سىرلىق ئەتىرگۈل(ب. ئا. گوردېن)

يوللىغۇچى : YusufAhmad يوللىغان ۋاقىت : 2009-06-17 16:33:00

سىرلىق ئەتىرگۈلب. ئا. گوردېن(ئامېرىكا) ئىسكەندەر خەيرۇللا تەرجىمىسى شۇ يىلى، كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايدىغان باھار كۈنلىرىنىڭ ھەر شەنبىسى مەن كارالىن ۋىرفو خانىمغا ئەتىرگۈل ئاپىرىپ بېرەتتىم. گۈل ...

    سىرلىق ئەتىرگۈل
    ب. ئا. گوردېن(ئامېرىكا)
    ئىسكەندەر خەيرۇللا تەرجىمىسى


        شۇ يىلى، كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايدىغان باھار كۈنلىرىنىڭ ھەر شەنبىسى مەن كارالىن ۋىرفو خانىمغا ئەتىرگۈل ئاپىرىپ بېرەتتىم.
       گۈل دۇكىنىدىكى ئوۋسىن تاغا ھاۋانىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، گۈلنى دەل سائەت سەككىزدە يەتكۈزۈپ بېرىشمنى تاپىلايتتى. ئۇ ھەر قېتىم دۇكاندىكى ئەڭ ئىسىل گۈلنى يېشىل يىپ بىلەن باغلاپ، قىرىق قۇلاقنىڭ يوپۇرمىغى بىلەن ئاۋايلاپ يۆگەپ كورۇپكىغا سېلىپ بولغىچە كۈتۈپ تۇراتتىم. ئاندىن سوزۇنچاق كورۇپكىنى قولۇمغا ئالاتتىم ـ دە، جىمجىت كوچىدا ۋېلىسىپىتنى تېز ھەيدىگىنىمچە بېرىپ گۈلنى كارالىن خانىمغا يەتكۈزۈپ بېرەتتىم.
      مەن ھەر ھەپتىدە پەقەت ئۈچ سوم تاپساممۇ، ئەمما بۇ شۇ چاغلاردىكى ماڭا ئوخشاش ئون نەچچە ياشلىق ئۆسمۈر ئۈچۈن خېلى كۆپ پۇل ئىدى. شۇنىمۇ ئېيتىپ قوياي، ئەتىرگۈل ئاپىرىپ بېرىش ئىشى ماڭا دەسلەپتىلا غەلىتە تۇيۇلغان ئىدى. گۈل ئاپىرىپ بېرىدىغان تۇنجى كېچىسى ئوۋسىن تاغىنىڭ كارتوچكىنى ئۇنتۇپ قالغانلىغىنى ئېسىگە سالدىم.
       ئۇ خۇددى سېھرىگەرلەردەك ماڭا كۆزەينىگىنىڭ ئۈستىدىن قاراپ:
       ـ جېمىس، كارتوچكىسى يوق، ـ دىدى. ئۇ ئەزەلدىن مېنى جېم دەپ چاقىرمايتتى،
        ـ گۈلنى تەقدىم قىلغۇچى ئىمكان قەدەر مەخپى بولسۇن، ھىچكىمگە تىنما! كىشىلەر كارالىن خانىمغا گۈل سوغا قىلسا، بەكمۇ خوشال بولۇپ كېتەتتىم. چۈنكى بىزنىڭ مەھەللىدىكىلەر ئۇنىڭ تۇرمۇشتا بەختى كەلمىگەنلىگىگە ئىچ ئاغرىتاتتى. ئەسلىدە ئۇ مۇشۇ يەرلىك، قولىدىن ئىش كېلىدىغان جېمىر پانىمان ئىسىملىك بىر يىگىت بىلەن توي قىلىشقا ۋەدىلەشكەن ئىدى، كارالىن خانىم ئۇنى تىببى ئىنستىتوتنى پۈتتۈرگىچە ساقلىغان، لېكىن ئۇ، پراكتىكا جەريانىدا تېخىمۇ ياش ۋە چىرايلىق بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ ئۇنىڭ ئىسمى كىرىسدىن مارلو ئىدى. ئۇ چوڭ شەھەردىن كەلگەن مەدىنىي قىزلاردىن بولسىمۇ، بىزنىڭ مەھەللىدىكى ئاياللار ئۇنى كۆزگە ئىلمايتتى. بۇ ئىش بىچارە كارالىن خانىمنى تۈگەشتۈرۈۋەتتى: يېرىم يىلغىچە ئۆيدىن چىقالمىدى. ھەتتا چىركاۋداورايال چېلىشتىنمۇ قالدى. كارالىن خانىم تېخى ياش، ئۆزىمۇ ئانچە سەت قىزلاردىن ئەمەس ئىدى. بىراق ئۇنىڭ ھازىرقى ھالىتىدىن قارىغاندا، ئۇ غەلىتە مىجەزلىك قېرى قىز بولىۋالماقچى بولغاندەك قىلاتتى.   بىرىنچى قېتىم ئۇنىڭغا گۈل ئاپىرىپ بەرگەن كۈنى كېچىسى ئۇ ماڭا بەكمۇ سەت كۆرۈندى، مەن كورۇپكىنى ئۇنىڭغا سۇنغىنىمدا ئۇ بەكمۇ ھەيران بولۇپ:
       ـ بۇ مېنىڭمۇ؟ ـ دەپ سورىدى. ئىككىنچى شەنبە كۈنى مەن يەنە شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭغا گۈل ئاپىرىپ بەردىم. كېيىنكى شەنبە كۈنى مەن يەنە ئاپاردىم. ئۈچىنچى قېتىم بارغىنىمدا ئۇ ئىشىكنى ناھايىتى تېزلا ئاچتى. مەن ئۇنىڭ مېنى چوقۇم ساقلايدىغانلىغىنى بىلەتتىم. ئۇنىڭ مەڭزى سەل قىزارغان، چاچلىرى رەتلىك تارالغان ئىدى. مەن ئۇنىڭ ئۆيىگە تۆتىنچى قېتىم بارغان كۈنىنىڭ ئەتىسى ئەتىگەندە، كارالىن خانىمنىڭ چىركاۋدا رويال چېلىۋاتقانلىغىنى ۋە مەيدىسىگە ھىلىقى ئەتىرگۈلنى قىستۇرۇۋالغانلىغىنى كۆردۈم. ئۇ قەددىنى كۆتۈرۈپ، پانىمان بىلەن ئۇنىڭ ساھىپجامال ئايالى ئولتۇرغان جايغا كۆزىنىڭ قىرىنىمۇ سالماي مەغرۇر ئولتۇراتتى. ئانام ئۇنىڭغا قاراپ:
       ـ نىمە دىگەن ۋىجدانلىق قىز ـ ھە! ـ دىدى.
        مەن ھەر ھەپتىدە ئۈزمەي ئەتىرگۈل ئاپىرىپ تۇردۇم، كارالىن خانىمنىڭ نورمال تۇرمۇشى ئەسلىگە كېلىشكە باشلىدى. ئۇ، باشقىلارنىڭ ئۆزىگە ھىسداشلىق بىلدۈرۈۋاتقانلىغىدىن تەسىرلەنگەن بولسا كېرەك، ئەمدى ئۆزىنى خېلى تېتىك تۇتىدىغان بولدى، چىرايىدا مەيۈسلۈك كۆرۈنمەيتتى. بۈگۈن كارالىن خانىمنىڭ ئۆيىگە كېلىشىم ئاخىرقى قېتىم ئىدى.
       مەن كورۇپكىنى ئۇنىڭغا سۇنۇۋېتىپ:
        ـ كارالىن خانىم، بۇ سىزگە ئەڭ ئاخىرقى قېتىم گۈل ئېلىپ كېلىشىم. كېلەر ھەپتىدە بىز باشقا يەرگە كۆچۈپ كېتىدىغان بولدۇق، بىراق ئوۋسىن ئەپەندى سىزگە داۋاملىق گۈل يەتكۈزۈپ بەرمەكچى، ـ دىدىم.
    ئۇ بىر ئاز دىلىغۇل بولۇپ، ئارقىدىنلا:
        ـ جېم، ئۆيگە كىرگىن! ـ دىدى. ئۇ، مېنى چىرايلىق بېزەلگەن مېھمانخانىخانىسىغا باشلاپ كىرىپ، تام مەشنىڭ ئۈستىدە تۇرغان بىر يەلكەنلىك كېمىنىڭ ئەۋرىشكىسىنى ئالدى ـ دە:
       ـ بۇ بوۋامنىڭكى، ساڭا سوغا قىلاي، سەن ئېلىپ كەلگەن گۈللەر ماڭا غايەت زور خوشاللىق ئېلىپ كەلدى، ـ دىدى ۋە كورۇپكىنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ، گۈلنىڭ يۇمران بەرگىسىنى ئاستا سىلاپ قويدى،
        ـ گۈل گەرچە تىلسىز بولسىمۇ ماڭا نۇرغۇن ئىشلارنى، شۇنىڭغا قوشۇپ خوشاللىققا چۆمگەن شەنبە كېچىسى ئۇنىڭمۇ زېرىكىۋاتقانلىغىنى ئېيتىپ بەردى...
    قىز ئوشۇقچە سۆزلەپ قويۇۋاتقاندەك لېۋىنى چىشلىدى ۋە:
    ـ جېم، ئەمدى كەتسەڭ بولىدۇ. خوش ئەمسە! ـ دىدى.
    مەن يەلكەنلىك كېمىنىڭ ئەۋرىشكىسىنى چىڭ تۇتۇپ، ۋېلىسىپىتنىڭ يېنىغا يۈگۈردۈم.
       گۈل دۇكىنغا كەلگەندىن كېيىن، ئەزەلدىن قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان بىر ئىشنى قىلدىم: ئوۋسىن ئەپەندىمنىڭ قالايمىقان خاتىرلەنگەن ھۆججەتلىرىنى تېپىپ، مەن ئىزلىمەكچى بولغان «پانىمان»نى تاپتىم. ئوۋسىن تاغا پەرق ئەتكۈسىز قالايمىقان خەتلەر بىلەن «ئەللىك ئىككى تال قىزىل ئەتىرگۈلنىڭ بىر دانىسى يىگىرمە بەش سىنىت بولۇپ، جەمى ئون ئۈچ دوللار ئالدىن تۆلەندى» دەپ يېزىپ قويۇپتۇ. ئەسلىدە مۇنداق ئىكەندە!... ئارىدىن نەچچە يىل ئۈتۈپ، بىر كۈنى ئوۋسىن تاغىنىڭ گۈل دۇكىنىغا باردىم. بۇ يەرنىڭ ھىچنىمىسى ئۆزگەرمەپتۇ، ئوۋسىن تاغا بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا گۈلدەستە ياساۋاتقان ئىكەن. مەن ئىلگىرىكى خوجايىنىم بىلەن بىر ھازا پاراڭلاشقاندىن كېيىن:
        ـ كارالىن خانىم ھازىر قانداقراق؟ مەن ئەتىرگۈل ئاپىرىپ بېرىدىغان ھېلىقى خانىم ئىسىڭىزدىمۇ؟ ـ دەپ سورىدىم.
    ـ كارالىن خانىم دەمسەن؟ ـ ئۇ بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى، ـ ئەلۋەتتە ئېسىمدە، ئۇ دورىگەر گېئورگى خورشىن بىلەن توي قىلدى. ھازىر قوشكېزەك بالىسى بار.
       «ھە!» گەپنىڭ راستىنى ئېيتقاندا بىر ئاز ھەيران بولدۇم، لېكىن ئوۋسىن تاغىغا ئۆزەمنىڭ شۇ يىللاردا قانچىلىك ئەقىللىق ئىكەنلىگىمنى بىلدۈرۈپ قويماقچى بولدۇم ـ دە:
    ـ سىزنىڭچە، پانىمان خانىم ئۆز ئېرىنىڭ بۇرۇنقى سۆيگىنىگە گۈل تەقدىم قىلغانلىغىنى بىلەرمۇ؟ ـ دەپ سورىدىم.
    ئوۋسىن تاغا خۇرسىنىپ قويۇپ:
    ـ جېمىس، سەن ئۆزەڭنى ئۇنچىۋالا ئەقىللىق چاغلاپ كەتمە، گۈل تەقدىم قىلغان ئىشتىن پانىماننىڭ خەۋىرى يوق، ـ دىدى.
    مەن ئەجەپلەنگىنىمدىن: ـ ئۇنداقتا گۈلنى كىم تەقدىم قىلغان؟ ـ دەپ سورىدىم.
    ـ مەلۇم بىر خانىم، ـ دىدى ئوۋسىن تاغام شاتارى گۈلىنى ئاۋايلاپ كورۇپكىغا سېلىۋېتىپ،
    ـ ئۇ خانىم بىچارە كارالىن خانىمنىڭ ئۆز بەختىنى قۇربان قىلغانلىغىغا ئىچى ئاغرىيدىغانلىغىنى ماڭا سۆزلەپ بەرگەن،
    ئۇۋسىن تاغام بىر پەس تۇرۇۋالغاندىن كېيىن يەنە، ـ ئۇ گۈللەرنى سوغا قىلغان پانىماننىڭ خانىمى، قانداق، ۋىجدانلىق ئايالمىكەن، ـ دىدى.

    «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژورنىلى 1986-يىللىق-4-ساندىن ئېلىندى
    ‏(«جياڭسۇ ياشلىرى» ژورنىلىنىڭ 1984 ـ يىل 12 ـ سانىدىن تەرجىمە قىلىنغان)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق