قارلىق كىچە(سادىق چۇباق-ئىران)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-18 17:11:20

قارلىق كىچە(سادىق چۇباق)-ئىران قايسى كۈز كۈنلىرىدە ھاۋانىڭ بۇنداق قاتتىق سوغۇق بولغانلىقىنى ، بۇنداق قىلىن قار ياققانلىقىنى ھىچكىم ئەسلىيەلمەيدۇ . گۇگۇم چۈشكەن مەزگىل ، سوغۇق شامال ھۇشقىتماق...

      قارلىق كىچە
    (سادىق چۇباق)-ئىران

     

         قايسى كۈز كۈنلىرىدە ھاۋانىڭ بۇنداق قاتتىق سوغۇق بولغانلىقىنى ، بۇنداق قىلىن قار ياققانلىقىنى ھىچكىم ئەسلىيەلمەيدۇ . گۇگۇم چۈشكەن مەزگىل ، سوغۇق  شامال ھۇشقىتماقتا ، ھەش - پەش دىگۈچە ھاۋا تۇتۇلۇپ ئاق بۇلۇتلار ئاستا – ئاستا قارىيىشقا باشلىدى . تۈن يىرىملاشماي تۇرۇپلا پۈتۈن شەھەر ئاپپاق قار  ئاستىدا تاتلىق ئۇيقۇغا كەتتى .
        بىر ئوغۇل بالا بىر سىرىق كۈچۈكنى قۇچاقلىغان ھالدا ئۈستى ئىچىۋىلگەن بىر خارابە ئۆينىڭ كارىدۇرىدا ئۇخلاۋاتاتتى . كۈچۈك  بالىنىڭ بەدىنىگە مەھكەم چاپلىشىۋالغان ئىدى . بالا بىشىنى كۈچۈكنىڭ دۈمبىسىگە يىقىپ ، ئىككى قولى بىلەن ئۇنىڭ ئىسسىق بوينىنى مەھكەم قۇچاقلاپ ،  توڭۇپ قىتىپ كەتكەن بارماقلىرىنى ئۇنىڭ يۇڭلىرى ئارىسىغا تىقىپ تۈگۈلۈپ ياتاتتى . بىر ساقچى كىلىپ تىرە پەلەي كىيىۋالغان يوغان قولى بىلەن بالىنىڭ  مۈرىسىدىن تۇتۇپ سىلكىدى .
       بالا ئۆندەرەپ ئورنىدىن سەكرەپ تۇردى - دە ، ساقچىنىڭ خۇرۇم پەلتۇ ئىچىدىكى قاپقارا قوپال گەۋدىسىنى كۆرۈپ قورقۇپ ،  بىشى غۇڭۇلداپ كەتتى ، ئۇ يىغلامسىرىغان ھالدا :
        -بىگىم ، خۇدا ھەققى ، مەن ھىچقانداق ئىش قىلمىدىم . مىنىڭ بارىدىغان جايىم يوق ، بۇ يەرگە كىلىپ  ئۇخلىغان ئىدىم . تاڭ ئاتقاندا بىرىپ ئىشلەيمەن ، - دىدى .
        - قۇچاقلىۋالغىنىڭ نىمە؟ - دەپ سورىدى ساقچى . ئۇنىڭ ئاغزىدىن چاچراپ چىققان تۈكۈرۈك  بالىنىڭ يۈزىگە چاچرىدى .
       - بۇ كۈچۈك ، بۇنى ساتىمەن . ئاڭلىشىمچە ھۆكۈمەت ئىت سىتىۋالىدىكەن .
       - يوقال كۆزۈمدىن ، تىز يوقال !
       كۈچۈك بالىنىڭ  قۇچىقدىن قارغا سەكراپ چۈشتى - دە ، لاغىلداپ تىترەشكە باشلىدى . ئۇ قارغا چۆكۈپ كەتكەن پۇتلىرىنى ھە دەپ يۆتكەيتتى . قاتتىق سىلكىنىپ ئۈستىدىكى  قارلارنى چۈشۈرۋىتىشكە ئۇرىناتتى .
       بۇ بالىنىڭ مۇقىم ئىسمى يوق ئىدى . كىشىلەر ئۇنى « چاپپار» ، « جەۋھەت » « ئەكبەر » « ئىلى » دىگەندەك ناملار بىلەن  ئاتىشاتتى . بەزىدە بولسا « پەرۋىس بولى » دەپ ئاتايتتى . ئۇنىڭ چىچى ۋە قاشلىرى قىزغۇچ ، كۆزلىرى كۆك ، يۈزى ئاپپاق ئىدى . كىشىلەرنىڭ ئىيىتىشىچە  ئۇنىڭ ئاپىسى پاھىشە ئايال ئىكەن . دادىسى ئۇرۇش مەزگىلىدە ئەسكەر بوپتىكەن . ئۇ ئامېرىكىلىقمۇ ، ئەنگىلىيىلىكمۇ ، ۋىنگىرىيىلىكمۇ ياكى روسىيىلىكمۇ  بۇنىسىمۇ ئىنىق ئەمەس ئىدى . ئۇنىڭ گراژدانلىق گۇۋاھنامىسىمۇ يوق ئىدى . ئۆسمۈرلەرنى باشقۇرۇش ئورنىدا ئۇنىڭ ئىسمىنى « ھەسەن خۇنتاخ » دەپ  تىزىملىشاتتى . ئۇ داۋاملىق توخۇ ، ئىت ئوغۇرلاش بىلەن شۇغۇللىناتتى . بەزى ۋاقىتلاردا يىرىم ئوچۇق ئىشىكلەرنى ئىچىپ غىپپىدە كىرىپ كىشىلەرنىڭ قويلىرىنى  يىتىلەپ ياكى قولىغا چىققانلىكى نەرسىلەرنى ئىلىپ چىقىپ كىتەتتى . قىش كۈنلىرى ئاۋاشتا ، ياز كۈنلىرى تىھراندا سەرگەردان بولۇپ يۈرەتتى . تۈرمە ياكى  كوچىلارنىڭ بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرى ئۇنىڭ تۇرار جايى ئىدى . ئۇ ئون ئۈچ - ئون تۆت يىلنى ئاتا - ئانىسز ، ئۇرۇق تۇققانسىز ئەنە شۇنداق ئۆتكۈزدى . ساقچى  ئۇنى قويىۋىتىپ كىتىپ قالدى . ئۇ ماغدۇرسىزلىنىپ كەتكەنلىكتىن ئۆز ئورنىدا مىدىر - سىدىر قىلالماي تۇرۇپ قالدى . ئۇ ئەقلىگە كەلگەندىن بىرى بۇنداق  قىلىن قارنى كۆرمىگەنىدى ، پۈتۈن جاھان ئاپپاق تۈسكە كىردى . « ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق - دەپ ئويلىدى ئۇ ، - قار قاتتىق يىغىۋاتىدۇ ، ھاۋامۇ سوغۇق .  بۈگۈن كىچە دوسلىرىم قەيەردە تۇرغاندۇ ؟ نىمە بولسا بولسۇن ئەتە چوقۇم پويىزغا چىقىۋىلىپ ئاۋاشقا بىرىشنىڭ ئامالىنى قىلىش كىرەك ھەي ، بۇرۇن سوغۇق  چۈشۈپ كىتەر دەپ ئويلىماپتىكەنمەن .
       چوڭ كوچىدا ئادام كۆرۈنمەيتى . ئۇ چىراق نۇرىدا لەپەڭشىپ چۈشىۋاتقان قار ئۇچقۇنلىرىغا تىكىلىپ تۇرۇپ قالدى .  ئىلىكتىر سىملىرىغا بىر قەۋەت قېلىن قار يىپىشىۋالغان ، يول بويىدىكى ئازگاللار قار بىلەن تىنىپ كەتكەن ئىدى . دەرەخلەرنىڭ تاپ - تاقىر بولۇپ قالغان  شاخلىرى سوغۇق شامالدا سىلكىنەتتى . بالىنىڭ بەدىنى ئىتىيارسىز تىترەشكە باشلىدى . ئۇ كۈچىكىنى ئىسىگە ئالدى . كۈچۈك تىتىرىگەن ھالدا پەلەمپەي  ئاستىدا يەرنى پۇراپ يۈرەتتى . بالا كەڭ ھەم قىقا چاپىنىغا مەھكەم ئورۇنۇپ ، كۆيۈشۈپ كەتكەن پۇتلىرىنى تەستە يۆتكەپ يولغا چۈشتى . ئۇ نەگە بىرىشىنى  بىلمەيتتى ، قىلىن قار كىچىپ ھامان ماڭماقتا ئىدى . قۇپقۇرۇق چوڭ كوچا ئۇنىڭغا قاراپ ئاغزىنى يوغان ئىچىپ تۇراتتى . كۈچۈك ئۇنىڭ كەينىدىن ئىز بىسىپ  سوكۇلداپ كەلمەكتە ئىدى . ئۇنىڭ بىر پاي كالىچى قارغا پىتىپ قالدى . بالا ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ ئۇنى ئالماقچى بولغاندا يەنە بىر پاي كالىچىمۇ پۇتىدىن ئاجراپ  قارغا چۆكۈپ كەتتى . ئۇ دەرھال ئىككى پاي كالىچىنى قولتۇقىغا قىستۇرىۋالدى . ئۇنىڭغا مۇشۇنداق قىلسا چاققانراق ماڭغىلى بولىدىغاندەك تۇيۇلدى . ئاز  ئۆتمەيلا ئۇنىڭ پۇتىنىڭ بارماقلىرى سىزىمىنى يوقاتتى . ئۇ يۈگۈرەشكە باشلىدى . ئۈستى باشلىرىغا قار يىپىشتى . بالىنىڭ قورسىقى ئىچىپ غورۇلدىماقتا ئىدى،  چىكىسى تىنماي لوقۇلدايتتى ، ئۇنىڭ قۇسقىسى كىلەتتى خۇددى سەكراتقا چۈشۈپ قالغان ئادەمدەك ئاجىز نەپەس ئالاتتى . سەھەر ، قۇياش بۇلۇتلار ئارىسىدىن  چىقماقچى بولاتتى ، لىكىن قاتمۇ قات بۇلۇتلار ئۇنى توسۇۋالغانىدى . پەقەت قۇياش چىقىدىغان جايدىن سۇس ئاق نۇر چىچىلىپ تۇراتتى ...يىغىۋاتقان قار  تىخىمۇ كۈچىيىپ كەتتى . كوچىلاردا ئادەم پەيدا بولۇشقا ، ماشىنىلار ، ھارۋىلار ، ۋىلىسپىتلەر ئۇياقتىن - بۇياققا ئۆتۈشكە باشلىدى . كۈچۈك بالىنىڭ  ئارقىسىدىن ئىز بىسىپ كەلمەكتە ئىدى.
       بالا ئارقىسىغا قاراپ ئۇنىڭغا : « مەن سىنى ساتمايمەن . ئۇلار ساڭا زەھەر بىرىپ قويىدۇ ، سىنى ئۆلتۈرىۋىتىدۇ .  سىنىڭ قورسۇقۇڭ مىنىڭكىدىنمۇ بەك ئىچىپ كەتكەندۇ ، ئىككىمىز بىر نەرسە تىپىپ يەيلى » دىدى . ئۇ توختاپ كالىچىنى كىيىۋىلىپ يەنە يولىنى داۋام قىلدى .  ئۇ قولىنى قۇۋۇشتۇرغان ، مۈكچەيگەن ھالدا تىترەپ كىتىۋاتاتتى ، چىشىلىرى توختىماي جاقىلدايتتى . بىر نەچچە تال چىچى مەينەتلىشىپ كەتكەن مەڭزىگە  چاپلىشىپ قالغانىدى . ئۇ ئۇششاق يىمەكلىكلەر دۇكىنىنىڭ ئالدىغا كىلىپ توختىدى . دۇكاندىن كاللا پاقالچاقنىڭ مەززىلىك پۇرىقى كىلىپ تۇراتتى .
        ئۇنىڭ  نەپىسى تاقىلداپ ، تىترىگەن ھالدا دۇكان خوجايىنىغا :
        -دۇكان ئالدىدىكى قارلارنى تازلىۋەتمەمسىز ؟ ماڭا گۈرجەكتەك بىر نەرسە بەرسىڭىز قارنى ئىرىققا  تاشلىۋىتەي - دىدى .
        - يوقال شەيتان ، - دەپ ۋاقىرىدى خوجايىن ، - بىرىپ ئىشىڭنى قىل ، ئىشىمنى ئۆزۈم قىلالايمەن !
       - ئۇنداق بولسا كۈچۈكۈمگە بىر  تال سۆڭەك بىرىڭ ، خۇدا سىزنى ئامان قىلسۇن ، ئۇنىڭ قورسىقى بەك ئىچىپ كەتتى ، - دىدى بالا يەنە يېلىنىپ . كۈچۈك كاللا پاقالچاقنىڭ مەززىلىك  پۇرىقىنى پۇراپ ئىختىيارسىز تىلىنى چىقىرىپ پىرقىراپ يۈرەتتى . دۇكان ئىگىسى تەخسىدىن قوينىڭ پاكىز قىرىۋىلىنغان بىر تال پاچاق سۆڭىكىنى ئىلىپ قارغا  تاشلىدى . سۆڭەك قارغا چۆكۈپ كەتتى . بالىمۇ ، كۈچۈكمۇ ئۇنىڭغا قاراپ ئىتىلدى . بالا ئالدىدا بىرىپ سۆڭەكنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنى تاشلاپ ئۇنى بالدۇر  ئېلىۋالدى . كۈچۈك بىرىپ سۆڭەك چۈشكەن جاينى پۇرىدى ، يالىدى . بالا قەددىنى رۇسلاپ سۆڭەكنى غاجىلاشقا باشلىدى . ئۇنىڭ گۈشى بولمىغاچقا ،  بالىنىڭ چىشى سۆڭەكنىڭ ئۈستىدە تىيىلىپ كىتىۋاتاتتى . كۈچۈك قۇيرۇقىنى شىپاڭشىتىپ بالىنىڭ ئەتراپىنى توختىماي ئايلىناتتى . ئۇزۇن سوزۇلغان تىلىدىن  شۆلگەيلىرى ئىقىپ تۇراتتى . بالا ئۆتكۈر چىشلىرى بىلەن سۆڭەكنى غاجىلىدى ، شورىدى ، يالىدى . خىلى ۋاقىتتىن كىيىن ، ئاندىن ئۈمۈدسىزلەنگەن ھالدا  ئۇنى كۈچۈكنىڭ ئالدىغا تاشلىدى . خوجايىن پۇكەينىڭ ئارقىسىدا پاسكىنىلىشىپ كەتكەن تەسۋىسىنى سىرىغان ھالدا ئۇلارغا قاراپ ئولتۇراتتى . بالا خوجايىننىڭ  يىنىدىكى پوشكالغا يوشۇرۇنچە قاراپ قويدى ، تەخسىدىكى پوشكال ۋە مەشنىڭ ئىسسىق ھارارىتى ئۇنى تارتىپ تۇراتتى . يەرگە ئىسسىق قۇم يىيىتىلغان ئىدى ،  بالا ئۇنىڭ ئۈستىدىن مىڭىپ تارازا تۇتىدىغان كىشىنىڭ يىنىغا باردى - دە يىغلامسىرىغان ھالدا : -خۇدا ھەققىدە ماڭا بىر پوشكال بەرسىڭىز - دىدى .
       -يوقال  بۇ يەردىن ، - دەپ ۋاقىرىدى تارازىچى قوپاللىق بىلەن ، - يوقلامسەن ياكى تاياق يىگۈڭ كەلدىمۇ ؟ بالا ئۇنىڭغا يالۋۇرۇپ :
       - مەيلى خالىسىڭىز ئۇرۇڭ ، لىكىن  ماڭا پوشكالدىن بىرنى بىرىڭ ، - دىدى . تارازىچىنىڭ ئاچچىقى كىلىپ ھۈرپەيگەنىدى ، بالا ئىلدام قىچىپ كەتتى . ئۇ ناھايىتى كۆپ ماڭدى . بىر نەچچە كوچا  ، بازارلارنى كىسىپ ئۆتتى ، چىدىغۇسىز ئاچلىق ئۇنى مادارىدىن كەتكۈزگەنىدى . ئۇ تۈنۈگۈن كىچىمۇ تۆت ئەتراپنى كىزىپ چىققان ، قاۋاقخانىلارنى  ،ۋوگزاللارنى ئايلانغان ، تىلەمچىلىكمۇ قىلىپ كۆرگەن ، لىكىن ھىچ نەرسىگە ئىگە بولالماي يىرىم كىچە بولغاندا ئىلاجىسىز كەلگەن ئىدى . ھازىرمۇ ئۇ يەنە  بىرەر نەرسە تىپىپ يىيىش ئۈچۈن كوچىمۇ كوچا يۈرەتتى . خىلۋەت كوچىنىڭ بىر چىتىدە ئادەملەر توپلىشىپ تۇراتتى . ئۇ توپ ئىچىگە قىستىلىپ ككىرىپ ئۆزى  بىلەن تەڭ ياشتىكى بىر بالىنىڭ يەردە تۈگۈلۈپ ياتقانلىقىنى كۆردى . ئۇنىڭ كۆزلىرى چىڭ يۇمۇلغان ، يالىڭاياق پۇتى ئاپپاق قار بىلەن كۆمۈلگەنىدى . ساقچى  باشلىقى قولىنى ئارقىسىغا تۇتىۋىلىپ بۇيرۇق چۈشۈرەتتى . سوت ۋەكىلى ۋە قانۇن دوختۇرىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسى تۇراتتى . ماشىنا ئۈستىدە شوپۇر  ئىسسىق ياڭيۇ يەپ ئولتۇراتتى . كىشىلەر ھە دەپ غۇلغۇلا قىلىشماقتا ئىدى :
        -ياق ، ئەپەندىم ، ئۇنى باشقا بىرى ئۆلتۈرمىگەن ، توڭلاپ ئۆلگەن .
        -كىم بىلىدۇ  ، باشقا جايدا ئۆلتۈرۈلۈپ بۇ يەرگە ئەكىلىپ تاشلاپ قويدىمۇ تىخى !
       -بۇنداق بالىغا كىممۇ دۈشمەنلىك قىلار ؟!
       - ئاللا بىلىدۇ ، ئاللا ئىنسابىنى يوقاتقان  ئۇنداق كىشىلەرنىڭ جاجىسىنى بىرىدۇ .
        - بىرەر نەرسە بىلەن ئۇنى يىپىپ قويايلى قىتىپ قالمىسۇن .
       - جىنى چىقمىغاندىمۇ - يا ؟ ئاللىقاچان خۇدانىڭ  دەرگاھىغا كەتكەن بولماي .
        -ئۆلگىنىدىغۇ گەپ يوق . ئاۋۋال ئۇنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلاش كىرەك ئىدى .
       - كىم بولاتتى ، تۇرار ماكانى يوق بالىدۇ تايىنلىق ! 
       ساقچى ۋاقىرىدى :
        -ئەپەندىلەر ، چەتكە تۇرۇڭلار ، ...
       ئەھۋالدىن قارىغاندا ئۇنى تونۇيدىغان ئادەم يوقتەك قىلىدۇ . ئۆلۈكنىڭ يىندا پارچە پۇللار چىچىلىپ ياتاتتى  . كىشىلەر يەنىلا ئۆلگۈچىگە قارىتىپ پارچە پۇللارنى تاشلاۋاتاتتى . بالا ئۆلۈكنىڭ يىنىغا كىلىپ بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كىيىن زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ پۇللارنى  تىرىشكە باشلىدى . كۈچۈكمۇ يۈگۈرۈپ كىلىپ ئۆلۈكنىڭ بىشىنى پۇرىدى، يۈزىنى يالىدى . ساقچى ئۇنىڭ قورسىقىغا كۈچ بىلەن بىرنى تىپىۋىدى ، ئىچىنىشلىق  كاڭشىپ قىچىپ كەتتى . ساقچى بالىنى يەردىن يۇلىۋىلىپ قاتتىق ۋاقىرىدى .
        -نىمە قىلىۋاتىسەن ؟ بۇ يەرگە كىلىپ پۇل تىرىشكە قانداق پىتىندىڭ ؟ ! بالا  ھىچنىمە قىلماقچى ئەمەسلىكىنى ، ئۆزىنىڭ ئاچ قورساق كەمبەغەل ئىكەنلىكىنى ، بۇ پۇللارغا بولكا سىتىۋىلىپ يىمەكچى بولغانلىقىنى ئىيىتتى . ئۇ يەنە  ئۆلگۈچىنىڭ دوستى « ئابباس فىرانگى » ئىكەنلىكىنىمۇ ئىيتىپ بەردى . ساقچى ئۇنى چىڭ تۇتىۋىلىپ سىقىمىدىكى پۇللارنى تارتىۋالدى . ئاندىن ئۇنى ساقچى  ئىدارىسىگە ئەۋەتىپ بەردى . كۈچۈكمۇ ئۇنىڭ ئارقىسىدىن يۈگۈرۈپ كەتتى . ئۇ ساقچى ئىدارىسىدىن چىققاندا گۇگۇم چۈشكەن ئىدى . قار يەنىلا يىغىۋاتاتتى .  ئۇ كۈچۈكىنى ئىزلىدى . ئۇنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى بىلەلمەي ئىنتايىن ئازاپلاندى . قورسىقى تىخىمۇ ئىچىپ كىتىۋاتاتتى . ئۇنى قاتتىق تىترەك باستى . بېشى  قىييىپ چىدىغۇسىز ئاغرىپ كەتتى . گېلى قۇرۇپ ئاچلىق توختىماي ھۇجۇم قىلىشقا باشلىدى . ماغدۇرسىزلىنىپ كۆزىگە قاراڭغۇلۇق تىقىلدى . ئۇ دەلدۈگىنىپ  ماڭاتتى ، ئىچىدە : « ئىككى پۇتۇندا ئازراق ماغدۇر بار چاغدا بىرەر نەرسە تىپى پيىيىشىم كىرەك ، قانچىلىغان ئادەملەر كوچىدا ئاچلىقتىن ئۆلىۋاتىدۇ . مەن  نەگە بارىمەن ؟ بۇ شەھەردە باشپاناھ بولغۇدەك كىمىم بار ؟ ياكى بىرەر نەرسە ئوغۇرلاپ سىتىش كىرەكمۇ ؟! ئەگەر يىگۈدەك نەرسە تاپالمىسام ئابباسنىڭ  تەقدىرىگە ئوخشاش تەقدىرگە دۇچ كىلىمەن .. تۇتۇلۇپ قالسام تۈرمىگە كىرىمەن . تۈرمە بۇ يەردىن ئىسسىق ، ئىچىدىغان ئىچىدىغان ئۇماچ بار . ئاچلىقتىن  ئۆلۈپ قالمايمەن » دەپ ئويلاپ ماڭاتتى.
        ئۇ ئالدىغا قاراپ مىڭىۋەردى . بەدىنىنىڭ تىترىشى ، چىشىنىڭ كاسىلدىشى ، قورسىقىنىڭ غۇرۇلدىشى بارغانسىرى  كۈچەيمەكتە ئىدى . ئۇ چوڭ كوچىدىن ئايرىلىپ تار بىر كوچىغا كىردى ، ئىككى ياقتىن ئىشىك ۋە تاملارغا سەپسالدى. تۇرۇپ - تۇرۇپ ئالدى- ئارقىسىغا  قاراپ قوياتتى . كوچىدا ئادەم كۆرۈنمەيتتى . پەقەت قاتار ئۆيلەرلا كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى . ئۇ بىر ئۆيگە يىقىنلىشىپ ھۇشيارلىق بىلەن ئەتراپنى كۈزەتتى - دە  ، ئىشىكنى ئاستا ئىتتەردى . ئىشىك ئىچىلمىدى . ئۇ ئۆينىڭ دەرىزىسىگە قارىدى . دەرىزە قاراڭغۇ ئىدى . « ئەپسۇس ! - دەپ ئويلىدى ئۇ ، -    ئابباس ھايات  بولغان بولسا نىمىدىگەن ياخشى بولاتتى - ھە !    ئۆينىڭ ئىچى قاراڭغۇ ، بىر ئىش قىلىشقا تولىمۇ قولاي ئىكەن . لىكىن بىر ئادەم بولمايدۇ ، بىرىمىز كۈزەتتە  تۇرۇپ ، بىرىمىز كىرسەك ياخشى بولاتتى».
        ئۇ يەنە بىر ئۆينىڭ ئىشىكىگە قارىدى . ئىشىك مەھكەم ئىتىلگەنىدى . ئۇ بىرىپ باشقا بىر ئىشىكنى ئىتتەردى .  ئەڭ ئاخىرىدا بىر ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئىتتىرىپ قىيا ئاچتى . كوچىدىكى چىراقنىڭ غۇۋا نۇرى ھەم تار ، ھەم قاراڭغۇ كارىدۇرغا چۈشۈپ تۇراتتى . ئۆينىڭ ئىچىدىن  رادىئۇنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىۋاتاتتى . ئۇ كۆزىنى يۇمۇپ كارىدۇر ئىچىدىكى قاراڭغۇلۇققا ماسلاشتى . ئۇ تامدىكى كىيىم ئاسقۇچنى تاپتى . لىكىن ئۇ قۇرۇق ئىدى . ئۇ  : « تازا بىتەلەيدە مەن ، بىرەر كونا ئىشتاننىمۇ ئىسىپ قويماپتۇ . بۈگۈنكى ھەرىكىتىم نەتىجىسىز بولامدۇ نىمە ؟ » دەپ ئويلىدى . بوسۇغىدا بىر جۈپ كونا  ساپما ئاياغ تۇراتتى . ئۇ توساتتىن ، كارىدۇرنىڭ بۇلۇڭىدا بىر قونچاقنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ قالدى . ئۇ كوچىغا چىقىدىغان ئىشىككە سەپ سالغاندىن كىيىن ،  دەرھال مۈشۈكتەك ئۆمىلەپ بىرىپ قونچاقنى ئىلىپ قوينىغا تىقتى ، قونچاق ناھايىتى يىنىك ئىدى . ئۇ قونچاقنى كۆكرىكىگە چىڭ بىسىپ تالاغا قاراپ يۈگەردى
       . قونچاق تۇيۇقسىز « دادا، ئاپا ! » دەپ ۋاقىرىۋەتتى . بۇ ئاۋازدىن ئۇ قاتتىق چۈچۈپ كەتتى . ئۇ قونچاقنى تاشلىۋىتىپ قىچىشنى ئويلىدى ، لىكىن قىيمىدى .  شۇ ئارىدا قونچاق يەنە : « دادا ، ئاپا ! » دەپ ۋاقىرىدى . بالا يەنە يۈگەردى . ئۇ كوچىنىڭ ئاغزىغا چىققاندىن كىيىن ، يەنە بىردەم يۈگۈرۈپ چوڭ كوچىدىكى  بىر پىشايۋاننىڭ ئاستىغا كىلىپ توختىدى - دە ، قونچاققا ئىنچىكىلەپ قاراشقا باشلىدى .
       قونچاق رەزىنكىدىن ئىشلەنگەن بولۇپ كىچىككىنە كىيىملەر بىلەن  بىزەلگەنىدى . ئۇنىڭ يۈزى قىپقىزىل ، بەدىنى بۇدرۇق ، چاچلىرى ئالتۇنداك ساپسىرىق ، كىرپىكلىرى ھەم قارا ھەم ئۇزۇن ئىدى ، كۆزلىرى زۇمرەتتەك كۆك  ئىدى . مىدىرلىتىپ قويسا كۆزلىرىنى چىمچىقلىتاتتى . كىچىككىنە چىرايلىق ئاغزى كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى . ئاپپاق سەدەپتەك ئىككى قاتار چىشى كۆرۈنۈپ تۇراتتى  . بالا قونچاقنىڭ باش - كۆزلىرىنى سىلاپ، پۇت قوللىرىغا قاراپ، قونچاقنى ياخشى كۆرۈپ قالدى . ئۇنىڭ ئۇ يەر- بۇ يەرلىرىنى بىسىپ كۆرۈپ  ئاۋازىنىڭ قەيەردىن چىققانلىقىنى بىلمەكچى بولدى ، كۆزلىرىنى مىدىرلىتىپ كۆردى . يەلكىسى ۋە دۈمبىسىگە قارىدى . قىشى ۋە بىشىنى سىيلاپ باقتى .  كىيىملىرىنى سالدۇرۋىتىپ بەدىنىنىڭ ھەممە يىرىگە سەپسالدى ، ئاخىرىدا قونچاقنىڭ كۆكرىكىنى بىسىۋىدى ، قونچاق تۇيۇقسىز : « دادا ، ئاپا ! » دىدى . ئۇ  يەنە بىر بىسىۋىدى ، قونچاق يەنە : « دادا ، ئاپا ! » دەپ ۋاقىرىدى . ئۇ خۇشال بولۇپ ئويلىدى : « بۇنى قانچە پۇلغا ساتقىلى بولار ، ئون تۈمەنگە ئالارمۇ ؟  ئۇ سۆزلىيەلەيدۇ . قىنى ، سەن ماڭا قاراپ سۆزلەپ باقە ، نىمە دىدىڭ ؟ « دادا ، ئاپا » دىدىڭمۇ ؟ يەنە باشقا گەپنىمۇ قىلاللامسەن ؟ ئىيىتقىنا بۈگۈن نىمە  يىدىڭ ؟ سەن گەپ قىلالايدىكەنسەن ، كۆزۈڭنى چىمچىقلىتالايدىكەنسەن ، ئۇنداق بولغاندىكىن ، ئەلۋەتتە بىر نەرسە يىيىشىڭ كىرەك . » ئۇ قونچاقنىڭ  كۆكسىنى يەنە بىر بىسىۋىدى ، قونچاق يەنە :« دادا، ئاپا ! » دەپ ۋاقىرىۋەتتى. بالا قونچاقنى قولتۇقىغا قىسىپ يولىنى داۋاملاشتۇردى .
        « ئەڭ ئاۋات بازارغا  بىرىشىم كىرەك ، - دەپ ئويلىدى ئۇ ، - ئۇ يەردە بۇنى ئۈستۈن باھادا ساتالايمەن . » پوزۇر كىيىنىۋالغان ، بىشىنى پەلتۇسىنىڭ ياقىسى ئىچىگە تىقىۋالغان  ،بىر تۇتام چىچى پىشانىسىگە چۈشۈپ تۇرغان بىر ئەپەندى بالىنىڭ يىنىغا كەلدى . بالا ئۇنىڭدىن :
        -ئەپەندىم ، مىنىڭ بىر قونچىقىم بار ئالامسىز ؟ - دەپ  سورىدى . ئۇ ئەپەندى قاراپمۇ قويمىدى ، خۇددى تىلى تۇتۇلۇپ قالغاندەك بىرەر ئىغىز گەپمۇ قىلىپ قويمىدى .
        - بالا بىر نەچچە كىچىك دۇكاننىڭ ئالدىغا  كەلدى ۋە بىر يىمەكلىكلەر دۇكىنىنىڭ ئىشىنكىنى ئاستا ئىچىپ :
       - قونچاق ئالامسىز ؟ - دىدى . دۇكان خوجايىنى پۇكەينىڭ ئىچىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ  گىزىت كۆرۈۋاتاتتى . چىراقنىڭ كۈچلۈك نۇرىدا ئۇنىڭ كۆزلىرى قىسىلىپ كەتكەنىدى . دۇكاننىڭ ئىچى جىمجىت ئىدى . بالا يەنە بوش ئاۋازدا :
       - قونچاق ئالامسىز  ؟ - دەپ سورىدى . خوجايىن بىسشىنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قاراپ قويدى - دە مۇلايىملىق بىلەن :
        -ئالمايمەن ، كەت ، ئىشىكنى مەھكەم يىپىپ قوي - دىدى .  بالا پۇكەيگە تىزىپ قويۇلغان بولكا مىۋە ۋاراقلىرىغا كۆز يۈگۈرتۈپ قويۇپ ، ئۆيدىن ئاستا چىقىپ ئىشىكنى چىڭ يىپىپ قويدى . كوچىدا بىر سىمىز ئايال قاردا  پۇتلىرىنى ئىھتىيات بىلەن يۆتكەپ ھاسىراپ كىتىۋاتاتتى . بالا ئۇنىڭ يىنىغا بىرىپ :
        -خىنىم ، قونچاق ئالاملا ؟ - دىدى . ئايال بىشىنى چايقاپ :
        - ماڭ  تىيىلىپ يىقىلىپ چۈشكىلى تاس قالدىم . بۇ يىرىم كىچىدە كىم قونچاق ئالسۇن ! - دىدى . بالا ئىتتىك بىر چەتكە ئۆتۈپ :
       -ئالسىلا خىنىم ، ئەرزان ، قانچە  پۇل بەرسىلە مەيلى . ئۇ كۆزىنى چىمچىقلىتالايدۇ ، گەپ قىلالايدۇ ، - دىدى سۆزلەۋىتىپ ئالدىراشلىق بىلەن قونچاقنىڭ مەيدىسىنى باستى . لىكىن قونچاق بۇ  قىتىم « دادا، ئاپا ! » دىمىدى . ئۇ ئۈمىدسىزلىنىپ ، ئورنىدا تۇرۇپلا قالدى . ئايال قاردا ئىغىر تىنىنى يۆتكەپ ئاستا - ئاستا يىراقلاپ كەتتى . بالا ئايالدىن  كۆزىنى ئىلىپ قونچاقنىڭ يۈزىگە قارىدى ،ئاندىن ئۇنى كۈچەپ باستى . قونچاق يەنە : « دادا، ئاپا ! » دەپ ۋاقىرىدى . ئۇ قونچاقنى مۈرىسىگە ئىلىپ قار  ئۈستىدە پۇتلىرىنى ئاران يۆتكەپ يەنە بىر كوچىغا كىردى . ئۇ توڭلاپ قىتىپ كەتكەن قوللىرى بىلەن قونچاقنىڭ ئىككى پۇتىدىن مەھكەم تۇتىۋىلىپ: « قونچاق  ساتىمەن ، ساھىپجامال مەلىكە ، كۆزىنى چىمچىقلىتالايدۇ . سۆزلىيەلەيدۇ . قونچاق ساتىمەن ، قونچاق ! » دەپ ۋاقىرايتتى . ئۇنىڭ ئاۋازى ئۆزگىرىپ كەتتى .  تىنى قولىدىكى قونچاق بىلەن بىللە تىترەشكە باشلىدى. تىنىمسىز يىغىۋاتقان قار تۈن پەردىسى ئاستىدىكى چىراق نۇرلىرىنى غۇۋالاشتۇرۇپ شەھەرنى كۆممەكتە  ئىدى . ئادەملەر ، ماشىنىلار كوچىدا قاپقارا كۆلەڭگە پەيدا قىلىپ ئۇياق - بۇياققا ئۆتۈشمەكتە . بالىنىڭ : « قونچاق --–سا ------تىمەن !» دەپ ئۈزۈپ  - ئۈزۈپ ۋاقىرىغان ئاۋازى ئاغزىدىن چىقىپلا قار ئىچىگە سىڭىپ كىتەتتى . ئۇ قارغا پىتىپ قالغان پۇتلىرىنى ئاران تارتىۋىلىپ ، قەددىنى رۇسلىۋىلىش ئۈچۈن  كوچىنىڭ چىتىدىكى تامغا يۆلەنمەكچى بولدى . لىكىن قولى تامغا يەتمىدى . بىردىنلا پۇتلىرى بوشىشىپ يىقىلدى . قونچاقمۇ بىر ياققا دۇمىلاپ كەتتى . ئۇ بىر  ئۇچۇم قارنى ئاغزىغا سىلىپ چايناپ يەنە تۈكۈردى - دە جانسىز قولىنى ئىسىتىش ئۈچۈن قوينىغا تىقتى . ئۇنىڭ كۆزى ئاستا - ئاستا يۇمۇلدى . ئاچچىق سوغۇق  ئۇنىڭ تومۇرلىرىغا سانجىلدى . يالىڭاچ قولى مەيدىسىدىن سىيرىلىىپ چۈشۈپ ئاستا - ئاستا ئۇيۇشۇشقا باشلىدى . ئۇ بىشىنى كۆتۈرمەكچى بولدى ، لىكىن بىشى  ئىغىرلىشىپ كەتكەن ئىدى ، بەدىنى ئۆزىگە بويسۇنمايتتى ، بىر پەستىنلا ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى تارتىشىپ قالدى . ئاغزىدىن يىپىشقاق كۆپۈك چىقىپ ئارقىدىنلا  قاتتىق ئۇيقۇغا كەتتى ...............

        سەھەر ، قار يەنىلار ياغماقتا . چوڭ كوچىدىكى تام تۈۋىدە توڭلاپ قىتىپ كەتكەن بىر ئوغۇل بالا ياتاتتى . ئۇنىڭ  بەدىنىنى قار كۆمىۋەتكەن ، ئەتراپىغا بىر توپ كىشىلەر ئولىشىۋالغان ئىدى . ئەتراپىدا پارچە پۇللار چىچىلىپ تۇراتتى... يىنىدا بىر قونچاق قارغا كۆمۈلۈپ ياتاتتى  ....

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.