تامام، داۋامى يوق!

يوللىغۇچى : Arifbeg يوللىغان ۋاقىت : 2011-06-12 22:11:31

تامام، داۋامى يوق!(ھېكايە)سەئىد ئەھمەد [ئۆزبېكىستان] تەرجىمان:ئارىفبەگئەر-خوتۇن بەختىيار ئىدى.خوتۇن لامپۇچكىغا بالىسىنىڭ پايپىقىنى كىيدۈرۈپ قويۇپ ياماقچىلىق قىلىۋاتاتتى.ئەر سۇپىدا سۇنايلىنىپ ب...



     تامام، داۋامى يوق!
    (ھېكايە)
    سەئىد ئەھمەد [ئۆزبېكىستان] تەرجىمان: ئارىفبەگ

    ئەر-خوتۇن بەختىيار ئىدى.
    خوتۇن لامپۇچكىغا بالىسىنىڭ پايپىقىنى كىيدۈرۈپ قويۇپ ياماقچىلىق قىلىۋاتاتتى.ئەر سۇپىدا سۇنايلىنىپ بەھوزۇر مۈگدەپ ياتاتتى. خوتۇن ئېرىنىڭ مۈگدەشلىرىنى يوق قىلماق بولۇپ بىرەر گەپ ئويلاپ تاپماق بولدى-يۇ، خىيالىغا ھېچ بىر گەپ كەلمىدى. ئۇ ئويلاپ-ئويلاپ ئاخىر بىر گەپ تاپقاندەك بولدى.
    ـــــ ھوي دادىسى، نېمانچە مۈگدەيسىز؟ ئەركەكلەردەك مانداق قىزىق-قىزىق گەپلەرنى قىلىپ كۈلدۈرسىڭىزچۇ!
    ئەر بىر كۆزىنى ئاران-ماران ئېچىپ ئەسنىدى-دە، ئىشىك غىچىلدىغانغا ئوخشاش غەلىتىلا بىر ئاۋازدا غۇدۇرىدى:
    ـــــ ھە، قىز بولامىدىڭكى...
    ئۇ يەنە كۆزىنى يۇمدى.
    ـــــ ئالدىرىماڭ، ئالدىرىماڭ! كۆزىڭىزنى ئېچىڭ. مۇبادا ئون سەككىز ياشلاردىكى يىگىت بولغان بولسىڭىز نېمە قىلاتتىڭىز؟ يەنە ماڭا ئۆيلىنەرمىدىڭىز؟
    ئەرنىڭ بېشى قاتقاندەك جايىدىن قوزغالدى ۋە ئېرىنچەكلىك بىلەن سۇپىدا ئۆرە بولۇپ بەداشقان قۇرۇپ ئولتۇردى، لەۋلىرىنىڭ بۈرجىكىدە ھىجايدى.
    ـــــ بۇ مەسىلىنى ئوبدانراق ئويلاشماي بولمايدۇ، قېنى شۇ ئون سەككىز ياشلىقىم قايتىپ كەلسۇنچۇ، نېمە قىلىشىمنى ئۆزۈم بىلىمەن، ناۋادا راستىنلا شۇنداق بولىدىغان بولسا ئۆزۈم بىلىمەنكى، ھەرگىز ساڭا ئۆيلەنمەيمەن، بەلكىم زادىلا ئۆيلەنمەسلىكىممۇ مۇمكىن.
    ئەرنىڭ بىردىنلا پەيلاسوپلىقى تۇتۇپ كەتتى.
    ــــــ ئەگەر ئىنسان بالىسىغا ئىككى قېتىم ياشاش ئىمكانىيىتى بېرىلسە، نۇرغۇن خاتا ئىشلار توغرا بولۇپ كەتكەن بولارىدى، مانا، ئۆپكەمنىڭ ساقلىقى قالمىدى، بۇ نېمە ئۈچۈن؟ تاماكا چەككەنلىكتىن. بىرىنچىدىن شۇ شورى قۇرغۇرنى چەكمەيتتىم. ئاشقازىنىمنىڭ ھالىمۇ چاغلىق، بۇ نېمەدىن؟ ئىچكۈلۈكتىن. ئىككىنچىدىن شۇ ھاراق دېگەن ئۆلگۈرنى ئىچمەيتتىم. كۆرۈپ تۇرۇۋاتىسەن، ئاچچىقىم بەك يامان، مىجەزىم ئوسال، بۇنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيسەن-دە بىلمەيسەن، ساڭا ئېيتسام، بۇ سېنىڭ جەبرى-زۇلمىڭدىن. ئون سەككىز ياشقا قايتىپ قالسام، بىرىنچى قىلىدىغان ئىشىم ساڭا ئۆيلەنمەسلىك. ناۋادا ساڭا ئۆيلەنگىدەك بولۇپ بولسام، ساڭا قويىدىغان شەرتلەرنى دەپتەرگە ئېرىنمەي يېزىپ چىققان بولاتتىم. مەسىلەن شۇنداق شەرتلەر بولغان بولاتتى:« دەزمال سېلىشنى بىلەمسىز جانىم؟ پىياز توغرىغان پىچاقتا قوغۇن تىلمايدىغانسىز تاتلىقىم؟ تۈگمە تۆشۈكىنىڭ نەدىلىكىنى بىلەمسىز ئومىقىم؟ تېلېفون تۇرۇپكىسى قۇلىقىڭىزدىن قانچە ۋاقتتا ئاجرايدۇ شېكىرىم؟ ئۇلاق چاچنى ئۆيدىمۇ تاقاپ يۈرمەمسىز گۈزىلىم؟ بىرەر جايغا مېھمانغا بارىدىغان بولساق تېزراق كىيىنىش قولىڭىزدىن كېلەمدۇ دىلبىرىم؟ ئۆيگە مېھمان كەلسە ھەممىدىن بۇرۇن تۆرگە چىقىۋېلىپ ئىشنى ماڭا تاشلاپ قويمايدىغانسىز ئاپپىقىم؟ ياققان نانلىرىڭىزدىن قىل چىقمايدىغاندۇ پاكىزىم؟ يىغىندىن، ياق-ياق، ئىشتىن كەچ كەلگىنىمدە كاستۇمىمنىڭ ياقىسىنى پۇراپ باقمايدىغانسىز جىگىرىم؟ خۇلاسىكى، مېنى تىنچ-قويامسىز-يوقمۇ؟ ...» مانا شۇ شەتلەرگە كۆنسەڭ ساڭا ئۆيلىنەتتىم، بولمىسا كىمگە ئۆيلىنىشنى ئۆزۈمگە قويۇپ بەر...
    خوتۇن خەندان ئۇرۇپ كۈلدى. ئۇنىڭ بۇ كۈلكىسىگە ئەلەم ۋە زەھەرخەندىلىك ئارىلىشىپ كەتكەندەك قىلاتتى، ئەرنىڭ تىلى يەنە جىمىرلىدى:
    ـــــ خوش، ئەمدى سەن دەپباقچۇ، ناۋادا پەلەكنىڭ گەردىشى ئايلىنىپ سەن ئون سەككىز ياشلاردىكى قىز بولۇپ قالساڭ يەنە ماڭا تېگەرمىدىڭ؟ بىلىمەن، ئەلۋەتتە ماڭا تېگەتتىڭ، ماڭا ئوخشاش تەييار ئەر، مەندەك تېپىلغۇسىز ئەرنى ئالەم بوشلۇقىدىنمۇ، يەر يۈزىدىنمۇ تاپالمايسەن.
    ئەمدى خوتۇننىڭ تىلى ئۇسسۇلشغا چۈشتى:
    ـــــ مۇبادا ئاتوم بومبىسىنى بىر مۈرەمگە، ۋودورود بومبىسىنى بىر مۈرەمگە ئېسىپ قويۇپ ماۋۇ ساتىمخوجاغا تەگمىسەڭ ھازىرلا پارتلىتىۋېتىمەن، دېسە پارتلىتىۋەرگىنە، شۇندىلا جېنىم ئارام تاپىدۇ، دېگەن بولاتتىم.
      ئەرنىڭ كۆزلىرى يۇپ-يۇمۇلاق بولۇپ پىلدىرلاپ چەكچىيىپلا كەتتى ۋە چىدىيالماي قىمىرلاپ سالغىنىنىمۇ تۇيماي قالدى.
    ـــــ ئەگەر ياخشىچىلىقچە ئانىڭغا تېگەمسەن؟ دەپ سوراشسا نەق مەيداندىلا ئالتە ئادەمنى گۇۋاھ قىلىپ ئۈچ توم كىتابقا سىغقىدەك شەرتلەرنى ئالدىڭىزغا تىزىۋەتكەن بولاتتىم. شەرتلەرىم شۇنداق بولاتتى: «سىڭلىڭىزغا مېنى يامانلامسىز؟ باغچىلاردا ئىچكۈلۈكبازلىق قىلغاندا ئۆز بالىڭىزنى قالدۇرۇپ باشقىلارنىڭ بالىسىنى يېتىلەپ كېلەمسىز؟ تاماكا كۈلىنى گىلەمگە تاشلامسىز؟ ئۆچكە گۆشى بىلەن قوي گۆشىنى پەرقلەندۈرەلەمسىز؟ تۇغقانلىرىم مېھمانغا كەلگەندە تۆرگە چىقىپ لاپچىيىپ ئولتۇرۇۋالمايدىغانسىز؟ مەست بولۇپ قالغاندا مېنى تونۇماي ئۆزۈمنى ئۆزۈمگە يامانلىمايدىغانسىز؟ چىش چوتكىڭىز بىلەن ئايىقىڭىزنى تازىلىمايدىغانسىز؟ سەككىزىنچى مارتنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسىز؟ يىغىندىن كەچ كەلگىنىڭىزدە چۆنتىكىڭىزدىن ئىككى تال كىنو بېلىتى چىقمايدىغاندۇ؟ مائاش ئالغاندا پايپاققا پۇل قىستۇرۇۋالمايدىغانسىز؟ مەنسىز مېھمانغا بارغىنىڭىزدا گالىستۇكىڭىزنى پەس مايماق ساڭگىلىتىپ تاڭ ئاتاي دېگەندە كەلمەيدىغانسىز؟ ...»
    ئەر «ۋايداد» دەپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. خوتۇن يەنە داۋام قىلماقچىدى، ئەر قوللىرىنى كۆسىگە قويۇپ «تۆۋە قىلدىم» دېگەندەك غەلىتە كۆزلىرى بىلەن تەلمۈردى. ئەمما خوتۇن بوش كەلمىدى. ئاخىر ئەر تىزلىنىپ خوتۇنىنىڭ ئېتەكلىرىنى سۆيدى.
    ـــــ جېنىم خوتۇن، ئۆرگىلەي خوتۇن، ئەمدى بولدى قىل. ئون سەككىز ياشقا قايتىپ بارمايلا ئۆلەي. ۋاي ... بۇ ... ئىچىڭدە شۇنچىلىك دەردىڭ بارمىدى؟ قوي ئەمدى، كەچقۇرۇن يىغىنغا بارىدىغان ئادەممەن، كەيپىمنى بۇزما.
    خوتۇن ئىككى قولىنى بېلىگە تىرەپ ئېڭىشتى:
    ـــــ نېمە؟ بۈگۈن دېگەن دەم ئېلىش كۈنى، قانداق يىغىنكەن – ئۇ؟
    ئەر نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي كۆزلىرىنى پىلدىرلىتىپ تۇرۇپلا قالدى.
    (تامام، داۋامى يوق)

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.