ئىبلىس پارلامېنت يىغىنى(مۇھەممەد ئىقبال)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-12 01:43:12

ئىبلىس پارلامېنت يىغىنىمۇھەممەد ئىقبال(دىلبايان) ئىبلىس باشچىلىقىدىكى شەيتانلار كىڭەش پالاتا بىناسىدا يىغىلىپ، دۇنيانىڭ كەلگۈسى ۋە تۈرلۈك خەۋەرلەر ھەققىدە جىددى يىغىن ئېچىشتى. قانۇن-نىزاملىر...

    ئىبلىس پارلامېنت يىغىنى
    مۇھەممەد ئىقبال(دىلبايان)


         ئىبلىس باشچىلىقىدىكى شەيتانلار كىڭەش پالاتا بىناسىدا يىغىلىپ، دۇنيانىڭ كەلگۈسى ۋە تۈرلۈك خەۋەرلەر ھەققىدە جىددى يىغىن ئېچىشتى. قانۇن-نىزاملىرى دۇچ كىلىۋاتقان خىيىم-خەتەر، توسالغۇ بولۇۋاتقان توساقلار ۋە خام-خىياللىرى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئىلىپ بېرىشتى. قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇشۇپ، قانۇن-نىزاملىرىنى تەھدىتكە ئۇچرىتىۋاتقان بەزى مەسىلىلەردىن ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.
         بىرسى ئورنىدىن تۇرۇپ: «جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى ئەڭ خەتەرلىك» دەپ كۆز-قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
         يەنە بىرسى گەپ باشلاپ:
    - بۇنىڭدىن قورقۇپ كېتىش ھاجەتسىز! بۇ تۈزۈممۇ شەخسىي مۈلۈكچىلىكنى ئاساس قىلىدۇ. بىز شەخسى مۈلۈكچىلىكنى «جۇمھۇرىيەت» تونى ئارقىلىق كىشلەرگە چىرايلىق كۆرسىتىۋاتىمىز. خەلق ئويغىنىپ ئىززەت-ھۆرمىتىنى ھېس قىلىشقا باشلىدى، شۇنىڭ بىلەن خىيالىمىزنىڭ سۇغا چىلىشىشىدىن ئەنسىرەپ «جۇمھۇرىيەت» نامى بىلەن ئويۇن ئويناۋاتىمىز. مەسىلە پادىشاھ ياكى شاھزادە دىگەنلەردە ئەمەس. شەخسىي مۈلۈكچىلىك پۇقرالارنىڭ پادىشاھ ئىستىبدات ئاستىدا ياشىشى دىگەنلىك بولماستىن، بەلكى مەلۇم بىر توپنىڭ ياكى مەلۇم شەخسلەرنىڭ باشقىلارغا مۇھتاج ھالەتتە كۈن كەچۈرىشى دىمەكتۇر. خەلق ۋە شەخسلەر بۇنىڭدا ئورتاق. غەربنىڭ «جۇمھۇرىيەت» نىزامىغا دىققەت قىلمىدىڭمۇ؟  تىشى پارقىراپ، جىلۋىلىنىپ تۇرغان بىلەن ئىچى چىڭگىزخاننىڭ ئىچىدىنمۇ بەك قاراڭغۇ.
         باشقا بىرسى سۆز قىستۇرۇپ:
    - كاپتالىستىك تۈزۈم قولىمىزدىن كەتمىسىلا مەيلى. لىكىن جانابى ئالىيلىرى نىمە دەيدىكىن؟ «كارل ماركىس» دىگەن يەھۇدىي نۇرغۇن ئىغۋاگەرچىلىك تېرىۋەتتى. پەيغەمبەر بولمىغان بىلەن ئەگەشكۈچىلىرى قولىدىن چۈشۈرمەيدىغان مۇقەددەس كىتابى بار ئىكەن تىخى! خەۋەرلىرى بارمىكىن، دۇنيانى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىپ، كەمبەغەللەرنى كۈشكۈرتۈپ، بايلارغا زۇلۇم سالدى. ھەتتا بىزنىڭمۇ تەختىمىز تەۋرىنىشكە باشلىدى،-دىدى.
         يەنە بىرسى ئورنىدىن تۇرۇپ:
    - ھۆرمەتلىك جانابى ئىبلىس ئالىيلىرى! ياۋرۇپانىڭ سىھرىگەرلىرى، ئىخلاسمەن مۇرتلىرى بولسىمۇ ئۇلارغا تازا ئىشىنىپ كىتەلمەيمەن. سامىرى دىگەن يەھۇدىي مەزدەك (مەزدەك پارس سوتسىيالىستلارنىڭ داھىيسى—ت) نىڭ ئۆزىلا ئىكەن. ئۇ پۈتكۈل دۇنياغا قانۇن-پىرىنسىپلىرىنى تارقىتىپ بولدى. ئاجىزلار نوچىلىق قىلىشقا باشلاپ، كەمبەغەل پىرولتارىياتلار پومىشچىك ۋە ھوقۇقدارلارنى باستۇرۇپ، ئەزگىلى تۇردى. پومىشچىكلار بۇلارغا يەرلىرىنى بېرىۋەتتى. بىز ئەينى ۋاقىتتا سوتسىيالىستىك پارتىيىنىڭ تەشۋىقاتلىرىغا سەل قاراپتۇق. ئەمدى بۇلارنىڭ تەسىر دائىرىسى كېڭىيىپ، چاتاقنىڭ چوڭى چىققىلى تۇردى. يەر شارىمۇ بۇلارنىڭ كەلگۈسىدىكى شۇملىقىدىن لەرزىگە كېلىپ كەتتى. زۇڭتۇڭ جانابلىرى! سىلى باشقۇرىۋاتقان ئالەم يىمىرىلىپ، ئاستىن-ئۈستىن بولۇپ كېتىدىغان ئوخشايدۇ.
         پارلامىنت باشلىقى ئىبلىس سۆز باشلاپ مۇنداق دىدى:
    - دۇنيانىڭ باشقۇرۇش ئىشلىرى مىنىڭ قولۇمدا، مەن خالىغانچە بىر تەرەپ قىلىمەن. كىشلەرنىڭ ئارىسىنى  بۇزۇپ تاشلىسام، ئىتلاردەك تالاشسا، بۆرىدەك بىر-بىرىنى ئوۋلاشسا دۇنيانىڭ قانداق بولىدىغىنىنى كۆرىسىلەر. سىياسىي ئەربابلارنىڭ ۋە روھانى پوپلارنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلاپ قويسام ئەقلىدىن ئادىشىپ ئۆزىنى يوقىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئالەمنىڭ قايسى ھالەتتە دەۋران قىلغىنىنى كۆرۈپ ھەيران قالىسلەر. سوتسىيالىزىم توغرىسىدا سۆز قىلدىڭلار، ماڭا ئىشىنىڭلار، ئىنسانلارنىڭ خاراكتىرى، خۇي-پەيلى پەيدا قىلغان ئىتپاقسىزلىقنى سوتسىيالىستىك پەلسەپىلەر بىرلەشتۈرەلمەيدۇ. مەن بۇ نادان پىرولتارىيەتچىلەر ۋە لەنىتى سوتسىيالىزىمچىلاردىن ئەندىشە قىلىپ كەتمەيمەن. بىردىن-بىر ئەنسىرەيدىغىنىم مۇسۇلمان خەلق. چۇنكى بۇ كىشلەردە يوشۇرۇن ئىستەك ۋە ھاياتقا قارىتا ئىشەنچ يوشۇرۇنۇپ تۇرىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە كېچىلىرى تەھەججۇد نامىزىنى تاشلىمايدىغان، سەھەرلىرى كۆزىدىن ياش قۇرۇمايدىغان كىشىلەر ھېلىھەم كۆپ. دانالارغا مەلۇمكى، ھەقىقەتەن كەلگۈسىدىكى ئەڭ زور خەۋپ سوتسىيالىزىم ئەمەس، بەلكى ئىسلامىزىمدۇر.
         لىكىنغۇ مۇسۇلمانلار قۇرئاننى تەرك قىلىپ، مال-دۇنيا كويىدا بولۇپ كەتتى. باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاش قالايمىقان ئىقتىساد دولقۇنىنى قوغلىشىپ يۈرىشىدۇ. مەن خېلى تەجرىبىگە ئىگە. شەرقنىڭ كېچىسى تېخىچە قاراڭغۇ پېتى، بەكمۇ زۇلمەت ئىچىدە. ئىسلام ئالىملىرىنىڭ بۇنى يورۇتۇپ، دۇنيانى نۇرغا ئايلاندۇرغىدەك ھالى يوق. بىراق يىڭى ئەسىرنىڭ باشلىنىشى بىلەن بىزنىڭ خىياللىرىمىزنى بىتچىت قىلىپ، مۇسۇلمان خەلقنى ئۇيقۇسىدىن ئويغۇتىدىغان، مۇھەممەدنىڭ دىنىغا يىتەكلەيدىغان كىشلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىدىن سەل ئەنسىرەۋاتىمەن. سىلەرنى ئاساسلىق ئاگاھلاندۇردىغان يوليورۇقۇم، مۇھەممەدنىڭ دىنىدىن پەخەس بولۇڭلار! بۇ دىن شەخس ۋە ئائىلنىڭ نام-ئابرۇيىنى قوغدايدۇ، مەسئۇلىيەت قارشى كۈچلۈك، ئىززەت-ھۆرمەت ۋە شەرەپنى ياقلىغان، ئامانەت، ئىپپەت-نۇمۇس، ئەخلاق ۋە قەھرىمانلىق روھىنى ئاساس قىلغان دىندۇر. ئۇ ھەر قانداق قۇلچىلىق تۈزۈمنى رەت قىلىدۇ، ئىنسانلارنى خار-زەبۇنلىقتىن ئازاد قىلىش ئۈچۈن كۆرەش قىلىدۇ، قۇل-پادىشاھ دەپ ئايرىپ يۈرمەيدۇ، سۇلتان ۋە كەمبەغەلگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدۇ، بايلىرى مالنىڭ زاكىتىنى ئايرىپ، كىرلىرىنى تازىلاپ ساپ قىلىپ ئىشلىتىدۇ. كاپتال ۋە بايلارنى ئۆز ماللىرىغا خۇسۇسى ئىگە قىلىدۇ، ئىقتىساد ئىگىلىرىگە ئاللاھنىڭ ساقچىلىرى، مال-دۇنيا ۋەكىللىرى سۈپىتىدە قارايدۇ. ناۋادا پىكىر ئىنقىلابى قوزغۇلۇپ، بۇ ھەرىكەت داۋامىدا «زىمىن ئاللاھنىڭ مۈلكى، پادىشاھ ياكى سۇلتان ھاكىملارنىڭ شەخسىي مۈلكى ئەمەس» دەپ جار سالسا، بۇ دىندىنمۇ خەتەرلىك ئىنقىلاب، قوزغىلاڭ بارمىدۇ؟ شۇنىڭ ئۈچۈن بارلىق كۈچۈڭلارنى مۇشۇ دىننى كىشىلەرنىڭ كۆزىدىن يىراق قىلىش ئۈچۈن سەرپ ئېتىڭلار!
         سىلەرگە نىسبەتەن بۇ ئاسان ۋەزىپە. مۇسۇلمانلارنىڭ پەرۋەردىگارىغا بولغان ئىشەنچىسى بەك ئاجىز، سۇس، دىنغا بولغان ئىمانى زەئىپ. بۇلارنىڭ پەلسەپە، تىئولوگىيە، قۇرئان-ھەدىسنى ئۆز خاھىشى بويىچە تەپسىر قىلىش ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولغىنى بىزنىڭ مەنپەئەتىمىز. مۇسۇلمانلارنىڭ ئەزان ئاۋازىنى توسۇڭلار! بولمىسا ئۇلار بۇ ئارقىلىق دۇنيانىڭ تىلسىماتلىرىنى ئىچىۋىتەلەيدۇ. بىزنىڭ سېھىرلىرىمىزنى مۇڭلۇق ئەزان-تەكبىرلىرى بىلەن بىكار قىلىۋىتىدۇ.
         قىرىنداشلار! مۇسۇلمانلار ئۇيقۇنى كۆپ ئۇخلاپ، سەھەر ئورنىدىن تۇرالمىسۇن. تىرىشىپ ئىشلەڭلار! جىددى ھەركەتكە ئۆتۈڭلار! سوتسىيالىزىمچىلارنىڭ پىلانى سۇغا چىلاشسۇن! مۇسۇلمانلارنىڭ باشقىلارغا قۇل بولۇپ، دۇنيادىن ئۆزىنى تارتىپ، ئىلىم-پەندىن يىراق ھالدا زاھىد بولغىنى ۋە شۇنداقلا تاشقى دۈشمەننى ئاددىي چاغلىغىنى بىزنىڭ بەختىمىز.

         ۋاي ئىسىت! ۋاي ئىسىت!مۇسۇلمانلار ئۇيقۇسىنى ئېچىپ، دىنىغا چىڭ ئېسىلسا بىزنىڭ بەخىتسىزلىكىمىز ئەمەسمۇ؟ بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق ئار-نۇمۇس بارمۇ؟
     
    دۈشمەنلەرنىڭ مۇسۇلمانلارغا قارشى سۈيقەستلىرى



         ھەقىقەتەن شەيتانلار ئارزۇسىغا يەتتى، پىلانى ئەمەلگە ئاشتى. بۇلارنىڭ كېڭىشى ئىسلامغا ۋە كەلگۈسى ئەۋلادلارغا قارشى ھالدا تۈزۈپ چىقىلغان ئىدى. بىردىن-بىر نىشانى كۈل ئىچىدە لىۋىلداپ تۇرغان ئىماندىن ئىبارەت چوغنى ئۆچۈرۈش ئىدى. شۇنداقلا ئەرەب ۋە ئەجەمدىن تەركىب تاپقان مۇسۇلمانلارنىڭ قۇربان بېرىش، ئاللاھ يولىدا چىدامچان بولۇش، ناھەقكە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت دىنىي روھىنى، ئىسلام تۇيغۇسىنى ئىلىپ تاشلاش ئىدى.
         ئىبلىس قوشۇنلىرىغا تەۋسىيە قىلىپ مۇنداق جاكارلىدى:
    - ئاچلىققا سەبىر قىلىدىغان، ئۆلۈمگە پەرۋا قىلمايدىغان مۇجاھىدنىڭ قەلبىدىن مۇھەممەدنىڭ روھىنى ئىلىپ تاشلاڭلار! بۇ سەبىرسىز، پەقىرلىقتىن زارلايدىغان، ئۆلۈمدىن بەكمۇ قورقىدىغان بولۇپ چىقسۇن! ئەرەبلەرنى غەربنىڭ پىكرى بىلەن مەشغۇل قىلىڭلار! ھەرەم ئەھلىدىن ئەنئەنىۋى دىنىي مەدەنىيەتنى يۇلۇپ ئېلىۋىتىڭلار! شۇ ئارقىلىق ھىجاز ۋە يەمەن زىمىنىدىن ئىسلامنى ھەيدەپ چىقىرالايسىلەر!
         ئافغانلارنىڭ دىنى غەيرىتى كۇچلۇك خەلق. بۇنىڭ چارىسى بۇلارنىڭ تاغ ۋە ئويمانلىقلىرىدىمۇ دىندىن ئەسەر قالمىسۇن! بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، مۇسۇلمان پەرزەنتلەرنى دىنىي روھ، ئىسلام تۇيغۇسىدىن مەھرۇم قويۇپ، مەنپەئەتپەرەس، مادداپەرەس، ھاياتقا ئاچكۆزلۈك بىلەن قارايدىغان، ئەخلاقى چىرىكلەشكەن، ئۆزىگە ئىشەنچىسى يوق، دىنىدىن شەكلىنىدىغان تەلىم-تەربىيە بىلەن ئوقۇتۇش لازىم.
         فىرئەۋىن بەنى ئىسرائىل پەرزەنتلىرىنى تىرىك ئۆلتۈرۈپ، ئۆزىگە ئار-نۇمۇس  ئارتىۋالدى. فىرئەۋن بۇلارنى يوقۇتۇش ئۈچۈن ئوچۇق-ئاشكارا ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرۈپ، قىزلىرنى تىرىك قالدۇرغان، بەنى ئىسرائىلنىڭ كەلگۈسىدىكى خەۋپىدىن ئەندىشە قىلىپ شۇ ئۇسۇلنى قوللانغان. ئەپسۇس! چوڭقۇرراق ئويلانغان بولسا، بەنى ئىسرائىل پەرزەنتلىرىنى ئۆلتۈرمەي، ئەقلىنى چىرىتىپ، خالىغانچە يىڭى بىر ئەۋلاد بەنى ئىسرائىل قەۋمىنى پەيدا قىلالايتتى .ئەڭ ياخشى چارە مۇسۇلمان ياشلار، ئوقۇغان زىيالىيلار دىنىي روھ، دىنىي ھىسىيات ۋە مىللىي غورۇر دىگەننى بىلمىسۇن! بۇلار خىزمەت، مەنسەپ-ئەمەل، مائاش، دەرىجە دىگەنلەر بىلەن مەشغۇل بولسۇن! فىرئەۋىن بۇ ھىيلىنى بىلىپ يىتەلىگەن بولسا ئىدى، قانداق بەدەل تۆلەشتىن قەتئىينەزەر ئېرىنمەيتتى. ئوڭايلا ،خاتىرىجەم ھالدا مەقسەتكە يېتەتتى. بۇنىڭدىن سىرت، تارىخ بېتىدە زالىم دەپ ئاتالماي، ئەيتاۋۇر مەرىپەتپەرۋەر، مىللەتپەرۋەر ۋە مەدەنىيەت يىتەكچىسى دىگەندەك ناملارغا ئېرىشكەن بولاتتى.

    دۈشمەنلەرنىڭ دىنىي روھنى ئاجىزلاشتۇرۇش غەلبىسى



         دۈشمەن غەلىبە قىلدى. ئىسلام دۇنياسىدا دىنىي ھىسىيات ئۆچۈشكە باشلىدى. مەنپەئەتپەرەسلىك ئەۋج ئېلىپ، ئىسلامنىڭ قەھرىمانلىق روھى يوقالدى. كىشىلەر مادداپەرەس بولۇپ كېتىشتى. مەن ئەرەب ۋە باشقا ئىسلام ئەللىرىنى زىيارەت قىلىپ چىقتىم. ئەبى لەھەب كەبى قالدۇقلار ھەممە شەھەرلەردە كۆپ ئىكەن؛ مۇھەممەد روھى بىلەن تويۇنغانلار قىزىل گۈڭگۈرتتەك ۋە مەغرىبنىڭ ئەنقا قۇشلىرىدەك ئاز ئىكەن. ئەرەب دىيارىدا ئەرەبلەرنىڭ قەدىمكى سۆيگۈ-مۇھەببەت رىشتىسىنى كۆرمىدىم. باشقا ئەللەردە ئەجەملەرنىڭ قەدىمقى ئىلغار دانا پىكىرلىرنى ئۇچراتمىدىم. دەجلە، فۇرات دەريا بويلىرى ئىسلام قەھرىمانلىرىغا مۇھتاج ئىكەن. ھىجاز رايونىنىمۇ كۆزدىن كەچۈردۈم، ھىجاز كارۋىنىدىمۇ ھۈسەيننىڭ ئورنىنى باسىدىغان كىشىلەر يوقتەك قىلاتتى.
         ئەي تەۋھىد مىراسخورى، جەلىپكار نۇتۇقۇڭنى يوقۇتۇپسەن، قەھىرلىك جاسارىتىڭنى يۈتتۈرۈپسەن. بىر كۈنلەردە باشقىلارغا قارىساڭ سەندىن چۆچۈيتتى، قەلبى شۈركۈنەتتى. ئەمما بۈگۈن ئادەتتىكى كىشىلەردىن پەرقىڭ يوق، كۈچلۈك روھ يوق ياكى باشقىلارنى جەلپ قىلالىغۇدەك جەزبە تىخى يوق.
         سەجدەئۈچۈن زىمىن تىترەيتتى، بىراق مېھرابلار قۇرۇق. مەسجىدلەر قۇرغاق زىمىن يامغۇرغا تەشنا بولغاندەك سەجدە قىلغۇچىلارغا تەلمۈرۈپ قالدى.
         مىسردا ياكى پەلەستىندە تۈنۈگۈن تاغلارنى لەرزىگە كەلتۈرگەن ئەزان ئاۋازىنى ئاڭلىمىدىم.
         مۇسۇلمانلار سۆيگۈ-مۇھەببەت دىگەننى يوقاتتى، قەلىب سۆيگۈسىدىكى ھايات ئوتى ئۆچتى، سۆيگۈ كۈلى توپىغا ئايلاندى.ظى مۇسۇلمان!!!!
         ئوكيان كېزىپ، دولقۇن يېرىپ، سەدەپمۇ-سەدەپ ئىزدەپ يۈرۇپ لۇئلۇ(مەرۋايىت) كەبى ھاياتلىقنى كۆرمىدىم.
         بۇ چۈشكۈن ئاجىزلىقنىڭ مەنبەسى ئىماندىن خالىي قەلب.
         مۇسۇلمانلار سەمىمىي سۆيگۈنى ئۇنۇتتى، بۇلار قانسىز ۋە روھسىز، ھاياتلىق قېنى سۈمۈرىۋېلىنغان ئىسكىلىتلارغا ئوخشاپ قالدى. سەپلىرى چۇۋۇلۇپ، قەلىبلىرى گاڭگىراش ئىچىدە داۋالغۇپ، مۇھەببەت سۆيگۈدىن قۇرۇق قالدى.

    ئىسلام ئويغۇنىشى



         سىياسىي بورانلار ئىسلام دۇنياسىغا نۇرغۇن بۆھرانلارنى ئىلىپ كىلىپ مۇسۇلمانلارنى سەگەك بۇلۇشقا ئۈندىدى. بۇلاردا يىڭى بىر ھاياتلىق ئەندىزىسى كۆرۈنۈشكە باشلىدى.
         يۇلتۇز نۇرى ئۆچۈپ زۇلمەت قاراڭغۇلۇقى باشلانغاندا، سۈبھى يورۇپ يەنە بىر يورۇقلۇق جىلۋە قىلىدۇ. قۇياش ئۇپۇق ئارىسىدىن كۆتۈرۈلۈپ، كېچىنىڭ قاراڭغۇ زۇلمىتىنى كۆزدىن غايىپ قىلىدۇ.
         غەرپنىڭ شىۋىرغانلىرى مۇسۇلمانلارنى قايتىدىن ئسلامغا قايتىش دولقۇنى قوزغىدى.
         دەرھەقىقەت! مەرۋايىتمۇ چوڭقۇر قاراڭغۇ-زۇلمەت دېڭىز ئاستىدا ۋۇجۇتقا كىلىدۇ.
         يىڭى بىر ھاياتلىق شەرقتە جانلىنىشقا باشلىدى.
         بۇرۇنقى ئۆلۈك تومۇردا يىڭى قىززىق قان ئاققىلى تۇردى.
         بۇ سىرنىڭ تېگىگە ئىبن سىنا ۋە فارابىلارمۇ يىتەلمەيتتى. ئاللاھ مۇسۇلمانلارغا تۈركلەرنىڭ بايقاش ئىدراكىنى، ھىندىلارنىڭ زەكىلىكىنى، ئەرەبلەرنىڭ نۇتۇق سەنئىتىنى ئاتا قىلغان ئىدى.

    مۇسۇلمانلار يىڭى دۇنيانىڭ قۇرغۇچىلىرىدۇر

         غەرب مەدەنىيىتى ئۆز رولىنى يوقۇتۇپ، تېرىپسىن بولۇپ كەتتى. قېرىپ مۈكچىيىپ ھالسىرىدى، پىشقان مېۋىدەك مىچىلداپ كەتتى، ساپىقىدىن ئۈزۈلىدىغان پەيتمۇ يىتىپ كەلدى.
         غەرب قىمارۋازلىرى ئۆتمۈشنى چىرىتىپ، دۇنيانى قىمار، پاسادچىلىق پاتقىقىغا ئايلاندۇرۇپ قويغان ئىدى. ئىنسانلار يىڭى دۇنياغا كۆز ئاچىدىغان پەيت يىتىپ كەلدى. بۇ يىڭى دۇنيانى پەقەت تۈنۈگۈن مۇسۇلمانلارغا ھەرەمنى قۇرغان ئىبراھىم ۋە مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ رەھبەرلىك مىراسخورلىرى بولمىش مۇسۇلمان ئەۋلادلارلا قۇرۇپ چىقالايدۇ.
         ئى ئۇيقۇدىن بېشىنى كۆتۈرەلمەيۋاتقان مۇسۇلمان! كۆزۈڭنى ئاچ! دۇنيانى ھەر تەرەپتىن پاسادچىلىق بىسىپ كەتتى. ياۋرۇپالىقلار زىمىندا ئەزۋەيلەپ ھەددىدىن ئاشتى، پاك زېمىننى بۇزدى، ئالەمنى مالىمان قىلىپ زۇلۇمغا، ناچار قىلمىش ۋە داد-پەريادلارغا توشقۇزۇۋەتتى. زىمىن ئاللاھنىڭ ئۆيى، پاك مەسجىدى، شۇنداقلا تەڭرىنىڭ نامى زىكىر قىلىنىدىغان كەڭ چەكسىز بوشلۇق.
         بىراق غەربلىكلەر دۇنيانى ھاراق سورۇنىغا، ئەيش-ئىشرەت پاھىشە كۇلۇبىغا، بۇلاڭ-تالاڭ سەھنىلىرىگە ئايلاندۇرۇۋەتتى.
         ئەمدى ۋاقىت ئىسلام بايرىقىنى كۆتۈرگۈچىلەردىن، ھەرەم بەيتۇللاھنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن ئورنىدىن دەس تۇرۇشنى تەلەپ قىلماقتا. غەربلىكلەر بۇزغان بۇ ئۇل-ئاساسنى ئىسلاھ قىلىشنى كۈتمەكتە.
         مۇسۇلمانلار ئىبراھىم ۋە مۇھەممەد پەيغەمبەرلەر قۇرغان ئۇلنى قايتىدىن تىكلىگەي! يىڭى دۇنيا ياراتقاي!



     
    مۇھەممەد ئىقبالنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى



         ئىقبال 1877-يىلى ھىندىستاننىڭ (ھازىرقى پاكىستان) دىكى پەنجاپ ۋىلايىتىدە دۇنياغا كەلگەن. دادىسى تەسەۋۋۇپ ئېقىمىغا قىزىقىدىغان سالىھ كىشى ئىدى. دەسلەپكى ئوقۇش ھاياتىنى ئىنگىلىزلار ئاچقان باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغان. كىيىن فاكۇلتىتنى  پەنجاپتا پۈتكۈزۈپ، لاھۇردا ھۆكۈمەت ئۇنۋىرسىتىتىدا ئوقۇغان. بىر نەچچە يىل تارىخ، پەلسەپە، سىياسەت ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن . 1905-يىلى لوندۇنغا بېرىپ، كامبىرج ئۇنۋىرسىتىتىدا ئىقتىساد ۋە پەلسەپە پەنلىرى بويىچە ئالىي ئىمتىيازغا ئېرىشكەن. بىرىتانىيىدە ئۈچ يىل تۇرۇپ، بۇ جەرياندا ئىسلام ھەققىدە بىر نەچچە قېتىم لىكسىيە سۆزلىگەن. ھەمدە داڭقى چىقىپ  تونۇلۇشقا باشلىغان ۋە لوندۇن ئۇنۋىرسىتىتىدا ئەرەب تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. كىيىن گىرمانىيەگە بىرىپ مىيۇنخىن ئۇنۋىرستىتىدا پەلسەپىدە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئالغان. لوندۇنغا قايتىپ كىلىپ ئاخىرقى قىتىملىق قانۇن ئىمتىھانىنى بىرىپ، ئىقتىساد، سىياسەت فاكۇلتىتلىرىغا تىزىملىتىپ، ئۆزلىكىدىن ئوقۇپ ئىمتىھان بىرىپ، ئىككى پەندە كەسىپ ئىگەللىگەن. ئاخىردا ھىندىستانغا قايتىپ كەلگەن.
         ئۇ نۇرغۇن شىئىرلارنى يازغان. 1914-يىلى ياۋروپا ئىشغالىيىتى باشلىنىشى بىلەن مۇجاھىد،داھىي ۋە پەيلاسوپ بولۇپ يىتىشكەن. فىرانسىيە، ئىسپانىيە، ئىتالىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ تەلىپى بىلەن شۇ دۆلەتلەرگە زىيارەتكە بارغان. «مارىد»دا ئىسلام پەنلىرى ھەققىدە لىكسىيە سۆزلىگەن.
    1932-يىلى ئافغانىستان پادىشاھى نادىرخاننىڭ تەلىپى بىلەن ئافغانىستاننى زىيارەت قىلغان. پادىشاھ داغدۇغىلىق كۈتۈۋېلىپ، ئىقبالغا ئېسىلىپ يىغلاپ كەتكەن.
    ئۇ تۈرك سۇلتانى مەھمۇد غەزنەۋىنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىپ، ئۆزىنى تۇتالماي يىغلاپ، كابۇلدىن قايتقۇچە «مۇساپىر» ناملىق مەشھۇر شىئىرنى يازغان. 1938-يىلى بۇ دۇنيادىن خوشلاشقان.
         مۇھەممەد ئىقبال يىتۈك ئىسلام شائىرى، روھىي دوختۇر ۋە پەيلاسوپ.
         يىقىنقى زامان ئەرەب ئەدەبىياتىنىڭ تۈۋرۈكى دەپ نام ئالغان مىسىر ئالىمى تاھا ھۇسەيىن مۇنداق دەيدۇ:«تارىختا ئىسلام ئەدەبىياتىنى ۋايىغا يەتكۈزگەن ئىككى شائىر مەيدانغا كەلگەن. بىرسى ھىندىستان-پاكىستان شائىرى ئىقبال، يەنە بىرسى ئەرەب شائىرى ئەبۇل ئەلا»دۇر.
         بۇ كىشىگە ئىسلام ئالىملىرىنىڭ بەرگەن باھاسى ناھايىتىمۇ كۆپ. سەييىد قۇتۇب، ئەبباس ئەققاد، تاھا ھۇسەيىن، مەھمۇد شاكىر، يۈسۈپ قەراداۋى، ئەبۇل ھەسەن نەدەۋى، مۇھەممەد سەئىد رامزان بۇتى قاتارلىق ئالىملار بۇ كىشىگە ياخشى باھالارنى بەرگەن ھەم بۇ كىشىنىڭ ئۇستازلىق ئورنىنى مەدھىيلىگەن.
         بۇ زات غەربنىڭ ئىسلام دۇنياسىغا قارىتىۋاتقان ھىيلە-مىكىرلىرىنى ھېس قىلىپ يەتكەن. غەرب مۇستەملىكچىلىرىگە قارشى قەلەم كۈرىشى ئىلىپ بارغان. ئىسلام دۇنياسىنىڭ كەلگۈسى ئاقىۋىتىدىن ئالدىن خەۋەر بەرگەن. قۇرئان كەرىم، ھەدىسنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ئىنسان ،ئالەم، ھاياتنى چوڭقۇر چۈشەنگەن. كۈچلۈك ئەدەبىيات روھى بىلەن ئىسلام بىرلىكىگە چاقىرغان ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىشىشىنى بەكمۇ تەكىتلىگەن.
         «مۇسۇلمانلار ھەرەمنى قوغداش ئۇچۇن نىل دەرياسىدىن تاكى قەشقەرگىچە  بىرلىشىش كىرەك»دىگەن شۇئارنى ئوتتۇرغا قويغان. (دىۋان ئىقبال 16-بەت. ئىبنى كەسىر نەشىرىياتى)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.