«سەرخۇش» تۇغقان سەرخۇش خىياللار

يوللىغۇچى : Berqi يوللىغان ۋاقىت : 2009-03-25 11:31:00

«سەرخۇش» تۇغقان سەرخۇش خىياللار(ئەدەبىي ئاخبارات) ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقى كىرىش ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقتىمدا تىل ئۆگىنىشكە ئاجايىپ قىزىققانىدىم. تىل بىلىدىغان كىشىلەرگە ھەۋىسىم كېلەتتى، «مەنم...

    «سەرخۇش» تۇغقان سەرخۇش خىياللار
    (ئەدەبىي ئاخبارات)

    ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقى

    كىرىش

    ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقتىمدا تىل ئۆگىنىشكە ئاجايىپ قىزىققانىدىم. تىل بىلىدىغان كىشىلەرگە ھەۋىسىم كېلەتتى، «مەنمۇ بىرەر چەت ئەل تىلىدا راۋان سۆزلىگۈدەك بولسام نەقەدەر ياخشى بولاتتى-ھە» دەپ ئويلايتتىم. لېكىن خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش جەريانىدا تارتقان جاپالىرىم، شۇنچە جاپا تارتىپ تۇرۇپ بۇ تىلنى راۋرۇس ئۆگىنەلمىگەنلىكىمدىن ئىبارەت ئەمەلىيەت ئېسىمگە كەلسە ئىختىيارسىز مەيۈسلىنىپ قالاتتىم.
    ئالىي مەكتەپكە كىرىپ بىرەر چەت ئەل تىلىنى ئۆگىنىۋالسام دەپ ئارمان قىلىپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە، بىر لېكسىيىگە قاتنىشىپ قالدىم. مەن تونۇمايدىغان بىر ئوقۇتقۇچى نۇتۇق سۆزلەۋاتقانىكەن. ئۇ كىشى تىل ئۆگىنىشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە بىردەم توختالغاندىن كېيىن، تىل ئۆگەنمەكنىڭ نەقەدەر تەسلىكىنى تىلغا ئالدى ۋە گېپىنىڭ ئاخىرىدا بەزى تىللارنى ئۆگەنمەكنىڭ ئۇنچىۋالا تەس ئەمەسلىكىنى، مەسىلەن، ئۇيغۇر تىلى بىلەن گرامماتىكا ئورتاقلىقىغا ئىگە بەزى خەلقئارالىق تىللارنى ئۆگىنىشنىڭ ئۇنچىۋالا تەسكە چۈشمەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۆگىنىشكە ئوڭاي تىل ئىزدەپ يۈرگەن ماڭا بۇ گەپ بەكمۇ خۇشياقتى. قۇلاقنى دىڭ قىلدىم. سورۇن يىڭنە چۈشۈپ كەتسىمۇ ئاڭلانغۇدەك دەرىجىدە جىمىپ كەتتى. ئوقۇتقۇچى بىزگە بىردەم جىمجىت تىكىلىپ تۇرغاندىن كېيىن، تاقىتىمىز تاق بولغان بىر چاغدا ئاۋازىنى قىرىپ تۇرۇپ «ئۇ بولسىمۇ ياپون تىلى، ئۆگىنىشنى خالايدىغانلار بولسا ياپون تىلى كۇرسى كېلەر ھەپتە دەرس باشلايدۇ» دەپ جاكارلىدى. مەن دەل شۇ سورۇندىلا كۇرسقا تىزىملاتتىم. بۈگۈن تىزىملاتمىسام ئەتە ماڭا ئورۇن قالمايدىغاندەك بىر كەيپىياتتا تىزىملاتتىم. كۇرس ھەققىنى تۆلەپ، پۇل تۆلىگەنلىك ئىسپاتىنى قولۇمغا تاپشۇرۇۋالغاندا ئۆزۈمنى بەكمۇ غالىب، ئۈستۈن سەزدىم. ھەتتا بىرنەچچە كۈنگىچە ئۆزۈمنى باشقىلاردىن ئالاھىدە ئۈستۈن تۇرىدىغاندەك ھېس قىلىپ يۈردۈم. بويۇم ئۆسۈپ قالغاندەك تۇيۇلاتتى. كۇرس مەزمۇنىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئالاھىدە دەپتەر تەييارلىدىم.
    مەن تەقەززا بولغان كۈن ئاخىر يېتىپ كېلىپ كۇرس باشلاندى. كۇرسقا يۈزدەك بالا قاتناشقانىدى. ھەممە ئادەمنىڭ چىرايىدا بىر خىل ھاياجان ئەكس ئېتەتتى. مەن ئەتراپىمغا قاراپ يەنە بىر ئالاھىدە ئەھۋالنى سەزدىم. مەن ئوقۇيدىغان 32 ئادىمى بار بىر سىنىپتىن 13 بالا كۇرسقا قاتناشقانىدى.
    دەرس شۇنچىلىك تەنتەنىلىك باشلاندى، ھەممىمىزنىڭ غەيرىتى بەكمۇ ئۈستۈن ئىدى. ھەتتا كۆڭلىمىزنىڭ بىر يېرىدە مۇئەللىمنىڭ دەرس سۈرئىتىدىن نارازى بولۇش تۇيغۇسىمۇ بار ئىدى. دەرسنى تېزرەك ئۆتسە، تېزرەك ياپونلار بىلەن پاراڭلاشقۇدەك بولۇپ كەتسەك دەپ ئويلايتتىم. لېكىن، مەندىكى بۇنداق قىزغىنلىق ئۇزۇنغا بارمىدى. ئارىدىن ئۈچ ھەپتە ئۆتكەندە سىنىپتا بالىلارنىڭ ئازىيىپ قالغانلىقىنى، ئۆزۈمگىمۇ دەرسنىڭ تەس كېلىۋاتقانلىقىنى سەزدىم. ھەممىدىن مۇھىمى، بىزگە دەرسلىك قىلىنىۋاتقان كىتاب خەنزۇ تىلىدا يېزىلغان، كىتابخانىلاردا ياپون تىلى ھەققىدە بىرەرمۇ ئۇيغۇرچە ماتېرىيال يوق ئىدى. ماڭا ئوخشاش خوتەننىڭ ئەڭ چەت سەھراسىدىن كەلگەن، خەنزۇ تىلى سەۋىيىسى خېلىلا تۆۋەن بىر بالىغا نىسبەتەن خەنزۇ تىلى ئارقلىق ياپونچە ئۆگىنىش مۈشكۈل ئىش ئىدى. ئاۋۋال خەنزۇچە ئۆگەنمىسەم بولمايدىغاندەك قىلاتتى. مەن بۇ سەۋەبلەرنى يېتەرلىك دەپ ئويلاپ كۇرستىن چېكىنىشنى قارار قىلدىم. مەندىن بۇرۇن كۇرستىن چېكىنگەن بىرنەچچە ساۋاقدىشىم قارارىمنى قارشى ئالدى، ھەتتا ئۇلاردىن بىرسى ئۆزىنىڭ ناھايىتى ئەقىللىقلىق بىلەن مەندىن بىر ھەپتە بۇرۇن كەسكىنلىك بىلەن قارار چىقىرىپ، كۇرستىن چېكىنگەنلىكىنى ماختىنىش بىلەن تىلغا ئالدى. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە مەن نىسبەتەن ئىنكاسى تۆۋەن ئادەمگە ئايلىنىپ قالغانىدىم. مەن كۆڭلۈم ئاچچىق بولغان ھالدا «كۇرسنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغانلار بىزدىنمۇ قاپاقباشكەن-دە» دەپ تەنە قىلماقچى بولدۇميۇ، گەپ قىلمىدىم. مەندىن ئىككى يىللىق يۇقىرى ئوقۇيدىغان بىر يۇرتلۇق ئاكا ئاغىنەم بۇ ئىشىمغا مىيىقىدا كۈلۈپ قويغان. ئارىدىن ئىككى ھەپتە ئۆتكەندە بىر سورۇندا ماڭا «بۇ ئاغىنىمىز بوخەي دېڭىزىغا بېرىپ، ياپونىيە يىراقتىن كۆزگە كۆرۈنگەندە ياراتماي يېنىپ كەلگەن» دەپ چاقچاق قىلىپ ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆزقارىشىنى ئەكس ئەتتۈرگەنىدى.
    ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندە باشقا سەۋەبلەردىن كۆرە گىرمان ھازىرقى زامان پەلسەپىسىگە بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقىم تۈپەيلىدىن نېمىسچە ئۆگەندىم. تەخمىنەن ئالتە ئايچە ۋاقىت سەرپ قىلىپ تۇرمۇشتىكى بەزى گەپلەرنى گىرمانچە دۇدۇقلاپ تۇرۇپ بولسىمۇ سۆزلىگۈدەك سەۋىيىگە يەتتىم. لېكىن، ئارىدىن يەنە بىرەر يىل ئۆتكەندە نېمىس تىلىنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئۆگىنىشكە ماتېرىيال تاپالمىدىم، «بۇ يەردە نېمىسچە مەشىق قىلغۇدەك پۇرسەتمۇ بولمىسا» دېگەندەك تۇتامى يوق سەۋەبلەر بىلەن ئۆزۈمنى قايىل قىلىپ نېمىسچە ئۆگىنىشتىن توختىدىم.
    مانا شۇ كۈنلەردە سىنىپىمىزدىكى ساۋاقداشلارنىڭ ئالدى بىرنەچچە خىل تىل كۇرسىغا كىرىپ يېنىپ چىققان، كەينى ئەڭ بولمىغاندىمۇ  بىرەر تىل كۇرسىنى ئارىلاپ چىققان ھالغا كېلىپ قالغانىدى، لېكىن ھېچكىم بىرەر تىلنى ئۆگىنىپ ئاخىرىغا ئېلىپ چىقالمىغانىدى.
    كېلەر يىلى ئوقۇش پۈتتۈرەتتۇق. «بىرەر چەت ئەل تىلىنى ئۆگىنىپ قويساق بولاتتى» دېگەن خىيال تېخى كاللىمىزدا بار ئىدى. دەل شۇ چاغدا كىمدۇر بىرى «تۈرك تىلىمۇ دۇنيادا تەسىرى بار چوڭ تىل. ئىككى تىلدىكى تەخمىنەن 60 پىرسەنت سۆز ئوخشاش، ئۈچ ئاي ۋاقىت سەرپ قىلسىلا ئۇنى ئۆگىنىۋېلىش مۇمكىن» دېگەن خەۋەرنى كۆتۈرۈپ كەلدى. بىز قايتىدىن روھلاندۇق. سىنىپ مۇدىرىمىزنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئولاش-چولاش پۇل يىغىش قىلىپ، مۇئەللىم تەكلىپ قىلىپ تۈرك تىلى ئۆگىنىشكە كىرىشتۇق. لېكىن ئىككى ئايدەك كۇرسقا قاتنىشىپ يېلىمىز چىقتى. تۈرك تىلىمۇ بىز ئويلىغاندەك ئوڭاي تىل ئەمەس ئىدى.
    بەزىدە ئالىي مەكتەپتىكى شۇ كۈنلىرىمنى ئەسلەپ ئىچىم ئاچچىق بولىدۇ. بەزىدە ئىختىيارسىز كۈلۈپ كېتىمەن. لېكىن ھازىرمۇ كۆڭلۈمدە «بىرەر چەت ئەل تىلىنى ئۆگىنىۋالمىسام بولمايدۇ» دېگەن بىر ئارمان تەسكىن تاپقىنى يوق. ھاياتىمدا مەن ئۆگىنىشنى ئىرادە قىلغان ئۈچىنچى چەت ئەل تىلى−ئىنگلىز تىلىنى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان ئۆگىنىپ كېلىۋاتىمەن. لېكىن ھازىرغا قەدەر ئۆگىنىپ بولالمىدىم. ھەر قېتىم كومپيۇتېرنى ئاچسام، ئىنگلىزچە yahoo دىكى ناھايىتى مول ماتېرىياللارغا، دەل ۋاقنىڭ ئۆزىدە بېرىلىۋاتقان دۇنيا خەۋەرلىرىگە، ھەر خىل مۇلاھىزىلەرگە كۆزۈم چۈشكەندە قايتىدىن روھلىنىمەن، ھەجىلەپ ئوقۇپ كېتىمەن.
    مەكتەپتىن دائىم تارقىتىدىغان ھەر خىل گرافىكلارنى تولدۇرغاندا، بىلىدىغان تىللىرى دېگەن كاتەكچىگە خەنزۇ تىلى دەپ يېزىپ قويىمەن. بەزىدە ئىنگلىزچىدە ئوتتۇراھال سەۋىيىدە دېگەن گەپنىمۇ قېتىپ قويىمەن. بەزىدە ئۆزۈمدىن «مەن راستتىنلا خەنزۇچىنى بىلەمدىم» دەپ سوراپمۇ قويىمەن. راست، ھەممە ئادەم مېنى خەنزۇچىنى راۋان بىلىدۇ دەپ قارايدۇ، بەزىدە ئۆزۈممۇ شۇنداق ئويلىنىپ قالىمەن. چۈنكى مەن 2-3 مىڭدەك خەنزۇچە خەت تونۇيمەن. خەنزۇچە ئورتاق تىلدىكى ھەرقانداق گەپنى ئاڭلاپ چۈشىنەلەيمەن. ھازىرقى زامان خەنزۇ تىلىدىكى ھەرقانداق كىتابتىن ئۇيغۇرچىغا ئوخشاش زوق ئالالايمەن. لېكىن خەنزۇچە سۆزلەڭ دېسە تىلىم ئۇنچە راۋان ئەمەس. كىتاب ئوقۇش، ئاڭلاش نۇقتىسىدىن، ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش نۇقتىسىدىن قارىغاندا مېنى خەنزۇچىنى راۋان بىلىدۇ دېيىشكە بولىدۇ، لېكىن يېزىش، سۆزلەش، ئۇيغۇرچىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىش نۇقتىسىدىن قارىغاندا مەن تېخى چالا ساۋات.
    دائىم مۇشۇ خىياللار بىلەن ئۆرتەنگەندە، بىرەر تىلنى راۋان بىلىدۇ دەپ قارالغان بىرەر ئادەم بىلەن كۆرۈشۈپ قالغاندا ئىختىيارسىز ئەتراپىمدىكى ساناقسىز «مەن»لەرگە، ماڭا ئوخشاش تارىخى بار، تىل ئۆگىنىش ئىشتىياقىدا يېنىۋاتقان، لېكىن بىرەر تىلنى ۋايىغا يېتىپ ئۆگىنەلمىگەن ئادەملەرگە قاراپ «بۇ ياشلىرىمىزدىكى ئورتاق ھادىسىمۇ يا» دەپ ئويلاپ قالىمەن. خىياللىرىمنىڭ ئايىغى چىقماي كېتىدۇ.
    مىللىتىمىز نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بىز جۇڭگو نۇقتىسىدىنلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيا نۇقتىسىدىن قارىغاندىمۇ ئاز سانلىق مىللەت. گەرچە نوپۇسىمىز دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى يۈز مىللەت قاتارىغا كىرسىمۇ پۈتۈن دۇنيا يەر شارىلىشىشقا، بىر كەنتلىك ھالەتكە قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتقان بىر چاغلاردىكى شۆھرىتى دۇنيانى تىترەتكەن فرانسۇز، گىرمان تىللىرى ئۆز ئىستىقبالىدىن ئەنسىرەۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بىز تىلىمىزنىڭ قوللىنىش دائىرىسى بارغانسېرى كېڭىيىش ئورنىغا تارىيىۋاتقان بىر مىللەت. مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، مىللىتىمىزنىڭ ھەربىر ئەزاسى دۇنياغا يۈزلىنىمەن دەيدىكەن، تىل ئۆگەنمەي مۇمكىن ئەمەس. گەرچە باشقا تىللارنى ئۆگەنمەسلىك ئارقىلىق تىلىمىزنىڭ ئىشلىتىش ئورنىنى قوغداپ قالغىلى بولمايدۇ. دۇنيانىڭ تەرەققىيات نۇقتىسىدىن قارىغاندا باشقىلارنىڭ تىلىنى ئۆگىنىپ ئۆزىمىزنى كۈچلەندۈرۈش، ئاندىن تىلىمىزنىڭ ئورنىنى قوغداپ قىلىش بىر خىل مۇقەررەر تاللاش.
    مەن مانا مۇشۇنداق خىياللار، مۇلاھىزىلەر بىلەن بەزىدە ئۈمىدلىك، بەزىدە ئۈمىدسىز يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە، زۇلپىقار بارات ئۆزباش تۈزگەن «سەرخۇش ئىنگلىز تىلى» (تۆت قىسىم) ۋە «جانغا ئەسقاتىدىغان سەرخۇش ئىنگلىز تىلى گرامماتىكىسى» دېگەن كىتاب قولۇمغا چۈشۈپ قالدى. كىتاب ئۆزىنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگىلىكى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاپتورلىرى ئۆزى قول سېلىپ، تەجرىبە توپلاپ تۈزگەن ساناقلىق كىتابلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن مېنى ئازابلىق خىياللار قاينىمىدىن تارتىپ چىقاردى. بۇ دەرسلىكتىكى ئىنگلىز تىلى سۆزلۈكلىرىنى ئۆگىنىشنىڭ يەتتە خىل ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى، ئاممىباب، ئاددىي تىل بىلەن چۈشەندۈرۈلگەن گرامماتىكىلىق مەزمۇنلار، ئاپتور تەرىپىدىن ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان ھېسام چاقچاقلىرى، دۇنياۋى نادىر ناخشىلارنىڭ ئىنگلىزچە-ئۇيغۇرچە سېلىشتۇرمىسى، دەرىجە ئىمتىھانى يۆنىلىشى بويىچە بېرىلگەن ئەمەلىي مەشىقلەر مېنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى. بۇ دەرسلىكنى سىستېمىلىق كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن، مەن ئۈمىد نۇرىنى كۆرگەندەك بولدۇم.

    زۇلپىقار بارات ئۆزباش ھەققىدە

    بىر تىلنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆگىنىپ، ئۆزى قول سېلىپ «سەرخۇش ئىنگلىز تىلى» دېگەن دەرسلىكنى تۈزگەن بۇ يىگىت بىلەن خېلى بۇرۇن تونۇشاتتىم. خېلى قويۇق ئۈلپەتچىلىكىمىز بار ئىدى. گەرچە دەسلەپ تونۇشقان چاغلاردا ئۇنىڭ خەنزۇ تىلىدىكى ئەسەرلەرنى ئۇيغۇر تىلىغا ئۆرۈش ساھەسىدە خېلى زور ئەمگەكلىرى بار ئىكەنلىكىنى بىلسەممۇ، ئىنگلىز تىلى بىلىدىغانلىقىدىن خەۋىرىم يوق ئىكەن. كېيىن ئۇنى بىرنەچچە قېتىم شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەتراپىدا ئۇچرىتىپ قالدىم. ئۇ ئۆزىنىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىچىدە ئىنگلىز تىلىدىن دەرس بېرىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغاندا ھەيران قالدىم. ئۇنىڭغا قايتىدىن قاراپ چىقتىم. ئۇ بىر ئورۇق، ئوتتۇرا بوي بالا ئىدى. تۇرقىدا ئىنگلىز تىلى بىلىدىغاندەك ھېچقانداق ئالامەت يوق ئىدى. مەن ئۆزۈمنىڭ بۇ خىيالىدىن «ئىنگلىز تىلى بىلىش بايلىققا ئوخشاش ئېرىشكەن ھامان ئادەمنىڭ چىرايىدا ئەكس ئېتىدىغان نەرسە بولمىسا» دەپ كۈلۈپ كەتتىم.
    زۇلپىقار بارات ئۆزباش 1975-يىلى دۇنياغا كەلدى. 1992-يىلىدىن 1996-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇڭگو تىللىرى فاكۇلتېتىدا ئوقۇدى. تىل ئوقۇغانلىقى تۈپەيلىدىنمۇ ۋە ياكى ۋۇجۇدىدا تىلغا نىسبەتەن ئۆزگىچە بىر سەزگۈرلۈك بارمۇ، 1993-يىلىدىن باشلاپ ئەدەبىي تەرجىمىگە ئىشتىياق باغلاپ مەتبۇئاتلاردا تەرجىمە ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىشقا باشلىدى. 1995-يىلى دۇنيا ئەدەبىياتى ژۇرنىلىدا «ئۆلۈم كۆلەڭگىسى» ناملىق تەرجىمە رومانى ئېلان قىلىندى. ئوقۇغۇچى تۇرۇپ قازانغان بۇ مۇۋەپپەقىيەت زۇلپىقارغا ئۈمىد، ئىشەنچ ئاتا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەدەبىي تەرجىمە خىزمىتىگە تېخىمۇ ئىشتىياق بىلەن كىرىشتى. بۈگۈنگە قەدەر ئۈچ تەرجىمە رومانى ئېلان قىلىندى. ئۇ تەرجىمە قىلغان نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن كولۇمبىيە يازغۇچىسى كارسىيە ماركوزنىڭ «پولكوۋنىككە ھېچكىم خەت يازمايدۇ»، «ئالدىنئالا پۇر كەتكەن قاتىللىق دېلوسى» دېگەن پوۋېستلار ئۇيغۇر كىتابخانلىرى ئارىسىدا بەلگىلىك تەسىر قوزغىدى.
    زۇلپىقار بارات 1996-يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت باج ئىدارىسىدە ئىشلىدى. 2000-يىلىدىن باشلاپ ئىنگلىز تىلى ئوقۇتۇش خىزمىتىگە كىرىشىپ «سەرخۇش ئىنگلىز تىلى تەربىيىلەش مەركىزى»نى  قۇردى. بۈگۈن ئۇ قۇرغان مەكتەپ مائارىپ تارماقلىرى ئەنگە ئالغان 323 كۋادرات مېتىر ئورنى بار، بىرنەچچە ئالىي مەكتەپتە تارماق سىنىپى ئېچىلغان بىر مەكتەپكە ئايلاندى. بۇنىڭدىن باشقا زۇلپىقارنىڭ مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان «سەرخۇش» سەھنە كىيىملىرىنى لايىھىلەش، تىكىش ئورنى «مەشرەپ» پروگراممىسىدىكى ئۇسسۇل نومۇرلىرىنىڭ سەھنە كىيىملىرىنى ۋە ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمەكلىرى، شىنجاڭ مۇقام ئانسامبىلىنىڭ سەھنە كىيىملىرىنى لايىھىلەپ تىكىپ، بەلگىلىك ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈم ياراتتى.
    ئۇنىڭ بۈگۈنگە قەدەر قىلغان ئەمگەكلىرىنىڭ ستاتىستىكىسى−ئەدەبىي ئىجادىيەتتە بۈگۈنگە قەدەر «تارىم»، «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» قاتارلىق گېزىت-ژۇرناللاردا 30 پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە-نەسرلىرى، 80 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرلىرى ئېلان قىلىندى. تەرجىمىدە «ئۆلۈم كۆلەڭگىسى» (رومان، ئاپتورى مىچىل. زۇھا، ئامېرىكا)، «مۇسۇلمانلارنىڭ ئاخىرەتلىكى» (رومان، 2-قىسىم، ئاپتورى خودا)، « ۋاپا ۋە قىساس» (رومان، ئالىكساندېر دىيوما، فرانسىيە)، «پولكوۋنىكقا ھېچكىم خەت يازمايدۇ»، «ئالدىنئالا پۇر كەتكەن قاتىللىق دېلوسى» (پوۋېست، كارسىيە ماركس، كولۇمبىيە)، «يەر ئاستى يولى» (پوۋېست، ئېرنىست سارۋادو، ئارگىنتېنا)، «ئاجايىپ مەخپىيەت» (پوۋېست، ستىفان زىۋىگ، ئاۋستىرىيە)، «تۇنجى مۇھەببەت» (پوۋېسىت، تۈرگىنىف، روسىيە)، «يوقالغان ئارال» (پوۋېسىت، ماركارت مىچىل، ئامېرىكا( قاتارلىق ئۈچ تەرجىمە رومان، 12 تەرجىمە پوۋېستى ئېلان قىلىندى.
    ئۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭ 150 پارچىدەك تەرجىمە ھېكايىسى «دۇنيا ئەدەبىياتى» قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىندى. «ئادەملەر ھەققىدە مەسەللەر» (شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى)، «نىتزى»، «سارترى» (ئىنگلىزچە، ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە سېلىشتۇرما كىتاب، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق تەرجىمە كىتابى، «سەرخۇش ئىنگلىز تىلى» (تۆت قىسىم، شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى)، «جانغا ئەسقاتىدىغان سەرخۇش ئىنگلىز تىلى گرامماتىكىسى» (شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى) ناملىق ئۆزى تۈزگەن كىتابى نەشر قىلىنغان.
    مەن زۇلپىقارنىڭ نەتىجىلىرىنى ستاتىستىكىلاپ قويۇشنىڭ ئۆزى بىر ياخشى بايان قىلىش شەكلى ئىكەن، پاكىتنىڭ ئۆزى سۆزلىسۇن دەپ قاراپ، ئۇنىڭ نەتىجىلىرى ھەققىدە ئارتۇق گەپ قىلمىدىم. ئەمما مېنى ھەممىدىن تەسىرلەندۈرگىنى زۇلپىقاردىكى تىل ئۆگىنىش روھى، بولۇپمۇ ئۆز نىشانىدىن ئوڭايلىقچە ۋاز كەچمەيدىغان ئىرادە بولدى. ئەمەلىيەتتە زۇلپىقارنىڭ بۈگۈنكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى دەل مۇشۇ روھ ئاساسىدا بارلىققا كەلگەنىدى. مەن «سەرخۇش ئىنگلىز تىلى» ناملىق كىتابلارنى ۋاراقلاش جەريانىدا ئۇنىڭ ئىنگلىز تىلىنى ناھايىتى جانلىق، ئۇيغۇر تىلىغا سېلىشتۇرغان، ھەزم قىلغان ئاساستا ئۆگەنگەنلىكىنى ھېس قىلدىم.

    سەرخۇش روھى

    مەن زۇلپىقار بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا ئۇنىڭ سەرخۇش دېگەن نامنى ئۆزىگە ماركا قىلىپ تىزىملاتقانلىقىنى، سەرخۇش ئىنگلىز تىلى دېگەنلىك ئىنگلىز تىلىنى زۇلۇم، مەجبۇرلۇق ئاساسىدا ئەمەس، خۇشال، ئازادە كەيپىيات ئىچىدە ئۆگىنىش دېگەنلىك بولىدىغانلىقىنى بىلدىم.
    − ھەر بىر مىللەتتە ئۆزىگە خاس بەزى ئالاھىدىلىكلەر بولىدۇ. تىل مەكتەپلىرى دەل مۇشۇ ئالاھىدىلىك بىلەن تىل ئۆگىتىشنى ئىجادىي بىرلەشتۈرەلىسە نەتىجە ياراتقىلى بولىدۇ، سەرخۇشنىڭ مەكتەپ قۇرۇش نىشانى دەل مانا مۇشۇ،−دەيدۇ زۇلپىقار.
    راست، ئۇيغۇر بالىلىرى باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاش تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق ۋە ھەۋەسكە ئىگە، لېكىن سەل ئىرادىسىز. بەلكىم بۇنداق ئىرادىسىزلىكنى ھەر خىل ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى ھەرقانداق ئۆگىنىش ئىلھاملاندۇرۇشتىن، ئەمەلىي ئۈنۈمدىن ئايرىلسا ئۆلۈك ئۆگىنىش بولۇپ قالىدۇ، لېكىن ئۇلاردا كەمچىلىك بولۇپ قالماي يەنە باشقا ئەۋزەللىك بار. مەسىلەن، ئۇيغۇر تىلى دۇنيادىكى ئەڭ يېپىشقاق تىللارنىڭ بىرى. تىلىمىزدىكى تاۋۇشلار دۇنيادىكىكى ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ تاۋۇشلىرىنى ئىپادە قىلالايدۇ. بۇ ئەۋزەللىك بىزنى باشقا مىللەتلەرنىڭ تىل تەلەپپۇزىنى تېز ئۆگىنىۋېلىش شارائىتى بىلەن تەمىنلىگەن.
    − ھەرقانداق بىر ئادەمدە بوشاشمايدىغان ئىرادە بولسا، بىر نىشان ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ بەرسە چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ. ھەممىدىن مۇھىمى ئىرادە ۋە ئۇنى داۋاملاشتۇرۇش. سەرخۇش خەلقىمىزنىڭ تىل ئۆگىنىش جەريانىدىكى بىر پەلەمپىيى بولالىسا بۇ بىزنىڭ بەختىمىز،−دەيدۇ يەنە زۇلپىقار.
    شىنجاڭنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىدىن قارىغاندا، خەلقىمىزدە تىل ئۆگىنىشكە نىسبەتەن ئاكتىپلىق مەۋجۇت. تىل مەكتەپلىرىمۇ ئارقا-ئارقىدىن قۇرۇلۇۋاتىدۇ. خەلقىمىزنىڭ تىلغا بولغان تەشنالىقى تىل ئۆگىتىشنىڭمۇ بىر سودا جەريانىغا ئايلىنىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ بىر ياخشى ئەھۋال. لېكىن، ئېچىلىۋاتقان مەكتەپلەردە سۈپەتكە ئەھمىيەت بەرمەسلىك، ئۇزاقنى كۆزدە تۇتماسلىق، تەرەققىي قىلىپ كېتىشكە ئالدىراپ قەدەمنى پۇختا باسماسلىق، ئىزدىنىش ئاساسىدا خەلقىمىزنىڭ دىتىغا ياقىدىغان تىل ئۆگىتىش ئۇسۇللىرى ھەققىدە ئىزدىنىش خاھىشى يېتەرسىز. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، «سەرخۇش» تەربىيىلەش مەركىزى ئۆزىگە خاس ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئىجادىيلىق بىلەن ئىزدەندى. سۈپەت، ئىناۋەتكە ئەھمىيەت بېرىپ نۇرغۇن تىل ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.
    − تىل ئۆگىنىشمۇ بىر خىل ئىلمىي جەريان. ھەرقانداق تىلنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئادەمنىڭ ئۆگىنىش جەريانىدىمۇ بەزى قانۇنىيەتلەر بار. مەسىلەن، ئۇنتۇش ئەگرى سىزىقى دېگەندەك. سەرخۇش تىل ئۆگىتىش جەريانىدا مۇشۇ نۇقتىلاردا خېلى زور دەرىجىدە ئىزدەندىم،−دەيدۇ زۇلپىقار يەنە.
    − بىر مەكتەپ ئادەمگە بىلىم بېرىدىغان جاي بولۇپلا قالماي ئەقىدە، ياشاش پوزىتسىيىسى ئۆگىتىدىغان، ئادەمدە خاراكتېر يېتىلدۈرىدىغان جاي. لېكىن نۇرغۇن مەكتەپلەر بۇ نۇقتىغا سەل قارايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ تەربىيىلىگەن ئوقۇغۇچىلىرى ئىچىدە ياراملىق ئادەملەر نىسبەتەن ئاز بولىدۇ. ئوقۇتقۇچىمۇ شۇنداق. بەزى ئوقۇتقۇچىلار ئادەمگە بىلىم بېرىپلا قالماي، قانداق ئادەم بولۇشنى، ھاياتقا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى، ھاياتنى قانداق توغرا تونۇشنى ئۆگىتىدۇ...−زۇلپىقارنىڭ سۆزلىرىدىن ئۇنىڭ مەكتىپى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق ئوبرازى ھەققىدە خېلى ياخشى چۈشەنچىگە كەلمەك ئانچە تەس ئەمەس ئىدى.

    زۇلپىقارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى پىلانلىرى

    − ھەرقانداق نەرسە كەمچىلىكتىن خالىي بولالمىغاندەك، بىزمۇ كەمچىلىكتىن خالىي ئەمەس. بىزنىمۇ نۇقسانسىز دەپ قارىغىلى بولمايدۇ،−دەيدۇ زۇلپىقار،−بۇنىڭدىن كېيىنكى نىشانىمىز، مەكتەپنى تېخىمۇ ياخشى باشقۇرۇش ئاساسىدا ئۇنى ئىسمى-جىسمىغا لايىق بىر چەت ئەل تىلى مەكتىپى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش.
    مەن زۇلپىقار بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا ئۇنىڭ بەزى خىياللىرىدىن خەۋەر تاپتىم. ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى يەنە بىر غايىسى ئىنگلىز تىلىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆگىنىپ خەلقىمىزنىڭ ئەڭ ئېسىل ئەدەبىي مىراسلىرىنى ئىنگلىز تىللىق خەلقلەرگە تونۇشتۇرۇش ئىكەن.
    راست، بىز خەلقىمىزنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتا مانا مۇشۇنداق ئۆزىمىزدىن چىققان كۆۋرۈكلەرگە موھتاج. ئۇنداق بولسا بۇنداق كۆۋرۈكلەرنى قانداق يېتىشتۈرۈپ چىقىمىز؟ مېنىڭچە، بۇ سوئالغا سەرخۇشقا ئوخشاش ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدە بەسلىشىپ ئىلگىرىلەۋاتقان تىل مەكتەپلىرى ئەڭ ياخشى جاۋاب بېرەلەيدۇ.
    مېنىڭچە، سەرخۇشقا ئوخشاش تىل تەربىيىلەش مەركەزلىرىنىڭ كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىپ بېرىشى بىزنىڭ بۈگۈنكى بۇ تارىخىي پۇرسەتتە قىيىن تاللاشقا دۇچ كەلگەنلىكنىڭ بىر ئىپادىسى ئىدى. بۇنداق تاللاشقا بۇ مەكتەپلىرىمىز قانداق پوزىتسىيە تۇتىدۇ؟ ئەلۋەتتە بۇ شۇ مەكتەپنى بەرپا قىلغۇچىلارنىڭ تونۇشىغا باغلىق.
    تىل ئۆگىنىشنىڭ بىزنى تەرەققىي قىلغان مىللەتكە ئايلاندۇرۇشى ناتايىن. چۈنكى تىل پەقەت بىر دېرىزە. ئەمما تىل ئۆگىنىش جەريانىدا ھېس قىلغانلىرىمىزنىڭ، بىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتىمىزدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغانلىقى شەك-شۈبھىسىز.
    تەھرىرلىگۈچى: ئەكبەر سالىھ

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.