پەرق

يوللىغۇچى : rukiya يوللىغان ۋاقىت : 2015-07-30 18:42:52

▲ مەدىكار پۈتكۈل ئارزۇسىنى پۇرسەتكە ھاۋالە قىلىدۇ، ئىگىلىك تىكلىگۈچى ھاياتىنى ئېتىقاد ۋە ئىشەنچىگە تاپشۇرىدۇ. ▲ ناۋادا سېلىشتۇرۇشقا توغرا كەلسە، مەدىكار پادا ئاپشاركىسىغا، ئىگىلىك تىكلىگۈچى چەبدەس بۆرىگە ئوخشايدۇ؛ بۇ دۇنيادا ئاپشاركا ھامان بۆرىدىن كۆپ، ب

    پەرق
     
    ▲ مەدىكار پۈتكۈل ئارزۇسىنى پۇرسەتكە ھاۋالە قىلىدۇ، ئىگىلىك تىكلىگۈچى ھاياتىنى ئېتىقاد ۋە ئىشەنچىگە تاپشۇرىدۇ.
    ▲ ناۋادا سېلىشتۇرۇشقا توغرا كەلسە، مەدىكار پادا ئاپشاركىسىغا، ئىگىلىك تىكلىگۈچى چەبدەس بۆرىگە ئوخشايدۇ؛ بۇ دۇنيادا ئاپشاركا ھامان بۆرىدىن كۆپ، بۇ تەبىئىي تاللىنىشنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەي بولمايدۇ.
    ▲ مەدىكار چوقۇم %80 نى ئىگىلەيدۇ، ئىگىلىك تىكلىگۈچى %20 كە يېتىپ بارىدۇ. چۈنكى بۇ دۇنيادا دەرەخ سايىسىگە ئىنتىلىدىغان ئادەم دەرەخ بولۇشىنى خالايدىغان ئادەمدىن مەڭگۈ كۆپ.
    ▲ مەدىكارنىڭ كاللىسىدا مۇكاپاتتىن باشقا بىر نەرسە بولمايدۇ، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ كاللىسىدا زىيان بولغان مەھسۇلاتنىڭ سانى بىلەن ئۇنى ئۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇشنىڭ تەدبىرىنى ئىزدەشلا بولىدۇ.
    ▲ ئادەم مەدىكارلىق قىلىۋاتقاندا قولىدىكى دىپلوم بىلەن قورسىقىدىكى تەقرىبىنىڭ قانچە پۇلغا يارايدىغانلىقىنى ئويلايدۇ، ئىگىلىك تىكلىگەندە تۆلىگەن بەدەل ۋە قوللانغان تەدبىرنىڭ قانچىلىك بايلىق يارىتالايدىغانلىقىنى دەڭسەش بىلەن تەرەققىيات ۋە ىىرىسقا يۈزلىنىدۇ.
    ▲ مەدىكار كەسىپ ۋە بىلىمى بىلەن پۇل تېپىپ، بالاۋاقىسىنى بېقىش كويىدا بولىدۇ، ئىگىلىك تىكلىگۈچى ئىجتىمائىي بايلىقلاردىن پايدىلىنىپ پۇل تېپىپ، خىزمەتچىلەرنى بېقىشنىڭ يولىنى ئىزدەيدۇ.
    مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر پەرق بىلىم ئىگىلىك