ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش قىلىش نىزامىدىكى 22 تۈرلۈك ئۆزگىچە تەپەككۇر

يوللىغۇچى : okyan يوللىغان ۋاقىت : 2015-04-01 15:49:06

سىز ئېتىبارسىز قارىغان دۈشمەن ئارمىيەسى ئەمەلىيەتتە دۈشمەننىڭ ئاساسلىق ھۇجۇم كۈچىدۇر.

     
    ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش قىلىش نىزامىدىكى 22 تۈرلۈك ئۆزگىچە تەپەككۇر

    ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ تۆۋەندىكى 22 ماددىلىق ئۇرۇش قىلىش نىزامىدا كۆرسىتىلگىنىدەك، تۇرمۇشقا ئۆزگىچە تەپەككۇر بىلەن قارىسىڭىز، تۇرمۇشىڭىزدىن تېخىمۇ كۆپ خۇشاللىق تاپالايسىز.
    1-ماددا: سىز خاسىيەتلىك ئادەم ئەمەس.
    2-ماددا: ئەگەر ئەخمىقانە ئۇسۇل ئۈنۈم بەرسە، ئۇنى ئەخمىقانە دېيىشكە بولمايدۇ.
    3-ماددا: ئۆزىڭىزنى بەك گەۋدىلەندۈرۈپ كەتمەڭ، بولمىسا باشقىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايسىز.
    4-ماددا: ئۆزىڭىزدىن قەيسەر ئادەم بىلەن بىر ئاكوپتا تۇرماڭ.
    5-ماددا: قولىڭىزدىكى قورالنىڭ ئەڭ تۆۋەن باھا قويغان ھۆددىگەر تەرىپىدىن ياسالغىنىنى ئۇنتۇماڭ.
    6-ماددا: ئەگەر ھۇجۇمىڭىز بەك ئوڭۇشلۇق بولسا، سىز چوقۇم توزاققا چۈشتىڭىز.
    7-ماددا: ھەرقانداق پىلاننى دۈشمەنگە ئۇچرىغاندىن كېيىن داۋاملىق ئىجرا قىلغىلى بولمايدۇ.
    8-ماددا: بەش سېكۇنتتا پارتلايدىغان ھەرقانداق بىر گىراناتنىڭ پىلتىسى ئۈچ سېكۇنتتىلا كۆيۈپ بولىدۇ.
    9-ماددا: ئەرزىمەس ئادەم سىياقىغا كىرىۋېلىڭ (چۈنكى، دۈشمەننىڭ ئوق-دورىسى ئاز قالغان بولسا، ئۇلار پەقەت مۇھىم ئادەملەرنىلا ئاتىدۇ).
    10-ماددا: سىز ئېتىبارسىز قارىغان دۈشمەن ئارمىيەسى ئەمەلىيەتتە دۈشمەننىڭ ئاساسلىق ھۇجۇم كۈچىدۇر.
    11-ماددا: مۇھىم ئىشلار ئاددىي كېلىدۇ.
    12-ماددا: ئاددىي ئىشلارنى قىلىش ھەمىشە تەسكە توختايدۇ.
    13-ماددا: قولايلىق يوللارغا دائىم مىنا كۆمۈلگەن بولىدۇ.
    14-ماددا: ئەگەر سىزدە دۈشمەندىن باشقا ھەممە نەرسە كەمچىل بولسا، سىز چوقۇم جەڭ قىلىۋاتىسىز.
    15-ماددا: ئۇچۇپ كەلگەن ئوقنىڭ ئالدىن يۈرۈش ھوقۇقى بار (ئۇنى توسۇۋالسىڭىز سىزنى چوقۇم نەس باسىدۇ).
    16-ماددا: ئەگەر دۈشمەن سىزنىڭ ئوق مۇساپىڭىز ئىچىدە بولسا، شۇنى ئۇنتۇماڭكى، سىزمۇ دۈشمەننىڭ ئوق مۇساپىسى ئىچىدە.
    17-ماددا: بىللە ئىشلەتكەندىلا ئاندىن پايدىلانغىلى بولىدىغان ئەسلىھەلەر ئادەتتە بىللە يۆتكەپ كېلىنمەيدۇ.
    18-ماددا: رادىيو سىگنالى ھەر دائىم سىز موھتاج بولغاندا ئۈزلۈپ قالىدۇ.
    19-ماددا: سىزنىڭ ھەربىر ھەرىكىتىڭىز ئوق يېيىشىڭىزگە سەۋەبچى بولۇشى مۇمكىن-ھېچنېمە قىلماسلىقىڭىزمۇ شۇنداق، ئەلۋەتتە.
    20-ماددا: سىزگە دۈشمەن زەمبىرىكىدىنمۇ بەكرەك زەربە بېرەلەيدىغىنى ئىتتىپاقداش ئارمىيەنىڭ زەمبىرىكىدۇر.
    21-ماددا: لاياقەتلىك ئەسكەرلەرنىڭ ھەرىكىتىنى ئالدىن پەرەز قىلغىلى بولىدۇ، لېكىن دۇنيادا نائۇستىلار تولىمۇ كۆپ.
    22-ماددا: ھەر ئىككى ئارمىيە ئۆزىنى مەغلۇپ بولۇش ئالدىدا دەپ ئويلىغاندا، ئىككىلىسىنىڭ پەرىزى توغرا چىقىشى مۇمكىن.
    تەرمىلەر ژۇرنىلىنىڭ 2013-يىللىق 12-سانىدىن ئېلىندى.
     


ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئامېرىكا