ئاشنا(پوۋېست)- ماگرت دوگلاس 9

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-11-21 01:02:12

بىز قېرىنداشلا بىربىرىمىزگە بەكمۇ ئوخشايمىز، بولۇپمۇ يۈز قىسمىمىز كۆرىنەرلىكرەك. ئۇ توسمىدىكى جۇڭخۇا ئادىمى ماڭا گەپ قىلىۋاتاتتى. مئۇنىڭ كۆز يېشى چانىقىدىن چىقىپ كىتەي دەپ قالغان ئىدى. ئۇ :...




    بىز قېرىنداشلا بىربىرىمىزگە بەكمۇ ئوخشايمىز، بولۇپمۇ  يۈز قىسمىمىز كۆرىنەرلىكرەك.

    ئۇ  توسمىدىكى جۇڭخۇا ئادىمى ماڭا گەپ قىلىۋاتاتتى. مئۇنىڭ كۆز يېشى چانىقىدىن چىقىپ كىتەي دەپ قالغان ئىدى.  ئۇ :« مەن زادى قانداق قىلىپ ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىپ قويدۇم؟» دېدى. مەن ئۇنىڭغا بۇ ئىش تۈپەيلى كۆڭلىنى بۇزماسلىقنى ئېيتتىم. چۈنكى ئۇلار دائىم شۇنداق ئىدى. بىز پۈتۈن ئائىلىدىكىلەرگە نىسبەتەنمۇ شۇنداق ئىدى.  مەيلى قەيەر، قايسى ۋاقىت بولىشىدىن قەتئىينەزەر،  بىز دائىم مۇشۇنداق  كۈن كەچۈرۈشپ كەلدۇق.

    بىز ھېلىقى ئاددىي ياتاقتا ئۇچىراشقان ۋاقتىمىزدا، مەن ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈش بېرەتتىم. مەن ئۇنىڭغا چوڭ ئاكامنىڭ بۇنداق قوپال، سوغۇق، كىشىنى بوزەك قىلىدىغان مەنمەنچىلىكلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىزنىڭ ئىشىمىزغا قارىتىپ قىلغانلىقىنى ئېيتتىم. ئاكامنىڭ قىلالايدىغىنى ئادەم ئۆلتۈرۈش، ھاياتىنى نابۇت قىلىش ئىدى. ھاياتىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش،  باشقىلارنى  كەمسىتىش، باشقىلارنى قوغلاش،  باشقىلارغا  جاپا سېلىشنىڭ ئۇنىڭ تەبىئىتى ئىكەنلىكىنى ئېيتتىم. مەن ئۇنىڭغا ئەنسىرەشنىڭ ھاجەتسىزلىكىنى قورقماسلىقنى ئېيتتىم.  چۈنكى چوڭ ئاكامنىڭ بىردىنبىر قورقىدىغان ئادىمى مەن ئىدىم.  چوڭ ئاكام مېنىڭ ئالدىمدا  تەبىئىيلا قورقۇنچاقلىقىنى كۆرسىتىپ قوياتتى.

    ئەزەلدىن ياخشىمۇسىز، خەيرىلىك كەچ، يېڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك دېگەنلەرنى دەپ باقمىغان، ئەزەلدىن رەھمەت دېگەننىمۇ دەپ باققان ئەمەس. ئەزەلدىن پىكىر ئالماشتۇرمايمىز،  ئەسلىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇرۇش ھاجەتسىز. ھەممىسى  ھاڭۋېقىپ تۇراتتى،  تىنىمايتتى، مۇھەببەتمۇ سۇسلاشتى. بۇ ئائىلىدىكىلەر تاش يۈرەك ئادەملەردۇر. قاتماللىقتا ئۇچىغا چىققان ھەم ھېچقانداق بىر ئادەمنىڭ يېقىنلىشىپ كەتمەيدۇ. ھەر كۈنى بىزنىڭ مەقسىدىمىز قارشى تەرەپنىڭ ئازابلاش. ھەتتە  ئۆز-ئارا ئۆلتۈرىشەتتى. بىزنىڭ ئارىمىزدا بىر ئېغىز گەپمۇ قىلىشماي قالماستىن، ئۆز-ئارا بىر-بىرىمىزگە قارىشىپمۇ قويمايمىز. يۈزمۇ-يۈز ئۇچىرىشىپ قالغان تەقدىردىمۇ، كۆرمەسكە سېلىپ كېتەتتۇق. ئەگەر كىم كۆزىنىڭ قۇيرىقىدا قاراپ قالسا،  ئۇندقتا قىزىقىش ھەم  يۈزىنى چۈشۈرۈشنى ئويلايدۇ. شۇڭا،  ئۆز-ئارا قاراپ قويۇشقا تېخىمۇ ئەرزىمەيدۇ. پىكىر ئالماشتۇرۇش دېگەن بۇ سۆز بىزنىڭ  ئارىمىزدا ئاللىبۇرۇن  مەۋجۇدلىقىنى يوقاتقان.  مېنىڭچە   بۇ يەردىكى  ئەڭ مۇۋاپىق سۆز «نۇمۇسسىز» ۋە «ھاكاۋۇر»دىن ئالدىغا ئۆتىدىغان سۆز بولمىسا كېرەك. بۇ لار ئومۇمىي جەھەتتىن ئۈچ ئورتاق تارىخىتكى  ئەڭ ئاساسىي ئامىل،  چۈنكى  بىز  ھەممىمىز  مۇشۇ  ئاق كۆڭۈل،  جەمئىيەتنىڭ  زىيانكەشلىكىگە ئۇچىرىغان بىر ئانىنىڭ باللىرى.  بىز  بۇ  ئىلگىرى كەمبەغەلچىلىتە قالدۇرۇپ ھالاكەت گىردابىغا قالدۇرۇپ قويغان جەمئىيەتنىڭ بۇ تەرىپىدە تۇرۋاتىمىز.  كىشىلەرنىڭ بىزگە نىسبەتەن شۇنچىلىك مۇلايىم، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ئاپامنىڭ بارلىق ئىش-پائالىيەتلىرى سەۋەبىدىن بىزنىڭ تۇرمۇشقا بولغان  نەپرىتىمىز كۈچىيىپ كەتتى، ئۆزىمىزگىمۇ نەپرەتلىمىز.

    ئاپام  ئۆزىنىڭ ئۈمىدسىزلەنگەندىن كېيىن بىزگە قانداق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كەلگىنىنى پەرەز قىلىپ بولالمايدۇ. مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم ئاساسلىقى شۇ ئوغۇللار. ئاشۇ  ئوغۇللىرى. ئەمما، ئۇ بولسىمۇ  كۆردى.  ئۇنداقتا ئۇ ئۆزىنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىگە سۈكۈتنى ساقلاپ قالماقچىمىدۇ؟ ئۇ مەرھۇمنىڭ ئاۋازى ۋە قىياپىتىنى، ئۇنىڭ كۆز نۇرى ۋە  ئۇنىڭ ئانىلىق مېھرىنى ساختىلىق بىلەن  دورىغىلى  بولامدۇ؟ بولمايدۇ.  ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا،   ئاپام ئاللىبۇرۇن ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىشى، بۇرۇنلا  بۇ كىشىنىڭ خىيالىغا  كەلمەيدىغان بۇنداق ئائىلىدىن بوشىنىشى كېرەك ئىدى. بۇرۇنلا ئۆينىڭ چوڭى بىلەن ئىككى ئاكا سېڭىلنى تۈپتىن ئايرىۋېتىش كېرەك ئىدى. لېكىن ئۇ بۇنداق قىلمىدى. ئاپام شۇنچىلىك بىخەستە، ئاپام شۇنچىلىك شاللاق. ئۇ شۇنچىلىك مەسئۇلىيەتسىز. ئۇ ئەزەلدىنلا شۇنداق ئىدى. ئۇ ئالەمدىن ئۆتتى. بىز ئۈچىمىزنىڭ ئۇنىڭ بولغان مۇھەببىتىمىز ئادەتتىكىدىن ھالقىغان ئانا بالا مېھرىدۇر. مۇشۇ نۇقتىغا ئاساسەن، ئۇ ئەسلىدىمۇ بىزدىن بۇ ئىشلارنى سىر تۇتۇپ، يۇشۇرۇپ،  يالغان سۆزلىدى.  بىز ئۈچ قېرىنداشنىڭ خاراكتېرى ئالاھىدىرەك،  لېكىن بىز ئۇنىڭغا  نىسبەتەن ئوخشاش بولغان  بىر  پەرزەنت قەلبى بار.

    بۇ مەزگىلدىكى تارىخ ناھايىتىمۇ ئۇزۇن، ئۇ توپتوغرا يەتتە يىل داۋاملاشتى.  باشلانغان ۋاقتى مەن ئون ياش ئىدىم.  كېيىن مەن ئون ئىككى ياش ئىدىم.  ئاندىن  ئون ئۈچ ياش،  ئاندىن ئون تۆت ياش،  ئون بەش ياش، ئاندىن  ئون ئالتە ياش، ئون يەتتە  ياش.

    ئاپام بۇ يىللارنى بېشىدىن كەچۈرگەن ۋاقىتتا، توپتوغرا يەتتە يىل ھەم ئۇنىڭ  ئەڭ ئاخىرىقى  ئارزۇسىمۇ ئاخىرى بەربات بولدى. ئارزۇسىدىن ئاخىرى ۋاز كەچتى.  ھەتتا  دېڭىز سۈيىنى توسىدىغان ئۇلۇغۋار نىيەتتىن ۋاز كەچتى.  بىز بالكوندىكى كۈنگەي تەرەپتە سىئام تەرەپكە  قاراپ تۇردۇق. كۆكتە ئوتتەك قۇياش بولغان تەقدىردىمۇ، بالكون يەنىلا بۇرۇنقىدەك قاراڭغۇ بولۇپ، ىۇددى قارا سىر تۆكۈپ قويغاندەك  ئىدى.   كىچىك ئاكام 1942-يىلى 12-ئايدا ياپونىيە ئىشغال قىلىنغان ۋاقىتتا ئۆلگەن. 1931-يىلى، مەن ئىككىنچى قېتىم تۇلۇقسىز ىۇلاسە ئىمتىھانىدىن كېيىن مەن سايگوندىن ئايرىلدۇق.  بۇ ئون يىل جەريانىدا، ئۇ پەقەت ماڭا بىر پارچە خەت يېزىپ باقتى. زادى نېمە ئۈچۈن؟ مەن زادى ئويلاپ يېتەلمىدىم. ئۇنىڭ يازغان ئۇ بىر پارچە خېتى شۇنچىلىك  ئۆز يارىشىغىدا بولغان.  خەتنى قايتا كۆچۈرۈپ يېزىلغان.  خاتالىق يوق.  پوچۇركىلىرىگىمۇ ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەن. ئۇ خېتىدە  ماڭا ئۆزلىرىنىڭ  ناھايتى ياخشى  ئىكەنلىكىنى،  ئاپامنىڭ مەكتىپىنىڭمۇ ناھايىتى يۈرۈشۋاتقانلىقىنى يازغان.  بۇ پارچە خەت ئىككى بەت توشقان ئۇزۇن خەت ئىدى. مەن يەنە تېىى ئۇنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى  قول يازمىسىنىمۇ  تونۇيمەن. ئۇ يەنە تېخى ماڭا ئۆزىنىڭ بىر يۈرۈش ئۆيىنىڭ بارلىقىنى، بىر ماشىنىسىنىڭ  بارلىقىنى ئېيتتى،  يەنە ماشىنىسىنىڭ داڭلىق ماركا ئىكەنلىكىنىمۇ دەپتۇ. ئۇ يەنە  يېڭىباشتىن بىليارد ئويناشنى باشلاپتۇ. ناھايىتى ياخشى بولىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. يەنە تېخى مېنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، مېنى چىڭ قۇچاقلىۋالغانلىقىنى  ئېيتىپتۇ.  ئۇ ئۇرۇشنى تىلغا ئالماپتۇ.  ھەم مېنىڭ چوڭ ئاكامنىمۇ تىلغا ئالماپتى.

    ھەر قېتىم مەن  ئاشۇ ئىككى ئاكامنى تىلغا ئالغان ۋاقتىمدا،  مەن دائىم ئۇلارنى بىر پۈتۈن گەۋدە دەپ بىلىمەن،  خۇددى ئاپامغا ئوخشاش.  ئۇ دائىم شۇنداق قىلاتتى. مەن مېنىڭ ئۇ ئاكىلىرىم دېسەم، ئاپام سىرتلارغا كەتكەنلەردە  مېنىڭ ئۇ ئوغۇللىرىمنى دەيتتى.  ئۇ دائىم  بىر قىسىم  ئاڭلىغۇسىز سۆزلەر بىلەن  ئۆزىنىڭ  ئىككى ئوغلىنىڭ كۈچىنىڭ قانچىلىك چوڭلىقىنى سۈپەتلەيتتى. ئۇلارنىڭ  تەقى- تۇرۇقىغا كەلسەك، ئاپام ئەزەلدىن ئىنچىكلەپ سۆزلەپ كەتمەيتتى. ئۇ  چوڭ كىچىكىدىن قانچىلىك  قاۋۇل دېگەندەك سۆزلەرنىمۇ قىلمايتتى.  ئۇ پەقەت  چوڭى بىلەن ئۇنىڭ شىمالدىكى  قېرىنداشلىرىغا ئوخشا قاۋۇل  ئىكەنلىكىنى دەيتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئوغلىنىڭ قاۋۇللىقىدىن ئۆزىنى شۇنچىلىك مەغرۇر تەكەببۇرلىنىپ كېتەتتى. خۇددى ئۇ بۇرۇنقى كۈنلەردىكىدەك، ئۆزىنىڭ سېمىز يوغان ئىنىسىدىن مەغرۇرلانغانغا ئوخشاش قىلدى. چوڭ ئوغلىغا ئوخشاش ئۇمۇ  تېنى ئاجىز ئادەمنى مەڭسىتمەيتتى. مېنىڭ  ئۇ توسمىدىكى ئاشىقىمنى ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇ ئاكام بىلەن ئوخشاش بىر مۇقامنى ئېيتاتتى. مەن ئۇلارنىڭ ئۇ سۆزلىرىنى يېزىشنى خالىمايمەن. ئۇلارنىڭ  ئۇ زەھەرخەندە سۆزلىرى خۇددى قۇملۇقتا سېسىپ كەتكەن جەسەتكە ئوخشاش كىشىنىڭ  كۆڭلىنى بىئارام قىلاتتى. مەن مېنىڭ ئۇ ئاكىلىرىم، ئۇ چۈنكى  ئىلگىرى مەن ئاشۇنداق ئېيتقان. پەقەت ئاخىرىغا كەلگەندىلا مەن سۆزۈمنى ئۆزگەرتتىم، چۈنكى ئۇ ۋاقىتتا كىچىك ئاكام بىر چوڭ ئادەم بولۇپ قالغان ئىدى ھەمدە خارلانغۇچى بولۇپ قالدى. بىزنىڭ بۇ ئۆيدە،  ئەزەلدىن ھېچقانداق بايرام ئۆتكۈزۈش ئۇياقتا تۇرسۇن،  ئەزەلدىن  بىرەر تۈپ رېژىستىرداۋا دەرىخىنىمۇ كۆرۈپ باقمىدىم.  بىرەر تال گۈل كەشتىلەنگەن قولياغلىقمۇ يوق،  بىرەر دەستە گۈلمۇ تىزىپ باقمىغان ئىدى.  ھەتتا بىر  يەرگە كىرىپ كەتكەن ئەجدادىمىزمۇ يوق ئىدى. بىرەر قەبرىمۇ بولمىغان ئىكەن،  ھېچقانداق بىر  خاتىرىلەشكە تېگىشلىك ئادەممۇ يوق. پەقەت بىردىنبىر  ئاپام ئۆزىلا بار ئىدى.  چوڭ ئاكام كېيىن قاتىل بولۇپ قالدى،  كىچىك ئاكام  كالۋا  چوڭ ئاكامنىڭ قولىدا ئۆلدى.  ھەمدە  مەن  يىراقلارغا كەتتىم،  ھەر  نېمە  بولسا قېچىپ قۇتۇلىۋالدىم.  تاكى ئاپام ئۆلگەنگە قەردەر ئاكام ئۇنىڭغا ئەگىشىپ يۈردى.  ئۇ ۋاقىتلاردا،   ئاپام مېنىڭ توسمىدىكى ئوبرازىم سەۋەبلىك، ھەمدە مېنىڭ ئاشىقىم قاتتىق تېرىككەن. ئاپام  توسمىدىكى يۈز بەرگەن  بارلىق ئىشلادىن قىچىمۇ خەۋىرى يوق ئىدى،   لېكىن،  مەن ئاپامنىڭ مېنى كۆزىتىۋاتقانلىقىنى بىلەلەيتتىم.  مەن ئاپامنىڭ  بۇرۇنلا گۇمانلانغانلىقىنى بىلەتتىم.  ئۇ ئۆزىنىڭ قىزىنى چۈشىنىدۇ.  ئاپام  ئازغىنا ۋاقىت ئىچىدە  مېنىڭ  روھىي  كەيپىياتىمنىڭ تۇراقسىز ئىكەنلىكىنى، قارىماققىلا خۇددى  ئېغىر مىجەز بولۇپ ئۆزگىرىپ قالغانلىقىنى، دېققىتىنى تارتقانلىقىمنى، گەپ قىلغاندا بۇرنقىدىنمۇ بەكىرەك سالماقلىق سۆز  لەيدىغان بولۇپ قالغىنىمنى، ئىلگىرى  نېمىلا بولسا  ھەيران قالىدىغان ئادەمنىڭ، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بىر  ئۆزگەرگەن پەرۋاسىز ھالەتنى، ھەتتا  كۆز نۇرىنىڭمۇ ئۆزگەرگەنلىكىنى بىلىۋالدى. ئۇ ئاپىسىنىڭ بەخىتسىلىكىنىڭ  كۆرۈرمەنى بولۇپ قالدى. خۇددى  مەن ئاپامنىڭ  ئىزىنى باسقاندەكلا قىلىمەن. بۇ بارلىق ھەممە ئاپامنىڭ تۇرمۇشىغا تۇيۇقسىز خاتىرجەمسىزلىك  ئېلىپ كەلدى. چۈنكى  ئۇنىڭ قىزى  ئەڭ چوڭ خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىۋاتىدۇ. ئۇ مەڭگۈ ياتلىق بولالمايدۇ.  مەڭگۈ جەئىيەتتە پۇت  دەسسەپ تۇرالمايدۇ. بۇ جەمئىيەتكە يۈزلىنەلگەندە، ئۇ ھەممىدىن ئايرىلغان ئۇنىڭدا ھېچبىر ئۈمىد قالمايدۇ.  يالغۇز غېرىپ. ئاپام  چارقىراپ-جارقىراپ ماڭا ئېتىلىپ كەلدى. ئۇ مېنى بىر ئۆيگە قاماپ قويدى. مېنى مۇشتى بىلەن ئۇردى. قۇلاق تۈۋىمگە قالدى. مېنىڭ كىيىملىرىمنى سالدۇرۇپ،  يېقىن كېلىپ مېنىڭ تېنىمنى پۇرىدى. مېنىڭ ئىچ كىيىملىرىمنى پۇرىدى. ئۇ  مېنىڭ تېنىمدىن جۇڭگولۇقلارنىڭ ئەتىرى پۇراۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ماڭا تېخىمۇ يېقىنلىشىپ، مېنىڭ  ئىچ ئىشتىنىمدا قانداق بىر گۇمانلىق داغلارنىڭ بار يوقلىقىغا قارىدى. ئاندىن ئۇ تېخىمۇ يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىرىدى، ئۇنىڭ ۋارقىرىشىنى پۈتۈن شەھەر ئاڭلىيالايدىغان  ئاۋاز ئىدى. نېمە ھېلىقى ئۆزىنىڭ قىزىنى جالاپ، قىزىنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىمەن، ئۇنىڭدىن نەپرەتلىشنىدىن پارتىلاپ كېتەي دەپ قالغانلىقى يەنە ھېچكىم سېنى ئالمايدۇ، يەنە مېنى يۈزى يوق داپشاق، ئىتتىن بەتەر  دېگەندەك گەپلەر ئىدى.  ئۇ بىر تەرەپتىن يىغلاپ، بىر تەرەپتىن بۇنداق قىزنى باققاننىڭ نېمە پايدىسى، يەنە ئۇنىڭدىن كۆرە بالدۇراق ئۆيدىن قوغلىۋەتكىنىم ياخشى، بۇ يەرنى مەينەت قىلىۋەتمىگىن يەنە دەۋاتاتتى. مېنىڭ چوڭ ئاكام مېنى سولاپ قويغان ئۆينىڭ  تام كەينىدە ئىدى. چوڭ ئاكام ئاپامغا بولۇشۇپ،  ئاكام ئاپامغا  مېنى ئۇرۇش ھەق ئىكەنلىكىنى دەۋاتاتتى.  ئۇنىڭ ئاۋازى تۆۋەن ھەم توم، يېقىملىق،  مۇلايىملىق بىلەن  ئۇ ئاپامغا  قانداق زۆرىيەت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئىشنى  راستىنى ئېنىقلايلى،  بۇ قىز تۇيۇق يولغا كىرىپ قالمىسۇن ئاپامنى ئۈمىدسىزلەندۈرمىسۇن دېدى.  ئاپام كۈچىنىڭ بېرىچە مېنى قاتتىق ئۇرۇۋاتاتتى. كىچىك ئاكام   غىڭىلداپ  ئاپامنىڭ كارى بولماسلىقىنى ئېيتتى. كىچىك ئاكام  گۈللۈككە يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتتى، ئۇ يۇشۇرنىۋالدى، ئۇ مېنىڭ ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ كېتىشىمدىن قورقاتتى. ئۇ قورقتى. ئۇ دائىم  بۇ ناتۇنۇش كىشىدىن قورقاتتى- -- بىزنىڭ چوڭ ئاكىمىز.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.