ئالما شىركىتىنىڭ «خائىن» لارغا يول بېرىش تۈزۈمى

يوللىغۇچى : rukiya يوللىغان ۋاقىت : 2015-08-12 10:07:39

1998 – يىلى ياز پەسلى ئىدى، «ئالما» شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى جوبېس ئىشخانىسىدا ماتېرىيال رەتلەۋاتقاندا، قولىغا بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئاۋۋال ئاللىقاچان ئىستېپا بەرگەن، ئەمما بۇ شىركەت ئۈچۈن نەچچە ئون يىل تەر ئاققۇزغان نېۋاننېس سۇنغان بىر تەتقىقات دوكلاتى چىقىپ قا

    ئالما شىركىتىنىڭ «خائىن» لارغا يول بېرىش تۈزۈمى
     
    ئابلىمىت داۋۇت
     
    1998 – يىلى ياز پەسلى ئىدى، «ئالما» شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى جوبېس ئىشخانىسىدا ماتېرىيال رەتلەۋاتقاندا، قولىغا بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئاۋۋال ئاللىقاچان ئىستېپا بەرگەن، ئەمما بۇ شىركەت ئۈچۈن نەچچە ئون يىل تەر ئاققۇزغان نېۋاننېس سۇنغان بىر تەتقىقات دوكلاتى چىقىپ قالدى، بۇ دەل شىركەت ھازىر يولغا قويۇشقا تەييارلىنىپ بولغان، ئەمما يېتەكچى تەتقىقاتچى بولمىغاچقا، تاشلىنىپ قالغان تەتقىقات تۈرى ئىدى. ئۇ بۇ دوكلاتنى كۆرۈۋاتقاندا، شىركەتنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى گايلېر بىلەن بولۇنغان پاراڭ يادىغا كەچتى، شۇ چاغدا ئۇ گايلېر بىلەن شىركەتنىڭ ئاشخانىسىدا تاماق يەۋاتاتتى. گايلېر تۇيۇقسىز كەلگەن تېلېفۇننى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن غەزەبلىنىپ تۇرۇپ مۇنداق دېگەنىدى:
    -  نېۋاننېستىن كەپتۇ. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ شىركىتىمىزدىن كەتكەندىن كېيىن، بىر نەچچە شىركەتتە خىزمەت قىپتۇ، بىراق تۈرلۈك تۇسالغۇلار سەۋەبىدىن قىلماقچى بولغانلىرىنى قىلالماي، شىركىتىمىزدىن كەتكىنىگە پۇشايمان قىپتۇ. ئەينى چاغدا بىز ئۇنىڭغا يامانلىق قىلمىغان، بىراق ئۇ شاپائەتنى ئۇنتۇپ بىزنى تاشلاپ كەتتى، مەن ئۇنداق ئادەمگە بەك ئۆچ. شۇڭا ئۇنىڭغا :«سەن دېگەن خائىن، يەنە بۇ يەردە قايتىپ كېلىشكە يۈزۈڭ چىدامدۇ؟ بولدى، ئاۋارە بولما!» دېدىم، مانا بۇ خائىننىڭ ئاقىۋىتى!
    شۇ پاراڭ يادىغا كەچكەن جوبېس گايلىرنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭغا نېۋاننېسنى قايتۇرۇپ كېلىش تەكلىپىنى بەردى. بىراق گايلېر قارشى چىقىپ مۇنداق دېدى:
    -      خوجايىن بۇنداق قىلساق، ئۇ چوقۇم «خائىن» لىق قىلمىشى ئۈچۈن بەدەل تۆلىشى كېرەك!
    -  ھەر بىر خىزمەتچى شىركەتنىڭ باھاسىز بايلىقى، ناۋادا ئۇلارنى رىقابەتچىلىرىمىز ئېلىپ كېتىدىغان بولسا، شىركىتىمىز مۆلچەرلىگۈسىز زىيانغا ئۇچراپلا قالماي، يەنە تاقابىل تۇرغۇسىز تەھدىتكە دۇچار بولۇشى مۇمكىن، - دېدى جوبېس سەۋرچانلىق بىلەن.
    -  ئۇنىڭ ئۈستىگە نېۋاننېسنىڭ باشقا شىركەتلەردىكى كەچۈرمىشلىرى ئۇنىڭ شىركىتىمىزگە بولغان چۈشەنچىسىنى باشقا نۇقتىدىن چوڭقۇرلاشتۇرۇپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ زادى قانداق خىزمەت بىلەن مەشغۇل بولۇشى كېرەكلىكىنى تونۇتىدۇ. شۇڭا بىز ئۇنىڭ شىركەتكە قايتىپ كېلىشىگە رۇخسەت قىلساق، بىز ئۇ چاغدا شىركەتكە 1 – دەرىجىلىك پەن تەتقىقات خادىمىنى تارتىپ كەلگەن، شۇنداقلا رىقابەتچىلىرىمىزنىڭ كۈچىنى خوراتقان بولمامدۇق، جاھاندا بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق پايدىلىق ئىش بولامدۇ؟
    -  شۇنداق قىلىپ نېۋاننېس تولىمۇ چوڭقۇر تەشەككۈر ھېسسىياتى بىلەن شىركەتكە كېلىپ خىزمەتكە كىرىشىپ كەتتى ئىلگىرىكىدىن نەچچە ھەسسە زور تىرىشچانلىق بىلەن بېرىلىپ ئىشلىدى. بۇ ئىشتىن ئىلھام ئالغان جوبېس ئادەم كۈچى بۆلۈمى بىلەن كېڭەشكەندىن كېيىن مۇنداق بەلگىلىمە چىقاردى: « خىزمەتچىلەر ئىستېپا بەرگەندىن كېيىنكى ئىككى يىل ئىچىدە ئۇلارنىڭ شىركەتتىكى ئورنى ۋە ۋەزىپىسى ساقلىنىپ تۇرىدۇ، گەرچە بۇ مەزگىلدە شىركەت ئۇلارغا مائاش بەرمىسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئەينى چاغدىكى شىركەتكە قايتسا بولىدۇ، بىاق شىركەتكە قايتقاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئورنى ۋە ۋەزىپىسىدە قىلچىلىك ئۆزگىرىش بولمايدۇ».
    «ئالما» شىركىتىنىڭ ھازىرقى باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى كوك يېقىندا بۇ تۈزۈم ھەققىدە توختالغاندا مۇنداق دېدى: «خىزمەتچىلەرنىڭ باشقىچە تاللىشىغا پەقەت ئاددىيغىنە ئەخلاق نۇقتىسىدىن قارىساق، شۇنداقلا ئۇلارنى «قارا» تىزىملىككە كىرگۈزۋەتسەك، مەيلى خىزمەتچى ياكى شىركەتكە نىسبەتەن بولسۇن، بۇنىڭ ھېچقانداق پايدىسى بولمايدۇ. ناۋادا ئۇلارنى ئەپۇ قىلساق، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ شىركەتكە قايتىشىغا پۇرسەت بەرسەك، ئۇنداقتا بۇ «ئالما» ئېرىشىدىغان پۇرسەت بولۇپ قېلىشى مۇمكىن».
    مەنبە: «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» دىن ئېلىندى.
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئالما خائىن