تارتىنماي يەڭلار(ئەزىز نەسىن)

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-04 12:51:41

تارتىنماي يەڭلار ئەزىز نەسىن (ھېكايە) تۈركچىدىن چوپانى تەرجىمىسى بىزنىڭ بىر يەگەنىمىز بار. بىزدە بۇنداق يەگەنلەر ناھايىتى جىق. ناۋادا ئىنساننىڭ قىزىتمىسىنى تېرمومېتىر بىلەن ئۆلچىگەندەك ئاچ كۆز...

    تارتىنماي يەڭلار

    ئەزىز نەسىن (ھېكايە)

    تۈركچىدىن چوپانى تەرجىمىسى

            

    بىزنىڭ بىر يەگەنىمىز بار. بىزدە بۇنداق يەگەنلەر ناھايىتى جىق.   

    ناۋادا ئىنساننىڭ قىزىتمىسىنى تېرمومېتىر بىلەن ئۆلچىگەندەك ئاچ كۆزلۈكنىمۇ ئۆلچەيدىغان بىرەر ئۆلچىگۈچ بولسا، بىزنىڭ بۇ يەگەن ئاچ كۆزلۈكتە دۇنيا بويىچە بىرىنچىلىككە ئېرىشىدۇ. يېزىنىڭ ئۈچ سىنىپلىق باشلانغۇچ مەكتىپىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، قايتا مەكتەپكە كىرمىگەن بۇ يەگەنىمىز 40 ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتكۈزگەنلىك دىپلومىنى يانچۇقىدىن چىقىرىدۇ. سادىغاڭ كېتەي ئىلاھىم، بىزنىڭ بۇ يەگەنگە شۇنداق بىر ئەقىل بېرىپتىكەنكى، ئۆگىنىپ تاپقان ئەقىل ئەمەس، تۇغما بىر ئەقىل…

    بۇنىڭدىن 20 نەچچە يىللار بۇرۇن، بىزنىڭ بۇ يەگەن گېرمانىيەگە كەتكەنىدى. ئون نەچچە  يىللاردىن كېيىن ئۇ گېرمانىيەدىن شۇنداق بىر ئۆزگىرىپ قايتىپ كەلدىكى، بىز بۇنى تونۇمايلا قالدۇق-دە، ئۇنى «سېپى ئۆزىدىن نېمىس» دەپ بىلدۇق. ئۇ نېمىس تىلىنىڭ ئەڭ يېقىملىق، ئۆلچەملىكىنى ئۆگىنىپتۇ-يۇ، تۈركچە سۆز، تەلەپپۇزلىرى بۇزۇلۇپتۇ. ھەتتا بەزى تۈركچە سۆزلەرنى ئۇنتۇپ كېتىپتۇ. «ۋاي، بۇنى نېمە دەيتتى؟…» دەپ كېكەچلەپ-كېكەچلەپ سۆزلەيدىغان بولۇپ قاپتۇ. ئۆزىمىزنىڭ دېيىشىچە يەگەننىڭ ئۆلچەملىك نېمىسچىسىنى نېمىسلارمۇ چۈشىنەلمەسمىش. نېمىسچىغا ئاشىق بولغان بۇ يەگەن يەنە بىر خۇي يېتىلدۈرۈپتۇ: ھەر بىر سۆزنىڭ بېشىدا، ئوتتۇرىسىدا ۋە ئاخىرىسىدا «ئاھ….زووو…. » دەپلا تۇراتتى.

    «ئاھ زووو!…. »سىز گەپ قىلالمايتتى.

    ئاخىرى چىدىيالماي سورىدىم:       

    -يەگەن، ھە دېسىلا «ئاھ زووو،ئاھ زووو…. » دەيدىكەنسەن، بۇ «ئاھ زووو» زادى نېمە دېگەن گەپ؟

    بۇ «ئاھ زووو» نىڭ نېمە مەنە ئىپادىلەيدىغانلىقىنى نېمىسلارمۇ بىلمەسمىش. ئەمما نېمىسلار «ئاھ زووو» سىز سۆزلىشەلمەسمىش، بىر ئادەمنىڭ خاس نېمىس ياكى  ئەمەسلىكى «ئاھ زووو» دېيىش-دېمەسلىكى ئارقىلىق ئۆلچىنەرمىش. بىزنىڭ يەگەن «ئاھ زووو» دىن باشقا يەنە ھە دېسىلا «ياھ-ياھ…»  دەپ قوياتتى.

    يەگەن دەسلەپكى قېتىم كەلگەندىن كېيىن، ھەر ئىككى -ئۈچ يىلدا بىر تۈركىيىگە كېلىپ، بىزنىڭ ئۆيدە مېھمان بولاتتى. ئۇنىڭغا گېرمانىيەدە ياشاۋاتقىلى 25يىل بولغانىدى. گېرمانىيەدىن  ھەر بىر كېلىشىدە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىز ۋە دوست-بۇرادەرلىرىمىزگە تۈرلۈك سوۋغاتلارنى ياغدۇرۇۋەتكىنىگە قارىغاندا، ئۇ ناھايىتى پۇللۇق بىر ئىش بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقاندەك قىلاتتى. مەن ئۇنىڭدىن نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى سورىدىم. ئۇنىڭ دېيىشىچە، گېرمانىيىگە يېڭى بارغان چاغلاردا چوقۇم بىرەر ئىش تېپىپ قىلىش كېرەكمىش. ئەمما كېيىن (تۈركلەر ئىشلەمچى بولۇپ گېرمانىيەگە تولۇشقا باشلىغاندا) ھەر ھالدا بىرەر ئىش تېپىپ قىلىشنىڭ ھېچبىر ھاجىتى يوقمىش.

    - يەگەن، قىسقىسى، سېنىڭ ھېچبىر ئىشىڭ يوقمۇ ئۇ يەردە؟ 

    - ئاھ زووو…بار-يوقنىڭ ئارىلىقىدا بىر ئىش ،ياھ !

    - بىزدە بۇ يەردە شۇنچە ئىشلەپمۇ يەنە مۇشەققەت بىلەن ياشايمىزۇ، سەن ئۇ يەردە ئىشسىز قانداق جان بېقىپ، قانداق ياشايسەن؟

    - ئاھ زووو…. گېرمانىيىدە ئىشلەۋاتقان شۇنچىلىك جىق تۈركلەر باركى، مېنىڭ ئىشلىشىمنىڭ ھېچبىر ھاجىتى يوق، ياھ !…

    چۈشىنەلمەيلا قالدىم، گەپنى ئۇزارتقۇم كەلمىدى.

    مېنىڭ چۈشىنەلمىگەنلىكىمكنى كۆرگەن يەگەن:

    - ئاھ زووو…ئىشلەپ پۇل تاپماقچى بولسام ئىدىم، بۇنچىلىك پۇلۇم بولارمىدى؟- دېدى.

    قارا، بۇمۇ توغرا.   

    كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىزنىڭ گېرمانىيىدىكى يەگەندىن بىر مەكتۇپ تاپشۇرۇپ ئالدىم. ئۇ تۈركىيىدە نېمىسلار بىلەن شېرىكلىشىپ بىر ئىش قىلماقچى ئىكەن، مىليارد يۈەنلىك بىر ئىشمىش. ئۇ ماڭا بىر ياخشىلىق قىلغۇسى كەلگەنلىكى ئۈچۈن، مېنىمۇ بۇ ئىشقا شېرىك قىلماقچى ئىكەن. ئۇ مەكتۇپىدا: «سەنمۇ بۇ ئىشقا شېرىك بولۇشنى خالامسەن؟» دەپ سورىغانىدى.

    مەكتۇبىغا جاۋاب خەت يازدىم: « سەن قىلماقچى بولغان ئىش زادى قانداق ئىش؟ مەندەك سېرىقتال تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان ئادەم مۇنداق مىليارد يۈەنلىك ئىشقا نېمىسى بىلەن شېرىك بولىدۇ؟»

    يەگەن گېرمانىيىدىن كەلدى. خېتىدە دېگىنىدەك ناھايىتى چوڭ نېمىس خوجايىنلىرى بىلەن توختاملىشىپتۇ. ئۇ خوجايىنلار يېقىندا ئىستانبۇلغا كېلەرمىش، ئۇلار مەن بىلەن تونۇشارمىش. قىلماقچى بولغان ئىشىنىڭ قانداق ئىش ئىكەنلىكىگە كەلگەندە، ئۇ نېمىس خوجايىنلىرى ئۈچۈن ئۇ ئىش ياكى بۇ ئىش مۇھىم ئەمەسمىش. خوجايىنلار ئۈچۈن پۇل تېپىش ئۈچۈن قانداقلا ئىش بولسا بولىۋېرەرمىش؛ قەيەردىن، قانداق تاپسا تېپىۋېرەرمىش. بىزنىڭ يەگەن ئارىدا «ئاھ زووو» لار، «ياھ!» لەر چەككەچ چۈشەندۈرەتتى. بۇلار شۇنداق خوجاينلارمىشكى، خوتۇن-قىزلار سودا - سېتىق بازىرى ئېچىشتىن تارتىپ، ياشانغانلارغا ئەركەكلىك كۈچى ئاتا قىلىدىغان مەجۈن ياساپ سېتىشقىچە؛ ئۇرۇق بىلەن كۆل بېلىقى يېتىشتۈرۈشتىن تارتىپ قاغا گۆشىدىن كەكلىك كونسېرۋاسى ياساشقىچە… ئەقىلگە كەلمىگەن نۇرغۇن ئىشلارنى قىلارمىش. چۆلنىڭ ئوتتۇرسىدا ئانىدىن تۇغما بەش كىشنى كۆرسە، ئۇلاردىنمۇ پۇل ئۈندۈرۋېلىشنىڭ بىر يولىنى تاپارمىش. دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدىمۇ  ئۇلارنىڭ قوللىرى بارمىش. 

    يەگەن چۈشەندۈرەتتى: بۇلارنىڭ ھۈنىرى شۇ ئىشمىشكى، ئەڭ ئەسكى، ئەڭ مەينەت ئىشنىمۇ شۇنداق ئەپچىللىك بىلەن پاكىز قىلارمىش، شۇنداقلا پىششقلاپ ئىشلەرمىش، شۇنداق ساتارمىش ۋە شۇنداق ھەدىيە-تەقدىملەرنى قىلارمىشكى، بىز بۇ  ھۈنەرلەرنى بىلمىگەنلكىمىز ئۈچۈن، ئۈنچىنى تاش -شېغىلغا، ئالتۇننى پوققا ئايلاندۇرارمىشمىز. دەسلىپىدە ھۆكۈمەتنىڭ كۆزىنى بويارمىش. كېيىن ھۈنەر-سەنئەت تەقدىم قىلىش شەكلى ئارقىلىق ۋە ئېلان-تەشۋىقات ئارقىلىق بازارغا سالارمىش.

    يەگەن سۆزىنى شۇنداق باغلايتتى:   

    - نېمە ئۈچۈن ئۇلاردا ھېچ بىر نەرسە يوق تۇرۇپمۇ ھەممە نەرسە بار-يۇ، بىزدە ھەممە نەرسە تۇرۇپ نېمىشقا ھېچبىر نەرسىمىز يوق….. ئاھ زووو … مانا بۇ دەل مۇشۇ سەۋەبتىن، ياھ!

    مېنىڭمۇ بۇ ئىشقا زادىلا ئەقىلىم يەتمىدى. پۇل چىقىرالمايدىغانلىقىمنى ھىسابقا ئالمىغاندا، مېنىڭ نېمە زىيىنىم بار ئىدى ئۇلارغا … ئاخىرى نېمىس خوجايىنلىرىنى بۇ يەردە قىزغىن كۈتۈۋېلىشنىڭ پۇرسىتى يېتىپ كەلدى.

    ئۇنىڭ دېيىشىچە، خوجايىنلار ئەڭ مۇھىم، ئەڭ چوڭ ئىشلارنىمۇ تاماق ئۈستىدە مەسلىھەتلىشەرمىش. بۇنى «ئىش تامىقى» دەرمىش. بۇلارغا بىزنىڭ ئۆيدە بىر ئاخشام «ئىش تامىقى»  بېرىشىمىز كېرەكمىشكى، بىزنىڭ دولمالارنى، سارمالارنى، مانتىلارنى، بۆرەكلەرنى(1)، باكلاۋالارنى يەپ ئەقىللىرى لال بولسۇنمىش...

    «ياھ !» دەپ سۆزىنى باغلايتتى بىزنىڭ يەگەن. يەگەننىڭ تەكلىپىگە ئانام بىلەن خوتۇنۇم  تۈنۈگۈندىن باشلاپ جان پىدالىق كۆرسىتۋاتاتتى. ‪ چۈنكى بۇ ئىككىسى ئۆزلىرىچە تاماق ئېتىشتە دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئىدى. خوتۇنۇم يايغۇ بىلەن جىلىت ئاچاتتى. جىلتىنىڭ بىر تەرىپىدىن قارىساڭ يەنە بىر تەرىپىنى كۆرەلەيتىڭ. بۇ جىلىت بىلەن سۇ بۆرىكى پىشۇرۇلسا ئىككى كىلوگىرام سۇ بۆرىكى يەيسەن-دە، «200 گىرام يېدىم» دەپ ھىسابلايسەن، شۇنداق يەڭگىل … باكلاۋامۇ ئاغزىڭدا ئېرىپلا كېتىدۇ. يېدىڭمۇ-يىمىدىڭمۇ بىلەلمەيسەن. ئانامىنىڭ زەپە ۋە توخۇ شورپىسىدا ئەتكەن پىلاۋ(پولو)ىدىن تاتلىق يەنە باشقا بىر پىلاۋ بولمايدۇ.

    نېمە بولسا بولسۇن ئەپەندىم، بىزنىڭ يەگەنگە شېرىكلىشىدىغان نېمىس خوجايىنلىرىدىن  تېلگرامما كەلدى. ئايروپىلان بىلەن ئۈچ ئادەم كېلەرمىش. ئۇلارنىڭ باشقا يەردىمۇ ئىشلىرى بولغاچقا، بۇ يەردە بىر كېچە، ئىككى كۈندۈز تۇرۇپ، يەنە ئايروپىلان بىلەن ئۇچارمىش. مىھمانخانىدا ياتاقلىرىنمۇ ئالدۇرۇپ قويغانمىش. بىزگە بىزنىڭ ئۆيدە بىر ۋاق كەچلىك تاماق بېرىشلا قالغانمىش، بۇ تاماق ۋاقتىمۇ ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا بىر - ئىككى سائەت دەۋام قىلارمىش. بۇ چاغدا بىز نېمىسلارغا ئادەمنى قىزىقتۇرغۇدەك، جەلپ قىلغۇدەك ئىشلارنى قىلىش تەكلىپلىرىنى بېرەرمىشمىز.

    - قانداق بولار، يەگەن؟ 

    - ئاھ زووو … سەن ئۇ تەرىپىنى ماڭا قوي، ئىشلىرىمىز توغرىسىدا شۇنداق ئېسل تەكلىپلەرنى بېرىمەنكى، ئەقىللىرى لال بولىدۇ، ياھ !

    ئۇنىڭ ئاغزىدىن گەپ ئېلىش ئۈچۈن، نېمە ئىشلار توغرسىدا قانداق تەكلىپلەرنى بېرىدىغانلىقىنى سورىدىم، ۋاي بۇ بىزنىڭ يەگەندىكى ئەقىل. بىزنىڭ شەھىرىمىزدە لالما ئىت جىقمىش. نېمىسلارغا بىر فابرىكا قۇردۇرۇۋالساقلا، ئاشۇ لالما ئىتلارنىڭ تېرىسىدىن ئايالچە پەلەيلەر، پەلتو ياقىسى، جۇۋا؛ قۇيرۇقلىرىدىنمۇ ئاياللار ئۈچۈن تېرە تۇماق، شەپكە، ئاچقۇچ بېغى، بېزەك بۇيۇملىرى ياسىلارمىش. لالما ئىتلارنىڭ گۆشلىرى ۋە سۆڭەكلىرىمۇ تاشلىۋېتىلمەسمىش. بۇلارمۇ قۇرۇتۇلغان يېمەكلىك زاۋۇتىدا ماشىنىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ قۇرۇتۇلارمىش، قالدۇقلىرى ھايۋانلارنىڭ يەم-خەشىكى بولارمىش. ئوغرى مۈشۈكلەردىنمۇ ئوخشاش ئۇسۇلدا پايدىلىنارمىش «ياھ!»

    يەنە ئۇ كۆرۈپ قويغان مەلۇم بىر يەردە بىر ئارشاڭ بارمىش. ئۇ ئارشاڭنىڭ پاتقىقى ھەر خىل يارا ۋە تېرە كېسەللىكىلىرىگە ناھايىتى تېز ئۈنۈم بېرەرمىش. نېمىسلارغا بۇ پاتقاقتىن پايدىلىنىپ، ئاياللارغا گۈزەللىك، لاتاپەت بېغىشلايدىغان پەرداز بۇيۇملىرى ئىشلەپچىقىرىش تەكلىپلىرىنى بېرەرمىش. بۇلار پاتقاقنىڭ ئىچىگە خۇش پۇراقلىق بەرسىلەرنى سېلىپ، شۇنداق پىششىقلاپ ئىشلەيمىشكى، «پاتقاق پەرداز» نىڭ بىر گرامىنى 1000 لىرادىن ساتارمىشمىز.

    شەھەر مەمۇرىيىتى بىلەن توختاملىشىپ، شەھەرنىڭ ئەخلەتلىرىنى ھەقسىز توپلاپ، بۇ ئەخلەتلەر بىلەن دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئالاھىدە بىر ئارال قۇرۇپ چىقىشمۇ يەگەننىڭ تەكلىپلىرىنىڭ تەركىبىدە بارمىش. بۇ ئالاھىدە ئارالدا قىمارخانا ۋە باشقا ھەر خىل خانىلاردىن تەركىپ تاپقان ساياھەتچىلىك مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنارمىش...

    خوتۇنۇم بىلەن ئانام تېلگرامما كەلگەن كۈنىلا قوللىرىنى شىمايلاپ، تاتلىق يېمەكلىك ئېتىشتە بىر-بىرى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشۈپ كېتىشكەنىدى. ئېتىدىغان يىمەكلىكلەرنىمۇ ئۆز ئارا بۆلۈشىۋالغان: شورپىنى ئانام، كۆفتەنى خوتۇنۇم، مانتىنى ئانام، زەيتۇن ياغلىق سارمانى خوتۇنۇم، بۆرەكنى ئانام، باكلاۋانى خوتۇنۇم … ئىككىسى ئۆز-ئارا ئەنە شۇنداق ئىش تەقسماتى قىلىشۋېلىشقانىدى.

    - رايىڭدىن ھەرگىز قايتما،- دەيتتى يەگەن، - ئاچ قاپچۇقنىڭ ئاغزىنى. «غاز كېلىدىغان- يەردىن توخۇ ئىسىركىمەس»  دەپتىكەن كونىلار ياھ... 

    ئۇنىڭ دېيىشىچە ھەر نىمە بولسا مۇشۇ بىر - ئىككى سائەتلىك «ئىش تامىقى» ئارىسىدا بولارمىش. ماڭا شېرىكلىك ھەسسىسى يۈزدە بىر بېرىلسىمۇ، يەنە مىليونېر بولۇپ كېتەرمىشمەن.

    بىزنىڭ قاپچۇق قاپچۇقمۇ ئۇ، ئاغزىنى ئاچساق نىمە چىقار…. ئاخىر قاپچۇقنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ قۇرۇقدىدۇق. يەنىلا يەتمىدى. قەرىز ئالدۇق، توغرسى قەرىزگە بوغۇلدۇق. باققالغا، قاسساپقا، كۆكتاتچىغا، سۈتچىگە، پۈتۈن مەھەللىدىكى ھۈنەرۋەن، مىلىچمالچىلارغا قەرزدار بولدۇق. ھېچقىسى يوق، مىلىيون - مىليونلاپ پۇل كېلىدىغۇ...

    نېمىسلار يېتىپ كەپتۇ. يەگەن ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىش ئۈچۈن ئايرۇدۇرومغا كەتتى. ئۇ، ئۇلارنى ئاۋۋال مېھمانخانىغا ئورۇنلاشتۇرىدىكەن، ئاندىن ساياھەت قىلدۇرىدىكەن. كەچقۇرۇن بىرنىڭ ئۆيگە «ئىش تامىقى» غا ئېلىپ كېلىدىكەن. مەن ئۇلارنى ئۆيدە ساقلىماقتا ئىدىم. ئانام بىلەن خوتۇنۇم يەنىلا ئاشخانىدىن چىقالمايتتى، ياپىر، بۇ ساراڭلارنىڭ ئىشىنى! شۇنچە يېمەكلىك بىر باتالىيون ئەسكەرگە يېتىدىغۇ-ھە! ئىككىسى ئۆزلىرى يېتىشىپ بولالماي قوشنا ئاياللارنىمۇ ياردەمگە چاقىرىشقانىدى. بۇنىڭغا قاراپ توي داستىخىنى سېلىنىدىغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالىسەن.

    بىراق شۇنداق بولسىمۇ تېخى داستىخان نازۇ نېمەتلىرىدىن يەنە كەم - كوتلىرىمىز بارمىش. ئۇ كەم - كوتىلارنىمۇ قۇلۇم - قوشنىلاردىن توپلاپ تولۇقلىدۇق.

    يەتتىدىن بەش مىنۇت ئۆتكەندە تاكسى ئىشىك ئالدىدا توختىدى. مەن ئىشىكتىن يۈگۈرۈپ چىقىپ قارشى ئالدىم.

    - مەرھەمەت، مەرھەمەت، مەرھەمەت…. - يەگەن مېنىڭ سۆزلىرىنىمنى ئۇلارغا تەرجىمە قىلاتتى،- ئاھ زووو، داستىخانغا ئولتۇرايلى - دە دەرھال ئىش مەسلىھەتىگە كېلەيلى … - دېدى يەگەن. 

    بىز نېمىسلارنى داستىخانغا باشلىدۇق. ئانام تاۋاقلارغا شورپىلارنى ئۇسۇۋاتقاندا، يەگەن ئىش مەسلىھەتىنى باشلاپ بولغانىدى.

    - بىزنىڭ بۇ يەردە - دەيتتى ئۇ نېمسلارغا،- تېخى ئىنسان قولى تەگمىگەن ناھايىتى جىق بايلىق مەنبەلىرى بار، بۇرۇن دېگىنىمدەك...

    يەگەن ئانامنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن سۆزىنىڭ داۋامىنى دېيەلمىدى …. ئانام تاۋاقلارغا چۆمۈچلەپ - چۆمۈلەپ شورپا قۇياتتى. نېمىسىلار قوللىرى بىلەن ۋە نېمسچە تىللىرى بىلەن « ۋايجان، ئەمدى بولدى» دەپ تۇرسىمۇ، ئانام ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلايدىغاندەك ئەمەس ئىدى. بىزنىڭ تۈرك ئۆرۈپ - ئادىتىمىز بويىچە كۈتۈۋالماقچى بولۇپ، ئىززەت بىلەن:

    - يەڭلار ، يەڭلار … سالامەتلىك بولسۇن … بۇنى « توي شورپىسى» دەيدۇ. يەگەن، بىلدىڭمۇ ؟ … يەڭلار تارتىنماي … قېنى مەرھەمەت .. - دەيتتى ۋە ھەدىسىلا يەگەنگە قاراپ،- دىگەنلىرىمنى چالا قويماي تەرجىمە قىل، ئۇلار ئاڭلىسۇن،- دەپ ئۇنى تەرجىمە قىلىشقا ئۈندەيتتى.

    بىچارە يەگەن بىر - ئىككى قېتىم تەرجىمە قىلىپ، كېيىن ئانامغا:   

    - ھامما ، ھېچبولمىسا بىزگە بىر ئاز ئىجازەت بېرىڭ، بىزمۇ ئىشىمىز توغرسىدا مۇڭدىشىۋالايلى … - دەپ يېلىنسىمۇ، ئانامنىڭ ئاغزىنى بېسقتۇرغىلى بولمىدى. ئانام نېمىسلارغا تۈركچە سۆزلەشكە باشلىدى:

    - ياقتۇردىڭىزمۇ، ھە؟ دېدىمغۇ سىزگە بەك تاتلىق دەپ …. توختاڭ، ھېچبولمىغاندا يەنە بىر چۆمۈچ ئۇساي...

    نېمىسلار ئىككى قوللىرى بىلەن تاۋاقلارنى توسۇپ تۇرۇۋالسىمۇ، ئانام يەنە ئۇلارنىڭ قوللىرى ئارىسىدا يول تېپىپ، چۆمۈچتىكى لىپمۇلىق شورپىنى ئۇلارنىڭ تاۋاقلىرىغا قۇياتتى. دەل مۇشۇنداق چاغدا يەگەن گەپ قىلشقا تەمشلىپ بولغۇچە، گەپنى ئانام تارتىلۋالاتتى.

    - قېنى، مەرھەمەت تارتىنماي… ياتسىراپ تۇرماڭلار بۇنداق، قورۇنماڭلار، يەڭلار، يەڭلار. ئانام يەگەنگە قاراپ،- دە، ئۇلار يېسۇن،- دەيتتى،- دە، يەنە ئۇلارغا بۇرۇلۇپ داۋام قىلاتتى،-بۇ يات ئۆي ئەمەسقۇ، ئۆز ئۆيىمىز دەپ بىلىڭلار...

    نېمىسلار ھەقىقەتەنمۇ مەمنۇن بولۇشقانىدى. ئانامنىڭ ئۈستى - ئۈستىلەپ شورپا قۇيۇشلىرىغا چىدىيالمىدى بولغاي، قانداقلا بولمىسۇن شورپىلارنىڭ ھەممىنى ئىچىپ تۈگەتتى.

    - ھېچبولمىسا يەنە بىر ئاز ئىچكۈسى بارمىكىن، سوراپ باققىن… - دېدى ئانام يەگەنگە.  

    مەن: 

    - ئانا، بۇ دوست - بۇرادەرچىلىك تامىقى ئەمەس، بۇ يەردە بىز تىجارەت توغرسىدا مەسلىھەتلىشىمىز. قوي ئەمدى. تىجارىتىمىز توغرسىدا مۇڭدىشايلى…. - دېيشىمگىلا، سۆزلەش نۆۋىتىنى خوتۇنۇم ئالدى. ئۇ  ئالماشتۇرۇلغان تاۋاقلارغا ئۆزى ئەتكەن شوخلا مۇرابباسى، قىزىلمۇچ قىيامى سېلىنغان كۆفتىلەرنى قۇيۇش بىلەن تەڭ زۇۋانىمۇ ئېچىلدى: 

    - قېنى، مەرھەمەت تارتىنماي … بۇنى بىز باسما كۆفتە دەيمىز. ھەر ھالدا سىلەرنىڭ تامىقىڭلارغا ئوخشىمايدۇ. ئەمما غايەت لەززەتلىك تېتىيدۇ بىزگە. ئادەمنى سەمرىتىدۇ. ياتسىراپ تۇرماڭلار بۇنداق...

    خوتۇنۇمنىڭ زۇۋانى ھېچ بېسىلىدىغاندەك ئەمەس. شۇ تىجارەت تېمىسىدا بىر - ئىككى ئېغىز مۇڭدىشىۋالايلىچۇ، ھەي، ئاللا جاجاڭنى بەرگۈر خوتۇن...

    خوتۇنۇم تىنىۋالغىنىچە، گەپنى ئانام باشلىدى:

    - سالاتتىنمۇ مەرھەمەت… تاۋىققىڭىزغا قۇيايمۇ…. بۇيەردە سۆگۈش دوماستەس، بۇ يەردە چوپان سالاتى، ئارلاشما سالات بۇ يەردە. يەڭلار جېنىم يەڭلار. سۇمۇ، ئايرىنامۇ، سىقما مېۋە سۈيمۇ بار...

     

     

    نېمىسلار كۆفتىلەرنى ياقتۇرۇپ قالغاندەك قىلاتتى. تاۋاقلىرىدىكى كۆفتىلەرنى سىيرىپ-سۈپۈرۈۋەتكەنىدى. ئانام بىلەن خوتۇنۇم بىكار تاۋاقلارغا يېڭىدىن كۆفتە تولدۇرۇشقا تەمشىلىۋىدى. ئۈچ نېمىس كۆفتە قۇيدۇرماسلىق ئۈچۈن تاۋاقلارنىڭ ئۈستىگە دۈم يېتىۋېلىشتى

    - تاۋاقلىرىڭىزنى ئالماشتۇراي…. ئەزبىرايى، سىز ھېچنەرسە يېمىدىڭىز، ئاچ قالدىڭىز… نانغا مەرھەمەت، شۇ كاسەدىكىنى بىز سۇماك دەيمىز .. قېنى تاماققا سېپىپ-سېپىپ… ئىشتىھانى ئاچىدۇ.. ئاشقازانغا غايەت شىپالىق.

    مەن ئاخىرى مىھمانلارنىمۇ ئۇنتۇپ: 

    -زۇۋانىڭنى يىغ خوتۇن، يىغ! زۇۋانىڭنى يىغ بىردەم. بىز ئىككى - ئۈچ ئېغىز مۇڭدىشىۋالايلى، مىھمانلار ئەتە كېتىدۇ،- دەپ ۋاقىرىدىم.

    -بۇ قانداق گەپ؟ - دېدى خوتۇنۇم،- مېھمانغا ھۆرمەت كېرەك ئەمەسمۇ؟ بولدى جىم بولدۇم مانا … - بۇ قېتىم ئانام تاۋاقلارغا قارنىيېرىقلارنى تولدۇرۇۋاتقاچ گەپ باشلىدى:

    - ئەمدى بولارمىش تېخى …. يەنە باشقا تاماقلار… ۋايجان ، توختاڭ، يەنە بىر قانىيېرىق قۇياي، ۋايجان، توختاڭ، يەنە بىر قانىيېرىق قۇياي، ۋييەي، ئەزبىرايى، يېمىسىڭىز بولمايدۇ، خاپا بولىمەن. ئۆيىمىزگە 40 يىلدا بىر مىھمان بولۇپ كەلدىڭلار. يەڭلار تارتىنماي،- ئانام يەگەنگە قاراپ دېدى،- تەرجىمە قىل دىگەنلىرىمنى ئۇلار تارتىنماي يىسۇن. 

    يېمەي قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىشقان نېمسىلار ئاخىرى ئانامغا تەسلىم بولدى. تاۋاقلىرى يەنە قانىيېرىقلار بىلەن تولدى.

    - تاۋىقىڭلارغا يەنە ئازىراق سالات قۇياي…  قايسىسىدىن؟… بۇ تۇرۇپ قەلەمچىسى، قايسىسىدىن ؟... بۇ تۇرۇپ قەلەمچىسى، ناھايىتى شىپالىق... بۇ قىزىل تۇرۇپ. بۇ سىلەرنىڭ ئۆز ئۆيۈڭلار ھېسابلىنىدۇ، تارتىنماڭلار...  

    ئانام بىلەن خوتۇنۇم مۇڭدىشىۋىلىشىمىزغا ھېچبىر پۇرسەت بەرمەيۋاتاتتى. 

    - ئانا توختا بىردەم، ئەمدى ئازىراق تىجارەت توغرسىدا مۇڭدىشايلى، بۇ مېھمانلار بۇ يەرگە تىجارەت مەسلىھەتىگە كەلگەن، تاماق يېگىلى كەلمىگەن.

    ئانامنى جىملەشنىڭ مۇمكىنچىلىكى يوق، نەپەس ئېلىشقا تەشنا بولغان ھامان، گەپنى خوتۇنۇم باشلايتتى. نېمىسلار ئارقا - ئارقىدىن ئۇزىتىلغان ئايرانلارنى، مىۋە سۇلىرىنى ئاغزىغا كوركىرىتىپ قۇياتتى.

    - ئىچ، ئىچ … تاماقنى سىڭدۈرىدۇ. يەنە بىر قارنىيېرىق يىگۈڭىز بارمۇ، تارتىنماڭ...  

    خوتۇنۇم  سۇ بۆرىكىنى پەتنۇستىن ئېلىپ تارقىتىشقا باشلىدى. 

    - بازاردىن ئالالمىدىم ھەبۇنى، ئۆز قولۇم بىلەن ئەتتىم… ناھايىتى يەڭگىل. قاراڭ، مانا مۇنداق… ئادەمنىڭ ئاغزىدا ئېرىپلا كېتىدۇ، ھەرگىز كۆڭلىگە تەگمەيدۇ. يەنە بىر دانە ئالمىسىڭىز، ئەزبىرايى خاپا بولىمەن، سىلەر ئۈچۈن ئالاھىدە ئەتتىم.

    نېمىسلار خوتۇنۇمنىڭ سۆزلىرىنى خۇددى تولۇق چۈشەنگەندەك، سۇ بۆرىكىنى جىقىراق يېيىشنىڭ ئامالىنى قىلشىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرەتتى.

    - ئىككى لوقما سۇ بۆرىكى يەپ، ئۇنىڭ ئارقىسىدىنلا ئۈچ يۇتۇمدىن ئايران ئىچىۋېتىڭلارچۇ قېنى، مانا شۇ چاغدا پۈتۈن كۈن توختىماي سۇ بۆرىكى يېسەڭلارمۇ، يېدىڭمۇ - يېمىدىڭمۇ، بىلمەيسىلەر. مەرھەمەت … يەنە ئازىراق… قاراڭ، بەك تاتلىق پىشىپتۇ.    

    كېلىن بىلەن قېيىنئانا بىر-بىرلىرىنى ماختاشقا باشلىدى:

    - كېلىنىم ئەتكەن سۇ بۆرىكىدىن يېيىشلىك سۇ بۆرىكى بولمايدۇ جاھاندا.

    ئاخىرى يەگەن تاقەت قىلالماي:    

    -يائاللا، تاماقتىن باشقا نەرسە دېيىشمەيمىزمۇ ھە؟ - دەپ ۋاقىرىدى.

    خوتۇنۇم خۇددى يەگەننىڭ سۇئالىغا جاۋاپ قايتۇرغاندەك: 

    -تېخى بۇنىڭ كەينىدە مانتا بار،- دېدى. 

    سائەتكە قارىدىم، داستىخانغا ئولتۇرغىلى بىر يېرىم سائەت بوپتۇ. ئانام بىلەن خوتۇنۇمنىڭ مىھمانلارغا تاماق يىگۈزۈشلىرىدىن ئازىراق بولسىمۇ ۋاقىت تېپىپ، تىجارەت توغرۇرلۇق مۇڭدىشىپ باققىنىمىز يوق تېخى. ئۇلار بىزگە پۇرسەت بەرمەيۋاتاتتى .. ئەستا...

    - پىلاكىدىن يەنە ئازىراق ئالسىڭىز نىمە بولىدۇ دەيمەن… ۋاييەي، ئەزبىرايى، ئالمىسىڭىز بولمايدۇ، ئىككى قۇشۇق بولىسمۇ پىلاكىدىن يىگۈزمەستىن قويۇپ بەرمەيمەن.

    - ۋىييەي، قۇشقاچچىلىك بىر نەرسە يېمىدىڭىز ئىگەكىم.

    -دولمادىن ئالمامسىز، مەرھەمەت مەرھەمەت، لىمونمۇ بۇ يەردە، يەڭلار، يەڭلار تارتىنماي... 

    نە يەگەن، نە مەن ۋە نېمىسلار ئاغزىمىزىنى ئاچالمايۋاتاتتۇق. ئانام بىر ياندىن، خوتۇنۇم بىر ياندىن ئىززەت - ئىكراملار بىلدۈرۈپ،ئۈچ نېمىسنى تاماققا تاغارغا سامان تىققاندەك. ئىككىسىنىڭ ھالىغا قويۇپ بەرسە، نېمىسلارنى يەرگە ئوڭدا ياتقۇزۇپ ئاغزىلىرىغا دولمالارنى زورلاپ تىقىشتىنمۇ يانمايتتى.

    - تاۋىقىڭلارنى ئالماشتۇراي .. مەرھەمەت...      

    - ئەزبىرايى، ئاچ قالدىڭىز...    

    - بۇنداق تۇرۇۋالسىڭىز قانداق بولىدۇ ، مىھماندەك تۇرۇۋالمىسىڭىزچۇ بۇنداق...   

     ئاھ، پۈتۈن ئەخمەقلىق مەندە.. ياپىر، مەن نەدىن بىلەي بىزنىڭ ئۆرپ - ئادىتىمىز بويىچە مىھمان كۈتۈۋېلىشنىڭ بۇنداق بولىدىغانلىقىنى.

    ئىككىسى «ئۇنىڭدىن ئال، بۇنڭغا مەرھەمەت، ئەزبىرايى ئاچ قالدىڭىز، قېنى قۇرۇنماي يەڭلار، ياتلاردەك تۇرماڭلار، بۇنداق تارتىنماڭلار، بۇ يەر ئۆز ئۆيۈڭلار، ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن…»  دېيىشىشلىرىدىن كېيىن، مىڭ تەستە تاتلىق - تۇرۇملارغا نۆۋەت كەلدى.

    -بۇنىڭ ئىسىمى سارىغبۇرما،- دەيتتى خوتۇنۇم نېمىسلارغا،- ئىچى ياڭاقلىق … تاتلىق تۇرۇملارنىڭ شاھى ھىسابلىنىدۇ ، ھەممە ئادەم ئېتەلمەيدۇ بۇنى … مەرھەمەت، مەرھەمەت...

    بۇ ئۈچ نېمىسنىڭ ئەڭ بودىكى ئىچىگە سوقۇلغان ياڭاق تولدۇرۇلغان سارىغبۇرمانى چايناۋېتىپ، مۇنچاق - مۇنچاق تەرلەشكە باشلىدى. پەمىمچە ئۇلارنىڭ پۈتۈن بەدەنلىرىدە تاماق پاتقۇدەك بىكار يەر قالمىغان بولۇشى مۇمكىن، ئاغزىلىرىغا ئالغان لوقمىلىرىنى يەتتى، چاينايتى، كۆشەيتتى.

    سائەتكە قارۋىدىم، تاماققا ئولتۇرغىلى ئىككى يېرىم سائەت بوپتۇ. ئەمدى نېمىسلار مۇڭدىشىمىز دېسىمۇ بۇ  ھاللىرى بىلەن ھەرگىز مۇڭدىشالمايتتى. كەمىرلىرى قورسىقىنى سىقىۋالغان بولسا كېرەك، نېمىسلارنىڭ بىرى كەمىرىنىڭ تۆشكىنى ئۈچۈنچى قېتىم يۆتكەپ، قورسىقىنى بوشاتتى. نېمىسلارنىڭ بىرىنىڭ كۆزى ئالىيىپ، تاماقنىڭ ئېغىرلىقىدىن ئۇيقۇغا كەتتى.

    -ئۆز قولۇم بىلەن ئەتتىم، پاكلاۋادىن يىگۈزمەستىن قويۇپ بەرمەيمەن، مەرھەمەت، يەڭلار،- دەپ تۇراتتى.

     - ھەي يەگەن،- دېدىم مەن،- بۇلار ئەتە كەچتە ئايروپىلانغا چىقىدۇ، ئەتە چۈشلۈك تامىقىنى بىر رېستوراندا بىللە يەيمىز، تىجارەت مەسلىھەتىنى شۇ چاغدا قىلىشىمىز . ياھ!

    يەگەن شۇنداق دەۋاتقاندا، مۇنچاق - مۇنچاق تەر تۆكۈۋاتقان ھېلىقى بودەك نېمىسىنىڭ بېشى ئولتۇرغان ئورۇندۇقنىڭ يۆلەنچۈكىگە تاشلىنىپ ئوڭغا قىيسىيىپ قالدى. چىرايىمۇ پىدىگەندەك كۆكىرىپ كەتتى. مەن:

    - ۋاي ئىسىت، نېمىسلارنىڭ بىرى قولدىن كەتتى،- دەپ تۇرسام ، ئانام بىر قاچا سىقىلغان گىلاس سۈيىنى  كۆتۈرۈپ كىرىپ:

    - ئىچە، ئىچ شىپاھ بولىدۇ، بەدەنگە خۇش ياقىدۇ، - دەپ مىھماننىڭ كىرىشىكەن چىشلىرىنىڭ ئارىسىدىن ئاغزىغا قۇيماسمۇ! نېمىس قىمىرلىيالمىغاچقىمۇ ياكى ئاغزىغا تىرەلگەن قاچىدىكىنى دورا دەپ قالدىمۇ، تەقدىرىگە رازى بولۇپ، ئۇ بىر قاچا گىلاس سۈيىنى ئىچىۋەتتى. لېكىن قورسىقىدا پەقەتلا بىكار يەر قالمىغانلىقى ئۈچۈن، گىلاس سۈيىنى قاچىغا ياندۇرىۋەتتى ۋە كۆك گۈلدۈرلىگەندەك كېكىرىشكە  باشلىۋېدى، ئانام:

    - سالامەتلىك، شېكەر، بال بولسۇن … قارا، يارىدى، يارىدى… - دەپ كەتتى.

    خوتۇنۇم:

    - ناشتىلىقىڭلار قانداق بولسۇن ؟ - دەپ سورىشىغىلا، نېمىسلاردىن بىرى ئورنىدىن تۇرۇپ، يەگەنگە بىر نەرسىلەرنى دېدى. كۆكىرىپ كەتكەن ھېلىقى نېمىس تەرلىرىنى سۈرتۈۋاتاتتى. ئۈچىنچى نېمىسنى كۆرسىڭىز ھەيكەل دەپ قالاتتىڭىز. يەگەن بىلەن مەن بۇ نېمىسنىڭ قولىدىن تۇتۇپ كۆتۈردۇق. ئېنىقكى ، ئادەم يېگەن تاماقلارنىڭ ئېغىرلىقىنى كۆتۈرەلمىگەنلىكىتىن ماڭالمايۋاتاتتى. قوللىرىنى ئىككى ياندىن مۈرىمىزگە ‪ئارتىلدۈرۈپ ئېلىپ ماڭدۇق پەلەمپەيلەردىن، چۈشۈشى ئاسانغا  توختىمىدى. كېتىۋىتىپ يەگەن نېمىسلاردىن «ئەتە رېستۇراندىكى چۈشلۈك تاماقتا تىجارەت  توغرسىدا مۇڭدىشايلى» دەپ ۋەدە ئالدى. نېمىسلارنى ئىشىك ئالدىدا ئۇزۇتىۋېتىپمۇ ئانام بىلەن خوتۇنۇم يەنىلا گەپ ياغدۇرۇشقا باشلىدى:

     

    - ئەزبىرايى ئاچ قالدىڭىز.

    -نېمە يېدىڭىزكى، ھېچنىمە...

    يەگەن نېمىسلارنى مىھمانخانىغا ئاپىرىپ قويۇش ئۈچۈن ئۇلارنى بىر تاكسىغا چىقىرىپ، ئۆزىمۇ ئۇلار بىلەن بىللە كەتتى. مەنمۇ ئۆيگە كىرىپ خوتۇنۇم بىلەن ئانامغا دېمىگەنلىرىم قالمىدى. ئەمما ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قىلغان ئەتكەن تەن ئالىدىغاندەك ئەمەس ئىدى.

     نېمە يامىنى؟ - دەيتتى ئانام ،- مېھمان دېدىڭىز، ئېلىپ كەلدىڭىز، غەربلىكلەرنى ياخشىراق كۈتۈۋالمىساق بولامدۇ؟ ياخشى كۈتۈۋالمىساق، كېيىن ئارقىمىزدىن نېمىلەرنى دېمەيدۇ؟

    - بىز ئۆرپ-ئادىتىمىز قانداق بولسا، شۇنداق قىلدۇق،- دەيتتى خوتۇنۇممۇ،- پەقەت تىرىشىپ - تىرمىشىپ تاماقلار، تاتلىق - تۇرۇملار ئەتتۇق، رەھمەت ئېيتىپ «قوللىرىڭىزغا دەت كەلمىسۇن»  دەپمۇ قويمىدىڭىز، يەنە تېخى ۋاقىرىپ جاقىراپ - تۇرۋاتىسىز. نېمىسلار تۈرك ئۆيىگە قىرىق يىلدا بىر قېتىم ئاران بىر مىھمان بولۇپ كەپتۇ،  ئۇ ئادەملەرنى ئاچ يولغا سالاتتۇقمۇ؟

    ئانام ۋە خوتۇنۇم بىلەن قىزىرىشىپ قالدىم.   

    ئەتىسى يەگەن بىلەن ئۇلارنى چۈشلۈك تاماققا ئاپارماقچى بولۇپ، ئۇلار چۈشكەن مىھمانخانىغا بارغىنىمىزدا نېمىسلارنى تاپالمىدۇق. ئۇقۇشىمىزچە، نېمىسلارنىڭ بىرى يېرىم كېچىدىن ئاشقاندا تېز قۇتقۇزۇش ماشىنىسى بىلەن «تۇنجى ياردەم دوختۇرخانىسى» غا ناھايىتى تەستە ئېلىپ بېرىلىپتۇ. يەنە بىىرنىڭمۇ دوختۇرخانىغا بارغۇدەك ماجالى يوقمىش. دورا ئەكەلدۈرۈپ مېھمانخانىدا ئاشقازىنىنى يۇيۇپ تازىلاپتۇ. ئۈچىنچى نېمىس بۇ ئەتراپتا ھېچ كۆرۈنمەيتتى. ئۇنىڭ قەيەردە ۋە نىمە بولغانلىقى ھېچ ئېنىق ئەمەس.

    - ئاھ زووو، بۇ ئىش سۇغا چىلاشتى  مانا … ياھ !   - دېدى يەگەن. 

    مەنمۇ ئۇنىڭدىن ئۆگىنىپ قالغان ئوخشايمەن، ئۇنىڭدەك 

    -ياھ ! – دېدىم.

    دۇنيانىڭ دانىشمىنى يەگەنمۇ گىرمانىيەگە قايتىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. شۇ كۈندىن كېيىن ئۇنى قايتا ئۇچرىتالمىدىم.

    مىليون يۈەنلىك پۇل تاپىدىغان تىجارىتىمىز ئەنە شۇنداق سۇغا چىلاشتى. لېكىن بۇ ئۈچ نېمىسقا تۈرك ئۆرپ - ئادىتىگە خاس مېھمان دوستلۇقىمىزنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ قويدۇق. ئەمما، بولغۇلۇق ماڭا بولدى: نېمىسىلارغا زىياپەت ئۈچۈن بوغۇلغان قەرزلىرىمنى ئالتە ئايدا ناھايىتى تەستە تۆلەپ بولدۇم.

     

          (بۇ ھېكايە ئەزىز نەسىننىڭ «سىلەرنىڭ مەملىكەتتە ئېشەك يوقمۇ؟» ناملىق كىتابىنىڭ 2008 - يىلى 8- ئايدىكى 100- باسمىسىدىن تەرجىمە قىلىندى) 


       ( تەرجىمان قاغىلىق ناھىيىلىك سىياسى كېڭەشتە )     مۇھەرىر خاسىيەت ئەمەت  

     

    «تارىم» ژۇرنىلىدىن ئېلىندى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئەزىز نەسىن چوپانى