تۆگە بۆرىنى مۇشۇنداق مەغلۇپ قىلدى

يوللىغۇچى : okyan يوللىغان ۋاقىت : 2014-05-22 16:41:33

ئادەملەرگە نىسبەتەنمۇ ئەھۋال شۇنداق. بىزدە مۇنداق بىر گەپ بار :«ئاز يېگەن كۆپ يەپتۇ».


    پايانسىز قۇملۇق، ياشاش مۇھىتى ئىنتايىن كەسكىن بۇ زېمىندا چىشلىرى پىچاقتەك ئۆتكۈر، ھەرىكىتى ئىنتايىن قەبىھ بۆرە تۆگىنىڭ ئەڭ ئەشەددىي دۈشمىنى. روبىرو تۇتۇشۇشتا تۆگە ئېنىقلا بۆرىگە رەقىب بولالمايدۇ، ئەمما ئۇنىڭ بۆرىنى يوقىتىدىغان پاراسىتىمۇ يوق ئەمەس. تۆگە بۆرىگە ئۇچراپ قالسا، بۆرە ئالدى بىلەن ئەڭ تېز سۈرئەتتە ھۇجۇم قىلىدۇ، بىراق تۆگە ھەرگىز بىرگە بىر قارشىلشىشىقا ئالدىرىمايدۇ، بەلكى جېنىنى ئېلىپ قاچىدۇ ۋە بەزىدە قەدىمىنى ئاستىلىتىپ، بۆرىگە ئازراق ئۈمىد ئاتا قىلىپمۇ قويىدۇ؛  بۆرىمۇ تۆگىنىڭ ئىزىغا چۈشۈپ،  ئۇنى شىددەت بىلەن قوغلايدۇ. شۇنداق قىلىپ تۆگە بۆرىنى سۇمۇ، يېمەكلىكمۇ يوق قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىگە ئالداپ ئېلىپ كىرىدۇ... تۆگە ئەنە شۇ پاراسىتى بىلەن ئەشەددىي رەقىبى بۆرىنى ھالاك قىلىدۇ.
    ئەل ئارىسىدا :«كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى يەيدۇ» دەيدىغان قاراش بار، بىراق بۇ بۇزغىلى بولمايدىغان ھەقىقەت ئەمەس، ئەمما بۇ يەردىكى ھالقا ئۆزىدىكى ئەۋزەللىكلەردىن پايدىلىنىپ، رەقىبىنى مەغلۇب قىلىش بىلەن كۈچلۈكلەرگە ئايلىنىش ياكى ئايلىنالماسلىق. تۆگە ئەنە شۇنداق ئەۋزەللىكلىرىدىن پايدىلىنىپ ، چىدامچانلىقى بىلەن ۋەھشىي بۆرىنى مەغلۇب قىلىدۇ.
        ئادەملەرگە نىسبەتەنمۇ ئەھۋال شۇنداق. بىزدە مۇنداق بىر گەپ بار :«ئاز يېگەن كۆپ يەپتۇ». بۇ ھېكمەتنىڭ مەنىسى ئاچ كۆز بولما،نىشانىڭ ئېنىق ھەم ئاددىي بولسۇن، شۇندىلا بارلىق ئەۋزەللىكتىن پايدىلىنىپ، كۈنسېرى ئالغا ئىلگىرىيەلەيسەن ... دېگەنلىك.
    مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى.
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر تۆگە