بەدىئىيلىك توغرىسىدا(لېۋ. تولستوي)

يوللىغۇچى : YusufAhmad يوللىغان ۋاقىت : 2009-06-21 17:57:00

بەدىيلىك توغرىسىدا لېۋ. تولستوي (روسىيە) مۇساجان ئەزىزى تەرجىمىسى بەدىئىي ئەسەرنىڭ ياخشى ـ يامان يېزىلىشى سەنئەتكارنىڭ نېمىلەرنى دېيىشىگە، قانداق دېيىشىگە، شۇنداقلا ئۆز كۆڭلىنى قانچىلىك ئىپادىي...

    بەدىيلىك توغرىسىدا

     لېۋ. تولستوي  (روسىيە)
    مۇساجان ئەزىزى تەرجىمىسى

     

     بەدىئىي ئەسەرنىڭ ياخشى ـ يامان يېزىلىشى سەنئەتكارنىڭ نېمىلەرنى دېيىشىگە، قانداق دېيىشىگە، شۇنداقلا ئۆز كۆڭلىنى قانچىلىك ئىپادىيەلىشىگە باغلىق. بەدىئىي ئەسەرنىڭ مۇكەممەل بولۇشى ئۈچۈن، سەنئەتكارنىڭ دېگەنلىرى ھەممىلا ئادەمگە نىسبەتەن پۈتۈنلەي يېڭى ۋە مۇھىم بولۇشى، بۇ پىكىرلەر ئىنتايىن گۈزەل ئىپادىلىنىشى لازىم. شۇنىڭدەك سەنئەتكار ئۆز ئەسىرىدە كۆڭلىدىكى ئارزۇ ـ تەلەپلىرىنى دېگەن ۋە دېگەنلىرى تامامەن ھەقىقىي نەرسىلەر بولۇشى كېرەك. سەنئەتكارنىڭ ئېيقانلىرىنىڭ پۈتۈنلەي يېڭى ۋە مۇھىم بولۇشى ئۈچۈن. سەنئەتكار مەنىۋى مەدەنىيەتلىك كىشى بولۇشى، مەنپەئەتپەرەس بولماسلىقى، ئىنسانلار ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنىڭ قاتناشقۇچىسى بولۇشى لازىم. سەنئەتكار ئۆزىنىڭ دېمەكچى بولغانلىرىنى ئوبدان ئىپادىلەش ئۈچۈن ماھارەت جەھەتتە بەئەينى بىر ئادەم مېڭىپ كېتىۋاتقىنىدا قانداق چامداشنى كەمدىن ـ كەم ئويلىغىنىدەك، ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىدا ماھارەتتىكى مەسىلىلەرنى كەمدىن ـ كەم ئويلايدىغان دەرىجىدە پىشقان بولۇشى لازىم.
       سەنئەتكار قەلبىدىكى ئۆزىگە خاس تەلىپىنى ئىپادىلىمەكچى ھەمدە شۇ ۋەجىدىن دېمەكچى بولغان گەپلىرىنى چىن دىلىدىن بايان قىلماقچى بولىدىكەن، بىرىنچىدىن، ئۆزىنىڭ مۇھەببەتكە خاس نەرسىلەرنى ھەقىقىي سۆيۈشىگە توسقۇن بولىدىغان ئۇششاق ـ چۈششەك ئىشلار بىلەن شۇغۇللانماسلىقى؛ ئىككىنچىدىن، باشقىلار ئېتىراپ قىلغان ياكى سۆيۈشكە ئەرزىيدۇ، دەپ قارىغان نەرسىلەرنى سۆيىدىغاندەك قىياپەتككە كىرىۋالماسلىقى، ئۆزى سۆيۈشى، سۆيگەندىمۇ باشقىلارنىڭ قەلبى بىلەن ئەمەس، ئۆز قەلبى بىلەن سۆيۈشى لازىم. ئومۇملاشتۇرۇپ ياكى ئايرىپ قارىغاندا، ئەسەر، ئېھتىمال: مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، ئىنتايىن كۆركەم بولۇشى، لېكىن ئانچە يېقىملىق بولماسلىقى، ئانچە چىن بولماسلىقى مۈمكىن؛ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، لېكىن ئانچە كۆركەم ئەمەس، ئانچە يېقىملىق ئەمەس، ئانچە چىن ئەمەس بولۇشىمۇ مۈمكىن؛ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق، لېكىن ئىنتايىن كۆركەم. شۇنداقلا يېقىملىق ھەم چىن بولۇشىمۇ مۈمكىن. مانا شۇ ئۈچ خىل تىپ ئىچىدىكى ھەر بىر تىپقا ياتىدىغان بەدىئىي ئەسەرلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرى بىر ـ بىرىدىن ئۆزلىرىنىڭ مۇكەممەللىككە يېتىش دەرىجىسىگە قاراپ پەرق قىلىدۇ.
        يۇقىرىقىدەك ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزىگە خاس ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە بولسىمۇ، ئۇلارنى كەم ـ كۈتسىز بەدىئىي ئەسەرلەر دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. بۇنىڭدا ئەسەرنىڭ مەزمۇنى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، شۇنداقلا يېڭى بولسا، ئۇنىڭ ئىپادىلىنىشى ئىنتايىن گۈزەل بولسا، يازغۇچىنىڭ ئۆزى تەسۋىرلەۋاتقان ئوبېكتقا بولغان پوزىتسىيىسى ئىنتايىن سەمىمىي بولۇپ، ئۇنىڭ ئەكس ئەتتۈرگىنى ئىنتايىن چىن بولسا، پەقەت مۇشۇنداق ئەسەرلەرلا مۇكەممەل بەدىئىي ئەسەر بولالايدۇ. مۇنداق ئەسەرلەر ئىلگىرى ئىنتايىن ئاز ئىدى، كەلگۈسىدىمۇ ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ.
        بۇنداق شەرتلەرگە ئۇيغۇن بولالمىغان ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسىنى بەدىئىيلىكنىڭ تۈپ پرىنسىپلىرى بويىچە: مەزمۇن جەھەتتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئەسەر: شەكلىنىڭ گۈزەللىكى جەھەتتە ئالاھىدە ئەسەر؛ چىنلىقى ۋە راستچىللىقى جەھەتتە ئالاھىدە بولسىمۇ، مەزمۇن بىلەن شەكىلنىڭ ھەر ئىككىلىسىدە مۇكەممەللىك دەرىجىسىگە يېتەلمىگەن ئەسەر، دەپ ئۈچ تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ. مۇشۇ ئۈچ خىل ھالەت ھازىرقى زامان سەنئىتىگە ماس كېلىدۇ. ئومۇمەن سەنئەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان جايدا، مۇشۇ ئۈچ خىل ھالەتنىڭ مەۋجۇت بولۇشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. چۈنكى ياش سەنئەتكارلارنىڭ ئەسەرلىرى كۆپىنچە ھاللاردا سەمىمىي بولىدۇ ۋە مۇئەييەن گۈزەل شەكىلگە ئىگە بولىدۇ. ياشانغان سەنئەتكارلار بۇنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ، ئىشچان، پېشقەدەم سەنئەتكارلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ شەكلى گۈزەل بولسىمۇ كۆپىنچە مەزمۇنى تېيىز، چىنلىقى يېتەرسىز بولىدۇ. سەنئەتتىكى مۇشۇ ئۈچ خىل ھالەتكە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ يەنە ئۈچ خىل ئاساسلىق ناتوغرا سەنئەت نەزەرىيىسىنى يەكۈنلەش مۈمكىن، ھازىر مۇشۇ ناتوغرا نەزەرىيىلەرگە ئاساسەن، ئۈچ خىل ئەھۋالنى ئۆزىدە بىرلەشتۈرەلمىگەن، شۇ ۋەجىدىن سەنئەتنىڭ گىرۋىكىدە تۇرۇپ قالغان ئەسەرلەر ئەسەر دەپ قارىلىپلا قالماي، بەلكى سەنئەتنىڭ ئۈلگىسى دەپ ئېتىراپ قىلىنىۋاتىدۇ.
        مانا شۇ نەزەرىيىلەرنىڭ بىرى: بەدىئىي ئەسەرنىڭ مۇكەممەللىكى ئاساسەن مەزمۇنغا بېقىنىدۇ، ئەسەردە كۆركەم شەكىل ۋە سەمىمىيلىك بولمىسىمۇ بولىۋېرىدۇ، دىگەن قاراش بولۇپ، بۇ بىر تەرەپلىمە نەزەرىيىدۇر.
       يەنە بىر خىل نەزەرىيە: ئەسەرنىڭ مۇكەممەللىكى شەكلىنىڭ گۈزەللىكىگە باغلىق بولىدۇ، ئەسەر مەزمۇن جەھەتتە ھېچقانچە ئەھمىيەتكە ئىگە بولمىسىمۇ بولىۋېرىدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇنىسى، سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت نەزەرىيىسىدۇر. ئۈچىنچى خىلدىكى نەزەرىيە: ئەسەرنىڭ مەزمۇنى ھېچنىمىگە ئەرزىمىسىمۇ، شەكلى ھەر قانچە نۇقسانلىق بولسىمۇ، ئەسەر پەقەت چىن ۋە سەمىمىي بولسىلا، سەنئەتكار ئۆزى ئىپادىلىگەن نەرسىنى قىزغىن سۆيسىلا بۇنداق ئەسەر ناھايىتى بەدىئىي بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. مۇنداق نەزەرىيە رېئالىزم نەزەرىيىسى دەپ ئاتىلىدۇ. شۇڭلاشقا، مۇشۇنداق خاتا نەزەرىيىلەرگە ئاساسەن بەدىئىي ئەسەرلەر قەدىمكى زامانلاردىكىدەك بىر دەۋر، بىر ئۆمۈر ئىچىدە، سەنئەتنىڭ ھەر بىر تامىقىدا ئارانلا بىر ـ ئىككى ئەمەس، بەلكى ھەر يىلى، ھەر بىر پايتەختتە «ئۇ يەرلەردە تېتىقسىز كىشىلەر ناھايىتى كۆپ» مىڭلاپ، تۈمەنلەپ بارلىققا كېلىۋاتىدۇ.
        بىزنىڭ دەۋرىمىزدە، سەنئەت بىلەن شۇغۇللىنىشنى خالايدىغان كىشىلەر ئۆز قەلبىدە ئۆزىگە خاس مۇھەببەتنىڭ، شۇنىڭدەك ئاشۇ مۇھەببەتكە مۇناسىپ شەكىلگە ئىگە مۇھىم ۋە يېڭى مەزمۇنلارنىڭ پەيدا بولۇشىنى كۈتۈپ تۇرمايدۇ. ئۇلار بىرىنچى نەزەرىيىگە ئاساسەن، شۇ چاغنىڭ ئۆزىدە ئۆزى ئاقىل دەپ قارايدىغان كىشىلەر مەدھىيىلىگەن، كەڭ تارقالغان مەزمۇننى تاللىۋالىدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ قولىدىن كېلىدىغان بەدىئىي شەكىلنى ئاتا قىلىدۇ ياكى ئىككىنچى خىلدىكى نەزەرىيىگە ئاساسەن ئۆزى بەدىئىي ماھارىتىنى ئالاھىدە جارىي قىلالايدىغان تېمىنى تالىۋېلىپ، تىرىشىپ ـ تىرمىشىپ يۈرۈپ ئۆزى بەدىئىي ئەسەر دەپ قارايدىغان ئەسەرنى ئىجاد قىلىدۇ ۋە ياكى ئۈچىنچى خىلدىكى نەزەرىيە بويىچە، كۆڭۈللۈك بىر تەسىراتقا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۆزى ياقتۇرىدىغان نەرسىلەرنى ئەسەردە تەسۋىرلىنىدىغان ئوبيېكىت قىلىپ تاللىۋالىدۇ. بۇلار ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلىرى بولغاچقا،بۇلاردىن چوقۇم بەدىئىي ئەسەر پۈتۈپ چىقىدۇ دەپ تەسەۋۋۇر قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ نۇرغۇنلىغان ئاتالمىش بەدىئىي ئەسەرلەر مەيدانغا كېلىدۇ. مۇنداق ئەسەرلەرنى خىلمۇ ـ خىل قوپال بۇيۇملارغا ئوخشاش ئۈزلۈكسىز ياساپ چىقىرىۋەرگىلى بولىدۇ. چۈنكى، جەمىيەتتە ھەمىشە بازىرى بار مودىلىق ئىدىيىلەر بولىدۇ؛ ھەر خىل ئادەملەر ھەر خىل نەرسىلەرنى ياخشى كۆرىدىغان بولىدۇ. مانا شۇ سەۋەپلىك ھازىر بىزدە غەلىتە بىر خىل ھالەت شەكىللىنىپ قالدى: بىزنىڭ پۈتكۈل دۇنيايىمىز ئاشۇنداق ئۆزى ئۈچۈنلا توغرا بولغان ئاتالمىش بەدىئىي ئەسەرلەر بىلەن تولۇپ كەتتى، ئۇلارنىڭ قوپال ئىشلەنگەن بۇيۇملاردىن پەرقى ئۇلارنىڭ ھاجەتسىز نەرسىلەر بولۇپلا قالماي، بەلكى كۆپىنچە ھاللاردا بىۋاستە زىيانلىق نەرسىلەر ئىكەنلىكىدە، شۇڭلاشقا بەدىئىي ئۇقۇملاردىكى قالايمىقانچىلىقنى ئېنىقلاشتىن ئىبارەت پەۋقۇلئاددە ئەھۋال كېلىپ چىقتى. يەنى ئاتالمىش بەدىئىي ئەسەرگە قارىتا بىرلا ۋاقىتتا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدىغان، ئەمما ئوخشاشلا ئابرويلۇق ۋە نوپۇزلۇق ئەربابلار بايان قىلغان بىر ـ بىرىگە زىت ئىككى خىل پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مانا شۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يەنە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ھادىسە بارلىققا كەلدى، يەنى زور كۆپچىلىك ئادەم يۇقىرىقىدەك ئەڭ ئەخمىقانە، ئەڭ كېرەكسىز ۋە كۆپىنچە ھاللاردا چاكىنا ئىشلارغا مەپتۇن بولۇپ كەتكەن چاغلىرىدا يەنى كىتاب يازغان ياكى ئوقۇغان چېغىدا، سۈرەتلەرنى سىزغان ياكى تاماشا قىلغان چېغىدا، ئوپېرالارنى، مۇزىكىلارنى، ناخشىلارنى ئىجاد قىلغان ياكى ئۇلاردىن زوقلانغان چېغىدا، تولىمۇ ئىخلاس بىلەن ئىنتايىن ئاقىلانە، پايدىلىق ۋە يۈكسەك ئىشلارنى قىلىۋاتىمىز، دەپ ئىشنىدىغان بولۇپ قالدى.
       ھازىرقى زاماندا نۇرغۇن ئادەم گويا پەقەتلا: بەدىئىي ئەسەر ياخشى ۋە پايدىلىق، شۇڭا ئەسەرلەرنى تېخىمۇ كۆپەيتىش ئۈچۈن ئىجاد قىلىش لازىم، دەيدىغاندەك قىلىدۇ. دەرۋەقە، ھەقىقىي ئەسەرلەر تېخىمۇ كۆپ بولغان بولسا، بۇ ياخشى بولار ئىدى، ئەپسۇسكى، ئۇلارنىڭ ئىجاد قىلىۋاتقانلىرى زاكاس تالۇنغا ئاساسەن ئىجاد قىلىنغان ئەسەرلەر بولۇپ، بۇلاردا بەدىئىيلىكنىڭ ئۈچ شەرتى كەم بولغاچقا، ياكى بۇ شەرتلەر ئايرىۋېتىلگەچكە، بۇلار ئانچىكىم قول ھۈنەر سەۋىيىسىگە چۈشۈپ قالغان ئەسەر بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. ھەقىقىي بەدىئىي ئەسەر ئۈچ شەرتنىڭ ئۈچىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ. ئۇنى ھەرگىزمۇ زاكاز تالونى بويىچە ئىجاد قىلغىلى بولمايدۇ. چۈنكى بەدىئىي ئەسەرنى بارلىققا كەلتۈرىدىغان سەنئەتكارنىڭ مەنىۋى ھالىتى ـ ساۋاتنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ئىپادىلىنىشى ۋە تۇرمۇش سىرىنىڭ ئىلھامىدۇر. ئەگەر بىز مۇشۇنداق مەنىۋى ھالەتنى ئەڭ يۇقىرى ساۋات دەيدىكەنمىز، ئۇنداقتا سەنئەتكارنىڭ مۇشۇنداق ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ساۋاتنى ئىگىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلالايدىغان باشقا ساۋاتنىڭ بولۇشى مۈمكىن ئەمەس.

    «دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ 1988 ـ يىل 6 ـ سانىدىن ئېلىندى.»

     (خەنزۇچە «مەشھۇر ئەسەرلەردىن بەھىرلىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 1983 ـ يىل 2 ـ سانىدىن)

    [admin تەستىقلىدى . 2010-4-2 21:37:39]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.