تىجارەت تاكتىكىسى

يوللىغۇچى : okyan يوللىغان ۋاقىت : 2015-04-01 16:06:37

-سەن تازىمۇ ھاماقەت نېمە ئىكەنسەن! نېمىشقا بۇنداق يازاتتىڭ؟

    تىجارەت تاكتىكىسى
    لى دۇڭمېي
    زۇمرەت ئەنۋەر تەرجىمىسى

    سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئىچكى ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندا يېمەكلىك ئېغىر دەرىجىدە قىس بولۇپ كەتكەچكە، ھۆكۈمەت تەرەپتىن مال باھاسىنى ئۆستۈرۈش قىلمىشىنى چەكلەش توغرىسىدا بۇيرۇق چىقىرىلدى. لېكىن، بىر كىشى غازنىڭ بىرىنى بەش يۈز رۇبلىدىن سېتىپ نۇرغۇن پايدا ئالىدۇ. ئۇنىڭ قوشنىسى بۇنىڭدىن قىزغىنىپ، گېزىتكە غاز سېتىش ھەقىدە ئېلان بېرىدۇ. ئەپسۇسكى، تېخى بىر غازنىمۇ ساتماي تۇرۇپ، ساقچىلار ئۇنىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئۇنىڭ غازلىرىنىڭ ھەممىسىنى مۇسادىرە قىلىدۇ.
    ھەيران قالغان قوشنىسى:
    -سېنىڭ غازلىرىنىڭمۇ بىرىنى بەش يۈز رۇبلىدىن ساتقان تۇرساڭ، ساقچىلار نېمىشقا سېنى جازالىمايدۇ؟-دەپ سارايدۇ. ئۇ ئادەمنىڭ قوشنىسى:
    -سەن ئېلاننى زادى قانداق يازغانىدىڭ؟-دەپ سورايدۇ. قوشنىسى ئۇنىڭغا راستىنى ئېيتىپ:
    -غاز ساتىمەن، بىرسى بەش يۈز رۇبلى، دەپ يازغانىدىم،-دەيدۇ.
    -سەن تازىمۇ ھاماقەت نېمە ئىكەنسەن! نېمىشقا بۇنداق يازاتتىڭ؟ مەن مۇنداق ئېلان بەرگەن:«مەن يەكشەنبە كۈنى مەركىزىي مەيداندا بەش يۈز رۇبلى پۇلۇمنى يۈتتۈرۈپ قويدۇم، تېپىۋالغۇچىلار قايتۇرۇپ ئەكېلىپ بەرسە، تەشەككۈر ئېيتىش يۈزىسىدىن بىر تىرىك غاز سۆيۈنچە بېرىمەن» دەپ يازدىم. ئېلان بەرگەن كۈننىڭ ئەتىسى پۈتۈن شەھەر ئاھالىسىنىڭ يېرىمى دېگۈدەك مەن «يىتتۈرۈپ» قويغان ھېلىقى بەش يۈز رۇبلىنى قايتۇرۇپ ئەكېلىپ بەردى،-دەيدۇ.
    تەرمىلەر ژۇرنىلىنىڭ 2014-يىللىق 4-سانىدىن ئېلىندى.


ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر تىجارەت