غەربنىڭ ئەقىل-پاراسىتى

يوللىغۇچى : tahirhamut يوللىغان ۋاقىت : 2009-04-09 21:24:00

غەرپ پەلسەپىسىنى ئۇنىڭ ئىجتىمائىي- سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشىدىن تارىخىي تەكشۈرۈش بېرتراند رۇسسېل (ئەنگلىيە) تاھىر ھامۇت تەرجىمە قىلغان ئاتېن(1) گرىك پەلسەپىسىدىكى ئۈچ بۈيۈك شەخسنىڭ ھەممىسى ئاتې...

           غەرپ پەلسەپىسىنى ئۇنىڭ ئىجتىمائىي- سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشىدىن تارىخىي تەكشۈرۈش بېرتراند رۇسسېل (ئەنگلىيە) تاھىر ھامۇت تەرجىمە قىلغان ئاتېن(1) گرىك پەلسەپىسىدىكى ئۈچ بۈيۈك شەخسنىڭ ھەممىسى ئاتېن بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. سوقرات بىلەن پىلاتو ئاتېندا تۇغۇلغان، ئارىستوتل ئۇ يەردە ئوقۇغان ھەمدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. شۇڭا، ئۇلارنىڭ خىزمەتلىرىنى مۇلاھىزە قىلىشتىن ئاۋۋال، ئۇلار ياشىغان ئاشۇ شەھەرنى چۈشىنىپ ئۆتۈش پايدىلىق.
         مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 490-يىلى ئاتېنلىقلار ماراسون تۈزلەڭلىكىدە پارىس شاھى دارىئۇس (Darius ) قوماندانلىقىدىكى ياۋايى چارۋىچىلارنى مۇستەقىل مەغلۇپ قىلغان. ئون يىلدىن كېيىن، گرىك بىرلەشمە ئارمىيىسى شېركىسېسنىڭ دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنى بىتچىت قىلغان. تېرموپىلادا سپارتانىڭ بىر ھىماتچى ئەترىتى پارىسلارنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراتقان. كېيىن ئاتېن قوماندانلىقىدىكى گرىتسىيە كېمە ئەترىتى سالامىستا دۈشمەننىڭ دېڭىز ئارمىيىسىگە ئەجەللىك زەربە بەرگەن. ئىككىنچى يىلى، پارىسلار پولاتىيىدە ئاخىر پۈتۈنلەي مەغلۇب قىلىنغان. بىراق ئاتېن خارابىگە ئايلانغان، شەھەر ئاھالىلىرى پىتراپ كەتكەن، پارىسلار شەھەرنى ۋە ئىبادەتخانىلارنى كۆيدۈرىۋەتكەن. شۇڭا، ئەمدىلىكتە بۈيۈك قايتا قۇرۇش خىزمىتى باشلانغانىدى. ئاتېنلىقلار ئۇرۇشتا كۆرگۈلىكىنى ھەممىدىن ئاۋۋال كۆرگەن. ئۇرۇش جەريانىدا ئاتېن رەھبەر ئىدى. ئەمدى كېلىپ، خەتەر ئۆتۈپ كەتكەندىمۇ ئۇ يەنىلا تېنچ مەزگىلدىكى رەھبەر بولۇپ قالغان.
         چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى گرىكلار خەتەردىن قۇتۇلغان بولۇپ، ئەمدى ئېگەي دېڭىزىدىكى ئاراللارنى ئازاد قىلىش كېرەك ئىدى. بۇ جەھەتتە. سپارتانىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى چوڭ رول ئوينىيالمايتى، شۇڭا پارىس شاھىغا قورشاپ ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسى تەبىئىيلا دېڭىز ئارمىيىسىگە ئىگە ئاتېننىڭ زىممىسىگە چۈشكەن، بۇنىڭ بىلەن ئاتېن ئېگەي دېڭىزىنىڭ ھۆكۈمرانىغا ئايلانغان. دېلوس ئارىلىنى مەركەز قىلغان بۇرۇنقى دېلوس ئىتتىپاقى ئاخىر ئاتېن ئىمپېرىيىسىگە ئورۇن بېرىپ، خەزىنىمۇ دېلوس ئارىلىدىن ئاتېنغا يۆتكەپ كېلىنگەن. دۈشمەنگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇش جەريانىدا ئاتېن ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغانلىقتىن، ئۇ ئەمدى ئورتاق بايلىق ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىبادەتخانىلىرىنى قايتا قۇرۇش ھەقلىق دەپ قارىغان. بۇنىڭ بىلەن، «تاغ چوققىسىدىكى شەھەر» دەپ ئاتالغان ئاتېن قورۇق شەھىرى، كۈللى ئىلاھ ئىبادەتخانىسى ۋە باشقا ئەمارەتلەر سېلىنغان. بۇ قۇرۇلۇشلارنىڭ خارابىلىرى تا ھازىرغىچە ساقلانماقتا.
        ئاتېن گرىتسىيىدىكى ئەڭ ھەشەمەتلىك شەھەرگە ۋە سەنئەتكارلار بىلەن مۇتەپەككۇرلار توپلاشقان جايغا، شۇنداقلا دېڭىز ترانسىپورتىغا ۋە سورا مەركىزىگە ئايلانغان. ھەيكەلتاراش فېيدىئاس (Pheidias) مۇشۇم يېڭى ئىبادەتخانىلارغا ھەيكەل ياسىغان. بۇنىڭ ئىچىدە شەھەر سېپىلىنىڭ ئۈستىگە ئورنىتىلغان ئىلاھە ئاتېنانىڭ غايەت زور ھەيكىلى ئەڭ ئېسىل بولۇپ، ئۇ شەھەرگە كىرىش ئېغىزىدىكى چوڭ زالغا ۋە پەلەمپەيگە نەزەر تاشلاپ تۇرغان. تارىخچى ھېرودوتۇس ئىئونىيىدىكى خالىناكاسۇسۇتىن ئاتېنغا كۆچۈپ كەلگەن بولۇپ، پېرسىيە ئۇرۇشى تارىخىنى يازغان. گرىك تراگېدىيىلىرى ئاسكىلۇس (Aeschylus) تۈپەيلىدىن تېگىشلىك شان-شۆھرەتكە ئېرىشكەن. ئاسكىلۇس سالامىستا ئۇرۇشقا قاتناشقان.
         ئۇ شېركىسېسنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقى تەسۋىرلەنگەن «پارىسلار» دېگەن ئەسەرنى يازغان. بۇ ئەسەرنىڭ باش تېما ئۇسلۇبى يېڭىچە بولۇپ، ھومېرنى دورىمىغان. تراگېدىيىچى سوفوكلېس (Sophocles) بىلەن ئېۋرىپىدېس (Auripides) ئاتېن خاراپلاشقانغا قەدەر ياشىغان. كومېدىيىچى شائىر ئارىستوفانېس (Aristophanes) مۇ شۇنداق بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆتكۈر ساتىرالىرى ھېچكىمگە يۈز خاتىرە قىلمىغان. كېيىن سپارتا بىلەن ئاتېن ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشنى خاتىرىلىگەن تۇكىدىدېس (Tucydides) تۇنجى ئىلمىي تارىخچى ئىدى. پېرسىيىگە قارشى ئۇرۇشتىن پېلوپونېسىيە ئۇرۇشىغىچە بولغان نەچچە ئون يىل ئىچىدە، ئاتېن سىياسىي ۋە كۈلتۈر جەھەتتە ئەڭ يۈكسەك پەللىگە يەتكەن. كېيىن بۇ دەۋر پېرىكلېس (Pericles ) نىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. پېرىكلېس تۇغما ئاقسۆڭەك بولۇپ، ئۇنىڭ ئانىسى ئىسلاھاتچى كلېيستېنېس (Cleisthenes) نىڭ جىيەن قىزى ئىدى.
         كلېيستېنېس ئاتېننىڭ سىياسىي تۈزۈمىنى يەنىمۇ دېموكراتىيىلەشتۈرۈش ئىشلىرىغا يول ئاچقان. ئاناكساگوراس پېرىكلېسنى تەربىيىلىگەن بولۇپ، بۇ ياش ئاقسۆڭەك ئاناكساگوراستىن بىر خىل مىخانىك ئالەمشۇناسلىقنى ئۆگەنگەن. ئۇ قورامىغا يەتكەندىن كېيىن، ئەينى چاغلاردا ئەۋج ئالغان خىلمۇ خىل خۇراپىيلىقلارغا ئىشەنمەس بولغان. ئۇنىڭ خاراكتېرى ئېھتىياتچان ۋە ئېغىر بېسىق بولۇپ، ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئاۋامنى كۆزگە ئىلمايتى. بىراق ئۇنىڭ ئىدارە قىلىشى ئاستىدا، ئاتېننىڭ دېموكراتىك سىياسىي تۈزىمى پۈتۈنلەي پىشىپ يىتىلگەن. ئەينى چاغلاردا كېڭەش پالاتىسىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئېلىئوپاگېس مەجىلىسى ھوقۇقىدىن ئاللىقاچان مەھرۇم قالغان بولۇپ، قاتىللىق جىنايىتىگە ھۆكۈم چىقىرىشتىن باشقا، ئۇنىڭ بارلىق ھوقۇقى بەش يۈز كىشىلىك كېڭەشكە، يەنى، پارلامېنت بىلەن سوتقا ئۆتۈپ كەتكەنىدى.
         بۇ ئورگانلارنىڭ بارلىق ئەزالىرى پۇقرالار سايلىمى ئارقىلىق سايلاپ چىقىلىدىغان مائاشلىق ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئىدى. يېڭىدىن تۇرغۇزۇلغان ئىجتىمائىي پاراۋانلىق تۈزىمى بۇرۇنقى ئەنئەنىۋى ئەخلاقنى مەلۇم دەرىجىدە ئۆزەەرتىۋەتكەن ئىدى. پېرىكلېس داھىينىڭ ھەقىقى ماتېرىيالى ئىدى. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 443-يىلى تۇكىددېس ساپالغا ئىسمىنى يېزىپ قوغلاپ چىقىرىش ئۇسۇلى① ئارقىلىق قوغلاپ چىقىرىلغاندىن كېيىن، پېرىكلېس ھەر يىلى ئۇدا گېنېراللارنىڭ بىرى بولۇپ سايلانغان. ئۇ خەلقنىڭ قىزغىن ھېمايىسىگە ئېرىشكەن بولۇپ، ۋايىغا يەتكەن ناتىق ۋە قابىل سىياسىئون سۈپىتىدە بارلىق خىزمەتداشلىرىنى بېسىپ چۈشكەن. شۇڭا ئۇ ئاتېنغا ئىستىبداتلارچە ھۆكۈمرانلىق قىلغان. كېيىن تۇكىددېس پېرىكلېسنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى ئاتېننى تەسۋىرلىگەندە، ئاتېننىڭ سىياسىي تۈزىمى ئاتاقتا دېموكراتىك تۈزۈم بولغىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە مۇستەبىتلىك تۈزىمى ئىدى دەپ يازغان.
         پەقەت پېلوپوننېسىيە ئۇرۇشى پارتلاشقا بىر نەچچە يىل قالغاندىلا، دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار تېخىمۇ زور ھوقۇقنى تەلەپ قىلىشقا باشلىغان. بۇ چاغدا پۇقرالىق ھوقۇقىنى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 441-يىلىدىن بۇرۇن ئاتېنلىق ئاتا-ئانىلاردىن تۇغۇلغان ئاتېنلىقلار بىلەن چەكلەشنىڭ ھەمدە كەڭ كۆلەمدە قۇرۇلۇش قىلىشتىن كېلىپ چىققان مالىيە قىيىنچىلىقىنىڭ يامان ئاقىۋىتى ئاشكارىلىنىشقا باشلىغان. سپارتانىڭ ئاتېن جاھانگىرلىكىگە بولغان ھەسەتخورلۇقى يۈپەيلىدىن قوزغالغان ئۇرۇش مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 431-يىلىدىن 404-يىلىغىچە داۋەملىشىپ، ئاتېننىڭ ئومۇميۈزلۈك مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاياغلاشقان. پېركلېس ئۇرۇش باشلانغان دەسلەپكى مەزگىللەردە، يەنى، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 429-يىلى بىر يىل ئاۋۋال بۇ شەھەرگە تارقالغان چاشقان ۋاباسى بىلەن ئۆلگەن. گەرچە ئاتېن سىياسىي جەھەتتە خارابلاشقان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ كۈلتۈرال مەركەز سۈپىتىدىكى ئورنى ئۇزۇنغىچە داۋاملاشقان. ھەتتا بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۇ يەنىلا ئىنسانىيەتنىڭ تىرىشچانلىقىدىكى بۈيۈكلۈك ۋە گۈزەللىكنىڭ سىمۋولى بولۇپ تۇرماقتا.
         ئەمدى بىز ئاتېنلىق سوقرات (Sokrates) ئۈستىدە توختىلايلى. بەلكىم ئۇ ھەممە ئادەمگە تونۇشلۇق بىردىنبىر پەيلاسوپ بولسا كېرەك. ئۇنىڭ ھاياتى توغرىسىدا بىزنىڭ بىلىدىغانلىرىمىز كۆپ ئەمەس. ئۇ تەخمىنەن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 470-يىللىرى تۇغۇلغان. ئۇ ئاتېنلىق بولۇپ، نامرات ئۆتكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە، باي بولۇشنى ئويلاپمۇ قويمىغان. ئۇنىڭ ئەڭ قىزىقىدىغان كۆڭۈللۈك ئىشى دوستلىرى ۋە باشقا كىشىلەر بىلەن مۇنازىرە-مۇلاھىزە قىلىش ھەمدە ئاتېنلىق ياشلارغا پەلسەپە ئۆگىتىش بولغان. بىراق ئۇ سوفىستلارغا ئوخشاش ھەق ئالمىغان. كومېدىيىچى ئاىستوفانېس «بۇلۇت» ناملىق كومېدىيىسىدە ئۇنىڭغا چاقچاق قىلغان، بۇنىڭدىن ئۇنىڭ ئەينى چاغدا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان شەخسكە ئايلىنىپ بولغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
         مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 399-يىلى ئۇ ئاتېنغا خەۋپ يەتكۈزۈش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىش جىنايىتى بىلەن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ، بۇيرۇق بويىچە زەھەر ئىچىپ ئۆلگەن. ئۇنىڭغا ئائىت باشقا تەرەپلەردە، ئۇنىڭ ئىككى نەپەر ئوقۇغۇچىسى ــ گېنېرال شېنوفان (Xenophan) بىلەن پىلاتوغىلا تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ. جۈملىدىن پلاتو ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ دېئالوگ شەكلىدە يېزىغان بىر نەچچە پارچە ئەسىرىدە سوقراتنىڭ تۇرمۇشى ۋە گەپ-سۆزلىرىنى بايان قىلغان. «سىمپوسىنم» (Symposinm) ناملىق دېئالوگ خاتىرىسىدە ئېيتىلىشىچە، سوقرات تۇرۇپلا چوڭقۇر خىيالغا پرتىپ قالىدىكەن، بەزىدە گېپىدىن تۇيۇقسىز توختاپ، سائەتلەپ ھاڭۋېقىپ قالىدىكەن. ئۇنىڭ تېنىمۇ ناھايىتى مۇستەھكەم بولۇپ، ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىگەن مەزگىلدە ئىسسىق-سوغۇققا باشقىلاردىن بەكرەك چىدىغان. ئۇ ئۇرۇشتىمۇ ناھايىتى باتۇر بولۇپ، بىر قېتىم ناھايىتى زور خەتەرگە قارىماي، يارىلىنىپ يېتىپ قالغان دوستى ئاربىسسىئادىسنى قۇتقۇزغان.
         مەيلى ئۇرۇش مەزگىلىدە بولسۇن ياكى تېنچ مەزگىلدە بولسۇن، ھەتتا ئۆلۈش ئالدىدىمۇ سوقرات ئۆزىنىڭ قورقۇمسىز خاراكتېرىنى نامايەن قىلغان. ئۇنىڭ چىرايى سەت بولۇپ، ساقال-بۇرۇتلىرىنىمۇ ئالمايدىكەن، كىيىملىرىنىڭ يىرتىلىپ كەتكىنىگىمۇ پەرۋا قىلمايدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە دائىم يالاڭ ئاياق يۈرىدىكەن. ئۇ ھەرقانداق ئىشتا ناھايىتى ئېغىر-بېسىق بولۇپ، جىسمانىي ھەۋەسلىرىنى كونترۇل قىلىش جەھەتتە ھەيران قالارلىق ئىقتىدارغا ئىگە ئىكەن. ئۇ گەرچە ھاراقنى ناھايىتى ئاز ئىچسىمۇ، تەبرىكلەشكە تېگىشلىك قۇتلۇق چاغلاردا، ئۆزىنى بىلەن بىللە ھاراق ئىچكەن ئۈلپەتلىرى غەرق مەست بولۇپ يىقىلىپ قالغاندىمۇ، قىلچە مەست بولمايدىكەن. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، سوقرات كېيىن بارلىققا كەلگەن ستويكىزم ئېقىمى بىلەن كىنىكزم ئېقىمىنىڭ پېشۋاسى ئىدى. ئۇنىڭ كىنىكىزم بىلەن بولغان ئورتاقلىقى شۇ ئىدىكى، ئۇ مال-دۇنياغا قىزىقمىغان؛ئۇنىڭ ستويكىزم بىلەن بولغان ئورتاقلىقى بولسا، ئۇ ئەخلاقىي پەزىلەتنى ئەڭ چوڭ ياخشىلىق دەپ قارىغان. ئۇنىڭ ياش ۋاقتىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئۇ پەننىي مۇزارابىيەتنى ياقتۇرمايتتى. ئۇنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى «ياخشىلىق» ئىدى.
         پىلاتونىڭ دەسلەپكى مەزگىللەردە يازغان سۆھبەت خاتىرىلىرىدە سوقرات ئەڭ گەۋدىلەندۈرۈلگەن. بۇ دېئالوگلاردىن سوقراتنىڭ ئېتىكا جەھەتتىكى بەزى ئاتالغۇلارنىڭ ئېنىقلىمىسى ئۈستىدە ئىزدەنگەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. «چارمىدېس» (Charmides) تا ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشنىڭ نېمە ئىكەنلىكى مۇلاھىزە قىلىنغان؛«لىسىس» (Lysis ) تا دوستلۇق مۇلاھىزە قىلىنغان؛«لاچۇس» ( Lachus ) تا باتۇرلۇق مۇلاھىزە قىلىنغان. بۇلاردىن گەرچە بىز مۇشۇ مەسىلىلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى جاۋابىغا ئېرىشەلمىسەكمۇ، لېكىن مۇشۇ مەسىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىشىنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى تونۇپ يېتىمىز. دېمەك، سوقراتنىڭ ئاساسىي ئىددىيىسى بىزگە ئايان بولدى. گەرچە ئۇ دائىم ئۆزىنى بىلىمسىز دېسىمۇ، بىراق ئۇ بىلىمنى ئېرىشكىلى بولمايدىغان نەرسە دەپ قارىمىغان. ئەڭ مۇھىمى ـــ بىز چوقۇم بلىمگە ئىنتىلىشىمىز كېرەك. چۈنكى سوقرات ئادەمنىڭ ئەخلاقسىز بولۇشىدىكى سەۋەپ ئۇنىڭ بىلىمسىزلىكدە، دېگەننى تەشەببۇس قىلغان. پەقەت ئادەمدە بىلىم بولسىلا، ئۇ يامانلىق قىلمايدۇ، شۇڭا، جىنايەتنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبى نادانلىق. «ياخشىلىق» قا يىتىش ئۈچۈن چوقۇم بىلىم بولۇشى كېرەك، «ياخشىلىق» ـــ بىلىم دېمەكتۇر.
         ياخشىلىق بىلەن بىلىمنىڭ باغلىنىشى پۈتكۈل گرىك پەلسەپىسىگە سىڭگەن مۇھىم بىر ئالاھىدىلىكتۇر. خرىستىئان دىنىنىڭ ئېتىكا ئىددىيىسى دەل بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، ئۇنىڭدا ئەڭ مۇھىمى پاك قەلب. ھابۇكى، پاك قەلبنى كۆپ ھاللاردا نادان ئادەملەردىن ئاسان تاپقىلى بولىدۇ. شۇڭا، سوقرات مۇلاھىزە قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق مۇشۇ ئېتىكا مەسىلىلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرماقچى بولغان. ئىشلارنى سۇئال-جاۋاب ئارقىلىق مۇلاھىزە قىلىدىغان بۇ خىل ئۇسۇل دىئالېكتىكا دەپ ئاتالغان. گەرچە سوقرات بۇنداق ئۇسۇلنى قوللانغان تۇنجى پەيلاسوپ بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇ بۇنىڭغا ماھىر ئىدى. پلاتونىڭ «پارمېنىدېس» ناملىق دېئالوگ خاتىرىسىدە سوقراتنىڭ ياش ۋاقتىدا زېنو ۋە پارمېنىدېس بىلەن كۆرۈشكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. سوقرات بۇ ئۇسۇلنى شۇ ئىككىيلەندىن ئۆگەنگەن بولۇپ، كېيىن ئۇ توختىماي سوئال سوراشتىن ئىبارەت بۇ ئۇسسۇل ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ئەدىپىنى بەرگەن. پلاتونىڭ دېئالوگ خاتىرىلىرىدە ئېيتىلىشىچە، سوقرات ناھايىتى قىززىقچى ۋە زېھنى ئۆتكۈر ئادەم ئىدى. ئۇ ئادەمنى ۋەھىمىگە سالىدىغان تەنە گەپلەرنى قىلىش بىلەن مەشھۇر ئىدى. irony (تەنە) گرىكچە سۆز بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسلى مەنىسى ئىنگلىز تىلىدىكى understatement دېگەن سۆزگە ئوخشاپ كېتىدۇ. شۇڭا سوقرات ئۆزىنى پەقەت ئۆزىنىڭ بىلىمسىزلىكنىلا بىلىدىغان ئادەم دېگەندە، ئۇ تەنە قىلغان.
         بىراق ئۇنىڭ چاقچاقلىرىنىڭ ئاستىغا ھامان ناھايىتى ئەستايىدىل مەنىلەر يوشۇرۇنغان. شەكسىزكى، بارلىق گرىك مۇتەپەككۇرلىرى، يازغۇچىلىرى ۋە سەنئەتكارلىرىنىڭ نەتىجىلىرىنى پۇختا بىلگەن. بىراق ئۇنىڭ قارىشىچە، بىزنىڭ بىلىدىغانلىرىمىز ناھايىتى ئاز ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، تېخى بىلىنمىگەن چەكسىز نەرسىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، نۆلگە تەڭ دېيەرلىك ئىدى. بىز بۇ نۇقتىنى تونۇپ يەتسەكلا، ئۆزىمىزنىڭ راستىنلا ھېچنېمە بىلمەيدىغانلىقىمىزنى ھېس قىلىمىز. «ئاپولوجى» ( Apology ) دە سوقرات ئەڭ ئوبدان تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، سوقراتنىڭ سوراق قىلىنىشى بايان قىلىنغان. بۇ ئەسەر سوقراتنىڭ ئۆزىنى ئاقلاش نۇتقى بولۇپ، تېخىمۇ دەل ئېيتقاندا، سۆزمۇ سۆز خاتىرىلەنگەن دوكلات بولماستىن، بەلكى پلاتونىڭ سوقرات توغرىسىدىكى ئەسلىمىسى، يەنى، سوقراتنىڭ دېيىشى مۇمكىن بولغان ۋە دېمەكچى بولغان گەپلىرى ئىدى. بۇ نداق «دوكلات» ئەسلىدىنلا كۆپ ئۇچرايدۇ. تارىخچى تۇكىددېس بۇنداق ئۇسلۇبنى ناھايىتى تۈز كۆڭۈللۈك بىلەن قوللانغان. دېمەك، «ئاپولوجى» بىر تارىخىي ئەسەر. سوقرات پولىسنىڭ دىنىغا ئىشەنمەسلىك ۋە بىدئەت تەلىمات ئارقىلىق ياشلارنى بۇزۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن. بۇ سېپى ئۆزىدىن تۆھمەت ئىدى. ھۆكۈمەتنىڭ ئۇنىڭ ئەدىپىنى بەرمەكچى بولۇشىدىكى سەۋەپ، سوقراتنىڭ ئاقسۆڭەكلەر پارتىيىلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بار ئىدى.
        بۇ پارتىيىلەرنىڭ كۆپلىگەن ئەزالىرى ئۇنىڭ دوستلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى ئىدى. ئەينى چاغدىكى ئومۇمىي كەچۈرۈم قانۇنى تۈپەيلىدىن، سوت بۇ ئىشنى دەستەك قىلىپ ئۇنىڭغا جىنايەت ئارتالمىغان، شۇڭا، دېموكراتلار پارتىيىسىگە تەۋە سىياسەتۋاز ئانىتۇس (Anytus ) تراگېدىيىچى شائىر مېلېتۇس ( Meletus ) ، ستىلىستىكا ئوقۇتقۇچىسى لىكون (Lycon ) قاتارلىقلارنى شەكىل جەھەتتىكى داۋاگەرلەر سۈپىتىدە ئىشقا سالغان. سوت باشلىنىشى بىلەنلا، سوقرات ئۆزىنىڭ ئەستەرلىك گەپ قىلىش قابىلىيىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلغان كىشىلەرنى ئۆكتەملىك قىلىش ۋە ئۇستاتلىق بىلەن ئادەم ئالداش جىنايىتى ئۆتكۈزدى، دېگەن. ئۇنىڭ يېشى يەتمىشتىن ئاشقان ھەمدە ئەزەلدىن سوتقا كىرىپ باقمىغان بولغاچقا، ئۇ سوتچىلاردىن ئۆز گەپلىرىنىڭ سوت قائىدىسىگە خىلاپ بولۇپ قېلىشىنى كەچۈرۈۋېتىشىنى ئۆتۈنگەن. ئارقىدىنلا سوقرات تېخىمۇ ياشانغان بىر تۈركۈم دەۋاگەرلەرنى تىلغا ئېلىپ، ئۇلار تېخىمۇ خەتەرلىك ۋە قاقباش، چۈنكى ئۇلارنى چۈشىنىش تېخىمۇ قىيىن دېگەن.
          ئاشۇ كىشىلەر ھەممە يەرگە گەپ تارقىتىپ، سوقرات «ناھايىتى ئەقىللىق ئادەم، ئۇ ئاسماننىڭ قەرىدىكى نەرسىلەردىن تارتىپ يەرنىڭ تېگىدىكى ئىشلارغىچە تەتقىق قىلىدۇ، شۇنداقلا يامان نەرسىلەرنى ياخشى دەيدۇ» دېيىشكەنىدى. سوقرات بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ، ئۆزىنىڭ ئالىم ئەمەسلىكىنى، يەنە سوفىستلارغا ئوخشاش پۇل ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلىق قىلمايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا، ئۇلارنىڭ بىلىدىغانلىرىنى تېخىمۇ بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇنداقتا كىشىلەر نېمە ئۈچۈن ئۇنى ئەقىللىق دەيدۇ؟بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، دېلفى ۋەھىيسى بىر قېتىم ھېچقانداق ئادەم سوقراتتىن ئەقىللىق ئەمەس دېگەنمىش. سوقرات بۇ ۋھىينىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنغان. شۇڭا ئۇ كۆپچىلىك ئەقىللىق دەپ قارىغان ئادەملەرنى ئىزدەپ بارغان ھەمدە ئۇلاردىن بەزى سۇئاللارنى سورىغان. ئۇ بىر تۈركۈم سىياسەتۋاز، شائىر، ھۈنەرۋەن قاتارلىقلاردىن سۇئال سورىغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۆزى قىلىۋاتقان ئىشنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمىگەن، ئۇلارنىڭ ھېچبىرى ئەقىللىق ئەمەس ئىدى. سوقرات ئۇلارنىڭ بىلىمسىزلىكىنى ئېچىپ تاشلىغاچقا نۇرغۇن ئادەمنى ئۆزىگە دۈشمەن قىلىۋالغان. ئەڭ ئاخىر ئۇ ئاشۇ ۋەھىينىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى چۈشەنگەن: پەقەت ئىلاھلا ئەقىللىق، ئادەمنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ؛ئادەملەر ئارىسىدا خۇددى سوقراتقا ئوخشاش ئۆز ئەقلىنىڭ بىر تىيىنغىمۇ ئەرزىمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن ئادەملا ئەڭ ئەقىللىق ئادەم. شۇڭا سوقرات ئۆز ۋاقتىنى ئۆزىنى ئەقىللىق چاغلايدىغان ئادەملەرنى پاش قىلىشقا سەرپ قىلغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇ نامراتلىشىپ كەتكەن، بىراق ئۇ يەنىلا چوقۇم ۋەھىي بويىچە ئىش قىلىشى زۆرۈر ئىدى.
        سوقرات دەۋاگەر مېلېتۇسقا سوئال قويغاندا، ئۇ مېلېتۇسنى پولىستىكى ھەرقانداق ئادەم ياشلارنى ئالغا يېتەكلەيدۇ، پەقەت سوقراتلا بۇنىڭ سىرتىدا، دېگەننى ئىقرار قىلىشقا مەجبۇرلىغان. ۋەھالەنكى، ياخشى ئادەملەر ئارىسىدا ياشاش ھامان يامان ئادەملەر ئارىسىدا ياشىغاندىن ئەۋزەل، شۇڭا، ئۇ ئاتېنلىقلارنى قەستەن بۇزمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئەگەر ئۇ مەقسەتسىز ھالدا مۇشۇنداق قىلىپ سالغان بولسا، مېلېتۇس ئۇنى دەرھال تۈزىتىشى، ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلماسلىقى كېرەك. ئەرزنامىدا سوقرات ئۆزىنىڭ يېڭى ئىلاھلىرىنى ياساپ چىقتى دېيىلگەن، بىراق مېلېتۇس ئۇنى ئاتېئىزمچى دەپ شىكايەت قىلغان، بۇ ئېنىقلا بىر-بىرىگە زىت ئىدى. ئارقىدىنلا سوقرات سوتقا ئەرز ئېيتىپ، ئىلاھلارنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنۇپ، ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى تەتقىق قىلىشنىڭ ئۆزىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن، پولىسنى رەنجىتىش خەۋپىگىمۇ تەۋەككۇل قىلىدىغانلىقىنى دېگەن. سوقراتنىڭ بۇ خىل پوزىتسىيىسى بىزنى شۇنىڭغا ئاگاھلاندۇرىدۇكى، بىرلا ۋاقىتتا بىرنەچچە تەرەپكە تەڭ سادىق بولغىلى بولمايدىغانلىقىدىن ئىبارەت مۇشۇ مەسىلە گرىك تراگېدىيىلىرىنىڭ مۇھىم بىر باش تېمىسى ئىدى. سوقرات ئارقىدىنلا ئۆزىنى بۇ پولىسنى چېقىپ تۇرىدىغان كۆكۈيۈن دېگەن ھەمدە بىر ۋىجدانىي چاقىرىقنىڭ ئۆزىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ چاقىرىق ئۇنىڭ مەلۇم ئىشلارنى قىلىشىنى چەكلەيدىكەن، بىراق ئۇنىڭ مەلۇم ئىشلارنى قىلىشىغا بۇيرۇق چۈشۈرمەيدىكەن. دەل مۇشۇ چاقىرىق ئۇنى سىياسىيغا ئارىلاشتۇمىغان، چۈنكى سىياسىي بىلەن شۇغۇللانغان ھەرقانداق ئادام ئۆزىنىڭ سەمىمىيلىكىنى ئاخىرغىچە ساقلاپ قالالمايدۇ.
       سوتتا تەپتىشلەر سوقراتنىڭ نەق مەيداندىكى ھەرقانداق بىر ئوقۇغۇچىسىنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان. سوقرات ئۆز بالىلىرىنى سوتقا ئېلىپ كېلىپ، ئىچ ئاغرىتىشقا ئېرىشىشنىمۇ خالىمىغان. ئۇ سوتچىلارنىڭ رەھىم-شەپقەت قىلىشىدىن ئۈمىد كۈتمىگەن، بەلكى ئۇلارنى قايىل قىلماقچى بولغان. گۇناھكار دەپ ھۆكۈم قىلىنغاندا، سوقرات ناھايتى ئۆتكۈر ھەم مەسخىرىلىك گەپ قىلغان ھەمدە 30 مىنا ② جەرىمانە تۆلەشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ ئەلۋەتتە رەت قىلىنغان. ئۆلۈم جىنايىتى بېكىتىلگەن. ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق سۆزىدە سوقرات ئۆزىگە جىنايەت ھۆكۈم قىلغان كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ مۇشۇ پەسكەش قىلمىشى ئۈچۈن تېخىمۇ ئېغىر جازاغا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئاندىن ئۇ دوستلىرىغا بۇرۇلۇپ مۇنداق دېگەن: بۇ ھەرگىزمۇ بەختسىزلىك ئەمەس. ئۆلۈمدىن قورقماسلىق كېرەك. ئۆلۈم ياكى چۈش كۆرمەيدىغان ئۇيقۇ ياكى يەنە بىر دۇنيادىكى تۇرمۇش. ئۇ يەردە مەن ئورفېئۇس، مۇسائۇس (Musaeus ) ، ھېسىئود (Hesiod ) ۋە ھومېرلار بىلەن پاراڭلىشالايمەن، ھېچكىم مالال قىلالمايدۇ.
         ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ دۇنيادىكىلەر چوقۇم سۇئال سورىغانلىقى ئۈچۈن ئۆلتۈرمەيدۇ. سوقرات زەھەر ئىچىشتىن بۇرۇن، زىنداندا بىر ئاي قاماقلىق تۇرغان، چۈنكى ھەر يىلى دېلوسقا بېرىپ، دىنىي ساياھەت قىلىدىغان كېمە قايتىپ كەلگەندىن كېيىنلا ئۆلۈم ھۆكمى ئىجرا قىلىناتتى. بىراق شۇ يىللىق مەخسۇس كېمە بوران-چاپقۇن تۈپەيلىدىن كېچىكىپ قالغان. سوقرات تۈرمىدىن قېچىشنى رەت قىلغان. «فائېدو» ( Phaedo ) ناملىق دېئالوگ خاتىرىسىدە ئېيتىلىشىچە، ئۆلۈشكە بىرنەچچە سائەت قالغاندىمۇ، سوقرات يەنىلا دوستلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن ھاياتلىقنىڭ ئەبەدىيلىكى مەسىلىسىنى مۇلاھىزە قىلغان. ① بۇ ئۇسۇل مىلادىيە 6-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئاتېندا يولغا قويۇلغان ئالاھىدە بېلەت تاشلاش ئۇسۇلى بولۇپ، ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزىلىدىغان ئاۋام قۇرۇلتىيىدا، پۇقرالار دېموكراتىك سىياسىي تۈزۈمگە خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان ئادەمنىڭ ئىسىمىنى ساپال پارچىسىغا يېزىپ تاشلىغان. تاشلانغان بېلەت سانى ئومۇمىي بېلەت سانىنىڭ يېرىمى (ئادەتتە 6مىڭ بىلەت) دىن ئاشسىلا، شۇ ئادەم پولىستىن قوغلاپ چىقىرىلغان. (خ ت ) ②مىنا (minae ) قەدىمكى گرىتسىيىنىڭ پۇل بىرلىكى بولۇپ، تەخمىنەن تۆت تىللاغا تەڭ. (خ ت ) (داۋامى بار)
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق