ھاياتلىقتىكى ئەزگۈ سوئاللار-گېئورگى ستوككېر(ئامېرىكا)

يوللىغۇچى : yesimen يوللىغان ۋاقىت : 2009-02-28 11:50:00

تۆۋەندىكى سوئاللار ھاياتىمىزنى رەھىمدىللىققا ، پەم ـ پاراسەتكە، رەڭدارلىققا ئىگە قىلغۇسى! سىز بۇ سوئاللارغا ئاشكارا جاۋاپ بېرىڭ ، مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن بۇ سوئاللارنىڭ ئۆلچەملىك جاۋابى بىلەن...

    تۆۋەندىكى سوئاللار ھاياتىمىزنى رەھىمدىللىققا ، پەم ـ پاراسەتكە، رەڭدارلىققا ئىگە قىلغۇسى! سىز بۇ سوئاللارغا ئاشكارا جاۋاپ بېرىڭ ، مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن بۇ سوئاللارنىڭ ئۆلچەملىك جاۋابى بىلەن بىللەن خاتا جاۋاپ ئىگىسىنىڭ پىسىخكىسىغا بېرىلگەن باھا ۋە بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرى ئىنكاس سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.

     1 . سۆيۇملۇك ئادىمىڭىزنى دەپ، ئەل ـ ئاغىنە، ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرىڭىزدىن ۋاز كىچىپ، يىراق ھەم ناتۇنۇش جايغا بېرىشنى جالامسىز؟

     2. ھاياتىڭىزدا مۇزىكا، يېزىقچىلىق، سەنئەت، سودا، سىياسىي، تېبابەتچىلىك كەسىپلىرىدىن پەقەت بىرىگىلا ئۆزىڭىزنى بېغىشلاپ، ئۇنىڭدىن شانلىق مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئىھتىماللىقى بولسا ، قايسى كەسپنى تاللايسىز؟ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئىھتىماللىقى پەقەت 10 پىرسەنت بولسا، سىز بۇ يولدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالامسىز؟

     3. 30يېشىڭىزدا يەنە60يىل ياشاش ئىمكانىيتى يار بەرسە، كېيىنكى كۈنلەردە 30يېشىڭىزدىكى بەدەن شەكلىڭىزنى ساقلاپ قېلىشنى خالامسىز ياكى 30يېشىڭىزدىكى روھىڭىزنىمۇ؟

     4. ئەگەر بەش يىل ئىچىدە، ئالىي دەرىجىلىك ئاشپەز، ئۇستا شوپۇر، قابىل غوجىدار، ئۇۋىلاش ئۇستىسى ۋە كۆيۇمچان كاتىپ قاتارلىقلارنىڭ ھەقسىز مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇش بىرنى تاللاشقا توغرا كەلسە، قايسىنى تاللايسىز؟

     5. ئەگەر قانچە ئۇزۇن ماڭغۇڭىىز بولسا، شۇنچە ئۇزۇنغا ماڭالىسىڭىز، بىر يىلدىن كېيىن قايتىپ كېلەلىسىڭىز ھەمدە بۇ جەرياندا نۇرغۇن پايدىلىق تەجىربىلەرگە ئىگە بولسىڭىز، بىراق ماددىي مەنپەئەتكە ئېرىشىشەلمىسىڭىز، بۇ يولدا مېڭىشنى خالامسىز؟ ئەگەر سەپىرىڭىزدە ھاياتىڭىز خەۋىپكە ئۇچىراش ئېتىماللىقى بولسىچۇ؟

     6. بىر كۈنى سەھەردە ئويغانغاندا، ئۆزىڭىزدە ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغان كۈچ ـ قۇۋەت ۋە ماددىي بايلىققا ئىگە بولسىڭىز، بۇ ئارقىلىق نىمىگە ئېرىشىشىنى ئويلايسىز؟

     7. ئەگەر سىزگە دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر جاينى ھەقسىز ساياھەت قىلىش پۇرسىتى كەلسە، بۇنىڭ ئۈچۈن بىر تال كېپىنەكنىڭ قانىتىنى يۇلۇۋىتىشنى، بىرتال سۈۋەرەكنى دەسسەپ ئۆلتۇرىۋىتىشنى خالامسىز؟

     8. ئەگەر رىماتىزىمنى داۋالايدىغان دورا بازارغا سېلىنىپ، ئۇنى ئىشلەتكەنلەرنىڭ بىر پىرسەنتىدە ئىغىر ئەگەشمە كېسەللىك پەيدا قىلسا، بۇخىل دورىنى ئومۇملاشتۇرامسىز؟

     9. ئەگەر چىرايىڭىز ئىنتايىن سەتلەشتۇرۇپ1000 يىللىق ئۆمۇر كۇرۇش پۇرسىتى كەلسە، شۇنچە ئۇزۇن ئۆمۇر كۈرۈشنى خالامسىز؟

     10. جۆرىڭىزنىڭ سىزدىن ئەقىللىق سىزدىن جازىبىدار بولۇشنى خالامسىز؟

     11. قۇشغانىغا بېرىپ كالا سويۇشنى خالامسىز؟ كالاگۆشى يىيىشنىچۇ؟

     12. سىزنىڭچە قايسى جنىس ئەڭ ئەۋزەللىككە ئېگە؟ سىز يات جىنىسقا ئايلىنىشنى خالامسىز؟ ئەڭ ئېغىر روھىي ئازاپنى تەسەۋۋۇر قىلالامسىز؟  جىسمانى زەخمىگە ئۇچىراش بۇنىڭ سىرتىدا.

     13. ئەمەلگە ئاشقان ئەڭ گۈزەل چۈشىڭىز قايسى، ئەڭ قاباھەتلىك چۇشىڭىزچۇ؟

     14. سىز ئەڭ چۇقۇنىدىغان كىشى كىم؟ ئۇ كىشى قايسى جەھەتتە سىزگە ئەڭ چوڭ مەدەت بولدى؟

    15. ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ شانلىق مۇۋەپپەقيەتڭىز قايسى؟ سىزنىڭ مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تېگىشلىك قانداق تەرەپلىرىڭىز بار؟

     16 . يۈز يىلدىن كىيىن جاھان ھازىرقىدىنمۇ ياخشى بولامدۇ ياكى تېخىمۇ ئوسال بولامدۇ؟...

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق