بارلىقىدىن مەھرۇم بولدى، بەلكىن ئاغرىپ قالغاندۇ؟ئەمما قىزچۇ؟ئۇ تېخى خۇشاللىققا تولغان خەتلەرنى يېزىشقا مەجبۇر. خەت ناھايىتى قىسقا يىزىلاتتى، گاھىدا قىز خەت يازمىغاچقا، بىر قانچە ھەپتە خەت كەلمەيتتى، بوۋاي خەتكە تەلمۈرۈپ گاھىدا كۆزىگە ئۇيقۇ كەلمەيتتى. شۇنىڭ بىلەن گىرمانىيەدىن تىزلا بىر پارچە خەت تاپشۇرۋالاتتۇق. قىز كارىۋات بىشىغا كېلىپ چىرايىدا تەبەسسۇم، كۆز يىشىنى زورىغا بىسىپ خەتنى بوۋايغا ئوقۇپ بېرەتتى، بوۋاي زەن قۇيۇپ تىڭشايتتى. تۇرۇپ بىر نىمىنى ھىس قىلغاندەك كۈلۈمسىرىسە، تۇرۇپ باش لىڭشىتىپ قۇياتتى، تەنقىدىي پىكىر بېرەتتى، يەنە تېخى خەتتىكى ئېنىق بولمىغان جايلارنى تۈزىتەتتى. ئوغلىغا يازغان جاۋاب خېتىدە ئۇنىڭ ئالىيجانابلىقى ئىپادىلىنەتتى. بوۋاي:"ئۆزەڭنىڭ فىرانسوزلىقىنى ئۇنتىما... ئۇ بىچارىلەرگە كەڭ قۇرساق بول، بىزنى ئىشغالىيەتچى قوشۇن دەپ قالمىسۇن.. "دەيتتى. خەت خۇسۇسىي مۈلۈكنى قوغداش دەمدۇ، ئاياللارنى ھۈرمەتلەش دەمدۇ، ئەيتاۋۇر تۈگىمەس نەسىھەتكە تولاتتى. ئىشقىلىپ بويسۇندۇرغۇچى قوشۇن ئۈچۈن تەييارلانغان زۆرۈر قوللانما ھىسابلىناتتى. خەتكە يەنە ئۆزىنىڭ قارىشى، سۈلھى ھەققىدىكى شەرتلىرىنى قوشۇپ قوياتتى. بوۋاينىڭ شەرتلىرىنى ئىغىر دېگىلى بولمايتتى. :"ئۇ ئۇرۇش چىقىمىدىن باشقىسىنىڭ كېرىكى يوق... ئۇلارنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىۋالغاندەك پايدىسى نېمە؟گېرمانىيىنى فىرانسىيەگە ئايلاندۇرالامدۇق؟... "دەيتتى.
      شۇ سۆزلەرنى بوۋاي ناھايىتى كەسكىن ئېيتاتتى، ئۇنىڭ ئالىيجاناپ ۋەتەنپەرۋەرلىكى ھەر قانداق كىشىگە تەسىر قىلماي قالمايتتى.
      شۇ كۈنلەردە مۇھاسىرە كۈنسېرى تارايدى، مۇھاسىرىدە قالغان پارىژ ئىدى!...  بۇ دەل قارا قىش بولۇپ، توپ ئوقىنىڭ ئاۋازى ئۈزۈلمەيتتى، شەھەردە يۇقۇملۇق كېسەل تارقالغان، قەھەتچىلىك يۈز بەرگەنىدى... ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئېلىپ تۇرغاچقا، بوۋاينىڭ خاتىرجەملىكى بوزۇلمىدى، ئەڭ جاپالىق كۈنلەردىمۇ بوۋايغا ئاق ئۇن بولكىسى ۋە گۆش تىپىپ بەردۇق. بۇ يىمەكلىكلەرنى بوۋايلا يەيتتى، ئەلۋەتتە. سىز بوۋاينىڭ غىزالىنىۋاتقان چاغدىكى قىياپىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ يېتەلمەيسىز، ئۇ سىرتتا يۈز بەرگەن ئىشلاردىن بىخەۋەر ئىدى، كارىۋاتتا ئولتۇرۇپ مەيدىسىگە سافلىتكا تارتىپ مەززە بىلەن غىزالىناتتى، مەڭزى ئاناردەك قىزارغان، چىھرىدىن كۈلكە ئۆچمەيتتى. ئوزۇقلۇق يىتىشمەسلىكتىن جۈدەپ كەتكەن نەۋرىسى كارىۋات گىرۋىكىدە ئولتۇرۇپ ئۇنىڭغا شورپا ئىچۈرەتتى، باشقىلار يېيەلمەيدىغان ياخشى يىمەكلىكلەرنى يېگۈزەتتى. تاماقتىن كېيىن بوۋاي روھلىنىپ كېتەتتى، سىرتتىكى سوغۇق شامال، قار ئۇچقۇنلىرى بوۋايغا شىمالدا ئۆزى قاتناشقان ئۇرۇشلارنى ئەسلىتەتتى، ئېختىيارسىز روسىيىدىن چېكىنىىش ○11ئۇرۇشىنى يەنە سۆزلەپ كېتەتتى. ئەينى چاغدا ئۇلارنىڭ پېچىنە ۋە ئات گۆشىلا بار ئىكەن.
    -بۇنى ھېس قىلالامسەن، شاكىچىك؟بىز ئات گۆشىلا يەيتتۇق.
    ئەمەلىيەتتە قىزچاق ئىككى ئايدىن بۇيان ئات گۆشىدىن باشقا نەرسە يەپ باقمىغانىدى... بوۋاينىڭ سالامەتلىكىنىڭ ياخشىلىنىشى بىلەن ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىمىز تېخىمۇ تەسكە چۈشتى. بۇرۇن ئۇنىڭ ئىنكاسى ئاستا ئىدى، ھەرىكەت قىلمايتتى، شۇڭا ئۇنى ئەيۋەشكە كەلتۈرۈش ئاسان ئىدى. ئەمدى ئۇنداق قىلغىلى بولماي قالدى. سىرتتىكى زەمبىرەك ئاۋازى ئۇنى ئىككى -ئۈچ قېتىم چۆچۈتۈۋەتتى. بوۋاي قۇلاقلىرىنى دىڭ تۇتۇپ سىرتتىكى ئاۋازغا زەن سالاتتى. بىز بولساق گېنرال بازاين بېرلىندا ھەل قىلغۇچ غەلبىگە ئېرىشتى، ھېلراقتا مەجرۇھ ھەربىيلەر ساناتورىيىسى توپ ئېتىپ غەلبىنى تەبرىكلىدى، دېەەندەك گەپلەر بىلەن ئۇنى ئالدايتتۇق. بىر كۈنى، بوۋاينى دېرىزە يېنىغا يۆتكىۋالدۇق، ئېسىمدە قېلىشچە ئۇ بۇسۋال○12 ئۇرۇشى يۈز بەرگەن پەيشەنبە ئىدى، ئۇ پەسكە قاراپلا چامپې-ئېلسېس كوچىسىغا يىغىلغان مىللىي گۋاردىينى كۆرۈپ قالدى.
    -بۇ قايسى قوشۇن؟كىيىنىشى نېمە دېگەن رەتسىز؟-بوۋاينىڭ رەنجىگەنلىكى چىقىپ تۇراتتى.
    بوۋاي قايتا ئرغىز ئاچمىدى. بۇ ئىش بىزگە بۇنىڭدىن كېيىن تولىمۇ ئېھتىيات قىلمىساق بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ قويدى. ئەپسۇس يەنىلا چاندۇرۇپ قويدۇق.
    بىر كۈنى كەچقۇرۇن بوۋاينىڭ ئۆيىگە كىرشىمگىلا قىزچاق ئۆڭسۈلى يوق ئالدىمغا چىقىپ :
    -ئەتە ئۇلار شەھەرگە كىردىكەن، -دېدى.
    بوۋاينىڭ خانىسىنىڭ ئىشىكى ئوچۇقمۇ ياكى يېپىقمۇ بىلمىدىم، ئىشقىلىپ بوۋاينىڭ شۇ كۈنى كەچتىكى ئىپادىسى ھېلھەم يادىمدا. بەلكىم، ئۇ بىزنىڭ سۆزلىرىمىزنى ئاڭلىغاندۇ. ئەمما، بىزنىڭ دېيشىكىنىمىز پرۇسسيە ئارمىيىسى، ئاق كۆڭۈل بوۋاينىڭ ئويلىغىنى فرانسىيە ئارمىيسى ئىدى. ئۇ تۆت كۆز ى بىلەن كۈتكەن غەلبە تەنتەنىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ، مارشال ماك ماخون دەستە-دەستە گۈللەرنى قوبۇل قىلىپ، ھەربىي ئوركېستىر ياڭراتقان مۇزىكا ساداسى ئىچىدە چامپې-ئېلسېس كوچىسىنى بويلاپ كېلىدۇ. ئوغلۇم مارشال بىلەن ياندىشىپ ماڭىدۇ، ئۆزۈم ھەربىي فورمامنى كىيىپ بالكونغا چىقىپ روۋكس بازىرىدىكىدەك ○13ئوق تېگىپ ئۆتمەتۆشۈك بولۇپ كەتكەن دۆلەت بايرىقى ۋە ئىس-تۈتەكتە قارىداپ كەتكەن بۈركۈت سۈرەتلىك بايراققا ئېھتىرام بىلدۈرىمەن، دەپ ئويلايتتى.
    ھەي، بىچارە بوۋاي!ئۇ بىزنى چوقۇم ئۆزىنى غەلىبە نامايىشىغا قاتناشتۇرمايدۇ، دەپ ئويلىدى، چۈنكى بىز دائىم ئۇنىڭغا زىيادە ھاياجانماسلىقنى ئەسكەرتەتتۇق. بوۋاي ھېچقايسىمىزغا بۇ توغرۇلۇق ئېغىز ئاچمىدى. لېكىن، ئەتىسى ئەتىگەندە پرۇسسىيە ئارمىيسى مايو دەرۋازىسىدىن جىرولى سارىيىغا تۇتاشقان يولنى بويلاپ ئىلگىرلەۋاتقاندا، ھېلقى دېرىزە ئاستا-ئاستا ئېچىلىپ، پولكوۋنىك روف بېشىغا قالپاق كىيگەن، بېلىگە قىلىچ ئاسقان، ئۇچىسىغا مىلخوردنىڭ ○14قول ئاستىدىكى پېشقەدەم ئاتلىق ئەسكەرلەر كىيىدىغان شەرەپلىك ھەم قەدىمىي ھەربىي فورما كىيگەن ھالدا بالكوندا پەيدا بولدى. قانداق ئىرادە قانداق غايىبانە كۈچ ئۇنى ئۆرە تۇرغۇزغانلىقى، كىيىملىرىنى شۇنداق رەتلىك كىيىشكە تۈرتكە بولغانلىقى ھازىرغا قەدەر ماڭا قاراڭغۇ. بوۋاي بالكوننىڭ سالاسونى كەينىدە ئۆرە تۇراتتى، ئۇ كوچىدا ئادەملەرنىڭ شالاڭلىقى، جىمجىتلىقىدىن ھەيران بولدى. ئۆيلەرنىڭ دېرىزىلىرى ھىم يېپىلغان، پارىژ شەھىرى ئېغىر سۈكۈتكە چۆمگەنىدى. كوچا -كويلارغا قىزىل كرېست بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن ئاق بايراق ئېسىلغان بولۇپ تولىمۇ غەلىتە كۆرۈنەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە قوشۇنىمىزنى قارشى ئالىدىغان بىرمۇ ئادەم كۆرۈنمەيتتى.
    شۇ تاپتا بوۋاي <خاتالاشتىممۇ قانداق ؟>دېگەننى خىيال قىلدى.
            زەپەر دەرۋازىسى تەرەپتىن چۈشىىنىكسىز ۋاراڭ -چۇرۇڭ كۆتۇرۇلدى. قۇياش ئەمدىلا چىققانىدى، قارا فورما كىيگەن قوشۇن ئاستا-ئاستا ئىلگىرلىمەكتە... كۈن نۇرىدا قالپىقى ئۈستىدىكى قۇببىسى يالتىرايتتى، يارنىڭ مىس دۇمبىقىنىڭ ئاۋازى ياڭرايتتى. زەپەر دەرۋازىسى ئالدىدا شوبىرتنىڭ○15غەلبە مارشىغا كەلتۇرۈپ ماڭغان قەدەم ئاۋازى ۋە قېلىچلارنىڭ بىر-بىرىگە يېنىك تەڭكەش قىلىپ ئۇرۇلغان ئاۋازى ئۈزۈلمەيتتى...
          تۇيۇقسىز سۈكۈتكە چۆمگەن مەيداندا بوۋاينىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازى،  ئېنىقراقى ئېچىنىشلىق ئاۋازى ياڭرىدى:
          -تېز... تېز قورال ئەكىلىڭلار... پرۇسسىيىلىكلەر...
          شۇ دەقىقىدە، سەپ ئالدىدىكى  تۆت پرۇسسىيىلىك ئاتلىق ئەسكەر بالكوندىكى بوۋاينىڭ قول پۇلاڭلىۋاتقانلىقىنى كۆردى، ئارقىدىن بوۋاي سەنتۈرۈلۈپ يىقىلدى، بۇ قېتىم پولكوۋنىك روف قايتا تۇرالمىدى.
    (خەنزۇچە "چەت ئەل ھېكايىلىرىدىن بەھرىلىنىش لۇغىتى"ناملىق كىتابتىن ئېلىندى)
    ئىزاھلار:
    ①فرانسىيىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى شەھەر، پرۇسسىيە-فرانسىيە ئۇرۇش مەزگىلىدە -1870-يىل 8-ئاينىڭ 7-كۈنى فرانسىيىنىڭ بىر دېۋىزىيسى مۇشۇ جايدا پرۇسسىيە تەرىپىدىن يوقتىلغان.
    ②ماك ماخون (1808-1893)فرانسىيە مارشالى، رېيشخوففېن ئۇرۇشىدا مەغلۇن بولغاندىن كېيىن سېدان ئۇرۇشىدا يارىلانغان. 1873-1879يىلىغىچە فرانسىيە زۇڭتۇڭى بولغان.
    ③رېيىن دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا توغرا كېلىدۇ، 1870-8-ئاينىڭ6-كۈنى، فرانسىيە-پرۇسسىيە ئارمىيسى مۇشۇ جايدا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلغان، فرانسىيە قوشۇنى مەغلۇب بولغان.
    ④بازاين_(1807-1875)فرانسىيە مارشالى، فرانسىيە-پرۇسسىيە ئۇرۇشىدا قابىليەتسىزلىكىنى ئاشكارلىغان، دۈشمەنگە تەسلىم بولۇپ ۋەتەن ساتقۇچلۇق قىلغان، كېيىن ھەربىي سوتقا تارتىلغان.
    ⑤فروشا(1807-1875)فرانسىيە گېنرالى فرانسىيە-پرۇسسىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە فورباغ ئۇرۇشىدا مەغلۇب بولغان.
    ⑥گېرمانىيە فېدراتسىيىدىنىڭ بىر شىتاتى
    ⑦باۋارىيە شىتاتىدىكى بىر شەھەر
    ⑧ناپولېئوننىڭ ئوغلى، تۇغۇلىشى بىلەنلا ئىتالىيە پادىشاھى دەپ جاكارلانغان.
    ⑨ئاتلانتىك ئوكياندىكى بىر ئارال، ناپولېئون يۈز كۈنلۈك سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن تا ۋاپات بولغانغا قەدەر مەزكۇر ئارالغا قامالغان. (1815-1821)
    ⑩ناپولېئوننىڭ 1812-يىلىدىكى روسىيىنى بويسۇندۇرۇش ئۇرۇشىدا مەغلۇب بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
    ○11پارژنىڭ شەرقىي شىمالىي، 1870-يىل 1-ئاينىڭ 9-كۈنى فرانسىيە-پرۇسسىيە قوشۇنى بۇ جايدا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلغان، فرانسىيە قوشۇنى مەغلۇب بولۇپ، ناپولېئون Ⅲ ئەسىرگە چۈشكەن.
    ○12پارژنىڭ شەھەر سىرتىدىكى بىر قەلئە، 1871-يىل 1-ئاينىڭ 9-كۈنىفرانسىيە قوشۇنى بۇ جايدا دۈشمەنگە كۈچلۇك قارشىلىق كۆرسەتكەن.
    ○13گېرمانىيە شەھىرى، 1813-يىلى ناپولېئون بۇ جايدا روسىيە-پرۇسسىيە  بىرلەشمە ئارمىيىسىنى مەغلۇب قىلغان.
    ○14مىلفورد (1768-1833) ناپولېئوننىڭ قول ئاستىدىكى داڭلىق گېنرال.
    ○15شوبېرت (1797-1828) ئاۋسترىيلىك مۇزىكانت.

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.