بىر ئالىقاپنىڭ چۈشى(دوستويېۋىسكى)

يوللىغۇچى : Ezize يوللىغان ۋاقىت : 2011-07-30 21:31:26

بىر ئالىقاپنىڭ چۈشى)فانتازىيلىك ھىكايە(دوستويېۋىسكى مەن بىر ئالىقاپ. ئۇلار مېنى ساراڭ دىيىشىۋاتىدۇ. ئەگەر مەن ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بۇرۇنقىدەك يەنىلا ئالىقاپ بولمىغىنىمدا ئىدى، ساراڭ دىگەن دەرىج...



    بىر ئالىقاپنىڭ چۈشى

    )فانتازىيلىك ھىكايە(

    دوستويېۋىسكى

     

       مەن بىر ئالىقاپ. ئۇلار مېنى ساراڭ دىيىشىۋاتىدۇ. ئەگەر مەن ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بۇرۇنقىدەك يەنىلا ئالىقاپ بولمىغىنىمدا ئىدى، ساراڭ دىگەن دەرىجەمنى بىر بالداق كۆتۈرگەن ھېسابلىناتتى. بىراق، مەن ئەمدى بۇنداق ئاتاشقا خاپا بولمايدىغان بولۇپ قالدىم. ھازىر ئۇلار ماڭا تولىمۇ يىقىملىق تۇيۇلىدىغان بولۇپ قالدى. ھەتتا مېنى مەسخىرە قىلغان چاغدىمۇ ئۇلار ماڭا تولىمۇ يىقىملىق تۇيۇلىدۇ. ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتمىغان بولسام بەلكىم ئۇلار بىلەن بىللە كۈلگەن بولاتتىم،- ئۆزەمنى دەپ ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى قىزىق ئىكەن دەپ كۈلگەن بولاتتىم. ئۇلارنىڭ ھەقىقەتنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئېچىندىم. مەن بولسام ھەقىقەتنى بىلىمەن. ھەي، ھەقىقەتنى بىرلا ئادەم بىلسە، بۇ ئادەم ئۈچۈن نىمە دېگەن ئازاب! لېكىن، ئۇلار بۇنى ھېس قىلالمايدۇ. شۇنداق، ئۇلار بۇنى ھەرگىز ھېس قىلالمايدۇ.

       خەقلەر مېنى شاللاق ۋە كۈلكىلىك دەپ قارايدۇ، بۇرۇن بۇنىڭغا دائىم كۆڭلۈم دائىم بەك يېرىم بولاتتى، مەن قارىماققا ئالىقاپ ئەمەس، بەلكى راست ئالىقاپ. مەن ئەزەلدىنلا ئالىقاپ. بۇ ئۆزۈمگە ئايان. ئېھتىمال دۇنياغا ئاشۇنداق تۆرەلگەن بولغىيدىم. ئۆزۈمنىڭ ئالىقاپ ئىكەنلىكىمنى بىلگەن چاغدا ئالاھىزەل يەتتە ياشقا كىرىپ قالغان بولسام كېرەك. كېيىن باشلانغۇچ، ئالى مەكتەپلەردە ئوقۇدۇم. ئاقىۋەت قانداق بولدى؟-ئوقۇغانسېرى ئۆزەمنىڭ ئالىقاپ ئىكەنلىكىمنى سەزدىم. شۇڭا مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا ئالى مەكتەپتە ئوقۇپ كۆپرەك بىلىم ئالغانلىقىم ئەڭ ئاخىرىدا قانچىلىك ئۆگەنسەم شۇنچە ئالىقاپ بولۇپ كېتىدىغانلىقىمنى ئىسپاتلاپ بەردى ۋە چۈشەندۈردى. ئۆگىنىشمۇ شۇ، تۇرمۇشمۇ شۇ. خالاس. يىللار ئۆتۈۋەردى. مەن ئۆزەمنىڭ ھەممە جەھەتتىكى ئىپادەمنىڭ ئەڭ شاللاق ئىكەنلىكىنى چىن قەلبىمدىن چۈشەندىم. بۇنداق چۈشىنىش ئۆزلۈكسىز كۈچىيىپ بارغانسېرى چوڭقۇر يىلتىز تارتتى. ھەممە ئادەم مېنى مەسخىرە قىلىپ تۇرىدۇ. بىراق ئەگەر دۇنيادا ھەرقانداق كىشىدىن ئالىقاپ ئىكەنلىكىمنى ئەڭ ئېنىق بىلىدىغان بىر ئادەم بار دېيىلسە ئۇ ئادەم ئۆزەم بولىمەن. بۇنى ھىچكىم چۈشەنمەيدۇ. شۇنداقلا ھىچكىم تېگىگە يېتەلمەيدۇ. ئەپسۇسلىنىدىغىنىم ئۇلار بۇ نۇقتىىنى بىلمەيدۇ. ئەمما مەنمۇ ئۆزەمدىن كۆرىمەن. مەن دائىم شۇنداق ھاكاۋۇرمەنكى ، باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئۆزەمنىڭ ئالىقاپلىقىنى زادىلا ئېتىراپ قىلمايمەن مەندىكى بۇنداق  ھاكاۋۇرلۇق يىلدىن يىلغا ئېشىپ باردى. ناۋادا باشقىلار ئالدىدا ئۆزەمنىڭ ئالىقاپلىقىنى ئېىراپ قىلىشقا يول قويسام، ئۇ ھالدا شۇنداق دەپ ئېيتالايمەنكى ، شۇ كۈنى كېچىسىلا ناگان بىلەن كاللامنىڭ قېتىقىنى چىقىرىۋىتەلمەيمەن. كىچىكىمدىن تارتىپلا ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھەمراھلىرىم ئالدىدا ئۆزۈمنىڭ ئالىقاپ ئىكەنلىكىمنى توساتتىن ئېتىراپ قىلىپ سېلىشتىن بەك ئەنسىرەپ كەلگەن ئىدىم. بىراق، مەن يىگىت بولۇپ يىتىلگىچە ئۆزۈمنىڭ غەلىتە مىجەزىمنى يىلدىن-يىلغا بەكرەك چۈشەنگەن بولساممۇ، ئەمما نېمىشقىدۇر كۆڭلۈم خېلىلا خاتىرجەم بولۇپ  قالدى. «نىمىشقىدۇر» دېگەنلىكىمنىڭ سەۋەبى شۇكى، تا بۈگۈنكى كۈنگىچە ئۇنىڭ نىمە سەۋەبتىن ئىكەنلىكىنى ئېنىق دەپ بېرەلمەيمەن. ئۇنىڭ سەۋەبى، ئېھتىمال، بىر ئەھۋال ماڭا ناھايىتى كۈچلۈك تەسىر قىلىپ، كۆڭلۈمدە بىر خىل قورقۇنچلۇق غەم داۋاملىق ئۆسۈۋاتقانلىقىدا بولسا كېرەك: كونكىرېت قىلىپ ئېيتقاندا، مەندە دۇنيادىكى ھەممە نەرسە مەن ئۈچۈن بىر تىيىن دىگەن ئېتقات پەيدا بولدى. مەن خېلى بۇرۇنلا بۇنى ئالدىن سەزگەن ئىدىم، بىراق مۇكەممەل ئېتقات ئۆيكەن يىلىلا نىمىشقىدۇر بىردىنلا ئېتىلىپ چىقتى. مەن تۇيۇقسىزدىن دۇنيا راسىت مەۋجۇتمۇ ياكى ھېچنىمە يوق قۇرۇق نەرسىمۇ،- بۇلارنىڭ ھەممىسى مەن ئۈچۈن بىر تىيىن ئىكلەنلىكىنى ھېس قىلدىم. مەن ئۆزۈمنىڭ ئەتراپىمداھېچنەرسە مەۋجۇت ئەمەس ئىكەنلىكىنى سېزىشكە باشلىدىم ۋە تولۇق ھېس قىلدىم. دەسلەپتە، مەن نۇرغۇن شەيئى ئۆتمۈشتە مەۋجۇت بولغان دەپ قارايتتىم، بىراق كېيىن ئويلاپ باقسام ئۆتمۈشتىمۇ قۇپ-قۇرۇق ئىكەن، پەقەت مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كىشىلەردە شۇنداق ب ولسا كېرەك دىگەن ھېسسىيات قالدۇرغان ئىكەن. مەن كەلگۈسىدىمۇ ھېچنەرسە بولمايدىغانلىقىغا بارا-بارا ئىشەندىم. شۇنىڭدىن باشلاپ، مەن بىردىنلا باشقىلاردىن خاپا بولمايدىغان، باشقىلارغىمۇ ئانچە دىققەت-ئېتىۋار بىلەن قارىمايدىغان بولدۇم. راستىنى ئېيتسام، بۇنداق ئەھۋال ھەتتا بەزىبىر ئۇششاق-چۈششەك ئىشلاردىمۇ ئىپادىلىنىپ تۇردى: ئېيتايلۇق، بازاردا كېتىۋېتىپ پات-پات باشقىلارغا ئۈسۈۋالىمەن. بۇ مېنىڭ خىيالغا چۆكۈپ كەتكەنلىكىمدىن ئەمەس: مېنىڭ خىيالغا چۆكۈپ كەتكىدەك نىمەم بار ئىدى. ئۇنداق چاغلاردا مەن ھەر قانداق نەرسىنى زادىلا ئويلىمايتتىم. چۈنكى مەن ئۈچۈن ھەممە نەرسە بىر تىيىن ئىدى. ئەگەر بەزى مەسىلىنى ھەل قىلالىغان بولساممۇ مەيلى ئىدى. كاشكى، بىرەر مەسىلىنىمۇ ھەل قىلالمىدىم. ھەل قىلغۇدەك مەسىلەم ساماندەك ئەمەسمىدى؟ ئەمما، ھەممە نەرسە مەن ئۈچۈن بىر تىيىن ئىكەنلىكىنى ئويلىساملا، ھەممە مەسىلە بىراقلا غايىپ بوپ كېتىدۇ.

       شۇنىڭدىن كېيىن، مەن ھەقىقەتنى تونۇۋالدىم. مەن ئۆتكەن يىلى 11- ئايدا، كونكىرېت ۋاقتى 11- ئاينىڭ ئۈچىنچى كۈنى ھەقىقەتنى تونۇۋالدىم. شۇنىڭدىن كېيىنكى ھەر بىر دەقىقە ۋاقىتنى ئەستە تۇتالايمەن. بۇ ۋەقە تۇمانلىق بىر كېچىدە يۈز بەردى. شۇ كېچىسى قاپ-قاراڭغۇ ئىدى. شۇ چاغ كەچ سائەت11 بولغان چاغ ئىدى. مەن ئۆيگە قايىتىۋېتىپ، بۇنىڭدىنمۇ دىمىق ۋاقىتنىڭ ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغانلىقىنى ئويلىغانلىقىم ھېلىمۇ ئېسىمدە. ھەتتا جىسمانى جەھەتتىنمۇ شۇنداق ھېسسىياتتا بولدۇم. يامغۇر ئەتىدىن كەچكىچە توختىماي يىغىپ تۇراتتى، سوغاق ئۇستىخانغا يىڭنىدەك سانجىلىپ كېچە بەك سۈرلۈك ۋە سۆرۈن تۇيۇلاتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىشىگە بىر خىل ۋەھىمە سېلىپ تۇراتتى، بۇ يامغۇرنىڭ قەستەن كىشىلەر بىلەن دۈشمەنلىشىۋاتقاندەك يېغىۋاتقانلىغى ھىلىمۇ ئېسىمدە تۇرۇپتۇ، يامغۇر سائەت ئون بىردە تۇيۇقسىزلا توختاپ قالدى. بۇ چاغدا قورقۇنچلۇق نەم ھاۋا يىتىپ كەلدى. بۇ نەم ھاۋا يامغۇر ياغقان چاغدىكىدىنمۇ سوغۇق ئىدى. جىمى يەردىن يولغا ياتقۇزۇلغان ھەر بىر پارچە تاشتىن، ھەممە كىچىك كوچىلاردىن نەم ھاۋا چىقىپ تۇراتتى. چوڭ كوچىدىن كىچىك كوچىلارنىڭ ئىچكىرىسىگە قارىساڭ ھەممە يەرنى تۇمان بېسىپ كەتكەن. ئەگەر كوچىلاردىكى گاز لامپىلار ئۆچۈپ كەتكەن بولسا، بەلكىم، كىشىگە تىخىمۇ ئازادىرەك تۇيۇلار دەپ ئويلىدىم بىردىنلا: گاز لامپىلار كىشىنى تىخىمۇ زېرىكتۈرىۋەتتى. چۈنكى بۇ لامپىلارھەممە ياقنى يورۇتۇپ تۇراتتى. شۇ كۈنى چۈشتە زادىلا ھېچنىمە يىمىدىم. كەچقۇرۇنلۇقى بالدۇرلا بىر ئېنژىنېرنىڭ ئۆيىگە بارسام، ئۇنىڭ ئۆيىدە ئىككى دوستى بار ئىكەن. مەن لام-جىم دىمەي ئولتۇردۇم. ئۇلار مەندىن زېرىكتى بولغاي، بەلكىم. ئۇلار ئادەمنى زوقلاندۇرىدىغان ئىشلار ئۈستىدە پاراڭ سوقۇشۇپ، بىردىنلا ناھايىتى ھاياجانلىنىپ كېتىشتى. بىراق، ئۇلار بىر پەس ھاياجانلانغىنى بىلەن، ئۇلار ئۈچۈنمۇ ھەممە نەرسە بىر تىيىن ئىكىنلىكىنى سەزدىم. «جاناپلار،- سۆز قىستۇردۇم مەن،- مېنىڭ قارىشىمچە، بۇ ئىش سىلەر ئۈچۈن ئەزەلدىنلا بىر تىيىنگە ئەرزىمەيدۇ.» ئۇلار گىپىمنى ئاڭلاپ خاپا بولمايلا قالماستىن، ئەكسىچە مىنى مازاق قىلىپ كەتتى. چۈنكى مىنىڭ گىپىمدىن باشقىلارنى ئەيىبلەش مەنىسى چىقمايتتى، پەقەت مەن ئۈچۈن ھەممە ئىش بىر تىيىن بولغانلىغىدىن بولدى. ئۇلار مېنىڭ ھەممە نەرسىنى بىر تىيىن دەپ قاررايدىغان پوزىتسىيەمنى سېزىۋالغانلىغى ئۈچۈن تازا ئېچىلىپ يايراپ كېتىشتى.

       مەن كوچىدا ئاسمان بوشلۇغىغا نەزەر سالغاچ گاز لامپىلار ئۈستىدە باش قاتۇرۇپ ماڭدىم. تۈن ئادەم قورققۇدەك قاراڭغۇ ئىدى، شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ بۇلۇت پارچىلىرىنى يەنىلا ئېنىق پەرقلەندۈرگىلى بولاتتى. بۇلۇتلار ئارىسىدىن پارچە-پارچە تېگى يوق داغلار كۆرۈنەتتى. بىر پارچە قارا داغ ئىچىدىن توساتتىن بىر كىچىك يۇلتۇزنى كۆردۈم-دە، ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ قالدىم. چۈنكى كىچىك يۇلتۇز ماڭا ئىلھام بەردى: مەن مۇشۇ كېچىدىلا بۇ دۇنيادىن جۇدا بولۇش قارارىغا كەلدىم.

        مەن بۇنىڭدىن ئىككى ئاي ئىلگىرىلا ئۆلۈۋېلىش قارارىغا كەلگەن ئىدىم. گەرچە ناھايىتى نامرات بولساممۇ خېلى ئوبدان بىر تاپانچا ئېلىپ قويغان ۋە شۇ كۈنىلا ئوقلاپ قويغان ئىدىم. ئەمما، ھەش-پەش دىگىچە ئىككى ئاي ئۆتۈپ كەتتى. تاپانچا يەنىلا تارتمامدا تۇرۇۋەردى: بىراق مەن ئۈچۈن ھەممە نەرسە بىر تىيىن بولغاچقا، ئەڭ ئاخىرقى بىر پۇرسەت تېپىپ ئۆزۈم ھەممە نەرسىنى بىر تىيىن دەپ قارىمايدىغان بولغان چاغدا بىر گەپ بولار دىگەن ئويغا كەلگەن ئىدىم. نىمە ئۈچۈن مۇشۇنداق ئىكەنلىكىنى ئۆزۈممۇ ئۇقمايمەن. شۇڭا، ئىككى ئايدىن بۇيان، ھەر كۈنى كەچتە ئۆيگە كىرىپلائۆزۈمنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈش خىيالىدا بولۇپ كەلدىم. پۇرسەت كۈتۈپ كەلدىم. ئەمدى بۇ كىچىك يۇلتۇز ماڭا ئىلھام بەردى. بۈگۈن تۈندە جەزمەن ھەركەت قىلىش قارارىغا كەلدىم. كىچىك يۇلتۇزنىڭ قانداق قىلىپ ماڭا ئىلھام بەرگەنلىكىگە كەلسەك، بۇنى ئۆزۈممۇ ھېچ چۈشىنىپ كېتەلمىدىم.

       ئاسمانغا قاراپ تۇراتتىم. بىر قىزچاق يىڭىمنى قاتتىق تارتتى. گويا قۇپ-قۇرۇق بولۇپ، بىرەر ئادەممۇ كۆرۈنمەيتتى. بىراق يەردە بىر يىنىك پەيتۇن تۇراتتى. ھارۋىكەش پەيتۇن ئىچىدە قاتتىق ئۇخلاۋاتاتتى. قىزچاق سەككىز ياشلاردا بولۇپ، بېشىغا ياغلىق چىگىۋالغان، ئۈستىگە قىسقا ھەم قارا پەشمەت كىيىۋالغان ئىدى. ئۈستىۋىشى چىلىق-چىلىقسۇ بولۇپ كەتكەن، بولۇپمۇ ئۇنىڭ سۇغا مىلىنىپ كەتكەن ئەسكى ئايىغى ئېسىمدە ناھايىتى ئېنىق تۇرۇپتۇ. ھەتتا ھازىرمۇ ئېسىمدىن چىقىپ كەتمىدى. ئۇنىڭ بۇ ئاياغ كىيىمى كۆزۈمگە غەلىتە كۆرۈنەتتى.  قىزچاق تۇيۇقسىزلا يىڭىمنى تارتىپ قويۇپ، ماڭا سالام بەردى، ئۇ يىغلىمىدى، بەلكىق دۇدۇقلاپ بىر نىمىلەرنى دەپ كەتتى. ئۇ توڭلاپ پۈتۈن بەدىنى تىتىرەۋاتقانلىغى ئۈچۈن، ئۇنىڭ گىپىنى زادىلا چۈشەنگىلى بولمىدى. ئۇ بىر نىمىدىن جېنى چىقىپ كەتكۈدەك قورقۇپ كېتىپتۇ،. ئېچىنىشلىق ھالدا «ئانا! ئانا» دەپ توۋلايتتى. مەن بۇرۇلۇپ ئۇنىڭغا قاراپ قويدۇم– دە، گەپ قىلماستىن ئۆز يولۇمغا مېڭىۋەردىم. ئەمما ئۇ يۈگۈرەپ كېلىپ مېنى توخىتىتىۋالدى. ئۇنىڭ گىپىدىن ئىنتايىن چۆچۈپ كەتكەن بالىنىڭ ئۈمىتسىزلىك ھېسسىياتى چىقىپ تۇراتتى. مەن بۇنداق گەپنى پەرقلەندۈرەلەيتتىم. قىزچاق گىپىنى تۈگىتەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن مەن شۇنى چۈشەندىمكى، ئۇنىڭ ئانىسى مەلۇم بىر يەردە سەكراتتا قالغان، ياكى ئۇنىڭ ئۆيىدە بىرەر ۋەقە تۇغۇلۇپ، ئۆزى ئادەم قىچقارغىلى چىققان. ئاپىسىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بىر نىمە تەلەپ قىلماقچى بولغان بولسا كېرەك. ئەمما، مەن ئۇنىڭ بىلەن بىللە بارمىدىم . ئەكسىچە، ئۇنى قوغلىۋەتمەكچى بولدۇم. مەن باشتا ئۇنىڭغا ساقچىغا بېرىڭ دىدىم. بىراق، ئۇ كىچىك قوللىرىنى گىرەلەشتۈرۈۋېلىپ، توختىماستىن ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى. ئارقامدىن قوغلاپ كېلىپ، مېنى قويۇپ بەرمىدى. مەن شۇ زاماتلا ئۇنىڭغا تېپچەكلەپ ۋارقىراپ سالدىم. ئۇ پەقەت: «بېگىم، بېگىم!..» دەپلا مېنى قويىۋېتىپ، يۈگۈرگەن پېتى كوچىنىڭ ئۇدۇل تەرىپىگە كەتتى: ئۇ يەردە بىر ئۆتكۈنچى ئادەم پەيدا بولدى. ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئۇ مېنى تاشلاپ شۇ ئادەمنى تاپماقچى بولدى.

       مەن ئۆزۈم ئولتۇرغان بەشىنچى قەۋەت بىناغا چىقتىم. ئۆي ئىگىسى بىلەن بىر يەردە ئولتۇرمايمەن. ئۇنىڭ بىر نەچچە ئېغىز ئۆيى بار. مېنىڭ ھوجرام ئاددى ھەم تار بولۇپ، ئۇنىڭ بالىخانلاردا ئادەتتە بولىدىغان يېرىم دۈگىلەك دېرىزىسى بار ئىدى. ئۆيدە كىليوتكا بىلەن قاپلانغان بىر سافا، بىر شىرە، شىرە ئۈستىدە بىر ئاز كىتاب، يەنە ئىككى ئورۇندۇق، يۇمشاققىنا بىر دىۋان بار. بۇ دىۋان گەرچە كونىراپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ھەر ھالدا يەنىلا ۋولتار دىۋانى①(يۈلەنچۈكلۈك ئېگىز بىر خىل دىۋان) ئىدى. مەن ئولتۇرۇپ، شام ياقتىم، ئاندىن خىيال سۈرۈشكە باشلىدىم. تاختاي بىلەن توسۇلغان نېرىقى ئۆيدە ئادەملەرنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ئۈچ كۈندىن بۇيان  ئۇلار توختىماي ۋارقىرىشىپ-جارقىرىشىپ كەلدى. ئۇ ئۆيدە ھەربىدىن چىكىنگەن بىر كاپىتان ئولتۇراتتى. ئۇ بىر قىسىم مېھمان- بەش- ئالتە قۇلاق كەستىنى چاقىرىپ كېلىپ، ۋوتكا ئىچىشىپ، كونا قارىتتا قىمار ئوينىشاتتى. ئاخشام ئۇلار ھەتتا مۇشلىشىپ قالغان ئىدى. ئىككەيلەن بىر بىرىنىڭ چېچىنى يۇلۇشۇپ خىلىغىچە قوييۇپ بەرمىگەنلىگىنى ئاڭلىدىم. ئايال ئۆي ئىگىسى ئۇلارنى ئەيىبلىمەكچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن  ھېلىقى كاپىتاندىن ئۆلگۈدەكل قورقاتتى. بۇ بىنادا يەنە بىر ئائىلە يەنى بىر ھەربى ئەمەلدارنىڭ ۋىجىك خوتۇنى ئولتۇراتتى. ئۇ باشقا جايدىن كۆچۈپ كەلگەن بولۇپ، قۇچقاچتەك كىچىك-كىچىك ئۈچ بالىسى بار ئىدى. كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن بالىلىرى ئاغرىپ يىتىپ قالدى. بۇ خانىم بىلەن بالىلىرى كاپىتاندىن بەك قورقاتتى. كېچىچە دىر-دىر تىتىرەپ، مەيدىسىگە كىرسىت سىزىپ چىقاتتى. كىچىك بالىسى قورقۇپ بىر خىل تارتىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بوپتۇ. بۇ كاپىتاننىڭ بەزىدە نېۋا كوچىسىدا ئۆتكەن-كەچكەنلەردىن تىلەمچىلىك قىلىدىغانلىغىنى ناھايىتى ئېنىق بىلوەتتىم. ئۇنىڭ خىزمىتى يوق ئىدى. ئەمما شۇنىسى ئاجايىپكى (مېنىڭ بۇنى تىلغا ئېلىشىمدىكى سەۋەب دەل مۇشۇ). ئۇ كۆچۈپ كەلگەن بىر ئاي ئىچىدە مېنى زېرىكتۈرمىدى. توغرا، مېنىڭ باشتىلا ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقۇم بار ئىدى. ئۇ ماڭىمۇ زادىلا قىزىقمىدى. ئۇلارنىڭ تامنىڭ نېرىسىدا قانچە ۋارقىراشقان-جارقىراشقانلىرى بىلەن، قانچە ئادەم بارلىغى بىلەن مېنىڭ زادىلا چاتىغىم بولمىدى. مەن كېچە-كېچىلەپ ئولتۇرۇپ چىقىمەن. ئۇلارنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلغانلىقىنى راست ئاڭلىماپتىمەن،- مەن ئۇلارنى پۈتۈنلەي دىگۈدەك ئۇنتۇپ قاپتىمەن. تۈن بويى ئۇخلىيالماي چىقىمەن. ئۆتكەن بىر يىلنى مانا مۇشۇنداق ئۆتكۈزدۈم. كېچىچە جوزا يېنىدىكى دىۋاندا ئولتۇرۇپ ۋاقىتنى بىكارغا ئۆتكۈزىمەن، پەقەت كۈندۈزى ئازراق كىتاب ئوقۇيمەن. شۇنداق ئولتۇرۇپ كېتىمەن. ھەتتا ھېچنىمىنى ئويلىمايمەن. كاللامغا ئازراق خىيال كىرىپ قالسىمۇ، ھامان ئۇنى كاللامدىن چىقىرىۋېتىمەن. ھەر ئاخشىمى بىر شامنى يىقىپ بولىمەن. ئۈن-تىنسىز جوزىنىڭ يىنىدا ئولتۇرۇپ، تاپانچىنى ئېلىپ چىقىپ ئالدىمغا قويۇپ قويىمەن. ئېسىمدە تۇرۇپتۇكى، تاپانچىنى قويۇپ قويۇپ، ئۆزۈمدىن: «بۇ قاداق قىلىق؟» دەپ سورايمەن، ئارقىدىنلا كەسكىن ھالدا ئۆزۈمگە «مۇشۇنداق قىلىش كېرەك» دەپ جاۋاب بېرىمەن. بۇ ئۆزۈمنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈشۈم كېرەك دىگەنلىك ئىدى. بۈگۈن كېچە جەزمەن ئۆزۈمنى ئۆلتۈرۈۋالىدىغانلىقىمنى بىلەتتىم. مېنىڭ جوزىنىڭ ئالدىدا يەنە قانچىلىك ئۇزاق ئولتۇرالايدىغانلىقىمغا كەلسەك- بۇنىڭغا بىر نىمە دىيەلمەيمەن. ھېلىقى قىزچاق بولمىغان بولسا، شەك-شۈبھىسىزكى، ئاللىبۇرۇنلا ئۆزۈمنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن بولاتتىم.

     

    2

       شۇنى بىلىپ قويۇڭكى، مەن ئۈچۈن ھەممە نەرسە بىر تىيىن بولسىم، لېكىن سەزگۈ جەھەتتىن ئالغاندا، تېخى ئاغرىقنى سېزەلەيمەن. بىرەرسى مېنى ئۇرسا، ئاغرىيدىغانلىغىنى سېزىمەن. روھىي جەھەتتىمۇ شۇنداق: ئەگەر ئادەتتىن تاشقىرى پاجىئەلىك ۋەقە تۇغۇلسا، ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىشنى بىلىمەن. مەن بۇرۇن شۇنداق ئىدىم. ئۇ چاغدا مەندە تۇرمۇشتىكى ھادىسىلەرگە بىر تىيىن دەپ قارايدىغان قاراش تېخى يوق ئىدى، يېقىندا، مەندە ئېچىنىش ھېسسىياتى بولغان ئىدى: ھېكىقى قىزچاققا مەن چوقۇم ياردەم قىلىمەن. بىراق، مەن ئۇنڭغا ياردەم قىلمىدىم، نىمە ئۈچۈن؟ بۇ ئەينى چاغدىكى بىردەملىك خاتا ئوي-پىكىردىن باشقا نەرسە ئەمەس: قىزچاق تېخى تارتتى، مېنى قىچقاردى. شۇ چاغدا بىر مەسىلە كاللامغا بىردىنلا كىرىۋېلىپ، ئۇنى ھەل قىلالمىدىم. مەسىلە بەك بىمەنە مەسىلە بولسىمۇ، لېكىن مېنىڭ تازا ئاچچىقىم كەلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاچچىقلاندىمكى، مەن بۈگۈن ئاخشام ئۆزۈمنى ئۆلتۈرۈش نىيىتىگە كەلگەنلىكىم ئۈچۈن، ئەمدىلىكتە دۇنيادىكى ھەممە نەرسە مەن ئۈچۈن تېخىمۇ بىر تىيىن بولىشى كېرەك ئىدى. نىمە ئۈچۈن مەندە كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە بولغان ئارىلىقتا ھەممە نەرسە بىر تىيىن ئەمەس ئىكەن ئوي تۇغۇلۇپ، بىر قىزچاققا ئىچ ئاغرىتتىم. ھەتتا يۈرىگىم ئاجايىپ مۇجۇلۇپ كەتتى. يۈرىگىم مەن تۇرغان ئەھۋالدا پۈتۈنلەي تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدە مۇجۇلۇپ كەتتى. ئەينى ۋاقىتتا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە بولغان ئارىلىقىتا بولغان ھېسسىياتنى تېخىمۇ ئ.وبدان ئىپادىلەپ بېرىشكە ھەقىقەتەن ئاجىزل؛ىق قىلىمەن. ئەمما بۇ ھېسسىيات تاكى ئۆيگە قايىتىپ جوزىنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇرغىچە ماڭا ھەمراھ بولدى. ناھايىتى بىئارام بولدۇم. ئۇزاققىچە بۇنداق بىئارام بولۇپ باققان ئەمەس. ھەر خىل ئەقلىي خۇلاسىلەر ئارقا-ئارقىدىن كاللامغا كەلدى. ئەھۋال ناھايىتى ئېنىقكى، مەن قۇرۇق نەرسە ئەمەس. بەلكى ئادەم ئىكەنمەن. ھازىرچە تېخى يوقلۇققا ئايلانمىغان ئىكەنمەن. دىمەك، مەن تېخى ھايات بولغاچقا، مەندىمۇ قايغۇرۇش ۋە ئىچ پۇشۇغى بولىدۇ. ئۆزۈمنىڭ قىلىقلىرى ئۈچۈن نۇمۇس قىلىمەن. خوش، شۇنداقمۇ بولسۇن دەيلى، بىراق، ئۆزۈمنى ئۆلتۈرۈۋالماقچى بولغان، ئېيتايلۇق، ئىككى سائەت ئۆتكەندە ئۆلۈۋالماقچى بولغان ئىكەنمەن، ئۇنداقتا، قىزچاقنىڭ مېنىڭ بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار؟ ئار-نۇمۇس دەمسەن، دۇنيادىكى جىمى نەرسىنى دەمسەن، بۇلارنىڭ مېنىڭ بىلەن نىمە چاتىغى؟ مەن تۈگىشىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمەن. ئۇ چاغدا تەل-تۆكۈس يوق بوپ كېتىمەن. مەن شۇنى تونۇدۇمكى، مەن ھازىرلا پۈتۈنلەي تۈگىشىمەن. شۇ سەۋەبتىن ھەممە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتىن قالىدۇ. بۇنداق ئوي-پىكىرىم قىزچاققا ئىچ ئاغرىتىشقا بولغان ھېسسىياتىمغا، پەسكەش ئىش قىلغاندىن كېيىن پەيدا بولغان نۇمۇسقا ئازراق تەسىر قىلمامدۇ؟ دىمەك، مەن دەل مۇشۇ سەۋەبتىن  بەخىتسىز قىزچاققا  تەپچىكلىگەن، تېخى ئۇنىڭغا قوپاللىق بىلەن ۋارقىراپ-جارقىراپ، ئىچىمدە گويا مۇنداق دىگەنگە ئوخشاش: «مەندە ئېچىنىش ھېسسىيانى يوق ئەمەس، ئەگەر ماڭا چىدىغۇسىز پەسكەش قىلىقلارنى قىل دىسە، ھازىرلا قىلالايمەن، چۈنكى ئىككى سائەت ئۆتكەندىن كېيىن ھەممە نەرسە يوقىلىدۇ.» مېنىڭ ۋارقىراپ-جارقىراپ كەتكەنلىكىمىڭ سەۋەبى مانا مۇشۇ، كۆپچىلىك بۇنىڭغا ئىشىنەمدۇ؟ بۇنىڭغا مەن ھازىر شەكسىز چوڭقۇر ئىشىنىمەن. شۇنىسى ئىنتايىن ئېنىقكى، تۇرمۇش بولسۇن، دۇنيا بولسۇن، ھازىر بۇلارنىڭ ھەممىسى ماڭا باغلىق بولۇپ قالدى. ھەتتا ھازىرقى دۇنيانى گويا مەن ئۈچۈنلا يارىتىلغان دىيىشكە بولىدۇ: مەن ئۆزۈمنى ئېتىپ ئۆلتۈرسەم، كەم دىگەندە، مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا، دۇنيا ئىككىنچى مەۋجۇت بولۇپ تۇرمايدۇ. مەن ئۆلگەندىن كېيىن، ئېھتىمال، ھەر قانداق ئادەمگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەممە نەرسە راستىنلا مەۋجۇت بولماي قېلىشى مۇمكىن. بۇنى سۆزلەپ ئولتۇرۇشنىڭ تېخىمۇ ھاجىتى يوق. ناۋادا، سېزىملىرىم يوقاپ كەتسە، پۈتكۈل دۇنيامۇ دەرھال يوقىلىدۇ. ئەرۋاھدەك، مېنىڭ سېزىملىرمگە پۈتۈنلەي بېقىنىدىغان نەرسىلەردەك ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىدۇ. چۈنكى بۇ دۇنيادا ۋە پۈتكۈل ئىنسانىيەتتە مەنلا بولۇشۇم مۇمكىن. ئېسىمدە تۇرۇپتۇكى، مەن ئولتۇرۇپ خىيالغا غەرق بولغاندا، ئارقا-ئارقىدىن ئۇچۇپ كەلگەن بۇ يېڭى مەسىلىلەرنى ياندۇرۇپ-ياندۇرۇپ ئويلاندىم. ھەتتا پىكىر-خىيالىم باشقا ياقلارغا كېتىپ قېلىپ، پۈتۈنلەي يوقلاڭ خىيالغا بېرىلىپ كەتتىم. مەسىلەن، مەن تۇيۇقسىزلا غەلىتە خىيالغا چۆكۈپ كەتتىم. ئەگەر مەن بۇرۇن ئاي شارىدا ياكى مارىستا ياشىغان بولۇپ، ئۇ يەرلەردە تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان ئەڭ نۇمۇسسىز، ئەڭ پەسكەش ئىشلارنى قىلغان، ئۇ يەرلەردە قارغىش ئالغان، تازا رەسۋا بولغان، يۈز-ئابرويۇم تۆكۈلۈپ پەقەت چۈشتىكى ياكى قارا باسقان چاغلاردىلا ھېس قىلالايدىغان ۋە تەسەۋۋۇر قىلالايدىغان دەرىجىگە يەتكەندە، يەنە مەسىلەن، مەن كېيىن يەر شارىغا كەلدىم ھەمدە باشقا سەييارىدىكى قىلغان-ئەتكەنلىرىم تېخى ئېسىمدە تۇرغان بۇنىڭدىن باشقا، ئۆزۈمنىڭ ھەر قانداق قىلىپمۇ ئىككىنچى قېتىم ئاي شارىغا قايتىپ چىقالمايدىغانلىغىمنى بىلگىنىمدە، بۇ چاغدا، يەر شارىدىن ئاي شارىغا قارىغىنىمدا،- ھەممە نەرسە مەن ئۈچۈن بىر تىيىن بولامدۇ، يوق؟ ئۆزۈمنىڭ ھەرىكىتىدىن نۇمۇس قىلىمەنمۇ، يوق؟ بۇ مەسىلىلەرنى ئويلاش پۈتۈنلەي ھاجەتسىز، ئوشۇق ئىش، چۈنكى تاپانچا ئالدىمدا تۇرۇپتۇ، تېنىمدىكى ھەر بىر تال، نېرۋا بۇ ۋەقەنىڭ چوقۇم يز بېرىدىغانلىغىنى سېزىۋاتىدۇ. بىراق بۇ مەسىلىلەر مېنى ھاياجانغا سالدى. غەزەپلەندۈردى. مەسىلىنىڭ ئېقىنى ئاق، قارىسىنى قارا قىلىپ، چىقمىغىچە مەن تېخى ئۆلەلمىگۈدەكمەن. گەپنىڭ قىسقىسى، قىزچاق مېنى قۇتقازدى. چۈنكى مەن مەسىلە ئۈستىدە پىكىر قىلىش تۈپەيلىدىن ئۆزۈمنى ئېتىش ۋاقتىنى كەينىگە سۈردۈم. شۇ چاغدا، كاپىتاننىڭ ئۆيىدىكى ۋاراڭ-چۇرۇڭ توختىدى: ئالار قارت ئويناپ بولۇپ ياتماقچى بولۇۋاتقاندا، كوتولدۇشۇپ چارچاپ قالغان بولسا كېرەك. بۇ چاغدا، مەن جوزا يېنىدىكى دىۋاندا ئولتۇرغان پېتى ئۇخلاپ قاپتىمەن. بۇ زادىلا بولۇپ باقمىغان ئىش ئىدى. پەقەت تۇيمايلا ئۇيقۇغا كېتىپتىمەن. ھەممىگە مەلۇمكى، چۈش دىگەن ئىنتايىن غەلىتە نەرسە: بەزى چۈش ئادەم چۆچۈگىدەك ئېنىق بولىدىكەن. ھەتتا تەپسىلاتلىرىمۇ نەپس ئىشلەنگەن مەرۋايىتتەك كەم-كۈتسىز بېجىرىم بولىدىكەن. بەزى چۈش بولسا غىل-پاللا ئۆتۈپ كېتىدىكەن. گويا ماكان بىلەن زامان ئارىلىغىدا تېز ئۇچۇشۇۋاتقاندەك، ھېچقانداق تەسىر قالدۇرمايدىكەن. چۈشنى تىزگىنلەپ تۇرغان نەرسە ئەقىل ئەمەس، بەلكى ئارزۇ-ئارمان، كاللا ئەمەس، بەلكى روھ ئىكەن. ئەمەلىيەتتە، مېنىڭ ئەقلىم چۈشۈمدە بەزىدە تازا نەيرەڭ ئىشلىتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ناھايىتى دانا! بۇ چاغدا، ئەقىلنىڭ چۈشتە پەيدا قىلغىنى پۈتۈنلەي چۈشىنىپ بولمايدىغان ئىشلار. مىسال ئۈچۈن ئېيتسام، ئاكامنىڭ ۋاپات بولغىنىغا بەش يىل بولدى. بەزىدە ئۇنىڭ ماڭا ياردەملىشىپ بېرىۋاتقانلىغى، بىزنىڭ بىر-بىرىمىزگە ناھايىتى كۆيۈنىدىغانلىغىمىز چۈشۈمگە كىرىپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تەڭ چۈشۈمدىمۇ ئاكامنىڭ ئاللىبۇرۇن ئۆلگەنلىگىنى، يەرلىگىگە قويۇلغانلىغىنى ناھايىتى ئېنىق بىلەتتىم ۋە ئېسىمدە بار ئىدى. ئۇ ئۆلگەن بولسىمۇ، يەنىلا يېنىمدا تۇرغان، ماڭا ياردەملىشىۋاتقان تۇرسا، بۇنىڭغا مەن قانداقسىگە ئازراقمۇ ھەيران بولماي تۇرالايمەن؟ ئەقىلم نىمە ئۈچۈن بۇ خىل ئىشنىڭ بولۇشىغا تامامەن يول قويىدۇ؟ بۇ ھەقتە ھازىرچە توختالمايلى. يەنىلا چۈشۈم ئۈستىدە توختىلايلى. راست، شۇ چاغدا، يەنى ئون بىرىنچى ئاينىڭ ئۈچىنچى كۈنى بىر چۈش كۆردۈم! ئۇلار ھازىرغىچە مېنى مازاق قىلىپ، بۇ دىگەن چۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس دىيىشتى. بىراق، بۇ چۈش ئارقىلىق ھەقىقەتنى چۈشىنىۋالغان ئىكەنمەن. ئۇنىڭ چۈش ياكى راسىت ئىكەنلىكىدىن قەتئىينەزەر، ھەممىسى مەن ئۈچۈن بىر تىيىن ئەمەسمۇ؟ ھەقىقەتنى چۈشەنگەن ۋە تونۇغان ئىكەنسەن، ئۇ ھالدا مەيلى ئۇخلا ياكى ئويغاق بول، ئىشقىلىپ بەرىبىر ھەقىقەتنى چۈشەندىڭ. بۇنىڭدىن باشقا ھەقىقەت يوق بولۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. ئۇنى چۈش دىسە مەيلى. چۈش بولىۋەرسۇن، سەنلەرنىڭ ماختاپ كۆككە كۆتىرىۋاتقان بۇ خىل تۇرمۇشىنى مەن ئۆلىۋېلىش يولى بىلەن ئاياغلاشتۇرماقچى بولۇۋاتىمەن. ھالبۇكى، مېنىڭ چۈشۈم، ئەنە شۇ چۈشۈم بولسا ماڭا بىر خىل ئۇلۇغ، نۇرلۇق، ھەممىسى يىڭىۋاشتىن باشلانغان، ھاياتى كۈچكە بولغان يېڭى تۇرمۇشنى گەۋدىلەندۈردى!

       گىپىمنىڭ داۋامىنى ئاڭلىغايسىز.

     

    3

       يۇقىرىدا ئۆزۈمنىڭ ئاڭسىز ھالدا ئۇخلاپ قېلىپ، گويا بايىقى مەسىلىلەرنى داۋاملىق ئويلاۋاتقاندەك بولغانلىغىم ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتۈم. تۇيۇقسىزلا بىر چۈش كۆردۈم: ئولتۇرغان يېرىمدە تاپانچىنى ئۆزۈمنىڭ يۈرىگىمگە- كاللامغا ئەمەس، يۈرىگىمگە توغرىلاپتىمەن. ئىلىگىرى تاپانچىنى چوقۇم كاللامغا، ئوڭ چېكەمگە توغرىلاش قارارىغا كەلگەن ئىدىم . تاپانچىنى مەيدەمگە دەللىگەندىن كېيىن، ئارىدىن بىرەر سىكونت ئۆتكەندە، توساتتىنلا ئۆيدىكى شام، جوزا ۋە تاملار ئالدىمدا پىقىراشقا ۋە تەۋرەشكە باشلاپتۇ، دەرھال بىر پاي ئوق چىقىرىپتىمەن.

     

       چۈشۈڭگە بەزىدە ئېگىزدىن يېقىلىپ چۈشكەنلىكىڭ، ياكى بىرەرسى سېنى ئۆلتۈرمەكچى، ئۇرماقچى بولغانلىقى كېرىپ قالىدۇ. ئەمما ھەرگىز ئاغرىغانلىقىنى ھېس قىلمايسەن. ئېسىڭنى بىلەلمەي ئۆزۈڭنى راستىنلا كارىۋاتقا ئۇرۇۋالغان بولساڭغۇ قاتتىق ئاغرىغانلىقىنى سېزىسەن، كۆپ ھاللاردا ئاغرىپ ئويغىنىپ كېتىشىڭ مۇمكىن. مېنىڭ چۈشۈممۇ شۇنداق: مەن ئاغرىق ھېس قىلماپتىمەن، پەقەت ئوق ئىچ-باغرىمنى قاتتىق تەۋرىتىۋەتكەنلىكىنى، ھەممە نەرسە بىردىنلا غۇۋالىشىپ، ئەتراپىم ئادەم قورققۇدەك قاراڭغۇ بولۇپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىپتىمەن. خۇددى قارىغۇ ۋە گاچىدەك بولۇپ كېتىپتىمەن. قاتتىق بىر نەرسە ئۈستىدە تاناپتەك تۈپ-تۈز بولۇپ، ئوڭدامغا يېتىپتىمەن. كۆزۈمگە ھېچنەرسە كۆرۈنمەپتۇ، مىدىر-سىدىرمۇ قىلماپتىمەن. بەزىلەرنىڭ ئەتىراپىمدا ئۇ يان-بۇ يان يۈگۈرەپ يۈرگەنلىكى، ۋارقىراپ-جارقىراپ يۈرگەنلىكى قۇلىقىمغا كېرىپ تۇرۇپتۇ. كاپىتاننىڭ ئەرلەر بويىچە تۆۋەن ئاۋازى ۋە ئۆي ئېگىسىنىڭ ئاياللار بويىچە يۇقىرى ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇرغۇدەك،- ۋاراڭ-چۇرۇڭ بىردىنلا توختاپ قاپتۇ، بايا ئۇلار مېنى ئاغزى قاتتىق ئېتىلگەن گىروپقا سېلىپ كۆتۈرۈپ مېڭىپتۇ. گروبنىڭ مىدىرلاۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم. بۇنىڭ زادى قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى ئويلاۋاتقىنىمدا بىر خىيال بىرىنچى قېتىم مېنى چۆچۈتۈۋەتتى: مەن ئۆلۈپتىمەن، ھەممە تۈگىشىپتۇ. بۇ ئۆزۈمنىڭ كۆڭلىدە ئېنىق ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنىڭدىن قىلچە گۇمان يوق، ھېچنىېمىنى كۆرمەيمەن ھەم مىدىرلىيالمايمەن. شۇنبداقترىمۇ يەنىلا ھېسسىيات بار ئىدى. پىكىر قىلالايتتىم. ئەمما، مەن ناھايىتى تېزلا بارىغا شۈكرى قىلىدىغان بولۇپتىمەن. ئادەتتە چۈش كۆرگەندەكلا رېئاللىقنى سوغۇققانلىق بىلەن ئېتراپ قىلىپتىمەن.

       ئۇلار مېنى يەرلىكىمگە قويۇپتۇ. خالايىقلار ئارقا-ئارقىدىن تارقاپ كېتىشىپتۇ، پەقەت ئۆزۈملا قاپتىمەن. قىمىر قىلالماپتىمەن. ئىلگىرى ھەقىقەتەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە گۆرگە كۆمۈلۈشۈم مۇمكىن دەپ ئويلىغان ئىدىم. تەسەۋۋۇرۇمدىكى گۆرگە باغلاپ قويۇلغان ھالىتىم پەقەت سوغۇق ھېسسىياتتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. ئەمدىلىكتە راستىنلا بەك سوغۇق ئكەنلىكىنى، بولۇپمۇ پۇتۇمنىڭ بارماقلىرى بەك مۇزلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى سېزىۋاتىمەن. بۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق نەرسىنى سەزمىدىم.

       مەن ياتتىم . ئەجەپلىنەرلىكى شۇكى، ھېچنېمىدىن ئۈمىد كۈتمىدىم. بىر ئۈلۈكنىڭ ھېچنىېمىگە ئۈمۈد باغلىمايدىغانلىغىنى كۆڭلۈم تىنغان ھالدا ئېتراپ قىلدىم. يەر بەك زەي ئىدى. قانچىلىك ئۇزاق ياتىدىغانلىقىمنى ئۆزۈممۇ بىلمىدىم،- بەلكىم بىر سائەت بىر نەچچە كۈن، ياكى نۇرغۇن كۈنلەر ياتقان بولۇشۇم مۇمكىن. بۇ چاغدا، تاۋۇتنىڭ قاپقىغىدىن بىر تامچە سۇ سىڭىپ- كېرىپ، يۇمۇقلۇق سول كۆزۈمگە چۈشۈپتۇ. مېنىڭ9 زەردەم قايناپ، يۈرىگىم بىردىنلا قاتتىق ئاغرىپ كېتىپتۇ. «بۇ ئوق تەككەن يېرىم بولسا كېرەك»- دەپ ئويلىدىم- «بۇ ئوق جاراھىتى. ئوق تېخىچە ئىچىدە تۇرۇپتۇ...» ھەر مىنۇتتا بىر تامچە سۇ يۇمۇقلۇق بىر كۆزۈمگە توپ-توغرا چۈشۈپ تۇراتتى. مەن تۇيۇقسىزلا دەرت تۆكۈشكە باشلاپتىمەن. ھەركەت قىلالمىغانلىقىم ئۈچۈن، ئاۋازىم بىلەن ئەمەس، بەلكى پۈرتۈن بەدىنىم بىلەن، مېنى مۇشۇ ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان خۇداغا دەرت تۆكۈپتىمەن.

       - كىم بولۇشۇڭدىن قەتئىينەزەر، مەۋجۇتلا بولىدىكەنسەن. ھازىر بۇ يەردە يۈز بەرگەن ۋەقەدىن تېخىمۇ ئەقىلگە مۇۋاپىق ئەھۋال ھىلىھەم مەۋجۇتلا بولسا، ئۇ مۇشۇ يەردە پەيدا بولسۇن، ئەگەر مەن ئەقلىدىن ئېزىپ ئۆزۈمنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقىمدىن ئۆچ ئېلىش نىيىتىدە مېنى بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇنداق قورقۇنچلۇق ۋە ئۇچىغا چىققان بىمەنە تۇرمۇش كەچۈرۈشكە مەجبۇر قىلساڭ، ئۇ ھالدا، شۇنى بىلىپ قويكى، مېنىڭ ھەر قانداق چاغدا چەككەن ھەر قانداق كۈلپىتىمنى مېنىڭ سۈكۈپ ئىچىدە بولغۇسى ئار-نۇمۇسۇمغا سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. ھەتتا تارتقان كۈلپىتىم يۈز مىليۇن يىللار داۋام قىلسىمۇ مەيلى!...

       دەرت تۆكۈپ بولۇپ ئىككىنچى لام-جىم دىمىدىم. جىمجىتلىق توپ-توغرا بىر مىنۇت دىگىدەك ھۆكۈم سۈردى. شۇ ئارىلىقتا يەنە بىر تامچە سۇ تېمىپ چۈشتى. لېكىن، بىلدىمكى، شۇنىڭدەك تولۇق ئىشەنچ بىلەن ۋە قەتئىي ھالدا بىلدىم ھەم ئىشەندىمكى، پۈتكۈل ئەھۋالدا دەماللىقا چوقۇم ئۆزگىرىش بولىدۇ. قەۋرەم توساتتىن يېرىلىپ كېتىپتۇ. قەۋرىنىڭ ئۆزى ئېچىلىپ كەتكەن ياكى بىرسى تەرىپىدىن قېزىپ ئېچىلغانلىقىنى ئاڭقىرالماي تۇرغىنىمدا، ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان قاپ-قارا بىر ئالۋاستى مېنى كاپپىدە تۇتۇۋېلىپ، ئەرشى-ئەلاغا ئېلىپ چىقىپ كېتىپتۇ.

    تۇيۇقسىزلا كۆزۈم ئېچىلىپ كېتىپتۇ، بايا تۈن كېچە ئىكەن. ئەلمىساقتىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان قاپ-قاراڭغۇ زۇلمەت ئىكەن! بىز يەر شارىدىن ئايرىلىپ، ئالەم بوشلۇغىدا ئۇچتۇق. مېنى تۇتۇۋالغان ھېلىقى ئالۋاستىدىن ئارتۇقچە بىر نەرسە سورىمىدىم. مەن كۈتتۈم. بەك قورۇندۇم. يۈرىگىمنى قاپتەك قىلىپ، قورقماس بولدۇم. ھېچنىمىدىن قورقماس بولغانلىقىمدىن  بەك خۇشال بولۇپ كەتتىم. زادى قانچە ئۇزاق ۋاقىت ئۇچقانلىقىمىز ئېسىمدە ئېنىق ئەمەس، شۇنداقلا ئېسىمگىمۇ ئالالمىدىم. چۈنكى ھەممە ئىش ئادەتتە چۈش كۆرگەندىكىگە ئوخشاش ئىدى. چۈشۈڭدە ماكان بىلەن زاماندىن ئۆتۈپ، مەۋجۇدىيەت ئالىمىدىن ھالقىپ  كۆڭلۈڭدە تەلپۈنگەن يەرگە بېرىپ توختايسەن. قاراڭغۇدا كۆزۈمگە بىر كىچىك يۇلتۇز كۆرۈنگەنلىكى ئېسىمدە. «بۇ ئاسمان بۆرىسىمۇ؟» دەپ سورىدىم مەن. بۇ گەپ ئاغزىمدىن ئىختىيارسىز چىقىپ كەتتى. ئىش يۈزىدە مېنىڭ ھېچنېمىنى  سۈرۈشتۈرگۈم ۇوق ئىدى. «ياق، سەن ئۆيگە قايتىۋېتىپ يولدا بۇلۇت ئارىسىدىن كۆرگەن يۇلتۇز مۇشۇ» دەپ جاۋاب بەردى مېنى تۇتۇپ تۇرغان ئالۋاستى. بۇ ئالۋاستىنىڭ ئادەم چىراي ئىكەنلىكىنى بايقاپ قالدىم. شۇ يېرى ئاجايىپكى، مەن بۇ ئالۋاستىنى ياخشى كۆرمىدىم، ھەتتا ئۇنىڭدىن بىزار بولدۇم. مەن پۈتۈنلەي يوق بولۇپ كېتىشنى كۈتكەن ئىدىم. دەل مۇشۇنداق بولغاچقا، تاپانچىنى يۈرىگىمگە توغرىلاپ ئاتقان ئىدىم. ئەمدىلىكتە بولسا، مەن ئالۋاستىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالدىم. تەبئىيكى ئۇ ئىنسان ئەمەس. بىراق ئۇ بەرىبىر مەۋجۇدىيەت، يەنە كېلىپ تىرىك-جانلىق نەرسە: «بايا قەۋرە سىرتىدىمۇ ھاياتلىق بار ئىكەن-دە!» مەن چۈش كۆرگەندەك قالايمىقان ئوي-خىيالغا چۆكۈپ كېتىپتىمەن، لېكىن قەلبىمنىڭ چوڭقۇر يېرىدە ھېچقانداق چوڭ ئۆزگىرىش بولمىدى: «ئەگەر قايتا تېرىلىش زۆرۈر بولۇپ قالسا- دەپ ئويلىدىم مەن،- يەنە قارشى تۇرۇپ بولمايدىغان مەلۇم بىر خىل ئىرادىنىڭ ھۆكۈمرانلىغى ئاستىدا كۈن كەچۈرۈشكە توغرا كېلىدىكەن. ئۇنداقتا، ھەرگىز زۇلۇم چېكىشنى ۋە خارلىنىشنى خالىمايمەن!» «سەندىن قورقىدىغانلىقىمنى بىلگەچكە، مېنى كۆزگە ئىلمايۋاتىسەنغۇ؟» دىدىم تۇيۇقسىزدىن ھەمراھىمغا، مەن ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماستىن يۈز-ئابرويىمغا ئاھانەت كەلتۈرىدىغان بىر سوئالنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. بۇ سوئال ھەممىگە ئايان بولغان، يۇشۇرغىلى بولمايدىغان مەنىگە ئىگە بولغاچقا، يۈرىگىمگە يىڭنە سانجىلغاندەك ئىزا-ئاھانەتتە قالدىم. ئۇ مېنىڭ سوئالىمغا جاۋاپ قايتۇرمىدى. ئەمما مەن شۇ زاماتلا ئۇنىڭ مېنى كەمسىتمەيدىغانلىقىنى ۋە مازاق قىلمايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ماڭا ھېسداشلىقمۇ قىلمايدىغانلىقىنى سەزدىم. بىزنىڭ مۇساپىمىز ئېنىق بولمىغان، مەن ئۈچۈنلا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر مەنزىل ئىدى. ئىچىمدە بارا-بارا قورقۇشقا باشلىدىم. ئۈن-تىنسىز بىر خىل «دىلخەستىلىك لام-جىم بولۇۋالغان ھەمراھىمدىن پۈتۈن تېنىمغا سېڭىپ كەتكۈدەك تەسىر قىلدى. بىر قاپ-قاراڭغۇ يات ھاۋا بوشلۇقىدا تېز ئۇچۇپ كېتىۋاتاتتۇق. ئۆزۈمگە تونۇشلۇق بەزى يۇلتۇزلار تۈركۈمىنى خېلى ۋاقىتقىچە كۆرمىدىم. ماڭا مەلۇمكى، پايانسىز كەڭ ئالەم بوشلۇقىدا بەزى يۇلتۇزنىڭ نۇرى نەچچە مىڭ يىلدا ، ھەتتا نەچچە مىليۇن يىلدا يەر شارىغا ئاران يېتىپ كېلىدۇ. بىز ئېھتىمال بۇ يۇلتۇزلاردىنمۇ ئۇچۇپ ئۆتكەن بولۇشىمىز مۇمكىن. يۈرۈگىمنى قاتتىق مۇجۇۋاتقان ئىچ پۇشۇغى ئىچىدە مەن بىر نىمىلەرنىكۈتۈۋاتاتتىم. بىردىنلا، بىر خىل تونۇشلۇق بولغان، كىشىنى چەكسىز ھاياجانلاندۇرىدىغان ھېسسىيات مېنى ھەيران قالدۇردى: مەن توساتتىن بىزنىڭ قۇياشىمىزنى كۆردۈم! مەن بىلىمەنكى، بۇنىڭ بىزنىڭ قۇياشىمىز بولۇشى مۇمكىن ئەمەس،  بىزنىڭ يەر شارىمىزنى يېتىشتۈرگەن قۇياش بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، بىزنىڭ قۇياشىمىز بىلەن بولغان ئارىلىغىمىز چەكسىز يىراقتا. لېكىن مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، مەن پۈتۈن ۋۇجۇدۇمدىن شۇنى سەزدىمكى، ئۇ بىزنىڭ قۇياشىمىزغا ئوپمۇ-ئوخشاش ئىكەن. ئۇ بىزنىڭ قۇياشىمىز بىلەن قوشگېزەك ئاكا-ئۇكىدەك قىلچە پەرق قىلمايدىكەن. ئادەمنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىپ تۇرغان شېرىن ھېسسىيات خوشاللىققا تولغان قەلبىمدە مەۋج ئۇرماقتا: ماڭا ھايات بېغىشلىغان نۇرنىڭ يىقىملىق كۈچى قەلبىمدە ئەگىمەكتە. ئۇ ئەرۋاھىمغا جان كىرگۈزدى. مەن قەۋرىگە كىرگەندىن تارتىپبىرىنچى قېتىم ھاياتى كۈچكە، ئاللىبۇرۇن مەھرۇم بولغان ھاياتى كۈچكە ئىگە بولغانلىقىمنى ھېس قىلدىم.

       «ئەگەر بۇ قۇياش بولغان بولسا، ئەگەر بۇ ھەقىقەتەن بىزنىڭ ھېلىقى قۇياشىمىز بولغان بولسا،- مەن ئۈنلۈك توۋلىدىم،- ئۇنداقتا، يەرشارى قەيەردە؟ «ھەمراھىم دەرھال ماڭا بىر كىچىك يۇلتۇزنى كۆرسەتتى. قاراڭغۇدا كىچىك يۇلتۇزدىن يېشىل نۇر چاقناپ تۇراتتى. بىز ئۇنىڭغا قاراپ ئۇدۇللا ئۇچۇپ باراتتۇق

       «ئالەمدە ئوپمۇ-ئوخشارش نەرسىلەر بولارمۇ، بۇ راستىنلا تەبىئەتنىڭ قانۇنىمىدۇ؟... ئەگەر بۇ باشقا بىر يەرشارى بولغان بولسا، ئۇ بىزنىڭ يەرشارىمىز بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاشمىدۇ... ھېلىقى بەختسىز، ئېچىنىشلىق، شۇنىڭدەك يەنە قىممەتلىك ۋە ئەبىدى سۆيۈملۈك بولغان يەرشارى بىلەن، ئۇنىڭغا بەكمۇ ۋاپاسىزلىق قىلغان بالىسىنىڭ قەلبىدىمۇ ئۇنىڭغا ئازابلانغان مېھرىنى قوزغايدىغان ھېلىقى قۇياشىمىز بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاشمىدۇ؟... » مەن ئىختىيارسىز ھالدا شاۋقۇن كۆتۈرۈپ، ھېلىقى ئۆزۈم چۆرۈۋەتكەن، ئەمما ماڭا بەك يېقىملىق بولغان يەر شارىغا مەندە چەكسىز سۆيۈنۈش پەيدا بولدى. مەن يامان كۆرگەن ھېلىقى بىچارە قىزچاقنىڭ سايىسى كۆز ئالدىمدىن غىپپىدىلا ئۇچۇپ ئۆتتى.

        «ھەممىنى كۆرىسىز» دېدى ھەمراھىم جاۋابەن. ئۇنىڭ ئۈنىدىن بىر خىل ھەسرەت چىقىپ تۇراتتى. بۇ چاغدا بىز ھېلىقى سەييارىغا يېقىنلىشىپ باراتتۇق. بۇ سەييارە كۆزۈمگە بارا-بارا چوڭ بولۇپ كۆرۈنەتتى. مەن دېڭىز بىلەن ياۋرۇپانىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشىنى پەرق ئېتەلەيدىغان بولدۇم. كۆڭلۈمدە غەلىتە بىر خىل ھېسسىيات، ئۇلۇغ ۋە مۇقەددەس بىر خىل قىزغىنىش بىردىنلا پەيدا بولدى: «بۇنداق تاسادىپى ئوخشاشلىق مۇمكىنمۇ، بۇنداق ئوخشاشلىق نېمە ئۈچۈن بولىدۇ؟ مەن ئۆزۈم تاشلىۋەتكەن يەر شارىنى قىزغىن سۆيىمەن، پەقەت شۇنىلا قىزغىن سۆيىمەن. ۋاپاسىزلىق قىلغان مەن تاپانچا بىلەن كۆكرىگىمگە ئېتىپ ئۆلىۋالغان چېغىمدا قېنىم شۇ يەر شارىغا تۆكۈلگەن ئىدى. شۇنداقتىمۇ، مەن ھەر قانداق چاغدىمۇ شۇ يەر شارىنى سۆيمىگەن ئەمەس. ھەتتا مەن ئۇنىڭ بىلەن. جۇدالاشقان كېچىدە ئۇنى ھەر قانداق چاغدىنمۇ بەكرەك سۆيدۈم. بۇ يېڭى يەر شارىدىمۇ جەۋرى-زۇلۇم بارمىدۇ؟ بىزنىڭ يەر شارىمىزغا كەلسەك، بىز ئۇنى ھەقىقەتەن ئازابلىق ھېسسىيات ئىچىدىلا سۆيىمىز، جەۋرى-جاپا ئىچىدە سۆيىمىز! بىز ئۇنى باشقا ئۇسۇل بىلەن سۆيەلمەيمىز. ئۇنى سۆيۈشنىڭ باشقا ئۇسۇلىنىمۇ بىلمەيمىز. ئۇنى سۆيۈش ئۈچۈن جاپا-مۇشەققەت چېكىشكە رازىمەن. ئەمدىلىكتە، مەن كۆزۈمگە ياش ئېلىپ تۇرۇپ، ئۆزۈم جۇدا بولغان يەر شارىنى سۆيۈپ قويۇشنىلا ئۈمىد قىلىمەن، ئارزۇ قىلىمەن. بۆلەك بىر يەر شارىدا تىرىلىشنى خالىمايمەن ۋە شۇنداق قىلىشقا ئۇنىمايمەن»...!

       بۇ چاغدا، ھەمراھىم مېنى تاشلاپ يولىغا راۋان بوپتۇ. مەن گويا ھېچنېمىنى سەزمەيلا كۆز ئالدىن دىكى يەنە بىر يەر شارىغا  چۈشۈپتىمەن. ئەسلىدە ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، كۈن نۇرى ھەممە يەرنى يورۇتۇپ، جەننەتتەك، كىشىنى مەپتۇن قىلىپ تۇرىدىكەن. تاپىنىم  بىر كىچىك ئارالغا تەككەنلىكىنى ھېس قىلدىم، بۇ ئارال يەر شارىمىزدىكى ئېگەي دېڭىزى ئىچىدىكى تاقىم ئاراللارنىڭ بىرىگە بەك ئوخشايتتى. شۇنداقلا قۇرۇقلۇقنىڭ بۇ ئاراللار بىلەن تۇتاشقان مەلۇم يېرىگىمۇ ئوخشايتتى. توۋا، ھەممە نەرسە يەر شارىمىزدىكى بىلەن تامامەن ئوخشاش ئىكەن. گويا ھەممە يەر بايرم خۇشاللىقىغا تولۇپ تاشقاندەك ئىكەن. ھەممە يەردە ھەيۋەتلىك، مۇقەددەس، ئەڭ ئاخىرىدا ئېرىشكەن غەلبە نۇرى چاقناپ تۇرماقتا. يۇۋاش، مۇلايىم دېڭىزدا دولقۇنلار داۋالغۇپ قىرغاققا ئاۋازسىز ئۇرۇلۇپ، غەمسىز، چىن كۆڭلىدىن ئىخلاس بىلەن دېڭىز قىرغىقىنى يەڭگىل سۆيۈپ تۇراتتى. دەل-دەرەخلەر ئاسمان-پەلەك قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بولۇپ، ياپ-يېشىل ھەم چىرايلىق ئىدى. سان-ساناقسىز يوپۇرماقلار شىلدىرلاپ تۇراتتى. ئۇلار خۇددى ماڭا مېھرى-شەپقەتلىرىنى ئىزھار قىلىپ، مېنىڭ كەلگەنلىكىمنى قارشى ئالماقتا ئىدى. ياپ-يېشىل چىمەنزارلىقتا رەڭگارەڭ گۈللەر خۇش-پۇراق چاچماقتا ئىدى. توپ-توپ ئۇچار قاناتلار كۆتە پەرۋاز قىلاتتى. ئۇلار مەندىن پەقەت قورقمايتتى. مۈرەمگە ۋە بېلىمگە قونۇشۇپ چىرايلىق قاناتلىرى بىلەن خۇشال ھالدا مېنى قاقاتتى. ئەڭ ئاخىرىدا، مەن بۇ جەننەتتىكى كىشىلەرنى بايقىدىم ۋە كۆردۈم. ئۇلار ئۆزلۈكىدىن ماڭا قاراپ كەلدى. مېنى ئورىۋالدى ۋە مېنى سۆيدى. بۇلار قۇياشنىڭ پەرزەنتلىرى ئىدى. قۇياشنىڭ بۇ پەرزەنتلىرى- ئېھ، ئۇلار نىمىدىگەن چىرايلىق-ھە! يەر شارىمىزدا ئادەمنىڭ بۇنچە چىرايلىق بولىدىغانلىقىنى ئەسلا كۆرۈپ باقماپتىمەن. ئېھتىمال پەقەت بالىلىرىمىزدىن، بالىلىرىمىز يۆگەك ئىچىدە ياتقان دەۋردە ئۇلاردىن بۇنداق گۈزەللىكنىڭ غۇۋا، نازۇك ئىزلىرىنى بايقاش مۇمكىن. بەختلىك بۇ كىشىلەرنىڭ كۆزلىرى بۇلاق سۈيىدەك سۈزۈك، ئۇلارنىڭ چىرايلىرىدا ئەقىل نۇرى چاقناپ تۇراتتى ۋە خاتىرجەملىك ئالامەتلىرى يېغىپ تۇراتتى. ئەمما ئۇلار خۇش چىراي ئىكەن. ئۇلارنىڭ گەپ- سۆزلىرى ۋە ئۈنى پاك خۇشاللىققا تولغان ئىدى. ئىھ، ئۇلارنىڭ چىرايىنى بىر كۆرۈپلا ھەممىنى دەرھال چۈشەندىم! بۇ، ئىنسانلارنىڭ جىنايىتى بولمىغان پاك زېمىن، بۇ زېمىندا ياشاۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى گۇناھسىز پاك ئادەملەر ئىكەن. ئۇلار خۇددى بىز ئىنسانلارنىڭ تۈرلۈك رىۋايەتلىرىدە ئېيتىلىدىغان، بىزنىڭ گۇنالىق بوۋىلىرىمىز ياشىغان جەننەتتە ياشايدىكەن. پەرق پەقەت شۇنىڭدىكى، بۇ كەڭ زېمىننىڭ ھەممە يېرى ئاشۇنداق جەننەت ئىكەن. بۇ كىشىلەر خۇشال ھالدا مېنى چۆرىدەپ كەلدى. ماڭا ئىنتايىن قىزغىنلىق بىلدۈردى: ئۇلار مېنى ئۆيلىرىگە ئېلىپ باردى، ھەممەيلەن مەندىن ھال سوراشتى. ئۇلار مەندىن ھېچنېمىنى سۈرۈشتۈرۈپ ئولتۇرمىدى. لېكىن مەن ئۇلار مېنى تولۇق چۈشەنگەن بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم. ئۇلار چىرايىمدىن كۈلپەت داغلىرىنى تېزلىكتە تۈگىتىش كويىدا ئىدى.

     

    4

    سىلەرگە مەلۇمكى، بۇ ئاخىر، ھە راست، چۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس! بىراق، بۇ ئاڭكۆڭۈل، گۈزەل كىشىلەرنىڭ قىزغىنلىقى مەندە قالدۇرغان تەسىرات كۆڭلۈمدە مەڭگۈ ساقلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ قىزغىنلىقى ياكى بۈگۈنگە قەدەر ھېلىھەم شۇ يەردىن يۈرۈگۈمگە قۇيۇلۇپ تۇرماقتا. ئۇلارنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم، ئۇلارنى تونۇيمەن. ئۆزۈمچە ئۇلارنى سۆيىمەن. كېيىن تېخى ئۇلار ئۈچۈن قايغۇرغان، ھەي، شۇ چاغنىڭ ئۆزىدىلا مەن نۇرغۇن جەھەتتە ئۇلارنى تولۇق چۈشىنىپ كېتەلمىگەنلىكلىمنى دەرھال ئۇقتۇم. مەسىلەن، ھازىرقى زاماندا ئالغا بېسىشقا ئېنتىلگەن بىر روس ۋە ئەرزىمەس بىر پېتېربورگلىق تۇرۇپ شۇنى پەقەت چۈشىنەلمىدىمكى، ئۇلار يەرشارىمىزدىكى بىلىملەرنى ئىگەللىمەي تۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن بۇ قەدەر بىلىملىك بولۇپ كەتكەن. بىراق، مەن ناھايىتى تېزلىكتە شۇنى ئېنىق كۆرۈۋالدىمكى، ئۇلار بىلىملىرىنى ئۈزلۈكسىز تولۇقلاپ بېرىش ۋە ئۆستۈرۈپ بېرىشتە تايانغان كۈزىتىش ئىقتىدارى يەر شارىمىزدىكىگە ئوخشىمايدىكەن. ئۇلارنىڭ ھەۋىسىمۇ بىزنىڭكىدىن كۆپ پەرقلىنىدىكەن. ئۇلار قۇرۇق ئارزۇ قىلمايدىكەن. تەبىئىتىدىن ئاتاق-ئابرويغا قىزىقمايدىكەن. ئۇلار بىزدەك تۇڭرمۇشنى چۈشىنىشنى قىزغىن ئارزۇ قىلمايدىكەن، چۈنكى ئۇلار تۇرمۇشنى ناھايىتى تولۇق بىلىدىكەن. لېكىن ئۇلار ئىگەللىگەن بىلىم بىزنىڭ بىلىمىمىزدىن بەكمۇ چوڭقۇر ۋە كۆپ ئىكەن: چۈنكى بىز بىلىمىمىز ئارقىلىق ھامان نېمىن ىڭ رېئال تۇرمۇش ئىكەنلىكىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈش، تىرىشىپ رېئاللىقنى تونۇش، شۇنىڭ بىلەن باشقىلارنىڭ قانداق ياشىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كويىدا بولۇپ كەلدۇق: ئۇلار بولسا ھېچقانداق بىلىمگە تايانماي تۇرۇپلا قانداق ياشاش كېرەكلىكىنى بىلىدىكەن. لبۇ قائىدىنى مەن چۈشىنىمەن. لېكىن ئۇلارنىڭ بىلىمىنى ئۇقمايمەن. ئۇلار مېنى باشلاپ بېرىپ ئۆزلىرىنىڭ دەل-دەرەخلىرىنى كۆرسەتتى. بىراق ئۇلارنىڭ دەل-دەرەقىلەرنى تاماشا قىلغان چاغدىكى چوڭقۇر مۇھەببىتىنى چۈشىنىپ كېتەلمىدىم: ئۇلار خۇددى ئۆز تۈرىدىكىلەر بىلەن  ھېسسىياتلىرىنى ئۆز ئارا سۆزلىشىۋاتقاندەك بولاتتى. مەن شۇنى ئېيتالايمەنكى، ئۇلار جەزمەن دەل-دەرەخلەر بىلەن مۇڭدىشىپ تۇرىدۇ. ئېھتىمال بۇنىڭدا خاتالاشمىسام كېرەك!

    توغرا ئۇلار دەل-دەرەخنىڭ تىلىنى بىلىدۇ. دەل-دەرەخلەرنىڭمۇ ئۇ لارنى چۈۈشىنىدىغانلىقىغا چۇڭقۇر ئىشىنىمەن. ئۇلار دەل مۇشۇنداق پوزىتسىيە بىلەن پۈتكۈل تەبىئەت دۇنياسىغا مۇئامىلە قىلاتتى، ئۆزلىرى بىلەن ئىناق ئۆتۈشكەن تۈرلۈك ھايۋاناتلارغا مۇئامىلە قىلاتتى. ھايۋاناتلار ئۇلارغا چېقىلمايدىكەن. ئۇلارنى ياخشى كۆرىدىكەن. ئۇلارنىڭ ئاسىرىشى ئارقىسىدا بەك كۆنۈكۈپ كېتىپتۇ. ئۇلار ماڭا ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنى كۆرسەتتى. تېخى بۇ يۇلتۇزلارنى مەن چۈشەنمەيدىغان گەپلەر بىلەن چۈشەندۈرۈپ كەتتى. بىراق مەن ئىشىنىمەنكى، ئۇلارنىڭ تۈرلۈك ئاسمان جىسىملىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرىقدىغان چارىسى بولسا كېرەك. بەلكى پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىقلا ئەمەس، ئەمەلىي ئۇسۇل-تەدبىرمۇ بولسا كېرەك. ھە، بۇ كىشىلەر بىزنى چۈشەنمىسەڭ زادىلا بولمايدۇ دەپ تۇرۇۋالمايدىكەن. مەن ئۇلارنى چۈشەنمىسەممۇ، ئۇلار مېنى ئوخشاشلا ياخشى كۆرىدىكەن. مەن ئۇلارنىڭ مېنى مەڭگۈ چۈشىنىپ كېتەلمەيدىغانلىقىنى بىلىمەن. شۇڭا ئۇلار ئالدىدا يەر شارىمىزنى زادىلا زادىلا ئېغىزغا ئالمايمەن. مەن ئۇلارغا قارىتىپ تۇرۇپ ئۇلارنىڭ زېمىنىنى سۆيۈپ، ئۇلارغا بولغان سۆيۈنۈشۈمنى بىلدۈردۈم. ئۇلار بۇنى كۆردى ھەمدە مېنىڭ ئۆزلىرىگە باغلىغان مۇھەببىتىمگە يول قويدى. مېنىڭ ئۆزلىرىگە ھۆرمەت قىلغانلىقىمغا خىجالەت بولمىدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىمۇ نۇرغۇن نەرسىنى بەك ياخشى كۆرەتتى. مەن ناھايىتى خۇشال بولغان ھالدا شۇنى بىلدىمكى، ئۇكلار ناھايىتى كۈچلۈك مۇھەببەت بىلەن ماڭا جاۋاب قايتۇردى. شۇڭا مەن بەزىدە كۆزۈمگە لىققىدە ياش ئېلىپ ئۇلارنىڭ پۇتىنى سۆيگىنىمدە، ئۇلارمۇ مەن ئۈچۈن ئىچ ئاغرىتمايتتى. مەن بەزىدە ھەيران بولغان ھالدا ئۆزۈمچە سۈرۈشتۈرۈپ كېتىمەن: ئۇلار نېمىشقا مەندەك ئادەمنى بوزەك قىلمايدۇ؟ مەندەك ئادەمنىڭ كۆڭلىدە بىرەر قېتىممۇ گۇمانلىق ۋە كۆرەلمەسلىك ھېسسىياتى قوزغىمايدۇ؟ مەن ياندۇرمىلاپ ئۆزۈمگە سوئال قويدۇم: مەندەك بىر پوچى، يالغانچىنىڭ نېمىشقا ئۇلارغا ئۆزۈم بىلىدىغان ئىشلارنى (ئۇلار بۇنداق ئىشلاردىن تەبئىيكى، قىلچە خەۋىرى يوق) ئېيتىپ قويمىدىم؟ بۇ ئىشلار ئۈستىدە، نېمە ئۈچۈن ئۇلارنى ھەيران قالدۇرۇش مۇددىئاسىدا توختالمىدىم ياكى پەقەت ئۇلارنى قىزغىن سۆيۈش يۈزسىدىن توختالدىم؟ ئۇلار بالىلاردەك خۇش ۋە خۇشال-خۇرام ئىكەن. ئۇلار مەنزىرسى چىرايلىق چاتقاللىق ۋە ئورمانلىق ئىچىدە سەيلە-تاماشا قىلىدىكەن، مۇڭلۇق ناخشىلارنى ئېيتىشىدىكەن، ئۇلار دەرەخلەردىكى مىۋىلەر، ئورمانلاردىكى ھەسەل، ئۆزلىرى بىلەن دوستانە ئۆتىشىدىغان ھايۋانلارنىڭ سۈتى بىلەن ئوزۇقلىنىدىكەن. ئۇلار كىيىم-كېچەك، ئوزۇق-تۈلۈك ئۈچۈن ئازغىنا يېنىك ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن. ئۇلارنىڭ ئەر-ئاياللىرى بىر بىرى بىلەن مۇھەببەتلىشىپ، پەرزەنت كۆرىدىكەن، ئەمما ئۇلاردا شەھۋانىلىق سەۋەبىدىن ئۆزىنى تۇتۇۋالالماسلىقتەك تەلۋىلىك ئىپادىسى بارلىقىنى ئەسلا كۆرمىدىم. بىزنىڭ يەر شارىمىزدا بولسا، بۇنداق ئۆزىنى تۇتۇۋالالماسلىق ئەھۋالى ھەممە ئادەمدە دىگۈدەك مۇستەسناسىز ھالدا بار ئىدى. بۇنداق شەھۋانىلىقنى بىز ئىنسانىيەتنىڭ قىلغان تۈرلۈك گۇناھىنىڭ بىردىن-بىر مەنبەسى دېيىشكە بولىدۇ. ئۇلار پەرزەنت كۆرگەنلىكلىرى ئۈچۈن ، ئۆلزلىرى بىلەن بىللە بەخىت كۆرىدىغان بۇ يېڭى ھاياتنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئىنتايىن خۇشال بولىدىكەن. ئۇلار ئارىسىدا تالاش-تارتىش بولمايدىكەن، قىزشىنىش بولمايدىكەن، ھەتتا بۇلارنىڭ نېمە مەنىدە ئىكەنلىكىنىمۇ زادى بىلمەيدىكەن. ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئومۇمنىڭ بولىدىكەن. چۈنكى ھەممە ئادەم بىر ئورتاق ئائىلە بولۇپ ئۇيۇشقان ئىكەن. ئۇلارمۇ ئۆلۈمدىن قۇتۇلالىسىمۇ، ئەمما ئۇلاردا ئاغرىق-سىلاق دىگەن نەرسە بولمايدىكەن: ياشانغانلار ئۇيقۇغا كەتكەندەك ئالەمدىن بەھۇزۇر كېتىدىكەن، ئالەمدىن كەتكەن چاغدا ھەممەيلەن كېلىپ ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىدىكەن. ئۇ، كىشىلەرگە بەخت تىلەيدىكەن، تەبەسسۇم قىلىدىكەن، كىشىلەرمۇ ئۇنىڭغا جاۋابەن خۇشال ھالدا تەبەسسۇم بىلەن ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىدىكەن. مەن شۇنى سەزدىمكى، كىشىلەر بۇنداق چاغلاردا قايغۇرمايدىكەن، يىغلىمايدىكەن، ئۇلاردا پەقەت چەكسىز خۇشال بولغۇدەك مۇھەببەتلا بولىدىكەن. بىر خىل تېنچ، مەزمۇنغا باي، جىمجىت خۇشاللىق بولىدىكەن. ئۇلار ھەتتا ئالەمدىن كەتكەن كىشى بىلەن يەنىلا ئالاقە باغلاپ تۇرىدىكەن. ئۆلۈممۇ ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى ھايات ۋاقتىدا ئورناتقان يېقىن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈۋېتەلمەيدۇ دەپ ھېسابلىساقمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ. منە ئۇلاردىن مەڭگۈلۈك ھايات بولامدۇ دەپ سورىغان ئىدىم، ئۇلار بۇ گىپىمنى زادىلا چۈشىنەلمىدى. بىراق ئۇلار مەڭگۈلۈك ھاياتنىڭ بولىدىغانلىقىغا قەدئى ئىشىنىدىكەن. بۇنى ئىزاھلاپ ئولتۇرۇش پۈتۈنلەي ھاجەتسىز، بۇ مەسىلە ئۆزلىرى ئۈچۈن مەسىلە ئەمەس دەپ قارايدىكەن، بىراق ئۇلار پۈتكۈل ئالەم بىلەن مەلۇم دەرىجىدە ھەمنەپەس، تەقدىرداش، ئايرىلماس بىر پۈتۈن گەۋدە بولۇشتەك مۇناسىۋەت ئورناتقان: ئۇلار دىنغا ئىشەنمەيدىكەن، ئەمما ئۇلار قەتئى ئىشىنىدۇكەنكى، كىشىلەر ئارىسىدىكى خۇشال-خۇراملىق پانى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ چەككە يەتسىلا، ئۇلار(مەيلى ھاياتلار ياكى ئۆلگەنلەر بولسۇن) ئۈچۈن ئېيتقاندا، پۈتكۈل ئالەم بىلەن تېخىمۇ كەڭ تۈرىدە ئۇچىرىشىدىغان چاغ يېتىپ كېلىدىكەن. ئۇلار بۇ چاغنىڭ يېتىپ كېلىشىنى خوشال ھالدا كۈتىدىكەن. خۇددى ئالدىن سېزىدىغاندەك ئاسىقىپمۇ كەتمەيدىكەن، ئەندىشىمۇ قىلمايدىكەن، شۇنىڭدەك بىر بىرىگە خەۋەر قىلىشىدىكەن. ئۇلار ھەر ئاخشىمى ئۇخلاشتىن ئىلگىرى قۇلاققا يېقىملىق ناخشىلارنى تەڭ توۋلاشقا خۇشتار ئىكەن. ئۇلار ناخشا ئارقىلىقشۇ كۈنىكى تۈرلۈك ھېسسىياتلىرىنى ئىزھار قىلىپ، ئۆتۈپ كەتكەن بىر كۈننى مەدىھىيلەيدىكەن ۋە ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىدىكەن. ئۇلار تەبىئەت دۇنياسىنى، كەڭ زېمىننى، دېڭىز-ئوكياننى ۋە ئورماننى كۈيلەيدىكەن. ئۇلار باشقىلارنى تەرىپلەيدىغان بەزى ناخشىلارنى ئوقۇپ، بالىلاردەك بىر بىرىنى ماختىشىدىكەن: بۇ ناخشىلار گەرچە ئىنتايىن ساددا، ھەشەمەتسىز بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار يۈرەكنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن  چىققان چىن ھېسسىيات بولغاچقا، كىشىنى بەك تەسىرلەندۈرىدىكەن. دىمەك، ئۇلار ناخشىدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ھاياتىدىمۇ بىر بىرىگە مەدىھىيە ئوقۇيدىكەن. بۇ، مەلۇم ئۇلۇغۋار، كەم-كۈتسىز، ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مېھرىبانلىق ھېسسىياتىدۇر. يەنە ئاھاڭڭ سەلتەنەتلىك، قىزغىن ۋە جۇشقۇن  بەزى ناخشىلارمۇ باركى، ئۇلارنى پۈتۈنلەي دىگۈ دەك چۈشىنەلمىدىم. ناخشا تېكىستلىرىنى چۈشەنسەممۇ، ئەمما ئۇنىڭ تولۇق مەنىسىنى بىلىپ كېتەلمىدىم. كاللامدا ئۇلارنى چۈشىنىش تەستەك تۇرغىنى بىلەن، كۆڭلۈمدە بولسا، ئۇلارنى ئاڭسىز ھالدا بارغانچە چوڭقۇر ھېس قىلىپ باردىم. مەن ھەمىشەم ئۇلارغا مۇنداق دېدىم: ئىلگىرى بۇلارنى ئالدىنئالا سەزگەن ئىدىم. بۇنداق خۇشال-خۇراملىقلار ۋە گۈغزەل نەرسىلەر يەر شارىمىزدا، مەندە قاتتىق پىكىر قىلشتەك مەيۈسلىنىشنىلا پەيدا قىلىدۇ. بەزىدە كۆڭلۈم چىدىغۇسىز دەرىجىدە بۇزۇلۇپ كېتىدۇ: چۈشۈمدە كۆرگەن ئەھۋاللاردا، كاللامدا پەيدا بولغان ئارزۇ-تىلەكلەردە، مەن سىلەردەكق ئادەملەرنىڭ ۋە گۈزەل نەرسىلەرنىڭ بولىدىغانلىقىنى ئاللىبۇرۇنلا سەزگەن ئىدىم: يەر شارىمىزدا، مەن دائىم ئولتۇرۇپ كېتىۋاتقان قۇياشقا قاراپ تۇرۇپ ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي يىغلاپ كەتتىم.... مەن يەر شارىمىزدىكى كىشىلەرگە نەپرەتلىنىمەن. نەپرەت ئىچىدە كۆپ ھاللاردا پەرىشان بولۇشمۇ بار: نېمە ئۈچۈن ئۇلارنى يامان كۆرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلارنى يەنە ياخشى كۆرىمەن؟ نېمە ئۈچۈن ئۇلارنى جەزمەن ئەپۇ قىلىمەن؟ ئۇلارنى سۆيىمەن. لېكىن  سۆيۈش ئىچىگىمۇ ئوخشاشلا پەرىشانلىق يۇشۇرۇنغان. نېمە ئۈچۈن ئۇلارنى سۆيۈش بىلەن تەڭ، ئۇلارغا نەپرەتلەنمەي تۇرالمايمەن؟ مەن شۇنى سەزدىمكى، بۇ خەقلەر گىپىمنى ئاڭلاپ، مېنىڭ زادى نېمىلەرنى دىگەنلىكىمنى چۈشەنمىدى. شۇنداقتىمۇ ئۇلارغا بۇ گەپلەرنى قىلغانلىقىمغا. ئۆكۈنمەيمەن. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۆزۈم تاشلاپ كەتكەن ئاشۇ كىشىلەرنى نەقەدەر قاتتىق ياد ئېتىۋاتقانلىقىمنى چۈشىنەلەيدىغانلىقىنى بىلىمەن. ھە، ئۇلار مۇلايىم، يىقىملىق نۇر چاقناپ تۇرىدىغان كۆزلىرى بىلەن ماڭا قارىغاندا، ئۇلارنىڭ ئالدىدا مېنىڭ دىلىممۇ ئۇلارنىڭكىگگە ئوخشاش پاك، تۈز بولۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلغىنىمدا، ئۇلارنى چۈشەنمەسلىك سەۋەبىدىن ئۆكۈنۈپ يۈرمەيمەن. ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى باياشات ئىكەن. بۇ ئەھۋال مېنى مەپتۇن  قىلاتتى. شۇڭا، ئۈن-تىسىز ھالدا ئۇلارغا بەخىت تىلىدىم.

    ھە، ھازىر ھەممەيلەن مېنى مازاق قىلىۋاتىدۇ. ماڭا قارىتىپ تۇرۇپ: چۈشۈڭدە كۆرگەن ئىشىڭنى سۆزلەپ بەرگىنىڭنىڭ ئۇنچە تەپسىلى بولۇشى مۇمكىن ئەمس، چۈشۈڭدە كۆرگەن ياكى ھېس قىلغىنىڭ ئەس ھۇشۇڭنى تاپالمىغان چاغدا كاللاڭدا پەيدا بولغان بىر خىل خىيالى تۇيغۇدىن باشقا نەرسە ئەمەس. بەزى تەپسىلاتلارنى ئويغانغاندىن كېيىن ھەممىسىنى ئۆزۈڭ توقۇپ چىقتىڭ دىيىشتى.بۇنداق بولۇشى راستىنلا مۇمكىن دەپ ئۇلارغا ئېتراپ قىلغان چېغىمدا،- ئاللاتوۋا، مەن ئۇلارنىڭ تېخىمۇ بەك مەسخرىسىگە قالدىم. مېنىڭ كاساپىتىم بىلەن ئۇلارنىڭ گۈلىقەقەسى ئېچىلىپ كەتتى! توغرا، قىلچىمۇ يالغان يېرى يوق. مەن پۈتۈنلەي چۈشتىكى تەسىراتقا بېرىلىپ كېتىپتىمەن. پەقەت مۇشۇنداق تەسىراتلا قاتتىق جاراھەتلەنگەن دىلىمدا تولۇق ساقلانماقتا. چۈنكى چۈشۈم  دىكى ھەقىقى كىشىلەر ۋە ھەقىقى ئىشلار. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، مېنىڭ چۈشۈمگە كىرگەن تۈرلۈك ئوبرازلار شۇ قەدەر مۇلايىم-ئىناق، شۇ قەدەر سىرلىق-گۈزەل، شۇنىڭ بىلەن تەڭ يەنە شۇ قەدەر تېرىكتەك جانلىق ئىدىكى، ئويغانغاندىن كېيىن ئۇلارنى كەمبەغەل تىلىمىز بىلەن زادىلا بىر-بىرلەپ تەسۋىرلەپ بېرەلمىدىم. چۈنكى ئۇلار ئېسىمدىن بارا-بارا چوقۇم چىقىپ كېتەتتى. ، شۇ سەۋەبتىن مەن كېيىن، بەلكىم، راسھتىنلا ئاڭسىز ھالدا تۈرلۈك تەپسىلاتلارنى يېزىپ چىققان بولۇشۇم مۇمكىن. بولۇپمۇ تاقىتىم تاق بولۇپ كەتكەنلىكتىن، ئىمكانقەدەر ئاز-تولا دەپ بەرمەكچى بولغانلىقىمدىن، ئەمەلىيەتتىن چەتنەپ كەتكەن يېرى بولۇشى مۇمكىن. بىراق، بۇلارنىڭ پاكىت ئىكەنلىكىگە ئىشەنمىسەم بولامدۇ؟ پاكىت مېنىڭ ئېيتقانلىرىمدىن مىڭ ھەسسە گۈزەل، روشەن ۋە قىزىقارلىقمۇ، قانداق؟ خوش، بۇنى چۈشمۇ دەيلى، ؟ئەمما بۇلار ھەرگىزمۇ ئويدۇرما ئەمەس، سىلەرگە بىر سىرنى ئاشكارىلايمەنكى، بۇلارنىڭ ھەممىسى زادىلا چۈش بولماسلىقى مۇمكىن! چۈنكى ئەينى ۋاقىتتا يۈز بەرگەن ئەھۋالنىڭ ئېنىقلىقى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. بۇنى چۈشتە توقۇپ چىقىش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس. مەيلى، بۇ چۈشنى قەلبىمنىڭ مەھسۇلى دەپ ھېسابلايلى. ئەمما قەلبىم مەن كېيىنچە ئۇچراتقان كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بۇنداق ھەقىقەتنى قانداقمۇ ئويدۇرۇپ چىقىرالىسۇن؟ بۇنداق ھەقىقەتنى مەن ئۆز ئالدىمغا دىلىمدا قانداقمۇ توقۇپ چىقالايمەن ياكى خىيال قىلىپ چىقالايمەن؟ مېنىڭ ھېچنىمىگە ئەرزىمەس قەلبىم ۋو تۇتۇرۇقى يوق پەمسىز كاللام ھەقىقەتمنى چۈشەنگۈدەك ئالىجاناپ دەرىجىگە يېتەلەمدۇ؟ ئەي، ئۆزۈڭلار باھا بېرىپ بېقىڭلار: بۇرۇن مەن يۇشۇرۇپ كەلگەن ئىدىم. ئەمدى بۇ ھەقىقەتنى تۈگەل ئېلىپ چىقىپ خەلقى ئالەم ئالدىدا ياپىمەن. بايا مەن... ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى يامان ئۆگىتىپ قويۇپتىكەنمەن-دە!

     

    5

    راست، راست، ئاخىر مەن ئۇلارنى يامان ئۆگىتىپ قويۇپتىكەنمەن. نېمە ئۈچۈن بۇ نداق ئىش يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئۆزۈممۇ ئوقمۇدۇم . ئەمما ئېسىمدە ناھايىتى ئېنىق ئىدى. چۈشۈمدىكى ئەھۋال نەچچە مىڭ يىلغا بېرىپ چېتىلىدۇ. مېنىڭ قەلبىمدە قالغىنى بولسا پەقەت چۈشۈمدىكى تەسىراتلا بولدى. شۇنىلا بىلىمەنكى، ئۇلارنىڭ چۈشكۈنلىشىپ كەتكەنلىكىنىڭ مەنبەسى مەن ئىكەنمەن. بىر رەزگى قۇرۇتتەك، شۇنداقلا نۇرغۇن ئەلگە تارالغان چۈمۈلىدەك مەن كېلىشتىن ئىلگىرى ھېچقانداق جىنايەت بولمىغان جەننەتنى بۇلغاپتىمەن. ئۇلار ئۆسەك سۆزلەرنى ئۆگىنىپتۇ، ساختىپەزلىككە بېرىلىدىغان بوپتۇ، ئۆسەك سۆزلەرنىڭ  پايدىسىنى كۆرۈپتۇ. ھە، ئۇلار شۇنداق قىلىشقا باشلىغان چاغدا، ئېھتىمال، قىلچە يامان نەزەردە بولمىغان، پەقەت ھەزىل قىلىش، كۆز-ۆز قىلىش، قىزىقچىلىق قىلىش غەرىزىدە بولغان بولسا كېرەك. ئېھتىمال راستىنلا ئۇنىڭ ئازراق بىخى بولىشىمۇ مۇمكىن، بىراق بۇنداق ئۆسەكنىڭ بىخى ئۇلارنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئېلىپ، ئۇلار بۇنڭغا مەپتۇن  بولۇپ كېتىپتۇ. كېيىن ناھايىتى تېزلىكتە شەھۋانىلىق پەيدا بوپتۇ، شەھۋانىلىقتىن ھەسەتخورلۇق، ھەسەتخورلۇقتىن ۋەھىمىلىك كېلىپ چىقىپتۇ... ئەي، مەن بۇنىڭ زادى قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى چۈشىنەلمىدىم. شۇنداقلا ئېسىمدىمۇ قالماپتۇ، ئەمما ئۇزۇن  ئۆتمەيلا بىېىنچى قېتىملىق قان تۆكۈلۈش بوپتۇ: ئۇلار تەئەججۈپلىنىپتۇ، ساراسىمگە چۈشۈپتۇ، ئۇلكا ئوتتۇرۇسىدا ئىختىلاپ، بۆلۈنۈش پەيدا بوپتۇ، ھەر خىل گۇرۇھلار پەيدا بوپتۇ، يەنە كېلىپ بىر بىرى بىلەن دۈشمەنلىشىپ، ھەدەپ بىر بىرىنى ئەيىبلەشكە، بىر بىرىگە ھۇجۇم قىلىشقا باشلاپتۇ. ئۇلار ئارا-نۇمۇسنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپتۇ. ئارا-نۇمۇس ئەخلاق دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈپتۇ، شان-شەرەپ دىگەن ئۇقۇم پەيدا بوپتۇ. ھەر قايسى گۇرۇھلار ئۆز ئالدىغا بايراق تىكلەپتۇ، ئۇلار ھايۋاناتلارنى خارلاشقا باشلاپتۇ. ھايۋاناتلار ئۇلاردىن قورقۇپ ئورمان ئارىسىغا كىرىۋالىدىغان بوپتۇ ۋە ئۇلارنىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىپ قاپتۇ. ئۇلار بۆلۈنۈش پەيدا قىلىش، غەيرى يول تۇتۇش، شەخسنى قوغداش ئۈچۈن ھەدەپ چۇماقچىلىقۇ قىپتۇ ھەمدە ئۆزئارا تالىشىشقا باشلاپتۇ. ئۇلار باشقا-باشقا تىللاردا سۆزلىشىشىكە باشلاپتۇ. ئۇلار بەختسىزلىكنى بېشىدىن كەچۈرمىگەن، بەلكى بەختسىزلىككە ھەۋەس قىلىدىغان بوپتۇ. ئۇلار ئازاب-ئوقۇبەتنى تىكلەيدىكەن. قانداقتۇ ئازاپ-ئوقۇبەت چەككەندىلا ئاندىن ھەقىقەتكە ئېرىشكىلى بولىدۇ دەيدىكەن، بۇ چاغدا، ئۇلارنىڭ ماكانىسدا ئىلىم-بىلىم پەيدا  بوپتۇ، ئۇلار خالىغانچە ئەسكىلك قىلغان چېغىدا، دوستلۇق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ئۈستىدە گەپ سېتىپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئۇقۇملارنىڭ مەنىسىنى ناھايىتى ئوبدان بىلىدىكەن. ئۇلار جىنايەت ئۆتكۈزگەن چېغىدا، ھەققانىيەتنى كەشىپ قىپتۇ ھەمدە ھەققانىيەتنى قوغداش مەقسىتىدە بىر يۈرۈش-بىر يۈرۈش قانۇنلارنى تۈزۈپ چىقىپتۇ. قانۇنلارنىڭ ئىزچىل ئېجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلش ئۈچۈن مازار تەييارلاپتۇ. تېخى، قولدىن كەتتۈرۈپ قويغان نەرسىلەر ئۇلارنىڭ ئېسىدە غۇۋالا خاتىرە قالدۇرىدىكەن، ھەتتا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پاك، بەختلىك ئادەم ئىكەنلىكىگە ئىشەنگۈسى كەلمەيدىكەن. بۇنداق بەختنىڭ ئىلىگىرى بولغان –بولمىغانلىقىغا كەلگەندە، ئۇلار كۈلۈپلا قويۇپ، ئۇ خام خىيالدىن باشقا نەرسە ئەمەس دەپ قارايدىكەن. ئۇكلار ھەتتا بۇنداق بەختنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايدىكەن. ئەمما كىشىنى ھەيراق قالدۇرىدىنى ۋە ئەجەپلەندۈرىدىغىنى شۇكى، ئۇلار ئۆتكەنكى بەختكە پۈتۈنلەي ئىشەنگىلى بولمايدۇ، ئۇ پەقەت رىۋايەتتىن ئىبارەت دەپ قارىسىمۇ، لېكىن ئۇلار يەنە كۈنلەرنىڭ بىرىدە يېڭىۋاشتىن پاك، بەختلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىكەن. ھەتتا نارسىدە بالىلاردەك ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئارزۇ-ئۈمۈدىنى قەدىرلەيدىكەن. ئۇنى خۇدادەك كۆرىدىكەن ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن ئىبادەتخانا سېلىپ، ئۆز غايىسى ۋە «ئۈمۈد-ئارزۇسى» ئۈچۈن تاۋاپ قىلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن تەڭ يەنە بۇنداق ئارزۇ-ئۈمۈدلىرىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولۇپ چىقىشىغا ۋە ئەمەلگە ئېشىشىغا زادىلا ئىشەنمەيدىكەن. پەقەت كۆز ياشلىرىنى تۆكۈپ تۇرۇپ سەجدە قىلىشنىلا بىلىدىكەن. دەرۋەقە، ئەگەر ئۇلار كەتكۈزۈپ قويغان پاك، بەختلىك مەنزىلىگە راستىنلا قايتىپ بارالىسا، ئەگەر بىرەرسىنى بۇنداق مەنزىلنى تۇيۇقسىزلا ئۇلارنىڭ ئالدىدا قايتا زاھىر قىلسا ھەمدە ئۇلاردىن قەدىم يۇرتۇڭلارغا قايتىشنى خالامسىلەر دەپ سورىسا، ئۇلار جەزمەن رەت قىلغان بولاتتى. «بىز بەك ساختىپەز، رەزىل ۋە بەدنىيەت بولۇشىمىز مۇمكىن» دېدى ئۇلار ماڭا جاۋاپ بېرىپ، بۇ ئۆزىمىزگە مەلۇم، بۇنى دەپ قاتتىق ئۆكۈنۈپ يىغلىدۇق ۋە قاتتىق پەرىشان بولدۇق. بىزنىڭ ئۆزىمىزنى جازالىشىمىز ۋە ئازابلىشىمىز، بەلكىم، كەلگۈسىدە بىزنى سوراققا تارتىدىغان، نام-ئىسمى تېخى بىزگە نامەلۇم بولغان شەپقەتلىك ئالى سوراقچىنىڭ بىزگە ھۆكۈم قىلغان جازاسىدىنمۇ قاتتىق بولار. ئەمما بىز بىلىمگە ئىگە بولدۇق. بىلىم بىزنى ھەقىقەتكە يېڭىباشتىن ئىگە قىلىدۇ. بىز ھەقىقەتنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىمىز. بىلىم ھېسسىياتتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. تۇرمۇشقا بولغان تۇنۇش تۇرمۇشنىڭ ئۆزىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. بىلىم بىزگە ئەقىل-پاراسەت بېغىشلايدۇ. ئەقىل-پاراسەت قانۇنىيەتلەرنى تاپالايدۇ.بەخت توغرىسىدىكى قانۇنىيەتنى بىلىش-بەختنىڭ ئۆزىدىن  ئۈستۈن تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرى مۇشۇ. ئۇلار مۇشۇ تەرىقىدە ئۆزلىرىنىڭ ماھىيتىنى ئىزھار قىلغاندىن كېيىن، ھەركىم ئۆزى بىلەنلا بولىدىكەن. ئۇلارنىڭ باشقا يول تۇتۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ شەخسى مەنپەئەتىگە تېگىپ قالارمىكىن دەپ، ھامان باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سالىدىكەن ۋە ئۇنى تارايتىدىكەن. ھەمدە بۇنداق ئىشنىڭ تۇرمۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىدىكەن. شۇنداق قىلىپ، قۇل قىلىش، ھەتتا ئختىيارى قۇل قىلىش پەيدا بوپتۇ: ئاجىزلار رازىمەنلىك بىلەن كۈچلۈكلەرگە بوي سۇنىدىغان، شۇنىڭ بىلەن كۈچلۈكلەر ئاجىزلارغا ياردەم قىلىپ تېخىمۇ ئاجىزلارنى ئېزىدىغان ئەھۋال پەيدا بوپتۇ. شۇنداق قىلىپ بىر تۈركۈم دانىشمەن پەيدا بوپتۇ. دانىشمەنلەر يىغلاپ تۇرۇپ ئۇلارغا نەسىھەت بېرىپتۇ. ئۇلارنىڭ نەقەدەر ئۆھتەم، ھاكاۋۇر ئىكەنلىكىنى، نەقەدەر تەپتارتماس ۋە ئىناقلىققا ئېتىبار قىلمايدىغانلىقىنى، نەقەدەر نۇمۇسسىز ئىكەنلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىپتۇ. نەتىجىدە دانىشمەنلەر مەسخىرە قىلىنىپتۇ ياكى تاش-چالمىلار يەپتۇ. ئۇلارنىڭ مۇقەددەس پاك قېنى ئىبادەتخانى ئالدىدا تۆكۈلۈپتۇ. كېيىن يەنە بەزىلەر پەيدا بوپتۇ، ئۇلار: قانداق قىلغاندا كۆپچىلىكنى يېڭىباشتىن بىرلەشتۈرۈپ، ھەر بىر كىشىنى ھەم ئۆزىنىڭلا غېمىنى قىلىش، ھەم باشقىلارغىمۇ دەخلى قىلماسلىق ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغىلى، شۇنىڭ بىلەن ھەممەيلەننى ئىناق بىر جەمئىيەتتە بىللە ياشاش ئىيمكانىيىتىگە ئىگە قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئويلاشقا باشلاپتۇ. بۇ غايىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاخىر كۆپ قېتىم ئۇرۇش پارتىلاپتۇ. ئۇرۇشقا قاتناشقۇچىلارنىڭ ھەممىسى بۇ چاغدا مۇنۇلارغا قەدئىي ئىشىنىپتۇكى، بىلىم، ئەقىل-پاراسەت ۋە ئامانلىق تۇيغۇسى ئاخىرقى ھېسابتا چوقۇم كىشىلەرنى ئىناق، ئەقىلگە مۇۋاپىق بىر جەمئىيەتكە بىرلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ، ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، «ئاقىللار» ئۆزلىرنىڭ ئىدىيىسىنى چۈشەنمەيدىغان «نادانلار» نى تېزرەكل يوقىتىشقا تىرىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن «نادانلار» نىڭ بۇنداق غايىنىڭ غەلبە قازىنىشىغا توسقۇنلىق قىلىشىدىن ساقلىنىدۇ. لېكىن، ئامانلىق تۇيغۇسى تېزدىن يوقىلىدۇ-دە، بىر تۈركۈم تەلۋىلەر ۋە شەھۋانىيەتچىلەر پەيدا بولىدۇ، ئۇلار ھەممقىنى ئىگەللەشنى، يا بولمىسا ھەممىدىن ۋاز كېچىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ھەممىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇلار تەۋەككۇلچىلىك قىلىشتىن يانمايدۇ. ناۋادا مەقسىدى ئەمەلگە ئاشماي قالسا،- ئۆلۈۋالىدۇ-دە، ئىش تامام، ۋەسسالام قىلىدۇ. بۇ چاغدا ھەرخىل دىنلار پەيدا بوپتۇ. كىشىلەر قۇرۇق نەرسىگە چوقۇنىدىغان بوپتۇ. ئۇلار ئۆز  ئۆزىنى يوقىتىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئاخىرەتتە مەڭگۈ ئارام تاپماقچى بوپتۇ. بۇ كىشىلەر ئاخىرى ئەھمىيەتسىز جاپا-مۇشەققەتتىن بىزار بولۇپ، چىرايىنى غەم بېسىپتۇ. ئۇلار جاپا چېكىشنى ب ىر خىل گۈزەل ئەخلاق دەپ كۆز-كۆز قىلىپ، جاپا چېكىش ھەممىدىن بەك ئەھمىيەتلىك ئىش دەپ ھېسابلاپتۇ. ئۇلار كۈلپەتنى ناخشىلار بىلەن مەدھىيلەپتۇ. مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يۈرۈپ، ئېچىنىپ قوللىرىمنى مىجىقلاپ كېتىپتىمەن. ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىپ يىغلاپ كېتىپتىمەن. شۇنداقتىمۇ ئۇلارنى ئىلگىركىدىنمۇ بەكرەك ياخشى كۆرىدىغان بوپتىمەن. ئۇ چاغلاردا ئۇلارنىڭ چىرايىدا تېخى جاپا چەككەن ئالامەت يوق ئىدى. ئۇلار تېخى پاك، بىگۇناھ ياخشى ئادەملەر ئىدى. ئۇلارنىڭ ماكانى ئەسلىدە جەننەت ئىدى. ھازىر ئۇلار بۇنى بۇلغاپ تاشلىدى. بۇ يەردە بەختسىزلىك يۈز بەرگەنلىكى ئۈچۈنلا مان بۇ زېمىننى تېخىمۇ قىزغىن سۆيىدىغان بولدۇم. ھە، مەن ئەزەلدىنلا كۈلپەتكە ۋە بەختسىزلىككە ئامراق ئادەم، بىراق بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزۈملا ئۈستۈمگە ئالسام، ئۆزۈملا كۆتۈرسەم دەيمەن، ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئۇلارنى دەپ يىغلىغان ئىدىم. ئۇلارغا قوش قولۇمنى ئۇزىتىپ، ئۈمۈدسىزلىك ئىچىدە ئۆزۈمنى ئەيىبلىدىم، قارغىدىم ۋە مەنسىتتىم. مەن ئۇلارغا شۇنداق دېدىمكى، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزۈم قىلدىم. مەن سىلەرنى چۈشكۈنلىشىشكە، چىرىكلىشىشكە ۋە ساختىپەزلىككە ئاپىرىپ ئۇردۇم! مەن، سىلەر مېنى كرېستقا مىخلاپ قويۇڭلار دەپ تەلەپ قىلدىم. ئۇلارغا كرېست ياساشنى ئۆگىتىپ قويدۇم. مەن ئۆزۈمنى ئۆلتۈرەلمەيمەن، ئۇنداق قىلىشقا قۇربۇم يەتمەيدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ مېنى ئازابلىشىنى رازىمەنلىك بىلەن قوبۇل قىلىمەن. مەن كۈلپەت چېكىشنى ئارزۇ قىلىمەن. بۇنداق كۈلپەت ئىچىدە ئاخىرقى تامچە قېنىمنى تۆكۈشنى تىلەيمەن. ئەمما ئۇلار مېنى مەسخىرە قىلىشنىلا بىلىدۇ. ئاخىر كېلىپ مېنى ساراڭ دەپ ھېسابلىدى. ئۇلار مېنى ئەپۇ قىلىشنى بىلدۈردى. ئۇلار ئۆلىرىنىڭ ئىرادىسىگە مۇۋاپىق كىلىدىغان ئىشنىلا قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى، پۈتكۈل ھازىرقى ھالەتنى ئۆزگەرتىش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېيتتى. ئەڭ ئاخىرىدا، ئۇلار ماڭا: سەن بىزگە بارغانسىرى خەۋپلىك بولۇپ قالدىڭ. ئەگەر ئاغزىڭنى يۇممىساڭ، سېنى ساراڭلار يۇرتىغا ئاپىرىپ قويىمىز، دەپ جاكارلىدى. بۇ چاغدا، مەن بەك ئازاپلاندىم. يۈرىگىم مۇجىلىپ، ئۆلۈپ كەتكىدەك بولۇپ كەتتىم. مۇشۇ چاغدا، بىردىنلا ئويغىنىپ كېتىپتىمەن.

    بۇ چاغ تاڭ سەھەر بولغان چاغ، يەنى تاڭ ئەمدى ئاتقان چاغ ئىدى، دېمەك، سائەت ئالتە بولاي دەپ قالغان چاغ ئىدى. مەن ئاشۇ دىۋاندا ئولتۇرغان پېتى ئويغىنىپتىمەن. شام كۆيۈپ بوپتۇ، كاپىتاننىڭ ئۆيىدىكىلەر قاتتىق ئۇيقۇغا كەتكەن بولۇپ، ئەتراپ جىمجىت ئىدى. بۇنداق جىمجىتلىق بىز تۇرغان بىنادا كەمدە-كەم بولاتتى. مەن قورقۇپ كېتىپ، غېپپىدىلا ئورنۇمدىن سەكرەپ تۇرۇپ كېتىپتىمەن. ئىلگىرى مەندە ئەرزىمەس كىچىك ئىشلاردا بۇنداق ئەھۋال، مەسىلەن، دىۋاندا ئولتۇرۇپ قاتتىق ئۇخلاپ قېلىش ئەھۋالى زادىلا كۆرۈلمىگەن. تۇرغان يېرىمدە بارا-بارا ئېسىمنى تېپىپتىمەن، شۇ ئارىدا كۆزۈم جوزىدىكى ئوقلانغان، تەل قىلىپ قويۇلغان تاپانچىغا چۈشتى، مەن ئۇنى بىر ياققا ئىتتىرىۋەتتىم! ھە، ئەمدى مەن ياشايمەن ياشىشىم كېرەك! مەن ئىككى قولۇمنى ئىگىز كۆتۈرۈپ، ھەقىقەت مەڭگۈلۈك دەپ ۋارقىرىدىم: بۇ ئالقىشلاش ئەمەس. بەلكى كۆزيېشى ئىدى: ۋۇجۇدۇم شادلىققا تولۇپ تاشتى. سۆز بىلەن ئىپادىلەپ بەرگۈسىز خۇشاللىققا چۆمدۈم. توغرا، ياشايدىكەنمەن دىن تارقىتىشىم كېرەك! دىن تارقىتىش قارارىغا كەلدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يولدىن مەڭگۈ قايىتماسلىققا بەل باغلىدىم! دىن تارقىتىمەن، دىن تارقىتىمەن،- قايسى دىننى تارقىتىش كېرەك؟ ھەقىقەتنى تارقىتىش كېرەك. چۈنكى مەن ھەقىقەتنى سەزدىم. ھەقىقەتنى كۆردۈم، ھەقىقەتنىڭ چاقناپ تۇرغان نۇرىنى كۆردۈم.

    شۇنىڭدىن تارتىپ دىن تارقىتىشقا باشلىدىم! يەنە كېلىپ مېنى زاڭلىق قىلغانلارنى ھەر قانداق كىشىلەردىنمۇ بەك ياخشى كۆرىدىغان  بولۇپ قالدىم. بۇنىڭ سەۋەبى زادى نېمە؟ بۇنى چۈشىنەلمىدىم . شۇنداقلا چۈشەندۈرۈپمۇ بېرەلمەيمەن. بۇغۇ شۇنداق بولىۋەرسۇن. ھەممە خەقلەر مېنى كاللاڭ ئېلىيشىپ قاپتۇ دېيىشتى. بۇنىڭ مەنىسى ھېلىتىن مۇشۇنداق ئېلىشىپ يۈرسەڭ، كىلىچەكتە قانداقمۇڭ قىلارسەن؟ دىگەنلىك.

       دەرھەقىقەت: مەن ئېلىشىپ قاپتىمەن. بۇنىڭدىن كېيىن، ئېھتىمال، تېخىمۇ ئېلىشىپ قېلىشىم مۇمكىن. مەن دىننى قانداق تارقىتىش كېرەكلىكىنى ئۇقۇۋېلىشىم كېرەك. يەنى نېمىلەرنى دېيىشىم، نېمىلەرنى قىلىشىم كېرەكلىكىنى بىلىشىم كېرەك. چۈنكى دىن تارقىتىش خېلى تەسكە چۈشىدىغان ئىش. بۇ ئىشنى باشلاشتىن ئىلگىرى جەزمەن يەنە كۆپ خاتالىقلارنى سادىر قىلىمەن. ھازىر بۇلارنى ئېنىق بىلىپ تۇرىمەن. بىراق، گىپىمگە قۇلاق سېلىڭلاركى، خاتالىق ئۆتكۈزمەيدىغان ئادەمنىڭ بولۇشى مۇمكىنمۇ! دانىشمەن ئەۋلىيالاردىن تاكى پەسكەش قاراقچىلارغىچە- بۇلار ئەمەلىيەتتە بىر نىشانغا قاراپ ئېنتىلمەكتە، ھېچ بولمىغاندا بىر يۈلۈنۈشكە قاراپ تىرىشماقتا. پەقەت ماڭغان يوللىرى باشقا-باشقا، خالاس. بۇ كونا بىر ھەقىقەت. بىراق بۇ يەردە يېڭى بىر ئەھۋالمۇ بار: مەن چېكەمدىن تاپىنىمغىچە ئېلىشىپ كەتكىنىم يوق. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، مەن ھەقىقەتنى كۆردۈم. ئادەم بالىسىنىڭ گۈزەل بەختكە قول يەتكۈزەلەيدىغانلىقىنى ھەم دۇنيادا ياشاش ئىقتدارىنى ھەرگىز يوقىتىپ قويمىغانلىقىنى كۆردۈم ۋە بىلدىم. رەزىلللىك ئىنسانلاردىكى نورمال ئەھۋال دېيىشكە ئىشىنەلمەيمەن ھەم ئىشەنمەيمەن. مېنىڭ بۇ خىل ئېتقادىم ئۇلار تەرىپىدىن مەسخىرە قىلىندى. مەندە بۇنداق ئېتقاد بولمىسا بولامدۇ: مەن ھەقىقەتنى كۆرگەن تۇرسام،- بۇنى كاللامدا ئويدۇرۇپ چىقمىدىم، ئۇنى كۆردۈم، ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. ئۇنىڭ جانلىق ئوبرازى كۆڭلۈمدە دىلىمدا مەڭگۈ ساقلىنىدۇ. مەن كەم-كۈتسىز ھەقىقەتنى كۆردۈم. ئىنسانلار دۇنياسىدا بۇنداق ھەقىقەت بولمايدۇ دېيىلسە، بۇنىڭغا ھەرگىز ئىشەنمەيمەن، قانداقسىگە ئىشىنىپ قالغان بولىمەن؟ ئەلۋەتتە، مەن ئوقۇشسىزلىقلاردىن خالى بولالمايمەن. ھەتتا بەزى قاملاشمىغان گەپ-سۆزلەرنى قىلىپ قۇيۇشىممۇ مۇمكىن. ئەمما بۇنداق ئەھۋالئۇزاققا بارمايدۇ، چۈنكى مەن كۆرگەن جانلىق ئوبرازلار مەن بىلەن باشتن-ئاخىر بىللە مەچجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. ئۇ مېنىڭ خاتالىقلىرىمنى تۈزىتىپ تۇرىدۇ، يۈلۈنۈشىمنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. ئىھ، مەن روھلىنىپ كەتتىم، جۇشقۇن بولۇپ كەتتىم. مەن ئالغا چامدايمەن، ئالغا چامدايمەن. كاشكى مىڭ يىل ماڭساممۇ مەيلى. شۇنى بىلىپ قويۇڭكى، بۇلارنى يامان ئۆگىتىپ قويۇپتىمەن. ئەسلىدە ھەقىقىي ئەھۋالنى يۇشۇرماقچى بولغان ئىدىم. ئەمما بۇ مېنىڭ خاتالىقىم-مېنىڭ تۇنجى خاتالىقىم بوپتۇ! ھەقىقەت بولسا پىچىرلاپ ئاگاھلاندۇرۇپ، سەن يالغان گەپ قىلىۋاتىسەن دەۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تەڭ يەنە مېنى قوغداۋاتىدۇ. ماڭا يول كۆرسىتىۋاتىدۇ. جەننەت قانداق بىنا بولغان- بۇنى مەن بىلمەيمەن، چۈنكى ئۇنى سۆز بىلەن تەسۋىرلەپ بېرەلمەيمەن. ئويغانغاندىن كېيىن، تىلىم گەپكە كەلمەي قالدى. كەم دىگەندە،  مۇھىم ۋە كەم بولسا بولمايدىغان ئاتالغۇلارنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ قالدىم. ئەمما، بۇنىڭ كارى چاغلىق: مەن بېرىپ سۆزلەۋېرىمەن، توخقتىماي سۆلەيمەن. گەرچە كۆرگەنلىرىمنىڭ ھەممىسىنى تەسۋىرلەپ بېرىشكە ماھىر بولمىساممۇ، ھەر ھالدا بۇ ئىشلارنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. مېنى مەسخىرە قىلغۇچىلار بۇنى بىلمەيدۇ. ئۇلار «سېنىڭ كۆرگىنىڭ چۈشتىكى ئەھۋال، خاتا تۇيغۇ ۋە خىيالى كۆرۈنۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس» دىيىشىدۇ. ھەي! بۇمۇ دانا پىكىر بولدىمۇ؟ ئۇلارنىڭ شۇ قەدەر ھاكاۋۇرلۇقىنى قارىمامدىغان! چۈش دەمسەن؟ چۈش دىگەن نېمە؟ بىزنىڭ ھاياتىمىزنىڭ ئۆزى قاتتىق بىر چۈش ئەمەسمۇ؟ مەن يەنە بىر ئېغىز گەپ قىلايكى، چۈشتىكى بۇنداق ئەھۋال مەڭگۈ ئىشقا ئاشمىغان تەقدىردىمۇ، جەننەت دىگەن نەرسە بولمىغان تەقدىردىمۇ(بۇنىسى ماڭا ئېنىق!) – مەن يەنىلا دىن تارقىتىمەن. ئىش شۇنداق ئاددىكى، ئېھتىمال، بىر كۈن ئىچىدە بىر سائەت ئىچىدە ھەممە ئىش تەل بولۇپ قىلىشى مۇمكىن! ئاساسلىقى باشقىلارنى ئۆزۈڭنى ئاسىرىغاندەك ئاسىرىشىڭ كېرەك. تىتاڭ تومۇرىغا تېگىدىغان يېرى دەل مۇشۇ، نان تېگىدىغان يېرى دەل مۇشۇ، باشقا ئىشلارنىڭ كارائىتى چاغلىق: ئىشنىڭ قانداق قىلىپ ۋۇجۇتقا چىقىدىغانلىقىنى پار ئارىدىلا چۈشىنىسەن. ئەمەلىيەتتە، بۇنداق ھەقىقەت كونا گەپتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئۇنى كىشىلەر يۈز مىڭ قېتىملاپ تەكرارلاپ تۇرىدۇ ۋە يادقا بىلىدۇ، بىراق ئۇ ئارىمىزدا يىلتىز تارتمىدى! «تۇرمۇشقا بولغان تونۇش تۇرمۇشتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، بەخت توغرىسىدىكى قانۇنىيەتنى چۈشىنىش بەختنىڭ ئۆزىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ» دەيدىغان مۇقامنى رەت قىلىش كېرەك! مەن كۈرەش قىلىمەن. كۆپچىلىك ئىشلەشنى خالىسىلا، ھەممە ئىش دەرھال ۋۇجۇتقا چىقىدۇ.

    ھېلىقى قىزچاقنى سۈرۈ شتۈرۈپ تاپتىم...مەن بارىمەن! ھازىرلا بارىمەن!

    -----------

    تەرجىمە قىلغۇچى: رەھىمجان.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.