كونا رەقىب

يوللىغۇچى : dilraba يوللىغان ۋاقىت : 2015-12-01 11:47:24

كونا رەقىبشىرگەي پىدىيۇف (رۇسىيە)20 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە مەن كونا رەقىبىمنى كۆرۈش ئۈچۈن ماڭدىم،كەيپىياتىم تولىمۇ خۇشال ئىدى. سىلەر مازاق قىلساڭلارمۇ مەيلى، مېنىڭ بۇ كونا رەقىبىم دەل مېنىڭ ئاتام...

    كونا رەقىب
     
    شىرگەي پىدىيۇف (رۇسىيە)
     
    20 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە مەن كونا رەقىبىمنى كۆرۈش ئۈچۈن ماڭدىم،كەيپىياتىم تولىمۇ خۇشال ئىدى. سىلەر مازاق قىلساڭلارمۇ مەيلى، مېنىڭ بۇ كونا رەقىبىم دەل مېنىڭ ئاتام، چۈنكى ئۇ ئەزەلدىن ماڭا ئاتىدەك مۇئامىلە قىلىپ باققان ئەمەس.
    مەن يېڭى ئالغان پىكاپىمنىڭ مەينەت بوپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ ئاستا ھەيدەۋاتاتتىم،تۇيۇقسىز ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن ۋاقتىم يادىمغا يېتىپ قالدى.ئەينى چاغدا ئۇنىڭ مېنى ئېلىپ قېلىش نىيىتى زادىلا يوق ئىدى، كېيىن ئانام يېرىم كېچىدە باشقىلارنىڭ تىراكتورىنى ئارىيەت ئېلىپ، مېنى ئۇنىمىغىنىمغا قويماي قايتۇرۇپ كەتتى.
    ئاتامنى ھېسسىياتسىز دېگىنىم ئەمەس، ئىشقىلىپ ئۇ ماڭا ئادىل مۇئامىلە قىلىپ باقمىدى.ئىشقىلىپ ئۇمىنىڭ دەرستتىن سىرتقى ئوقۇشلۇق كىتابىم بولسىمۇ،ئۇ كىتابنى سىنىپتىكى بالىلارنىڭ ھەممىسى ئوقۇسا بولىدۇ،دەپ جاكارلايتتى.نەتىجىدە كىتابىم قولۇمغا يىرتىق، كونىرىغان ھالدا قايتىپ كېلەتتى.
    مەن ئۆزۈمنى باشقىلاردىن ئەقىللىق، بۇلار تىرىشچانلىقىم بەدىلىگە كەلگەن،دەپ قارايتتىم.بىراق ئاتام مېنى كارغا كەلمەس، ئاتالمىش ئارتۇقچىلىقىڭ ھېچنىمە ئەمەس؛ پەقەت مەن ئوقۇتقۇچى بولغاچقىلا، سېنىڭ ئېتىزغا بېرىشىڭنىڭ ھاجىتى يوق، باشقا بالىلارنىڭ كىتاب ئوقۇيدىغان،تاپشۇرۇق ئىشلەيدىغان ۋاقتى يوق، دەيتتى. ئۇ ئەزەلدىن مەندىن پەخىرلىنىپ باقمىغان، ھەتتا مەن سان پېتىربۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەندىمۇ،ئۇپەقەت بېشىنى لىڭشىتىپ :«بارغىن، ئوقۇش پۈتكۈزۈپ قايتىپ كەل!»دېگەن.مەن ئوقۇش پۈتكۈزگەندە، ئۇ يەنە «يۇرتقا قايتىپ سىنىپىمنى قولۇڭغا ئال» دېگەن.
    مەن چىشىمنى چىشلەپ يۇرتتىن ئايرىلدىم. گەرچە سىرتتا نۇرغۇن جاپا تارتقان بولساممۇ، لېكىن يىگىرمە يىل جەريانىدا ئۇنىڭغا بىر قېتىممۇ تېلېفون بەرمىدىم، چۈنكى مەن ھامان بىركۈنى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدىغانلىقىمغا ئىشىنەتتىم.كېيىن يۇرتقا قايتقاندا، ھاياتىمدىكى بۇ كونا رەقىبىمنى«يۇرتتا قېلىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ياخشىمۇ ياكى سىرتتا ئىشلىگەن ياخشىمۇ؟» دېگەن سوئالغا جاۋاپ تاپقۇزماقچى بولغانىدىم.
    گەرچە ئەگرى-بۈگرى چىغىر يوللار يەنىلا بۇرۇنقىدەك بولسىمۇ، بىراق مەن ئىلگىرىكى بۇرادەرلىرىمنىڭ بىرىنىمۇتۇنۇيالمىدىم. بىردەم خىيال سۈرگەنگە پىكاپىم كاتاڭغا چۈشۈپ كەتتى، مەن ئېتىزدا ئەمگەك قىلىۋاتقان دېھقانلارغا سەل ھاياجانلانغان ھالدا: «يۇرتداشلار، ياردەم قىلساڭلار !» دېدىم.بۇ دۇنيا ناھايىتى تېز ئۆزگىرىدىكەن، مەيلى قانداقلا ۋارقىراي،ئۇلار ئازراقمۇ ئىنكاس قايتۇرمىدى، ھەتتا مەنسىتمەسلىك نەزىرى بىلەن قاراپ قويدى. .ئامال يوق ئۈنلۈك ئاۋازدا:
    -پىدىيىف مۇئەللىمنى چاقىرىپ بەرسەڭلار بولامدۇ؟-دېدىم. پىدىيىف مۇئەللىم دەل مېنىڭ ئاتام، ئۇگەرچە كونا رەقىبىم بولسىمۇ، بىراق بۈگۈن ئۇنى بەكلا كۆرگۈم كەلگەنىدى.
    -نىمە، سىز پىدىيىف مۇئەللىمنى ئىزدەمسىز؟ كۆپچىلىك، تېز ياردەملىشىڭلار، ئۇ پىدىيىف مۇئەللىمنى ئىزدەپ كەپتۇ!-دېدى بىر دېھقان. كۆپچىلىك بىردەمدىلا پىكاپىمنى چىقىرىپ بەردى، بىر قانچە بالا پىيىيىف مۇئەللىمگە خەۋەر يەتكۈزگىلى ماڭدى، تونۇش يول بىلەن ئۆيۈمگە قاراپ يۈرۈپ ماڭدىم.
    -مۇشۇ مېنىڭ غەلىبە قىلغىنىممۇ؟
    بۇ خىيال كاللامغا كەلگەن ئاشۇ دەقىقىدە مەن ئۆزۈمنى ئېچىنىشلىق رەۋىشتە ئۇتتۇرغاندەك، ئاتامنى بۇ ئۆمرۈمدە مەڭگۈ يېڭەلمەيدىغاندەك ھېس قىلدىم ۋە ئۆزۈمگە پىچىرلىدىم:
    -كونا رەقىبىم- ئاتام مېنى كەچۈرسىكەن ئىلاھىم!
    شەرۋانەم تۇرسۇن تەرجىمىسى
     
    «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»دىن ئېلىندى.
     
     
     
     
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر رۇسىيە پېتىربۇرگ