پرىمو تۈرك ئوغلى

يوللىغۇچى : Ezize يوللىغان ۋاقىت : 2011-08-11 16:01:03

پرىمو تۈرك ئوغلى سۆرۈن ۋە قاراڭغۇ سېنتەبىر كېچىسىنىڭ يۇلتۇزسىز ئاسمىنى ئاستىدا مەيۈس ۋە قاراڭغۇلۇق يانغان سەلانىك گويا كۈندۈزكى ئىش-ھەرىكەت، جىددىيلىك ۋە ۋاراڭ-چۇرۇڭلاردىن چارچىغاندەك بەخ...



    پرىمو تۈرك ئوغلى

      

       سۆرۈن ۋە قاراڭغۇ سېنتەبىر كېچىسىنىڭ يۇلتۇزسىز ئاسمىنى ئاستىدا مەيۈس ۋە قاراڭغۇلۇق يانغان سەلانىك گويا كۈندۈزكى ئىش-ھەرىكەت، جىددىيلىك ۋە ۋاراڭ-چۇرۇڭلاردىن چارچىغاندەك بەخرامان جىمجىت ئۇيقۇغا چۈمگەنىدى.
       پورت شەھىرى جىمجىت ئىدى... ھەشەمەتلىك ئولىمپوس كىرىستال، سىپلاندىت مېھمانخانىلىرى ۋە باشقا كىچىك مەيخانىلارنىڭ چىراغلىرىمۇ ئاللىقاچان ئۆچكەنىدى. كاتولىك چېركاۋىنىڭ ھاكىممۇتلەقلىكىنى بىلدۈرىدىغان قوڭغۇرىقى سائەت ئۈچكە ئۇرۇلۇپ، دەھشەتلىك ئاۋازدا بىر كۈچىيىپ، بىر پەسىيىپ تەمەخور قاراڭغۇلۇقلارغا تارقىلىشقا باشلىدى ۋە ئالتۇن كۈمۈش، بايلىق، تاپاۋەت چۈشلىرىنى كۆرۈۋاتقان خاتىرجەم يەھۇدىي مەھەللىرىنى ئويغاتقاندىن كېيىن، تېخىمۇ يۇقىرىلاپ، مەردانە ئېتەك يېيىپ ياتقان تۈرك مەھەللىسىنىڭ زىچ ۋە كەڭ-كەڭرى ئۆگىزىلىرىگە قاراپ يامىرىدى. قىرغاقلارنىڭ كۆپۈكلۈك دولقۇنلىرىنى ئۇرۇۋاتقان قاپقارا دېڭىز گويا گاز چىراغلارنىڭ ئۈمىدسىز غۇۋا يورۇقلىرىدا غەمكىن قايغۇ ئەلەم سادالىرى بىلەن ئىڭراپ، گويا بۇ شەھەرنىڭ پايانسىز زەڭگەر ئۇپۇقىنى، ئاقباش ۋە قارا تۇمانلىق ئولىمپا تاغلىرىنى ۋە بۇ يىرتقۇچ قاراڭغۇ كېچىنىڭ يۇشۇرۇن سىرلىرىنى پاش قىلماقچى بولاتتى. سەل نېرىدا، دېڭىزغا چۈشىدىغان كىچىك پەلەمپەينىڭ بېشىدا ھەرىكەتسىز تىك تۇرغان بىر كۆلەڭگە، ئالدىدىكى بىر قورقۇنچلۇق قاراڭغۇ ئىلكىدە بىر خىل ھاياتلىق نۇرىدەك ئايلىنىپ، يۇشۇرۇن رەقىبلىرىنى ئىزدەۋاتقان يوغان بىر كۆزنى، يەنە «قارا تۇمشۇق» نىڭ چىرىغىنى تاماشا قىلاتتى.
       ئۇ شۇ قەدەر غەمكىن ئىدىكى... كۆزەتچىنىڭ پىيادىلەر يولىغا رىتىمسىز چۈشۈۋاتقان تايىقىنى، «يېشىل ئۈستەل» دىن كەچ قايتقان باي ئەجنەبىي قىمارۋازلارنىڭ ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان ماشىنىلىرىنىمۇ تۇيمايتتى. رېزىنكا چاقلىق پەيتونلار ئىچىدە كەڭ ۋە ئېگىز شىلەپىلىرىنى چۆكۈرۈپ كىيىۋالغان، مەست ئاشنىلىرى بىلەن چوكۇلدىشىپ سۆيۈشۈپ ئۆتۈشۈۋاتقان ئارتىسلارنىڭ، مەدەنى ۋە باي غەربنىڭ قالاق تۈركىيىگە سوۋغىتى بولغان ئاجايىپ-غارايىپ پاھىشە خېنىملارنىڭ نۇمۇسسىز قاقاقلاشلىرىمۇ قۇلىقىغا كىرمەيتتى، گويا ئاياغلىرىنىڭ ئاستىدا شالاقلاۋاتقان دېڭىزغا ئوخشاش قاپقاراڭغۇ بۇ ئالەم كۆزلىرىدىن روھىغا ئۆتۈپ پۈتۈن  تومۇرلىرىغا تارىلاتتى. بۇ بىچارە خىيالچان كۆلەڭگە مۆھتەرەم ياش ئىنژېنېر كەئان بەگ ئىدى... ئۇ ئەجنەبىيلەر ۋە ياۋرۇپالىقلارنىڭ سورۇنلىرىدا، مۇتەئەسسىپ ۋە ئەقىلسىزلەر، دەپ قارىلىدىغان تۈرك مىللىتى بولغانلىقىدىن يىرگىنىشلىرى، تۈرك مىللەتپەرۋەرلىكىگە يەنى مەدەنىيەتسىزلىكىگە قارشى ئىدىيىسى، ياۋرۇپاچە كىشىلىك تۇرمۇش قائىدىلىرى توغرىسىدىكى مەلۇماتى، ماھارىتى ۋە ئەدەب-ئەخلاقى، شوخ تېتىكلىكى بىلەن مەشھۇر ئىدى. ئۇ ئون بىر يىلنىڭ ئالدىدا پارىژدا ئالى مەلۇمات ئېلىپ قايتىپ كەلگەن، پارىژدىن كەلگەن باشقىلاردەك يۇقىرى مائاشلىق بولۇپ ئىزمىرگە كەتكەن، بۇ يەردە چىرايلىق بىر ئىتالىيىلىك قىزغا ئاشىق بولۇپ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغانىدى.
       ... مانا بۇ كېچە ئۇ نېمە قىلىشىنى بىلمەيتتى، قىرىق سەككىز سائەتلىك ئازاب ئۇنىڭ نېرۋىلىرىغا قاتتىق تەگكەنىدى. ئىككى نۆۋەت دېپودىكى دېڭىز بويى داچىسىنىڭ ئالدىغىچە بارغان بولسىمۇ، ئىچىگە كىرەلمەي ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ قايتتى. ئۇ لەنەتلەردىن قاچقان بىر خائىن، كەينىدىن بىرى قوغلاپ كېلىۋاتقان گۇناھكاردەك قاراڭغۇ كوچىلارغا غايىپ بولۇشنى خالايتتى. ئايلىنا-ئايلىنا قايتا پىرىستانغا كېلىپ قالدى ۋە ئوغرىدەك ئاۋايلاپ مېڭىپ دېڭىز بويىغا كېلىپ قېلىپ، جۆيلىگەندەك: «بۇ قانداق بولغىنى؟بۇ قانداق بولغىنى» دەپ ۋايساشقا باشلىدى. كۆرگەن، ئاڭلىغان، گېزىتلەردە ئوقۇغانلىرىنىڭ راستلىقىغا ئەقلى يەتمەيتتى. بىراق، ئۇ ھۇشيار بولغاچقا، بۇنى ھېس قىلالايتتى، زىدە بولغان قەلبى كۆڭلىنى بىئارام قىلاتتى. تىنجىق ئىسسىقتا ۋۇجۇدى بەزگەكتەك بىر قىزىپ، بىر مۇزلايتتى. ئاياغلىرىدا جان قالماي قاراڭغۇلۇق ئىچىدە نېمىنىدۇر ئىزدەۋاتقاندەك ئۇياق-بۇياققا تەلمۈرۈپ قارايتتى.
       ئۇ ئۇرۇشنى زادى خالىمايتتى. «ئۇرۇش ھايات دېمەكتۇر!» دېگەن پەيلاسوپنىڭ ئۇچىغا چىققان ۋەھشىي مەخلۇقتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى قۇۋۋەتلەيتتى، جانلىق ئورگانىزىملاردىكى «كۆرەش» دېگەن سۆزنىڭ ئىجتىمائىي ھايات ۋە ئىنسانىيەت تۇرمۇشىدىمۇ بولۇشقا تىگىشلىكىنى ئىلىمىي تەجرىبىلەر ئارقىلىق ئىسپاتلىغان دارۋىننىمۇ ئىنكار قىلاتتى. ھەقىقەتكە يىقىن بولماي، ھەمىشە خىيال ئىچىدە ياشايدىغان ھورۇن ھورۇن، قورقۇنچاق ۋە ساغلام بولمىغان تەپەككۇرلارنىڭ ئورتاق شوئارى بولغان «ئىنسانپەرۋەرلىك » تەسەۋۋۇرى ئۇنىڭ مەزھىپى ئىدى. ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا ئەسلى مەنىسى، كېلىپ چىقىش مەنبەسى ئىككىلەمچى سەۋەبلىرى نامەلۇم بولغان بىر مۇنچە «پەزىلەت» لەر ئاپئاق تۇمان ئىچىدىكى ئىبادەتخانىدا غۇۋا كۆرۈنگەن چوڭ قۇرۇق جازا بۇتلاردەك گەۋدىلىنەتتى. بۇ ئىسمى بار جىسمى يوق خۇدالارنىڭ ئالدىدا ئۇ ھەمىشە چىن دىلى بىلەن سەجدە قىلاتتى. ئۇ توققۇز يىللىق ماسۇن ئىدى... چېكىدىن ئاشقان ۋە مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان بىر مۇرىتى بولغان ماسۇنلۇقتىن باشقا دۇنيادا ھېچقانداق ھەقىقەت بولمايدىغانلىقىغا پۈتۈن ۋىجدانى بىلەن ئىشىنەتتى، نە ئەنئەنە، نە تارىخ، نە مىللەتنى بىلمەيتتى، ئىرىق ۋە مۇھىت نەزەرىيىسىنى روھى ھالىتى ۋە پىكىرى ساغلام بولمىغان ھەممە بىچارىلەردەك ئىنكار قىلاتتى، ئاشۇ ئەقىدىلىرى ئۇنى ئەقلىنى تورمۇزلاپ، روھىنى ئىگىلەپ، تىرىك بىلەن ئۆلۈكنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىر ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويغانىدى. شۇنداق، ئۇ سەكسەن پىرسەنت يەھۇدىي ۋە ياۋرۇپالىق ئەۋلادىدىن بولغان سادىق «قېرىنداش» ۋە «دوست» لىرى ئارىسىدا مۇھىم نوپۇز ۋە ئېتىبارغا ئىگە ئىنتايىن مۇتەئەسسىپ بىر ماسۇن ئىدى ۋە يېقىندا ئۇنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئەمەلدارىمۇ بولماقچى ئىدى.
       «ئۇھ!» دېدى ئۇ گويا بىر قاراڭغۇلۇق ئىچىدىن سوزۇلغان غايىبانە بىر قول يۈرىكىگە بىر ئوتلۇق خەنجەرنى سالغاندەك. بۇ خەنجەر سەلانىكتىكى ئىتالىيىلىك ماسۇن لوجاس بولسا كېرەك. بۇ مەخلۇق يادىغا كېلىش بىلەن تەڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىنى تىترەك باستى. ئۇ ئويلىغانسېرى قەلبىنىڭ يېڭىۋاشتىن ئىسسىق بىر زەھەر بىلەن تولغانلىقىنى، كۆكسىنىڭ يېرىلىپ كەتكەندەك ئاغرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلاتتى. ھازىرقى ھالىتى ۋە ئۆتكەن كۈنلىرى بىر-بىرىگە گىرەلىشىپ كاللىسى گاڭگىراپ كەتتى. بىر مۇنچە مۇناسىۋەتلىك ۋە مۇناسىۋەتسىز مەجھۇل ۋەقەلەر قۇلاقلىرىغا پىچىرلىغاندەك بىر-بىرلەپ ئۆتۈپ روھى ھالىتى، ھېسسىياتى، پىكىرى، ۋىجدانى، ئىدراكى بىردىن ئۆزگىرىپ، كۈچلۈك بىر قىزىتما پۈتۈن ئەزايىنى ئۆرتەشكە باشلىدى.
       «ئۇھ، ئىنسانىيەتكە خىزمەت قىلىدىغان ياۋرۇپالىقلار!» دېدى ئۇ ئۆز-ئۆزىگە.
       ياۋرۇپالىقلار ئەزەلدىن ئەھمىيەت بەرمەيدىغان، ئەمما ئىنتايىن تەبئىي بولغان بەزى ئىشلار بىردىن ئۇنىڭ يادىغا كېلىپ قالدى، ئالدى بىلەن فىرانسىيىنى ئېسىگە ئالدى. ھەمىشە ئىنسانىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى جار سالىدىغان بۇ مىللەت يۈز يىلدىن بېرى ئافرىقىنى قانغا بوياپ، بۇ چۆل-جەزىرىنىڭ قورالسىز، ساددا-مەسۇم، ئاقكۆڭۈل ئەۋلادلىرىنى توپ-زەمبىرەك بىلەن دەھشەتلىك قىرغىن قىلىپ، ئازادە شەھەرلەرنى، تىنچ ئائىلىلەرنى خانىۋەيران قىلدى؛ گۇناھسىز بىر مىللەتنى ئەسىر قىلىۋېلىپ، يۇرت، ۋەتەن، مال-مۈلۈكنى تالان-تاراج قىلىپ، ئىپپەت-نۇمۇسىنى، ھاياتىنى، مەنىۋى دۇنياسىنى ئاياغ ئاستى قىلدى. ئۇ جەزائىر، تۇنىس، سەھرايى كەبىر، سىگنال، ماداغاسقار ... ئاخىرقى قېتىم بېسىۋالغان بەختسىز ماراككولار بىلەن قوشقاندا ياۋرۇپادىكى ئۆز مەملىكىتىنىڭ يىگىرمە ھەسسىدىن ئارتۇق زېمىنىغا ئىگە بولۇۋالدى. ياۋرۇپانىڭ يەر مەيدانى پەقەت ئون مىليون كۋادرات كىلومېتىر. ھالبۇكى، ئافرىقىدىكى فرانسۇز مۇستەملىكىسى ئون مىليون ئۈچ يۈزمىڭ كۋادرات كىلومېتىر كىلىدۇ!... ئىنسانىيەتكە فرانسوزلاردىنمۇ كۆپرەك خىزمەت قىلىش پىكىرىدە بولغان  ئىنگىلىزلارنىڭ پەقەت ئافرىقىدىكى مۇستەملىكلىسىلا ئون مىليون كۋادرات كىلومېتىردىن سەل ئاز. نوقۇل تىنچلىق ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنغان بىر زامانلاردا، ئاساسى قانۇنلۇق ھاكىمىيەت ھەتتا جۇمھۇرىيەت قۇرغان، ئەڭ مۇنتىزىم ھۆكۈمىتى بولغان، ئۆزى كىچىك، سەبىي بولسىمۇ ئار-نۇمۇسنى بىلىدىغان ھۆكۈمىتىمىزگە ئاچ بۆرىدەك ئېتىلغان، ئۇنى پارە-پارە قىلىپ يۇتقانىدى. بەختسىز تىرانسۋالنىڭ پەقەت بىرلا گۇناھى: بايلىقى، ئالتۇن-كۈمۈشلىرىنىڭ موللىقى ئىدى... گېرمانىيە، ئىسپانىيىدە ھەتتا ھەتتا پورتۇگالىيە ۋە بېلگىيىنىڭمۇ چوڭ مۇستەملىكلىرى بار ئىدى. ھازىرقى ئافرىقا تەقسىم قىلىنىپ بولدى. بۇ شۇ قەدەر ئاشكارا بولدىكى ... چوڭ بىر قىتئە پەقەت ھەبەشسىتان بىلەن لىۋىيىدەك بىر ئىككى يەرلىك مۇستەقىل ھۆكۈمەتلەرلا قالدى. ئىتالىيىگىمۇ مۇستەملىكلىرى ئاز كەلگەنىدى... ئۇلار كۈتۈلمىگەن ۋە تەسەۋۋۇر قىلىنمىغان بىر پەيتتە ترابلوسقا ھۇجۇم قىلىپ، ئەللىك يىلدىن بېرى كۈتكەن «ئافرىقىنى لاتىنلاشتۇرۇش» پاجىئەسىنىڭ ئاخىرقى پەردىسىنى ئاچتى. بۇ قانداق ئىنسانپەرۋەرلىك بولسۇن؟ بۇنداق ئىنسانپەرۋەرلىكنىڭ ۋەھشىيلىكتىن، ياۋايىلىقتىن، ئادەمخورلۇقتىن نېمە پەرىقى بار!... قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقى بولمىغان ئافرىقىنى بېسىۋالغان بۇ يىرتقۇچ، ئىنساپسىز، مۇدھىش ياۋرۇپالىقلار ئاسىيانىمۇ بۆلۈشىۋېلىشماقتا، بۇ تاجاۋۇزلىرىنى ئەيمەنمەستىن «شەرق مەسىلىسى» دېيىشمەكتە. مىليونلارچە ئاھالىنى ئىنسان قاتارىدا كۆرمەي، ئۇلارغا ھايۋانلاردىن بەتتەر مۇئامىلە قىلىشماقتا. ئۆز مەملىكەتلىرىدە كۈلكىلىك، ساختا ئادەمگەرچىلىكلەرنى كۆرسەتكەن، شەپقەت بازارلىرى، شەپقەت مۇئەسسەسىلىرى تەسىس قىلغان بۇ ئالدامچى، پەسكەش ياۋرۇپالىقلار تەلەيسىز جۇڭگو ئاھالىسى سالامەتلىك ۋە خاتىرجەملىكنى، نەسلىنىڭ ئىستىقبالىنى قوغداش ئۈچۈن ئەپيۇننى مەنئى قىلغاندا ئولتۇرالماي قېلىشىپ، پۈتۈن پەسكەشلىكلىرىنى ئىشقا سېلىپ «تىجارىتىمىزنىڭ مەنبەسى!» ئىدى، دەپ، بۇ تەلەيسىز ھۆكۈمەتنى قىسىپ، قورقۇتۇپ ئەپيۇنغا قايتا يول ئاچقۇزغانىدى... تىجارەتلىرىنى ئۈچ يۈز مىليون ئادەمنىڭ سالامەتلىكى ۋە ئىستىقبالىدىنمۇ ئەلا بىلگەن. ئۈچ يۈز مىليون جۇڭگولۇقنى مەملىكىتىدىكى ئىتلار قاتارىدىمۇ كۆرمىگەنىدى. ئەمدىلىكتە ئەنگلىيە ھىندىستاننىڭ قېنىنى شورىماقتا، پۈتۈن بايلىقلىرىنى ياۋرۇپاغا توشۇماقتا، ئىككى يۈز توقسان بەش مىليون ئادەمنى خىزمەت قىلىدىغان مالاي ۋە ئات-ئېشەك ئورنىدا كۆرۈپ، ھەممە ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قىلىپ، ئۆز ھېسابىغا ئىشلەتمەكتە. روسىيە تۈرك زېمىنلىرىنى ئەقىلگە سىغمىغۇدەك دەرىجىدە رەھىمسىزلىك بىلەن يالماپ يۇتماقتا، ئۈچ مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە قەدىمىي بىر مىللەتنى- ۋەيران بولغان ئىراننى خەرىتىدىن ئۆچۈرۈۋېتىش، يەر يۈزىدىن يوق قىلىۋېتىش ئۈچۈن ئەنگلىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزمەكتە... تۈركىيىنىڭ تەقسىم قىلىنىشىمۇ ئېنىق بوپ قالدى. چۈنكى، ئۇلار ئاسىيانى تالان-تاراج قىلىشتا ئۇنى پۇتلىكاشاڭ دەپ قارايدۇ. شۇڭا، ئالدىن بىلەن ئۇنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا، يوقىتىۋېتىشكە توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭدىن بىر ئەسىر  ئاۋۋال ياۋرۇپالىقلار بىزگە قارشى چىقىپ، ناۋارىندا دېڭىز فىلوتىمىزغا ئوت ئېچىپ، يۇنانىستاننى بايقىغانىدى. رومىنىيە، يۇگوسلاۋىيە، قاراتاغ، بۇلغارىستان، كىچىك ئاسىيا، جەزائىر، تۇنىس، سېپرۇس، مىسىر، سۇدان يېغىلىقلىرى بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى چىققان بولسىمۇ، نەتىجىدە ئۇلارنىڭ ھەممىسى رېۋال ئۇچرىشىشىدا يۇيۇپ-تاراپ يەرلىكىگە قويۇلدى. ئاساسىي قانۇنلۇق ھاكىمىيەت تۈزۈمى ئېلان قىلىشمۇ ئىنتايىن كېچىكتۈرۈلدى. ھالبۇكى، بۇ كېچىكىش پۈتۈنلەي يالغان... بىزنى يەر يۈزىدىن يوق قىلىۋېتىش ئۈچۈن تۈزۈلگەن پىلان ئىدى. بوسىنا-ھېرىسېك تەسلىكتە ئېلىندى. مەسىلىلەر يەنە شۇ پېتى تۇرماقتا، ماكىدونىيە مەسىلىسى، ئالبانىيە مەسىلىسى، گىرىت مەسىلىسى، بوغازلار مەسىلىسى، شەرقى ئاناتولىيە مەسىلىسى، مىسوپوتامىيە مەسىلىسى، ئىراق مەسىلىسى، سۈرىيىنىڭ مۇستەقىللىقى مەسىلىسى، ئەرەبىستان مەسىلىسى ۋەھاكازالار... بۇ مەسىلىلەرنى ياۋرۇپالىقلار بىر-بىرلەپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. پەقەت ئۇلار مۇۋاپىق ۋاقىتنى كۈتىدۇ، خالاس...
       مانا بۇلارنى ئويلاش ئۇنىڭ بېشىغا ئاغرىق كىرگۈزۈۋەتتى، ئۇنى ئېسىلىش ئۈچۈن دار ئالدىغا كەلگەن، جاللاتنىڭ پىچىقى ئاستىغا بېشىنى تۇتۇپ بەرگەن بىر گۇناھسىز مەسۇمنىڭ تەۋەككۇلى، ئۈمىدسىز لېكىن ئالىيجانابلىقى تىترىتەتتى. ئۇ ۋۇجۇدىدا قىلچە كۈچ قالمىغانلىقىنى ھېس قىلدى. ئۇنىڭ ھېچنېمىنى چۈشىنەلمەي يىغلىۋەتكۈسى كىلەتتى، دېڭىزغا ئۆزىنى تاشلاپ ھالاك بولۇشىنى خالايتتى، مانا ئەمدى ترابلوس مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋاقتى كەلگەن بولسىمۇ، بۇنى ئويلىغۇچىلىكى يوق ئىدى. ئۇخلاۋاتقاندا خەنجەرلەنگەن بىر ئادەم ئويغانغان بولسىمۇ، نېمە بولغىنىنى بىلمەي ئۆلگىنىدەك ئەس-ھوشىنى، ئوي-پىكىرىنى يوقاتقانىدى، بېشى، چېكە تومۇرلىرى يېرىلىپ كەتكۈدەك قاتتىق ئاغرىيتتى. ئۇ كۆز ئالدىدىكى دۈم كۆمتۈرۈپ قويغان قازاندەك چەكسىز قاراڭغۇلۇققا قارىدى. قارا تۇمشۇقنىڭ چىرىغى ئايلىنىپ، يورۇقى يەنە ئۇنىڭغا چۈشتى، ئۇزۇندىن ئۇزۇن يورۇق شولا تاشلاپ يېنىۋاتقان بۇ نۇر سىزىقى بىر چەمبەر بويلاپ ئولىمپا تاغلىرىغا تاقاشقاندا، بۇ نۇر بەلبېغى ئىچىدە زەڭگەر دېڭىزى، كۆك ئاسمىنى، سۆيۈملۈك قەلئەسى، ئاق مۇنارى، گۈزەل ۋە ئاددى ئۆيلىرى، ئېگىز ھۆكۈمەت بىنالىرى، مەنىشىيە مەھەللىسىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى يېشىل خورمىزارلىقى بىلەن ترابلوسنى كۆز ئالدىغا كەلتۈردى.
       ئىپلاس دۈشمەن بۇ گۈزەل مەملىكەتنى ھېچقانداق سەۋەبسىزلا توپقا تۇتۇپ بېسىۋالماقچى بولغانىدى. بۇنداق قوپال پەسكەشلەرچە تاجاۋۇزغا كىممۇ چىداپ تۇرالىسۇن؟ بۇ مىللەتنىڭ ئىچىدە ئار-نۇمۇسلۇق ئىنسان يوقمۇ؟ بۇ مىللەت سېپى ئۆزىدىن دېڭىز قاراقچىسىمۇ؟ ھۆكۈمىتى ئەخلاق ۋە ۋىجدانغا ئىگە ئىنسانلاردىن تەشكىل تاپمىغانمۇ؟... ئۇ ئويغا چۆمدى... چىراغنىڭ نۇرى تەكرار ئايلىنىپ، توغرىسىغا سوزۇلۇپ ياتقان ترابلوس كارتېنىسى كۆزدىن غايىپ بولدى. ئۇنىڭ كۆزلىرى يەنە قاراڭغۇلۇق ئىچىدە قالدى... ئىتالىيە زۇڭتۇڭى گىئولېتتى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سان زوليانوسلارمۇ ياۋرۇپادىكى ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ كۆپىنچىسىدەك ماسۇنمىدۇ؟... شۆھرەتلىك گران-مېتىرلىرى، ماسۇن ھۆكۈمدارلىرى، ماسۇن شاھزادلىرى، ماسۇن لوردلىرى، ماسۇن مىليۇنىرلىرى بىلەن «پەقەت ئىنسانپەرۋەرلىكتىن باشقا نەرسىنى بىلمەيمەن!» دېگەن فران-ماسۇنلىرى نەلەرگە كەتكەندۇ؟... ئۇنىڭ بېشى ئايلىنىپ يىقىلىپ چۈشىدىغاندەك بولۇپ كەتتى. سەل كەينىگە داجىپ يۇقىرى تەرەپكە مېڭىشقا تەمشەلدى. يېنىدىن ئۆتكەن كۆزەتچى ساقچى «كىمسەن؟» دېگەندەك قىلىپ يۈزىگە قارىغاندا پۈتۈن ھاياتىدا ئىنتايىن خاتا ۋە چىرىك پىكىرلەر بىلەن ئالدانغانلىقىنى، مىللىي غۇرۇرسىزلىق، مىللەتپەرۋەر بولماسلىقنىڭ، «بەينەلمىلەل ۋە ماسۇنلۇق» خام خىيالىنىڭ ئاز-تولا سەۋىيىسى بار ئادەمنى ئۈچىيى ئۈزۈلگۈدەك كۈلدۈرىدىغان كۈلكىلىك بىر ئەخمىقانىلىك ئىكەنلىكىنى ئويلىدى، ئۆز-ئۆزىگە: «مەن كىم؟...» دېگەن سوئالنى قويۇپ باقتى. بىراق، ئۇ: «مەن تۈرك...» دېيىشكە جۈرئەت قىلالمايتتى، ئۆزىنىڭ تېخىچە روھسىز، قەدىرسىز بىر جەسەتتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى ئويلاپ نۇمۇس كۈچىدىن يىغلىۋەتكۈسى كەلدى. ئۇ تۈركلەرنى يەر يۈزىدىن يوق قىلىۋېتىش ئۈچۈن ئېغىز-بۇرۇن يالاشقان ياۋرۇپالىقلارنىڭ چاكىنا بىر قۇلى، ئىتائەتچان بىر چاكىرى، سادىق بىر غالچىسى ئەمەسمۇ؟ ئۇ ياۋرۇپالىقلارغا، ياۋرۇپالىقلارنىڭ ئادەتلىرىگە، ئەنئەنىلىرىگە، تەربىيىلىرىگە، ئۆز ئارا ئالاقىلىرىگە، جەمئىيەتلىرىگە ھېرىسمەن ئەمەسمۇ؟ ئەجنەبىيلەردىن ئالغان ئەھمىيەتسىز بىر مۇكاپات، بىر مېدال ئۇنى قانداقمۇ خۇشاللىقتىن مەست قىلالىسۇن ۋە ئىپتىخارلاندۇرالىسۇن؟ تۈركلەرنى، تۈركلەرنىڭ ۋەتىنىنى بۆلۈشىۋېلىپ، ماددى جەھەتتە پارچىلاشقا تىرىشقان بۇ قاراقچى ۋە تويماس ياۋرۇپالىقلار مەنىۋى ھۇجۇملىرىغىمۇ سەل قارىمايتتى. ئەلۋەتتە، ئۇلار ئۆز تىللىرىنى، مائارىپلىرىنى، ئەخلاقلىرىنى، تەربىيىلىرىنى، ئادەتلىرىنى تارقىتىش يولى بىلەن بىر ئەسىردىن بېرى ئىچىمىزدە پەقەت ئىسمىلا «تۈرك ۋە شەرقلىق» بولۇپ قالغان مۇدھىش بىر «رەڭسىز قوشۇن» تەشكىل قىلىپ، بۇ «رەڭسىز» لەر ئارقىلىق بىزگە ھۇجۇم قىلىپ، بىزنى ئاجىزلاشتۇرماقتا، ۋەتەنپەرۋەرلىك پىكىرىنى فران-ماسۇنلۇق ئەپسانىسى بىلەن بوغماقتا. تېخى تۈنۈگۈنگىچە ئۇمۇ «مەن تۈرك» دېيىشتىن قىينالمىغانغۇ؟ ۋە بۇ مەملىكەتتە ئۆزىگە ئوخشاش تارىخنىڭ ئۇلۇغلۇقى، ئۆتمۈشنىڭ شەرەپلىكلىكى، ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ شان-شۆھرىتىنى بىلمەيدىغان، ئۇنى ئىنكار قىلىدىغان، ئۆز مىللىتىدىن نۇمۇس قىلىدىغان ئىنتايىن  ياۋرۇپالاشقان ئاشۇنداق رەڭسىزلەر ئازمۇ؟...
       ئۇ خىيال بىلەن مېڭىپ تامۇژنا بىناسىنىڭ كەينىدىكى يېڭى بىنالارنىڭ ئۇدۇلىغا كەلگەندە، ئۆز-ئۆزىگە «نەگە كېتىۋاتىمەن؟» دېگەن سوئال قويدى. تاڭ ئېتىشقا بىر نەچچە سائەتلا قالغانىدى. ئەجەبا، ئۇ بۇ كېچە ئۇخلىمامدۇ؟ بىراق، نەدە ياتسۇن؟ ئۆينى، دېڭىز بويىدىكى داچىسىنى ئويلىغىنىدا ئۇنىڭ تەنلىرى جۇغۇلداپ كەتتى. ئۇ يەرگە قانداقمۇ كەتسۇن؟ ئەمدى ئۇ ئۆيگە كىرسە غەزەپ-نەپرەتلىك تاپا-تەنىلەردىن، ئەلەم-نادامەتلەردىن ئۆلمەمدۇ؟ ئۇ قايتا كەينىگە ياندى. ئۈستۋېشىنى تەر بېسىپ، بېشى چىدىغۇسىز ئاغرىماقتا ئىدى. نىشانسىز ھالدا ماڭا-ماڭا سىپلاندىت مېھمانخانىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ قالدى. پەردە ئىشىكتىن چۈشۈپ تۇرغان يورۇقلۇقتا كارىدورنىڭ ئايىغىدىكى بىر ئورۇندۇقتا ئۇخلاۋاتقان كۈتكۈچىنى كۆرۈپ، قوڭغۇراق كونۇپكىسىنى باستى. كۈتكۈچى ئورنىدىن دەرھال تۇرۇپ ئىشىك ئالدىغا كەلدى، تاشقىرىغا قاراپ قويۇپ ئىشىكنى ئاچتى.
       قىرىق ياشلار چامىسىدىكى بۇ كۈتكۈچى قارا بۇرۇتلۇق بىر روم بار ئىدى.
       - ياتاق بارمۇ؟ - دەپ سورىدى ئۇ.
       كۈتكۈچى ئاڭلىمىغاندەك ئۇنىڭ چىرايىغا قارىدى، ئۇ تۈركچە سۆزلىيەلمەيتتى. بىر ئاز ئارىسالدىلىقتىن كېيىن:
       -مالىستا،- دېدى.
       لېكىن، ئالدىدىكى كىشىنىڭ رومچە بىلمەيدىغانلىقىنى پەم قىلىپ، سەت ئاڭلىنىدىغان يەھۇدىي تەلەپپۇزىدا فرانسوزچە قوشۇمچە قىلدى:
       - بار، بار، مەرھەمەت!
       مەرمەر پەلەمپەينىڭ بېشىغا كەلگەندە كۈتكۈچى كەينىدە تۇرۇپ سەلانىكقا خاس بۇزۇق ۋە خاتا يەھۇدى تەلەپپۇزىدىكى فرانسوزچە بىلەن يەنە: «مەرھەمەت ئەپەندى، ياتاق يۇقىرىدا...» دېدى. ئۇ كونوپكىنى بېسىۋىدى، يۇقىرىدا بىر ئۆينىڭ قوڭغۇرىقى چېلىنغاندەك بولدى. ئۇ پەلەمپەيلەردىن ئاستا مېڭىپ چىقىشقا باشلىدى. بېشىنىڭ ئاغىرىقىدىن كۆزلىرى يۇمۇلۇپ كەتكەنىدى. ئۇلار ئوتتۇرىدىكى زالنىڭ ئوچۇق ئىشكى ئالدىدا توختاشتى، زالنىڭ ئىچىدە سېرىق چاچ، ئاق كىيىملىك بىر ياۋرۇپالىق خوتۇن بىلەن تاقىرباش بىر قارا يىگىت پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتى. ئۇنى باشلاپ چىققان بەستلىك، ئەمما سەت ۋە كىلەڭسىز كۈتكۈچى ئۇنى ئوڭ تەرەپتىكى بىر كىشىلىك ياتاقلارنىڭ بىرىگە ئورۇنلاشتۇردى.
       چىراغ ئۆچۈرۈلدى. ئۇ يېشىنىشكە، ھەتتا ئايىغىنى يېشىشكىمۇ تاقىتى يوق كارىۋاتتا ئوڭدىسىغا سوزۇلۇپ ياتقىنىچە قوللىرىنى بېشىغا قويۇپ كۆزلىرىنى يۇمدى. بېشىنىڭ ئاغرىقىدا ئۇخلىيالماي ئۆيىنى ئويلايتتى. ئېھتىمال، خوتۇنى بۇ كېچە ئۇنى كۈتۈپ ئەنسىرەۋاتقاندۇ. لېكىن، قانداقمۇ كەتسۇن. قىرىق سەككىز سائەتلىك ئازاب ئۇنى پەرىشان، پىكىرلىرىنى بەربات قىلىپ ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغانىدى... ئۇنىڭ خىيالىدا، ھاقارەت، تاجاۋۇز، ھەققانىيەتسىزلىكنىڭ دەردىدە تۇيۇقسىز ئويغانغان مىللەت، ئىتالىيە مەكتەپلىرىنىڭ، ۋەكالەتخانىلىرىنىڭ، دوختۇرخانىلىرىنىڭ ھەتتا كونسۇلخانىسىنىڭ ۋىۋىسكىلىرىنى چاققان، بايراق خادىملىرىنى يىقىتقان، بايراقلىرىنى يىرىتقان، ھاياجانلىق نامايىشلار قىلغان پۈتۈن ئىتالىيىلىكلەر قوغلاپ چىقىرىلغان، ئىتالىيىلىكتىن دوست تۇتقان تۈركلەرمۇ شۈبھىسىز لەنەت، نەپرەتلەر ئىچىدە ھاقارەتلىنىپ، مەملىكەتتىن قوغلاپ چىقىرىلغان مەنزىرىلەر ئەكىس ئېتەتتى. بېشىنىڭ ئاغرىقىدىن كۆزلىرىدىن ياشلار چىقىپ كەتتى، دۈم بولۇۋالدى. خوتۇنى، بالىسى، ئۆيى كۆز ئالدىغا كېلىۋالدى. ئۇ بۇنداق بىر كۈننىڭ بولۇشىنى زادى ئويلىمىغان، بۈگۈنگە قەدەر بەختلىك ياشىغانىدى. بىر غەربلىك يەنى ئىتالىيىلىك بىلەن توي قىلىش، ھاياتىنى ئۇنىڭ بىلەن بىرلەشتۈرۈش ئۇنىڭغا بەكمۇ تەبئىي ھەتتا ئىپتىخارلاندۇرغۇدەك ئەۋزەل بىر ئىشتەك كۆرۈنگەنىدى.
       ئۇ ياۋرۇپادىن كەلگەن يىلنى، ياشلىق ۋە بويتاقلىق كۈنلىرىنى ئەسلىدى، ئۆتمۈشى خىيالىدىن خۇددى كىنو لېنتىسىدەك ئۆتۈشكە باشلىدى. ئۇ گرازىيەنى دەسلەپ ئىزمىردە بىر تانسىخانىدا كۆرۈپ قالغانىدى. بۇ قىز رىۋايەتلەردىكى كونا رىملىق قىزلار پاسونىدا كىيىنگەن بولۇپ، دەل ئىمپېراتور ئادرىياننىڭ نىكاھسىز خوتۇنى ئانتىنۇسقا ئوخشايتتى. ئۇ ياۋرۇپادا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا سەنئەت تارىخىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن دائىم لوئوۋرې  مۇزېيىغا باراتتى. ئۇ يەردە بۇ گۈزەل جاناننىڭ ھەيكىلىگە قاراپ-قاراپ تويمايتتى، ئىزمىردە بۇ ھەيكەلنىڭ تىرىكىنى كۆرۈش ئۇنى قاتتىق ھاياجانغا سالدى. گرازىيەنى بىر كۆرۈپلا ئاشىق بولۇپ قالدى. ئالدى بىلەن دادىسىغا ئۆزىنى تونۇشتۇرغۇزدى. ۋىتالىس ئىسىملىك بۇ ئەپەندى ئىتالىيىلىك ئىنژېنېر ئىدى. ئۇ ئۇنىڭ بىلەن كەسىپداش بولۇپ، بۇ، دوستلۇقنىڭ تېزلىشىشىگە سەۋەب بولدى. ۋىتالىس ئەپەندىنىڭ ھۆكۈمەتتە قىلىدىغان ئىشلىرى، مەملىكەتتە يۈرگۈزىدىغان بىرمۇنچە ساختىپەزلىكلىرى بار ئىدى. شۇڭا، ئۇ، بۇ ياش تۈرككە قاسقاندىكى مانتىغا دۈم چۈشكەندەك ئۆزىنى ئاتتى، ئۆيىگە تەكلىپ قىلدى، ئۇنى ئۆزىگە پەخرى تەرجىمان ۋە پەخرى دەللال قىلدى. ئۇ ئۇنىڭ ھاۋالىلەرگە، بېسىمدارلىق، جازانىخورلۇقلىرىغا ياردەملىشەتتى. ھۆكۈمەتتىكى مۈشكۈل ئىشلىرىنى بىردەمدىلا پۈتتۈرۈپ بېرەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بىر باي تۈرك بولۇپ، قىزىغا ئىنتايىن  قىممەتلىك ھەدىيەلەرنى بېرەلەيتتى. لېكىن، بىكارغا ئىشلەيدىغان بۇ سادىق تەرجىماننىڭ قىزىغا ئاشىق بولغانلىقىنى، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى ئاڭلىغىنىدا ئىنتايىن  غەزەپلەندى. بىر تۈرككە قىزىنى بېرىش... بۇ مۇمكىنمۇ؟ بىر ياۋايىغا، ۋەھشىيگە، مەدەنىيەت دۈشمىنىگە قانداقمۇ قىز بەرسۇن؟ ئۇ بۇنى قەتئىي رەت قىلدى. ئارىدىن بىر نەچچە ئاي ئۆتتى. بىراق، قىزىق يېرى، قىزى بۇ تۈركنى ياخشى كۆرۈپ قالدى. ۋىتالىس ئەپەندى بۇنى ئاڭلاپ ياشلىقىدىن بۇيان ئىسپانىيىىدە قۇرغان قورغانلىرىنىڭ ئۇلىنى كولىۋەتكەندەك بولۇپ قالدى. بىراق، چوڭ بىر مەنپەئەت ئۇنى كۈتمەكتە ئىدى... بىر ئاز ئەلىنى يىغىۋالدى، ئىتالىيىدە ئاچ-يالىڭاچ كۈنلىرىدە پۈتۈن روھى بىلەن چۈشەنگەن سوتسىيالىزىم نەزەرىيىلىرى قايتا ئېسىگە كەلدى. بىر كۈنى ئۇ قىزىغا شۇنداق دېدى:
       - بايقىدىڭمۇ، ھېلىقى كەنان تۈركقۇ دەيمەن؟
       - ياق، ياق، كەنان زادى تۈرك ئەمەس ۋە ئەسلا تۈرك بولمايدۇ،- دەپ جاۋاب بەردى گرازىيە ئىتتىكلا.
       كېيىن ئۇلار ئۇزۇندىن ئۇزۇن پاراڭلاشتى. ۋىتالىس ئەپەندى قىزىغا تارىختىن، ئىرسىيەت ئىلمىدىن سۆز ئاچتى: ۋىزانتىيە ئىمپېراتورلۇقنى باش ئەگدۈرگەن تۈركلەر پەقەت بىر ئۇچۇملا ئىدى... بۈگۈنكى كىچىك ئاسىيا، ئاناتولىيە ئاھالىسى پۈتۈنلەي روملار ئىدى، بىراق ئۇلارنىڭ دىنلىرى مەجبۇرىي ئۆزگەرتىۋېتىلدى. دېمەك، كەنانمۇ ئەسلىدە بىر روم بالىسى. تۈركىيە ياۋرۇپالىقلار تەرىپىدىن تەقسىم قىلىنغاندىن كېيىن كىچىك ئاسىيا ۋە ئاناتولىيىدە تۈرك نامى بىلەن ياشاپ كېلىۋاتقان ئون يەتتە مىليون روم شۈبھىسىز ئۆز دىنىغا قايتىپ خىرىستىئان بولۇشىدۇ...
       ۋىتالىس ئەپەندى  يەنە پۈتۈن تۈركىيىدە پادىشاھ ئائىلىسىدىن باشقا تۈركلەر بىر ئائىلە ئەمەسلىكىنى، بۇنى ھەتتا ئەقلى يەتكەن مەلۇماتلىق تۈركلەرمۇ ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى قوشۇمچە قىلدى. گرازىيە ھەيرانلىق ئىچىدە خۇشال بولۇپ كەتتى. كەنان قايتا تەكلىپ قىلىندى. بۇ سۆھبەلەر ئۇنىڭ بىلەنمۇ بولدى. تارىخلىرى، ئەسەرلىرى، ئەنئەنىلىرى، قەھرىمانلىقلىرى بىلەن شۆھرەت قازانغان، ھەتتا شاھى ئابباس دەۋرىدىنلا غەربكە ئىنتىلىشكە باشلىغان مىليونلىغان تۈركلەرنى، قاراخانىلىقلارنى، سەلچۇقلارنى، ئاق قۇيۇنلۇقلارنى، قارا كەچلىكلەرنى، ئوسمانىيە خانىدانىنىڭ مەيدانغا كېلىشىدىن بىر قانچە يىل ئاۋۋال كىچىك ئاسىياغا، ۋاردار ۋادىسىغا ئۆتكەن باتۇر تۈركلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىشى بىلەن ئۇمۇ تۈركىيىدە زادى تۈرك يوقلىقىنى تەستىقلىدى.
    ئاتىسى بىلەن قىزى خىيالىدا كەناننى روم دەپ قاراپ توي قىلسا بولىدىغانلىقىنى جەزىم قىلدى. ۋىتالىس ئەپەندى كەناننىڭ ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا ئۆلگەن ئاتىسىدىن ئۇنىڭغا ئون بەش مىڭ لىرالىق مىراس قالىدىغانلىقىنى ئۇققانىدى. بۇ خېلى كۆپ پۇل ئىدى، گرازىيەنىڭ تەلىيى بار ئىدى... ۋىتالىس ئەپەندى قىزىنىڭ توي قىلىشىغا ئاخىر قوشۇلدى. بىراق، ئۇنىڭ بىر قانچە ئەرزىمەس شەرتلىرى بار ئىدى: كەنان توي قىلىشتىن ئىلگىرى مال-مۈلىكىنى سېتىشى، قىزىغا بەش مىڭ لىرا بېرىشى، تۈرك ئادەتلىرىگە سادىق بولغان مۇتەئەسسىپ تۇغقانلىرى بىلەن مۇناسىۋەت قىلماسلىقى، بولغۇسى پەرزەنتلىرى ئىتالىيىچە تەربىيىلىنىشى ۋە ئىتالىيىلىك بولۇشى... گرازىيە ھەر جەھەتتە ئەركىن بولۇشى... ئۆزىگىمۇ بەزى مەقسەتلەر ئۈچۈن بەش مىڭ لىرا بېرىشى كېرەك ئىدى. كەنان دەرھال پۈتۈن شەرتلەرنى قوبۇل قىلدى، ئىستانبۇلغا بېرىپ ساتىدىغان نەرسىلىرىنى سېتىپ، گرازىيە بىلەن توي قىلدى. ئىككى يىل ئىچىدە ئىككى ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇپ، ئىنتايىن بەختلىك ئۆتتى. ئىتالىيە ئادىتىنى دوراپ بالىلىرىنىڭ ئىسمىنى ئاتىماي: «پرىمو! سېككوندو!» دەپ نومۇر بىلەن چاقىرىشاتتى. سېكوندو ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا كېسەل بولۇپ ئۆلۈپ كېتىپ يالغۇز پرىمو قالدى...
    ۋىتالىس ئەپەندى ئاساسىي قانۇنلۇق ھاكىمىيەت تۈزۈمى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، تۈركىيىدە ئىشلارنىڭ ئەپلەشمەيۋاتقانلىقىدىن ئەنسىرەپ، بىر تىيىنسىز كەلگەن ئىتالىيىگە نەچچە مىڭلىغان لىرالىق بولۇپ قايتتى ۋە ئۇ يەردە بىر قورۇق سېتىۋېلىپ ئىشتىن قول ئۈزدى. قىزىغا ۋە كۈيئوغلىغا ھەپتىدە بىر پوچتا ئاتكرىتكىسى بىلەن ئايدا بىر ئۇزۇن خەت يېزىپ تۇردى.
    ئۇ خەتلەر تاجاۋۇز ھەققىدە يېزىلاتتى، ئىتالىيە پاراخوتلىرىنىڭ غەلىبىسى، ئىتالىيە ئەسكەرلىرىنىڭ قەھرىمانلىقلىرى مەدھىيىلىنەتتى!...
    كەنان بۇلارنى ئويلاپ زادىلا ئۇخلىيالمىدى. ئەمدى قېيىنئاتىسى گرازىيە بىلەن ئۇنى ئىتالىيەگە چاقىرىتارمۇ؟ شۇنداق بوپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟... كېتەمدۇ؟...ياق... ئۇنداقتا؟... گرازىيە تەبىئىيىتىنى ئۆزگەرتىشكە رازى بولامدۇ؟ بىراق، بالىلىرى بار-دە! ئون يىلدىن بېرى بەكمۇ ئىناق ئۆتكەن. ئۇنىڭ پىشانىسىنى سوغۇق تەر باستى، يانچۇقىدىن ياغلىقىنى ئېلىپ تۈزىنى سۈرتتى، چاچلىرىنى بارماقلىرى بىلەن تارىدى، كۆزلىرىنى ئاچقان چاغدا دېرىزىدىن تاڭ سۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى كۆردى، تاڭ ئاتقانىدى. ئۇ ئۆمىرىدە بىرىنچى قېتىم پۈتۈن بىر كېچىنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزگەنىدى، ئورنىدىن تۇرۇپ كېرىلدى، بېشى زىڭىلداپ ئاغىرىۋاتاتتى، دېرىزىنىڭ ئالدىغا بېرىپ كوچىغا قارىدى. ئۇدۇلدىكى بىنانىڭ ئىكىنچى قەۋىتىدىكى بالكوندا ياش بىر ئايال بىر مۇنچە كىرلەرنى يېيىۋاتاتتى، پورت شەھىرىنىڭ كۆپكۆك ئاسمىنى ئاستىدا كۆپكۆك دېڭىز سوزۇلۇپ ياتاتتى. كوچىدا بىر قانچە يەھۇدىي ئۇرۇشۇۋاتقان يىگىرمە-ئوتتۇز كىشىنىڭ ئاۋازىدەك ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىپ] پاراڭلىشىۋاتاتتى. ئۇ كەينىگە يېنىپ قايتا كارىۋاتقا ئۆزىنى تاشلاپ كۆزلىرىنى يۇمدى. ئۇخلىيالمىغانسېرى ئىچىدە: «قانداق قىلسام بولار؟ قانداق قىلسام بولار؟» دېگىنىچە بىر قارارغا كېلەلمەي، قايغۇ ئىچىدە ئازابلىناتتى.
    ... كەنان مېھمانخانىنىڭ ئىشكىدىن چىققاندا كۆزلىرى ئىمىر-چىمىر بولۇپ كەتتى. يوغان قۇياش زاۋال نۇقتىسىغا يېقىنلاپ ئەتراپنى سۆرۈن غۇۋا يورۇقلۇق قاپلىغانىدى. دېڭىز يۈزى جىمجىت ۋە زەڭگەر رەڭ ئالغان، ماشىنا، ترامۋايلار بۇرۇنقىدەكلا ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، كىشىلەر بۇرۇنقىدىنمۇ ئىتتىك مېڭىشىپ يۈرگەندەك كۆرۈنەتتى. ئۇ ترامۋايغا چۈشمەي ئاق مۇنارغىچە پىيادە كەتمەكچى بولدى...
    ئۇ ئالدى بىلەن دېڭىز يۈزىنى كۆزدىن كەچۈردى، بۇ تەرەپ جىمجىتلىق بولۇپ، ئۇياق-بۇياققا .ئۆتۈشكەن بىر نەچچە كىشىلا كۆرۈنەتتى. كېيىن بىنالار تەرەپكە ئۆتتى، بىرمۇ خاپا چىراينى ئۇچراتمىدى، ئەكسىچە شىلەپىلىكلەر تېخىمۇ خۇشال ۋە بەختيار كۆرۈنەتتى. سودىگەرلەرنىڭ كاتىپلىرى، ماگىزىن خادىملىرى، ئۆز-ئۆزىگە تەمەننا قويۇپ يۈرۈشىدىغان ياۋرۇپالىقلار ئەۋلادىلىرى، ھاسىلكالام، پۈتۈن رەڭسىزلەر ۋە تۈركلەرگە دۈشمەن گۇرۇھلارنىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتكەنىدى. چەتئەللەردىن كەلگەن كىشىلەر بۇ مەنزىرىنى كۆرسە، جەزمەن بۈگۈن بايرام بولسا كېرەك، دېيىشىپ قالاتتى، ئۇ غەزەپلەنگەن ھالدا چىشلىرىنى چىشلەپ، لەۋلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ: «يايراڭلار خائىنلار، يايراڭلار!» دەپ قويدى.
    ئۇ ئاق مۇنارغا كەلدى. قورۇق تاملارنى ئۆرۈش خىزمىتى توختاپ قالغانىدى. «بىرلىك» باغچىسىنىڭ ئالدىدا توختىدى، ھەربىي كۇلۇبنىڭ ئالدىدا بىر بوش ماشىنا تۇراتتى. «چۈشەيمۇ؟» دەپ ئويلىدىيۇ، يەنە ۋاز كەچتى. نېمە بولغىنى نامەلۇم، چوڭ-كىچىك بالىلار بىر-بىرىگە فرانسۇزچە بىر نېمىلەرنى دېيىشىپ، بىر-بىرىنى ئىتتىرىشىپ تېلىقىپ قالغۇدەك كۈلۈشەتتى. كۈن ئولتۇراي دېدى. گاز چىراغ تۈۋرۈكنىڭ تۈۋىدە بىر نەچچە ئەجنەبىي خوتۇنلار بىلەن بىر نەچچە شىلەپىلىكلەر ترامۋاي كۈتۈپ تۇرۇشاتتى. ئەرلەر شۈبھىسىزكى، يېڭى باشلانغان ئۇرۇش، دۈشمەن دېڭىز فىلوتىنىڭ غەلىبىسى توغرىسىدا سۆزلىشەتتى، ئاياللار زوق قىزىقىش بىلەن ئاڭلىشاتتى. ئاخىر ترامۋاينىڭ تاراق-تۇرۇقى بارغانسېرى يېقىنلاپ كەلدى، دېڭىز بويىدا ئولتۇرغانلار چۈشلۈك تاماققا قايىتىشقان بولسا كېرەك، ئۇنىڭ ئىچى لىق تولغانىدى. ئورۇن بولمىغانلىقى ئۈچۈن كەنان كەينىدىكى ۋاگونغا چىقىپ پويىز خادىملىرىنىڭ ئورنىدا ئۆرە تۇردى. ھەممەيلەن بىر-بىرى بىلەن پاراڭلىشاتتى، لېكىن تۈركچە بىر ئېغىزمۇ گەپ ئاڭلانمايتتى. ئۇ دىققەت قىلىپ ترامۋاينىڭ ئىچىگە قارىدى. ئەر-ئايال ھەممەيلەن شىلەپىلىك ئىدى. سۇ ئۆتمىگۈدەك دەرىجىدە زىچ ئادەم دېڭىزى ئىچىدە پاپاخ كىيگەن ئادەمدىن ئۆزىنى قوشقاندا ئاران ئۈچەيلەنلا بولۇپ، قالغان ئىككىسى ترامۋاي خىزمەتچىسى ۋە بېلەت ساتقۇچى ئىدى.
    ترامۋاي ماڭغاندا ئۇ ۋىجداننى ئازابلىغۇچى بۇ مەغلۇبىيەت ۋە پەرىشانلىق مەنزىرىسىنى كۆزۈم كۆرمىسۇن دەپ تاشقىرىغا قارىۋالدى. داچىسىغا يېقىنلاپ قالغانىدى. يەنە دىققەت قىلدى، پاپاخ كىيگەن بىرىمۇ ئۆتمەيتتى. ھەممىسى شىلەپىلىك، شىلەپىلىك يەنە شىلەپىلىك ئىدى...  ئۈمىدسلىزلىنىپ كۆڭلىنى بىئارام قىلماسىق ئۈچۈن ئۆز-ئۆزىگە تەسەللى بېرىشكە تىرىشتى. «شۇنچە يولدا پاپاخ كىيگەن بىر ئادەمنىڭمۇ ئۆتمەسلىكى غەلىتە ئىشقۇ...» دېدى ئۆز-ئۆزىگە.
    دېڭىز بويىدىكى چاققانغىنا چىرايلىق داچا ئۆلۈكتەك تىمتاس، پۈتۈن ئىشىك دېرىزىلەر تاقاقلىق ئىدى. ئۇ باغچىدىن ئۆتۈپ پەلەمپەيگە  چىقىپ كۇنۇپكىنى بېسىۋىدى، خىزمەتچى قىز ئىشىكنى ئېچىپ چىقتى. كەنان تەقەززالىق بىلەن سورىدى:
    - خانىم قەيەردە؟
    - ئەتىگەن ماشىنا چاقىرتىپ سىرتقا چىقىپ كەتتى.
    - پرىموچۇ؟
    - ئۇمۇ خېنىم بىلەن بىللە كەتتى.
    - خانىم بىر نەرسە دېمىدىمۇ؟
    - ياق...
    ئۇ ئىچكىرىگە كىردى. ئىككى دانە سەپەر ساندۇقى تەييارلانغانىدى. دېمەك، گرازىيە سەپەرگە چىقماقچىكەن. كەنان بۇ ئۆينى بىرىنچى قېتىم كۆرۈۋاتقاندەك تاملارغا، پەردىلەرگە، كرېسلوغا ۋە ئۆي جاھازلىرىغا قاراپ ھاڭ-تاڭ بولاتتى، مانا بۇ مۇھىتتا تۈرك ھاياتىغا، تۈرك روھىغا ئائىت ھېچقانداق نەرسە يوق ئىدى. ئۇ بىردىن بالىلىق دەۋرىنى ئۆتكۈزگەن بۇرسادىكى ئۆيىنى ئېسىگە ئالدى: دالان ئۆيدە راھەت ۋە ئاپئاق پراستىنلار يېپىلغان ئۇزۇن سافا قويۇلغان، ھۇجرىلارغا پاكىز ۋە لىق تولدۇرۇپ گىلەملەر سېلىنغانىدى. گۈمبەز شەكىلىدىكى نەقىشلىك تورۇسقا ئېسىلغان ھەل بېرىلگەن قەپەستە بىر تورغاي توختىماي سايراپ تۇراتتى. پەلەمپەينىڭ بېشىدىكى ياڭاق ياغىچىدىن ياسالغان قەدىمكى تۈركچە كاككۇك سائەت ئارىلاپ سايراپ قوياتتى. دادىسىنىڭ ھۇجرىسى كۆز ئالدىغا كەلدى. بۇ ئۆينى «قوبۇلخانا» مۇ دېيىشەتتى. پاكار كارىۋاتلار ۋە چوڭ گىلەملەر بىلەن بېزەلگەن بۇ كەڭ ھۇجرا ئالۇچا رەڭلىك پەردىلىرى بىلەن سەل غۇۋا ئىدى؛ تاملاردا غىلاپلىرى ئالتۇندىن نەقىشلەنگەن قىلىچلار، خەنجەرلەر، تاپانچىلار ئېسىقلىق تۇراتتى. بىر كۈنى ئاتىسى بۇ قىلىچلاردىن بىرنى غىلاپتىن چىقىرىپ ئۇنىڭغا بىر مۇنچە قارا داغلارنى كۆرسىتىپ: «بىلەمسەن، بۇلار نېمە؟» دەپ سورىغانىدى. ئۇ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەي: «كىرلىشىپ كىتىپتۇ، تازىلىتايلى...» دەپ جاۋاب بەرگەن. ئاتىسى كۈلۈمسىرىگەن ھالدا يوغان قولى بىلەن ئۇنىڭ يەلكىسىنى سىلاپ تۇرۇپ: «ياق ئوغلۇم، بۇلار كىر ئەمەس... بۇلار دۈشمەننىڭ قېنى... بۇ قىلىچ بىزگە بوۋىلىرىمىزدىن قالدى. داداممۇ، مەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن جەڭگە كىرگەنىدۇق. بۇ قىلىچ يەتتە جەڭگە كىرگەن. ئۇنىڭدىكى دۈشمەن قېنى ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ قىممىتىدۇر، تازىلىۋېتىشكە بولمايدۇ» ... دېگەنىدى.
    كەنان يالغۇز قالغان بىر كۈنى خىزمەتچىگە باشقا خەنجەرلەرنى ۋە چوڭ كىچىك قىلىچلارنى ئالدۇرۇپ، غىلاپلىرىدىن چىقىرىپ كۆرگەن، ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە قان ئىزلىرى بار ئىدى، بۇ قانلار دۈشمەن قېنى ئىدى...
    بۇ ھۇجرىنىڭ بېشىدىكى كارىۋاتنىڭ ئۈستىدە يەنە يىپەك رەختتىن تىكىلگەن، چۆرىسى چۈچىلىق بىر لەۋھە ئېسىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدىكى قىزىل يىپەكتە گۈل چېكىپ يېزىلغان خەتلەرنى ئۇ دائىم ئوقۇپ ھەتتا يادلىۋالغانىدى. ئۇ گويا ئالتۇن بىلەن پۇلاتتىن قۇيۇلغان پاك ۋە كۈچلۈك بىر قەسىدە بولۇپ، كىشىنى باتۇرلۇققا ئۈندەيدىغان ھېكمەتلەر بىلەن تولغانىدى. مەرد بىر تۈرك قەلبىدىن چېچىلىپ، ئىپپەت نۇمۇس، قەيسەرلىك، قانائەتچانلقنى تەۋسىيە قىلاتتى. ئۇنىڭ بەزى مىسرالىرى ئېسىگە كەلدى:
    ئۆتمە نامەرد كۆۋرۈكىدىن، ئېلىپ كەتسىمۇ سۇ سېنى!
    قورقما دۈشمەندىن، كى ئاتەش بولسا كۆيدۈرمەس سېنى!
    توغرا-دۇرۇس بول جانابى ئاللا خىجىل قىلماس سېنى!

       ئاخىرقى مىسرا قايتارمىدەك تەكرارلىناتتى. بۇ لەۋھە گويا تۈركلەرنىڭ قەلبى ۋە ئەخلاقلىرىنىڭ تەرجىمىسى ئىدى... ئۆينىڭ ھەرەم تەرىپىمۇ خىيالىدىن ئۆتۈشكە باشلىدى، بېشىغا يېشىل رومال سېلىپ يۈرىدىغان ئانىسى بىلەن يەردىن بېشىنى كۆتۈرمەيدىغان، ھال رەڭ ياغلىقىنى بوينىغا چۈشۈرۈۋالىدىغان ھەممىدىن ئامراق ھەمشىرىسى كۆز ئالدىغا كەلدى. ھازىر ئۇ بۇ ئەزىز ، ئۆز نەسلى، ۋەسلىدىن نەقەدەر يىراقتا ھە...
       ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا ئۆلۈپ كەتكەن. تاغىسىنىڭ يېنىغا كەتكەن ھەمشىرىسى ئۇ يەردە يەرلىك بىر بەگكە بېرىلگەن. ئۆزى ئون يىلدىن بېرى يا بۇرساغا كەلمىگەن، يا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى كۆرمىگەن ھەتتا مال-مۈلىكىنىمۇ ئىستانبۇلدىن ئەۋەتىلگەن بىر ۋەكىل ۋاستىسى بىلەن ساتقۇزغانىدى...
       كەنان خىيالدىن ئويغىنىپ ئەتراپقا قارىدى. تاملاردا قەدىمىي ئەپسانىلەرگە ئائىت رەسىملەر، قەدىمىي رىم ۋە يۇنان مەنزىرىلىرى ئېسىلغانىدى. كىيىم ئاسقۇچتا پرىمونىڭ مەكتەپكە بارغاندا كىيىدىغان چىغ قالپىغى، ئوتتۇرىدىكى يۇمىلاق ئۈستەلنىڭ ئۈستىدە ھەرخىل گېزىت-ژۇرناللار تۇراتتى. كەناننىڭ بۇ يەردىن قاچقۇسى كەلدى، بىراق قايسىلا ئۆيگە كىرسۇن، ۋىتالىس ئەپەندى بىلەن ۋىتالىس خېنىمنىڭ چوڭايتىلغان سۈرەتلىرى بىلەن كۆرۈشەتتى. ئۇ مېھمانخانىغا كىردى ۋە دېرىزىلەرنىڭ بىرىنى ئېچىپ قاپقاقنى ئىتتەردى. ئۆينىڭ ئىچى يورۇپ كەتتى. تاملارغا خۇش ياقمىغاندەك كۆز يۈگۈرتۈپ چىقتى. گارىبالدى، ۋىكتور ئېممانوئېلنىڭ رەسىملىرى مەغرۇر ۋە غالىپ ئىككى ھاكىمدەك ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى. باشقا تاملاردا ۋاتىكان، ناپولېئونلارنىڭ ماي بوياق رەسىملىرى ئېسىلغانىدى. مانا بۇ ئۇنىڭ ھۇجرىسى ئىدى... ئويلا-ئويلا، ئىككى كۈندىن بېرى چۈشىنىۋاتقان ئۆزىنىڭ پەسكەش، بەتبەخت، چاكىنا، غايىسىزلىكىنى تېخىمۇ بىلىپ يەتتى، ئۆزى ئايرىلىپ قالغان جەمەت،  ئۇنتۇپ قالغان مىللەت، قەدرىنى بىلمىگەن نەسلى ئۈچۈن ئاچچىق ماتەم ھېس قىلدى. «ئاھ، نەقەدەر بىچارە مەن!» دېدى ئۆز-ئۆزىگە.
       بۇ ۋىجدان ئازابلىرى ئىچىدە ئۆتكەن يېرىم سائەت ئۇنىڭغا بىر كۈندەك تۇيۇلدى. ئىشىكنىڭ قوڭغۇرىقى چېلىنغاندا پۈتۈن ۋۇجۇدىنى تىترەك باستى، گرازىيە قايتىپ كەلگەندى. قوللىرىنىڭ ئۇچى مۇزلاپ، پۈتۈن ئەزايى قىزىپ، بېشى گاڭگىراپ قالدى، چىدىغۇسىز بىر ئازاب ئۇنى قىينايتتى. «ئاپلا... پىكىرلىرىم توغرۇلۇق ئۇنىڭغا مەكتۇپ يازغان بولسامچۇ!» دەپ ئويلىدى. بىراق ئۇ ئەمدى ئۇنىڭغا كېچىككەنىدى. گرازىيە تاشقىرىدا شىلەپىسىنى قولىغا ئالغاچ، خىزمەتچى قىزدىن ئۇنى سوراۋاتاتتى. ئەمدى، ئىشىكنى ئېچىپ ئۆيگە كىرەتتى... ئۇ قانداق قىلسۇن؟ نېمە دېسۇن؟ قانداق سۆزلەشسۇن؟ ئەتىگەن كەلگەن قارارىنى ئۇنىڭغا قانداق ئۇقتۇرسۇن؟ بۇ ئارىسالدىلىق ئۇزۇن داۋاملاشمىدى. گىرازىيە كىرىپ كەلدى. سۇلغۇن تەبەسسۇم بىلەن:
       -ھە، قەدىرلىكىم، بۇ يەردە نېمە قىلىپ ئولتۇرىسز؟- دېدى.
       ئۇنىڭ چىرايى سارغىيىپ، ئىنچىكە بۇرۇن چاناقلىرى كېرىلىپ كەتتى. ئۇچىسىدا خورما رەڭ پەلتۇ بار ئىدى. سول قولىنىڭ پەلىيىنى چىقىرىشقا ھەپىلەشتى. كەنان ئاڭسىزلا جاۋاب قايتۇردى.
       - ھېچ نەرسە...
       - تۈنۈگۈن ئاخشام نېمىشقا كەلمىدىڭىز؟
       - ئىشىم بار ئىدى.
       - قەيەردە ياتتىڭىز؟
       -مېھمانخانىدا!
       - ۋاي ئاجايىپ ئەنسىرىدىم.
       ئۇ كەناننىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ ئەندىشە ئازابلىرىنى بىر-بىرلەپ سۆزلەشكە باشلىدى. بىر قولىنى مۇھەببەت ۋە لەززەت دەقىقىلىرىدەك كەناننىڭ بوينىغا ئارتىۋالغانىدى. سۆزلىرى ئارىسىدا بۇ قولى بىلەن ئۇنىڭ بېشىنى ئۆزىگە تارتاتتى. گويا كىچىك بالىنى ئۇخلاتماقچى بولغاندەك ئۇنى پەپىلەيتتى. كەنان ئۆزىنىڭ ئىنتايىن چوڭقۇر بىر يارنىڭ تېگىدە ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ يەردىن قۇتۇلۇشنىڭ ئىنتايىن تەسلىكىنى سەزمەكتە ئىدى. ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغاندەك قىلغان بۇ قارا كۆز خوتۇن ھەقىقەتەن، ئەسلى-نەسلى بىلەن ئۆزىگە ئىنتايىن يات ۋە يىراق ئىدى ھەتتا بىر دۈشمەن ئىدى... ئۇ ئېلان قىلىنغان ئۇرۇشتىن سۆز ئاچتى. كەنان قۇلاق سالسىمۇ سۈكۈتنى بۇزمىدى، گرازىيە بۈگۈن ئەتىگەن تەرجىمان بىلەن سۆزلىشىپ ھېچكىم بىلمەيدىغان، گېزىتلەرگە يېزىلمىغان يېڭى خەۋەرلەرنى ئاڭلىغانىدى. ئەجنەبىي سىياسىي خادىملار ھەممىدىن خەۋەردار ئىدى، پەقەت تۈركلەرنىڭلا ھېچنېمىدىن خەۋىرى يوق ئىدى. تەرجىمان ئۇنىڭغا سىرلىق قىلىپ ئېيتقانىدى: بۇ يىل ئىچىدە شەرق مەسىلىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىلىرى بىر تەرەپ بولىدىكەن، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، فرانسىيە، ھاسىلكالام پۈتۈن ياۋرۇپالىقلار ئۆز ئارا تامامەن كېلىشىپتۇ. فاس فرانسىيىنىڭ بولىدىكەن، گېرمانىيىگە ئافرىقىدىن باشقا بىر مۇستەملىكە بېرىلگەندىن سىرت ئاناتولىيىدە ئەركىن يۈرۈش ھوقۇقى بېرىلىدىكەن. ئەنگلىيە ئىتالىيىگە ترابلوسنى دەرھال بېسىۋىلىشنى تەۋسىيە قىلىپتۇ. ترابلوس ئىتالىيىنىڭ بولغاندا، ئەجەمىستانمۇ روسىيە ۋە ئەنگلىيە تەرىپىدىن بۆلۈشۈۋىلىنىدىكەن. بىر قانچە ئايدىن كېيىن كىچىك ئاسىيانىڭ ھەممە يېرىدە بومبىلار پارتىلاشقا باشلايدىكەن. گرېتسىيە يۇنانىستانغا تەقدىم قىلىنىدىكەن. ئالبانىيە، ماكىدونىيە، سۇرىيە، ئەرەبىستانلارغا مۇختارىيەت بېرىلىدىكەن، سۇلتانلىق ياۋرۇپالىقلارنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىپ، تۈركىيىدىمۇ «خەلىقئارالىق ئىدارە قىلىش ئاپپاراتى» تەسىس قىلىنىدىكەن... ياۋرۇپانىڭ پروگىراممىسى مانا شۇ ئىكەن.
       گىرازىيە بۇلارنى تەپسىلىي ۋە ئالدىراپ ئېيتىپ بولۇپ، تەرجىماننىڭ ئەندىشىسىنى تەكرارلىدى. ھازىر ھۆكۈمەت ياش تۈركلەرنىڭ قولىدا بولۇپ، ياشلار ئاھالىنى قوزغىتىش، قەتئىي ۋە ئورتاق بىر روھ يارىتىش ماھارىتىگە ئىگە، شەرق مەسىلىسىنىڭ بىر تەرەپ بولۇشىغا تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان ئەسنادا ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ قوللىرىدا بولسا، چوڭ پالاكەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىمۇ ھەقىقەت. چۈنكى، ئۇلار ياشانغان تۈركلەر بىلەن بىرلىشىپ، كىچىك ئاسىيا ۋە ئاناتولىيىدە ئۇرۇش قوزغايدۇ، ئۇ چاغدا بىرمۇنچە چوڭ قىرغىنچىلىقلارنى كۈتۈشكە توغرا كېلىدۇ، شۇڭا بىر-ئىككى ھەپتە ئىچىدە ترابلوسنىڭ ئېلىنىش داغدۇغىسى بىلەن گۇماشتىلار ھۆكۈمەتنى غۇلىتاتتى. پۈتۈن كونسۇللار يېڭى كابىنېتنىڭ ياۋرۇپا كۆز قارىشىدىكى، ياۋرۇپادا ئوقۇغان، مەركەزگە باقمايدىغان، يەنى مۇختارىيەت تەرەپتارلىرى، ھەقىقىي ھۆرىيەتنى يەنى ياۋرۇپا ھىمايىسىنى تەلەپ قىلىدىغان، مىللىي مۇتەئەسسىپلىكتىن پاك، ئۆز ئارا كېلىشەلمەيدىغان ئىقتىدارلىق گۇماشتىلاردىن تەشكىل تاپىدىغانلىقىدىن خاتىرجەم ئىدى. بۇ كابىنېت قان تۆكمەستىنلا ترابلوستا ئىتالىيىنىڭ ھوقۇقىنى ۋە ھاكىميىتىنى ئېتىراپ قىلاتتى. گرېتسىيە ئۈچۈن بىھۇدە قاتتىق قوللۇق قىلىپ چوڭ دۆلەتلەرنى ۋە يۇنانىستاننى رەنجىتمەيتتى، ئالبانىيە، ماكىدونىيە ۋە سۇرىيىگە مۇختارىيەت بېرىپ، مالىيىسىنى ياۋرۇپالىقلارغا تاپشۇرغۇزۇش بىلەن «پۈتۈن بايلىق» نى ئاخىرقى قېتىم يەنە بىر نۆۋەت تەستىقلىۋالاتتى، ھاسىلكالام، شەرق مەسىلىسىنى خۇشاللىنارلىق بىر سىياسەت بىلەن قان تۆكمەستىن پۈتتۈرەتتى...  پۈتۈن پورتلار ئېچىلاتتى. مېسوپوتامىيە  تىجارەتكە قويۇلۇپ، ياۋرۇپانىڭ زور مىقداردىكى مەبلەغلىرى ئۇ يەرگە ئاقاتتى، تەرەپ-تەرەپكە تۆمۈر يوللار ياسىلىپ، بۇ يەرلەر مىسىرغا ئوخشاش تىجارەت ۋە بايلىق مەملىكىتى بولاتتى. تۈركىيىمۇ پۈتۈن بايلىقىنى دەھشەتلىك ئارمىيىسى بىلەن دېڭىز فىلوتلىرىغا سەرپ قىلىشتىن ۋاز كېچىپ، ھەقىقىي تەرەققىيات يولىنى تۇتاتتى. ئۇ چاغدا، نە مۇتەئەسسىپلىك، نە نادانلىق قالمايتتى، ياۋرۇپا مەدەنىيىتى غەلىبە قۇچۇپ مىليونلارچە كۈچلۈك ۋە جەڭگىۋار يېرىم ۋەھشىيلەر ئىتائەتچان ۋە ياۋاش ئىشچىلار ھالىتىگە كېلەتتى. لېكىن، بۇلاردىن تەرجىمان قورقاتتى... ئۇ شۇنىڭدىن قورقاتتىكى، ھۆكۈمەت يەنە ياش تۈركلەرنىڭ قولىدا قالمىسۇن! بۇلار، مەغرۇر، بىلىمسىز، شۇۋىنىزىمچى ئىدى. ياۋرۇپالىقلارنى زادى ياخشى كۆرمەيتتى. ئىسيان كۆتۈرۈشتىن، قان تۆكۈشتىن بىھۇدە مۇداپىئە ۋە تەرسالىقتىن يانمايتتى، ۋەھشىيلەرچە قارام ئىدى ھەتتا ئون ئىككى سائەت ئىچىدە ئىتالىيىلىكلەرنى تۈركىيىدىن قوغلاپ چىقارماقچى بولغان، ئىش تاشلاش ئېلان قىلىپ، ئىتالىيە تىجارىتىنى زىيانغا ئۇچرىتىش قاراملىقىنى كۆرسەتكەنىدى...
       گىرازىيە شوخ ۋە خۇشخۇي ئاياللارغا ئوخشاش تەپسىلىي، راۋان سۆزلەپ چۈشەندۈرەتتى. كەنان سۆزىنى بۆلمەي قۇلاق سالاتتى ۋە لام-جىم دېمەي جىم ئولتۇراتتى. تەرجىمان ھەر ھالدا ئىككى-ئۈچ ئايغىچە سەلانىكتىن نېرى كېتىش ئەڭ مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنىمۇ ئېيتقانىدى. ئىستانبۇل ئىنتايىن تىنچ ئىدى. ئۇ يەرگە، ئىتالىيىگە ياكى باشقا بىر ئەجنەبىي مەملىكەتكە كېتىش كېرەك ئىدى... گىرازىيە پاسپورتلىرىنىمۇ تەييارلاپ قويغانىدى.
       -قاچان ماڭىمىز كەنان؟ ئەتە قانداق؟ ...- دەپ سورىدى ئۇ.
       -مىسىرغا، ئىستانبۇلغا ياكى ئىتالىيىگە...  كەنان جاۋاب قايتۇرمىدى، ھېلىقى قاتتىق داۋالغۇش، چوڭقۇر قايغۇ، ئېغىر ئازابلار ئۇنىڭ مىجەزىنى ئۆزگەرتىپ، سۈكۈتلۈك، سالماقلىق قىلىپ قويغان ئىدى. ئۇ بۈگۈنگە قەدەر نەسىلنىڭ دۈشمىنى بولغان بۇ ئەجنەبىي خوتۇن بىلەن ۋەتىنىنىڭ بېسىۋېلىنىشى ۋە تالان-تاراج قىلىنىشىنى خوپ كۆرگەن بىر غەربلىك بىلەن بۈگۈنگىچە ياشاپ كەلگىنىگە ئۆكۈندى.
       -ماڭا بىر قىسما قارايسىزغۇ... ھە، راست، ئۇنتۇپتىمەن، تۈنۈگۈن دادامدىنمۇ تېلېگرامما كەلدى. سەلانىكتىن چوقۇم چىقىپ كېتىشىمىز كېرەكلىكىنى يېزىپتۇ،- دەپ قوشۇمچە قىلدى گىرازىيە.
       كەنان بېشىنى بۇراپ، دېرىزىدىن سىرتقا قاراپ:
       - مەن بۇ يەردىن باشقا يەرگە كەتمەيمەن،- دېدى.
       گىرازىيە ئىشەنمىدى.
       -نېمىشقا؟ سەلانىكتە قالماقچىمۇسىز؟
       - شۇنداق...
       - مەنچۇ؟
       - سەنمۇ...
       شۇ ئەسنادا پرىمو ئاستا مېڭىپ كىرىپ كەلدى. ئۇ ئويچان ۋە سۇلغۇن ئىدى. قاپاقلىرى تۈرۈلۈپ كۆزلىرى يىراقلارغا قاراۋاتقاندەك قىلغانىدى. ئاپىسى ئۇنىڭ يېنىدا مۇنازىرىلىشىشنى لايىق كۆرمەي، ئاچچىقلانغاندەك قىياپەتتە:
       -پرىمو ھويلىغا چىق،- دېدى، - بىز مەخپىي بىر ئىش توغرىسىدا سۆزلىشىۋاتىمىز...
       بالا نارازىلىق قىلمىدى، چىرايى تاتىرىپ كەتكەن دادىسى بىلەن لەۋلىرى تىترىگەن ھالدا پەلىيىنى چىقىرىۋاتقان ئاپىسىغا گەپ ياندۇرمايلا چىقىپ كەتتى. دېمىسىمۇ شۇنداق بولۇشى كېرەك ئىدى. پرىمو راستىنلا ھېچنېمىنى بىلمەسمۇ؟... ئۇ تۈنۈگۈن مەكتەپكە بارمىغانىدى. ئەتىگەندە «بىرلىك» باغچىسىدا ئۇچراشماقچى بولغان گرېك بالىلىرى بىلەن پىرىستاندا بېلىق تۇتۇشقا كېتىۋاتقاندا، ساۋاقدىشى ئورخاننى يازلىق تىياتىرخانىنىڭ ئالدىدا كۆردى. ئۇ گېزىت ئوقۇۋاتاتتى، يېنىدىن ئۇلاردىن سەل چوڭراق بىر تۈرك بالىمۇ بار ئىدى. ئۇلار پرىمونى چاقىرىۋالدى، ئورخان بىر تۈرك گېنېرالنىڭ ئوغلى بولۇپ، مەكتەپتە پۈتۈن ساۋاقداشلىرى ئۇنىڭ ئاغزىغا قارايتتى. ئۇ پوپلاردىن زادى قورقمايتتى. ئۇ پرىمونى زادى نېمىشقا چاقىرغاندۇ؟ پرىمو يېنىغا باردى. ئورخون ئۇنىڭ قولىدىن تۇتۇپ سورىدى:
       - سېنىڭ داداڭ تۈركقۇ دەيمەن؟
       پرىمو قىزىرىپ كەتتى:
       - نېمىگە سورايسەن؟
       - سوراپ باقتىم. نېمىشقا يۇشۇرىسەن؟ سېنىڭ داداڭ تۈرك ئىنژېنېرى ئەمەسمۇ؟
       - شۇنداق...
       - ئۇنداقتا سەنمۇ تۈرك بولىسەن-دە! ... پرىمو تۈركچە بىلمەيتتى، ئورخان فرانسوزچە سۆزلىدى. ئۇنىڭغا قولىدىكى ياش تۈركلەرنىڭ باياناتىنى تەرجىمە قىلىپ بەردى. ھازىر تۈركلەر بىلەن ئىتالىيىلىكلەرنىڭ ئۇرۇش باشلىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. ئۇ سۆزلىگەنسېرى غەيرەتكە كېلىپ چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى: تۈركلەر دۇنيادا ئەڭ جەسۇر، ئەڭ ئېسىل، ئەڭ كۈچلۈك بىر مىللەت ئىدى. ئەسىرلەر بويى تۈركلەر مەدەنىيەت يوللىرىنى ئاچقان، ھەممە يەردە قەھرىمانلىق، ساپ قان، ساپ ئەخلاق، يېڭىلىق، پاكلىق ئېلىپ بارغان. بىر قانچە ئەسىرنىڭ ئالدىدا ياۋرۇپانى سورىغان. ئۇنىڭغا پۈتۈن ياۋرۇپالىقلار بىرلىشىپ ھۇجۇم قوزغاپ، ئۇنى يەر يۈزىدىن يوقىتىۋېتىشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئۇنىڭغا نېسىپ بولمىغانىدى. ئەمدىلىكتە ئۇلارنى ئافرىقىدىكى مۇستەملىكلىرىدىن چىقىرىۋەتمەكچى بولۇشتى، بىراق چىقىرالمايدۇ. تۈركلەرنىڭ نەقەدەر كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى، نەقەدەر يېڭىلمەس بىر كۈچ ئىكەنلىكىنى تەكرار چۈشىنىدۇ ۋە چۈشىنىشكە باشلايدۇ. پۈتۈن ياۋرۇپانىڭ تەشۋىقاتى بىلەن ئىتالىيە ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇنىڭ بىرونىكلىرى كۆپ...- سۆزلەپ شۇ يەرگە كەلگەندە: «ئاھ، بىزنىڭمۇ بولسىچۇ...» دەپ قوشۇپ قويدى ۋە ئۆزلىرىنىڭ قۇرۇقلۇقتا بىر ئىش قىلالمىسىمۇ، دېڭىز ئىچى ئىتالىيىلىكلەر ئۈچۈن مازار بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى، تۈركلەرنىڭ بۇرۇنقى دېڭىز ئۇرۇشلىرىنى، ئەينى ۋاقىتتا ئاق دېڭىز بىر تۈرك كۆلى بولغانلىقىنى گېنېرال ئاتىسى بىلەن مۇلازىم ئاتىسىدىن ئاڭلىغانلىرى بويىچە بالىلارچە چوڭايتىپ، مۇبالىغلەشتۈرۈپ ئۇزۇندىن ئۇزۇن ھېكايە قىلىپ بەردى، پرىمو ھوزورلىنىپ ئاڭلىدى، ئۆز دادىسىنىڭمۇ تۈرك بولغانلىقى ئۈچۈن چوڭقۇر ئىپتىخارلىق ھېس قىلدى... پىرىستاندىكى گرېك بالىلىرى ئۇنىڭ بىر تۈرك بالىسى بىلەن ئۇزۇن پاراڭلىشىوپ تۇرغانلىقىدىن قىزغىنىپ چاقىرىشتى، ئۇ ئېتىبار بەرمىگەنىدى، يەنە چاقىرىشتى، قايتا-قايتا چاقىرغاندا، ئورخان:
       - ۋاي بۇ چىۋىنلارنى... -دېدى،- بۇ نېمىلەر كىشىلەرنى زېرىكتۈرۈشتىن باشقىنى بىلمەيدۇ، بۇلار بىزنى ئارام قويمايدۇ. يۈر سىرتقا چىقايلى.
       پرىمو رەت قىلمىدى. ئۇ ئورخاننىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاشقا شۇنداق خۇشتار بولدىكى... ھازىر تۈرك بولمىغان دوستلىرى ئىچىدە ئۇنىڭدەك كېلىشكەن ۋە سۆيۈملۈك، بولۇپمۇ كۈچلۈكى يوق ئىدى. قىزىل پاپىخىنىڭ تېگىدىكى قارا چاچلىرى، بۇغداي ئۆڭلۈك چېھرىسى، قىزىل مەڭزىلىرى، مەسىلىلەرگە يۇقىرىدىن قارايدىغان چولپان كۆزلىرى، ھامان بىر نەرسىگە ئىنتىلىدىغاندەك تىك ۋە چەبدەس تۇرغان جەسۇر قىياپىتى ئۇنىڭغا ئۆزىگە خاس باتۇرلۇق روھى بېغىشلىغانىدى.
       ئۇلار باغچىدىن چىققاندا «بىرلىك ۋە تەرەققىيات كۇلۇبى» ئالدىدا دەھشەت بىر ئادەم دېڭىزىنى كۆردى. پرىمو بۇ ئادەم دېڭىزىنى تۆت-بەش مىڭ كىشى دەپ مۆلچەرلىدى.
       - بىر ئىش چىققاندەك تۇرىدۇ، يۈر بېرىپ باقايلى!- دېدى ئورخان. پرىمو  ئىككىلىنىپ تۇراتتى، ئورخان ئۇنىڭغا غەيرەت بەردى.
       -قورقما. سەن تۈرك! تۈركلەر ھېچقاچان، ھېچ يەردە، ھېچ نەرسىدىن قورقمايدۇ...
       - بىراق، بېشىمدا شىلەپە بار!
       - كېرەك يوق!
       - چۆرىسىدە ئىتالىيىچە رەڭدار لېنتا بار. قارىغىنا...
       ئورخان بۇنىڭغىمۇ چارە تاپتى. پرىمونىڭ شىلەپىسىنى باغچا ئالدىدىكى تاماكىقچىغا يېرىم سائەتلىك ئامانەت قويدى. ئۇلار كولۇپقا قاراپ كېتىۋاتقاندا بۇ ئادەم دېڭىزى دولقۇنلاشقا باشلىدى. دولقۇننىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇن بىر خادىدا پۇلاڭلىغان ئاي يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق كۆرۈندى. ئۇلار باغچا تەرەپكە قاراپ كېلىشمەكتە ئىدى. پرىمو بۇ ھەيۋەتلىك دولقۇننى ئۈن-تىن چىقارماي كۆزەتتى ۋە ئالدىدىن ئۆتكەندە ئۇلارغا قوشۇلۇۋالدى. پرىمو نامايىشچىلار ئارىسىدا قوللىرىغا يىرتىلغان بايراق پارچىلىرىنى تۇتۇشىۋالغان بىر توپ بالىلارنىمۇ ئۇچراتتى. لېكىن، ئۆزىدىن باشقا ئاۋازسىز ۋە يالاڭۋاشلار يوق ئىدى. ئۇلار «بىرلىك» يولىغا كەلگەندە پرىمو بۇ يەرنى دەرھال تونۇدى، چۈنكى ئۇ بۇ يەرگە ئاپىسى بىلەن بىر قانچە قېتىم كەلگەنىدى. بۇ يەر ئىتالىيە كونسۇلخانىسى ئىدى. دەرۋازا ئالدىغا بىر ئادەم چىقىپ ئىتالىيە گېرىبىنى چۈشەندۈردى، تۆۋەندە كۈتۈپ تۇرغانلار دەۋرەپ بېرىپ دەسسەپ-يانجىدى، يوغان بايراق خادىسىنى پالتا بىلەن چېپىپ يىقىتىشتى، دەرۋازىنىڭ يېنىدىكى رېشاتكىغا قارا كىيىم، كىيگەن سېرىق بۇرۇتلۇق، پاپاخلىق بىر ئادەم چىقىپ، مۇشتۇملىرىنى تۈگۈپ بىر نېمىلەرنى دېمەكتە ئىدى، پۈتۈن ئادەم توپى ئالقىش ساداسى ياڭراتتى. ئۇ ئاۋازىنىڭ بارىچە ۋارقىراپ شوئار توۋلىغاندا ئاڭلىغۇچىلار چۇقان سېلىپ ماسلىشاتتى. پرىمو قىزىقىپ سورىدى:
       - نېمە دەۋاتىدۇ؟
       ئورخان فرانسوزچە تەرجىمە قىلىپ بەردى:
       - نۇمۇسسىز پەسكەش، قاراقچى ئىتالىيىلىكلەر بىز بىلەن دوست تۇرۇقلۇق بىزگە ئۇقتۇرماي ۋەتىنىمىزگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلدى. قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقى بولمىغان  ئادەملەرنى، قېرى-چۆرىلەرنى، خوتۇن-قىزلارنى، بالىلارنى توپقا تۇتۇپ ئۆلتۈرۈشتى، ۋەتەنداشلار! ئۇلار برونېۋىكلىرىغا ئىشىنىدۇ، ئۇلارنىڭ برونېۋىكلىرى بولسا، بىزنىڭمۇ ۋەتەندە مۇقەددەس ھەقىقىتىمىز بار، بۇ ئۇلارنىڭ برونېۋىكلىرىدىنمۇ كۈچلۈك... دەۋاتىدۇ.
       ئاخىرىدا بىر تېلېگرامما ئوقۇلدى. ئورخان ئۇنىمۇ تەرجىمە قىلىپ بەردى: ترابلوستا ئىتالىيىنىڭ ئىككى ئۇرۇش كېمىسى قىرغاققا ئۇرۇلۇپ چۆكۈپ كېتىپتۇ.
       ئۇنىڭدىن كېيىن نامايىشىچىلار يۇقىرىغا قاراپ كېتىشتى. كەينىدىن ئۇششاق بالىلار پاپاقلانغان ئىتالىيە گېرىبىنى بىر يىپقا باغلاپ ئۈستىگە تۈكۈرۈپ سۆرەپ ئوينىغىلى تۇردى.
       ... پرىمو دەرۋازىنىڭ تۈۋىدە قوللىرىنى كالتە شىمىنىڭ يانچۇقىغا سېلىپ، يوغان كۆزلىرىنى يەرگە تىككەن ھالدا تۈنۈگنكى ئىشلارنى بىر-بىرلەپ خىيالدىن ئۆتكۈزگەچ بىردىن قورسىقى كۆپتى. ئەتىگەن ئاپىسى تەرجىمان بىلەن سۆزلەشكەندە ئۇنى سىرتقا چىقىرىۋەتكەنىدى. ئەمدى، دادىسى بىلەن سۆزلەشكەندىمۇ ھويلىغا قوغلاندى، نېمە ئۈچۈن قوغلايدۇ؟ ئۆزىمىۇ كىشىنى زېرىكتۈراۈشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان سېلىقى پاسكىنا چىۋىنلاردىنمۇيا؟ ياق، ئۇ پاسكىنا چىۋىن ئەمەس، ئورخان ئېيتقاندەك، ياۋرۇپانىي ۋە ئاسىيانى بويسۇندۇرغان مەرد ۋە جەسۇر تۈركلەردىن بىرى... ھاكىملار، پادىشاھلار، بەگلەر، خاقانلار، ئەمىرلەر نەسلىگە مەنسۈپ بولغان تۈرك! ئۇ ئەسلا قوغلانماس تۈرك! ئاپىسى ئۇنى قوغلاشقا قانداق جۈرئەت قىلدى؟ ياكى ئۇنىڭ تۈرك ئىكەنلىكىنى بىلمەمدۇ؟ ئۇنىڭ يۈز-كۆزى قىزىرىپ، قوللىرى تىترەپ كەتتى. ئۆيگە كىرىپ ئاپىسىدىن نېمىشقا قوغلىغانلىقىنى سورىماقچى بولۇپ ئىشىك تەرەپكە بۇرۇلدىيۇ، يەنە توختاپ قالدى. ئىچكىرىدە قاتتىق مۇنازىرە ئاۋازى ئاڭلىنىۋاتاتتى. دەرۋەقە، ئۆينىڭ ئىچىدە غۇۋغا بولۇۋاتاتتى، نېمە دېيىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىماقچى بولۇپ ئىچىدىن ئېتىلىدىغان قۇلۇپنىڭ تۆشۈكىدىن قاراپ باقماقچى بولدى. بۇ ئەخلاقسىزلىق ئەمەسمۇ؟ بىراقم، مۇن داق جىددىي پەيتتە ئەخلاقسىزلىق نېمە قىلسۇن؟ قۇلىقىنى تۆشۈككە چاپلاپ تىڭشىدى. ئاۋاز خۇددى ئۇ ئۆينىڭ ئىچىدە تۇرغاندەك ئېنىق ئاڭلىناتتتى، ئاپىسى ئاچچىقلانغان ۋاقىتلاردىكى چىرقىراق، تىترەك ئاۋازى بىلەن:
       - مەن بۇ يەردە قالالمايمەن!-دەيتتى، دېمەك، قېرى تۈركلەر ۋەھشىي مۇتەئەسسپلەر بىلەن بىللە قىلىچىلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ كوچىلارغا چىققاندا مېنىمۇ ئۆلتۈرسۇن، پارە-پارە قىلىۋەتسۇن، ئەتە چوڭ دۆلەتلەرنىڭ دېڭىز فىلوتلىرى سەلانىكنى توپقا تۇتقاندا، توپ-زەمبىرەك تېگىدە قالسۇن، دەيدىكەنسىز-دە!
       دادىسىنىڭ ئاۋازى تېخىمۇ قاتتىق چىقاتتى:
       - بۇلارنىڭ ھەممىسى قۇرۇق خىيال، ھەممىسى ۋەھىمە! تۈركلەر ئاياللارغا قول تەگكۈزمەيدۇ، ياۋرۇپانىڭ فىلوتلىرىمۇ بۇ يەرگە كېلەلمەيدۇ.
       - ئەمىسە نېمە بولىمەن؟
       - تۈرك...
       - مەنزە تۈرك بولامدىمەن؟
       - شۇنداق.
       - مۇمكىن ئەمەس. ئۆلسەممۇ تۈرك بولمايمان. ۋەھشىي بولۇشنى خالىمايمەن.
       - تۈركلەر ۋەھشىي ئەمەس، ئەسلى ۋەھشىي، ئوغرى، قاراقچىلار ئىتالىيىلىكلەر.
       - ياق، تۈركلەر!...
       دادىسىنىڭ ئاۋازى گۈلدۈرمامىدەك چىقىشقا باشلىدى:
       - ئاغزىڭنى يۇم دەيمەن!... ساڭا شۇنى ئېيتىپ قوياي، بۇ يەردىن كېتىپ ئىتالىيىلىك بولىدىغان بولساڭ، بىلىپ قويغىنكى، ئارىمىزدىكى مۇناسىۋەت ئۈزۈلىدۇ. مەن بىلەن ياشاشنى، ئائىلىمىزنى بۇزماسلىقنى خالىساڭ، پۈتۈنلەي تۈرك بولىسەن! داداڭنى، يۇرتۇڭنى، ئادەتلىرىڭنى، دوستلۇرۇڭنى ئۇنتۇيسەن! ئىسنىڭنى ئۆزگەرتىسەن! پۈركەنچە ئارتىسەن! تۈركچە ئۆگىنىسەن، ئىتالىيىچە بىر ئېغىزمۇ سۆزلىمەيسەن!... خالىساڭ ماقۇل بول، خالىمىساڭ ئىختىيار ئۆزۈڭدە! ئۇ چاغدا بۈگۈنلا خالىغان يېرىڭگە كېتىدسەن، قايتا بىر-بىرىمىزنى كۆرمەسلىك ئۈچۈن ئايرىلىمىز!
       ئاپىسىنىڭ ئاۋازى بوشاپ كەتتى:
       - ئاھ كەنان، ئون يىللىق ھاياتىمىزنى قانداقچە بىردىنلا ئۇنتۇدىڭىز؟ توي قىلىشتكى شەرتلىرىمىز قانداق ئىدى، سىز پۈتۈنلەي بىر ياۋرۇپالىق ئىدىڭىزغۇ؟ نېمە ئۈچۈن بىردىنلا بۇنداق ئۆزگىرىپ ۋەھشىيلەشتىڭىز؟ ئاھ راپساردى خانىم... نەدە سىز؟ سىز ماڭا دەل مۇشۇ كۈنلەرنى ئېيتقانىدىڭىزغۇ...
       - ئۇ نېمە دېگەن؟
       - سىز بىلەن مۇھەببەتلەشكەن ۋاقتىمىزدا مېنى شۇنچىلىك توسقان ھەتتا «بۇ8لار قوي تېرىسىگە ئورىلىۋالغان بۆرىلەر، ئىشەنگىلى بولمايدۇ، يېۋرۇپادا قانچىلىك ئوقۇسىمۇ، تەربىيە ئالسىمۇ يەنە كۈنلەرنىڭ بىرىدە چىشلىرىنى ھىڭگايتىپ ئادەم يەيدۇ» دېگەنىدى. مەن قۇلاق سالماپتىمەن، ئىسىت. مەن قۇلاق سالماپتىمەن. سىزگە ئىشەنچ قىلىپتىمەن. سىزنىڭ بۇنداق ۋەھشىيلىشىشىڭىزنى، مېنى تۈرك قىلىدىغانلىقىڭىزنى، ھايۋانلاشتۇرىدىغانلىقىڭىزنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن. ئاھ، كەنان، نېمىدېگەن سىلق ۋە مەدەنىي ئىدىڭىز...
       - قىسقىلا جاۋاب بەر: يا ماقۇل، يا ياق دېگىن... مەن سېنى زورلىمايمەن، ئىختىيار ئۆزۈڭدە دېدىمغۇ، لېكىن، ئىتالىيىلىك ۋە غەربلىك بولساڭ ھازىردىن باشلاپ سەن بىلەن ياشىمايدىغانلىقىمنى ئوچۇق ئېيتىپ قوياي...
       ئاپىسى جاۋاب بەرمىدى. گويا يۈز يىلچە ئۇزۇن  مىنۇتلار ئۆتتى. پرىمو بېشىنى بۇراپ قۇلۇپنىڭ تۆشۈكىدىن قايرىدى. ئوتتۇرىدىكى ئۈستەل بىلەن ئۈستىدىكى گۈل قاچىسىنىڭ بىر قىسىمى كۆرۈنەتتى. ئاپىسى سۆز باشلىغاندا يەنە قۇلىقىنى تۆشۈككە چاپلىدى.
       - ئەھۋال شۇنداق ئىكەن... جاۋابىم شۇ. ياق... سىز بىلەن ئۆتكۈزگەن ئون يىلنى، ساداقىتىمنى ئويلاشمىدىڭىز. مەنمۇ قىلچە قىلچە ئويلىشىپ تۇرمايمەن، داددامنىڭ يېنىغا كېتىپ، ئۇ يەردە راھىبە بولسام بىلىمەنكى، لېكىن...
       - ھە، لېكىن...
       پرىمونىڭ يۈرىكى دۈپۈلدەشكە باشلىدى:
       - بالامنىمۇ بىللە ئېلىپ كېتىمەن، بۇ يەردە قالدۇرمايمەن...
       - پرىمو يالغۇز سېنىڭ بالاڭ ئەمەس! سېنىڭ ئۇنىڭدا قانچىلىك ھەققىڭ بولسا مېنىڭمۇ شۇنچىلىكق ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ زىيادە ھەققىم بار. لېكىن، مەن ساڭا يولسىزلىق قىلماقچى ئەمەسمەن. بالىنى چاقىرىپ سورايمىز، قايسسىمىزنى خالىسا شۇنىڭ بولسۇن، يا مەن بىلەن قېلىپ تۈرك بولسۇن، يا سەن بىلەن ئىتالىيىگە كېتىپ پوپ ياكى قاراقچى بولسۇن...
       پوپ ياكى قاراقچى بولۇش ... پرىمو ھەرگىزمۇ ئىتالىيىلىك بولمايتتى. دادىسى تۈرك بولغاندىكىن، ئۇمۇ تۈرك ئىدى... ئاپىسى تۈرك بولۇشقا ماقۇل بولمىسا ئۇ ئىتالىيىلىك بولۇشقا رازى بولسۇنمۇ؟ ئۇ خۇددى گىمناستىكا ئوينىغاندەك كۆكسىنى ئالدىغا چىقىرىپ، قوللىرىنى ئاياغلىرىغا ئاياغلىرىغا تەگكۈزۈپ، بېشىنى كەينىگە سىلكىدى، قاپاقلىرىنى تۈرۈپ، تۇمشۇقلىرىنى سوزدى. بىلەكلىرىنىڭ غايىۋى كۈچكە تولغانلىقىنى، يۈرىكىنىڭۇ قېنىغا سىغمايۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى. مېھمانخانا ئىشىكىنىڭ ئالدىدا سالماق قەدەم تاشلاپ ئۇياقتىن-بۇياققا مېڭىشقا باشلىدى. ئۇ قانداق قىلىشنى، نېمە دېيىشنى بىلەتتى. ئۆزىنىڭ قەھرىمان تۈرك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتەتتى...
       بىردىن ئاپىسىنىڭ ۋارقىرىغىنىنى ئاڭلىدى:
       - پرىمو بۇياققا كىر!
       پرىمو ئىشىككە قاراپ ماڭدى. ئىرادىسىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن مۇشتۇملىقرىنى چىڭ تۈگۈۋالغانىدى. گىمناستىكا ئوينىغاندەك قوللىرىنى ئالدىغا ئۇزىتىپ ئىشىكنى ئاچتى، ئاپىسى ئۈستەلنىڭ ئالدىدا ئۆرە تۇراتتى. دادىسى كرېسلودا مىدىرلىماي ئولتۇراتتى. ئىككىلىسىنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتكەن ئىدى، ئاپىسى ئۇنى قۇچاقلىماقچى بولۇۋىدى، پىمو جىددى رەت قىلىپ قولىنى كۆتۈردى:
       - توختا...
       گىرازىيە بىردىنلا ئۆزگىرىپ قالغان بالىسىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى كۆرۈپ، ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ قېتىپلا قالدى. پرىمو چوڭ ئادەم قىياپىتىدە دادىسىنىڭ يېنىدىكى كرېسلوغا بېرىپ بېشىنى قولى بىلەن تىرەپ ئولتۇردى ۋە غەلىتە بىر تەلەپپۇز بىلەن فرانسوزچە:
       - نېمە بولدى؟ مېنى نېمگە چاقىردىڭلار؟- دېدى.
       بۇ قېتىم ئۇ ئىتالىيىچە سۆزلىمىگەنىدى، گىرازىيەنىڭ قاپىقى تېخىمۇ چۈشۈپ كەتتى. ئۇنى قارا باستىمۇ، نېمە؟ ياكى پ-رىموغا بىرى ئۆگىتىپ قويغانمۇ؟ ئۇ ئېرىگە قارىدى، ئۇمۇ ھەيران ئىدى، پرىمونىڭ غەلىتە تۇرىقى ئۇنىمۇ تاڭ قالدۇرغانىدى.
       بارغانچە چوڭقۇرلىشىپ كېتىۋاتقان سۈكۈتنى يەنە كەنان بۇزۇشقا جۈرئەت قىلدى.
       - بالام،- دېدى ئۇ پرىموغا قاراپ،- خەۋىرىڭ بار، ھازىر ئۇرۇش باشلاندى، ئاپاڭ بىلەن بىز پۈتۈنلەي ئايرىلىپ كېتىمىز. سەن مەن بىلەن بۇ يەردە قېلىپ تۈرك بولۇشنى خالامسەن؟ ياكى ئاپاڭ بىلەن ئىتالىيىگە كېتىپ ئىتالىيىلىك بولامسەن؟
       پرىمو ئولتۇرغان ئورنىدىن دەس تۇردى، گىرازىيە بلەن كەنان نېمە دەيدىكىن دەپ بىر-بىرىگە قارىشىپ قويدى. ئۇ يەنە بايىقىدەك قوللىرىنى پۇتلىرىغا تەگكۈزۈپ، ئېچىنىشلىق ۋە ھاياجانلىق قىياپەتتە ئاپىسى بىلكەن دادىسىغا قاراپ قويۇپ، ئاران-ئاران سۆزلىيەلەيدىغان تۈركچە بىلەن:
       - مەن تۈرك ئوغلى... مەن ئىتالىيىلىك ئەمەس... مەن بۇ يەردە... مەن تۈرك پەرزەنتى...- دەپ ۋارقىرىدى. گىرازىيە ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپلا قالدى، كەنانمۇ قۇلاقلىرىغا ئىشەنمەي قالغانىدى. پرىمو چەبدەسلىك بىلەن تامنىڭ تۈۋىدىكى تالدىن توقۇلغان ئورۇندۇقنى قولىغا ئېلىپ، ئىنچىكە قوللىرىنىڭ غەزەپلىك كۈچى بىلەن تامدىكى ۋىكتور ئېمائۇئېلنىڭ رەسىمىگە ئاتتى.
       رامكا سۇنۇپ، ئەينەكلەر جاراڭلاپ چۈشتى...
       گىرازىيە بومبا پارتىلىغاندەك بېشىنى قاچۇرۇپ تۈگۈلۈۋالدى. كەنان خۇشاللىقىدىن ئۆزىنى يوقاتقان ھالدا ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، كرېسلونىڭ ئۈستىدە ئۆزىگە قاراپ تۇرغان بۇ تۈرك ئوغلىنى قۇچاقلىدى، ئۇنى باغرىغا بېسىپ، پېشانىسىدىن چوكۇلدىتىپ سۆيۈپ كەتتى، ئۇنىڭ چىرايىغا سەپسېلىپ قاراپ، بۇ خۇما كۆزلەرنىڭ ئىچكىرسىدىكى ئالىي ھەقىقەتنى كۆردى. نەسىللەرنىڭ غەپلەتتە بىر-بىرىنى دورىشى بىلەن يوقالغان، شەرقنىڭ مەنىۋى ئەپيۇنى بىلەن زەھەرلەنگەن بۇ ئالىي ھەقىقەتنىڭ، ئۇلۇغ مىللىي روھنىڭ يېڭى نەسلىدە، يېڭى ھاياتتا تەكرار مەيدانغا كەلگەنلىكىنى چۈشەندى. مۇشۇ ئىككى كۈندىن بېرى ئۇمۇ ئۆزىگە ئوخشاش نەقەدەر ئۆزگەرگەن- ھە؟ ئەڭ زور تاجاۋۇزلار، ئەڭ چوڭ پاجىئەلەر ھەمىشە زور ئىنقىلابلارنىڭ سەۋەبچىسى بولمىغانغۇ؟ كەنان بۇلارنى چۈشىنەتتى، ئۇ ئۆزىنى «مەن تۈرك... مەن ئىتالىيىلىك ئەمەس... مەن تۈرك...» دەپ جاكارلىغان بۇ كىچىك ئوغلاننى تەكرار-تەكرار باغرىغا بېسىپ سۆيەتتى، غالىب، ياش، كۈچلۈك ۋە ھوشيار تۈركنىڭ مۇقەررەر غەلىبىسى ئالدىدا نابۇت بولغان گرازىيە، غەربنىڭ زەئىپ، خەستە ۋە بىچارە، قورقاق خوتۇنلىرىنىڭ سىمۋولىدەك ئىڭراپ يىغلايتتى...

    ئۆلۈمى

       پرىمونىڭ ئانىسى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشنى خالىماي ئېرىدىن ئاجرىشىپ ئىتالىيىگە كەتتى. ئۇ ئۆيدە يالغۇز قالغان بولسىمۇ بۇ يالغۇزلۇقتىن بەكمۇ خۇش ئىدى. دېمەكچى، ئەجنەبىي خوتۇننىڭ ۋە ئۇ دۈشمەننىڭ كەينىدە يۈرۈشنىڭ نېمە ھاجىتى؟ ئەمدى ئۇ فرانسوز مەكتىپىدىنمۇ قايتىپ چىقىپ چوڭ يولنىڭ ئاخرىدىكى تۈرك ئوچىقى بولغان بولغان چوڭ مەكتەپكە كىردى ۋە بىر ئاي ئىچىدە تۈركچىنى خېلىلا ئۆگىنىۋالدى. بۇ نېمىدېگەن چىرايلىق بىر تىل... ئاستا-ئاستا گېزىتلەرنىمۇ ئوقۇيالايدىغان بولدى. بىر كۈنى دادىسى ئۇنىڭغا:
       - پرىمو، ساڭا بىر تۈركچە ئىسىم قويايلى! دېگەنىدى، ئۇ دەرھال خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدى:
       شۇنداق قىلايلى، مەسىلەن، ئەنۋەر...- بۇ تۈركچە ئەمەس.
       - ئەمسە نىيازى...
       - ئۇمۇ ئەمەس.
       - قىزىق، چاقچاق قىلىۋاتامسىز دادا... تۈركلەر قويغان بۇ ئىسىملار قانداقچە تۈركچە بولمىسۇن؟- دەپ كۈلدى ئۇ. ئۇ دادىسىنى ئۆزى بىلەن ئوينىشىۋاتىدۇ دەپ قالدى بولغاي، جىددىيلىشىپ، قوشۇمىسىنى تۈرگەن ھالدا قوللىرىنى كۆكسىگە ئالماشتۇرۇپ سوئال نەزىرىدە قارىدى، دادىسى ئۇنىڭ جىددىيلىكىنى بۇزۇۋەتمەكچى بولغاندەك قۇچىقىغا تارتىپ دېدى:
       - چاقچاق قىلغىنىم يوق بالام، بۇ ئىسىملار تۈركچە ئەمەس.
       - ئەمسە قەيەرھە؟
       - ئەرەبچە.
       - تۈركچە ئىسىملار باشقىچە بولامدۇ؟
       - ئەلۋەتتە،
       - قانداق؟
       - مەسىلەن، ئوغۇز، تۇرغان، ئورخان، چىنگىز، تۇرغۇن، ئالىپ ۋەھاكازالار.
       - ھە، ئوغۇز! ئوغۇز قويايلى...- دەپ چاۋاك چېلىپ كەتتى پرىمو ۋچە دادىسىنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ سورىدى،- بۇ بىر ئۇلۇغ ئادەمنىڭ ئىسمىمۇ؟
       - تۈركلەرنىڭ ئەڭ چوڭ بىر ئادىمىنىڭ ئىسمى.
       -بىرەر گېنېرالمۇيا؟
       - ياق، تۈركلەرنىڭ تۇنجى خاقانى... تۇنجى تۈرك خاقانى... ھەممە مىللەتلكە ئوخشاش تۈركلەرنىڭمۇ ئەپسانىلىرى بار. ئوغۇزخان ئاسماندىن چۈشۈپ تۈرك قەبىلىلىرىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغانمىش.
       - ئوغۇز... ئوغۇز... مېنى يەنە بىر چاقىرىپ بېقىڭا...
       - ئوغۇز...
       - مانا مەن...
       ئۇ كىچىك قەددىنى تىك تۇتۇپ، كۆكسىنى ئالدىغا چىقىرىپ، قەھرىمان قىياپىتىدە تۇراتتى. دادىسى ئۇنى قايتا قۇچاقلاپ سۆيۈپ كەتتى:
       - سەن ئارسىلانسەن ئوغلۇم، ئارسىلان دېمەك، تۈرك دېمەك، نامىڭ تارىخقا يېزىلغۇسى.
       پرىمو ئويلىنىپ قالدى: نامى تارىخقا يېزىلىش... بۇ نېمىدېگەن سۆز؟
       بىر ئادەمنىڭ نامى تارىخقا قانداق يېزىلىدۇ؟
    دادىسى ئۇنىڭ قوڭۇر بۈدۈر چاچلىرىنى سىلاپ تۇرۇپ جاۋاب بەردى:
       - غايەت ئۇلۇغ ۋە ئالىي ئىشلارنى قىلىش ۋە تاڭ قالارلىق بىرەر قەھرىمانلىق كۆرسىتىش بىلەن...
       - دۇرۇس، دۇرۇس...- دېدى پرىمو ۋە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن چوڭ ئىشلارنى ئويلاشقا، ئوغۇز نامىغا لايىق ئىشلار ئۈستىدە ئىزدىنىشكە باشلىدى. ئۇ فرانسوزچىنى ئانا تىلىدەك بىلەتتى. دادىسى ئۇنىڭغا «كۆك بايراق» ناملىق سېرىق تاشلىق بىر كىتاب ئەكىلىپ بەردى. شاكىچىك ئوغۇز ئۇنى قولىدىن چۈشۈرمەي ئوقۇدى. ئۇنىڭ چۈشلىرىدىن جەبەنىڭ قوشۇنلىرى بىلەن چىڭگىزنىڭ ئوردىلىرى چىقمايدىغان بولدى.
       ئۇنىڭ ئەتىگەنكى بىرىنچى ئىشى گېزىتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئىدى. ترابلوستا پەسكەش ئىتالىيىلىكلەرگە قاتتىق زەربە بېرىۋاتقانلىق توغرىسىدىكى خەۋەرلەرگە تولىمۇ قىزىقاتتى.
       بىر كۈنى دادىسىدىن سورىدى:
       - بىر تۈركمۇ دادا؟
       - شۈبھىسىز بالام!
       - ئۇنداق بولسا، ئۆيدىكى ئىشچى، ئاشپەز، خىزمەتچى نېمىشقا رىملىق؟
       دادىسى ئويلىنىپ قالدى. ئوغلىنىڭ بۇ مىللەتپەرۋەرلىكىگە ھەۋىسى كەلدى. شۇنداق، سەن تۈرك ئىكەنسەن، ھېچ بولمىغاندا ئۆز تەۋەيىڭنى بولسىمۇ تۈركلەشتۈرەلمەمسەن؟
       - توغرا ئېيتىسەن ئوغۇز،- دېدى كەنان.
       ئەتىسى بىر تۈرك ئىشچى تاپتى، ئاشپەز بىلەن خىزمەتچىنىمۇ ئىزدەشتۈرۈپ، قىينالمايلا ئەمىنە خانىم ئىسىملىك بىر تۇل ئايالنى تاپتى. بۇ ئايال تاماققا ئۇستا ئىدى. ئۇلار غەرنچە تاماقلاردىن قۇتۇلدى. ئوغۇز ئۆمرىدە بۇنداق تاماقلارنى يەپ باقمىغانىدى. بۇ ئايال باشقا يەردىن كەلگەن مۇساپىر ئىدى، ئۇنىڭ بىرلا ئوغلى بولۇپ، شۇ مەھەللىدىكى بىر ئوفىتسېرنىڭ ئۆيىدە خەۋەرچى بولۇپ ئىشلەيتتى. ئەمدى، ئۇلارنىڭ ئۆيىدە تۈركتىن باشقا يات ئادەم يوق بولغاچقا ئوغۇز كەچكىچە تۈركچە سۆزلىشىدىغان بولدى. دادىسى ئەكىلىپ بەرگەن تۈركىئولوگىيىگە دائىر كىتابلاردىن ياخشى چۈشەنمەيدىغانلىرىنى قىينالمايلا سورىيالايدىغان بولدى. ئەمىنە خانىمدىن بىر مەشىق تاپانچىنى سوراپ ئېلىپ دائىم قارغا ئېتىشنى مەشىق قىلدى. ئىتالىيە گېنېرالىنىڭ رەسىمىن ى قارغا ئېلىش نىشانى قىلىپ، ھەر كۈنى بۇ تۈرك دۈشمىنىنىڭ بېشىغا، كۆكسىگە تەگكۈزۈپ ئوينايتتى.
       ئىتالىيە ئۇرۇشى ئۇزۇنغا سوزۇلدى. بىر يىلغا يېقىنلاپ قالغان بولسىمۇ تېخىچە ترابلوسنى ئالمىغانىدى. ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرى، گېزىقتلەر بۇ ھەقتە ياخشى خەۋەر بېرىپ تۇرسىمۇ، لېكىن دادىسى ناھايىتى مەيۈس ۋە قايغۇلۇق كۆرۈنەتتى. ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن قايغۇرىدىغانلىقىنى سورىغاندا دادىسى بېشىنى سىلكىپ:
       - ئوغۇزۇم، ئەمدى كۈنىمىز ئاز قالدى. بىزمۇ ئەجەمىستاندەك بولىمىز، بۇ ھال ئۇزۇنغا بارمايدۇ،- دېدى.
       پرىمو چۆچۈپ كەتتى:
       - قانداق، زادى قانداق؟ جېنىم دادا، ترابلوستا ئۇرۇش ياخشى كېتىۋاتىدىغۇ، قوشۇنلىرىمىز بارغۇ؟
       دادىسى يەنە بىر ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ قويۇپ:
       - گىپىمگە قۇلاق سال بالام،- دسەپ سۆز باشلىدى،- ساڭا تۈركىيىنى ۋە غەرب تۈركلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئۇقتۇرۇپ قوياي: بىز دۆلىتىمىزنى تەسىس قىلغان ئەرتوغرۇل ۋە ئوسمان ئوغۇللىرى تۇرانىدىن، خۇراساندىن، ئالتۇنتاغدىن چىقىپ ئاناتولىيىگىچە كەلگەن، ئاناتولىيىدە قانچىلىك تۈرك بولسا، سەلچۇقلار ۋە باشقىلارنى قىلىچ كۈچى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، كېيىن ياۋرۇپاغا ئۆتكەن. ئۇ يەردە ئىتالىيە، ئالبانىيە، بۇلغارىيە، يۈگسلاۋىيە قاتارلىق مەملىكەتلەرنى بېسىۋىلىپ، ئۇ يەردىكى مىللەتلەرنى ئۆزىگە قاراتقان، لېكىن، ئۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۈچىيىپ، سۇرىيە ۋە ئەرەبىستاننى ئېلىپ، ئۇ يەرلەردە پاراكەندىچىلىك، ئىنتىزامسىزلىققا خاتىمە بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىگە قاراتقان يەرلەرنىڭ ئاھالىسىنى تۈركلەشتۈرمىگەنلىكتىن، بۇنداق يول قويۇش ئۇلارنىڭ ئاجىزلىشىشىغا سەۋەپ بولغان، خۇددى بىر ئىستاكان لىموناتقا جىقراق سۇ قوشسا شېكەر تەمى قانداق ئازىيىپ كەتسە، شۇنداق بولغان... بۇرۇندىن بۇ مىللەتلەرنى ئايرىم-ئايرىم خېلى ياخشى ئىدارە قىلغان بولسىمۇ، كېيىن سىياسىي ئىسلاھات ئىشنى بۇزۇۋەتكەن، ھەي، شۇ ئىسلاھات... مانا بۇ تۈپ پالاكىتىمىزنىڭ باشلىنىشى.
       - بۇ ئىسلاھات قانداق نەرسە؟- دەپ سورىدى پرىمو.
       دادىسى تېخىمۇ تەپسىلى چۈشەندۈرۈ شكە باشلىدى:
       - بۇ ئىسلاھات ياۋرۇپاچە قانۇنلارنىڭ بىزنىڭ مەملىكىتىمىزگە تەدبىق قىلىنىشىدۇر. بۇ چەت ئەلچە قانۇنلار بىزگە ئەسىر بولغان پۇقرالارغا كۆپ ئۇيغۇن كەلگەن، چۈنكى بۇ قانۇنلار ياۋرۇپا مەدەنىيىتى يەنى خرىستىئانلىق روھىدىن كېلىپ چىققان. ئەسىرلىرىمىزنىڭ كۆپى خرىستىئان بولغاچقا، ئۇلارغا ئۆلچەپ پىچىلغان توندەك، ئۇلارنىڭ ھاياتىغا تازا ماس كېلىپ، ئۇلارنى راۋاج تاپقۇزغان. بىز تۈركلەرگە كەلسەك، دىنىمىز ئىسلامىيەت بولغانلىقتىن، خرىستىئانلىقنى چىقىش نۇقتا قىلغان بۇ ئەسلىھە بىرگە ئۇيغۇن كېلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى، بەلىكى ئەكىس تەسىرلەرنى پەيدا قىلاتتى. يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئەسىرلىرىمىز ئىدىيە جەھەتتە، مەنىۋى جەھەتتە، مەدەنىيەت جەھەتتە، بىزنى ئىنتايىن ئارقىدا قالدۇردى. بىزنىىڭ ئۇلۇغلىرىمىز يەنىلا غەپلەتتە، ئەخمىقانلىك بىلەن «باراۋەرلىك» نى تەشۋىق قىلىپ يۈرىۋەردى. ئەسىرلىرىمىزنىڭ قولىدا يېڭى ۋە مۇكەممەل قۇرال بولسا، بىزنىڭ قولىمىزدا بىر تال ئوقمۇ يوق... مەملىكىتىمىزنىڭ پۈتۈن بايلىقى ئاز ۋاقىت ئىچىدىلا ئەسىرلىرىمىزنىڭ يەنى بۇرۇنقى كېلىشەلمەيدىغان دۈشمەنلىرىمىزنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتتى. بىز ئادەتتە بىر كۆزەتچى ۋە چاكاردەك بولۇپ قالدۇق. يوغان نەرسە بولساق ئاددىي ئەسكەر ياكى خىزمەتچى بولالايتتۇق. پۈتۈنلەي قۇرۇق جازا ۋە بىر سىياسىي ئىبارىدىن باشقا نەرسە بولمىغان «ئوسمانىيە» نامى ئاستىدا، پۈتۈن دۈشمەنلىرىمىز قېرىنداش ھېسابنلاندى.تۈركلەرنىڭ ئۇلۇغلىرىنى، مەسىلەن، چىنگىز، ھلاكودەك ئەڭ ئۇلۇغ ئۇرۇش داھىيلىرىمىزنى پەرزەنتلىرىمىزگە ئەڭ يامان ئادەملەر دەپ تونۇشتۇرىدىغان بولدۇق، بۇنداق ئەھۋالدا يا مۇسۇلمانچىلىققا مۇخالىپ بىر تۈرك مەدەنىيتى بارىلققا كىلەتتى، يا ياۋرۇپادىن كەلگەن خرىستىئان مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلاتتۇق. پالاكەت كېچىكمىدى. رىملىقلار دېڭىز فىلوتىمىزغا ناۋارىندا دىنداشلىرى بولغان ياۋرۇپالىقلارغا ئوت ئاچقۇزغاندىن كېيىن مۇستەقىللىق ئېلان قىلىندى. رومىنىيە، يۇگۇسلاۋىيە، قاراتاغ، بۇلغارىيىلەرمۇ تىنچ ياتمىدى. ئۇلارمۇ قوزغىلاڭ كۆتۈردى، ئەسىرلەردىن بۇيان نۇرغۇنلىغان قانلار بەدىلىگە كەلگەن يەرلىرىمىزنى بىردىنلا قولغا چۈشۈرۈۋالدى، ئاخىر قولىمىزدا بۈگۈنكى كىچىك ئاسىيا بىلەن ئاناتولىيە قالدى. كىچىك ئاسىيا قولدىن كېتەي دەپ قالغانىدى.  شەرقنىڭ غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغانغان ياش تۈركلەر ئاساسىي قانۇنلۇق ھاكىمىيەت تۈزۈمىنى ئېلان قىلدى. يېقىنقى تۆت يىلدىن بېرى ھۆكۈمەتنى، ئوسمانىيە ھاكىمىيىتىنى شۇلار قولىدا تۇتتى، ئىنتايىن مەخپى يوللار بىلەن دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىغا ھۇجۇم قىلغان، دۆلىتىمىنى غۇلىتىشقا تىرىشقان رىملىقلارغا، بۇلغارلارغا، تۇگوسلاۋلارغا، ئالبانلارغا قارشى تۇرۇپ، ئۇلار بىلەن ئېلىشىپ كېلىۋاتقانلار مانا مۇشۇ «ياش تۈرك» كۈچلىرى ئىدى. بۈگۈن بۇ كۈچمۇ گۇمران بولدى، يەر بىلەن يەكسان بولدى. ئەمدى تۈرك خەلقىنىڭ دۈشمەنلىرى تېخىمۇ باش كۆتۈرۈپ خالىغىنىچە ئىش قىلىدۇ. ھەش-پەش دېگۈچە ئورىمىزنى كولاپ، ئىككى پۇتىمىزنى بىر ئۆتۈككە تىقىدۇ.
       پرىمونىڭ كۆزلىرى قاراڭغۇلىشىپ، ھېچنېمىنى كۆرەلمىدى. دادىسى چۈشەندۈرگەن نەرسىلەرنى ئاڭلىغانسېرى سەبىي قەلبى ئازابلىنىشقا باشلىغانىدى.
       - ئارمىيىمىزچۇ، دادا، ئارمىيىمىزچۇ؟- دەپ توۋلاپ كەتتى ئۇ.
       - ھەيھات، بالام، ھەيھات...- دېدى ئۇ،- ئەمدى ئۇ بىر رىۋايەت بولۇپ قالدى. مىلتىق، زەمبىرەك بىلەن ئۇرۇش قىلغىلى بولمايدۇ، روھىي ۋە مەنىۋى جەھەتلەر كېرەك، ھازىر ئارمىيىدە ئورتاق بىر روھ بولمىغانلىقى، مەنىۋى جەھەتلەرنىڭ بەربات بولغانلىقى مەلۇم، تۈرك ئوفىتسېرلىرى ئۆز مىللىتىنى ئىنكار قىلماقتا، دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ قورقۇنچلۇق، ئەڭ يامان، ئەڭ تىنىم تاپماس دۈشمەنلىرى بولغان ئالبانلار
    بىلەن بىرلىشىپ، تۈرك كۈچلىرىنى يەنى ئۆز بايلىقلىرىنى ئۆلتۈرمەكتە.
       - ۋاي، جېنىم دادا، ئالبانلار تۈركلەرنىڭ قېرىنداشلىرى ئەمەسمۇ؟
       - ياق بالام، بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا بىزگە ئەسلا يۈز-خاتىرە قىلمىغان ئالبانلار ھەتتا يۇنان ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەقىللىكىگە سەۋەبچى بولدى، رىملىقلارنىڭ بىر ھۆكۈمەت تەسىس قىلىشىغا جېنىنى تىكىپ تۇرۇپ تۈركلەر بىلەن توقۇنۇشتى. بۇرۇنقىسىنى قويايلى، ئاساسىي قانۇنلۇق ھاكىمىيەت ئېلان قىلىنغاندىن بېرىكى تۆت يىل ئىچىدە دۆلەتنىڭ ئەڭ قىيىنچىلىق چاغلىرىدا پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تۆت قېتىم ئىسيان كۆتۈردى... مانا ئەمدى بىر قاتار تۈرك ئوفىتسېرلىرى سېگانلاردەك ئۆز نەسىللىرىنى ئىنكار قىلىپ، تۈرك دۈشمەنلىرى بىلەن ئېغىز-بۇرۇن يالاشماقتا. تۈرك خەلقىنىڭ دۈشمەنلىرى يەنى رىملىقلار، بۇلغارلار، يۇگوسلاۋلار، ئالبانلاردىن تەشكىل قىلىنغان كۈچلەرگە ياردەمدە بولماقتا.
       پرىمو يەنىلا چۈشەنمىدى:
       - غەلىتە ئىش! دادا، بۇ تۈرك ئوفىتسېرلىرى ئۆزلىرىنىڭ تۈرك ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىكەن- دە؟
       - بىلمەيدۇ، دۈشمەنلەرنى قېرىنداش دەپ قارايدۇ. دۈشمەنلەرنىڭ تۈركلەرنى يوق قىلىۋېتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئۇلارنىڭ كۆزلىرى كۆرمەيدۇ.
       -خوپ... ئوفىتسېرلار شۇنداق ئىكەن... ئەسكەرلىرىمىزچۇ؟ ئاناتولىيىلىك تۈرك ئەسكەرلىرىمىزچۇ؟
       - ئۇلارنى گەۋدە دېگەندە، ئەگەر باش بولمىسا ئۇ نېمىگە يارىسۇن؟ ئوفىتسېرلىرى تۈرك خەلقىگە دۈشمەن بولغان، ئۆزلىرىنىن يوقىتىۋېتىشكە تىرىشىۋاتقان يەردە، ئۇلار قانداق قىلسۇن؟...
       پرىمو خىيالغا چۆمدى ۋە بەختسىز مىللىتىنى، ئۆزىگە دۈشمەنلىك قىلىۋاتقان، ئۆز كۈچلىرىنى، ئۆز ھۆكۈمىتىنى ئۆز ئىچىدە تۇنجۇقتۇرۇپ، دۈشمەن كۈچلىرىگە يۈلەك بولۇۋاتقان، زاۋالغا يۈز تۇتقان ئىدراكسىز ئوفىتسېرلارنىڭ قانچىلىق دۆت ۋە ئەقىلسىز ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشكە باشلىدى. باغچىدىكى ئالۇچا كۆچىتىگە قونغان قۇشقاچلارمۇ باشقا قۇشلارغا قېتىلمايدۇ ۋە ئۇلار بىلەن بىر توپ، بىر قوۋم بولۇپ ياشىمايدىغۇ؟
    ئۆز ئۇۋىسىنى تاشلاپ، كەپتەر، قاغىلارنىڭ ئارىسىغا قوشۇلۇپ كېتىدىغان بىرەر قۇشقاچمۇ بارمۇ؟ دېمەك، ئۆز مىللىتىدىن، ئۆز قوۋمىدىن ئايرىلغان، يات ۋە دۈشمەن مىللەتلەرنىڭ كۈچلىرىگە قوشۇلۇپ كەتكەن تۈرك ئوفىتسېرلىرىدە شۇ قۇشقاچچىلىك ئىدراك، ئەقىل، ئالىيجانابلىق يوق ئىكەن- دە... پرىمونىڭ يىغلىۋەتكۈسى كەلدى. تۈرك كۈچلىرىگە تۈركلەرنىڭ دۈشمەن بولۇشى ئۇنىڭغا ئەلەم قىلغانىدى. ئۇنىڭ كۆكسىدىن قوزغالغان بىر ئاغرىق بوغۇزىغا قاپلىشىپ ئۆكسۈپ كەتتى ۋە ئەلەمنى يەنە ئىچىگە يۇتۇۋەتتى. دادىسى سۆزىنى يەنە داۋاملاشتۇردى:
       - ھازىر ئارمىيە دېگىنىمىز بىر رىۋايەت بولۇپ قالدى. ئوسمانىيىلىكلەرنىڭ چېگرا سىرتىدىكى تۈرك بولمىغان قېرىنداشلىرى يەنى بالقان ھۆكۈمەتلىرى يىگىيرمە تۆت سائەت ئىچىدە بىزنى مەغلۇپ قىلماقچى. كىچىك ئاسىيادا بىرمۇ تۈرك قالدۇرماي ھەممىسىنى ئوت ۋە قان ئىچىگە غەرق قىلماقچى...
       ئەمدى پرىمونىڭ بۇرۇنقى خۇشاللىقلىرىدىن ئەسەر قالمىغانىدى. بىر خەستە بۈركۈتتەك قاراڭغۇ بۇلۇڭلارنى ئىزدەيدىغان، كەچكىچە خىيال قىلىپ يۈرىدىغان بولۇپ قالدى، ئۇ دادىسى يېقىن كېلىپ قالغانلىقىنى خەۋەر قىلغان پالاكەتنى كۈتەتتى. دېمەك، پۈتۈن تۈركلەر كىچىك ئاسىيادىن قوغلىناتتى، بۇ گۈزەل سەلانىكمۇ قولدىن كېتەتتى، چوڭ مەكتەپلەر دۈشمەنلەرگە قالاتتى. ئالدىنقى يىلى خاقان كېلىپ ناماز ئوقۇغان ئايا سوفىيە مەسچىتى قايتا چېركاۋ بولاتتى... ئاھ ئاق مۇنار... ئۇنىڭ ئەتراپىغا باغچە ياسالماقچىدى. ئەمدى بۇ باغچە ياسالمايدىغان ، پرىمو ئۇ يەردە ئوينىيالمايدىغان بولدى. ئاخشاملىرى چوڭ ئادەمدەك، قوللىرىنى كەينىگە تۇتۇپ سەيلە قىلىدىغان «بىرلىك باغچىسى» شىلەپىلىك دۈشمەن ئوفىتسېرلىرى بىلەن تولاتتى، ھەر جۈمە ئاخىشىمى ئاڭلايدىغان مۇزىكىلار ئۈچۈن چېلىناتتى. لەززەتلىك ماروژنا، لىموناتلارنى ئۇلار ئىچەتتى. تۈركلەرنى بويسۇندۇرغانلىقى  ئۈچۈن كۆكرىكىنى كېرىپ يۈرىشەتتى، كىم بىلسۇن يەنە قانداق تاماشىلارنى قىلىشىدۇ. ئۇ چاغدا، بۇ ھاقارەتلەرگە قانداق چىدىغىلى بولسۇن؟ پرىمو كۆزلىرىنى يۇمۇۋالدى. گويا ئەسەبى بىر چۈش ئىچىدە سەلانىكنىڭ تۈركلەرنىڭ كلىچىك ئاسىيادىن قوغلانغاندىن كېيىنكى مەنزىرىسىنى كۆرگەندەك يۈرىكى ئادەتتىن تاشقىرى تېز سوقۇشقا باشلىدى. بۇنداق رەزىللىك ۋە پەسكەشلىكلەر بولۇۋاتقان يەردە ياشاش مۇمكىنمۇ؟ ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ مۇشتۇملىرىنى تۈرگەن ھالدا ئالدىدىكى مەۋھۇم بىر دۈشمەنگە خىتاپ قىلىۋاتقاندەك قىياپەتتە: «ياق، ياق، پەسكەشلەر، ئالالمايسىلەر. بەش يۈز يىلنىڭ ئالدىدا باتۇر ئاتا-بوۋىلىرىمىز سىلەرنى تىز پۈكتۈرۈپ ئالغان بۇ يەرلەرنى قايتۇرۇۋالالمايسىلەر، پۈتۈن تۈركلەر سىلەرگە قارشى تۇرىدۇ ۋە تېنىنىڭ ھەر بىر غېرىچ تۇپرىقىنى قانلىرىڭلار بىلەن بويايدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى قىرىۋېتىپ غەلىبە قىلساڭلارمۇ، خارابە بىر مازاردىن باشقا نەرسىگە ئىگە بولالامايسىلەر!» دەپ جاكارلىدى.
       كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن دادىسىنىڭ قەلبىدىكى ئازاب تېخىمۇ ئېشىشقا باشلىدى. پرىمو دادىسىدىن:
       - قېنى دادا، ئۇرۇش بولىدۇ دېگەنىدىڭىز، بولمىدىغۇ؟- دەپ سوراپ قوياتتى.
       - جەزمەن، بالام، جەزمەن بولىدۇ،- دەپ جاۋاب بېرەتتى دادىسى.
       ئاخىر ئۇ بىر جۈمە كۈنى سەيلىگە چىقىپ بىرمۇنچە  ئىشلارنى كۆردى. بىر قىشلاقنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ بىر ئەسكەردىن سورىدى:
       - يۇرتداش، بۇ نېمە قالايمىقانچىلىق؟
       بۇ قارا بۇرۇتلۇق ئەسكەرنىڭ ياقىسىدىكى سېرىق مىس بەلگىدە «خەۋەرچى» دەپ خەت بار ئىدى.
       - سەپەرۋەرلىك ئېلان قىلىندى،- دەپ جاۋاب بەردى ئۇ.
       - سەپەرۋەرلىك دېگەن نېمە؟
       - ئۇرۇشقا تەييارلىق بۇيرۇقى دېگەن گەپ...
       - ئۇرۇش بولامدىكەن؟
       - شۇنداق دېيىشىدۇ.
       - قايسى دۆلەت بىلەن؟
       - بۇلغارىيە بىلەن.
       پرىمو ئىچىدە غەيرى بىر خۇشاللىق ھېس قىلدى. ترامۋايغا ئولتۇرۇپ ئۆيگە قايتتى. ئاشپەز ئەمىنە خانىمغا ئۇرۇش بولىدىغانلىقىنى، تۈركلەرنىڭ يەنە قانداقتۇر مەملىكەتلەرنى ئۇرۇش قىلىپ ئالىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇشقا باشلىدى. بىراق، بۇ ئايال ئۆزىدەك خۇشال بولمىدى.
       - ئاھ، خۇدايىم ساقلا، ئۇرۇش بولماس...- دېدى ئۇ.
       پرىمو خاپا بولۇپ كەتتى. ئەجەبا، بۇ تۈرك ئايال ئەمەسمۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئۇرۇشنى خالىمايدۇ؟ بۇ تۈرك ئايالى بىرمۇنچە تۈرك ئوغۇللىرىنىڭ يېىباشتىن شان-شۆھرەت قازىنىشىنى، تۈركلەرنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى دۇنياغا يەنە بىر قېتىم كۆرسىتىشنى خالىمامدىغاندۇ؟ پرىمو ئۇنىڭدىن سورىدى:
       - نېمە ئۈچۈن ئۇرۇشنى خالىمايسىز؟
       - ۋاي بالام، شۇنچە «مۇھەببەت ئۈممەتلىرى» گە ئۇۋۋال بولمامدۇ؟
       - بۇ نېمە دېگىنىڭىز؟
       - يەنە ئاز بولمغان مۇساپىرەتچىلىك بولىدۇ، بالا-چاقا كوچىدا قالىدۇ.
       پرىمو چۈشەنمىدى:
       - جېنىم ئەمىنە خانىم،- دېدى ئۇ،- نېمە ئۈچۈن مۇساپىرەتچىلىك بولسۇن؟ بىزن ىڭ قوشۇنلىرىمىز دۈشمەننىڭ مەملىكىتىگە كىرىدۇ، ئۇلارنىڭ شەھەرلىرىنى ئالىدۇ. مۇساپىر بولسا ئۇلار بولىدۇ. ياشانغان ئايال بېشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ:
       - ۋاي بالام، بىز كۇپارلار بىلەن ئۇرۇشالمايمىز،- دېدى.
       پرىمو غەزەپلەنگەن ھالدا:
       - نېمە ئۈچۈن ئۇرۇشالمايمىز؟ توپىمىز، مىلتىقىمىز يوقمۇ؟ بىزنىڭ ئەسكىرىمىز يوقمۇ؟
       - نېمە بولسا بولسۇن، ئەگەر ئۇرۇش بولسا، يەنە مۇساپىرەتچىلىك بولماي قالمايدۇ.
       - بۇنى قانداق ب ىلىسىز؟
       - بىلىمەن «ئاۋۋىلى شام، ئاخىرى شام»، بۇنى چووڭ ئۆلىمالىرىمىز ئېيتقان.
       - بۇ نېمىدېگەن بولىدۇ؟
       - جەزمەن بىر كۈنى كۇپارلار كېلىپ بىزنى ئىستانبولدىن، ئاناتولىيىدىن قوغلايدۇ، پۈتۈن مۇسۇلمانلار شامغا توپلىنىدۇ.
       - بىراق، بۇ... خاتا پىكىرغۇ دەيمەن...
       - ئاغزىڭنى يۇم بالام، ئۇنداق دېمە، ئاغزىڭ مايماق كېتىدۇ...
       - نېمىشقا مايماق كېتىدۇ؟
       - بۇنى ئۆلىمالىرىمىز ئېيتقان...
       - ئۇلار قانداق بىلىدىكەن؟
       - ئۇلار ھەممە ئىشنى بىلىدۇ.
       پرىمو چۈشەنمىدى، شۇنداقتىمۇ ئارتۇقچە سوراپ كەتمىدى. ئىچىدە «بۇ ئوقۇمىغان ئايال نەدىن بىلسۇن» دېدى.
       كەچ كىردى، ئەمدى ئۇ دادىسى بىلەن سۆزلىشەتتى. لېكىن دادىسى ئاشپەز ئايالدىنمۇ بەكرەك ئۈمىدسىز ئىدى. بىراق، پرىمونىڭ قەلبى ئارىسلاندەك جۇش ئۇرۇپ تۇراتتى. تۈركلەر بەش يۈز يىللىق ۋەتەننى ئاشۇ تۆت تال بۇلغار ياكى يۇنان ئەسكىرىگە تاشلاپ بېرەمدۇ؟ ئەمدى ئۇ ھەر كۈنى قىشلاق بازىرىغا بېرىپ، زاپواس قوشۇن شىتابىدا توپلانغان ئەسكەرلەرنىڭ يۈك توشۇيدىغان ئۇلاقلىرىنى، ئات- ھارۋىلىرىنى تاماشا قىلىدىغان بولدى. بىر ئەتىگەنلىكى بۇ يەردە ۋاراڭ-چۇرۇڭ كۆتىرىلدى. كوچىدا يەھۇدىي بالىلىرى: «يېڭى خەۋەر، يېڭى خەۋەر!» دەپ ۋارقىرىشىپ يۈگۈرۈشۈپ يۈرەتتى. پرىمو دەرھال گېزىتتىن بىرنى ئېلىپ ئوقۇدى ۋە چۈشەندىكى، قاراتاغ بىلەن ئۇرۇش باشلىنىپتۇ... ئۆيگە يۈگۈرۈپ كىرىپ بۇ خۇش خەۋەرنى ئەمىنە خانىمغا يەتكۈزدى. بۇ ياشانغان ئايال:
       - ئاللا، ئاللا!... - دەپ ۋايساپ كەتتى. ئۇ ئوغلى مۇستاپانىمۇ ئۇرۇشقا كېتىدىغارن بوپتۇ، دەپ قوللىرىنى تىزلىرىغا ئۇتۇپ كەتكەن ىيدى.
       بۇ ئاخشام دادىسى تېخىمۇ قايغۇلۇق كۆرۈندى. پرىمو ئەتىگەندە مەكتەپكە كۈندىكىدىن بالدۇر چىقتى. قىشلاقنىڭ ئالدىدا ترامۋايدىن چۈشتى. پائالىيەت ئاياغلاشقانىدى. لېكىن، پۈتۈن ئوفىتسېرلار، ئەسكەرلەردە ئۇرۇش بولىدىكەن دېگەن خۇشاللىق كۆرۈنمەيتتى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى خۇددى بىر نەرسىدىن قورققاندەك چىرايى تاتىراڭغۇ، روھى چۈشكۈن تۇرۇشاتتى. ئارىدىن ئۇزۇن كۆتمەي، بولغارىيە، يۇگوسلاۋىيە، يۇنانلارنىڭ ئۇرۇش ئېلان قىلغانلىقى ئاڭلاندى. گېزىتلەردە پۈتۈنلەي چېگرا بويلىرىدىكى غەلىبىلەر يېزىلىدىغان بولدى. بۇلارنى ئۆيگە ئەكىلىپ دادىسىغا كۆرسىتەتتى...دادىسى:
       - يالغان بالام، يالغان...- دېدى. سەلانىك شۇنداق قالايمىقانلاشتىكى، ھېچكىم ھېچكىمنى تونۇمايتتى. شۇنداق، بىر ئالىتوپىلاڭ بولۇپ كەتتىكى... قويۇۋېرىڭ...
       ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇرۇشتىن قاچقانلار سەلانىكقا كېلىۋېتىپتۇ! پرىمو ئايلىنىپ چىقتى. قەھۋاخانىلار، رەستىلەر، دۇكانلار پۈتۈنلەي ئەسكەر بىلەن تولغاندەك  كۆرۈنەتتى. ئۇرۇش بولۇۋاتسا شۇنچە ئەسكەرنىڭ ھېيت-بايرام كۈنلىرىدەك كوچىلاردا مۇنداق يۈرۈشىدە نېمە مەنە باردۇ؟ بىر كۈنى ئۆيگە كەلسە ئەمىنە خانىم يىغلاۋاتاتتى. ئۇياقنىڭ نېمە ئۈچۈن يىغلىغانلىقىنى سورىدى.
       - ۋاي بالام ، مۇساپىرلار كەپتۇ...
       - ھە... مۇساپىرلار كەپتىمۇ؟ قەيەرگە كەپتۇ؟- دەپ ۋارقىرىۋەتتى ئۇ.
       - ھەممە يەرگە، پۈتۈن مەسچىتلەر تولۇپ كېتىپتۇ...
       - كىم دېدى؟
       - بۈگۈن مۇستاپا كەلگەن، شۇ دېدى.
       پرىمو ئەتىسى مەكتەپكە بارماي مەسچىت تەرەپكە باردى. ھەقىقەتەن مەسچىتلەر تولۇپ كەتكەنىدى. بۇلار ياشانغانلار، قىز بالىلار، ئاياللار ۋە بالىلار ئىدى. ھەممىسنىڭ كۆزلقىرى ياش، ئېيتىپ تۈگەنكۈسىز نامىراتلىق ئىچىدە ئۆكسۈشەتتى. پرىمونىڭ يۈرىكى چىدىمىدى، ئۇلارنى كۆزۈم كۆرمىسۇن دەپ بۇ يەردىن كەتتى.
       بىچارىلەرنىڭ ھەممىسى ئاچ ئىدى. ئۆتكەن-كەچكەندىن: «خۇدالىق ئۈچۈن ئازراق نان...» دەپ يالۋۇرۇشاتتى.
       قەھۋەخانىلار يەنىلا سانجاق-سانجاق ئەسكەرلەر بلەن تولغانىدى. نە تەرتىپ، نە ئىنتىزام بولسۇن... پرىمو ئۇ كېچە ئۇخلىيالمىدى. دەل دادىسىن ىڭ دېگىنىدەك بولغانىدى. ئوفىتسېرلار تېخىچە مەيخانىلاردا ئاياللارنىڭكىدەك نازۇك ۋە ئاپئاق قوللىرى بىلەن چاچلىرىنى، بۇرۇتلىرىنى تارتىشىپ ئولتۇرۇشاتتى.
       ئەتىسى سەھەردە ئورنىدىن  تۇرغاندا پرىمونىڭ بېشى ئاغرىپ قوپتى.
       - سوغۇق تېگىپتۇ بالام، بۈگۈن سىرتقا چىقماي ياتقىن،- دېدى دادىسى.
       ئۇ دادىسىغا كەچتە گېزىتلەرنى ئالغاچ كېلىشىنى بۇيرۇپ ئۆيدە قالدى.
       چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن دېرىزىنىڭ ئالدىدا تۈركلەرنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەت ۋە بۇ كۈلپەتنىڭ ئاخىرى نېمە بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ ئولتۇرۇپ، باغچىنىڭ تۆمۈر رېشاتكىلىق ئىشكىدىن ئەمىنە خانىمنىڭ ئوغلى مۇستاپانىڭ كىرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئۇنىڭ ئانىسى بىلەن كۆرۈشكىلى كەلگەنلىكى شۈبھىسىز ئىدى. ئۇ كەڭ كۆكرەكلىك، يوغان زەڭگەر كۆزلىرىدىن نۇر چاقناپ تۇرىدىغان ئارىسلاندەك بىر ئەسكەر ئىدى. ئۇ ئانىسى بىلەن نېمە دېيىشىدىغاندۇ؟ ئۇ قىزىقىپ ئورنىدىن تۇرۇپ تۆۋەنگە چۈشتى ۋە مۇستاپانى ئاشخانىدا ئانىسىنىڭ ئالدىدا بىر ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان ھالدا كۆرۈپ، كۈلۈپ بېرىپ قولىنى سىقتى:
       - خۇش كەپسەن مۇستاپا ئاكا.
       - ياخشىمۇسەن ئۇكام.
       -ھە، نېمە گەپ- سۆزلەر بار؟
       - تىنچلىق...
       - سەن ئۇرۇشقا بارماپسەنغۇ؟
       - مەن يۈز بېشىنىڭ ئۆيىدە قالدىم، ھازىر ئۇرۇشمۇ تۈگىدى.
       - نېمە؟- دەپ ۋارقىرىدى پرىمو،- ئۇرۇش تۈگىدىمۇ؟
       - ھەئە، تۈگىدى.
       - قانداق تۈگىدى؟
       - بۈگۈن ئاخشام يۈش بېشى كەلدى. ئۆيدىكىلەرگە قورقماسلىقنى ئېيتتى. بىزنىڭ گېنېرال بىلەن يۇنان گېنېرالى سۆھبەتلىشىپتۇ.
       - قانداق بوپتۇ؟
       - سەلانىكنى ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان بوپتۇ.
       - تىنچلىق بىلەن...
       - ۋاي پەسكەشلەر، ۋاي... -  دەپ ۋارقىراپ كەتتى پرىمو.
       بۇ قانداق بولغىنى؟سەلانىكنى تىنچلىق بىلەن دۈشمەنگە ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانغا، ئۇنى ئاتا-بوۋلىرىرىمىز شۇنداق ئاسان ئالغانمىكەن. پرىمو مۇستاپادىن يەنە بىرمۇنچە نەرسىلەرنى سورىدى.
       - ئەللىك، ئاتىمىش، يەتمىش مىڭ كىشى قۇراللىرىنى تاپشۇرىدىكەن، قارا تۇمشۇقتىكى چوڭ زەمبىرەكللەر بىر توپمۇ ئاتماي دۈشمەنگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدىكەن...
       پرىمو تەكرار سورىدى:
       - ھە، سىلەرنى كېيىن  دۈشمەن قانداق قىلىدۇ؟
       - ياخشى بىلمەيمەن، بەلكىم ئەسىر ئېلىشى مۇمكىن... «ئەسىر بولۇش بەكمۇ راھەت، گويا بەگدەك باقىدۇ» دېيىشىدۇ.
       ئۇ يەنە يۈز بېشىنىڭ خۇشاللىقلىرىنى ئۇقتۇردى، بۇنى ئاڭلاپ پرىمونىڭ ئىچىدە دەھشەت بىر ئۆچمەنلىك قوزغالدى. بۇ ئۆچمەنلىك تومۇرلىرىغا زەھەردەك تارقىلىپ ھەممە يېرىنى ئېچىشتۇراتتى. مۇستاپا كېتىشكە يېقىن بىلىدىكى چوڭ تاپانچىنى قولىغا ئالدى. بۇنى يۈ‍ز بېشى بەرگەن بولۇپ، ئېيتىشىچە، يۇنانلىقلارغا ئەسىرگە چۈشكەندە، زۆرۈر تېپىلغاندا ئوفتسېرلارنىڭ قىلىچلىرىنى تاشلىتىپ، باشقا قۇرال تۇتقۇزىدىكەن، شۇڭا بۇنى ئانىسىغا ساقلاتسۇن دەپ مۇستاپاغا بەرگەنمىش. پرىمو بۇنداق تاپانچىنى زادى كۆرمىگەنىدى. قولىغا ئېلىپ كۆرۈشكە باشلىدى. غىلىپى ياغاچتىن ئىدى.
       - غەلىتە بىر نەرسىغۇ؟- دېدى ئۇ،- بۇ قانداق قۇرال؟
       مۇستاپا ئىزاھات بەردى:
      - بۇنى مائوزېر تاپانچا دەيدۇ، ھەم تاپانچا ھەم مىلتىق ئورنىدا ئىشلەتكىلى بولىدۇ...
       ئۇ پرىمونىڭ سوئاللىرىغا زېرىكمەي جاۋاب بەردى،. تاپانچ ىنىڭ قېپىنى ئېچىپ ئىچىدىن تاپانچىنى چىقاردى. سېپىنى قېپىنىڭ ئۇچىغا قادىۋىدى، ئۇ بىر مىلتىق بولۇپ قالدى، مۇستاپا ئۇنى مۈرىسىگە قويۇپ قارىغا ئېلىپ كۆرسەتكۈچ:
       - مانا مۇشۇنداق...- دەپ تەپسىلى چۈشەندۈردى. پرىمو پۈتۈن دىققىتى بىلەن ئاڭلاپ تۇردى. ئۇ ئون تال ئوق يەيدىغان مائوزېر ئىدى. ئوقنىڭ قانداق سېلىنىپ، قانداق ئېلىنىدىغانلىقىنىمۇ كۆرسەتتى.  پرىمو قولىغا ئېلىپ مۈرىسىگە قويۇپ، چۇېۇپ قۇراشتۇرۇپ باقتى ۋە تەپكىسىنى بېسىپ ئوقسىز ئېتىپ باقتى. دېمەك، ئون تال ئوق يەيدىغان، ئوقى ئىككى مىڭ مېتىر يەرگە يېتىدىغان بۇنداق مۇكەممەل قۇرال تۇرغان يەردە دۈشمەندىن قېچىش دېگەن گەپ بولامدۇ؟ پرىمونىڭ بۇنىڭغا ئەقلىي ھەيران ئىدى، ئەمىنە خانىم:
       - ھەي ئوغلۇم،بۇنى مەن ساقلايمەن؟- دېدى.
       پرىمو ئاسان يول كۆرسەتتى. يۇقىرىدىكى ئۆينىڭ تورىسىدا كىچىك بىر كامار بار ئىدى. ئۇ يەرگە قويۇلسا ھېچكىم كۆرمەيتتى، ئون باغلام ئونى كۆمۈرخانىغا قويسا بولاتتى.
       - ناھايىتى ياخشى، يارايسەن...- دېدى مۇستاپا.
       ئانىسى نارازىلىق قىلالمىدى، پرىمو تاپانچىنى ئۆز قولى بىلەن ئورۇنلاشتۇردى. ئوقلارنى نەملىشىپ قالمىسۇن دەپ چىڭ يۆگەپ مىشكاپلارنىڭ كەينىگە يۇشۇرۇپ قويدى. پرىمو مۇستاپادىن پۈتۈنلەر ئۇرۇشقا دائىر نەرسىلەرنى سورىغانىدى،  ئۇ ئانچە جاۋاپ بېرىپ كەتمىدى، بۇنداق تەسلىم بولۇش پرىمونىڭ كاللىسىدىن ئۆتمەيتتى.
       پرىمو كەچتە دادىسى بىلەنمۇ بۇ توغرىدا مۇنازىرىلەشتى:
       دادىسى ئىستانبۇلغا كەتمەكچى بولغانلىقىنى ئېيتتى. سەلانىكنى تاشلاپ كېتەمدۇ؟... پرىمونىڭ بۇنىڭغا قەلبى زادى چىدىمىدى. چۈشىگىمۇ كىرىپ چىقمىغان بۇ بەختسىزلىكنى زادى چۈشىنەلمەيتتى. پالاكەت مىنۇتلىرى ئۇنىڭغا ئىنتايىن ئېغىر تۇيۇلاتتى.
       يۇنان ئاتلىق قوشۇنلىرىنىڭ كېلىشى، خان، پادىشاھلارنىڭ سەلانىكقا تولۇشى خېلى ۋاقىت داۋاملاشتى. ھەممە نەرسە بىردىنلا ئۆزگىرىپ كوچىلارنى شىلەپىلىكلەر قاپلىدى. يەھۇدىيلارنىڭ ھەممىسى دەرھال گرېكلەشتى. پۈتۈن دۇكانلار ئاق، كۆك سىرلاندى. ئاق، كۆك تەبرىك تاختىلىرى ئېسىلدى. يۇنان پادىشاھى كەلدى. ئەر-ئايال، قېرى-ياش كوچىغا چىقىپ ئالقىش سادالىرى ياڭراتتى... «ياشىسۇن، ياشىسۇن يورگىيېۋىچ!» ساردالىرى گۈلدۈرمامىدەك كۆكنى قاپلىدى.
       داچىنىڭ ئالىدىدىن دۈشمەن باتالىيونلىرى مۇزىكا كانايلىرىنى چېلىشىپ ئۆتۈشمەكتە ئىدى. پۈتۈن ئۆيلەرنىڭ دېرىزىلىرىدىن ئۆتۈۋاتقان ئەسكەرلەرگە گۈل تاشلىناتتى ۋە سۆيۈش ئىشارەتلىرى قىلىناتتى. كەچتە دادىسى:
       - بالام، ئەمدى بۇ يەردە ئولتۇرالمايمىز. ئەتە ياكى ئۆگنلىككە بىرىنچى پاراخۇتتىلا ئىستانبۇلغا كېتەيلى،- دېدى.
       يائاللا! ۋەتەننى تاشلاپ كېتىش شۇنداق ئاسان ئىش ئىكەن-دە!... بەش يۈز يىلدىن بېرى ئاتا-بوۋىلىرىمىزدىن تارتىپ ياشاپ كېلىۋاتقان سەلانىكنى تاشلاپ بېرىپ گويا تاماشىغا ماڭغاندەك كېتەمدۇ؟ ياق، ياق... ئاتا-بالا بۇ يەردىن ھېچيەرگە كەتمەيدۇ. ئىستانبۇلغا كېتىپ نېمە قىلماقچى؟ مۇشۇ يەردە پېشانىسىدىكىنى كۆرىدۇ. كوچىدىن ئۆتكەن گرېك بالىلىرى، ترامۋايلار، تىجارەتچىلەر ئەمدى: «قاراڭلار بۇ تۈرك ئوغلىغا...» دېيىشىپ مەسخرە ۋە تەنە نەزەرلىرى بىلەن قارىشىپ، ئۇنىڭ چىشىغا تېگىشى تۇرغان گەپ. ئەمدى بۇ ھاياتقا قانداق چىداپ تۇرالىسۇن؟ پرىمونىڭ كېچىچە ئۇيقۇسى كەلمىدى. دادىسى تەييارلىقنى قىلىۋەرسۇن... ئۇ قاچىدۇ... پاراخۇتقا چۈشمەي يامىنى كەلسە ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالىدۇ!
       ئۆلۈۋېلىش قارارىغا كەلگەندىن كېيىن پرىمو ئۆزىنى ئىنتايىن خۇشال ۋە يېنىك ھېس قىلدى. سەبىي قەلبىنى ئازابلاۋاتقان دەرد-ئەلەملەر ئازايغاندەك بولۇپ قالدى. بۇ يەردىكى مەكتەپلەر تاقالغىلى خېلى بولغانىدى. تۈركلەر قېچىپ كېتىپ پۈتۈن ئىمارەتلەرگە يۇنانلىقلار تولۇپ كەتكەنىدى. تاشقىرىغا چىقىپ ئۇياق-بۇياققا ماڭغاچ ئويلاندى. ھەممە نەرسە ئۆزگەرگەن، ئەمما ئۆزگەرمىگەن يالغۇز بىزنىڭ ئوفىتسېرلىرىمىز ئىدى. ئۇلار ئۆز ئەسكەرلىرىنى، توپ-زەمبىرەكلىرىنى، ۋەتىنىنى، ئىپپەت-نۇمۇسىنى ۋە مال-مۈلۈكلىرىنى دۈشمەنگە ئۆتۈنۈپ بەرگەندىن كېيىن قۇتقۇزۇپ قالغان ئىپلاس ۋە قەدىرسىز جانلىرىنى سەيلە-ساياھەت قىلدۇرۇپ، بۇرۇنقىدەك پارقىراپ تۇرىدىغان يەرگە سۆرىتىپ، غالىب دۈشمەن ئەسكەرلىرىنىڭ ئارىسىدا، ئەرلەرنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەن قى‍زلار قىياپىتىدە ئۇيالماي تاماشا قىلىپ يۈرۈشەتتى. مەيخانىلاردا پۇتلىرىنى ئالماشتۇرۇپ ئولتۇرۇپ نايناق خېنىملارنىڭكىدەك ئاپئاق، نازۇك قوللىرى بىلەن چاچلىرىنى تارايتتى، يۇقىرىغا قاراپ تۇرىدىغان بۇرۇتلىرىنى تۈزەشتۈرەتتى، دېمەك، مانا شۇلارلا ئۆزگەرمىگەنىدى. ئۇلارچە گويا ھېچقانداق ئىش يۈز بەرمىگەندەك، سەلانىك قولىدىن كەتمىگەندەك، مۇساپىرلار ئېيتىشىپ يۈرگەن قانلىق قىرغىنلار يۈز بەرمىگەندەك ئىدى. ئۇلار يەنە ماشىنىلاردا ئولتۇرۇشاتتى، ئارتىس قىزلار بىلەن مۇھەببەتلىشەتتى ۋە بىر-بىرىن بىلەن سىياسەتكە دائىر مۇنازىرىلەرنى قىلىشاتتى.
       پرىمو بۇلاردىن يىرگەندى، ئۇلارنى تازا كالتەكلىگۈسى كېپكەتتى. بۇلار قانداق ئادەملەر؟ ئۇلاردا ھېسسىيات دېگەن نەرسە يوقمۇ؟ غارلىب يۇنان ۋە بۇلغار ئوفىتسېرلىرىنىڭ ئارىسىدا، يۇنان ئەسكەرلىرىنىڭ ئىچىدە ئۇيالماستىن قانداق يۈرۈشىدۇ؟ پۈتۈن گرېك، يەھۇدىي ۋە ئەجنەبىي ئاياللارنىڭ ئۇلارغا تاشلىغان نەزەرلىرىدىكى ھاقارەت ۋە نەپرەتلىرىنى چۈشەنمىگەندىمۇ؟ ئۇلار كوچىدىن ئۆتسە گرېك بالىلىرى كەينىگە كىرىۋېلىپ «ئوھۇي، تۈركس، ئولۇرۇپ سەدس!» دەپ چۇقان سېلىشقاندا، بىر ئاز خىجالەتچىلىك ھېس قىلغان بولسا، ئۆز قوللىرى بىلەن تاپشۇرۇپ بەرگەن بۇ شەھەردە تۇرالايتتىمۇ؟ ئۇلارنىڭ جانلىرى تاتلىق ئىكەن، ئۆزلىرىنى ئۆلتۈرۈۋالمايدىكەن، ئۇنداقتا بۇنداق لاغايلاپ يۈرۈشىدە نېمە مەنە باردۇ؟ بۇ يەردىن باشقا يەرگە يوقالمىسا، بىر بۇلۇڭغا كىرىپ ئولتۇرسا بولمامدۇ؟...
       پرىمو ئۆيدا دادىسىدىن سورىدى:
       - ئاڭلىشىمچە، سەلانىكنى بېسىۋاپتۇ. ئۇنداقتا، بۇ ئوفىتسېرلارنى نېمە ئۈچۈن تۇتۇپ تۇرىدۇ، پەرداز ئۈچۈنمۇ؟
       - ھەيھات ئوغلۇم،- دېدى دادىسى بېشىنى كىڭشىتىپ،- ئۇلارنى تۇتۇپ تۇرغان يوق، ئۆزلىرى تۇرۇشىدۇ.
       پرىمو كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ:
       - ئۆزلىرى تۇرامدۇ؟- دېدى.
       - شۇنداق، ئۆزلىرى.
       - قانداقچە؟ ئۇلار ئەسىر ئەمەسمۇ؟
       - ياق بالام، يۇنان ئارمىيىسىنىڭ قۇماندانى شاھزاد كونىستانتىن ئۇلارغا «ئاناتولىيىگە، ئىستانبۇلغا بارالايسىلەر» دەپتۇمىش.
       - ئەمسە نېمىشقا كەتمەيدۇ؟...
       - نېمىشقا كەتسۇن... بۇلغارلار چاتالچاغا يېقىنلاپ قاپتۇ، ئىيستانبۇلغا ئىزمىرگە كەتسە يەنە ئۇرۇشقا قايتۇرۇپ كېلىش ئېھتىمالى بار ئىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يەردە ۋاقىت كۈتۈپ تۇرىدۇ.
       پرىمو قۇلاقلىرىغىچە قىزىرىپ كەتتى. دۇنيادا بۇنداقمۇ چاكىنىلىق ۋە قورقۇنچاقلىق بولامدۇ؟
       - ۋاي پەسكەشلەر، ۋاي!... دەپ ۋارقىرىدى  ئۇ.
       پرىمو ئۆزىنى بېسىۋالالماي، ئاچچىقىغا چىدىماي يىغلىۋەتتى. دادىسى ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىشكە تىرىشتى. بۇ ئوفىتسېرلارنىڭ گۇناھى ئەمەسلىكىنى، چۈنكى ب ۇ بىچارىلەر ئۆز ۋەتىنىنى تونۇپ يېتەلمىگەنلىكىتىن ئۆزلىرىنىڭ تۈرك ئىكەنلىكىنى، ۋەتەنپەرۋەر4لىكنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ۋە قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ: «گۇناھ، بىزگە ۋەتىنىمىزنى ئۇنتۇلدۇرىدىغان سەۋەبلەردە...» دېدى.
       بۇ بەختسىز ئوفىتسېرلار «تۇران» نىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىر-بىرىدىن سورىغىدەك دەرىجىدە ئۆز مىللىتىدىن خەۋەرسىز، ئۆز تارىخىدىن ئىلىپنىمۇ بىلمەيدۇ. ھالبۇكى، دۈشمەنلىرىمىز ئۆز مىللىي روھى بىلەن ئالغا ئىنتىلىپ، تارىخ ئۇلارغا يۈكلىگەن ئۇلۇغ ۋەزىپىلەرنى ئجرا قىلىدۇ، ئەنئەنىلىرى، ۋەتەنلىرى، ئايرىلىپ قالغان قېرىنداشلىرى ئۈچۈن خۇشاللىق بىلەن قانلىرىنى تۆكىدۇ، گرېكلار غايىلىرى ئۈچۈن مىڭلارچە قۇربانلارنى بەردى. تۈرك توپلىرىغا ئۆزلىرىنى ئېتىشىپ ئۆز مەسلەكلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ ئالغا ئىلگىرىلەشكە قەسەملەر قېلىشتى، بۇلغارلار «ئىستانبۇل بىزنىڭ بولغۇسى، ئىستانبۇل بىزنىڭ!» دېيىشىپ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتتى.
       لېكىن، تۈركلەرچۇ؟... تۈركلەرنىڭ ھېچقانداق غايىسى يوق، چوڭ ئەمەس ھەتتا كىچىك غايىسىمۇ يوق،- بۇنداق ئومۇمىي ۋە ئورتاق بىر غايىگە، ۋىجدانغا، روھقا ئىگە بولمىغان مىللەتنىڭ ئادەملىرى شەخسىيەتچى، ئۆزۈمچىل بولىدۇ. ئوومۇمىي ۋە ئورتاق بىر مىللىي ھاياتنى، مەسىلەن: ۋەتەنپەرلىك دېگەن ئالىي، يۈكسەك، مۇقەددەس بىر غايىنى چۈشەنمىگەنلىكتىن، شەخسىيىتى ۋە شەخسىي ھاياتىنى قىممەت بىلىپ، جېنىنى پىدا قىلالمايدۇ...
       دادىسى بىر نەچچە سائەت چۈشەندۈردى، پرىمو ئويلانغان ھالدا ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ، ئۆز ۋەتىنىنى، ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ياخشى بىلىۋالدى ۋە ئۇلۇغ تۈرك مىللىتىنى. بۈگۈنكى بىھۇش ھالەتتە تۇرغان ئۇلۇغ تۈرك خەلقىنىڭ پاجىئەسىنى چۈشەندى. دېمەك، بۇنىڭ ئالدىدا ئۆز پانىي ھاياتىنىڭ ھېچ ئەھمىيىتى يوق ئىدى. بۇ ۋاقىتلىق پانىي ھاياتىنى ئۇلۇغ تۈرك خەلقىنىڭ ئۇلۇغ ھاياتى ئۈچۈن پىدا قىلىشقا توغرا كېلەتتى. ب ىراق، بۇنىڭ ئۈچۈن قانداق قىلسا بولىدۇ؟...
       ھازىر پرىمو بۇلاردىن باشقىنى ئويلىمايتتى، ۋاقىتلىق ۋە ئەھمىيەتسىز قانداق پىدا قىلىدىغانلىقىنىڭ كويىدا ئىدى. ئەمدى تۈرك ئوفىتسېرلىرى كۆرۈنمەيدىغان بولۇپ قالدى. ئەجەبا، شاھزادە كونىستانتىننىڭ بەرگەن ئىجازىتى بىلەن ھەممىس ئىستانبۇلغا ياكى ئىزمىرگە كەتكەنمىدۇ؟ ئىككى كۈندىن بېرى ئاغرىپ ئۆيدىن چىقمىغان دادىسىدىن سورىدى.
       - ئىستانبۇلغا كەتكەنلەرمۇ بار مالام. بىراق، بۇلغارلار كەلگەندىن كېيىن قارشىلىق كۆرسىتىپتىكەن، يۇنانلىقلار ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئەسىرلەرگە ئوخشاش تۇتۇپ ئافېناغا ئەپكېتىپتۇ،- دېدى دادىسى.
       - ئۇھ!- دېدى پرىمو. ئۇ ئەسىر بولۇشنى ئىززەت-نەپسىگە تېگىدىغان ئېغىر، پەسكەش ۋە رەزىل بىر ئىش دەپ قارايتتى. دېمەك، ئۇرۇشتىن قاچقانلارنىڭ ھالى مانا مۇشۇ...
       ئەمدى ئۇلارنى پاسكىنا ۋە بىچارە توخۇلاردەك كاتەكلىرىگە سولاپ تېشىدىن قۇلۇپلايتتى... پرىمو بۇ ئىشقا خۇش ئىدى. بۇ قارا كۈنلەردە ئۇنىڭ بىردىنبىر خۇشاللىقى شۇ بولدى. چۈنكى، ئۇ بۇ ئوفىتسېرلارنىڭ كوچلاردا لاغايلاپ يۈرۈشلىرىنى زادى ياقتۇرمىغانىدى.
       ئەمدى ئۇ تېخىمۇ ئازادە يۈرەلەيتتى، ئۇنىڭغا كىچىك دەپ ھېچكىم دىققەت قىلمايتتى. ئۇ پىرىستانغا، قىشلاققا، ۋوگزالغا قىسقىسى ھەممە يەرگە بېرىپ، دۈشمەن ئەسكەرلىرىنىڭ، دۈشمەن ئوفىتسېرلىرىنىڭ خۇشاللىقلىرىنى تاماشا قىلدى. لېكىن، ئۇنىڭ سەبىي قەلبى ھامان ئۇلۇغ ۋەتىنى ئۈچۈن سوقاتتى، پانىي ھاياتىنى شانلىق تارىخقا يادنامە بولۇپ قالغۇدەك دەرىجىدە پىدا قىلىشنىڭ يولىنى ئىزدەيتتى.
       پرىمو ئېگىز بىر مەرمەر تاشنىڭ ئۈستىدە ئارسىلاندەك تۇراتتى. قولىدا يوغان بىر قىزىل بايراق، بېشىدا يارىشىملىق تۈركچە پاپاخ... ئالدىدىكى مەيدان مەغلۇپ بولغان دۈشمەن ئەسىرلىرى بىلەن تولغانىدى. پرىمو مۇھاپىزەتچىگە:
       - ئالدى بىلەن پادىشاھلار كەلسۇن...- دەپ ئەمىر بەردى.
       دۇرۇس، شاكىچىك ئوغۇز خۇددى فرانسۇزلارنىڭ ژېئاننې دىئاركىغا ئوخشاش تۈركلەرگە باش بولۇپ پۈتۈن دۈشمەننى چېكىندۈرۈپ، مەملىلكەتلىرىنى تالان-تاراج قىلىپ، ئاخىردا پادىشاھ-خانىشلىرى، شاھزادە-مەلىكىلىرى، مارشال-گېنېراللىرىغىچە ھەممىسىنى ئەسىر قىلدى. ئەمدى، بۇ سەككىز يۈز مىڭ كىشىنىڭ ھاياتى ئۇنىڭ بىر ئېغىز سۆزىگە باغلىق ئىدى... ئۇلار خاتىرە مۇنارىنىڭ تۈۋىگە كېلىپ بىر قوشۇق قېنىنى تىلىمەكتە ئىدى... ھەيۋەتلىك ئالقىش ساداسى ئىچىدە مۇمداق بىر چۇقان كۆتۈرۈلدى:
       - سالام ئوغۇز...
       ياشىسۇن ئوغۇز...
       .......
       - ياشىسۇن شانلىق جاھانگىر ئوغۇز...
       توپنىڭ ئارىسىدىن تۆت كىشى ئالدىغا كەلدى. بۇلار پادىشاھ  فەردىناند، پادىشاھ يورگىيۋېىچ، پادىشاھ نىكىتا، پادىشاھ يوريىلار ئىدى. باشلىرىنى ئېگىشكەن ھالدا تاشنىڭ ئالدىغا كېلىپ قاتار تۇرۇشتى. ئوغۇز قولىدىكى يوغان قىزىل بايراقنى ئۇلارنىڭ ئۈستىدە لەپىلدەتتى ۋە:
       - تىترمەڭلار، قورقماڭلار، سالەر ھازىر ئۇلۇغ تۈرك بايرىقىنىڭ ئاستىدا تۇرىسىلەر، ئۇنتۇماڭلاركى، سىلەرنىڭ ئاتا-بوۋاڭلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى مانا مۇشۇنداق بولغان، مۇشۇ خاتىرە مۇنارىنىڭ ئالدىدا تىز پۈككەن، باش قويغان. قېنى، بېشىڭلاردىكى تاجلىرىڭلارنى ئېلىپ پۈتۈن تاجىڭلارنىڭ قەھرىمان ئىگىسى بولغان تۈرك ئوغۇزىغا تاپشۇرۇڭلار!- دېدى.
       جانلىق قارانچۇققا ئوخشاپ قالغان بۇ تۆت ئەرباب تاجلىرىنى قوللىرىغا ئېلىشىپ، شا كىچىك ئوغۇزنىڭ ئايىغى تۈۋىگە قويۇپ، ئۇنىڭ ئايىغىغا باش قويدى... پۈتۈن مەيداننى قاپلىغان ئەسىرلەر جىمجىت بولۇشۇپ، قورقۇنچلۇق، ھەيۋەتلىك بىر سۈكۈت مەيدانغا كەلدى. بۇ تىمتاھسلىق ئىچىدە ئوغۇزنىڭ ئىنچىكە، لېكىن پۇلاتتەك كۈچلۈك ساداسى كۆتۈرۈلدى:
       - ئەي فەردىناند! بۈگۈنىڭنى ئويلىمىغانمىدىڭ؟ تارىختىن زادى خەۋىرىڭ يوقمىدى؟ تۈركلەرنى تۈگەشتى دەپ ئويلىدىڭ، ئۇلارنىڭ نەسىللىرى بۇزۇلۇپ، شالغۇتلىشىپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلدىڭ. يالغاندىن پوپ بولۇۋېلىپ يىگىرمىنچى ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇيالماستىن بىزگە قارشى ئۇرۇش ئاچتىڭ، ۋەھشىي ئەسكەرلىرىڭگە قىزلىرىمىزنى، ئاياللىرىمىزنى، قېرىلىرىمىزنى پارە-پارە قىلدۇردۇڭ، خاقانلىرىمىزنىڭ چوڭ مەسچىتلىرىنى، قەدىمكى قەھرىمان ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ مۇقەددەس قەبرىلىرىنى توپقا تۇتقۇزدۇڭ، ئاڭلاپ باقمىغان جىنايەتلەرنى قىلدۇردۇڭ، مانا بۈگۈن سەن ئۇخلاۋاتىدۇ، قېتىپ قالدى، شورى قۇرىدى دەپ قارىغان تۈركلەر ئاخىر سېنى ئاياغ ئاستىغا ئالدى. ئېيتقىغا، ئەمدى سېنى نېمە قىلىۋېتەي؟...
       يان تەرەپتىن قارىغاندا ئەگرى بۇرنى بىلەن خۇددى بىر يىرتقۇچ بۈركۈتكە ئوخشايدىغان فەردىناند قىلغان پۈتۈن ئىشلىرى كۆز ئالدىدىن ئۆتۈۋاتقاندەك تىترەشكە باشلىدى. قالغان پادىشاھلارمۇ قورققىنىدىن ئەس-ھوشىنى يوقىتىپ لاغىلداپ تىترەيتتى.
       ئەسىرلەر ئىچىدىن ئەكىس سادا بىلەن ياڭرىغان ئۇزۇندىن ئۇزۇن بىر ئاۋاز جاراڭلىدى:
       - كەچۈر، ئۇلۇغ ئوغۇز، كەچۈر!
       تۈركلەر ئۇلارغا ھەمىشە مەردلىك كۆرسىتىپ كەلدى. بەش ئەسىرت يەنى بەش يۈز يىل ئۇلارنى ئۆز نېنى بىلەن باقتى. دۇنيادا تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدىغان ھەممە ھۆرمەت، ئەركىنلىكلەرنى ئۇلارغا بەردى. ئۇلار بۇ ياخشىلىققا مىننەتتار بولۇش ئورنىغا خائىنلىق قىلدى. شۇنداق، خائىنلىق قىلدى. خائىنلارنىڭ پاسكىنا قېنى، تۈركلەرنىڭ پارقىراپ تۇرىدىغان قىلىچىنى بۇلغاشقا ئەرزىمەيدۇ!
       كېيىن دەھشەتلىك بىر چۇقان كۆتۈرۈلۈپ، ئەسىرلەر ئۆز تىللىرى بىلەن غۇلغۇلا قىلىشىپ كەتتى. ئوغۇزنىڭ قەلبى يايراپ كەتتى. ئۇ قەھرىمانلارغا خاس ئالىيجانابلىق بىلەن شۇنداق دېدى:
       - ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار، بىچارە پادىشاھلار! ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار! سىلەرنى كەچۈرگەن ئۇلۇغ تۈركنىڭ قىزىل بايرىقىنىى سۆيۈڭلار!
       ئۇ بايراقنى خدا تاشتىن پەسكە ساڭگىلاتتى. فەردىناند يىغلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا ئېسىلىپ سۆيۈپ كەتتى. قالغان پادىشاھلارمۇ ئالدىراپ-تىنەپ بۇ مۇقەددەس بايراققا ئېسىلىشىپ ئۇنى قۇچاقلاپ سۆيۈشكە باشلىدى.
       چۇقان-سۈرەن بارغانسېرى كۈچىيىپ، بىردىن قاتتىق بوران چىقىپ، دەھشەتلىك يامغۇر چېلەكلەپ تۆكۈۋەتتى. ئەسىرلەر تەرەپ-تەرەپكە قېچىشىپ، سەلدەك يامراپ كۆزدىن غايىپ بولدى، ھاۋا گۈلدۈرلىمەكتە، ئوغۇزنىڭ ئالدىدىكى خاتىرە مۇنارىمۇ يىقىلىپ چۈشتى. لېكىن، پادىشاھلار تېخىچە ئۇنىڭ قولىدىكى بايراقنى سۆيۈشۈۋاتاتتى، شۇئاندا ئوغۇزنىڭ ئىچى ئېلىشىپ، بېشى قېيىپ، كۆزى قاراڭغۇلىشىپ كەتكەنىدى، تۇيۇقسىز ئويغىنىپ كۆزلىرىنى ئېچىپ قارىسا، ئورنىدا ئۆزى يالغۇز يېتىپتۇ.
       پرىمو كۆزلىرىنى ئۇۋىلاپ ئاچتى. ئۇنىڭ چۈشىدىكى ساراسىم داۋاملىشىۋاتاتتى. بىردىن تۆۋەندە يوچۇن ئاۋازى ئاڭلاندى. نېمە بولغاندۇ؟ ئۇ ئورنىدىن دەس تۇرۇپ دېرىزىگە يۈگۈردى ۋە دېرىزىنىڭ قاپقىقىنى ئېچىپ تاشقىرىغا قارىدى، غەلىتە ئىش، باغچىدا دۈشمەن ژاندارمىلىرى تۇراتتى.
       «ئەجەبا، بۇمۇ چۈشۈممۇ؟» دەپ قوللىرى بىلەن كۆزلىرىنى يەنە ب ىر قېتىم  ئۇۋۇلىۋېتىپ قارىدى. ياق، ياق، بۇ راست ئىش ئىدى. ئۇ جىددى ھەرىكەتكە كېلىپ پايپاقلىرىنى، ئىشتىنىنى كىيىپ، كاستۇمىنى ئۇچىسىغا ئارتىپ ئىشىككە يۈگۈردى. تۆۋەنگە چۈشۈپ قارىسا، بىر يۇنان ئوفىتسېرى دادىسى بىلەن سۆزلىشىۋېتىپتۇ. پرىمو دىققەت قىلىپ ئاڭلىدى.
       - ھۆكۈمىتىمىز سىزنىڭ ئۈستىڭىزدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ. بۇ تەكشۈرۈش ئاخىرلاشقۇچە قاماققا ئېلىنىسىز. قورقماڭ، ھاياتىڭىز خەۋىپ ئىچىدە ئەمەس،- دېدى ھېلىقى ئوفىتسېر.
       دادىسىنىڭ چىرايىدا قان قالمىدى. ئۇنى نېمە ئۈچۈن قاماققا ئالىدۇ؟ بۇ تەلەيسىز بىچارە بۇ خائىن ئەبلەخلەرگە ھېچقانداق نارازىلىق بىلدۈرمىدى ھەتتا گرېكچە:
       - مەن تەييار، جانابلىرى، ماڭامدۇق؟- دەپ، خۇددى بايىقى پادىشاھلاردەك بېشىنى ئەگدى.
       - مەنمۇ بارىمەن، مەنمۇ!...- دېدى پرىمو.
       ئوفىتسېر دادىسىدىن قاتتىق سورىدى:
       - بۇ كىم؟
       - ئوغلۇم، جانابلىرى.
       - ئانىسى قەيەردە؟
       - بۇ يەردە ئەمەس.
       - قىزىڭ يوقمۇ؟
       - يوق جانابلىرى.
       ئوفىتسېر پرىموغا ھۆمىيىپ قارىدى. ئانىسى ۋە ھەدىسىنى نۇمۇسسىزلارچە ئىزدىگەن بۇ ئەبلەخكە پرىمو ئالىيىپ-ئالىيىپ قارايتتى. ئوفىتسېر پرىمونىڭ ئىدارىگىچە بىللە بېرىشىغا رۇخسەت قىلدى.
       دادىسى ئەمىنە خانىمغا ئۆينى تاشلىۋەتمەسلىكنى ۋە پرىمونىڭ ئاش تامىقىنى ۋاقتى قەرەلىدە ئېتىپ بېرىشىنى، ئۇنىڭغا پرىمودىن پۇل ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىچارە ئايال خوجايىنىنى ئۆلتۈرگىلى ئېلىپ كېتىۋاتقاندەك ئۈن سېلىپ يىغلاپ، ئۇنى قۇتقۇزىۋېلىشقا تىرىشتى. خوجايىن ھېچۋەقەسى يوقلۇقىنى ئۇقتۇرماقچى بولۇۋىدى، ئەمىنە خانىم:
       - ۋاي مەن ئۇلارنى بىلىمەن، ئاسان قويمايدۇ!- دەپ قاتتىق يىغلاپ تۇرۇۋالدى.
       بۇ بىر پاجىئە بولدى، داچىدىن چىققۇچە قىيامەت بولۇپ كەتتى. دادىسى ئوفىتسېرنىڭ سول تەرىپىدە ماڭدى. پرىمومۇ سول تەرەپكە ئەگىشىپ ماڭدى. ژاندارمىلارنىڭ يېرىمى ئالدىدا يېرىمى كەينىدە، تاكى ئاق مۇنارغىچە شۇنداق مېڭىشتى. يولدىكى گرېكلار توپ-توپ بولۇشۇپ، خۇددى ئۆمۈر بويى كۆرۈپ باقمىغان ئەجنەبىيلەرنى كۆرۈۋاتقاندەك ھۆمىيىشىپ قارىشاتتى. دوقمۇش-دوقمۇشلارغا توپلانغان گرېك بالىلىرى: «ئوھۇي تۈركس، ئولتۇرۇپ سەدس» دەپ چۇقان سېلىشاتتى.
       ئۇلار «بىرلىك» كوچىسىدىكى بىر بىناغا كىردى. بۇ كونا تۈرك ئوفىتسېرلىرىنىڭ كۇلۇبى ئىدى. دادىسىنى قۇمانداننىڭ ياكى ساقچى باشلىقىنىڭ يېنىغا ئېلىپ كىردى بولغاي، پرىمو سىرتتا توپتوغرا يېرىم سائەت ئۆرە تۇردى.
       تامما بېرىپ كېلىۋاتقان گرېكلار ئۇنىڭغا چېقىلاتتى، ئىسمىنى سورىشاتتى، چىشىغا تېگەتتى، پرىمو ھېچقايسسىغا ئىنكاس قايتۇرمىدى. ھازىر ئۇلارغا پۇرسەت كەلگەنىدى. پۇرسەتتىن پەقەت قورقۇنچاقلارلا پايدىلىنىدۇ. غالىبلار ئىنتىقام ئېلىش ئۈچۈن ئەسلا پۇرسەتنى كۈتمەيتتى. مانا مۇشۇنداق بىر قورچاق ئەسكەرلا ئۆزىدەك قورالسىز بىر تۈرك بالىسىغا بۇنداق ۋاقىتلاردا بىر نېمە دېيەلەيتتى. ئىسىت، پرىمونىڭ قولىدا قورال بولسىچۇ كاشكى.
       دادىسى سىرتقا چىقتى، ئۇنىڭ ھارغىنلىقى، ئۈمىدسىزلىكى چىرايىدىن مەلۇم ئىسدى.
       - بالام،- دېدى ئۇ،- مەن بىر قانچە كۈنگىچە مەھبۇس بولىدىكەنمەن. تەكشۈرۈش پۈتكەندىن كېيىن ئىستانبۇلغا كېتىشكە رۇخسەت قىلىشقا قۇماندان ۋەدە بەردى، سەن ھازىر ئۆيگە قايىتىپ ھەر كۈنى بۇ يەرگە كېلىپ مېنى يوقلاپ تۇرغىن.
       ئۇ يانچۇقىدىن پورتمىنىنى چىقىرىپ ئوغلىغا سەككىز لىرا بەردى. بۇنىڭ ئىچىدە ئەمىنە خانىم بىلەن خىزمەتكارنىڭ ئايلىقلىرىمۇ بار ئىدى. يېمەك-ئىچمەك ۋە سەيپۇڭدىكى كىيىملىرىگە دائىر بىر قانچە نەرسىلىرىگىمۇ پۇل بەرگەندىن كېيىن پرىمونى سۆيۈپ تۇرۇپ، قۇلىقىغا:
       - بالام، قورقمىغىن،- دەپ پىچىرلىدى،- ئۇنتۇمىغىنكى، سەن بىر تۈرك پەرزەنتى، يىغلىما، كۆڭلۈڭنى بۇزما.
       نېمە ئۈچۈن يىغلىسۇن؟ يىغلاش ئاياللار، ئاجىزلار، ئىقتىدارسىزلار، چاكىنىلار، پەسكەشلەرگە لايىق-دە، ئۇ يىغلىمايدۇ، بەلكى يىغلىتىدۇ. ئۇنىڭ قەلبىدە يەنە بىر ئېچىنىش ھېسسىياتى ئۇرغۇدى. كۆز چاناقلىرىغا تولغان ياشلىرى تۆكۈلۈپ كېتەي دەپ قالغانىدى. ئۇ چوڭقۇر بىر نەپەس ئېلىپ:
       - ئەنسىرىمەڭ دادا، خاتىرجەم بولۇڭ!- دېدى.
       پرىمو دادىسى بىلەن خوشلىشىپ ئۆزىنى سىرتقا ئاتتى. ئىللىق كۈز قۇياشى پۈتۈن كوچىغا نۇرىنى چېچىپ تۇراتتى. ئاق مۇنارنىڭ كۆلەڭگىسى كەينىگە ئۆتكەنىدى. كۆپكۆك دېڭىز چايقىلىپ تۇراتتى. بىرمۇنچە ئەر-ئايال، قېرى-ياش يەھۇدىيلار قولۋاقلاردا ئۈزۈشۈپ ئوينىشىۋاتاتتى ۋە دۈشمەننىڭ برونېۋىكلىرىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىشۋاتاتتى. پرىمو سەلانىك تۈركلەرنىڭ قولىدىكى ۋاقىتلاردىكىگە ئوخشاش قولىنى كەينىگە تۇتۇپ سالماق قەدەملەر بىلەن ماڭدى. يېشىل يۇسۇن باغلىغان تاشلارنى يۇيۇپ چايقىلىۋاتقان سۇلار ئىڭرىغاندەك ئاۋاز چىقىراتتى. پرىمو ئۇزاقتىن ئۇزاق قاراپ كەتتى، ئامال قانچە؟ دۈشمەنلەر بەش يۈز يىللىق تۈرك يۇرتىنى بەش كۈن ئىچىدە چۈشىدە كۆرسىمۇ ئىشەنمىگۈدەك تېزلىك بىلەن بېسىۋالدى. ئاخىرىدا ئۆز ئۆيلىرىگىمۇ تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ دادىسىنى خۇددى بىر قاتىلنى تۇتقاندەك تۇتۇپ كەتتى. ھالبۇكى، دادىسى يا ئەسكەر ئەمەس، يا ھۆكۈمەت خىزمەتچىسى ئەمەس... بىر ئىنژېنېر ئىدى. بىر ئىنژېنېردا نېمە ئىش بولسۇن. ھېچ ئىش يوق! بىراق، ئۇلار ھامان ئاجى‍ز ۋە بوزەكنى ئىزدەيتتى، قارشى چىققان ھەر قانداق ئادەمنى بوزەك قىلاتتى. مۇساپىرلارنىڭ ئېيتقانلىرى كىشىنىڭ تۈكلىرىنى تەتۈر ئۆرۈيتتى: دۈشمەنلەر ھەممە تۈرك يېزىلىرىنى قاپلىغانىدى، ئەپۇ قىلىڭ دېگەنلەرنىمۇ كەچۈرمەيتتى، ئەرلەرنىڭ ھەممىسىنى ئوققا تۇتقان، كىچىك بالىلارنى خىرىستىئانلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەسىرلەر قاتارىدا يۇنانىستانغا ئەۋەتكەن ئاياللارنىڭ، گۈزەل قىزلارنىڭ ئىپپەت-نۇمۇسىغا تەگكەنىدى. ئۇ7لارنىڭ تۇتقان يولى «تاش ئۈستىدە تاش قالدۇرماسلىق» بولۇپ، مەقسىتى، كىچىك ئاسىيادا تۈرك نامىنى قالدۇرماسلىق ئىدى، تەبئىيكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈپ تۈگىتەتتى ياكى زۇلۇم سالا-سالا بۇ يەردىن تېزىتىۋېتەتتى. مانا بۇ ئۇسۇلنى غەربلىكلەر «تازىلاش» دەپ ئاتىغان، ئەينى ۋاقىتتىكلى ئىسپانىيىلىكلەر ئەندىلوستىكى ئەرەبلەرگە، كېيىن نرمىسلارغا خوتانتونىك يېنىدا ئىتادلىيىلىكلەر ترابلوستا تەدبىق قىلغان يىرگىنىشلىك قانلىق ئۇسۇلنى سەلانىكقىمۇ تەدبىق قىلاتتى. ھېلىمۇ ئەرلەرنى يىغىۋېلىپ ئوققا تۇتمىمىغىنىغا شۈكۈر. ئەمدى دادىسىدەك ھۇش كاللىسى جايىدا، گەپ قىلالايدىغان تۈرىكلەرنى يىغىۋېلىپ، كېيىن يالغاندىن پاكىت توقۇپ، پىتنە-ئىغۋا ئويدۇرۇپ چىقىپ، بىرمۇنچە ئائىلىلىكىلەرنى زاۋالغا ئۇچرىتاتتى. پرىمو ئايىغىنىڭ تۈۋىدە چايقىلىۋاتقان سۇلارغا قاراپ، ئۆز-ئۆزىگە: «ئەجەبا، ھېچبىر تۈرك بۇلارغا قارشى چىقماي، ھەممىسى باشلىرىنى ئېگىپ، بويۇنلىرىنى دۈشمەننىڭ تىترەك ۋە قورقاق قىلىچىغا تۇتۇپ بېرەرمۇ؟» دەيتتى. جەزمەن ئۆلۈمگە رازى بولغانىكەن، ئۆلمىگەندىمۇ ۋەتىنىدىن پۈتۈنلەي جۇدا بولغان، بەش يۈز يىللىق شان-شەرەپ ۋە ئۇلۇغلۇق بىلەن تولغان تارىخ يوققا چىققان ۋە بىتچىت بولغانىكەن، يەنە نېمە ئۈچۈن تەمتىرەيدۇ، يۇشۇرنىدۇ، شەخسى تىرىكچىلىكى بىلەن بولىدۇ؟... ئۇ بېشىنى تاتىلىدى. كۆكسىدە بىر ئاغرىق ھېس قىلدى. ئۇيقۇسى كەلگەندەك كېرىلىپ ئەسنىدى. شۇنداق، پرىمو بىر تۈرك، بۇنداق ھاقارەتلەرگە ئۇ ئەسلا رازى بولمايدۇ، ئىنتىقام ئېلىشتىن ۋاز كەچمەيدۇ... بىراق، بۇ ئىنتىقامنى قانداق ئېلىش كېرەك؟ ئۇ ئويغا چۈمگەن ھالدا مېڭىپ كەتتى. «بىرلىك » باغچىسىنىڭ ئالدىدا بىرمۇنچە ئاياللار ۋە يۇنانلىق ئوفىتسېرلار پاراڭلىشىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، مەكتەپتە ئەدەبىيات مۇئەللىمى يادلاتقان بىر شېئىرنى ئېسىگە ئالدى ۋە ئەتراپىدىكى پۈتۈنلەي شىلەپىلىك، قىلىچ ئاسقان، ھەربىي فورما كىيگەن دۈشمەن ئادەملىرىگە كۆز قىرى بىلەن قاراپ قويۇپ پەس ئاۋاز بىلەن:
       «تۈرك مەن ساڭا دۈشمەن، قالساممۇ تەنھا» دەپ قويدى ۋە ترامۋايغا چۈشۈپ، چۇڭقۇر خىيال ئىچىدە مېڭىپ كەتتى. داچىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ترامۋايدىن چۈشۈپ مەست ئادەملەردەك دەلدەڭشىپ قالدى. لېكىن، ئىچىدە قانداقتۇر بىر خۇشاللىق ھېس قىلاتتى. پۈتۈن دۇنياغا مەشھۇر بولغان بىر تۈركنىڭ، بىر تۈرك پەرزەنتىنىڭ ۋەتىنىدىن ساق چىقمايدىغانلىقىنى، ئۆلۈمنى نەقەدەر قىممەتكە توختىتىدىغانلىقىنى، يۇرتنىڭ، دادىسىنىڭ ئىنتىقامىنى ئالماي قويمايدىغانلىقىنى چۈشىنەتتى.
       ئۇ دەرۋازىدىن قورۇغا كىردى. خىزمەتكارنى ۋە ئەمىنە خانىمنى چاقىرىپ ئايلىقلىرىنى بەردى ۋە ئۇلارغا:
       - دادام بىلەن ئىككىمىز مېھمانخانىدا تۇرىمىز، ئەمدى سىلەر خالىغان يېرىڭلارغا كەتسەڭلار بولىدۇ. ئىككى كۈندىن كېيىن ئۆي سايمانلىرىنى يىغىشتۇرۇش ئۈچۈن بۇ يەرگە كېلىمىز، بىز بىلەن بىللە ئىستانبۇلغا كېتىشنى خالايدىغانلار بولسا مەرھەمەت،- دېدى.
       - مەن كېتىمەن،- دېدى ئەمىنە خانىم،- ئوغلۇم، مەن...
       - ناھايىتى ياخشى، ناھايىتى ياخشى...- پرىمو گەپنى ئۇزارتمىدى.
       داچىنى قۇلۇپلاپ ئاچقۇچنى دادىسىغا ئاپىرىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى، بۇنى ھېچكىم يالغان دەپ چۈشەنمىدى. يېرىم سائەت ئىچىدە ھەممىسى چىقىپ كېتىشتى.
       پرىمو ئۆيدە يالغۇز قالغانىدى. ئۇ چوڭقۇر بىر «ئۇھ» تارتتى. يېشىنىپ بىلەكلىرىنى سىلاپ قويۇپ، ئۆينىڭ تورۇسىغا قارىسدى. ئەمىنە خانىمنىڭ ئوغلى مۇستاپا ئەپكەلگەن مائوزېر تاپانچىنى يۇشۇرۇپ قويغان كارماردىن چىقاردى. ياغاچ قېپىنىڭ ئۈستىگە سەل توپا قونۇپ قالغانىدى، پۈۋلەپ تازىلىدى. ئىنتايىن مۇقەددەس بىر نەرسىنى تۇتقاندەك ھۆرمەت ۋە مۇھەببەتتىن ئۇنىڭ قوللىرى تىترەيتتى. قېپىنى ئېچىپ پارقىراپ تۇرغان تاپانچىنى قولىغا ئېلىپ سۆيۈپ، يالاپ، شوراپ كەتتى. ئۇنىڭدىن ئالغان لەززەت گويا قېنىغا ئۆتۈپ، تومۇرلىرىغا تارقىلىپ، ئۇنىڭغا باتۇرلۇق بېغىشلايتتى. ئۇ پەسكە چۈشۈپ ئىككىنچى قەۋەتتىكى ھۇجرىسىغا كىردى ۋە دېرىزىنىڭ ئالدىغا بېرىپ سىرتقا قارىدى. داچىنىڭ باغچىسى، باغچىنىڭ ئالدى چوڭ كوچا ۋە ترامۋاي يولى. ئۇ تەرىپىدە رىملىقلارنىڭ مەكتىپىگە بارىدىغان تار يول ۋە باغچىلىق ئۆيلەر تولۇق كۆرۈنەتتى. ئىھ، نېمىدېگەن چىرايلىق مەنزىرە!... بىر ئازدىن كېيىن بۇ يەر قانغا بويىلاتتى. پرىمو بۇ يەرنى ئۇرۇش مەيدانىغا ئايلامدۇرماقچى ئىدى. دادىسىنىڭ ھۇجرىسىغا كىردى ۋە ئۇ يەردىكى كىچىك ئۈستەلنى ئۆز ھۇجرىسىغا ئېلىپ چىقىپ دېرىزىنىڭ ئالدىغا قويۇپ، ئۈستىگە تاپانچىنى قويدى. ئاندىن چاقماق تېزلىكىدە پەسكە چۈشۈپ، كۆمۈرخانىدىكى مىشكاپلارنىڭ كەينىگە يۇشۇرۇپ قويغان ئوقلارنى ئېلىپ چىقىپ بىر-بىرلەپ ئېرتىپ تازىلىدى ۋە ئوندىن-ئوندىن قىلىپ ئوقدانغا تىزىپ، ئۇلارنىمۇ تاپانچىنىڭ يېنىغا قويۇپ قويدى. تاپانچىنى قېپىغا تاقاپ مىلتىق شەكىلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن، دېرىزە قاپقىقىنى قىيا يىپىپ قويۇپ، ئالدى بىلەن قارشىسىدىكى تار كوچىنىڭ دوقمۇشىنى، ئاندىن ترامۋاي يولىدىن ئۆتكەن بىر پوپنى قارىغا ئالدى. نىشان ياخشى تاللاندى. ئەمدى رىملىق ئەسكەرلەر ۋە ئواىتسېرلارنىڭ ئۆتۈشىنى كۈتۈ  پ ئۇلارغا شۇنداق ئوت ئاچاتتىكى، بىرىنىمۇ تىرىك قالدۇرمايتتى... بىر ئاز ئويلىنىپ: «ياق بۇ پەسكەشلەر قاچىدۇ...» دېدى. شۇنداق، ئۇلار تار كوچىنىڭ ئككى تەرىپىگە قېچىشاتتى، ئۇلارنىڭ بىرىنىمۇ ئاتالمىسىچۇ... بۇ ئېھتىماللىق ئۇنى يەنە ئويلاندۇردى. تاپانچىنى ئنستەلنىڭ ئۈستىگە تاشلاپ، دېرىزىنىڭ قاناتلىرىنى ئېچىپ يەنە سىرتقا قارىدى، «باغچىغا كىرسىچۇ... ئۇ چاغدا قاچالمايدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئېتىشىشقا مەجبۇر بولىدۇ.» بىراق، باغچىغا قانداق كىرسۇن؟ دادىسىنى ئالغىلى كەلگەن كۈنى ۋەزىپە بىلەن كىرگەن-دە، چاقىرسا قانداق بولار... لېكىن نېمدەپ چاقىرىش كېرەك؟ بىر باھانە تېپىش كېرەك ئىدى. ئىككى-ئۈچ سائەت ئويلا-ئويلا، ئاخىر قوللىرىنى قېقىپ كەينىگە ياندى. دېمەك، ئۇ بىرمۇن چە يۇنان ئەسكىرىنى داچىنىڭ باغچىسىغا تولدۇرۇشنىڭ يولىنى تاپقانىدى. لېكىن، ئالدىراپ كەتمەسلىكى كېرەك. ئۇنىڭ ئىنتىقامى ھەقىقىي تۈرك خەلقىنىڭ ئىنتىقامى بولۇپ، جىددىي ۋە سالماقلىق بولۇشنى تەلەپ قىلاتتى. ئۆز-ئۆزىگە «ئەتە، ئەتە...» دەپ قويدى. ئەتە ئەتىگەن... ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەتىسى يەكشەنبە ئىدى... ئىنتىقامنى ئالىدىغان بولسا پۈتۈن غالىب  دۈشمەنلەرنىڭ بىر يەكشەنبىلىك كەيىپلىرىنى بۇزاتتى. تۆۋەنگە چۈشۈپ، قول-بېشىنى يۇدى. كاستۇمىنى كىيىپ ئىشىكنى قۇلۇپلاپ سىرتقا چىقتى، سۆيۈملۈك يۇرتىنىڭ ئەتراپىنى كۆزدىىن كەچۈردى. ئىككىلا تەرىپى داچا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالدىدىكى باغچىنىڭ بىرلا دەرۋازىسى بولۇپ، قاچىدىغان باشقا يەر يوق ئىدى. ھاياجان ۋە خۇشاللىقتىن كۆڭلى يايراپ كەتتى. پىلانىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش ئۈچۈن دېپوغا بېرىپ باقتى، ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ باقتى... ئابدول خەمىدنىڭ داچىسىدىن ئۆتتى، فىلوكانىڭ قەھۋەخانىسىدا بايراملىق كىيگەن يەھۇدىيلار ئولتۇرۇشاتتى. ئۇ يەردىنمۇ ئۆتتى، ئۇزۇن ئەلىگە بارىدىغان تاشيولنى تەكشۈرۈپ كۆردى، بەختسىز تۈركلەرنىڭ يېڭى ياساپ پۈتكۈزەلمىگەن چوڭ ۋە ھەيۋەتلىك يېزا ئىگىلىك مەكتىپىنى يىراقتىن كۆردى.  يولنىڭ چىتىدە ئولتۇرۇپ شۇ يەردە كەچ كىرگۈزدى.
       پرىمو قايتىپ كەلگىنىدە قاراڭغۇ چۈشۈپ قالغانىدى. ھۇجرىسىغا چىقىپ سۆيۈملۈك قورالىنى قايتا قولىغا ئېلىپ سۆيدى. ئەگەر ئۇ بولمىسا ئەتە ئىنتىقامىنى قانداق ئالالايتتى؟ تۈرك مىللىتىنىڭ تېخى مەۋجۇتلۇقىنى دۈشمەنگە قانداق كۆرسىتەتتى؟... بۇ مۇقەددەس قورالغا ئوقلارنى تولدۇرۇپ پاينىكىنى مۈرىسىگە قويۇپ يەنە تاشقىرىدا ھەر خىل يەرلەرنى قارىغا ئېلىپ باقتى . پرىمو ئۇنىڭغا يېنىش-يېنىشلاپ قاراپ تويمايتتى. بۇ ئاخشام چىراغنى ياقمىدى. قورالنى قولىدا تۇتۇپ، ھۇجىرىنىڭ ئىچىدە ئۇياقتىن-بۇياققا مېڭىپ يۈردى. ئۇ ئەتىنى، ئەتىكى غەلىبىسىنى ئويلايتتى. دۈشمەنلەر: «بەش يۈز يىلدىن بېرى تۈركلەرنىڭ قولىدا تۇرغان سەلانىكنى تارتىۋالساقمۇ، بىزگە قارشى بىرمۇ ئوق ئېتىلمىدى» دەپ قالمىسۇن ۋە تۈرك ئوغلىنىڭ قەھرىمانلىقىنى كۆرسۇن- دە! ئۇ ئۆز-ئۆزىگە كاماندا بەرگەندەك: «ئەمدى ياتايلى...» دېدى. شۇنداق، ئەتە ئەتىگەن تۇرۇشقا توغرا كېلەتتى. ئۇنىڭ ئۈچۈن، كېچىنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزمەسلىكى، بالدۇر يېتىپ ياخشى دەم ئېلىپ، ئەتىسى تېتىك تۇرۇشى كېرەك ئىدى. تۆۋەنگە چۈشۈپ باش-كۆزىنى يۇيۇپ ھۇجرىسىغا كىرىپ تاپانچىسىنى قۇچاقلىغان پېتى يېتىپ قالدى. ئۇ ئىچىدە «ئىھ، مۇمكىن بولسا ئەتە مېنى ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋەزىپىسىنى ئىپادىلەيدىغان مۇشۇ مۇقەددەس قورال بىلەن بىللە كۆمسە ئىكەن...» دەپ ئويلايتتى. مازار ۋە گۆرنى ئېسىگە ئالدى. ئۇ يەر ئېھتىمال قاراڭغۇ ۋە چوڭقۇر سۇسىز قۇدۇققا ئوخشايدىغاندۇ. ئۆلۈمچۇ؟... ئۇ كونىلارنىڭ، قېرى-چۆرىلەرنىڭ ياكى مۇناپىقلارنىڭ، يەھۇدىيلارنىڭ ياكى بولمىسا بولمىسا ئاياللارنىڭ ۋە قورقۇنچاقلارنىڭ ئويلىغىنىدەك مۇدھىش ۋە قورقۇنچلۇق نەرسىمىدۇ؟...ياق،ياق... مەكتەپتە ئەدەبىيات مۇئەللىمى نادانلارنى شۇنچە قورقۇتقان بۇ ئۆلۈمنىڭ چىرايلىق بىر چۈش ۋە قاتتىق بىر ئۇيقۇ... شۇنداق بىر ئۇيقۇكى، باش-ئايىغى يوق... ئۇنىڭدىن ئويغانغىلى بولمايدۇ. ھالبۇكى، ھاياتچۇ؟...يالغۇز ھاياتنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق. چۈنكى، بىر كىشى ھەرقانچە كۆپ ياشىسا يەتمىش، سەكسەن يىل ياشىشى مۇمكىن، ئۆلۈم مۇتلەق ۋە مۇقەررەر، ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش مۇمكىن  ئەمەس. ئومۇمىي مىللىي ھاياتقا كەلسەك... مەسىلەن، ۋەتەنپەرۋەرلىك ... دۇنيا مەۋجۇت ئىكەن، ۋەتەنپەرۋەرلىك مىڭ يىل، يۈز مىڭلارچە يىل ئالىي ۋە ئۇلۇغۋار ياشاۋېرىدۇ. ئەسلى بۇ مىللىي ھايات ئەنئەنىسى مۇقەددەسلىكى، ئادەتلىرى، شان-شۆھرەتلىرى، قىسقىسى تارىخى بىلەن قىممەتلىق ۋە ئەھمىيەتلىك، ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، بىر ئادەم يەتمىش يىل بىچارىلىك، قۇللۇق ۋە رەزىللىك بىلەن ئۆتكۈزگەن ھاياتى بىلەن مەغرۇرلىنالمايدۇ. لېكىن، ئۇلۇغ ۋەتىنى، شانلىق خەلقىگە مەنسۈپ بولۇش ۋە ئۇنىڭ يولىدا ئۆلۈش ... مانا بۇ ئىپتىخارلىنىشقا تېگىشلىك ئىش. پرىمو ئەدەبىيات مۇئەللىمىنىڭ: «باقىي قالغان بۇ قۇببەدە بىر خۇش سادا ئىمىش» دېگەن ئىزاھاتىنى ئېسىگە ئالدى. يېگانە ۋە پانىي ھاياتتا بەخت، ئۈمىد ھېس قىلىشقا ۋە ئىپتىخارلىنىشقا پەقەت بىرلا نەرسە بار. ئۇ بولسىمۇ تارىختا نامىنى قالدۇرۇش، كىيىنكى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ كاللىسىدا ئۇنتۇلماس ئىز قالدۇرۇش. بۇنىڭ ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟ دادىسى ئېيتقاندەك، «ناھايىتى چوڭ ئىشلارنى قىلىش... كىشىنى ھەيران قالدۇرارلىق قەھرىمانلىق، غايەت زور جاسارەت كۆرسىتىش كېرەك...». دېمەك، ئۇ ئۇلۇغ تۈرك خەلقى ئۈچۈن ئەرزىمەس ۋاقىتلىق ھاياتىنى ئايىسا قانداق بولىدۇ؟ ھاقارەت، ئاھانەت، لەنەتلەر ئىچىدە قېرىپ، ئاغرىپ، كېسەل ۋە زەئىپ، ئورنىدىن تۇرالمايدىغان، ئىقتىدارسىز موماي، بوۋايلاردەك ئۆلمەمدۇ؟
       ئۇ چاغدا ئۇنىڭ نامى تارختىن ئورۇن ئالالامدۇ؟ ياق... ئەسلا... بۇنداق ئەرنىڭ ئۆلۈمىنىڭ دۇنيادا ئات-ئېشەك، ئىت-مۈشۈكلەرنىڭ ئۆلۈمىدىن نېمە پەرىقى بار؟ ئات-ئېشەك، ئىت-مۈشۈكلەر تۇغۇلىدۇ، ياشايدۇ، ئۆلىدۇ، لېكىن  ھەممىسى ئۇلۇغ ۋە ئىجتىمائىي بىر ھاياتقا ئىگە بولالمىغانلىقتىن، ئۆلۈش بىلەن تەڭلا ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ. دۇنيادىن قانچىلىغان ئات-ئېشەك، ئىت-مۈشۈكلەر ئۆتكۈندۇ. لېكىن بىرەرىنىڭمۇ ترىختا نامى قالمىغان. ھالبۇكى، قەھرىمانلار ئۇنانداق ئۆلەمدۇ؟ تۆت مىڭ يىلنىڭ ئالدىدىكى بىر قەھرىماننىڭ مەدھىيىسى بۈگۈنگىچە تىلغا ئېلىنماقتا.
       پرىمو بۇلارنى ئويلاپ كۆزلىرىنى يۇمۇۋالدى ۋە سۆيۈملۈك مائوزېر تاپانچىسىنى تېخىمۇ باغرىغا باستى. ئۇ ئۇيقۇسىدا بىرمۇنچە چۈشلەرنى كۆردى. ئاپئاق تۇمان ئىچىدىكى بىر چۈشلەردە ئۇ قىپقىزىل ئىسسىق قانلارغا بويالغان بۇ كەڭ دالىدا مىليۇنلارچە دۈشمەن ئۆلۈكى بىلەن تولغان ئۇرۇش مەيدانىدىن كېلىۋاتاتتى... خەتەرلىك يارنىڭ بېشىدا بوز تۇلپارنى ئوينىتاتتى... كۈنچىقىش تەرەپتىن بىر ھىلال ئاي كۆك ئاسماندا ئېگىز ئۆرلەپ كېلىۋاتاتتى... ئۇنىڭ ئىچىدە كىچىككىنە بىر يۇلتۇز بار ئىدى... پرىمو ھاياجان ئىچىدە قاراپ تۇراتتى... ئاياغلىرىدا بىر نەملىك سېزىلدى، ئېڭىشىپ قارىسا، تىزلىرىغىچە قانغا كېچىپ تۇراتتى... مانا بۇ ۋەتەن دۈشمەنلىرىنىڭ قېنى... بۇ چەكسىز قىزىل قان كۆلى ئۈستىدە سامادىكى ئاي ۋە يۇلتۇزنىڭ شولىسى ئەكىس ئېتىپ تۇراتتى... مانا بۇ ئۇلۇغ، مۇقەددەس بايرىقىمىزنىڭ مۇجەسسەم مەنىسى...
      

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.