ھاۋادىن، سۇدىن.... (ئەزىز نەسىن)

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-02-24 11:49:40

ئالدى بىلەن مەن سىلەرگە سەدى بەينى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي: كىشىلەر «توشقان مايىقىدەك، يا پۇرىمايدۇ، يا مىلاشمايدۇ» دەپ قويىشىدىغۇ..... مانا بۇ، سەدى بەيگە ناھايىتى باپ كېلىدۇ.

    ھاۋادىن،  سۇدىن....

    ئەزىز نەسىن

    \

    ئالدى بىلەن مەن سىلەرگە سەدى بەينى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي: كىشىلەر «توشقان مايىقىدەك، يا پۇرىمايدۇ، يا مىلاشمايدۇ» دەپ قويىشىدىغۇ..... مانا بۇ، سەدى بەيگە ناھايىتى باپ كېلىدۇ.

    مەملىكەتتە قانچە پارتىيە بار؟ دەپ سورىسىڭىز، ئۇ ھېچنېمە دېمەستىن، مۆرىسىنى قىسىپ، كالپۇكلىرىنى پۈرۈپ قويىدۇ.

    ئۇ ئەنە شۇنداق ئېغىر بېسىق، ئەدەبلىك ئادەمنىڭ بىرى. ئۇ مېنىڭدىن ئون ياشلار چوڭ بولسىمۇ، لېكىن بەكلا سىپايە بولغانلىقى ئۈچۈن ماڭا دادامدەك بىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئاغزىدىن بىر جۈملە سۆزنى ئامبۇر بىلەن چىش يۇلغاندەك ئاران چىقىرىش مۇمكىن. ئۇ بەكمۇ كەم سۆز ئادەم. ئۇ  ئىچىرەن دېگەن يېزىدىكى داداسىدىن قالغان بىر باغچىدا ئايالى ۋە قىزى بىلەن ياشايتتى، ئونىڭ بىر يىگىتنى كۈيئوغۇلچىلاپ ئېلىپ كىرىمەن دېگەن ئۈمىدى بولغاچقا، شۇنچە چوڭ باغنىڭ بىر قىسمىنى بولسىمۇ ئىجارىگە بەرمەيتتى.

    بىز ھەر كۈنى ئەتىگەنلىكى پويىزدا ئۇچراشماي قالساق، ھەيدەر پاشا دېگەن جايدىن قوزغالغان پاراخوتتا ئۇچرىشاتتۇق. مەن ئاغرىپ قالغىنىم ئۈچۈن 15 كۈنچە سىرتقا چىقمىغان ئىدىم. ساقىيىپ ئىشقا چىققان دەسلەپكى كۈندە، سەدى بەي بىلەن بىللە پويىزدىن چۈشتۇق. پاراخوتقا قاراپ كېتىپ باراتتۇق، يولداشلاردىن بىرسى:

    -سەدى بەي، بۈگۈن ھاۋا قانداقراق؟-دېدى. ئۇ، سەدى بەي جاۋاب بەرگۈچە كېتىپ قالدى. ئۇنىڭ ئارقىسىدىنلا يەنە بىرەيلەن يېنىمىزغا كەلدى. بىز مەرمەر پەلەمپەيدىن چۈشۈۋاتاتتۇق:

    -ياخشىمۇسىز! سەدى بەي،-دېدى يېنىمىزغا كەلگەن ئادەم. سەدى بەيمۇ ئۇنىڭغا جاۋابەن:

    -ياخشىمۇسىز.......،-دېدى. ئۇ ئادەم يەنە:

    -ھاۋا قانداق، سەدى بەي؟-دەپ سورىدى-يۇ، لېكىن سوراپ بولۇپلا قېچىپ كەتتى. بۇ ئادەممۇ بىزنىڭ تونۇشلاردىن بىرسى ئىدى. مەن سەدى بەينىڭ چىرايىغا قارىسام، ئۇنىڭ يۈزى كۆكۈرۈپ كېتىپتۇ. ئارقىمىزدىن ھەرخىل ئاۋازلار ئاڭلىنىشقا باشلىدى:

    -سەدى بەي، بۈگۈن ھاۋا قانداق؟

    -سەدى بەي، بۈگۈن ھاۋا قانداقراق؟

    سەدى بەي خاپا بولاتتى-يۇ، لېكىن بىلىندۈرمەسلىككە تىرىشاتتى. بىز پاراخوتقا چۈشۈپ، ئالىي دەرىجىلىك زالدا ئولتۇردۇق. يېنىمىزدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىرسى:

    -ياخشىمۇسىز، سەيدى بەي؟-دېدى.

    بۇ ياشانغان ئەپەندىم بولۇپ، مەن تونۇمايتتىم. سەدى بەيمۇ ئۇنىڭغا قاراپ:

    -ياخشىمۇسىز، ئەپەندىم،- دېدى.

    -قانداق ئەھۋالىڭىز، ئەپەندىم؟

    -رەھمەت، خۇداغا شۈكرى، كېتىپ بارىمەن.

    -ئۇف..... ئاللاھ بەرىكەت بەرسۇن، بۈگۈن ھاۋا قانداقراق،-سەدى بەي؟

    سەدى بەي ئورنىدىن ئوقتەك ئېتىلىپ تۇردى-دە، ئىلىغلىق شەپكىسىنى ئېلىپ ماڭدى. ئۇ مېنىڭ ئۇزۇن يىللىق تونۇشۇم بولغىنى ئۈچۈن مەنمۇ ئارقىسىدىن ماڭدىم.

    پاراخوتنىڭ بىر چېتىگە كېلىپ يانمۇ-يان تۇردۇق. سەدى بەينىڭ بىر نەرسىگە قاتتىق خاپا بولۇۋاتقانلىقىنى سېزىپ تۇراتتىم، بىراق رەنجىتىپ قويماسلىق ئۈچۈن سورالمايتتىم.

    پاراخوت كوبرو دېگەن يەرگە كەلگۈچە گەپ-سۆز قىلماي تۇردۇق. پاراخوتتىن چۈشۈۋاتقىنىمىزدا يەنە بىر نەچچە ئادەم:

    -سەدى بەي، بۈگۈن ھاۋا قانداقراق؟-دەپ سورىدى.

    ئەمدى مەنمۇ خاپا بولۇشقا باشلىدىم. بۇ ئىشقا ئارىلاشماقچى بولدۇم، بىراق نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىم. بۇ مۆتىۋەر زاتقا ئەسلا خاپا بولۇشقا بولمايتتى. بىز بىللە يەر ئاستى پويىزغا چۈشتۇق.

    -نېمە ئىش سەدى بەي؟ نېمىشقا ھەممە ئادەم سىزدىن ھاۋانى سورايدۇ؟-دېدىم.

    ئۇ ماڭا بىر قاراپ قويۇپ سورىدى:

    -بىلمەمسەن؟

    -ياق.... بىلمەيمەن،-دېدىم مەن.

    -ئاخشاملىققا پاراخوتتا سۆزلەپ بېرەي،-دېدى ئۇ.

    يەر ئاستى پويىز ئىستانىسىدىن چىقىپ بىز بىر-بىرىمىزدىن ئايرىلدۇق. مەن سەدى بەينىڭ ماڭا سۆزلەپ بەرمەكچى بولغان ئىشىغا بەك قىززىقتىم. ئەھۋالدىن قارىغاندا مەن ئاغرىپ ياتقان 15 كۈن ئىچىدە سەدى بەينىڭ بېشىدىن بەزى ئىشلار ئۆتكەن ئوخشايدۇ. شۇ كۈنى كەچقۇرۇنغىچە بۇ ئېغىر-بېسىق، ئەدەبلىك ئادەمنىڭ خاپىلىقى پەقەتلا كۆز ئالدىمدىن كەتمىدى.

    كەچقۇرۇنلىقى، بىز كويرو دېگەن يەرنىڭ كادى كۈي دېگەن پىرىستانىدا ئۇچراشتۇق.

    -بۇ پاراخوتقا چۈشمەيلى،-دېدى ئۇ.

    ئۇنىڭ بۇ پاراخوتتا تونۇشلىرى كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ شاڭخو قىلىشلىرىدىن قورقۇپ باشقا پاراخوتقا چۈشۈۋاتقانلىقىنى چۈشەندىم. قېيىقلاردا يېڭى بېلىقلارنى سېتىۋاتاتتى. سەدى بەي بىر يېرىم كېلو بېلىق ئالدى. بىز پىرىستاندا بىر ئاز ئايلىنىپ يۈردۇق. سائەت سەككىزدىن ئون مىنۇت ئۆتكەندە ماڭىدىغان پاراخوتقا چۈشتۇق. ھۆل بېلىقلار قەغەز خالتىنىڭ تۈۋىنى يۇمشىتىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن، بېلىقلار چۈشۈپ كەتمىسۇن، دەپ ئۇ بېلىقلارنى چىڭ تۇتۇۋالغان ئىدى. بىز پاراخوتنىڭ پالوبىسىغا چىقىپ ئولتۇردۇق.

    -دېمەك سەن بىلمەيدىكەنسەن-دە؟-دېدى ئۇ گېپىنى باشلاپ.

    دەل شۇ چاغدا يەنە بىرسى كېلىپ:

    -ھاۋا قانداق سەيدى بەي؟-دېدى.

    سەدى بەي گەپ قىلماستىن ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. بىز بىللە پەسكە چۈشتۇق. پاراخوتنىڭ ئالدى تەرىپىگە باردۇق. ئۇ لەڭگەرگە يۆلەندى، مەن ياغاچ ئولتۇردۇم. سەدى بەي قولىدىكى قەغەز خالتىسىنى ئاۋايلاپ تۇتۇۋالغان ئىدى. ئۇ ئۆرە تۇرغاچقا مەندىن ئېگىزرەك تۇراتتى.

    -يائاللاھ، سەن دىققەت قىلغىن، بىرسى ھاۋانىڭ گېپىنى قىلسىلا ئۇ يەردىن قاچ! ھاۋانى قانداق دېسە، ئۇنىڭ ئۆزى دەۋەرسۇن، سەن گەپ قىلما! چۈنكى ئۇلار سۆزنى ئاشۇنداق ھاۋادىن باشلايدۇ، ئادەمنى ھاياجانغا كەلتۈرۈپ قويۇپ، ئاخىرى بېشىڭنى بالاغا تىقىدۇ. گەپنى ئالدى بىلەن ھاۋادىن باشلايدۇ، سەن ھاۋادىن گەپ ئېچىشنىڭ خەتەرلىك بولۇشىنى ئويلىمايسەن، كېيىن ھاۋادىن سۇغا ئۆتىدۇ. ھاۋا، سۇ دەپ تۇرۇپ، سۆزنى تۇپراققا بۇرايدۇ. شۇنداق قىلىپ ئاخىرى قارايسەنكى، ھېچ ئويلىماستىنلا ئۆزلۈگىڭدىن گەپكە ئارىلىشىپ قالىسەن.... يا ئاللاھ!....دىققەت قىل، خۇدايىم ساقلىسۇن، بېشىڭ بالاغا تىقىلىدۇ. ئۆتكەن بىر كۈنى..... ھە، ئون كۈنچە بولدى، ئادەتتىكىدەك فرەنكۇيدىن پويىزغا چىقتىم. بىرسى يېنىمغا كېلىپ ئولتۇردى. بىر-ئىككى مىنۇتچە جىم ئولتۇرغاندىن كېيىن. ئۇ ئادەم: «ھاۋا بەك دىمىق بولۇپ كەتتى» دېدى.

    مەن بۇنداق سۈركىلىشىپ تۇرىدىغان ئادەملەرنى ياخشى كۆرمەيمەن. شۇڭا گەپ قىلماي ئولتۇرۇۋالدىم. بىر ئازدىن كېيىن: «ھاۋا بەك دىمىق بولۇپ كەتتىغۇ، شۇنداق ئەمەسمۇ ئەپەندىم!» دېدى. گەپ قىلماي ئولتۇرۇۋېلىشمۇ مەدەنىيەتسىزلىك. شۇڭا مەن: «شۇنداق» دېدىم.

    ئۇنىڭدىن باشقا بىر ئېغىز گەپ قىلغان بولسام، خۇدا ئۇرسۇن! ئۇ ئادەم سەل ئولتۇرغاندىن كېيىن: «بۇ يىلمۇ يامغۇر ياغمايدىغان ئوخشايدۇ» دېدى.

    بۇ ئادەمنىڭ گېپى تۈگىمەيدىغاندەك قىلاتتى، بىراق مەن يەنىلا ئۈن-تىنسىز ئولتۇردۇم.

    «شۇنداقمۇ ئەپەندىم، بۇ يىل پەقەتلا يامغۇر ياغمايدىغان ئوخشىمامدۇ؟» دېدى ئۇ ئادەم.

    خۇدا ھەققى مەن يالغان سۆزلىگەن بولسام سۇ يۈتسۇن، مەن پەقەت: «شۇنداق» دېگىنىمچىلا جىم ئولتۇردۇم. ئۇنىڭغا، بۇرادەر، ئۇنداق ئەمەس، دېگىلى بولامدۇ؟ ئۇ «بەلكىم يامغۇر ياغماس!» دېسە، مەن «ياق، يامغۇر ياغىدۇ» دەمدىمەن؟ يامغۇر ياغامدۇ، ياغمامدۇ، مەن نەدىن بىلەي؟ شۇنداق قىلىپ بۇ ئادەم گەپنى قۇرغاقچىلىققا يۆتكىدى: «سۇ قىس بولىدۇ.... يامان بولدى......» دېدى. مەن سادا چىقارمىدىم. «شۇنداقمۇ ئەپەندىم، سۇ قىس بولىدىغۇ؟» دېدى ئۇ. «شۇنداق» دېدىم مەن. «يامغۇر ياغمىسا قەھەتچىلىك بولىدۇ، بۇ يىل قەھەتچىلىك بولىدىغان بولدى، ئاناتولىيىدە قۇرغاقچىلىق بوپتىمىش.» خۇدا ھەققى مەن زۇۋانىمنى چىقارمىدىم. «شۇنداقمۇ ئەپەندىم؟» دېدى ئۇ. «شۇنداق» دېدىم مەن. «يەنىلا سىرتتىن بۇغداي سېتىۋېلىشقا مەجبۇر بولىمىز» دېدى ئۇ. مېنىڭ جىم ئولتۇرغۇنۇمنى كۆرۈپ ئۇ: «سىرتتىن ئالىمىز، شۇنداق ئەمەسمۇ ئەپەندىم؟» دېدى. بۇنى مەن نەدىن بىلەي، مەن سودا نازىرى بولمىسام، بۇغداي ئالامدۇق، ئارپا سېتىۋالامدۇق، ماڭا نېمىدى؟ «ئالىمىز، شۇنداقمۇ؟» ئۇ يەنە سورىدى. مەن يەنىلا: «شۇنداق» دېدىم. «بۇنداق باشقۇرغىلى بولمايدۇ، ھۆكۈمەت بۇ ئىشلارنى باشقۇرالمايدۇ؟»

    بىز ھاۋادىن ھۆكۈمەتكە ئۆتتۇق. ھاۋا سۆزى چىققاندا ئادەمنىڭ ئەقلىگە ھۆكۈمەت كېلىشى مۇمكىنمۇ؟ قارىغىنا، گەپ نەدىن نەگە كەتتى. ھۆكۈمەت ئىدارە قىلالمايدۇ، شۇنداقمۇ ئەپەندىم؟»

    گەپ ئۇچى ھۆكۈمەتكە بېرىپ تاقالغاچقا، مەن بۇ قېتىم «شۇنداق» دەپمۇ قويمىدىم. خوپ ھاۋانى بىلدۇق، سۇنى چۈشەندۇق، ئەمدى ھۆكۈمەت نېمە بولماقچى، مەن زۇۋان سۈرمىدىم. بىراق ئۇ كىشى بېقىنىمغا بىرنى نوقۇپ قويغاندىلا: «شۇنداق....» دېدىم. گەپ قىلمىسام ئۇ يەنە بىر مۇش سېلىشى مۇمكىن ئىدى. «ھەممە نەرسە كۈندىن كۈنگە ئەرزانلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. بۇ خەلقنىڭ ھالى نېمە بولار؟» دېدى ئۇ. «ياق قىممەتلەشمىدى، ھەممە نەرسە كۈندىن-كۈنگە ئەرزانلىشىپ كېتىۋاتىدۇ» دېسەمغۇ بوپتىكەن، لېكىن شۇنداقتىمۇ بۇلارنى ئۇ ئادەم بىلەن مۇنازىرىلىشىپ ئىسپاتلاپ چىقىشقا توغرا كېلەتتى-دە! شۇڭا مەن ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈنلا: «شۇنداق....» دەپ قويدۇم. «ئاقىۋېتىمىز ھالاكەتلىك.....» گەپ بارغانسېرى ئەزۋەيلەپ كېتىۋاتاتتى. مەن گەپ قىلمىدىم. ئۇ بىرنى جەينەكلىدى، مەن: «ئېھ.....» دەپلا ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم. «شۇنداق ئەمەسمۇ، ئەپەندىم؟» دېدى ئۇ يەنە. «شۇنداق...» مەن ئەگەر جاۋاب بەرمىسەم ئۇنىڭ خامىرىمغا بىرنى سېلىپ «شۇنداقمۇ، ئەپەندىم؟» دەپ سورىغۇدەك ئەلپازى بار ئىدى. كۆزۈم تاشقىرىدا، يا ھەيدەر پاشا ئىستانىسىغا يېتىپ بارالمىدۇق، يېتىپ بارساققۇ ئۇنىڭدىن قۇتۇلاتتىم.

    ئۇ كىشى بارغانسېرى گەپنى يامان يەرگە باشلىغىلى تۇردى. بەزىدە مەن تۇرۇپلا: «ياق، ئۇنداق ئەمەس» دېمەكچى بولىمەن، بىراق يەنىلا شۇنداقتۇ، ياق ئۇنداق ئەمەستۇ دېگەن گەپلەر بىلەن، ئىش تېرىپ يۈرمەي دېدىم. ئۇ سۆزلەيدۇ، سۆزلەيدۇ. تۇرۇپ-تۇرۇپ «شۇنداقمۇ، ئەپەندىم؟» دەپ سوراپ قويىدۇ. ئۈنۈمنى چىقارمىسام جەينىكى بىلەن بىرنى سالىدۇ، مەن «ئېھ....» دەپلا يانتىيمەن. شۇنداق قىلىپ بۇ كىشى مېنى دېرىزىنىڭ تۈۋىگە قىستاپ كەلدى. ئەمدى دېرىزىدىن سەكرەپ چۈشۈپ كېتىشتىن باشقا ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش يولى قالمىغان ئىدى.

    ئۇ ئادەم توختىماستىن ۋالاقلايدۇ. ئارقىدىنلا تىزىمغا شاپىلاقلاپ «شۇنداقمۇ، ئەپەندىم؟» دەپ سورايدۇ. مەن ئۇنىڭ شاپىلىقى تەگكەن يەرنى ئۇۋىلاپ قويۇپ: «شۇنداق.....» دەيمەن. يەنە مۆرەمدىن تۇتۇپ سىلكىپ «شۇنداق ئەمەسمۇ؟» دەيدۇ. مەن «شۇنداق» دەيمەن.

    ئۇنىڭدىن كۆرە ياتقۇزۇپ قۇيۇپ ئۇرغان بولسا ياخشى بولاتتى. چىمداش، شاپىلاقلاش، جەينەكلەش، مۇشتلاش دېگەندەكلەر بىلەن خۇداغا شۈكرى، ئاران دېگەندە ھەيدەر پاشاغا كەلدۇق، پويىزدىن چۈشۈش بىلەنلا ئۇ ئادەم ئادەملەر توپى ئارىسىدا كۆزدىن غايىب بولدى. مەنمۇ ئۇ مېنى يەنە كۆرۈپ قالمىسۇن دەپ قورقۇپ، بېشىمنى يەردىن ئۈستۈن كۆتۈرمىدىم. ئەمدى پاراخوتقا چىقاي دەپ تۇرۇشۇمغا، بىر قول كېلىپ مۆرەمدىن تۇتتى. قارىسام بىر ساقچى.... «بىر مىنۇتقا ساقچىغا كىرىپ چىقسىڭىز» دېدى. ساقچى دېگەن سۆزنى ئاڭلاپ ئۈستۈمدىن بىر قاپاق سۇ تۆكۈلگەندەك بولۇپ كەتتىم. ھاياتىمدا ساقچى دېگەنلەر بىلەن ئالاقە قىلىپ باقمىغانىدىم. قانداق قىلاي، ئىلاجىم يوق..... ساقچىغا كىردىم. شۇنداق قارىسام، يولبويى مەندىن «شۇنداقمۇ، ئەپەندىم» دەپ سوراپ كەلگەن ھېلىقى ئادەم ھىجىيىپ تۇرمامدۇ، يولدا ئۇدۇلىمىزدا تۇرغان ئىككى يولۇچىمۇ تۇرۇپتۇ.

    مەن تېخى ئۆزۈمچە، بۇ ئىككى يولۇچى، بۇ ئەبلەخنىڭ يولبويى مېنى جەينەكلەپ، مۇشتلاپ كەلگىنىگە چىدىماستىن، ماڭا ئىچى ئاغرىپ، ساقچىغا بۇ ئەبلەخ ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ كىرگەن ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ: «مەن ھېچقانداق كىشى ئۈستىدىن ئەرز قىلمايمەن» دېدىم. ساقچى باشلىقى: «بىراق سېنىڭ ئۈستۈڭدىن ئەرز قىلغانلار بار، قارا، بۇ ئادەم سېنىڭ ئۈستۈڭدىن ئەرز قىلىپ كەپتۇ» دېدى.

    يا خۇدايىم.... توۋا، بۇ ئادەمنىڭ ھەربىر سۆزىگە «شۇنداق» دەپ جاۋاب بېرىپ تۇرساڭمۇ، يەنە كېلىپ سېنىڭ ئۈستۈڭدىن ئەرز قىلىدىكەن، ھەي.... مۇنداق ئىشلارنى ئاڭلىغانمۇسىلەر؟.... ئۇ ئادەم: «شۇنداق. بۇ ئادەملەرمۇ گۇۋاھچى، ئۇنىڭ يولبويى دېمىگەن گېپى قالمىدى» دېدى. شۇنداق قىلىپ ھېلىقى ئەبلەخ يولدا نېمە دېگەن بولسا، ھەممىسىنى خۇددى مەن سۆزلىگەندەك قىلىپ چۈشەندۈردى.

    «بۇلارنى مەن دېمىدىم، ھەممىسىنى ئۇنىڭ ئۆزى دېگەن» دېدىم مەن. ئىككى گۇۋاھچى:

    «شۇنداق، ھەممىنى ئۇ سۆزلىدى. بۇ ئادەم بولسا، شۇنداق، شۇنداق، دەپ ھەر سۆزىنى تەستىقلاپ تۇردى.» دېيىشتى. ھېلىقى ئەبلەخ:

    «مەن ئۇنىڭدىن گەپ ئېلىش ئۈچۈن قەستەنگە سۆزلىگەن ئىدىم» دېدى. دېمەك مەن، ئۇنىڭ سۇئاللىرىغا «شۇنداق» دەپ جاۋاب بەرگىنىم ئۈچۈن گۇناھكار بوپتىمەن.

    سەدى بەي قولىدىكى بېلىق سالغان قەغەز خالتىسىنى تۈزەپ تۇرۇپ:

    -بېلىقلار تۆكۈلۈپ كەتكىلى تاس قاپتۇ، قەغەز خالتىنىڭ تۈۋى تېشىلىپ كېتىپتۇ،-دېدى.

    بېلىقلارنى ئۇ ئىككى ئوچۇمى بىلەن تۇتۇپ تۇراتتى:

    -شۇنداق قىلىپ ئاخىرى نېمە بولدى، سەدى بەي؟- دېدىم مەن.

    -ئاخىرى تەكشۈرۈش ماتېرىيالى يازدۇق، ئەمدى سوتقا بارماقچىمىز.

    -خوپ، ئۇ ئادەم سىزنىڭ ئۈستۈڭىزدىن نېمە ئۈچۈن ئەرز قىپتۇ؟

    -ساقچىدىن چىقىۋېتىپ مەن ئۇنىڭدىن شۇنى سورىدىم. ئۇ ئەبلەخ: «سەن، شۇنداق، دېگەن سۆزنى ئىشتىياق بىلەن ئەمەس، خالىماستىن دېگەن ئىدىڭ، مەن سەندىن مېنىڭ ئۈستۈمدىن ماتېرىيال بېرىپ يۈرمىسۇن دەپ قورقتۇم، شۇڭا سېنىڭدىن بۇرۇن پويىزدىن چۈشۈپلا ساقچىغا يۈگۈردۈم.» دەيدۇ. «بۇرادەر، ئۆزۈڭ شۇنچىلىك قورقۇپ تۇرۇپ، يەنە نېمە ئۈچۈن ئاغزىڭنى يۇمماستىن، قالايمىقان سۆزلەپ يۈرۈيسەن؟» دېدىم ئۇنىڭغا. «قانداق قىلاي، زادىلا ئۆزۈمنى تۇتالمايمەن، ئىختىيارىم ئەمەس.... » دېدى ئۇ.

    يائاللاھ... سەن بەك دىققەت قىلغىن... ھازىر ھەممە ئادەم ئۆزىنى تۇتالمايدۇ. ئىچىدىكىلىرىنى دەپ مۇڭدىشىدىغان ئادەم ئىزلەيدۇ. ھازىر ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىقىپ نۇتۇق سۆزلىگىلى بولمايدۇ-دە. شۇڭا ئالدى بىلەن يېنىدىكىگە ھاۋادىن سۆز باشلايدۇ، ئۇقتۇڭمۇ؟ بىرسى «ھاۋا» دېگەن سۆزنى ئاغزىدىن چىقىرىپ بولغۇچە، دەرھال ئۇ يەردىن قاچ، بولمىسا ماڭا ئوخشاش بالاغا قالىسەن.

    مەن كۈلۈپ كەتتىم. كېيىن ئۆزۈمنى تۇتۇلماستىن مەنمۇ:

    -ھاۋا قانداق، سەدى بەي؟- دەپ قويدۇم. بۇ سۇئالنى سورىشىمغىلا سەدى بەي قولىدىكى بېلىق خالتىسىنى بېشىمغا ئاتتى. مەن ئۈستۈمنى تازىلاپ بۇلۇپ قارىسام، سەدى بەي ئاللىقاچان بۇ يەردىن كېتىپ قاپتۇ.

             تۈركچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: تۇرسىنئاي ساقىم

             (گۈليارە تۇرسۇن)

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.